يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئابدۇجاپپار

ئوسمانجان مۇھەممەدنىڭ بىر قىسىم نادىر تەرجىمەئەسەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-27 00:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلبۆرە ۋە ئەرەپ
كافكا (ئاۋىستىرىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
تەرجىماندىن: «چىلبۆرە ۋە ئەرەپ» دېگەن بۇ ھېكايە 1917-يىلى 2-ئايدا يېزىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ بىر پارچە ھايۋاناتلار چۆچىكى. بۇ ئەسەردە «مەن»نىڭ بىر توپ چىلبۆرىلەر بىلەن ئۇچىرشىش، سۆزلىشىش ئارقىلىق چىلبۆرىلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئۇزاق تارىخدىن بۇيانقى ئۆچ ئاداۋىتى بايان قىلىنغان. چىلبۆرىلەر ئەرەپلەر ھۇزۇرىدىن تىنىچلىق تېپىشنى، «ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى» ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئەرەپ چىلبۆرىلەرنى كۆرۈشى بىلەنلا قامچا بىلەن ئۇرىدۇ. بۇ ئەسەردە يەھۇدى مىللىتىنىڭ كەمسىتىلىشىنى تۈگىتىپ، بەخىتلىك، ئەمىنلىك، يۇرت-ماكانىنى تېپىش ھېسىياتى بايان قىلىنغان.
بىز قۇمساڭ بوستانلىققا بارگاھ تىكتۇق، ھەمراھلىرىمىز غەرق ئۇيقۇغا كېتىشتى. گوروي، ئاقپىشماق كەلگەن بىر ئەرەپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ ئۇ بايا تۆگىلەرگە قاراۋاتاتتى، ھازىر ئۇخلىغىلى ماڭغانىدى.
مەن ئوتلاقتا ئوڭدامغا يېتىپ ئۇخلىماقچى بولدۇم، ئەمما كۆزۈمگە ئۇيقۇ ئىلىندىغاندەك قىلمايىتتى، يىراقدىن چىلبۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئولتۇردۇم. بايا يىراقدىن ئاڭلانغان چىلبۆرىلىرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى بىردىنلا يېنىمدا ئاڭلاندى. بىر توپ چىلبۆرە مېنى ئورىۋېلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋال-ۋۇل چاقنايىتتى؛ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن، ئۇرۇق بەدىنى قامچىدىن قورقۇپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋاتقاندەك رېتىملىق، جانلىق تەۋرىنەتتى.
بىر چىلبۆرە ۋۇجۇدۇمدىن ئىسسىقلىق ئالماقچى بولغاندەك ئارقامدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ، قولتۇقۇمغا كىرىپ ماڭا چاپلىشىپ تۇردى. كېيىن ئالدىمغا ئۆتۈپ ماڭا قارىغىنىچە:
-مەن بۇ ئەتتىراپدىكى كاداڭ چىلبۆرە بولىمەن. بۇ يەردە سىزنى قارشى ئالالىغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. مەن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ بولغانىدىم، چۈنكى بىز سىزنى بۇ يەردە بەك ئۇزۇن ساقلىدۇق؛ ئانام، مومام ھەتتا ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئاتا-بوۋىلىرىم جۈمىلىدىن جىمى چىلبۆرىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈشتى. سىز بۇنىڭدىن گۇمانلانماڭ،-دېدى.
-مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ئەجەپلەندىم،-دېدىم. مەن گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ ئوتۇنغا ئوت يېقىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئەسلىدە ئوت قالاپ، ئىس-تۈتەك بىلەن چىلبۆرىلەرنى قوغلىۋەتمەكچى بولغانىدىم،-مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ئەجەپلەندىم. مەن شىمالىي ئىگىزلىكتىن بۇ يەرگە تاساددىبىي كەپقالدىم. بۇنى بىر ۋاقىتلىق سەپەر دېسەممۇ بولىدۇ. ھەي، چىلبۆرىلەر، ئېيتىڭلار، سىلەرنىڭ مەندە نېمە ئىشىڭلار بار؟
ئەتىمالىم ئۇلار مېنىڭ سەمىمى گەپلىرىمدىن ئىلھاملانغان بولسا كېرەك يۇپۇرلۇپ كەلگىنىچە مېنى ئورىۋېلىشتى؛ ھۆمۈدىشەتتى.
-بىلىمىز،-دېدى كاداڭ چىلبۆرە ،-سىز شىماللىق، شىمال دەل بىزنىڭ ئۈمىدگاھىمىز. بۇ يەردىكى ئەرەپلەر ئۇ يەردىكىلەردەك ئەقىللىق ئەمەس، سىزمۇ بىلىسىز، رەھىمسىز، ھاكاۋۇر بۇ ئادەملەردە ئەقىل-پاراسەت يوق. ئۇلار ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ، چىرىپ سېسىپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى كۆزلىرىگە ئىلىشمايدۇ.
-بۇنداق ئۈنلۈك سۆزلىمە،-دېدىم مەن،-يېقىن ئەتتىراپتا ئۇخلاۋاتقان ئەرەپلەر بار.
-سىز راستىنلا ياقا يۇرتلۇق ئادەمكەنسىز ،-دېدى ھېلىقى كاداڭ چىلبۆرە،-بولمىسا سىز دۇنيا تارىخىدا چىلبۆرىلەرنىڭ ئەزىلى ئەرەپلەردىن قورقماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولاتتىڭىز. ئەجەبا بىز چىلبۆرىلەر ئۇلاردىن قورقىمىزمۇ؟ بىزنىڭ بۇ كىشىلەر ئارىسىغا قوغلانغانلىقىمىز بىز ئۈچۈن زور بەخىت ئەمەسمۇ؟
-شۇنداقدۇ، بەلكىم شۇنداقدۇ، -دېدىم مەن،-ئەمما مەن ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا باھا بىرىشنى خالىمايمەن؛ قارىغاندا بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دە، تالاش ئوخشايدۇ؛ بۇ دەتالاشنى چىلبۆرىلەر بىلەن ئەرەپلەر بەلگىلىسە كېرەك؛ شۇڭا بۇ دەتالاش بىر مەيدان كۈرەش ئارقىلىق ئاياقلىشىشى مۇمكىن.
-سىز ھەقىقەتەن زېرەك ئادەمكەنسىز، -دېدى كاداڭ چىلبۆرە؛ چىلبۆرىلەرنىڭ نەپسى جىددىلەشتى؛ ئۇلار جايىدىن مىدىرلىمىسىمۇ كۆكرەكلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسەيدى؛ ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقاندا ئېغىزلىرىدىن چىدىغۇسىز بەتبۇي چىقتى، سىز راستىنلا دانا ئادەمكەنسىز، سىزنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىڭىز بىزنىڭ قەدىمكى دىنىي ئەقىدىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنداقكەن بىز ئۇلارنىڭ قېنىنى ئىچىپ، بۇ بىر مەيدان دەتالاشنى ئاياقلاشتۇرساق بولغۇدەك.
-ئوھوي!-دەۋەتتىم مەن ئىختىيارسىز جىددى ھەم ئۈنلۈك ئاۋازدا،-ئەرەپلەر سىلەرگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن؛ ئۇلار ئوق-ياراقلىرى بىلەن سىلەرنى توپ-توپ ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن.
-سىز بىزنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز،-دېدى كاداڭ چىلبۆرە،-بۇ گەپچە شىمالىي ئىگىزلىكدىكىلەرمۇ ئادەمنى خاتا چۈشۈنۈپ خالىدىكەن-دە، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيمىز. نىل دەرياسىدا بىزنىڭ بەدەنلىرىمىزدىكى قان داغلىرىنى يۇيۇپ تۈگەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ سۇ يوق. بىز ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۈلەڭگۈسىنى كۆرۈشىمىز بىلەنلا قاچىمىز، ھاۋاسى ساپ يەرگە بارىمىز، قۇملۇقلارغا كېتىمىز، شۇڭا بىز ئۇ قۇملارنى ئانا يۇرتىمىز قىلىۋالىمىز.
شۇ ئەسنادا ئەتتىراپدىكى چىلبۆرىلەر ۋە يىراقلاردىن يۈگۈرۈپ كېلىشكەن چىلبۆرىلەر تۈگەل بېشىنى سېلىپ تۇرۇشتى، بېشىنى ئالدى پۇتىنىڭ ئارىسىغا ئالدى، ئالدى پۇتىنىڭ تىرناقلىرى بىلەن باشلىرىنى تاتىلاشتى؛ ئۇلار كۆڭۈللىرىدىكى غەزەپنى، يىرگىنىچلىگىنى ياپماقچى بولغاندەك قىلاتتى. بۇنداق غەزەپ، يىرگىنىچلىك ئادەمنى قاتتىق ساراسىمىگە سالاتتى، بۇ چىلبۆرىلەرنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى.
-خوش، سىلەر قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟-دەپ سورىدىم مەن كاداڭ چىلبۆرىدىن، مەن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم-يۇ، تۇرالمىدىم، ئىككى چىلبۆرە كۈچۈكى ئارقامدىن پەلتورۇم بىلەن كۆينىكىمنى چىشلىۋالغانىدى؛  شۇڭا مەن يەنە ئولتۇرىۋېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
-ئۇلارنىڭ چاپىنىڭىزنى چىشلىگەنلىكى،-دېدى كاداڭ چىلبۆرە چۈشەندۈرۈپ ، -سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىكى .
-مېنى قۇيۇۋېتىڭلار!-دېدىم مەن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن، مەن كاداڭ چىلبۆرىگە ، چىلبۆرە كۈچۈكلىرىگە قارىدىم.
-ئۇلار سىزنى ئەلۋەتتە قۇيۇپ بېرىدۇ،-دېدى كاداڭ چىلبۆرە،-ئۇلار سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇلار ئادەت يۈزىسىدىن ئاۋۋال چوڭقۇر چىشلەپ، كېيىن ئاستا-ئاستا چىشلىرىنى بوشىتىدۇ. سىز يەنىلا بىزنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىمىزگە قۇلاق سېلىڭ!
-سىلەر ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭلار، مەن راستىنلا سىلەرگە بوي سۇنالمىغۇدەكمەن،-دېدىم مەن.
-بىزنىڭ نامۇۋاپىق يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!-دېدى كاداڭ چىلبۆرە. شۇ تاپتا كاداڭ چىلبۆرە تۇغۇلمىشىدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ ھەسىرەتلىك تەلەپپۇز بىلەن گەپ قىلدى،-بىز بىچارە جانىۋارلار، بىزنىڭ پەقەت بىرلا چىشىمىز بار؛ بىز ھەرقانداق بىر ئىش قىلايلى ، ئۇ مەيلى ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش بولسۇن، مۇشۇ چىشىمىز بىردىن-بىر ۋاستىمىز بولىدۇ.
-سەن نېمە قىلاي دەيسەن؟-دەپ سورىدىم مەن ئىللىق تەلەپپۇز بىلەن.
-تەخسىر،-دەپ ۋارقىرىدى كاداڭ چىلبۆرە، قالغان بۆرىلەرمۇ ھۇۋلاشتى؛ مەن شۇ تاپتا يىراقتا بىر ئادەمنىڭ ناخشا ئېيىتىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم،-تەخسىر، سىز دۇنيانى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدىغان بۇ تالاش-تارتىشنى ئاياقلاشتۇرۇڭ. سىز دەل ئاتا-بوۋىلىرىمىز دېگەن بۇ ئىشنى قىلالايدىغان ئادەم. بىز ئەرەپلەر ھۇزۇرىدىن تىنىچلىق تاپايلى، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەيلى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتەيلى، ئەرەپلەر پىچاق تىققان قوينىڭ نالەشلىرىگە قۇلاق سالمايلى؛ جىمى جانىۋارلار خاتىرجەم ئۆلسۇن، بىزنىمۇ ئۇلارنىڭ قانلىرىنى خاتىرجەم ئىچكىلى، گۆشلىرىنى ھالال يىگىلى قويسۇن، ھالال، بىزگە كېرەك بولغىنى شۇ ھالاللىق،-كاداڭ چىلبۆرە سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قالغان چىلبۆرىلەر تۈگەل يىغلاپ-ھۆركىرەشتى-سىزدە ئالىيجاناپ روھ، گۈزەل قەلىپ تۇرۇپ يەنە قانداقمۇ بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالايسىز؟ ئۇلار كېيىۋالغان ئاق كىيىملەر مەينەتلىشىپ كېتىپتۇ، قارا مۇسىبەت كىيىملىرىمۇ ئىپلاسلىشىپتۇ؛ ئۇلارنىڭ ساقال- بۇرۇتلىرىدىن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىنى كۆرسە ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ؛ ئۇلار بىلىكىنى كۆتۈرسە قولتۇقىدا قاپقارا نەرسە كۆرۈنىدۇ. ھەي، مۆھتىرەم تەقسىر، سىز قۇدرەتلىك قولىڭىزغا قايچىڭىزنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ كىكىردىكىنى كېسىپ تاشلاڭ!
كاداڭ چىلبۆرە شۇنداق دېگەچ بېشىنى بىر سىلكىۋىدى شۇ زامان يەنە بىر چىلبۆرە دادلىشىپ كەتكەن كىچىك بىر قايچىنى چىشلىگىنىچە ئېلىپ كەلدى.
-نىھايەت، قايچىمۇ ئەكىلىندى، ئەمدى بۇ ئويۇننى ئاياقلاشتۇرايلى!- كارۋىنىمىز ئىچىدىكى ھېلىقى ئەرەپ يولباشلىغۇچى ۋارقىرىدى. ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە چوڭ قامچىسىنى پولاڭلاتتى. ئەسلىدە ئۇ شامالغا قارشى يۆلۈنۈشنى بويلاپ تۇيدۇرماي يېنىمىزغا كەلگەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن چىلبۆرىلەر بىردەمدىلا تاراپ كېتىشتى. ئەمما ئۇلار يىراققا بارمايلا توختاشتى، بىر-بىرىگە يېقىن تۇرۇشتى. چىلبۆرىلەر ئۇچقۇنداۋاتقان ئېزىتقۇ ئوتقا ئوخشايىتتى.
-مۆھتىرەم بۆرە، بۇ ئويۇننى سەنمۇ كۆردۈڭ، ئاڭلىدىڭ،-دېدى ئەرەپ خوشال كۈلگىنىچە، ئۇ ئادىتى بويىچە ئانچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كېتەلمىدى،-بۇ گەپچە، سەن بۇ جانىۋارلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنسەن-دە؟-دەپ سورىدىم مەن.
-ئەلۋەتتە بىلىمەن تەخسىر!-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ،-بۇنى ئەل-جامائەتنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ ئەرەپلەرلا بولىدىكەن بۇ قايچا قۇملۇقتا سەيىر ئېتىدۇ، بىز بىلەن بىللە ئاخىرقى زامانغىچە بارىدۇ. ھەرقانداق بىر پەرەڭ بۇ قايچىنى قولغا ئالسا بۈيۈك، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدۇ؛ چىلبۆرىلەرنىڭ قارىشىچە ھەربىر پەرەڭ تامامەن مۇۋاپىق نامزات بولالايدۇ. بۇ جانىۋارلاردا بىر خىل تەشۋىشلىك ئۈمىد بار؛ ئۇلار ئەخمەقكەن، راستىنلا ئەخمەتكەن! بىز شۇڭا ئۇلارنى ياقتۇرىمىز؛ ئۇلار بىزنىڭ ئۆي ئىتلىرىمىز؛ سىلەرنىڭ ئۆي ئىتلىرىڭلاردىن چىرايلىق، قاراپ تۇرۇك، كېچىدە ئۆلۈپ قالغان تۆگىنى بۇ يەرگە ئەكەلدۈرىمەن.
تۆت ئادەم تۆگىنىڭ تېپىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمىزغا ئەكەلدى. تۆگە تېپى يەرگە قۇيۇلۇشى بىلەنلا چىلبۆرىلەر ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ھۇۋلاشتى. ھەربىر چىلبۆرە خۇددى چۇلۋۇر بىلەن يېتىلەپ كېلىنگەندەك يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئۇلار دەسلەپتە دىلغۇل بولۇشتى، قۇرساقلىرىنى يەرگە سۈركەشتى. ئۇلار ئەرەپلەرنى، ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇشقانىدى. كۈچلۈك ھىد-بوي تارقىلىپ تۇرغان تاپ ئۇلارغا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. ئۇلارنى ئەسىر قىلىۋالغانىدى. بىر چىلبۆرە تۆگە تېپىنىڭ بوينىغا يامىشىپ، تۆگىنىڭ قان تومۇرىنى چىشلىدى، تۆگىنىڭ بەدىنىدىكى ھەربىر مۇسكۇللىرى خۇددى تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقان سۇ ناسۇسىدەك تارتىشاتتى، تىتىرەيتتى، ئۇلار بىر مەيدان دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈرۈشنى خىيال قىلىشقانىدى. شۇ ئەسنادا جىمى چىلبۆرىلەر تاپ ئۈستىدە ئۈستى-ئۈستىلەپ ياتتى، ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىشتى.
شۇ ئەسنادا ئەرەپ يولباشچى قامچىسى بىەلن چىلبۆرىلەرنى ئۇردى، چىلبۆرىلەر باشلىرىنى كۆتۈرۈشتى؛ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن مەستىلىك چىقىپ تۇراتتى، زېھنىمۇ خىرەلەشكەنىدى؛ ئۇلار شۇنداق قاراش بىلەنلا ئەرەپنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئېغىزىدا قامچىنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىدى؛ شۇنىڭ بىلەن چىلبۆرىلەر چېكىندى، خېلى بىر يەرگىچە چېكىندى. ئەمما تۆگىنىڭ قېنى ھەممە يەرنى بويىۋەتكەنىدى، قاندىن ھىد چىقىپ تۇراتتى، بەدىنىنىڭ بىر قانچە يېرى يوغان-يوغان يېرىۋىتىلگەنىدى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى، ئۇلار تاپنى يەنە ئورىۋېلىشتى. ئەرەپ يولباشلىغۇچى يەنە قامچىسىنى كۆتۈردى؛ مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىم.
-تەخسىر، سىز ناھايىتى توغرا قىلدىڭىز،-دېدى ئۇ،- بىز ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىنى ۋەيران قىلدۇرىۋېتەيلى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يولغا چىقىدىغان چاغ بولۇپ قالدى. سىز ئۇلارنى كۆردىڭىز، ئۇلار راستىنلا غەلىتە جانىۋارلاركەن، شۇنداقمۇ؟ ئۇلار بىزگە نەقەدەر ئۆچ بولۇپ كەتكەن-ھە!
(خەنزۇ «كافكا ھېكايلىرى دىۋانى» ناملىق كىتاپتىن)


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-27 00:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرگۈن ئارالى
فىرانىز كافاكا (ئاۋستىرىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
- بۇ بىر ئېسىل ماشىنا،- دېدى ئوفىتسېر زىيارەتچىگە.
     ئۇ بۇ ئۈسكۈنىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدىن بۇ ئۈسكۈنىنى تەرىپلەۋاتقاندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بۇ ماشىنا بىلەن ئەمەلىيەتتە پىششىق تۇنۇشاتتى. زىيارەتچىنىڭ ئەدەپ يۈزىسىدىنلا بۇ قومانداننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇيرۇققا بويسۇنماي قومانداننى خورلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىكلىنغان ئەسكەرنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. سۈرگۈن ئارىدىكى كىشلەر بۇنداق جازاغا ئانچە قىزىقمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ كىشلەر سۈرگۈن ئارىلى بولسىمۇ، ئەھۋال شۇنداق ئىدى. بۇ پىنھان بىر تاغنىڭ ئىچكىرسىدىكى جىلغا بولۇپ، جىلغىنىڭ ھەممە يېرى ساپلا قۇملۇق ئىدى. ئەتراپىمۇ ساپلا گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس تۆپىلىك ئىدى. بۇ يەردە ئوفىتسېر بىلەن زىيارەتچىدىن باشقا يەنە بىر جىنايەتچى بىلەن بىر ئەسكەرمۇ بار ئىدى. جىنايەتچىنىڭ ئېغىزى كالاچتەك ئېچىلىپ، چاچلىرى سالۋاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايلىرى مەينەت ئىدى، چىرايىدىكى ئالامەتلىرىدىن ئۇنىڭ مۇمىيادەك قېتىپ قالغانلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئەسكەر قولىدا بىر تال ئېغىر زەنجىر كۆتۈرۋالغانىدى. زەنجىرنىڭ بىر ئۇچى بىر قانچە تال ئۇششاق زەنجىرگە تۇتاشقانىدى. گۇناھكارنىڭ پۇت-قوللىرى، بىلەك-بويۇنلىرى زەنجىر بىلەن باغلانغانىدى. يەنە بىر قانچە ئىنچىكە زەنجىر ئارىسىغا يەنە بىر زەنجىر ئۆتكۈزۈلگەنىدى. گۇناھكار قارىماققا ساداقەتمەن بىر ئائىلىگە قارايدىغان ئىتقا ئوخشايتى. ئۇ كىشىگە خۇددى تۆپىلىكتە خالىغانچە تاقلاپ- سەكرەپ يۈرۈش ئۈچۈن قويۇپ بەرگەندەك، ئىسقىرتىش بىلەنلا ياۋاشلىق بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسىنى قوبۇل قىلدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
     زىيارەتچى بۇ ماشىنىغا ئانچە قىزىقمىدى، ئوفىتسېر ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈۋاتقاندا، زىيارەتچى گۇناھكارنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا ماڭدى. ئۇنىڭ چىرايلىرىدا پەرۋاسىزلىق ئالامەتلەر نامايان بولۇپ تۇراتتى. ماشىنا يەرگە چوڭقۇر كۆمۈلگەنىدى. ئوفىتسېر بىرلىرىدە ئۆمىلەپ چۈشسە، بىرلىرىدە شوتىغا يامىشىپ چىقىپ، ماشىنىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى زاپچاسلارنى تەكشۈرەتتى. ئەمەلىيەتتە ئىشلارنى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى رىمۇنۇت قىلىدىغان رىمۇنۇتچىلارغا قالدۇرۇپ قويسا تامامەن بولاتتى، ئەمما ئوفىتسېر ئۆزى بىر قوللۇق كۈچىنىپ ئىشلىدى. ئۇ بۇ ماشىنىغا بەك كۆيۈنگەنلىكتىن ھەم باشقا سەۋەبلەردىن باشقىلارنىڭ رىمۇنۇت قىلىشقا تاشلاپ بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىنىدى.
-جىمى تەييارلىق پۈتتى،- دېدى ئۇ ئاخىرى ۋارقىرىغىنچە شوتىدىن چۈشۋېتىپ.
ئۇ قاتتىق ھارغانىدى، ئېغىزىنى كالاچتەك ئېچىۋېلىپ، قوپال نەپەسلىنەتتى. ئاياللار ئىشلىتىدىغان ئىككى قولياغلىقنى ھەربى فورمىسىنىڭ ياقىسىغا تىقىۋالغانىدى.
- ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا بۇنداق ھەربى فورما كىيىۋالسا بەك ئېغىر كېلىدۇ،-دېدى زىيارەتچى. ئۇ ئوفىتسېر ئۈمىد قىلغاندەك ماشىنىنىڭ ئەھۋالىنى سورىمىدى.
- شۇنداق!-دېدى ئوفىتسېر چىلەكتىكى سۇدا ماي بولۇپ كەتكەن مەينەت قولىنى يۇغاچ،- ئەمما ئۇ ماشىنىلار ۋەتەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز ۋەتەننى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ،- دېدى ئۇ،- قاراڭ بۇ ماشىنىغا،- ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ لۆڭگە بىلەن قولىنى سۈرتكەچ بۇ ماشىنىنى كۆرسەتتى،- شۇ تاپتا مېنىڭ قول سېلىپ بەزى تەييارلىقلارنى قىلىۋېلىشىمغا توغرا كېلۋاتىدۇ. ئەمما تۈۋەن تەرەپتىكى ئىشلارنى ماشىنا ئۆزى ئاپتوماتتىك قىلىدۇ،-زىيارەتچى بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ئوفىتسېرغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئوفىتسېر ئېھتىيات ئۈچۈن يەنە قوشۇپ قويدى،- ئەمەلىيەتتە يەنە چاتاق بار. بۈگۈن چاتاق چىقمىسىكەن دەپ ئىستەيمەن. ئەمما بىز يەنىلا بەزى تەييارلىقنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماشىنا ئۇدا ئون ئىككى سائەت ئايلانغاچقا بەزى كاشىلا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بىز بۇنداق ئۇششاق چاتاقلارنى شۇ زامان ساقايتالايمىز.
      -بىردەم ئولتۇرۋالغىڭىز يوقمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ ئاخىرى  بىر دۆۋە توقۇلما ئورۇندۇقلار ئارىسىدىن بىر ئورۇندۇقنى ئېلىپ زىيارەتچىگە بەردى. زىيارەتچى رەت  قىلىشقا  ئوڭايسىزلىنىپ، بىر كارىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ كارىزغا قارىۋىدى، كارىزنىڭ ئانچە چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى بىلدى. كارىزدىن كولاپ چىققان توپا بىر چەتكە تامدەك دۆۋلىۋېتىلگەنىدى. يەنە بىر تەرەپتە بۇ ماشىنا بار ئىدى. ئوفىتسېر يەنە دېدى،- قۇماندان سىزگە بۇ ماشىنىنىڭ ئىشىنى دېدىمۇ- يوق، خەۋىرىم يوق.
زىيارەتچى چۈشىنىكسىز قول ئىشارىتى قىلىپ قويدى. بۇ ھال دەل ئوفىتسېرنىڭ كۆڭلىگە ئۇيغۇن كەلگەنىدى. شۇنداق بولغاندا ئۇ بۇ ماشىنىنى ئۆزى چۈشەندۈرەتتى.
-بۇ ماشىنىنى،-دېدى ئۇ بىر خادىنى تۇتۇپ، ئۈستى تەرەپكە يۆلەنگىنىچە،-بىزنىڭ پىشقەدەم قوماندانىمىز ئىجات قىلغان. ئەمەلىيەتتە تەجرىبە باشلىنىش بىلەنلا مەن ھەممە ئىشقا قاتناشتىم، تاكى ھەممە ئىش ئاياقلاشقىچە قاتناشتىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىختىرانىڭ  شان-شەرىپى تامامەن ئۇنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۈپ. سىز بىزنىڭ پېشقەدەم قۇماندانىمىز توغرىلىق ئاڭلىغانمۇ- ئاڭلىمىغانمۇ؟ مېنىڭ زىنھار كۆپتۈرۋاتقىنىم يوق، پۈتكۈل سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئارالنىڭ قۇرۇلۇشىنى تامامەن ئۇنىڭ تۆھپىسى دېيىشكە بولىدۇ. بىزگە، ئۇنىڭ دوستلىرىغا، ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدىلا بۇ سۈرگۈن ئارىلىنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ئىكەنلىكى ئايانىدى. ئۇنىڭ ئىزباسارىنىڭ كۆڭلىدە تۈرلۈك- تۈمەن يېڭى پىلانلىرى بولسىمۇ، ئەسلىدىكى سىستېمىنى زىنھار ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەدناسى بىر قانچە يىلغىچە ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ بىشارىتىمىز راستىنلا ئەمەلگە ئاشتى. يېڭى قوماندانمۇ بۇ نۇقتىدىن تەن ئالدى. ھەي، ئېسىت، سىز ئەجەپ بىزنىڭ پېشقەدەم قوماندانىمىزنى كۆرمەپسىز-دە!  
   -ياق،-دېدى ئوفىتسېر بىردەم تىنىۋالغاندىن كېيىن،- مەن ئۇنى- بۇنى دەپ يۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ماشىنىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سىزمۇ كۆردىڭىز. ئۇ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ماشىنىنىڭ تۈۋەنكى قىسىمى «تۆشەك»دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈستۈنكى قىسىمى «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» دېيىلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرىدىكى بۇ ھەرىكەتچان قىسىمى «تىرنا» دەپ ئاتىلىدۇ.
- تىرنا؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى، ئۇ ئانچە دىققەت قىلىپ ئاڭلىمىدى. ئوتتەك قىزىق ئاپتاپ بۇ تاقىر تاغ جىلغىسىنى قىزدۇرۇپ تۇرغاچقا ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش بەسى مۈشكۈل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئوفىتسېرغا تېخىمۇ ئاپرىن ئوقۇدى. ئۇ ئچىسىغا ھىم كېلىدىغان ھەربى فورما كېيىۋالغان ئىدى، مۆرۈلىرىنى ئېغىر كاكارلار بېسىپ تۇراتتى، كىيىمگە رەڭلىك شەلپەر ئارتىۋالغانىدى، پارات قىلۋاتقان ئەسكەرلەر كىينىۋالغاندەك كىيىنىۋالغانىدى، قىزغىن تەلەپپۇز بىلەن چۈشەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ يەنە كۇلۇچ بىلەن ھەر قايسى يەرلەردىكى بۇرمىلارنى چىڭتاتتى.
  ئەسكەرمۇ زىيارەتچىگە ئوخشاش ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمايتى. ئۇ گۇناھكار باغلانغان زەنجىرنى ئۆزىنىڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۋالدى. ئۇ قولىدا تۇتىۋالغان مىلتىققا يۆلىنىپ تۇراتتى، بېشىنى غادايتىپ تۇتقىنىچە ئەتراپىدى ھېچقانداق نەرسىگە پەرۋا قىلمايتى. زىيارەتچى بۇنىڭدىن ئەجەپلەنمىدى. چۈنكى ئوفىتسېر فرانسۇزچە سۆزلىگەنىدى. يەنە كېلىپ ئەسكەر بىلەن جىنايەتچى دېگۈدەكلا چۈشەنمەيتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئوفىتسېرنىڭ چۈشەندۈرىشىنى  پۈتۈن  دېققەت ئتىبارى بىلەن ئاڭلايتى . ئۇنى سەل ئۇيقۇ باسقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ نەزىرى ئوفىتسېر كۆرسەتكەن يەرگىچە سىلجىپ باردى. زىيارەتچى ئوفىتسېردىن سۇئال سورىغاندا ئۆزىمۇ ئوفىتسېردەك بېشىنى بۇراپ زىيارەتچىگە كۈلدى.
-توغرا، تىرنا،-دېدى ئوفىتسېر،- بۇ ئىسىم تولىمۇ مۇۋاپىق قوللىنىلغان. يىڭلەسىمان بۇ نەرسىلەر تىرنىنىڭ چىشىغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن زاپچاسلار ئايلانغاندا پەقەت بۇ يەردىلا چەكلەنسىمۇ، ئىنتايىن ئەپچىل ئايلىنىدۇ، خۇددى تىرنىغىلا ئوخشايدۇ. سىز بىردەم  قاراپ تۇرسىڭىزلا بىلىسىز. گۇناھكار بۇ «تۆشەك» كە ياتقۇزىلىدۇ، مەن ئالدى بىلەن سىزگە بۇ ماشىنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، ماشىنا بىر ئازدىن كېيىن ئايلىنىدۇ، شۇنداق بولغاندا سىز ماشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيسىز. «ھەيكەل تاراش ماشىنىسى»نىڭ چىشلىرى سۈركىلىۋېرىپ بەك كونىراپ كەتكەچكە ئايلانغاندا توختىماي غىچىرلىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇ ئاۋاز دەستىدىن ھەتتا گەپ قىلغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. ئەپسۇس، بۇ يەردە ئالماشتۇرىدىغان زاپچاسنى تاپماق تولىمۇ تەس، ئەمما بۇ يەردىكى، مەن بايا دېگەن «تۆشەك»كە بىر قەۋەت تور پاختا يېيىتىلغان، سىز بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. گۇناھكار تور پاختا ئۈستىدە چىرايىنى تۆۋەنگە قىلىپ ياتىدۇ، ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ  دۈم  ياتىدۇ، بۇ يەردە گۇناھكارلارنىڭ قوللىرىنى باغلايدىغان تاسما بار. ماۋۇ پۇتىنى باغلايدىغان تاسما، ماۋۇ بوينىنى باغلايدىغان تاسما، بۇنداق بولغاندا گۇناھكارنى چىڭ باغلىغىلى بولىدۇ. بۇيەردىكى «تۆشەك» بېشىدا بىر پارچە بورتۇپ چىققان كىچىك كىگىز بار. گۇناھكار دۈم ياتقاندىن كېيىن ئۇ كىگىزنى تەڭشىسە بولىدۇ. گۇناھكار ۋارقىرۋەتمەي ياكى تىلىنى چىشلەپ يارا قىلۋەتمەي دەپ ئۇ كىگىزنى چىشلەپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە كىگىزنى چىشلەپ تۇرىدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ بوينىنى باغلىغان تاسما  ئۇنىڭ  بوينىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ.
-بۇ تور ياخشىمۇ؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى ئېڭىشىپ قارىغىنىچە.
-توغرا،-دېدى ئوفىتسېر كۈلگۈنىچە،- كېلىپ سىلاپ بېقىڭە.
ئۇ زىيارەتچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ «كۆشەك» ئۈستىدە قويدى.
-بۇ بىر خىل ئالاھىدە ياسالغان تورپاختا شۇڭا قارىماققا تور پاختىغا ئوخشىمايدۇ. مەن بىر ئازدىن كېيىن سىزگە ئۇنىڭ ئىشلىتىش يوللىرىنى دەپ بېرىمەن.
زىيارەتچى بۇ ماشىنىغا قىزىقىشقا باشلىدى. ئۇ قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ ئاپتاپنى توسقۇنىچە بېشىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆڭكۈر ئىچىدىكى ماشىنىغا قارىدى. بۇ غايەت زور مەخلۇق ئىدى. «تۆشەك» بىلەن «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» نىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاشتەك قىلاتتى. خۇددى قېنىق رەڭلىك چوڭ ساندۇققا ئوخشايتى. «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» «تۆشەك» نىڭ ئىككى مېتىر ئىگىزلىكىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆت بۇلۇڭى تۆت تال تۇچ تۈۋرۈك ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغاچقا ئاپتاپتا ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە چاقناپ تۇراتتى. «تىرنا» نىڭ ئۈستىگە بىر پولات تاسما چىگىپ قويۇلغانىدى، تاسما ئىككى چوڭ ساندۇق ئارىسىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى.
ئوفىتسېر ساياھەتچىنىڭ باياتىنقى پەرۋاسىز پوزىتسىيەسىنى زىنھار سەزمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قىزىقىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زىيارەتچى ئۆزى چۈشنىۋالسۇن دەپ چۈشەندۈرۈشتىن توختىدى. گۇناھكارمۇ ساياھەتچىنىڭ قىياپىتى بويىچە ئىش قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ قولى باغلاقلىق بولغاچقا، قولى بىلەن ئاپتاپنى توسۇشقا ئامالسىز ئىدى. پەقەت كۆزىنى چىمىلدىتىپلا قاپىقىنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈنگە قارايتى.
-بۇ گەپچە گۇناھكار بۇيەردە دۈم ياتىدىكەن-دە؟-دېدى زىيارەتچى. ئۇ ئورۇندۇقتا پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغان ئىدى.
-شۇنداق،- دېدى ئوفىتسېر. ئۇ بېشىدىكى شىلەپىسىنى ئارقىسىغا قىلىپ قويدى. ئوتتەك قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى سۈرتىدى،- گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، «تۆشەك» بىلەن «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»غا باتارىيە قاچىلانغان. «تۆشەك» نىڭ ئۆزى باتارىيەگە مۇھتاج، ئەمما «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» دىكى باتارىيە پەقەت «تىرنا» ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. «تۆشەك» ئۈستىدىكى ئادەم مەھكەم باغلىنىپ بولغاندىن كېيىن «تۆشەك» قوزغىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ توختىماي يۇقۇرى-تۆۋەن، ئوڭ-سولغا مىدىرلايدۇ. دائىرىسى كەڭ بولمىسىمۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. سىز روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا مۇشۇنداق ماشىنىلارنى كۆرەلەيسىز. ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردىكى «تۆشەك» نىڭ ھەر بىر ھەركىتى توغرا ھېسابلاشتىن ئۆتكەن. چۈنكى «تۆشەك» بىلەن «تىرنا» نىڭ ھەركىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم يەنىلا «تىرنا» ئارقىلىق تاماملىنىدۇ.
-بۇ ئادەم قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى.
-سىز تېخى بىلمەمسىز؟-دەپ سورىدى ئوفىتسېر ھەيران بولغىنىچە لەۋلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ،- بەك سەت بولدى. بەلكى مەن ئېنىق چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن. مېنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئىستەيمەن. پىشقەدەم قوماندان ئۆزى چۈشەندۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان. ئەمما يېڭىدىن كەلگەن قوماندان بۇنداق شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى. ئەمما سىزدەك مۇرەۋەتلىك مېھمانغا...-زىيارەتچى ئالدىراپ قولىنى پۇللاڭلاتقىنىچە بۇنداق شەرەپنى قوبۇل قىلىشقا ھەددىم ئەمەس دېگەن مەنانى بىلدۈردى. ئەمما ئوفىتسېر سۆزۈنى داۋاملاشتۇردى،-سىزدەك مۇرەۋۋەتلىك مېھمانغا نىسبەتەن بىزنىڭ ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىش شەكلىنى چۈشەندۈرمەيمىز. بۇ ھەم بىر تۈرلۈك ئىسلاھات، بۇ ئىسلاھات ...-ئۇ ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىۋەتكىلى تاسلا قالدى. ئەمما شۇزامان ئۆزىنى تۇتىۋالدى،-ئىشتىن ئىلگىرى ماڭا ھېچكىم ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، شۇڭا بۇ ئىشنى مەندىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت مەنلا بىزنىڭ گۇناھكارغا جازا ھۆكۈم قىلىش شەكلىنى چۈشەندۈرەلەيمەن. چۈنكى مەندە گۇناھكارنى قانداق جازالاش خەرىتىسى بار...- ئۇ چاپىنىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردى،- بۇ پىشقەدەم قوماندان ئۆز قولى بىلەن سىزغان مۇناسىۋەتلىك خەرىتە.
- پىشقەدەم قوماندان ئۆز قولى بىلەن سىزغان خەرىتە ؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى،-ئۇنداقتا ئۇ ئادەم تولۇق يېتىشكەن ئىستىدات ئىگىسىكەندە؟ ئۇ ھەم ھەربىي ھەم سودىيە، يەنە تېخى ئېنژىنىر، خېمىيە ئالىمى ھەم چىرتىيوژچى ئىكەن-دە؟
-ئۇ ھەقىقەتەن تولۇق يېتىلگەن ئىستىدات ئىگىسىكەن،- ئوفىتسېرنىڭ كۆزلىرىدىن كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ سەل خىيال سۈرگىنىچە بېشىنى لىڭشىتىۋاتاتتى. ئۇ كېيىن ئۆزىنىڭ قولىغا قارىدى، بىردەم سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن قولىرىنىڭ ئانچە پاكىزە ئەمەسلىكىنى سېزىپ، خەرىتىنى تۇتسام بولمايدىكەن دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىلەك ئالدىغا كېلىپ قولىنى يۇيدى. ئۇ كېيىن يانچۇقىدىن بىر كىچىك ھەمياننى ئالغاچ دېدى،- بىزنىڭ جازا ھۆكۈمىمىز ئانچە ئېغىر ئەمەس، گۇناھكار ھەرقانداق قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مۇشۇ «تىرنا» بىلەن ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۇنىڭ بەدىنىگە ئۇيۇلىدۇ. مەسىلەن، بۇ گۇناھكارنى ئالساق،- دېدى ئوفىتسېر ئۇ گۇناھكارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- ئۇنىڭ بەدىنىگە «سىزنىڭ ھۆرمەتلىك باشلىقىڭىز» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان.
زىيارەتچى گۇناھكارغا لەپپىدە قاراپ قويدى، ئوفىتسېر ئۇنى كۆرسەتكەندە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىتىكى كۈچىنى يىغىپ ئاڭلاۋاتقاندەك، بىرەر نەرسىنى ئاڭلىماقچى بۇلۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇ قېلىن لەۋلىرىنى دومسايتتى، ئۇ توختىناي مىدىرلايتى، ئۇنىڭ ھېچقانداق نەرسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. زىيارەتچى ھەيران بولغىنىچە پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتىدى،- ئەمىسە ئۇ ئاقلاشنىڭ پايدىسى بارلىقىنى بىلەمدۇ؟
-ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ،-دېدى ئوفىتسېر يىراقلارغا نەزەر تاشلىغىنىچە، ئۇ ئۆز-ئۆزى بىلەن سۆزلىشۋاتقاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇ بۇنى ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەپ سېزەتتى. ئەمما ئۇ يەنە چۈشەندۈرسە، زىيارەتچى تەڭقىس ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
-ئەمما ئۇ جەزمەن ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن،- زىيارەتچى ئورۇندۇقتىن تۇردى.
ئوفىتسېر ماشىنىنى چۈشەندۈرىمەن دەپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقا دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى سەزدى-دە، زىيارەتچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ-گۇناھلارنى كۆرسەتتى. گۇناھكارمۇ پۈتۈن دېققىتىنى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتۈردى. ئۇ تولىمۇ بىئارام بولۋاتقاندەك سەزدى، يەنە كېلىپ ئەسكەر ئۇنىڭ قولىدىكى زەنجىرىنى چىڭ تارتىپ تۇرغانىدى.
-ئىش مانا مۇشۇنداق، مەن سۈرگۈن ئارىلىنىڭ سودىيەسىگە تەيىنلەندىم. مەن تېخى ياش بولساممۇ، پىشقەدەم قوماندان تۈرلۈك جىنايى ئىشلارنى جازالىغاندا ئىزچىل ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇپ كەلدىم. يەنە كېلىپ مەن بۇ ماشىنا بىلەنمۇ پىششىق تونۇشىمەن. مېنىڭ گۇناھكارلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشىمدىكى ئاساسىي پىرىنسىپىم: گۇناھكارلارنى جازاغا تارتىش، باشقا سوت كوللىگىيەسى بۇنداق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلاردا زاستادىللا ئۆمىكى بار، يەنە تېخى بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت كوللىگىيەسىمۇ بار. ئەمما بۇ يەردە ئوخشىمايدۇ، ئەدناسى سابىق قوماندان ۋەزىپىگە ئولتۇرغان چاغدىلا ئوخشىمايتى. ھەقىقەتەن يېڭى قوماندانمۇ مېنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پىرىنسىپىمغا مۇداخىلە قىلىشقا ئورۇنۇپ باققانىدى. ئەمما مەن ھازىرغا قەدەر ئۇنى ئۈنۈملۈك توسۇپ كەلدىم. يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنى ئىزچىل ئۈنۈملۈك توسۇپ كېلەلەيمەن. بەلكىم سىزنىڭ بۇ دېلونى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىغۇڭىز كېلۋاتقاندۇ، ئەمەلىيەتتە ئىش تولىمۇ ئاددىي. ئۇ بىر ئادەتتىكى دېلو: بۈگۈن ئەتتىگەندە بىر كاپىتان دېلو مەلۇم قىلىپ ئۇنىڭ بىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكىرى ئىشىك ئالدىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇ ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەر قېتىم سائەت توشۇپ  سايرىغاندا كاپىتاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىش كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەم مۇھاپىزەتچى  ھەم ۋەزىپە ئۆتۈگۈچى ئىدى. ئۇ ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشى كېرەك ئىدى. تۈنۈگۈن كېچە كاپىتان ئۇنىڭ ئىش ئورنىنى تەكشۈرگەنىكەن، بۇ ئادەمنىڭ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كاپىتان يېنىدىن قامچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇرۇپتۇ. ئۇ كاپىتانغا كەچۈرۈڭ دەپ ئۆتۈنۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كاپىتاننىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆرۈكنى لىڭشىتقاندەك لىڭشىتىپتۇ. تېخى: « قولۇڭدىكى قامچىنى تاشلا، بولمىسا مەن سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن» دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇ دېلونىڭ جەريانى مانا مۇشۇنداق، كاپىتان بىر سائەت ئىلگىرى مېنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەنىكەن. مەن ئۇ مەلۇم قىلغان دېلو ئەھۋالىنى خاتىرلىۋالدىم، كېيىن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقاردىم، ئاندىن ئۇنىڭ جىنايىتىنى قانۇن ئۆلچىمىگە سالدىم. پۈتكۈل جەريان ناھايىتى ئاددى. ئەگەر مەن ئۇنى ئاۋۋال چاقىرىپ كېلىپ ئاندىن سوراق قىلسام، نەتىجىدە بەك ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا بولۇشى، ئۇ يالغان سۆزلىشى، مەن ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىنى بىلىپ قالساممۇ، ئۇ يەنە يېڭىدىن يالغان گەپلەرنى توقۇپ چىقىشى، بۇنداق ھالەت تۈگىمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما مەن ھازىر ئۇنى تۇتىۋالدىم. ئەمدى ئۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئەمدى ھەممە ئەھۋال ئېنىق بولغاندۇ؟  ئەمما ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى-بىز ئەمدى ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما مەن تېخى بۇ ماشىنىنى چۈشەندۈرۈپ بولمىدىم!
ئوفىتسېر زىيارەتچىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ دەپ باستى ۋە يەنە ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
-قاراڭ، بۇ «تىرنا» ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ، بۇ چىشلىق چاقلار ئادەمنىڭ بەدىنىگە قارىتىلغان، بۇ يەردە بۇ ئىككى پۇت بەدەننى تىرەپ تۇرىدۇ، بۇ كىچىك پىچاق ئادەمنىڭ باش قىسىمىغا قارىتىلغان، ئەمدى ئېنىق بىلگەنسىز؟
   ئۇ ئىڭىشكىنىچە زىيارەتچىدىن سورىدى، زىيارەتچىگە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەرەددۇتلەندى.
زىيارەتچى «تىرنا»غا قارىغىنىچە قوشۇمىسىنى تۇرۇپ تۇردى. ئۇ بۇنداق ئەدىلىيە تەرتىپىدىن قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، بۇ يەرنىڭ سۈرگۈن ئارىلى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق يەردە بەزى ئالاھىدە ئائىدە-قانۇننىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى جىمى ئىشنىڭ ھەربىي قائىدە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەن ئالدى. ئەمما ئۇ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇ قومانداندىن بەزى ئۈمىدلەرنى كۈتتى. يېڭىدىن كەلگەن قومانداننىڭ ھەركىتى ئاستا بولسىمۇ، يېڭى بىر تەرتىپكە كىرىشنى ئويلاۋاتاتتى. بۇ ئوفىتسېر ئۆزىنىڭ چەكلىك چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بۇنداق يېڭى تەرتىپنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
زىيارەتچى ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە يەنە :
- قوماندان كېلىپ بۇ جازاغا قاتنىشامدۇ؟-دەپ سورىدى.
-بۇنىڭغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ،-دېدى ئوفىتسېر.
ئوفىتسېر تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن گاڭگىراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى دوستانە ھېسيات سەل ئۆزگەردى.
-شۇڭا بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتايلى، ھەي، ئېسىت، مەن تېخىمۇ ئاددى، قىسقا سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم-دە! ئەمما مەن ئەتە ماشىنىنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن-بۇ ماشىنىنىڭ بىردىن بىر كەمچىلىكى شۇكى، ماشىنا ناھايىتى ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ-مەن سىزگە تولۇقلاپ تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسەم بولىدۇ. مەن ھازىر پەقەت زۆرۈر بولغانلىرىنىلا سۆزلەپ بېرەي. گۇناھكار «تۆشەك»تە ياتقاندىن كېيىن «تۆشەك» تەۋرىنىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن «تىرنا» ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشىدۇ. «تىرنا» ئۆزلۈكىدىن ئورنىنى تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىرنىنىڭ چىشلىق چاقى ئادەم بەدىنىگە تېگىدۇ. كېيىن بۇ پولات سىم خۇددى پولات كالتەكتەك چىڭ تارتىلىدۇ. تۈۋەن تەرەپتىن باشلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەر تۈرلۈك ئوخشىماسلىقلار ئارىسىدا قانداق ئوخشىماسلىقنىڭ بارلىقىنى كۆرەلمەيدۇ. «تىرنا» خىزمەت قىلۋاتقاندا ھەممىسى ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. تەۋرەنگەن  چاغدا ئۇنىڭ  چىشلىق چاقلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىمۇ «تۆشەك»نىڭ تاسقىلىشىغا ئەگىشىپ توختىماي تاسقىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا  قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلىشى ئۈچۈن «تىرنا سائىتى» نى ئورنىتىش سەل قىيىنغا توختايدۇ، ئەمما بىز بىر قانچە قېتىم سىناق قىلغاندىن كېيىن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، قىيىنكەن دەپ چېكىنمىدۇق. شۇنداق قىلىپ، گۇناھكارنىڭ بەدىنىگە خەت ئويغاندا ھەر بىر ئادەم ئەينەكتىن ئېنىق كۆرەلەيدۇ، سىزنىڭ يېقىنراق بېرىپ «تىرنا» نىڭ ئۈستىدىكى يىڭلىلارنى كۆرۈپ باققۇڭىز يوقمۇ؟
زىيارەتچى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، «تىرنا» نىڭ ئالدىغا باردى ۋە ئىڭىشكىنىچە «تىرنا»غا قارىدى.
-قاراڭ،-دېدى ئوفىتسېر،-ئىككى خىل يىڭلە بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ رەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان. ھەر بىر ئۇزۇن يىڭلىنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر تال قىسقا يىڭلە بارىدى. ئۇزۇن يىڭلە خەت ئويۇدۇ، قىسقا يىڭنە سۇ پۈركۈپ ئادەم بەدىنىدىن چىقكقان قاننى سىرتقا ئېقىتىپ كېتىدۇ، قان بولۇپ كەتكەن سۇ كىچىك ئوقۇردىن ئۆتۈپ چوڭ ئوقۇرغا قويۇلىدۇ. ئاندىن يۇندا سۇ تۇربىسى ئارقىلىق ئېرىققا قۇيۇلىدۇ،- ئوفىتسېر قان بولۇپ كەتكەن سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى كۆرسەتتى. ئۇ تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قولىنى تۇرۇبىنىڭ ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ ئۈلگە كۆرسەتتى. زىيارەتچى بېشىنى كۆتۈردى. قولى بىلەن ئارقا تەرىپىنى سىلاشتۇردى، ئۇ ئورۇندۇققا قايتماقچى بولدى، بۇ چاغدا ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ كۆرگەن گۇناھكارمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئوفىتسېرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېلىپ «تىرنا» نىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆردى. ئۇ قولىدا زەنجىرنى تۇتقىنىچە ئۇخلاپ قالغان ئەسكەرنى سەل ئالدىغاراق سۆرەپ ئەكەلدى ۋە ئىڭىشكىنىچە ئەينەكتىن قارىدى. ئۇ شۆبھە نەزىرى بىلەن بايا ھېلقى ئىككى ئەپەندى كۆرگەن نەرسىنى كۆردى، ئەمما ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئوفىتسېرنىڭ چۈشەندۈرىشىنى چۈشەنمىدى. ئۇ بىردەم بۇياققا، بىردەم بۇياققا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەينەك ئالدىدا توختىماي ئايلىناتتى. زىيارەتچى ئۇنى ئىتتىرىپ قايتۇرۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى بۇنداق بولسا ئۇ جەزمەن جازاغا ئۇچرايتى. ئەمما ئوفىتسېر  بىر قولى بىلەن زىيارەتچىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتىۋالغانىدى. يەنە بىر قولى بىلەن توپا دۆۋىسىدىن بىر تال چالمىنى ئېلىپ، ئەسكەرلەرگە قارىتىپ ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر كۆزىنى ئېچىپ قارىۋىدى، گۇناھكارنىڭ شۇ قەدەر قاپ يۈرەكلىك قىلغانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىلتىقىنى يەرگە تاشلاپ، يەرنى مەھكەم دەسسەپ تۇرغىنىچە گۇناھكارنى ئارقىسىغا بىر تارتىۋىدى، گۇناھكار يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ئەسكەر بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۇنىڭ يەردە موللاق ئېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. زەنجىرىنىڭ شاراقشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى،- ئۇنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇڭلار!-دېدى ئوفىتسېر. كېيىن ئۇ زىيارەتچىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى پۈتۈنلەي گۇناھكارغا ئاغدۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا بەدىنىنى «تىرنا» تەرەپكە سوزۇپ، گۇناھكارنىڭ زادى قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
-ئۇنى ئوبدان تۇتۇڭلار،-دەپ ۋارقىردى ئوفىتسېر يەنە.
ئۇ ماشىنىنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ كەلدى-دە، ئۆزى گۇناھكارنىڭ بىلىكىنىڭ ئاستىدىن تۇتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن تېيىلىپ كەتكەن گۇناھكارلارنى تارتىپ چىقاردى.
-ھازىر ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى،- دېدى ئوفىتسېر قايتىپ كەلگەندە زىيارەت قىلغۇچىغا،-يەنە ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بار!-، ئوفىتسېر زىيارەت قىلغۇچىنىڭ بىلىكىنى تارتىپ ، ماشىنىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى،- «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» ئىچىگە بىر ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈسكۈنە تىرنىنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۈسكىنە ھۆكۈم قىلغان ئوخشىماسلىققا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان لايىھە تاللىشىدۇ. مەن ھازىر پىشقەدەم قۇمانداننىڭ لايىھەسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، قاراڭ،-ئۇ شۇنداق دېگەچ سومكىسىدىن بىر قانچە خەرىتىنى ئالدى،- كۆپتىن-كۆپ كەچۈرۈڭ.  بۇلارنى سىز قولىڭىزغا قويسىڭىز بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ ئىلكىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە. ئولتۇرۇڭ، مەن بۇيەردە سىزگە كۆرسىتىپ قوياي، شۇنداق بولسا سىزمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز،-ئۇ بىرىنچى ۋاراق قەغەزنى ئاچتى، زىيارەتچى بىر قانچە ئېغىز تەكەللۇپ گەپ قىلماقچى بولىۋىدى، ئۇ سىرلىق ساراي يوللىرىدەك ئەگرى-بۈگرى سىزىقلارنىڭ قالايمىقان بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، قەغەزنىڭ پۈتۈن يۈزىدە ساپلا سىزىق بار ئىدى، قەغەزنىڭ بوش يېرىنى تاپماق تەس ئىدى،-قاراڭ،-دېدى ئوفىتسېر.
-مەن بۇلارنى كۆرۈپ چۈشەندىم،-دېدى زىيارەتچى جاۋابەن.
   -شۇنداق!-ئوفىتسېر كۈلگۈنىچە سومكىسىنى قويىپ قويۇپ،-ئەمما بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەشق دەپتىرى ئەمەس، ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندىلا ئاندىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. سىز ھامان ئوقۇپ چۈشىنەلەيسىز. ئەمەلىيەتتە بەك ئاددى بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنى بىراقلا ئۆلتۈرۋېتىشكە بولمايدۇ، ئادەتتە ئون ئىككى سائەتكە داۋاملىشىدۇ. ئالتە سائەت بىر بۇرلۇش نۇقتىسى بولىدۇ. شۇڭا ئاساسلىق يېزىق ئەتراپىغا بەزى بېزەك خارەكتېرلىك سىخىمىلار سىزىلغان، يېزىقنىڭ ئۆزى ئىنچىكە بەلباغدەك ئۇنىڭ بەدىنىنى بىر ئايلىنىپ  چىقىدۇ، پەقەت بەلباغ كەڭ بولسا، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرى زىننەتلەش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويىلىدۇ. سىز ئەمدى «تىرنا» بىلەن پۈتكۈل ماشىنىنىڭ ئايلىنىشىنى ئېنىق چۈشەنگەنسىز؟ قېنى مەرھەمەت، سىز ئۆزىڭىز كېلىپ قاراڭ !-ئۇ شوتىغا سەكرەپ چىقىپ بىر چاقىنى چۆرۈپ ئايلاندۇردى. كېيىن پەسكە قاراپ ۋارقىرىدى،-دىققەت قىلىڭ، ماۋۇ تەرەپتە تۇرۇڭ.
    پۈتكۈل ماشىنا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەگەر ماشىنىنىڭ چاقلىرى غىچىرلىمىغان بولسا، ماشىنا تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلغان بۇلاتتى. ئوفىتسېر خاپا بولغىنىچە چاقىغا قاراپ مۇشتۇملىرىنى پۇلاڭلاتتى. ئۇنىڭ غاجىلىدىغان ئاۋازىدىن تولىمۇ ھەيران بولدى، كېيىن ئۇ قوللىرىنى كېرىدى، قاتتىق ئامالسىز قالغاندەك زىيارەتچىگە ئۆزرە ئېيتتى. ئۇ ناھايىتى تېزلا شوتىدىن پەسكە چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى كۈزەتتى.
يەنە بىر جاينىڭ ئايلىنىشى نورمال ئەمەس ئىدى، بۇ چاتاقنى پەقەت شۇلا سېزەلەيتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە شوتىنى بويلاپ ئۈستۈنگە چىقتى، ئىككى قولىنى «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» ئىچىگە ئۇزارتتى. ئۇ تېزراق چۈشۈش ئۈچۈن شوتا بىلەن ئەمەس، توم بىر تۈۋرۈكنى بويلاپ سىيرىلىپ چۈشتى. ماشىنا ھەيۋەت بىلەن ئاۋاز چىقىراتتى. ئۇ ئاۋازىمنى باشقىلار ئاڭلىسۇن دەپ زىيارەتچىنىڭ قۇلقىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى:
- سىز ئەمدى جەرياننى چۈشەنگەنسىز؟ «تىرنا» ھازىرلا خەت يېزىشقا باشلايدۇ. گۇناھكارنىڭ دۈمبىسىدە بىرىنچى قىسىم تاماملىنىپ  بولغاندىن كېيىن تور پاختا قاتلىمى ئۆرۈلۈپ ئايلىنىشقا باشلاپ گۇناھكارنى ئاستا-ئاستا بىر تەرەپكە ئايلاندۇرپ ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «تىرنا» يېڭى بىر يەردە داۋاملىق خەت يازىدۇ. يەنە تور پاختا قاتلىمى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغاچقا خەت يېزىلىپ بولغان قىسىمى تور پاختىغا تەگكەندىن كېيىنلا قان توختايدۇ، «تىرنا» خەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر يازىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بەدىنى توختىماي ئايلىنىدۇ، «تىرنا» نىڭ يېنىدكى پۇرژۇنلۇق چىش يارا ئېغىزىغا چاپلىشىپ قالغان تور پاختىنى يىرتىپ ئېلىپ، ئېرىققا تاشلىۋېتىدۇ. كېيىن «تىرنا» يەنە نورمال خىزمەتنى باشلايدۇ. ئۇدا ئون ئىككى سائەت گۇناھكار بۇرۇنقىدەك تىرىك تۇرۇۋېرىدۇ، ئاچچىق ئازاپقا چىداپ تۇرىدۇ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇ ئېغىزدا چىشلەپ تۇرۋاتقان كىگىز ئېلىپ كېتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا گۇناھكارنىڭ ۋارقىرىغىدەك مادارى قالمايدۇ. «تۆشەك» بېشىدا بىر قىزىتىلغان تاۋاق بار بولۇپ، تاۋاققا توشقىچە ئىللىق شويلا ئۇسۇلىدۇ. ئەگەر گۇناھكارنىڭ يىگۈسى كەلسە، ئۇنى تىلى بىلەن يالاپ يەيدۇ. ھېچكىمنىڭمۇ بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ. مەن نۇرغۇن گۇناھكارلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدىم. ئەمما بىرسىنىڭمۇ ئۇنى ئىچكىنىنى كۆرمىدىم. ئالتە سائەتلەردىن كېيىن ئۇلار تاۋى يوق ھالدا ئۇنى ئىچىدۇ. مەن بۇچاغدا پۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنى كۆزىتىمەن، ئاخىرى ناھايىتى ئاز ساندىكى گۇناھكارلار بىر يۇتۇم ئىچىدۇ، ئېغىزىدا ئۆمەللەپ ئاخىرى ئېرىققا تۈكۈرۋېتىدۇ. گۇناھكار ئېرىققا تۈكۈرگەن چاغدا مەن تېزدىن بىر تەرەپكە بولىۋالىمەن، بولمىسا ئۇ يۈزۈمگە تۆكىرۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئالتە سائەت بولغاندا ئۇ يەردىكى گۇناھكارلار تولىمۇ تىنىچلىنىدۇ، ھەتتا ئەڭ ئەخمەق، باڭقۇش ئادەملەرمۇ تېتىكلىشىپ كېتىدۇ. بۇ جەريان ئالدى بىلەن كۆزدىن باشلىنىپ، ئاستا-ئاستا ئەتتىراپقا كېڭىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشلەرنى مەنمۇ «تىرنا» نىڭ تەكتىدە ياتسامكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما ھېچقانداق غەلىتىلىك روي بەرمەيدۇ، گۇناھكار پەقەت بەدىنىدىكى خەتنى كۆرۈشنى ئويلايدۇ. ئۇ ئېغىزىنى دومسايتقىنىچە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندەك قىلىدۇ. سىزمۇ كۆردىڭىز ئۇ خەتلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈش ئاسان ئەمەس. ئەمما گۇناھكار بەدىنىدىكى چاقا ئېغىزى ئارقىلىق ئوقۇيدۇ، بۇنىڭغا ئەمىليەتتە تېخىمۇ جىق كۈچ كېتىدۇ. ئالتە سائەت ۋاقىتتا ئاندىن ئىش تاماملىنىدۇ. شۇ چاغدا «تىرنا» گۇناھكارلارنى تۈكۈرۈپ چىقىرىپ ئېرىققا تاشلىۋېتىدۇ. گۇناھكارنىڭ بەدىنى «پولتوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئېرىققا چۈشىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن ئېرىقتىكى قان بولۇپ كەتكەن  سۇ بىلەن تور پاختا تەرەپ-تەرەپكە چاچراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ، كېيىن ئۆلۈم جازاسى ئاياقلىشىدۇ، بىز-مەن بىلەن ئەسكەر گۇناھكارلارنى كۆمۈۋېتىمىز.
زىيارەتچى ئىزچىل قۇلاق سېلىپ ئوفىتسېرنىڭ گېپىنى ئاڭلىدى، قوللىرىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغىنىچە ماشىنىنىڭ ئايلىنىشقا قاراپ تۇردى. گۇناھكارمۇ قاراپ تۇردى، ئەمما ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمىدى. ئۇ بەدىنىنى ئالدىغا قىلدى، كۆزىڭىزنىڭ قارچۇقى «تىرنا»نىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئايلاندى. بۇ چاغدا ئەسكەر ئوفىتسېرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پىچاقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ كۆينىكى بىلەن ئىشتىنىنى كېسىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۇناھكارنىڭ كىيمى ئۇچىسىدىن سىيرىلىپ چۈشىدۇ. ئۇ چۈشۈپ كەتكەن كىيمىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئوچۇق قالغان يەرلىرىنى ياپماقچى بولىۋىدى، ئەسكەر كېلىپ ئۇنى تۇتىۋالدى، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى قېقىپ چۈشۈرۋەتتى. ئوفىتسېر ماشىنىنى ئېتىۋەتتى، كېيىن بىر ئەسنا ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىقتا گۇناھكار «ئۇلار مېنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما كېيىن «تىرنا» تۆۋەن چۈشۈشكە باشلىدى. چۈنكى گۇناھكارنىڭ تېنى سەل ئورۇق ئىدى. يىڭلىلەرنىڭ ئۇچى ئۇنىڭ بەدىنىگە تەگكەندە ئۇنىڭ تېرىلىرى تىترەپ، سۈركۈنۈپ كەتتى. ئەسكەر ئالدىرغىنىچە ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى باغلاۋاتقاندا ئۇ پەرۋاسىزلارچە سول قولىنى ئۇزارتتى، ئەمما ئۇ زىيارەتچى تۇرغان يۆنىلىشنى كۆرسەتتى. ئوفىتسېر بىر چەتتە ئۆرە تۇرغىنىچە زىيارەتچىگە قاراپ تۇردى، ئۇنىڭدىن نەزىرىنى بىر دەقىقىمۇ ئۈزمىدى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسىغا قانداق تەسىراتقا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇ ئاللاقاچان چۈشەندۈرگەنىدى. ئەدناسى ئاددىراق بولسىمۇ، بىر قېتىم چۈشەندۈرگەنىدى.
ئۇنىڭ قولىنى باغلىغان تېرە بەلباغ ئۈزۈلۈپ كەتتى، ئەمما ئەسكەر ئۇنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالغانىدى. ئەسكەر ئوفىتسېرغا ئۈزۈلۈپ كەتكەن بەلباغنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى. ئۇنىڭغا تېز بېرىپ تۇتقۇچنى تۇتقۇزماقچى بولدى. ئوفىتسېر ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئۇ ھېلىھەم بېشىنى زىيارەتچى تەرەپكە بۇراپ تۇرۇپ :
-بۇ ماشىنا بەك مۇرەككەپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئومۇمىي قارىشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن بىز ھازىرلا يېڭى تاسما ئالماشتۇرىمىز، مەن ھازىر تۆمۈر زەنجىر ئىشلىتەيمىكىن دەيمەن. شۇنداق قىلسام ئۇنىڭ سول بىلىكى قاتتىق تىترەيدۇ، ئۇ زەنجىرنى چىگكەچ دېدى،- ھازىر ماشىنىنى ئاسراش مەبلىغى چەكلىك. پىشقەدەم قوماندان ھايات چېغىدا مەخسۇس ماشىنا ئاسراش مەبلىغى تەستىقلىغانىدى. مەن ئۇ پۇلدىن خالىغانچە ئالالايتىم. يەنە بىر مەخسۇس ئامبارمۇ بار ئىدى. ئامباردا ھەر خىل زاپچاسلار دۆۋلىنىپ تۇراتتى. ئۆزۈم تەن ئالىمەن، مەن قاتتىق ئىسراپچىلىق قىلغانىدىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر ئەمەس، بۇرۇن شۇنداق قىلغانىدىم. بۇ جەھەتتە يېڭى كەلگەن قومانداننىڭ دېگىنىمۇ توغرا. ئەمما ئۇ ھەممە نەرسىنى باھانە قىلىپ، ئەسلىدىكى ئۇسۇلغا قارشى تۇردى. ئۇ ھازىر ھېلقى پۇلنى تىزگىنلىۋالدى. ئەگەر مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ كونا تاسمىنى باھانە قىلىشى، يەنە كېلىپ يېڭى تاسما ئون كۈندىن كېيىن كېلىدۇ دېيىشى مۇمكىن ئىدى. تېخى بۇ ناچار تاسمىلارنىڭ ئانچە كۆپ ئىشلىتىش ئورنىمۇ يوق دېيىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مەزگەىلدە تاسما بولمىسا ماشىنا قانداق ئايلىنىدۇ؟ بۇنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.
زىيارەتچى يات يەردە خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشىشتا چوقۇم ئويلىنىپ ئىش قىلىش كېرەك دوپ ئويلىدى. ئۇ سۈرگۈن ئارىلىنىڭ ئادىمىمۇ ئەمەس ھەم بۇ سۈرگۈن ئارالنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتنىڭ پۇقراسىمۇ ئەمەس ئىدى، ئەگەر ئۇ كېلىپ بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسىنى ئەيىپلىسە ياكى توسسا كىشلەر جەزمەن:« سەن بىر چەت ئەللىك سېنىڭ گەپ قىلىش ھەققىڭ يوق دېيىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گەپ قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت چۈشەندۈرەلىسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيتى. ئۇنىڭ زىيارەت قىلىشىدىكى مەقسەت پەقەت تەكشۈرۈش ئىدى. ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئەمەس ئىدى! شۇنداق بولغاچقا بۇ يەردىكى ئەھۋال راستىنلا ئۇنىڭ  ئارىلىشىش ئىستىكىنى يوقاتقانىدى. چۈنكى ئەدىللىيە تەرتىپىنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئېچىنىشلىقىدىن، يولسىزلىقىدىن زىنھار شۈبھىلىنىشكە بولمايتى.
ئەمما بىز زىيارەتچىنى ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ دېيەلمەيمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئىشقىلىپ گۇناھكار ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايتى، ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى تېخىمۇ ئۆتۈنمىگەنىدى. زىيارەتچى يۇقۇرىدىكى ئەمەلدارنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئالغاچ كەلگەنىدى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردە تولۇق كۈتۈۋېلىشقا سازاۋەر بولدى. ئۇنى بۇ يەرگە كېلىپ بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسىنى گۈزۈتۈشكە چىللاش يوشۇرۇن دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلغانىدى، ئۇنىڭدىن بۇ ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىشنى ئىستىگەنىدى. بۇ ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن ئىدى. چۈنكى ئۇمۇ چۈشەنگەنىدى. قۇمانداننىڭ ئۆزى بۇنداق ئەدىلىيە تەرتىپىنى قوللىمايتى. ئۇنىڭ ئوفىتسېر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمۇ ئىنتايىن جىددى ئىدى.
بىردىنلا زىيارەتچى ئوفىتسېرنىڭ قاتتىق ۋارقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئەسلىدە ئۇ كىگىزنى مىڭ تەسلىكتە گۇناھكارنىڭ ئېغىزىغا تىققانىدى. گۇناھكار چىداپ بولالماي بىر ئەسنا قەي قىلغۇسى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە قۇستى. ئوفىتسېر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى تارتىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كارىز تەرەپكە قىلماقچى بولدى. ئەمما ئۇ كېچىككەنىدى. ئۇنىڭ گېلىدىن مەينەت نەرسىلەر چىقىپ، ماشىنىغا ئېقىپ چۈشتى،–بۇلارنىڭ ھەممىسى قومانداننىڭ كاساپىتى!-دەپ ۋارقىرىدى ئوفىتسېر، ئۇ غەزەپتىن ئالدىدىكى تۇچ، مىس تۈۋرۈكنى قالايمىقان پۇلاڭلاتتى،-ماشىنامنى ساپلا ئىشەك ئېغىلى قىلۋەتتى،-غەزەپتىن ئۇنىڭ قوللىرى شامال سوققان قورايدەك تىترەپ كەتتى، ئۇ زىيارەت قىلغۇچىغا ماشىنىنى كۆرسەتتى،-مەن بىر قانچە سائەت سەرپ قىلىپ قوماندانغا چۈشەندۈردۈم، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن گۇناھكارغا جازا غىزاسى بېرىشكە بولمايدۇ. ئەمما بۇ مېھرىبان يېڭى قوماندان مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالمىدى. گۇناھكارنى ياللاپ ئەكىلىشتىن ئىلگىرى قومانداننىڭ ئەتراپىدىكى خانىملار ئۇنىڭغا تويغىچە تاتلىق-تۈرۈم بەردى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە سېسىق بېلىق، چىرىپ كەتكەن راك يەپ كەلگەنىدى. ئەمدى ھازىر ئۇ قەنت-گېزەك دېگەندەك نەرسىنى يىدى، يىسىغۇ مەيلى، مەن قارشى تۇرمايمەن. ئەمما ئۇلار نېمىشقا يېڭى كىگىز بەرمەيدۇ؟ مەن ئىلگىرى دوكلات يازغان. ئەمما ھازىرغىچە دوكلاتنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. بۇنداق كىگىز كىمنىڭ ئېغىزىغا تىقىلسا شۇنىڭ كۆڭلى ئېلەشمەمدۇ؟ بۇ كىگىزنى يۈز نەچچە ئادەم ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئېغىزىغا سالغان.
گۇناھكار بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە جىمىدى. ئەسكەر ئالدىراپ گۇناھكارنىڭ كاستىيومى بىلەن ماشىنى سۈرتىدى. ئوفېتسېر زىيارەتچىنىڭ ئالدىغا كەلدى. زىيارەتچىدە قانداقتۇر بىرخىل تۇيغۇ پەيدا بولغاندەك بولدى-دە، ئىختىيارسىز ئارقىغا بىر قەدەم چېكىندى. ئوفېتسېر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ بىر چەتكە تارتتى.
ــ مېنىڭ سىز بىلەن ئايرىم بىرقانچە ئېغىز پاراڭلاشقۇم بارىدى،-دېدى ئۇ بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ،-دېدى ئۇ تۆۋىنىگە قارىغىنىچە قۇلاق سېلىپ.
ــ سىز شۇ تاپتا تولىمۇ بەختلىك ھالدا بۇ ئەدىلىيە تەرتىپى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى كۆردىڭىز. بۇنداق ئەدىلىيە تەرتىپى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى بۇ مۇستەملىكە رايونىدا ھېچكىم قوللىمايدۇ. مانا مەن بىردىن-بىر قوللىغۇچى ھەم پىشقەدەم قومانداننىڭ بۇ ۋەسيىتىنى بىردىن بىر ھىمايە قىلغۇچى. بىز بۇنداق تەرتىپنى كېڭەيتىشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق. مەن ھازىرقى ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن مېڭە سەرپ قىلدىم. پېشقەدەم قوماندان ھايات چېغىدا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئادەمنى ئىشەندۈرىدىغان كارامىتىنى ئازراق ئۆگىنىۋالغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدەك چوڭ ھوقۇقۇم يوق. شۇڭا ئۇ ئۆگەتكۈچىلەرمۇ ئۆزلىرىنى يوشۇردى. ئۇلار ئاز ئەمەسسىدى، ئەمما ھەممىسى ئاشكارا تەن ئېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئەگەر سىز بۈگۈن چايخانىغا بارسىڭىز، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كۈنى چايخانىغا كىرىپ كىشلەرنىڭ گەپ- سۆزلىرىگە قۇلاق سالسىڭىز، بەزى مۇژمەل، چۈشىنىكسىز گەپلەرنى ئاڭلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ ئادەملەر دېگۈدەكلا پېشقەدەم قۇمانداننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئەمما ئۇلار ھازىر يېڭى قۇمانداننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، چۈنكى ئۇنىڭ ھازىرقى قارشى يەنە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىر ماڭا ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدۇ. ئېيتىڭە، بۇ دېگەن بىر ئۆمۈرلۈك يۈرەك قېنى ئەمەسمۇ!؟-دېدى ماشىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ـ ئەجەبا بۇ يېڭى كەلگەن قوماندان بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللار سەۋەبىدىن ئۇلار پۈتۈنلەي كېرەكسىز بولاي دەپ قالدىمۇ؟ بىز مۇشۇنداق ئىشلارنى پەيدا قىلالايمىزمۇ؟ بىر چەت ئەللىك بولسىمۇ، بۇ ئارالدا بىرقانچە كۈن تۇرغاندىنكىن قول قوغۇشتۇرۇپ تۇرغىلى بۇلامدۇ؟ ئەمدى ھازىر ھېچقانداق ۋاقىت قالمىدى، شۇڭا ۋاقىتقا دەخلى قىلغىلى بولمايدۇ. كىشلەر مېنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپىمگە ھوجۇم قىلماقچى بولۋاتىدۇ، قوماندان ئۇ يەردە بۇ توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنى ئاللاقاچان باشلىۋەتتى. ئەمما ئۇلار مېنى قاتناشتۇرمىدى. ھەتتا سىز بۈگۈن كېلىپ، بۇ ئۆلۈم جازاسىنى كۆزەتتىڭىز، بۇ ئىشنىڭ يۆلىنىشىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇلار قورقىشىدۇ. سىز چەت ئەللىك بولغاچقا سىزنى قوغلىۋېتىدۇ. سىز بۇرۇنقى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن چاغدىكى مەنزىرلەرنى كۆرمىدىڭىز. ئاھ، ئۇ نېمە دېگەن گۈزەل مەنزىرلەرـ ھە! تاغ ئارىسىدا كىشلەر تىقما-تىقماق بولۇپ كېتىدۇ. ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار بۇ يەرگە ئۆلۈم جازاسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىشىدۇ. تېخى تورغاي چۇچۇلدىماستىنلا قوماندان ئۇ ئاياللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىدۇ. ھەربىي كانايلار پۈتۈن لاگېردا ياڭرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن جىمى تەييارلىق پۈتتى دەپ جاكارلايمەن. مەيداندىكىلەر، جۈملىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەشكىنىچە ئۆرە تۇرىشىدۇ. قاراڭ، بۇ توقۇلما ئورۇندۇقلار ئاشۇ چاغدا تاشلىنىپ قالغان مانا ئەمدى تاشلاندۇق نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ چاغدا ماشىنىمۇ سۈرتۈپ پارقىرتېۋېتىلىدۇ. ھەر قېتىم ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندە مەن يېڭى زاپچاسلارنى ئېھتىيات ئۈچۈن ئېلىۋالىمەن. جىمى تاماشىبىنلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تاغ ئۈستىدە ئۆرە تۇرىدۇ. نەچچە يۈز كۆز تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ، گۇناھكارلارنى قوماندان ئۆز قۇلى بىلەن «تىرنا» تەكتىگە قويىدۇ. ھازىر بۇ ئەسكەر قىلۋاتقان ئىشنى ئۇ چاغدا مەن قىلااتتىم. مەن بىر بۈيۈك سودىيە ئىدىم، ئۇ ئىش مەن ئۈچۈن شان-شەرەپ ئىدى. ئۆلۈم جازاسى باشلانغاندا ماشىنىنىڭ خىزمىتىگە ھېچقانداق ئاۋاز توسقۇنلۇق قىلمايتى. نۇرغۇنلىرى قايتا قارىمايتتى، بەلكى كۆزلىرىنى يۇمىۋالغىنىچە سافادا ياتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ياقلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. كىشلەر گۇناھكارلارنىڭ كىگىزنى چىشلىگەن ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايتى. ھازىر ماشىنا گۇناھكارنى ۋارقىرتىۋەتمەيدۇ، ئىڭرىتىۋەتمەيدۇ. بۇرۇن گۇناھكارلارنىڭ ئېغىزىدىكى كىگىز مۇستەھكەم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. ئۇ چاغدا «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»دىكى يىڭلىدىن بىرخىل چىرىتىش خارەكتېرلىك سۇيۇقلۇق چىقاتتى، ھازىر ئۇنى ئىشلەتكىلى قويمايدۇ. ئالتىنچى سائەتكە كەلگەندە، ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈش ئىمكانىيتى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوماندان دانا قارار چىقىرىدۇ. بالىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ئەلبەتتە مەن ئىزچىل بىر ياقتا تۇرىمەن. چۈنكى مېنىڭ خىزمەت ۋەزىپەم سەۋەبىدىن بولمامدۇ! مەن ھەمىشە ئۇ يەردە زوڭيىپ ئولتۇرىمەن. بىر قولۇمدا بىر بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىمەن. جامائەت جازالانغۇچىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۈچلۈك دىققەت نەزىرى بىلەن قارىشىدۇ! بۇ ھەقىقەت نۇرى ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ، ئەمما يەنە دەقىقە ئىچىدە غايىپ بولىدۇ! ئاھ ئۇ چاغ نەقەدەر قىممەتلىىك چاغ ـ ھە، دوستۇم!
ئوفىتسېر ئۆزىنىڭ ئالدىدا كىمنىڭ تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇ زىيارەتچىنى قۇچاقلىدى، بېشىنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويدى. شۇنىڭ بىلەن زىيارەتچى تېخىمۇ بىئارام بولدى. ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ئوفېتسىرنىڭ مۆرىسىدىن بېشىنى سوزۇپ باشقا ياققا قارىدى. ئەسكەر ماشىنىنى سۈرتۈپ بولغانىدى. ئۇ بىر كورۇشكىدىكى شويلىنى بىر تاۋاققا قويۋاتاتتى. گۇناھكار بۇ چاغدا ئەسلىگە كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ شويلىنى كۆردى-دە، تىلى بىلەن شويلىنى يالاشقا باشلىدى. ئەسكەر شاققىدە ئۇنى بىر چەتكە ئىتتەردى. ئەمما ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس ئىدى. مەيلى قانداق بولسۇن ئەسكەر قولىنى ئۇزارتىپ كورۇشكىغا تىقماسلىقى كېرەك ئىدى. قورسىقى ئېچىپ ئۆلەيلا دەپ قالغان گۇناھكار مەينەت قوللىرى بىلەن ئېشىپ قالغان شويلىنى يېيىشكە باشلىدى.
ئوفىتسېر ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تۇتىۋالدى.
ــ مېنىڭ سىزنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغۇم يوق،-دېدى ئۇ،ـ مەن ھازىر كىشلەرگە ئاشۇ يىللاردىكى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. يەنە كېلىپ ماشىنا خىزمەت قىلۋاتىدۇ، ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ تاغ جىلغىسىدا يىگانە بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى نامايان قىلۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرى گۇناھكارنىڭ جەسىدى كارىزغا لەيلەپ چۈشىدۇ، گەرچە نۇرغۇن كىشلەر كارىزنى ئورېۋېلىپ تاماشا كۆرمىسىمۇ، ئەينى يىللىرى كىشلەر كارىزنى چىۋىندەك ئورىۋېلىشقاچقا بىز كارىزنىڭ ئەتراپىنى يۇمىلاق لەڭگەر بىلەن توسۇشقا مەجبۇر بولغانىدۇق. ئەمما ھازىر ئۇ لەڭگەرنى بۇزىۋەتتۇق.
زىيارەتچىنىڭ ئوفىتسىرنىڭ چىرايىغا قارىغۇسى كەلمىدى بولغاي، ئەتراپقا نىشانسىز كۆز يۈگۈرتتى. ئەمما ئوفىتسېر ئۇنى تاغ ئىچىدىكى قاقاس مەنزىرىلەرگە قاراۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زىيارەتچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
ــ بۇ مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكىۋەتتى، كۆردىڭىزمۇ؟ـ دەپ سورىدى.
زىيارەتچى گەپ قىلمىدى. ئوفېتسېر بىردەم ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن پۇتلىرىنى كېرىگىنىچە قوللىرى بىلەن بېلىكىنى تىرىدى. بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۇ يەردە جىم تۇردى. توساتتىن ئۇ زىيارەتچىگە خۇشال قىياپەتتە كۈلگىنىچە:
ــ تۆنۈگۈن قوماندان سىزگە تەكلىپنامە ئەۋەتكەندە، مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم. مەن ئۇنىڭ سىزنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن قومانداننى چۈشىنىمەن. ئۇنىڭ سىزنى تەكلىپ قىلىشىدىكى مۇددىئاسىنى بىلىمەن. ئۇ تەدبىر قوللىنىپ، ماڭا قارشى تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ھازىرچە ئۇنىڭدا تېخى ئۇنداق يۈرەك يوق. پەرىزىمچە ئۇنىڭ سىزنى گۈزىتىشكە تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسىدى، ھۆرمەتلىك چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇنداق ئۆلۈم جازاسىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ماڭا بىلدۈرۈش. ئۇ كۆڭلىدىكىدەك ئويلىغان،  چوتنى ئىنچىكە سوققان. سىزنىڭ بۇ ئارالغا كەلگىنىڭىزگە ئىككى كۈن بولدى. سىز قوماندان بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيسىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز. سىز ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئەتراپتىكى جىمى ئىشقا قارىشىڭىز ياكى ئۆلۈم جازاسىغا تۈپتىن قارشى تۇرشىڭىز مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇنداق ماشىنا بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرشىڭىز مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا سىز يەنە بۇنداق جازا ئىجرا قىلىش جەريانىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆردىڭىز. بۇ يەرگە ھېچكىم كېلىپ كۆرمىدى. يەنە بىر ۋەيرانە ماشىنىمۇ بار. ئۇ مۇشۇلارنى (قۇماندان مۇشۇنداق ئولىغانىدى) سىزنىڭچە مېنىڭ بۇ ئۇسۇلۇم ئاقارمۇ؟ ئەگەر سىز ئاقمايدۇ دەپ قارىسىڭىز، سىزــ ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايسىز. مەن يەنىلا قۇمانداننىڭ ئويىنى دەۋاتىمەن-چۈنكى سىز ئۆز ئېتىقادىڭىزنىڭ ئۇزۇن يىل سىناقلاردىن ئۆتكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىڭىز تامامەن توغرا. ئەلبەتتە مەن سىزنىڭ كۆپنى كۆرگەن، نەزەر دائىرىڭىز كەڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ غەلىتە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى كۆرگەنلىكىڭىزنى ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. شۇڭا سىز دۆلىتىڭىزدىكىدەك ۋارقىراپ تۇرۇپ بۇ تەرتىپكە قارشى تۇرماسلىقىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە قۇماندانمۇ سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىزغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. شۇڭا سىز بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلىپ  قويسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. ئېتىقادىڭىزغا كەلمىسىمۇ بولېۋېرىدۇ، پەقەت قۇمانداننىڭ كۆڭلىگە ياقسىلا بولدى. مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئۇنىڭ پۈتۈن چارە-ئاماللار بىلەن سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئىشلەتكۈسى بار. ئەمما ئۇنىڭ ئاياللىرى  چەمبەرسىمان ئولتۇرۇپ، قۇلاڭلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز: «بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپى بىلەن ئوخشىمايدۇ»، بىزنىڭ دۆلەتتە گۇناھكارغا جازا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىلگىرى سوراق قىلىشىڭىز ياكى «بىزدە پەقەت ئوتتۇرا ئەسىردىكى چاغلاردىلا مۇشۇنداق قاتتىق جازالاش بولغان» دېسىڭىزلا بولىدۇ. سىزگە نىسبەتەن شۇنىسى روشەنكى، بۇ گەپلەر تامامەن توغرا. بەزى مۇناسىۋەتسىز گەپلەر مېنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپىمگە ھەرگىز چېتىلمايدۇ. ئەمما قۇماندان قانداق ئويلاپ قالار؟ مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، بىزنىڭ مېھرىبان قۇماندانىمىز جەزمەن شۇ زامان ئورۇندۇقنى بىر تەرەپكە دۆۋلەپ، تېز-تېز قەدەم تاشلاپ بالكونغا چىقىشى، ئۇنىڭ ئاياللىرى، خوتۇنلىرىمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يوپۇرلۇپ كېلىشى مۇمكىن. ھەتتا مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايمەن. ئۇ ئاياللار ئۇنى ئاخۇنەك ئاۋازى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئەمدى گەپ قىلىشقا باشلايدۇ:« ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپىنى تەكشۈرۈش پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇلۇغ غەرپ ئالىمى بايا دېدى، بىز ئىشلىتىپ كېلۋاتقان بۇ قەدىمىي تەرتىپ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقمىغان. شۇنداق مۇھىم ئەرباپ مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقارغاندىنكىن، مەن-سەۋر تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن. شۇڭا مەن  بۈگۈندىن باشلاپ بۇيرۇق قىلىمەنكى... ۋاھاكازا دەيدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلگىڭىز كەلسە، بۇ سىزنىڭ سەۋەبىڭىز ئەمەس. سىزنىڭ ئەدىلىيە تەرتىپىڭىز ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغان دەڭ. ئەكىسچە سىز پاراسەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان نەزىرىڭىز بىلەن قارىسىڭىز بۇنىڭ ئەڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭىز شۇنداقلا سىز يەنە بۇ ماشىنىدىن قاتتىق زوقلىناتتىڭىز. ئەمما ۋاقىت كېچىكتى، ئەمدى سىز ھەتتا بالكونغىمۇ بارالمايسىز، چۈنكى ئاشۇ ئاياللار بۇرۇنلا بالكونغا قىسىلىشىپ كىرۋالغان ئىدى. سىز بۇ ئىش خالايىقنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، قاتتى ۋارقىرىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەمما بىر خانىم قولى بىلەن ئېغىزىنى ئىتېۋېلىشى مۇمكىن. كېيىن مەنمۇ پېشقەدەم قۇمانداننىڭ نادىر ئەسىرى بىلەن بىللە تۈگىشىمەن.
زىيارەتچى كۈلكىسىنى زورلاپ تۇتىۋالدى. ئۇ ئەسلىدە بۇنى بەسى مۈشكۈل ئىش دەپ قارىغانىدى. ئەمما ئىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چۈشىنىكسىز تەلەپپۇز بىلەن:
ــ سىز مېنىڭ تەسىرىمنى بەك مۇبالىغە قىلۋەتتىڭىز، قوماندان مېنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىمنى كۆردى، ئۇ مېنىڭ ئەدىلىيە مۇتەخەسىسى ئەمەسلىكىمنى بىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ قارشىنى بايان قىلغان بولساممۇ، ئۇ پەقەت بىر نائەھلىنىڭ قارشىدۇر. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ قارشىدىن مۇھىم ئەمەس. قۇمانداننىڭ قارشىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بىر تىيىنگە ئەرزىمەيدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ بۇ مۇستەملىكە رايونىدا مۇتلەق ھوقۇقققا ئىگە. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىز ئويلىغاندەك بۇ تەرتىپنى يۈرگۈزگىلى بولمايدۇ دەپ قارىسا، ئېھتىمال بۇ تەرتىپنىڭ مەرھەم كۈنىمۇ يېتىپ كەلگەن، مېنىڭ يۈزەكى، قوپال قارشىمنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغان ئوخشايدۇ.
ئوفىتسېر ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟ ياق، ئۇ تېخى زىيارەتچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى غەزەپ بىلەن چايقىدى. ئۇ قايرىلىپ گۇناھكار بىلەن ئەسكەرگە لاپپىدە قارىدى. بۇ ئىككىيلەن قورقۇپ كەتتى بولغاي، شۇ زامان شويلا ئىچىشتىن توختىدى. ئەمما ئوفىتسېر ئۇدۇل زىيارەتچىنىڭ ئالدىغا باردى. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمىدى، چاپىنىنىڭ مەلۇم بىر جايىغا قارىدى. باياتىنقىدىنمۇ پەس ئاۋاز بىلەن:
ــ سىز بۇ قۇمانداننى چۈشەنمەيسىز، مەلۇم دەرىجىدە ئۇ بىز كۆپچىلىك بىلەن ئوخشاش سىزنى ئەدىلىيە تەرتىپىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمما سىز ماڭا ئىشىنىڭ، مەن سىزنىڭ تەسىرىڭىزگە ھەرقانچە يۇقۇرى باھا بەرسەممۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن سىزنىڭ بۇ ئۆلۈم جازاسىغا قاتنىشىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ راستىنلا خۇش بولغانىدىم. بۇ قۇماندان  راستىنلا`ماڭا ئېتىلىپ كەلدى، ئەمما مەن ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلاندىم. ئەگەر ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان نەق مەيداندا ئادەم كۆپ بولسا، بەزى مەسخىرلىك گەپلەرنى ئاڭلاشتىن خالى بولالمايسىز. بەزىلەر تېخى سىزگە كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ، دېققەت-ئېتىبارىڭىزنى تارقىتېۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما سىز ھازىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىماي مېنىڭ چۈشەندۈرىشلىرىمنى ئاڭلىدىڭىز ھەمدە ماشىنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىڭىز. سىز ھازىرلا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆرىسىز. سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە چوقۇم مەلۇم ئوي-خىياللىرىڭىز بولىشى مۇمكىن. ئەگەر يەنە بىر قانداق مۇقىملاشتۇرالمايدىغان يەرلەر بولسا، بىردەمدىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا  چۈشىنىپ قالىسىز. مەن ھازىر سىزدىن ئۆتۈنەي: سىز مېنىڭ بۇ قوماندانغا تاقابىل تۇرۇشۇمغا ياردەم قىلسىڭىز!
زىيارەتچى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى.
ــ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ،ــ دەپ ۋارقىردى ئۇ،ــ ھەرگىز بولمايدۇ! مەن سىزگە ھەم زىيان يەتكۈزمەيمەن ھەم ياردەممۇ قىلالمايمەن.
ــ سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ!-دېدى ئوفېتسېر.
زىيارەتچى سەل قورقتى، چۈنكى ئۇ ئوفېتسىرنىڭ مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگۋالغانلىقىنى كۆردى،- سىز ماڭا ياردەم قىلالايسىز،-ئۇ بايا دېگەن گەپلىرىنى جىددىي تەلەپپۇزدا يەنە بىرقېتىم تەكرارلىدى،-مېنىڭ بىر پىلانىم بار. بۇ پىلان جەزمەن مۇۋەپىقىيەتلىك بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسىرىنى ئانچە چوڭ ئەمەس دەپ قارامسىز. ئەمما مەن سىزنىڭ بۇ تەسىرىڭىزنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى، تەسىر كۈچىڭىزنى چەكلىك دېسەكمۇ، ئەمما بۇ تەرتىپنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىناپ كۆرۈش ئەرزىمەمدۇ؟ سىز ئاۋۋال مېنىڭ پىلانىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، سىز بۈگۈن بۇ ئارالدا كۆرگەن ئەدىلىيە تەرتىپىگە بولغان قارشىڭىشنى تىلغا ئالماڭ، ئېغىزىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ. پەقەت بىرەرسى سىزدىن يۈز تۇرانە سورىمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىڭىشنى دېمەڭ. ئەگەر باشقىلار سوراپ قالسا، سىز ئىمكان قەدەر ئاددى، چۈشىنىكسىز گەپ قىلىڭ. سىز كىشلەرگە بۇ ئىشقا بولغان قارشىڭىزنى بايان قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ. سىز  تاقەتسىزلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىڭ، ئەگەر ئۇلار سىزنى بۇ ئىشنى ئاشكارلاپ بېرىڭ دېسە، سىز ئېغىزىڭىزنى بۇزۇپ تىللاڭ. مەن سىزنى يالغان گەپ قىلىڭ دەۋاتقىنىم يوق. تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئالالمىسىڭىز، جەزمەن يىغىنغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز جەزمەن يىغىن مەيدانىغا بارالايسىز. سىز ئەتە ھېلقى ئاياللار بىلەن بىللە قۇمانداننىڭ لوژىسىدا ئولتۇرالايسىز، ئۇ پات-پات قاپىقىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئۇ يەردە ئولتۇرشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈلكىلىك، تەخىرلىك، ئۇششاق ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ تاماشىبىنلارغا شەكىل ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ-كۆپىنچە مۇھاكىمە پىرىستان قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىشلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھامان پىرىستان قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىشلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇــ كېيىن ئەدىلىيە تەرتىپى مەسىلىسىدە بولىدۇ. ئەگەر قۇماندان تىلغا ئالمىسا ياكى مۇھاكىمە تېمىسىغا تېزدىن كىرمىسە، مەن ئۇنى تىلغا ئېلىپ ئوتتۇرغا قويىمەن. مەن ئورنۇنمدىن تۇرۇپ بۈگۈنكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىمەن. پەقەت ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئاددىلا دوكلات قىلىمەن شۇ. بۇرۇن مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئەزىلى بۇنداق دوكلات قىلىنمىغان بولسىمۇ، مەن ئەتە دوكلات قىلمىسام بولمايدۇ. قۇماندان بۇرۇنقىدەك دوستلىرىنى باشلىۋالغىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا رەخمەت ئېيتىدۇ، كېيىن ئۇ ئۆزىنىمۇ تۇتۋالالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنداق ئېسىل پۇرسەتنى تۇتۇپ بەزى گەپلەرنى قىلىدۇ. مەسىلەن، بايا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىشى دوكلات قىلىندى. بۇ توغرىلىق مېنىڭ بىر نۇنقتىنى قوشۇپ قويغۇم كېلۋاتىدۇ. بىر ئۇلۇغ ئالىم ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش مەيدانىغا كەلدى. جامائەتمىڭمۇ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىز تېخىمۇ نۇرلاندى. ھەتتا بۈگۈنكى يىغىن تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چۈنكى ئۇ ھازىر بىزنىڭ بۈگۈنكى مەيدنىمىزدا بار. بىز ھازىر ئۇ ئالىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى، ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئەنئەنىۋى ئۆلۈم جازاسىغا قانداق قاراشلىرى باركىن ئاڭلاپ باقايلى، پۈتۈن يىغىن مەيدانىدا گۈلدىراس ئالقىش ساداسى ياڭرايدۇ. يىغىن ئەھلى بىردەك تەرىپلىشىدۇ، مەن باشقىلاردىنمۇ بەك چاۋاك چالىمەن. شۇنىڭ بىلەن قۇماندان ئالدىڭىزغا كېلىپ تەۋەززۇ بىلەن تازىم قىلىپ تۇرۇپ دەيدۇ:«ئۇنداقتا مەن كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن سىزنى ئېسىل كۆز قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن» دەيدۇ. بۇ چاغدا سىز سالاسۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىڭىزنى كۆپچىلىك كۆرەلىگىدەك يەرگە قويۇڭ، بولمىسا بۇ ئاياللار سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتېۋېلىپ، چىمدىپ-سىلاپ ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئاخىرى گەپ قىلىشقا باشلايسىز. ھېچكىمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، بۇ پەيت يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مەن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىمەن. سىز گەپ قىلغاندا زىنھار ئەندىشە قىلماڭ. ئىشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى سۆزلەۋېرىڭ. سىز سالاسۇنغا يۆنىلىپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىسىڭىزلا بولدى. توغرا، توغرا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن سۆزلەڭ، قۇماندان ئاڭلىسۇن. سىز تەۋرەنمەس ئوي ـ خىياللىرىڭىزنى قۇماندانغا دەڭ. ئەمما سىز بۇنداق قىلالماسلىقىڭىز، بۇ سىزنىڭ خارەكتېرىڭىزگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى، دۆلىتىڭىزدە بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كىشلەر ئۆگىچە قاراشتا بولىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسىمۇ مەيلى، ھېچ ۋەقەسى يوق، مۇشۇمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. سىز تامامەن ئورنىڭىزدىن تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. سىزنىڭ تۆۋەن تەرپىڭىزدە تۇرغان بىر قانچە ئوفىتسېر ئاڭلىسىلا بولدى. سىز بۇ ئۆلۈم جازاسىنى كۆرىدىغان ھېچقانداق ئادەم كەلمىدۇيەي، ماشىنىنىڭ چاقلىرى غىچىلداپ چۆرگىلەيدىكەنەي، تاسمىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتتىيەي، كىگىز ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈردىكەنيەي دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ. مەن بۇ گەپلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىمەن. ماڭا ئىشىنىڭ، مېنىڭ نۇتۇقۇم ئۇنى يىغىن زالىدىن قوغلاپ چىقىرۋېتەلمىسىمۇ؟ ئۇنى يۈكۈندىرىدۇ. ئۇ كۆڭلىدىن «ھەي پېشقەدەم قۇماندان مەن چىن دىلىمدىن سىزگە قايىل بولدۇم» دەپ تەھسىن-ئاپىرىن ئېيتىيدۇ. مانا بۇ مېنىڭ پىلانىم. سىز مېنىڭ بۇ پىلانىمنى ئاشۇرىشىمغا ياردەم قىلالامسىز. سىز ئەلبەتتە خالايسىز، خالاپلا قالماي تېخى ماڭا ياردەم قىلىسىز. ئوفىتسېر زىيارەتچىنىڭ بىلەكلىرىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تىكىلىپ قارىدى. نەپەسلىرى ئۇدۇل ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇرۇلدى. ئۇ ئاخىرى بىر قانچە ئېغىز گەپنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن دېدى. ھەتتا ئەسكەر بىلەن گۇناھكارمۇ قايرىلىپ قاراشتى. ئۇلار ھېچنىمىنى چۈشەنمىسىمۇ، شويلىنى قايتا ئىچمەي، زىيارەت قىلغۇچىغا مىختەك قادىلىپ تۇرى، يەنىلا ئېغىزىدىكى شويلىنى چايناۋاتاتتى.
زىيارەتچى ئاللىقاچان كۆڭلىدە ئېنىق جاۋاپ ھازىرلاپ بولغانىدى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە بۇنداق ئىشلارغا مىت قىلىپ قويمايتى. ئۇ سەمىمىي ئادەم ھېسابلىناتتى، يەنە كېلىپ  قورقۇمسىز ئىدى. ئەمما ئەسكەر بىلەن گۇناھكارنىڭ كۆز نۇرلىرى ئۇنى سەل دىلغۇل قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى يەنە «ياق» دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ئوفىتسېر تولىمۇ تەسادىبىلىق بىلەن كۆزلىرنى چىمىلدىتىپ قويدى. ئەمما زىيارەتچىغا مىقدەك قادىلىپ قارىدى.
ــ سىزنىڭ چۈشەندۈرىشلىرىمنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟ـ دەپ سورىدى زىيارەتچى. ئوفىتسېر ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، بېشىنى لىڭشىتتى،-مەن بۇنداق تەرتىپنى تەرىپلىمەيمەن،- دېدى زىيارەتچى،- سىز تېخى ماڭا بۇ گەپنى دېيىشتىن ئىلگىرى، مېنىڭ تەرتىپكە ئارلىشىش ھوقۇقۇم بارمۇ-يوق دەپ ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم. ئەلبەتتە مەن سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن. مەن سىزنىڭ  بايا دېگەن گەپلىرىڭىزنى زىنھار ئاشكارلىمايمەن. ماڭا ئېنىق، ئەگەر مەن راستىنلا ئارلاشسام، بىرەرسىنى ئىزدەپ سىز دېگەن گەپلەرنى ئاشكارلاپ قويۇشۇم مۇمكىن. مەن ئەلبەتتە قۇمانداننى ئىزدەيمەن-دە. مەن سىزنىڭ گەپلىرىڭىزدىن ئىشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۋالدىم. ئەمما مېنىڭ ئىرادەم كەسكىن ئەمەس، ئەكسچە سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز مېنىڭ قارشىمنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ،  مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم.
ئوفىتسېر بىردەم سۈكۈتكە پاتتى، ئۇ بۇرۇلۇپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر تال مىس تاياقنى تۇتتى، كېيىن ئارقىسىغا يۆلەنگىنىچە « ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»غا قارىدى. قارىغاندا ئۇ جىمى ئىشنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ماشىنىنى تەكشۈرۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنداق ئىشلار ئەسكەر بىلەن گۇناھكارغا پىششىق تونۇشلۇقتەك قىلاتتى. گۇناھكار چىڭ باغلانغاچقا مىدىرلاش قۇلايسىز بولسىمۇ، شۇنداق كۈچەنگىنىچە ئەسكەرنى بېرى كەل دەپ ئىما قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر ئىڭىشكىنىچە ئۇنىڭغا  بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلدى ھەم بېشىنى لىڭشىتتى. زىيارەتچى ئوفىتسېرنىڭ ئالدىغا كەلگىنىچە:
ــ سىز تېخى مېنىڭ مۇددىئايىمنى بىلمەيسىز، توغرا، مەن قۇماندانغا بۇ تەرتىپكە بولغان قارىشىمنى دېيىشىم مۇمكىن. ئەمما يىغىندا دېمەيمەن، ئايرىم دەيمەن. يەنە كېلىپ مەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايمەن. كىشلەرنىڭ قانداقتۇر يىغىنغا قاتنىشىپ بەرسىڭىز دېگەنلىرىنى كۈتۈپ تۇرمايمەن. مەن ئەتە ئەتىگەندىلا بۇ يەردىن كېتىمەن. ھېچ بولمىغاندا كېمە بىلەن كېتىمەن.
ئوفىتسېرنىڭ كۆڭلى بىر يەردە ئەمەستەك قىلاتتى.
ــ بۇ گەپچە سىز بۇ تەرتىپنى قوللىمايدىكەنسىز-دە!-دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، خۇددى بوۋاي گۈدەك بالىغا كۈلگەندەك. ئۇنىڭ كۈلگۈن چىرايىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ھەقىقىي ئويى بار ئىدى!
ــ خوپ، ۋاقتى كەلدى،-دېدى ئۇ ئاخىرى. بىردىنلا ئۇنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى زىيارەتچىگە تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆز نۇرلىرىغا پەرمان ۋە ئۆتۈنۈش مۇجەسسەملەشكەنىدى، ئۇ زىيارەتچىنىڭ قاتنىشىشىنى ئىستەيتى.
ــ نېمە ئىش قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى تەشۋىشلەنگىنىچە، ئەمما ئۇ جاۋاپقا ئېرىشەلمىدى.
ــ سەن ھۆرلۈككە ئېرىشتىڭ،- دېدى ئوفىتسېر گۇناھكارغا گۇناھكار ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن. دەسلەپتە گۇناھكار ئوفىتسېرنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدى،-سەن ھازىر ھۆرلۈككە ئېرىشتىڭ!
شۇنىڭ بىلەن مەن گۇناھكارنىڭ چىرايلىرىدا تۇنجى قېتىم ھاياتىي كۈچ جىلۋىلەندى. بۇ راستمۇ؟ ئوفىتسېر دەماللىققا ھاياجانلىنىڭ شۇنداق دېمىگەندۇ؟ پۇشايمان قىلماسمۇ؟ بۇ چەت ئەللىك ئۇنىڭ دە-تالاشلىرىغا ھەمدەمدە بولغاچقا جازانى كېچىكتۈرگەنمىدۇ؟ نېمە ئىش بۇ زادى ؟ گۇناھكارنىڭ چىرايلىرىدا دىلغۇللۇق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. ئەمما بۇ بىردەملىك ئىش بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارى! پەقەت ئۇ راستىنلا ھۆر-ئەركىن بولسىلا بولدى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ «تىرنا» يول قويغان بوشلۇقتا ئالدى-كەينىگە پۇلاڭلاشقا باشلىدى.
ــ تاسمىنى بۇزۇپ قويىسەن!- دەپ ۋارقىرىدى ئوفېتسېر،- مىدىرلىما، بىز سېنى ھازىرلا يېشىۋېتىمىز.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسكەر ياردەم قىلىڭلار دەپ ئىما قىلدى. ئىككىيلەن بىرلىكتە تاسمىنى يەشتى. گۇناھكار گەپ قىلمىدى. ئۆز ھالى بىلەن بولغىنىچە كۈلۈپ تۇردى. ئۇ بىرلىرىدە ئوفىتسېرغا، بىرلىرىدە ئەسكەرگە قارىدى. ئۇيان-بۇيانغا ماڭغۇچە قارىدى، زىيارەتچىمۇ پات-پات قاراپ قويۇشنى ئېسىدىن چىقارمىدى.
ــ ئۇنى تارتىپ چىقار!-دەپ پەرمان قىلدى ئوفىتسېر ئەسكەرگە.
چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستى تەرەپتە «تىرنا» بار ئىدى، ئەمما ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. گۇناھكار تەخىرسىزلەندى. نەتىجىدە ئۇنىڭ غولىنىڭ بىر قانچە يىرى يارلانغانىدى.
شۇ چاغدىن باشلاپ ئوفىتسېر گۇناھكارنىڭ ئىشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇ زىيارەتچىنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ يەنە ھېلقى كىچىك سومكىنى بىر ھازا ئاختۇرۇپ، ھېلقى قەغەزنى تاپتى، ئۇ بۇ قەغەزنى زىيارەتچىگە كۆرسەتتى.
ــ قاراڭ!-دېدى ئۇ،-مەن ئوقۇيالمىدىم.
ــ مەن سىزگە بۇ قەغەزلەرگە يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇيالمايمەن دېگەنىدىم،-دېدى زىيارەتچى.
ــ ئەمما سىز بۇ قەغەزگە تەپسىلىي قاراپ بېقىڭ،-دېدى ئوفىتسېر زىيارەتچىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قارىماقچى بولۇپ، ئەمما بۇنداق بولغاندا يەنىلا بولمايتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىمچىلاق قۇلىنى چىقىرىپ ئىگىز كۆتۈردى، گويا بۇ قەغەزگە زىنھار تىگىپ كەتسە بولايدىغاندەك. زىيارەتچىنىڭ ئوقۇشىغا ئاسان بولۇسۇن دەپ ئۇ خەتنى بويلاپ چىمچىلاق بارمىقىنى تۆۋەن سىرىدى. زىيارەتچىمۇ پۈتۈن دېققىتى بىلەن ئوقۇدى، ھېچ بولمىغاندا ئۇ ئوفىتسېرنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۇ خەتلەرنى زىنھار ئۇقۇيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوفىتسېر بىر ھەرپ-بىر ھەرپتىن ئوقۇدى، كېيىن قوشۇپ ئوقۇدى.
ــ ئۇ «ئادىل بولوش كېرەك» دېگەن خەتكەن،-دېدى ئۇ،-ئەمدى ئوقۇيالايسىز،-زىيارەتچىنىڭ چىرايى قەغەزگە چاپلىشىپ قالايلا دېدى. ئوفىتسېر ئۇنىڭ چىرايى قەغەزگە تېگىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ، قەغەزنى ئۇنىڭ يۈزىدىن يىراقراق تۇتتى. زىيارەتچى قايتا باشقا گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭ يەنىلا ئوقۇيالمايۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى،-بۇنىڭ ئۈستىگە «ئادىل بولۇش كېرەك!» دەپ يېزىلىپتۇ،-ئوفىتسېر يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
ــ بەلكىم شۇنداقدۇ!-دېدى زىيارەتچى،-مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق يېزىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ــ ئۇنداق بولسا ياخشى،-دېدى ئوفىتسېر مەمنۇن بولۇپ.
ئۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ شوتا بىلەن ئۈستىگە چىققتى، قەغەزنى ئېھتىيات بىلەن «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» نىڭ ئۈستىگە رەتلىك قويۇپ قويدى. كېيىن ئۇ چىشلىق چاقىنى ئۈزۈل-كېسىل تەڭشىمەكچى بولماقچىدەك قاراپ تۇردى. ئەمما بۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. تەڭشىلىدىغان چىشلىق چاق جەزمەن ناھايىتى كىچىك بولىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ماشىنىغا يېقىن كېلىپ، جىمى چىشلىق چاقنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە توغرا كىلەتتى. بەزىدە ئۇ بېشىنىڭ ھەممىسىنى «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»نىڭ ئىچىگە تىقاتتى.
زىيارەتچى تۆۋەن تەرەپتە تۇرۇپ، ئوفىتسېرنىڭ خىزمىتىگە مىقتەك تىكىلىپ قاراپ تۇردى. ئۈستۈن تەرەپكە قاراۋېرىپ بوينى ياغاچتەك قېتىپ قالدى. كۆزلىرىنى ئاپتاپ چېقىپ قىچىشىپ كەتتى. ئەسكەر بىلەن گۇناھكار ئالدىراش بولۇۋاتاتتى. گۇناھكار كاستيومى بىلەن ئىشتىنىنى بايا ئورەككە تاشلىۋەتكەن ئىدى. ئەسكەر ئىتتىكىنى ئېلىپ سىرتقا سەكرىدى، گۇناھكارنىڭ كاستيومى مەينەتلىشىپ رەسۋايى-ئەزىم بولۇپ كەتكەچكە چىلەكتىكى سۇدا يۇيدى. گۇناھكار كاستيومىنى كىيگەندىن كېيىن ئەسكەر بىلەن ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. چۈنكى چاپاننىڭ دۈمنىسىنى تېخى بايىلا ئىتتىك كېسىۋەتكەنىدى. گۇناھكار جەزمەن ئەسكەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشىم كېرەك دەپ سەزگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن، مەينەت ئىشتان-چاپىنىنى كىيىپ ئەسكەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر يەردە زوڭ ئولتۇرغىنىچە تېقىملىرىغا ئۇرۇپ كەتتى. ئەمما ئۇ ئوفىتسېر بىلەن زىيارەتچىنىڭ نەق مەيداندا بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالدى.
ئوفىتسېر ئاخىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى. ئۇ پۈتۈن جاھازدىكى ماشىنىغا كۈلگىنىچە قاراپ تۇردى ۋە ھەر قايسى زاپچاسلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. كېيىن«ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»نىڭ ئىزچىل ئوچۇق تۇرغان ئېغىزىنى ياپتى. ئۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ كارىزغا قارىدى، يەنە گۇناھكارغىمۇ قارىدى. ئۇ گۇناھكارنىڭ كارىزدىكى كىيىملىرىنى ئالغانلىقىدىن بەك خۇش بولدى. كېيىن چىلەك يېنىغا كېلىپ قولىنى يۇدى، چىلەكتىكى سۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرگىدەك دەرىجىدە مەينەت ئىكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ قولىنى پاكىز يۇيالمىغانلىقىدىن كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولدى. كېيىن ئوفىتسېر قولىنى قۇمغا تىقىپ ئىشقىلدى. ئۇ سەل رازى بولغان بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى ئەھۋال ھېلىھەم شۇنداق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، فورمىسىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىشكە باشلىدى. ئۇ تۈگمىنى يېشىشى بىلەنلا فورمىسىنىڭ ياقىسىغا تىقىۋالغان ئىككى تال ئايالچە قولياغلىق ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى.
ــ بۇ سېنىڭ قولياغلىقىڭ، ئالە،-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولياغلىقنى گۇناھكارغا ئېتىپ بەردى. ئۇ يەنە زىيارەتچىگە چۈشەندۈردى،-ئۇ ئاياللار بەرگەن سوۋغات ئىكەن.
ئۇ فورمىنى ئالدىراپ سالدى، ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى بىر-بىرلەپ سالدى، ھەر بىر كىيىمنى ئاۋايلاپ قيدى. ئۇ ھەتتا فورمىدىكى كۈمۈش رەڭ شەلپەرنى سىلىدى، شەلپەرنىڭ بىر پاششاقسىمان پۆپۈكىنى قېقىشتۇرۇپ تۈزەشتۈردى. ئەمما ئۇ بىردىنلا شاققىدە بۇرالدى، ئۇنىڭ باياتىنقى ئېھتىياتچانلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇ قاتلاپ قويغان ھەر بىر كىيىمنى غەزەپ بىلەن كارىزغا تاشلىۋەتتى. پەقەت شەمشەر بىلەن شەمشەر بەلبېغىنىلا ئېلىپ قارلدى. ئۇ شەمشەرنى غىلاپتىن چىقاردى ، شەمشەرنى شەمشەر بەلبېغىغا قوشۇپ ئالدى تەرەپكە كۈچەپ ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كارىز تەكتىگە تەگكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ھازىر ئوفىتسېر ئۇ يەردە يالىڭاچ تۇردى. زىيارەتچى لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە ئۈندىمىدى. ئۇ شۇ تاپتا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئوفىتسېرنى توسۇش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئەگەر ئوفىتسېر ئەمەل قىلىپ كېلۋاتقان بۇ ئەدىلىيە تەرتىپىنى بىكار قىلىش ۋاقتى دېيىلسە،-بەلكىم زىيارەتچىنىڭ ئارلىشىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۇمۇ ئۆزۈمنىڭ ئارىلىشىش مەجبۇرىيتىم بار دەپ سەزگەن ئىدى ـ ئوفىتسېرنىڭ ھازىر قىلغان ئىشى تامامەن نورمال ئىدى. ئەگەر ئوفىتسېر زىيارەتچىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسا، ئوفىتسېرمۇ شۇنداق قىلاتتى. ئەسكەر بىلەن گۇناھكار دەسلەپتە بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ھەتتا دەسلەپتە قاراپمۇ قويمىدى. گۇناھكار قولياغلىقىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن قەۋەت خۇش بولدى. ئەمما بۇنداق خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى. ئەسكەر ئۇنىڭ دېققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر تال قولياغلىقنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ بەلبېغىغا تىقىۋالدى. گۇناھكار ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتى. نېمە ئامال، ئەسكەر زېرەك كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى. ئۇلار چاقچاقلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئوفىتسېر ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ، ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى چاغدىلا ئۇلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ گۇناھكار قانداقدۇر بىر خىل زور ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەنىدى. بايا ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن ئىش ئەمدى ئوفىتسېردا كۆرۈلدى. بەلكىم بۇ تەرتىپ  ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ چەت ئەللىكنىڭ پەرمانى بولشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ جازاسى ئىدى. ئۇ تېخى تامامەن جازاغا تارتىلمىغانىدى. ئەمما ئۇ ھازىر ئۆزى تارتىشقا تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىغانىدى. ئۇ ئېغىزىنى كالاچتەك ئاچقىنىچە ئۈنسىز كۈلۈپ تۇراتتى. چىرايلىرىدىن كۈلكە ئۆچمەيتى.
ئەمما ئوفىتسېر بۇرۇلغىنىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا كەتتى. ئۇ ماشىنا بىلەن پىششىق تونۇشسىمۇ، ئۇنىڭ ماشىنىنى قانداق مەشغۇلات قىلدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. ماشىنىنىڭ ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ  قاتتىق  ھەيران قالدى. ئۇ بىر قولىنى «تىرنا» نىڭ ئۈستىگە قويۇپ مىدىرلىتىشى بىلەنلا «تىرنا» يۇقۇرى-تۆۋەن ھەرىكەتلەندى. تەڭشەلگەن ئورۇندا ئۇ ياتاتتى. ئۇ يەنە بىر قولى بىلەن «تۆشەك» نىڭ يېنىنى تۇتىشى بىلەن «تۆشەك» تەۋرىنىشكە باشلىدى. كىگىزمۇ ئۇنىڭ ئېغىزنىڭ يېنىغا سىلجىپ باردى. ئوفىتسېرنىڭ تولىمۇ خالىمىغان ھالدا كىگىزنى چىشلىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما ئۇ بىردەم شۈبھىلەنگەنلىكىدىن كېيىن  باش ئېگىپ، كىگىزنى چىشلىدى. جىمى تەييارلىق تەق بولدى، پەقەت تاسما ئىككى ياندا ئېسىقلىق تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ زۆرۈرىيتىنىڭ يوقلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئوفىتسېرنى باغلاش تامامەن ھاجەتسىز ئىدى. گۇناھكار ئۇ يەردىكى تاسمىنىڭ بوشلىقىنى كۆرۈپ، ئەگەر تاسمىنى چىڭىتمىسا، ئۆلۈم جازاسى تەلتۆكۈس ئورۇنلانمايدۇ دەپ سەزدى-دە ، ھېلقى ئەسكەرگە بېرى كەل دەپ قول پۇلاڭلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىيلەن ئوفىتسېرنى چىڭ باغلىدى. ئوفىتسېر بىر پۇتىنى سوزۇپ «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»نىڭ تۇتقۇچىنى تېپىپ ماشىنىنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولدى. ئۇ ئىككىيلەننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتلىرىمنى چىڭ باغلىسۇن دەپ سۇنىۋالغان پۇتىنى يىغۋالدى. ئەمما ئۇنىڭ پۇتى باغلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتى «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» نىڭ تۇتقۇچىغا يەتمەيتى. ئەسكەر بىلەن گۇناھكار يەرنى تاپالمايتى. ئەمما زىيارەتچى ئۇنىڭغا يوقۇلماي، بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش نىيتىگە كەلدى. ئۇنداق قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيتى يوق ئىدى. چۈنكى تاسمىنى چىڭىتىش بىلەنلا ماشىنا ئايلىنىشقا، «تۆشەك» تەۋرىنىشكە، «تىرنا»نىڭ يىڭلىلىرى ئۇنىڭ بەدەنلىرى ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناشقا، «تىرنا» بىرلىرىدە ئۆرلەشكە، بىرلىرىدە تۆۋەنلەشكە باشلايتى. زىيارەت قىلغۇچى بىر ھازا قاراپ تۇردى. شۇ ئەسنادا ئۇ بىردىنلا «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» دىكى چىشلىق چاقلارنىڭ ئەسلىدە غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى، شۇنچىلىك تىنچ ئىكەنلىكىنى، ۋىڭىلدىغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىدى.
ماشىنا مۇشۇنداق تىنىچ ئايلاندى ھەم ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى قوزغىمىدى. زىيارەتچى ئەسكەر بىلەن گۇناھكارغا قاراپ تۇردى. گۇناھكار تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك جىمى ئىش ئۇنى قىزىقتۇرغانىدى. ئۇ بىرلىرىدە ئېڭىشىپ قارىسا، بىرلىرىدە ئۆرە تۇرۇپ قارىدى. قولىنى سۈرۈپ ئەسكەرگە ئۇ يەر-بۇ يەرنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن زىيارەتچى تېخىمۇ تەڭقىس ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئەسلىدە بۇ ياردە ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ تۇرىمەن دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن زىيارەتچىنىڭ يەنە داۋاملىق كۆرۈىشگە ئىمكان بەرمىدى.
ــ سىلەر يەنىلا قايتىپ كېتىڭلا،- دېدى ئۇ.
ئەسكەر ئەسلىدە قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغان بولىشى مۇمكىنىدى. ئەمما گۇناھكار بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا دەپ سەزدى. ئۇ قوللىرىنى جۈپلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن مەن بۇ يەردە قالسام دەپ ئۆتۈندى. قارىغاندا زىيارەتچى بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭغا يول قويمايدىغاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە يۈكۈندى، زىيارەتچى پەرماننىڭ رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۈستىگە چىقىپ ئۇلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولدى.
شۇ ئەسنادا ئۇ «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» دىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، چىشلىق چاقىدىن يەنە چاتاق چىققانمىدۇ؟ بەلكى باشقا چاتاق بولغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»نىڭ ئېغىزى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى، ئاخىرى تامامەن ئېچىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر چىشلىق چاق كۆرۈندى. كېيىن ئۈستى تەرەپكە يۆتكەلدى، ھايال ئۆتمەي چىشلىق چاقنىڭ ھەممىسى كۆرۈندى. كېيىن ئۈستى تەرەپكە يۆتكەلدى، ھايال ئۆتمەي چىشلىق چاقنىڭ ھەممىسى كۆرۈندى. غايەت زور قۇدرەت «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»نى بېسىپ تۇرغاندەك، چىشلىق چاقنى قويىدىغان يەر يوقتەك قىلاتتى. چىشلىق چاق «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» نىڭ يېنىغا دومىلاپ باردى-دە، تۆۋەنگە چۈشۈكە باشلىدى، دەل قۇم دۆۋىسىگە چۈشۈپ، ئايلىنىشتىن توختىدى. ئەمما «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» ئۈستىدىن يەنە بىر چىشلىق چاق ئۆرلىدى. يەنە بىر قانچە چىشلىق چاقمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چىقتى. ئۇلار چوڭ-كىچىك ئىدى، تېخى شەكلى ئوخشاپ كەتكەچكە ئۇلارنى پەرقلەندۈرمەك بەسى قېيىن ئىدى. ئۇلار بىرنىڭ ئارقىسىدىن بىرى خۇددى دەسلەپتە دومىلاپ  چۈشكەن چىشلىق چاققا ئوخشاش قۇم دۆۋىسىگە  دومىلاپ چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنى ئەمدى «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى» نىڭ ئىچى قۇرۇغدىلىپ قالدى دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. ئەمما يەنە بىر توپ چىشلىق چاق ئۆرلەپ چىقىپ قۇم دۆۋىسىگە چۈشۈپ مىدىرلىمىدى. گۇناھكار بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ، زىيارەتچىنىڭ پەرمانىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغانىدى. بۇ چىشلىق چاقلار ئۇنى قەۋەت خۇش قىلۋەتتى. ئۇ ھامان بىر تال چىشلىق چاقنى تۇتېۋېلىشنى ئويلاپ ئەسكەرنى كېلىپ ياردەملەش دەپ ئالدىراتتى. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم قورقۇپ كېتىپ قولىنى تارتىۋالاتتى، ئۇ تېخى بۇ چىشلىق چاقنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەچكە، ئۈستىدىن يەنە بىرى چۈشۈپ ئۇنى قورقىتىۋەتتى.
بۇنىڭ بىلەن ئۆزگىچە بولغىنى شۇكى، زىيارەتچى كۆڭلىدە قاتتىق ئەندىشە قىلدى. ماشىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ماشىنىنىڭ باياتىنقى تىنچ ئايلىنىشى ئەسلىدە ساختا كۆرۈنۈش ئىدى. ئۇ ئوفىتسېرغا ئىتىبار قىلىش كېرەك دەپ سەزدى، چۈنكى ئۇ ھازىر ئۆزىگە ئېتىبار بېرەلمەيۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تامامەن تۆۋەنگە دومىلاپ چۈشىۋاتقان چىشلىق چاق تارتىۋالغانىدى. شۇڭا ئۇ ماشىنىنىڭ  باشقا قىسىملىرىغا  قاراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى بىر چاق «ھەيكەل تاراچ ماشىنىسى»دىن دومىلاپ چۈشتى. ئۇ ئىڭىشىپ «تىرنا» غا قاراۋاتقاندا يەنە ھەيران قالدى، ئىش تېخىمۇ چاتاق بولىدىغان بولدى دەپ سەزدى. «تىرنا» ھەرگىزمۇ خەت يېزىۋاتمايتتى، بەلكى ئۇدۇل بەدەنگە سانجىلىپ كىرۋاتاتتى، «تۆشەك» مۇ ئادەم بەدىنىنى ئۆرىمەيتى. بەلكى تەۋرەنگىنىچە ئادەم بەدىنىنى يۇقۇرىغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى، تاكى «تىرنا يىڭلىسى» گىچە يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئەگەر  مۇمكىن بولسا زىيارەتچى قولىنى تىقىپ ماشىنىنى توختاتقۇسى بار ئىدى. بۇ ئوفىتسېر ئويلىغاندەك ئاۋاز ئەمەس ئىدى، سېپى ئۆزىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئىدى. ئۇ قوللىرىنى سوزدى، ئەمما بۇ چاغدا پەقەت «تىرنا» يەنە ئوفىتسېرنىڭ يارا بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە سانجىلىپ ئۆرلىدى، ئوفىتسېرنىڭ بەدىنىنى بىر چەتكە ئېلىپ باردى. خۇددى بۇرۇنقى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن چاغدىكىگە ئوخشايتى، ئەمما ئون ئىككى سائەتكە يەتمەيلا ئايلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىدىن قىپقىزىل قان ئېقىپ چىقىپ، نۇرغۇن ئېرىقچىلارنى ھاسىل قىلاتتى. ئەمما بۇ قان سۇغا قوشۇلمىغانىدى، چۈنكى بۇ چاغدا سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالغانىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم باسقۇچىدىنمۇ مەسىلە چىقتى:«تىرنا يىڭلىسى»دىكى تەن تۆۋەنگە چۈشمىدى. بەدەندىن قىپقىزىل قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. ئەمما توپا دۆۋىسىدىن ئېقىپ چۈشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن «تىرنا»نى يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلدى. تېخى ئېغىرلىقىنى يوقاتمىغانلىقىنى سەزگەندەك ئوفىتسېرنىڭ بەدىنىنى قويۇپ بەرمەي، كارىزنىڭ ئۈستىدىكى مۇئەللەقتە توختىدى.
ــ تېز كېلىپ ياردەملىشىڭلار،-دەپ ۋارقىرىدى زىيارەتچى ئەسكەر بىلەن گۇناھكارغا.
ئۇ ئوفىتسېرنىڭ پۇتلىرىنى تۇتىۋالغانىدى. ئۇ مەن ئافىتسېرنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ، ئۇ ئىككىيلەن ئوفىتسېرنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ، ئۇنى ئاستا-ئاستا «تىرنا» يىڭلىسىدىن ئېلىپ چۈشۈرەيلى دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن سەل دىلغۇل بولۇپ قالغاچقا زىيارەتچىنىڭ يېنىغا كەلمىدى. گۇناھكار شۇ زامان باشقا ياققا بۇرۇلغىنىچە يۈرۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن زىيارەتچى ئۇلار يېنىغا كېلىپ، يۈرۈڭلار ئوفىتسېرنىڭ بېشى تەرەپكە بېرىڭلار دېيىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئۆلگۈچىنىڭ چىرايىغا قاراشنى زىنھار خالىمىغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى ھايات چېغىدەكلا تۇراتتى. ئۆلۈكنىڭ چىرايلىرىدا بولىدىغان ئالامەتلەر زىنھار يوق ئىدى. باشقىلار ماشىنا ئىچىدە ئېرىشكەن نەرسىگە، ئوفىتسېر ئېرىشەلمىدى. ئۇ لەۋلىرىنى ھىم يۇمىۋالغانىدى، كۆزلىرىنى ئېچىۋالغانىدى، خۇددى ئادەمگىلا ئوخشايتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن تەمكىنلىك، ئاسايىشلىق ھەم كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. توم بىر تال تۆمۈر يىڭلە ئۇنىڭ پىشانىسىدىن تېشىپ ئۆتكەنىدى.
زىيارەتچىنىڭ ئارقىسىدا گۇناھكار بىلەن ئەسكەر بارىدى. ئۇ ئۈچەيلەن بىللە مۇستەملىكە قىلىنغان يەرنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى بىر  قانچە دوم ئۆينىڭ يېنىغا كەلدى، بۇ چاغدا ئەسكەر ئۇ ئۆيلەردىن بىر ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
ــ بۇ چايخانا ئىدى،- دېدى.
بۇ ئۆينىڭ تۆۋەن قەۋىتىدە بىر ئېغىزلىق ئۆي بار ئىدى. ئۆي پاكار ھەم چوڭقۇر ئىدى. خۇددى ئۆڭكۈرگىلا ئوخشايتى. ئۆينىڭ تاملىرى بىلەن تورۇسلىرىمۇ ئىسلىشىپ قارداپ كەتكەن ئىدى. چوڭ كوچا تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئىشىكى ئوچۇق ئىدى. بۇ چايخانىنىڭ ئۆيلىرى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلەردىكى باشقا ئۆيلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىىسىمۇ، ھەممىسى ۋەيرانە ئۆيلەر بولسىمۇ، ئەلبەتتە قۇمانداننىڭ  سەلتەنەتلىك تۇرالغۇسى بۇنىەڭ سىرتىدا بولسىمۇ، ئەمما زىيارەتچى يەنىلا بۇنداق تارىخىي ئىزلاردىن ھەيران قالدى. ئۇ تارىخنىڭ ھەيۋىسىنى سەزدى. ئۇ گۇناھكار بىلەن ئەسكەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ كوچىغا قويۇپ قۇيۇلغان قۇرۇق ئۈستەلدىن ئۆتتى، ئۆينىڭ ئىچىدىن چىقۋاتقان سوغ، نەم ۋە كۆكىرىپ كەتكەن بىر نەرسىنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ كەتكەن ھاۋادىن نەپەسلەندى.
ــ ئۇنىڭ جەسىدىنى مۇشۇ يەرگە كۆمۈۋېتەيلى،-دېدى ئەسكەر،-پوپ ئۇنى جامائەت قەۋرىستانلىقىغا دەپنە قىلغۇزمايدۇ، ئۇنى دەماللىققا قەيەرگە دەپنە قىلىشنى بېكىتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئاخىرى يەنە ئۇنى مۇشۇ يەرگە كۆمېۋېتىڭلار دەيدۇ. ئەلبەتتە ئوفىتسېر بۇ ئىشنى سىزگە دېمىگەن بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئىش ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكىۋەتتى. ئۇ ھەتتا نەچچە قېتىم كېچىدە بوۋاينى كۆمگەن يەردىن ئېچىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما ھەر قېتىم ئۇنى باشقىلار قوغلىۋەتتى.
ــ جامائەت قەبرىستانكلىقى قەيەردە؟-دەپ سورىدى زىيارەتچى. ئۇ ئەسكەرنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيتى.
ئەسكەر بىلەن گۇناھكار ئىككىيلەن بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قوللىرىنى سوزۇپ جامائەت قەۋرىستانلىقى بار يەرنى كۆرسەتتى. ئۇلار زىيارەتچىنى باشلاپ تامنىڭ ئارقا تەرىپىگە كەلدى. ئۇ يەردە بىر قانچە مېھمان شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىچە چاي ئىچىۋاتاتتى. ئۇلار پىرىستان ئىشچىلىرى بولىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇلار بىرىدىن بىرى كۈچتۈڭگۈر ئادەملەر ئىدى، قىسقا قارا ساقال قۇيىۋالغانىدى. ئۇلار دېگۈدەكلا پەلتو كىيمىگەن ئىدى. كىيۋالغان كۆينەكلىرمۇ كونىراپ ساپاسى قالمىغانىدى. ئۇلار ئېزىلگەن نامرات-پېقىرئادەملەر ئىدى. ئۇلار زىيارەتچىنىڭ يېقىن كەلگەنلىكىنى كۆرپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. تامغا يۆنەلگىنىچە زىيارەتچىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمىدى. زىيارەتچى بىرەيلەننىڭ پەس ئاۋاز بىلەن:
ــ چەت ئەللىككەن، ئۇ قەبرىستانلىقنى كۆرگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ،-دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
ئۇلار بىر شىرەنى چەتكە ئىتتەردى. شىرە ئاستىدا يەنە راستىلا بىر دانە ئابىدە بار ئىدى. بۇ ئادەتتىكى ئابىدە ئىدى. ئابىدە قىسقا بولغاچقا شىرەنىڭ تەكتىگە تىقىپ قويغىلى بۇلاتتى. ئابىدىنىڭ يۈزىدە چۈمۈلىنىڭ پۇتىدەك كىچىك خەتلەر بار ئىدى. زىيارەتچى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خەتلەرنى ئېنىق كۆرمەكچى بولدى. ئابىدىگە:«بۇ يەردە پىشقەدەم قۇماندان خاتىرجەم ياتىدۇ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم- فامىلىلىرىنى يوشۇرغان. ئۇلار ئۇنى بۇ يەرگە دەپنە قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن. بىر قانچە يىلدىن كېيىن پىشقەدەم قۇماندان بۇ يەردىن تىرىلىپ، قايتا باش كۆتىرىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ مۇستەملىكە قىلىنغان بۇ يەرنى قايتۇرىۋالىدۇ. ئىتىقادتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرايلى» دەپ يېزىلغانىدى.
زىيارەتچى ئابىدىدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. ئۇ بۇ ئادەملەرنىڭ ئەتراپىدا ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا كۈلكە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، خۇددى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئابىدىدىكى خەتلەرنى ئوقۇغاندەك، ئىنتايىن ھىلىگەر، كۈلكىلىكتەك تويۇلدى. ئۇمۇ ئوخشاش تۇيغۇ بولۇشنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى. زىيارەتچى ئۇنى بايقىمىغان قىياپەتكە كىرىۋاكدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قانچە مېتال پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭشىرەنى ئەسلى ئورنىغا ئەكىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى، ئۇ چايخانىدىن چىقىپ، پىرىستان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئەسكەر بىلەن گۇناھكار چايخانىدا بىر قانچە تونۇش ئادەنلەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشتى. ئەمما ئۇلار جەزمەن ئۇلاردىن تېزلا قۇتۇلاتتى. چۈنكى زىيارەتچى تېخى يولوچىلار كېمىسى بار يەرگە بارىدىغان ئۇزۇن پەلەمپەينىڭ يېرىمىغىمۇ بامىغان ئىدى. ئۇ ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەپ كېلىشتى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى رەت زىيارەتچىدىن ئۆزلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى. زىيارەتچى پەلەمپەينىڭ تۆۋەن تەرىپىدە تۇرۇپ، كېمىچى بىلەن باھا تالىشىۋاتاتتى، كېمىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز دەۋاتاتتى. ئۇ ئىككىسى ئاستا تۇيدۇرماي پەلەمپەياىن پەسكە چۈشتى. ئۇلار شەپە-ئاۋاز چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايتى. ئەمما پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتقاندا زىيارەتچى كېمىگە چىقىپ بولغانىدى، كېمىچىمۇ كېمىسىنى ھەيدەپ قىرغاقتىن ئايرىلغانىدى. ئۇلار ئەسلىدە كېمىگە سەكرەپ چىقالايتى، ئەمما زىيارەتچى پالوبادىن توم بىر ئارقاننى ئېلىپ، تۈگۈنچەك چىگىپ ئۇلارنى قورقۇتتى. ئۇلار ئاخىرى يەنىلا كېمىگە سەرەپ چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
( خەنزۇچە كافاكانىڭ «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» ناملىق كىتابىدىن)


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-27 13:07:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرى بويتاق بىلومفېرد
فرانىز كافكا (ئاۋىستىرىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
    كەچ كىرگەندە بىلومفېرد ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ياتىقىغا چىقاتتى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن  يەتتىنچى قەۋەتتىكى ياتىقىغا چىقىش بىر ئاۋارىچىلىق ئىش ئىدى. ئۇ يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى غەمگە پاتاتتى. ئۇ كېيىنكى چاغلاردا پات-پاتلا مۇشۇنداق غەمگە پاتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئالتىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدىن پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۆتۈپ، بوش تۇرغان ئۆيگە كىرەتتى. ئۇ يەردىمۇ ئۇخلاشلا كىيىمىنى كىيىپ، تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چېكەتتى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مۇشتەرى بولۇپ كېلىۋاتقان فرانسۇزچە ژۇرنالنى ۋاراقلاپ ئولتۇرغاچ، ئۆزى ياسىغان مېۋە شەربىتىنى ئىچەتتى. يېرىم سائەتتىن كېيىن يوتقان - كۆرپىلەرنى سېلىپ ياتاتتى. ئەمما ياغاچ قۇلاق خىزمەتكار ئايال خىيالىغا كەلگەننى قىلىپ، يوتقاننى كارىۋاتقا قالايمىقان تاشلاپ قوياتتى. بىرەرسى كىرىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە،  بىلومفېرد ئۇ كىشىنى قىزغىن كۈتىۋالاتتى. ئۇ بىر كۈچۈك بېقىۋېلىشنىمۇ ئويلاشقانىدى، ئىت دېگەن ۋاپادار جانۋار ئىدى.  بىلومفېردنىڭ بىر خىزمەتدىشى بارىدى، ئۇ بىر ئىت بېقىۋالغانىدى. ئۇ ئىت ئىگىسىدىن باشقا ھېچكىمگە يېقىنلاشمايتتى، ئىت ئىگىسى بىردەم  يوقاپ كەتسە چىدىمايتتى، كېيىن ئىت ئىگىسىنى كۆرگەندە قاۋاپ كېتەتتى، ئىتنىڭ بۇ قىلىقلىرى مېھرىبان ئىگىسىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ خۇشاللىقىنى ئىپادىگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىت بېقىشنىڭ يامان تەرەپلىرىمۇ بارىدى، ئىتنى قانچىلىك پاكىز باقسڭىزڭمۇ ئۇ بەرىبىر يەنە ئۆينى مەينەت قىلىۋېتەتتى، شۇڭا ئىتنىى پاكىزە بېقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئىتنى ئۆيگە كىرگۈزۈشنىتىن ئىلگىرى ھەمىشە ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرغىلى بولمايتتى. يەنە كېلىپ دائىم بۇنداق قىلىش ئىتنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق ئىدى..
     ئۆي ئىچى مەينەت بولۇپ كەتسە بىلومفېردنىڭ كۆڭلى بىئارام بولاتتى. ئۆينى پاكىز تۇتۇش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل مەجبۇرىيەت ھېسابلىناتتى. ئەمما خىزمەتكار ئايال تازىلىققا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن بىلومفېرد ئۇ ئايال بىلەن بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم تاكاللىشىپ قالاتتى ھەتتا قىزىرىشىپمۇ قالاتتى، ئۇ ئايال گاس بولغاچقا، بىڭلومفېرد ئۇنى يىتىلەپ ئاپىرىپ ئۆينىڭ پاكىز تازىلانمىغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. بىلومفېرد  مۇشۇنداق قاتتىق نازارەت قىلغاچقا، خىزمەتكار ئايال ئۆينى ئۇ رازى بولغۇدەك پاكىزە تازىلايتتى،غنەرسە-كېرەكلەرنى رەتلەپ قوياتتى.
   بىلومفېرد ئىت بېقىۋالسا، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى پاكىزە ساقلاپ كەلگەن ئۆيىنى مەينەت قىلىۋېتىشى مۇمكىنىدى. بۇ  مەينەتچىلكنى ئۆيگە ئۆزى چىللاپ كەلگەنلىك بىلەن باراۋەر بولاتتى. شۇنداق بولسا، ئىتنىڭ دوستى بولغان بۈرگىمۇ ئىت بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشى مۇمكىنىدى، بۈرگە پەيدا بولسىلا، ئۇ ئىللىق ئۆينىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى باشقا يەرگە كېتىشى مۇمكىنىدى.
    مەينەتچىلىك ئىتنىڭ ئادەتتىكى بىر تەرىپى ئىدى خالاس. مۇھىمى ئۇ كېسەل بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىنىدى، يەنە كېلىپ ئىتنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئىت كېسەل بولۇپ قالسا بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ يېتىۋېلىشى ياكى دەلدەڭشىگىنىچە ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە كىرىپ - چىقىشى، غىڭشىپ، يۆتىلىشى، خىرقىراپ يۈرىشى مۇمكىنىدى، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇنى ئەدىيالغا يۆگەيسىز، كېيىن «كۈچۈكۈم-كۈچۈكۈم» دەپ ئالدىغا بېرىپ قاچىغا سۈت قويۇپ بېرىسىز. قىسقىسى، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسز. ئاھ تەڭرىم! ئىت بۇ جانۋار ئاسان ساقىيىدىغان يېنىك كېسەل بولغاي! دەپ پەرۋەردىگارغا يالۋۇرىسز. بەزىدە تىلىكىڭىز ئىجابەت بولىشى مۇمكىنىدى.  ئىت ئاغرىپ قالسا كۆپىنچە ئېغىر، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قالاتتى.
     ئۇ ئىت كېسەل بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قېرىيتتى. ئۇ چاغلاردا  سىز ئۇنى نەگە ئاپىرىۋېتىشىڭىزنى بىلەلمەي بېشىڭىز قېتىپ كېەتتى، سىز ئىتنىڭ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى كۆرگەن دەملىرىڭىزدە «مەنمۇ شۇنداق بولىمەن» دەپ كۆڭلىڭىز يېرىم بولاتتى، كۆڭۈل ئاسمىنىڭىزنى غېرىپلىق تۇمانلىرى قاپلايتتى. كېيىن سىمىزلىكتىن ھاسىراپ  ماڭالماي قالغان ئىت بىلەن بىللە ئازاپلىناتتىڭىز. ئۇنىڭدىن ئالغان خۇشاللىقنىڭ بەدىلى سىز  ئۈچۈن قىممەت توختايتتى.
    بىلومفېرد ئىت بېقىۋىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئۆزىدىن ئۆتە قېرى، ئەبگا  ئىتنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى تارتىشنى خالىمىدى. جېنىمنى قىيناپ يۈرگىچە ئوتتۇز يىل ماڭغان بۇ پەلەمپەيدە يەنىلا ئۆزۈم يالغۇز ماڭغنىم تۈزۈككەن دەپ يەكۈن چىقاردى.
    شۇڭا بىلومفېرد ئاخىر يالغۇز يالغۇز ياشاشنى نىيەت قىلدى، ئۇ يېنىدا ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايتتى، ئەرمەك ھايۋانلارنىمۇ ئەركىلەتمەيتتى، ئۇنىڭغا بارلىق مېھرىنى بەرمەيتتى. يەنە كېلىپ ئۇنى بېقىۋېلشنىمۇ ياقتۇرمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلومفېرد  بىرەر مۈشۈكنى، بىرەر قۇچقاچنى ياكى بىر نەچچە تال ئالتۇن بېلىقنى ئەرمەك قىلىپ بېقىۋالسا بوۋاينىڭ يالغۇزلىقى ئۇنتۇلغاندەك بولاتتى. بىلومفېردنىڭ بۇلارنى بېقىۋېلىشقا قۇدرىتى يەتمىسە، دېرىزە ئالدىدىكى گۈل-گىياھلارغا قاراپ، ئۇلارنى پەرۋىش قىلسىمۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلى قانائەتلىنەتتى. ئەمما بىلومفېردقا كېرەك بولغىنى ئۆزىنى ئاۋارە قىلمايدىغان، تېپىۋەتسىڭزمۇ ۋايسىمايدىغان، ئامالسىز قالغاندا كوچىلاردا تۈنەيدىغان، بىلومفېرد ئويلىغان ھامان ئالدىدا پەيدا بولۇپ قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭلاتقىنىچە ئويناقلاپ قاۋاپ بېرىدىغان، ئۇنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلاشقا تەييار تۇرىدىغان بىر جانۋار بولىشى كېرەك ئىدى. بىلومفېردقا لازىم بولغىنى دەل مۇشۇنداق ئەرمەك جانۋار ئىدى. ئەمما بىلومفېرد ئۇنداق جانۋارنى بېقىش ئۈچۈن كۆپرەك چىقىم تارتىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا بىلومفېرد بۇ خىيالىدىن ياليتىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما بىلومفېرد يەنىلا ئۆگىنىپ قالغان خۇيىنى تاشلىيالمىدى، بۇ خىيال پات-پاتلا بوۋاينىڭ كاللىسىغا كىرىۋالاتتى.  بىلومفېرد بۈگۈن ئاخشام يەنە شۇنداق خىياللارنى سۈردى.
   بىلومفېرد ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى ئېلىشقا تەمشەلگەندە تۇيۇقسىز ئۆي ئىچىدىن غەلىتە ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ دىققىتىنى ئاۋازغا مەركەزلەشتۈردى. «تىك –تاك − تىك –تاك » قىلغان بۇ ئاۋاز تولىمۇ ئېنىق، رېتىملىك ئاڭلىناتتى، تېخى  بايىلا ئىتنى ئويلىغان بىلومفېرد بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئىتنىڭ ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى تاتىلىغان چاغدىكى ئاۋازىنى ئەسكە ئالدى. ئەمما ئىتنىڭ پۇتى بۇنداق ئاۋاز چىقىرالمايتتى، بۇ ھەرگىزمۇ پۇتنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى. بىلومفېرد ئىشىكنى ئېچىپ، چىراغنى ياندۇردى.
    بىلومفېرد كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران بولدى، بەئەينى سېھىرگەرنىڭ ئويۇنىدەك ئاق ۋە قىزىل سىزىقچىلىرى بار كىچىككىنە ئىككى تال تىكتاك توپ كىرىشتۈرۈپ ياتقۇزۇلغان تاختاي ئۈستىدە دەممۇ دەم سەكرەۋاتاتتى، بىرى چۈشسە، بىرى كۆتۈرۈلەتتى، بىلومفېرد ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغرىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئېلېكتىر ئىلمى تەجرىبىسىدە كىچك توپقا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ دەل مۇشۇنداق سەكرىگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. ئەمما چوڭ، ئادەم يوق  ئۆيدە سەكرەپ يۈرگەن بۇ توپلارنىڭ  ئىلىكتىر تەجرىبىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.
    بىلومفېرد ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن توپقا ئېڭىشىپ قارىدى، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى توپتىن پەرقى يوقىدى، توپنىڭ ئىچىگە يېرىمىغىچە تولدۇرۇپ ئۇششاق توپا تىقىلغانىدى، «تىك-تاك-تىك-تاك » قىلغان ئاۋازنى شۇ توپلار چىقىرىۋاتاتتى. بىلومفېرد ئۇلارنى يىپقا باغلانغان بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قولىنى يۇقىرىغا سوزدى، ئەمما توپقا باغلانغان يىپ يوق بولۇپ چىقتى. توپلار راستتىنلا ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىۋاتاتتى. ئېست، بىلومفېرد كىچىك بالا بولماي قالدى – دە، بىلومفېرد كىچىك بالا بولغان بولسا  ئۇ بۇ توپلارنى كۆرۈپ قاتتىق خۇشال بولغان بولاتتى. ھازىر بۇ ئىش ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ بەردى. تەنھالىقتا جىمجىت ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەنىمەت ئىدى، ئەلۋەتتە. ئەمدى ھازىر كىمدۇ بىرسى ئۇنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلدى.
   بىلومفېرد توپنى تۇتماقچى بولغانىدى،توپىلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. ئۇ توپلارنى قوغلاپ ئۇيان-بۇيان يۈگۈردى.  ئەمما ئۇ بۇنداق ئاۋارە بۇلۇش ئەخمەقلىق دەپ ئويلاپ، يۈگۈرۈشتىن توختاپ توپلارغا قارىدى. بىلومفېرد توپلارنى بىر ئامال قىلىپ تۇتۇشۇم كېرەك دەپ ئويلاپ يەنە قوغلاشقا باشلىدى. توپلار شۇ زامان قاچتى، ئەمما بىلومفېرد توپلار بۇلۇڭدىكى ساندۇقنىڭ يېنىغا بېرىشىغىلا بىرىنى تۇتۇۋالدى. كىچىك توپ پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كەتمەكچى بولغاندەك  ئۇنىڭ ئالىقىنىدا چۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئىككىنچى توپ ھەمراھىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلگەندەك تېخىمۇ ئېگىز سەكرەشكە باشلىدى. ئەمما ئۇ توپنىڭ سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن ئاستىلاپ قالدى. ئۇ توپ بىلومفېردنىڭ قولىغا ئۇرۇلۇپ تۇردى. ئۇ ھۇجۇم ئورنىنى ئۆزگەرتىپ سۈرئىتىنى تېزلەتتى، بىلومفېردنىڭ توپ كۈتۈپ تۇرغان قولىغا ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مۇمكىنلىكى بار قول يۇمۇقلۇق تۇرغاچقا  توپ ھەتتا بىلومفېردنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلۇش مەقسىتىدە ئېگىز سەكرەشكە باشلىدى. بىلومفېردنىڭ ئۇنىمۇ تۇتۇۋېلىپ، ئىككىلا توپنى مەلۇم بىر جايغا تاشلىشىمۇ  مۇمكىنىدى. ئەمما شۇ ئەسنادا بىلومفېرد بۇنداق كىچىك توپلارغا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسام چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولىدىكەن دەپ ئويلىدى – دە، بۇنداق توپنىڭ بولغىنىمۇ كۆڭۈللۈك ئىشكەن، بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارمۇ چارچاپ، ئىشكاپنىڭ تېگىگە كىرىپ جىمىپ قالار دېگەن ئويغا كەلدى.
     بىلومفېرد شۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ، يەنە غەزەپلىنىپ قولىدىكى توپنى زەردە بىلەن ئاتتى. قىزىق، بىلومفېرد توپنى شۇنداق قاتتىق ئاتقان بولسىمۇ، توپ ھېچنىمە بولمىدى. ئىككىلا توپ بۇرۇنقىدەك جۈپلىشىپ بىر-بىرىگە ماسلىشىپ سەكرەشكە باشلىدى.
  بىلومفېرد تەمكىنلىك بىلەن كىيىملىرىنى سالدى، ساندۇقتىكى كىيىملىرىنى رەتلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇرۇنقىدەك خىزمەتكار ئايالنىڭ ئۆينى قانداق يىغىشتۇرغانلىقىنى بىربىرمۇ تەكشۈردى. شۇ ئەسنادا توپلارغا بىر قۇر قاراپ قويدى. ئۇ توپلارنى قوغلىمىغاچقا، توپلار ئۇنى قوغللاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار بىلومفېردنىڭ يېنىغا كېلىپ سەكرەشكە باشلىدى. بىلومفېرد   ئۇخلاش كىيىملىرىنى كىيىپ، مۇشتىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدۇلدىكى تامغا كېتىۋاتقاندا، چىدىيالماي توپلارنى تېپىۋەتتى. توپلار ئۆزلىرىنى شاققىدە چەتكە ئېلىپ، بىلومفېردنىڭ پۇتىنى ئۆزلىرىگە تەگكۈزمىدى.
     بىلومفېرد  مۇشتىكىنى ئېلىپ ئايلىنىپ مېڭىشى بىلەنلا توپلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ساپما كەشىنى شىپىلدىتىپ، پۇتلىرىنى دەلدەڭشىپ ماڭدى، توپلارمۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ماسلىشىپ سەكرىدى.
     بىلومفېرد  ئۇلار ئەمدى قانداق قىلاركىن دەپ شاققىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، توپلارمۇ لىككىدە ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى. بىلومفېرد  بۇرۇلۇشى بىلەنلا توپلار خىۇددى غوجايىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە پېتىنالمىغان خىزمەتكاردەك ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرىنىۋالدى. بۇ جەرياندا توپلار ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى كەلگەندەك بىلومفېردنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇللۇق رولىنى ئادا قىلدى.
بىلومفېرد شۇنداق ئالاھىدە بىر ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئىلاجىسىز قالغان دەملەردە گاس ئادەمدەك بولۇۋالاتتى.  ئۇ مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئەھۋالنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۇ ھازىرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. ئۇ مۇشتەك جازىسىنىڭ ئالدىدا ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ بىر غاڭزىنى ئالدى، كېيىن سەكرەۋاتقان توپلارغا پەرۋا قىلماي مۇشتىكىگە ئالدىرىماي تاماكا تولدۇردى. شىرە يېنىغا بارماي شۇ ئەتراپتا ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلىدى. سەكرىگەن ئاۋازنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بىزار بولدى. بىلومفېرد شۇنىڭدىن كېيىن مۇشتىكىگە تاماكا تولدۇرغان بولۇپ، ھەرىكىتىنى سەل ئاستىلىشىپ ئۈستەل بىلەن ئىككى ئارىلىقنى دەڭسەپ، پولنى تاراقلىتىپ ئۈستەلنىڭ يېنىغا باردى. شۇ ئەسنادا تاختاينىڭ تاراقىشىغان ئاۋازىدىن توپلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى. ئۇ ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن سەكرىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى. شىرەدە قول يەتكۈدەك جايدا مېۋە شەربىتى تۇراتتى. شەربەت بوتۇلكسنڭ ئەتراپى ئىستاكان بىلەن تولغانىدى. بوتۇلكنىڭ يېنىدا بىر باغلام  فرانسۇزچە ژۇرنال تۇراتتى، بۈگۈن ئۇنىڭ يېڭى سانىلىرى كەلگەنىدى. بىلومفېرد يېڭى كەلگەن ژۇرنالنى قولىغا ئالدى. شەربەتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى  ھەتتا ئۇ بۈگۈن ئۆزىنىخۇش قىلىش ئۈچۈن باشقا ئىش قىلماي، مۇشۇ ئىشىنى قىلىدىغاندەك سەزدى، ئۇ ژورنالدىن نېمىلەرنى ئوقوشنى بىلەلمىدى، ئۇ ئادەتتە ژورنالنىڭ ھەر بېتىگە زەن سېلىپ قارايتتى. ئەمما ئۇ  ھازىر ئەكسىچە ژۇرنالنى ۋاراقلاپ كۆردى،  ئولتۇرۇپ چوڭ رەسىمگە قارىدى، ئۆزىنى زورلىغاندەك بۇ رەسىمگە دىققەت نەزەرى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭدا رۇسىيە پادىشاھى بىلەن فرانسىيە فرىزېنتنىڭ ئۇچىرىشىش مەنزىرىسى سىزىلغانىدى، ئۇلار كېمە ئۈستىدە ئۇچراشقانىدى. ئەتراپتا مىغ - مىغ كىشلەر تۇراتتى. كېمە تۇرخۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن قارا ئىسلار كۆك ئاسمانغا ئۆرلەيتتى، پادىشاھ بىلەن فرزېنت قول ئېلىشماقچى بولۇپ، بىر-بىرىگە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىغىنىچە كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ  ھەر بىرىنىڭ كەينىدە ئىككىدىن ئادەم تۇراتتى. پادىشاھ بىلەن فرزېنتنىڭ  چىرايلىرىدىن كۈلكە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تەلەتلىرىدىن مۇز ياغاتتى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ غوجايىنىغا قاراپ قېتىپ قالغانىدى. بۇ كېمىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى كۆرۈنۈش ئىدى. كېمىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە دېڭىزچىلار قاتارلىشىپ تۇرغىنىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ سەپلىرى رەسىم چېتىگىچە سوزۇلۇپ، ئاندىن ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.  رەسىمگە بىر ئاز قاراپ قىزىقىپ قالغان بىلومفېرد ژورنالنى كۆزىدىن يىراقراق تۇتۇپ  تۇرۇپ، رەسىمگە تىكىلىپ قارىدى. ئۇنىڭدا سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈشلەرگە باھا بەرگۈدەك قابىليەتمۇ بار ئىدى. ئۇ باش پېرسوناژلارنىڭ قورۇنماي، قىزغىن كەيپىيات بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىنى رېئاللىققا ئۇيغۇن دەپ چۈشەندى. ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى مەنسەپدارلار ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار مەنسەپدارلار ئىدى، ئاستىغا ئىسمىلىرىمۇ يېزىلغانىدى.  ئادەم ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن چىراي ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ قاتتىق قوللۇق قىلىشىمۇ يوللۇقكەن دېگەن ئويغا كېلەتتى.
بىلومفېرد ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئالماي، تۇتاشتۇرغان مۇشتىكىگە قاراپ جىم ئولتۇردى. پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرغان بىلومفېرد شۇئان خۇشاللىقا ئېرىشكەندەك ئورۇندۇقى بىلەنلا چۆرگىلەشكە باشلىدى. توپلارمۇ سەگەكلىشىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىۋالغان تۈزۈمگە ئامالسىز بويسۇنۇپ، بوۋاينىڭ چۆرگىلىشىگە ماسلىشىپ نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، بىلومفېرد نىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يوشۇرۇندى. بىلومفېرد مۇشتىكىنى تۇتقىنىچە ئۈستەلگە كەينىنى قىلىپ ئولتۇردى. توپلار ئەمدىلىكتە ئۈستەلنىڭ تېگىدە سەكرەشتى. پولغا گېلەم سېلىنغاچقا ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن پەس ئاڭلىناتتى. بۇمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. بۇنداق ئاۋازنى زەن سېلىپ ئاڭلىمىسا ئاڭلىغىلى بولمايتتى. بىلومفېرد دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەچكە ئۇ ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىدى، ئەمما بۇمۇ بىردەملىك بولدى. بىر ھازادىن كېيىن بىلومفېردمۇ  ئۇ ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدى، گىلەمنىڭ ئۈستىدە توپلارنىڭ دىققەتنى تارتالمىغانلىقى بىلومفېردنىڭ نەزەرىدە  توپلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھىسابلىناتتى. گىلەمدىن بىرنى ھەتتا ئىككىنى سالغان بولسا ئۇلارنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ ئاجىزلايتتى، ئەلۋەتتە. بۇلارمۇ مەلۇم مەزگىل ئىچىدىكى ھادىسە ئىدى، باشقا چاغلاردا ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم بىر كۈچنى تەسۋىرلەپ تۇراتتى.
بىلومفېرد ئەمدى ئىت بېقىۋالسام بولغۇدەك دەپ ئويلىدى. بىلومفېردنىڭ ياخشىراق ئىتى بولغان بولسا، ئۇ بۇ توپلارنى ئاسانلا ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالاتتى. ئىت ئۇلارنى ئۆي ئىچىدە توختىماي قوغلايدىغانلىقىنى، ئاخىر قانداق چىشلىۋالدىغانلىقىنى ئويلىدى. بىلومفېردنىڭ  ھېچقانچە قىينالمايلا ئىت تاپالايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ئەمما بىلومفېرد  توپلار ئادەمنىڭ ھوشيارلىقىمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق دەپ توپلارنى توختىتىشنى خالىمىدى، بەلكىم ئۇ ئۇنداق ئىشقا بەل باغلىيالمىسا كېرەك. بۇ خىيال ئۇ كەچتە ئىشتىن چارچاپ كېلىپ، دەم ئېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پەيدا بولغانىدى. توپلارنى قانداق يوقىتىش كېرەك. بۇنىڭغا تېزدىن تۇتۇش قىلمىسا بولمايتتى. ئەمما ئىشنى ئەتە قىلمىسا بۈگۈن قىلالمايتتى. چۈنكى بىلومفېرد قاتتىق چارچاپ كەتكەنىدى. باشقا تەرەپلىرىنى ئويلاشقاندىمۇ، راستىنى ئېيتقاندا توپلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك ئەمەس ئىدى.
مەسىلەن، ئۇلار سەكرەپ ئالدىغا ئۆتۈپ بىر كۆرۈنۈپ قويۇپلا يەنە ئورنىغا قايتىپ كېتىشى ياكى ئېگىز سەكرەپ ئۈستەلگە تېگىپ گىلەمدە چىقمىغان ئاۋازنى تېخىمۇ جاراڭلىق چىقىرىشى مۇمكىنىدى. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلمىدى، بىلومفېردنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدى. پەقەت قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار بىلەنلا چەكلەندى.
كېيىن مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىلومفېردنى ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قاتتىق زېرىكتۈرۋەتتى. ئۇ جايىدا بىر نەچچە مىنۇت چىداپ ئولتۇرۇپ، ئاخىر ئۇخلىماقچى بولدى. سەرەڭگە كارىۋاتنىڭ يۇقىرى تەرپىدىكى ئىشكاپتا بولغاچقا تاماكىمۇ چېكەلمىدى. بۇمۇ ئۇنى ئۇخلاشقا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى. سەرەڭگىنى ئالمىغىچە ئۇخلاش ئاسانغا توختىمايتتى. يەنە بىر ئېھتىماللىقنىمۇ ئويلىشىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد: مەن كارىۋاتقا چىقسام توپلارمۇ ئەگىشىپ چىقىدۇ-دە، مەن توپنىڭ ئۈستىدە گۈپپىدە يېتىۋالىمەن. شۇنداق قىلىپ توپنى مىجىۋېتىمەن، مىجىلغان توپ سەكرىيەلمەيدۇ. ئالاھىدە نەرسىنىڭمۇ ئاجىزلىقى بولىدۇ. ئادەتتىكى توپلار توختىماي سەكرىسىمۇ، مىجىلغان توپ سەكرىيەلمەيدۇ، شۇڭا توپ مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ھەرگىز سەكرىيەلمەيدۇ دەپ ئويلىدى.
- قوپە ئورنىڭدىن!- دەپ ۋارقىرىغىنىچە توپلارنى باشلاپ كارىۋاتقا قاراپ ماڭدى بىلومفېرد. ئۇنىڭ دېگىنى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. ئۇ كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەتەي توختىدى. توپلارنىڭ بىرى سەكرەپ كارىۋاتقا چىقتى. قىزىق، توپلارنىڭ بىرى كارىۋاتنىڭ تېگىگە كىرۋالدى. توپنىڭ كارىۋات ئاستىدا تۇرۇپمۇ سەكرىيالايدىغانلىقىنى بىلومفېرد ئەسلا ئويلىمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد ئادالەتسىزلىك بولدى دەپ ئويلاپ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكىدەك بولدى. چۈنكى كارىۋات ئاستىدىكى توپ خالىغانچە سەكرەپ، كارۋات ئۈستىدىكى توپقا قارىغاندا ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلۋاتاتتى.
بىلومفېرد ئەمدى ئۇ توپلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ساقلىدى. چۈنكى بىلومفېدنىڭ خىيالىدا توپلار بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ خىزمەت قىلالمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي كارىۋات ئاستىدىكى توپ كارىۋات ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بڭلومفېد ئەمدى ئۇلارنىڭ ھۈنىرىنى كۆرىدىغان بولدۇم  دەپ ئويلاپ مەمنۇن بولدى. ئۇ ئۇخلاش كىيمىنى سېلىۋېتىپ، شۇئان كارۋىتىدا ياتتى. شۇ ئەسنادا كارىۋاتقا سەكرەپ چىققان توپ يەنە قايتىدىن سەكرەپ كارۋاتنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتتى.
بڭلومفېرد قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئىككىنچى توپمۇ بىرئازدىن كېتىن كارىۋاتتا تۇرۇشنى خالىماي دوستىنىڭ كەينىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشتى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ پولدا تۇرماقچى ئىدى، چۈنكى پول ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلەتتى.
بۇ بىر كېچىنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان بىلومفېرد لىۋىنى چىشلەپ بېشىنى چايقىغىنىچە بۇلار بۇ كېچىدە يەنە قانداق ئاۋارىچىلىق تېرىشار دەپ غەمگە پاتتى، مەيۈسلەندى. بىلومفېردنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئىدى. ئۇ بۇنداق ئاۋازلارغا پەرۋا قىلمايتتى، شۇنداق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن بېقىۋالغان كۈچۈكىنىڭ ئاستىغا سېلىنچا سالغاندەك  توپلارنىڭ ئاستىغىمۇ گىلەم سېلىپ قويدى. توپلارمۇ چارچىغاندەك ھالسىز قىياپەتتە بارغانسىرى پەس سەكرەيتتى. بىلومفېرد كارىۋاتنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە چىراغنى كارىۋاتنىڭ تىگىگە تۇتتى: ئۇلار يەرگە چارچىغان قىياپەتتە چۈشتى، يەنە كېلىپ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن تەستە دوملىدى، بىلومفېرد ئەمدى  توپلار گىلەمدە جىم ياتار دەپ ئويلىدى. ئەمما توپلار يەنە سەكرەشكە باشلىدى. ئەتىسى كارۋاتنىڭ تېگىگە قاراپ باقسا بولاتتى، شۇنداق قىلسا  كارىۋات تەكتىدە جىم ياتقان ياۋاش توپلارنى كۆرەتتى، بۇمۇ بىر ئېھتىماللىق ئىدى. ئەمما توپلارنىڭ ئەتىگىچە توختىماي سەكرىگۈدەك مادارى قالمىغانىدى. چۈنكى بىلومفېرد كارىۋاتتا يېتىپلا ئۇلارنىڭ ئاۋاىنى ئاڭلىيالمىدى. ئۇ كىچىككىنە شەپە بولسىمۇ ئاڭلىغۇسى كېلىپ، كارۋاتتىن بوينىنى سوزۇپ قارىدى. ھېچقانداق تىۋىش بىلىنمىدى. گىلەمنىڭ پايدىسى بولغاچقا توپلار سەكرەشتىن توختىغانىدى. گىلەم يۇمشاق بولغاچقا ئۇلار سەكرىيەلمەي ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانىدى. بولمىسا مەڭگۈلۈك سەكرىمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالاتتى، بۇ ئېھتىماللىق ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. بىلومفېردنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى ئېنىقلاپ بىلگىسى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆيدىكى جىمجىتلىققا رازى بولۇپ ئورنىدىن قوزغالماي يېتىۋەردى. توپلارغىمۇ قارىماي، مۇشتەكنىمۇ چەكمەي بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپ  كالىدەك پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كەتتى.
بىلومفېردنىڭ ئۇيقۇسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى. كېچىدە ئادەتتىكىدەك چۆش كۆرمىگىنى بىلەن راھەتلىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئىشىكنى بىرى چەككەندەك بىر نەچچە قېتىم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشىكنى ھېچكىم چەكمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. بۇنداق بويتاق بوۋاي بىلومفېردنىڭ  ئىشىكىنى يېرىم كېچىدە كىم چېكەتتى دەيسىز. شۇنداقتىمۇ ئۇ پات - پات چۆچۈپ ئويغىنىپ ېتەتتى، ئۇ پاخپايغان چېچى تەر باسقان زاڭاقلىرىنى يېپىۋالغان ھالەتتە تىتىرەپ ئىشىك تەرەپكە قورقۇنۇچ بىلەن كۆز تاشلايتتى. ئۇ نەچچە قېتىم چۆچۈپ ئويغانغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي ،  زېھنىنىمۇ يىغالماي يەنە ئۇخلاپ كەتتى. ئىشىكنىڭ چىكىلمىگەنلىكىنى، ئاۋازنىڭ باشقا تەرەپتىن چىققانلىقىنى ئۆزىچە قىياس قىلسىمۇ، نېمىگە ئاساسلىنىپ مۇشۇنداق يەكۈن چىقارغانلىقىنى مۈگدەك بېسىپ ئولتۇرۇپ ئېسىگە ئالالمىدى. دەسلەپكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سۇس شەپە بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاخىر تاراقلىغان ئاۋازغا ئۆزگەردى. ئۇ ئىشىكنىڭ تاراقلىغانلىقىنى ئاڭلىمىغان بولسا، ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك ئاجىز شەپىگىمۇ چىداپ ياتالايتتى. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى توختىتىش كېچىكىپ قالدى. ھەتتا گەپ قىلماي جىم ئەسنىگىنىچە سۇنايلىنىپ ياتتى. غەزەپتىن بېشىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىۋالدى. ئۇ بىر كېچىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزدى.
  ئەمما بىلومفېرد ئەتتىگەن خىزمەتكار ئايالنىڭ ئىشىك چەككەن ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۇھسىنىپ قويدى،  يېنىكلەپ قالغاندەك سەزدى. ئۇ بۇرۇن ھامان ئىشىك چەككەن ئاۋازنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىدىن ئاغرىنمايتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئىشىك چەككەن ئۋازمۇ كىرمەيتتى، ئەمما ئۇ ھازىر بۇنداق يېنىك ئىشىك چەككەن ئاۋازنى  ئاڭلاپ ھۇزۇرلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىرىڭ دەپ ۋارقىرىماقچى بولدى. ئۇ ئاجىز بولسىمۇ ئۈزۈلمەي چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. كارۋات ئاستىدىكى توپلار ئويغىنىپ كەتكەنمىدۇ، ئۇلار بىر كېچە ئۇخلىۋالغانمىدۇ، ماغدۇر يىغىۋالغانمىۇ؟
بىلومفېرد خىزمەتكار ئايالغا مانا ھازىر دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى. ئۇ توپلارنى ئۆزىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۋالماقچى بولغاندەك كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇلارغا كەينىنى قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ كېيىن توپلارغا بۇرۇلۇپ قاراپ قويۇپ  ئۇلارنى تازا تىللىماقچى بولدى. توپلار يوتقاننى تىپىپ ئېچىۋەتكەن كىچىك بالىدەك بىر كېچە گىلەمنى چوقۇلاپ چىقتى، گىلەمنىڭ بىر چېتىنى پۈرلەپ تاختاينى ئېچىۋەتكەنىدى. ئۇلار ئېچىلىپ قالغان تاختاينىمۇ تاراقلىتىشى مۇمكىنىدى.  
    -گىلەمنىڭ ئۈستىگە چىقىڭلار،- دەپ زەردە بىلەن ۋارقىرىدى ئۇ. توپلار گىلەمنىڭ ئۈستىگە چىقىپ  تىنچلانغاندىن كېيىن ئۇ خىزمەتكار ئايالغا دېدى،- كىرىڭ.
   ئۇ  ھېچنېمە بىلەن كارى يوق، ھاكاۋۇر، بەدەنلىرى لىغىرلاپ تۇرىدىغان سىمىز ئايال ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئەتىگەنلىك تاماقنى ئۈستەلگە قۇيۇپ، ئۆي ئىچىنى رەتلەشكە باشلىدى. بىلومفېرد توپلارنى كارىۋات ئاستىدىن چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇچىسىدىكى ئۇخلاش كىيمىنى سالماي كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇردى، توپلار بىلىپ قالغانمىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن خىزمەتكار ئايالغا پات – پات قاراپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭ بىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلىقى سەل ئېغىر ئىدى. بىلومفېرد ئۇ ئايالنىڭ بىر دەم توختاپ بىرنەرسىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى ۋە قانداقدۇر بىر نەرسىلەرگە قۇلاق سالغاندەك جىم تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئۆزىدىكى چالا ئۇيقۇلۇقتا پەيدا بولغان چارچاشنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولسا كېرەك دەپ بىلدى. خىزمەتكار ئايالنىڭ ئىش سۈرئىتى ئازراق تېزلەشكەن بولسا، خۇشاللىقتىن  ئۇنىڭ بېشى كۆككە تاقاشقاندەك بولاتتى. ئەمما ئايال بۈگۈن بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئېرىنچەكلىك بىلەن ئىشلىدى. كېلەڭسىز بەدىنىنى تەستە قوزغىدى، بىلومفېرد كىيىمىنى ئېلىپ زالغا چىقىپ كەتتى، ئۇزاۇنغىچە قايتىپ كىرمىدى. پەقەت تاراقلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇردى، ئۇ كىيىم -كېچەكلەرنى قېقىۋاتاتتى.
    ئەمما بۇ چاغدا بىلومفېرد توپلارنى چىقىرىۋەتمەي دېگەندەك كارىۋاتنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ قوزغالماي، شىرەدىكى سوۋۇپ قالغان قەھۋەگە قاراپ ئولتۇردى. ئۇ قەھۋەنى ئەزىلى قىزىقىدا ئىچەتتى. ئەرمەك قىلغۇدەك باشقا ئىشلىرى بولمىغاچقا، چۈشۈرۈپ قويغان پەردىگە كۆز تاشلىدى. تاڭ ئەمدىلا يورىغانىدى.
ئايال خىزمەتكار كېيىملەرنى قېقىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ كىردى.
-خەيرلىك سەھەر،- دېدى – دە، كېتىشكە تەييارلاندى. ئۇ ئىشك ئالدىغا بارغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ كەتمەي، كالپۇكىنى مىدىرلىتىپ، بىلومفېردقا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇردى.
بىلومفېرد بۇ نېمە قىلىغنىڭىز  دەپ سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇ ئايال بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقتى. بىلومفېرد ئېلىشىپ قالغان ساراڭ خوتۇن دەپ تىللىماقچى بولدىيۇ، يەنە ئۇنى نېمىشقا تىللىغۇدەكمەن، ئۇ ھېچقانداق خاتالىق  ئۆتكۈزمىگەن تۇرسا، بىر نەرسىنى سېزىپ قالغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇ راستىنلا ھېچنىمىنى بىلمىدى دەپ ئويلىدى.
بىلومفېرد زىھنىنى يىغالمىدى. بۇ بىر كىچېنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ تۆنۈگۈن كېچە بۇرۇنقى ھەرىكىتىنى تەكرارلىمىغانلىقىنى − تاماكا چەكمىگەنلىكىنى، ئىچىملىك ئىچمىگەنلىكىنى ياخشى ئۇخليالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەپ بىلدى. ئۇ كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىر تاماكا چەكمەي، ئىچىملىك ئىچمەي  ئۆتكەن ھايات ، ئۇيقۇسىز كېچىلەر ماڭا ھارام ئىكەن دېگەن ئويغا كەلدى.
بىلومفېرد ئەمدى سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلدى، ئۇ كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتا ئېسىقلىق تۇرغان دورا خالتىسىدىن پاختا ئېلىپ، قۇلىقىغا تىقتى. كېيىن سىناپ باقماقچى بولۇپ ئۇيان - بۇيان ماڭدى. توپلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئەمما ئۇ توپلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك تۇيغۇدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاراقلىغان ئاۋازنى زادىلا ئاڭلىماي دەپ قۇلىقىغا يەنە پاختا تىقتى. باشقىچە كۆڭۈلسىز ئەھۋال يۈز بەرمىدى. بىلومفېرد خالىغىنىنى قىلىدى. ئىككى توپمۇ جايىدا تۇرىۋەردى. يەنىلا  بىر - بىرىگە توسالغۇ بولمىدى.
بىر قېتىم بىلومفېرد كەينىگە تېزراق بۇرۇلغانىدى، توپلارنىڭ بىرىسى قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۇنىڭ تىزىغا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇ ئىش سەۋەبىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. باشقا جاغلاردا بىلومفېرد خاتىرجەم ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچتى. ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئىچىپ كەتتى. بۇ كېچە ئۇنىڭغا ئۇيقۇسىز كېچە ئەمەس، ئۇزۇن سەپەر كېچىسىدەك تۇيۇلدى. ئۇ مۇشۇ چاغقىچە توپلارنى باشقا بىرسى كۆرۇپ قالمىسۇن دەپ قاراڭغۇدا ئۇلتۇرۇشقا رازى بولدى، ئۇ روھلۇق تۇراي دەپ سوغۇق سۇدا يۇيۇندى، كېيىن كىيىمىنى كەيدى.
بىلومفېرد تېخى دېرىزە پەردىسىنى قايرىمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىلەر توپنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ دېرىزە پەردىسىنى قايرىماي، مۇشۇنداق گىرىمسەن قاراڭغۇلۇقتا تۇردى، ئۇ مۇشۇنداق تۇرۇشقا رازى ئىدى، بىلومفېرد كىشىلەرنىڭ بۇ ئىككى توپنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
بىلومفېرد ئەمدى سىرتقا چىقىشقا تەرەددۈتلەندى. ئۇ توپلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كوچىغا چىقىشقا تەييارلانسا ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك دەپ ئويلىدى. ئۇ توپلارنىڭ بۇنداق قىلالامايدىغانلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىۋالدى: كېيىم سېلىغان چوڭ ساندۇقنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى قىلىپ تۇردى. توپلار بىلومفېردنىڭ ھىيلىسنى بىلۋالغاندەك ھوشيارلىق بىلەن ساندۇق ئىچىگە چۇشمەي، ئۇنىڭ  بىلەن ساندۇق ئارىسىدا تۇرۇۋالدى. پەقەتلا ئامال قىلالمىغاندا ساندۇققا سەكرەپ كىرىپ، يەنە سەكرەپ چىقىپ يۈردى. بىلومفېرد ئۇلارنى ساندۇققا كىرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلاندى. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىسنى بەجا قىلالمىسىمۇ، بىلومفېردقا ئەگەشمەكچى بولدى. ئەمما مۇنداق ھىيلىنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. چۇنكى بىلومفېرد چېكىنىپ ساندۇقىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ بىلومفېرد بىلەن بىللە ساندۇققا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. توپلارنىڭ ساندۇققا كىرىشى تەقدىرىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ساندۇقتا ھەرخىل ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر، ئاياغ، تەخسە، كىچىك ساندۇق دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. بۇ نەرسىلەر رەتلىك قويۇلغىنى بىلەن-بۇنىڭغا بىلومفېردمۇ پۇشايمان قىلىپ قالدى- ئۇ توپلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشغا توسالغۇ بولاتتى. شۇ ئەسنادا ساندۇقنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان بىلومفېرد ئىگىرى كۆرۈلمىگەن تېزلىك بىلەن ساندۇقتىن  سەكرەپ چىقىپ يەنە ساندۇقنىڭ ئېغىزىنى ياپتى، تاقىقىنى بۇراپ قويۇپ قۇلۇپلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن توپلار ساندۇق ئىچىگە سولاندى.
ئاخىر بىر ئامال قىلدىم دەپ ئويلىدى بىلومفېرد چىرايلىرىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ. توپلار  تاقلاپ-سەكرەپ، ساندۇقنى تاراقشىتىۋاتاتتى. خۇشال - خۇرام ھالدا كارىدۇرغا چىققان بىلومفېردنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى، بىلومفېرد قۇلىقىدىكى پاختىنى ئېلىۋەتتى. ئويغانغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كەيپياتى تېخىمۇ جانلىنشقا باشلىدى. تېخى بالدۇر بولغاچقا، سىرتتا ئادەملەر ئاز ئىدى.
ئاستىنقى قەۋەتتىكى زالدا خىزمەتكار ئايال تۇراتتى، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۇنىڭ ئون ياشلار چامسدىكى بالىسى كۆزگە چېلىقتى. بالا بەئەينى ئانىسنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇ بالىنىڭ چىراي شەكىلىدىن ئانىسنىڭ كۆرۈمسىز چىراينى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. شاداپاچاق بالا ئىككى قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا تىقىۋالغانىدى، خىرىلداپ نەپەسلىنەتتى. چۈنكى ئۇ كىچىك چىغىدىلا پوقاق كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى، شۇڭا  ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىن ئىدى، خىقىراپ تەستە نەپەس ئالاتتى. ئۇنىڭ بۇ خىقىراشلىرىدىن قاتتىق قورقىدىغان بىلومفېرد ئۇنى كۆرگەن ھامان نېرى قاچاتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇنى كۆرگۈسى كەلگەندەك  ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
ئانىسىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر خىل بەلگىلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، كۆرۈمسىز بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ بالىنى تېخى بىر سەبىي بالا دېيىشكە بولاتتى. سىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزغا خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. بىردەملىك دىلىغوللىقتىن كېيىن ئۇنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولاتتىڭىز.
بىلومفېرد مۇشۇلارنى ئويلاپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن بالىنىڭ يېنىدىن كەتتى. خالتا كوچىنىڭ ھاۋاسى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشىراق ئىدى. قاتتىق چىققان بوران ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى تارقىتۋەتكەن ئىدى، ئاسمان سۈزۈك ئىدى، بىلومفېرد توپلارغا تەششەككۈر ئېيتقاچ  ماڭاتتى. ئۆيىدىن بۇرۇنقى چاغلارغا قارىغاندا بالدۇر چىقىشىغا شۇلار سەۋەب بولغانىدى. ئۇ ئۈستەلدىكى گېزىتنىمۇ ئوقۇمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ خېلى ۋاقتىنى تېجەپ قالدى. ئەمدى ئاستا ماڭسىمۇ بولاتتى.
قىزىق، بىلومفېرد ئۆيدە قالغان توپلار ھەققىدە غەم يىمىدى. توپلار ئۆزى بىلەن بىللە كېلىۋاتقان بولسا، بىلومفېرد ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شەخسي نەرسسى، ئۆزىگە باھا بېرىلگەندە پايدىلىنىدىغان ئۆزىنىڭ بىر قىسىمى دەپ بىلگەن بولاتتى.  ھازىر ئۇلار ئۆيدىكى ساندۇقتا قالغان ئادەتتىكى ئويۇنچۇق ئىدى خالاس. شۇ ئەسنادا  بىلومفېردنىڭ خىيالىغا توپلارنى قولايلىق جايغا ئورۇنلاشتۇرسام  بوپتىكەن دېگەن ئوي كەلدى. ئۇ شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاۋارىچىلىقدىن ئاسان قوتۇلاتتى. ھېلىقى بالا  يەنىلا شۇ يەردە  تۇراتتى. بىلومفېرد توپنى شۇنىڭغا بەرمەكچى بولدى. بەرگەندىمۇ ۋاقىتلىق ئەمەس، پۈتۈنلەي سوۋغا سۈپپىتىدە بېرۋەتمەكچى بولدى. تولۇق بىرىۋېتىش دېگەن گەپ بىلەن كۆزدىن يوقىتىش دېگەن گەپ ئەلۋەتتە  مەنداش سۆزلەر ئىدى. ئۇلار بالىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كۆرە ساندۇقتا تۇرغىنى ياخشى ئىدى. توپلارنى بالىنىڭ قانداق ئوينىغانلىقىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرەتتى. باشقا بالىلارمۇ بىللە ئوينايتتى.  شۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئۇ توپلارنى بىلومفېردينىڭ مەڭگۈلۈك دوستى دېمەيتتى، پەقەت  ئويۇنچۇق يوپلاركەن دەپلا بىلەتتى.
بىلومفېرد مۇشۇ خيال بىلەن ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى. بالا ئىشكىنى ئاچماقچى بولۇپ، ئاستىنىقى ئۆينىڭ پەلەمپىيىدىن چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. بىلومفېرد ۋارقىراپ بالىنى توختتاتتى. ئۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك باشقا نەرسىلەرنىڭ نامىغا ئوخشاش بالىنىڭ ئىسمىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلدى.
-ئارفېلىد، ھەي ئارفېلىد-، دەپ ۋارقىرىدى ئۇ. بالا جايىدا تۇرۇپ قالدى،- بېرى كەل، مەن ساڭا بىر نەرسە بېرەي.
ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىككى قىزىمۇ ئۇدۇلدىكى ئۆيدىن چىقىپ بىلومفېردنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇردى. ئۇ قىزلار ئوغۇل بالىغا قارىغاندا چاققان ئىدى، قىزلار بىلومفېردنىڭ قانداق يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكنى بىلەلمىدى. قىزلار ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىغان پېتى ئوغۇل بالىنى بۇياققا كەلگىن دەپ چاقىردى. ئەمما قىزلار بىلومفېردنىڭ ئۇ بالىغا قانداق سوۋغا بېرىلىغانلىقىنى بىلەلمىدى. ۋۇجۇدىنى غەلىبە خۇشاللىق چىرمىۋالغان قىزلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بىلومفېردقا قاراپ كۆلۇمسىرەشتى. بىلومفېردمۇ قىزلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، كېيىن يەنە ئوغۇل بالىغا قاراپ ھىجىيىپ قويدى.
بالا ئاخىر چۇشەنگەندەك ھاڭۋاققىنىچە پەلەمپەيدىن يوقۇرى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ مېڭىشىمۇ ئانسىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئانىسى ئاستىنىقى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. بىلومفېرد  ئۆز مەقسىتىنى خىزمەتكار ئايال چۇشەنسۇن دېگەندەك قەستەن ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن:
− ئۈستۈنكى قەۋەتتە شۇنداق چىرايلىق ئىككى توپ بار، ساڭا بېرەيمۇ؟ − دېدى. نېمە قىلشنى بىلەلمىگەن بالا ئاغزىنى ئۈمچەيتكىنىچە ئانىسىغا قارىدى. قىزلار بىزگە بەرسىڭىز دەپ بىلومفېردنى ئايلىنىپ سەكىرەشكە باشلىدى،-ئۇ توپنى سىلەرمۇ ئوينايسلەر،-دېدى بىلومفېرد بالىنىڭ جاۋابىنى ساقىلىغاچ. بىلومفېرد ئۇ قىزلارنى شۇنداق دەپ ئالداپ قويدى.
ئۇ توپنى قىزلارغا بەرسىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئەمما ئۇلارنى ئالدىراقسان دەپ، بالىغا ئىشەنچ قىلغانىدى، بالا ئانىسى بىلەن سۆزلەشمەي ئۇنىڭ خيالىنى بىلگەندەك، بىلومفېردنىڭ تەكرارلىغان سوئالىغا قوشۇلغاندەك بېشىنى توختىماي لېڭشىتتى.
− ئەمىسە، ئوبدان ئاڭلىغىن،− دېدى بالىنىڭ سوۋغا ئۈچۈن ئۆزىگە رەھمەت ئىيتىلمايدىغانلىقنى بىلگەن بىلومفېرد، − ئۆيۈمنىڭ ئاچقۇچى ئاناڭدا بار، سەن ئاناڭدىن  ئاچقۇچلارنى ئالغىن، مەن ساڭا ساندۇقنىڭ ئاچقۇچنى بىرەي، توپ ساندۇقنىڭ ئىچىدە، توپنى ئالغاندىن كېيىن ساندۇقنىڭ  ئېغىزىنى، ئۆينىڭ ئىشكلىرنى قۇلۇپلاپ قويغىن. توپلار بىلەن قانداق ئوينىساڭ بولىۋېرىدۇ. توپلارنى ساڭا تولۇق بېرىۋەتتىم. دېگەنلىرىمنى چۈشەندىڭمۇ؟
بۇ كېلشمەسلىكنى قارىمامدىغان، بالا بىلومفېردنىڭ دېگەنلىرنى چۇشەنمىدى. بىلومفېرد بۇ ھاڭۋاقتى بالىغا ئەتراپلىق چۇشەندۈرمەكچى بولغانىدى، ئەمما بىلومفېردينىڭ گەپلىرىدە تەكرارلىق كۆپىيىپ كەتتى، بىلومفېرد ئاچقۇچ، ئۆي، ساندۇق دېگەن گەپلەرنى تولا دەۋەرگەچكە، بالا بۇ مېنى بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇرارمۇ دېگەن خىيالدا چەكچيىپ قاراپ قالدى. قىزلار بىلومفېرد نىڭ خىيالىنى شۇئان چۇشەندى، بىلومفېردقا ئاچقۇچنى بىزگە بېرىڭ دەپ قولىنى سوزۇپ تۇرىۋېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد ئۇلارغا ئاچچىقنى بەردى.
-توختاڭلار،- دەپ ئۇلارنى تىنچلاندۇردى. ۋاقىت ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. ئەمدى تۇرۇۋېرشكە بولمايتتى.
بۇلارنى خىزمەتكار ئايالغا دېگەن بولسا، ئۇ ئاسانلا چۈشىنەتتى ھەمدە بالىسى ئۈچۈن بارلىق ئىشنى بىرتەرەپ قىلىپ بېرەلەيتتى. ئەمما ئايال ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك، قورۇنغاندەك ئىشىك ئالدىدا ھىجىيىپ تۇرۇۋەردى. بەلكىم ئۇ بالامنىڭ قىلغانلىرى كۆڭلىگە ياققاچقا، بىلومفېرد ئۇنى ئەتەي گەپكە سېلىپ چاقچاق قىلۋاتقان، مەكتەپتىكى دەرس ئەھۋالىنى سوراۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىنىدى. بىلومفېرد يوقىرىدا تۇرۇپ خىزمەتكار ئايالغا ئۈنلۈك ئاۋازدا: بالاڭ ئۇ توپنى ئېلۋالسۇن، تەڭرىنىڭ نامىدىن ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى بىر كۇنلۈك بېرىپ تۇراي دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. بىلومفېردنىڭ  بالىنى ئۆزى باشلاپ بېرىپ، توپنى بالىغا ئۆز قولى بىلەن بەرمەي، ئاچقۇچنىلا بېرىشى، بىلومفېردنىڭ ئۆزىنى ئايىغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى.
بىلومفېرد توپنى بالىغا بېرىپ، يەنە قايتۇرۋالمايتتى. چۈنكى توپلارنىڭ ئۇنىڭ كەيندىن يەنىلا ئەگىشىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. بىلومفېرد جىمى ئەھۋالنى بالىغا تولۇق چۇشەندۇرمەكچى بولدى-يۇ، بالىنىڭ يەنىلا جايىدا تۇرغانىلىقىنى كۆرۇپ، توختاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد ئاخىر مەيۈسانە تەلەپپۇز بىلەن:
- سەن دېگەنلىرىمنى يەنىلا چۇشەنمىگەن ئوخشايسەنھە؟-دېدى. بۇنداق ھاڭۋاقتىلىق ئادەمنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان گەپلەرنى تەكرار دېيىشكە مەجبۇر قىلاتتى ھەمدە ئادەملەرنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت روھي تەشۋىشنى يوقىتىش ئۈچۈنلا ئىدى.
-توپنى ئۇنىڭغا بىز ئەكىلىپ بىرەيلى،− دەپ چۇرقىراشتى قىزلار.
قىزلار ئوغۇل بالىنىڭ باھانىسىدە توپنى قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئوغۇل بالىنىڭ ئۇ توپنى ئېلىشقا بارمايدىغانلىقنى بىلىۋالغانىدى. شۇ چاغدا بىلومفېردقا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال چال  دېگەندەك ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىدىكى سائەت بەلگە بەردى.
− ئەمىسە ئاچقۇچنى سىلەر ئىېلىڭلار،−دەپ بىلومفېرد  قولىنى سوزۇشىغىلا قىزلار ئاچقۇچنى شاققىدە بىلومفېردنىڭ قولىدىن ئېلىۋالدى. بىلومفېرد ئاچقۇچنى بالىغا بەرسە، بۇنداق ئەنسىرمىگەن بولاتتى.
− ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئاۋۇ ئايالدىن ئېلىڭلار، توپنى ئالغاندىن كېيىن ئاچقۇچنى شۇ ئايالغا بېرىپ قويۇڭلار، − دېدى بىلوموفېرد.
−بىلدۇق، بىلدۇق، −دېيىشىپ قىزلار ئالدىراپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغنى يوق. بىلومفېرد ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى قىزلارنىڭ قانداقلارچە تېز بىلىۋالغانلىقنى بىلەلمەي، ھېلىقى بالىدەك ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.
شۇ ئەسنادا قىزلار پەستىكى ئايالنىڭ ئىتىكىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇ ئادەمنى ئۆزىگە تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، بىلومفېردنىڭ ئولارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسنى قانداق ئادا قىلىشىنى كۆرۈشكە چولىسى تەەمىدى. بۇ ۋاقىتنىڭ جىددىيلىكىدىن ئەمەس، بىلومفېردينىڭ ئۇ توپلارنىڭ تېشىغا يۈگۈرەپ چىققانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ھەتتا قىزلار ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچماقچى بولغاندا بىرنەچچە كوچىدىن ئۆتۈپ بولغانىدى، ئۇ ئەمدى توپلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۇرۈشكە ئامالسىز قالغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈن ئەتتىگەن ئۇ بۇرۇنقى كوچىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى. خىزمەتكار ئايال قىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالاتتى. شادىپاچاق بالىمۇ ئانىسىغا ياردەملەشمەكچى بولۇپ، دەلدەڭشىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. بۇ خىزمەتكار ئايالنىڭ قانداق ئاپىرىدە بولۇپ، قانداقلارچە بالىلىق بولغانلىقىنى بىلومفېرد پەقەت چۈشنەلمىدى.
ئۆزى ئىشلەيدىغان كېيىم زاۋۇتىغا كېتىۋاتقان بىلومفېرد ئەرزىمەس خىياللاردىن قۇتۇلۇپ ، ئىش ھەققى توغرىسىدا كۆپرەك خىيال قىلىپ ماڭدى. ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ سەۋەبىدىن سەل ھايال بولغان بولسىمۇ، ئىشخانىغا يەنىلا باشقىلاردىن بۇرۇن كەلدى.
بىلومفېردنىڭ ئىشخانىسى ئەينەك بىلەن توسۇلغان ئىشخانا ئىدى. ئىشخانىدا يېزىق ئۇستىلىدىن باشقا يەنە قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىككى ياردەمچى ئۈچۈن قويۇلغان يانتۇ يۈزلۇك ئىككى ئۇستەلمۇ بار ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇستىلىگە ئوخشايدىغان بۇ يانتۇ يۈزلۇك كىچىك ئۇستەلدە ياردەمچىلەر ئولتۇرالمايتتى. ئۇلار ئولتۇرسا، بىلومفېردنىڭ يۆلەنمە ئورۇندۇقىنى قويغۇدەك ئۇرۇن چىقمايتتى. شۇڭا ياردەمچىلەر كۈن بويى ئۈستەلگە ئىڭشىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلاتتى. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق ئىدى. يەنە كېلىپ بىلومفېردنىڭ ئۇلارنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇشى ئۆزىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. ياردەمچىلەر يانتۇ يۈزلۇك ئۇستەللەرگە يۆلەنگىنىچە ئىشنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ، شىۋىرلاپ پاراڭلىشاتتى ، ئۇلارنى مۈگدەك باساتتى؛ ئۇلار ھەمىشە بىلومفېردقا ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرۇپ بېرەتتى. بىر پاتمەن ئىش بىلومفېردنىڭ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ياردەمچىلەرنىڭ ھېچقانداق ياردىمى تەگمەيتتى.  بۇ خىزمەتلەر ئايال ئىشچىلار ئارىسىدىكى تۇقۇلما بۇيۇم بىلەن نەق پۇل باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئايال ئىشچىلار مەخسۇس فابرىكا تەرىپىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك كىيىملەرنى تىكىش ئۈچۈن ياللىۋىلىنغانىدى. بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بارلىق ئەھۋالنى بىر قەدەر چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەكىدى. ئەمما بىلومفېردنىڭ باشلىقى بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەنىدى، ئۇ ئادەم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم چىقمىدى. شۇڭا بىلومفېرد ھېچكىمگە ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى باھالىغۇدەك ھوقۇق بېرەلمەيتتى.
مەسەلەن، زاۋۇت باشلىقى ئۇتتومار ئەپەندى ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئەتەي تۆۋەن باھا بېرەتتى. ئەمما ئۇ يىگىرمە يىلدىن بۇيان بىلومفېردنىڭ خىزمەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى تەن ئالاتتى. بۇ مۇشۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن ئەمەس، بىلومفېردنى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھۆرمەتلىگەنلىكىدىن ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا بىلومفېردنىڭ خىزمىتنىى ئادەتتىكىدەك باھالايتتى. چۈنكى بۇ خىزمەتتە بىلومفېردنىڭ ئۇسۇلىدىنمۇ ئاددىي يوللار ئارقىلىق زور نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتتى.
كىشىلەر ئوتتۇمارنى بىلومفېردنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدىن رەنجىگەچكە بىلومفېردنىڭ يېنىغا كۆپ كىرمەيدۇ  دېيشەتتى. بۇ گەپلەر ئاساسسىز  ئەمەس ئىدى. بۇنداق خاتا كۆز قاراشلار  بىلومفېردقا ئەلۋەتتە قاتتىق  ئېغىر كېلەتتى. ئەمما بۇ يەنىلا ئامالىسزلىقتىن بولغان ئىش ئىدى. چۇنكى ئۇتتۇمار ئەپەندى ئۆز بۆلىمىدە نەچچە ئايغىچە ئىشلەپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان تۈرلۈك  ئىشلارنى تەتقىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇنى كېڭىششىكە زورلىغىلى بولمايتتى. ئۇنداق قىلغاندا  ئىشخانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى، ئەمما ئۇتتۇمار ئەپەندى  يەنىلا بىلومفېردنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى. شۇڭا بىلومفېرد خىزمەتنى ئەسلىدىكى تەرتىپ بويىچە ئىشلەۋېرەتتىى. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۇتكەندىن كېيىن ئۇتتۇمار ئەپەندى ئۇنىڭ بۆلمىسىگە كەلدى. بىلومفېرد نېمە قىلىشنى بىلەلمەي، ئۇنىڭغا تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتچىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇليەتچانلىق بىلەن تۈرلۈك خىزمەت ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇتتۇمار ئەپەندى ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بېشنى سالغىنىچە بىرئىغىزمۇ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.
بىلومفېرد ئۆزى ھەققىدىكى مۇنداق خاتالىققا ئەمەس، ئۆزى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن زاۋۇتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئېچىندى. ئۇ زاۋۇتتا ئۆز ئورنىنى دەسسىەپ تۇرغىدەك، ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك، زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرنەچچە ئايغىچە ئۆكسۈتمەي سىجىل داۋاملاشتۇرالىغۇدەك  ئادەم يوق دەپ ئەنسىرەيتتى، باشلىق كۆزگە ئىلمىغان ئادەمگە خىزمەتچىلەرمۇ قاراپ قويمايتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلومفېردنىڭ خىزمىتىگە پەرۋاسىز قارايتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۆلىمىگە كېلىپ، كەسپي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم بىلىدىغان ئادەم ئۇچرىمايتتى. شۇڭا بىلومفېردنىڭ بۆلىمىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەممۇ تىپىلمىدى.
بىلومفېردنىڭ قول ئاستىدا بىرلا ياردەمچى ئىشچى بار ئىدى. لازىملىق ئىشلارنىڭ ھەممىسنى بىلومفېرد ئۆزى ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ بىرەر ياردەمچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە قاقشايتتى. ھەركۇنى دېگۈدەك ئۇتتۇمارنىڭ بۆلۈمىگە كېلىپ، ياردەمچنىڭ نېمىگە كېرەكلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئېرىنمەي چۈشەندۇرەتتى. ئۇنىڭ ئادەم ئىشلىتىشى ئېرىنچەكلىكتىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئېرىنچەكلىك دېگەننىڭ نېمىلىكنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ خىزمەتنىڭ تەسلىرىنى تاللاپ قىلاتتى، خىزمەتنى ئاخىرىغا چىقارمىغۇچە بولدى قىلمايتتى. ئەمما ئۇتتۇمار ئەپەندىدىن ئىگىلىكنىڭ كۇنسېرى تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭغا ماس ھالدا باشقا بۆلۈملەرنىڭ كۆلەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، پەقەت ئۆزى مەسئۇل بولغان بۆلۈمنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقنى ئويلىشپ بېقىشنى ئىلتىماس قىلاتتى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ بۆلۈمىدە ئىش ئۈنۈمىمۇ ناھايتى تېز يۈكسەلگەنىدى.
ئۇبىلومفېرد زاۋۇتقا يېڭىدىن كەلگەندە ئۇتتۇمار ئەپەندى ئۇ چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئون نەچچە تىككۇچى ئايال بار ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ سانى ئەللىك -ئاتمىشقا يەتكەنىدى. بۇنداق كۆپ ئىشلارنى ياردەمچى بولمىسا قىلىغلى بولمايتتى. بىلومفېرد خىزمەتنى بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقىچە قىلىشقا كىپىللىك قىلالايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ۋەزىپىسنى تولۇق ئادا قىلىشقا چامى يەتمەيتتى. ئەلۋەتتە، ئۇتتۇمار ئەپەندى بىلومفېردنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتىپ باققان ئەمەس ئىدى. ئوتتۇمار ئەپەندى بۇ پېشقەدەم خىزمەتچىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلالمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ گەپكە ئېرەن قىلماي، ئۆزىگە ئىلتىماس قىلىۋاتقان بىلومفېردنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، باشقىلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشى، بىرنەچچە كۇن ئۆتكەندىن كېيىن دېگەنلىرنىڭ ھەممىسنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقى ئادەمنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى. بۇ تەلەپلەرنى بىلومفېرد ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرى ئۈچۈن  دېمىگەنىدى. ئۇ خام خيالغا بېرىلىدىغان ئادەممۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ شەرەپ، ماختاش، ئابرۇي  دېگەنلەرگە قىزىقىپ كەتمەيتتى. نىشان قىلغان ئىشىدا ئازراق ئۇمىد بولسىلا، ھېچنىمىگە قارىماي، ئۇ ئىشنى ئاخىرىغىچە قىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورۇنلۇق، مۇۋاپىق ئىشلىرى ئارىلىقتا قانچىلىق ۋاقىت ئۇتۇشىگە قارىماي، كۇنلەرنىڭ بىرىدە تەستىقلانماي قالمايتتى.
شۇنداق قىلىپ بىلومفېرد ئىككى ياردەمچى قوبۇل قىلدى. ئەمما ئۇلار قانداق ياردەمچىلەردۇ-ھە! جامائەت بەلكىم ئۇتتۇمار ئەپەندى بۇ ئىككى ياردەمچىنى ئۇنىڭغا بىرىشكە ماقۇل بولغانلىقى ئۇنىڭ بۆلۈمىگە پەرۋاسىز  قارايدىغانلىقنى تىخمۇ ئېنىق دەلىللىدى دەپ قارىشىمۇ مۇمكىنىدى. ھەتتا شۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يەنى ئۇتتۇمار ئەپەندىنىڭ شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان بىلومفېرد ئەپەندىنى يالغان ۋەدىلەر بىلەن يولغا سېلىشى ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىنى ئۆزۇندىن بۇيان تاپالمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىنىدى. بىلومفېرد  ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا دادلاپ بارالمايتتى. چۇنكى دادلاپ قالسا، خوجايىن ئۇنىڭغا:
بىر ياردەمچى لازىم دېگەن ئىدىڭ، بىرنى ئەمەس ئىككىنى بەرگەندىمەن؟ دېيىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ئىشتا ئۇتتۇمار مەيلى قانداقلا بولسۇن،  ئېپىنى قىلدى.
بىلومفېرد ياردەمچىنى كۆپەيتىپ بىرەر دېگەن ئۇمىدتە ئەمەس ئىدى. قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ ئامالسىز قالغانلغاندىلا، پەقەتلا ئامال قىلالمىغاندا دەردىنى تۆكەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق ئەھۋال ھەمىشە كۆرۈلمەيتتى، پۇرسىتى كەلگەن چاغلاردا ئويلىغانلىرىنىڭ ئازراق ئۇچىنى چىقىرىپ قوياتتى. شۇنداق بولسىمۇ، قارا نىيەت خىزمەتداشلىرى ئۇ توغرۇلۇق پىتنە-پاسات تارقىتىشىپتى: بىلومفېرد باشقىلاردا يوق ياردەمچىگە ئىگە بولغاچقا دادلاشنى تاشلىماپتۇ دەيدۇ، بۇ راستىمۇ دەپ  سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇمار ئەپەندى بىرىسىگە  ئۇ دېگەنلىرىڭ راست، بىلومفېرد دادلاشنى تېخى تاشلىمىدى، ئەمما ئۇنىڭمۇ توغرا تەرىپى بار دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۇتتۇمار ئاخىر بۇ ئىشنىڭ مۇھملىقىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك. تىككۇچى ئايالنىڭ بىرىنى ئۇتتۇمار ئەپەندىگە ياردەمچى قىلىپ قۇشۇپ بەرمەكچى بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئاتمىشتىن ئېشىىپ كەتكەنىدى، بۇلار ئازلىق قىلسا يەنە كۆپەيتىپ بەرگۈدەكمىش. ئۇنىڭ ساراڭخانسى قاچان مۇكەممەل ساراڭخانىغا ئايلانغىچە ياردەمچىنى داۋاملىق بېرىدىكەن. بىلىپ قويۇڭلار، بىلومفېردنىڭ بۆلىمى بىرنەچچە يىل بۇرۇنلا ساراڭخانىغا ئايلىنىپ بولغانىدى.
بۇلار ئۇتتۇمارنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ دېيلگەن گەپلەر ئىدى. ئەمما ئۇتتۇمار بۇنداق گەپلەرنى قىلمايتتى. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي چەك باسمايتتى. شۇڭا بىلوموفېردتا ئۇ توغرۇلۇق گۇمان بولمايتتى. بۇ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىدا ئولتۇرغان ھۇرۇن لەقۋالارنىڭ تارقاتقان يالغان-ياۋىداق گەپلىرى ئىدى. بىلومفېرد ئۇلارغا ئەزەلدىن پەرۋا قىلمايتتى. ئۇ قول ئاستىدىكى ياردەمچىلەرگىمۇ  مۇشۇنداق پەرۋاسىز قارىسا بولاتتى. ئىشقىلىپ ئۇ ئەمدى ئۇلارنى قوغلىۋىتىشكە ئامالسىز ئىدى. ئۇلار ھىرىپ -چارچىغان، ئاجىز بالىلار ئىدى. ئۇلارغا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يېشىدىن ئىشىپ كەتكەن دەپ ئېنقلىما بېرىلگەنىدى. بۇلارغا ئىشنىشمۇ تەس ئىدى. ئۇلار يەنىلا مۇئەللىمنىڭ تەربىيەسىگە موھتاج  ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزىنى قايسى جايغا قويسا مۇۋاپىق ئىكەنلىكنىمۇ بىلمەيتتى. بولۇپمۇ، ئۇلار دەسلەپتە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇرە تۇرۇشقا پەقەتلا چىدىمىغانىدى، سەل ئېھتىيات قىلمىسا بۇلۇڭدا دۈمچيىپ تۇرشقىمۇ ماغدۇرى يەتمەيتتى. بىلومفېرد ئۇلارنى سىنىماقچى بولۇپ بۇنداق ھۇرۇنلۇققا، راھەتكە بېرىلسەڭلار، بىر ئۆمۈر بىكارچى بولۇپ قالىسىلەر ھەتتا پالەچ بولۇپ قېلىشىڭارمۇ مۇمكىن دەپ باقتى.
ياردەمچىلەرنى ئىشقا بويرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. بىر قېتىم بىلومفېرد ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىشقا بۇيرىدى. بالا ئىشقا خۇشاللىقىدا يۈگۈرۈپ كېتىۋىتىپ، تىزىنى ئۇستەلگە ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇۋالدى. ئىشخانىدا تىككۈچى ئاياللارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئۇستەلدە كىيىملەر دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى. بىلومفېرد قولىغىكى ئىشنى توختىتىپ، يىغلاۋاتقان بالىنى بۆلۈمىگە ئەكىرىپ، بالىنىڭ يارىسنى تىڭىپ قويدى. ئەمما ياردەمچىلەردىكى بۇ قىلىقلار قىزغىنلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بالىلىق گۆدەكلىكىنى تېخى تۈگەتمىگەن بۇ بالىلار بەزىدە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولاتتى. ئىشقىلىپ بالىلار كۆپىنچە ھاللادا غوجايننىڭ كاللىسنى قايدۇرۇپ، ئالداشنى مەقسەت قىلاتتى.
بىلومفېرد بىر قېتىم ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ پىشانىسىدىن تەر قۇيۇلىۋاتاتتى، ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا ئۇ ئىككى ياردەمچىنىڭ كىيىم دۆۋىسى  ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋلىپ پوچتا ماركىسنى تېگىشىپ ئولتۇرغانلىقنى كۆرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىلومفېرد ئۇلارنى قۇلاقلىرىدىن چوجاپ، تازا ئەدەپلىمەكچى بولىدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى. ئۇلارنىڭ قىلىقىغا مۇناسىپ جازا پەقەت مۇشۇلا ئىدى. ئۇلار تېخى بالاغەتكە يەتمىگەچكە، بىلوموفېردنىڭ باللارنى ئۇرۇشىغا بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ بىلومفېرد ئۇلارنىڭ قىلىمىشعا چىداشقا مەجبۇر بولدى.
بىلومفېردنىڭ كاللىسىدا ياردەمچىلەر ھەققىدە نۇرغۇن ئويلار پەيدا بولدى. ئىش تەقسىماتىنىڭ ياردەمچىلەرگىمۇ پايدىسى تېگەىشى مۈمكىنىدى، چۇنكى بۇ بىر جىددىي ھەم نازۇك ئىش ئىدى. ئۇ ئۆزۈم ئاۋۇ جايدا-ئۇستەلنىڭ كەينىدە تۇرۇپلا تولۇق كۆزىتىپ، تىزىملاش رەسميىتىنى بېجىرىمەن، ياردەمچىلەر مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە چاققانلىق بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشمغا ياردەملىشىدۇ، ھەرقانچە قاتتىق باشقۇرغان بىلەنمۇ بۇ بىر توپ ئادەمنى تەكشۈرۈپ بولالمايمەن، چالا قالغان تەرەپلەرنى ياردەمچىلەرنىڭ  ياردىمىدە تولۇقلىۋالىمەن؛ ئۇلارمۇ ئاستا -ئاستا پىشىپ يېتىلەر. ئۇششاق-چۇششەك ئىشلارنى مەن بۇيرۇمىساممۇ، ئۆزلۈكىدىن قىلىپ كېتەر، تىككۇچىلەرنىڭ ئىشنى قانچىلىك قىلالايدىغانلىقىنى، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغاندۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما بۇ ئىككى ياردەمچىنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭ ئۇمىدىنى پۇتۇنلەي خام خيالغا ئايلاندۇرىۋەتتى.
بىلومفېرد ياردەمچىلەرنى تىككۇچى خۇتۇنلار بىلەن پاراڭلىششقا يول قويماسلىقم كېرەك دەپ ئويلىدى. چۇنكى ئۇلار دەسلىپىدە ياقتۇرمىغانلىقتىن ياكى جۇرئەت قىلالمىغانلىقىدىن بەزى تىككۇچى خۇتۇنلارغا يولىمسا بولاتتى، بەزىلىرنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۇگۈرۈپ باراتتى، لازمىلىق نەرسىلىرنى ئاپىرىپ بىرەتتى. ھەتتا ئۇلار ئېلشقا تىگىشلىك بولىمغان نەسېلەرنىمۇ يۇشۇرۇن يەتكۇزۇپ بىرەتتى. ياردەمچىلەر ئاياللار ئۈچۈن رەختلەرنىڭ ئېشندىلىرنى يىغىپ، بوش ئۇرۇنلارغا ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قوياتتى. شۇنڭىدىن كېيىن ئۇلار بىلومفېردنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، رەخت پارچىلىرنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئۇلارغا شەرەت قىلاتتى. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەل−يمىش بىلەن كەمپۇت ييەلەيتتى. بىلومفېرد ئۆزۇن ئۇتمەي مۇنداق قىلمىشلارنى چەكلەپ، تىككۇچى خۇتۇنلار كېلىشى بىلەن ئۇلارنى ئەينەك بىلەن قورشاپ قويغان كىچىك ئىشخانىغا قوغىلىۋېتەتتى.
ياردەمچىلەر ناھايتى تېزلا بۇنى چىكىدىن ئاشقان ئادەلەتسىزلىك دەپ بىلدى، باشلىرنى قىڭغايتىپ، قىرنداشلىرنڭ ئۇچنى قەستەن سۇندۇرىۋېتەتتى، قارشلىق قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىغىنى بىلەن بىلومفېردنىڭ بىزگە بۇنداق ئەلپازدا مۇئامىلە قىلىشى سېلەرنىڭ سەۋەپىڭلاردىن بولدى دېگەندەك قىلاتتى، ئاياللار تۇرغان ئىشخانىنڭ ئىشكىنى جالاقشىتاتتى. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرنىڭ خاتا ئىكەنلىرنى سەزمەيتتى.
مەسىلەن، ھەر كۇنى ئىشقا يىرىم سائەت كىچىكپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ غوجاينى بىلومفېرد ئىشقا كىچكتىم دېگەندىمۇ  يېرىم سائەت بالدۇر كېلىپ بولۇشنى ئۆزىگە تۇزۇم قىلىۋالغانىدى. ئۇ بۇلارنى شەرەپ ئۈچۈن ياكى خىزمەتكە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن قىلمىغانىدى.  ئۇ پەقەت ھېچقانداق ئادەمگە زىيىنىم تەگمەيدىغان ياۋاش ئادەم بولسام بولاتتى دېگەن ھېسسيات بىلەن شۇنداق قىلغانىدى. شۇڭا بىلومفېرد ئادەتتە ئىشقا چۇشۇپ، بىر سائەت ئۇتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئىرغاڭلاپ، ئاران ئىشقا ئۆلگۇرۇپ كېلەتتى. بىلومفېرد ئادەتتە ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئۇستەل يېنىدا كىچىك بولىكنى چاينىغاچ، ئىشچىلارنىڭ ھېسابىنى ئىنقلايتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن زېھننى مەركەزلەشتۇرۇپ، ئۆزنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئۇشتۇمتۇت چۆچۇپ، قولىدىكى قەلەم تىترەپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياردەمچىلەرنىڭ بىرى  بىر قولىدا ئاللىقانداق بىر نەرسىنى تۇتقاچ، يەنە بىر قولى بىلەن ھاسىرىغان مەيدسىنى بېسپ ئالمان-تالمان كىرىپ كېلەتتى. بۇ ئۇنىڭ كىچىككەنلىكى ئۈچۈن سۇرىغان كەچۇرۇمى ئىدى. ئۇنىڭ كەچۇرۇم سورىغان گېپىمۇ ئىنتايىن كۆلكۇلىك ئىدى. بىلومفېرد قەستەن ئاڭلىمىغان ئادەمدەك ئولتۇرۋالاتتى. چۈنكى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى تازا بىر دۇمباللىۋالغۇسى كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ بىلومفېردنىڭ كۆزىنى ئالارتىپ، ئۇنىڭغا بىر قاراپ قوياتتى، ھېلىقى ئەينەك بىلەن قورشالغان كىچىك ئىشخاننى قولى بىلەن شەرەتلەپ قويۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
شۇ ئەسنادا باشقىلارياردەمچى ئۆز غۇجايىنىنىڭ ياخشى نىيتنى چۇشنىپ، ئىش ئۇرنىغا تېزراق كېلىشى مۇمكىن دەپ قاراشتى. ئەمما ئۇلار زادى مۇنداق قىلمايتتى. زىنھار ئالدىرىمايتتى، ئۇلار ئۇسسۇل ئوينىغان ئادەمدەك قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالاتتى. بۇ ئۇنىڭ غۇجايىنىنى مەسخىرە قىلغىنىمىدۇ؟ ياق، نەدىكى مەسخىرە قىلىشكەن ئۇ ! بۇنداق قورقۇنۇچ بىلەن قانائەتچانلىق بىرلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ روھىي ھالەت  كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلىدە ئامالىسزلىقتىن پەيدا بولىدىغان كەيپيات ئىدى. ئۇنداق بولىمسا، توۋەندىكى ئەھۋاللارنى چۇشەندۇرۇش تەسكە توختايتتى. بۇگۇن بىلومفېرد ئىشقا بۇرۇنقىدىنمۇ كېچىكىپ كەلدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئارىدا خېلى ۋاقىت ئۇتكەندىن كېيىن ھېساپ دەپتەرلىرنى تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەخمەق قارا ئىشچى ئىشخانا ئىچىنى چاڭ توزۇتۇپ سىپۈرۋاتقاندا ئىككى ياردەمچىنىڭ كوچىدا ئالىدراپ-تىنەپ كېلۋاتقانلىقنى كۆردى. ئۇلار قانداقدۇر بىر مۇھىم ئىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندەك قولتۇقىلىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرى فابىرىكىغا مۇناسۋەتلىك ئىشلار بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق قىلشى قانۇنسىزلىق بولاتتى. ئۇلار دەرۋازىغا يېقىنلىغانسىرى قەدەملىرنى ئاستىلاتتى. ئاخىر بىرى ئىشكىنىڭ تۇتقىچىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى. شۇنداق بولىسمۇ، ئىككىسى پارڭلىرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە قاراپ كۆلۇشتى.
-ئاۋۇ غوجاينلارغا ئىشىك ئىچىپ بەرگىن،−دېدى بىلومفېرد ،−ئىككى قولۇنى كۆتۇرۇپ، قارا ئشىچىغا قاراپ ۋاقىراپ.
ئەمما ياردەمچى كىرگەندە بىلومفېرد ئۇلار بىلەن تاكاللششنى ئەسلا ئويلىمىدى. ئۇلارنىڭ سالمىنىمۇ ئىلىك ئالمىدى. ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇستىلىگە بېرىپ، ھېساپ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى دېگەندەك، بىشنى كۆتۇرۇپ ياردەمچىلەرگە پات-پات قاراپ قويدى. ياردەمچىلەرنىڭ بىرى قاتتىق چارچىغاندەك كۆزىنى سۇرتۇپ، چاپىپىنى ئىلگۈچكە ئېسىپ قويدى، بوسۇغىغا بېرىپ بىردەم يۆلىنىپ تۇردى. ئۇ تېخى ھېلىلا كۇتۇرەڭگۇ كەيپياتتا كېلۋاتاتتى. ئۇ ئىشقا چۇشىشى بىلەنلا تۇرقىدىن قاتتىق چارچىغاندەك ئالامەتلەر نامايان بولدى. يەنە بىر ياردەمچى خىلى تېتىك ئىدى. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىزغىنلىق بىلەن قىلمايتتى. ئۇ يەر سۇپۇرىشنى ياقتۇراتتى. ئەمما بۇ ئۇنىڭغا تەۋە خىزمەت ئەمەس ئىدى. قارا ئىشىنى قىلىشغا تىگىشلىك ئىدى. ئۇ  يەر سۇپۇرىمەن دېسە، بىلومفېردمۇ قارشى تۇرمايتتى. كۆڭۈلى خالىسا ئۇنىڭ شۇنداق  قىلىشغا يولمۇ قوياتتى. بۇ ئىشلارنى ھېچكىممۇ قارا ئىشچىدىن كەم قىلمايتتى. يەر سۇپۇرىمەن دېسە چۇقۇم قارا ئىشچىدىن بۇرۇن كېلىشى كېرەكىدى، چۇنكى ئۇ ئىشىخانىدا خىزمەت قىلمىغان چاغلىرىدا يەر سۈپۈرسە بولاتتى، خىزمەت ۋاقىتىدا يەر سۈوۈرۈشكە بولمايتتى. بۇ بالا يىگىت بولۇپ ئەقىلىنى توختاتمىغان بولسا، فابىرىكا باشلىقى تەرىپىدىن باشقا بۆلۇمگە ئەمەس، بىلومفېردنىڭ بۆلۇمىگە ئۇرۇنلاشتۇرغان بولاتتى. تەڭىرىنىڭ، فابىرىكا باشلىقىنىڭ سايىسىدە جان بېقىپ يۇرگەن بۇ قارا ئىشچى−كۆزى ئاجىز بوۋاي ئۇ بالىنىڭ دېگىنىگە كۆنەتتى، بىردەم بولىسمۇ، سۇپۇرگىسنى ئۇنىڭغا بىرىپ تۇراتتى. ئەمما ھېچنىمىگە ئىپى يوق، بۇ قوپال بالا يىگىت بىر دەمدىن كېيىن يەر سۇپۇرشتىنمۇ يالتيىپ، سۇپۇرگنى كۆزى ئاجىز بوۋايغا قايتۇرۇپ بەردى.
قارا ئىشچى ئۆزىنىڭ ئىشلىرنى باش چۇكۇرىپ ئىشلەيتتى. بالا يىگىت يېنىغا بىرىشى بىلەنلا ئۇ تىترەپ تۇرغان قولىى بىلەن سۇپۇرگىنى قولىغا ئالاتتى، ئۇ سۆپۇرگىنى قولىغا ئالغانلىقنى باشقىلارغا كۆرسىەتكىنىچە جايىدا مىدىرلىماي تۇراتتى. ھېساپ ئىشلەپ ئۇلتۇرغان بىلومفېردتىن قورقۇپ كەتكەن بالا يىگىت ئۇنىڭغا بىرەر ئىغىز گەپ قىلىپ يالۋۇرشقا جۇرئەت قىلالمايتتى. يەنە كېلىپ، قارا ئىشچى ئادەتتىكى گەپلەرنى ئەمەس ۋاقىرىغان ئاۋازنىمۇ مىڭ تەستە ئاڭلايتتى. شۇڭا بالا يىگىت ئۇنىڭ يىڭىدىن ئاستا تارتىپ شەرەت قىلاتتى. ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقنى شۇئان بىلۋالىدىغان قارا ئشىچى ئۇنىڭىغا غەزەپ بىلەن قاراپ قوياتتى، بېشىنى چايقاپ، سۇپۇرگىنى بىر تەرەپكە تارتاتتى ھەتتا سۇپۇرگىنى قۇچاقلىۋالاتتى. شۇ ئەسنادا بالا يىگىت ئالىقانلىرنى جۇپلەپ، ئۇنىڭغا يالۋۇراتتى. ئۇ يالۋۇرۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقنى ئەلبەتتە بىلەتتى، ئۇ پەقەت ئوينىشىپلا شۇنداق قىلىپ قوياتتى. يەنە بىر ياردەمچى  بۇ ئىشنىڭ بارلىق جەريانىنى تولۇق كۆرۇپ ئۇچيى ئۆزۇلۈپ كەتكۈدەك كۆلەتتى. ئۇ ئۆزنىڭ بۇ قوپال كۇلكۇسنى بىلومفېرد ئاڭلىمايدۇ دەپ ئويلايتتى. قارا ئىشچى بالا يىگىتنىڭ يالۋۇرىشىغا پەرۋا قىلماي بۇرۇلغىنچە بىخىرامان يەر سۇپۇرشكە باشلايتتى. ئەمما بالا يىگىت ئىككى ئالىقننى بىر-بىرىگە سۇركەپ، يالۋۇرغان ئەلپازدا پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشۋالاتتى. قارا ئىشچى توختماي چۆرگىلەيتتى. ياردەمچىمۇ ئۇنىڭ ئالدىنى توختىماي تورايتتى. بۇ ھەرىكەت  مۇشۇ تەرۈزدە خېلىخىچە داۋام قىلاتتى. ئاخىرى قارا ئىشچى ئۆزنىڭ چارىىسىز قالغانلىقنى، مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئۆزنىڭ چارچاپ قالىدىغانلىقنى سېزەتتى. قارا ئىشچى ئازىراق ئەقىل ئىشلەتكەن بولسا بۇنى دەسلىپىدىلا بىلۋالغان بولاتتى. شۇنداق قىلىپ قارا ئىشچى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولاتتى،  ئاۋارە قىلىۋەرسەڭ ئۇنىڭغا چىقىپ قويىمەن دېگەندەك بىلوموفېردنى كۆرسىتىپ ياردەمچىگە ھەيۋە قىلاتتى. ياردەمچى سۇپۇرگىسنى قولغا چۇشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم تىزىراق ھەرىكەت قىلىش كېرەك دەپ ئويلايتتى. بەلنى مەھكەم باغلاپ، سۇپۇرگىنى تالىشاتتى. تاما تاتىپ تۇرغان ئىككىنىچى ياردەمچىنىمۇ سۈپۈرگىنى تارتىۋالغىن دېگەندەك بەزلەپ قوياتتى. قارا ئىشچى سۇپۇرگسىنى بەرمەي،كەينىگە داجيتتى. شۇ ئەسنادا ياردەمچىمۇ بوش كەلمەي، ئاغىزنى ئاچقىنىچە كۆزىدىن ئوت چاقىنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتاتتى. قارا ئىشچى بوۋاي قاچماقچى بولسىمۇ، ھالسىزلانغان پۇتلىرنى سۆرەپ، ماڭالماي قالاتتى. دەل شۇ ئەسنادا ياردەمچىنىڭمۇ  قولىنى سۆزۇپ سۇپۇرگىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرشاتتى. ئەمما قولى تەكگۇچە سۇپۇرگە يەرگە چۇشۇپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، قارا ئىشچىمۇ، ياردەمچىمۇ سۇپۇرگىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. بىلوموفېرد كۆرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۆيلاپ، ياردەمچىلەرمۇ، بوۋايمۇ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالاتتى. دېگەندەك، بىلوموفېرد سېزىۋالغاندەك دېرىزىدىن ئۇلارغا غەزەپ بىلەن قارايتتى. ھەتتا سۇپۇرگىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدىن چۇشۇپ قالمايتتى. بۇ جىمجىتلىق خېلىغىچە داۋام قىلاتتى، ھېلىقى جىدەلخور ياردەمچى سۇپۇرگىنى ئىېلىۋىلىش مەقسىتىدىن ۋاز كەچمەي، بىرەر ھاشارەتنى تۇتماقچى بولغان ئادەمدەك ئاستا ئىڭشىپ بېرىپ، ئاۋايلاپقىنە سۇپۇرگنى قولىغا ئالاتتى-دە، يەر سۇپۇرشكە باشلايتتى. ئەمما بىلوموفېردنىڭ ئۇرنىدىن سەكىرەپ قوپۇپ خانىسىدىن چىقىپ كېلۋاتقانلىقنى كۆرۇشى بىلەنلا بەدەنلىرىدە جېنى قالماي، سۇپۇرگىنى يەرگە تاشلايتتى.
-جىدەل تېرىماي، خىزمىتڭلارنى قىلىڭلار،-دەپ ۋاقىرايتتى بىلومفېرد ياردەمچىلەرنى كۆرسىتىپ.
بىلومفېرد ئۇلارنى جايىغا قايتىشنى بۇيراتتى. ياردەمچىلەر ئۇنىڭ گېپىنى شۇ زامان ئاڭلايتتى. ئەمما ئۇلار  خىجىل بولغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇشنى بىلمىگەچكە، ھەدېگندىلا مەيدىلىرنى كېرىگنىچە تەتۇر تۇرىۋالاتتى. يېنىمىزدىن ئۆتۇپ كېتۋاتقان بىلوموفېرد ئۇرۇۋەتمىسىۇن دېگەندەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا بىلومفېردنىڭ ئاساسەن ئادەم ئۇرۇپ  باققانلىقىنى كۆرمىگەنلىكنى ھېس قىلىشاتتى. ئەمما قاتتىق قورقۇپ كەتكەن، بۇلارنى ھېس قىلالمىغان ياردەمچىلەر دائىم ئۆزلىنىڭ راست ياكى يالغان ھۇقۇقىنى قوغداش كويىدا بولاتتى.
(ئاپتورنىڭ خەنزۇچەۈ «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»،«كافكا پوۋىست-ھېكايەلىرىدىن تاللانما»مانلىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.)
(تەرجىمان«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» دە)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-28 13:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون بىر ئوغۇل
كافكا (ئاۋستىرىيە)
(ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى)

مېنىڭ ئون بىر ئوغلۇم بار.
چوڭ ئوغلۇم چىرايلىق بولمىسىمۇ ئاقكۆڭۈل، جۇشقۇن. مەن ئۇنىڭغا باشقا ئوغۇللىرىمغا كۆيگەندەك كۆيىمەن، ئەمما ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيمەن. مېنىڭچە ئۇ سەل دۆترەك، ئۇ يىراقنى ئويلىمايدۇ، تار تەپەككۇر كوچىسىدا پىرقىراپ يۈرىدۇ، توغرىسىنى دېسەم، باخشىدەك ئىزىدا پىرقىراپلا يۈرىدۇ.
ئىككىنچى ئوغلۇم چىرايلىق بالا. ئۇنىڭ شەمشەرۋازلىق قىلىۋاتقان چاغدىكى سىياقى ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ؛ ئۇ زېرەك بولغاچقا يىراقنى ئويلايدۇ. ئۇنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرى كۆپ، شۇڭا ئۇ يۇرتىمىزنىڭ قائىدە-يوسۇن، ئەدەپ-ئەركانلىرىنى ئۆيدىن چىقماي بېكىنىۋالغان ئادەملەردىن كۆپ پىششىق بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى ئۇنىڭ ھەمىشە سىرتلارغا چىقىپ تۇرىدىغانلىقىغا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ سىرتلارغا چىقىپ تۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئاساسلىق ئامىل بولالمايدۇ. ئاساسلىق ئامىل بۇ بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى باشقىلار دورىيالمايدىغان خىسلەتلىرىدۇر. مەسىلەن: بەزىلەر ئۇنىڭ ھاۋايى مۇئەللەقتىن موللاق ئاتقىنىچە سۇغا شۇڭغۇپ چۈشكەنلىكىنى دورىماقچى بولۇشىدۇ. ئۇنىڭ كارامىتىنى تەرىپلىشىدۇ. دورىغۇچىلار ئاجايىپ بىر جاسارەت بىلەن قىزىقسىنغان ھالدا سۇغا سەكرەش تاختىسىنىڭ يېنىغا بارىدۇ-يۇ، ئەمما بىردىنلا سۇغا سەكرىمەي ئولتۇرۇۋالىدۇ، تەشۋىشلەنگىنىچە قوللىرىنى كۆتۈرۈشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن بىنەزەر بۇلار (مەن مۇشۇنداق بىر ئوغلۇمنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىمەن) ئاتا-بالا ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆلەڭگۈ پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ سول كۆزى ئوڭ كۆزىدىن كىچىك، ئۇ ھەمىشە كۆزىنى چىمىلدىتىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ جىمغۇرلۇقىنى، ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆرەلىگىنى بىلەن جىمجىت كۆزلىرىگە ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ. ئەمما مەن ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئەيىپىگە زەن سالىمەن، مەن ئۇنىڭ مۇنداق جىسمانىي ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ مىجەزىگە سىڭىپ كەتكەن گالۋاڭلىقىدىن، قان تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان زەھەرلىك ماددىلاردىن، ئىقتىدارسىزلىقىدىن، مەن كۆرەلەيدىغان، ئەمما ئۆزى جارى قىلدۇرالمايدىغان تالانتىدىن قاتتىق ئازابلىنىمەن. ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرى ئۇنى مېنىڭ ھەقىقىي ئوغلۇمغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ نۇقسانلار يەنە كېلىپ نەسەبىمىزدىكى نۇقسانلاردىن. بۇ نۇقسانلار پەقەت مۇشۇ ئوغلۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىلا ئۆز ئەكسىنى تاپقان خالاس.
ئۈچىنچى ئوغلۇممۇ چىرايلىق. ئەمما ئۇ مەن ياقتۇرىدىغان چىرايلاردىن چىرايلىق ئەمەس. ئۇنداق گۈزەل چىرايلار پەقەت غەزەلخانلارغىلا ئاتا قىلىنىدۇ: ئۇنىڭ گىلاستەك لەۋلىرى، سىرلىق كۆرۈنىدىغان كۆزلىرى، دېكراتسىيە ئالدىدىكى چىرايلىق بېشى، بۆرتۈپ چىققان كۆكرەكلىرى، سوزۇل دېسە سوزۇلىدىغان، يىغىل دېسە يىغىلىدىغان قوللىرى، شامال سوققان قورايدەك ئىرغاڭشىپ تۇرىدىغان ماغدۇرسىز پۇتلىرى ئۇنى غەزەلخاننىڭ ئۆزىلا قىلىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ يېقىملىق چىقمايدۇ؛ ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ؛ پەقەت ئاۋاز مۇتەخەسىسلىرىلا قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدۇ؛ ئەمما ھايال ئۆتمەي ئۇلارمۇ غايىپ بولۇپ كېتىشىدۇ. ئادەتتە تۈرلۈك سەۋەبلەر مېنى بۇ ئوغلۇمنىڭ كارامەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئۈندىسىمۇ، مەن ئوغلۇمنىڭ كارامەتلىرىنى كۆز-كۆز قىلمايمەن، ئۆزۈممۇ بۇ ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈلشىمەيمەن. ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئەيىبىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئەمەس. تۇغما دۆتلىكىدىن شۇنداق بولغان. ئۇ جەزمەن بۇ دەۋردىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشالايمەن دەپ قارايدۇ؛ ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى بولسىمۇ، ئائىلىمىزدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلىپ باشقا ئائىلىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ھەمىشە روھسىز يۈرىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ ئەيىبىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
تۆتىنچى ئوغلۇمنىڭ مىجەزى قالغان ئوغۇللىرىمنىڭ مىجەزىدىن ياخشى. ھەقىقىي بىر دەۋران ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ. كۆڭلى تۈز، خۇش پېئىل، چىقىشقاق، ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە سالام قىلىدۇ. ئەمما ھەممە ئادەم ئۇنى تەرىپلىگەچكە ئۇ مۇشۇنداق يەڭگىلتەك، شاللاق، پەرۋاسىز بالا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بەزى پىكىرلىرىنى كىشىلەر ھەمىشە سۈيئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھەممە پىكىرلىرىنىلا ئەمەس، بەزى پىكىرلىرىنى سۈيئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىدۇ. قىسقىسى، ئۇ يەڭگىلتەكلىك، شاللاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ئۇ گۈزەل قامىتىنى نامايەن قىلغىنىچە ئاسمان قەھرىدىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ، يەنە ئاسمان قەھرىگە پەرۋاز قىلغان، كېيىنكى ئۆمرىنى چۆل-جەزىرىلەردە ئۆتكۈزگەن، ئەرزىمەس ئادەمگە ئوخشايدۇ. مەن مۇشۇنداق خىيال قىلغىنىمچە بۇ ئوغلۇمغا قارىسام كەيپىم ئۇچىدۇ.
بەشىنچى ئوغلۇم ئوماق ھەم ئاقكۆڭۈل. بىرەر ئىشقا ئاسان ۋەدە بەرمەيدۇ، ۋەدە بەرسە ۋەدىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ كۆزگە تاشلانمىغاندەك قىلغىنى بىلەن ئادەم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرسا ئۆزىنى تەنھادەك سېزىدۇ، ئەمما ئازراق بولسىمۇ ئىناۋىتى بار. بىرەرسى مەندىن بۇ نېمە ئىش دەپ سوراپ قالسا مەنمۇ دەماللىققا بىر نېمە دەپ جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئۇ ئاقكۆڭۈل بالا. شاۋقۇن-سۈرەن بىلەن تولغان بۇ دۇنيادا پەقەت ئاقكۆڭۈل ئادەمنىڭلا باشقا ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغانلىقى ئاسان نامايەن بولىدۇ. قىسقىسى، ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن چۆپقەتلىشىدۇ، چۆپقەتلەشكەندىمۇ چوڭقۇر چۆپقەتلىشىدۇ. مەن شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى، مۇبادا بىرسى ئۇنى يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە ماختاپ-تەرىپلىسە كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. ھەرقانداق بىر ئادەم ئوغلۇمنى تەرىپلىگەندەك تەرىپلەشكە ئەرزىسە، تەرىپلەشنىڭ قىممىتى قالمايدۇ!
ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئالتىنچى ئوغلۇم غەمكىن، مىسكىن كۆرۈنىدۇ. بىر قاراش بىلەنلا كىشىگە شۇنداق تەسىر بېرىدۇ. ياۋاش كۆرۈنگىنى بىلەن تولا سۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا يېقىن يولىغىلى بولمايدۇ. ئۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئادەم چۈشىنىپ بولمايدىغان ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. مۇبادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ۋاتىلداپ جاھاننى بىر ئالىدۇ. مەن ئۇنى ئۇنىڭ مەلۇم بىر خىل ئۆزلۈك ھېسسىياتىنى بەربات قىلمايدۇ دېيەلمەيمەن. ئۇ ھەمىشە ئۇخلىماي چۈش كۆرگەندەك خامۇش يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ كېسىلى بولمىسىمۇ (ئۇنىڭ كېسىلى بولمىغاچقا سالامەتلىكى ياخشى) بەزى چاغلاردا، بولۇپمۇ كەچقۇرۇنلۇقى دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ، ئەمما يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى يۆلەپ مېڭىش ھاجەتسىز. بۇنى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يېشىغا قارىغاندا بويى ئېگىز، شۇڭا ئۇنىڭ بەدىنى كالامپاي كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئايرىم ئەزالىرى، مەسىلەن: قولى بىلەن پۇتى باشقىچە چىرايلىق، پېشانىسى سەت، تېرىلىرى قورۇلۇپ قالغاندەك، سۆڭەكلىرى قىسقىراپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.
يەتتىنچى ئوغلۇم ماڭا باشقا ئوغۇللىرىمدىن يېقىن تۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ ئوغلۇمغا باھا بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئەقىل-پاراسىتىنىمۇ چۈشىنەلمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە باھا بېرەلمەيمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەرزىمەس بالا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن؛ مۇبادا جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكلىرى بار دېيىلسە، بۇ سەۋەنلىك بۇ ئوغلۇمنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قەدىرلىمەسلىك بولىدۇ. ئەمما ئۇ مېنى قەدىرلىمىدىڭلار دەپ كىشىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. مەن ئۆيدە بۇ ئوغلۇمدىن ئايرىلالمايمەن. ئۇ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. ئەمما ئەنئەنىۋى كۆز قاراشقا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتىن خاتىرجەم بولالماسلىق بىلەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشقا ھۆرمەت قىلىش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان. ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق دەپ قارايمەن. ئۇ بۇ زور گەۋدىنى قانداق سورۇندا ئىشلىتىشنى بىزەمۇ بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە؛ ئۇ كېلەچەكنىڭ پاراۋوزىنى ئىلگىرىلىتىشنى بىلمىسىمۇ ئۇنىڭ تالانتى ئادەمگە ئىلھام ئاتا قىلىدۇ، كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مەن ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈپ، ئەۋلاد قالدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما بۇ ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ئۆزى تەنھا پىرقىراپ يۈرۈيدۇ. قىزلارغا ئازراق بولسىمۇ نەزەر تاشلىمايدۇ، ئەمما بىئارام بولمايدۇ. مەن ئۇنىڭ بۇنداق قانائەتچانلىقىنى توغرا چۈشىنىمەن، يەنە كېلىپ شۇنداق بولسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كىشىلەرمۇ ھەيران قالمايتتى.
سەككىزىنچى ئوغلۇم ھەممىدىن بەك بېشىمنى قاتۇرىدۇ، نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئۇ ماڭا يات ئادەمگە قارىغاندەك قارايدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئاتىلىق مېھرىم بىلەن قارايمەن. ۋاقىت نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەمما ئۇ ئىشلارنى ئويلىسام ۋۇجۇدۇم تىترەپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلەشمەيدۇ؛ ئۇنىڭ بوينى قاتتىق. ئۇنىڭ پۇتلىرى دىقماق بولغىنى بىلەن بەدەن مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان- كىچىكىدە ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاجىزىدى، ئەمما ھازىر ئەسلىگە كەلگەندۇ دەيمەن. ئۇ قەيەرگە بارماقچى بولسا ھامان بىر يول تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەن پات-پات ئۇنى چاقىرىپ، بۇ زادى نېمە ئىش؟ مەن ئاتاڭ تۇرسام، نېمە دەپ مەندىن يىراقلاپ كېتىسەن؟ خىيالىڭدا نېمىلەرنى ئويلاپ يۈرىسەن؟ دەپ سورىماقچى بولىمەنۇ، ئەمما ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە، يەنە ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتەي دەيمەن. ئاڭلىسام ئۇ ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ ساقاللىق ئىكەن. ئەلۋەتتە، پاكار ئادەملەرگە ساقال ياراشمايدۇ.
توققۇزىنچى ئوغلۇم سالاپەتلىك بالا بولدى. تەڭرى ئاياللار ئۈچۈن ئۇنى ياراتقان، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاتەشتەك چاقناپ تۇرىدۇ. بىلىمەن، ئىرادىلىك ئەرلەرنى ئازدۇرۇۋېتەلەيدىغان ئاياللارمۇ ئوغلۇمنىڭ ئوتلۇق بېقىشلىرىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئىرادە دۇلدۇلىنىڭ تىزگىنىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ. ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، بۇ ئوغلۇم ھەرقانداق ئادەمنى ئازدۇرۇش نىيىتىدە بولمايدۇ؛ ئۇ دىۋانغا يانپاشلىغانچە تورۇسقا قارىسىلا ياكى كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئالسىلا بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق يېتىپ پاراڭلىشىشقا خۇشتار. ۋەزمىنلىك پاراڭ سالىدۇ؛ ئەمما قىلغان پاراڭلىرى تار دائىرىدە بولىدۇ؛ بۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتسە قۇرۇق پاراڭ سالىدۇ. پاراڭ دائىرىسى تار بولغاچقا ھەمىشە دائىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنى سۆزلىمە دەپ ئىشارەت قىلسا، كىشىلەردە ئازراق ئۈمىد تۇغۇلسا، ئۇيقۇ ئويناپ تۇرىدىغان بۇ كۆزلەر كىشىلەرنىڭ قول ئىشارىسىنى چۈشىنىدۇ.
كىشىلەر ئونىنچى ئوغلۇمنى ساداقەتسىز بالىكەن دېيىشىدۇ. مېنىڭ بۇ ئوغلۇمنىڭ بۇ ئەيىبىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغۇممۇ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرگۈممۇ يوق. مۇبادا بىر كىم بۇ ئوغلۇمنىڭ ئۆز ياش قورامىغا ماسلاشمىغان سۈرلۈك قىياپەتتە كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇچىسىغا ھەمىشە تۈگمىسى ھىم ئېتىكلىك تۇرىدىغان پەلتو، بېشىغا كونا بولسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ چوتكىلانغان قارا جىيەكلىك شىلەپە كىيىۋالىدىغانلىقىنى، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوقلىقىنى، ئېڭەكلىرىنىڭ ساڭگىلاپ چۈشكەنلىكىنى، بادام قاپاقلىرىنىڭ كۆزلىرىنى توسىۋالغانلىقىنى، بارماقلىرىنى ھەمىشە لېۋىگە تەگكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسە، شۇ ئادەم جەزمەن: «بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ساختىپەز بالىكەن» دېمەي قالمايدۇ. ئەمما سىز ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىڭچۇ! ئۇ زېرەك، ئېغىر-بېسىق، گەپ-سۆزلىرى جايىدا؛ مەسىلە ئۈستىدە ئۆتكۈر پىكىر يۈرگۈزىدۇ؛ بۇ ئوغلۇمنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ پۈتۈن دۇنيا بىلەن، تەبىئەت بىلەن، خۇشاللىق بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى. قەددىنى رۇس تۇتۇشقا ئۈندەيدىغان بىر خىل ئىززەت-ھۆرمەت بىلەنمۇ بىرلىشىپ كەتكەنىدى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن ئەقىللىق دەپ چاغلىشىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوغلۇمنىڭ سىياق-سۇباتىدىن بىزار بولۇشىدۇ. ئەمما ئوغلۇم ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بەزى ئادەملەر بولسا ئوغلۇمنىڭ سىياق-سۇباتىغا پەرۋا قىلمايدۇ ۋە بۇ بالا يالغان سۆزلەۋاتسا كېرەك دەپ سېزىشىدۇ. مەن ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يەردە بىر نېمە دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن شۇنى تەن ئالىمەنكى، كېيىنكى باھالىغۇچى مەيلى قانداق بولۇشىدىن بىنەزەر ئالدىنقى باھالىغۇچىدىن كۆپ دىققەتكە ئەرزىيدۇ.
ئون بىرىنچى ئوغلۇم ئەبگا بالا بولۇپ قالدى. مەن ئوغۇللىرىم ئىچىدە مۇشۇ ئوغلۇم ئاجىز بالا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دېدىم؛ ئەمما ئۇ ئاجىز بولغىنى بىلەن كىشىلەرنى ئالدىيالايدۇ، ئازدۇرالايدۇ. ئۇ بەزىدە سۈرلۈك، كەسكىن كۆرۈنىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق چاغلاردا شۇنداق ئاجىزلىقلارمۇ تۈپ خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەمنى خىجىل قىلىدىغان ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادا كىشىگە ئاجىزلىقنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ. مەسىلەن: بۈركۈتنىڭ قانات قېقىپ ئۇچۇش ئۈچۈن تەرەددۇتلانغان ھالىتى بىلەن ئۇچايمۇ-ئۇچمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغان ھالىتى ئاجىزلىق بولماي نېمە؟ بۇ ئوغلۇمنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەنگەن. ئاتا بولغان ئادەم ئوغلىنىڭ بۇنداق مىجەز-خاراكتېرىدىن ھەرگىز مەمنۇن بولمايدۇ. بۇنداق مىجەز-خاراكتېر ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇ بەزىدە ماڭا قارىغىنىچە: «ئاتا، مەن سىزنىمۇ بىللە ئەكىتىمەن!» دېمەكچى بولغاندەك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن: «ئوغلۇم، مەن بۇ گەپلىرىڭگە ئىشەنمەيمەن» دېمەكچى بولىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە: «ئەمىسە مەن سىز ئىشەنمەيدىغان بالا بولۇۋېرەي» دەۋاتقاندەك مەنا چىقىدۇ.
مېنىڭ ئون بىر ئوغلۇم ئەنە شۇنداق.

(خەنزۇچە «كافكا ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابتىن)               

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-28 19:42:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم
كافكا (ئاۋسترىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەد تەرجىمىسى
كۆمۈر قالاپ بولۇندى. چېلەكتە كۆمۈر يوق. كۆمۈر ئۇسىدىغان گۈرجەكنىڭمۇ رولى قالمىدى. ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ كەتكەچكە ئۆي ئىچى سوغۇق ئىدى. دېرىزە سىرتىدىكى دەرەخلەرنى قېلىن قىرو باسقان، ئاسمان خۇددى كۈلرەڭ قالقاندەك خۇدادىن مەدەت تىلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىلىكىنى توسۇپ تۇراتتى. ئازراق كۆمۈرنىڭ ئېپىنى قىلمىسام بولمايتتى. چۈنكى، قاراپ تۇرۇپ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشنىڭ ئورنى يوقتە. شۇڭا، كۆمۈرخانا خوجايىنىدىن ياردەم سوراشقا توغرا كەلدى. ئەمما ئۇ يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلىرىمغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭغا ئۆيۈمدە كۆمۈرنىڭ ئۇۋىقىمۇ قالمىغانلىقىنى دەي، دىۋانىدەك يالۋۇراي. ئۇنىڭ غەزىپى كەلسىمۇ، ئىچ ئاغرىتىپ چېلىكىمگە بىرەر گۈرجەك كۆمۈر ئۇسۇپ بەرسە ئەجەب ئەمەس.
قانداق يوسۇندا بېرىشىم ئىشىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش-چىقماسلىقىنى بەلگىلەيتتى. شۇڭا، چېلىكىمگە مىنىپ كۆمۈرخانىغا قاراپ يول ئالدىم. چېلەككە مىنىپ، چېلەكنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، بىنا پەلەمپىيىدىن دومىلىدىم. ئەمما، بىنادىن چۈشۈپ بولۇشۇمغا چېلىكىم يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى. توۋا، ئاجايىپ قىزىق ئىشتە-بۇ؟! چېلىكىم خۇددى چۆكتۈرۈپ قويۇلغان تۆگە ئىگىسىنىڭ قاتتىق ئۇرۇشى بىلەن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىنىدەك يۇقىرىغا ئۆرلىدى. ئاندىن تېز سۈرئەتتە سوغۇق كوچىنى كېسىپ ئۆتتى. مەن ئىككى قەۋەت ئېگىزلىككىچە كۆتۈرۈلدۈم، ئەمما زادىلا رەت-رەت بىنالارنىڭ ئىشىكىگىچە پەسلىيەلمىدىم. مەن كۆمۈرخانا خوجايىنىنىڭ ئۆيى ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرەتتىم. كۆمۈرخانا خوجايىنى ئۆيىدىكى كىچىك شىرەسىگە دۈمچىيىۋېلىپ خەت يېزىۋاتاتتى. ئۆيى ئىسسىپ كەتكەندەك ئىشىكىنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتكەنىدى.
-خوجايىن،- دەپ ۋارقىرىدىم مەن. جىددىي چاقىرغان ئاۋازىم ئاغزىمدىن چىققان ئىسسىق ھور بىلەن قوشۇلۇپ قاتتىق سوغۇقتا بۆلەكچىلا ئاڭلىنىپ كەتتى،- خوجايىن، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا ئازراق كۆمۈر بەرسىلە؟ قولۇمغا پۇل كىرگەن ھامان بېرىۋېتىمەن.
كۆمۈرخانا خوجايىنى بىر قولىنى قۇلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى.
-خاتا ئاڭلاۋاتمايدىغاندىمەن-ھە؟- دەپ سورىدى ئۇ ئوچاق يېنىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پوپايكا توقۇۋاتقان خوتۇنىغا بۇرۇلۇپ،- خاتا ئاڭلاۋاتمايدىغاندىمەن؟ بىر خېرىدار چاقىرىۋاتامدۇ نېمە؟
-مەنغۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىم،- دېدى خوتۇنى قولىدىكى ئىشنى توختاتماي خاتىرجەم ھالدا.
-بۇ مەن، كونا خېرىدارلىرى، ئەزەلدىن ۋەدەمدە تۇرۇپ كەلگەنمەن، ئەمما شۇ تاپتا قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى.
-ھوي خوتۇن،- دېدى كۆمۈرخانا خوجايىنى،- راستكەن، بۇ يەردە ئادەم باردەك قىلىدۇ، خاتا ئاڭلىمىغان ئوخشايمەن. كۆڭلۈمنى ئېلىشنى بىلگىنىگە قارىغاندا بىرەر چال بولسا كېرەك.
-سىلىگە نېمە بولدى، دادىسى؟- دېدى خوتۇنى توقۇۋاتقان پوپايكىسىنى كۆكرىكىگە قويۇپ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالغاچ،- ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ، كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممە خېرىدارلارغا كۆمۈر بېرىپ بولدۇق. ئەمدى ئىشىكنى تاقاپ بىر نەچچە كۈن دەم ئالساقمۇ بولىدۇ.
-مەن شۇ تاپتا كۆمۈر چېلىكىنىڭ ئۈستىدە،- دەپ ۋارقىرىدىم مەن يەنە. قاتتىق سوغۇقتىن ئىختىيارسىز چىقىۋاتقان ياشلار كۆزۈمنى خىرەلەشتۈرۈۋەتكەنىدى،- بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قارىساڭلار مېنى كۆرەلەيسىلەر، سىلەرنى بىر گۈرجەك كۆمۈر بېرەمدىكىن دەپ كەلگەنىدىم. مۇبادا ئىككى گۈرجەك بېرىۋەتسەڭلار سىلەردىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتەتتىم. باشقا خېرىدارلارنىڭ ھەممىسىگە كۆمۈر بېرىپ بوپسىلەر، ئەمدى ماڭىمۇ بېرىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.
-مانا ھازىر،- دېدى كۆمۈرخانا خوجايىنى،- ئۇ دىقماق پۇتىنى پەلەمپەيگە ئېلىپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، خوتۇنى يېنىغا كېلىپ بىلىكىدىن تارتتى:
-سىلى بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسىلا ، چىقىمەن دەپ تۇرۇۋالسىلا مەنلا چىقىپ قاراپ باقاي. تۈنۈگۈن كېچە قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىلىغۇ!؟ ئۆپكىلىرىگە سوغۇق تېگىپ قالمىسۇن يەنە.
-ئەمىسە سەن چىقىپ ئۇنىڭغا كۆمۈرخانىدىكى كۆمۈرلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى دېگىن، مەن ساڭا باھاسىنى دەپ بېرەي.
-بولىدۇ،- دېدى خوتۇنى.
ئۇ كوچىغا چىقىپ مېنى كۆردى.
-خانىم،- ۋارقىرىدىم،- سىلىگە سەمىمىي سالام! ماڭا پەقەت بىر گۈرجەكلا كۆمۈر لازىم ئىدى. كۆمۈرنى مۇشۇ چېلىكىمگە ئۇسۇپ بەرسىلە بولىدۇ. ئۆزۈم ئېلىپ كېتىمەن. ئەڭ ناچار كۆمۈر بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. قانچە پۇل بولسا تولۇق تۆلەيمەن، ئەمما ھازىر بېرەلمەيمەن.
-ئۇ نېمە ئالىدىكەن؟- سورىدى كۆمۈرخانا خوجايىنى.
-ھېچنېمە،- دېدى خوتۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا،- سىرتتا ھېچكىم يوق ئىكەن. ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، ھېچقانداق ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىدىم، پەقەت سائەتنىڭ ئالتىگە داڭ ئۇرغانلىقىنىلا ئاڭلىدىم شۇ. ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى، نېمىدېگەن سوغۇق بۇ. قارىغاندا ئەتە يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمىز.
ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمىدى ھەم ئاڭلىمىدى. ئەمما، پەرتۇقىنى يېشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۇچۇرۇۋەتمەكچى بولدى. دېگەندەك راستتىنلا ئۇ ئۇچۇرۇۋەتتى. كۆمۈر چېلىكىم تۇلپارغا ئوخشاش خىسلەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما قارشى تۇرۇش ئىقتىدار يوق ئىدى، بەكلا يېنىك ئىدى. شۇڭا، بىر ئايالنىڭ پەرتۇقى ئۇنى ئۇچۇرۇۋەتكەنىدى.
-ھۇ بۇزۇق،- دەپ ۋارقىرىدىم مەن ئۇ ئايال مېنى كۆزگە ئىلماي كىرىپ كېتىۋاتقاندا،- ھۇ بۇزۇق، ئەڭ ناچار كۆمۈردىن بىر گۈرجەك بەر دېسەممۇ ئۇنىمىدىڭ-ھە!
شۇنداق قىلىپ مەن مۇز تاغلار ئارىسىغا ئۇچۇپ بېرىپ، كۆزدىن مەڭگۈ غايىب بولدۇم.
(خەنزۇچە «كافكا ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابتىن)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 00:25:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەلخان يۆسېفېن ياكى چاشقان مىللىتى
فىرانىزكافكا ( ئاۋستىرىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
تەرجىماندىن:《غەزەلخان يۆسېفېن ياكى چاشقان مىللىتى》كافكانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھېكايىسى بولۇپ، بۇ ھېكايە 1924-يىلى3-ئايدا يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ھېكايە ئاپتورنىڭ ماتەم نۇتۇقى ئىدى . يۆسېفېننىڭ غەزىلى شۆھبىسىزكى كافكانىڭ سەنئىتىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى يۆسېفېننىڭ غەزىلىگە ئوخشاتقان. شۇڭا ئەسەردىكى غەزەلخان يۆسېفېن بىلەن مىللەتنىڭ تۇرلۈك مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە كافكا بىلەن يەھۇدى مىللىتىنىڭ، يەھۇدى دىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. كافكا بۇنداق مۇناسىۋەتلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. كافكا ئۆزىنىڭ ئىدىيىسنى، ئارمانلىرىنى يۆسېفېننىڭ ۋۇجۇدىغا يۈكلىگەن. يۆسېفېننىڭ ۋىژدانى، مەسئۇلىيىتى كافكانىڭ روھىي يېزىلمىشى، كافكا ئۆزىنىڭ ئىچكى توۇيغۇسىنى بىۋاستە بايان قىلماي تۈرلۈك ئوخشىتىش، يومۇرىستىك ۋاستىلەر ئارقىلىق بايان قىلغان، غەزەلخان بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك بەدەئى ئۇسۇل ئارقىلىق تەسۋىرلىگەن. ئاپتۇرنىڭ ئىچكى دۇنياسى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.كافكا ئۆزۈنىڭ سەنئىتىگە، ئۆز مىللىتىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ يەھۇدىلارنىڭ قۇتقازغۇچى خۇداسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەھۇدىلارنىڭ سەنئەت ئۇستازى، ۋىژدانى، مەسئۇلىيەتچان ۋەكىلى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى يۆسېفېننىڭ غەزىلى دەپ ئېنىق دېمەيدۇ. بۇ ھېكايە بىزگە ئۇنىڭ سەنئەتى دەل مىللى سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.


بىزنىڭ غەزەلخانىمىزنىڭ ئىسمى يۆسېفېن ئىدى، ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىمىغان كىشلەر غەزەلنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ غەزىلىگە ھەممە ئادەم مەپتۇن بولاتتى. بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋرى ھىچقانداق مۇزىكىنى ياقتۇرمىغاچقا بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەرىپلەشكە ئەرزىيتتى. تىنچلىق بىز ياقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئىدى؛ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۈشكۈلچىلىكتە ئۆتەتتى، بىز كۈندىلىك تۇرمۇش غەملىرىدىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئۆزىمىزنى مۇزىكا مۇھىتىغا كۆتۈرۈشكە ئامالسىز ئىدۇق. مۇزىكىدىن زوقلىنىش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تولىمۇ يىراق ئىدى. ئەمما بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلانمايتتۇق، ئەپسۇسلانمايتتۇق؛ بىز جانغا ئەسقاتىدىغان، ئىنتايىن جىددى ئېھتىياجلىق بولغان مۇغەمبەرلىكىنى ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىمىز دەپ بىلەتتۇق. بىز ھەر قېتىم كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يۇلۇققاندا ھەمىشە ھىيلىگەرلىك بىلەن ھىجىيىپ، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرەتتۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆڭلىمىزدە مۇزىكا ئاتا قىلغان بەختكە ئىنتىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولسىمۇ-بۇنداق ئەھۋال ئەلبەتتە روي بەرمەيتتى ـ بىز يەنىلا شۇنداق قىلاتتۇق. پەقەت يۆسېفېنلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئۇ بۇ جەھەتتە پەقەت بىردىن بىر ئادەم ئىدى؛ ئۇ تۈگەپ كەتسە مۇزىكىمۇ تۇرمۇشىمىزدا غايىپ بولاتتى، يەنە كېلىپ بۇنداق ئەھۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
مەن بۇنداق مۇزىكىنىڭ نېمە ئىشلىقىنى نۇرغۇن ئويلاندىم، شۇنى بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ زىنھار مۇزىكا تالانتىمىز يوقىدى؛ بىز يۆسېفېننىڭ غەزىلىنى چۈشىنەتتۇق ياكى ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى چۈشىنىمىز دەپ بىلەتتۇق ـ چۈنكى يۆسېفېن بىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئىنكار قىلاتتى ـ بۇ زادى قانداق ئىشىدۇ؟ بۇنىڭ ئەڭ ئاددى جاۋابى شۇكى، ئۇنىڭ ناخشا ئاۋازى بەك گۈزەل ئىدى، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئادەملەرمۇ بۇ ناخشا ئاۋازىنىڭ سېھرىي كۈچىگە قارشى تۇرۇپ بولالمايتتى، ئەمما بۇ جاۋاپ ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بۇ غەزەل ئاۋازىنى ئاڭلىغان دەملىرىمىزدە ئالدى بىلەن مۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولاتتى: ئۇنىڭ مۇزىكىسىدا قانداقتۇر بىر خىل ئۆزگىچە نەرسە باردەك، ئۇنىڭ بۇغۇزىدىن چىققان ئاۋازىنى بىز ئەزىلى ئاڭلاپ باقمىغاندەك ھەتتا بىزنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمىز يوقىدەك، پەقەت يۆسېفېنلا بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغاندەك، باشقا ئادەملەر بۇ نوقتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغاندەك سېزەتتى. ئەمما مېنىڭچە ھەقىقى ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكىسىچە ئىدى، مەندە بۇنداق تۇيغۇ يوقىدى، باشقىلاردىمۇ بۇ تۇيغۇغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۇيغۇنىڭ يوقىلىقىنى سېزەتتىم. كونا دوست ـ بۇرادەرلەر ئارىسىدا بىر بىرىمىزگە سەمىمى بولغان ھالدا يۆسېفېننىڭ غەزىلى ئۇنىڭغا نىسپەتەن غەزەل، ئۇ باشقا ئالاھىدە نەرسە ئەمەس دەپ تەن ئالاتتۇق.
بۇ غەزەل ئېيتىش ھېساپلىنامدۇ؟ بىزنىڭ مۇزىكا تالانتىمىز بولمىغىنى بىلەن غەزەل ئېيتىش ئەنئەنىمىز بارىدى، مىللىتىمىز قەدىمقى دەۋىرلەردىلا غەزەل ئېيتاتتى، بەزى رىۋايەتلەردە غەزەل ئېيتىش بايان قىلىنغانىدى، ھەتتا بەزى غەزەللەر ھازىرغىچە ساقىلىنپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئېيتالايدىغان ئادەملەر يوقىدى. شۇڭا غەزەل ئېيتىش قانداق ئوقۇم ئىكەنلىكى ھېلىھەم بىزگە تازا ئايدىڭ ئەمەسىدى. ئەمما يۆسېفېننىڭ غەزەل ئېيتىش سەنئى بۇنداق تۇيغۇغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. خوش، ئۇ زادى غەزەلمۇ ياكى ئىسقىرتىشمۇ؟ مۇبادا ئۇنى ئىسقىرتىش دېمىسەك، بىز ھەممىمىز ئىسقىرتالايمىز، بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن بار ماھارىتى ئىدى ياكى تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتساق، بۇ ماھارەت ئەمەس، بەلكى تىپىك ھاياتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئىدى. بىز ھەمىمىىز ئسقىرتالايمىز، ئەمما ھىچكىم ئىسقىرتىشنى سەنئەت ئىشى قاتارىدا كۆرمەيدۇ ھەتتا ئۇنى ھېسمۇ قىلمايتتى، ئارىمىزدىكى بەزىلەر ئۇنى     ھەرگىز بىلمەيتتى. قىسقىسى، ئىسقىرتىش بىزنىۇ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. مۇبادا يۆسېفېن راستىنلا غەزەل ئېيتماي، پەقەت ئىسقىرتسا- ئەدناسى مەن مۇشۇنداق سېزىمەن ـ بۇنداق ئىسقىرتىش ئادەتتىكى ئىسقىرتىش بولۇشى مۇمكىنىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى ئادەتتىكى ئىسقىرتىشقىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىنىدى. ئەمما ئاددى توپا قازغۇچى ئىشچى پۈتۈن بىر كۈندە توپا قازغاچ ھىچقانچىلىك كۈچىمەيلا ئىسقىرتالايتتى. مۇبادا بۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا، يۆسېفېننىڭ سەنئەتكار ئىكەنلىكىدىن شۆھبىلەنسىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا شۇنداق زور تەسىرى بارىدى، ئۇ بىلىشكە تىگىشلىك بىر سىر ئىدى.
ئەمما ئۇ چىقارغان ئاۋاز پەقەتلا ئىسقىرتقان ئاۋاز ئىدى. مۇبادا بىز ئۇنىڭدىن يىراق يەرگە بېرىپ تەپسىلى قۇلاق سالساق ياكى ئۆزىمىزنىڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئوبدان گۈزىتىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە يۆسېفېن باشقا غەزەلخانىلارغا قۇشۇلۇپ غەزەل ئېيتسا، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ غەزەل ئېيتقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ دېسەك، بۇ چاغدا بىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىمز پەقەت ئادەتتىكى يېقىملىق، ئاجىز ھەم روشەن ئۆزگىچە ئىسقىرتىش ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىنىدى. ئەمما بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرساق پەقەت ئىسقىرتقان ئاۋازنىلا ئاڭلىمايمىز. ئۇنىڭ سەنئىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئۇ ئېيتقان غەزەلنى ئاڭلاپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقان قىياپىتىگىمۇ قاراشقا توغرا كېلەتتى. بۇ يەردە ھېلىھەم مەلۇم بىر ئالاھىدىلىك بارىدى ـ بىز ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلساقمۇ ئەستايىدىل ئىش قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتۇق. بىر تال ياڭاقنى چېقىش ھەقىقەتەن سەنئەت ھېساپلانمايتتى، شۇڭا جامائەتنى بىر يەرگە يىغىپ ياڭاق چېقىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بىرمۇ  ئادەمنى تاپقىلى بولمايتتى. مۇبادا بىراۋ مۇشۇنداق قىلسا، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىغا يەتسە، بۇ ئادەتتىكى ياڭاق چېقىش ئىشى بولمايتتى. خوش، بىز ياڭاق چاققان بولايلى، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىمىز پىششىق بىلىدىغان بۇ خىل سەنئەتكە سەل قارىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى. پەقەت ياڭاق چاقىدىغان ماھىرلارلا بىزگە بۇ خىل سەنئەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. مۇبادا ياڭاق چاقىدىغان ماھىرنىڭ تېخنىكىسى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ماھارىتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
يۆسېفېننىڭ غەزىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار بۇلۇشى مۇمكىنىدى؛ بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن زوقلانغان نەرسىنى ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن تاپالمايتتۇق. بۇ جەھەتىدە ئۇنىڭ قارىشى بىلەن بىزنىڭ قارشىمىز تامامەن بىردەك ئىدى. بىر قېتىم مەنمۇ نەق مەيداندا بارىدىم، كىمدۇ بىرسى ئۇنى كۆرسىتىپ - بۇ تەبئى ھالدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ئىدى ـ پۈتۈن مىللەت ئۇنىڭ ئىسقىرتىشىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ دېدى. بۇ گەپ ناھايتى چىرايلىق دېيىلگەن بوسلىمۇ، يۆسېفېن بۇنداق گەپلەرگە چىداپ تۇرالمايتتى. ئۇ چاغدا يۆسېفېن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قوياتتى. مەن ئەزىلى بۇنداق ئەسەبىيلىك، ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كۈلگۈن چىراينى كۆرۈپ باقمىغانىدىم؛ سىرتىدىن قارىغاندا يۆسېفېن ئىنتايىن مېھرىبان ئايالدەك كۆرۈنەتتى. بىز مۇشۇنداق ئاياللار بىلەن تولۇپ كەتكەن مىللەت ئىچىدە ياشىغاچقا ئۇ كۆزىمىزگە تولىمۇ مېھرىبان كۆرۈنەتتى، ئەمما بۇ چاغدا ئۇ راستنىلا قوپال، چاكىنا ھېساپلىناتتى، بىراق ئۇ تولىمۇ زېرەك بولغاچقا ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتىنى يوقاتقانلىقىنى سېزىپ، شۇ زامان ئۆزىنى تەمكىن تۇتاتتى. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ سەن بىلەن ئىسقىرتىشى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق ئالاقە ـ مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلاتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزگىچە قاراشىدىكى ئادەملەرنى كۆزىگە ئىلمايتتى، بەلكىم ئۇلارغا كۆڭلىدە غۇم ساقلىشىمۇ مۇمكىنىدى. بۇ ئادەتتىكى شۆھرەتپەرەس ئەمەسىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئادەملەرنىڭ ـ مېنىڭمۇ يېرىمىم مۇشۇنداق ئادەملەرگە تەۋە ئىدى ـ ئۇنىڭغا بولغان تەھسىن ـ ئاپىرىنلارمۇ كۆپ ساندىكى ئاۋاملاردىن قېلىشمايتتى. ئەمما جامائەت يۆسېفېننى تەرىپلەپلا قالماي، بەلكى يۆسېفېننى ئۆزىنىڭ يوسۇنى بويىچە تەرىپلەيتتى. ئۇنىڭغا نىسپەتەن تەرىپلەشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوقىدى. مۇبادا بىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرساق ئاندىن ئۇنى چۈشىنەتتۇق؛ مۇبادا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرساق ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان بولاتتۇق. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان چېغىمىزدىلا ئۇنىڭ بۇ يەردە چىقارغان ئاۋازىنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋاز ئەمەسلىكىنى بىلەتتۇق.
ئىسقىرتىش بىزنىڭ بىر ئادىتىمىز ئىدى، بىز ئويلىنىپ يۈرمەيلا ئىسقىرتاتتۇق، شۇڭا بەزىلەر سۆسېفېنىنىڭ تاماشىنبىلىرى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ئىسقىرتالايدۇ دەپ بىلىشەتتى؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ سەنئىتىدىن زوقلانغان چېغىمىزدا تولىمۇ قۇۋىناتتۇق، يەنە كېلىپ بىز قۇۋانغان چاغلىرىمىزدا ئىسقىرتاتتۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئاڭلارمەنلىرى ئىسقىرتمايتتى، ئەتراپ جىمجىت ئىدى، بىز ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان جىمجىتلىققا چۆمگەندەك بولاتتۇق، ئەدىناسى ئۆزۈمىزنىڭ ئىسقىرتىشى بىز ئېرىشمەكچى بولغان بۇنداق جىمجىتلىقتا كاشىلا بولاتتى، شۇڭا بىز سۈكۈتكە پاتقانىدۇق. بىزنى مەستۇ ـ مۇستەغرەق قىلغان ئۇنىڭ غەزىلىمۇ ياكى ئۇنىڭ زەبۇن ئاۋازى ئەتراپىدىكى سۈرلۈك جىمجىت كەيپىياتمۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بىر قېتىم مۇنداق بىر ئىش روي بەردى: يۆسېۈفېن غەزەل ئېيتىۋاتقاندا بىر ساراڭ قىزچاق ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئىسقىرتىپ تاشلىدى، ئەمەلدە بۇ قىزنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى بىز ئاڭلىغان يۆسېۈفېننىڭ ئاۋازى بىلەن ئوخشاش ئىدى؛ ئۇ پىششىق مەشىق قىلغان بولسىمۇ، باشدىن ـ ئاخىر قورقۇپ ئىسقىرتتى، ئەمما بىز بۇ يەردىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارىسىدا ئاڭلىغىنمىز پەقەت بالىلارنىڭ ھېسىياتىنى تۇتالماي ئىسقىرتقان ئاۋازى ئىدى؛ بۇ ئىككى خىل ئاۋازنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى؛ ئەمما بىز زىنھار پايدىسى بولمىسىمۇ ئۈش دەپ ئىسقىرتىپ، ئۇ كەپسىز قىز بالىنى قورقۇتتۇق، ئەمما يۆسېفىن غەزىپىنى باسالماي، ئاۋازىنى تېخىمۇ ئۈنلۈك چىقىرىپ زەپەر مارشىغا ئىسقىرتتى، بىلەكلىرىنى كېرىدى، غەزەپ بىلەن بۇيۇنلىرىنى سۇزدى، ئۇ قىز بالا خىجىللىقتىن ئۆزۈنى قويارغا جاي تاپالماي قالغان، قورقۇپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى.
ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق قىلاتتى، ئۇنىڭ رايىغا باقمايدىغان ھەربىر ئۇششاق، تاساددىبى ئىشلار، ئالدىنقى رەتتىكى ھەر قانداق تاراق ـ تۇرۇق قىلغان، چىشنى چىشىلگەن ئاۋازلار، چىراق نۇرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىرغاڭلاشلىرى ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇراتتى؛ ئۇ گاسلارغا غەزەل ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن دەپ قارايتتى. ئۇ ئېيتقان غەزەل ھامان تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى قوزغايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىغا مۇيەسسەر بولاتتى، ئەمما ئۇ ھامان مەن بۇرۇنلا ئۆگۈنۈشدىن ۋاز كەچتىم، مەن تاماشىبىنلارنىڭ مېنى ھەقىقى چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن، دەيتتى. ئۇ تۈرلۈك توسالغۇلار بولۇپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايتتى؛ ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان جىمى كاشلا، جىمى كۆرەش ھەتتا زۆرۈر بولمىغان ئۇرۇش، ئۇنىڭ غەزىلىنىڭ  ساپلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان نىسبى توسالغۇلارنىڭ كىشلەرنى ئويغىتىشقا پايدىسى بارىدى، ئۇلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشىنى بىلىۋېلىشنى ئۆگەتكىلى بولاتتى.
مۇبادا كىچىك ئىشلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلىسە، چوڭ ئىشلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرەلەيتتى.  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تولىمۇ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆتەتتى، ھەر كۈنى ئويلىمىغان، ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئىشلار روي بىرىپ تۇراتتى، بۇ ئىشلار كىشلەرگە ئۈمىد ۋە قورقۇنۇش ئېلىپ كېلەتتى، مۇبادا ئارىمزدىكى كىمدۇ بىرسى ھەر ۋاقىت، مەيلى كېچە ـ كۈندۈز بولسۇن ئۆزىگە مەدەت بىرىدىغان، تېرەك بولىدىغان ھەمراھ تاپمىسا، ئۇنداق ۋەھىملىرىگە چىداپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسىدى؛ ئۇ ھەمراھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا چىداپ تۇرماق بەسى مۈشكۈل بولاتتى، ھەتتا بەزىدە بىر ئادەمنىڭ يۈكى مىڭ ئادەمگە چېچىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا شامال سوققان قورايدەك تىترەپ كېتىشەتتى. بۇنداق چاغدا يۆسېفېن پۇرسەت كەلدى دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ شۇ يەردە تۇراتتى، ئۇ زەبۇن بولغاچقا كۆكىرىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپى تىترەپ كېتەتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غەزەل ئېيتىۋاتقاندەك، غەزەل ئېيتىشقا بىۋاستە ياردىمى بولمايدىغان جىمى ھاياتى كۈچنى تۈگەل ئىشقا سالغاندەك، جىمى نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندەك، كىشلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك، جىمى نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولاتتى. پەقەت ئاقكۆڭۈل ئىلاھلا  ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلايتتى، ئۇ ھېسسىياتىنى باسالماي غەزەل ئېيتقاندا بىر مەھەل چىققان ئاجىز سوغ شامال ئۇنى لەھەت يولىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما بىز دەل مۇشۇنداق ئەھۋال، مەنزىرلەرنى كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ ئاتالمىش دۈشمەنلىرىمىز ھامان ئۆزلىرىگە:” ئۇ ھەتتا ئىسقىرتىشنىمۇ بىلمەيدۇ؛ ئۇ شۇنچە كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىسقىرتتى، بۇنداق ئىسقىرتىشنى ھەممە ئادەم ئىسقىرتالايدۇ، بۇنى قانداقمۇ غەزەل دېگىلى بولسۇن؟ “ دېيىشەتتى. بىزنىڭ تەسىراتىمىز مانا مۇشۇنداق. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، بۇ دەقىقە ئىچىدە غايىپ بولىدىغان تەسىرات ئىدى. بىز ناھايتى تېزلا كىشلەرنىڭ ھېسسىياتىغا سىڭىپ كېتەتتۇق. ئۇلار بىلەن مۆرۈدىشىپ ماڭىماتتۇق، بىرگە نەپەسلىنەتتۇق، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىسقىرتىشلارنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتۇق.
بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىز ھامان ئالدىراش يۈرۈيتتى، نىشانىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالماي ئۇياق ـ بۇياقلارغا ھەمىشە قالايمىقان قاتراپ يۈرۈيتتى. ئۇلارنى ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن يۆسېفېن باشقا ئىش قىلماييتتى، پەقەت نوگويدەك كىچىك كاللىسىنى ئارقىسىغا قىلاتتى، ئېغىزىنى يېرىم ئاچاتتى، قاپىقىنى ئۈستۈن كۆتۈرەتتى، غەزەل ئېيتماقچى بولغاندەك قىياپىتىنى يۇشۇرۇن نامايەن قىلسىلا بولاتتى. پەقەت يۆسېفېنلا خالىسا ئۇ ھەر چاغ ھەر يەردە مۇشۇنداق قىلسا بولىۋېرەتتى. يىراق يەرلەردە كىشلەرگە ئېنىق  كۆرسىتىمەن دەپ بۇنداق قىلىش ھاجەتسىزىدى، مەلۇم بىر چەت ياقا يەرلەردە، دەمال پەيدا بولغان خۇشاللىقدىن تاللىغان بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدىمۇ شۇنداق قىلسا بولىۋېرەتتى. يۆسېفېن غەزەل ئېيتىدىكەن دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا ئاڭلارمەنلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ يۇپۇرلۇشۇپ كېلىشەتتى. ئەمما يەنە بەزىدە پايدىسىز ئەھۋاللارمۇ روي بېرەتتى. شۇنى بىلىش كېرەككى، يۆسېفېن قاتتىق ھاياجانلانغان دەملىرىدە غەزەل ئېيتىشقا ئامراق ئىدى، بۇ چاغدا ھەرخىل غەم ـ قايغۇ، مۈشكۈل ـ قىيىنچىلىق بىزنى نۇرغۇن ئۆزگىچە يوللارنى تاللاشقا مەجبۇر قىلاتتى. جامائەت يۆسېفېن ئۈمىد قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەتراپىغا تېز يىغىلىشنى خالىماييتتى. شۇڭا بۇ قېتىم يۆسېفېن كىىبىر قىلىغىنىچە ئۇ يەردە تۇردى، يېتەرلىك ئاڭلارمەنمۇ يوقىدى، بۇنداق ئەھۋال بەلكىم بىر مەھەل داۋاملىشار ـ كېيىن ئۇ غەزەپلىنىپ يەرنى تېپىپ كېتەتتى، خۇددى شاللاق ئايال ئېغىزىنى بۇزۇپ بىرسىنى تىللىغاندەك، غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى شۇنداق ناچار بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شان ـ شەرىپىگە دەخلى ـ تەرۇز يەتمەييتتى، جامائەت ئۇنىڭ ئارتۇقچە تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەيتتى، بەلكى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىمكان قەدەر تىرىشاتتى؛ ئۇ ئاڭلارمەنلەرنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن تەرەپ ـ تەرەپلەرگە ئادەم ئەۋەرتەتتى، ئەمما جامائەت ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىشنى ئېيتمايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئەتراپتتىكى يوللارغا پوست قويۇپ قويغانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئۇلار يولدا كېلىۋاتقان كىشلەرگە تېز مېڭىڭلار دەپ قول ئىشارىسى قىلاتتى؛ ئۇلار ناھايتى ئۇزاققىچە تاكى خېلى كۆپ ئاڭلارمەنلەر يىغىلغىچە شۇنداق قىلاتتى.
قانداق نەرسە مىللىتىمىزنى يۆسېۈفېن ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچ چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ؟ بۇنى سۆسېفېن زادى غەزەل ئېيتىۋاتامدۇ ـ يوق دېگەن مەسلىگە سېلىشتۇرغاندا جاۋاپ بەرمەك ئاسان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ ئىككى مەسىلە بىر ـ بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مۇبادا بۇ مىللەت دەل يۆسېفېننىڭ غەزەل ئېيتىشى ئۈچۈن يۆسىفىنگە شەرتسىز، رائىشلارچە بويسۇنىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇنداقتا بىرىنچى مەسلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىككىنچى مەلسە بىلەن تامامەن بىرلەشتۈرۋېتىشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمايتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىز شەرتسىز رائىشلارچە بوي سۇنۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى . بۇ مىللەت كىچىككىنە ئىشقا يولۇقسا ئۇساتلىق قىلاتتى، ئەمما بۇنداق ئۇستاتلىق رەزىللىك نىيەت بىلەن بولمايتتى. كىچىك بالىلاردەك بىر ـ بىرىگە قۇلاقلىرىنى يېقىن قىلىپ ۋىچىرلىشاتتى. ئۇلار گۇناھ بولمايدىغان پاراڭلارنىلا قىلىشاتتى، پەقەت لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپلا قوياتتى. بۇنداق بولغاندا بىر مىللەت مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن بىنەزەر شەرتسىز، رائىشلارچە بوي سۇنماي قالمايتتى، بەلكىم يۆسېفېنمۇ بۇ نۇقتىنى سېزەتتى. ئۇ ئاجىز ئاۋازى ئارقىلىق بۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى.
بۇنداق گەپ- سۆزلەرنىڭ ئەلبەتتە چېكى بولاتتى، بۇ مىللەت يەنىلا يۆسېفېنگە رائىشلارچە بوي سۇناتتى، ئەمما شەرتلىك بولاتتى. مەسلەن: ئۇلارنىڭ يۆسېفېننى مەسخىرە قىلىش ئىقتىدارى يۇقىدى، جامائەت شۇنى تەن ئالاتتىكى، يۆسېفېننىڭ ۋۇجۇدىدا بەزى كۈلكىلىك يەرلەر بارىدى؛ ئەمما بۇنداق كۈلىك يەرلەرنىڭ بىز بىلەن مۈلۈم سەۋەبى بارىدى؛ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك بەختسىزلىك، كېلىشمەسلىك بولسىمۇ، مۇئەييەن دەرىجىدە باشدىن ـ ئاخىر چېھرىمىزدىن كۈلكە- تەبەسسۇم ئۆچمەيتتى؛ بىراق بىز ئەزىلى يۆسېفېننى مەسخىرە قىلمايتتۇق. مەندە ھەمىشە مۇشۇنداق تۇيغۇ بولاتتى. بۇ مىللەت ئۇلارنىڭ يۆسېفېن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇشۇنداق چۈشۈنەتتى. ئۇ ئاجىز بىر كىشىنىڭ ھىماتىغا مۇھتاج بولاتتى، مەيلى قانداق بۇلۇشىدىن بىنەزەر ئۇ بۈيۈك ئايال ئىدى، يۆسېفېننىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، ئۇ غەزەل ئېيتىش جەھەتىدە مەشھۇر بولغاچقا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بۇ مىللەتكە ھاۋالە قىلىنغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش كېرەكىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ھىچكىم ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا شۇنداق ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىزگە ھاۋالە قىلىنىغانىكەن، ئۇنى مەسخىرە قىلساق بولمايتتى؛ ئۇنى مەسخىرە قىلساق، ئىشەنچىنى يەردە قويغان، مەجبۇرىيەتكە شەك كەلتۈرگەن بولاتتۇق؛ مۇبادا ئارىمىزدىكى بەزىلەر زەھەرخەندىلىك بىلەن :” بىز يۆسېفېننى كۆرۈشىمىز بىلەنلا كۈلمەيمىز “ دېيىشەتتى. بۇ يۆسېفېن ئۈچۈن ئەڭ رەزىل نىيەت بولۇپ ھېساپلىناتتى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەت خۇددى ئاتىسى قوللىرىنى سوزغان كىچىك بالىسىغا كۆيۈنگەكدەك ـ بىز ئۇنىڭ ئۆتۈنۈش ياكى تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق ـ  يۆسىفىنگە كۆيۈنەتتى. بەزىلەر بىزنىڭ بۇ مىللىتمىز ئاتىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئەمەلىيەتتە يۆسېفېنگە نىسپەتەن بۇنداق ۋەزىپىنى تۇلۇق ئادا قىلاتتى؛ بۇ جەھەتىدە بۇ مىللەت بىر پۈتۈن گەۋدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلاتتى، ئەمما بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەر قانداق بىر شەخس ئادا قىلالمايتتى. ئەلبەتتە مىللەت بىلەن شەخسنىڭ كۈچى زور پەرقلىنەتتى، بىر مىللەت پەقەت ھىماتىغا ئالىدىغان ئوبىكتىنى ئۆزۈنىڭ ئىللىق بەدىنىڭ يېنىغا تارتىيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېتەرلىك ھىماتقا مۇيەسسەر بولاتتى. يۆسېفېننىڭ ئالدىدا كىشلەر ئەلبەتتە بۇنداق ئىشلار توغرىسدا سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. سىلەر مېنى ھىماتىڭلارغا ئالماقچى بولساڭلارمۇ، مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك دەيتتى يۆسېفېن.
” شۇنداق، شۇنداق، سىزنىڭ پەرۋايىڭىز پەلەك “ دەپ ئويلىشاتتۇق بىز. ئۇ شۇنداق دېگىنى بىلەن يەنىلا بىزنىڭ ئۇنى ھىماتىمىزغا ئېلىشىمىزنى رەت قىلمايتتى. بىز بۇنى تامامەن كىچىك بالىلارنىڭ مىجەزى، بالىلارنىڭ رەھمەت- ھەشقاللىشى دېسەك بولاتتى. ئەمما ئاتىنىڭ پوزىتيىسى يۆسېفېننىڭ رايىغا باقاتتى.
بۇ يەردە يەنە بىر مەسلە بارىدى، بۇ مەسلە ئارقىلىق يۆسېفېن بىلەن بۇ مىللەتنىڭ مۇناسىىۋىتىنى چۈشەندۈرمەك تېخىمۇ تەسىدى. چۈنكى يۆسېفېننىڭ كۆز قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ئىدى. ئۇ : مەن بۇ مىللەتنى ھىماتىمغا ئېلىۋاتىمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ غەزىلى بۇ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانىدى، بىزنى سىياسى ياكى ئىقتىسادىي جەھەتىدىكى قىيىن ئەھۋالدىن ئازات قىلغانىدى، غەزەل ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپ كۆپىدى . غەزەل بەختسىزلىكنى تۈگىتەلمىسىمۇ، بىزگە بۇ بەختسىزلىككە چىداپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلاتتى. ئۇ بۇنى ئېنىق دېمەيتتى ھەم باشقا بىر مۇددىئانىمۇ ئېنىق ئىپادىلمەيتتى. ئۇ كەمدىن كەم گەپ قىلاتتى، ئۇ ئېغىزى ـ ئېغىزىغا تەگمەي ۋاتىلداپ سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئارىسىدا سۈكۈتكە پاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى نامايەن بولۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھىم يۇمۇلغان لەۋلىرىدىن- بىزنىڭ بۇ يەردە ئاز ساندىكى كىشلەرلا ئېغىزىنى يۇمۇپ ئۈندىمەيتتى، بۇنى يۆسىفېنلا  ئىشقا ئاشۇرالايتتى، ئۇ ھەر قېتىم شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتى ـ بەزى كۈنلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتتى. بۇ خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرى يالغان، بەزىلىرىنىڭ يېرىمى راست، يېرىمى يالغانىدى ـ ئۇ شۇ زامان ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ بوينىنى سوزاتتى، بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تۇرغان چوپاندەك ئەتراپتىكى كىشلەرگە قارايتتى، ئەمما ئۇ ئادەتتە ھامان تۆشەكتە ھۇرۇنلارچە ياتاتتى، ئەلبەتتە بالىلارمۇ قوپال تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىشەتتى، پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇشۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشاتتى، ئەمما يۆسېفېننىڭ تەلىپى بالىلارنىڭ تەلىپىدەك يولسىز ئەمەسىدى. ئەلبەتتە ئۇ بىزنى قۇتۇلدۇرالمايتتى، بىزگە كۈچ- قۇدرەتمۇ ئاتا قىلالمايتتى. شۇڭا بۇ مىللەتنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولۇش ناھايتى ئاسان ئىش ئىدى، بۇ مىللەت جاپا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى، ئۆزۈنى قەدىرلەشنى بىلمەيتتى، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال قارار قىلاتتى، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايتتى، ئەزرائىل ئالدىدىمۇ ئۆزۈنى تەمكىن تۇتاتتى. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت باتۇرانە كۆرەش ئېلىپ بېرىلغان مۇھىتتا ياشىغاچقا بەزىدە سەل قورققاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمەلدە بۇ مىللەتنىڭ كۆپۈيىش ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك ئىدى، باتۇر ھەم يۈرەكلىك ئىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىشتىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ نىجاتكارى بۇلۇش ئاسان ئىش ئىدى. چۈنكى بۇ مىللەت ھامان مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزۈنى قۇتقازغانىدى. تارىخۇشۇناسلار ھەيران قالغۇدەك زور قۇربانلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئادەتتە بىز تارىخىي تەتقىقاتقا تامامەن سەل قارارايتتۇق. ئەمما پاكىت شۇكى، بىز دەل قىيىنچلىق مەزگىللەردە ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىنمۇ بەك يۆسېفېننىڭ ئاۋازىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايتتۇق. ئالدىمىزدىكى تەھدىد بىزنى تېخىمۇ تەمكىنلەشتۈرگەن، كەمتەرلەشتۈرگەنىدى، يۆسېفېننىڭ قوماندانلىقىغا تېخىمۇ بوي سۇناتتۇق؛ بىز ـ بىر يەرگە يىغىلىشقا، قىستىلىپ تۇرۇشقا خۇشتارىدۇق، بىزنى ئازاپلايدىغان زور ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز سورۇنلاردا تېخىمۇ شۇنداق قىلاتتۇق؛  بۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنى خۇددى جەڭگە ئاتلىنىشدىن ئىلگىرى ئالدىراپ بىر قەدەھ تىنچلىق شارابى ئىچىۋالغاندەك سېزەتتۇق ـ شۇنداق بىز ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشمىز كېرەكىدى، چۈنكى يۆسېفېن ھامان بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالاتتى. بۇنى بىر مەيدان غەزەل ئېيتىش دېگەندىن كۆرە بىر قېتىملىق ئاممىۋىي يىغىلىش دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈكىدى. يەنە كېلىپ ئالدىمىزدىكى يېنىك ئىسقىرتقان ئاۋازدىن باشقا ئەتراپتا بىر مەيدان جىمجىت يىغىلىش ھۆكۈم سۈرەتتى ؛ بۇ دەقىقىلەر بەك سۈرلۈك ئىدى، ھىچكىممۇ قارىغا گەپ قىلىپ، بۇنداق يىغىلىشنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىشنى خالىمايتتى.
بۇنداق بىر خىل مۇناسىۋەت بىلەن ئەلبەتتە يۆسېفېننى قانائەتلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسىدى. ئۇنىڭ ئورنى ئەزىلى ئېنىق ئەمەسدى. شۇڭا ئۇ ھامان ئەسەبىيلەرچە كۆڭۈلسىز يۈرەتتى، خاتىرجەم بولالمايتتى، دىلغۇللۇق پەردىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى توسىۋالغاچقا  ئۇ بەزى ئىشلارنى ئېنىق كۆرەلمەيتتى. كىشلەر ئانچە كۆچمەيلا ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا سەل قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى. ھامان بىر توپ سۈلكەتچى كىشلەر بۇ جەھەتىدە توختاۋسىز ھەرىكەت قىلاتتى، يەنە كېلىپ  ئۇلار ئۈنۈملۈك، ئەھمىيەتلىك رول ئوينايتتى، ئەمما ئۇ كىشلەر دىققەت قىلمايدىغان، بىر توپ كىشلەر يىغىلۋالغان مەلۇم بىر قويلالىق بۇلۇڭدا غەزەل ئېيتاتتى. كىشلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، يۆسېفېن جەزمەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈنىڭ غەزىلىنى تەغدىم قىلىشنى خالىمايتتى.
ئەمەلدە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھاجەتسىزىدى. چۈنكى ئۇنىڭ سەنئىتى ئېتبارغا ئېلىنماي قالمايتتى. بىز تامامەن ئۆزگىچە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈندىمەي سۈكۈت ئىلكىدە تۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەمەسىدى. بەزىلەر ھەتتا بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويمايتتى. يۈزىنى يېنىىدىكى ئادەمنىڭ خۇرۇم پەلتوسىغا چاپلاپ تۇرىۋالاتتى، يۈسېفېننىڭ سەھىنىدىكى تىرىشچانلىقى بىكار كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما شۇنى تەن ئالىمىزكى ـ ئۇنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى ئازدۇر ـ كۆپتۇردۇر بىزنىڭ قۇلقىمىزغا كىرەتتى. ھەممە ئادەم سۈكۈت ئىلكىگە پاتقاندا ئاڭلانغان ئىسقىرتىش ئاۋازى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازىدەك ئاڭلىناتتى. پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىغا ئىسقىرتىۋاتقاندەك قىلاتتى؛ يۆسېفېن قىيىن تاللاشقا دۈچ كەلگەندە زىل ئىسقىرتقان ئاۋازى بىزنى نامراتچىلىقتىن ھالىمىز قالمىغان دۈشمەنلىك، شاۋقۇن ـ سۈرەن بىلەن تولغان، داۋالغۇپ تۇرغان بۇ دۇنيادا ياشاڭلار دەپ ئەقىل كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ئاۋاز ئەرزىمەس، نەتىجىسىز بولسىمىۇ، يۆسېفېن قەتئى تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇراتتى ، بۇ ئاۋازنى قۇلقىمىزغا يەتكۈزەتتى. ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ئويلىسا كىشى ئۆزىنى راھەت سېزەتتى. مۇبادا ئارىمىزدا بىرەر غەزەلخان بولسا، بۇنداق چاغلاردا بىز جەزمەن ئۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايتتۇق. بۇنداق چاغلاردا ئۇ قالايمىقان غەزەل ئېيتىدى دەپ رەت قىلاتتۇق. ئىلاھىم يۆسېفېن بىزنىڭ ئۇنىڭ غەزىلىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىمىز دەل ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا قارشى تۇرغانلىقىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەي دەپ ئويلايتتۇق. بەلكىم ئۇ بىۋاستە سەزگۈسى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى سەزگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى، بولمىسا ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ دەرىجىدە بىزنىڭ ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىشىمىزنى رەت قىلىدۇ؟ ئەمما ئۇ يەنىلا قايتا ـ قايتا غەزەل ئېيتاتتى، ئۇ بۇنداق تۇيغۇغا زىنھار پەرۋا قىلمايتتى.  
ئەمما ئۇ ھامان ئۆز ـ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق كۆڭلىگە تەسەللىي بېرەتتى؛ بىز مەلۇم جەھەتىدە ئۇنىڭ غەزىلىنى ھەقىقەتەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتۇق. خۇددى بىر سەنئەتكارنىڭ غەزىلىنى ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتۇق؛ يۆسېفېن بىر سەنئەتكار بىزنىڭ بۇ يەردە ئىنتىلگەن بولسىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى. ئەمما بۇ خىل ئۈنۈم دەل ئۇنىڭ كەمتۈك غەزەل ئېيتىش ماھارىتىدە ھاسىل بولاتتى. بەلكىم بۇ نوقتا بىزنىڭ تۇرمۇش يۇسۇنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىنىدى.
بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىز ئارىسىدا ياشلار يوقىدى، بالىلىق دەۋىرىمۇ ناھايتى قىسقا بولاتتى، يوق دېگۈدەكلا ئىدى. بىز بۇنداق تەلەپلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرغان بالىلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئالاھىدە ئەركىنلىك بېرىمىز، مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارغا كۆيۈنەتتۇق، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىمىز،  ئۇلارنى ئەركىن ئويناش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز، كەپسىزلىك قىلىپ كۆپرەك ئويناشقا يول قويىمىز، بالىلارنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەن ئالىمىز، ھەمدە ئۇلارىنڭ بۇنداق ھوقۇق ـ مەنپىئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىمىز دەپ ۋەدە بەرسەكمۇ، بۇنداق تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھەربىر تەلەپ تەرىپلەنسىمۇ، بۇ تەلەپلەردىنمۇ بەك تەرىپلىنىدىغان تەلەپلەر بولسىمۇ، بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ تەلەپلەردىنمۇ ئاسان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەلەپلەر يوقىدى، جامائەت بۇ تەلەپلەرنى تەرىپلىشەتتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ تەلەپلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى، ئەمما جىمى ئىش ناھايتى تېزلا بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلەتتى. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مانا مۇشۇنداق ئىدى. بىر بالا بىر قانچە قەدەم يۈگۈرۈشى بىلەنلا ئەتراپتتىكى مۇھىتنى پەرقلەندۈرەلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا خۇددى چوڭ ئادەملەردەك ئۆزۈنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالاتتى؛ بىز ئىقتىسادىي جەھەتىدىكى مەسلىلەرنى نەزەردە تۇتۇشنى چىقىش قىلىپ تارقاق ئولتۇراقلاشتۇق، بىز ئولتۇراقلاشقان رايونلار بەك كەڭ ئىدى. بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز كۆپ ئىدى، ھەر تەرەپتە يۇشۇرۇن كىرزىس بارىدى، بۇنداق كىرزىسنى ئالدىن پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەسىدى. دېمەك بىز بالىلارنى ياشاش رىقابىتىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىشقا ئامالسىزىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق قىلساق، ئۇلار بالدۇرلا تۈگىشىپ كېتەتتى. ئەلبەتتە بۇنداق ئېچىنىشلىق سەۋەپلەردىن باشقا يەنە تېخىمۇ زور بىر سەۋەپ بارىدى: بىزنىڭ قەلبىلىرىمىزنىڭ ناھايتى كۈچلۈك كۆيۈيىش ئىقتىدارى بارىدى. ھەربىر دەۋىردىكى ئاھالىلەر سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى، بىر دەۋرى يەنە بىر دەۋرنى قىستاپ كېلەتتى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسمۈر بۇلۇش ۋاقىتىمۇ يوقىدى. ئىلاھىم باشقا مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈنۈشكە مۇيەسسەر بولغاي، ئۇ يەردە بالىلارغا مەكتەپ سېلىپ بەرگەي؛ بالىلار ھەر كۈنى بۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى بولۇپ، توپ ـ توپ بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاي، ئەمما خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئاشۇ بالىلار باشدىن ـ ئاخىر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قىستىلىشىپ چىققاي. بىزنىڭ مەكتىپىمىز يوقىدى. ھەربىر قىسقا ۋاقىتتا بىزنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدىن توپ ـ توپ بالىلار چىقاتتى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھەقىقەتەن ساناپ بولمايتتى. ئۇلار تېخى ئىسقىرتىدىغان ۋاقىتنى بىلمەيتتى، شۇڭا خۇشال ھالدا قالايمىقان ۋارقىراپ ـ جاقىرشاتتى. ئۇلار ئايىغى چىقىشىدىن ئىلگىرى يەردە ئۆمىلەپ، دومىلايتتى ياكى بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقىدىن دومىلايتتى. ئۇلار تېخى نەرسە ـ كېرەكلىرىنى كۆرەلمەيدىغان چاغلاردا توپ ـ توپ بولۇپ، كالامپايلىق بىلەن جىمى نەرسىنى يۆگەپ ئالغا قاراپ ئېلىپ ماڭاتتى، مانا بۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىدى ! مەكتەپدىكىدەك ھامان ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار بولمايتتى. ياق، بىزنىڭ بۇ يەردە ھامان تۈركۈم ـ تۈركۈم يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئالمىشىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ باش ـ ئاخىرى بولمايتتى، ئوتتۇرىدا ئۈزۈلۈپمۇ قالمايتتى. بىر بالا دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەنلا ئۇ بالا ھېساپلانمايتتى. ئۇ بالىدىن كېيىن يەنە زور بىر توپ بالا ئالدىراپ دۇنياغا كېلەتتى، ئۇلار قىستىلىپ كەتكۈچە پەرىقلەندۈرگىلى بولمايتتى، ساددا چىرايلاردىن ئاجايىپ خۇشاللىق نامايەن بولۇپ تۇراتتى. ئەلبەتتە، بۇنداق مەنزىرىلەر گۈزەل بولسۇن ، باشقا مىللەتلەر بىزگە ھەر قانچە ھەۋەس قىلسىمۇ، بىز بالىلارغا ھەقىقى ئۆسمۈرلۈك ئاتا قىلالمايتتۇق. بۇ مۇقەررەر بىرەر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەتتى. بۇ مەلۇم بىر خىل مەڭگۈ يوقالمايدىغان، تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدىغان بالىلىق مىجەز بولۇپ، بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەيدا بولاتتى؛ بەزى چاغلاردا بىزنىڭ ئىش ـ ھەركەتلىرىمىز بىزنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىمىزغا مۇخالىپ بولۇپ قالاتتى. يەنى ئىشەنچىلىك، ئەمەلىيەتنى سۆزلەيدىغان ئەقىل ـ پاراسىتىمىزگە خىلاپلىق قىلاتتى. ئەخمەقلىقتە ئۇچىغا چىقاتتى، خۇددى بالىلار ئەخمەق ئىش قىلغاندەك كاللا ئىشلەتمەيتتى، چوڭقوللۇق، مەرتلىك، يەڭگىلتەكلىك قىلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىككىنە خۇشاللىق ئۈچۈن ئىدى. بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىقىمىز بالىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇ خۇشاللىق ئىچىدە يەنە باشدىن ـ ئاخىر بالىلارغا خاس خۇشاللىق مەۋجۇد ئىدى. يۆسېفېنمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن بىر مىللىتىمىزنىڭ بالىلارچە مىجەزىدىن نەپ ئېلىپ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللەپ كەلگەنىدى.
ئەمما بىزنىڭ بۇ مىللەت بالا مېجەز بولۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم دەرىجىدە قېرىپ كەتمەيتتى. ئۆسمۈرلۈك بىلەن قېرىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. بىزنىڭ ياشلىق دەۋىرىمىز بولمايلا قۇرامىمىزغا يېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن قۇرامىمىزغا يېتىش دەۋىرىمىز بەك ئۇزۇن بولاتتى. شۇ ۋەجىدىن مەلۇم بىر خىل ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ھەمراھ بولاتتى، ئۇمۇمەن بۇ سۇلماس، ئۈمىدكە تولغان تۇغما خارەكتىر ئىدى. بىزنىڭ مۇزىكا تالانتىمىزنىڭ ئاجىز بۇلۇشى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنىدى؛ مۇزىكىغا كۆرە بىز بەك قېرى ئىدۇق، مۇزىكا ئېلىپ كەلگەن ئوتلۇق ھېسسىيات بىلەن شادلىق بىزنىڭ قېرىلىقىمىز بىلەن چىقىشالمايتتى، شۇڭا بىز تالغان قوللىرىمىزنى پۇلاڭلاتقىنىمىزچە مۇزىكىنى رەت قىلىپ يەنە ئىسقىرتىش ھالىتىگە قايتاتتۇق؛ ناگان ـ ناگاندا ئىسقىرتىپ قويۇپ كۆڭلىمىزنى ئەمىن تاپقۇزاتتۇق. بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇزىكا تالانتلىقلىرىنىڭ بار ـ يوقلىقىغا ھىچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ئەمما بار بولغان تەغدىردىمۇ ئۇلارنىڭ تالانتى يېتىلىشىدىن ئىلگىرى بىزنىڭ بۇنداق مىجەز ـ خارەكتىر بار قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن بۇغۇپ تاشلىنىشى مۇمكىنىدى. ئەكىسچە يۆسېفېن خالىغانچە ئىسقىرتاتتى ياكى ناخشا ئېيتاتتى، ئۇ نېمە دېسە بولىۋېرەتتى؛ ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى بىزگە كاشىلا قىلمايتتى، بەلكى بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە بەك ياقاتتى، بىز تامامەن چىداپ تۇرالمايتتۇق؛ مۇبادا ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى بىلەن غەزىلىدە ئازراق مۇزىكا تەركىبى بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا بۇنداق تەركىپنى نۆلگە باراۋەر دېيىشكە بولاتتى؛ يەنە ئازراق مۇزىكا ئەنئەنىسى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى، بىزنىڭ يۈكىمىزنى قىلچىمۇ ئاشۇرىۋەتمەيتتى.
ئەمما يۆسېفېننىڭ مۇشۇنداق روھى كەيپىياتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتكە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ مۇزىكا كىچىلىكىدە بولۇپمۇ كىرىزس، قىيىنچىلىق روي بەرگەن دەملەردە ئېغىزىدىن ئوغۇز سۈتى قۇرىمىغان ئۆسمۈرلەرلا غەزەلخان يۆسۈفېنغا قىزىقاتتى، ئۇلار ھەيران بولۇشقىنىچە لەۋلىرىنى دومىسياتتى، كىچىك چىشلىرى ئارىسىدىن نەپەسلىرىنى چىقىراتتى، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىدىن زوقلانغاچ ئاستا ـ ئاستا قېرىپ يىقىلاتتى. كېيىن يىقىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە ئىلھام بېرەتتى، يۆسېفېننىڭ جەڭ نەتىجىلرىنىمۇ بارغانسىرى چۈشەنگىلى بولمايتتى. ئەمما بىز نۇرغۇن ھەقىقى تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز ئىشلىرى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرەتتۇق. تاماشىبىنلار نەچچە قېتىملىق جەڭ ئارىلىقىدىكى قىسقىغىنە دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر ـ بىرلەپ چۈش دۇنياسىغا غەرىق بولاتتى. ھەربىر ئادەمنىڭ پۇت ـ قوللىرى يېنىكلەپ قالغاندەك، دەم ئېلىشقا بولمايدىغان كىشلەرمۇ بۇ مىللەتنىڭ كەڭ، يۇمشاق تۆشكىىدە پۇت ـ قوللىرىنى سۇزۇپ راھەتتە يېتىۋاتقاندەك بولاتتى. يۆسىفېننىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازى ئۇلارنىڭ چۈشلىرىدە توختاۋسىز ئاڭلىنىپ تۇراتتى؛ يۆسېفېن ئىسقىرتقان ئاۋازىم تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ دەيتتى. بىز ئۇنىڭ ئىسقىرتقان ئاۋازىنى سۇنۇق داڭقاننىڭ ئاۋازىدەك چىقىدۇ دەيتتۇق؛ ئەمما قانداق بۇلۇشدىن بىنەزەر بۇنداق چاغلاردىكى ئاۋازنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بارىدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئاۋاز كىشلەرنى دەقىقە ئىچىدە تەشنا قىلالمايتتى. ھەتتا مۇزىكىمۇ ئۇنداق قىلالمايتتى.  ئۇنىڭ ئىسقىرتشلىرىغا بىزنىڭ قىسقا، ئېچىنىشلىق بالىلىق چاغلىرىمىزنىڭ مەنزىرلىرى ۋە ئىككىنچىلەپ كەلمەيدىغان بەختىسىزلىك مۇجەسسەملەشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۈندىلىك رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى تەركىپلەر، تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق، چۈشنىكسىز، ئەمما ھەقىقەتەن مەۋجۇد بولۇۋاتقان، توسۇپ بولمايدىغان تۇرمۇش شادىلىقىمۇ مۇجەسسەملەشكەنىدى. بۇلار ياڭراق كۈي بىلەن ئەمەس، يۇمشاق، يېقىملىق، لەزىز كۈي بىلەن ئىپادىلەنتى، بەزىدە بۇغۇق ئاۋاز بىلەنمۇ ئىپادىلىنەتتى. بۇ تەبئى ئىسقىرتىش ئاۋازى ئىدى. بۇ نېمە دەپ ئىسقىرتىش ئاۋازى بولمايدىكەن؟ ئىسقىرتىش مىللىتىمىزنىڭ تىلى ئىدى، بەزىلەر ئۆمۈر بويى ئىسقىرتقان بولسىمۇ، بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيتتى، ئەمما بۇ يەردە ئىسقىرتىش كۈندىلىك تۇرمۇش ئاسارىتىدىن قۇتۇلغانىدى، شۇڭا بىز قىسقا ۋاقىتلىق ئەركىنلىككە ئېرىشكەنىدۇق. ئەلبەتتە  بىزنىڭ بۇنداق ئۇيۇن قويۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرگۈمىز يوقىدى.
ئەمما بۇنداق كۆز قاراش يۆسېفېن ھۆكۈم قىلغاندا بىزگە يېڭى كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلاتتى، ئەمما ناھايتى زور ئارىلىق بارىدى. ئەلبەتتە بۇ ئادەتتىكى كىشلەرگە كۆرە، بولۇپمۇ يۆسېفېنغا خۇشامەت قىلىدىغان كىشلەرگە كۆرە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسىدى.” نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولمايدىكەن؟! ـ دەيتتى ئۇلار قىلىچىمۇ تەپ تارتماي، ـ تاماشىبىنلارنىڭ يىغىلىۋېلىش ھادىسسىنى، بولۇپمۇ تاماشىبىنلارنىڭ جىددى، خەتەرلىك پەيتتە ھىچنىمىگە قارىماي يىغىلىۋېلىش ھادىسىنى بىز باشقىچە چۈشەندۈرەلەيمىزمۇ؟ بەزىدە تاماشىبىنلار يىغلىشىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن  بىزقاتتىق قىستا ـ قىستاڭ بولۇشۇپ كېتىمىز، ھەتتا بىز بەزىدە تۇلۇق ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق بۇ خېتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز“. ئاخىرى بۇ گەپلەر توغرا بولۇپ چىقاتتى، ئەمما بۇلار يۆسېفېنگە شان ـ شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيتتى. ئەكىسچە بىز تۆۋەندىكى بىر ئەھۋالنى تۇلۇقلاپ ئۆتسەك تامامەن بولاتتى؛ يىغىلۋالغان كىشلەر دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن تارقىلىپ كېتىشەتتى، ئارىمىزدىكى بەزى كىشلەر ئەرزىمەس ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالاتتى، بۇنىڭغا تامامەن يۆسېفېن مەسئۇل بۇلۇشى كېرەكىدى، ئۇنىڭ ئىسقىرتىشى دۈشمەننى چىللاپ كېلىش ئىھتىماللىقىغا يېقىنىدى. ئەمما ئۇ ھامان باشدىن ـ ئاخىر ئەڭ بىخەتەر يەردە تۇراتتى. ئۇنى قوغلاشقان تۇنجى ئادەم ئۇنى ھىماتىغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ ئادەم يەنىلا غىپپىدە ئالدىراپ تىكىۋېتەتتى. ئەمەلدە بۇ نۇقتىدىن جامائەتنىڭ دېگۈدەكلا خەۋىرى بارىدى. ئەمما يۆسېفېن خۇشلىقى تۇتقان مەلۇم بىر چاغدا ۋە مەلۇم بىر يەردە غەزەل ئېيتىسا جامائەت يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئالدىراپ كېلىپ ئاڭلايتتى. بەلكىم بەزىلەر، يۆسېفېن قانۇننىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى پۈتۈن ئاۋامغا خېيىم ـ خەتەر يەتكۈزسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ھەرقانداق ئىش قىلسا كەڭچىلىككە ئېرىشىدىكەن دەپ يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنىدى. مۇبادا ئەھۋال راست شۇنداق بولسا، يۆسېفېننىڭ تەلىپنى تامامەن چۈشنىشكە بولاتتى. كىشىلەر ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە بۇ مىللەت ئۇنىڭغا بەرگەن ئەركىنلىك، ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ھىچقانداق ئادەم مۇيەسسەر بولالمايدىغان، ئەمەلدە قانۇنغا خىلاپ ھەدىيەنى بىر خىل ئۆزۈنى چۈشەندۈرۈش دەپ قارايتتى. يۆسېفېن دېگەندەك بۇ مىللەت يۆسېفېننى چۈشەنمەيتتى، ئۇنىڭ سەنئىتىگە ئىقتىدارسىزلىق، ھەيرەتلىك نەزەرى بىلەن قارايتتى. ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ سەنئەتىدىن زوقلىنىشقا لايىق كەلمەيمىز دەپ سېزىشەتتى، ھەم ئۇنىڭغا ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بېرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ بۇنداق ئىزتىراپلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك بىلەن بىرەر ئىش قىلىشقا ئۇرۇناتتى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سەنئىتى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشكەچكە ئۇلارمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقانىدى. ئەمما بۇ تامامەن خاتا ئىدى، بەلكىم قىسمەن جەھەتتە بۇ مىللەت يۆسېفېننىڭ ئايىغىغا تېزلا باش ئۇراتتى، ئەمما پۈتكۈل مىللەت ھېچكىمگە شەرتسىز تەسلىم بولمايتتى، ئوخشاشلا يۆسېفېنننىڭ ئايىغىغىمۇ باش ئۇرمايتتى.
ئۇزۇندىن بۇيان يەنى ئۇ سەنئەت بىلەن شوغۇللانغاندىن بۇيان يۆسېفېن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى؛ ئۇ كىشلەردىن ئۆزۈنى ھىچقانداق ئىش قىلغۇزماي، خاس غەزەل ئېيتقىلى قويسىكەن؛ كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە قاتناشتۇرماسلىقىنى، ياشاش جەريانىمىزدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشلارغا ئارىلاشتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇلار ـ كۆپۈنچىلىرى ـ پۈتۈنلەي پۈتكۈل مىللەت ئۈستىگە ئالىدىغان يۈك ئىدى. ناھايتى تېزلا ھالەتكە ئاساسەن ئەقلىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ تەلەپنىڭ يەكۈنىنى چىقارغىلى بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ مىللىتىمىز باشقىچە يەكۈن چىقارغانىدى، بۇ تەلەپنى تەمكىنلىك بىلەن رەت قىلۋېتەتتى. ئۇلارمۇ ئارتۇقچە كۈچىمەيلا يۆسېفېن ئوتتۇرغا قويغان بۇ تەلىپىنىڭ سەۋەپلىرىگە رەددىيە بەرەتتى. مەسلەن: يۆسېفېن جىددى ئەمگەك ئاۋازىمغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمگەك قىلغان چاغدا سەرىپ قىلغان كۈچ غەزەل ئېيتقاندا سەرىپ قىلغان چاغدىكى كۈچىدىن ئاز بولسىمۇ، غەزەل ئېيتقاندىن كېيىن تۇلۇق ئارام ئېلىش پۇرسىتى بولمايدۇ، كېيىنكى قېتىم غەزەل ئېتىش ئۈچۈن ئوبدان ئارام ئېلىشىم كېرەك، غەزەل ئېيتقاندا پۈتۈن كۈچۈمنى سەرىپ قىلىشىم كېرەك ، ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتى. جامائەت ئۇنىڭ گەپلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان بولسىمۇ، قۇلقىغا كىرمەيتتى، بۇنداق ئاسان ھاياجانلىنىدىغان مىللەت بەزىدە ھاياجانلىنىشى مۇمكىن ئەمەسىدى. بەزىدە ئۇلار ئىنتايىن كەسكىن رەت قىلاتتى، باش ئەگكەندەك بولاتتى، ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلاتتى، غەزەلنى ياخشى ئېيتىش ئۈچۈن قۇدرىتىنىڭ بارىچە تىرىشاتتى، ئەمما بۇلار ناھايتى قىسقا ۋاقىت داۋاملىشاتتى، ھايال قالماي ئۇ يېڭىدىن قۇدرەت يىغاتتى ـ دە، يېڭىباشتىن كۆرەشنى باشلايتتى، ئۇ مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن پۈتمەس ـ تۈگىمەس قۇدرىتىنى ئىشقا سالىغانىدەك قىلاتتى.
ئەمەلدە ئەھۋال ناھايتى ئېنىق ئىدى. يۆسېفېننىڭ ھەققى تەلەپ قىلغىنى ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسە ئەمەسىدى، ئۇ تولىمۇ زېرەك ئىدى، ئىش قىلشىدىن قورقمايتتى، بىزنىڭ بۇ يەردە ئەمگەكدىن قورقىدىغان ئىش يوقىدى، ئۇنىڭ تەلىپىى ئىجابەت تاپقان بولسىمۇ، ئۇ جەزمەن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇرمۇش كەچۈرمەسلىكى مۇمكىنىدى، ئەمگەك ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشىغا بېزەمۇ تەسىر كۆرسەتمەيتتى، ئەلبەتتە تەسىر كۆرسەتمەيتتى؛ ئەمما ئۇنىڭ غەزەل ئېيتىشى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ياخشى بولمايتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتىلەتتى، جامائەت ئۇنىڭ سەنئىتىدىن ئاشكارە، ئېنىق، ئۇزۇن، مىسلىسىز زوقىلناتتى، ئۇ ھەر قانداق بىر ئىشتا مەقسىدىگە يەتكەندەك قىلسىمۇ، بۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ھامان باشدىن ـ ئاخىر ئۇرۇنلانمايتتى. بەلكىم ئۇ ھۇجۇم نىشانىنى باشلىنىشى بىلەنلا باشقا بىر تەرەپكە بۇرىغان ياكى ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ تەدبىرسىز قالغانلىقىنى بىلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى. ئەمما ئۇ ئەمدى بېشىنى بۇراپ ئارقىسىغا قارىيالمايتتى، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراش ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق بولاتتى، شۇڭا ئۇ تەلەپتە چىڭ تۇرۇشى كېرەكىدى، بولمىسا ئۇ ۋەيران بولاتتى.
مۇبادا ئۇ دېگەندەك ئۇنىڭ راستىنلا دۈشمىنى بولسا، ئۇلار بىر چەتتە قولىنى قوغۇشتۇرۇپ، بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى تاماشا قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ دۈشمىنى يوقىدى، بەزىلەر ئۇنىڭغا قارىشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان تەغدىردىمۇ، بۇ ئۇرۇش ھېچكىمنى خۇشال قىلمايتتى. بۇ مىللەتنىڭ بۇ يەردە سودىيەدەك بىرخىل سۈرلۈك قىياپىتىنى نامايەن قىلاتتى. بۇنداق سۇلغۇن قىياپەت بۇ يەردە تولىمۇ كەم ئۇچرايتتى. بۇ ئۇرۇش ھىچكىمنى خۇشال قىلالمايتى، بىراق بۇنداق ئەھۋالدا بىر خىل پوزىتسىيىنى قۇۋەتلىسىمۇ، بۇ مىللەتنىڭ ئۇنىڭغىمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولمايتتى. مەيلى بۇ مىللەت رەت قىلسۇن ياكى يۆسېفېننىڭ تەلىپى بولسۇن، مەسلە ئىشنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەت بىر قېرىندىشىغا تاش يۈرەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدا ئىدى، بۇرۇن بۇ مىللەت مېھرىبان ئاتىسىغا ئوخشاش ھەتتا مىھرىبان ئاتىدىنمۇ بەك بۇ قېرىندىشىغا كۆيۈنەتتى، ئەمدى ھازىرقى كۆيۈنۈشكە كەلسەك بۇ مىللەت تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەنىدى.
مۇبادا پۈتكۈل مىللەتنى مەلۇم بىر ئەزالارغا بۆلگىلى بولسا، بەلكىم كىشلەر مۇنداق قارىشى مۇمكىنىدى: بۇ ئەزا يۆسېفېن ئارقا ـ ئارقىدىن ئوتتۇرغا قويغان، ئادەمنى تەشنا قىلىدىغان تەلەپلەرگە ئىزچىل يول قۇيۇشى تاكى بۇ تەلەپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر يول قۇيۇشى مۇمكىنىدى، شۇڭا ئۇ يۆسېفېنگە ئىزچىل يول قوياتتى، ئۇ ئارتۇقچە يول قويغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يول قويۇشنىڭمۇ مەلۇم بىر چېكى بولىدىغانلىقىغا ئىشنەتتى؛ شۇڭا ئۇ تولىمۇ مەرتلەرچە يول قويغانىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ زۆرۈر تېپىلمىغاندىمۇ يول قويۇشى كېرەكىدى. پەقەت ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۆسېفېننى ئەركە ئۆگۈتۈش، بىمالال يېڭى ئارمانلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئۈچۈن ئۇ ئاخىرى راستىنلا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قوياتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەزا، ئۆزىنىڭ تەكتىنى ئاشكارىلاپ يۆسېفېننىڭ ئاخىرىقى تەلىپبنى رەت قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئەزا بۇرۇنلا تەييارلىق كۆرۈپ قوياتتى. ئەلبەتتە ئەھۋال تامامەن بۇنداقمۇ بولمايتتى، بۇ مىللەتنىڭ بۇنداق ھىيلە ـ مىكىر ئىشلتىشى ھاجەتسىزىدى، يەنە كېلىپ بۇ مىللەت يۆسېفېنگە سادىق ئىدى، سىناقتىن ئۆتكەنىدى، ئەمما يۆسېفېننىڭ تەلىپى زىيادە كۈچلۈك ئىدى، ھەر قانداق بىر سەبىي بالا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇنىڭغا بىشارەت بېرەتتى؛ شۇنداق بولسىمۇ يۆسېفېننىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىدا يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان پەرەزلەر رول ئويناش ئامىلى بۇلۇشى مۇمكىنىدى، شۇڭا بۇ ئامىل تەلىپى رەت قىلىنغان يۆسېفېنگە ئازاپ ۋە غەزەپ ئېلىپ كېلەتتى.
يۆسېفېن مۇشۇنداق پەرەزدە بولغان بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن كۆرەش قىلىشتىن قورمايتتى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە كۆرەش تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى؛ بۇرۇن ئۇ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ قويسىلا بولاتتى، ئەمدى ھازىر باشقا ۋاستە قوللانغانىدى، ئۇ بۇ ۋاستىنى ئۈنۈمۈلك ۋاستە دەپ بىلەتتى. ئەمما بىز بۇ ۋاستە يۆسېفېنغا تېخىمۇ زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايتتۇق .
بەزىلەر يۆسېفېن ياشىنىپ قالغاچقا، ئاۋازىمۇ بارغانسىرى بولمايۋاتقاچقا مۇشۇنداق تاقەتسز بولۇپ قالغان گەپ، شۇڭا ئۇ ھازىر باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلشىغا مۇيەسسەر بۇلۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىلىق كۆرەش قىلىۋاتىدۇ دەپ جەزىملەشتۇرگەنىدى، مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەيمەن. مۇبادا بۇ گەپ راست بولسا، يۆسېفېن يۆسېفېن بولمايتتى. ئۇنىڭغا نىسپەتەن قېرىش دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەسىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىمۇ مەسلە يوقىدى، مۇبادا ئۇ بىرەر تەلەپنى ئوتتۇرغا قويسا ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ تاشقى سەۋەبىدىن ئەمەسىدى. بەلكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەكەپپۇرىدىن ئىدى. مۇبادا ئۇ ئەڭ ئالى تاجنى ئالماقچى بولسا سەۋەپ ھەرگىزمۇ شۇ تاپتا ئۇ تاجنىڭ پەسرەك يەرگە ئېسىقلىق ئىكەنلىكىدىن ئەمەسىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەكلىكىدە ئىدى؛  مۇبادا تاجىنى تاقاش ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسدىكى ئىش بولسا، يۆسېفېن ئۇ تاجنى تېخىمۇ ئىگىز تاقايتتى.
ئەمما ئۇنىڭ تاشقى جەھەتىدىكى قىيىنچىلىققا سەل قارىشى ئۇ ئىشلەتكەن ئەڭ رەزىل ۋاستىگە تەسىر يەتكۈزمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن گۇمانلانمايتتى؛ مۇھىمى ھوقۇققا قانداق ئېرىشىش ئىدى؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇۋاتقان بۇ دۇنيادا ئۇ قوللانغان سەمىمى چارە ئەتەي ئەمەلگە ئاشمايتتى. دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى غەزەل ئېيتىش ساھەسىدىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئانچە مۇھىم بولمىغان ساھەگە يۆتكەلگەن بۇلۇشى مۇمكىنىدى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بەزى گەپ ـ سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرەتتى، ئۇ غەزەلنى ياخشى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ غەزەللىرى بۇ مىللەتنىڭ  ھەر قايسى قاتلاملىرىغا ھەتتا ئەڭ رەزىل ئەكسىيەتچىل گوروھلارغا ھەقىقى شادلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىشەتتى. ئەمما بۇ شادلىق بۇ مىللەت  كۆرسەتكەن شادلىق ئەمەس ـ چۈنكى ئۇ مىللەت بىز ئەزەلدىن يۆسېفېننىڭ غەزىلىدىن بۇ خىل شادلىقنى سېزىمىز دەيتتى ـ بەلكى بۇ يۆسېفېن ئۆزى تەلەپ قىلغان شادلىق ئىدى. ئەمما يۆسېفېن يەنە : ئەسلىدە قانداق غەزەل ئېيتسام ھازىرمۇ شۇنداق ئېيتىمەن، دەيتتى. چۈنكى ئۇ يۈكسەك قىياپەتكە كىرىۋالالمايتتى، چاكىنا ئارزۇ ـ ھەۋەسلەرگىمۇ بىرىلمەيتتى. ئەمما ئۇ ئەمگەكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرەش ئېلىپ بارغاچقا ئەھۋال ئوخشماي قالغانىدى. بۇ كۆرەش غەزەل ئېيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەش بولسىمۇ، غەزەل ئېيتىش قىممەتلىك قورال ۋە بىۋاستە ئىشلەتمەي ئېلىپ بېرىلغان كۆرەش ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىشلەتكەن ۋاستە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن كىشلەر يۆسېفېنگە يول قويسا، ئۇنىڭ ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتىشى ئازىيىپ كېتىدۇ دېگەن گەپلەر تارقالدى. مەن ياسالما ئاۋازنى بىزەمۇ چۈشەنمەيتتىم، مەن ئۇنىڭ غەزىلىدىن ئەزىلى ياسالما ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانىدىم، ئەمما يۆسېفېن ياسالما ئاۋازنى ئازايتماقچى بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتىنچە ئۇ ئاۋازنى پۈتۈنلەي يوق قىلۋەتكۈسى كەلمىدى، پەقەت ئازايتتى، ئاڭلىسام ئۇ راستىنلا دېگىنىنى قىلىدىكەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ ھازىر ئېيتقان غەزىلى بىلەن بۇرۇن ئېيتقان غەزىلىنىڭ قانداق پەرىقى بارلىقىنى ئىشتمىدىم. پۈتكۈل مىللەت ھېلىھەم بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ غەزىلىنى ئاڭلاۋېرەتتى. ياسالما ئاۋاز توغرۇلۇق بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى، ھەتتا يۆسېفېننىڭ تەلىپىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتىمۇ زىنھار ئۆزگۈرۈش بولمىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇنى تەن ئېلىش كېرەككى، يۆسېفېن سەرۋى قامەت بۇلۇپلا قالماي، تېخى بەزىدە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭمۇ گۈزەل، سۈيۈملۈك يەرلىرى بارىدى. مەسلەن: ئۇ غەزەل ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ياسالما ئاۋازنى ئازايتىش ئاۋامغا زىيادە ئېغىر ۋە تاسادىپىيلىقدەك تۇيۇلىدۇ دەپ سېزەتتى-دە، ئۇ كېيىنكى قېتىم يەنە ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتىيمەن دەپ جاكارلايتتى. ئەمما ئۇ كېيىنكى قېتىملىق مۇزىكا يىغىلىشىدا يەنە خىيالنى ئۆزگەرتىپ، قايتا ھەم يۇقۇرى ھەم تەس ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتمايمەن دەيتتى، جامائەت ئۆزىگە پايدىلىق قارار چىقارمىسا، ياسالما ئاۋاز بىلەن غەزەل ئېيتماسلىق قارارىغا كېلەتتى. ئەمما بۇنداق ئاۋاز، قارار ۋە قارارنىڭ ئۆزگۈرۈشنى بۇ مىللەت خۇددى چوڭقۇر خىيالغا پاتقان چوڭ ئادەم كىچىك بالىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالاتتى. بۇ مىللەتنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
ئەمما يۆسېفېن يول قويمايتتى، مەسلەن، ئۇ يېقىندا ئىش قىلغاندا پۇتىنى يارىلاندۇرىۋالغانلىقىنى، ئۆرە تۇرۇپ غەزەل ئېيتىشنىڭ تەسلىكىنى، ھازىر ئۆرە تۇرۇپ غەزەل ئېيتغاچقا ۋاقتىنى قىسقارتىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى جاكارلايتتى. ئۇ ئاقساپ ماڭغاچقا چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنى يۆلەپ ماڭاتتى. ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا يارىلانغانلىقىغا ھىچكىم ئىشەنمەيتتى، ئۇنىڭ بەدىنى ئالاھىدە سەزگۈر بولسىمۇ، ئەمما بىز ئەمگەك مىلللىتى ئىدۇق، يۆسېفېنمۇ بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى؛ مۇبادا تېرىمىز شۇنچىكى سۈركۈلۈپ كەتكەچكە ئاقساپ ماڭساق، ئۇ ھالدا پۈتكۈل مىللەت مەڭگۈ ئاقساپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. گەرچە ئۇ توكۇر ئادەمدەك كىشلەر ئۇنى يۆلەپ ماڭسىمۇ، ئۇنىڭ بىچارە ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ بىچارە كۆرۈنسىمۇ، پۈتكۈل مىللەت ھېلىھەم بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ غەزىلىنى ھاياجان بىلەن ئاڭلايتى، كىشلەرنىڭ قەلىپ قەسىرى مىننەتدارلىق بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ۋاقىتنى قىسقارتىش سەۋەبىدىن غەلۋە ـ غۇدۇر قىلىشمايتتى.
ئۇ ھەمىشە ئاقساپ ماڭالمىغاچقا باشقا باھانە تاپتى، مەسلەن: ھېرىپ كەتتىم، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، تېنىم ئاجىزلاپ كەتتى، دېگەندەك باھانىلىرى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز مۇزىكا يىغلىشدىن باشقا يەنە ئۇيۇنمۇ كۆرەتتۇق. بىز يۆسېفېننىڭ قوغلاشقۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا غەزەل ئېيتىپ بەرسىڭىز دەپ يالۋۇرۇپ يېلىنۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق. ئۇ غەزەل ئېيتىشنى تولا ياقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئېيتىيالمايتتى، كىشلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى، خۇشامەتكۇيلۇق قىلاتتى، غەزەل ئېيتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان يەرگە ئۇنى كۆتۈرۈپ بارغۇدەك قىلشاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزلىرىدىن سىرلىق ياش ئاقتۇرغىنىچە ئۇلارغا يول قوياتتى، ئەمما ئۇ غەزەل ئېيتماقچى بولۇپ تۇرغاندا رۇشەنكى بۇ بىر ئارمان ھېساپلىناتتى ـ ئۇ غەزەل ئېيتىيالمايتتى، سىز بۇ چاغدا ئۇنىڭ ماغدۇرسىزلىقىنى، روھسىزلىقىنى، قوللىرىنى ئادەتتكىدەك سۇزماي سېلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، كىشىگە قوللىرىنىڭ قىسقىراپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدىغانلىقىنى سېزىسىز. قىسقىسى، ئۇ غەزەل ئېيتىيدىغان چاغدا يەنە بولالماي قالاتتى، ئاۋۋال ئۇنىڭ بېشى ئىختىيارسىز تىترەپ كېتەتتى، كېيىن كۆز ئالدىمىزدىلا يىقىلىپ چۈشەتتى، ئەمما ئۇ يەنە تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەل ئېيتاتتى. مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ئاۋازى بىلەن بۇرۇنقى ئاۋازىنىڭ ئانچە پەرقى يوقلىقىنى سېزەتتىم. ئاڭلاش سېزىمى بەك سەزگۈر ئادەملا ئىنچىكە پەرقلەرنى سېزىشى مۇمكىنىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئادەتتىن تاشقىرى بىر خىل ھاياجان مۇجەسسەملەشكەندەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ بۇ ھاياجان دەل بۇ ئىشقا پايدىلىق ئىدى. ئۇ غەزەلنى ئاخىرىغىە ئېيتاتتى،  بۇرۇنقىدەك چارچاپ كەتمەيتتى، ئۇ كەسكىن قەدەم بىلەن مېڭىپ ـ مۇبادا بىز ئۇنىڭ يېنىك قەدىمىنى كەسكىن قەدەم دەپ ئاتىساق ـ سەھنىدىن چۈشسە، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەر قانداق ياردىمىنى رەت قىلاتتى، ئۇ سولغۇن نەزەرى بىلەن ئۆزىگە ئەدەپ بىلەن يول بەرگەن ئاڭلىغۇچىلارغا قارايتتى.
يېقىنقى بىز مەزگىللىك ئىش مۇشۇنداق بولدى، ئەمما ئۇ يېقىندا بىر قېتىم غەزەل ئېيتىيدىغان چاغدا بىردىنلا كۆزدىن غايىپ بولدى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئىزدەپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇن كىشلەر ئۇنى ئىزدىگەنلەر قاتارىغا قۇشۇلدى، ئەمما ئۇلار ھىچنىمىگە مالىك بولالمىدى؛ يۆسېفېن غايىپ بولدى، ئۇنىڭ غەزەل ئېيتقۇسى كەلمىدى، ھەتتا ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزۈنى غەزەل ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى. بۇ قېتىم ئۇ بىز بىلەن ئايرىلىپ كەتتى.
قىزىق، ئۇ قانداقچىسىگە چوتنى خاتا سوققاندۇ؟ ئۇ زېرەك ئايال تۇرۇپ، چوتنى شۇ دەرىجىدە خاتا سوققانىدى. ھەتتا ئۇ كىشلەرنى ئۆزۈنىڭ ھەرگىزمۇ چوتنى خاتا سوقمىغانلىقىنى سەزدى. ئۇ پەقەت تەڭرىنىڭ قىسمىتىگە تەن بەردى، ئەمما پانى ئالەمدە ئۇنىڭ تەغدىر دەرىخى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق يىقىلدى، ئۇ ئۆزلىكىدىن غەزەل ئېيتىشتىن ۋاز كەچتى، ئاۋامنىڭ راينى ئۈتىۋالىدىغان ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدى، ئۇ ئەل رايىنى زادى چۈشەنمەيتتى، ئۇ راستىنلا بۇنداق ھوقۇققا قانداق ئېرىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئەل رايىنى چۈشەنمەيمۇ قالمايتتى، چۈشەنسىمۇ ئاز چۈشىنەتتى، ئەمدى ھازىر ئۇ ئۆزۈنى دالدىغا ئېلىپ، قايتا غەزەل ئېيتمىدى، ئەمما بۇ مىللەت ھېلىھەم ئۆز يولى بىلەن مېڭىۋەردى، بۇ مىللەت تولىمۇ تەمكىن، روھلۇق، مەزمۇت كۆرۈنەتتى، ئۈمىدسىزلىك دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوقىدى، كىشلەرگە يالغان تەسىر بەرسىمۇ، يەنىلا كىشلەرگە مەرتلىك بىلەن سوۋغا ـ سالام تەغدىم قىلاتتى، ئەمما ئۆزلىرى سوۋغا ـ سالام قۇبۇل قىلمايتتى، ھەتتا يۆسېفېننىڭ سوۋغا ـ سالاملىرى بولسىمۇ قۇبۇل قىلمايتتى.
يۆسېفېننىڭ قۇياشى چۈشىتىن ئەگىلىپ تاغ ئارقىسىغا باش قۇيۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئىسقىرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈن ـ تىنسىز ۋاقىتلىرى تېزلا يېتىپ كەلدى، يۆسېفېن مىللىتمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىدىكى قىسقىغىنە بىر قىستۇرما كۈي ئىدى. ئەمما بۇ مىللەت ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولغان بۇ ئىشنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتەتتى، ئەلبەتتە بۇ بىز ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەسىدى؛ يىغىلىش نېمە ۋەجىدىن ئۈن ـ تىنسىز جىمىپ كېتىدۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسقىرتىشى بۇ مىللەتنىڭ ئەسلىمىسىدىكىدىنمۇ ياڭراق، جانلىقمۇ، بۇنداق پەرقلەر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ؟ ئەجەبا ئۇنىڭ ھايات چاغلىرىدىكى ئىسقىرتىشلىرى ئازراق بولسىمۇ ئىسقىرتىش ئەمەسمۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمامدۇ؟ تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتقاندا، ئەجەبا بۇ مىللەت ئۆزۈنىڭ ئەقىل ـ پاراستى بىلەن يۆسېفېننىڭ غەزىلىنى مۇشۇنداق يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرمەمدىمۇ؟
شۇڭا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھىچقانداق نەرسىمىز كەم بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما يۆسېفېن بەختگە يارىشا مىللىتىمىزنىڭ سانسىزلىغان باھادىر ـ قەھرىمانلار قاتارىدىن غايىپ بولۇپ، پانى ئالەمنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىدىن قۇتۇلدى، ئۇنىڭ قارىشىچە قەھرىمان ـ باھادىرلارنىڭ ھەممىسى پانى ئالەمنىڭ بۇنداق ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچرايتتى؛ بىز تارىخ پاراۋۇزىنى ئىلگىرلەتمىگەچكە ئۇمۇ بارلىق قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇنغا قالمايلا نىجاد تاپىدۇ ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
( خەنزۇچە « كافكا ھېكايىلىرى دىۋانى » ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى )

      

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 23:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنىڭ سىرى
مەجىد ھابىل (ئىراق)
ئوسمانجان مۇھەممەت  تەرجىمىسى
شۇ كۈندىن باشلاپلا قوغلىدىم  سېنى،
تۈنلىرى بىدار بوپ كۆيدۈم ئۆزۈڭگە؛
نەي كۈيى ھەمراھ بوپ ئاچتىم كۆڭلۈمنى،
يۈرۈگۈم نەقىش بوپ سىڭدى كۆزۈڭگە.
__ جېمىل بوسلىنا
1
ئۇنىڭ چىرايىدىن قورقۇنۇچلۇق ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئالدىمدا ئولتۇرغىنىچە تولىمۇ ئاستا سۆزلەيتتى، پات- پات تىنىۋالاتتى، چىرايلىرىدىن يەنە باشقا بىر خىل ھەسرەتلىك تۇيغۇلار نامايان بولاتتى.
   بوران كىچىك ئارالدىكى كەپىدە ھۇۋلايتتى. خادا تاشلىق كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىك ئارالنىڭ «كىچىك كۇمىلاچ» دېگەن چىرايلىق نامى بارىدى. بىز ئوتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتۇق، بورىغا يانپاچلاندۇق، قىش ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشقان يىلان- چايانلاردىن ئېھتىيات قىلىپ كەپىنىڭ تېمىغا يېقىن بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.
   ئۇنىڭ ئىسىمى ھاتەم ئىدى. ئۇ بىز چەكسىز كەتكەن سۇ ئۈستىدە ئۇچراتقان تۇنجى ئادەم ئىدى. يول باشلىغۇچى بىزگە ئۇنىڭ ئەھۋالى- ئۇنىڭ ئاۋازى، ئاشىقى، سۇ بىلەن قۇمۇشنى قىزغىن سۆيۈدىغانلىقى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ئۇ قولۋاقتىن لىككىدە تۇردى،ئۇنىڭ تاتارغان چىرايىدىن ھەيرانلىق بىلەن خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن قىزغىنلىق نامايان بولدى. ئۇ ئۆزى ئالغاچ كەلگەن گۈللۈك ئەدىيالنى ئېلىپ بورا ئۈستىگە سالدى، ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ قەھۋە قاينىتىشقا تۇتۇندى.
ھېلىمۇ تۆنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولغان دەملەردە، ئۇنىڭ خۇش ئاۋازى بىزدەك سۇ ئۈستىدە ياشايدىغانلارنىڭ غېرىپلىقىنى مەڭگۈلۈككە تۈگىتەتتى، ئەمما مەن ئۇنى ھېلىھەم تەنھا، بىزدىن يىراق دەپ سەزدىم.
   جېمىل بوسلىنا. (701-  ) ئەرەب ئابباسىيلەر خاندانلىقىنىڭ شائىرى بولۇپ، بوسلىناغا 20 يىل ئاشىق بولۇپ، ئاخىرى توي قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرى تۇيغۇسى چىن ھەم چۈشۈنىشلىك. ئۇ مىسىردا ۋاپات بولغان.
    ئېسىمدە، خەلق ناخشىلىرى بىلەن سەھرا ئاھاڭلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ئۇ ناھايتى خۇش بولۇپ كەتتى. يان تەرەپدىكى كەپىدىن ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گېپىنى ئوتتۇرا يولدا ئۈزۈپ قويۇپ كەپىدىن چىقىپ كەتتى ۋە بىر ئوغۇل بالىنى كۆتۈرۈپ بەزلىگىنىچە يەنە قايتىپ كىردى.
   ئۇ كەپىدىكى كالا تېزىكىنى ئەكىلىپ ئوتقا تاشلىدى ۋە تېزەك ئۈستىگە بوتۇلكىدىكى كىرسىننى چېچىۋىدى، ئوت لاۋىلداپ كۆيۈپ، بۇرادەرلەرنىڭ چىرايلىرىنى يورۇتتى.ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە سۆزۈنى داۋاملاشتۇردى.
_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.
_ ئۇ ئاشىقى ياتلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بىر نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان،_ دېدى يول باشلىغۇچى چۈشەندۈرۈپ.
ئۇ يول باشلىغۇچىنىڭ سۆزۈنى بۆلدى.
_ مەن بىر نەۋرە سىڭلىم بىلەن ياخشى ئۆتەلمىدىم، ئۇنى قەلب تەسىرىمگە سىغدۇرالمىدىم، كېچىلرى قىزغىن، ئەپ ئۆتكەن چاغلىرىمنى ئەسلىيەلمەيمەن، مەن ئۇنىڭ بويىدا بارلىقىنى بىلدىم، مانا بۇ شۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا.
ئۇ ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلىدى، يۈزلىرىگە سۆيدى. كەپىدىن چىقىپ بىر قانچە تال كالا تېزىكى ئەكىردى ۋە يەنە سۆزۈنى داۋاملاشتۇردى:
_ مەن ئايالىم بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن ئايالىم بالىنى ماڭا تاشلاپ بەردى، ئۇ شۇ تاپتا قايتا توي قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
_ كېيىن ئۇ راستىنلا توي قىلدى.
ئۇ ئېغىر ئۇيقۇغا پاتقان خادا تاش كۆلىنى كۆرسەتتى، كەپىنىڭ ئۇلۇغ ئېچىقلىق ئىشىكىدىن جىمىرلاۋاتقان كۆل بېتىنى كۆرگىلى بولاتتى.
_ يۈرۈگۈمنىڭ دەردى ئەنە شۇ يەردە.            
2
ئۇ ھىجاز بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدا تۇراتتى. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە ئۇ بىر قىزغا كۆيۈپ قالغانىكەن، ئەمما ئۇنىڭ مۇھەببىتى باشتىن- ئاخىر، پاك- بىغۇبار بولغانىكەن...
                                                              _ جېمىل بوسلىنانىڭ ھاياتىدىن.
3
جىمجىت كېچە. كىچىك بىر قولۋاق سۇ بېتىنى يارغىنىچە قۇمۇشلۇق بىلەن ئوت- چۆپلەر ئارىسىدا كېلىۋاتاتتى.
قولۋاقدىكى چىراق خۇددى شەھەردىكى ماشىنىلارنىڭ چىرىقىدەك يىراقتا لىپ- لىپ قىلىپ چاقنايتتى.
_ سىلەر بۇ سۇ ئۈستى يولىنىڭ قايەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟_ دەپ سورىدى يول باشلىغۇچى.
_ بۇ يول قايەرگە بارىدۇ؟_ دېدىم مەن. يول باشلىغۇچى كۈلۈپ قويدى.
_ بۇنى پەقەت كۆل ئۈستىدىكى ئادەملەرلا بىلىدۇ،ئۇلار قۇياش، يۇلتۇزلار ئېگىزلىكىدە، دولقۇنلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. سۇ قۇشلىرى، بېلىقلار يىغىلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ، ھەتتا خادا تاشلىق كۆل سۈيىنىڭ بېتىدىكى بىۋاستە سەزگۈسىدىنمۇ بىلىدۇ.
مەن بېشىمنى سالغىنىمچە بىردەم سۈكۈتكە پاتتىم ۋە كېيىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ چەكسىز كەتكەن سۇ بېتىگە قارىدىم، جىمىرلاۋاتقان سۇ بېتىدىكى نۇرلار سايە- كۈلەڭگۈ ھاسىل قىلغانىدى، ساپ ھاۋا ئادەمنىڭ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
ھاتەم بىزنى كېچىدىكى بېلىق تۇتۇش ئەھۋالىنى تاماششا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇ چاغلار خادا تاشلىق كۆلنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى ئىدى. بۇ كۆلنىڭ نىمەت ئاتا قىلىدىغان ئەڭ ئېسىل مەزگىلى ئىدى. بېلىقچىلار بۇ مەزگىلدە قوللىرىغا ئۆتكۈر ئوق بېشى ئورنىتىلغان مىلتىقلىرىنى ئېلىشاتتى. (رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ خىل مىلتىق سۇمېرلىقلارنىڭ قۇرالى ئىكەن، بۇنىڭغا ئاساسەن تارىخچىلار خادا تاش كۆلىدىكىلەرنى سۇمېرلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ پەرەز قىلىشقانىدى،خادا تاش كۆلىدىكى بۇ ئارال ئۇلارنى جاھاندىن ئايرىپ تۇرغاچقا، ئۇلار ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان). بېلىقلارنى سۇ يۈزىگە چىقىرش ئۈچۈن جىن چىراق كېمىنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇلغانىدى، ئۇلار چاققانلىق بىلەن بېلىق تۇتاتتى، تۇتقان بېلىقلىرىنى كېمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە تاشلاپ، يەنە باشقا بېلىقلارنى تۇتاتتى.
بېلىق تۇتۇش كۆز باغلانغان چاغدىن باشلىنىپ ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشاتتى. كېيىن لىق بېلىق بېسىلغان قولۋاق- كېمىلەر بېلىق سودىگەرلىرىنىڭ كەپىلىرىگە ھەيدەپ كېلىنەتتى- دە، سودا قىزىپ كېتەتتى. بېلىق سودىگەرلىرى سېتىۋالغان بېلىقلىرىنى چوڭ كېمىلەرگە قاچىلايتتى- دە، جىبايىش بازىرىدىن ماشىنا بىلەن ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە توشۇيتتى.
مەن شۇ كېچىسى كىچىك قولۋاقنىڭ سۇ بېتىنى يېرىپ ئۈزۈپ ماڭغان چاغدىكى كۆڭۈللۈك ئىشنى ھازىرغىچە ئۈنتۇيالمىدىم. ماڭا يېقىن يەردە بېلىق تۇتىدىغان بىر يىگىت:
_ ھەي ھاتەم، بىرەر ناخشا ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز قانچىلىك جانلىنىپ كېتەرمىز- ھە! _دېدى.
مەن ھاتەمدىن غەزەل ئېيتىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، شۇنىڭ بىلەن ھاتەم ماقۇل بولۇپ غەزەل ئېيتىپ بەردى.
ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن چىققان سالغىن تۇيغۇ بىلەن مۇھەببەت تۇيغۇسى كىشىلەرگە ئىللىقلىق، شادلىق بېغىشلايتتى، ئۇ سۇ بىلەن مۇھەببەت ئارىلىشىپ كەتكەن ئاۋاز بولۇپ، قاغجىراپ كەتكەن كۆڭۈل ئېتىزلىرىنى سۇغىراتتى، ئادەمنىڭ شاتلىق ياشلىرىنى ئاقتۇراتتى، بىز يۈرەك- باغرىمىز ئىزىلىپ، ئەقلىمىزدىن ئازدۇق، دىلى نازۇك ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىدىن تەسىرلەنمەي،ئۇنىڭغا تەھسىن- ئاپىرىن ئوقۇماي قالمايتتى.
4
شائىرنىڭ مۇھەببىتى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن تارقالدى، قىزنىڭ ئۆيۈدىكىلىرى شائىرنىڭ نەزمىلىرىدىن شائىرنىڭ پەزىلىتىنى بىلىپ يەتتى- دە، قىزىنى شائىر بىلەن باردى- كەلدى قىلىشقا يول قويمىدى، نەتىنجە بىلەن ئۈمىد قارمۇ- قارىشى بولۇپ، سۆيگۈ يالقۇنى تۇتىشىشنى توسىدى، قىز مۇھەببەتتىن ئەسەبىي ھالغا چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزنى چاپسان ياتلىق قىلىۋەتمەكچى بولدى، كېيىن قىزىنى بىر ئەخلاقسىز ئەرگە ياتلىق قىلدى.
                                                                          _ جېمىل بوسلىنانىڭ ھاياتىدىن
5
_ ھاتەم، سەن مېنى قاتتىق ئازاپلىدىڭ، ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى، ئۇ ماڭا سىنچا كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى، مەن ئۇنىڭغا بىر تال سىگارت تۇتتۇم ۋە سىگارتنى تۇتاشتۇرۇپ بەردىم، ئۇ سىگارتنى قاتتىق بىر ئوتلىغاندىن كېيىن:
_ بۇ مېنىڭ ھاياتىم، مەن بۇ يەرگە تالىق ئادەم، باشقا  يەرگە بارالمايمەن، مەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بېلىق بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتىمەن. مەن بېلىقلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيمەن، مەن خادا تاشلىق كۆلنىڭ سىرتىدىكى تۇرمۇشنى ئەزىلى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىدىم. مۇبادا مەن بۇ كۆلدىن چەتنەپ كەتسەم، جەزمەن سۇدىن ئايرىلغان بېلىق ھايات قالمىغاندەك ئۆلۈپ قالىمەن، _ دېدى.
_ شۇ چاغدا مەن ئۆلتۈرىۋېتىلگەن بولسام ھەممە ئىش تۈگىگەن بولاتتى، غەزەل مېنى نىجاد تاپقۇزدى، ئىشقىلىپ مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرەج تارتمىدىم، مەڭگۈلۈككە ئېغىزىمنى يۇمىۋەتكەنمەن.
_ سىز مېنىڭ بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ مەن سىلەرگە ھەۋەس قىلىمەن، سىرتنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار، بىزنى كىشىلەرنى رازى قىلالايدىغان قىزىق نەرسىگە ئايلاندۇرساڭلار دەيمەن. بىز كەپە ئۈستىدە قانداق ياشاپ قالدۇق، ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ھېندىستاندىن كەلگەن سەيياھلار بۇ يەرنى قانداق ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ قالغاندۇ.
_ بۇ مېنىڭ مەقسىدىم ئەمەس، مەن بىر جەمئىيەتشۇناس، مەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە سالامەتلىكى توغرىسىدا بىر پارچە دوكلات يېزىش ئۈچۈن كەلدىم.
_ سىز بۇرۇن بىلمەمتىڭىز؟
_ مەن بۇرۇنقى ئەھۋالنى بىلىمەن، مەن ھازىر بۇرۇن سىلەرنىڭ بەدىنىڭلاردا قېپقالغان تارتۇقلارنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ قاقاقلاپ كۈلدى ۋە ۋەزمىنىلىك بىلەن:
_ سىز بۇرۇن ئۆز كۆزۈڭىز بىلەن كۆرگەندىڭىز، ئەمما سىز ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز، بىزنىڭ سىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان بىردىن- بىر پەرقىمىز سىلەر تۇرمۇش ئۈچۈن قاتىرايىسلەر، ئەمما بىز ئۇنداق قىلمايمىز، بىز سىلەرگە بېلىق، قۇمۇش بورا، قۇشلارنى ساتىمىز، ئەمما بىز بۇ پۇللارغا شەھەردىن قەنت- گېزەك، كىيىم- كېچەك سېتىۋالىمىز، بىز پەقەت مېھنىتىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمىغىلا  مۇيەسسەر بولىمىز، _ دېدى.
6
يول باشلىغۇچى بىز بىلەن خەيرىلەشكەندىن كېيىن ئۇخلىغىلى كەتتى. ئۇ بېلىدىكى ناگىنىنى ئېلىپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقتى، ئۇ بىزگە يېقىن بىر يەردە ياتقانىدى، ئۇ ئۇخلاشدىن ئاۋال:
_مەن بەك چارچاپ كەتتىم. پۈتۈن بىر كۈن سۆزلىدىم، يۈگۈردۈم، ئەجەپ ھاردىما، _دېدى.
ھاتەم سىرتقا چىقىپ بىر قانچە تال قۇرۇق كالا تېزىكى ئەكىردى. ئۇ قەھۋە چەينىكىنى ئېلىپ بىر ياققا قويدى ۋە ئوتنى پۈۋلەپ ئۆچۈردى. چوغنى كۈل بىلەن كۆمدى.
_ سىز مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى بىلەمسىز؟
_ قارىغاندا شۇنداقدەك قىلىسىز.
_ مەن ھازىر ھەرىپلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، خەتمۇ يازالمايمەن، مەن خەت يېزىشقا مۇھتاج ئەمەس، باشقىلارمۇ مېنىڭ خەت يېزىشىمغا مۇھتاج ئەمەس.
_ مەكتەپ خادا تاشلىق كۆل بويىدا ئىدى. بىر كۈنى مەن جىلتامنى ئېسىپ مەكتەپكە بارغىنىمنىڭ ئەھمىيتى يوقلىقىنى بىلدىم- دە، ئۆز- ئۆزۈمگە مەكتەپتە ئوقۇپ نېمە نەتىنجە چىقار دەپ سۇئال قويدۇم، مەن ئەمەلدارلىق قالپىقى، كاستىيۇم بۇرۇلكا كېيىدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولاتتىممۇ- يا؟ ئەمما مەن ئۇنداق بولۇشنى خالىمايمەن، مۇشۇ يەردىلا ياشاشنى خالايمەن.
ئۇ باش مالتىقى بىلەن يەرنى جىجىلىغاندىن كېيىن يەنە:
_ بېلىق تۇتىدىغان پەسىل ئاياقلىشاي دەپ قالدى، بىز كېيىن قۇمۇش ئۇرارمىز، ئوت- چۆپلەرنى دۆۋىلەرمىز،- دېدى.
ئۇ ماڭا بورا توقۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى: ئۇ ئاۋۋال قايچا بىلەن قۇمۇشنى تەكشى كېسىپ، ئاندىن ئىنىچىكە ئايرىيمىز، ئادەتتە بۇ ئىشنى ئاياللار قىلىدۇ، كېيىن ئەرلەر بورا توقۇشقا باشلايدۇ، قۇمۇش كېسىپ تەييار قىلىنغاندىن كېيىن قۇمۇش توقۇش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، دېدى.
_ بىز مانا مۇشۇنداق ياشايمىز، پەقەت بىر قېتىملا چوڭ ۋەقە بولدى، ئەرلەر ھۈسەيىن بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلغىلى كەتكەندە ئارالدىكى كەپىلەر بىلەن ھايۋانلارنى زور ئوت ئاپىتى يالماپ كەتتى. ئەسلىدە بىر ئۆيگە ئوت كەتكەنىكەن، ئۇ چاغدا شامال كۈچلۈك چىقىۋاتقاچقا ئوت باشقا ئۆيلەرگىمۇ تۇتىشىپ كېتىپتۇ، ئاياللار ئوتنى ئۆچۈرەلمەي، قۇدۇققا سەكرەشكە مەجبۇر بوپتۇ، ئوت ئۆچكىچە قۇدۇقتا تۇرۇپتۇ.
شۇ كېچىسى بىز ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، ئۇ مەندىن ئۇيقۇڭىز كەلدىمۇ- يوق دەپ سورىۋىدى، مەن:
_ ئۇيقۇم كەلمىدى، بۈ يەردىكى پاشىلار ئەجەپ يامانىكەن، تېرىلىرىم ئىچىگە كىرىۋالايلا دەپ قالدىغۇ،- دېدىم.
سىز ياز كۈنلىرى بۇ يەردە بىر سائەتمۇ تۇرالمىغۇدەكسىز، بىزنىڭ تېرىلىرىمىز كۆنۈشۈپ قالغان، پاشا چاقسىمۇ، چاقمىسىمۇ بەرىبىر.
_ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر خىل بېلىجانلار بارىدى، ئۇ بېلىجانلار بۇ ئارالغا كەلتۈرۈلگەنىدى،ئۇ پاشا- كۇمۇتىلارنى يەيدۇ، مەن ئەتە كۆرسىتىپ قوياي، ئۇنى يىگىلى بولمايدۇ، ئۇ تېخى ئادەمنىمۇ يەيدۇ. ئەمما بىز ئۇنى قارىشى ئالىمىز، ئۇ ھازىرغا قەدەر تۆتدىن ئۈچ قىسىم پاشا- كۇمۇتىلارنى يەپ بولدى، ئارالدىكىلەر ئۇنى « سوۋېت ئىتتىپاقى بېلىقى» دەپ ئاتىشىدۇ. يەنە بەزىلەر تېخى « سوۋېت ئىتتىپاقلىق» دەپمۇ ئاتىشىدۇ، ئۇنى ھۆكۈمەت كىرگۈزگەن، ئۇلار بىزگە شۇنداق دېگەن.
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلىدىم، ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېگەنىدى، بىز ئۇنى خوجايىن قىلىۋالغانىدۇق، ئۇ قەۋەت خۇش بولۇپ كەتتى، يول باشلىغۇچى ماڭا بۇ ئارالدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەسەت قىلىشىدۇ دېدى، چۈنكى بىز ئۇنىڭغا باشقىلارغا بەرمىگەن مېھمان كۈتۈش شەرىپىنى بەرگەنىدۇق، ئارالدىكىلەر قولى ئۇچۇق، مېھماندوس ئادەملەرىدى، ئۇلار يىراقدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالارمىز دەپ يول بويىنى تاللاپ ئولتۇراقلاشقانىدى.
ھاتەم يەنە سۆزۈنى داۋاملاشتۇردى:
_ يىلان بىزنىڭ چوڭ دۈشمىنىمىز، نۇرغۇن ئادەملەرنى يىلان چېقىپ ئۆلۈپ قالدى، ئۆتكەن يىلى مېنىڭ بىر نەۋرە ئۇكام يىلان چېقىپ ئۆلۈپ قالدى، بۇ ھازىرغىچە يىلان چېقىپ ئۆلۈپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى.
ئۇ كېيىن نەۋرە ئىنىسىنى يىلان چېقىۋالغان جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.
_ نەۋرە ئىنىم بېلىق تۇتىۋاتقاندا قاتتىق ھارغاندەك بوپتۇ- دە، كېمىگە يانپاچلانغىنىچە ئارام ئاپتۇ. يىلان سۇدىن كېمىگە ئۆمىلەپ چىقىپ ئۇنى چېقىپتۇ- دە، يەنە سۇغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپتۇ. كەچ كىرگەندە ئۇنىڭ يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممە يەرنى ئاختۇردۇق، بىز ئۇنى ئىزدەپ تاپقاندا يىلاننىڭ زەھىرى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقاپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالدى.
7
كۆل ئەتتىراپىدا پاقىلار توختىماي كۇرۇلدايتتى، يىراقدىن سۇ قۇشلىرىنىڭ سايراشقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، بۇ ئاۋاز سىرتتىن كەلگەن ئادەملەرنى قاتتىق بىئارام قىلاتتى، كۆزۈگە ئۇيقۇ كەلتۈرمەيتتى.
ھاتەم ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ سىز مېنىڭ بۇ يەردە بىردىن- بىر ھاراق ئىچىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟- دېدى.
_ قايەردىن ئەكەلگەن ھاراقنى ئىچىسىز؟
_ مەن ھەر ھەپتىسى دەم ئېلىشقا بارىدىغان ئەسكەرلەرگە ئەكەلتۈرىمەن.
_ بۇنى بىلگەن بولسام سىزگە ئىككى شىشە ھاراق ئالغاچ كېلەرىكەنمەن.
_ بۇ يەردە ئادەم ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندا راھەتلىنىدىغانلقىنى بىلىدىغان ئادەم يوق. مەن بىر  قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىۋىدىم ئارالدىكىلەر مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دېيىشتى، مەستلىكتىن يېشىلىپ قارىسام ئۇلار مېنى باغلاپ بوينۇمغا تۇمار ئېسىپ قويۇپتۇ، مەن پۈتۈن ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغاندىن كېيىن ئۇلار ئاندىن مېنى ئەسلىگە كەپتۇ، دېيىشتى، ئاتام يېقىنلا بىر يەردە يىغلىغىنىچە سېمىز بىر كالىنى بوغۇزلىدى ۋە:
_ ئاھ، پەرۋەردىگار، مەن ساڭا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ كالىنى قۇربانلىق قىلدىم، مەرھەمەت قىلغايسەن! – دېدى.
8
ئۇ ماڭا ئۆزۈنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
_ مۇھەببەت ھېكايىسى ھەر كۈنى روي بىرىپ تۇراتتى، مەن ئۇ قىزغا كۆيەتتىم، ئۇ قىزمۇ مېنى سۆيەتتى، مەن ئۇنى ئالماقچى بولىۋىدىم، قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىمىدى، مەن قىزنىڭ ئاتىسىغا پۈتۈن تەھەللۇقاتىمنى بېرەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى، قىزىمنى ياتلىق قىلىش بەدىلىگە ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىمەن، دېدى. مەن مېنىڭ سىڭلىم يوقىدى، ئوغلىڭىزغا باشقا بىر قىز تېپىپ بېرەي، دېدىم. ئەمما ئۇ ئۇنىمىدى، كېيىن بىر يىگىت سىڭلىسىنى ئەكىلىپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىپ كەتتى، ئۇلار شەرق تەرەپدىكى كەپىدە ئولتۇرىدۇ.
_ سىز شائىر جېمىل بوسلىنانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟
_ ئاڭلىغاندەك قىلىمەن، ئەمما تازا ئېسىمدە قالماپتۇ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن جېمىلنىڭ مۇھەببىتى توغرىسىدا توختالدىم. ئۇنىڭ جېمىلنىڭ شېئىرلىرىنى بىرەر مىسرا بولسىمۇ ئاڭلىغۇسى بارىدى. مەن مىڭ تەسلىكتە جېمىلنىڭ: «مۇبادا لەھەتكە ئۇزاتساڭ مېنى، تاپارمەن يىگىتنىڭ قولىدىن سېنى» دېگەن بىر مىسراسىنى ئېسىمگە ئالدىم، ھاتەم ۋارقىرىۋەتتى.
_ ياخشى، ئاھ، پەرۋەردىگار، نېمە دېگەن ئېسىل مىسرا بۇ.
_ بۇنداق مىسرالارنى پەقەت خەلق ناخشىلىرىدىنلا تاپقىلى بولىدۇ.
_ قېنى ئېيتىپ بېقىڭا.
ئۇ تولىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئېيتتى.«مۇبادا ئۆتسەڭ سەن قەبرى بېشىمدىن، تۇرىدۇ ئورنىدىن مېنىڭ جەسىدىم».
9
مەن خاتىرەمگە بىر ئائىلىنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىنى يازدىم، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىدىنى، مەسىلەن: يىلان، سوۋېت بېلىقى، پاشا، كۇمۇت، چىغ بورا قاتارلىقلارنى خاتىرلىۋالدىم، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ ھاتەمنىڭ ئىشىنى يازالمىدىم، مەن ئاڭسىز رەۋىشتە بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئىسىمىنى يازدىم، بىر قېتىم يازغان پوچۇركام يەنە بىر قېتىم يازغىنىمغا ئوخشىمىدى، بىر قېتىم ھەرىپلەر ئۇزۇن يېزىلسا، بىر قېتىم يۇمىلاق يېزىلدى، يەنە بىر قېتىم ئايرىپ- ئايرىپ يېزىلدى، مەن ئۇنىڭدىن:
_ مەن سىزنى شەھەرگە تەكلىپ قىلسام بارامسىز؟ _ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ:
_ ياق،_ دەپ جاۋاپ بەردى،
_ نېمىشكە كىرمەيسىز؟
_ مەن ئىككى، ئۈچ يىلدا بۇ كۆلدىن بىر قېتىم ئايرىلىپ، نەجىفكە، كەربالاغا بېرىپ ئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ بۇزۇرگاھلىرىنى زىيارەت قىلىمەن، ھەر قېتىم قايتىپ كەلگىنىمدە ئۆزۈمنى تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلىمەن. مەن شەھەرنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىگە،بولۇپمۇ ماشىنا- ئاپتۇبۇسلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازلىرىغا چىدىيالمايمەن. مەن شەھەرنىڭ بەد بويلىرىغا بەك ئۆچ، شەھەرنىڭ غىزاسىغا كۆنۈشەلمەيمەن.
مەن ئۇنىڭغا ئادىرىسىمنى يېزىپ بەردىم.
_ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەرگە كىرىپ قالامسىز، بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ.
10
بىز ئويغانغاندا شەرق سۈزۈلگەنىدى، ئارال تىپتىنىچ، سالقىنىدى، تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى، بېلىقلارنىڭ ناخشىسى، كۈلگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى، يىراقدىكى ئۇپۇق تاماندا ساپاق- ساپاق ئاق بۇلۇتلار ئۈزۈشۈپ، يازنىڭ كېلىشىدىن دېرەك بېرەتتى، قۇشلار قانات قاقاتتى، خەندان ئۇراتتى، بېلىجانلار سۇ بېتىگە ئېتىلىپ چىقاتتى.
بىزنىڭ قولۋىقىمىز سۇ بېتىدە سىيرىلىپ دېگۈدەك ماڭاتتى، ھاتەم قولۋاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەمكىنلىك بىلەن پالاق ئۇراتتى، شىلدىرلىغان سۇ ئاۋازى خۇددى سۇ بېتىدە گۈزەل كۈيلەرنى ئورۇنداۋاتقاندەك قىلاتتى.
يول باشلىغۇچى بىزگە بۇ دائىرىسىنى تونۇشتۇردى:
_ بۇ يەردىكى كەپىلەر تەخەي دەپ ئاتىلىدۇ،_ دېدى.
_ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىسىم قۇيۇلغانىدۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ بىلمەيمەن.
مەن يەنە سورىۋىدىم، ھاتەم:
_ مەن ئەقلىمگە كەلسەم مۇشۇنداق دەيدىكەن. كىم قويۇپ قويغان بولغۇيتىكىن بۇ ئىسىمنى، بەلكىم چاقچاق گەپ بولسا كېرەك. ياكى قايسى بىر پۇقرانىڭ بىر تەخىيى بولغان بولۇشى مۇمكىن،_ دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز تەخەيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەپىلەر زىچ سېلىنغان بىر يەرگە كەلدۇق. ھاتەم پالاقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ:
_ بۇ يەر ئىشەك دېيىلىدۇ،_ دېدى.
مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلىۋەتتىم.
_ مەن ئەمدى سىزدىن بۇ يەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىلىدۇ، دەپ سورىمايمەن.
يول باشلىغۇچى قىزىقچىلىق قىلغىنىچە:
_ بەلكىم بۇ يەردە تەخەينىڭ ئانىسى بولسا كېرەك،_ دېدى.
ئۇنىڭ گەپلىرى مېنى تېخىمۇ كۈلدۈرۋەتتى. بىز چۈشكەن قولۋاق شامال يۆلۈنۈشىگە ئەگىشىپ كەپىلەرنى بىر ئايلىنىپ چىقتى.
_ ئەڭ ياخشى يىرى بۇ كۆلدە ئوغرى- يالغان يوق.
_ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەرگە ئوغرى قانداق كىرىپ، قانداق چىقىپ كېتىدۇ.
ھاتەم كەپىنىڭ شەرق تەرىپىگە بۇرۇلدى.
_ شۇڭا بىز ئىت باقمايمىز، بۇ يەردە ئىت باققان بىرەر ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
_ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مەن ھاجىنىڭ ئوغلىنىڭ چىر باشىدىن بىر ئىت ئەكەلگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم. قارىسام ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ھاتەم بۇ ئىشنى ئەسلىگەندەك يەنە قوشۇپ قويدى:
_ توغرا، ئۇ ئۇلۇغ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى.
ئۇ يول باشلىغۇچىدىن ياندۇرۇپ سورىدى:
_ سىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىت ئەكەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
_ بىلمەيمەن.
_ چۈنكى ئۇنىڭ ھاپىزغا بېرىش نىيتى بارىدى- دە.
يول باشلىغۇچى زىكىر ئېيتقاندىن كېيىن:
_ ئىبارا خۇدايا، بۇ مەلئون ئالۋاستىنى كەچۈرگەيسەن، _ دېدى.
ھاتەم ماڭا چۈشەندۈردى:
_ كىشىلەر ئالۋاستى قارا ئىتتىن قورقىدۇ، دېيىشدىكەن. ئۇ پەقەت قارا ئىت ئېلىۋالغاندىلا ھاپىزغا بارالايدىكەن. ئالۋاستى ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تىكىۋېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالۋاستى ساقلاپ ياتقان بايلىقلارنى ئوغىرلىيالايدىكەن.
_ بەلكىم ئالۋاستى ئىتنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن سۇغا تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
_ ھەر قانداق بىر ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن ھاپىزنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدىغاندۇ. مەن ئۇ يەرگە بېرىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىدىم.چۈنكى مېنىڭ ھەممە نەرسەم تەل، ئاللاغا شۈكرى.
11
مەن خاتىرەمگە ئازراق بىر نەرسىلەرنى يازماقچى بولدۇم. ھاپىز دېگەن بۇ ئىسىمنى بىر قانچە قېتىم يازدىم. بۇ يەر ئىسىمى مەن ئاۋۋال يازغان ھاتەم دېگەن ئىسىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. مەن شەھەرگە قايتىپ بارغاندا كاللامدا ئېنىق چۈشەنچە بولۇشى ئۈچۈن ھاپىز توغرسىدىكى ھېكايىنى تەپسىلى خاتىرلىۋالماقچى بولدۇم.
قەغەز بېتىدە پەقەت ھاپىز ھاتەم دېگەن ئىككىلا ئىسىم بارىدى. بۇ ئىسىملارغا تەكرار- تەكرار قارىغاندىن كېيىن يەردە ئولتۇرغىنىمچە باشقا بىر ۋاراققا ناھايتى تەستە چىرايلىق قىلىپ يېزىشقا باشلىدىم. بۇنىڭ تەپسىلاتلارنى يېزىشىمغا ھەم تەمكىن تەپەككۇر قىلىشىمغا پايدىسى يوقىدى.
مەن ھاپىزنىڭ كۆلدىكى پۇقرالار ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق نەرسە ئىكەنلىكىنى، مەن ھەر قېتىم ھاپىزنى تىلغا ئالسام ئۇلار قورقۇپ كېتىشەتتى، توختىماي ئاللانىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىدىغانلىقىنى خاتىرلىۋالدىم.
مەن كۆرۈشكە تىگىشلىك بولغان غەرب سەيياھلىرىنىڭ بايانلىرىنى خاتىرىلىۋالدىم. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى، شۆھبىسىزكى، ماڭا نۇرغۇن ماتىرىياللارنى تولۇقلاپ بېرەتتى.
مەن يەنە ھاپىزنىڭ مېنىڭ قىزىقىشىمنى قاندۇرىدىغانلىقىنىمۇ خاتىرىلىۋالدىم.
يەنە باشقا بىر يەرگە مۇنداق دەپ يازدىم: ھاپىز ئىككىنىڭ بىرى: ھاپىز خادا تاشلىق كۆل سۈيى بېسىپ كەتكەن بىر ئىگىزلىك. شۇڭا بۇ يەردىكى ھايۋانلار، يىلانلار ۋە جاراھەتلەنگەن قۇشلار چىدىيالماي بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەتكەن ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇراقلىشىشقا ئادەتلىنىش تەبىئى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇ بىرىنچىسى.
ئىككىنچىسى، ھاپىز تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولمايدىغان بىر قۇدرەت. مەسلەن: ھالاكەت، غايىپ بولۇش قاتارلىق ئارالدىكىلەرنىڭ چۈشەندۇرۇپ بولالمايدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئاساسى. ئارالدىكىلەر قورقۇنۇچ تۈپەيلىدىن ھاپىزنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
مەن مۇبادا ھاپىز ھەممە بىلىدىغان يەر بولسا ئەپسانە- رىۋايەتلەر مەۋجۇت بولمايدۇ، دەپ يازدىم.
مەن سىگارتنى قاتتىق بىر ئوتلىغاندىن كېيىن خاتىرەمدىن يەنە بىر ۋاراق ئاچتىم ۋە بۇ  ۋاراقدىكى ھاتەم، ھاپىز دېگەن ئىسىملارنى ئوقۇدۇم.
مەن مۇنداق يازدىم:
ھاتەم ھاپىز                         ھاپىزھاتەم
ھاتەمھاپىز                          ھاپىزھاتەم
مەن بىزار بولغىنىمچە خاتىرەمنى ياپتىم.     
12
_ سىز جېمىلنىڭ ھېكايىسى مېنىڭ ھېكايەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى.
_ بىلدىم،_ دېدىم مەن.
_ سىز ماڭا كىشىلەر ئۇنىڭ نەزمىلىرىنى ئوقۇسا ئاخىرى قىزلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ باردى، دېگەندىڭىز. مېنىڭ نەزمە، غەزەل يېزىشىم ھاجەتسىز، غەزەل ئېيتساملا بولىدۇ. غەزەلنى بىرسىنىڭ ئاتايىتەن ئوقۇپ يەتكۈزۈشى بىھاجەت، ئۇ ماڭا يېقىنلا يەردە تۇرىدۇ، بىلەمسىز؟ مەن تۆنۈگۈن كېچە ئارالنىڭ ئىچكىرىسىدە غەزەل ئېيتتىم. مەن غەزىلىمنى ئۇ جەزمەن ئاڭلىدى دەپ سەزدىم، ئۇ جەزمەن ئاڭلىدى. ئۇ ئېرىنىڭ قوينىدا ياتسىمۇ، ئېرى ئۇنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ غەزىلىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جەزمەن يىغلاپ تاشلىدى.
ئۇ بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۆزۈچە كۆرەڭلىگەندەك بولدى.
_ سىز دوكلاتىڭىزغا ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ خالىدا ئۇچىرىشىشلىرىنى يازامسىز؟ خوش،ئەمسە گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ. ئاشىق- مەشۇقلار قۇمۇشلۇق بىلەن ئوتلاق ئوتتۇرىسىدىكى سۇ يولىدا ئۇچىرىشىدۇ. قىز- يىگىتلەر كالىلارغا ئازىراق ئەپىيۇن يىگۈزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كالىلار يېزىدىن چىقىشى بىلەنلا تارقاپ كېتىشىدۇ. قىز- يىگىتلەرمۇ كېلىشىپ قويغان يېرىگە شۇ زامان يېتىپ كېلىشىدۇ، يىگىت قولۋىقىنى ئاشىقنىڭ قولۋىقىنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكىلىدۇ.
   بىز لىق بېلىق بىلەن بورا قاچىلانغان چوڭ كېمىگە چىقىپ بەسىرەگە باردۇق. ھاتەم مېنىڭ ئىشلەتمىگەن ئۇيقۇ كىيمىم بىلەن چىش چوتكىسى، پىلتىسى سېلىنغان ساندۇقنى ئېلىپ ماڭا سۇنۇپ بەردى.
   مەن ئۇنىڭ قولىنى چىڭ قىستىم.
   _ ھاتەم، سىزنىڭ شەھەردىن بىرەر نەرسە ئالغاچ كەتكۈڭىز بارمۇ؟
   ئۇ غۇدۇرىغىنىچە جاۋابەن دېدى:
   _ مەن سىزنىڭ يەنە، كېلىپ مەن بىلەن كۆپرەك تۇرۇشىڭىزنى، باشقىلارنىڭمۇ نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىزگە ياردەم بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئۇنى يۆلەپ كېمىگە چىقىرىۋاتقىنىمدا ئۇ قۇشۇپ قويدى:
   _ ماڭا دىۋان جىمىلىنى تېپىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سىز مېنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىمنى قوزغاپ قويدىڭىز. مەن بەلكىم ئۇنىڭ غەزەللىرىنى يادلىۋالارمەن، غەزەل قىلىپ ئېيتارمەن. ئاشىقلارنىڭ دەردى تامامەن ئوخشاش بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 23:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋران كۈيى ۋە مەڭگۈلۈك يالقۇن
جىبران(لىۋان)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
1
(مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى116-يىلى، كۈز)
جىمجىت كېچە، قۇياش شەھرى① غەرىق ئۇيقۇدا، زەيتۇن، دالچىن دەرەخلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرغان كاتتا ئىبادەتخانا ئوتتىرىسىدىكى بەزى ئۆيلەردە چىراغ ئۆچۈرۈلگەنىدى. ئاسمان قەرىدە ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي مەرمەر تۈۋرۈكلەرگە نۇرلىرىنى سېپەتتى. قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەرمەر تۈۋرۈكلەر زەبەردەس قاراۋۇللاردەك جىمجىتلىق ئىلكىدە خۇدانىڭ مېھرابىنى جوغداپ تۇراتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇ بەئەينى دېلىغوللۇق، ھەيرانلىق بىلەن يىراقتىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ باغرىغا جايلاشقان لىۋان قەلئەسىگە قاراپ تۇرغاندەكدەك كۆرۈنەتتى.
قاتتىق ئۇيقۇغا پاتقان ئادەمنىڭ روھى چەكسز چۈش دۇنياسى بىلەن ئۇچرشىپ سېھرىي كۈچ ھاسىل بولغان بىر پەيتتە كاھىن ھېرامنىڭ ئوغلى ناسان كەلدى. ئۇ ئوت كۆتۈرۈپ ئاستىروت② ئىبادەتخانسىغا كىردى-دە، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن چىراغنى ياندۇرۇپ ئىسىرىقدانغا ئوت تۇتاشتۇردى. مورمەككە بىلەن رومنىڭ خۇشبۇي ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى. ئادەمنىڭ قەلىب قەسرىدكى ئۈمىدىنى ئوراپ تۇرغان بۇلۇتلار بەيئەت ئىلاھنىڭ ھەيكىلىنى توسۇپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كېيىن ناسان پىل چىشى ۋە ئالتۇن بىلەن  بېزەلگەن مېھرابنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈندى-دە، قوللىرنى كۆتۇرۇپ يۇقىرىغا قارىدى. كۆز چاناقلىرى ياش بىلەن تولدى . ئىزتىراپ بىلەن بوغوق ئاۋازدا نىدا قىلدى:
- ئەي ئاستىروت، بىزگە رھىم قىل! ئەي مېھىر-شەپقەت ئىگسى، سەن بىزدىن ھممىتڭنى ئايما! مەن سېنىڭ ۋەھىيىڭ بىلەن تاللىغان دىلدارىمنىڭ ھايات دەرىخىگە ئەزرائىلنىڭ قولى سوزولمىسۇن! دىلدارىمنىڭ كېسىلىگە دوختۇر- تېۋپىلارنىڭ دورىلىرى داۋا بولمىدى، كاھىن-رەمچىلەرنىڭ پال- ئەپسۇنلىرىمۇ كار قىلمىدى. ئەمدى پەقەت سېنىڭ مۇقەددەسلىكىڭ، دانالىقىڭلا ماڭا مەدەت بېرەلەيدۇ، ياردەم قىلالايدۇ. تىلەك-ئۆتۈنۈشلىرىمنى قوبۇل قىل! قارا، شۇتاپتا باغرىم سەدپارە بولدى، يۈرىكىم شىكەستىلەندى. نىمجان قەلبمدە ئۈمىد ياپراقلىرى كۆكلەپ قالسۇن، بىز سېنىڭ مېھىرلىك سۆزلىرىڭدىن شادلىنايلى، سەن بىزگە ئاتاقىلغان شانلىق سىرلار، ياشلىق باھار مۇجەسسەملەشكەن بەختتىن ھوزۇرلىنايلى. تەڭسز جىرالاردا سېنى چاقىرىمەن. ئاھ، مۇقەددەس ئاستىروت! مۇشۇنداق بىر كەشتە ماڭا رەھىم قىل، نىدالىرىمغا قۇلاق سال، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ ناسان بولىمەن. مېھرابىڭ ئالدىدا سېنى بىر ئۆمۈر كۈتكەن كاھىن ھېرامنىڭ ئوغلى بولىمەن. مەن بىر قىزغا ئاشىق بۇلۇپ ئۇنى جورىلىققا تاللىغانىدىم. مىكىجىنلەر بىزگە ھەسەت قىلىشىۋاتىدۇ. ③ دىلدارىمنىڭ ۋۇجۇدىغا رەزىللىك ئوقلىرىنى ئېتىۋاتىدۇ. ئۇلار دىلدارىمنى ئۆزلىرىنىڭ سېھرىگەرلىك ئۆڭكۈرلىرىگە ئەكىرىش ئۈچۈن ئەزرائىلنى ئەۋەرتتى. شۇ تاپتا ئەزرائىل ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك  ھۆركىرەپ دىلدارىمنىڭ تۆشىكى يېنىدا تۇرماقتا، قارا قاناتلىرىنى دىلدارىمنىڭ ۋۇجۇدىغا يايماقتا. تۆمۈر تىرناقلىرىنى  دىلدارىمغا سېلىپ، دىلدارىمنى قۇچىقىدا جان ئۈزدۈرۈش نىيىتىدە بولماقتا. شۇ ۋەجىدىن ھۇزۇرۇڭغا كەلدىم. ماڭا رەھىم قىلىپ  دىلدارىمنىڭ  ھاياتلىق دەرىخىنى قۇرۇتما. ئۇ ئېچىلمىغان بىر گۈل، دىلدارىمنىڭ ھايات گۈلشىنىنى سۇلدۇرما، ئۇ تاڭ سەھەردە ھارغىنىنى بىلمەي خەندان ئۇرغان بىر قۇش. ئۇنى ئەزرائىلنىڭ تۆمۈر تىرنىقىدىن قۇتۇلدۇر. بىز سەن ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمىز، ھەمدۇ سانا ئوقۇيمىز، دانالىقىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي گۈلخان ياقىمىز، مېھرابىڭ ئالدىدا قۇربانلىق قىلىمىز، ئىسىل مەي-شاراپلار بىلەن كوزا-ئىدىشلىرىڭنى تولدۇرىمىز. ھەيكەللىرىڭ ئالدىدا كۈجە كۆيدۈرىمىز، ئىسىرىق سالىمىز. مۆجىزە ياراتقۇچى ئەي قادىر خۇدا، بىزگە تىنىچلىق ئاتا قىلغايسەن! مۇھەببەت ئەزرائىلدىن غالىپ كەلسۇن. سەن ئۆلۈمنىڭ ھەم مۇھەببەتنىڭ ئىلاھىغۇ!
ئۇ بىردەم سۈكۈتكە پاتتى. بىتاقەت بولغىنىدىن كۆز ياشلىرى  يىپى ئۈزۈلگەن  مارجاندەك تۆكۈلدى، توختىماي ئۇھسىندى. كېيىن يەنە دېدى: ئاھ، مۇقەددەس ئاستىروت! چۈشلىرىم بەربات، يۈرك-باغرىم پارە-پارە بولدى. يۈرىكىم ئولدى، كۆز ياشلىرىم قۇرىدى. ماڭا رەھىم قىل! كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىلى قوي، دىلدارىمنى بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتمە!
شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ بىر خىزمەتكارى كىرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
-غوجام، ئۇ كۆزنى ئېچېپ  ئەتراپقا قارىدى، يوقلۇقىڭىزنى كۆرۈپ سزنى چاقىرۋاتىدۇ، يېنىغا كىرسىڭىز.
ناسان ئورنىدىن تۇرۇپ، دىلدارىنىڭ يېنىغا قاراپ يۈرۇپ كەتتى. خىزمەتكار ناسانغا ئەگشىپ ماڭدى. ناسان تۇرالغۇسىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دىلدارى ياتقان ھۇجرىغا كىردى ۋە كارىۋات ئالدىغا كېلىپ ئېڭىشكنىچە دىلدارىنىڭ تارىشىدەك ئورۇق قولىنى تۇتتى. يېڭى بىر ھاياتلىق شەربىتىنى دىلدارىنىڭ زەپىراندەك سارغايغان بەدىنىگە قۇيماقچى بولغاندەك  ئۇنىڭ لەۋلىرىگە يېنىش- يېنىشلاپ سۆيدى. قىز كۆزنى سەل ئاچقىنىچە مامۇق  ياستۇققا  چۆكۈپ كەتكەن چىرايىنى ئۇنىڭغا بۇرىدى. قىزنىڭ لەۋلىرىدە سۇس تەبەسسۇم  ئەكىس ئېتەتتى. بۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قالغان كىچىككىنە ھاياتلىق، پانىي دۇنيادىن ئايرىلۋاتقان چاغدا يۈرىكىدە قالغان ئەڭ ئاداققى نۇر ۋە ئاخىرقى مەنزىلگە كېلىۋاتقان دەملەردە  قەلبىدىن  چىققان ئەكىس سادا ئىدى. ئۇ زۇۋانغا كىردى. يوقسۇل ئايالنىڭ ئاچ  قالغان  بالىسىدەك ۈزۈپ-ئۈزۈپ ئايانچىلىق ئاۋازدا شۇنداق دېدى:
-ئەي، قەدىردان يىگىتىم، خۇدا مېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ئەزرائىل بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. خۇدانىڭ ئىرادىسى مۇقەددەس. ئەزرائىڭنىڭ تەلىپىمۇ يوللۇق. مەن ھازىر كېتىمەن. شۇ تاپتا قولىمىزدىكى مۇھەببىتىمىزنىڭ، ياشلىق باھارىمىزنىڭ قەدەملىرى ھاياتلىق شەربەتلىرىلى بىلەن تولۇپ تۇرۇپتۇ. گۈزەل ھايات يولى ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدىن يۈتكىنى يوق، ئەزىزىم، مەن ھازىر ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ روھنىڭ  ماكانىغا  بارىمەن ۋە يەنە پانى ئالەمگە قايتىپ كېلىمەن، چۈنكى ئۇلۇغ  ئاستىروت ئاشۇق-مەشۇقلارغا- مۇھەببەت ۋە ياشلىق باھارىنىڭ گۈزەللىكىدىن، شادلىقىدىن لەززەتلەنمەي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كەتكەن بەندىلىرىگە قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلىدىكەن.④ ناسان بىز يەنە كۆرۈشىمىز، قەدەھلەردىكى جانغا ھوزۇر بېغىشلايدىغان شەربەتلەرنى  تەڭ ئىچىمىز، دالاردىكى قۇشلار بىلەن تەڭ قۇياش نۇرىغا چۆمىلىمىز.
قىزنىڭ ئاۋازى پەسلەپ كەتتى. لەۋلىرى تاڭ ساباسىدا سۇلۇپ كېتىۋاتقان گۈل بەرگىلىرىدەك تىترەيتتى. ناسان قىزنى قۇچاقلىدى، كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن سوغۇق ياش تامچىلىرى ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئۇ لەۋلىرىنى قىزنىڭ لەۋلىرىگە ياقتى، قىزنىڭ لەۋلىرى سوۋۇپ كەتكەنىدى. ناسان ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قان-يامغۇر يىغلاپ كەتتى. قىزنىڭ ھەرىكەتتىن توختىغان بەدىنىگە ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ شىكەستىلەنگەن روھى ھاياتلىقنىڭ مەزمۇت ئۇلى بىلەن ماماتلىقنىڭ تېرەن جىلغىسىدا قالدى.

جىمجىت كېچىدە ئۇخلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆز پەردىلىرى تىترىدى. كوچا-كويلاردىكى، رەستە-يوللاردىكى ئاياللار قورقۇپ كېتىشتى، بالىلار تېخىمۇ ھەيران قېلىشتى. چۈنكى تۈن پەردىسىگە قوشۇلۇپ ئاستىروت كاھىننىڭ سەلتەنەتلىك ئىبادەتخانىسىدىن ئادەملەرنىڭ يۈرەك باغرىنى ئەزگۈدەك ھەسرەت-نادامەت، ئاھۇ-پەرياد ۋە يىغا-زارە ئاڭلىنىۋاتاتتى.

سەھەردە ناساننىڭ بەخىتسىزلىككە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن كۋلىشكەن كىشىلەر ئۇنى تاپالمىدى.
بىرقانچە كۈندىن كېيىن شەرق تامانندىن بىر كارىۋان كەلدى.
كارۋان بېشى جامائەتكە ناساننىڭ يىراق دەشت-باياۋاندىكى قويلار ئارىسىدا گاڭگىراپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
بىر قانچە قەنا ئۆتۈپ كەتتى. ۋاقىت سىرلىق تاپانلىرى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چەيلەپ ۋەيران قىلىۋەتتى، ئىلاھلارمۇ بۇ ئەلدىن يىراقلارغا كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر زوراۋان ئىلاھ ئۇ ئىلاھلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ ئۆزنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى بىلەن كۆڭلىنى خوش قىلدى، ۋەيرانچىلىقلىرى بىلەن كۆڭلىنى شادلاندۇردى. قۇياش شەھىردىكى ئىبادەتخانلارنىلارنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، ساراي-قەسىرلەرنى ئۆرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى گۈلزارلىقلار سولاشتى، مۇنبەت، ھوسۇللۇق يەرلەر تاقىر، ئۈنۈمسىز ئايلىنىپ قالدى. شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرى خارابىيلىككە ئايلاندى. كشى بۇ مەنزىرلەرنى كۆرگەندە بۇرۇنقى مەنزىرلەرنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ ھەيران قالاتتى .
ئەمما  ئىنسانلارنىڭ نەتىنجىلىرى ۋەيران بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنە كشىلەرنىڭ غايىسى ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ھېسسىياتتى ئاجىزلاشمىدى. غايە بىلەن ھېسىيات مەڭگۈ يوقالمايدىغان روھ. ئۇلار بىرلىرىدە يۇشۇرۇنۇۋېلىشى، غايىپ بۇلۇشى، بىرلىرىدە كەچكى قۇياشقا، تاڭ مەھەلدىكى ئايغا ئوخشاش مىدىرلىماي جىم يېتىۋېلىشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىز ئۆلمەيدۇ.

2
) ناسىرلىك ئىسا دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى 1890-يىلى باھار)
كۈندۈزلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ قۇياش ئۆزنى دالدىغا ئېلىپ پايال بەگ تۈزلەڭلىكى قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. ئەلى ھۈسەيىن قوي پادىلىرنى ھەيدەپ كېلىپ ئىبادەتخاننىڭ ئارقىسىدىكى كوناجايغا كەلدى ۋە ئۆرۈلۇپ چۈشكەن دالاننىڭ تۈۋرۈكلىرى ئارىسىدا كېلىپ ئولتۇردى. قويلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ ياتتى ۋە ئۇنىڭ غەزىلىدىن ئامانلىق سېزىپ مۈگدەشكە باشلىدى. يېرىم كېچە، ئاسماندىكى قاراڭغۇلۇقتىن ئەتنىڭ ئۇرۇقلىرى تاشلاندى. كۆزىگە ئۇيقۇ بارمىغان ئەلنىڭ كۆزى ئاخىرى ئۇيقۇغا ئىلىندى، زېھنى تۈرلۈك خىياللار بىلەن خىرەلەشتى. ئۇ جەينىكىنى تىرەپ ياتتى. مۈگدەك بارغانچە كۈچەيدى. ئۇ ئۆزلۈكىنىڭ  لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇدى ۋە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۇك قانۇن-شەرىئەت، ۋەز- نەسىھەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يۇشۇرۇن روھىي ئۆزلۈك بىلەن ئۇچراشتى. كۆز ئالدىدا  دالالار چەمبەر ھالىتىدە كېڭىيىۋاتاتتى، سىرلار ئېچىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى يۇرۇقلۇق ئىچىدە ئىلگىرلەۋاتقان قوشۇندىن ئايرىلدى، تەرتىپلىك تەپەككۇر بىلەن ئىدىيە كۈرىشى بولۇۋاتقان خىياللىرى ئارىسىدا تەنھا قالدى.
ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى ياشلىق باھارى بىلەن تەڭ كەلگەن روھىي ئھچارچىلىقنى تۇنجى بولۇپ چۈشەندى ياكى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ راھەت بىلەن جاپا بىرلەشكەن ئاچاىق، ئۈمىدلىك خۇرشىنىشلار بىلەن تەلەپنىڭ قاندۇرۇلۇشى تىنىچ بىرلەشكەن چاڭقاق ئىدى. ئۇ دۇنيانىڭ شان-شەرىپى يوقۇتالمايدىغان، يىللار دەرياسى ئېقىتىپ كېتەلمەيدىغان ئسېغىنىش ئىدى.
ئۇ بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۆز كەچىرمىشلىرى بىلەن ئالاھىدە بىر خىل سېسسىياتنى سەزدى. ئىبادەتخانىنىڭ خارابىدىكى ئويغاتقان بۇ ھېسسىيات تولىمۇ زېرىكىشلىك بولۇپ، كىشىگە ئىسرىقدانغا سېلىنغان ئىسرىقنى ئەسلىتەتتى. بۇ سىرلىق ھېسسىيات ئۇنىڭ سەزگۈلىرىگە يوشۇرىنىۋالغانىدى، سازەندىنىڭ بارماقلىرى ساز تارىلىرى ئىچىگە كىرىپ-چىقىپ تۇرغاندەك ئۇنىڭ سەزگۈ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىپ تۇراتتى. يېڭى بولغاچقا يورۇقلۇق ئىچىدىن چىقاتتى ياكى جىمى نەرسە ئىچىدە پەيدا بولاتتى، ئاستا-ئاستا كۈچىيەتتى، ئاخىر ئۇنىڭ پۈتۈن روھىي دۇنياسىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالاتتى. ئۇھېسىياتى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بىمارنىڭ ئىللىقلىققا بولغان مۇھەببىتى، شېرىنلىكىنى ئىزدىگۈچنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئىدى. ئۇدەقىقە ئارىلىقىدىكى بىرخىل ھېسىيات بۇلۇپ، گىرىمىسەن ئۇيقۇلۇقتا پەيدا بولاتتى. خۇددى بىر تامچە سۇدىن نۇرغۇن تائىپىلەر پەيدا بولغاندەك شۇنچىلىك قسقا دەقىقە ئىچىدە پەيدا بولىدىغان دەۋرنىڭ كارتېنىسى ئىدى.
ئەلى ۋەيرانە ئىبادەتخانىغا قارىدى. ئۇيقۇ ئۇنىڭ روھى سەزگۈسىنى  ئىگىلىۋالدى. شەك كەلتۈرگەن مېھرابنىڭ قالدۇق ئىزلىرى نامايان بولدى، تاشلاندۇق تۈۋرۈك تاشلىرىنىڭ ئۇلى بىلەن قالايمىقان ئۆرۈلۈپ ياتقان تاملار ئۇنىڭ ئالدىدا ئېنىق كۆرۈندى. ئۇ كۆزىنى يوغان ئاچتى، يۈرىكى دۈپۈلدەپ  سوقۇپ كەتتى، ئەمانىڭ كۆزى تۇيۇقسىز ئېچىلغاندەك بولدى. ئۇ ئەتتىراپقا قارىدى، ئويلاندى. كاللىسىدا بۇرۇن پەيدا بولغان بىر خىيال تۇغۇلدى.  ئاشۇ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، ئاشۇ كۈمۈش چىراقلار بىلەن ئىسرىقدانلارنىڭ ئادەمدە خۇددى ئىلاھلارغا ھۈرمەت بىلدۈرگەندەك  بىر خىل  ھۈرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئاشۇ سۈرلۈك كاھىننىڭ پىل چىشى بىلەن، ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن مېھراپ ئالدىدا قانداق قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى، داپچى قىزلار، مۇھەببەت بىلەن گۈزەللىك ناخشىسىنى ئېيتىيدىغان يىگىتلەر خىيال ئىكرانىدىن ئۆتتى. بۇ مەنزىرىلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چاقماق تېزلىكىدە نامايان بولدى. بۇ تەسىراتلار ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزىۋەتتى. ئەمما بۇ ئەسلىمىلەرنى پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىدىكى ئىشلار توغرىسىدىكى خىرە-شىرە ئەسلىمىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەلى  مۇشۇنداق چاغلاردىمۇ قۇلىقى سەزگەن ئاشۇ ئاۋالارنىڭ ئەكىس ساداسىنى ئاڭلىدى. بۇ سىرلىق ئەسلىمىلەرنىڭ چېدىردا تۇغۇلغان، دالالاردا پادا بېقىپ ئۆتكۈزگەن بىر يىگىتنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن نېمە پەرقى بار؟
ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ قالايمىغان تاشلار ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا ماڭدى. يىراق زامانلاردىكى ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر ئالىمىدىكى ئۇنتۇش چۈمپەردىسىنى خۇددى بىر قىز ئەينەك يۈزىدى ئۆمۈچۈك تورىنى ئېلىۋەتكەندەك ئېچىپ تاشلىدى. ئۇيان-بۇيان مېڭىۋېتىپ زېمىندىكى بىر خىل قۇدرەت پۇتلىرىنى تۇتىۋالغاندەك ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتىرىسىغا كېلىپ توختىدى. كېيىن ئىختىيارسىز ھەيكەل يېنىىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ خىيال دەرياسى جاراھەت ئېغىزىدىن قان ئېتىلىپ چىققاندەك بىردىنلا ئۆركەش ياسىدى. يۈرىكى تېخىمۇ  قاتتىق سوقۇپ كەتتى. كېيىن ئاستا-ئاستا ئىزىغا  چۈشتى. شۇ تاپتىكى يۈرىكى خۇددى بىر ئۆرلەپ-بىر پەسلەۋەتقان دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇھسىندى، ئازاپ ئىچىدە يىغلىدى. ئۇنى چەكسىز غېرىپلىق ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ روھى بىلەن باشقا بىر گۈزەل ئوتتىرىسىدا  ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغاندەك بىر ھاڭ باردەك تۇيۇلدى. بۇ ھاياتقا ئېرىشىشتىن  ناھايتى  بۇرۇنلا ئۇ گەۈزەل روھ ئۇنىڭ  يېنىغا كېلىپ بولغانىدى.
ئۇ يۈرىكىنىڭ ماھىيىتىنى جۇلالىنىۋاتقان ئۇتقاشنىڭ بىر قىسىمى دەپ بىلدى. خۇدا ۋاقىت ئاياقلىشىشدىن ئىلگىرى ئۇنى ئوتقاشدىن ئايرىۋەتكەنىدى.
ئۇ چىرايلىق قاناتلارنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆكرەكلىرى ئارىدىا، مەيۈسلۈك قاپلىغان كاللىسىنىڭ ئەتتىراپىدا چىقىرىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى. ئۇ قۇدرەتلىك ئۇلۇق بىر مۇھەببەتنىڭ يۈرىكىنى چۇلغىۋالغانلىقى، ھەر نەپىسىدە ئاشۇ خىل مۇھەببەتنىڭ تىنىقى بارلىقىنى سەزدى. ئۇ مۇھەببەت بىر يۈرەكنىڭ سىرنى باشقا بىر يۈرەك بىلەن ئورتاق بەھرىمان قىلدۇردى. تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن ئەقىل- پاراسەتنى ئۆلچەملىك دۇنيادىن ئايرىۋەتتى. سۈكۈتلۈك دەقىقىلەردە بىز ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقان چاغلاردا بىز ئۇنىڭ نۇر تۈۋرۈكلىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈمىز. خۇددى قۇياش ئازغان يېنىدا گۈل ئۆستۈرگەندەك ئاشۇ مۇھەببەت، ئاشۇ ئىلاھ جىمجىت دەقىقىلەردە ئەلى ھۈسەيىننىڭ قەلىپ قەسرىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى شىرىن مۇھەببەت بىلەب كۈلپەتلىك ھېسسىياتلارنى قوزغىدى.
ئەمما بۇ قانداق مۇھەببەت، بۇ مۇھەببەت قەيەردىن كەلگەن، بۇ مۇھەببەت قوي پادىكىرى بىلەن بىرگە ۋەيرانە ئىبادەتخانىدا ياتقان يىگىتتىن نېمىگە ئېرىشمەكچىدۇ، ئۇ قەلىپ جامىغا قۇيۇلىۋاتقان، قىزلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كۈچلۈك مەيمىدۇ، كۆچمەن چوپاننىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ناخشىمىدۇ، ئاياللار ئەزەلدىن ئېيتىپ باقمىغان غەزەلمىدۇ؟
بۇ مۇھەببەت قانداق مۇھەببەتدۇ، ئۇ قەيەردىن كەلگەندۇ، ئۇ ئەلىدەك ناخشا ئاۋازى بىلەن ياشلىق باھارىنى دۇنيا دەپ بىلىدىغان بۇنداق  ئالدىراش ئادەمدىن نېمىگە ئېرىشمەكچىدۇ، بۇ مۇھەببەت گۈزەل ئەخلاقلىق كۆچمەن چوپان قىزنىڭ ئەلىنىڭ يۈرىكىگە قۇيىۋەتكەن جەۋھىرىمىدۇ ياكى مانان توسىۋالغان، ھازىر ئۇنىڭ قەلىپ قەسىرىنى ئىگىلىۋالغان ياش نۇرمىدۇ، جىمجىت يېرىم كېچىلەردە يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى مەسخىرە قىلغان بىر خىيالمىدۇ ياكى دەسلىپىدىلا مەۋجۇت بولغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىپ قالىدىغان بىر ھەقىقەتمىدۇ؟
ئەلى ياش بىلەن تولغان كۆزىنى يۇمۇپ سائىللاردەك قوللىرىنى سوزىدى. روھى بەدىنىنىڭ ئىچىدە تىترىدى. ئۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئۇھسىندى. بۇ ئۇھسىنىشلار جاسارەتسىزلىكنىڭ شىكايىتى بىلەن ئوتلۇق سېغىنىشلاردىن ھاسىل بولغانىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ ھاياجان بىلەن چىقاتتى، ئۇنىڭ ئۇھسىنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئايرىغىلى بولمايتتى. ئۇ ۋارقىرىدى: سەن كىم بولىسەن، يۈرىكىمگە يېقىن، كۆزۈمگە يىراق ئەي ئادەم؟ سەن مېنى ئۆزۈڭدىن ئايرىۋېتىپ، مېنىڭ بۈگۈنۈم بىلەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن يىراق چاغلىرىمنى يەنە بىر- بىرىگە مەھكەم باغلىدىڭ. سەن پەرىزاتنىڭ سايىسىمۇ، سەن مەڭگۈلۈك دۇنيادىن كېلىپ ماڭا ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى بىلەن ئىنسانلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى چۈشەندۈرەمسەن؟ سەن يەردىن تېشىپ  چىقىپ  ئەقلىمنى ئوغرىلاپ، مېنى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ، قىرانلار، يىگىتلەر مەسخىرە قىلىدىغان يالماۋۇزنىڭ روھىغا ئايلاندۇرۇپ قويامسەن؟ سەن كىم بولىسەن؟ يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇتىۋالغان، ئادەمنى ئۆلتۇرۇپ يەنە تىرىلدۈرىدىغان بۇ زادى قانداق مالىمانچىلىق ئادەمنى يالقۇن ئىچىگە ئىتتىرىدىغان بۇ ھېسسىيات قانداق ھېسسىيات؟  مەن كىم؟ ئۆزۈمنى «مەن» دەۋالغان، ئۆزۈممۇ پىشىق تۇنۇشمايدىغان ئۆزۈمنىڭ يېڭىچە ئۆزى زادى كىم؟ مەن ئابىي ھايات ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرگىلى بولىدىغان، گېپىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان، سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر مالائىكىگە ئايلىنىپ قالدىممۇ ياكى مەن رەزىللىك شارابىنى كۆپ ئىچىۋېتىپ ھېسسىي شەيئىلەرنىڭ ھەقىقى ماھيىتىنى ئېنىڭ كۆرەلمىدىممۇ؟
بىردەم سۈكۈتكە پاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھېسسىيات دەريالىرى ئۆركەش ياسىدى، روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى:
-تۇنۇغىلى، يېقىلاشقىلى بولىدىغان ئەي قەلىب! توسىغىلى، يىراقلاشقىلى بولىدىغان ئەي ئادەم! خىيال ئالىمىدە جەۋلان قىلىۋاتقان ئەي گۈزەل روھ! سەن مېنىڭ قار-مۇز تەكتىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئۇرۇققا ئوخشاش چوڭقۇر ئۇيقۇغا پاتقان ھېسسىياتلىتىمنى ئويغاتتىڭ. سەن دالالاردىكى خۇشبۇيلارنى ئېلىپ كەلگەن مەيىن شامالدەك سەزگۈلىرىمنى سىلاپ ئۆتتۈڭ. سەزگۈلىرىم دەرەخ ياپراقلىرىدەك  شىلدىرلىدى. سەن ماددىيلىق كىيىمىمنى كىيسەڭ  مەن سېنى شۇ سىياقتا كۆرۈمەن! لايدى ئازاد بولۇپ، كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ قويساڭ مەن سېنى چۈشلىرىمدە كۆرۈمەن! سېنى سىلايمەن، ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەن! كۆزلىرىمنى ئوراپۈ  تۇرغان چۈمبەللەرنى يىرتىپ، روھىيىتىمنى توسۇپ تۇرغان مۇقەدەس ئىبادەتخانىلارنى بۇزۇپ تاشلايمەن! سەن خۇدانىڭ بەندىسى بولساڭ، ماڭا بىر قانات ئاتا قىل، مەن ساڭا ئەگىشىپ خۇدانىڭ يۈكسەك سەلتەنىتىگە ئۇچۇپ چىقاي. سەن سېھرى قۇدرىتىڭ بىلەن كۆزلىرىمنى سىلاپ قوي. سەن پەرىزات بولساڭ، مەن ساڭا ئەگىشىپ  پەرىزاتلار يۇشۇرىنىۋالغانماكانغا باراي. سەن سىرلىق قوللىرىڭنى يۈرىكىم ئۈستىگە قوي،  يۈرىكىم ساڭا ئەگىشىپ سوقسۇن، مېنى قويۇپ بەرمەي تۇتىۋال!
ئەلى قاراڭغۇلۇقنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاشۇ گەپلەرنى دېدى. قەلىپ قەسىرلىرىنىڭ  تېرەن يەرلىرىدە داۋالغۇۋاتقان ئۇدارنىڭ ئەكىس ساداسى ئىچىدە تىترىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەتتىراپتىكى كېچە كۈلەڭگۈسى  تۇيديرماي مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاتەشداندىن خۇشبۇي ھىد تارىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىدا ھەسەن-ھۈسەندەك سىرلىق سۈرەت-مەنزىلەر پەيدا بولدى.
ئارىدىن بىر سائەت ئۆتتى، ئۇ يىغلىۋالغىنىدىن خۇش بولدى، تىت-تىت بولغىنىدىن سۆيۈندى. يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى. ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىۋاتقان ھايات كارتىنىسىغا ۋە ئاشۇ ھايات كارتېنىلىرىنىڭ ئورنىنى خىيال ئىگىلىۋاتقانلىقىغا قاراۋاتقاندەك بىر تەرۈزدە ئارقا تەرىپىگە قارىدى. خوشاللىقىدا  ئۇ خىيال ئاجايىپ روشەن نامايان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ تىت-تىتلىقىدا قورقۇنچۇلۇق  تۈس ئالدى. ئۇ پەيغەمبەرلەردەك ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارىدى. ئۆزنى ئىلھامغا، مەدەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر نەرسىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى، ئاتومنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. قاتتىق خورسىنش ئۇنىڭ بىر خىلداداۋام  قىلۋاتقان نەپسىنى توختىتىپ قويدى.  يۈرىكى ئۇنى تاشلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ھايال ئۆتمەي خارابىلەر ئارىسىدا مېھرىبان ئاتىسىنى ئىزدەۋاتقان ئادەمدەك  يەنە  ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.
تاڭ نۇرى چىرايىنى ئاچتى. جىمجىتلىق تەۋرەپ كەتتى. تاڭ ساباسى جىلۋىلەندى. نۇر ئېقىملىرى ئاسمان قەرىدىكى ئاتومغا قويۇلدى. ئاسمان ھازىدار بىر ئادەم چۈشىدە دىلدارنىڭ سىيماسىنى كۆرۈپ كۈلگەندەك تەبەسسۇم قىلدى. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاملارنىڭ يوچۇقىدىن چىققان قۇشلار تۈۋرۈكلەر ئارىسىدا ئۇياق-بۇياقلارغا ئۇچۇپ سايرىغاچ كۈندۈزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئەلى ئورنىدىن تۇرۇپ قولنى پېشانىسىگە قويدى، كۆزىنى بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئەتراپقا قارىدى. ئەلى خۇدانىڭ پۈۋلىشى بىلەن ئادەم ئەلەيھسىلام كۆزىنى ئاچقاندەك ھەيرانلىق ئىلىكىدە كۆز ئالدىدىكى جىمى نەرسىلەرگەقارىدى.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇبېرىپ قويلارنى ئويغاتتى. قويلار قۇيرۇقلىرىنى تىتىرتىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يېشىللىق قاپلىغان يايلاققا كەلدى. ئەلى قوي پادىلىرنى باشلاپ ماڭغاچ سۈزۈك ئاسمانغا قارىدى. ئۇنىڭ ھېسىياتى ھېسىسىي تۇيغۇغا ئىگە شەيئىلەردىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭغا مەۋجۇدىيەت سىرلىرنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆتكەن دەۋىرلەردىكى دەقىقە ئىچىدە ئەستە ساقلىنىپ، دەقىقە ئىچىدە ئۇنتۇلىدىغان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نامايان قىلدى. تەلپۈنۈش ۋە سېغىنشنى قوزغىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ روھ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ كۆزى تۇسۇلۇپ قالغاندەك يورۇقلۇقنى كۆرەلمەي ھەسرەت چەكتى. ھەسرەت-نادامەتلىرى بىلەن تەڭ پۇچىلىنىپ كېتىۋاتقان يۈرىكىدىكى ئوتقاشلارنىڭ جۇلالىنىۋاتقانلىقى كۆزىگە كۆرۈنمىدى.
ئۇ شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىغا كەلدى. ئېرىق سۈيىنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى دالىلارغا ئاڭلىناتتى. ئۇ دەريا بويىدىكى مەجنۇنتال يېنىدا ئولتۇردى. مەجنۇنتال تاللىرى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇنى سۈمۈرۈۋاتقاندەك ئېرىق سۈيىگە چىلىشپ تۇراتتى. قويلار ئوتلاش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپكە تاراپ كېتىشتى. قويلارنىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىگە چۈشكەن شەبنەملەر ئالتۇن كىرپكلىك يۇلتۇزلاردەك چىمىرلايتتى. ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوققاندەك، تتىرىگەندەك بولدى. ئۇ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادەم ئاپتاپتىن ئويغۇنۇپ مىدىرلىغاندەك مىدىرلاپ قويدى ۋە ئەتراپقا قارىدى. توساتتىن ئورمانلىقتا مۈرىسىگە كوزا ئېلىۋالغان بىر قىز ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇقىز ئېرىق تەرەپكە مەردانە قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتاتتى، شەبنەم ئۇنىڭ ئايىغىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى.
قىز ئېرىق بويىغا كېلىپ كوزىسىغا توشقۇچە سۇ ئالدى، كېيىن ئۇدۇلدىكى قىرغاققا قارىدى. شۇ دەقىقىدە قىزنىڭ كۆزلىرى ئەلىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرشىپ قالدى. قىز ھەيرانلىق ئىچىدە ۋارقىرۋەتتى، كوزا قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. قىز ئەلىدىن كۆز ئۈزمەي ئارقىسىغا بىر نەچچە قەدەم چېكىندى. بۇھال بەئەينى يولدىن ئادىشىپ قالغان بىر ئادەم ئۆزى تۇنۇيدىغان ئادەم بىلەن ئۇچۇرشۇپ خوشلۇقتىن نېمە قىلارنى بىلمەي قالغان مەنزىرنى ئەسلىتەتتى.
ئارىدىن بىر مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى. بۇ قسقىغىنا نەچچە ئون سېكۇنۇتتا جىن چىراغ ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرغاندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن  نىداسىز جىمجىتلىق ئچىدە ئاجايىپ گۈزەل بىر كۇي پەيدا بولدى. بۇ كۇي ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولمايدىغان ئەسلىمىلەرنىڭ ئەكىس ساداسى قوينىغا باشلاپ باردى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى- يىگىت قىز تەرەپنى، قىز يىگىت تەرەپنى تۇنۇيتتى. ئېرىق بىلەن دەرەخ ئۇلارنى يىراق قالدۇرماقچى، يەنە بىر تەرەپنى يىراقتىكى خىيالى كۈلەڭگە بىلەن ئورماقچى بولدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قەلىب قەسىرى مېھرى مۇھاببەت بىلەن تولغانىدى. بۇلار بىر- بىرىنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلار مۇھەببەت- ھېسسىياتلىرىدىكى پۈتكۈل ئاڭلاش سەزگۈلىرى بىلەن بىر-بىرنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشتى. ئۇلار قەلىب تىللىرى بىلەن ئىككى روھ بىر-بىرىنى تامامەن چۈشەنگەنگە قەدەر بىر-بىرىنى چاقىرىشتى.
شۇ ئەسنادا ئەلى بىر خىل سېھرىي كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئېرىقتىن ئۆتۈپ قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە قىزنى قۇچاقلاپ، ئاتەش لەۋلىرىگە، قاش تېشىدەك ئاپئاق بويۇنلىرىغا، شەھلا كۆزلىرىگە سۆيدى. ئەلى قىزنى قۇچاقلاپ تۇردى، شۇ دەقىقىدە قىز زادىلا مىدىرلىمىدى. قىز شېرىن سۆيگۈنىڭ كۈچىدە بھۇش بولغاندەك، يىگىتنىڭ ئىللىق سېلاشلىرى پۈتۈن كۈچ- قۇدىرتىنى ئېلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. قىز رايىشلىق بىلەن بېشىنى ئەلىنىڭ كۆكسىگە قويدى. قىز ئوزايىدىن ئارام ئېلىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن ھارغىن ئادەمگە ئوخشايتتى. قىز جىددىلەشكەن يۈرەكنىڭ بىردنىلا يايراپ كەتكەنلىكىنى، تنىچ ھېسسىياتنىڭ داۋالىغۇۋاتقانلىقىنى، ئويغىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدى.
بىر ئازدىن كېيىن قىز بېشىنى كۆتۈرۇپ ئەلىنىڭ كۆزىگە تىكىلدى. قىزنىڭ كۆز نۇرلىرى كىشىلەرنىڭ تۇنۇشلۇق گەپ-سۆزلىرىنى كەمستىۋاتاتتى.
قىزنىڭ كۆز نۇرى بىر نوقتىدا  قېتىپ  قالدى، روھلار ئارىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ئۆز-ئارا چۈشىنىشۋاتاتتى قىزنىڭ كۆز نۇرى مۇھەببەتنى سۆز گۈلىستانىغا ئايلاندۇرغان روھتىن نارازى ئىدى.
ئاشۇق-مەشۇقلار مەجنۇنتانلار ئارىسىدا سەيىر ئەتتى، شېرىن پاراڭلارنى قىلشتتى. مۇھاببەتنىڭ ۋەھى- بېشارەتلىرىگە قۇلاق سالدى. بەخت-سائادەتنىڭ ئايانچىلىق كۆزلىرىگە قارىدى. قويلار ئۇلارغا ئەگەشكىنىچە ئوت- چۆپلەرنىڭ يۇمران ئۇچىلىرىنى ئۈزۈپ يېدى. تۇشمۇتۇشتىن ئۇچۇپ كېلىشكەن قۇشلار ئۇلارغا تەنتەنە قىلشتى، ئاجايىپ سېھرىي كۈچگە ئىگە كۇي-ناۋالارنى ياڭراتتى.
ئۇلار تاغ جىراسىنىڭ ئېغىزىغا بارغاندا قۇياش ئارغامچا بويى ئۆرلەپ تۆپىلىك قۇياش نۇرىدىن لىباس كىگەندى. ئۇلار قىيا تاش ئۈستىدە ئولتۇردى. بىناپشە گۈل ئۆزنى قىيا تاشنىڭ سايىسىغا ئالغان ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن قىز ئەلىنىڭ قوي كۆزلىرىگە قارىدى. قىزنىڭ چاچلىرنى سۆيۈپ  ئۆتىۋاتقان مەيىن شامال ئەلىنىڭ لەۋلىرىدەك قىزنىڭ  لەۋلىرىنى سۆيمەكچى بولاتتى. مەيلى قانداقلا ئويلىسۇن، قىز سېھرلىك بارماقلىرى، ئۆزنىڭ تىلى بىلەن لەۋلىرىنى ئوينتۋاتقاندەك سەزدى. شۇنىڭ بىلەن قىز ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك بىر تەلەپپۇزدا:
-ئاستىروت بىزنىڭ روھىمىزنى ھاياتلىق قوينىغا قايتۇردى، ئەمدى بىز مۇھەببەت شادلىقىدىن، ياشلىق باھار لەززىتىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنايلى!-دېدى
ئەلى كۆزىنى يۇمدى، قىزنىڭ گۈزەل كۈيلەرنى ئەسلىتىدىغان گەپلىرى ئەلىنىڭ ئالدىدا ھەممىشە چۈشلىرىدە كۆرىدىغان غايىۋى مەنزىرلەرنى  پەيدا قىلدى، ئەلى  ئۆزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر قانات بۇيەردىن ئېلىپ ئاجايىپ بىر ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغاندەك سەزدى. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىر تۆشەك تۇراتتى. تۈشەكتە گۈزەل بىر قىزنىڭ جەسسىتى ياتاتتى. ئۈلۈم ئۇ قىزنىڭ زىبالىقىنى، لەۋلىرىنىڭ ئوتلۇق ھارارەتلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئەلى بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغىنىچە ۋاقىرۋەتتى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋېدى، ئۆزنىڭ قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى، لەۋلىرىدە مۇھەببەتلىك تەبەسسۇم جىلىۋىلىۋاتقانلىقىنى كۆزلىردە ھاياتلىق نۇرلىرى چاقناۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ  بىلەن چىرايى قۇياش نۇرىدەك چاقناپ كەتتى، روھى ئۇرغىدى. بايا كۆرگەن خىيالى مەنزىرلەر ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئۇنتۇلدى.
ئىككى ئاشق-مەشۇق قۇچاقلاشقىنىچە بىر-بىرىنىڭ ئاتەش لەۋلىرىگە سۆيۈشتى. سۆيگۈ شارابىدىن مەستۇ-مۇستەغرەك بولۇشتى. ئوتتدەك  قۇياش نۇرى ئۆزلىرىنى ئويغاتقانغا قەدەر قۇچاقلاشقىنىچە چۈش دۇنياسىدا سەيىر ئەتتى.


① قۇياش شەھرى-بايالبەك شەھىرىنى يەنى قۇياش ئىلاھى بويال شەھىرنى كۆرىسىتىدۇ.
② ئاستىروت-قەدىمكى پىنتىسيىنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھەسى بولۇپ، ئۇ خاس مۇھەببەت ۋە كۆپىيىشكە مۇكەممەل ئىكەن. رىۋايەت قىلنىشچە ئۇ يەنە << ھاياتلىق ئوتىنى تۇتاشتۇرغۇچى، ياشلىق باھارنى قوغدىغۇچى>> ئىكەن. گرېكلار ئۇنى مۇھەببەت بىلەن گۈزەللىك ئىلاھى ئافرودىت، رىملىقلار ۋىناس دەپ ئاتايدۇ.
③ رىۋايەت قىلىنىشچە  جاھىلىيەت  دەۋىرلىرىدە ئەرەبلەر: مۇبادا  مىكىجنلەر بىر ئەرگە كۆيۈپ قالسا، ئۇ ئۇ ئەرنىڭ تويىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇ ئەر توي قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئەر بىلەن توي قىلغان قىزنى سېھىرلىۋېتىدۇ ياكى ئۇ قىزنى شۇ جايىدىلا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ  دەپ قارىشاتتى.
④ پەيغەمبەرئەلەيھسىسلام مۇنداق دېگەن: << سىلەر بۇرۇنلا ئۆلۈك ئىدىڭلار، ئۇ سىلەرنى  تىرىلدۈرگەن. كېيىن سىلەرنى يەنە ئۆلتۈرۈپ يەنە تىرىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى يەنە ئۇنىڭ يېنىغا بارىسىلەر.>> ھىندى بۇدساتۋاسى مۇنداق دېگەن : << بىز مۇشۇ ھاياتلىق قوينىدا ئىدۇق، ھازىر بۇ يەرگە يېتىپ كەلدۇق. بىز بۇ يەردىن قايتىپ كېتىمىز، ئىلاھلارغا ئوخشاش مۇكەممەل بولىمىز.>>


(خەنزۇچە جىبراننىڭ«ئاسىي روھ»ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)
(تەرجىمان«شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى»ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-30 23:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستويۋىسكىي ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەسى
ئوسمانجان مۇھەممەت
    رۇسىيە تەنقىدى رېئالىزىم ئەدەبىياتى 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى شەكىللەنگەن بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاياقلاشتى. بىر ئەسىرگە يېقىن رۇسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئەل ۋەتەننىڭ،ئاۋام –پۇقرالارنىڭ ، دەرد ھالىنى تەسۋىرلەپ ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇلار زۇلمەتلىك رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۇردى، يانچىلىق تۈزۈمىگە تىغمۇ-تىغ قارشى تۇردى ، ئۇلار ئىدىيە ۋە بەدىئى جەھەتتە خېلى يۈكسەك پەللىگە يەتتى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە رېئالىزىم ئېلىمنتلىرى روشەن ئۆسۈشكە باشلاپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى تەھدىد ،كىرزىسكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر تۈركۈم مەرىپەتلىك ياشلار مۇستەبىت تۈزۈمگە قوراللىق قارشى چىقتى، بۇ تارىختا « دېكابىرسلار ھەرىكىتى » دەپ ئاتالدى، بۇ ھەرىكەتكە ياش گېۋاردىيەلەر قاتناشتى . ئۇلارنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ ھەرىكەت رۇسىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنڭ باشلىنىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە خەلقىنىڭ ئېڭى مىسلىسىز دەرىجىدە ئويغاندى. ئەمما دېكابىرسلار ھەرىكىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، رۇسىيەدە يەنە زىددىيەتلىك ھۆكۈمرانلىق باشلاندى. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى بۇرژۇئا ئىنقىلابى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى بېسىش ئۈچۈن يانچىلىق تۈزۈمنى ياقلايدىغان ئەكسىيەتچىل نەزەرىيەلەرنى بازارغا سالدى، ئەمما كاپتالىزملىق ئىلغار ئىدىيە –مۇناسىۋەت يەنىمۇ تەرەققى قىلغاچقا يانچلىق تۈزۈم كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ئۇ چاغلاردا يەنە دېكابىرسلار ئويغاتقان ياش بىر ئەۋلادلار يانچلىق تۈزۈمگە قارشى تۇردى، بىلنىسكى، پوشكىن قاتارلىق مەشھۇر ئەدىب ۋە شائىرلار يانچلىقنى بىكار قىلىش كۈرىشىگە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكتى بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت بۆلۈنمىسىگە بۇرىدى، يانچىلىققا قارشى كۈرەش ئەدەبىيات –سەنئەتتىن جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە تەنقىدىي رېئالىزم ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئاساس، ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بەردى. ساترىك يازغۇچى، شائىرلار پىسخىك تەسۋىر جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، رەزىللىكنى ئۆتكۈر تىل بىلەن پاش قىلدى. ئادىل غايىۋى روھىيەت مەنزىلىگە ئىنتىلىدى. بۇ رۇس تەنقىدىي ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رېئالىزملىق ئەدەبىياتمۇ بارلىققاكەلدى. كېرىلوف، لېرمېنتوۋ،گوگۇل، پوشكىن، سىولجىنىكىي، تۇرگېنىۋ، گانچاروۋ، ئوسترىۋسكىي، نېكراسوۋ، شېردىلېن، دوستىيوۋىكى قاتارلىق يازغۇچى –شائىرلار تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئىجادىيەت قىلدى. ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكلى فىيودور مىخايلوۋىچ دوستيوۋىسكىدۇر. ئۇ ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاۋام – پۇقرالارنىڭ دەرد-ھالىنى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، كىشلەرنىڭ قارشى تۇرۇش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يانچىلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ئىنقىلابى ئىدىيەسىنى تارقاتتى. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان پەلسەپە بىلەن ئىستېتىكا ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات بىلەن رېئاللىقنىڭ مەسىلىسىنى ئۆز ئىجادىيتىدە توغرا بىر تەرەپ قىلدى. تەنقىدىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئارقىلىق دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغان بەدىئىي قۇدرەت ئارقىلىق رۇسىيە جەمئىيتىنىڭ ئەكسىيەتچىل، چىرىك، رەزىل روھىنى، قاششاق قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقنىڭ ئويغانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ « نادامەت »، «جىنايەت ۋە  جازا »، «ئەخمەق» ، «خورلانغانلار ۋە رىيازەت چەككۈچىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىدە كونا تۈزۈمگە قارشى تۇرغان ئاۋاملارغا ھېسداشلىق قىلدى،كاپتالىزم تۈزۈمنىڭ ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ تاۋار ئورنىدا سېتىلۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېچنىشلىق تەقدىرىنى،  بۇرژۇئا جەمئىيتىنىڭ چىركىنلىكى بىلەن رەزىللىكىنى پاش قىلدى. شۇڭا ئۇ «ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئەخلاقنى پاكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار دۇنياسىدىكى رەزىل جىنايى قىلمىشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇنىڭ ئىجادىيتى مەيلى پاسىپ ياكى ئاكتىپ جەھەتتە بولسۇن رۇسىيە ئەدەبىياتىغا جۈملىدىن پۈتكۈل ياۋروپا ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
دوستيوۋىسكى خاراكتېرى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئىنتايىن مۇرەككەپ يازغۇچى بولغاچقا ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھامۇ ھەر خىل. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىياسى قارىشى ، پەلسەپەۋى قارىشى ۋە سەنئەت قارىشى ئۆزگىچە بولغاچقا ، ئەسەرلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.  ئۇ غۇربەتچىلىكتە جاپالىق ياشىغان بولسىمۇ، ئەدەبىيات يولىدىن يەنىلا چەتنىمىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەت بىلەن توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . بۇنداق زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئۆز ئەسەرلىرىدە بايان قىلدى. پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى پىسخىك نۇقتىدا تۇرۇپ تەسۋىرلدى. ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شان-شۆھرىتى بارغانسېرى ئاشقاچقا، شان-شەرەپكە مۇناسىپ ھالدا دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
1

فىيودور دوستيوۋىسكى ( 1881- 1821) نامرات ، ئاددىي ئاۋام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ بوۋىسى سۇنغان ئاقسۆڭەك، ئاتىسى نامرات دوختۇر ئىدى. ئانىسى مۇسكۋادىكى سودىگەر ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان، ئىشچان،  ئائىلگە، پەرزەنتلىرىگە سادىق، ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. ئۇ نامرات ، تېجەشچان ئائىلىدە چوڭ بولدى . ئۇ ئەزىم ھايات يولىدا ئاتىسىغا بىر خىل مۇرەككەپ ھېسسىياتتا بولۇپ كەلدى. ئاتىسىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئاتىسى پەرزەنتلىرىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى ، ئەمما پەرزەنتلىرىنى ھەرگىز ئۇرۇپ –تىللىمايتتى، مائارىپقا، تەربىيەگە سەل قارىمايتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى كۈندىلىك داۋالاش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيتتى. شۇنداق بولغاچقا دوستىيوۋىسكى ئاتىسىدىن تەسىرلەندى، ئاتىسىدىن گۈزەلىككە ئىنتىلىشتەك ئىلھام بۇلىقىدىن شەربەت ئىچتى. ئاتىسى قاتتىق قول ئادەم بولسىمۇ، ئائىلىگە قاتتىق تەلەپ قويسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە، تېجەشچان ئادەم بولسىمۇ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. پەرزەنتلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە، مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى، پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئاتىسى كىچىك بولسىمۇ ئىگىلىك تىكلىدى. 8 – دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا ئېرىشىپ، ئاقسۆڭەڭ دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن دوستىيوۋىسكىنىڭ ئاپىسى بىلەن بولىدىغان چاغلىرى كۆپ بولدى. ئۇنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى گۈزەل سەھرادا ئۆتتى. ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە گۈزەل تەبىئەت مەنزىرلىرى، جانلىقلار نەقىش بولۇپ ئويۇلدى. ئۇ كەڭ تەبىئەت قوينىدا قۇش كەبى پەرۋاز قىلدى. ئاجايىپ ھېكايە – ۋەقەلەر كۆڭۈل بەتلىرىگە خاتىرلەندى. تەبىئەت بىلەن بىر تەن بىر جان بولدى. رۇس خەلقىنىڭ مىللىي روھىنىڭ تەققاسىغا ئايلاندى. ئاق كۆڭۈل ئاۋام پۇقرالارغا مۇشتاق بولدى. ئۇلارنىڭ شادلىقىغا شادلىق قوشتى، دەردىگە دەرمان بولدى. ئۇنىڭ ئاشۇ  بالىلىق چاغلىرىدا ئۆتكەن سەھرا تۇرمۇشى ئۇنىڭ كېينىكى تۇرمۇشىغا، ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى، ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئىلھام بۇلىقى بولدى. ئۇ كېيىن سەھرادىن قايتىپ فىرانسۇزچە مەكتەپكە كىردى، مەكتەپكە كىرىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نۇرغۇن رۇس ئەدىبلىرىنىڭ نامىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، چەت ئەلنىڭ تارىخىنى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدى ۋە ئىلھام ئالدى، بۇ ھال ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا يېزىقچىلىق ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ دەسلەپتە پوشكىن، بىلنىسكىي، گوگۇل قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە چوقۇندى، «ئىنجىل» ھېكايلىرىنى قېتىرقىنىپ،  كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدى. «ئىنجىل »دىكى گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدىكى ھېكايە-رىۋايەتلەر ئۇنىڭ كۆڭۈل بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئېلىپ، ئۇنى ئۆمۈر بۇيى ھىدايەتكە باشلىدى. ئانىسى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ، پۈتۈن ئائىلە بويىچە سەھراغا كۆچۈپ كېلىپ، سەھرا تۇرمۇشىنى باشلىدى.
     دوستيوۋىسكى ئاتىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتى.  ئۇ ئىمتىھاندا بىرىنچى بولغان بولسىمۇ، تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرەيلەن ئىگىلەپ كەتتى. ئۇ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچمىگەچكە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە ئۈمىد چىرىغى ئۇنىڭغا قاراپ يالقۇنجىدى. ئاتىسىنىڭ بىر دوستى دوستيوۋىسكىنى ئوفېتسىرلار قۇرۇلۇش ئەترىتىگە تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ ھامما ئاچىسى ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن دوستيوۋىسكى قارا فورما، ئىگىز قالپاق كېيىپ، ھەربىي مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھەربىي مەكتەپتىكى تۇرمۇشى ناھايىتى ئازابتا ئۆتتى. دەرىسلەرنىڭ كۆپلىكى، تېتىقسىز مەشغۇلات ، قوپال مەشقاۋۇل ئۇنى ھالسىرىتىپ قويدى،  يەنە كېلىپ ئۇنى كونا ئوقۇغۇچىلار بولىشىغا بوزەك قىلدى، ئۇنى ئۇرۇپ ئويناپ كۆڭۈللىرىنى خوش قىلدى، بۇنداق ئەھۋاللار بىلەن مەكتەپنىڭ زىنھار كارى بولمايتتى، باي-غۇجىلارنىڭ،تۆرە–ئېسىلزادىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى،نامرات-ئاۋاملارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بوزەك قىلاتتى.  ئۇ پۇلى بولمىغاچقا ھەمىشە ئاچ قالاتتى، سوغۇقتا تىترەپ يۇرەتتى، ئاغرىپ قالسا دورا-دەرمەك ئېلىپ ئىچەلمەيتتى، دوختۇرغا كۆرۈنەلمەيتتى، ئەمما ئۆزىنى قەيسەر تۇتاتتى، نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلاتتى، ئۇنىڭ يۇمران كۆڭۈل باغچىسىدا ۋىجدان، تەڭ- باراۋەرلىك گۈللىرى ئېچىلىۋاتاتتى، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ تەڭ -باراۋەر بولۇشىنى، ئىزگۈ تۇيغۇدا بولۇشىنى ئىستىدى. ئۇ كۆڭلىگە بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەچكە ئۆزى قىزىقمايدىغان ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان، ئۆزى بىلەن بىر تەن بىر جان بولغان ئەدەبىياتىنى تەرك ئەتمىدى. بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا بولغان  تەشنالىقىنى قاندۇردى، روھىي دۇنياسىنى بېيىتتى. ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەچكە ھەربىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا قېلىپ قالدى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتا ئاچچىق يۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۇزۇنغا بارماي لەھەت يولىغا سەپەر قىلدى . دوستويۋىسكى ئاتسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئازابلاندى، يۈرۈكىگە نەشتەر سانجىلغاندەك بولدى،  ئونىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى جىمغورلۇق قاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالدى. ئۇ شۇنداق مۈشكۈلاتلار ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەدەبىياتنى باشتىن-ئاخىر ئاشنا تۇتتى. بارغانسېرى كۆپلەپ ئەسەرلەرنى ئوقۇدى،  ئەدەبىياتنى بارغانسېرى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئوي-پىكىر شەكىللىنىشكە باشلىدى. مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئونىڭ ئازاپلىق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈردى، روھىي بوشلۇقىنى تولدۇردى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنى باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ ئون يەتتە ياش چاغلىرى ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،  ھەربى قۇرۇلۇش خىزمىتىگە تەقسىم قىلىندى، ئەرزىمەس بىر مۈلكىي ئەمەلدار بولدى . ئۇ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالدىدا بۇنداق خىزمەتنى چوڭ بىلمىدى ، يەنىلا ئەدەبىيات ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى . بۇ چاغدا فىرانسىيلىك يازغۇچى بالزاكنىڭ « يىۋگىنى گىرانتى » دېگەن ئەسىرى ئونىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ ئەسەرنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلدى، ئۇشبۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇ قەلەم ھەققىگىمۇ ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئونىڭدا يېزىقچىلققا،  ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئېشىپ، ھەربى سەپتىن چېكىنىپ، خاس ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە پەيدا بولغاندىن كېيىن خۇددى سۈزۈك ئاسماندا چاقناۋاتقان چولپاندەك چاقناپ رۇس ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەدىب،  يازغۇچىلارنى تاڭ قالدۇردى، ئۇ قورقۇنۇچلۇق رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ، مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ بەردى، ھەقىقەتنى چۈشەندى، شۇنداق بولغاچقا  ئۇ بىلنىسكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۈيۈك شائىر نىكراسوف ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى قوللىدى ۋە ئونىڭغا شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىلنىسكىي،  نىكراسوفلار بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئارىلاشتى، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇلاقەتتە بولدى،  جەمئىيەتتىكى گۈزەللكنى، ياخشىلىقنى،  ئىزگۈلۈكنى ھەم رەزىللىكنى، خۇنۈكلۈكنى ئەدەبىيات ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىپ ، گۈزەل غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستىكىنى يېتىلدۈردى . ئۇ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقنى ، چىنلىقنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۆلچىمى قىلدى . جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ  تەرەپلىرىنى بەدىئىي ئوسۇل بىلەن يورۇتۇپ بەرمەكچى بولدى . يازغۇچى دوستلىرى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمىدى ، ئەدەبىيات سالونلىرىغا قاتنىشىپ ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كۆز-قارىشىنى بايان قىلدى ، ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ھادىسلەرگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىدى . ئەمما توقۇنۇش –ئىختىلاپلاردىنمۇ خالىي بولالمىدى ، نۇرغۇن كەسىپداشلىرى بىلەن خەيرلەشتى ، ئەمما بىلنىسكىي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىدى ، ئايرىم مەسىلىلەردە بىردەك قاراشقا كېلەلمىسىمۇ ، ئەمما ئومۇمى جەھەتتە ئورتاقلققا ئىگە بولاتتى ، ئۇلار ئارىسىدا چىن دوستلۇق پەيدا بولدى ، شۇڭا بىلنىسكىي ئالەمدىن ئۆتكەندە ئونىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردى.
     ئۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە داڭق چىقىرىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى ، ئەدەبىياتتىن باشقا مەسىلىلەرگىمۇ نەزەرىنى ، دىققىتىنى ئاغدۇردى ، ئۇ بۈيۈك يازغۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى چاغدىكى روسىيەنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيتىنى كۈزەتتى ، مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇ دەۋرنىڭ ئىلغار زاتلىرى ، ئەرباپلىرى بىلەن بىلەن بىرلكتە سوتسىيالىزم ، كوممۇنىزم ، سىياسىي-ئىقتىساد ، ئىجتىمائى تۈزۈم ھەققىدە ئويلاندى ، ئادەمنى ئادەم يەيدىغان، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان چىرىك جەمئىيەتنى ، ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تۈگۈتۈپ ، ھەممە ئادەم تەڭ - باراۋەر بولىدىغان گۈزەل جەمئىيەتكە ئىنتىلدى ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ياقلىدى، كىشىلەرگە ھېسىداشلىق قىلدى، يانچىلىق تۈزۈمنى قاتتىق تەنقىد قىلدى،  قانۇنلۇق يول بىلەن يانچىلارنى ئازاد قىلىش كېرەك دەپ ئويلىدى، ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل غايىۋى ئىدىيسى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلدى ، ئىلغار ئىدىيىنى قۇۋۋەتلىدى ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىلغار ئىدىيىلىكلەر بىلەن مەخپى ئۇچراشتى ، ھەرىكەت قىلدى . ئەدەبىياتنى ۋاسىتە قىلىپ چار پادىشاھنىڭ چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە قارشى چىقتى، كۆزگە قادالغان مىق دەپ بىلگەن چار پادىشاھ  ئۇنى ئاخىرى  قولغا ئالدى . ھەربىي سوراققا تارتتى . جىنايىتى ئېغىر دەپ قاراپ، پۈتۈن ھەربى ئۇنۋانى ۋە مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ، دەرھال ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇدى، ئەمما كېيىن باش تەپتىش مەھكىمىسى ئونىڭ مەخپى ھەركىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئونىڭ ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۆلۈم جازاسىنى سۈرگۈن قىلىش جىنايتىگە ئۆزگەرتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى باشلىدى. ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈردى، ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا تۇتقاقلىق كېسىلى پات-پات قوزغىلىپ قالدى،  ئۇ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا خورلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ياش تۆكتى، نامرات ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتى. ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن بىھۇدە قامالغانلار بىلەن سىرداش دوسىتلاردىن بولۇپ قالدى، ئولارنىڭ ئادەمنىڭ يۈرۈكىنى ئۆرتەپ تاشلايدىغان ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىدى، خاتىرىلىدى، ئەسەرلىرىگە پۈتتى. ئۆزىمۇ يەتكۈچە ئازاپ تارتىپ ، بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى ، شۇ كۈنلەردە بىر شۇم خەۋەر كەلدى . يىگىرمە بىر جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىندى . ئۆلۈم كۆلەڭگۈسى ئولارغا يېقىنلاپ كەلدى ، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن دوستويۋىسكىمۇ تۈۋرۈككە باغلاندى . ئۆلۈم ئالدىدا ئونىڭ پىكىرلىرى چېچىلدى ، خىيال كەپتەرلىرى كۆڭۈل ئالىمىدە پەرۋاز قىلدى، ئو ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندى ، ئۇنىڭ بۇ ئوي-پىكىرلىرى ئونىڭ كېيىنكى ئىجادىيتىدە نامايەن بولدى ، مىلتىقنىڭ ئېغىزى ئونىڭغا دىۋەيلەپ تۇرغان چاغدىمۇ  ئۇ زىنھار شۈركۈنمىدى ، ئېتىلسۇن دەپ بۇيرۇق بېرىلسىلا  ئۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلاتتى . ئەمما شۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بەردى . جىددىي ئېلىپ كېلىنگەن بىر پارچە ھۆججەت قومانداننىڭ قولىغا تەگدى . شۇنىڭ بىلەن مىلتىق ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىلدى . ئۇمۇ باغلاقتىن بوشىتىلدى . سېبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىندى ، ئۇ يەردە تۆت يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن كېيىن چېگرا رايۇنغا بېرىپ ئەسكەر بولدى . شونىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ كۈچەيدى . ئىدىيەنى،  روھىنى تېخىمۇ پاك تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشتى . ئو ئېرتىش دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئىرمۇسكىي تۈرمىسىگە كەلدى . ئۇنى ئەر-ئايال دوسىتلىرى يوقلاپ كەلدى . ئۇنىڭغا باتۇرلارچە ياشاشنى ئېيتتى ، تۈرمە قاتمۇ-قات تام ۋە قاشالار بىلەن ئورالغان ئىدى . سۈرلۈك دەرۋازىسى ھامان ئېتىكلىك تۇراتتى، گۇندىپاينىڭ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى، قاراۋۇللار نۆۋەت بىلەن  يىگىرمە تۆت سائەت پوستتا تۇراتتى . ئىككى يۈزدىن ئارتۇق جىنايەتچى بار ئىدى. يازدا چىدىغۇسىز ئىسسىق بولاتتى ، قىشتا سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق بولاتتى، بىر كامىردا ئوتتۇز نەچچە جىنايەتچى بار ئىدى. كامىر زەي ھەم سېسسىق ئىدى. ئورۇش – جېدەل بولۇپ تۇراتتى، بۈرگە، چۇسا، پىت ئولارنى خالىغانچە بوزەك قىلاتتى. ئۇ تۈرمىگە كەلگەن تۇنجى كۈنى، سەۋەبسىزلا تىل-ئاھانەت ئاڭلىدى. گۇندىپاي، ئالدامچى، ھاراقكەش، چاكىنا، ئىپلاس، قائىدە ئۇقمايدىغان، كەيىپ-ساپاغا بېرىلگەن، ھەمىشە يامانلقىنى ئويلايدىغان چۈپرەندە ئىدى. ئۇ ئەپ تاپسىلا دوستويۋىسىكىغا تۇزاق قۇردى، ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن دوستۇيۋىسكىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەمما گۇندىپاي ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىدى. تاماقدىن قىستى، ئېغىر ئەمگەككە سالدى، مەجبۇرىي ئىشلەتتى. ئونىڭدىن باشقا يەنە تەن جازاسىغا، روھىي جازاغا ئۇچرىدى. ئاخىر بېرىپ كىتابمۇ ئوقىيالمىدى، ئەسەرمۇ يازالمىدى. ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىدىغان دوستلار بىلەنمۇ پاراڭلىشش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ھەتتا تەنھا تۇرىدىغان چاغلىرىمۇ ئاساسەن بولمىدى، ھامان بايقۇت ئاستىدا تۇردى. ئۇ سىياسىي جىنايەتچى دەپ قارالغاچقا ئادەتتىكى مەھبۇسلارغا قارىغاندا قاتتىق جازاغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى يانچىلار، ئەسكەرلەر، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ سۇنماس ئىرادىسى تۈرمىداشلارنى قايىل قىلدى . تۈرمىداشلارنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى . ئۇ ھامان تۈرمىدىن چىقتى . ئۇ تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىقىپ  بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ، ئۇھسىنغىچە نەچچە باھار بۇ يەردە ئۆتتى ، نۇرغۇن ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ ھاياتى بۇيەردە ئۆتتى دېدى . ئۇ مۇشۇ چاغدىلا ئۆزى بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى تۇنجى قېتىم بىلدى ، تۇرمۇشنى ، ئاۋام- پۇقرالارنىڭ ھال كۈنىنى ھەقىقي چۈشەندى . ئۇ تۆۋەن قاتلام جەمئىيەتنى چۈشىنىپ ، ئۆزىدىكى روھىي جىمغۇرلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشتى . روھىي جەھەتتىن ئىزدەندى ، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ  ، ئىنسانلارنى نىجات تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئويلاندى . ئۇ ئوتۇپىيەگە ئوخشاپ كېتىدىغان ، سوتسىيالىزمنى ئىنكار قىلىدىغان  جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ، زۇلمەت تەرەپلىرىگە قاتتىق ئۆچ بولدى . خەلققە يېقىنلاشتى ، خەلقتىن ئۆگەندى . ئەركىنلككە ، ھۆرلۈككە ئىنتىلدى ، ئۇنىڭ بۇنداق ئىدىيەسى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈلدى .
ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن سېبىرىيە يەتتىنجى چېگرا مۇداپىئە لاگېرىدا ئەسكەر بولدى ، بۇ لاگېر  قىرغىز يايلاقلىرىغا جايلاشقان ئىدى ، شىنجاڭنىڭ چېگراسىغا يېقىن ئىدى ، بۇ يەردىن ئېرتىش دەرياسى ئېقىپ ئۆتسىمۇ، ئەمما شارائىتى ناچار بىرەر تۈپ دەل-دەرەخنىمۇ چېلقتۇرغىلى بولمايدىغان ، ئاران ئۈچ مىڭ ئاھالىسى بار، ئاھالىسى يېرىم چارۋىچىلىق قىلاتتى . كىگىز ئۆيدە ئولتۇراتتى ، تۇرمۇشى قىيندا ئۆتەتتى . دوستىيوۋىسكى ئامالسىزلىقتىن بۇنداق قىيىن تۇرمۇش شارائىتىغا كۆندى. بۇنداق قىيىن تۇرمۇش شارائىتىدا ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلدى . ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن لاگېرغا يېقىن يەردىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزى يالغۇز تۇردى، ئىجارە ھەققىنى ئاكىسى تۆلەپ بەردى ، ئۇ بۇ ئۆيدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدى، نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆڭلىگە پۈكتى . ئۇ شۇ يەردىكى تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى . بۇ خەۋەر تېزلا تارقالدى . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەدەبىيات ئاشنالىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى . ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەسىلىلەردە ، بولۇپمۇ ئەدەبىيات ھەققىدە مۇلاقەتتە بولدى . ھەتتا شۇ يەردىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار ،كەسپىي خادىملارمۇ ئۇنى يوقلاپ تۇردى، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش بولدى . ئۇ شۇ كۈنلەردە ئىسايېف ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنى مارىيە ئىسايېف بىلەن تونۇشتى . ئىسايېف شۇ يەردىكى خانتۇ ئىدى . ئۇزۇن يىل ئۆپكە كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقانىدى ، ئۇ ئۆپكە كېسىلى بولۇشىغا قارىماي ئۆلگۈدەك مەيخورلۇق قىلاتتى . ھاراق ئىچىۋېلىپ ، ئالەمنى مالەم قىلاتتى . ئۇ دوستىيوۋىسكى بىلەن تونۇشقاندا خىزمىتىدىن قوغلىنىپ، يېڭى خىزمەت ئىزدەۋاتاتتى ، كۈنى غۇربەتتە ئۆتەتتى . دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغانسېرى كۆپ كىرىپ چىقىدىغان بولۇپ قالدى . دوستيوۋىسكىنى جەلپ قىلۋاتقىنى ئۇ ئەمەس، ئۇنىڭ بەرنا ،نازىنىن، يەتتە ياشلىق بالىسى بار ئايال مارىيە ئىدى . ئالتۇن چاچ ، ئوتتۇرا بوي، زىلۋا ، خۇش مىجەز ، ھېسسياتچان ، بىلمخۇمار ،جانلىق ،شوخ بۇ ئايال دوستىيوۋىسكىغا ئۆز ئېرىدىنمۇ بەك كۆيۈندى . دوستىيوۋىسكيمۇ بۇ ئايالنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچىنى ئاغرىتتى. بۇنداق ئۆز-ئارا ھېسداشلىق ئاخىرى مۇھەببەتكە ئايلاندى . دوستيوۋىسكى ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قالدى ، ئۇنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدى، مارىيە پۈتۈن دەرد-ھالىنى دوستىيوۋىسكىغا تۆكتى . دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ سادىق ئاڭلارمىنىگە ئايلاندى . دوستيوۋسىكى ئۇنىڭغا ھەرتەرەپتىن ياردەم قىلىپ تۇردى، مارىيەنىڭ ئېرى مەيخورلۇق، دەرد- ھەسرەت تۈپەيلدىن ئۆلۈپ كەتتى. دوستىيوۋىسكىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ ئوفېتسىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشىغا چەك قويۇلدى . نىھايەت، دوستىيوۋىسكىي مارىيە بىلەن توي قىلىش نىيتىگە كەلدى، ئۇلار توي قىلدى، توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوستىيوۋىسكىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قالدى.  مارىيە قورقۇپ كەتتى، بۇ ھال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى . ئەمما مارىيەنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان يۈرىكى ئۇنىڭ مۇھەببەت رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئۇ ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، ئەركىن ئىجادىيەت ئالىمىدە ياشىدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆپلىگەن ئۆتكۈر نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى ، يۈكسەك سەنئەت پەللسىگە يەتكەن يۇمۇرىستىك ئەسەرلەرنى ياراتتى ،كۆيۈمچان مارىيە ئۇنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى ، ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق پېتىربورگقا قايتىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى .
ئۇ پېتىربۇرگقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي جامائەت پىكىرلىرىنى كونتىرول قىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە بوشاتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى گۈللەپ –ياشناش ۋەزىيتى بارلىققا كەلدى . بۇ دەۋردە لىبرمېنتوۋ ،گوگۇل ،بىلنسكى قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچى- شائىرلار ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، رۇس ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يەنە لېف تولىستوي، گانچاروۋ، ئوستىروۋىسكىي قاتارلىق ياش يازغۇچىلار چولپان كەبى چاقنىدى. بۇ ھال دوستىيوۋىسكىدا يەنە ئۈمىد پەيدا قىلدى . ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ پېتىربورگقا قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇنى قەھرىمان دەپ بىلدى، ئۇ زىنھار ئۈمىدسىزلەنمەي ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىقچىلىققا بېرىلدى. تۈرلۈك ئەدەبىيات –سەنئەت كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك ئەدەبى ئەنجۈمەنلەرگە ئىشتىراك قىلدى . ياش يازغۇچى –شائىرلار بىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ ،تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتى. مەشھۇر يازغۇچى-شائىرلار درامىدا رول ئالدى . دوستىيوۋىسكى درامىدا رولنى ياخشى ئالغاچقا كىشلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ « مەشئەل » ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۆپ يازغۇچى –شائىرلار بىلەن تونۇشتى . ئىجادىيەتتە تېخمۇ ئىلگىرىلىدى . شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئاكىسى مىخائىل ئەدەبىي ژۇرنال چىقارماقچى بولغانلىقىنى دېدى . دو ستىيوۋىسكى ئاكىسىنىڭ بۇ پىكىرىگە قىزىقىپ قالدى .دوستىيوۋىسكى پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇھەررىرلىك ، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەچكە ، ئائلىنىڭ ھەممە ئېغىرى ئايالى مارىيەگە يۈكلىنىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئائىلە كەيپىياتى بارغانسېرى چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولسىمۇ، دوسىتيوۋىسكى خۇتۇنىغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ھەرگىز سۇسلاشتۇرمىدى . ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلار ئايرىلىپ تۇرۇشىقا مەجبۇر بولدى . ئاخىرى «دەۋر» ژۇرنىلى نەشىردىن چىقتى . دوستىيوۋىسكى بۇنىڭدىن قەۋەت خوش بولدى . كۆپ يىللىق ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى دەپ بىلدى. ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ئىش تەقسىماتى قىلدى. ئاكىسى ژۇرنال ئومۇمىي ئىشلىرىغا مەشئۇل بولدى . دوستىيوۋسىكى تەھرىرلىك ئىشىغا مەسئۇل بولدى. دوستىيوۋىسكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئۇشبۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلدى . شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «خورلانغانلار ۋە رىيازەت چەككۈچىلەر »، « تۈرمە خاتىرىلىرى » قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى مۇشۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى .
دوستىيوۋىسكى نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ تۈرمۈش تەجرىبىسى توپلاش ئۈچۈن ياۋرۇپاغا ساياھەتكە باردى . ياۋرۇپادىكى ھەممە دۆلەتلەرگە دېگۈدەك باردى . ئەمما ئۇ كىشىلەر جەننەت ماكان دەپ تەرىپلىگەن بۇ زېمىندا مەدەنىيەتنىڭ قارا كۆلەڭگۈسىنى ، چاكىنا تەرەپلىرىنى كۆردى. دوستىيوۋىسكى ياۋرۇپادىكى كۈنلىرىدە رۇسىينىڭ ۋەزىيتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى . چارپادىشاھ ئاۋام -پۇقرالارنى قانلىق باستۇردى، چىرنىشۋىسكى قاتارلىق نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ئەربابلار قولغا ئېلىنپ تۈرمىگە تاشلاندى . «دەۋر» قاتارلىق ئىلغار ئىدىيە نەشر ئەپكارلىرى نەشر قىلنىشتىن توختىتىلدى . بۇ چاغدا ئۇ رۇسىيەگە قايتىپ كېلىپ ،چارپادىشاھ دائىرلىرى بىلەن تىغمۇ –تىغ ئېلىشتى.  ئۇ ئىككىنچى قېتىم ياۋرۇپاغا ساياھەت قىلغاندا مۇسلىۋا دېگەن بەرنا قىز بىلەن سەپەر قىلدى . ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى كۆڭۈللۈك بولمىسىمۇ، دوستىيوۋىسكى ئۇنى مەڭگۈلۈك قىز دوستۇم دەپ بىلدى، چۈنكى ئۇ قىز شاللاقلىق قىلىپ، دوستىيۇۋىسكىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە قىمارغا خۇمار بولۇپ قالدى . بۇ ھال ئون يىلغىچە داۋاملاشتى . ئۇ قىمارنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، يەنىلا قىماردىن قول ئۇزەلمدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ «قىمارۋاز» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى . ئۇ ياۋرۇپادىن قايتىپ كەلگەندە ئايالى مارىيەنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى بىلىپ ، كۆپىنچە ۋاقتىنى ئايالىنىڭ  يېنىدا ئۆتكۈزدى . بۇ چاغدا دوستيوۋىسكى ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ يەنە «ھەقىقەت »ژۇرنىلىنى تەسىس قىلدى. بۇ ژۇرنالمۇ خۇددى «دەۋر» ژۇرنىلىدەك ئاكتىپ رول ئوينىدى، ئەمما بۇ چاغلاردا ئايالى مارىيەنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى . ئاخىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي مارىيە ئوتتۇز تۆت يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مارىيە ئالەمدىن ئۆتۈپ ئاكىسى مىخائىل قىرىق ئۈچ يېشىدا ئۇ دۇنياغا كەتتى . ئۇلار باشقا جەھەتتە بىردەك بىر قاراشقا كېلەلمىسىمۇ ، ئەدەبىيات جەھەتتە بىردەك قاراشقا كېلەلەيتتى. مەسلەكداش بولالايتتى، ئاكىسى ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغانىدى ، ئۇ بۇ قەرزلەرنى دوستىيوۋىسكىغا قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئائىلىسنىڭ ، ئۆزىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ نام-شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن چىشىنى –چىشىغا چىشلەپ، ئاكىسىنىڭ قەرزىنى تۆلىدى . ئۇ يەنىلا ئەدەبىياتنى دەپ  قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى . جىددىي ئۈچ مىڭ روبلى كېرەك بولۇپ قېلىپ ، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىدىن سورىدى، ئۇلاردىن قەرز بېرىشنى ئۆتۈندى ، نەشرىيات سودىگەرلىرىگە ئەسەر يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈندى ، ئەمما نەشرىيات سودىگەرلىرى رەت قىلدى . بىر ھايانكەش نەشرىيات سودىگىرىگە مەجبۇرەن تۆۋەن قەلەم ھەققىي بەدىلىگە ئەسەر يېزىپ بېرىش توختامىغا قول قويدى . ئۇ بۇ پۇلنىڭ يېرىمنى بىچارە يەڭگىسىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەردى ، يېرىمىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە كەلدى ، تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي ئۇ پۇلنىمۇ ئوتتۇرۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قول سائىتىنى مېھمانسارايغا گۆرۈگە  قويۇشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ دوستلىرىدىن پۇل ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈندى . ئاخىرى تۈرگېنىۋ ئۇنىڭغا ئازراق پۇل ئەۋەتىپ بەردى . ئۇ بۇ پۇلنىمۇ ئوتتۇرۋەتتى . ئۇ مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا «جىنايەت ۋە جازا »نى يېزىشقا كىرىشتى . ئۇ رۇسيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۇ روماننى يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. نەشرىيات سودىگىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەسىرىنى تېز يېزىپ تۈگۈتۈشكە توغرا كەلدى . ئەمما دوستيوۋىسكى يېزىپ ئۈلگۈرتەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر دوستى  يىگىرمە ياشقا كىرگەن ئاننا ئىسىملىك بىر تېز خاتىرلىگۈچى قىزنى تونۇشتۇردى ، ئاننا رايىش، خۇش مىجەز ، تەربىيە كۆرگەن قىز ئىدى . ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپلا دوستيوۋسىكىغا چوقۇناتتى .  شۇنىڭ بىلەن ئاننا ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن ياردەمچىسىگە ئايلاندى . ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى زور بولدى . دوستيوۋىسكى ئېغىزاكى ئېيتىپ بەرگەن مەزمۇننى ئاننا ئۆيگە ئەكىتىپ رەتلەپ ئەتىسى ئالغاچ كەلدى ، شۇنداق قىلىپ ئەسەر ۋاقتىدا پۈتۈپ قەرەلىدە تاپشۇرۇلدى. ئەسەرمۇ پۈتتى، ئىككى يۈرەك ئاخىرى بىر جان بىر تەن بولدى. دوستىيوۋىسكىي قىزغا ئىللىق مۇئامىلە قىلدى. قىزمۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى . ئاخىر ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن چېركاۋغا بېرىپ توي قىلدى. ياۋرۇپاغا شېرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى باردى . ئەمما دوستىيوۋىسىكى ساياھەت جەريانىدا يەنە يېڭى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئويلاندى . ھەرگىزمۇ  مۇھەببەت  قوينىغا غەرق بولۇپ ، ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق يۇرمىدى . ئۇلار تۆت يىلدىن كېيىن رۇسيەگە قايتىپ كەلدى .ئىككى پەرزەنت كۆردى، ئەمما ئۇ يەنە قېيىن ئاتىسىنىڭ نۇرغۇن قەرزىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى بىر ھايانكەش سودىگەرگە قويۇلۇپ كېتىپ ، نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە پىلانلىغان ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش بىلەن تەڭ ژۇرناللارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تەھرىرلىك خىزمىتىنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ئۇنىڭ قەددىنى قىسماقتەك ئەگدى . ئەمما ئۇ بەل قۇيۇۋەتمەي خوتۇنىغا بولغان پاك مۇھەببىتى، ئەدەبىياتقا بولغان چىن ئەقىدىسى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى ، ئۆلمەيدىغاندەك تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىدى . ئۇنىڭ  تۇتقاقلىق كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى ، داۋالاش ، دورا- دەرمەكلەرمۇ شىپا قىلمىدى،  ئو كېسەل كارۋىتىدا يېتىپمۇ يەنە يازماقچى بولغان رومانلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلاندى ، بولۇپمۇ « ئۆسمۈر » ،« ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» دېگەن رومانلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى ۋە ھايات چېغىدا پۈتتۈرۈشنى نىيەت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن مەنزىرىسى گۈزەل، مۇھىتى تېنىچ كونا لوساغا بېرىپ ، ئو يەردە   « ئۆسمۈر » ،« ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى تاماملىدى . ئەمما قاتتىق چارچىغان يازغۇچى ئايالى ئاننانى ، ئىككى يۈرەك پارىسىنى تاشلاپ 1881-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى لەھەت يولىغا سەپەر قىلدى . ئونىڭ جەسىتى مەشھۇر رۇس شائىرى روكۇۋىسكىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا قۇيۇلدى .

2
بىز يۇقىرىدا ئاپتورنىڭ ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيىتى، ئىجادىيەت قارىشى ۋە كىشلىك قارىشى ، كىشلىك ھاياتى ، كىشلىك قىممىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق. ئەمدى ئاپتورنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز .
«دېھقان مايىل»  (1832). باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى دالىيف كەنتىنىڭ مەسئۇلى چىرايىنىڭ ئۆڭسۈلى يوق ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ ، پۈتۈن مەھەللە ئوتتا كۆيۈپ ، كۈل بولۇپ كەتتى دەپ خەۋەر قىلىدۇ . تۇرالغۇ ، قورۇقلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ كېتىدۇ ، ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى قىيىن بولىۋاتقان دېھقان مايىل قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ . ئاپتور بۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجاد قىلغان مەشھۇر ئەسىرى  « ئاكا-ئۇكا كارامازوكلار» دىكى دىمتىرنىڭ چۈشىدە تەسۋىرلەنگەن ئېچىنىشلىق مەنزىرىنىڭ ئورنىغا قويغان .
«مارىيە سىتورىيان » ۋە « بورمىس ئىگورنۇۋ» (1841) . بۇ دراما ئەسىرى بولۇپ ئورگىنالى ساقلىنىپ قالمىغان ، ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان چاغلاردا يۈتۈپ كەتكەن .
«نامرات» (1846).  بۇ سالام خەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان رومان بولۇپ، پۈتۈن ئەسەردە ئېغىر لىرىك كەيپىيات ۋە ئىنچكە ئىچكى تەسۋىر بايان قىلىنغان . بۇ ئەسەردە ئاپتور پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېرەن يەرلىرىنى چىن ھېسسياتى ، باش پېرسۇناژنىڭ شاد –خۇراملىقى ، قايغۇ –ھەسرىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن . دەل شۇنداق بولغاچقا جىخۇشلىكىن بىلەن ۋالەنكانىڭ ئېچىنشىلىق ھەسرەتلىك ھېكايىسى سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەككەن. ئاپتور بۇ ئەسەردە رۇس ئەدەبىياتىدىكى «كىچىك پېرسۇناژ»لار توغرىسىدىكى تېمىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان . جىخوشكىن ئەرزىمەس مۇلكى خادىم بولۇپ، ئۇنىڭ پاك –ئاق كۆڭۈل روھى ، گۈزەل روھى دۇنياسى كىشلەرنى جەلپ قىلىدۇ . ئۇ بىچارە يېتىم قىز ۋالەنكانى رەھىمسىز ئايال خوجايىننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۋالىدۇ . ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك باتۇرانە روھى بىلەن ئۇ قىزنى ھېماتىغا ئالىدۇ ۋە ئۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىنى ياراملىق ئەر ئىكەنمەن دەپ سېزىدۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا ۋالەنكانىڭ ئېچىنشىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۇيىدە ئاقىدۇ . قىسقىسى، «نامرات » دېگەن بۇ ئەسەر كىچىك پېرسۇناژلارنىڭ ئادىملىكى ، ھېسىداشلىق بىلەن تولغان قەلبى، جان تەسەددۇق ئەيلىشىدەك روھى، مۇھەببەتكە ۋە بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان .
«قوش خاراكتېر »(1846). بو پوۋېست دوستيوۋىسكىنىڭ ئىجادىيتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ، بۇ ئەسەردە مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، كىچىك بىر مۇلكى خادىمنىڭ ئوبرازى يارىتلغان. ئاپتورنىڭ يۈكسەك بەدىئى ماھارىتى نامايان قىلىنغان، باش پېرسۇناژنىڭ قوش خاراكتېرى رېئاللىق بىلەن خىيال ئارىسىدا ئىپادىلىنىدۇ ، پېرسۇناژ قۇرۇق خىيال سۈرىدۇ ، جىددى پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ ھەتتا قاباھەتلىك چۈشلەردىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاپتور باش پېرسۇناژنىڭ روھى ھالىتىنى بىمەنە، ئاڭسىز يوسۇندا بايان قىلىدۇ . ئەسەر ئېلان قىلنغاندىن كېيىن رۇس ئەدەبىيات مۇنبىرىدە زور غولغۇلا پەيدا قىلىدۇ .
«ئايال ئۆي خوجايىنى»(1846) ئاپتور بۇ پوۋېستنى پۈتۈن زېھنى قۇدرىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يازغان بولۇپ ،پېتربورگ ئەتراپىدا يۇز بەرگەن ساماۋىي-چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەسىدەك بىر ۋەقە تەسۋىرلەنگەن . ئايال باش قەھرىمان تولىمۇ رايىش ۋە مۇلايىم بولۇپ .ئۇنىڭ بىر قېرى سودىگەر بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان مەنزىرىسى ،يەنە بىر ياش ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە مۇرەككەپ پىسخىك توقۇنۇشى بايان قىلنغان . ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ياش ئوقۇغۇچى خىيالپەرەس بولۇپ ،رېئاللىقتىن چەتنىگەن بىر ئادەمنىڭ ئوبرازى يارىتلغان .
«باشقىلارنىڭ خوتۇنى»، «تاۋى نازۇك »،«بورزۇناكوۋ»،« ساداقەتمەن ئوغرى »، «مىلاد دەرىخى ۋە توي مۇراسىمى »،« ئاق  كېچە»،« بىتوچاكا ۋە نېزۋالوۋا» ( 1847). بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە «ئاق كېچە » دېگەن پوۋېستى بىلەن «بىتوچاكا ۋە نېزۋالوۋا » دېگەن تاماملانمىغان. رومان بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەرلەردە ئوخشاشلا بىر خىيالپەرەس باش پېرسۇناژ قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن .
«ئاق كېچە»دە تەسۋىرلەنگەن باش پېرسۇناژ پېتربورگلۇق نامرات زىيالى بولۇپ ، ئۇ جىمغۇر، قوش خاراكتېرلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، ئۇ مۇلكى خادىم بولسىمۇ، نامراتلار رايۇندا ياشايدۇ، قۇرۇق خىيالغا بېرىلىدۇ، روھىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇ بۈيۈك ئەربابلار بىلەن تونۇشۇشنى، قازان شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ،قەھرىمانلىق نەتىجىسىنى يارىتىپ، قىزلارنىڭ مۇھەببتىگە نائىل بولۇشنى خىيال قىلىدۇ، ئەمما ئۇ خىيال دۇنياسىدىن ئويغانغان دەملەردە پۇرسەت، ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرمۇشنى قايتا تونۇشقا مەجبۇر بولىدۇ .
«بىتوچاكا ۋە نېزۋالوۋا ». بۇ تاماملانمىغان رومان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆزگىچە بەدىئى قىممەتكە ئىگە ئەسەر. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى زور بولۇپ ، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، ئەسەردە ئايال باش قەھرىمان نېتوچاكا نېزۋالوۋانىڭ ھېكايىسى كۈندىلىك خاتىرە شەكىلدە بايان قىلنغان ، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بىر قانچە باسقۇچ ئىنچكە تەسۋىرلەنگەن . بۇ ئاددى ئائىلدىن كېلىپ چىققان ، كىچىكىدىن تارتىپلا بەختسىز بولۇپ ، يېتىم بالىغا ئايلنىپ قالغان ، ئۇنى گراف بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ ، ئۇ يۇقىرى تەبىقە كىشلىرى بىلەن چىقىشالمايدۇ ، ئۇ بۇرۇن يېتىلگەچكە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە نامرات بولغاچقا، ھاقارەت ئازابىنى يەتكۈچە تارتقاچقا قۇرۇق خىيالغا بېرىلىدۇ ، قۇرۇق خىيالى دۇنياسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ، ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغان بۇ دۇنيادا پەقەت ئازدۇرۇش، ئەيىش –ئىشرەتلا مەۋجۇت بولىدۇ . ئۇ شۇنداق خىيال قىلىۋېرىپ ، ئاخىرى پاجئەگە دۇچ كېلىدۇ .
«تاغامنىڭ چۈشى »،« سىتىفانچىكىلوۋ كەنتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى » (1854). بۇ ئىككى رومان ساترىك ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان بولۇپ ، يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . «تاغامنىڭ چۈشى » دە ئاق سۆڭەك ئايال مارىيانىڭ قېرى گرافنىڭ مال –بىساتىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن گرافنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىش تەلىپى قويۇشقا قىزىقتۇرغانلىقى سۆزلىنىدۇ . ئاپتور مۇشۇنداق قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئارقىلىق يۇقۇرى تەبىقە ئاق سۆڭەكلەرنىڭ چاكىنلىقىنى پاش قىلغان .
«سىتىغاتوچاكوۋ كەنتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى »پومېشچىكنىڭ دوستى، يۇندىخۇر خمانىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق يانچىلار تۈزۈمى جەمئىيتىدىكى كېسەلمەن خاراكتېرگە ئىگە بىر دەللالنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلغان .
« تۈرمە خاتىرىلىرى » (1860). بۇ بەدىئى توقۇلمىغا باي ئوچېرىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر بولۇپ ، يۈكسەك بەدىئى قىممەتكە ئىگە. ئەسەر ئىلانچاكوۋ دېگەن بىر توقۇلما پېرسۇناژنىڭ ئېغىزىدىن كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە بايان قىلنىدۇ ، ئەسەردە تۈرمىدىكى رەھىمسىز ، ئادەم چىدىغۇسىز ھايۋانىي تۇرمۇش بايان قىلنىدۇ .تۈرلۈك جىنايەتچىلەرنىڭ ھەر خىل كەچۈرمىشلىرى ئوبيكتېپ بايان قىلنىدۇ ،يانچىلىق تۈزۈمنىڭ ۋە چارپادىشاھ ھاكىمىيتىنىڭ چىرىكىلىكى قامچىلىنىدۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ .ئوقۇرمەنلەرنى چارپادىشاھنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىپتۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ .
«بوزەك بولغانلار ۋە خورلانغانلار »( 1860). بۇ دوستىيوۋىسكىنىڭ ئىدىيەسى بىلەن ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئەسەر . بۇ ئەسەردە ئىككى ئائىلىنىڭ تىراگېدىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . بۇ تىراگېدىيەنى گراف ۋاركوۋسكىي پەيدا قىلىدۇ . ۋاركوۋىسكى شىمىسنىڭ قىزى ناجانى ئازدۇرۋېتىدۇ ، ئۇ شىمسىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قىزنى تاشلىۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ  قىز قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيدە ئۆلۈپ كېتىدۇ . ناجانىڭ قىزى گرافتىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇ بوۋىسى بىلەن بىللە ئېچىنشىلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاركوۋسىكى ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىلخېمونوۋ تۆھمەتكە ئۇچراپ، پۈتۈن تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ قىزى ناتاشامۇ ۋاركېۋىسكىنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن ئازدۇرۇپ كېتىلىدۇ . بۇ ئەسەردە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يەپ كېتىشىدەك ئېچىنشلىق رېئاللىق تەسۋىرلىنىدۇ . ۋاركېۋىسكى رەزىللىكنىڭ ، قانخور جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى. ئاپتور ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئۆزلۈكنى تونۇۋېلىشنى، جاپاغا چىداش خاراكتېرىنى مەدھىيەلەيدۇ .
«قىمارۋاز »( 1863). بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلنىدۇ. ئۇ ياۋرۇپاغا ئىككىنچى قېتىم خوتۇنىغا ئۇقتۇرماي سولسىۋا دېگەن بىر قىز بىلەن ساياھەتكە چىققاندا كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. سولسىۋا شاللاق قىز بولغاچقا دوستىيوۋىسكىغا بەك ئەسكىلىك قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ  مۇھەببىتى ھەقىقىي ھېسسياتقا ئەمەس، بەلكى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، دوستيوۋىسكى ئۇنىڭ پۇلغا بولغان ئارمىنىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرى قىمارغا بېرىلىپ كېتىدۇ ،پۇل تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇتتۇرۋېتىدۇ ، ئۇ قىز پۇلى يوق بۇ ئەرنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن كېتىدۇ، دوستيوۋىسكى ئاخىرى رۇسىيەدىكى دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن رۇسىيەگە ئاران قايتىپ كېلىۋالىدۇ . بۇ ئەسەردىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ ئاپتورنىڭ ئۆزىدۇر.
« مەست»( 1865). بۇ رومان پىلانغا ئېلىنىپ ئازراق يېزىلغان بولسىمۇ ،ئەمما نەشرىيات سودىگىرىنىڭ ۋەدىسىزلىكىدىن تاماملانمايدۇ .
«جىنايەت ۋە جازا »( 1865).دوستيوۋىسكى ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ مېھرىبان سىڭلىسى ۋىرا ئۇنى ياخشى يېزىقچىلىق شارائىتى بىلەن تەمنىلىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەك تەرەپ –تەرەپلەرگە بېرىپ ئىشلىگەن. بۇ ئەسەردە بايان قىلنغان بەزى ۋەقەلىك ئاپتورنىڭ ئائىلىسنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەسەرنىڭ باش تېمىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بايان قىلنغان. بوزەك قىلنغان، خورلانغانلارغا ھېسىداشلىق قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى رۇسىيە شەھەر خەلقىنىڭ ئېچىنشىلىق كەچۈرمىشى بايان قىلنغان. تاياق زەربىسدىن يۈز-كۆزلىرى  كۆكىرىپ كەتكەن پاھىشەلەر، پاسكىنا ئۆستەڭ سۇيىنى تالىشىپ جېنىدىن ئايرىلغان ئايال ئىشچىلار، نامرات مۇلكى خادىملار، بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلغان ساراڭ ئاياللار ،قىزىلكۆز جازانىخورلار، نۇمۇسسىز ئالدامچىلار، شاللاق ئاق سۆڭەكلەر، ماڭار يولى قالمىغان نامرات پېقىرلەرنى ... ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا نامايان قىلغان. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىمان راساكېرىناكوۋ ئىككى خىل خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز بولۇپ، ئۇ كىشلەرگە ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى جىمىغور، ئەسەردە ئۇنىڭ «نەزەرىيىۋى يادروسى »نى يەنى ئادالەتسىز جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش روھىنى نامايان قىلىدۇ. ئاپتور يەنە باش قەھرىماننىڭ تىراگېدىيسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى ئاخىرى تەڭرىگە بولغان ئېتىقادغا باغلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ قاراڭغۇ ، زۇلمەتلىك جەمئىيەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ ؛ ئاپتور يەنە بىر پېرسۇناژ سونىيەنى تەسۋىرلەيدۇ، سونىيە جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئوبرازى ، ئۇ چىن ئېتىقادنىڭ، پاك روھىنىڭ سىمۋولى. ئاپتور يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىنسان قەلبىدە يوشۇرۇپ تۇرغان تېرەن سىرلارنى نامايان قىلىدۇ. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن قاتىللىق ۋەقەسى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ ، پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەر قايسى بەدىئىي ئامىللىرى ئايرىغىلى بولمايدىغان ئورگانىك گەۋدىگە ئايلانغاچقا باش قەھرىماننىڭ ئىچكى دۇنياسى مىسلىسىز چوڭقۇر دەرىجىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىدا نامايان بولىدۇ. باش قەھرىماننىڭ ئۆزلۈك ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىل ئاڭغا ئىگە سوبيېكتىپقا ئايلانغان ، بۇ خىل سەنئەت جەھەتتىكى يېڭىلىق ئىنتايىن چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە . شۇنداق بولغاچقا «جىنايەت ۋە جازا » ئاپتورغا ئالەمشۇمۇل نام –شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەنئەتكارلىق ئورنىنى تىكلىگەن.
«ئەخمەق»( 1867). بۇ ئەسەردە ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە رۇسىيەدە كاپىتالىزم تەرەققىي قىلىپ، پۇل ۋە ھوقۇق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىمى شىددەت بىلەن ئېلىشىدۇ. ئاپتور بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى يۈكسەك بەدىئىي ئۇسۇل ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتور ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ،پۇل ۋە ھوقۇق تۈپەيلىدىن ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، ساغلام خاسلىقنىڭ يوقۇلۇشى، گۈزەللكنىڭ خۈنۈكلۈشىشى چىن مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى ، شەھۋەتپەرەسلكىنىڭ ئەۋج ئېلىشى تەسۋىرلىنىدۇ. گراف مېشىلكىننىڭ «گۈزەللىك دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدۇ »دېگەن غايىسى خورلانغان ۋە بوزەك قىلنغان ناشانىيە فېلبوۋنانىڭ ئوبرازى ، تورسىلكنىڭ پۇلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغانلىقى، ئاخىرى ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ناشانىيەنىڭ پۇل ۋە ھوقۇقنىڭ قىزىقتۇرىشى تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولۇپ ئەخلاقتىن چىققانلىقى، ئۇنىڭ زىددىيەت بىلەن تولغان روھىي ھالىتى  يۇقۇرى ماھارەت بىلەن بايان قىلىنغان. ئاپتور « ئەخمەق » دە ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ئەخلاق، ۋەز –نەسىھەتلىرىنى كومپىلكىت بولۇپ قالغان چاغلاردا سەنئەت رامكسنى بۇزۇپ تاشلاپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسەردە يارىتلىغان بەدىئى قىممەت يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگلەيدۇ. شۇڭا بىز «ئەخمەق » دىن ئاپتورنىڭ بەدىئىي قارشى بىلەن بەدىئى ئۇسلۇبىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .
« ئالۋاستىلار » (1871). بۇ ھەجىمى چوڭ سىياسىي رومان بولۇپ، روماننىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ. بۇ ئەسەرنى «شەھەر يىلنامىسى »دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئەسەردە 19-ئەسەرنىڭ 60- 70 يىللىرىدىكى روسىيە جەمئىيتىدە ياشاۋاتقان بىر توپ «ئالۋاستىلار» مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ، ئەسەردە يارىتىلغان پېرسۇناژلار كۆپ، بۇ پېرسۇناژلار ئارىسىدا كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى باش قەھىرىمان سىتاۋروتكىن ، بىلدىن ،ۋېرخونىسكى ئاتا –بالا ئۈچ ئادەمنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش- ئەمەلى، تەقدىر- قىسمىتى ئەتراپلىق بايان قىلنىدۇ. سىتاۋروتكىن ئاق سۆڭەك ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان، سالاپەتلىك، زېرەك ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىرادىسى ئاجىز ئادەم بولغاچقا ئەخلاققا مۇخالىپلىق قىلىپ، تىراگېدىيەلىك تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ، ئىچكى دۇنياسى زىددىيەت بىلەن تولۇپ كەتكەچكە ئاخىرى ئۆلۈۋالىدۇ، ۋېرخونىسكى تىپىك خىيال پەرەسلەرنىڭ ئوبرازى بولۇپ، ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىنقىلابنى باھانە قىلىپ»  سىياسى ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللنىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پېتىر شەرمەندە نەرسە بولۇپ، ئاتىسغا گۇپپاڭچىلىق قىلىدۇ، سۇيقەست، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللنىدۇ، ئۇ ھوقۇق ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، «ئالۋاستىلار »ئېلان قىلنىشى بىلەنلا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، كېيىن گوركى ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئەينى ئىجتىمائىي سىياسىي ۋەزىيتىنى يورۇتۇپ بەرگەن دەپ باھا بەرگەن. چۈنكى ھەر قانداق بىر دەۋرنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئەسەر شۇ دەۋردىكى سىياسى دائىرىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ۋە رەزىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرايدۇ.
« ئۆسمۈر» (1874). بۇ دوسىتيوۋىسكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان مۇھىم رومان. رومان بىرىنچى شەخس تىلى بىلەن بايان قىلنغان، ئەسەردىكى باش قەھرىمان ئاركاچى ئىش كۆرمىگەن يىگىت. ئۇ ئاق سۆڭەك ۋېرسلوۋنىڭ ھارامدىن بولغان ئوغلى بولۇپ، ئۇنى دېھقان ماكار دورگولوۋسىكى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئاركاچى بالىلىق چاغلىرىدا خورلۇق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. ئەمما ئۇ پۇل ھۆكۈم سۇرىۋاتقان، ھەممىگە قادىر بولۇۋاتقان دەۋردە بۈيۈك بانكىر بولسامكەن دەپ قۇرۇق خىيال قىلىدۇ، چوڭ ھوقۇق تۇتۇپ، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسەمكەن دەپ ئويلايدۇ. ئۇ پۇل ئالدىدا ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىدۇ، ئېتقادىنى يوقىتىدۇ. ئەسەردىكى يەنە بىر پېرسۇناژ ۋېرسلوۋ بولۇپ، ئۇ ئېتىقادسىز، مىجەزى تۇتۇرۇقسىز بولۇپ، ئىسراپخورلۇق بىلەن ياشايدۇ، پۇلۇم بار دەپ ھېچكىمنى نەزەرگە ئىلمايدۇ. ئاپتور ئەسەردە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشنى مۇھىم ئورۇندا قويۇشنى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتنى نۇرلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
« ئاكا –ئۇكا كارامازۋلار »(1878). بۇ زور ھەجىمدىكى رومان بولۇپ، ئون ئىككى قىسىمنى، خاتىمە قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەسەر 1878-يىلى يېزىلىشقا باشلاپ، 1880-يىلى تاماملىنىدۇ. ئاپتور ئەسەردىكى ھېكايىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كىچىك بىر ناھىيە بازىرىدا يۇز بەرگەن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما ۋەقەلىكنى كارامازوۋلار ئائىلىسدە تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئائىلە ئاتا كارامازوۋ، چوڭ ئوغلى ئاليوشا ، ئاتا كارامازوۋنىڭ ھارامدىن تېپىپ قويغان ئوغلى سىمېردپاكوۋ  قاتارلىق بەش ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ . ئاتا كارامازوۋ كىچىك پومىشچېك بولۇپ ، ئۇ بىمەنە ، رەزىل ، زېرەك ھەم شەھۋانى ئادەمنىڭ ئوبرازى . ئۇ پۇلنى دەپ بىر قانچە ئوغلى بىلەن كارى بولمايدۇ ؛ دىمىترى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوفېتسىر بولۇپ ، تۇرمۇشتا شاللاق ، مىجەزى ئوسال ، ئاتىسى بىلەن ئانىسىدىن قالغان مىراسنى ۋە بىر جالاپ ئايالنى تالىشىپ ، غەۋغا پەيدا قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ ، كېيىن ئەخلاقنى ياقلايدۇ . ئىۋان ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسى ، ئاتېزىمچى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مۇشكۇلاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ، تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىدۇ ، ئەمما ئۇ يەنە ھاياتقا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايدۇ ، ئەخلاقنى ياقلىماي ، خالىغانچە ئىش قلىدۇ ، ئۇلار مەنپەئەتنى دەپ ، ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرى ئارسىدا يۇز بەرگەن زىددىيەتلەرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدۇ ، كەنجى ئوغۇل ئاليوشا ئاق كۆڭۈل ،پاك يىگىت بولغاچقا كونا ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئۆچ بولۇپ ، چىن مۇھەببەتنى ياقلايدۇ ، ئۇ جامائەت ئىشىنىدىغان ۋە سۆيۈنىدىغان پېرسۇناژ ، سىمېردپاكوۋ قېرى كارامازوۋنىڭ ساراڭ ئايالدىن بولغان ھارامزادىسى. ئۇ ئىۋاننىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ مىڭ روبلىنى بۇلاپ كېتىدۇ . ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن كېيىن دىمىترى قاتىل دەپ قارىلىپ ، ئېغىر ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن سۈرگۈن قىلنىدۇ ، ئەمما سىمېردپاكوۋ قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ ، ئىۋان ساراڭ بولۇپ قالىدۇ ، ئاليوشا مۇناستىردىن ئايرىلىپ ، يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ، كىشلىك ھايات ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ، كارامازوۋ ئائىلىسىنىڭ تىراگېدىيسى چىرىك ، چۈشكۈن رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ روھىي مەھسۇلى . ئەمما ئەسەردە بايان قىلىنغىنى ئىنسانلارنىڭ ئازابى. ئاپتور ئەسەردە بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسلىلەرنى  مەسلەن : كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ،ئىنسانى ياخشىلىق ۋە ئىنسانى رەزىللىك ،جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش يوللىرى ، ئاتېزىم بىلەن دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ  شۇنداقلا نۇرغۇن مەسلىلەر ئاليۇشا ، ئىۋان ۋە زىسىما پوپنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق بايان قىلنىدۇ ، سوتسىيالىزم بىلەن ھۆكۈمەتسىزلىك، ماتىرىيالىزم بىلەن شەخسىيەتچىلىك ئۇقۇملىرى ئارسىدىكى چەك –چېگرانى ئېنىق ئايرىغان. ئاپتور ھەمىشە ئۆز ئېتىقادىغا مۇخالىپ ھالدا بەزى قاراشلارغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولغان ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە كاتېرىنا ئىۋانوۋنا ،گىروشېنكا ،گرىگورى قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىمۇ ، زاستاتىللار ،سودىيەلەر ، گۇۋاھچىلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » يەنە ئاپتورنىڭ بەدىئى ئۇسلۇبىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا نىسپەتەن كۆپ مەنبەلىك ۋەقەلىك لىنيەسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەسەردىكى ھەر بىر پېرسۇناژنىڭ خاراكتېرى يارقىن يارىتىلغان. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.  نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھازىرغىچە ئەدەبىيات تارىخىدا بۇنداق چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر يارىتىلمىدى دەپ قارايتتى. ئەسەرنىڭ يەنە مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى، پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەنگەن .شۇڭا بۇ ئەسەرنى دۇنياۋى پىسخىك ئەسەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ، بۇ ئەسەر نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيتىگە ئۆرنەكلىك تەسىر كۆرسەتكەن شۇنداقلا يازغۇچىغا ئالەمشۇمۇل شان-شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن.

3
رۇس ئەدەبىياتى مەيلى پروزا ، مەيلى پوئىما جەھەتتە بولسۇن دۇنيا ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى . جۈملىدىن ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بولدى .ئازادلىقتىن ئىلگىرىكىنى دېمەيلا قويايلى ، ئازادلىقتىن كېيىن رۇس ئەدەبىياتى رۇسچىدىن ، ئۆزبېكچىدىن ،خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1950- -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتى توڭلىتىۋېتىش ھالىتىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە بارچە گۈللەر ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش، كىلاسىك ئەدەبىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى جانلاندۇرۇشتەك ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات –سەنئىتىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى. جۈملىدىن رۇسىيە ، سوۋېت ئىتىپاقى ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىمۇ پۇختىلاندى ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن پروزا،پوئىما ،دراما ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. شولوخوۋنىڭ « بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى »، ئايتىماتوۋنىڭ « مويتوڭزا »، ئوستىروۋىسكىنىڭ « پولات قانداق تاۋلاندى »، دوستىيۇۋىسكىنىڭ « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » قاتارلىق ئەسەرلەر تۇرمۇش دەستۇرى دەپ قارالدى، سوۋېت «شەرق ھەقىقىتى »نەشرىياتى ئەينى دەۋردىكى  رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى ، نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچى –شائىرلىرى ئۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ، بەدىئى زوق ئېلىپ مىللىي ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . لېف تولىستوينىڭ « ئاننا –كارىننا »، شولوخوفنىڭ « ئېچىلغان تىڭ »، پوشكىننىڭ « كاپىتان قىزى » قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، « ھەممە ئېقىم بەس- بەستە سايراش، بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش » پىرىنسىپىغا ئاساسەن رۇس ئەدەبىياتى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلدى،  تەرجىمانلار تولىستوينىڭ « ئۇرۇش ۋە تېنچلىق »،« ئاننا –كارىننا »  شولوخوفنىڭ  «تىنىچ دون »،  دوستيوۋىسكىنىڭ « جىنايەت ۋە جازا»،   پۇشكىننىڭ « ئىسىمىربەگ »، فادايىۋنىڭ « ياش قوغدىغۇچىلار »، « ئايتىماتوۋ ئەسەرلىرى » قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى رۇسچىدىن ، ئۆزبېكچىدىن ، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈرتكىلىك ، ئۆرنەكلىك رول ئوينىدى . 1950-يىللىرى قولىغا قەلەم ئالغان يازغۇچى- شائىرلار ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان رۇسىيە ،سوۋېت ئىتتىپاقى پروزا ،پوئىما ۋە درامىلرىدىن زوقلىنىپ ، ئىلمىي ئىجادىيتىنى گۈللەندۈردى . ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆرنەك ئالدى . بولۇپمۇ دېئالىكتىكلىق ماتىرىيالىزم كۆز قارىشى مۇجەسسەملەشكەن سوتسىيالستىك ئىدىينى ئاساس قىلىپ، يېڭى رېئالىزملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. رۇسىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا روھىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە سوتسىيالستىك ئىنقىلاب ئەمەلىيتىدىمۇ ئىپادىلەندى. ئەدەبىي تۈزۈلمە بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئۆرنەك بولدى.  مەسلەن، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئەدەبىيات دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە كىرگۈزۈلدى، يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەدەبىيات مېتودى بەلگىلەپ بېرىلدى، يازغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائي ئورنى، ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى، يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈردى ، نۇرغۇن كىشلەردە كوممۇنىزىمنى كۇيلەيدىغان غايە يېتىلدى، ئىجادىيەت جەھەتتە تەسىرى زور بولدى. مەسىلەن، ماياكوۋىسكىنىڭ «مەجلىسۋازلار» دېگەن شېئىرى بىلەن تىيىپجان ئېلىيوفنىڭ «ۋالاقىتەككۇرنىڭ ئۆلۈمى»دېگەن شېئىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
ئەمدى رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىرىدكى بۈيۈك يازغۇچىسى دوستىيوۋىسكى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ «باشقىلارنىڭ خوتۇنى »،« ئاق كېچە »،« مىلاد دەرىخى ۋە توي مۇراسىمى »،« جىنايەت ۋە جازا »،« خورلانغانلار ۋە رىيازەت چەككۈچىلەر » قاتارلىق بىر نەچچە ئەسىرى تەرجىمە قىلىندى ، قالغان « ئەخمەق »، « ئالۋاستىلار »،« ئۆسمۈر »، « قىمارۋاز »، « تۈرمە خاتىرىلىرى» ، « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » قاتارلىق ئەسەرلىرى  ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلمىدى، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى جەزمەن تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر يازغۇچىنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلسا،   مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىتىشىمىزغا، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشمىزگە پايدىسى بولىدۇ.
دوستيوۋىسكىنىڭ « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت سەمەرىسى بولۇپ، بۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ . مەن بۇ ئەسەرنى قايتا –قايتا ئوقۇغاچقا، يەنە كېلىپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەر خىل نۇسخسىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاچقا، ئەسەرنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك بولدى، شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بىلىمگە ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ، « ئاكا –ئۇكا كارامازوۋلار » نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇنۇپ، ئاخىرى پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى پۈتتۈردۇم. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى زور تۆھپە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخسى پات ئارىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. ئوقۇرمەنلەر گۈزەللىك نەزەرى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىغان دەملىرىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر پۈتۈن ئىستېتىكلىق قىياپەتنى كۆرىدۇ  ھەم ئاپتورنىڭ بۈيۈك يازغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ تەن ئالماي قالمايدۇ.




ئاپتور: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە

ۋاقتى: 2014-2-10 08:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-3-24 15:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،قۇت بولسۇن!...باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈل،قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن بەرىكەت ياغسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-25 01:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىتنىڭ زىيارىتى

كارېن دۇۋې(گېرمانىيە)

ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى


مەنتەكلىپكە بىنائەن بىر يىغىلىشقا بارماقچى ئىدىم، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇكۆيىكىمنىڭ ئارقا سىرىتمىسىنى ئېتەلمىدىم. شۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغىرىقى چېلىندى،تېخى ئەتتىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇزۇن پەلىيىمنى تېز كېيىپ ئىشىكنى ئاچتىم.

-سىزبەك ئەتتىگەن كەپسىز،-دېدىم مەن.

ئەممائىشىك ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنى سېمىز، تۈكلىرى تىترەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن مويلۇقچوپان ئىتى ئىدى. يامغۇر ئەسەبىلەرچە يېغىۋاتاتتى.

-كىر،بىچارە ئىت،-دېدىم مەن.

چوپانئىتى ئەزمىلىك بىلەن كىردى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىكنى ياوتىم.

-رەھمەت،-دېدىئۇ،-ئەمما مەن ئىت ئەمەس.

-ھە؟سەنئىت ئەمەسمۇ؟

ئۇنىڭبەدىنىدىن ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىتلارنىڭ بەدىنىدىن كېلىدىغان ئالاھىدە پۇراق كېلىپتۇراتىتى.

-ياق،-دېدىچوپان ئىتى كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇنىڭچىشلىرى؟؟؟؟دەك رەڭدە ئىدى، بەدەنلىرىدە يەنە؟؟؟دەك قارا چېكىتلەر بارىدى. مەنئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم، ئوتتىرىمىزدا مەلۇم ئارىلىق بولغاچقا ئۇنىڭ ئېغىزىدىنچىققان سېسىق پۇراق ماڭا ئۇرۇلمايتتى.

-ئۇنداقبولسا...،-دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ باقماقچى بولۇپ.

-مەنقورايدەك ئۇرۇق بىر بۆرە، كېچىدە شەھەرىڭلارنىڭ سېپىلى يېنىدا ھۇۋلايمەن. كېيىنئوۋچىلار ئىتلىرىنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدۇ. ئۇ ئوۋ ئىتلىرىنىڭ تۈكلىرى پارقىراپتۇرىدۇ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ جىم تۇرمايدۇ، ئەمما ئۇ ئىتلار بۆرىنىڭناخشا-غەزەللىرىنى چۈشەنمەيدۇ."ئۈ-ش"، دەيدۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى،"ئۈ-ش! ساڭا كىم يىگىن دەپ بەردى؟" شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتلار پەس ئاۋازبىلەن قاۋاشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بوغۇق ئاۋازدا قاۋىشىپ قويىدۇ، ئېغىر باشلىرىنىپۇتلىتىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇئۈنلۈك ھۇۋلايمەن-دە، ئۇ ئوۋ ئىتلىرى لاغ-لاغ تىترەپ، بەدەنلىرىدىكى تۈكلىرى تىكتۇرۇپ كېتىدۇ.

ئوتلۇقھېسسىيات بىلەن تولغان بىر چوپان ئىتى-ئاھ، بۇ دەل مەن ئىنتىزار بولۇپ كېلىۋاتقانچوپان ئىتى ئىدى.

-سىزنېمە دەۋاتىسىز؟ ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرى بۇ يەردە سېپىل يوقىدى. يەنە كېلىپ قارىماققاسەن ئنچە ئۇرۇق كۆرۈنمەيدىكەنسەن.

-شۇنداق.مەن ھەرگىزمۇ قورايدەك ئۇرۇق بۆرە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە...ئەمەلىيەتتە مەن سىزيۈتتۈرۈپ قويغان ئىت بولىمەن. ھەي، مەن مانا قايتىپ كەلدىم! تېز قۇچاقلىرىڭىزنىكېرىڭ! ئىت ياخشى كۆرىدىغان بىر چىنە تائام بىلەن مېنى كۈتىۋالسىڭىز قانداق؟

-مەندىنيىراق تۇر، ئاڭلىدىڭمۇ؟ ئۈچ مىتىرئارىلىقتا تۇر. مەن ئىت باقمىغان، ئەزىلى ئىتباقمىغان.

-نېمە؟سىز مېنى تەن ئالمامسىز؟ مەن مانا مۇشۇنداق ئۆيگە قايتىدىمغۇ؟ سىز مېنى تەنئالمايسىز-يۇ، يەنە قولىڭىزغا قارا تارتىۋېتىلغان پەلەي كىيىۋالىسىز، تارتىۋېتىلغان بارمىقىڭىزنى باشقىلاركۆرۈپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمما مەن يەنىلا كۆرۈپ قالدىم، چۈنكى قاتېمىپ چىقىۋېتىپتۇ. ئەمما بۇ سىياقىڭىز ئادەمنى بەك قەلىپ قىلىپ تۇرىدىكەن، مەنپەلىيىڭىزنى دەۋاتىمەن.

مەنبېشىمنى تۈۋەن سېلىپ پەلىيىمگە قارىدىم، يەنە پەلەيگىمۇ قارىدىم. دېگەندەكقىپقىزىل قان چىقىۋاتاتتى. مەن چۈشتىن كېيىن بارماقلىرىمنى گۈل چىقىرىپياساتقۇزغانىدىم، ئون بارمىقىمنىڭ ھەممىسىنى كېسىۋەتكەنىدى.

-توختاپتۇرۇڭ، مەن قاننى يالاپ پاكىزىلاپ قوياي،-دېدى چوپان ئىتى.

-بىلەمسەن،-دېدىم مەن-ئەگەر سەن راستىنلا ماڭا ياردەم قىلمانچى بولساڭ، ئۇنداقتا مەن سەندىن ئۆتۈنۈپقالاي، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كەتكىن. ناھايتى ياخشى ھەم قاملاشقان بىر ئەر ھەر ۋاقىتمېنى يىغىلىشقا قاتناشتۇرۇش ئالغىلى كېلىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ مەن كۆينىكىمنىڭئارقا سىرىتمىسىنى ئېتەلمىدىم. شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىپ قالاي، سەن كەت، كەت، ھازىرلاكەت!

ئۇقان تولغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇردى.

-نېمە،-دەپسورىدىم مەن كىيىملىرىمنى تېخىمۇ تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن قولۇمنى كۆينىكىمنىڭ ئارقاسىرىتمىسىنى ئېتىش ئۈچۈن سوزۇپ،-ساڭا زادى نېمە كېرەك، بىر تال سۈڭەك؟ مەندە سۈڭەكيوق. بېرىپ توڭلاتقۇمغا قاراپ باق-توڭلاتقۇ قۇپقۇرۇق. سەن نېمىشقا يان ئۆينىڭئىشىك قوڭغىرىقىنى باسمايسەن؟ دالبوستان خانىم جەلىپكار موماي، ئۇ ھامانبىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ يۈرۈيدۇ، مېھمان كەلسە ئۇ جەزمەن قەۋەت خۇش بولۇپكېتىدۇ.

-ئىتنىڭمەسىلىسى توغرىسىدا،-دېدى چوپان ئىتى قەتئىلىك بىلەن،-سىز بىزگە ياردەم قىلىشىڭىزكېرەك. ئىش قىلىپ سىز شائىېر.

-يازغۇچى،-دېدىممەن قەتئىلىك بىلەن.

-شائېر!-دېدىچوپان ئىتى ئەسەبىلەرچە ۋارقىراپ.

-ماقۇل،ماقۇل. ئەمما بۇلارنىڭ سىلەرگە نېمە ياردىمى بار؟

-سەنبىزنىڭ نىداسىز نالەشلىرىمىز. سەن بىزنىڭ قاباھەتلىك چۈشىمىزنىڭ ھەقىقى قىياپىتى.سەن بىزنىڭ يىرىڭلىق يارىمىزنىڭ ئوپىراتسىيە پىچىقى.

-خوپ،خوپ،-دېدىم مەن،-مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشاي.

بىرماشىنا كېلىپ سىرتتا توختىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز دېرىزە ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق.چوپان ئىتى ئالدى پۇتىنى دېرىزە تەكچىسىگە قويدى، بىز بىللە سىرتقا قارىدۇق.

-ئۇمېنى ئالغىلى كەلگەن ھېلىقى ياخشى ئەر. قارىماققا نازايتى ياخشىدەك كۆرىنىدۇ،شۇنداقمۇ؟

-قارىماققاناھايتى ياخشىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلدە ئۇنچە ئەمەسكەن،-دېدى چوپان ئىتى جاۋابەن.

-ئەسلىدەدېگىنىم ئۇنىڭ سىرقى قىياپىتى ئىدى. يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟توغرا، بۇنىڭدىنباشقا ئۇ ئەر ئۇنىڭ ئاغاينىسى ئىدى. بىر ئەخمەق، كالۋا. ئۇ ساياھەتكە چىققانداھامان كونىراپ كەتكەن ئويۇنچۇق لاتا ئېيىقىنى ئېلىۋالىدۇ، مەن نىقاپلىنىۋالغانئاشۇ ئەرلەرگە چىداپ بولالمايمەن. ئەرلەرنى سۆيۈملۈك دەپ تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ.

-ئۇئايال كىم؟

-دوستۇمنىڭقىز دوستى. ئەگەر سىز مەندىن سىز ئۇنىڭغا قانداق قاراشتا دەپ سورىسىڭىز، ئۇ بەكسالاپەتلىك، مەنمەنچى.

مەنئىشىكنى ئاچتىم.

-ۋاي،-دېدىياخشى ئەر،-ئەمدى سىزنىڭ بىر ئىتىڭىز بار بولۇپتۇ-دە؟

چوپانئىتى بېشىنى لىڭشىتتى.

-شۇنداق،-دەپجاۋاپ بەردىم مەن.

-ئەممانېمىشقا مۇشۇنداق ئەتەي قېرى ئىتنى باقىسىز؟

-نېمىشقاچوپان ئىتى بولسا بولمايدىكەن؟ چوپان ئىتلىرىلى سۆيۈملۈك ھەم ئىشەنچىلىك كېلىدۇ.

-بۇئىت راستىنلا سەتكەن،-دېدى ئەخمەق دوست.

ئۇنىڭئەخمەق قىز دوستى خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى.

-نېمەدەپ تەييارلىقىڭىزنى پۈتتۈرۈپ بولالمايسىز؟-دەپ سورىدى ياخشى ئەر،-سىز مۇشۇنداقسىرتقا چىقماقچىمۇ؟

-ئەلبەتتە،-دېدىممەن،-ئەجەبا بىرەر يېرىم خاتا بولدىمۇ؟

-سىزئەدناسى چېچىڭىزنى تارىشىڭىز كېرەك-دە،-دېدى ئەخمەق قىز دوست.

-بەلكىممەن ھەرگىز بارماسلىقىم مۈمكىن. مەن تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىمەنمۇ بىر نەرسە دەپبولمايدۇ

بۇرۇنمېنىڭ نەزىرىمدىكى ياخشى ئەر قولۇمنى تۇتتى.

-سىزئۆزىڭىزنى كىم دەپ قالدىڭىز؟

مەنچوپان ئىتىغا لاپپىدە قاراپ قويدۇم. ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكنىبىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەن:

-مەنبىر قورايدەك ئۇرۇق بىر بۆرى،كېچىدە سىلەرنىڭ شەھەرىڭلارنىڭ سېپىلى يېنىداھۇۋلايمەن. ئەمما ئۇ ئىتلار مېنىڭ ناخشا-غەزەللىرىمنى چۈشەنمەيدۇ. كېيىن ئوۋچىلاركېلىپ ئىتلىرىنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدۇ...

بۇرۇنمېنىڭ نەزىرىمدىكى ھېلىقى ياخشى ئەر مېنى يېنىدىن كۈچ بىلەن ئىتتىرىۋەتتى.

-ساراڭبولۇپسىز، پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپسىز. مېنىڭ سىزدەك ساراڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلەشكۈميوق.

-ئۇنداقبولسا بوپتۇ،-دېدىم مەن،-سىز ئۇنى يوشۇرۇن مەنا جەھەتتە چۈشىنىڭ. بۇ ھەقىقەتمەسىلىسى. ئەمما پەلسەپە ھەقىقىتى ئەمەس، بەلكى جىنايەت رازۋېتكا ئىلمى...

-سىزساراڭ بولۇپسىز،-دېدى مەن بۇرۇن تونۇيدىغان ياخشى ھەم قاملاشقان ئەر،-مەن بۇرۇنبىر ساراڭ ئايالغا يولۇقۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنى ئادالوف گېتلېر دەپ قاراۇتتى. مەنيەنە بىر قېتىم ئۇنداق ئايال بىلەن تونۇشمايمەن.

-راستما؟ئۇ ئۆزۈنى ئادالوف گېتلېر دەمدىكەن؟ ئەجەپ قىزىق،-دېدى چوپان ئىتى لوقما سېلىپ.

شۇنىڭبىلەن مەن يىغلاپ كەتتىم.

-ھە،-دېدىھېلىقى گالۋاڭ دوست،-ھەر قېتىم دېگۈدەكلا مۇشۇنداق بولىدۇ. دەل ئادەتتە قەيسەرسىياققا كىرىۋالىدىغان ئاشۇ ئاياللار ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

مەنئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلمىدىم. چوپان ئىتى ھۆل بولۇپ كەتكەنتۇمۇشۇقىنى تىزىمغا تەككۈزدى.

-ئۇباشقىلار يىقىلسا يىقىلغان ئادەمنى يەنە دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئادەم،-دېدى چوپانئىتى پەس ئاۋاز بىلەن،-ئۇ ھازىر ئورنىدىن تۇرۇپ بولدىمۇ بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ.

-شۇنداقبولسا نېمە بوپتۇ؟-دەپ ۋارقىرىدىم مەن ئۇ ئەخمەققە قاراپ،-نېمە سىز ھازىرئورنىڭىزدىن تۇردىڭىزمۇ؟ يەنىلا قانداقراق؟

ئۇنىڭقىز دوستى مەنسىتمىگەن ھالدا بۇرۇنىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى.

-سىزبەك بىچارە ئىكەنسىز. سىز راستىنلا بىچارە بايقۇشكەنسىز.

ئۇباش مالتىقى بىلەن بىگىز بارمىقىدا مېنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىمنى ئىشارەقىلدى.

-سەندۆت كالۋا،-دەپ ۋارقىرىدىم مەن،-بىچارىلىكنىڭ نېمىلىكىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسەن. مەنيىغلىسام، سەن مېنى بىچەرە دەپ قالدىڭمۇ. ئەمما مېنىڭ يىغام ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپبېرەلمەيدۇ، مەن دائىم يىغلايمەن.

-بىلدېگەن سولتەك بۇرۇن بىر گۈزەل شىېئىر ئۇچۇن يىغلىغانىدى، ئەمما ئۇ يىغلاپبولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىككى ئادەمنى ئېتىۋەتكەن، ئۇنىڭ قوللىرىمۇتىترىمىگەن،-دېدى چوپان ئىتى.

-شۇنداق،-دېدىممەن،-مەن ھەتتا بېكەتتىمۇ يىغلايمەن، ھايۋاناتلار كىنوسىنى كۆرسەممۇ يىغلايمەن.مېنىڭ يىغام ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەن يىغلاپ بولغاندىن كېيىنئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىككى ئەرنى ئېتىۋېتىمەن، يەنە كېلىپ مېنىڭ قولۇممۇ تىترىمەيدۇ.

-يەنەكېلىپ ئۇ شائىر،- چوپان ئىتى قوشۇپ قويدى،-شائىر دېگەن نازىتاۋۇك كېلىدۇ، ئاسانھاياجانلىنىدۇ.

-توغرا،-دېدىممەن،-سىز مېنى نەزەرىڭىزگە ئىلىڭ، مەن سىزنىڭ نىداسىز نالىشىڭىز.

-سىزنېمە؟-دەپ سورىدى ئەر.

مەنبۇرۇن ئۇنى نېمە دەپ ياخشى ئەر دەپ قالغاندىمەن-ھە؟ ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭدوستى ۋە قىز دوستىمۇ بىللە چىقىپ كەتتى.

-ئىشىكنىيېپىۋېتىڭ! بىزنىڭ پېرىمىز تىيىن ئۈچۈن ئىسىمايدۇ،-دېدى چوپان ئىتى.

ئىشىكجالاققىدە يېپىلدى. ماشىنىنىڭ ئوت ئالدۇرغان ئاۋازى كەلدى. ئەمما ماشىنا ئوتئالمىدى، ماشىنا يەنە بىر قېتىم ئوت ئالدۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن ماشىنا قوزغالدى. مەنتامغا يۆلەنگىنىمچە بەدىنىمنى ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە سىرىلدۈردۈم، ئاخىرى پولدائولتۇردۇم. مەن چىرايىمنى چوپان ئىتىنىڭ سېسىق پۇراق كېلىپ تۇرىدىغان، نەم ئۇزۇنتۈكلىرى ئارىسىغا تىقىپ يىغلاپ كەتتىم.

- ئۇ ھازىركەتتى،-دەپ سورىدىم مەن،-ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟

-ئورنىڭىزدىن تۇرۇپبىر ئادەمنى ئۆلتۈر،-دېدى چوپان ئىتى،-سىز يىغلاپ بولدىڭىز.

-بۈگۈن بولمايدۇ،قولۇم بەك تىترەپ كېتىۋاتىدۇ.

-توڭلاتقۇڭىزراستلا قۇرۇقمۇ؟-دەپ سورىدى چوپان ئىتى.

-شۇنداق، ئەممابىز ئېلسور ماي قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ سودىلىق قىلىپ كېلەيلى. ئۇ يەر بەك يىراقئەمەس.

مەن قوي يۇڭىپەلتورۇمنى كېيدىم، ياڭىڭاچ پۇتۇمغا رېزىنكە يامغۇرلۇق ئايىغىمنى كېيدىم، بېشىمغائېيىق تۇمىقىنى كېيدىم.

-سېنىڭ بويۇنزەنجىرىڭ يوقمۇ؟-دەپ سورىدىم مەن چوپان ئىتىدىن.

-ماڭا بويۇنزەنجىرى ھاجەت ئەمەس. بىز چوپان ئىتلىرى ھەم سۆيۈملۈك ھەم ئىشەنچىلىك.

يامغۇر توختاپھەممە يەرگە سۇ يىغىلىپ قالغانىدى. مەن بىر كىچىك پىيادە مېڭىشنى ھېساپلايدىغانئاپاراتنى يامغۇرلۇق ئايىغىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويدۇم، چوپان ئىتى تەرىپلەپۋارقىرىۋەتتى.

ئاسمان قەرىدە بىريۇلتۇز جىمىرلاۋاتاتتى.


(خەنزۇچە«دۇنيائەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن)



  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇجاپپار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 01:35  


ۋاقتى: 2014-3-28 21:59:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يۈرۈش ئېسىل ھېكايىلەردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت...

ۋاقتى: 2014-3-29 20:30:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك قېنىنى مىللىتىمىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەر خىزمىتىگە سەرىپ قىلغان مېھنەتكەش دوستىمىزغا ئاپىرىن ئېيتىمەن .ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىزنى پەزىلەتلىك قىلىدۇ ، ھاياتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەيدۇ

ۋاقتى: 2014-4-14 11:17:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ جاپالىق تەرجىمە ئەمگىكى،ئابدۇجاپپار ھامىدىننىڭ تىرىشچان روھىغا ئاپىرىن! ئەمگىكىڭلاردىن سۆيۈندۈم ۋە ئىنتايىن پەخىرلەندىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش