كۆرۈش: 228|ئىنكاس: 4

«دىۋانى نەۋبەتى» دىن پارچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1097
تۆھپە : 3
توردا: 209
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 14:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەۋبەتى غەزەللىرىدىن پارچە («دىۋانى نەۋبەتى» دىن پارچە)


لىرىك شائىر نەۋبەتى 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا (1690~1750) خوتەندە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەن. بىزگە مەلۇم بولغان قوليازما ھالىتىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ساقلىنىۋاتقان دىۋاندىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر بەدىئىي مىراس ھىجىرىيە 1160-يىلى يەنى مىلادىيە 1747-يىلى يېزىلىپ تاماملانغان.

يارنىڭ كويىدا مەن دىۋانە بولدۇم ئاقىبەت،

خەلق ئاراسىدىن چىقىپ، بىگانە بولدۇم ئاقىبەت.

كەلمەگەي ئالەمگە سەندەك مەھۋەشى ئەي نازىنىن،

ئىشتىياقىڭ كويىدا مەستانە بولدۇم ئاقىبەت.

ئەلگە ئىشرەت باغىدا خەررىملىغۇ دىل شادلىق،

مەن غەرىبىڭ غەم بىلە ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.

بىر زامان يوقتۇر ماڭا ئارام نە سەبر قەرار،

ئاي يۈزۈڭنىڭ شەۋقىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت.

ئايكى شەھلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەييىد،

جەندە يەڭلىغ مىسكىن ۋەيرانە بولدۇم ئاقىبەت.

ئەي يارانلەر يارنىڭ ۋەسلى مېنى قىلدى خۇمار،

مۇتتەسىل ئاستانەئى ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.

ساقىيا مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ،

نەۋەتى كىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.


**********************************************


ئاقىل ئىرسەڭ ئەي بۇرادەر قىلمە نادان بىرلە بەئىس،

خاتىرىڭنى جەمىئ ئەيلەپ قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

جەھد ئەيلەپ ئەھلى دانا بىرلە بولغىل ھەمنىشىن،

ئەھلى دانادىن يېراق قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

بىر نەچە مۈشكۈل سۇئالىڭ بولسە دانادىن سورا،

بىھۇدە زىھنىڭ كىتمە قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

ئەقىل فەھمى دانىشىڭنى ئالىم دانا بىلۇر،

بىلمەگەي قەدرىڭنى ھەرگىز قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

چۈنكى زەرنىڭ قىممىتى زاھىر قىلۇرنىڭ سۆھبىتى،

جاھىل مەسەل قەرا تاش قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

ئەھلى دانالارغە ياخشى سۆز دۇررى ناياب دۇر،

مۇختەسەر قىلغىل سۆزۈڭنى قىلمە نادان بىرلە بەئىس.

بۇ نەسىھەتنى ئۆزۈڭگە ئەيلەگىل ئەي نەۋبەتى،

ئۆزگە بىرلە نە ئىشىڭ بار قىما نادان بىرلە بەئىس.


***********************************

فەسىل نەۋ باھارىدا گۈل كەبى ئاچىلغان قىز،

مەسەل كاكلى سۇمبۇل ھەر تەرەف ساچىلغان قىز.

بادە ئىچرە زوقىدا مەيدە ئەكسىنى كۆردۈم،

ھۇسىن باغىدا تەنھا ئولتۇرۇر خەرامان قىز.

شۇم رەقىبلەر جەھدىدە مەن بولمادى يۈزىن كۆرمەك،

بۇلۇت ئىچرە ئاي مەنزۇر زۇلف ئىچرە فىنھان قىز.

كۆز ئۇچى بىلەن باقتى تىكتى تىيرە مىژگانىن،

سىينەم ئۆزرە پەيكانە زەخم قىلدى ۋەيران قىز.

مەن يىتىمگە ئەي دىلبەر لەبلەرىڭ گۇلى ئەھمەر،

غۇنچە نىھالىڭغە سىدىق ئىلە ئىھسان قىز.

غۇنچە نىھالىدا ئىككى مىۋە كۆردۈم،

ياغۇ ساڭغۇلاچ ئالمە، ياغۇ ئىككى ئارمان قىز.

قىلسە قىز بىلە مۇھەببەت پىكىر چىقسە ئول سائەت،

قىرىلىق مەھەلىدە ئالسە خۇش نە ئارمان قىز.

نافىئ بەدەندۇر خۇب قىز ئاڭا ئىرۇر مەرغۇب،

قىلسە قىز بىلە سۆھبەت دەرد ئەھلىغە دەرمان قىز.

رەھمە ئەيلە ئەي مەھۋەش تۈشتى جانىمە ئاتەش،

نەۋبەتى نىھالىغا بولدى ئىشىق پىچان قىز.


بەزى سۆلەرنىڭ ئىزاھاتى :

مەھۋەش : ئايغا ئوخشاش، ئايدەك گۈزەل، ناھايىتى چېرايلىق

سەييىد : ئوۋ، شىكار، ئوۋ قىلىش

مۇتتەسىل : تۇتاش، ئارقىمۇ – ئارقا، ئۈزلىكسىز، دائىم

رىندانە : ئەيىش – ئىشرەتتىن ئۆزىنى تارتمايدىغان، خاراپ بولغۇچى، بىغەم، بىپەرۋا، باتۇر، قورقماس

جەھد : تىرىشىش، ئەستايىدىل ھەرىكەت قىلىش،

جەھد ئەيلەمەك : تىرىشماق، ئەستايىدىل ھەرىكەت قىلماق

ھەمنىشىن : بىرگە ئولتۇرغۇچى، ھەمسۆھبەت

دانىش : بىلىم مەلۇمات

زاھىر : ئوچۇق، ئاشكارا، كۆرۈنۈپ تۇرغان

ناياب : تېپىلمايدىغان، تېپىلماس

مۇختەسەر : قىسقارتىلغان، قىسقىچە، ئىخچام

بادە : مەي، شاراب

مەنزۇر : كۆرۈنگەن، نەزەردىن ئۆتۈپ ماقۇل بولغان

زۇلف : چاچ، ئاياللارنىڭ چېچى

تىيرە : قارا، قاراڭغۇ

مىژگان : كىرپىك

سىينە : كۆكرەك، يۈرەك

پەيكان : كامان ئوقىنىڭ ئۇچى، ئوقيا ئوقىنىڭ ئۇچى، ئوق ئۇچىدىكى مىتال باشاق، تىكەن، كىرپىك

ئەھمەر : قىپقىزىل، قىزىل، گۇلى ئەھمەر : قىزىلگۈل

سىدىق : چىن، راستچىل، توغرىلىق، خالىسلىق، ھەقىقىي

نافىئ : پايدىلىق، مەنپەتلىك

مەرغۇب : يېقىملىق، سۆيۈملۈك

ئىشق پىچان : ھەشىقپىچەك (بىر خىل گۈل)


بۇ پارچىلار ئابلىمت ئەھەت بۆگۈ ئەپەندى تۈزگەن «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى» دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن قوليازما نۇسخىدىن كەلتۈرۈلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 14:30  


ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 836
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2988
تۆھپە : 0
توردا: 342
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 16:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شېئىرلارنى بىزنىڭ دەرىسلىك كىتاپتىن ئوقۇپ قاتتىق ھاياجانلانغانىدىم. ئەجرىڭگە رەھمەت رەشىد!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 120
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 20:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rasheed ئىنىم، ئىككىنچى غەزەلدىكى «بەئىس» دىگىنى «بەھس» بولۇشى كىرەكمۇ-قانداق؟

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1097
تۆھپە : 3
توردا: 209
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ketmenbay يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 20:21
rasheed ئىنىم، ئىككىنچى غەزەلدىكى «بەئىس» دىگىنى «بەھس» ب ...

ساداقەتجان ئاكا، مەن كىتابقا يەنە بىر قاراپ بېقىپ جاۋابىنى بېرەي. بۇنى بەلكىم 8-10 ئاي ئاۋال كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويغان بولىشىم مۇمكىن. شۇڭا ئەسلىسى قانداق قايتا بىر قاراپ باقاي. لېكىن يەنىلا مۇشۇ توغرىسى دەپ ئويلايمەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3141
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:20:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋبىتىنىڭ تىلى گۈزەل ۋە يېقىملىق.سەككاكى ۋە لۇتفىلارنىڭ تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە،يۇقۇرى ئىپادىلەش ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ھەم ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى سېزىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش