بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرى زادى كىم؟
ئەدىھەم ئىبراھىم
‹‹تارىم غۇنچىلىرى››ژۇرنىلىنىڭ2012-يىللىق5-سانىدا ئامرىكا يازغۇچىسى دېبۇرا ئېگىرنىڭ‹‹بىر دادىنىڭ ۋەدىسى››دىگەن تېمىدا بىر تەرجىمە ئەسەر بېرىلگەن.بۇ ئەسەردە ئەرمىنىيە جۇمھۇريىتىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يۈز بەرگەن بىر تەسىرلىك ۋەقەلىك ھېكايە قىلىنغان.يەنى بىر دادىنىڭ ئوغلىغا بەرگەن‹‹نىمە ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئى نەزەر مەن كېلىپ سېنى قۇتقۇزىمەن››دىگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن،يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خارابىلىققا ئايلانغان مەكتەپتىكى خىش-كېسەكلەر ئاستىدىن ئوغلى بىلەن قوشۇپ14بالىنى قۇتۇلدۇرىۋىلىش جەريانى ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايە قىلىنغان.
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات5-يىللىق 1-قىسىم دەرسلىك كىتابىدا ئامرىكا يازغۇچىسى مارك خانلىننىڭ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاتا-بالا››دىگەن تېمىدىكى بىر ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،ھەر ئىككى ئەسەردىكى ۋەقەلىك ئوپمۇ-ئوخشاش بىر ۋەقە ئىكەن.
بىراق ھېكايە تەپسىلاتىدا قىسمەن ئوخشىماسلىقلار بار.
ئوخشاش بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ئوخشاش بولماي قالغان.‹‹بىر دادىنىڭ ۋەدىسى››دە يەر تەۋرىگەن ئورۇننى ئەرمىنىيە جۇمھۇريىتىدە دىسە،‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاتا-بالا››دىگەن ئەسەردە ئامرىكا لوس ئانجېلېس شەھەرى دىيىلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت ئوخشاش بولماي قالغان. ‹‹بىر دادىنىڭ ۋەدىسى››دە يەر تەۋرىگەن ۋاقىت 1989-يىلى يۈز بەرگەن دىيىلگەن. ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاتا-بالا››دىگەن ئەسەردە بولسا 1994يىلى يۈز بەرگەن دىيىلگەن.
ئۆلگەن ئادەم سانى ئوخشاش بولماي قالغان. ‹‹بىر دادىنىڭ ۋەدىسى››دە 30مىڭ ئادەم دىيىلگەن. ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاتا-بالا››دىگەن ئەسەردە بولسا300مىڭ ئادەم دىيىلگەن.
تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى2007-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان،‹‹تارىم غۇنچىلىرى››بولسا2012-يىلى5-ئايدا نەشىر قىلىنغان.
ھەر ئىككى ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى ئوخشاش نوقتىلار:
يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىت4مىنۇتقا يەتمەيدۇ.
بالىنىڭ دادىسى خارابىلىقنى38سائەت كولىغان.
بالىنىڭ ئىسىمى ئوخشاشلا ئاماندى.
ھايات قالغان بالا14نەپەر.
ئوخشاش بىر ۋەقەلىكنى ئىككى يازغۇچى يازغانمىدۇ ياكى بىر يازغۇچىنىڭ ئىسمى ئىككى كىتاپتا خاتا ئېلىنىپ قالغانمىدۇ؟
بىلىدىغانلار چۈشەنچە بېرىپ باقساڭلار!...
2014-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى
|