كۆرۈش: 1365|ئىنكاس: 17

جەمئىيىتىمىزنىڭ 2014-يىللىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېچىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 2293
تۆھپە : 6
توردا: 1142
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 14:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                 شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېچىلدى


IMG_5173.JPG



    2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسلىرى غەيرەت ئاسىم، ئېركىش قۇرمانبېك، دوڭ لىبو، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن فېڭ شو، مامبەت تۇردى، ليۇ لياڭچېڭ، دەنبى قاتارلىقلار ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەر قاتناشتى.

   يىغىنغا رەئىس ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن، دوڭ لىبو شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە دوكلاتى بېرىپ ئۆتتى ۋە 2014-يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئاندىن، بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى خۇلاسە دوكىلاتى بىلەن خىزمەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ، تولۇقلىما پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاخىرىدا رەئىس ئازات سۇلتان مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇ 2014-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. جەمئىيەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

   يىغىندا يەنە ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق - قىرغىز - موڭغۇل تىللىرى گۇرۇپىلىرىغا بۆلۈنۈپ،2014-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى ئەزالارنىڭ نامزاتىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ چىقتى.


        قوشۇمچە:شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە:


  2013-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئورگاندىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا كۆپلىگەن ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.


  جەمئىيىتىمىزنىڭ 2013-يىلدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:


  بىرىنچى، تۈرلۈك ئەدەبىي پائالىيەتلەر ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلدى.

  يىلنىڭ بېشىدا جەمئىيىتىمىزنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىلىپ، جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى بىلەن 2013-يىللىق خىزمەتلىرىمىز مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  3-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن بىلەن مۇئاۋىن رەئىس دوڭ لىبو قاتارلىقلا خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى جەمئىيەتنىڭ بەش يىللىق ھەمكارلىق، ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش تۈرىنى بېكىتتى.

  3-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتاننىڭ باشچىلىقىدا «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ تەيۋەن سەپىرى» زىيارەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

  4-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبو جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئامىرىكىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى»گە ئومەك باشلىقى بولۇپ ئامىرىكىغا زىيارەتكە چىقتى.

5-8-ئايلاردا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلەشمە زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ،ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، شىخەنزە، قاراماي، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

6-ئايدا كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ «مىڭ يىللىق كۈسەن، يۈز يىللىق كۇچا ــ ئەدىبلەر نەزىرىدىكى كۇچا» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە، زىيارەت پائالىيىتى تەشكىللەندى.

9-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىن بەش نەپەر ياش يازغۇچىنى «مەملىكەتلىك ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى»غا قاتناشتۇرۇشقا ئەۋەتىلدى.

11-ئايدا <<شىنجاڭ يازغۇچى - سەنئەتكارلىرىنىڭ چاقىلىق سەپىرى>> زىيارەت، تۇرمۇش ئۈگىنىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

12-ئايدا شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىپ،127 نەپەر ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىلمىي لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدى،ئۆزئارا ئەدەبىي ئالماشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.

12-ئايدا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «خانتەڭرى»، «دۇلدۇل»، «ئالتۇن ئۈزەڭگە» مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مېخانىزىمى ئىسلاھ قىلىنىپ، 2013-يىللىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىككىنچى،«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسلى ئەسەر ۋە خەنزۇچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بويىچە تەرجىمە ئەسەر قۇرۇلۇشى» خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى.

  بۇلتۇردىن بۇيان جەمئىيىتىمىز ھەر مىللەتتىن بولغان ئەدەبىي مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمان قاتارلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ،  «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسلى ئەسەر ۋە خەنزۇچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بويىچە تەرجىمە ئەسەر قۇرۇلۇشى»غا يوللانغان 44 مىليون 790مىڭ خەتلىك  ئەسەرگە نىسپەتەن دەسلەپكى باھالاش خىزمىتىنى ئورۇنداپ،ئاپتونوم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىشىگە يوللاپ بەردى. ئۇنىڭدىن 55پارچە ئەسەر  ھەرقايسى نەشرياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.ھازىرغىچە بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق نەشردىن چىققان كىتاپلارنىڭ سانى 173 پارچىگە يەتتى،

2013-يىلى جەمئىيىتىمىز جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 30 يىلدىن بۇيانقى «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى» مەجمۈئەسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قىسىمى،«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى: ھېكايە-پوۋېستلار»،«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى: شىئېرلار »،«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى:نەسرلەر»،«تاجىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»،«2013-يىللىق جۇڭگو شىئېرىيىتى» قاتارلىق 28 كىتاپقا ئەسەر تاللاش، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

ئۈچۈنچى،كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ قاتلاملىق تەربىيەلەش سىنىپلىرى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى.

جەمئىيىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،بىر يىل ئىچىدە 12 قېتىم تەربىيەلەش  ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. قاتناشقان ئادەم سانى 450 نەپەرگە يەتتى.

1-ئايدا خەنزۇ يازغۇچىسى لى جەننىڭ «مورى دەرياسى» ناملىق رومانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.4-ئايدا «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە «80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» ئۆتكۈزۈلدى. 4-ئايدا «ئاۋام يېزىقچىلىقى جەريانىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 4-ئايدا«شىخەنزە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى» ئېچىلدى.8-ئايدا «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى» بىلەن بىرلىكتە «ژۇرنال يانفۇن يۇمشاق دېتال ھەمكارلىق تۈرى« ژۇرنال مەسئۇللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. 6-ئايدىن 10-ئايغىچە  مورى، قاراقاش، كورلا، ئاقتۇ، قۇمۇل يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت سىمىنارىيەلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئايدا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن 12 نەپەر يازغۇچى شاڭخەيگە بىر ئايلىق بىلىم ئاشۇرۈشقا ئەۋەتىلدى.

6-7-ئايلاردا لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش سىنىپى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

10-ئايدا خۇنەندە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە سىنىپى ئېچىلدى.

ئىجادىيەت سىمىنارىيەلىرى ۋە كىتاپ ئوقۇش كۇرۇسلىرىنى ئۈرۈمچىدىلا ئۆتكۈزۈپ قالماي، جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۆۋەندە، ئاساسى قاتلاملاردا ئۆتكۈزۈش سىناق قىلىنىپ، ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.ئاقسۇ، قۇمۇل، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تەشكىللىگەن كۇرۇسلارغا قاتناشقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى .

كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش ۋە ئەدەبىيات بىلىملىرىنى تارقىتىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى. بىر يىل جەريانىدا ئاپتونوم رايۇنلۇق كۇتۇپخانا بىرلىشىپ 12 قېتىم «يازغۇچىلار لېكسىيە»سى تەشكىللەندى. بۆرتالا، غۇلجا،گۇچۇڭ، بارىكۆل، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا ئۇيۇشتۇرۇلغان لېكسىيە پائالىيەتلىرىمىزگە قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى 2000 دىن ئاشتى.

تۆتىنچى،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجدىمائىي رولى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلدى.

جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان تېرورلۇق ۋە دىننىي ئاشقۇنلۇق قاتارلىق ۋەقە ھەم ھادىسىلەرگە قارىتا يازغۇچىلىرىمىز گېزىت - ژۇرنال، تېلۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئۆز ئەسەرلىرى، نۇتۇق - سۆھبەتلىرى بىلەن مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەيىپلىدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىدى. «يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» قاتارلىق سەھنىلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆزقاراشلارنى ئاۋامغا تەشۋىق قىلدى.

بەشىنچى، «يازغۇچىلار تورى»نىڭ رولى بارغانچە ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.

باشقۇرۇش ۋە تەھرىرلىك ئۆتكەللىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، يازغۇچىلار ئارا ئالاقىلىشىش، ئۇچۇرلارنى چىقىرىش، ياش كۈچلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆزنەكلىك رولى بارغانچە مۇھىملاشتى. ھازىرغىچە ئەزا سانى 3000 دىن، يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ سانى 110 مىڭدىن ئېشىپ مۇقىم تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

ئالتىنچى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىش، ژۇرناللاردا مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇشتۇرۇش، كۆرسىتىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى. بىر يىل جەريانىدا بىز كۆرسەتكەن 78 پارچە ئەسەر ئىچكىردىكى نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش پارچە ئەسەر مەملىكەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ تىمتاس يۈزى» ناملىق رومانى «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىمىز ئەدەبىيات ساھىسىدە ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئايرىم كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنىپ، خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلق ئەدەبىياتى نەشرياتى بىلەن خۇنەندە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يەتتىنچى، ئاز سانلىق مىللەت توختاملىق يازغۇچىلىرى ۋە يازغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش خىزمىتى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى. ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ، ئانا تىلدا ئەسەر يازىدىغان شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىغا نىسپەتەن «توختاملىق يازغۇچى» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، 40 نەپەر يازغۇچى بىلەن توختام تۈزۈلدى ۋە يىل ئاخىرىدا تەلەپتىكىدەك ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىگە خەت سانى ئۆلچىمى بويىچە 200 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى تارقىتىپ بېرىلدى. ئىچكىرىدىكى خەنزۇچە نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىي تەرجىمانلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە بولسا مۇكاپاتلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، يىل ئاخىرىدا خەت سانى بويىچە 300 مىڭ يۈئەنگە يېقىن مۇكاپات سوممىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

سەككىزىنچى، يازغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا يار - يۆلەكتە بولۇپ، ئاكتىپ ۋە تەششەبۇسكارلىق ئالاقە-مۇلازىمەت خىزمەتلىرى ئىشلەندى. مېيىپ يازغۇچى لى جەنگە ئالاھىدە ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ بېرىلدى. بىر نەپەر توختاملىق يازغۇچىمىزنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئوپىراتسىيە خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىيىتىمىز ئورگىنىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر پۇل ئىئانە قىلىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزدى ۋە تور، تېلىفۇن قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، يازغۇچىلىرىمىزنى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشكە تەشكىللىدى. بىر نەپەر يازغۇچىمىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بولۇپ، ئۇ بىزگە يوللىغان ئەسەر قولىمىزغا تېگىشى بىلەنلا جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى قولىدىكى باشقا ئىشلارنى قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئەستائىدىللىق بىلەن كۆرۈپ پىكىرلىرىنى بەردى ۋە مۇناسىۋەتلىك نەشرياتلارغا كۆرسەتتى، قاتارلىقلار.

توققۇزىنچى، نەتىنجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزۈتىپ، خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز.

     پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشەن تەربىيەسى پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزگە قارايدىغان بولساق، خىزمەتلىرىمىزدە يېتەرسىزلىكلەرنىڭمۇ خېلى ساقلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇلار بولسىمۇ:1.ئەزالىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىش يېتەرلىك بولماسلىق، ئەزالار خىزمىتىنى ئەستائىدىل ئىشلىمەسلىك2.ئورگان خىزمىتىدىكى چېچىلاڭغۇلۇق، خىزمەتتە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولماسلىق3.يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ نىسپەتەن تۆۋەن بولۇشى،خىزمەت ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى مۇستەقىل پىلانلاپ، يولغا قويۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى4.خىزمەت ئىنتىزامىدىكى چۇۋالچاقلىق 5.خىزمەتلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ كەمچىللىكى، ھازىرقى ھالەتتىن رازى بولۇش، شۇنىڭغا قانائەت قىلىش پىسخىكىسى قاتارلىقلار.


    يېڭى بىر يىلدا جەمئىيىتىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەيئەت رىياسەت ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىمىز .







Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3883
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 14:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبەك ياخشى ئىش بۇپتۇ

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 599
تۆھپە : 0
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 15:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىشنى بۇرۇن باشلاپتۇ-دە؟ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان  پائالىيەتلەرنىڭ بۇ يىلمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئازات مۇئەللىم، غەيرەت ئاسىم، دوڭ لىبۇ قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى خادىملارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، بۇرۇن پىلانلاپ، 2014-يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.  يېڭى-يېڭى ئىجادىيەتلىرىمىز بىلەن رەھبەرلەرنىڭ ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشقا تىرىشىمىز.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 1441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4181
تۆھپە : 0
توردا: 903
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 16:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان بۇ يىغىن پائالىيتىنىڭ 2014-يىللىق يازغۇچىلار خىزمىتىدە ئىجابىي يېتەكچىلىك رول ئوينىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىمسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 16:16  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 16:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىلى ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بولۇپتۇ. مۇشۇنداق پائالىيەتنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 1441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4181
تۆھپە : 0
توردا: 903
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 17:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىلدىكىدەك پائالىيەتلەرنىڭ بۇ يىلمۇ داۋاملىق تۈردە ئۇيۇشتۇرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3369
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12955
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 17:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       ئات يىلىدا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۇلپاردەك ئۇزۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1132
تۆھپە : -1
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  2013-يىلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ياخشى خۇلاسىلىنىپتۇ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا 2014- يىلدا تېخىمۇ كۆپ خەيىرلىك ئىشلار مەيدانغا كەلگۈدەك، بارلىق جاپاكەشلەرگە ئوتلۇق سالاملار يار بولسۇن !!

بىلوگىمغا ئەسەرلىرىمنى يوللىدۇم، كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2106
تۆھپە : 1
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 19:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرى تولىمۇ ئۇتۇقلۇق بولدى، 2014-يىللىق خىزمەتلىرىدىن يەنىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 973
تۆھپە : 0
توردا: 194
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 22:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىللىق خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

مەن ئۈچۈن ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمنىڭ ئۆزى بەخت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1118
تۆھپە : 19
توردا: 212
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 16:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىلدا بارلىق ئىشلار تېخمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1056
تۆھپە : 0
توردا: 140
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئۆز رولىنى تىخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق قەلەمكەشلەرگە ئىلھام بىرىپ ھەم يىتەكلەپ ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،2014-يىلدا تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 745
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 22:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ  2014-يىللىق خىزمەتلىرىدىن يەنىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال ھېرىپ قالما،يىتىم قالساڭمۇ قال غېرپ قالما.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1495
تۆھپە : 2
توردا: 154
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 02:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيتىمىزنىڭ 2014-يىللىق بارلىق خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق،ئۈنۈملۈك بولغاي...جەمئىيتىمىزدىكى بارلىق تۆھپىكارلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر؛ئائىلىسىگە
بەخت-ئامەت؛ئىجادىيەت،تەتقىقات ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن...!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  164
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 556
تۆھپە : 6
توردا: 94
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 04:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ  2014-يىللىق خىزمەتلىرىدىن يەنىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز.

دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئاخىرلاشتى مانا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش