ھەر ئىككىلا ئاپتور (ئىككىلىسى ئامېرىكىلىق) مۇشۇنداق ئەسەرنى يازغان، لېكىن ئىككىسنىڭلا مەزمۇنى ئوخشاش. يەنە كېلىپ ھەر ئىككىلا ۋەقەلىك (ئەمەلىيەتتە بىر ۋەقەلىك) توقۇلما. بۇ ئەسەرنى «يازغان»لار ناتىقلار (نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر) بولۇپ، نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا مانا مۇشۇنداق ۋەقەلىكنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى ھەر ئىككسىلا مۇشۇ ئاساسىي ۋەقەلىكتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ بېيىتىپ، قانات قۇيرۇق چىقىرىپ سۆزلىگەن (يازغان) بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىسنىڭلا بايانىدا خاتالىق بار. شۇڭا بۇنى رىئاللىققا بەك باغلىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. بۇنى پەقەتلا ئەدەبىي ئەسەر، توقۇلما قىلىنغان دەپلا چۈشىنىش كېرەك.
دىبورا ئىگىر يازغان «بىر ئاتىنىڭ ۋەدىسى» ناملىق ئەسەردە ئەرمىنىيىدىكى يەر تەۋرەشنى 1989- يىلى يۈز بەرگەن، 8.2 بال ئىدى دېگەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەرمىنىيىدە 1989- يىلى ئەمەس، بەلكى 1988- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى 6.9 بال يەر تەۋرىگەن. 24 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان (ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سان 55 مىڭ. بەزىلەر 100 مىڭغا يېتىدۇ دەپمۇ قارايدۇ).
دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگىنىمۇ (ماك ھانسېن ئاپتورلىقىدىكى)خەنزۇچە دەرسلىكتىن تەرجىمە قىلىنغىنى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ دەل ئاشۇنداق خاتالىق بار. شۇڭا بۇ دەرس تا ھازىرغىچە ئالتە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. 2002- يىلدىكى نۇسخىسىدا 1989- يىلى لوس ئانجىلىستا يەر تەۋرىگەن دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە 1989- يىلى لوس ئانژىلىستا يەر تەۋرىمىگەن، بەلكى سان فىرانسىسكودا تەۋرىگەن. كېيىن ئۇنى 1994- يىلىغا ئۆزگەرتكەن. 1994- يىلى ھەقىقەتەنمۇ لوس ئانژىلىستا قاتتىق يەر تەۋرىگەن. دەرسلىكتە 300 مىڭ ئادەم ئۆلگەن دەپ ئالغان. بۇ تەرجىمىدىكى خاتالىق بولۇپ، ئەسلىدە 300 مىڭ ئادەم زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىدى دەپ ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ سانمۇ كۆپتۈرىۋېتىلگەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 62 نەپەر كىشى ئۆلگەن.
بىراق بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش سەھەر سائەت تۆتتىن ئاشقان ۋاقىت بولۇپ، قائىدە بويىچە بالىلار سىنىپتا بولماسلىقى كېرەكتى (ئەگەر ياتاقلىق مەكتەپ بولسا ياتاق بىناسى دەپ ئېلىنسا ئەقىلگە مۇۋاپىق بولاتتى)
قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئەسەر بەرىبىر توقۇلما قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەر، بىزگە يەتكۈزمەكچى بولغىنىمۇ دادا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ياكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت، ئىشەنچ، مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت قاتارلىقلار. بۇ ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ، ئوچۇق دەرس قىلىنىپ ئۆتۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دەرس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ دەرسنى «ھاياجان» بىلەن ئۆتكىلى، ئوقۇغۇچىلارنى، ھەتتا باھالىغۇچىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىۋەتكىلى بولىدۇ. بەشىنچى يىللىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوچۇق دەرسكە كۆپىنچە مۇشۇ دەرسنى تاللايدۇ.
ئوخشاش ۋەقەلىكنىڭ ئىككى خىل ئەسەر ۋە ئىككى ئاپتورىغا كەلسەك، بۇ خۇددى ھېلىقى تىمساق ۋەقەسىنىڭ «قىساسكار ئايال» كىنوسىدىكى ھىندىستان ۋارىيانتى بىلەن، «ئېرەمباغقا قايتىش» كىنوسىدىكى ئاۋىسترالىيە ۋارىيانتىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرمۇ ئوخشاش ۋەقەلىكنىڭ لوس ئانژىلىس ۋارىيانتى بىلەن ئەرمىنىيە ۋارىيانتى، خالاس!
|