قىزىم زۇلقەمەرگە
زۇلقەمەرئايىم
مېنىڭ جانىم
يۇلتۇزلارنى تېرىپ كېلەيلى
سېنىڭ قولۇڭ چوقۇم يېتىدۇ
مەن تۇتىمەن ئېتەكلىرىمنى
گۇگۇمدىكى يىڭناغۇچۇڭدەك
خۇشال- خورام قايتىپ كېلىمىز
زۇلقەمەر قىزىم
ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇزبىز
ئاش پىشتىمۇ مېھرىگۈل ئاپا
بىز قىلمايمىز ئۆزلەنى خاپا
بوينىڭىزغا مارجان ئېلىپ كەلدۇق
يۇلتۇزلاردىن
ئۈزۈك ئەپ كەلدۇق بارمىقىڭىزغا ..
بىز شاد خۇرام ئەجەب شاد خورام
ئاپام ئاسمان ، ئاتام داستان
يۇلتۇزلاردەك كۈلسەك شادىمان
زىمىن بىزگە ئاچار داستىخان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 14:34