«يېڭى كىتاپلار تەكچىسى» ئۈچۈن كىچىككىنە تەكلىپ:
جەمئىيىتىمىزدىن چىقىرىلىۋاتقان «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدا «ئەزالىرىمىزنىڭ يېڭى كىتاپلىرى» ناملىق بىر سەھىپە بار ئىدى. بۇ قېتىم ئاپتورلىرىمىزنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان كىتاپلىرىنىمۇ شۇ سەھىپىدە ئېلان قىلدۇق. كىتاپلارنىڭ مۇقاۋا سۈرەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى تورىمىزنىڭ «يېڭى كىتاپلار تەكچىسى» دىن ئېلىندى.
بۇنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يېڭىدىن كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان ئاپتورلىرىمىز ۋە بۇ سەھىپىگە كىتاپ ئۇچۇرى يوللىغۇچىلارنىڭ چوققۇم كىتاپ مۇقاۋىسىنىڭ ئوچۇق، سۈزۈك سۈرىتى بىلەن كىتاپنىڭ نەشر قىلىنغان ئېنىق ۋاقتىنى ۋە كىتاپ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى (بەزىدە بىۋاستە تەرجىمە توغرا چىقماي قالىدۇ)ئەسكەرتىپ يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىتاپ تېتولى، مۇندەرىجىلىرى، ئارقا بەتلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتسىز سۈرەتلەرنى يوللاپ سەھىپىنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى سورايمىز. باشقۇرغۇچىلاردىنمۇ سۈپەتسىز يوللانغان كىتاپ ئۇچۇرلىرىنى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.
«يېڭى كىتاپلار تەكچىسى»گە سۈپەتسىز يوللانغان كىتاپ مۇقاۋىلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بۇ قېتىم ژۇرنالدا ئېلان قىلىنمىدى.