ئابدۇللا مۇھەممىدى ئەرتەن 1964– يىلى 2- ئايدا كۇچا ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئاقسۇ مالىيە سودا مەكتپى باج سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ھازىر كۇچا ناھىيىلىك دۆلەتلىك باج ئىشلار ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ 1986- يىلى ئېلان قىلىنغان «سىز نېمىنى ئارزۇ قىلىسىز» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن بۇيان «باشلىق»، «مېيىت نامىزى»، «قۇياشنى قايتا كۆرگۈم بار»، «دېرىزىدىكى قىز»...قاتارلىق ھېكايىلىرى، «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ گۈل تاجى كۇچا خەلق ناخشىلىرى»، «سەن پۇل تاپالايتىڭ، ساتراش ئاكا!» قاتارلىق مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
|