ئە.ھەسەن يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:16
ھەر قېتىم يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان قەلەمكەش ...
بىز ئەزا قوبۇل قىلىشتا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يوللىغان ماتىريالى، تولدۇرغان جەدۋىلىدىكى مەزمۇنلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرىنى ئاساس قىلىمىز. راستىنى ئېيقاندا ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ سانىنى بىرمۇ بىر ئېلىپ بولالمايمىز. ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا كۆپتۈرۈلگەن سانلار ھەققىدە بىر نەرسە بىلگۈدەكسىز، يۇقۇردىكى بىرەرسىنىڭ ساننى كۆپتۈرۈپ مەلۇم قىلغان ئىسپاتنى تەمىنلەپ بېرەلەمسىز؟
بۇ تىزىملىكنى توردا ئېلان قىلىشىمىز ئۇلارنىڭ ئەتىلا «گۈلدۈرلەپ» يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە كىرىپ كېلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز ئاشكارە نازارەتنى دەپ ئۇنى بۇ يەردە ئېلان قىلىپ تۇرۇپتىمىز. بىرەرسىگە پاكىت يا ئىسپات كۆرسىتەلىسىڭىز بۇنى رەھبەرلىككە ئىنكاس قىلىپ قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنساق بولىدۇ. قارىسىغا دەۋاتقان بولسىڭىز، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەن، جامائەت پىكىرىنى باشقا ياققا ئېپقاچقان بولىسىز.
يېڭى ئەزالارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە پاكىتلىق ھالدا ھەممەيلەننىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، لېكىن ھەرقانداق كىشىنىڭ گۇمانلىرىنى بۇ يەردە تۆكمە قىلىشىپ، غەيۋەت - شىكايەت باشلىشىغا يول قويمايمىز. ۋاختى كەلسە جاۋاپكارلىقىنى تېگىشلىك ئۇسۇللار بىلەن سۈرۈشتۈرىمىز.