كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 3

خۇدابەردى ئابىخان: مىراس قىزغىنلىقى ۋە مەشىرەپ تەتقىقاتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 18:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       مىراس قىزغىنلىقى ۋە مەشىرەپ تەتقىقاتى ھەققىدە
                            خۇدابەردى ئابىخان
       يېقىندىن بۇيانقى مىراس قىزغىنلىقىنىڭ دۇنياۋى تەسىرى ماكان- زامان ھالقىپ بىزگىچە يىتىپ كەلدى. بۇ، بىر مىللى تۇپ ياكى قەۋىمنىڭ كۇنسىرى ئاجىزلىشىۋاتقان ئەنئەنە ھەققىدىكى ئىجتىمائى خاتىرسى ۋە قىممەت قارشىنى يوقتۇپ قۇيۇش خەۋپىنى ھىس قىلغان سەگەك كىشىلەرنىڭ ئەندىشىلىك خىياللىرىدىن كىيىن پەيدا بولغان سوبىكتىپ قىزغىنلىق بولماستىن بەلكى زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەننىڭ ئۇزۇن يىللىق دىيالوگىدىن كىيىن بارلىققا كەلگەن، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئىزتىراپلىق مۇئەييەنلىك ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇخىل ئىزتىراپ دۆلەت رايۇن ئاتلاپ،ھەرقايسى ئەل  ھۆكۇمەتلىرنىڭ خىزمەت كۇنتەرتىۋىگە قويۇلدى. پارتىيە، ھۆكۇمىتىمىز  بۇئىشقا تىخىمۇ جددى قاراپ، ئەھمىيەت بەردى. قاتلاممۇ- قاتلام تەتقىقات ،قوغداش بىر  گەۋدە قىلىنغان مەخسۇس  ئورگانلارنى  تەسىس  قىلىپ،بۇ خىزمەتنى ھەقىقى تۇردە ھۆكۇمەت ھەركىتىگە ئايلاندۇردى. ھەر قايسى ئورۇنلارمۇ دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرپ، كۆپرەك مىراسقا ئىگە بولۇش، مەدەنىيەت كىملىكىېدە ئۆزىنىڭ تۇتقان ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش مەخسىدىدە  قېزىش، رەتلەش،تۇر يوللاش ئىشلىرىدا قىزىپ كەتتى. ھەتتا بەزىلەر مۇتىخەسسمۇ تەكلىپ قىلىشتى. بۇ ساھاگە يۇرەك قېننى سەرىپ قىلىپ كىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار مانا ئەمدى  «يېشىل››  كارتىغا ئىرىشكەنتى. يەنە بەزى ئىجادىيەت قىزغىنلىغى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاتالمىش تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ساھاگە ئىشتىراك قىلىپ، گەپ يۇرغۇلۇتۇپ خېلىلا بازار تاپتى. مەيلى نىمىلا دىمەيلى مەدىنىيەت موھىتىمىز ئۆزنىڭ تاشلىنىپ قالغان تارىخى خاتىرسىنى ۋاراقلاپ، يوقۇلۇپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتقان بىر قىسىم مىراسلرىمىز بىلەن قايتا يۇز كۆرشۇپ، قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۇزدى.بۇ خۇددى ھاياتلىق زەنجىرىنىڭ ئۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن نوھ ئەلەھھسالامنىڭ، تۇپان بالاسىدا  كىمە ياسىغىندەك خاسيەتلىك بىر ئش بولدى.
         ئەمما شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرشىمىز كىرەككى ،بۇ خىل قىزغىنلىق مىراس تەتقىقاتى، تۇر يوللاش، بىكىتىش، تەستىقلاش  جەريانلىرىدا،مىراسلارنىڭ بىر پۇتۇنلىگى،تارىخى قىممىتى، ئىكلوگىيسى، خاسلىقى،زامان ۋە ماكان خاراكتىرى تۇلۇق نەزەرگە ئېلىنماسلىقنىڭ سىرتىدا، يەنە تەكرار بۇلۇش،ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بىكىتىش،قوغداش جەھەتلەردە ،مىراس پەيدا بولغان ،ئختىرا قىلىنغان ئەسلى توپ،ۋە مەدەنىيەت بوشلىقىغا سەل قاراشتەك، ئۇنداغ- مۇنداغ خاتالىقلار نىڭ كۆرلۇشىگە سەۋەپ بولۇپ قىلۋاتىدۇ. بىز باشقا تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،مەشىرەپ تەتقىقاتى ئۇستىدە نوختۇلۇق توختۇلۇپ كۆرەيلى.
        مەشىرەپ مۇقاملىرىمىزدىن قالسىلا مەدەنىيەت خەزىنىمىزدە چاقناپ تۇرىدىغان بىباھا گوھەر. ئىنسانىيەت مەدىنىيتىدە ئوخشاشلىغى يوق ،كەمدىن- كەم تېپىلدىغان قىممەتلىك مىراس. ئۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا  ناھايتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگەبولسىمۇ، زامانىمىزغا كەلگەندە ئاممىۋى ئاساسى ئاجىزلاپ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئۇ تېخى«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى » غا ئوخشاش دۇنياۋى مىراس(ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت  مىراسى) قاتارىغا كىرگۇزۇلىمىگەن چاغدىلا،ھەر قايسى ئۇرۇنلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ،ئۆز تەۋەسىدە ئوينىلۋاتقان ئۇيغۇر مەشرەپلىرنى قىزىپ تەكشۇرۇشكە،رەتلەشكە،تۇر تۇرغۇزۇشقا تۇتۇش قىلغان ئىدى.نەتىجىدە يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان بىرقىسىم تەۋەرۇك مەشرەپلىرىمىز،قايتا يورۇقلۇققا چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۇز كۇرشۇپ،ئۆزنىڭ ئۆلمەس ھاياتى كۇچنى يەنە نامايەن قىلىشقا باشلىدى.بىر قىسىم يەرلىك مەشرەپلەرنى ھەر دەرجىلىك ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ قوغداش تۇرلىرىگە كىرگۇزۇشتى. ھىلى ھەم يۇقىرىغا ئىلتماس سۇنۇپ، قوغداش دەرجىسنى ئۆستۇرۇشكە،تۇرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرشىۋاتىدۇ. «شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى»  ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئوينىلىۋاتقان يەرلىك مەشرەپلەرنى سىنغا ئېلىپ،ئارخىپلاشتۇرۇپ، قوغداش خىزمتىگە يېقىندىن ماسلىشىۋاتىدۇ.بۇ ھەقىقىتەن كىشى سۇيۇنگۇدەك خاسىيەتلىك بىر ئىش بولغان ئىدى. بىراق بۇ جەريان بەزى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يۇرتۋازلىق ۋە نەتىجە قوغلۇشۇش خاھشىنى ئۆستۇرپ،مەشرەپنىڭ ئىكىلوگىيە ۋە فورماتسىيە جەھەتتكى بىر پۇتۇنلىگىنى، ساپلىقىنى  بۇزۇپ قويدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن تەتقىقات، تۇر يوللاش،تەستىقلاش  جەريانىدا تۆۋەندىكى نوختىلارغا  ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى بۇ ساھادە ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشنى زۆرۇر بولۇپ قالدى دەپ قارايمەن.
        1.«مەشرەپ» ئاتالغۇسنىڭ ئىشلىتىلشى.
مەشرەپ سوزنى ئۇقۇم جەھەتتىن تەبىرلىگەندە،كىشلەر كۆڭۇل ئېچىش مەخسىدىدە بىريەرگە يىغلىپ،ياكى توپلۇشۇپ ئېلىپ باردىغان ناخشا ئۇسۇللۇق ئۇلتۇرۇش، يېغلىش، بەزمە، پائالىيەت،دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە.لىكىن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشتە،ھەمشە تۇرئۇقۇم بىلەن جىنىس ئۇقۇمنى پەرىقلەندۇرمەي،ئارلاشتۇرۇپ قۇيۇشتەك لوگىكىكلىق ئۇقۇم خاتالىقىغا يول قويۋاتىمىز.مەسلەن:
1)        مەشرەپ،جىنىس ئۇقۇم ،ئۇ يۇقىردا تەبىرلىگەندەك ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمىشنىڭ زامانىمزغىچە يىتىپ كەلگەن ئوخشاشلىقى يوق،قىممەتلىك مەھەلىۋى مەدەنىيەت ھادىسسى.مەشرەپ دىگىنىمىزدە، پۇتكۇل ئۇيغۇر تۇرمىشىغا چۇڭقۇر سىڭگەن ئۇيغۇر خەلق مەشرىپى كىلدۇ.ھەرقايسى يۇرتلارغا تارقالغان يەرلىك مەشرەپلەر ۋە مەشرەپنىڭ ھەرقايسى تۇرلىرى مەشرەپنىڭ تۇر ئۇقۇمى،مەسلەن«دولان مەشرىپى،قومۇل مەشرىپى،موغال مەشرىپى،ئىلى مەشرىپى،كاچۇڭ مەشرىپى»،....ۋاھاكىزا دىگەنلەرگەئوخشاش.بۇنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ئىشلىتىشكە،يەنى تۇر ئۇقۇمنى جىنىس ئۇقۇم ئۇرنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.بىز ھەمىشە بۇ خىل لوگىكىلىق خاتالىقتىن خالى بولالمايۋاتىمىز.
2)        مەشرەپ ئاتالغۇسنى كۆي، ئاھاڭ، نەغمە ،ئۇسۇل ئاتالغۇللىرنىڭ ئورىنىدىمۇ قوللۇنۇپ ئۇقۇمنى مۇجمەللەشتۇرۇشتىن ئىبارەت لوگىلىق خاتلىققا يول قويغاندىن باشقا، مەشرەپ بىلەن مەشرەپنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى مەشرەپ ئامىللىرنى ئۆز- ئارا ئارلاشتۇرۇپ مەشرەپ تەتقىقاتىدا،سىستىما تەتقىقاتىدىن، ئىلمىلىكتىن يىراقلاپ كىتۋاتمىز. بۇنىڭغا كىلىياڭ مەشرىپىنى مىسالغا ئالساق كۇپايە؛كىلىياڭ مەشرىپى قارقاش ناھىيسى كىلىياڭ يىزىسىنىڭ يەرلىك مەشرىپى،بۇ ئۇيغۇر خەلىق مەشرەپلىرىنىڭ موھىم بىر تەركىۋى قىسمى،ياكى ۋاريانتى.كىلىياڭ مەشرىپىنى چۇشەندۇرگەندە تەتقىقاتچىلار كىلىياڭ مەشرىپىنىڭ ئالاھىدلىكى ئۇستىدە توختۇلۇپ،كىلىياڭ مەشرىپى ئالتە يۇرۇش نەغمە،ئوتتۇز توققۇز ئاڭاڭ دەيدۇ،ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى مەشرەپمۇ ياكى مەشرەپتە ئورۇنلىندىغان نەغىمىمۇ؟دىمەك بۇيەردە ئۇقۇم مۇجمەللىشىدۇ،ئولارنىڭ مەشرەپ ئاتالغۇسنى مەشرەپ نەغمىسنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم سۇپىتىدە قوللۇنۇشى،يالغۇز لوگىكىلق ئۇقۇم خاتالىقىلا بولۇپ قالماي،مەشرەپ تەتقىقاتىدىكى سىستىما خاتالىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.شۇڭا ئۇنى كىلىياڭ مەشرەپ نەغمىسى دىىش كىرەك ئىدى.بەزى مەشرەپلەرنىڭ ئاخىردا رىياسەتچىلەر بارلىق قاتناشقۇچىلارنى ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىپ «ھەممەيلەن مەشرەپكە چۇشەيلى» دەيدۇ،ئۇلار مەشرەپ باشلىنىپلا مەشرەپكە چۇشكەن،ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ئوينىغانلىرى مەشرەپ ئەمەسمىتى؟...يەنە تېخى بەزى رەھبەرلەر ئاممىنىڭ باھار بايراملىردا ئوينىغان كوچا ئۇسۇللىرنىمۇ مەشرەپ نامىدا ئاتاپ سۆزلەپ بىرۋاتىدۇ...بىردەم بەزمىنى مەشرەپ دىسەك،بىردەم نەغمە ،ئاھاڭلارنى مەشرەپ دىسەك،بىردەم ئۇسۇلغا چۇشۇشنى مەشرەپ دىسەك، ئۇنداقتا مەشرەپ دىگەن زادى نىمە ؟ بىز ئۇنى سىستىمىلىق،ئىنىق شەرھىلەپ تەبىر بىرەلەمدۇق يوق؟
2. مەشىرەپنىڭ خاراكتىرى.
        مەشرەپ ،زامان ۋە ماكان خاراكتىرىنىڭ قانداق بولشىدىن قەتئى نەزەر، كۆڭۇل ئېچىش خاراكتىرىنى ئالغان، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇنۋىرسال ئاممىۋى كۆڭۇل ئېچىش پائالىيتى . مەشرەپ ئاممىۋى كۆڭۇل ئېچىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن، كۆڭۇل ئېچىش مەخسىدىدە ئۆتكۇزۇلگەن. مەشرەپنىڭ باشقا ئىجتىمائى رولى ،كۆڭۇل ئېچىش (ئستىتىك زوقلۇنىش) ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىككىلەمچى تەرەپ ياكى ئككىلەمچى ھاسىلات،خالاس.مەشرەپ ھەم شۇ جەرياندا ئىكلوگىيە جەھەتتىن كىڭىيىپ، تۇزۇملىشىپ، فورماتسىيە جەھەتتىن قېلىپلىشىپ، مۇكەممەللىشىپ، باشقا كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە تۇپتىن ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە مەھەللىۋى مەدىنىيەت ھادىسسى بولۇپ شەكىللەنگەن. شۇڭا بىز باشقا ھەر قانداق كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى،ۋەياكى ئاممىۋى يېغىلىشلارنى يەڭگىللىك  بىلەن مەشرەپ دەپ ئېيتالمايمىز. يېقىندا بىز كىتاپخانلىق مەشىرىپىنى «تېپىۋالدۇق». بۇ تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن بولغان بولسا،ئەجداتلار شۇنداغ ئاتاپ، شۇنداغ ئويناپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا، بۇ بەك ئۇلۇق، خاسىيەتلك بىر  ئش بولغان بولاتتى. ئەمما ئىجادىيەت قىزغىنلېغىنىڭ مىۋسى بولۇپ قالسا، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان بولىدۇ. تارىخى ئاساسلار يېتەرلىك بولمىغاچقا،بۇ ھەقتە پالان- پوكۇن دىيىشكە ئاجىزمىز. پەقەت كىتاپخانلىق مەشرىپىنىڭ خاراكتىرىنى ئنىقلاپمۇ بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالايمىز.
        - كىتاپخانلىق دىگەن نىمە؟
- كىتاپ ئوقۇش،كىتاپ ئۇستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ،دىگەن مەنىدە.
        - كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ھەققىدە سوھبەت ئېلىپ بېرىش كۇڭۇل ئېچىشمۇ؟
        - ياق،كىتاپ ئوقۇش كىتاپ ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بىرىش ،ئىلمى ئىزدىنىش پائالىيىتى.
        - ئۇنداقتا بۇ سورۇن كۆڭۇل ئېچىش ئۇچۇن ئەمەس ،بەلكى ئلمى ئىزدىنىش مەخسىدىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەندە؟
        - شۇنداق.
        - ئەمىسە نىمىشقا شۇنداق ياخشى بىر ئىلمى سۇرۇننى مەشرەپ دەيمىز؟
        -..........!
        دىمىسىمۇ كىتاپخانلىق ھازىرقى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ياكى ئلمى يېغىلىشلاردەك ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ،موللا ئۆلىمالىرىنىڭ يېغېلىپ ئىلىم ئالماشتۇرىدىغان،ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىنى سىنايدىغان، كۆرەك قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئىجتىھات سورۇنى. ئۇنىڭدا مەخسۇس تىمىدا سۆھبەت ، بەس- مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرلىشىمۇ ،ھەركىم ئۆزلىرى ئوقىغان كىتاپ،يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، باشقىلارنى سۆھبەتكە چاقىرىشىمۇ،بىرسى كىتاپ ئوقۇپ باشقىلارنى تەپسىر قىلىشقا( مەنە ئېيتىشقا )تەكلىپ قىلىشىمۇ مومكىن. (قۇرئان ۋە باشقا دىنى كىتاپلار بولسا كۆپرەك مۇشۇخىل ئۇسۇل قوللىنىلدۇ) ئەدەبى ئىستاتى بارلار يېغېلغان سورۇن بولسا ،ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھەتتا مۇشائىرە ئېلىپ بېرلىشىمۇ مومكىن. مۇشۇنداق بىر ئىلمى تۇسى ئەڭ قويۇق بىر يېغېلىشنى مەشىرەپ سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش مومكىنمۇ؟ دەرۋەقە ئۇلار مۇنازىردىن ھىرىپ چارچىغانلىرىدا بىردەم - يېرىمدەم ناخشا - مۇزىكا ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. كىلاسىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز زامانىسنىڭ تەڭداشسىز مۇسقۇيۇنلىرى ئىكەنلىگى ئوقۇرمەنلەرگە سىر ئەمەس. ئۇنداغ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ساھىپخان مىھمانلىرىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويماسلىق ئۇچۇن  سازەندە مۇغەننىلەرنى تەكلىپ قىلغان بولۇشلىرى مومكىن. بۇنىڭلۇق بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى مەشىرەپ ئوينىدۇق دىمىگەن بۇلغۇيتى؟
ئەمما يېقىندا بۇھەقتە بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئىلان قىلىنىۋىدى ئجتىھاتلىق يازغۇچىمىزنىڭ بەدى تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتتى-دە، بۇ سورۇن  ھېكايە ئارقىلىق سۇرەتلەپ بىرىلدى .ئارقىدىنلا شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئستانسىسى تەقلىدى سۇرۇن ھازىرلاپ سۇرەتكە ئالدى ۋە بۇھەقتە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنى زىيارەت قىلىپمۇ ئۇلگۇردى.مانا بۇ مىراس قىزغىنلىقىنىڭ ئىپادىسى.بىز بۇ ھەقتە ئۆزىمىزنى ھەرقانچە قايىل قىلىشقا زۇرلساقمۇ قايىل قىلىش ئاساسىغا ئىگە بولالمىدۇق. بىز مىراس قىزغىنلېغىدا يوقنى بار قىلىپ قويۇۋاتامدۇق ياكى ئۇنىڭ دۇپپىسىنى بۇنىڭغا كەيدۇرۇپ قويىۋاتامدۇق؟ شۇڭا كىتاپخانلىق مەشرىپى ئۇستىدە يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنپ، ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقش زۆرۇل دەپ قارايمەن.
3.مەشىرەپلەرنى تۇرگە ئايرىش مەسىلىسى.
        مەشرەپ تەتقىقاتىدا مەشرەپلەرنى مۇۋاپىق تۇرگە ئايرىش ھەم زۆرۇر ھەم قېىيىندەك قىلىدۇ. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى سۇرەتكە ئالغان مەشرەپلا ھازر قىرىقتىن ئاشقان.ئۇندىن باشقا ھەرقايسى ئۇرۇنلار  قېزىپ، رەتلەپ تۇر يوللاپ، قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇۋاتقان ۋە قوغداش تىزملىكىگە كىرگۇزۇلگىنىمۇ خېلى بار. تەتقىقات نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق تەكرار بولۇپ قىېلىش ۋە ياكى ئوخشاش بىر مەشىرەپنى بىرنەچچە خىل ئاتاشتىن خالى بولالمايۋاتقاندەك قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆز تەۋەسىدە ئوينالغان مەشرەپلەرنىڭ ھىچقانداق خاسلىقى ياكى يەرلىك ئالاھدلىكى بولمىسىمۇ ھەر خىل يەرلىك ناملارنى بىرپ يەرلىك مەشرەپلەر قاتارىدا كۆتۇرۇپ قوپىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يېلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «غەيرى ماددى مەدىنىيەت مىيراسلىرى» تىزىملىكىدە «ھويلا مەشىرىپى »دىگەن بىر مەشىرەپنى كۆرۇپ قالدىم.(يېڭسار ناھيسى يوللىغان ) ھويلا مەشىرىپى دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى بۇ ھويلىدا ئوينىلدىغان مەشىرەپ،دىمەكچى. ھەرقانداق بىر مەشىرەپنى ھەرقانداق بىرسورۇندا ئوينىغېلى بولۇۋىردۇ. (گۇلىخان مەشىرىپىدىن باشقا) قىشتا چوڭراق ئۆي ياكى ئايۋان- سارايلاردا، يازدا ھويلا- ئارام ياكى باغ-ۋارانلاردا ،ئىشلاقىلىپ ئادەم سانىنىڭ ئاز كۆپلۇكى،سورۇننىڭ كەڭ تارلىقى مۇۋاپىق بولسا، شارائىتى قانچىلىك يار بەرسە  شۇنىڭغا مۇۋاپىق سۇرۇن ھازرلانسا بولىدۇ. ئۆيدە ئوينايدىغان مەشىرەپ باشقا ،ھويلىدا ئوينايدىغان مەشرەپ باشقا، باغدا ئوينايدىغان مەشىرەپ باشقا ئەمەس. ھەممىسى بىر مەشىرەپ. ئەگەر بىز مەشرەپلەرنىڭ ئىكىلوگىيە ۋە فورماتسىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى،بىر پۇتۇنلىكىنى نەزەرگە ئالماي، باغدا ئوينىسا باغ مەشرىپى، تاغدا ئوينىسا تاغ مەشىرىپى،ئۆگزىدە ئوينىسا ئۆگزە مەشىرىپى دەپ ئايرىغېلى تۇرساق مەشرەپلىرىمىزنىڭ  تۇرنى قانداقمۇ بىكىتكىلى بولسۇن؟ قانداقمۇ بۇنى مەشىرەپ تۇرى دىگىلى بولسۇن؟شۇڭا بىزدە ئېنىق ئۆلچەم ۋە يەرلىك مەشىرەپلەرنى ئىكلوگىيە ياكى فورماتسىيە جەھەتتىن پەرىقلەندۇرگۇدەك  ئېنىق چۇشەنجەبولۇشى كىرەك.
شۇ نەرسە ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە ئېنىق بۇلشى كىرەككى،مەيلى ئىلىدا ئوينالغان مەشرەپ بولسۇن،ياكى قۇمۇلدا ئوينالغان مەشىرەپ بۇلسۇن ۋە ياكى تۇرپان،خوتەن،قەشقەردە ئوينالغان مەشرەپلەر بولسۇن ھەممىسى يۇقىردا قەيىت قىلىپ ئۆتۇلگەندەك ئۇيغۇر خەلق مەشرىپى . ئىكلوگىيە ۋە فورماتسىيە  جەھەتتىن بىر- بىردىن پەرىقلەندۇرگۇدەك چوڭراق ئالاھىدە پەرىق دىگۇدەك پەرىق يوق. فورماتسىيە جەھەتتىن ئومۇمەن ئورتاقلىققا ئىگە . چۇنكى مەشرەپنىڭ ئىتنىك مەنبەسى ماكان ۋە زامان جەھەتتىن بىر نوختا، كوپ نوختا ئەمەس .  ھەرقايسى يۇرۇت،ھارقايسى جايلارغا كەڭ تارقىلىپ ئويلۇنىلۋاتقان،مەشرەپلەر(ھازىرقى يەرلىك مەشرەپ دەپ ئاتالغانلىرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)ئەڭ قەدىمدە مەلۇم ماكان ياكى زاماندا ئوينالغان  ئىتنىك مەشرەپنىڭ كۆچۇرۇلمىسى،ياكى ۋاريانتى.ئۇ ھەرگىز شۇ يۇرۇت خەلقىنىڭلا ئىجاتچانلىقىنىڭ،ياكى ئىستىتىك خاسلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.مەشرەپ ھىچقانداق  بىر يۇرتقا «پاتنىت» ھوقۇقى بەرمەيدۇ. شۇڭا ،ئۇ يۇرتنىڭ مەشرىپى، بۇ يۇرتنىڭ مەشرىپى ئەمەس، ئۇ يۇرتتا ئوينالغان مەشرەپلەر ،بۇ يۇرتتا ئوينالغان مەشىرەپلەر دىيېش بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق. يەرلىك مەشرەپلەردە يەرلىك ئالاھىدىلىك بار دىيىلسە، ئۇ پەقەت، مەشرەپ شۇ يۇرتقا بارغاندىن كىيىن، جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە باشقا يەرلىك ئالاھىدىلىك تەرپىدىن مەشرەپكە يۇكلەنگەن ۋە ياكى قوشۇلغان قىسمەن تەرەپلەر.بۇ تەرەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىش زۆرۇر، ئەلبەتتە. لىكىن بۇتەرەپلەر بەزىلەر تەرپىدىن مەشىرەپنىڭ ماھايەتلىك ئالاھىدىلىكى سۇپىتىدە تەلقىن قىلىنپ،مەشرەپنى ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى قىلىشقا زورۇقۇشتەك خائېشنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلقىنلىرىگە قۇلاق سالساق،تۇتامغا چىققۇدەك ئالاھىدلىك يوق. ئۇنىڭ دىگىنىنى بۇ تەكرارلاپ، بۇنىڭ دىگىنى ئۇ تەكرارلاپ، مەشرەپنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكىدىن ھالقىپ كىتەلمىدى. قايسى مەشرەپتە ناخشا -ئۇسۇل يۇق؟قايسى مەشرەپتە بىيىت- قوشاق يوق؟قايسى مەشرەپنىڭ داستىخىنى، بولى- سولىسى،قائىدە تۇزۇملىرى، باشقۇرغۇچىللىرى يوق؟ ھەتتا مەشرەپ ئويۇنلىرىدىن تارتىپ پۇتكۇل ئۇيغۇر جەمىيتىگە كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇمىلاشقان. بەزىلەر ئۆز يۇرتىنىڭ مەشرەپ ئالاھىدلىكى ئۇستىدە توختالغاندا ئېغېزغا ئالغۇدەك بىرنەرسە تاپالمىغاچقا مەشرەپتە ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكا مىلۇدىيسى ۋە رىتىمى ھەققىدىمۇ گەپ ساتتى.ئۇلار بىلسە بۇ مەشرەپنىڭ ئالاھىدىلكى ئەمەس،بەلكى شۇ يۇرۇتنىڭ ناخشا- مۇزىكىدىكى ئالاھىدىلىكى. ناخشا مۇزىكىنىڭ قانداقلىقى مەشرەپنىڭ ئالاھدلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ. مەشرەپ ئۆزىدە ئورۇنلىندىغان ناخشا مۇزىكىلارغا ئەزەلدىن چەك قويغان ئەمەس.  مەشرەپتە قانداق ناخشا مۇزىكىلارنى ئورۇنلاش مەشرەپنىڭ خاراكتىرى تەرپىدىن ئەمەس بەلكى شۇ يۇرتتىكى سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت قابىلىيىتى ،ئەڭ موھىمى شۇ مەشرەپكە قاتناشقان مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئىمكانىيتى ۋە ئىستىتىك تەلۋى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.بۇنىڭدا ئىمكانىيەت ھەل قۇلغۇچ رول ئوينايدىغان ئالدىنقى شەرت.دىمەككى شۇ مەشرەپكە قاتناشقان سەنئەتكارلار نىمىنى بىلسە،قانچىلىك بىلسە، قانداق ئېيتىشنى بىلسە شۇنداق ئېيتىدۇ، دىگەن گەپ. ئەگەر ئالاھىدىلىك بار دىيىلسە،يەرلىك مەشرەپلەردىن دولان مەشرىپى ،قۇمۇل كۆك مەشرىپى، گۇلخان مەشرىپى،قىزىل گۇل مەشرىپى، كاچۇڭ مەشرىپى،كىلىياڭ مەشرىپى ،باراۋەت مەشرىپى... قاتارلىق بىر قانچە مەشرەپنى ئېغىزغا ئېلىشقا بولىدۇ. ھەم بۇلارنى بىر–بىرىدىن پەرىقلەندۇرپ، مەشرەپ تۇرى سۇپۇتىدە تەتقىق قىلىشقا،تۇر تۇرغۇزۇپ قوغداشقا ئەرزىيدۇ.
مەشرەپلەرنى،مەزمۇن جەھەتتىكى ،فورماتسىيە جەھەتتىكى ئالاھىدلىكى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى بويچە يۇقۇرقىدەك تۇرگە ئايىرىغاندىن باشقا ، ئۆتكۇزۇلۇش جەھەتتىكى ئىكلۇگىيلىك سەۋىبىنى ئاساس قىلىپ، يەنە قاتارى مەشرەپ، نورۇز مەشرىپى ،سەيلە مەشرىپى ،ئوغلاق مەشرىپى، مھمان مەشرىپى،توي مەشرىپى،باراۋەت مەشرىپى قاتارلىق تۇرلەرگە ئايرىشقىمۇ بولىدۇ.     
1.قاتارى مەشرەپ .بۇ مەشرەپ،ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى دەپمۇ ئاتىلدۇ . بۇ مەشرەپنى 、 ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىمۇ« تۇركى تىللار دىۋانى »دا« سوغدىچ»قاتارى بەزمە،قىش كۇنلىرى دوسلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولدىغان مەشرەپ. «شەنبۇي » قاتارى مەشرەپ،بىرنىڭ كەينىدىن بىرى بىرلىدىغان زىياپەت دىگەندەك نام ۋە چۇشەندۇرۇشلەر بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئالغان. كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى بۇ مەشرەپ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنلا قېلىپلىشىپ،تۇزۇملۇشۇپ كەڭ ئومۇملاشقان ،ئاممىۋىلاشقان،،مۇقۇم مەشرەپ ئەھلى بولغان، خۇددى ھازىرقى چايلىرمىزدەك مەشرەپكە قاتناشقان ئوتتۇز ئوغۇل نۆۋەت بىلەن ساھىپخانلىقىنى ئۇستىگە ئېلىپ ئۆتكۇزۇپ بىرىدىغان مەشرەپ. بۇ مەشرەپنىڭ مەشرەپ سورۇنى ۋە قاتناشقۇچىلارغا، قويىدىغان تەلىۋى كۇچلۇك. بۇلى- سۇلىسى، تۇزۇملىرى قاتتىق. شۇڭا بۇمەشرەپكە ئاياللار،قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ. باشقا مەشىرەپلەرنى مۇشۇ مەشرەپتىن كىڭەيگەن،مۇشۇمەشرەپنىڭ ۋاريانتى دىېيشكە بولىدۇ.      
2. نورۇزمەشرىپى .بۇ مەشرەپ نورۇز بايرىمىدا نورۇزنىڭ تەنتەنسىگە ئۆتكۇزۇلىدىغان مەشىرەپ.كۆپۇنچە كەڭ دالىدا،باغ-ۋارانلاردا،كەڭرى سورۇنلاردا ئۆتكۇزۇلدو،قاتناشقۇچىلارغا ئانچە- بەك چەك قويلۇپ كەتمەيدۇ،ئەر- ئاياللار، باللارمۇ قاتنىشدۇ،لىكىن يەنىلا مەشرەپ ئوينايدىغان مەشرەپ ئەھلى بولدۇ.باشىقىلار چەتتىن كۇرۇپ ھوزۇرلىندۇ.
   3. سەيلە مەشرىپى.قەشقەر تەۋەسىدە ئۇرۇك پششىقى مەزگىلىدە ۋە ياز پەسىللىنىڭ گۇزەل مەزگىللىردە ئۇرۇك سەيلىسى ،ھەزرەت سەيلىسى، دىگەندەك سەيلە - سايائەتچىلىك خېلىلا ئەۋىج ئالغانكەن. بۇ مەشرەپ ئەنە شۇ سەيلىلەردە ئوينالغان ۋە ئويلىنىدىغان مەشرەپ.
4. ئوغلاق مەشرىپى .بۇ مەشرەپ،ئوغلاق تارتىش تۇگگەندىن كىيىن ئۇتتۇرۋەتكەن تەرەپ ئۇتۋالغان تەرەپنى مىھمان قېلىش بەدىلىگە ياكى ئۇتۇۋالغان تەرەپ ئۆز غەلبىسنى تەبرىكلش يۇزسىدىن ئۆتكۇزۇلدىغان،ياكى ئۆتكۇزۇپ بىردىغان مەشرەپ.   
5. مىھمان مەشىرىپى. بۇ مەشىرەپ، يۇرۇت ئاتلاپ كەلگەن مھمانلارنىڭ شەرپىگە ساھىپخان تەرەپتىن ئۆتكۇزۇلۇپ بىرىلىدىغان مەشىرەپ. كۆپ ھاللاردا مىھمانلار تاماشبىن سۇپۇتىدە كۇرۇپ ئولتۇردۇ، مەشرەپكە قاتناشمايدۇ.ساھىپخان تەرەپنىڭ مەشرەپ ئەھلى ئويناپ مىچھمانلارنىڭ كۇڭلىنى ئېچىشنى مەخسەت قىلدۇ.        
6.توي مەشىرىپى. بۇ مەشىرەپ توي قىلغۇچى تۇينىڭ داغدۇغۇسنى ئاشۇرۇش مەخسىدىدە ئۆتكۇزۇپ بىرىدىغان مەشرەپ،بەزىسى شۇ توي كۇنى،بەزىسى تۇينىڭ ئالدى كەينىدىكى كۇنلەردە ئۆتكۇزلىدۇ.  
7. باراۋەت مەشىرىپى. بۇ مەشرەپنى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل مەشرەپ تۇرى دەپ ئاتاشقىمۇ،ئۆتكۇزلىش سەۋبىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرگە ئايرىشقىمۇ بولدۇ. بۇ مەشرەپ مەشرەپنىڭ ساھپخانى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەشرەپ ئەھلى مەشرەپ چىقىمىنى تەڭ ئۇستىگە ئىلىش ياكى شۇچىقىمنى ھەل قىلىش، ياكى شۇيۇرتتىكى بىرەسىنىڭ قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىش ۋەياكى شۇ يۇرۇتتا كۆۋرۇك سالدىغان، مەسچىت سالدىغان، يۇل ياسايدىغان بىرەر ئىجتىمائى ئىشنىڭ مەبلىېغىنى ھەل قىلىش مەخسىدىدە ئۆتكۇزۇلدىغان مەشىرەپ.
شۇ نەرسىنى تەكىتلەش زۆرۇركى مەشرەپنىڭ بۇ تۇرلىرى يۇقىردا بىز ئېيىتقاندەك ئۆتكۇزلۇش سەۋبى بىلەن ئىكلوگىيە جەھەتتىن بىر بىردىن قىسمەن پەرىقلىندۇ. فورماتسىيە جەھەتتىن بىر بىردىن پەرىقلەنگىدەك ھىچقانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. شۇڭا ھەر بىرى، بىر تۇر سۇپىتىدە ئايرىم –ئايرىم تەتقىقات ئوبىكتى بولالمايدۇ.
قەشقەريېڭىشەھەرناھيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى
يانفۇن؛13579300870
2010   - 3-6 1

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 11:53  


مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3888
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 15:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ئەسەرلەر بولسا  يەنە يوللىشىڭىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بىزمۇ مەدەنىيەت ، مەشىرەپنىڭ تۈرلىرىنى بىلىۋالالايمىز   

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3888
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 15:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ئەسەرلەر بولسا  يەنە يوللىشىڭىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بىزمۇ مەدەنىيەت ، مەشىرەپنىڭ تۈرلىرىنى بىلىۋالالايمىز   

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  502
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1207
تۆھپە : 0
توردا: 353
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 19:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 15:00
مۇشۇنداق  ئەسەرلەر بولسا  يەنە يوللىشىڭىنى ئۈمۈد قىلىم ...


ئايشەم ھەدە، سىلىنىڭ بۇ ياشتا ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىن ئىشتىياقلىرى مىنى تەسىرلەندۈرگەن بولسىمۇ ،لېكىن مۇنداق قارىسام بىر قېتىم يوللايدىغان ئىنكاسنى قايتا-قايتايوللاپ مۇنبەردە زور دەرىجىدە ئىنكاس پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىۋاتىلا . بولسا سەمىمىي تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ مۇنبەرنىڭ نۇرماللىقىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىلا، رەھمەت...
( مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاسنى تۈنۈگىندىن باشلاپ ئۈچ قېتىم يوللىدىم، لېكىن بۇ ھەدىمىز ئۆزگەرتمەيۋاتىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېلى ياسىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 13:24  


بىر ئادەمنى ئۈچ كۈن كۆرمىسەڭ ئۇنىڭغا يېڭىچە نەزەردە قارا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش