يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 11042|ئىنكاس: 138

2014-يىل جەمئىيىتىمىزگە قوبۇل قىلىنغان ئەزالار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2014-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالارنىڭ  ئىسىملىكى


(2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت رىياسىتنىڭ يىغىنىدا ماقۇللانغان)
   
1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى،1970-يىلى تۇغۇلغان. شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇھەررىرى. 1992-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «يەر ناملىرى ئىلمى»، «شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇغىتى» ناملىق ئىككى كىتابى نەشردىن چىققان. «‹كۈلىۋاتقان چولپان›نىڭ دېغى يوقمۇ؟»،  «‹ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش› پوۋېستىدىكى مەدەنىيەت قاتلاملىرىغا نەزەر»،   «مايىمخان ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى ھەققىدە»،«تاش ئويما سەنئىتىمىزدىكى سىنتاش    ۋە   بالباللار توغىرسىدا» قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئوبزور ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

2. ئىمىننىياز مەتنىياز،1983-يىلى تۇغۇلغان. گۇما ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، پارتىيە ئەزاسى.2001-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا «ئۇنتۇلماس يەكشەنبە»،«ئاتامغا خەت»، «ئانىنىڭ كۆز يېشى» قاتارلىق 80 پارچە ھېكايە 250 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرلىرى  ئېلان قىلىنغان

3. مىركايىل نۇرالىم، 1964-يىلى تۇغۇلغان. نىلقا ناھىيە سۇپىتاي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پارتىيە ئەزاسى. 1987-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.ھازىرغىچە «ئىلى دەرياسى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا«تال تۈۋىدە»، «نۇر ۋە بوۋاق»، «قار گۈلى»، «كېچىدىكى ئاۋاز»،«سۇنغان كۆڭۈل»،«قاسىمكامنىڭ پاراڭلىرى»، «ئەدەبىي تىلنىڭ ئوبرازلىق ئالاھىدىلىكى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان.

4.مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا (دىلقىزى)، 1970-يىلى تۇغۇلغان.قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتىتىنىڭ كادىرى،پارتىيە ئەزاسى. 1993-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.ھازىرغىچە «جۇڭگو مىللەتلىرى»،«تارىم»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق    شىئېر ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.«قەشقەر تەزكىرىسى»، «ھېكايەتتىن ھېكمەتلەر» ناملىق كىتاپلارنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان.«ئەمگەك توختامىغا دائىر سۇئال-جاۋاپلار» ناملىق كەسپىي كىتابى نەشر قىلىنغان.

5.ئادىل ئىمىن، 1965-يىلى تۇغۇلغان. يەكەن نەھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 1997-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «بۇلبۇلنامە»، «خاسىيەتلىك چۈش»، «ئەتىرگۈل مەلىكە»، «بەخت ئارىلىغا ساياھەت» قاتارلىق 8پارچە بالىلار چۆچەكلىرى كىتابى،،«شاھزادە نۇر ئەزىز ھەققىدە  قىسسە» قاتارلىق ئىككى پارچە بالىلار رومانى نەشر قىلىنغان.

6.مەھەممەتجان ساۋۇت، 1974-يىلى تۇغۇلغان. غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «ئىلى دەرياسى»،«شىنجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ ئېقتىسات گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا  «سارغايماس چۈشلەر»، «كەسپ ئالمىشىش»،«ئۇنتۇلۇش»، «بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟»، «بىر نۇسخا گېزىتتىن ئىدىيەمىزگە نەزەر» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، ھېكايە  ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

7.پاتىگۈل مۇھەممەت، 1968-يىلى تۇغۇلغان. يوپۇرغا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.1987-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.ھازىرغىچە «قەشقەر ئەدەبىياتى»،«تارىم»،«تۇرپان»، «يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ   ئاياللىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 250 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى،50 پارچىدىن       ئارتۇق نەسىرلىرى،10 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزورى ئېلان قىلىنغان.

8.ئابدۇلھەمىد ياسىن، 1974-يىلى تۇغۇلغان.قارقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 1992-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى، ئۈچ پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان، «يولۋاسقا ئايلانغان بالا»،«سۆيگۈ تىنىقى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

9.ئابلىكىم مۇھەممەت، 1976-يىلى تۇغۇلغان. يەكەن ناھىيەلىك ئېلىشقۇ ئوتتۇرا  مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پارتىيە ئەزاسى.1996-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە، «قىش ناخشىسى»، «‹ئامەت ۋە ئاپەت› ھەققىدە بىرقانچە ئېغىز سۆز»، «تومۇز ناخشىسى»،«ئىزدەش»، «مەن ساڭا  شۇنچىلىك ئىجىل ئەي دىيار»، «تالانت»، «65 گىرادۇس چۈشكەن كۈن نۇرى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، ئوبزور، تەرجىمە ئەسەرلىرى «تارىم»، « قەشقەر»،« تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان     قىلىنغان.

10.تاھىرجان ئاتاۋۇللا (قوشماق)، 1975-يىلى تۇغۇلغان. قەشقەرشەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 2003-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، ئەدەبىي خاتىرە، تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. «كۈلگۈنچەك بالا»، «ئوسما ئوغرىسى» (بىرلەشمە ھېكايىلار توپلىمى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «ياغاچ قونچاقنىڭ كۆز يېشى»، «شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ» قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان.

11.ياسىنجان ئىمىن (ئۈمىد)،1975-يىلى تۇغۇلغان. ئۈچتۇرپان ناھىيە ئاقيار بازىرى تىيىن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.1991-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغىچە «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا «پەرياد»، «كۆك يانتاق گۈلى»، «تاڭ يامغۇرى»،«كۆزۈڭنىڭ رەڭگى» قاتارلىق 130 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.«تەكلىماكان چېچەكلىرى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ۋە تونۇشتۇرۇلغان.

12.ياسىنجان روزى، 1976-يىلى تۇغۇلغان. ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىدىن.1995-- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»،  «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ گېزىتى»، «تۇرپان» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. «ساراڭ»، «تارازا» ناملىق ئىككى ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسەرلىرى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.

13.ئادىل ئابدۇراخمان، 1957-يىلى تۇغۇلغان.1978-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق ۋە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چېگرا     ئېغىزى باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلغۇچىسى، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «خەتەرلىك ئويۇن»،«ھۇرۇن كىشى ۋە زېرەك شاكىچىك» ناملىق ئىككى بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى ۋە 500 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 1991-يىلى شىنجاڭ 3- نۆۋەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، 2008-يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

14.زەيتۇنەم مەمتىمىن، 1975-يىلى تۇغۇلغان. چىرا ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 2005-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «تارىم»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «تەڭرىتاغ»، «يېڭى قاشتېشى»،«قەشقەر» قاتارلىق ژۇرناللاردا «شەھەردىكى تۇمان»، «سېغىنىش شادلىقى»، «بۈگۈن كېچە كىمنى  كۈتىمەن»، «سىز بىلەن دوست بولغۇم يوق»، «تاشچى بوۋاي» قاتارلىق 80 پارچىدىن ئاتۇق پوۋېست، ھېكايە ،شېئىر ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.بىر شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرغان.

15.ئەنۋەر جىلىل، 1972-يىلى تۇغۇلغان. چەرچەن ناھىيەلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى. 1990-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغىچە «تارىم»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»،«كروران»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەبۇئاتلاردا «تەقدىر»، «ئەبەينىڭ زىياپىتى»، «چىرايلىق ئايال»، «كارىدور»، «تۇغۇلغان كۈنۈم»، «تانسىخانا» قاتارلىق پوۋېست،ھېكايە، شىئېر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.


16.ئابلەت داۋۇت (تۈركىزات)، 1968-يىلى تۇغۇلغان. گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزىلىق 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شۇجىسى. 1987-يىلدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.شۇندىن بۇيان «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «تارىم»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،      «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، ئەسەرلىرى بەزى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.

17.ئادىل ئابدۇرېھىم ، 1970-يىلى تۇغۇلغان. مەكىت ناھىيەلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇھەررىرى. 1994-يىلىدىن باشلاپ «تارىم»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«تەڭرىتاغ»، «قەشقەر» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ھېكايە، پوۋېست ۋە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. «ئاخىرقى نىكاھ» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.

18.مامۇت ئۆمەر،1962-يىلى تۇغۇلغان.14-دىۋىزىيە گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پارتىيە ئەزاسى.ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»،«شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە 10 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.

19.مەسئۇد ئىيسا، 1972-يىلى تۇغۇلغان. غۇلجا شەھىرىدىن. 1992-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.ھازىرغىچە ھەرقايسى مەبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە 60 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 16-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

20.مۇھەممەدباي باھادىر (تاجىك)، 1978-يىلى تۇغۇلغان. تاشقورغان ناھىيەلىك   سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەتچىسى.2002-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «قەشقەر»،« شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا  150پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، نەسىر ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. تاجىكچە يازغان كۆپلىگەن شىئېرلىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ سەھنىلەردە ئورۇندالغان.

21.سوپى توختى(تاجىك) ،1967-يىلى تۇغۇلغان. ئاقتۇ ناھىيە تار يېزىسىدىن   دېھقان. 1987-يىلىدىن ھازىرغىچە «قەشقەر». «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «ئۈرۈمچى       كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ۋە نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان.

22 .ئەخمەت يۈسۈپ،1975-يىلى تۇغۇلغان،كەلپىن ناھىيەسى ئاچال يېزا چىلان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى.1993-يىلىدنن باشلاپ «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«تۇرپان»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»قاتارلىق ژورناللاردا «يۈرەكسىز ئۆلۈش»،«روھ چىچەكلىرى»،«مۇھىت ئېڭى ۋە تەبىئەتنىڭ كۆزيېشى»قاتارلىق 300پارچىگە يىقىن شېئىر،نەسىر ۋە ماقالىلىرى ،«كىرپىكتىكى قار»(باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان.

23 . تۇردى مونىياز،1972-يىلى تۇغۇلغان، شىنجاڭ «ئىزگۈ» ئۇچۇر –تېخنىكا   چەكلىك شېركىتىىڭ قۇرغۇچىسى.1996-يىلىدىن ھازىرغىچە« شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژورناللاردا «ياپونىيىدە كۆرگەنلىرىم»،      «كوئىنلونغا ساياھەت»،«ھايات ۋە ئۈمىت»قاتارلىق ماقالىلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

24. سابىرە قۇربانجان، 1977-يىلى تۇغۇلغان،غۇلجا ناھىيىسى «ياشلار» دېھقانچىلىق مەيدانىدىن. 2006-يىلىدىن ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا «دوستۇم،ئۆزىڭىزنى    بىچارە ھېس قىلامسىز؟»،«بىزنىڭ ئائىلە»،«خاسىيەتلىك تۇيغۇلار» قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان،«مىيىپ قىزنىڭ ئارزۇسى»ناملىق كىتاۋى نەشىر قىلىنغان.

25. ئابدۇرېشىت ئوسمان، 1974-يىلى تۇغۇلغان، غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا   مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ھازىرغىچە ھەرقايسى گىزىت ژورناللاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت 80پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى    ئېلان قىلىنغان.

26. راخمان ئىمىر، 1970-يىلى تۇغۇلغان، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك سىتاتىستىكا     ئىدارىىسدىن.   1989-يىلىدىن ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«شىنجاڭ گىزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 250پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان.

27. تۇرسۇن غۇجىئابلا،1971-يىلى تۇغۇلغان،خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۈل يېزىسى مەدەنىيەت پونكىتىدىن.1994-يىلىدىن باشلاپ،«تارىم»،«شىنجاڭ گىزىتى» ،    «شىنجاڭ ئاياللىرى»،«خوتەن گىزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 50پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ، «ئۆركەشلەۋاتقان دەريا»ناملىق ھىكايىلەرتوپلىمى، «رەڭدار تۇرمۇش » ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان.

28.خەيرىگۈل ئۆمەر، 1987-يىلى تۇغۇلغان،شىنجاڭ «جياليەنلې» سودا ھەسسىدارلىق شېركىتىدە . «تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورناللىرىدا 11پارچە ھىكايىسى ئېلان قىلىنغان.

29.مۇجىبۇل راخمان، 1979-يىلى تۇغۇلغان،قۇمۇل ۋىلايەتلىك تىل –يېزىق      قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىن. 1997-يىلىدىن باشلاپ «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنىجاڭ گىزىتى»،«قۇمۇل گىزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 300  نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان.

30. يۈسۈپ ئېلى، 1967-يىلى تۇغۇلغان، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» تەھرىر بۆلۈمىدىن. 1990-يىلىدىن ھازىرغىچە«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«تۇرپان»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»قاتارلىق ژورناللاردا 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،نەسىر، ئەدەبىي     ئاخبارات ۋە ھىكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.

31 .كېرەم ئىسھاق، 1957-يىلى تۇغۇلغان، قۇمۇل ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىنسىيىگە چىققان.ئۇ ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئەدەبىي تەرجىمان  بولۇپ،  نەشر قىلىنغان تەرجىمە كىتاپلىرىدىن «مەڭگۈلۈك سۈرەتلەر»،«يىللار ۋە ئادەملەر »قاتارلىقلار بار.

32.ناسىرجان ئابلىز، 1965-يىلى تۇغۇلغان، قۇمۇل شەھەرلىك لياۋيى ئۈمىد مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 1992-يىلىدىن باشلاپ «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،« شىنجاڭ گىزىتى»،«قۇمۇل گىزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 200پارچىدىن   ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

33.ھۆرىيەت مەمەت، 1978-يىلى تۇغۇلغان، قاغىلىق ناھىيە  سايباغ يېزىلىق    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،   «كروران»،«قەشقەر»،«يېڭى قاشتېشى»قاتارلىق ژورناللاردا «سەن ئىسمىمنى ئۇنتۇغان كۈنى»،«مەن ئالدانغان شۇ كۈنى»،«ئايال»قاتارلىق 180نەچچە پارچە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، «ئانامنىڭ ئارزۇسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرغان.

34.ئارزۇگۈل ئابدۇرىھىم، 1967-يىلى تۇغۇلغان، قاراماي شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە «قاراماي گىزىتى»،« مايبۇلاق»،«قاراماي مائارىپى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»،«تارىم»،«ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 50نەچچە پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان.«ئوينىيالمايدىغان بالا»ناملىق كىتاۋىنى نەشىرگە تاپشۇرغان.

35 .ئەزىز ئىمىر، 1985-يىلى تۇغۇلغان،ئېلىكترون پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرستىتى  ئاسپىرانتى. «يېڭى قاشتېشى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»،«قەشقەر»،«كروران»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«كۈسەن مەدەنىيتى »....قاتارلىق ژورناللاردا «قىز قەلبى »،«مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ »،«مۇھەببەتنىڭ كۆز يېشى » ، « مۇھەببەت قاتىلى »قاتارلىق  ئىككى پوۋىست ، 70پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانېرىدىكى ئەسەرلەرنى  ئېلان قىلغان.

36 .ئابلاجان بوۋاقى، 1967-يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا        مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.1985-يىلىدىن ھازىرغىچە «تارىم»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«تەڭرىتاغ»،«قەشقەر»،«شىنجاڭ گىزىتى»،«قەشقەر گىزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا«مىللىتىم»،«مەن ئەركەك،تاغدەك ياشايمەن»،«ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەسەر»،    «<قارا باياۋان> توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم»قاتارلىق 1300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 10  نەچچە پارچە سۆھبەت خاتىرىسى، 40نەچچە پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.   ئىككى پارچە كىتاۋىنى نەشىرگە تاپشۇرغان.

37 .ئېلى ئابدۇقادىر، 1973-يىلى تۇغۇلغان، لوپ ناھىيە چارباغ يېزىلىق يېزا   ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىدىن.1994-يىلىدىن ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر ،ئوبزور ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرى    ئېلان قىلىنغان.

38 .مەنسۇر تۇرسۇن، 1989-يىلى تۇغۇلغان،  ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ئوقۇغۇچىسى. «مىراس»،«كۈسەن مەدەنىيىتى»،«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «ئىلى گىزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گىزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا   «ئۇيغۇر دوراچاي مەدەنىيىتى»،«ئۇيغۇر داستىخان مەدەنىيىتى»،«قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ»قاتارلىق 120پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان.

39 .رەيھانگۈل ئوسمان، 1973-يىلى تۇغۇلغان، ئاقتۇ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن. 1993-يىلىدىن ھازىرغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»،«مايبۇلاق»،«يېڭى قاشتېشى»،«كروران»،«تۇرپان»قاتارلىق ژورناللاردا «ئاي غۇۋا»،«سېرىنگۈل كۈيلىرى»،«سىرلىق كەچمىش»،«باھار بۇ يەردە تۈنەيدۇ»،«سېرىق سەبدە »قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،50پارچىدىن ئارتۇق نەسىرى ئېلان قىلىنغان.بىر پارچە نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرغان.

40.مۇتىللا ئەبەد ،1970-يىلى تۇغۇلغان، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن.1986-يىلىدىن ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«قەشقەر»،«شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 300پارچىدىن ئارتۇق نەسىر،20پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە-پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان.«تاش شەھەر » ناملىق شېئىر،نەسىرلەر توپلىمى، «تاش قەدەھ»ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

41.قەلبىنۇر ئىلياس، 1967-يىلى تۇغۇلغان، چاپچال ناھىيە پارتىيە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. 1985-يىلىدىن ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا 300پارچە نەسىرى،50پارچە  شېئىرى،15پارچە ئوبزورى ئېلان قىلىنغان،«ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى»ناملىق  نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

42.سەمەت ئابدۇراخمان، 1965-يىلى تۇغۇلغان، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژورنىلى  تەھرىر بۆلۈمىدىن. 1980-يىلىدىن ھازىرغىچە «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«تۇرپان»،«تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ گىزىتى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا      300پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان.

43.مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز، 1966-يىلى تۇغۇلغان، لوپ ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ پىنسيۇنىرى.1986-يىلىدىن ھازىرغىچە  «رەشىدەنىڭ تەقدىرى»،«غاز كاۋىپى»، «تەقدىرنىڭ چاقى» قاتارلىق 50نەچچە پارچە ھىكايە،پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان. «ئۆرتەنگەن دەريا» ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان.

44.دىلئارام قۇربان، 1980-يىلى تۇغۇلغان، شىنجاڭ «سىنتاش» سودا چەكلىك شېركىتىدىن. «قەدىمىي شەھەردە ئويلىغانلىرىم»ناملىق كىتاۋى نەشىر قىلىنغان.

45.پاتىگۈل ئەخمەت، 1968-يىلى تۇغۇلغان، «تارىم» ژورنىلىدىن. 1989-يىلىدىن ھازىرغىچە 10مىليون خەتتىن ئارتۇق ئەسەر تەھرىرلىگەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-24 17:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاۋۋال چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمەت بىلدۈرگۈم كەلگىنى _  ھاياتىدا 10 مىليون خەتتىن ئارتۇق ئەسەر تەھرىرلىگەن قىممەتلىك مۇھەررىرىمىز  پاتىگۈل ئەخمەت خانىم ! خانىمغا مۇبارەك بولسۇن !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 18:12  


ۋاقتى: 2014-1-24 17:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-1-24 17:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەمىيىتىگە بۇ يىل قۇبۇل قىلىنغان ئىمىننياز مەتنىاز شەيدائى،مامۇت ئۆمەر،ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات قاتارلىقلارغا ھەم بارلىق ئەدىپلەرگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-24 17:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەنگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-24 17:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         يېڭىدىن  سېپىمىزگە قوشۇلغان ئەزالارنىڭ قەدىمگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-24 17:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل ئەخمەت خانىمغا مۇبارەك بولسۇن!راخمانجان ئىمىر،ئابلاجان بوۋاقى،تاھىرجان ئاتاۋۇللا  ۋە يېڭىدىن سېپىمىزگە قوشۇلغان  بارلىق ئەزالارنى تەبرىكلەيمەن!ئىجادىيتىڭلارغا نۇسرەت يار بولسۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 17:51  


ۋاقتى: 2014-1-24 17:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىگە مۇبارەك بولغاي!

ۋاقتى: 2014-1-24 17:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە يىڭىدىن ئەزا بولغان مەن قاتارلىق بارلىق قۇرداشلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-24 17:47:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئەزالارغا مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-1-24 17:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپى توختى، مۇھەممەدباي باھادىر شاۋگۇنى، ئەزىز ئىمىر يانغىن، رەيھانگۈل ئوسمان سېرىنگۈل قاتارلىقلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولىشىنى تىلەيمەن.
مۇھەممەدباي باھادىر شاۋگۇنى ئەپەندىنىڭ ئىسمى مەدىباي بادۇر بولوپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىپ قويوشۇڭلارنى سورايمەن.

باھا سۆز

رەھمەت، ئۆزگەرتىلدى.  ۋاقتى: 2014-1-24 06:03 PM
ۋاقتى: 2014-1-24 17:55:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئىمىننىياز قاتارلىق بارلىق ئەزالارغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-24 18:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان قەلەمكەشلەرنىڭ ئىسىملىكى، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى... قاتارلىقلار مۇنبەرگە يوللانسا ھەيران بولۇپ قالىمەن. بىر قىسىم قەلەمكەشلەر نېمە سەۋەبتىن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ سانىنى قەستەن كۆپەيتىۋالىدىغاندۇ؟

ۋاقتى: 2014-1-24 18:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەننى مۇبارەكلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-1-24 18:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تۈركۈم ئايال يازغۇچىلار قوشۇنى روياپققا چىققۇدەك...مۇبارەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش