ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى
جىبران خېلىل جىبران(لىۋان)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
1
ئەرەب تىلىنىڭ ئىستقبالى قانداق بولىدۇ؟
تىل پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مىللىي ئىجادىيەت ھادىسىنىڭ بىر خىلى. مۇبادا ئىجادىيەت ئىقتىدارى توختىسا، تىلمۇ ئىلگىرىلەشتىن توختايدۇ. بۇنداق توختاش چېكىنىشنى، چېكىنىش ھالاكەت بىلەن يوقىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنداقتا ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ياكى مەۋجۇت بولمىغان — ئىجادىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىستىقبالىغا باغلىق بولىدۇ. مۇبادا شۇنداق ئىدىيە مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش پارلاق، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ مۇبادا ئۇنداق ئىدىيە مەۋجۇت بولمىسا، ئۇ ھالدا ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولغان سۈرىيە تىلى، ئىبراي تىلىنىڭ بۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ.
بىز دەۋاتقان ئىجادىيەت ئىقتىدارى قانداق بولىدۇ؟
بىر مىللەتنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى ئىلگىرىلەشنىڭ ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىرادىسى بولىدۇ. ئىجادىيەت ئىقتىدارى مىللىي مەركەزدىكى ئاچلىق ۋە تەشنالىق ھەمدە بىلىنمىگەن جىمى تەلپۈنۈش، روھتىكى كېچە – كۈندۈز ئىشقا ئاشسىكەن دەپ تەشنا بولۇۋاتقان بىر يۈرۈش خىيالىدۇ. ئەمما بىر تەرەپتىكى ھالقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا، يەنە بىر تەرەپتە تۇرمۇشنىڭ يېڭى بىر ھالقىسى كۆپىيىدۇ. ئىجادىيەت ئىقتىدارى شەخسلەردە بولغاندا ئۇ ئەقىل – پاراسەت بولىدۇ، كوللېكتىپتا بولغاندا قىزغىن، يالقۇنلۇق قۇدرەت بولىدۇ؛ شەخسلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى كوللېكتىپنىڭ شەكىلسىز خاھىشنى تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرىدۇ. جاھالەت دەۋرىدە
[1] شائىرلار ئۆسۈپ يېتىلگەن. چۈنكى ئۇ چاغدىكى ئەرەبلەر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى. كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىدە شائىرلار بۆلۈنۈشكە باشلىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا ئىسلام دۆلەتلىرى بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرۇۋاتاتتى. شائىرلار قەدەم تاشلىدى، يۈكسەلدى، ئۆرلىدى، بىرلىرىدە پەيلاسوپ، بىرلىرىدە دوختۇر، يەنە بىرلىرىدە ئاسترونوم بولدى تاكى ئۇيقۇ ئىلاھى ئەرەب تىلىدىكى ئىجادىيەت قۇدرىتىنى پاراكەندە قىلغانغا قەدەر شۇنداق بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈش دۇنياسىغا غەرق بولدى، ئېغىر ئۇيقۇغا پاتتى، شائىرلار شېئىر يازىدىغان ئادەمگە، پەيلاسوپ ناتىققا، دوختۇر پالچىغا، ئاسترونوم مۇنەججىمگە ئايلاندى.
مۇبادا يۇقىرىدا دېگەن گەپلەر توغرا بولسا، ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىدە ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك. مۇبادا ئۇ دۆلەتلەر مىللىيلىققا ئىگە بولسا ياكى روھىي جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلاشسا، ئۇنداق مىللىيلىق مۇجەسسەملەشكەن ئىجادىيەت ئىقتىدارى ئۇزۇن ئۇيقۇدىن ئويغانسا، ئۇ ھالدا ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىقبالى بۇرۇنقىغا ئوخشاش پارلاق، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ مۇبادا ئۇنداق بولمايدىكەن ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
2
ياۋروپا مەدەنىيىتى بىلەن غەرب روھى ئەرەب تىلىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟
تەسىر بىر خىل شەكلەن ئوزۇق، تىل ئۇنى سىرتتىن قوبۇل قىلىپ ئېغىزىغا سالىدۇ، ئېغىزى ئارقىلىق يۇتىدۇ. پايدىلىق نەرسىلەر تىلنىڭ جانلىق تەركىبىگە ئايلىنىدۇ. خۇددى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاش ئاپتاپ، ھاۋا ۋە تۇپراقنىڭ تەركىبى دەرەخنىڭ شاخ ياپراقلىرى ۋە مېۋىلىرىگە ئايلانغاندەك. ئەمما تىل ئېغىزدا چاينالمىسا، ئاشقازاندا ھەزىم قىلىنمىسا، ئۇ ھالدا ئوزۇق بىكار ئىسراپ بولىدۇ، ئەكسىچە يەنە جاننى ئالىدىغان ئوغىغا ئايلىنىدۇ. نۇرغۇن دەرەخلەر تەسكەي يەردە ئۆسۈشكە ئۇرۇنغاچقا كۈنگەي يەرگە يۆتكىلىشى بىلەنلا سۇلىشىپ قۇرۇپ، ئۆلىدۇ. مۇنداق بىر ھېكمەت ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان: تەلەيلىكلەر ئىنئام قوبۇل قىلغاچقا بېيىيدۇ، تەلەيسىزلەر چىقىم قىلغاچقا تېخىمۇ گادايلىشىدۇ.
غەربنىڭ روھى ئىنسانلارنىڭ بىر رولى. ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى بىر سەھىپە. ئىنسانلار تۇرمۇشى غايەت زور بىر قوشۇن بولۇپ، ئۇ ھەمىشە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. تىل، ھۆكۈمەت ۋە ئېتىقاد دېگۈدەكلا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئۇچقان ئالتۇندەك توپا – چاڭلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭغان مىللەت ئىجادىيەتچىدۇر؛ ئىجادىيەتچى تەسىر كۆرسەتكۈچىدۇر. بۇ قوشۇننىڭ ئارقىسىدا ماڭغان مىللەت دورامچىدۇر؛ دورامچى تەسىرگە ئۇچرىغۇچىدۇر. شەرقلىقلەر ئالدىدا ماڭغان، غەربلىكلەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان چاغلاردا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۇلارنىڭ تىلغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما ھازىرچۇ؟ ئۇلار ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بىز ئەگەشكۈچىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتىمىز. تەبىئىيكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بىزنىڭ تىلىمىزغا، ئەخلاقىمىزغا ۋە تىلىمىزغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ئەمما ئۆتمۈشتە غەربلىكلەر بىز تەييارلىغان غىزا – تائاملارنى يەيتتى، ئېغىزىدا چايناپ يۇتاتتى، پايدىلىق نەرسىلەرنى غەربنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى جانلىق تەركىبكە ئايلاندۇراتتى. ئەمما ھازىر شەرقلىكلەر غەربلىكلەر تەييارلىغان ئاش – تائاملارنى يەيدۇ، چاينىمايلا يۇتىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى جانلىق تەركىبگە ئايلانمايدۇ، پەقەت يېرىم غەربلەشكەن نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ مەن قورقىدىغان ۋە ھېس قىلىدىغان پەرىشانلىقتۇر. چۈنكى بۇ ماڭا شۇنى نامايەن قىلىدۇكى، غەرب بىرلىرىدە چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بوۋايغا، بىرلىرىدە چىش چىقمىغان بوۋاققا ئوخشاپ قالىدۇ!
غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيەسى بىزنىڭ دوستىمىز شۇنداقلا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز. مۇبادا بىز ئۇنى قايىل قىلالىساق ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولىدۇ، مۇبادا ئۇ بىزنى قايىل قىلسا ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولىدۇ. مۇبادا بىز ئۇنىڭغا قەلب قەسىرىمىزنى ئاچساق، ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولىدۇ، مۇبادا بىز يۈرىكىمىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرساق، ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلىنىدۇ. مۇبادا بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق نەرسىگە ئېرىشسەك، ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولىدۇ؛ مۇبادا بىز روھىمىزنى ئۇنىڭ ھالىتىگە قويساق، ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولىدۇ.
3
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەرەققىياتى قانداق تەسىر پەيدا قىلدى؟
غەرب بىلەن شەرق يازغۇچىلىرى، مۇتەپەككۇرلىرى بىردەك: ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي، مەمۇرىي ۋە پىسخىك جەھەتتە قالايمىقان ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قاراشتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق قالايمىقانچىلىق بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھالاكەت پەيدا قىلىدۇ دەپ قاراشتى. ئۆزۈمگە كەلسەم، مەن ئۆزۈمدىن: «بۇ قالايمىقانچىلىقمۇ ياكى روھىي چۈشكۈنلۈكمۇ؟» دەپ سورايمەن.
مۇبادا روھىي چۈشكۈنلۈك بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق چۈشكۈنلۈك ھەربىر مىللەتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، ھەربىر دۆلەت خەلقنىڭ ئاقىۋىتى بولىدۇ — چۈشكۈنلۈك ھارغىنلىق شەكلىدىكى ئاخىرقى ئايرىلىش، ئۇيقۇ شەكلىدىكى ئۆلۈمدۇر.
مۇبادا راستىنلا قالايمىقانچىلىق بولسا، ئۇ ھالدا، قالايمىقانچىلىق قانۇنلۇق بولىدۇ، ھەمىشە پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى مىللىي روھتىكى يوشۇرۇن نەرسە بولغاچقا ئويغاقلىقنى مەستلىك، ھوشسىزلىق ئورنىغا قويىدۇ، خۇددى بوران دەرەخلەرنى مىدىرلىتىشنى ئىرادە قىلغاندەك ھەتتا دەرەخنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۆلىۋېتەلمىسىمۇ، دەرەخنىڭ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ، سارغايغان ياپراقلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك بولىدۇ. مۇبادا ھېلىھەم ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مىللەت ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولسا، ئۇ ھالدا بۇ مىللەت شەخسلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىجادىي قۇدرەتنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. تۇمان تۇرمۇش دەرسلىكىدىكى بىرىنچى سۆز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاخىرقى سۆز بولالمايدۇ؛ تۇمان دەل قالايمىقان تۇرمۇشتۇر.
خوش، سىياسىي تەرەققىياتنىڭ تەسىرى ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشكە بۇيرۇدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇتۇق، مۇرەككەپ مەسىلىنى ئېنىق ماددىلارغا ئايلاندۇردى، مۇۋاپىق ماسلاشتۇردى. ئەمما مەڭگۈ ئەمەلىي گەۋدىنى مەڭگۈ چۈشكۈنلۈك ئورنىغا، قىزغىنلىقنى پەرىشانلىق ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. كۇلالچى لايدىن شاراب خورمىسى ياسايدۇ، ئەمما ئۇ قۇم بىلەن شېغىلدىن ھېچنېمە ياسىيالمايدۇ.
4
ئەرەب تىلى ئالىي مەكتەپلەردە ۋە غەيرىي ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلدىمۇ، جىمى دەرسلەر ئەرەب تىلىدا ئۆتۈلدىمۇ؟
ئالىي مەكتەپلەردە غەيرىي ئالىي مەكتەپلەردە ساپ مىللىي خاراكتېرگە ئىگە مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقمىغۇچە ئەرەب تىلى ئۇ مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلمايدۇ؛ مەكتەپلەر خەيرى – ساخاۋەت ئورنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دىنىي گۇرۇھلارنىڭ قولىدىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ئۆتمىگۈچە ئەرەب تىلىدىكى بارلىق دەرسلەرنى ئەرەب تىلىدا ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدۇ. مەسىلەن، سۈرىيەدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خەيرى - ئېھسان شەكلى ئارقىلىق غەربتىن كەلگەن. بىز ھېلىھەم خەيرى – ئېھسان بولكىسىنى يەۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئاچلىقتىن ھالىمىز قالمىغان ئادەملەر بولغاچقا، ئۇ بولكا بىزنى ئاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇۋالدى؛ بىزنى قۇتقۇزۇۋالغان چاغدا يەنە بىزنى ئۆلۈم گىردابىغا تاشلاپ قويدى. ئۇ بولكا بىزنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ جىمى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئويغاتتى، مېڭىمىزنى ئاچتى؛ ئەمما يەنە بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. چۈنكى ئۇ تىلىمىزنى بۆلۈپ، ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئاجىزلاشتۇردى. مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈۋەتتى. بىزنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىمىزنى يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ھەۋەس – قىزىقىشى، گۈزەللىك قارىشى ئوخشىمايدىغان بىرقانچە كىچىك مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ كەتتى. بىر قىسىملىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارقانلىرى بىلەن باغلاندى. ئۇلارنىڭ تۇغ – ئەلەملىرىنى كۆتۈردى. ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماختاپ تەرىپلىدى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئىلىم نېنىنى يەۋاتقان ياشلار ئامېرىكىنىڭ ۋاكالەتچىسىگە، دىنىي جەمئىيەتتە بىلىم شەربىتىنى سۈمۈرۈۋاتقان ياشلار فىرانسىيەنىڭ ئەلچىسىگە؛ رۇسىيە مەكتەپلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن يىگىتلەر رۇسىيەنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندى ... ئۇ يەرلەردىكى مەكتەپلەر ھەر يىلى مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ۋاكالەتچى، ۋەكىل ۋە ئەلچىلەرنى تەربىيەلەيدۇ، نۆۋەتتە سۈرىيەنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدىكى پىكىرىرىدە ۋە ئىختىلاپلىرىدا ئوخشاش بولمىغان خاھىشلار ساقلانماقتا. يۇقىرىدىكى بايان ۋە ھۆكۈم بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر؛ ئېنگلىز تىلى ئارقىلىق بىر قىسىم بىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەر ئۆز دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ھىماتىغا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ فىرانسوزچە ئۆگەنگەن كىشىلەر ئۆز ئىشلىرىنى فىرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇ خىل ياكى ئۇ خىل تىلدا ئۆگەنمىگەن كىشىلەر بۇ دۆلەتنىڭ ياكى ئۇ دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى بىلەن ئېڭىغا ئەڭ يېقىن سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
بىز قايسى دۆلەتنىڭ خىراجىتى بىلەن ئوقۇساق شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي خاھىشىغا مايىل بولىمىز. بەلكىم بۇ شەرقلىكلەرنىڭ شەپقەت قايتۇرۇش ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك. ئەمما ئۇلار بىر تەرەپتىن تام قوپۇرۇپ بىر تەرەپتىن تامنى ئۆرۈۋەتسە، بۇ قانداق ئىدىيەۋى ھېسسىيات بولىدۇ؟ بىر تال گۈل تىكىش بىلەن بىللە بىر تالاي ئورمانلىقنى ۋەيران قىلىۋەتسە، بۇ قانداق ئىدىيەۋى ھېسسىيات بولىدۇ؟ بىز بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆلسەك بۇ يەنە قانداق ئىدىيەۋى ھېسسىيات بولىدۇ؟
غەربنىڭ ھەقىقىي ساخاۋەتچىلىرى بىلەن مەردلىرى ئارىسىغا يىڭنە بىلەن تىكەن ئارىلاشتۇرۇلغان بولكا ئەكېلىپ بەرمەيدۇ. ئۇلار بىزگە زىيان سالمايدۇ، بەلكى بىزدىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇ يىڭنە قەيەردىن پەيدا بولىدۇ. ئۇ تىكەن يەنە قەيەردىن ئۈنىدۇ؟ مەن بۇ تېما توغرىسىدا يەنە بىر پۇرسەت بولغاندا ئايرىم توختىلىمەن.
شۇنداق، ئەرەب تىلى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن غەيرىي ئالىي مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇلسا، جىمى دەرسلەر ئەرەب تىلى بىلەن ئۆتۈلسە، بىزنىڭ سىياسىي خاھىشىمىز، مىللىي ئىرادىمىز بىرلىككە كېلىدۇ. چۈنكى مەكتەپلەردە خاھىش بىلەن ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇنى پەقەت دۆلەتنىڭ خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ پەقەت بىز ھەربىرىمىز ۋەتەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغان ئىككى تەن بىلەن روھ ئۆز ئارا زىت بولغان ۋەتەن ئوغلانلىرى بولغاندىلا ئاندىن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئاچ قالغان ئادەم ئېھسان قىلغۇچىنىڭ بولكىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. كىم ئۆزىنى سوۋغا قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئورنىغا قويسا شۇ ئادەم سوۋغا تەقدىم قىلغۇچىغا قارشى تۇرمايدۇ؛ سوۋغا قوبۇل قىلغۇچى ھامان پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدۇ، سوۋغا تەقدىم قىلغۇچى ھامان تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرىدۇ.
5
ئۆلچەملىك ئەرەب تىلى ھەر خىل دىئالېكتىكىدىن ئۈستۈن تۇرامدۇ ھەمدە دىئالېكتىكىنى بىرلىككە كەلتۈرەمدۇ؟
دىئالېكىت ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە ھۇجۇم قىلىدۇ. تىلنىڭ قوپال يەرلىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئۇ مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ، ئەسلىدە مەغلۇپ بولماسلىقى كېرەك ئىدى — چۈنكى بىز ئۇنى تىلنىڭ ئاساسى، ئىستىلىستىكىنىڭ مەنبەسى دەپ ئاتايمىز.
تىل باشقا شەيئىلەرگە ئوخشاش پۈتۈنلەي رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق، مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قانۇنىيەتتۇر. دىئالېكىتتا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەقىلگە ئەڭ سىغىدىغان نۇرغۇن تەلەپلەر بار. چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ مەپكۇرە – ئىدىيەسىگە، ئومۇمىي مىللىيلىقنىڭ نىشانىغا ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. مەن ئۇنى مەۋجۇت بولسا دەيمەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇ تىلنىڭ ئەسلى گەۋدىسى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتكۈل تىلنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانسا ھەربىر خىل غەرب تىلىنىڭ دىئالېكتىكىسى بار. بۇ دىئالېكتىكىلاردا دېگۈدەكلا ئەدەبىيات – سەنئەت ھادىسىسى بار. ئاجايىپ گۈزەل، يېڭى يەرلىرى بولغاچقا ناھايىتى ياخشى قارىشى ئېلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا دېگۈدەكلا بىر تۈركۈم تالانتلىق شائىرلار بار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ داستان ۋە تەڭكەش قاپىيەلىك شېئىر – نەزملىرىدە دىئالېكتكا بىلەن ئۆلچەملىك تىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كارامەت چىرايلىق بىرلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ھېسسىيات بىلەن تولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چەكتى. مەن ئايلانما كۈي رىتىمى، جاراڭسىز، جاراڭلىق غەزەل، «ساتىرىك شېئىر» ۋە «ساتىرا»لاردا نۇرغۇن يېڭى ۋاسىتىلىك ئوخشىتىش، گۈزەل كىنايە ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇجەسسەملەشكەن يېنىك ئىپادىلەش ئۇسۇلى بار دەپ قارايمەن. مۇبادا بىز بۇ نەرسىلەرنى ئۆلچەملىك تىل بىلەن يېزىلغان، گېزىت – ژۇرناللىرىمىزنى تولدۇرۇۋەتكەن شېئىرلارنىڭ يېنىغا قويساق خۇددى بىر دەستە قىزىل گۈلنى بىر دۆۋە ئوتۇننىڭ يېنىغا قويۇپ قويغاندەك ياكى بىر توپ ناخشا ئېيتىشقا ماھىر بولغان رەققاسلار بىرقانچە مۇمياغا قاراپ تۇرغاندەك بولىدۇ.
يېڭى ئىتالىيە تىلى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر خىل دىئالېكىت ئىدى. يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئۇنى «پەسلەر»نىڭ تىلى دەپ ئاتاشقانىدى. ئەمما دانتى، پىتراك، كارمۇس ۋە فىرانشىس، داشىشىچلار ئاشۇ تىل بىلەن داستانلىرىنى ۋە ئۆلمەس قاپىيەلىك شېئىرلىرىنى يازغاندا ئاشۇ دىئالېكىت ئۆلچەملىك ئىتالىيە تىلىغا ئايلانغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن لاتىن تىلى ئالەمنى كېزىپ يۈردى، ئەمما ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلارنىڭ مۈرىسىدىكى جىنازىدا ... مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ دىئالېكتىكى بىلەن مەيئالى، مۇتەنەبىرنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ھەرگىزمۇ ئىتالىيەدىكى «پەسلەر» تىلى بىلەن ئوفېلدى. فورجىلنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتىن يىراق ئەمەس. مۇبادا يېقىن شەرقتىن چىققان بىر ئۇلۇغ ئادەم ئۆزىنىڭ دىئالېكتىدا بىر پارچە ئۇلۇغ ئەسەر يازسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل دىئالېكىت ئۆلچەملىك تىلغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە بۇنداق ئىش چىقماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى شەرقلىقلەر ئۆتمۈش ھازىردىن ۋە كەلگۈسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇلار كونىلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە ئېسىلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇبادا ئۇلار ئارىسىدىن بىر ئۇلۇغ ئەرباب چىقسا ئەجدادلار ماڭغان ئىستىلىستىكىلىق يولدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايەن قىلىشى مۇمكىن؛ ئەجدادلارنىڭ يولى ئىدىيە بۆشۈكى بىلەن ئىدىيە بۆشۈكىنىڭ قەبرىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېقىن يولدۇر.
6
ئەرەب تىلىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى نېمە؟
ئەرەب تىلىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەمدە بىردىنبىر چارىسى شائىرلارنىڭ قەلبىدە، لەۋلىرىدە ۋە بارماقلىرى ئارىسىدا ئۇلار ئىجادىي قۇدرەت ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى بېدىك. ئۇلار يول بولۇپ، قەلب دۇنياسى ياراتقان نەرسىلەرنى تەتقىقات دۇنياسىغا توشۇشقا، ئىدىيە دۇنياسى قارار قىلغان نەرسىنى خاتىرە دۇنياسىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
ئۇلار يەنە تىلنىڭ ئاتا – ئانىسى. تىل شائىر بارغان يەرگە بارىدۇ، تىل شائىر تۇرغان يەردە تۇرىدۇ. مۇبادا شائىر يىقىلسا تىلمۇ ئۇنىڭ قەبرىسىدە قان يىغلايدۇ، باشقا بىر شائىر ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنى تىلنى يېتىلەپ كەتكەنگە قەدەر ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىدۇ.
شائىر تىلنىڭ ئاتا – ئانىسى بولغانىكەن، دورامچىلار تىلنىڭ ئاخىرەتلىكىنى تىككۈچىلەر ۋە قەبرىسىنى قازغۇچىلاردۇر.
مەن دەيمەن، ھەربىر شائىر مەيلى ئۇ چوڭ ياكى كىچىك شائىر بولسۇن ئۇ دېگۈدەكلا ئىختىراچىدۇر؛ مەيلى ئۇ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن دېگۈدەكلا ئىزدەنگۈچىدۇر؛ مەيلى ئالىيجاناب ياكى پەس بولسۇن دېگۈدەكلا ئىجادكاردۇر؛ مەيلى شەيىخ ياكى ئاۋام بولسۇن دېگۈدەكلا پاك تۇرمۇشنى سۆيگۈچىدۇر، مەيلى پەيلاسوپ ياكى باغۋەن بولسۇن ئۇ دېگۈدەكلا سۈرلۈك ھەم ئەستايىدىل ھالدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرىدۇ.
دورامچىغا كەلسەك ئۇ ھېچنېمە ئىختىرا قىلالمايدىغان، ھېچنېمە يارىتالمايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ پەقەت دەۋرداشلىرىنىڭ روھىي ھاياتىنى ئۇزارتىدۇ، ئالدىنقىلارنىڭ كىيىمىدىن كېسىۋالغان لاتا بىلەن ئۆزىنىڭ روھىي تونىنى يامايدۇ.
مەن دەيمەن، شائىر دېھقان بولسا، ئۇ ئاتىسىدىن قالغان سەل ئۆزگىچىرەك قوش بىلەن ئۆزىنىڭ يېرىنى تېرىيدۇ؛ كېيىن كەلگەنلەر يېڭى ئىسىم بىلەن ئۇنى يېڭى قوش دەپ ئاتايدۇ. مەن دەيمەن، شائىر باغۋەن بولسا، ئۇ رەيھان گۈلى بىلەن قىزىلگۈل ئوتتۇرىسىغا ئۈچىنچى خىل رەڭدىكى بىر گۈلنى تىكىدۇ؛ كېيىن كەلگەنلەر ئۇنى يېڭى ئىسىم بىلەن يېڭى گۈل دەپ ئاتايدۇ؛ مەن دەيمەن، شائىر بابكار بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ دەستىگاھىدا توقۇغان گۈللۈك رەخت قوشنىسى توقۇغان رەختكە ئوخشىمايدۇ؛ كېيىن كەلگۈچىلەر يېڭى ئىسىم بىلەن ئۇنى يېڭى رەخت دەيدۇ. مەن دەيمەن، شائىر دېڭىزچى بولسا ئىككى يەلكەننىڭ كېمە ئۈچۈن ئۈچىنچى يەلكەننى چىقىرىدۇ. مەن دەيمەن، شائىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى بولسا، ئۇ تاق ئىشىكلىك، تاق دېرىزىلىك ئۆي ئوتتۇرىسىدا قوش ئىشىكلىك، قوش دېرىزىلىك ئۆي سالىدۇ. مەن دەيمەن، شائىر بوياقچى بولسا، ئۇ ئالدىنقىلار ئاددىيلاشتۇرۇپ بولالمىغان رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر خىل يېڭى رەڭنى ھاسىل قىلىدۇ. دېڭىزچى، قۇرۇلۇش ئۇستىسى، بوياقچىدىن كېيىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يېڭى ئىسىم بىلەن ئاتايدۇ. شۇ ئىسىم ئارقىلىق تىل كېمىسىدە يەلكەن چىقىرىدۇ، تىل دېرىزىسىگە دېرىزە قوشىدۇ. تىل تونىنىڭ رەڭلىرىنى كۆپەيتىدۇ.
دورامچى مىڭ بىر كارۋانلار ماڭىدىغان يولنى بويلاپ ماڭىدۇ، ئۇ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە بارىدۇ، ئادىشىپ قالارمىزمىكىن دەپ كونا يولدىن بىر قەدەممۇ چەتنەپ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. مىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ماڭغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، كونىنى ئالىدۇ، جېنىنى جان ئېتىدۇ. بۇنىڭغا تايىنىپ يەپ – ئىچىدىغان، كىيىم كىيىدىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى باشتىن – ئاخىر ئەكس ساداغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى يىراقتىكى ھەقىقەتنىڭ ئاجىز كۆلەڭگۈسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار بۇنى بىزەمۇ چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ.
مەن دەيمەن، شائىر تەقۋادار مۇرت بولسا، ئۇ مەسچىتكە كىرىپ، ياش تۆككىنىچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ، ئۇ ھەم خۇش بولىدۇ ھەم زارلىنىدۇ، ھەم ئاللاھنى مەدھىيەلەيدۇ ھەم قۇلاق سېلىپ تىڭشايدۇ، ھەم ئۆز – ئۆزىگە دەيدۇ. كېيىن مەسچىتتىن چىقىدۇ، لەۋلىرى بىلەن تىلدىن ئىسىم، پېئىل، قوشۇمچە سۆزلەر، يېڭىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر چۈشمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تىلاۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك شەكىلدۇر. يەنە كېلىپ مۇنداق شەكىل ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى مەپتۇن قىلىۋاتقان تۈرلەر ھەر كېچىسى ئۆزگىرىدۇ. ئۇ ئۆزۈنىڭ بۇنداق خىزمىتى ئارقىلىق تىل سازىنىڭ كۈمۈش تارىسىنى كۆپەيتىدۇ، تىل ئوچىقىغا تۈتۈن چىقالايدۇ.
دورامچى ئىرادىسىز، ھېسسىياتسىز ھالدا تىلاۋەتچىلەرنىڭ دۇئا – دۇرۇتلىرىنى ۋە نامازخانلارنىڭ بەخت تىلەش كەلىمە سۆزلىرىنى تەكرارلايدۇ. ئەمما ئۇ تىلنى ئۆزى بايقىغان يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، خاراكتېر ئاخباراتىنى ئاخباراتمۇ، خاسلىقمۇ يوق يەرگە تاشلىۋېتىدۇ.
مەن دەيمەن، شائىر شۇنداق ئادەملەردۇركى، ئۇ بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ روھى تەنھالىقتا قالىدۇ. ئادەمنىڭ يولىدىن چەتنەيدۇ، روھنىڭ چۈشىنى كۈندۈزى شادلىنىش، كېچىلىرى قاباھەت قاپلاش، بوران ھۇشقۇرتىش، تاغ جىرالىرىنى جىمجىتلىق بېسىشىدىن تەركىب تاپقان تەنگە بېقىندۇرۇپ، ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن گۈلچەمبىرەكنى تىلنىڭ بېشىغا كىيدۈرىدۇ، ئېتىقادتىن ياسىغان مارجاننى تىلنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ.
دورامچى ھەتتا مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەندىمۇ، ئىشقى غەزەللىرىنى يازغاندىمۇ ۋە نازىنىن قىزلارنى تەرىپلىگەندىمۇ كونا گەپ – سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇ مەشۇقىنىڭ چىرايى بىلەن بويۇنلىرىنى تىلغا ئالغاندىمۇ پەقەت: «مەشۇقۇمنىڭ چىرايى ماھىتاباندەك، بوينى كىيىكنىڭ بوينىدەك» دەيدۇ. ئاشىقنىڭ چېچىنى، قامىتىنى ۋە كۆزىنى ئويلىغان دەملىرىدە پەقەت: «چاچلىرى قاراڭغۇ تۈنگە، بەللىرى مەجنۇنتالغا، قاشلىرى ئوققا ئوخشايدۇ» دەيدۇ. ئۇ زارلانغان دەملەردە: «مەشۇقۇم لەۋلىرىدىكى ئەتىرگۈلنى سۇغۇرۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن كۆزلىرىدىكى نەرگىس گۈلىگە يامغۇر ياغدۇرىدۇ، بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ» دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ شاتۇت دوستىمىز بۇ كونا گەپلەرنى تەكرارلاۋەرگەچكە ئەخمەقلىقنى تىلنىڭ سېمىز گۆشلىرىنى زەھەرلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەقىلسىزلىكى ۋە شاللاقلىقى بىلەن تىلنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سەل قارىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ.
مەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭ پايدىلىقى توغرىسىدا توختالدىم، يېتىلدۈرمەسلىك ۋە ئۇنىڭ زىيانلىقى توغرىسىدىمۇ توختالدىم. ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى لۇغەت تۈزۈش، داستان يېزىش، سۆزلۈكلەرنى توپلاش بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتكەن كىشىلەرنى تىلغا ئالمىدىم، مەن ئۇلار توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ توختالمىدىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇددى تىل دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەن ۋە تىل دولقۇنلىرى يانغان ئارىلىقىدىكى دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنىڭ فۇنكسىيەسى — ئەلگەكتۇر — ئەلگەكنىڭ نۇرغۇن فۇنكسىيەسى بار. ئەمما بىر مىللەتنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارى پەقەت زەھەرلىك بۇغداي تېرىش بولسا، ئۇ مىللەت پەقەت ئۈنچىگە مالىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خامانلىرىغا خوخا بىلەن مايقوڭغۇزى دۆۋىلەپ قويۇلغان تۇرسا، ھەرقانچە ئۇستا غەلۋىرچىلەرمۇ نېمىنى تاسقىيالايدۇ؟
مەن يەنە بىر قېتىم دەپ ئۆتەي، تىلنىڭ ھاياتى، بىرلىكى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە تىلنىڭ بۇرۇن بار بولغان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان جىمى مۇناسىۋەتلىرى دېگۈدەكلا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ. بىزدە شائىر بارمۇ؟
شۇنداق، بىزدە شائىر بار. ھەربىر شەرقلىق تامامەن ئۆز دىيارىدا، ئۆز گۈللۈكلىرىدە، ئۆز دەستىگاھى ئالدىدا، ئۆز ئىبادەتخانىسىدا، ئۆز مۇنبىرىدە، ئۆز پۈتۈك ئۈستىلى يېنىدا شائىر بولالايدۇ. ھەربىر شەرقلىق تامامەن ئۆزىنى دورامچىلىقنىڭ، ئەنئەنىنىڭ ھەپسىلىسىدىن ئازاد قىلىپ، چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا يۈرەلەيدۇ، تۇرمۇش قوشۇنى ئىچىدە ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ھەربىر شەرقلىق ئۆزۈنىڭ روھىي دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتالايدۇ؛ ئۇ مەڭگۈلۈك قۇدرەت قورغىنىنى تەڭرىقۇت تاش بىلەن قوپۇرىدۇ.
مەن ئۆز تالانتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئاتا قىلغان ئادەملەرگە مۇنداق دەيمەن:
— سىلەر شەخسىي مۇددىئايىڭلارنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى قوغلىشىشنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندۇرۇڭلار! سىلەر بىلەن ئەرەب تىلىغا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خاسلىقىڭلار بىلەن بىر ئاددىي كەپە سېلىڭلار، سىلەر ئارىيەت ئالغان خاسلىقىڭلار بىلەن بىنا قىلغان بىنادىنمۇ ئېگىز بىنانى بىنا قىلدىڭلار. سىلەر ئىززەت – ھۆرمىتىڭلارنى قەسىدىگە، مەرسىيەگە ۋە مەدھىيە شېئىرلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندۇرۇڭلار! سىلەر بىلەن ئەرەب تىلىغا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەھمىيەتسىز، يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش يۈرىكىڭلارنى بۇد، ھەيكەل ئالدىدا كۆيدۈرۈلىدىغان كۈجە – ئىسرىق قىلغىنىڭلاردىن ياخشى. مىللىي قىزغىنلىقىڭلارنى شەرقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئاجايىپ قايغۇ – ھەسرەت، شاد – خۇراملىقنى تەسۋىرلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇڭلار! سىلەر بىلەن ئەرەب تىلىغا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىلەر ئەتراپىڭلاردىكى ئەڭ ئاددىي ئىشنى تۇتۇپ، ئۇلارغا تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىڭلار بىلەن تىككەن تۈن – لىباسلارنى كەيدۈرۈڭلار، بۇ غەربلىكلەرنى دوراپ يازغان ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەردىن كۆپ ياخشى.
(خەنزۇچە«جىبرن كىلاسسىك نەسىرلىرى»ناملىق كىتاپتىن)
[1] ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى ئۆتكۈنچى دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.
سەمىمى ئوغرى
دوستويېۋېسكى (رۇسىيە)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
ـــ ناتونۇش بىر ئادەمنىڭ قوليازمىسىدىن ــــ
بىر كۈنى ئەتىگەنى ئىشخانىغا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپپ تۇرۇشۇمغا، ئاگرىفېناـــ مېنىڭ غوجىدارىم قوشۇمچە كىرچى ۋە ئاشپەز مېنى ئىزدەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ بىلەن سۆچبەتلىشىپ كەتكىنىم ھەيران قالارلىق ئىش بولدى.
ئۇ ناھايىتى ئاددىي، كەمسۆز ئايال ئىدى، ئۇ ئالتە يىلدىن بېرى ھەر كۈنى «چۈشتە نېمە غىزاغا تەييارلىق قىلىمەن» دېگەن گەپتىن باشقا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىغانىدى. ئىش قىلىپ مەن ئۇنىڭدىن بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ ئاڭلىمىغانىدىم.
ـــ سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنەي،ـــ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا،ـــ سىز كىچىك ھوجرىنى ئىجارىگە بەرگەن بولسڭىز، بەك ياخشى بولاتتى.
ـــ قايسى كىچىك ھوجرىنى؟
ـــ ئاشخاننىڭ يېنىدىكى كىچىك ھۆجرىچۇ.
ـــ نېمىشقا؟
ـــ نېمىشقا دەمسىز؟ كىشلەرگە ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن-دە، شۇ كىشىلەرگە ئىجارە بېرىش ئۈچۈن
ـــ كىممۇ ئىجارىگە ئالار؟
ـــ كىم ئىجارىگە ئالاتتى. ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلار ئىقارىگە ئالىدۇ- دە! چوقۇم ئىجارىگە ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ.
ـــ تەڭرىم، ئۇ ھوجرىغا كارۋات قويغىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇ ھوجرا بەك تار. كىممۇ ئۇنداق كىچىك ھوجرىدا تۇرىدۇ؟
ـــ نېمىشقا ھوجرىدا تۇرمىغۇدەك! ئۇنىڭغا ئۇنىىڭغا پەقەت ئۇخلايدىغان يەر بولسىلا كۇپايە، ئۇ دېرىزە تەكچىسىدە تۇرسا بولىدۇ.
ـــ قايسى دېرىزە تەكچىسىدە؟
ـــ ئاۋۇ دېرىزە تەكچىسدە، سىز نېمىشقا بىلمەيسىز! كارىدوردىكى دېرىزە تەكچىسىدە. ئۇ شۇ يەردە ئولتۇرسا بولىدۇ، كېيىم تىكسە ياكى باشقا ئىش قىلسا بولىدۇ. بەلكىم ئۈستەلدە ئولتۇرۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ بىر ئورۇندۇقى، يەنە بىر ئۈستىلى بار، ھەممە نەرسىسى بار.
ـــ ئۇ زادى كىم؟
ـــ ئۇ بېشىدىن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەن ياخشى ئادەم. مەن ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرەيمىكىن دەيمەن. ئۆي ئىجارە پۇلى بىلەن تاماق پۇلنى قۇشۇپ، ئايدا ئۈچ كۈمۈش رۇبلى ئالايمىكىن دەيمەن...
مەن ئاخىرى خېلى باش قاتۇرغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى چۈشەندىم: ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئاگرىفېنانى قايىل قىلىپ ياكى قايمۇقتۇرۇپ ئاگرىفېناغا ئۆزىنى ئاشخانىغا كىردۈرۈشكە شىرىكلىشىپ، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا كۆندۈردى. ئاگرىفېنا ناھايتى جاھىل، قىلىمەن دېگىنىنى قىلىدىغان ئايال ئىدى؛ مەن ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىگە كۆنمىسەم، ئۇ مېنى جەزمەن ئارامىمدا قويمايتتى. ھەر قېتىم بىرەر ئىش ئۇنىڭ دىتىغا ياقمىسىلا، ئۇ سۈكۈتنى ۋە سۆرۈن تەلىتىنى قۇرال قىلىۋالاتتى، بۇ خىل ھالەت ئىككى- ئۈچ ھەپتىگىچە داۋاملىشاتتى. بۇ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تاماقلار بەتتام،يۇيۇلغان كىرلەرنىڭ سانى ئېنىقسىز، بولۇپمۇ تۈزۈك سۈرتۈلمىگەن... قىسقىسى، بىر تالاي كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرەتتى. مەن بۇرۇنلا بۇ كەم سۆز ئايالنىڭ مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە خاس كۆز قارىشىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق ئاددىي كاللىسىدا توساتتىن مەلۇم بىر خىل ئىدىيەگە، كۆز قاراشقا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە پەيدا بولۇپ قاسا، ئۇنى شۇ ئىدىيە، قاراشلار بويىچە ئىش قىلغىلى قويمىسا، شۈبھىسىزكى ئۇ بىر مەزگىلگىچە قاتتىق روھىي ئازاب چېكەتتى. شۇڭا مەن ئۆزىنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان بۇ ئايالىنىڭ تەلىپىگە شۇ زامان قوشۇلاتتىم.
ـــ ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ پىراۋىسى، پاسپورتى ياكى باشقا بىرەر نەرسىسى باردۇ؟
ـــ دېمەيلا قۇيۇڭ! ئەلۋەتتە بار. ئۇ جاھان كۆرگەن بوۋاي، ئۇ ئۈچ رۇبلى تۆلەشكە ماقۇل بولدى.
ئەتىسى مېنىڭ ئاددى بويتاقلار تورالغۇمغا بىر يېڭى مېھمان كەلدى، ئەمما مەن ئەپسۇسلانماي، ئەكسىچە خوش بولدۇم. مەن خۇددى زاھىدتەك ئادەتتە ئۆيدىن سىرتقا كۆپ چىقمايتىم. مەن بىرمۇ ئادەم بىلەن تۇنۇشمايدىغاندەك قىلاتتىم. كوچىلارغا ناھايتى ئاز چىقاتتىم. مەن ئون يىل پىنھان يەردە تۇرغاچقا يالغۇز تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغانىدىم. ئەمما ئون يىل، ئون بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يىللارغىچە ئاگرىفېنا دېگەن ئۇ ئايال بىلەن سەھەر- كەچلەردە كۈن بويى بويتاقلار تۇرالغۇسىدا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ بىرگە تۇرۇشۇم مۇمكىن ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇنداق مەنزىرىلەر بەك تېتىقسىز تۇيۇلاتتى ھەم ئىستىقبالىمۇ بولمايتتى! شۇڭا مەن ھازىر يەنە بىر سەمىمى ئادەم بىلەن بىرگە تۇرالىسام، بۇ راستىنلا تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان بەخىت-سائادىتى بولاتتى!
ئاگرىفېنا يالغان سۆزلىمىگەنىدى: مېنىڭ ئۇ مېھمىنىم راستىنلا بېشىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئادەم. ئۇنىڭ پاسپورتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ھەربىيدەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئەمەس، ئۇنىڭ چىرايىغاقاراپلا ئۇنىڭ ئەسكەر بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. بۇ نۇقتىنى بايقىماق تەس ئەمەس ئىدى. مېنىڭ مېھمىنىم ئاستايېف ئىۋانوۋىچ بۇرادەرلەر ئىچىدە ياخشى ئادەم ھېسابلىناتتى. بىز ئوبدان ئۆتۈشەتتۇق. ئۇنىڭ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىرى شۇكى، ئۇ ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر ئىدى، ئۇ بەزىدە بېشىدىن ئۆتكەن تۈرلۈك كەچۈرمىشلەرنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. مېنىڭ كۈنلىرىم ئەسلىدىنلا زېرىكىشلىك ئىچىدە ئۆتەتتى. مۇشۇنداق ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىم مېنىڭ بەختىم ئىدى. ئۇ بىر قېتىم ماڭا بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى، ئۇ ھېكايە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ ھېكايىنى قانداق سۆزلىدى دەمسىز؟ خوش، ئەمىسە ئۇنىڭ ھېكايىسىگە قۇلاق سېلىڭ:
مەن بىر كۈنى ئۆيدە يالغۇز قالدىم: ئاستايېف بىلەن ئاگرىفېنا سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ كەتكەنىدى. مەن توساتتىن بىر ئادەمنىڭ يان ئۆيىگە كىرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، يەنە كېلىپ مەن ئۇ يات ئادەم بولسا كېرەك دەپ سەزدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيدىن چىقتىم: دېگەندەك ئالدى تەرەپتىكى ئۆيدە بىر ناتۇنۇش ئادەم تۇراتتى. ئۇ بويى پاكار يىگىت ئىدى. سوغوق كەچ كۈز پەسلى بولسىمۇ، ئۇ ئۇچىسىغا يېلىڭ كېيىنىۋالغانىدى.
ـــ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
ـــ مەن ئالىكساندىرۇف دېگەن بىر مۈلكى خادىمنى ئىزدەپ كەلگەنىدىم؛ ئۇ مۇشۇ يەردە تۇرامدۇ؟
ـــ بۇ يەردە ئۇنداق ئادەم يوق، بۇرادەر؛ خوش ئەمىسە.
ـــ دەرۋھزىۋەن ئۇ ئادەمنى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ دەيدۇغۇ؟ـــ دېدى ئۇ ئادەم ئېھتىيات بىلەن ئىشىك تەرەپكە ماڭغاچ.
ـــ كۆزۈمدىن يوقىلىڭ، بۇرادەر؛ تېز كېتىڭ
ئەتىسى چۈشلۈك غىزادىن كېيىن ئاستايېف ئىۋانوۋىچ ماڭا ئۆزگەرتىپ بەرگەن كاستىيومنى كىيگۈزۈپ سىنىدى. شۇ ئەسنادا يەنە بىرەيلەن كارىدورغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشىكنى قىيا ئاچتىم.
مەن تۆنۈگۈن كۆرگەن ھېلىقى ئەپەندى ماڭا قارىتىپ تۇرۇپلا كىيىم جاھازىسىدىن بەدىنىمگە چىپپىدە كېلىدىغان پەلتورۇمنى ئېلىپ، قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئاگرىفېنا ئۇنىڭغا پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپلا قالدى، ئۇ ھەيران بولغىنىچە ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا پەلتۇرۇمنى قوغدايدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. ئاستايېف ئىۋانوۋىچ ئۇ ئالدامچىنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى. ئون مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ھاسىراپ- ھۆمىدىگىنىچە قۇرۇق قول قايتىپ كىردى. ئۇ ئادەم ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق ئىدى!
ـــ ھەي، نەس باستى- دە، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ. ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى پەلتونى بىزگە قالدۇرۇپ قويۇپتىكەنسىز! بولمىسا بىز ئامال قىلالماسكەنمىز بۇ ئالدامچىغا!
ئەمما بۇ ئىشلار ئاستايېف ئىۋانوۋىچنى ھەيران قالدۇرغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە باياتىن يۈز بەرگەن ئوغرىلىق ئىشىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ تىنىچلىنالمىدى. پات- پاتلا قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، ۋەقەنىڭ جەريانىنى يەنە باشتىن سۆزلەتتىى. ئۇ ئەينى چاغدا شۇ يەردە تۇراتتى، ئىككى قەدەم يىراقتا بىر ئادەمنىڭ بەدەنگە چىپپىدە كېلىدىغان بىر پەلتونى ئېلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ تۇردى. يەنە كېلىپ ئۇ ئوغرىنى ھەرقانداق قىلىپمۇ تۇتالمىدى دېدى. ئۇ يەنە ئولتۇرۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى، كېيىن يەنە قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ قويدى، مەن ئۇنىڭ يەنە ئۆيدىن چىقىپ دەرۋازىۋەننى ئىزدىگەنلىكىنى، توختىماي سۆزلەۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا تۇرغۇزغاچقا مۇشۇنداق ئىش چىقتى دەپ ئەيىپلەۋەتقانلىقىنى كۆردۈم دېدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ يەنە ئاگرىفېنانى تىللاپ كەتتى. كېيىن ئۇ يەنە ئولتۇرۇپ ئىشىنى قىلدى، ئۆز- ئۆزىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن غۇدىرىدى، پۈتۈن ۋەقەنىڭ جەريانىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئەينى چاغدىلا ئوغرىمۇ مۇشۇ يەردە ئىدى. ئەمما مەنمۇ مۇشۇ يەردە ئىدىم، مەن ئىككى قەدەم يىراق يەردە بىر ئادەمنىڭ پەلتونى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم دېدى. ئومۇمەن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ ئىشچان ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئەزمە، مىس-مىس، ئۇششاق ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان، چېپىلغاق ئادەم ئىدى.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ بىزنى ئەخمەق قىلىپتۇ!ـــ دېىم مەن كەچتە ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي سۇنغاچ.
مەن ئىچى پۇشۇغۇمنى چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە پەلتونىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەتمەكچى بولدۇم. ئۇ ھېكايىنى ئەسدايىدىل، تەكرار سۆزلەيتتى. ئۇ ھېكايىنى ئاستا-ئاستا كۈلكىلىك سۆزلەشكە باشلىدى.
ـــ ھەي، ئەپەندى، سىز ئەخمەق قىلىنىپسىز! بۇ ئىشقا چەتتە قاراپ تۇرغان ئادەمنىڭمۇ ئاچچىقى كېلىدۇ، بەك رەزىل نېمىكەن ئۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ كىيىمىنى يىتتۈرۈپ قويمىغان بولساممۇ، ئۇنىڭغا بەك غەزىپىم كەلدى. مېنىڭچە جاھاندا ئۇ ئوغرىدىمنۇ ناچار ئوغرى بولمىسا كېرەك. بەزىلەر سىزدىن پايدىلىنىپ كېتىپتۇ. ئەمما بۇ ئوغرى سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزنى، قان-تەرىڭىزنى ، ۋاقتىڭىزنى ئوغرىلاپتۇ. تۈفىي، ھو، رەزىل ئەبلەخ! مېنىڭ گەپ قىلغۇم يوق. ھەجەپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلدى دېسە. ھەي، ئەپەندى، سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىسىنى قەدىرلىمىدىڭىز؟
ـــ ۋاي، ئىسىت دەيمەن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ؛ بىرەر نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشنى ساقلاپ تۇرغاندىن كۆرە، ئۇ نەرسىنى ئوغرىغا بەرگەن تۈزۈكمىكىن دەيدىكەن. ئەمما مەن راستىنلا بۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن.
ـــ بۇنداق بولۇشنى كىم خالايدۇ دەيسىز! ئەمما ئوغرى بىلەن ئوغرى ئوخشىمايدۇ... ئەپەندى، مەن بىر سەمىمى ئوغرىنى كۆرگەن.
ـــ سەمىمى ئوغرى! ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، نەدىمۇ ئوغرىنىڭ سەمىمى بولغىنى بار؟
ـــ ئەپەندى، توغرا دېدىڭىز! نەدىمۇ ئوغرىنىڭ سەمىمى بولغىنى بار؟
ـــ ئەپەندى، ئوغرىنىڭ سەمىمى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭچە ئۇ سەمىمى ئادەم بولسىمۇ، ئوغرىلىق قىلىپ ساپتۇ، ئۇ بەك بىچارە ئادەمكەن.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ئۇ زادى قانداق ئىش ئىدى؟
ـــ ئەپەندى، بۇ ئىش بەلكىم ئىككى يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇ چاغدا نەق بىر يىلغىچە كاماندىروپكىغا چىقمىدىم. يەنىلا شۇ كونا جايدا تۇراتتىم. مەن ئۇ يەردە ئىنتايىن نامرات بىر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بىز قاۋاقخانىدا تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇ قاتتىق مەيخور، پارازىت، تىرىكتاپ ئادەم ئىدى. ئۇ بۇرۇن بىر يەردە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى، تولا مەيخورلۇق قىلغاچقا ۋەزىپىسىدىن بوشىتىۋېتىلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنى قەدىرلىمەيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇچىسىغا پېتىدىن چۈشكەن كىيىملەرنى كېيىۋالاتتى. سىز بەزىدە تېخى ئۇنىڭ پەلتوسىنىڭ ئىچىدە كۆينىكى بارمۇ- يوق دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ قولىغا نېمە چۈشسە شۇنى ئېلىپ بېرىپ ھاراققا تىگىشىۋېتەتتى. ئەمما غەلۋە قىلمايتتى؛ مېجەزى رائىش، مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل ئىدى. باشقىلارغىمۇ يېلىنمايتتى. ھامان خىجىل بولۇپ يۈرگەندەكلا قىلاتتى. قارىسام ئۇنىڭ بەك مەيخورلىقى تۇتقاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر قەدەھ ھاراق بەردىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇنداق تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنى ماڭا چىرمىشىۋالدى دېسەممۇ بولاتتى...مەن ھەرقانچە گەپ قىلساممۇ بەرىبىر ئىدى. ئۇ قانداق ئادەمدۇ- ھە! ئۇ بىر كۈچۈككىلا ئوخشايتتى. سىز قەيەرگە بارسىڭىز ئۇ سىزگە ئەگىشىپ شۇ يەرگە باراتتى. ئەمما بىز بىر كۆرۈشۈپلا بۇرادەر بولۇپ قالدۇق، مەن ئۇ ئادەمنىڭ راستىنلا تۇز قۇيمىغان گوۋىدەك تېتىقسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم! ئۇ دەسلەپتە مۇشۇ يەردە بىر كېچە تۈنىۋالاي دەپ ئۆتۈندى، مەن ماقۇل بولۇپ ئۇنى ھوجرامغا كىرگۈزدۈم؛ مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى كۆردۈم، ئۇ خېلى بولىدىغان ئادەمدەك تۇيۇلدى. ئۇ ئىككىنچى كۈنىمۇ قوندى، ئەمما ئۇ ئۈچۈنچى كۈنى يەنە كەلدى. ئۇ دېرىزە تەكچىسىدە پۈتۈن بىر كۈن ئولتۇردى، ئۇ يەنە قونۇپ قالدى. ھەي، ئۇ ماڭا چىرمىشىۋالىدىغان بولدىـــدە دەپ ئويلىدىم؛ سەن ئۇنىڭغا يەپ-ئىچىدىغان نەرسىلەرنى بىرىپلا قالماي، يەنە ياتاقمۇ بىرىشىڭ كېرەك ئىدى. ئەمدى مەندەك بىر نامرات- پېقىر ئادەم بۇنداق بىر يۇندىخورنى باقىدىغان بولدۇم. ئۇ مەن بىلەن تونۇشۇشدىن بۇرۇنمۇ پات- پات بىر مۈلكىي خادىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭغا چىرمىشىۋالغانىكەن. ئۇ ئىككەيلەن ھامان بىرگە ھاراق ئىچىدىكەن؛ كېيىن ئۇ مۇلكىي خادىم ھاراقكەش بولۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىشى ئوڭ كەلمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئىسىمى مېيىرلىيامۇ ياكى يېمىرلىيان ئىلئىچمۇ، ئىشقىلىپ بىر نېمىكەن. مەن ئۇزۇن ئويلاندىم: ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك، ھەيدىۋەتسەم سەت تۇراتتى، مەن ئۇنى بىچارە دەپ سەزدىم. ئاھ، تەڭرىم، تۈزەلمەيدىغان، قۇتقىزىۋالغىلى بولمايدىغان بۇ ئادەم ھەقىقەتەن بىچارە ئىدى. ئۇ ھامان ئۈندىمەي جىم تۇراتتى، باشقىلارغىمۇ يالۋۇرۇپ-يېلىنمايتتى. مىدىرلىماي ئولتۇراتتى، كۈچۈكتەك كۆزلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇراتتى. مەن مەيخورلۇقنىڭ ئادەمنى مۇشۇ دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: يېمىرياننۇشكا مەرھەمەت قىلىپ قايتىڭ؛ سىزنىڭ بۇ يەردە قىلىدىغان ئىشىڭىز يوق؛ سىز ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قاپسىز؛ مەن ئۆزۈمنىڭ قورسقىقىنىمۇ باقالمايۋاتسام، سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى قانداق باقىمەن؟ دېمەكچى بولدۇم. مەن ئولتۇرۇپ يەنە ئويلاندىم: ئۇنىڭغا راستىنلا شۇنداق دېسەم، ئۇ نېمە دەر؟ مەن بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم: ئۇ گېپىمنى ئاڭلىشى بىلەنلا ماڭا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا قارىشى، مىدىرلىماي ئولتۇرۇشى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپمۇ كىرمەسلىكى مۇمكىنىدى، ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇ دېرىزە تەكچىسىدىن تۇرۇپ، بوخچىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇشى، خۇددى مەن ھازىر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك تۇرغان بولۇشى، يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان كونا قىزىل كاتەكچە بوخچىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇنىڭ بوخچىسى ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇ كېيىن پەلتوسىنى تۈزەشتۈرۈپ، بىرەر يىرىدىمۇ يىرتىق يوق، كۆركەم، ئىللىق پەلتوسىنى كىيىپ، كىشىلەرگە سالاپەتلىك، مۆتىۋەر ئەپەندىدەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن ئىدى! ئۇ كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە بىنادىن پەسكە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن ئىدى. ھەي، مەن يەنە ئۇنى بىچەرە ئادەمكەن دەپ سەزدىم. بىچارىلىك ئادەمگە ھامان چىقىش يولى بەرمەيتتى. مەن كېيىن يەنە ئويلاندىم: مەن ئۆزۈم شۇنداق بىچارە بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىم؟! مەن يەنە خىيال قىلدىم: ئالدىرىغاننىڭ نېمە پايدىسى، يېمىرلىيا، ئىشقىلىپ سەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايسەن، مەن ئۇزىماي كۆچۈپ كېتىمەن، ۋاقتى كەلگەندە سەن مېنى ئىزدەپ تاپالمايسەن. ئەپەندى، بىز راستىنلا كۆچۈپ كېتىمىز؟ ئەينى چاغدا ئالىكساندىر فېليوۋىچ بوۋاي (ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھىم): ئاستايېف، مەن سىزدىن بەك رازى، بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىمىز سەھرادىن قايتىپ كېلىدۇ، مەن سىزنى ئۇنتۇيالمايمەن، تېخى سىزنى ياللايمەن دېگەنىدى. مەن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدە باشقۇرغۇچى بولىدىكەنمەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتتى. ھەي، ئۇ بوۋاينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئازغىنە تاپقان- تەرگىنىمىنى ئېلىپ، بىر نەچچە ۋاق خاتىرجەم تۇرايمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن بىر موماينىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ بىر بۇلۇڭنى ئىجارىگە كەلدىم. ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ بىر بۇلۇڭ بوش ئىدى.
ئۇ بالا باققۇچى بولغان ئىدى، ھازىر ئۆزى يالغۇز ياشايتتى، ئازراق بېقىنىش خىراجىتى ئالاتتى. مەن ئويلاندىم: سۆيۈملۈك يېمىرلىيا، خەيرى- خوش سىز مېنى تاپالمايسىز! ئەمما ئەپەندى، سىز تەسەۋۇر قىلالامسىز؟ مەن بىر كۈنى ئاخشىمى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ( مەن تۇنۇشلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پاراڭلىشىپ قايتىپ كېلىشىم ئىدى) شۇنداق قارىسام يېمىرلىيا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ مېنىڭ ياغاچ ساندۇقۇمدا بىخارامان ئولتۇراتتى، كاتەكچە بوغچىسىنى يېنىغا قويۋالغان ئىدى، ئۇ يەنىلا ھېلىقى پەلتۇسىنى كېيىۋالغان ئىدى، ئۇ مېنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى... ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولمىغاچقا مومايدىن چىركاۋىنىڭ بىر كىتابنى سوراپ ئالغان ئىدى. ئۇ كىتابنى تەتۈر تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇ زادى نېمە ئىزدەۋاتقاندۇ. مەن ئامالسىزلىقتىن قوللىرىمنى سېلىپ تۇردۇم. ئەي، مەن ئويلاندىم: راستىنلا ئامال يوق ئىدى، ئەينى چاغدا ئۇنى نېمىشقا قوغلىۋەتمىگەندىمەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن:
ـــ پاسپورتىڭىزنى ئالغاچ كەلدىڭىزمۇ، يېمىرلىيا؟ـــ دەپ ئۇدۇللا سورىدىم.
ئەپەندى مەن شۇ زامان ئولتۇرۇپ ئويلاندىم: بۇ سەرگەندار ماڭا نۇرغۇن باش ئاغرىقى تېپىپ بېرەرمۇ؟ ئازراق ئاۋارچىلىق بولسىمۇ كېرەك يوق. مەنمۇ ئۇنىڭ بىر قەلەندەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ھەي، ئەتىگەندە ئۇنىڭغا بولكا بېرىشىم كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ مىزىلىكراق نەرسە يېگۈسى كەلسە، بىرقانچە تال پىياز سېتىۋالسىلا بولاتتى. چۈشلۈك تامىقىغىمۇ پىياز يېسە بولىۋېرەتتى؛ ئاخشاملىرى يەنىلا كۈۋاس ئىچسە، پىياز بىلەن ئازراق بولكا يېسىمۇ بولاتتى، ئۇ يىگۈسى كەلسە يېسە بولىۋېرەتتى. ئۇ كۆكتات شورپىسىنىڭ ئۈستىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىدى، ئىككىمىز تويغىچە كۆكتات شورپىسى ئىچىشىمىز مۇمكىنىدى. مېنىڭ ئىشتىھايىم ئانچە ياخشى بولمىغىنى بىلەن ھاراككەش ئىكەنلىكمنى خالايىقنىڭ ھەممىسى بىلەتتى، ئۇنىڭغا يېگۈلۈك بولماي، ھاراق بولسىلا بولاتتى، پەمىمچە ئۇنىڭ مەيخورلىقىدىن مەن ئوسول ئەھۋالغا چۈشۇپ قېلىشىم مۇمكىنىدى. ئەمما، ئەپەندى، مېنىڭ خىياللىمدا يەنە بىر ئوي پەيدا بولدى، بۇ ئوي خىياللىمدىن زادى نېرى كەتمىدى: يېمىرلىيا راستىنلا كەتسە، مەنمۇ خوشال بولمايتىم... شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ شەپقەتچىسى بولماقچى بولدۇم. ئۇنى يېرگىنىشلىك ئۈلۈمدىن يېراق قىلماقچى بولدۇم، ئۇنىڭغا ھاراقدىن پەھرىز تۇتقۇزماقچى بولدۇم! شۇنىڭ بىلەن مەن:«مېنىڭچە سىز كەتمەڭ، گېپىمگە قولاق سېلىڭ: ھەي بودىلا، يېمىرلىيە كەتمڭ، بۇيەردە قېپقېلىڭ، ئەمما سىز بۇيەردە مەن بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرمەڭ، گەپ ئاڭلاڭ!»دېدىم.
مەن يەنە ئويلاندىم: ئەگەر مەن ئۇنىڭغا بىرەر ئىش قىلىشنى ئۈگەتمەكچى بولسام، ئۇ ئىشنى شۇزامان ئۈگىتىشنى باشلاشقا بولمايتتى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چېچىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى، يېمىرلىيا سىزنىڭ زادى قانداق ئىختىدارىڭىز بار، مەن بىر كۆرۈپ باقاي دېيىشىم كېرەكىدى. ئەپەندى، مەيلى قانداق بىر ئىش قىلىش توغرا كەلسۇن ھامان ئادەم سەۋىرچان بولسىلا ئۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. مەن ئۇنى يۇشۇرۇن كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىم: يېمىرلىيە سىز قۇتقۇزۋالغىلى بولمايدىغان ئادەم ئىكەنسىز! ئەپەندى، مەن باشلىنىشى بىلەنلا ياخشى كۆڭلۇم بىلەن دېدىم : يېمىرلىيان ئىلئىچ، سىز بىردەم ئۇنداق، بىردەم مۇنداق قىلىپ يۈرىيدىكەنسىز، قاراڭ سىزنىڭ بۇ ئەپتىڭىزگە، ئۆزىڭىزنى روھلۇق،جۇشقۇن تۇتۇڭ. يەنە بىكار تەلەتلىك قىلىپ يۈرمەڭ! قاراڭ، ئۈستىـــبېشىڭىز بەك غورىگىللىشىپ كېتىپتۇ، سەتراق دېسەم ئۇچىڭىزدىكى بۇ پەلتورىڭىزنى غەلۋىر قىلغۇدەك بولۇپ كېتىپتۇ. نېمە دېگەن قاملاشمىغان ئىش بۇ! يۈزـــ ئابرۇي دېگەننى بىلىش كەرەك. ئۇ ئولتۇرۇپ گېپىمنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، تامامەن پايدىسى بولمىدى. ئەپەندى، مەن قانداق قىلسام بولار؟! ئادەم بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ھەتتا تىلىمۇ گەپكە كەلمەيدىكەن، ئادەمنىڭ ئېغىزى قاملاشقۇدەك بىرەر ئېغىزگەپكىمۇ كەلمەيدىكەن. سىز باغدىن سۆزلىسىڭىز ئۇ تاغدىن سۆزلەيدىكەن. ئۇ گېپىمنى بىر ھازا ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇھسىنىپ قويدى.
ـــ نېمىشقا ئۇھسىنىسىز، يېمېرلىيا ئىلئىچ؟
ـــ كېرەك يوق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ئەنسىرىمەڭ. بۈگۈن كوچىدا ئىككى خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالدى، بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ سىۋىتىدىكى قىرتاق ماڭگو شەربىتىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆكۈۋەتتى.
ـــ ھە، كېيىن قانداق بولدى؟
ـــ يەنە بىرسى ئەتەي ئۇنىڭ سېۋىتىدىكى ماڭگۇنى ئۆرۈۋەتتى، تېخى پۇتى بىلەن دەسسەپ مىجىۋەتتى.
ـــ ھە، يېمېرلىيان ئىلئىچ، كېيىن يەنە قانداق بولدى؟
ـــ شۇنداق،مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم شۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەن كۆڭلۈمدە:شۇنداق، مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم دېگىڭىز نېمىسى، ئەستا، يېمېرلىيا، يېمېرلىياننۇچكا! سىز ھاراق ئىچىۋېرىپ كاللىڭىزدىن كېتىپسىز!... دەپ ئويلىدىم.
ـــ بىر غوجام پۇرچاق كوچىسىدىمۇ ياكى گۈللۈك كۆچىسىدىمۇ بىر ۋاراق قەغەز پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ. بىر سەھرالىق: ئۇنى كۆرۈپ ئامىتىم كەلدى دەپتۇ؛ يەنە بىر سەھرالىقمۇ: ياق، مېنىڭ ئەمدى تەلىيىم كەلدى، مەن ئۇ پۇلنى سەندىن بۇرۇن كۆردۈم دەپتۇ...
ـــ كېيىنچۇ، يېمېرلىيان ئىلئىچ؟
ـــ شۇنىڭ بىلەن ئىككى سەھرالىق ئۇرۇشۇپ كەتتى، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ. ساقچى كېلىپ يەرگە چۈشۈپ قالغان ئۇ پۇلنى ئېلىپ ھېلىقى غوجامغا بەردى، تېخى ئۇلارنى قورقۇتۇپ مەن سەنلەرنى قولغا ئېلىپ قامىۋېتىمەن دېدى.
ـــ ھوي، يەنە سىزگە نېمە بولدى؟ يېمېريىلان، بۇ گەپلەرنى دېگەننىڭ نېمە پايدىسى؟...
ـــ شۇنداق، مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم. ئەتتىراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
ـــ ھەي، يېمېرلىيا! ئەتتىراپتىكىلەرنىڭ سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار! سىز روھىڭىزنى سېتىۋېتىپسىز. يېمىېرڭىيان ئىلئىچ، سىز مېنىڭ سىزگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىدىغانسىز؟
ـــ نېمە دەيسىز، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ؟
ـــ بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇڭ، ئەمدى بىرەر ئىش تېپىشىڭىز كېرەك. مەن سىزگە يۈز قېتىم دېگەندىمەن، ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!
ـــ ئاستايىف ئىۋانوۋىچ مەن قانداق ئىشنىڭ بېشىنى تۇتىمەن، مەن راستىلا قانداق ئىش قىلالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئاستايىف ئىۋانوۋىچ، مېنى ھېچكىم كېرەك قىلمايدۇ.
ـــ يېمىرلىيە، سىز ھاراققا بەك ئامراق بولغاچقا باشقىلار سىزنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن!
ـــ ئەمما بۈگۈن بوغالتىر بىر نەۋرە ئىنىسى ۋېلارىسنى چاقىرىپ كەتتى، ئاستايىف ئىۋانوۋىچ.
ـــ مەن دەيمەن، يېمىرلىيە، ئۇنى نېمىشقا چاقىرىپ كەتتى؟
ـــ بۇنى مەن بىلمەيمەن، ئاستايىف ئىۋانوۋىچ، دېمەك، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېھتىياچلىق بولغاچقا چاقىرتىپ كەتكەندۇ...
شۇنىڭ مەن كۆڭلىمدە: ئەي يېمىرلىيە، ئەمدى ئىككىمىز تامامەن تۈگىشىدىغان بولدۇق، بىزنىڭ گۇناھىمىز بولغاچقا تەڭرى بىزنى جازالاۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەي، ئەپەندى ئېتىڭا بۇنداق ئادەملەرگە قانداق قىلىش كېرەك!
ئەمما ئۇمۇ ھىلىگەر ئادەم ئىدى. ئۇ ھەمىشە گېپىمنى ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتى. ئۇ گېپىمنى ئاڭلاۋېرىپ زېرىككەن بولۇشى كېرەك. مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپ، پەلتوسنى ئېلىپلا تېكىۋەتتى، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ئۇ سىرتتا بىر كۈن لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن كەچتە غەرىق مەس قايتىپ كېلەتتى. ئۇنىڭغا كىمنىڭ ھاراق قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى، ھاراق ئىچكەن پۇلنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى خۇدا بىلەتتى. بۇ مېنىڭ سەھۋەنلىكىم ھېسابلانمايتتى...
ـــ مەن دەيمەن، يېمىرلىيان ئىلىچ، سىزنى پالاكەت باسىدۇ! گېپىمنى ئاڭلاڭ، قايتا ھاراق ئىچمەڭ! كېلەر قېتىم يەنە ھاراق ئېچىپ مەس قايتىپ كەلسىڭىز بىنانىڭ پەلەمپيىدە ئۇخلاڭ. ئۆيگە كىرىشىڭىزگە رۇخسەت يوق!...
ئۇ مېنىڭ تاپىلاشلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆيدە بىر- ئىككى كۈن ھاڭۋاقتىلاردەك ئولتۇردى ئۈچىنچى كۈنى يەنە غىبىدە چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنى يەنە كۈتۈپ تۇردۇم. ئۇ قايتىپ كەلمىدى! راستىنى دېسەم سەل ئەندىشە قىلدىم، يەنە كېلىپ ئۇ تولىمۇ بىچارە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئويلاندىم، مەن ئۇنىڭغا رەھىمسىزلىق قىلىپتىمەن! مەن ئۇنى ھەيدېۋېتىپتىمەن. ھەي، ئۇبىچارە نەگىمۇ كەتكەندۇ، ئاھ، تەڭرىم، ئۇ يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ كەچ كىرگەندىمۇ قايتىپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىسى ئەتىگەندە كارىدۇرغا چىقىپ قارىۋىدىم، ئۇنىڭ كارىدۇردا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ بېشىنى پەلەمپەينىڭ پايىسىگە قويغىنىچە تۈز ياتاتتى. ئۇ توڭلاپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى.
ـــ يېمىرلىىيا، سىز گە نېمە بولدى؟ تەڭرىم سىزنى ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن! نېمە دەپ بۇيەردە يېتىۋالدىڭىز؟
ـــ ئاستايىف ئىۋانوۋىچ، ئىككى كۈن خاپا بۇلۇپ قالدىڭىز، كەيپىياتىڭىزمۇ ياخشى بولمىدى، مېنى كاردۇردا ئۇخلاڭ دېدىڭىز، شۇڭا مەن ئۆيىڭىزگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، ئاستايىف ئىۋانوۋىچ، شۇڭا مۇشۇ يەردە يېتىپ ئۇخلىدىم...
مەن يەنە غەززەپلەندىم، يەنە ئۇنىڭغا ئېچىمنى ئاغرىتتىم.
ـــ ھەي، مەن دەيمەن، يېمېرلىيا، سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر ئىش تېپىڭ. بىنانىڭ پەلەمپىيىگە قاراش نە ھاجەت!...
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، يەن قىلغۇدەك قانداق ئىش بار؟
ـــ مەن دەيمەن(قاتتىق غەزىپىم كەلدى!)، سىزنى راستىنلا قۇتۇلدۇرۇۋالغىلى بولمايدىكەن، سىز ماشىنىچىلىقنى ئۆگەنسىڭىز بولارمىكىن. قاراڭ ئۇچىڭىزدىكى بۇ پەلتوغا! ھەممە يەرلىرى ئۆتمەـــ تۆشۈك بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىنانى سۈپۈرۈپ، تازىلاڭ. يىڭلە بىلەن پەلتولىرىڭىزنىڭ تۆشۈكلىرىنى ئوبدان ياماڭ. ھەي، سىز ھاراقكەشنى- زە!
ئەپەندى، مەن شۇنداق دېيىشىم بىلەنلا ئۇ قولىغا يڭپـــيىڭلە ئالدى؛ ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ شۇنداق دەپ قويغانىدىم، ئەمما ئۇ قورقۇپ كەتكەچكە يىڭلىنى ئالدى. ئۇ پەلتوسىنى قويۇپ قويۇپ، يىڭلىگە يىپ ئۆتكۈزدى؛ مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم؛ ھەي، يەنىلا شۇ پېتى ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى، كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ كەتكەنىدى؛ قوللىرى تىترەيتتى، ھەرقانچە قىلىپمۇ قولىنى تىزگىنلىيەلمەيتتى! ئۇ يىڭلىگە بىر ھازاغىچە ئاران يىپ ئۆتكۈزدى، يىپ يىڭلىنىڭ ئۆتىگە كىرمەيتتى؛ ئۇ كۆزىنى چىمىلدىتاتتى، بىردەم يىپنى چىشلەپ ھۆل قىلسا، بىردەم يىپنىڭ ئۇچىنى ئىنچىكە ئېشەتتى، ئۇ يىپنى يەنىلا يىڭلىنىڭ ئۈتىگە ئۆتكۈزەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوللىرىنى سىلكىپ، ماڭا پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇردى...
ـــ ھەي، يېمىرلىيا، سىزگە ھاردۇق يېتىپتۇ! سىز بۇ قېتىم كىشىلەر ئالدىدا يۈزىڭىزنى تۆكۈۋالدىڭىز. سىز راستىنلا ياۋاش، سەمىمى ئادەم ئىكەنسىز، مەن پەقەت ئوينىشىپ دەپ قويغان، تەنبىھ بىرىپ قويغانىدىم...بولدىلا، سىزنى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، يوق يەردىن ئىش تېرىماي، بۇ يەردە جىم ئولتۇرۇڭ، يەنە سەتلىشىپ يۈرمەڭ، بىنانىڭ كارىدۇرىدا تۈنىمەڭ، ئالدىمدا يۈزىنىڭنى تۆكمەڭ!...
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ئەمىسە مەن قانداق قىلسام ياخشى بولىدۇ؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ئەتىدىن- كەچكىچە مەست يۈرىدىغانلىقىمنى، ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن!...مېنىڭ...شەپقەتچىم، مەن سىزنى بىكار غەم يىگۈزۈپتىمەن...
بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆكۈرۈپ كەتكەن لەۋلىرى بىردىنلا تىترەشكە باشلىدى، بىر تامچە ياش ئۇنىڭ تاتارغان مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ چاشقان بۇرۇتىدا لىغىرلىدى. ئۇ ئاخىرى بوغۇلۇپ يىغلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن تارامـــتارام ياش تۆۈلدى...ۋاي ئاتامەي، شۇ ئەسنادا مەن يۈرەكـــباغرىمغا نەشتەر سانجىغاندەك ئازاپلاندىم.
ـــ ھەي، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئاسان تەسىرلىنىدىغانلىقىمنى ھەرگىز ئويلىماپتىكەنمەن ! بۇنداق بولۇشنى كىم ئويلىيالايتتى، كىم پەرەز قىلالايتتى دەيسىز؟...ياق، مېنىڭچە، يېمىرلىيا، سىز بىلەن كارىم بولمىسا، سىز پايتىمىدەك ۋەيران بولۇپ كېتىسىز!...
ئەپەندى، ھېكايىنى سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە ۋالاقشىپ سۆزلەپ يۈرگۈلۈكمۇ؟! ھامان بۇ بىر ئەرزىمەس، تېتىقسىز، تىلغا ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىدى، دېمەك، ئەپەندى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇنداق ئىش ئۈچۈن سىز ئىككى كونا يارماقمۇ بەرمەيسىز، ئەمما مەن نۇرغۇن پۇل چىقىرىشنى خالايمەن، ئەپەندى، ئەگەر مەن بولغان بولسام، ئوبدان بولاتتى، پەقەت بۇنداق ئىش روي بەرمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى! ئەپەندى، مېنىڭ بۇرۇن ئالى سۈپەتلىك تېگى كۆك بىر ئىشتىمنىم بارىدى، بەك چىرايلىق ئىدى. سىرتتىن كەلگەن بىر پومېشچېك بۇ پەلتونى ماڭا بۇيريتۇپ تىكتۈرگەنىدى، ئەمما كېيىن ئۇ بۇ پەلتونى كېرەك قىلمىدى، تار تىكىپ قويۇپسىز دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ پەلتو مەندە قالدى. مەن ئويلايمەن: بۇ پۇلغا يارايدىغان نەرسە ئىدى. بازاردا بەش روبلىغا ساتقىلى بولاتتى. بولمىسا مەن بۇنى ئۆزگەرتىپ پېتېربورگدىكى ئەپەندىلەرگە ئىشتان تىكىپ بەرسەممۇ بولاتتى. ئېشىپ قالغان لاتىنى ئۆزۈمگە جىلىتكە تىكىپ كىيسەممۇ بولاتتى. بىلەمسىز، بىز نامرات ئادەملەر ھەممە ئىشقا تاقابىل تۇرالايمىز! ئەمما بۇ چاغدا يېمىرلىيا قىيىن كۈنگە دۇچار بولغانىدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچ كۈنگىچە ھاراق ئىچمىگەنلىكىنى، ھېرىپ روھسىزلانغانلىقىنى، چىرايلىرىدىن بىچارىلىك چىقىپ تۇرغانلىقىنى، بۇرۇختۇم بولغىنىچە ئولتۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ھەي، مەن يەنە ئويلاندىم: بۇرادەر، يېنىڭدا بىر سىنىت يوقكەن، ئاداشقان ئادەمنىڭ يامان يولدىن قايتىشى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ياخشى نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ، ئىرادە قىلىپ ، يامان يولدىن قايت. ئەپەندى ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئىدى؛ يەنە بايرام كەلدى، مەن تاڭ ئاتقۇچە تىلاۋەت قىلغىلى كەتكەنىدىم، ئەمما ئۆيگە كېلىپ قارىۋىدىمـــيېمىرلىياننىڭ دېرىزە تەكچىسىدە باشلىرىنى ئۇتانـــبۇيان قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھەي بۇرادەر سىز يەنە ئىچىۋاپسىزدە دېمەكچى بولدۇم. مەن كېيىن نېمە ئۈچۈنكىن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بېرىپ ساندۇقنى ئاچتىم. ساندۇققا قارىۋىدىم، ئىشتىنىمنىڭ يوقلىقىنى كۆردۈم!...ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم! ھەممە يەرنى ئاختۇردۇم، يەنىلا يوق تۇراتتىـــشۇنىڭ بىلەن قاتتىق جىلە بولدۇم! ئايالىمنى قاتتىق تىللىدىم، ئەيىپلىدىم، ئەمما يېمىرلىيادىن زىنھار گۇمانلانمىدىم، گەرچە ماڭا ئۇ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇشى بىر خىل گۇناھدەك تۇيۇلسىمۇ.! شۇنىڭ بىلەن ئايالىم:يوق گەپنى قىلماڭ، ئەپەندى، سىزنى پەرۋەردىگار ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، مەن سىزنىڭ ئىشتىنىڭىزنى ئېلىپ نېمە قىلىمەن، مەن ئۇنى كىيەلەممتىم؟ تېخى يېقىندىلا سىزنىڭ ھەمراھىڭىز مېنىڭ كۆينىكىمنى ئېلىپ كەتمىدىمۇ...ھەي، ئىش قىلىپ مەن ھېچنېمنى بىلمىدىمـــدېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: بۇ يەردە كىم تۇرغان، كىم كەلگەن؟ دەپ سورىدىم. ئايالىم: ھېچكىم كەلمىدى؛ ئەپەندى، مەن ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇردۇم. يېمىرلىيان ئىلئىچ سىرتقا چىقىپ كىردى؛ قاراڭ، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە ئولتۇرمامدۇ، بېرىپ ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ، دېدى. مەن: يېمىرلىيا، سىز بىرەر نەرسىگە ئېچتىياجلىق بولۇپ مېنىڭ يېڭى تار ئىشتىنىمنى ئالدىڭىزمۇ- يوق، ھېلىقى پومېشچېك بۇيرۇتۇپ تىكتۇرگەن ئىشتاننى، ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ دېدىم. ئۇ:ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ياق مەن ئالمىدىم، دېدى
قىزىق، مەن يەنە ئىزدىدىمـــيەنىلا تاپالمىدىم! ئەمما يېمىرلىيا ئۇ يەردە بەدەنلىرىنى ئىرغاڭلىتىپ ئولتۇراتتى. ئەپەندى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىڭىشكىنىمچە ساندۇققا قارىدىم، توساتتىن مەن كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم...ھەي قەلىپ قەسىرىمدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىغاندەك بولدى، چىرايلىرىم بەقەمدەك قىزىرىپ كەتى. يېمىرلىيە تۇيۇقسىز ماڭا لاپپىدە قاراپ قويدى.
ـــ ياق،ـــ دېدى ئۇ،ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن سىزنىڭ ئىشتىنىڭىزنى ئالمىدىم، ھەي...سىز بەلكىم شۇنداق ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۈمكىن، ئەمما مەن ئالمىدىم.
ـــ ئەمىسە ئۇ ئىشتان قەيەرگە كېتىدۇ، يېمىرلىيان ئىلئىچ؟
ـــ مەن بىلمىدىم،ـــ دېدى ئۇ،ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن ئۇ ئىشتىڭىزنى ھەرگىز كۆرمىدىم.
ـــ يېمىرلىيان ئىلئچ، بۇ گەپچە ئىشتان قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ- دە؟
ـــ بەلكىم شۇنداق بولۇسى مۇمكىن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
مەن ئۇنىڭ گېپى تۈگىگىچە زوڭ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇرۇپ دېرىزە ئالدىغا كەلدىم، جىن چىراقنى ياندۇرۇپ يەنە كىيىم تىكىشكە باشلىدىم، مەن بىنانىڭ تۈۋەن قەۋىتىدە ئولتۇرىدىغان كىچىك ئەمەلدارنىڭ بىر ئاسما مايكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتىم. ئەمما مېنىڭ قاتتىق غەزىپىم كەلدى، پەرىشانلىقتىن بۇرۇقتۇم بولدۇم. كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىملىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئوچاققا سېلىپ كۆيدۈرۈۋەتسەممۇ چىدايتتىم. قارىغاندا يېمىرلىيامۇ مېنىڭ غەزەپلەنگەنلىكىمنى سەزگەندەك قىلاتتى. ئەپەندى، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە جىن بولسا، خۇددى ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇش بورانـــچاپقۇننىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئالدىن سەزگندەك ئۇ ھامان بېشىغا ئاپەت چۈشىدىغانلىقىنى ئالدىن سېزىدىكەن.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ،ـــدېدى يېمىرلىيا (ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازى خۇددى سۇنۇق داڭقاننىڭ ئاۋازىدەك تىترەپ چىقتى)،ـــ بۈگۈن ئانجىپ پۇرۇخلېچ، ھېلىقى دوختۇر، پەيتۇنكەشنىڭ ئايالى بىلەن توي قىلىدىكەن، ئۇ پەيتۇنكەش يېقىندا ئۆلۈپ قاپتۇ...
مەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم، قارىغاندىمۇ غەزەپ بىلەن قارىدىم...يېمىرلىيا مېنىڭ بۇنداق قارىشىمنى چۈشەندى. مەن ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋات ئالدىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ كارىۋات ئالدىدا قانداقدۇر بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتىـــمەن جىم تۇرۇپ كۈتۈپ تۇردۇمـــئۇ بىر ھازاغىچە ئالدىراش بولدى، توختىماي ئۆز- ئۆزىگە:راستىنلا يوق تۇرىدۇ، بۇ ئىپلاس نەرسە قەيەرگە كەتكەندۇ! دېدى. مەن ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى ساقلاپ تۇردۇم؛ مەن ئۇنىڭ كارىۋاتنىڭ تەكتىگە ئۆمىلەپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن سەۋرى قاچام توشتى.
ـــ يېمىرلىيان ئىلئىچ، ئۇ يەردە ئۆمىلەپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ئىشتان بۇ يەردە بارمۇـــيوق، قاراپ باقاي دەيمەن. بەلكىم مۇشۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن
ـــ ئەپەندى (مەن غەزەپتىن ئۇنى شۇنداق ھۈرمەت بىلەن چاقىردىم)، ئەپەندى، سىز نېمە دەپ مەندەك بىر ئاددى، نامرات، پېقىر ئادەم ئۈچۈن باش قاتۇرىسىز؛ تىزىڭىزنى يەرگە سۈركەپ ئاۋارە بولدىڭىز!
ـــ بۇ مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، بەلكىم ئىزدەپ باقسام تېپىلىپ قالار.
ـــ ھىم!...مەن دەيمەن، يېمىرلىيان ئىلئىچ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ!
ـــ نېمە، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ؟
ـــ سىز ئوغرىلاپ كەتتىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى مۇشۇنداق كۈتۈۋاتسام، ئەمما سىز مېنى ئالدىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
ئەپەندى، ئۇ يەردە يۈكۈنۇپ ئولتۇردى، ئالدىمدا ئۆمىلەپ كەتتى، راستىنلا ئاچچقىمنى كەلتۇردى.
ـــ مەن ئوغرىلىمىدم... ئاستايېف ئىۋانوۋىچ...
ئۇ ھېلىھەم كارىۋات تەكتىدە دۈم ياتاتتى، خېلە ئۇزۇنغىچە ياتتى؛ ئاخىرى كارىۋات تەكتىدىن ئۆمىلەپ چىقتى، مەن ئۇنىڭ چىريلىرىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ سەل ئۆرە بولغىنىچە ماڭا يۆلەندى، دېرىزە تەكچىسىگە كېلىپ ئون مىنۇتتەك ئولتۇردى.
ـــ مەن ئەمەس، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ،ـــ دېدى ئۇ. ئۇ شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدىن قورقۇنۇچلۇق چىقىپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىنلاشتى. بۈگۈنمۇ ئۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدا روي بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن سىزنىڭ ئىشتىنىڭىزغا تەگمىدىم،ـــ دېدى ئۇ.
يېمىرلىيانىڭ پۈتۈن ئەزايىـــبەدەنلىرى تىترەپ كەتتى، تىترەپ تۇرغان بارماقلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى باستى، ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقتى. ئەپەندى، مەن ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم، بەدەنلىرىم خۇددى دېرىزە رامكىسىغا چاپلىشىپ كەتكەندەكلا سەزدىم.
ـــ ھەي، مەن دەيمەن، يېمىرلىيان ئىلئىچ، ئىختىيارىڭىز، خاتا گەپ قىلىپ قويغان بولسام، مېنى كۆپتىن- كۆپ كەچۈرۈڭ. ئىشتان يوقاپ كەتسە كەتمەمدۇ؛ ئۇ ئىشتان يوقاپ كەتسىمۇ بىز يەنىلا ياشىيالايمىزغۇ؟ خۇداغا شۈكرى، ھەممىمىزنىڭ ئىككى قولى بار، ئەمما بۇ قوللار ئوغرىلىق قىلىشقا يارالغان ئەمەس...ھەم باشقا نامراتـــپېقىرلەردىنمۇ خەيرىـــئېھسان تىلىمەيمىز؛ بىز پۇل تېپىپ ئۆزۈمىزنى باقىمىز...
يېمىرلىيا گېپىمنى ئاڭلاپ بولۇپ ئالدىمدا بىر ھازا ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن يەنە ئولتۇردى. پۈتۈن ئاخشام مۇشۇنداق مىدىرلىماي ئولتۇردى؛ مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئۇ يەنىلا ھېلىقى يەردە ئولتىرىۋېرىپتۇ. ئەتىسى ئەتتىگىنى مەن ئۇنىڭ پولدا ياتقىنىنى كۆردۈم. ئۇ پەلتوغا پۈركىنىۋالغانىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋەتكۈدەك ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىمىغانىدى. ھەي ئەپەندى مەن شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن بىزار بولدۈم، دەسلەپكى چاغلاردا تېخى قاتتىق ئۆچ بولدۈم. ئۇ خۇددى ئۆز ئوغلۇمدەك ئىشتىنىمنى ئوغرىلىۋالغاچقا قاتتىق ئازاپلاندىم. مەن ئويلاندىم، يېمىرلىيا، ھەي يېمىرلىيا! ئەمما، ئەپەندى، يېمىرلىيا ئىككى ھەپتىگىچە ئۈزۈلدۈرمەي ھاراق ئىچتى، خۇددى ساراڭلاردەك كۈن بويى گالدا- گۇلدۇڭ يۈردى. ئۇ ئەتتىگىنى چىقىپ كېتىپ كەچتە قايتىپ كەلدى، مەن ئىككى ھەپتىگىچە ئۇنىڭ بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم، ئۇ قاتتىق ئازاپلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى ياكى ئۇ ئۆزىنى قەستەن ئازاپلىنىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ كېيىن بىردىنلا ھاراق ئىچمىدى، ھەممە ھاراقنى ئىچىپ بولغاندەك يەنە دېرىزە تەكچىسىگە كېلىپ ئولتۇردى. ئسىمدە قېلىشىچە ئۇ دېرىزە تەكچىسىدە ئۈچ كېچەـــكۈندۈز بىر ئېغىزمۇ ئۈندىمەي ئولتۇردى؛ مەن ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەپەندى، ئۇ شۇنداق ئولتۇرغىنىچە يىغلاپ كەتتى! ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قۇرۇپ قالغان قۇدۇقتەك بىر تامچە ياشمۇ چىقمىدى. ئەپەندى، ئالدىڭىزدا چوڭ بىر ئادەم يىغلاپ تۇرسا، يەنە كېلىپ يېمىرلىيادەك بىر بوۋاي ھەسرەتلىنىپ يىغلاۋاتسا، كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمايدۇ؟!
ـــ يېمىرلىيا، سىزگە نېمە بولدى؟ـــ دەپ سورىدىم مەن.
ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى تىترەۋاتاتتى. مەنمۇ تىترەۋاتاتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنچى بولۇپ سۆزلەشتىم.
ـــ كېرەك يوق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ
ـــ سىزنى تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، يېمىرلىيا، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز نېمىشقا مۇشۈكياپىلاقتەك بۇ يەردە ئولتۇرىۋېرىسىز؟
مېنىڭ يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى.
ـــ شۇنداق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مېنىڭ ئۇنى كۆرسىتىۋاتقىنىم يوق، مەن بىر ئىش تېپىپ قىلايمىكىن دەيمەن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
ـــ قانداق ئىش تاپاي دەيسىز، يېمىرلىيا ئىلئىچ؟
ـــ قانداق ئىش بولسا بولىۋېرىدۇ. بەلكىم بۇرۇنقىدەك ۋەزىپەم بولسىكەن دەيەن؛ مەن فيودوشىر ئىۋانوۋىچنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆتۈنۈپ باقتىم...مەن سىزنى خاپا قىلىپ قويدۇم، بۇ تولىمۇ سەت بولدى، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن پەقەت ئىش بولسىلا قىلسام، جەزمەن مۇۋەپپىقىيەت قازىناتتىم، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن سىزنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭزغا جاۋاپ قايتۇرسام دەيمەن، تاماق پۇلىنىمۇ جەزمەن تۇلۇق تاپشۇرىمەن.
ـــ بولدى، بۇ گەپلەرنى دېمەڭ، يېمىرلىيا، دېيلا قويۇڭ؛ ئازراق سەھۋەنلىك دېگەن ئۆتۈپ كېتىدۇ! ئۆتۈپ بارسۇن ئۇنداق ئىشلار! بىز يەنە بۇرۇنقىدەك كۈن ئۆتكۈزىمىز.
ـــ ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، بەلكىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بىر تۈگۈن باردۇ...مەن راستىنلا سىزنىڭ ئىشتىنىڭىزغا چېقىلمىدىم...
ـــ ھەي، سىز دېگەندەكتۇ بەلكىم، بولدى، سىزنى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، يېمىرلىيا!
ـــ ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ھازىر ئىش ناھايتى ئېنىق بولدى، مەن ئەمدى سىزنىڭ مېھمىنىڭىز ئەمەس. مېنى كەچۈرۈڭ، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
ـــ سىزگە نېمە بولدى دەيمەن، يېمىرلىيان ئىلئىچ، سىزنى كىم بوزەك قىلدى؟ كىم چەتكە قاقتى، ئەجەبا مەنما؟
ـــ ئۇنداق ئەمەس، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بۇنداق تۇرىۋەرسەم قاملاشمىغۇدەك...ئەڭ ياخشىسى مەن بۇ يەردى كېتەي...
بۇ گەپچە ئۇ قاتتىق خاپا بولۇپ بۇ ئىشىنى تەگەۋېرىپتۇ. مەن ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ئورنىدىن تۇردى- دە، پەلتوسننى مۆرىسىگە ئارتىدى.
ـــ سىز نەگە بارىسىز، يېمىرلىيان ئىلئىچ؟ سىز ئەقلىڭىز بىلەن ئويلاڭ: سىزگە نېمە بولدى، سىز نەگە بارالايسىز؟
ـــ ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، بولدىلا، مېنى ماڭلىغى قويۇڭ (ئۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى)؛ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن گۇناھ ئۆتكۈزىدىغان ئىشتىن ئۆزۈمنى يىراق تۇتىمەن. سىز ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدىڭىز.
ـــ نېمىشقا ئوخشىمايدىكەن؟ يەنىلا بۇرۇنقىدەكقۇ! سىز راستىنلا ئىش ئۇقمايدقغان بالىغا ئوخشايدىكەنسىز، سىز ئۆزىڭىزنى ۋەيران قىلىۋېتىسىز، يېمىرلىيان ئىۋانوۋىچ.
ـــ ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، سىز ھازىر سىرتقا چىقسىڭىز ھامان ساندۇقنى قۇلۇپلاپ قويىدىغان بولىۋالدىڭىز، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈشۈم بىلەنلا يىغلاپ تاشلايمەن...ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، سىز ئەڭ ياخشىسى مېنى كەتكىلى قويۇڭ، مېنى ئەپۇ قىلىڭ، مەن سىز بىلەن بىللە تۇرسام چىشىڭىزغا تېگەىپ قويىدىكەنمەن.
ئەپەندى، نېمە ئامال دەيسىز؟ ئۇ شۇنداقلا كېتىپ قالدى . مەن ئۇنى بىر كۈن ساقلىدىم، كەچتە قايتىپ كېلەر دەپتىمەن، ئەمما ئۇ قايتىپ كەلمىدى! ئۇ ئەتىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەتىسىمۇ قايتىپ كەلمىدى. مەن قورقۇپ، ئەندىشە قىلدىم، كېچىنچى ئۇيان تولغۇنۇپ، بۇيان تولغۇنۇپ ئۇخلىيالمىدىم، گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمىدى، كۆزۈمگىمۇ ئۇيقۇ ئىلىنمىدى. بۇ ئادەم مېنى راستىنلا ئامالسىز قويدى! تۆتۈنچى كۈنى مەن ئۆيدىن چىقىپ ئۇنى ئىزدىدىم، پۈتۈن مەيخانا، قاۋاققخانىلارنى ئالا قويماي ئىزدىدىم! ئەتتىراپلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم، سوراپ- ئۇقۇشتۇم، ئەمما تاپالمىدىم، يېمىرلىياننۇشكا كۆرۈنمەيتتى! شۇنىڭ بىلەن مەن كۆڭلۈمدە:بەلكىم سەن بەخىتسىز كاللاڭدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى ھاراقتىن كېيىن قاشا تۈۋىگە يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغانسەن، خۇددى چىرىپ كەتكەن ياغاچتەك ياتقانسەنـــدەپ ئويلىدىم. مەن شۇنداق خىياللارنى سۈرگەچ نىمجان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، ئۇنى ئەتە ئىزدىي دەپ نىيەت قىلدىم. مەن نېمە دەپ بۇنداق كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئادەمنى خالىغانچە ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەقۇل بولغاندىمەن دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم. ئەمما مەن بەشىنچى كۈنى(بايرام ئۆتكۈزۈشكە ئۈلگۈرۈپ) تاڭ سەھەردە ئىشىكىنىڭ توكـــتوكـــتوك قىلىپ چېكىلگەنلىكىنى سەزدىم. يېمىرلىيانىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم:ئۇنىڭ چاچلىرى سالۋاراپ، يۈزلىرى مەينەتلىشىپ، تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەنىدى، خوپ جۈدىگەنىدى، ئۇ كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزگەندەك قىلاتتى. ئۇ پەلتوسىنى سېلىپ ئالدىمدىكى ساندۇققا كېلىپ ئولتۇردى، ماڭا قاراپ تۇردى. مەن بەك خۇشال بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈمدە قاتتىق ئىزتىراپ چەكتىم. ئەپەندى، ئىش مۇنداق بولۇشى كېرەك: ئەگەر مەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسام، راستىنى دېھەم، مەن ئىتقا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەنكى، ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن. ئەمما يېمىرلىيا قايتىپ كەلدى! ھەي، كىشى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر ئادەمگە قاراپ تۇرسا، تەبىئىلا ئازاپلىنىپ قالىدىكەن، كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا سەمىمى مۇئامىلە قىلدىم، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەردىم.
ـــ ھەي، يېمىرلىياننۇشكا، سىز قايتىپ كېلىپ مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىڭىز. سىز يەنە سەل كېچىكسىڭىز مەن چىقىپ ھەممە رېستۇران- قاۋاقخانىلارنى ئىزدەيتتىم،. قورسىقىڭىزغا غىزا يىدىڭىزمۇ؟ـــ دېدىم.
ـــ يىدىم، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
ـــ راست يىدىڭىزمۇ؟ قاراڭ، بۇرادەر، تۆنۈگۈن ئېشىپ قالغان ئازراق كۆكتات شورپىسى بارىدى، پىشۇرۇپ قويغان كالا گۆشىمۇ بارىدى، قۇرۇق شورپا ئەمەس؛ بۇ يەردە غول پىياز بىلەن بولكا بار. مەن دەيمەن، ئۇنى يەۋېلىڭ، تىڭىزگە قۇۋەت بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەن شورپىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم؛ مەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر نەرسە يىمىگىنىگە ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى سەزدىمـــئۇ خۇددى ئاچ قالغان بۆرىدەك كومىلدىدىپ يىدى. دېمەك، ئاچارچىلىق ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كەلگەنىدى. مەن ئۇنىڭ بىچارە چىرايىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. مەن كىچىك قاۋاقخانىغا بېرىپ ئازراق شاراپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېگۈزەي، مۇشۇ قېتىملا شۇنداق قىلاي، ئىككىنچى بۇنداق قىلماي دەپ ئويلىدىم! يېمىرياننۇشكا، مەن سىزگە ئەمدى ئۆچ بولمايمايمەن! شۇنداق قىلىپ مەن ھاراق ئېلىپ كەلدىم.
ـــ يېمىرلىيان ئىلئىچ، بىز بايرام ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرەيلى! ئىچكۈڭىز بارمۇ؟ بەك ياخشى بولدى،ـــ دېدىم مەن.
ئۇ قولىنى سوزدى، ئۇ ئاچ كۆزلۈك بىلەن قولىنى سوزۇپ، قەدەھنى ئالدى، ئەمما ئۇ يەنە توختىدى، جىندەك ساقلىدى؛ مەن ئۇنىڭ قەدەھنى ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ بارغانلىقىنى، كېيىن ھاراقنىڭ يىڭىگە تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ لەۋرىلىرىگە تەككۈزگەن قەدەھنى يەنە شۇ زامان شىرەگە قويدى.
ـــ نېمە بولدى، يېمىرلىياننۇشكا؟
ـــ ھېچنېمە بولمىدى؛ مېنىڭ شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ... ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
ـــ ئازراق ئوتلىمامسىز؟
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، مەن... مەن ئەمدى قايتا ھاراق ئىچمەيمەن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
نېمە، سىز تامامەن ھاراق تاشلىدىڭىزمۇ، يېمىرلىيان، ياكى بۈگۈن ئىچمەمسىز؟
ئۇ ئۈندىمىدى. بىر ئازدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ قولىنى قولىغا قويۇۋالغانلىقىنى كۆردۈم
ـــ شۇنداق، سەل مېجەزىم يوق تۇرىدۇ، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
مەن ئۇنى يۆلەپ كارىۋاتقا چىقاردىم. شۇنداق قارىۋىدىم، ئەھۋال راستىنلا چاتاق ئىدى: ئۇنىڭ باشلىرى قىزىپ كەتكەنىدى، پۈتۈن بەدەنلىرى خۇددى ئىسسىق كېسىلى بولۇپ قالغان ئادەمدەك غالـــغال تىترەيتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇم؛ ئاخشىمى ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولدى. مەن سېرىقماي بىلەن غول پىيازنى كۇۋاسقا ئارىلاشتۇردۇم، يەنە ئازراق بولكا قوشتۇم.
ـــ ئۇزراق بولكا شورپىسى ئىچەمسىز، شۇنداق قىلسىڭىز سەل ئوڭشىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،ـــدېدىم مەن.
ـــ ياق، مەن بۈگۈن غىزا يىمەيمەن، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ،ـــ دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ.
مەن ئۇنىڭغا چاي دەملەپ بەردىم، خوتۇنۇممۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى، ئەمما ئۇ بىزەمۇ ياخشى بولمىدى. ھەي، راستىنلا چاتاق بولدى دەپ ئويلىدىم مەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈچۈنچى كۈنى دوختۇرنى ئىزدەپ باردىم. مەن كوستۇپرانۇف دېگەن بىر دوختۇرنى تونۇيتتىم. مەن بورىسمىتكىن غوجامنىڭ ئۆيىدە ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن يونۇشۇپ قالغانىدىم، ئۇ مېنىڭ كېسىلىمنى كۆرۈپ قويغانىدى. ئۇ كەلگەندىن كېيىن بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆردى.
ـــ ئەھۋال چاتاق. مېنى چاقىرىپ كەلگىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوقكەن ئەمدى. ھەي، ئۇنىڭغا ئازراق دورا پاراشوگى يېگۈزەيلى،ـــ دېدى دوختۇر.
ئۇنىڭغا دورا پاراشوگى يىگۈزگىلى قويمىدىم. مەن دوختۇر ئوينىشىپ شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ بىلدىم؛ ھەش- پەش دېگۈچە بەشىنچى كۈن يېتىپ كەلدى.
ئەپەندى، ئۇ ئالدىمدا ياتاتتى، ئۇنىڭ جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغانىدى. مەن دېرىزە تەكچىسىدە ئولتۇرۇپ يىڭلە ئىشى قىلدىم. ئايالىم غىزا ئېتىۋاتاتتى. بىز دېگۈدەكلا ئۈندىمىدۇق. ئەپەندى، بۇ ھاراقكەش ئۈچۈن يۈرەكـــباغرىم ئۆرتەلدى. خۇددى مەن ئۆز ئوغلۇمنى ئۇزىتىپ قويىدىغاندەكلا بولدۇم. مەن يېمىرلىيانىڭ ھازىرمۇ ھېلىھەم ماڭا قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن تېخى ئەتتىگەندە ئۇنىڭ بىر نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن مەن ئۇنىڭغا يەنە قارىدىم؛ بۇ بىچارە ئادەمنىڭ كۆزلىرىدىن ئېيتقۇسىز ئازاپ چىقىپ تۇراتتى، ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق قارىشىم بىلەنلا ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ يۇمۇلغانلىقىنى بايقىدىم.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ!
ـــ سىزگە نېمە بولدى، يېمىرلىيا؟
ـــ ئەگەر مەن ئۇ پەلتونى بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋەتكەن بولسام، خېلى پۇلغا يارىشى مۈمكىن، يېمىرلىيان ئىلئىچ.
ـــ ھەي، مەن دەيمەن، قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم ئۈچ رۇبلىغا يارار، يېمىرلىيان ئىلئىچ.
مەن راستىنلا ئۇ پەلتونى بازارغا ئېلىپ بېرىپ ساتماقچى بولسام، ھېچكىممۇ بىر تىيىن باھا قويماسلىقى مۇمكىنىدى، ئەكسىچە مۇشۇنداق نەس باسقان، جەپپىرىسى چىقىپ كەتكەن پەلتونىمۇ ساتقىلى ئەكەلگەن بارمۇ دەپ مەسخىرە قىلىشى مۇمكىنىدى. مېنىڭ بايا شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىشىمدىكى مەقسىدىم، بۇ ئادەمنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىش ئىدى.
ـــ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ئۈچ رۇبلىغا ساتقىلى بولار؛ نىزا پەلتو ئەمەسمۇ، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ. نىزا پەلتو بولغاچقا ئۈچ رۇبلىغا ئانچە ئەرزان كەتمەس؟
ـــ مەن بىلمىدىم. مەن دەيمەن، يېمىرلىيان ئىلئىچ؛ ئەگەر بۇ پەلتونى بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېتىشنى خالىسىڭىز، ئۈچ رۇبلى باھا قويساق بولىدۇ.
يېمىرلىيا بىردەم سۈكۈتكە پاتقاندىن كېيىن يەنە ۋارقىرىۋەتتى:
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ!
ـــ يەنە نېمە ئىش بارىدى، دەپ سورىدىم مەن، يېمىرلىياننۇشكا؟
ـــ مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ پەلتونى سېتىۋېتىڭ، پەلتونى مېنى دەپىن قىلغان چاغدىمۇ ئىشلەتمەڭ، مەن مۇشۇنداق ياتسام بولىۋېرىدۇ. ئۇ پۇلغا يارايدىغان پەلتو، بەلكىم سىزگە كېرەك بولۇپ قالار.
ئەپەندى، شۇنىڭ بىلەن يۈرىكىم سىقىلغاندەك بولۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. مەن جان ئۇزۈش ئالدىدىكى ئازاپنىڭ ئۇنى ئىسگەنچىگە ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدىم. بىز دېگۈدەكلا ئۈندىمىدۇق. مۇشۇ تەرۈزدە بىر سائەت ۋاقىت ئۆتتى. مەن يەنە ئۇنىڭغا قارىدىم: ئۇ ماڭا قاراپلا تۇراتتى، ئەمما بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغاندا ئۇ يەرگە قارىۋالاتتى.
ـــ مەن دەيمەن، ئازرق ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈڭىز يوقمۇ، يېمىرلىيان ئىلئىچ؟
ـــ ئىچكۈم بار، تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ.
مەن ئۇسۇزلۇق ئەكىلىپ ئۇنىڭغا ئازراق ئىچۈردۈم.
ـــ يەنە بىرەر نەرسە كېرەكمۇ، يېمىرلىياننۇشكا؟
ـــ ياق، ئاستايېف ئىۋانوۋىچ، ھېچنېمە كېرەك ئەمەس؛ مېنىڭچە...
ـــ نېمە دېمەكچىسىز؟
ـــ بۇ..
بۇ نېمە، يېمىرليۇشكا؟
ـــ ئۇ ئىشتاننى...بۇ...مەن ئالغانىدىم...ئاستايېف ئىۋانوۋىچ...
ـــ ھەي، مەن دەيمەن، تەڭرىم سىزنى كەچۈرگەي، يېمىرلىياننۇشكا، سىز بىر بەخىتسىز ئادەم، ئاھ، سىز نېمە دېگەن بەخىتسىز ئادەمـــھە! خاتىرجەم يېتىڭ...
مەن ئۆزۈممۇ نەپەسلىنەلىدىم، كۆز ياشلىرىممنىمۇ تۇتىۋالالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن بۇرۇلۇو بىردەم تۇردۇم.
ـــ ئاستايېف ئىۋانوۋىچ...
مەن يېمىرلىيانىڭ ماڭا دەيدىغان گېپى بارغۇ دەپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ ئۆزى ئۆرە بولدى، لەۋلىرىنى تەستە مىدىرلاتتى...بىردىنلا ئۇنىڭ چىرايلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى، ماڭا قاراپ تۇردى...مەن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چىرايلىرىنىڭ تاتىرىشقا باشلىغانلىقىنى، بارغانسىرى تاتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى؛ ئۇنىڭ بىراققا ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇ بېشىنى ئارقىسىغا قىلدى، بىر تىنىق بىلەنلا ئۇ دۇنيا سەپەر قىلدى.
(خەنزۇچە«دوستىيوۋىسكىينىڭ پوۋىستـــھېكايىلىرىدىن تاللانما »ناملىق كىتابتىن)
شەرمەندە ئائىلە
نەجىب مەھبۇز(مىسىر)
ئوسمانجان مۇھەممەت تەرجىمىسى
بىر خانىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۆتۈنگەندە، ئۇ پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارى بىلەن ئۈستەلگە يۆلەنگىنىچە خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
-خەيرىلىك ئەتتىگەن، ئەخمەت ئەپەندى،-دېدى ئۇ خانىم ئولتۇرغاچ.
بۇ چىرايلىرى تاتارغان، زاڭاقلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئېغىزى سەل بۇرتۇپ چىققان، كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياش ئايال ئىدى، ئايال ئۇچىسىغا مۇسىبەت كىيىمى كېيىۋالغانىدى، چىرايلىرىدىن غەمكىنلىك، دەرت-ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى. ئەخمەت ئايالنىڭ گېپىدىن ئايالنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئايال رەسمىيەتلەرنى ئوڭۈشلۇق بىجىرىپ، نەپىقە پۇلىنى تېز ئېلىشنى ئىستەيتتى. ئەخمەت ئۇنى يىللىق پۇل باشقارمىسىنىڭ يېنىغا بېرىڭ دېمەكچى بولۇپ تۇراتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئايالنىڭ ھارغىن كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە مىقتەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئەخمەت ئەسلىدە ئۇ ئايال ماڭا بىر خىل تەشۋىش ۋە خىجالەتمەنلىك بىلەن قاراۋاتىدۇ دەپ قارىغانىدى. بۇ نېمە ئىشتۇ؟ ئەجەبا ئۇ مېنى تونۇمدىغاندۇ دەپ ئويلىدى ئەخمەت، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئەخمەتنىڭ خىيالىدا بىردىنلا پەيدا بولدى، ئۆتكەن ئىشلار- قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ قەلبىدە پاللىدە يورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسەنكىرىگىنىچە:
-خانىم، سىز؟-دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
خانىم خىجىل بولغىنىچە يەرگەقارىۋالدى، سەل ھاياجانلانغىنىچە:
-شۇنداق، تەلىيىم ھەرھالدا يامان ئەمەس ئىكەن، باش نازارەتچى جاناپلىرى مېنى تونۇدىلا،-دېدى.
ئەخمەت ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئەسلىيەلمىدى، ئەمما مىمى دېگەن ئەركىلەتمە ئىسىم ئۇنىڭ خىيالىدا بىردىنلا پەيدا بولدى. شۇنداق مىمى! ئۇنىڭ شۇ تۇرۇقىدىكى سىياقى ئۇنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ تېخى ئەللىك ياشقا كىرمىگەنىدى. ئەخمەت بىرەر باھانە تېپىپ ئۇنى دەماللىقققا تونۇيالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۈمكىن- شۆھبىسىزكى، بۇ ئۇ ئايال پەرەز قىلالايدىغان ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ:
-مەن ھازىر خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، سىزگە قارىغان بولساممۇ ، سىزنى تازا ئىسىمگە ئالالماپتىمەن، شۇڭا سىزنى پۈتۈنلەي تونىيالماي قالدىم،-دېدى.
-مېنىڭ سىياق- قىياپىتىم كۆپ ئۆزگۈرۈپ كەتتى، ئاللا سىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغاي، تۇرمۇش زېھنى قۇۋۋىتىمنى يەپ بولدى، ئۈچ قىزىم بار ئىدى، ئىككىسىنى ياتلىق قىلدىم، يەنە بىر قىزىم ئۆيدە، ياتلىق بولۇشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز ئەمدى ياخشىلىناي دېگەندە بىچارە ئېرىم تۈگەپ كەتتى،- دېدى ئۇ كۈلگۈن چىراي بىلەن.
ئۇلار سالام- سەھەت قىلىشقاندىن كېيىن ئائىلە ئەھۋاللىرىنى سوراشتى. ئايال ئېغىزىغا كەلگىنىچە توي قىلغان، ئېرى تۈگەپ كەتكەن ئەھۋالدىن تارتىپ، ئۇلار ئەسلىدە قاھىرەدە تۇرىدىغانلىقى، كېيىن ئەگرىمگە كۆچۈپ كەلگەنلىگىنى سۆزلەپ بەردى. ئەخمەت ئۇ ئايال ۋاتىلداپ سۆزلەۋاتقاندا خىيالىدىكى بۇرۇنقى ئوبرازىنى ئەسلىدى. كېيىن ئۇ ئايالغا بىر پارچە ئىككىلىك خەت يېزىپ بېرىپ، يىللىق پۇل باشقارمىسىنىڭ باشلىقىنى ئىزدەڭ دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئاياقلاشتى.
ئەخمەت ئايالنى ئىشىككىچە ئۇزۇتۇپ باردى، قايتىپ كېلىپ ئورنىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولدى، خىيال ئالىمىدىكى تۇمان ئىچىدىن ئاشۇ يىللارنى ئىزلىدى. قايسى يىلىدۇ- ھە؟ توغرا، 1925- يىلى.
شۇ يىلى نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەر روي بەرگەن ئىدى، ئەمما مىمى بىلەن مىمى دېگەن ئۇ ئالاھىدە ئائىلە ھەر قانداق ئىشتىن مۇھىم ئىدى. ئۇ بىر قەدىمي چوڭ قورۇق بولۇپ، بەدىر قۇملۇقى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىدى. كوچىنى كۈلرەڭ تۈس قاپلىغان ئىدى. ئىككى قەۋەتلىك كىچىك تۇرالغۇلار كوچىنىڭ ئىككى قاسنىغىدا رەت- رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، تۇرالغۇلارنىڭ دەرۋازازىسى سىرتىغا كوچا چىراقلىرى ئېسىپ قويۇلغان ئىدى، ھەر بىر ئائىلە سىرلىق كەيپىيات قوينىغا چۆمگەن ئىدى. ئۇ يەردە ئاياللار ئاز ئىدى. مۇھەببەتلىشىش چەكلەنگەن ئىدى، نىكاھ كىشىلەر ئورۇنلايدىغان بىر خىل رەسمىيەت ئىدى. ئەمما خالۋا ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلارغا ئوخشىمايتتى، ئىنتايىن غېرىپلىقى چىقىپ تۇراتتى، بۇ شەرمەندە ئائىلىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى. بۇ ئائىلە توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇششاق گەپ- سۆزلەر بولۇناتتى، يىگىتلەر بىلەن قىزلار ئۇ ئائىلىنى تىلغا ئېلىشى بىلەنلا بىر خىل گۇناھقا يولۇققاندەك ئەيىپلىشەتتى، ئەتراپتىكىلەرمۇ مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلار بىلەن بولغان ئۈلپتچىلىكنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ئائىلە خۇددى ۋابا ئىلاھىغىلا ئوخشايتتى. ئەخمەت نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېسىدە ساقلىيالمىسىمۇ، ئاشۇ نەس باسقان كۈن ئېنىق ئېسىدە ئېدى. شۇڭا ئۇ تارىخى ۋەقەگە ئايلانغان ئىدى. ھەي، ئۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟
ئۇ ئائىلىنىڭ ئايال خۇجايىنى ئىشقىۋاز ئايال بولغاچقا مۇھىم بىر خىزمەتچىگە ياتلىق بولغانىدى. ئۇ ئەللىك ياشقا كىرگەن، مىمىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا تۇغمىغان بولسىمۇ، كوچىغا چىقسا يەنە پۈتۈن زىبۇ- زېننەتلىرىنى تاقاپ، ئۆزىنى تولۇق پەردازلايتتى، كىشىلەر ئالدىدا زىبۇ-زېننەتلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى، ئالتۇن كىرپىكلىك يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرۇشنى نامايەن قىلاتتى، ئۇ بۇ رايوندىكى چىرايىغا قارا چۈمبەل ياكى ئاق چۈمبەل تارتىمايدىغان تۇنجى ئايال دەپ قارىلاتتى، ئۇنىڭ تۆت قىزى بار ئىدى، ئۇ قىزلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش چۈمبەل تارتمايتتى، يۈز- كۆزلىرىگە ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتەتتى، سىرتلاردا ئۇياق- بۇياققا ماڭاتتى. بېشى باغلانمىغان قىزلارغا نىسبەتەن بۇنداق قىلىشقا نېزەمبۇللا يول قويۇلمايتتى. قىزلار ھەر يەكشەنبە كۈنى ياكى ئەرلەر بىلەن ياكى ئۆزلىرى يالغۇز كۇزمۇلاف تىياتىرخانىسىغا بېرىپ تاڭ ئاتقۇچە تىياتىر كۆرەتتى، ئەتىگەندە تىياتىرخانىدىن كىشىلەر كەتمۈگىچە بۇلار ھەرگىز كەتمەيتتى. قايسى بىر ئايال، قايسى بىر ئەر، قايسى بىر قىز مۇشۇنداق قىلىدۇ! تېخىمۇ قاملاشمىغىنى شۇكى، بۇ ئائىلىدىكىلەر باشقا ئائىلىدىكى زىيارەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرىنى قائىدە بويىچە كۈتىۋالىدىغان چاغدا، ئەر- ئاياللار قىلچە ئايرىلماي ئارىلىشىپ كېتەتتى. مەھەللىدىكى يىگىتلەر خوشال بولۇشقىنىچە چىراق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان قوبۇلخانىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە يىغىلىۋېلىشقىنىچە، ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان خوشال كۈلكە ئاۋازى، ساز ئاۋازى ۋە ناخشا ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە دەرىزىدىن بېشىغا قىزىل قالپاق كىيىۋالغان كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە ئىما قىلىشىۋاتقانلىقىنى، چاقچاقلىشىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇزۇن پىكىر بايان قىلىۋاتقانلىقىنى، گۈزەل ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. قىزىق، خالۋانىڭ ئائىلىسى تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا كىشىلەر بۇ ئائىلىنى "شاللاق" دېگەن سۆز بىلەن باغلايتتى. بۇ ئائىلىدىكىلەر قۇلۇم- قوشنىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان قارىشىنى ۋە ھېسسىياتىنى تامامەن بىلسىمۇ، ئۇلار يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەيتتى. زىنھار كۆڭلىگە ئالمايتتى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق نەرسە بولمايتتى. خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەكلا سېزەتتى. بۇ رايوندىكىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئەمەستەكلا قىلاتتى.
مىمى پات- پات يولدا ياكى ماگىزىنلاردا پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇ ھامان ئۆزى يالغۇز يۈرەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئون بەش ياش چاغلىرى ئىدى، ئۇ ئايدەك چىرايلىق ئىدى، ئاپىسى بىلەن ھەدىلىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئەخمەت ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى چىرايىنى ئەسلىيەلمىدى، پەقەت ئىككى ئۆرىۋالغان توم، پارقىراق قۇندۇز چاچلىرىنى، زەڭگەر كۆزلىرىنى، مەڭزىدىكى كىچىك زىناقلىرىنى غۇۋا ئەسلىيەلىدى. ئەخمەت ھەمىشە مۇھەببەت بىلەن تولغان ھەيرەت نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە قارايتتى، دەسلەپتە ئەخمەت ئۇنىڭغا كەمسىتىش ۋە مەسخىرە نەزىرى بىلەن قارىدى، كېيىن ئۇنڭدىن زوقلاندى، ئۇنى كۆرۈپ يۈرىگى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەسرەتلەنگىنىچە ئۆز- ئۆزىگە:"ھەي، ئېسىت، ئېسىت!"دېدى. قىز ئىككى يىلدىن كېيىن چوڭ بولدى، ئەخمەت ئۇنى ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدى، كىشىلەر سۆز- چۆچەك قىلمىسۇن دەپ بۇ سىرنى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە يوشۇرۇپ كەلدى. بەزىلەر قىزىنى ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولدى، ئاسانلا ئىلمەككە چۈشىدىغان ئوۋ نېمەتلىرى سۈپىتىدە تېتىماقچى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە غەرىزى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى مىمى ئۇنىڭغا لاپپىدە قاراپ قويدى، ئەينى چاغدا ئىككەيلەن تورتخانىدا ئىدى، قىز ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ يۈرىگىنى مەستۇ-مۇستەغرەق قىلىۋەتكىدەك نەزەر بىلەن قارىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردىنلا كۆرەڭلەپ كەتتى، قەلب قەسىرىنى غەلىبە شاتلىقى قاپلىدى. ئۇنىڭ قەلب دەرياسىدا ئۆركەشلەۋاتقان بەخت دولقۇنلىرى جىمىى بەتنىيەتلىرىنى يۇتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىگە ئارىلاشمىدى، ئۇ شەرمەندە ئائىلە دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنمىدى، ئۇ كۆڭلىدىكى تۇيغۇنىڭ ھەرقانداق ئادەم دېگەن گەپلەرىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. رامىزان ئاخشاملىرى ئىككەيلەن بىر- بىرىگە بېقىشتى، ھەۋەس قىلغىنىچە ئوينىشىپ چاقچاقلاشتى. سەرەڭگە يېقىشىپ بەلگە بېرىشتى، ئۇ يولدا بىر تال سەرەڭگە ياقسا، مىمى دەرىزە يېنىدا بىر تال سەرەڭگە ياقتى. ئۇلار بەدىت قۇملۇقىدا ئۇچراشماقچى بولدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا ئەخمەت ھامان ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مىمىنىڭ غەمسىز ھالدا ئۆزىدىن ئەھۋال سوراۋاتقانلىقىنى، مىمى جاسارەتلىك بىلەن ئۆزىنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەك قىياپىتىگە جاۋاپ قايتۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايتتى.
-سىز كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالسىڭىز پەرىجە كىيىۋالغاندىنمۇ سۆلەتلىك كۆرىنىدىكەنسىز، مەن سۆلەتلىك كىيىنىشنى ياقتۇرىمەن،-دېدى مىمى بىر قېتىم. بۇ بىر جۈملە سۆز مىمىنىڭ يېڭى بايقىشى بىلەن ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغان قاپيۈرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار كەڭ، بىپايان قۇملۇقتا كۆزگە چېلىقمايدىغاندەك قىلاتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئەخمەت يەنىلا ئېھتىيات بىلەن:
-بەلكىم بىراۋ بىزنى كۆرۈپ قالغان بولۇشى مۈمكىن،-دېدى.
-كىم كۆرۈپ قالار؟ -دەپ سورىدى مىمى.
-ئۆيدىكىلەر ياكى قۇلۇم قوشنىلار كۆرۈپ قېلىشى مۈمكىن.
سوغ كۈز شامىلى ئۇنىڭ ئىككى قىلىپ ئۆرۈۋالغان غۇلدىدەك توم چېچىنى يەلپۈپ تۇراتتى، ئۇ مەنسىتمىگىنىچە مۈرىسىنى لىكىلدىتىپ قويدى ۋە:
-بىز ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك قانداق؟- دەپ سورىدى.
ئەخمەت مىمىنى ھەر ۋاقىت سۆيىۋېلىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ھامان ئەخلاق نوقتىسىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالاتتى، مىمى مۇۋاپىق پەيتتە كۆرىشەرمىز دەپ ئۆينىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئەخمەتكە دەپ بەردى، بەلكىم بۇ نومۇر بۈگۈنگە قەدەر ئەخمەتنىڭ بۇرۇنقى خاتىرە دەپتىرىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولىشى مۈمكىن ئىدى.
-بىز بىللە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارايلىمۇ؟- دەپ سورىدى مىمى.
-ياق، قەيەردە ئۇچراشساق شۇ يەردە ئايرىلغىنىمىز ياخشى. –دېدى ئەخمەت ئۆتۈنگەندەك تەلەپپۇزدا.
ئۇ بىر بەختلىك كۈن ئىدى، ئۇلار ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇچراشتى. قول تۇتۇشقىنىچە لەرزان قەدەم تاشلاپ مېڭىشتى، ئەخمەت مىمىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭدى، بىر خىل بەخىت، ئىزگۈلۈك مۇجەسسەملەشكەن ئىللىق ئېقىم ئەخمەتنىڭ يۈرىگىگە قويۇلدى، ئەخمەت مىمىنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك :
-سىز ئاپىڭىزغا نېمە دەيسىز؟-دەپ سورىدى.
-ھايۋاناتلار باغچىسىغا باردىم دەيمەن شۇ، -مىمى ئاددىلا جاۋاپ بەردى.
-ئۆزۈم يالغۇز باردىم دەمسىز؟-دەپ سورىدى ئەخمەت چۈشەنمىگەن ھالدا.
-سىز بىلەن بىللە باردىم دەيمەن،-مىمى بېشىنى چايقىغىنىچە ئاددىلا جاۋاپ بەردى.
ئەخمەت قاققاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، ئەمما ئۇ مىمىنىڭ ئەستايىدىل قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يەنە:
-ئاپىڭىز قوشۇلدىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ھەئە، ئەمما ئانچە قىزغىن بولمىدى.
ئەخمەت بۇلارغا قانداق ئىشىنىشنى بىلەلمىدى. مىمى ئۇلاپلا دېدى:
-ئاپام ماڭا ئۇ بالىدىن يىراقراق تۇر، ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئاشۇ قۇلۇم-قوشنىلاردەك كىشىلەر دېگەن.
ئەخمەت ئۆزىنى بىر قوغلاندىدەك سەزدى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئۆزىنى خۇددى چوغقا دەسسەپ تۇرغاندەك سەزدى.
-بۇ گەپچە ئاپىڭىزنىڭ ئىككىمىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزدىن خەۋىرى بار ئىكەندە!-دېدى ئەخمەت غەمكىنلىك بىلەن.
-مەن سىز بىلەن باغلىشالايمەن. سىز ئۈمىدىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىز مۈمكىن.
-نېمە ئۈچۈن؟
-مېنى كىم چۈشىنىدۇ؟
مىمى ئۆزىنى كىمنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى. كېيىن مىمى ئەگمە كۆۋرۈك ئۈسىتىگە كېلىپ، دەرەخ ياپراقلىرى بىلەن قاپلانغان سۇ بېتىگە شۈبھە نەزەرى بىلەن قارىدى، يالغان تاغ ئۆڭكۈرىگە بارايلى دېگەن تەكلىپنى بەردى. ئەمما ئەخمەت ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:
-ماڭا دەپ بېرىڭە!- دېدى.
- دەپ بەرسەممۇ سىز ئىشەنمەيسىز،-دېدى مىمى يۈرەكلىك بىلەن ئەخمەتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغىنىچە،-ئاپام بىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ شۇنداقلا يەنە ئاكىڭىىزنىڭمۇ ئۈچ خوتۇن ئالغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ!
-بۇ دېگەن ئاكامنىڭ ئەركىنلىگى.
-ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن، ئاچچىقلانغانلىقىڭىز ئاپامنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلىغانلىق بولىدۇ. ئەمدى سىز سورىغانلىرىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەرسىز؟
ئەخمەتنىڭ قەلب قەسىرى ھەسرەت تۇمانلىرى بىلەن تولدى، پاكىت ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ چۈشتى. گەرچە ئەخمەت مىمىنى مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرسىمۇ، ئۇ ئىككەيلەن يىراقتىن بىر بىرگە تەلپۈنىۋاتقان ئىككى دۇنيادا ياشايتتى. كېيىن ئەخمەت پەس ئاۋاز بىلەن:
-ئاپىڭىز سىزنىڭ كېلىشىڭىزگە قانداق قوشۇلدى؟-دەپ سورىدى.
-نېمىشقا قوشۇلمايدىكەن، بۇنىڭ نېمە خاتاسى باركەن؟
ئەخمەت ئۇنىڭ سوئالىنى يەنىلا جاۋاپسىز قويدى، شۇنىڭ بىلەن مىمى مەسخىرە تەلەپپۇزى بىلەن:
-نېمىشكە سىزمۇ قوشۇلىسىز؟-دەپ سورىدى.
ئەخمەت مىمىنڭ سوئالىنى يەنىلا جاۋاپسىز قويدى، شۇنىڭ بىلەن مىمى يەنە :
-ئەجىبا بىز ئايرىلىپ كېتىشىمىز كېرەكمىدى؟-دەپ سورىدى.
ئەخمەت مىمىنى رازى قىلىش ئۈچۈن مىمىغا قىزغىنلىق بىلەن تەسەللى بەردى، ئەپۇ سورىغان تەلەپپۇزدا:
-خاپا بولماڭ، مەن خاتا قىلدىم، بەك خاتا قىلدىم. مېنى كەچۈرۈڭ، بۇ مېنىڭ قىزلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىم ئىدى،-دېدى.
-سىز ماڭا قانداق قارايسىز؟-دېدى مىمى شۈبھە نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىغىنىچە.
-سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولىدۇ...مەن سىزنى سۆيىمەن، مىمى،-دېدى شۇئان ئەخمەت مىمىنڭ ئەندىشىسىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن.
مىمىنڭ چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى، ئىككەيلەن ئۇزۇن ئورۇندۇق ئالدىغا كەلدى، ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا بىر پارچە چىملىق بار ئىدى، ئۇلار بىر ئورۇندۇققا كېلىپ، مۆرىدەشكىنىچە جىم ئولتۇرۇشتى.
-بىز سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز توغرىلىق پاراڭلاشساق قانداق؟-دەپ جىمجىتلىقنى ئالدى بىلەن بۇزدى مىمى.
شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت ئۆزىنىڭ ئەدلىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پارلاق ئىستىقبالى، يېقىن كەلگۈسىدە سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدىغانلىقى ياكى ئورگاننىڭ مۇپەتتىشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان ئەيلىدى، بۇ بىر گۈزەل چۈش ئىدى.
-بۇنداق بولسا بەك ئېسىل بولغىدەك، ئەمما مەن قانداق قىلارمەن؟-دەپ سورىدى مىمى.
ئەخمەت ئۆزىنى قەپەستىكى ياۋايى ھايۋانغا ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قورقىنىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددى ھالدا :
-توي قىلايلى،-دېدى.
مىمى كۈلۈپ قويدى، چىرايىنى باشقا ياققا بۇرىدى، چىملىق تەرەپكە شۆبھە نەزەرى بىلەن قارىدى، ئۇ ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن ئاۋازىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.
-ئەمما بىزنىڭ يەنە بىرنەچچە يىل كۈتۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كەلسە قانداق قىلغۇلۇق؟-دەپ سورىدى ئۇ ھېلىھەم يىراق تامانغا قاراپ.
سىز جەزمەن ساقلاڭ، مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ساقلاپ تۇرۇڭ،-دەپ ئۆتۈندى ئۇ ئۇھسىنغىنىچە.
-مەن جەزمەن سىزنى مەمنۇنلۇق بىلەن ساقلايمەن. ئەمما مەن باشقىلار ئالدىدا سىزنى ساقلىغانلىقىمى بىلدۈرىدىغان بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولىدىغاندەك قىلىمەن. قانداق نەرسە بولسا بولىۋېرىدۇ، بىز قانداق ئۇسۇل بىلەن بىرلەشسەك ياخشى بولار؟
ئەخمەت شۇ زامان مىمىنڭ تەلىپى بىلەن نامى سەت ئۇ ئائىلىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇ ئېغىزىنى ئېچىپ بىر ھازاغىچە بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.
-سىز نېمە دېدىڭىز؟
- مەن ھازىر سىزگە دېگەن بۇ تەلەپنى ئورۇنلىماق ناھايىتى ئاسان.
سىز مەن ئۈچۈن بۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويمىغانسىز!-ئەخمەت ئاران ئاڭلىغىلى بولغىدەك ئاۋاز بىلەن ئۇھسىنىپ قويدى. ئۇزۇن تارىخى مۇساپىنى توختاۋسىز يۈگۈرۈپ تۈگەتكەندەك سەزدى.
- سىز خالىمامسىز، يېتەرلىك جاسارىتىڭىز يوقمۇ، ئەجىبا بىزنىڭ ئائىلە مۇشۇ دەرىجىدە قورقۇنۇچلۇقمۇ؟
-ياق، ئىش تېخى بۇ دەرىجىگە يەتمىدى...
-سىز مېنى ئالدىماڭ، مەن ھەممىنى بىلىمەن. ئاپامدا سەھۋەنلىك يوق، بىزنىڭ كوچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچىغا چىققان ئەخمەق ئادەملەر، بىز جىمى كىشىلەردىن يۈز- ئابرويلۇق، بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.
-سىز مېنىڭ گېپىمنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز، مەن ...مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزىڭىزنى مېنىڭ ئورنۇمدا قويۇپ مېنى ئويلاڭ، ماڭا...-ئۇ ھەسرەتلەنگىنىچە ۋارقىراپ دېدى.
-ئىككىلەنگەننىڭمۇ پايدىسى يوق، بىز بۇرۇن دېيىشكەن جىمى گەپلەرنى ئۇنتۇپ كېتەيلى، ئۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى باشتىن- ئاخىر قۇرۇق گەپلەر ئىدى!
-ئەمما مەن سىزگە ئاشىق، ئۇ گەپلەرنى ئىككىمىزگە سىر قىلايلى، سىز مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ...
-بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سىر ساقلاشقا خۇشتار ئەمەس!
-ئەجەبا سىز مېنىڭ پۇتۇمنى دەسسىمەي قويمامسىز؟
-مەن ھەرگىز سىزنىڭ پۇتۇڭىزنى دەسىمەيمەن.
كېيىن مىمىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى. ئۇ غەزەپتىن قول ياغلىقىنى يىرتىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە:
-سىزنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. مەن بۇ كوچىدىكىلەرنىڭ بىرسىگىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، ئۇلارنى كەچۈرمەيمەن، ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيمەن!
شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كەتتى.
ئەخمەت ئورۇندۇققا قاراپ تۇردى، ئۇنىڭ خىيال ئالىمىدە ئۆتمۈشتىكى ئىشلار كىنو لېنتىسىدەك نامايەن بولدى، ئۇنىڭ ئەسلىمە دۇنياسىدا پەقەت ئاندا- ساندا ئەسلىمىلەرلا قالغان ئىدى. جاپا- مۇشەققەت بىلەن مۇسىبت ئىشلىرى بۇ تۇل ئايالنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئايال ھەقىقى غەلىبىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى. ئۆتكەن ئىشلار ئەخمەتنى سۆسۈن رەڭ ئېزىتقۇدەك ئورىۋالغانىدى. ئۇ بۇ شەرمەندە ئائىلىدىكى ھېلىقى قىزلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن قانداق ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ئەسلىدى. ئۇ كىشىلەر بۇ قىزلارنى ئېلىشقا بولمايدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇ قىزلارنى ئېلىشقا ئادەم چىقمايدۇ دېگەن. ئۇ بۇنداق گەپلىرىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان ئىدى. كېيىن ئۇ قىزلار ئەرلىرىگە ئاجايىپ رايىشلىق بىلەن بويسۇنىدىكەن دېگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى پاراكەندە بولدى.
بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئەخمەت ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ چۈشلۈك غىزانى يەپ بولغاندىن كېيىن يېتىپ ئۇخلىدى. ئۇ ئوبالاغا بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەرەددۈتلەندى، ئۇ، خوتۇنى ۋە قىزى ئوبالاغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى، چوڭ قىزىنىڭ ئىشدىشى ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان ئېدى، ئۇنىڭ قىزى مىنىستىرلىكنىڭ تەرجىمە بۆلىمىدە ئىشلەيتتى ، ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان يىگىت تېخى بىرەر ئۇسۇل ئارقىلىق ئەخمەتنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەخمەت يەنىلا ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلدى. زىمىنغا تۈن پەردىسى يېيىلدى، ئەخمەتنىڭ خوتۇنى ، قىزى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈپ كېلىۋاتقان كېچىلىك يىغىلىشقا بېرىش، چىراق نۇرىدا كىشىلەرنىڭ ماختاش نەزىرىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن باش- كۆزلىرىنى يۇيۇپ- تاراپ ، ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتۈپ، گۈلدەك ياساندى. ئۇلار خوشال قىياپەتتە تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇشتى. شۇ ئەسنادا ئەخمەت ئۆزى يالغۇز قىرائەتخانىغا كىرىپ، زىنھار ئەجەپلەنمەي، بىر تارتمىدىن كونا بىر خاتىرىنى ئالدى، ئۇ تارتمىدا يەر خېتى، سۇغۇرتا تالونلىرى دېگەندەك قىممەتلىك نەرسىلەر مەخسۇس ساقلىناتتى. ئۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىپ تۇرىدىغان خانتاجغا نائىل بولۇشنى ئارمان قىلىدىغان ياشلىق دەۋرلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەقەلىرى ۋە ئىجتىمائى چوڭ ئىشلارنى خاتىرلەشكە ئادەتلەنگەن ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى خاتىرلەيتتى. ئۇ خاتىرىسىدىكى 1925-يىل دېگەن بەتنى ئاچتى، ئۇ ئاشۇ كۈنلەر ئارىسىدىن ھېلىقى تېلىفۇن نومۇرىنى تاپتى، ئۇ قانداق بىر ۋەسۋەسىگە ئۇچرىدىكىن، بىردىنلا قولىنى سوزۇپ ، ئاشۇ كونا تېلىفۇن نۇمۇرىنى باستى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ...
-خاللاۋانىڭ ئائىلىسىمۇ؟-ئەخمەتنىڭ چىرايىدا يېقىملىق تەبەسسۇم نامايان بولدى.
-ياق، ئەپەندى. بۇ ماتا ساتىدىغان تامرىۋانىڭ دۇكىنى. –قوپال بىر ئاۋاز ئۇنىڭ سوئالىنى رەت قىلدى.
(خەنزۇچە«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى)