كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 5

تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3369
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12978
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدا تەھلىل

                                      نۇرىمان راخمان، پاتىگۈل خۇدابەردى

        (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ 2011-يىللىق ماگىستىرانتى)


قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئەمەلىي تىل ئىستېمالى جەريانىدا ئىپادىلەۋاتقان مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تىل؛ مەدەنىيەت قاتلىمى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى


تىل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە بېيىيدۇ.
تىل ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ـ ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەتىجىسىدە 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدىن باشلاپ مەركىزىي دىيالېكت ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۈندىن–كۈنگە كېڭىيىپ ۋە مۇرەككەپلىشىپ بېرىۋاتقان ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تېخىمۇ بېيىشقا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
تىل ـ مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىدىكى ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت. مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى تىلدىن ئايرىلالمايدۇ. تىل تەرەققىياتىمۇ مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن باغلىق بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىدۇ، بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىرىشلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەرخىل تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئارىلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆزئارا تەسىرگە ئۇچرىشى ۋە ياكى غايەت زور كەشپىياتلار ۋە تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشىدىن تىل بىلەن مەدەنىيەتتە بىرلا ۋاقىتتا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش، بېيىش ۋە مۇكەممەللىشىش تىل بىلەن مەدەنىيەتكە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
مەدەنىيەت بىلەن تىل ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەدەنىيەت تىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دەۋردىن– دەۋرگە ئۆتۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىدىن شۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئۆرپ–ئادىتى، قائىدە–يوسۇنى، مەدەنىيەت–سەنئىتى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، ئېڭى... قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ:
دۇنياغا مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ 11–ئەسىردە ئەرەب ۋە تۈرك تىلىدا تۈرك تىلىنىڭ سۆز بايلىقىنى لۇغەت ھالىتىدە يېزىپ قالدۇرغان ئۇلۇغ ئابىدىسى «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك»دە ئىشلىتىلگەن تىل (سۆزلەر)دىن ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ ئۆرپ–ئادىتى، مەدەنىيىتى، تەرەققىيات سەۋىيەسى، تۇرمۇش ئەھۋالى... قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئايرىم سىستېما بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىش ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈك شەكىللىنىدۇ. تىل مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە خاتىرلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت دائىرىسىدىكى ئالاقە ۋاسىتىسى، پىكىر قىلىش قورالى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، توشۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، تىل بىلەن مەدەنىيەت ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر–بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەدەنىيەتنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. يەنى فونېتىكا، لېكسىكا، گىرامماتىكا ۋە تىل ئىستېمالى قاتارلىق نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ لېكسىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تىلنىڭ باشقا تەركىبلىرىگە قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ. چۈنكى لېكسىكا تىلنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى، شۇنداقلا تىلنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئەڭ بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان قىسىمدۇر. شۇڭا لېكسىكا جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىشمۇ كۆپ بولىدۇ.
مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەرەب، پارس تىلى ۋە بۇ تىل ئارقىلىق ئەرەب، پارس مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، شۇ چاغدىكى تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان ناننى مىسالغا ئالساق، نان ئەسلىدە ئۇيغۇرچىدا «ئەكمەك» دېيىلىدىغان بولۇپ، پارس تىلىدىكى «نان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا سىڭىپ كىرىپ «ئەكمەك» نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن. «نان» غا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى باشقا تىللارغا، جۈملىدىن خەنزۇ تىلىغا ئۇيغۇر تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلىدا      خەنزۇ تىلىدا  
    نان              馕
دەپ ئۆزلەشكەن.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن مەدەنىيەتنىڭ تىل ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى، سۆزلەرنىڭمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە مەدەنىيەتنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
رىقابەت ۋە خىرىس بىلەن تولغان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە يېڭى–يېڭى شەيئى، ھادىسە، ئۇقۇم، چۈشەنچىلەر ھەسسىلەپ بارلىققا كەلمەكتە ھەمدە ئاشۇ يېڭىلىقلارنى تىلدا مۇۋاپىق ئىپادىلەشنى تەقەززا قىلماقتا. شۇڭا مۇشۇ جىددىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ «ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، تىلنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈش، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش» پىرىنسىپى بويىچە يېڭى سۆزلەرنى ياساپ، تىلىمىزنىڭ سۆزلۈك بايلىقنى بېيىتىش نۆۋەتتىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان سۆزلەر مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ئىپادىلىمەكتە.
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تىلىمۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، كۆپ خىللىشىشى، تىلنىڭ بولۇپمۇ سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپ خىل يۆنىلىشلىك ئۆزگىرىشىنى، تەرەققىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. سۆزلەر بۇرۇن يېڭى شەيئىي، ھادىسىلەرنى، پەن–تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى... ئېنىق، كونكرېت ئىپادىلەش مەقسىتىدە كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن ۋە ياسالغان بولسا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان شەيئىلەر ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى، ئابستراكت ئۇقۇملارنى، روھىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئالامەتلەر ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھالەتلەرنى ئېنىق ئىپادىلەش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھادىسە بولۇپ قالدى. بۇ خىل ھادىسە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىش ۋاسىتىسى بولغان رادىيو –تېلېۋىزىيە، كىتاب-ژۇرناللاردا ئەڭ كۆپ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
يېڭىدىن ياسالغان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى
مەدەنىيەت خىلمۇ خىل قاتلام ۋە تارماقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ناھايىتى مول. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «مەدەنىيەت قاتلىمى» غا كەلسەك، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەر خىل مەزمۇن، ھالەت ۋە تەركىبلەردە ئىپادىلىنىشى بولۇپ، يېڭى سۆزلەردە ئىپادىلەنگەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى، كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، سۇچىلىق مەدەنىيىتى، تىل مەدەنىيىتى، ئۆرپ–ئادەت، ئەخلاق–پەزىلەت... قاتارلىق ھادىسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى چوقۇم شۇ مىللەتنىڭ تىلىدا ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدا، بولۇپمۇ سۆزلۈكلەردە بەكرەك ئەكس ئېتىدۇ.
تۆۋەندە ئىزدىنىپ توپلىغان بىر قىسىم يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ ئىپادىلەۋاتقان مەدەنىيەت قاتلىمى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز:
1) ئادەملەرنىڭ روھىغا، مەنىۋىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردىن: روھى قاتماللىق، روھى مەجرۇھلۇق، روھى ئاجىزلىق، روھى گادايلىق، روھى زەئىپلىك، ئەقلى ئاجىزلىق، ئەقلى زەئىپلىك، ئەقلى مەجرۇھلۇق قاتارلىق بىرقاتار سۆزلەر بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ روھى جەھەتتىن چېكىنىش، مەنىۋى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىشتەك ناچار تەرەپكە يۈز تۇتقانلىقىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىپادىلەيدۇ.
2) كىشىلەر خاراكتېرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن: ئۈنۈمپەرەس، شۆھرەتپەرەس، مەنپەئەتپەرەس، ھەشەمپەرەس، ئابرويپەرەس، ساختىپەز، خىيانەتچى... قاتارلىق بىرقاتار سۆزلەر باشقىلارنىڭ ھەققىگە قارا سانىماسلىق، ماختانچاقلىقتىن ساقلىنىش، راست سۆزلۈك بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كۆيۈنۈش، كەمتەر، سەمىمىي بولۇش... قا ئوخشاش ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق–پەزىلەتلىرىمىزدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان، ھەر خىل ناچار، يامان ئىللەتلەرگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
3) كىشىلەردىكى نادانلىق، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، ئىشىنىش ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردىن: غەربپەرەس، كىتاب خۇراپاتلىقى، زامانىۋى خۇراپاتلىق، مائارىپ خۇراپاتلىقى، پۇل خۇراپاتلىقى، ھوقۇق خۇراپاتلىقى، زامانىۋى ساۋاتسىزلىق... قاتارلىق بىرقاتار سۆزلەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنى بىرقەدەر كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
(1) غەربپەرەس: ھازىر بىزدە غەربلىكلەر (چەت ئەل) نىڭكىنى قارىغۇلارچە دوراش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىم–كېچىكى، يېمەك–ئىچمىكى، يۈرۈش–تۇرۇشى ھەتتا تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئېڭى قاتارلىقلارنىمۇ دوراش ھادىسىسى مەۋجۇت.
(2) كىتاب خۇراپاتلىقى: كىشىلەردىكى ھەممە مەسىلىنىڭ جاۋابىنى كىتابتىن ئىزدەش، كىتابىي بىلىملەردىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالماسلىق، تەپەككۇرى كىتابتىن ئىبارەت قېلىپقا سولىنىپ قېلىش خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقى، كىتابقا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇش قارىغۇلارچە ئىشىنىش ھادىسىسىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى.
(3) زامانىۋى خۇراپاتلىق: بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردە بارلىققا كېلىۋاتقان غايەت زور يېڭىلىق ۋە مۆجىزىلەرگە نىسبەتەن ھەيران قېلىش، گاڭگىراش، تېڭىرقاش ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئاسانلا ئىشىنىش، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ھەمدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماسلىق ھادىسىسىنى ئەڭ روشەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
(4) مائارىپ خۇراپاتلىقى: كىشىلەردىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىشكە ۋە كۆپرەك ئوقۇشقا بولغان گۆدەكلەرچە قىزىقىش، ھەقىقىي بىلىم ئېلىش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قارىشىنىڭ تېخى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى ئالىي مەكتەپكە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ھادىسىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
(5) پۇل خۇراپاتلىقى: بىر قىسىم كىشىلەردىكى پۇلغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇش ھادىسىسى، پۇلنىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلىش، پۇل بولسىلا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئېغىرلىقى، پۇل خۇراپاتلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى.
(6) ھوقۇق خۇراپاتلىقى: ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ھوقۇقىغا، ئەمەل–مەنسىپىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش، خۇشامەتچىلىك، پارىخورلۇق ھادىسىلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ھوقۇققا بولغان چوقۇنۇشنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى.
4) يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان سۆزلەردىن: «يېشىل يېمەكلىك»، «يېشىل مەھسۇلات» دېگەن سۆزلەرگە قارايدىغان بولساق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراۋاتقان ھەر خىل قۇۋۋەت تالقانلىرى، تەييار چۆپلەر، ئۇن، بىر قىسىم دورىلار... قاتارلىق مەھسۇلاتلار «يېشىل يېمەكلىك»، «يېشىل مەھسۇلات» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردىكى «يېشىل يېمەكلىك، يېشىل مەھسۇلات» لاردىكى «يېمەكلىك، مەھسۇلات» دېگەن سۆزلەر ھەممىمىزگە تونۇش سۆزلەردۇر. لېكىن «يېشىل» سۆزى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە يېشىل رەڭنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت دەپ ئىزاھلانغان. بۇ سۆزلەردە بولسا «يېشىل» سۆزى ئەسلىدىكى مەنىسىنى كېڭەيتىپ «زىيانسىز، بىخەتەر، ئەكس تەسىرى يوق، بۇلغانمىغان، خىمىيىلىك تەركىب قوشۇلمىغان» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان رايونلاردا «يېشىل مەھسۇلات»، «يېشىل يېمەكلىك» نامىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ماس ھالدىكى تەرەققىياتى خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن–كۈنگە يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنىڭ ۋە يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ  تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يېشىل يول (قاتناش راۋان، توسالغۇسىز، بىخەتەر يول)، يېشىل داۋالاش ئۇسۇلى (ئەكس تەسىرى يوق، زىيانسىز داۋالاش ئۇسۇلى)، يېشىل خەۋەرلىشىش (توسالغۇسىز، ئەكس تەسىرى يوق، مۇلازىمىتى ياخشى بولغان خەۋەرلىشىش)، يېشىل كەسىپ (يېشىل مەھسۇلات، يېشىل يېمەكلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان كەسىپ ياكى گۈللىنىۋاتقان، راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپ) دېگەندەك بىر تۈركۈم سۆزلەرمۇ يېڭى مەنىلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە دەۋر تۈسىنىمۇ ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مۇكەممەللىشىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ۋە مەھسۇلى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاۋۋال تىلدا ئىپادىلىنىدىغان بولغاچقا، مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كۆپ خىللىقى تىلنىڭمۇ كۆپ يۆنىلىشلىك تەرەققىياتىنى ھەمدە بارلىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. تىلنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان سۆزلەرمۇ مۇئەييەن دەرىجىدىكى مەدەنىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا سۆزلەرنىڭ ئىپادىلەۋاتقان مەدەنىيەت مەنىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر.
پايدىلانمىلار:
1. مۇھەممەد سالى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»[M]، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2000–يىل 1–نەشرى.
2. تۇرئەھمەد ھەمدۇللا: «تىلنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ھەققىدە» «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2003–يىل.
3. ئابدۇكېرىم رەھمان، ئارسلان ئابدۇللا: «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»[M]، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، 2001–يىل 6–ئاي 1–نەشرى.
4. ئالىم خەسەنى: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدىكى يېڭى سۆز–ئاتالغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسىلىشى»[J]، «تىل ۋە تەرجىمە» 2003–يىل 3–سان.
5. ئابدۇرەھىم قۇربان: «مەدەنىيەتنىڭ لېكسىكىغا بولغان تەسىرى»[J]، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1996–يىل 1–سان.
6. ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003–يىل 7–ئاي 1–نەشرى.
7. روشەنگۈل ئەزىز: «تىل ئۆزگىرىشى بىلەن مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى»، «تىل ۋە تەرجىمە »[J]، 2006-يىللىق 3-سان.
8. ئابلىمىت مۇھەممەت: «تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى»، «تىل ۋە تەرجىمە»[J]، 2003-يىللىق 3-سان.
9. مۇختەر ئابدۇرىشىت: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى ئالاھىدە بىرىككەن ئەبجەش سۆزلەر»، «تىل ۋە تەرجىمە»[J]، 2006-يىللىق 3-سان.
10. سىدىقجان ئىبرايىم: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى يېڭىدىن ياسالغان سۆز-ئاتالغۇلار توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «تىل ۋە تەرجىمە»[J]، 2003-يىللىق 3-سان.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

  
现代维吾尔语中的一些表述的文化层次分析

努尔曼.热合曼,帕提古丽.胡达拜迪


摘  要:本文从语言与文化的关系角度来分析现代维吾尔语中的一些表述在日常生活中的文化层次。

关键词:语言;文化层次;现代维吾尔语;



Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3883
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 20:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹  يېشىل يىمەكلىك ››  دىگەننىڭ ئورنىغا  ‹‹ زىيانسىز يىمەكلىك ›› ، ‹‹ساپ يىمەكلىك ››،    ‹‹بۇلغانمىغان يىمەكلىك ››  دىسەك بولماسمۇ؟ ،بۇنى       ئۇششاق بالىلار چۈشەنمەي يېشىللا نەرسە بولسا يەۋالامدىكىن دەيمىنا !

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3883
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 20:49:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن نىڭ تىرىشچانلىغىغا بارىكاللا ! بىزگە تىل ھەققىدە  چۈشەنچە بەرگەنلىگىڭىزگە رەخمەت . ئەسەر باشقىلارنىڭ بولسىمۇ  سىزنىڭ ئەمگىگىڭىز باردە .

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2963
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 430
تۆھپە : 0
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 21:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدىكى دىيىلگەن مەركىزى دىيالىكىتقايسىدۇر؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3369
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12978
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 11:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 21:48
ماقالىدىكى دىيىلگەن مەركىزى دىيالىكىتقايسىدۇر؟




             ئالتاي-چۆچەك، ئىلى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇلدىن تارتىپ گۇمىغىچە بولغان كەڭ رايۇنلار مەركىزىي دىيالېكت رايونىغا كىرىدۇ.  تەخمىنەن 80 % ئۇيغۇر بۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدۇ. خوتەن يەنە بىر دىيالېكت رايونى بولۇپ، تەخمىنەن 19% ئۇيغۇر بۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدۇ. ئۈچىنچى بىرى، لوپنۇر دىيالېكىتى بولۇپ، تەخمىنەن 0.4% ئۇيغۇر بۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدۇ.
     مەركىزىي دىيالېكت رايونى يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېتەكچى دىيالېكت رايونى ھېسابلىنىدۇ.  

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2963
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 430
تۆھپە : 0
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 13:13:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئابدۇرېھىم ئاكا. بىلىۋالدىم،ساغلام بولغايسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش