ximal
كۆرۈش: 371|ئىنكاس: 6

ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدىكى شائىر ۋە شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدىكى شائىر ۋە شېئىر  
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
(شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى كەسپى2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)


     قىسقىچە مەزمۇنى:
     بۇ ماقالىدە دۆلەت ئازاد بولغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان شائىر ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت ئەدەبىي تەنقىد ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، شائىر ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت كۆزقاراشلار، يېڭىلىقلار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلىدى. شۇنداقلا يېقىنقى دەۋر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدىكى شائىر ۋە شېئىرىيەت ھەققىدىكى ماقالىلەر تۈرگە ئايرىلىپ، بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق تەنقىد ئەسەرلىرى تۈرلەر بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدى.
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:    ئەدەبىي تەنقىد     شائىر     شېئىرىيەت


近代文学批评的诗者与诗
摘要:
该文章从祖国解放以来统计在期刊上发表的关于诗与诗学的文学批评作品和论文指出关于诗与诗学观点,新颖,存在的问题。而且关于近代文学批评的诗者与诗学及近代文学批评中所发表的关于诗者与诗学的被分类及讨论。
关键词:文学批评   诗人     诗歌



    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشلانغان دەۋرى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى، بولۇپمۇ شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى تەنقىد ئەسەرلىرىنىڭ كونكرېت قايسى ۋاقىتتا باشلانغانلىقى، قانداق مەزمۇن، قايسى خىل تۈرلەر ۋە قانداق تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان بىر مەسىلە. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە مەۋجۇد ئىكەنلىكى، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ سۈپىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنلىرىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكى تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلە بولغانلىغى ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكى شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە سۆز ئىچىشتىن بۇرۇن دەۋىرداشلىرمىىزنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولغان ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى مانى، بۇددىزم مەزمۇنىدىكى شېئىر- قوشاقلارغا يېزىلغان شەرھلەر، ئىزاھاتلار، فارابىنىڭ «شېئىرىيەت قانۇنلىرى ھەققىدە رىسالەسى»، «شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا سۆز» قاتارلىق ئەرەبچە ئەسەرلىرى، 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تىكى شائىر ۋە شېئىرىيەتكە ئائىت مىسرالىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىر قوشاقلار، ئەلشىر نەۋائىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىنى تىلغا ئېلىشتىن باشلاپ،  ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمزدىكى شېئىرىيەت ۋە شائىر ھەققىدە سۆز ئېچىشتا گەپنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە يازغان ماقالە ۋە تەنقىدلىرىدىن، ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «نەۋائىي ھەققىدە»، «شائىر ۋە شېئىر» قاتارلىق مەخسۇس كىتابلىرى، ھاجى ئەخمەت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» ۋە بۇغدا ئابدۇللانىڭ «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ»، قاۋسىلقان قامىجاننىڭ «ئىز ۋە ئۈلگە» ناملىق ئەسەرلىرىنى ئەڭ ئۇلۇغ بىلىپ تىلغا ئالىمىز. بۇ يىرىك ئەمگەكلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلە بىرگە مەن بۇ ماقالىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى جانلىق پاكىتلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدچىلىك مەسلىلىرى» دېگەن كىتابىغا ئاساسەن ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدىكى دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىمنى مۇستەھكەملىدىم. ئاندىن كېىين ئارزىگۇل، شادىيە، گۈلشەنلەر تۈزگەن «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى» دېگەن كىتابتىكى كاتىلوگلار ۋە ئازادلىقتىن بۇيانقى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ھەرقايسى ژۇرناللارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئۇلاردا ئېلان قىلىنغان شېئىرىيەت ۋە شائىر ھەققىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، ئوبزور، مۇھاكىمە ۋە تەقرىزلەرنى يېغىپ ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىدىم. بۇلاردىن كېلىپ چىققان بىرىنچى نەتىجە شۇ ئىدىكى مېنىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرىم ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىي تەنقىدچى يوق، ياكى ئاز دېگەن بۇ ئۇقۇمنى سەل تەۋرىتىپ قويدى. چۈنكى شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى تەنقىد ۋە مۇھاكىمىلەر ئەزەلدىن توختاپ باقمىغان، سەۋىيىسىمۇ خېلى چوڭقۇر، سان جەھەتتىمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىرىنچىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى  ئىزدىنىشتىن كېلىپ چىققان ئىلاھىيەت ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل دىنىي ئېقىملار بويىچە شېئىر-قوشاقلارنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئەدەبىياتىنى باشلىغانلىقتىن دەپ قارىدىم. ئىككىنچىدىن مىللىتىمىز ئەسلىدىنلا يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، كەچمىشلىرى كۆپ، مەدەنىيەت ئارىلاشمىلىرىدا بېيىۋاتقان مىللەت بولغىنى ئۈچۈن ئىككىنچى مەدەنىيەتتىن دىن ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىشتا شېئىر ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى ۋاسىتە قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتتۇم. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى يازما نامايەندىسى مانى دىنىغا ئائىت «تاڭ تەڭرى» ناملىق شېئىر  ئىكەنلىكى، بۇددىزم  مەزمۇنىدىكى يازما يادىكارلىقلار ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت سوفىستىك شېئىرلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
ئۈچىنچىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدە ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ بولغان بىر ئەنئەنە ساقلانغان بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قسىمى شېئىرىي ئەسەرلەر ۋە شېئىرىي تەپەككۇر تەشكىل قىلاتتى. ھەم كلاسسىك ئەدەبىياتتىن شېئىرىيەت ئەنئەنىسى قوبۇل قىلغان ئىدى.
تۆتىنچىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قېرىنداش مىللەتلەردىن تەسىر قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان مىللەتلەر يەنىلا شېئىرىي مىللەتلەر بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ شېئىرىيتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتتى ھەم بىزنى شېئىرىيەت نەزىرىيەلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇنىڭغا پارس-تۈرك ۋە رۇس-تاتار ئەدەبىياتىنى مىسال قىلىش كۇپايە.
بەشىنچىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى شائىرلار تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، شائىرلار شېئىر ئىجادىيتىدىن باشقا ئەدەبىي تەنقىد ۋە باشقا نەسرىي ئەسەرلەر بىلەن شۇغۇللىنالايتتى. ئەمما نەسرىي ئەسەر ياكى ئىلمىي تەتقىقاتچى خالىغان رەۋىشتە شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنالمايىتتى. بۇ ئەنئەنە شائىرلارنى تۇنجى قەدەمدە ئىزچىل ئىجادىيەت ۋە شېئىرىيەت مىزانلىرى ھەققىدە ئويلاندۇردى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بېشىدىلا تەجەللى، ئابدۇقادىر دامۇللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئەخمەت زىيائىيلار ئەسلىدىنلا شېئىرىيەت ئادەملىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئاندىن ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، بوغدا ئابدۇللا قاتارلىق شائىرلىرىمىز ئىزچىل تۈردە شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە شېئىرىي تەنقىدكە ۋارىسلىق قىلدى. بۇنىڭغا تىلشۇناسلىق، تارىخ-تەزكىرە ۋە باشقا ئىلىم ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ ئەمگىكىمۇ قوشۇمچە بولدى. مەسىلەن بۇ ساھەدە ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى بىلەن خەمىت تۆمۈر ئەپەندىلەرنىڭ تۆھپىسىمۇ ناھايىتى زور ئىدى. ھازىرقى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكى شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى شۇ ئىدىكى بۇ دەۋر ئەدەبىياتىمىزدا ئاز بولسىمۇ بىر تۈركۈم كەسپى ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئۆز ئىجادىيىتىنى شېئىر ۋە شائىر ھەققىدىكى ئەمگەكلەر بىلەن بېزىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتىمىزدىكى رېئاللىق ۋە مەۋجۇدىيەت ئۇلاردىن شۇنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ تۈركۈمگە مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مامبەت تۇردى، كېرىمجان ئابدۇرېھىملارنى مىسال قىلىش كۇپايە قىلاتتى.
مەن يەنە دۆلەت ئازاد بولغاندىن بۇيانقى شېئىرىيەت ۋە شائىر ھەققىدىكى ئەسەرلەرگە چەتئەل ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسىي بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە قارىدىم. ھەم شۇ بويىچە تۈرگە ئايرىدىم. بىرىنچى تۈرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدىبلەر، شائىر يازغۇچىلار كىردى. بۇلار ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىناتتى ھەم ئەدەبىي تەنقىد، جۈملىدىن شېئىرىيەت تەنقىدىي بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەمما بۇلاردا ھېسسىيلىق، ھاياجان كۈچلۈكرەك بولۇپ ئىلمىيلىق سەل كەمرەك ئىدى.
ئىككىنچى تۈردىكىلەر ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، بۇلار ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىزچىل تۈردە ياكى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە  جۈملىدىن  شېئىرلار ھەققىدە پىكىر قىلاتتى. ھەم بۇ پىكىرلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللىرىمىزنى بېيىتىپ كەلدى. ئەمما بۇلاردىكى مەسىلە پىكىردىكى تېيىزلىق ۋە ئىجادىيەت كەچۈرمىشىنىڭ كەمچىلىكى ئىدى. ئۇلار ئۆزى شېئىر يازمىغىنى ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە كۆپرەك ئۇچرايتتى. ئەسەرلەرگە قويىدىغان تەلىيى يۇقىرى ئىدى.
ئۈچىنچى تۈرى مەخسۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلە شۇغۇللىنىدىغان تەنقىدچىلەر بولۇپ بۇلارنىڭ تەپەككۇرى پىشقان، تەرتىپلىك ۋە مەيدانى ئېنىق بولۇپ، ھېچكىشىگە يان باسمايدىغان ئەدەبىيات قوشۇنلىرى ئىدى. ئۇلاردىكى بىر ئاجىزلىق بۇلارنىڭ تەنقىد دائىرسى بىر قەدەر كەڭرى بولغاچقا، شۇنداقلا مەخسۇس تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلەردە تېخى ھەرقايسى ژانىرلار بويىچە بۆلىنىپ كەسىپلىشىپ تەنقىد ئېلىپ بارىدىغان مۇكەممەل قوشۇن ھاسىل قىلالمىغان ئىدى. مەسىلەن: مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ۋە مامبەت تۇردىلارنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدە تەنقىد ئەسەرلىرى بارئىدى. ئەمما باشقا مەزمۇندىكى تەنقىدلىرىدەك كۆپ ۋە ئىزچىل ئەمەس ئىدى.
مەن يۇقىرىقى ئۈچ تۈر بويىچە يىغىلغان ماقالىلەرنىڭ سانى بويىچە تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىدىم.
بۇ ئەسەرلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن تۈرگە ئايرىغاندا:
بىرىنچىسى شېئىرىيەت نەزىرىيىسى ھەققىدىكى تەنقىد ئەسەرلىرى بولۇپ، كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىنغىنى ئارۇز ۋەزنىنىڭ  ھەرقايسى بەھىرلىرى ۋە ۋەزىن ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن گۇڭگا شېئىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ئىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە يېڭىچە شئىرلاردىن سىممېتىرىك شېئىرلار، نەسرىي شېئىرلار ۋە چاچما شېئىرلار ھەققدىمۇ ئىزدىنىشلەر يېتەرلىك ئىدى. كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى ئىبراھىم مۇتىئى، ئەمەت دەرۋىش قاتارلىقلارنىڭ شېئىرىيەت تىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمۇ شېئىرىيەت نەزىرىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى بېيىتقان ئىدى.
ئىككىنچىسى شائىرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىش، تەنقىد، تەتقىقات ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ تۈردە ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقىرى، ناۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تىيىپجان ئېلىيۇف، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئادىل تۇنىيازلار بولۇپ بۇلارنىڭ بىرقىسملىرى ھەققىدە ھەتتا مەخسۇس ماقالىلەر توپلاملىرىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇلارنى تەتقىق قىلىدىغانلار مىللەت دائىرىسىدىن ھالقىپ قېرىنداش مىللەت ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمۇ مەخسۇس بۇلار ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىدى. بۇنىڭ ۋەكىلىگە قاۋسىلقان قامىجاننى مىسال قىلىش مۇمكىن.
ئۈچىنچىسى شېئىرلار ھەققىدىكى تەنقىد ۋە تەتقىقاتلار بولۇپ، بۇتۈردە ئاساسەن كونكرېت مەلۇم بىر شېئىر، قوشاق ياكى داستانلار ھەققىدىكى، ھەتتا شېئىرىي رومانلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىردا يېڭىدىن چىقىۋاتقان شېئىر توپلاملىرى ۋە ئاساسلىق ئەسەرلەر مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى. بۇلاردىن قۇربان باراتنىڭ «ئاق روماللىق پەرىزات»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، بوغدا ئابدۇللانىڭ «سالغا تېشى» ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «رۇبائىيات» قاتارلىق ئەسەرلەر ئاساسلىق تەھلىل ئوبيېكتىنى ئىگىلىگەن ئىدى. بۇ تۈردە ھەتتا تەكرار مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر راۋاجلانغان بولۇپ ھەرقايسى يەرلىك ژۇرناللار بۇخىل ئەسەرلەرنى بېسىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.
تۆتىنچىسى        شېئىرىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە، تەنقىد ۋە تەتقىقاتلار بولۇپ، بۇلار ئاساسەن، ئارۇز ۋەزنى، بۇددىزىم مانى دىنى مەزمۇنىدىكى قۇچۇ شېئىرلىرى ۋە گۇڭگا شېئىرلارنى مەركەز قىلغان كونا-يېڭى دەۋر ئىجادىيەت ھادىسىلرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى بولۇپ ناھايىتى كەسكىن ۋە ئىنچىكە ئىدى.
بەشىنچىسى        شېئىرىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ژانىر، تۈرلەر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر بولۇپ، بۇ تۈر گەرچە باشقا تۈرلەردەك ئۇنداق بەك دىققەتنى تارتىپ كىتەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن باشتىن-ئاخىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ تۈرگە نۇرغۇنلىغان مەخسۇس كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تەتقىق قلىدىغان كەسپى تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا بىر قسىىم نامى چىقمىغان ھەۋەسكارلار ۋە ئۇنۋان ئىزدىگۈچى ئىمتىھان ساھىبلىرى ئىشتىراك قىلىپ كەلدى. قوشاقلار ۋە شېئىرىي تېپىشماقلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ بۇ تۈرنى بېيىتتى.
ئالتىنچىسى كلاسسىك شېئىرىيەت، ۋەسىقەشۇناسلىق، قەدىمقى ئەسەر تەتقىقاتىغا ئائىت تەنقىد ۋە مۇھاكىمىلەر بولۇپ، بۇ تۈر بىزنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەزىريىمىزنى تۇرغۇزۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق تۈر بولۇپ ئاساسەن قوچۇ ئۇيغۇر شېئىرلىرى، مانى تېكىستلىرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىر غەزەللەرنىڭ تېپىلىش، ئوقۇلۇشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋاللار بولۇپ بۇ تۈردە تىلشۇناسلارنىڭ، ۋەسىقەشۇناسلارنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولدى. مەسلەن بۇتۈردە ئىبراھىم مۇتئى، خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي،  ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ۋە بۇلاق، مىراس ژۇرناللىرىدىكى ئەدەبىيات ئۇستازلىرىنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.
يەتتىنچىسى چەتئەل شېئىرىيەت تەسىرى ۋە شېئىرىي قوبۇل قىلىشلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر بولۇپ، بۇ تۈردە ئاساسلىق ئەرەب-پارس كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، رۇس تاتار شېئىرىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ئۆزلىشىش جەريانلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتى ئارقىلىق كىرىۋاتقان يېڭى شېئىرىيەت ئېقىملىرىغا ئېنىقلىما بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىزدىنىشلەر بولۇپ گەرچە بۇ تۈردە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ قوشۇنى ئاز، ئەسەر تەتقىقاتى چوڭقۇر بولمىسمۇ لېكىن بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلدى.
سەككىزىنچىسى شېئىرى ئەسەرلەرنىڭ تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ۋە نەشرىيات تەھرىرلىكى نۇقتىسىدىن تەھلىك قىلىنغان ئەمگەكلەر بولۇپ، بۇ تۈر «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنى مەركەز قىلغان بىرقىسىم ئىلمىي ژۇرناللاردا ئەسەرنىڭ گرامماتىكىسى، لېكسىكىسى، ئىستىلىستىكىسى، ئىملاسى، پەش چېكىتلىرى ۋە جۈملە، سۆز ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن ناھايىتى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىنغان بىرقىسىم ماقالىلەر يېزىلدى.
دېمەك، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىگى شائىر ۋە شېئىرىيەت ھەققىدە ئۆزىنىڭ زۆرۈر ۋەزىپىسىنى خىلى تولۇق تاماملاپ، بىزنى بۇ ساھەدە ئاچ-زار ۋە چاڭقىغان ھالەتتە تاشلاپ قويمىدى. شائىر ۋە شېئىرلارغا يالغۇز ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنلا نەزەر تاشلىماستىن تىلشۇناسلىق، تارىخ، ۋەسىقشۇناسلىق، يېزىقشۇناسلىق نۇقتىلىرىدن نەزەر تاشلىدى. بۇ تۈردىكى ئەدەبىي تەنقىدكە ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەر ئىشتىراك قىلىپ بۇ تۈرنى بىلىپ - بىلمەي خىلى زور نەتىجىلەرگە ئىرىشتۈردى، بۇ ئىزدىنىشلەر ئەمدى بىزدىن پەقەت بۇ يازمىلارغا ئەستايىدىل نەزەر سېلىشىىزنى، كۆزىمىزنى يۇمۇپلا ئىنكار قىلماستىن، ياكى غەرىپ، شەرقنىڭكىنى ماختاپ ئۆزىگە سەل قارىماستىن مىللى نۇقتىدىن نەزەر سىلىشىمىزنى، يەكۈنلىشىمىزنى كۈتمەكتە. مەن شەخسەن شۇنىڭغا ئشىنىمەنكى يىقن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر شېئىرىيتى ھەققىدە مۇكەممەل ئەسەرلەر مەيدانغا چىقىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ ئەلۋەتتە. ئاخىرىدا شائىرلارنىڭ، شېئىرنى سۆيىدىغانلارنىڭ، شېئىر ئۈچۈن نەپەس ئالىدىغان ھەربىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،  2002 - يىلى 9-ئاي 1-نەشرى
2. ئازات سۇلتان: «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
3. كېرىمجان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
4. ئارزىگۇل، شادىيە، گۈلشەن قاتارلىقلار تۈزگەن: «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
5. ھاجى ئەخمەت: «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
6. ئىمىن تۇرسۇن: «شېئىر ۋە شائىر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
7. ئىمىن تۇرسۇن: «ناۋائىي ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى
8. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
9. مۇھەممەت پولات: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى
10. ئەنۋەر ئابدۇرېھىم: «ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىز»، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2008-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
11. خالىدە مۇتىئى: «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
12. ئابدۇبەسىر شۈكرى: «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
13. قاۋسىلقان قامىجان: «ئىز ۋە ئۈلگە»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 1-نەشرى
14. ئىزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ ئەسەرلەر كاتالوگى ۋە 2003-يىلىدىن 2009-يىلغىچە بولغان بارلىق ژۇرناللار

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە 2010-يىلى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا  ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغاندىن كېيىن، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىل 6-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 22:47  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 708
تۆھپە : 34
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 18:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ماقالە گەرچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، مۇنبەردە يەنە ئېلان قىلىنىشى نۆۋەتتە تور ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقانلارنىڭ شېئىرىيەت ۋە شېئىرىيەت تەنقىدچىلىگى توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى، 60 يىللىق شېئىرىيىتىمىز ۋە شېئىرىيەت تەنقدچىلىگى توغرىسىدا ساۋاتقا ئىگە بولىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دوستىمىز ئابدۇمىجىتنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە بەرىكەت بولغاي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 02:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت مۇھەمەدنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسى ماكرۇلۇق نەزەردە تۇرۇپ يېڭى دەۋىر شئېىريىتىمىز ۋە شائىرلىرىمىز ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇلاھىيزە بوپتۇ.ماقالىنىڭ پاكىتلىق دەلىللىنىشى كۈچلۈك،مۇلاھىيزە ناھايىتى ئورۇنلۇق ھەم ئىخچام ئېلىپ بېرىلىپتۇ.شئېىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار  ۋە ئەدەبىي مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈشكە قىزىققۇچىلار بىر قېتىم ئەستايدىل كۆرۈپ چىقىشقا ھەم پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان ماقالە بوپتۇ.ماقالىدا ئىلمىي روھ ھەقىقىي ئىپادىلنىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 02:31  


بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 639
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 11:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت، سىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن.
ماقالىنىڭ تەپسىلىيلىكىدىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگەللىۋالغىلى بولىدىكەن.

يۇپۇرماقنىڭ سارغايغىنىنى كۆرگۈم يوق ئىدى. ئەمما، كۆرمەي ئىلاجىم يوقلىقىنى كۈز كەلگەندىن بېرى ھىس قىلىۋاتىمە

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 20:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى شېئىرىيەتكە دائىر 1000 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىلەر كاتېلوگىنى بىرەلىگەن بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئازراق سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىرچە يوللىيالماي قالدىم...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 00:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئابدۇمىجت ئىنىم، سالسمات تۇرۇپىسز ، مىنىڭ ماقالام بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ماقالىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇپ بەك ياخشى قىپسىز، ھەم تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ تېخىمۇ ئوبدان قىپسىز ، ھەممە كىشى ئورتاق بەھىرلەنسۇن ، ھەم ئەدەبى تەنقىتچىلىك بەزى خاھىشلار توغرىسدا ياخشىراق ئويلۇنۇپ باقسۇن ، ئەدەبىي تەنقىتسىز ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش