كۆرۈش: 582|ئىنكاس: 0

پاتىگۈل نىياز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2396
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


پاتىگۈل نىياز 1972-يىلى 1- ئايدا كۇچا ناھىيە  ياقا يېزا قاراڭغۇ 1- كەنتتە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن كۇچا شۆبىسىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 2002-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن. ھازىر ياقا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

     ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى 2003-يىلى «مائارىپ ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان «ساپا ۋە ساپا مائارىپى»دېگەن ئىلىمىي ماقالىسى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بۇيان «تۇپراق ھىدى ۋە مۇھىت ئېڭى»، «راستچىللىق ۋە ساپا» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى؛ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان «بۈگۈنكى ياپونىيە، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا»، «مۇھەببەت چەكسىزلىكىدىكى ئاياللار ئۆزلۈكى»، «ئۆزلۈك بۇلۇڭىدىكى بالىلار ۋە مائارىپ» قاتارلىق ئىجتىمائىي تېمىدىكى ماقالىلىرى؛ «‹قايسىمىز مەست›تىن تۇغۇلغان ئويلار»، «‹ھەسرەتلىك تىنىقلار›دىكى ئورتاق نەپەسلەر»،«‹سەرسان روھ›تىكى ئىزگۈ تىلەك» قاتارلىق ئوبزورلىرى؛ «يامغۇرلۇق كېچە»...قاتارلىق ھېكايە ۋە بىر قىسىم نەسىرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

    پاتىگۈل نىياز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە كۇچا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ھازىر «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە.




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش