«شىنجاڭ گېزىتى» قەشقەردە ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى: كەڭ مۇشتىرىلەرنىڭ پېكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، گېزىتنىڭ ئوقۇشچانلىغىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» (ئۇيغۇرچە)نىڭ قەشقەردىكى ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت يىغىنى قەشقەر شەھەرلىك پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنىغا «شىنجاڭ گېزىتى» تارقىتىش بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز ئەخمەت، باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىھراي ياقۇپ ھەمدە ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم ناھىيە (شەھەر) لىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلىمى،مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىلىرى مەسئۇللىرى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بولۇپ، 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىمىقى سۆھبەت يىغىندا «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مەمتىمىن ئوبۇل، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بولىمنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ئابلىمىت سوپىھاجى، قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇھەررىرى گۈلھەسەل ناسىر، قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەسقەر ئەھمىدى،پاختەكلە يېزا پاختەكلە كەنتىدىن دېھقان ئەبەيدۇللا ئوسمان، تەكلىپلىك مۇخبىرلاردىن ئادىلجان ئابدۇقادىر، سابىرجان سىيىت قاتارلىقلار «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئوقۇشچانلىغىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ سەھىپىللىرىنى يەنىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تەشنالىغىنى قاندۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ۋە ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى.
( سۈرەتلەرنى ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ تەييارلىغان )
تۆۋەندە : سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر .
|