جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1399 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئىگىسى: nurbag

نۇربەگ ـــــ «تەنتەك»لىككە بېرىلگەن «چالا» ئىزاھلار توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپلۈكىمىزدە



ئولتىرىۋاتقان ئەتراپلارغا سېنى پۈركىدۇق

پۈركىدۇق-يۇ ، زۇلمىتىڭگە يۈر ، دىدۇق

تېمىۋاتقان ئاسمانلارغا سېنى تېرەكلەپ

ئۆچۈشىڭگە

يالتىرىدۇق چاقنىشىمىزنى پورەكلەپ

يېيىلىۋاتقان يىغىلىشنى سۈمۈرگەنچە

داجىۋاتقان يىقىلىشقا سېنى ئورىدۇق



تىزىلىۋاتقان رەتلىرىڭنى پەرۋىشكە ئاتاپ

ئېقىۋاتقان ئاپتىپىڭنى قاپقارا قاناپ

سىقماقتىمىز

ھۇۋلاۋاتقان تۈنىمىزگە سېنى ئېرىغداپ



چېچىلمىغان تاغلىرىڭنى ئۆركەشلىدۇق

ئۆركەشلىدۇق – دە ، سۆزدەك تىنچ كىكەچلىدۇق

يېرىلغىنىمىزدا

تاقلاپ سېنى شۇنداق گۇۋا چېچەكلىدۇق



2011 – يىل 27- ئاۋغۇست


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتىۋالغۇچى



تاشلىنىۋاتقان دەريا يىراققا كېلىۋاتقاندا ئايغا ئولتۇرغان

قۇرۇقدالغان كۇرسلارغا ئۈنىۋاتقان قەسىدە

يىگىلىشىۋاتقان يىلتىزلارنى سۆزگە چىلىغان لىپمۇ – لىق

قېرىۋاتقان شامىلىغا تىنىۋاتقان سۇ ئەسنەشلىرىگە

كېلىۋاتقان

كېتىۋاتقان

ئىبادەتلىك غەيىب



  چېقىلىۋاتقان مۇساپە ئېزىقىشلىرىنى

لەيلىۋاتقان چۆكمىلەرگە ئېچىلىۋاتقان سۇ تۈگمەنلىرىدەك

سالقىنغىنە مەھشەرنىڭ يوچۈنلىكىگە

چېچىلىۋاتقان

يىغىلىۋاتقان

كىشنەۋاتقان سايىنىڭ ئاپتاپلىق تۈنى

مۇنارلىق ئاۋازلارنىڭ قەبرىلىك كەلكۈنى

قىيسىيىۋاتقان تەرەبلىرىگە

كاۋاك – كاۋاك ھەربلەر





شىلدىرلىغان قاراڭغۇلۇق ئۆتىدىغاندەك

ئاقلىق ئويلىرىغا ئۈنىۋاتقاندەك

يۇمۇلىۋاتقان تىنچلىق ئېچىلىۋاتقاندەك

لەيلىتىش مەركىزى

قۇرۇقدىلىۋاتقان



بالدۇر كېچە چېكىلىۋاتقان تېخىچە  

تومپايغان ئىشىك

مارىلانمىغان



شارقىرىغان يىراقلىق يىقىلىۋاتقان ئۆگزىسىگە

جىملىق ئايدىڭىغا يېتىلەنگەن ئوۋدىكى سەھەر

پەنەرلىك دېرىزە

قىزىرىۋاتقان قارىلىقىدەك

بوغۇزلىنىۋاتقان مىۋىدەك قۇپقۇرۇق

ھەي ، ئالدىنىپتۇق  



2011- يىلى 26- ئاۋغۇست  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:26:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەريالىق يانداشما

- ھاياتنۇپۇس مۇھەممەتنىڭ تېنچلىق خاتىرىسىگە  

ئاقمايدىغان يا تىنمايدىغان

تېرىۋاتقان قاپقارا دەريانى قەبرەڭگە ھېچكىم

يالتىرىغان ئۆركەشكە مەھكەم قويۇپ بەرگەن

ئۈنلەرنى قوراشتۇرغان قاراقاشقا

ئۆزۈڭنىڭ تۇپرىقى ھەم ئاسمىنى

ئۆزۈڭنىڭ كەلكۈنى ھەم ئالۋۇنى

ئۆزۈڭنىڭ يېرىمى ھەم پۈتۈنى

ئۆزۈڭنىڭ ئاپتىپى ھەم تۈتىنى



ئېقىۋاتقان مۇزىكىنىڭ تېنچلىقىغا

يېشىنىۋاتقان قۇم دانىچىسىنىڭ قىلىقىغا

كۆكنى ئۆرلەۋاتقان بۇلۇتنىڭ زىنىقىغا

سىزىۋاتقان سېنى پەرۋازىڭ

ئويلانمايدىغان ئويلار ئېچىلدى

سۆزلەنمەيدىغان سۆزلەر چېچىلدى

تىڭشا ئەي ھېچكىم

زۇلمىتىڭنى بىر پەرىشتە يورۇدى

زۇلمىتىڭنى بىر پەرىشتە شورىدى



چىشلىنىۋاتقان ياقىلار قوشاقلىق ئىدى

ياشلىنىۋاتقان مۇزىكا قۇچاقلىق ئىدى

تاشلىنىۋاتقان قىسمەتلەر توشاقلىق ئىدى

قېرىۋاتقان ئاشىقلىق ئۇچاقلىق ئىدى

كېلە ئىسەدەش

كەلتۈرەي ئۆلۈمدىن بىر كاسە ساڭا

كەلتۈرەي ئاپتاپتىن يەنە بىر ئاسمان

يېتىلەپ كىرەمسەن پەرۋايىڭنى ھۇش

ئوقۇلغان ھايات دەپ يېڭى بىر داستان



تېنچلىنىۋاتقان شامالمۇسەن

ئۆرىلىۋاتقان ئۆپكەڭگە تىنغىنە ئۇنى

سېلىنىۋاتقان تۇيغۇنىڭ قارىلىقىغا

قونىۋاتقان سايىنىڭ بۇژغۇنى

كۆرە

ئۆتىۋاتقان يىڭنە تۆشىكىدىن ئادەملەر

ياشاۋاتقان قىسقىغىنە ئۇنى

ھايات قەيەردە ؟

زۇلمەت دېدى ، - باشقا بىر يەردە !  



2011- يىل 28- ئاۋغۇست   

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ بىر توغرام نېنى



كاۋاكلىك

چۆچىۋاتقان تاغلار يالتىرىشىغا ئەگىم – ئەگىم قونىۋاتقان

يۈرىۋاتقان كېچە بارماقلىق ھەربلەرنى

ئۇسسىۋاتقان تىل ئۇندا تىل غايىبلىقىغا

سۆزلەۋاتقان ئورمانمۇسەن قېچىشىنى

شىلدىرلىۋاتقان ئەرش خەتىرى

ئۈنىۋاتقان تەڭرىلەرگە كاۋاك – كاۋاك

ئېچىلىۋاتقان

يېپىلىۋاتقان



كاۋاكلىك

زامانلىق سۆڭەكلەرنى تىنىۋاتقان دولقۇنلۇق ئەسلەر

يالىڭاچلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۇندا لەۋلىك ئىسيانى

يۆتكىلىۋاتقان تۇپراقنىڭ شاھادىتىگە

يىمشاققىنە سۇ خاتىرىسى

كېچىۋاتقان دەقىقىلەر سۆز خارابىسى

تۇر ، ئەي روھىغا ئۇۋىلىغان جىملىق كەلكۈنى

تۇر ، ئەي ئېزىققان ئىزىغا قونىۋاتقان يول



كاۋاكلىك

دانلاۋاتقان ئۆتۈشمىلەر تۈن ، دەپ چىللىغان

ئويناقشىغان ھاجەتلەرنى تىزىۋاتقان ۋاقىت ئېھتىمال

يېرىلىۋاتقان ئەھدىنى قوپىرىۋاتقان

يالتىرىغان قان دانىچىسىگە ئۈنىۋاتقان مەنە

ھېچنەلىك زۇلمەت



كاۋاكلىك

ئەگىشىۋاتقان ئۆلۈمىگە كۈلكە سىرغىغان

شارقىرىغان كارۋاتتىكى قاپقارا ئەمچەك

كىيىنىۋاتقاان

يېشىنىۋاتقان



كاۋاكلىك

چۈشىۋاتقان يېرىمىغا يەردىكى ئاسمان

كۆيىۋاتقان ئۆلۈمىگە بىر كاسە ھىجران

ئۇسساۋاتقان شائىرنىڭ بىر توغرام نېنى

يىقىلىۋاتقان ئارىلىقتەك پەرىشان

ئۆرلەۋاتقان يا يېتىۋاتقان

شاۋقۇنىدىكى دەريا

2011- يىلى 26- ئاۋغۇست  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:28:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېۋىلەۋاتقان قەبرىلەرنىڭ كىرىش سۆزى

يوقىلىۋاتقان ئارىلىق غېرىب مۇساپە

قىلىنمايدىغان تەپەككۇرغا ياندىشىۋاتقان ئۆلۈم ھەم كۆرۈم

ھېرىۋاتقان بوشلۇق تاڭلايلىق خىياللاردا

نەقەدەر يىراق ئۆكسۈش – ھە

بۇرمىلانغان ئەستەك

يورۇق ھەم ئۆچۈك

تېيىلىۋاتقان يوللار تەرەپلەر تامان

ئېچىلىۋاتقان پاختا غوزىكىدەك ئارمان

يېنىۋاتقان قەدىمنى

ئۆچىۋاتقان كەلگۈسى يا ھازىرنى



تۇرىۋاتقان رېئالىزملىق قەبرىلەر

يالتىراۋاتقان گىئومېتىرىيىلىك شەكىللەر سېنىڭ قاپقارا ئاسمىنىڭدەك

تولىۋاتقان ھۇشلارغا

بوشلۇقتىكى ئەينەك تاغ ئەكسىدە

سۆزلىنىۋاتقان لەھزىسىز مەڭگۈلۈك

تۆكىلىۋاتقان بارماقلارغا

يوقىلىۋاتقان كەچمىشلەر

ئۈنىۋاتقان گۇناھلار

تەڭرىلەرنىڭ ۋادىسى



يارىتىلىۋاتقان ئاسمان تېخىچە ھېچكىملىك ئىدى

مېۋىلەۋاتقان سۆزنىڭ ئۇرۇقىغا نۇرنىڭ تېشى ۋە ئىچى

شۇقەدەر ئوماق – ھە ، نۇرلۇق كاۋاك

ئولتىرىۋاتقان ئۇندا ھېچكىم

نە بېشى

نە پۇت – قولى

نە سۆيۈملۈك زۇلمەتتەك مەڭگۈلىكى   



تولىۋاتقان چۈشلەرگە تېمىۋاتقان قەبرىمۇسەن

سىم – سىم يامغۇردەك

ياق ، قارا يامغۇردەك

ئۇلغىيىۋاتقان

تېرىلىۋاتقان مۇمكىنچىلىك قەبرىنى ياشاش

ئۇلغىيىۋاتقان مۇمكىنچىلىك قەبرىگە ياشاش

چارچاۋاتقان مۇمكىنچىلىك قەبرىدە ياشاش

ئۇنتىلىۋاتقان ئەي رومانتىزم

تېلىۋاتقان پەرۋىشلىك مېتاپىزىكا

ئۇسساۋاتقان قەبرىدىكى قەبرىلەر



جان سارغايغان

ھۇش ئالايغان

2011- يىلى 9 – ئاينىڭ 4- كۈنى


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرالىق نەزمە



يىمشاققىنە شامالنى يەلپۈۋاتقان شىۋاقلىق چۈش

تىنجىق سۈرۈنلىكىگە يېشىنىۋاتقان يامغۇرلۇق ئاپتاپ

ئۆتىۋاتقان سايە تۈن يا كۈندۈزگە نە ئۇرسۇن

سىقىلىشىغا يېتەكلەنگەن ئەي دېئالىكتىكا

ماڭا ئورالغان گۇناھلاردەك

شەپقەتنىڭ تېنىنى تامچىغان



سەھرالىق يامغۇرغا ئېچىلىۋاتقان پانىيلىق باقىيمۇسەن  

يالتىراۋاتقان بۇرجەكلەرگە سىقماقتىمىز

دۇنياسىز دۇنيانى بەئەينى

ئەمەسلىكىنى پارلىغان ئۇنىڭدەك

قېچىۋاتقان سۆزسىزلىك كۆزنىڭ ئىدى

يېنىۋاتقان كۆزسىزلىك سۆزنىڭ ئىدى

ئۈركىۋاتقان تىلىغا شائىرلىق ئاپەت

دالىلىق تۇيۇلمىدەك







ئۆتىۋاتقان جىملىقىغا گۈركىرىگەن كېچە ئاۋازسىز

چۈشەۋاتقان قونداقلىق ئۈن پەسىللەرنى قۇرۇقلىقىدەك

يېيىلىۋاتقان ئەي يېيىلمىلار

تىڭشاۋاتقان سۇ ئېرىقىنى ئېقىۋاتقان

كۆكلەۋاتقان قەبرە يۇيىلىۋاتقان چىمەندە

چېكىلىۋاتقان ئىشەنچ

ئارقا ھويلىلىق ئىپپەتتەك

پاكىزغىنە ھەم دوغ



ئەۋرىشىملىك دەس تۇرغان كوچا غېرىبلىقى

تاڭلىق چۆجىلەر دانلىمىغان ئاۋاز قېرىغان

يېشىنىۋاتقان كۈندۈزدىكى سۈبھىلەر ھاي – ھاي

بېرى كېتىڭلار

يىمشاققىنە بىر قاۋۇز پەرىشانلىققا

ئاستا – ئاستا

ئۆچىۋاتقاندەك يېنىۋېلىڭلار   



2011- يىل 26 – ئاۋغۇست


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:29:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھىمىزغا مېۋىلىگەندە  

( مەرھۇم كومپىزوتۇر قۇربان ئىبراھىم رەتلىگەن « چۆل يىراق » ناملىق مۇزىكىنىڭ ئېلىببەلىك خاتىرىسى )

ئاھىمىزغا مېۋىلىگەندە  

تۇغۇلىۋاتقان دەشتلەر كولدۇرمىغا ساقىغان

شىلدىرلىغان ئۆلۈمنى زاكىلىغان مەرىپەت

قايتىشىمىز نە ھاجەت ئالدىمىزغا ئەي

ئۆرلەۋاتقان سامانى قۇم دانىچىسىدىدەك

مەنزىللىرىمىز  

كېلىۋاتقان يىراقلىق

كېتىۋاتقان ئەھدىمىز

تۆكىلىۋاتقان غېرىبلىقىمىزغا تۈن ئاپتىپى

ئۇسساۋاتقان تەشۋىشتىكى ئىسيانىمىز

ئۆرلەۋاتقان تۇغۇمىزغا يىقىلغان راۋاق  

  يېشىنىۋاتقان گۈلشىنىمىزگە پورەكلىگەن چۆل



ئويىلىۋاتقان بورانغا مۆكۈنگەن سۆڭىكىمىز  

ئۆچىۋاتقان قەبرىلەرگە ئاۋاز يېقىلغان

تىل يەتمەس چۇڭقۇرلىقىمىزغا

ياشناۋاتقان ماكانسىزلىق چېچىلغان

تېمىسقىلىغان ئەي پۈتۈك

ئاختىلانغان رېئالىزم بىزگە نە ئۈنسۇن

چۇقانلارنىڭ باش سۆڭىكىدىن

تولىۋاتقان ئەتراپنى قوراشتۇرماقتىمىز

مېۋىلەۋاتقان سۇلالە

مەغلۇبىيىتىمىز



ئېقىۋاتقان تۇمۇرنى قان دېدۇق

تېمىۋاتقان يوللارنى جان دېدۇق

ئېزىقىۋاتقان خەرىتىگە  

كىشنەۋاتقان تۇلپارنى نان دېدۇق



شارقىرىغان ئالۋۇن سۇ مەنبەلىرىگە تېشىۋاتقان

ئەگمىسىگە كۆلەڭگىمىزنىڭ

باشلانمىغان يا ئاخىرلاشمىغان   

چۆل شېئىرلىرى   

ئېسىمىزنى چېلىۋاتقان



گۈركىرىگەن ئىستەكتە ياراق

تىزلىنىۋاتقان ھىندىلىق دەريا

ئۆچىۋاتقان مۇساپىمۇسەن

غىڭشىۋاتقان مۇزىكىلىق چۆل

ئېچىلماقتىمىز

چېچىلماقتىمىز

پايانىغا تۇيغۇمىزنىڭ ئەي ي ي  

يېنىۋاتقان كۆز مەڭگۈلۈك سادا



غېرىبسىنغان چۈش يېتەكلىگەن سۈكىناتىمىزنى

چېچەكلىۋاتقان باياۋان بىر غالىب ئەلنى

ئوتلىماقتىمىز يىراقلىقنى

ئۆچۈرمەكتىمىز چىراقلىقنى

تەرەپلەر كەسە - كەسىلەردە

يۇتماقتىمىز  

ئۇيىۋاتقان ئاراچلارنىڭ مەڭگۈلىكىدە

ئىزدەۋاتقان لەرزىسىنى بىر ناخشا

قونىۋاتقان تۇزانلىرىمىزغا



يېرىلىۋاتقان ئىچىمىز

مېڭىۋاتقان ئىزىمىز

كەل ، ئەي مۇزىكا

چېلىنماقتا غېرىبلىقىمىز



2011 – يىل 31 – ئاۋغۇست


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:30:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچباياۋان
غېرىبلىق ئىزاھى


تۇيغۇمدا ئوقۇدۇم سېنى شېئىر دەپ
پايانىڭ ئۆزۈڭگە تولۇپتۇ لىپلىق
ھىجران ۋادىسى ئۈنگەن شەپەقتىن
يۈرۈپ كەتتىڭ
ئېھتىمال باشلانغان شۇندىن غېرىبلىق

ئىزدىمەكتىمەن ئارال – ئارالدىن
ئىزدىمەكتىمەن سۇدىن ، گۈلخاندىن
تىل بەردى قۇلىقىم زىمىن سۆزىدە
تىل بەردى ۋاقىت قارا ئېھساندىن

شەپىلىرىڭ ياغدى شارقىراپ
كۆيىۋاتقان كۆيۈك ئەمەس مېنىڭكى
كۆيىۋالدۇق دېدىڭما ، ئەي ئىز
قېچىۋاتقان دېڭىز كىمنىڭكى



نەقرات:

شەپىلىرىڭ ياغدى شارقىراپ
ئۆچمەكتىسەن تۈنگە يالتىراپ



مۆجىزە  



كۈلىۋاتقان سۇ شۇقەدەر يىمشاق   
قاقلانماقتا ئاپتىپىغا تۈندە ئارغىماق  

پارقىرىغان گىلىسىغا يارىمنىڭ ئويى
ئۆرلىمەكتە پىنھانىمغا پىنھان جىملىقى
مۇزىكىلىق قەدىم
ئايلانماقتا ئىشرىتىنى سۆزلەرنىڭ لېۋى

يىغلىۋاتقان چاڭقاشلىرىم كۈلكىسىنى
ئەۋجىمگە يۈرۈپ كەتكەن ئۇنىڭ كۆكسى
پىچىرلىغان ئاسىيلىققا مېنى ھېچنەلىك
تېمىۋاتقان ئۆلۈمىمگە ئۆلۈم رەستىسى



نەقرات:

بوغۇزلاندى ئېھتىمال شېئىر
بوغۇزلاندى ئېھتىمال مېھىر


        



قاردىكى مونۇلوگ



سىڭىۋاتقان ئاپپاققىنە قارنىڭ ئاۋازى
پۇرىۋالسۇن تېنچلىقىغا شاماللار
ئۆرلەۋاتقان ئەي شەۋكەت
كېتىشىڭگە كېتۋەر
ئۆچۈشىڭگە ئۆچىۋەر

ئېرىۋاتقان لەرزىسىنى قارنىڭ تىنجىقى
پىچىرلىغان پەرىشانلىق نە جىملىق يۈرەك
قاقلىنىۋاتقان ئاسمانلار
قاقلىنىۋاتقان ئۇففف [ مۇزىكا ]

قوپىۋاتقان يىراق بىر ئاۋاز
يېغىش ھارپىسىدىكى قارامتۇل قارنى
ئۆچىۋاتقان پارلاق بىر ئاۋاز
تىترەۋاتقان غارلىق بىر يارنى



نەقرات:

قار ئۆز ئۆزىنى ياغماقتا   
تېنچلىقىدەك ئاستا - ئاستا



ئوت ئىزدەش


يايراۋاتقان كېچىلىك تونۇر
ئۆچىۋاتقان ئڭراش كۈندۈزنىڭ
چېچىۋاتقان كىشنەك بوشلۇقنى
ئېقىۋاتقان ئەي رېتىم
قېچىۋاتقان ئەي رېتىم

يالتىرىغان كارۋاتلىق شەپەق
ئىڭرىماقتا بوياقلىق ئەمچەك
يېتىلىگەن يوللارنى پىراق
ئېقىۋاتقان يالىڭاچلىق
قېچىۋاتقان يالىڭاچلىق

ئون سەككىزگە كىرمگەن قىزدەك
يالتىرايدۇ قەدىم كېلىچەك
سونايلانغان بىر ئەلنىڭ چۈشى
ئېقىۋاتقان ئەي ئەس
قېچىۋاتقان ئەي ئەس  



نەقرات:

ئېقىۋاتقان …
قېچىۋاتقان …
  

يېڭى ئەپسانە



ئېقىۋاتقان يۇلتۇز سۆزىگە
قېچىۋاتقان ئادەم ئۆزىگە

ئۈنىۋاتقان گۈللەر ئۆزىنى ئېچىلىۋاتقان
چېچىلىۋاتقان باغىر ھەربلەرگە يېنىۋاتقان

يالتىرىۋاتقان خەنجەر ئەمەسلىك غىلىپىدا
تېنچلىنىۋاتقان بۇغدا شىلدىرلىشىدا

ئېچىلىۋاتقان ھەسەن – ھۈسەن ئەرشنى تۇزىۋاتقان
پاكلىنىۋاتقان مۇنچا پەرىشتىگە يۇيىنىۋاتقان



نەقرات:

قانىۋاتقان ئەينەكتىكى ھەممە                     
سېغىنىۋاتقان ئۆزىنى دانە – دانە


   


تۇرمۇشنىڭ يۈزىگە قونىۋاتقان



تىڭشاۋۋاتقان يۈرەك ئاۋازىنى
كۆمىۋاتقان قىرىق بىر ياش ئۆزىنى
سۆزلەۋاتقان ئەي بارماق
ئۆچىۋاتقان مۇزىكىنىڭ كۆزىنى
يېنىۋاتقان ئالما
دىلبەرلىك ئەمچەك

تاشلىنىۋاتقان تاش سۆيگۈ يايلىقى
تىكلىنىۋاتقان قەسىدە ئۆگزىگە
چىللىۋاتقان ئەي قونداق
خۇراز مەڭزىدە

سۆزلەۋاتقان كېچىنى بارماقلىق تام
قېچىۋاتقان قەبرە شۇقەدەر بايرام
بويىلىۋاتقان سەھەر
ئۆچىۋاتقان ئەرشلىك پەنەر



نەقرات:

دوپپا تىكىشىڭ چىرايلىق لاي...لاي...
ئەكەل بېشىمغا لايىق لاي ... لاي ...


ئاشىقلىق لىرىكا

تولىۋاتقان
ئۆرلىشىگە توپىنى ئەتىر
قوپىۋاتقان
كۆكرىكىگە چىلاپ دېڭىزنى ياپىر

يېتىلەنگەن باھار قايدىسەن
ئويغىنىۋاتقان باياۋان ئۆچەر
ھۇۋلاۋاتقان بۆرە كۆز لالە
ئاپئاق قارا مودەندەك چىتلاقنى كېزەر
جامالىڭدا ئەمەسسەن ئۆزۈڭ
ئېيتىلمىغان ئېيتىلغان سۆزۈڭ

پۇرىۋاتقان كېچەڭدۇر يىمشاق
سەكرىۋاتقان چۈشۈڭ چۈشۈڭگە يىراق



نەقرات:

ئۈنىۋاتقان ئۆزۈڭگە قۇرۇق
ئۆچۈشىڭنى تولىۋال تولۇق


باشاق لىرىكىسى


دانلاۋاتقان ئۈمىد نەھاللىق
باشلانمايدىغان كوچا ئۈنىۋەر
يىرتىلماقتا دولقۇن يۈرىكى
تۈننى بۇدەم تاڭ دەپ يېغىۋەر



نەقرات:

چېكىلىمەن دەيدۇ ئىشىكىم
قېقىلىمەن دەيدۇ دېرىزەم   



سۇلانماقتا ئورمانلىق شامال
يىغلىماقتا ئەركىنى مودەن
ئوقۇلىۋاتقان  
بوراندىكى خىلۋەت بىر ۋەتەن



نەقرات:

ھاي ھاي يۆلەن ھاي يۆلەن
دەرد ئوينايمىز بەك بەلەن



كۆيىۋاتقان نۇر سايەمدۇر سايەم
ئېقىۋاتقان سۇ چاقماقتۇر نالەم
ئەمەسلىكىگە  
تىزىلىۋاتقان بىر قەبرە غايەم



دولقۇنلىنىۋاتقان مودەنلىك جىملىق


يۈر ، كېتىۋاتقان بىزنى پەسىللەر
يۈر ، ئۆچىۋەرسۇن بىزنى دەرياغا
يۈر ، تېشىۋاتقان بىزنى ئەي كۈيلەر  
يۈر ، ئۆرلىۋالسۇن تۇپراق ساماغا

يۈر ، دانلىمايدۇ تۈنىنى قۇشلار
يۈر ، پۇرىمايدۇ سەھىرىنى گۈل
يۈر ، تاشالمايدۇ ئېرىقىنى سۇ
يۈر ، ناۋاسىنى كۆرمەيدۇ بۇلبۇل



نەقرات:

بوقۇلدىغان دەمدەر ھاۋالىق
قەشقەردە كەچ ، خوتەن خۇمالىق   



يۈر ، دولقۇنلارنىڭ يارالمىشىغا
يۈر ، جەسەتلەرنىڭ پازاڭدىشىغا
يۈر ، چېكەتكىلەر چۈشنى كۈلسۇن  
يۈر ، مودىنىمنىڭ زاراڭزىسىغا



نەقرات:

ئاللا ئاللا ۋاي باللا
ئۆلۈم قاچسا ھاي دەڭلا



ئۆركەشلىۋاتقان كۈندۈزلۈك كېچە

ئۆكسىۋاتقان تەشۋىش ھىجران يىراقلىقى
پارتلىلاۋاتقان يۈرەكنىڭ جىملىقى ئاپئاق
چېلىنىۋاتقان ئەي دۇتار بارماق نەدىدۇر
كېلە ، زاھىدلىق ئەپسۇن
يالىڭاچلىنىۋاتقان تىل شەھۋىتى ئەرشتە ياياق

يۇيىنىۋاتقان قۇپقۇرۇق پەرىشتىلىك كۈن
تىنىۋاتقان كېچە تېنچلىقى ھە ھۇ ھە
كېتىۋاتقان كەلگۈسى ئۆچىۋاتقان تىۋىشىنى
يېنىۋاتقان ئاپئاق قارا مودەنلىك ئەسلىمە

قوغلاۋاتقان ھۇۋلىشىنى بۆرىلىك يايلاق
بىر ياخشىغا بىر يامان ئويمەللىلىك يار
قونىۋاتقان
يورىۋاتقان سۆز ئاپتىپى كۈلكىدىكى دار  



نەقرات:

دىلبەرنى كۈتىۋاتقان ھە ھۇ ھە
دىلبەرنى ئۆچىۋاتقان ھە ھۇ ھە  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﯪﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ

                                  ( داستان )                                       
         
1
ﻏﺎﺟﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺩﻩﻫﺸﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥﺳﯜﺭﯛﻡ ﻫﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻥ،
ﺭﻭﻫﯩﻢ ﯴﺯﺭﻩ ﯪﻗﺎﺭ ﻫﺎﻣﺎﻥﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﭼﻮﻗﺎﻧﯩﻢ.
ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﭖﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺮﻩﻡ،
ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﺴﺘﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪﺳﯜﺯﯛﻙ ﻓﻮﻧﺘﺎﻧﯩﻢ.

ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﻳﯧﻴﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﯬﺳﻪﺑﯩﻲ ﺗﯘﻳﻐﯘ،
ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﺪﯛﻡﺷﺎﺭﺍﭘﻘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ.
ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﭼﯧﻬﺮﯨﺪﯨﻦ،
ﯬﺳﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻜﻪ ﯲﺗﻜﯜﻧﭽﻰﺑﺎﻫﺎﺭ.

ﺑﻮﻏﯘﺯﻻﻧﺪﻯ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﺗﺎﻻﻱ ﻧﯩﮕﺎﻫﻼﺭ،
ﯬﺳﺘﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﺴﺮﺍﻳﯩﻢﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ﻫﻪﺭ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩﯲﺯﯛﻣﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ،
ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻜﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻙ ﯴﭼﯜﻥﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍ.

ﻧﯧﺴﯩﯟﻩﻣﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﯮﻏﯘﺭﻻﭖ ﻫﺎﻳﺎﺕ،
ﯮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﯘﻡ ﯬﻣﻪﺱ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻛﯘﭘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺗﻪﯕﺮﻯ.
ﯮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﯲﮔﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺑﺎﺭﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺟﯩﻢ،
ﯪﺩﻩﻡ ﯪﺗﺎ، ﻫﺎﯞﺍ ﯪﻧﺎ ﯴﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﻰ.

ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯚﻛﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﻛﻪﺑﯩﻲ،
ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺕ ﯴﭼﯜﻥ.
ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﻢ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﯬﻣﻪﺱﻫﯧﭽﻨﯩﻤﻪ،
ﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﺗﯜﮔﯜﻥ.

ﺳﺎﺯﻻﺭ ﯪﺭﺍ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺗﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻦ،
ﭼﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﻼﻫﯩﻲ ﻧﯘﺭ ﺳﯜﻛﯜﻧﺎﺗﯩﻤﺪﺍ.
ﮔﯩﻴﺎﻫﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﯪﯞﺍﺯﯨﻢ،
ﺩﺍﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻥﻛﻮﻟﺪﯗﺭﻣﺎ؛

ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺗﻪﺑﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﭽﯘ ﻗﯘﻣﻼﺭ،
ﯲﻛﺴﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻼﺭ ﺭﻭﻫﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘﯪﻥ.
ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﺘﻪﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ،
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺰﮔﯜ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ، ﺑﯩﺰﮔﻪﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ...

ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﯪﺳﻤﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺯﻩﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ،
ﯲﺭﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ.
ﺩﺍﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥﺑﯩﺮ ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺑﺎﺷﺎﻕ،
(ﺑﯜﺭﻛﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﺯﺍﻕ ﺩﯨﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯩﮕﻪﻡ !)

ﺭﻭﻫﯩﻢ ﯴﺯﺭﻩ ﯪﻗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﭼﻮﻗﺎﻧﯩﻢ،
ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﯲﺭﻛﻪﺷﻠﻪﻳﺪﯗﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﯪﯞﺍﺯﯨﻢ.
ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺮﻩﻡ،
ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺪﯨﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﺪﻩ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻢ؟!

2
ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ ﺳﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﺸﯩﻨﻰﯬﺳﺘﺎ!
ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﺘﻪ ﺗﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﻫﯘﺷﻰ.
ﭼﻮﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻤﺪﺍ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻥﻗﯘﻳﺎﺵ،
ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺩﺍﻻﻣﻐﺎ ﯪﻳﺎﻍ ﺗﯩﯟﯨﺸﻰ.

ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﻧﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﯪﻟﯟﯗﻧﯘﻡ ﺋﯩﭽﺮﻩ،
ﺭﻩﺳﺘﻪﻣﺪﻩ ﻛﯚﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﮔﯘﮔﯘﻣﻰ.
ﻫﺎﻟﻘﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥﺩﯗﻧﻴﺎ،
ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻐﺎ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﻏﻼﺭ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ.

ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﯬﮔﻪﺷﺘﯩﻢ، ﺋﯧﻘﯩﻨﻐﯩﻤﯘ ﻫﻪﻡ،
ﺳﯘﯪﻟﻼﺭ ﭘﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯨﻢﻫﻪﺭﯞﺍﻕ.
ﯲﺭﻟﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﺷﯘ ﻛﯚﻛﻜﻪ،
ﻗﺎﭘﻠﯩﺪﻯ ﺩﯦﻤﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡﭼﺎﯕﻘﺎﻕ.

ﺑﯘﻟﯘﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺗﯚﻛﺘﻰ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﺑﻰ،
ﯴﻧﺪﯛﻡ ﻫﻪﻡ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﮔﯩﻴﺎﻫ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ.
ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻢ ﯪﺕ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭﯪﺭﺍ،
ﯪﻳﻼﻧﺪﯨﻢ ﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺭﻭﻫﯩﻢ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ.

ﭼﯧﻜﯩﻠﺪﻯ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ،
ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺭﻩﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯧﯖﻰ.
ﻫﺎﯞﺯﯨﻤﻪﻥ ﯴﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺭﻭﻫﯩﻲﺋﯧﻘﯩﻨﻐﺎ،
ﯲﺯﮔﻪﺭﺳﻪ ﯲﺯﮔﻪﺭﺳﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔﺭﯦﯖﻰ .

ﯰﺩﯗﻣﻐﺎ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺵ ﺷﯩﯟﯨﺮﻟﯩﺸﻰ،
ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕﯬﺳﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ .
ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺟﺎﻥﻛﯚﺭﻛﻰ،
ﯲﺭﻟﯩﺘﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢﻣﻪﺭﻫﯩﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ.

ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯗﺭ، ﺭﻭﻫﯩﻤﺪﺍ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ،
ﯲﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﯬﯓ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﯧﺘﻰ.
ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﯬﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦﻳﯩﺮﺍﻕ،
ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﺪﺍ ﺳﻪﻣﺮﯨﮕﻪﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻖ ﻫﯧﻜﻤﯩﺘﻰ.

ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎ،
ﯲﺯﮔﻪﺭﺳﻪ ﯲﺯﮔﻪﺭﺳﯘﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔﺭﯦﯖﻰ.
ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜﻙ ﻗﻪﺳﺮﯨﺪﻩﻧﯘﺭﻣﻪﻥ ﭘﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ،
ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﻢ ﺳﯩﺮ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﯪﯞﺍﺯﯪﺭﯨﻠﻰ.

ﺑﯘﺯﯗﻟﺪﻯ ﺳﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﺸﯩﻨﻰ ﯬﺳﺘﺎ!
ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺕ ﯻﺰﺩﻩﺷﺘﻪ ﺗﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥﻫﯘﺷﻰ.
ﻗﺎﻱ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯛﻣﻠﯩﺪﻯ ﺭﻭﻫﯩﻤﻨﻰ ﯞﻩﻫﺪﻩﺕ،
ﯬﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺗﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺭﻏﯩﻦﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻰ.

3
ﺳﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﻣﯧﻨﯩﯔﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ،
ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻖ ﺳﻪﺟﺪﻩﻣﺪﻩ ﻣﯩﯔﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﯪﻳﺎﻥ.
ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻤﻪﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻛﯚﺭﻛﯩﺪﻩﯬﺑﻪﺩ،
ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﺭﭼﯘﻣﺪﺍ ﻗﻮﯞﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﻫﺎﻣﺎﻥ.

ﻛﯜﻳﻠﯩﻨﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻳﯩﻢ ﯲﺯ ﻧﺎﺧﺸﺎﻣﺪﺍ ﭼﯩﻦ،
ﯪﻗﺎﺭ ﻗﯘﻡ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﯪﺳﺎﻳﯩﺶ.
ﺩﯨﮕﻪﻧﻐﯘ ﺑﻮﺭﺍﻧﻼﺭ  ﺯﺍﺗﯩﻢﺳﻪﻥ ﯪﺧﯩﺮ،
ﯴﺳﺘﯜﻥ ﯪﯓ ﯬﻣﻪﺱ ﯰ - ﺭﻭﻫﺘﯩﻦ  ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ!...

ﺑﺎﺵ ﯰﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﻳﯘﻧﻼﺭ ﯬﯞﺭﻩﺯﻟﻪﺭﺩﻩ ﺟﯩﻢ،
ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ.
ﺗﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ﭘﻪﮔﺎﺩﺍ ﺑﺎﺭﭼﻪﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ،
ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻗﻪﭘﻪﺯ!

ﺟﯘﺵ ﯰﺭﯗﺵ ﻧﯩﺠﺎﺗﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﻩ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ،
ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻢ ﺭﻭﻫﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﯪﻳﺎﻥ.
ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﯴﻧﮕﻪﻥﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ،
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺭﻭﻫﯩﻤﺪﺍ ﻧﯘﺭ ﯬﻣﮕﻪﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ.

ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﭘﺘﯘﺭ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﺧﺎﻻﺱ.
ﺳﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯩﺰ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻏﺎﺟﯩﻢ،
ﻳﻪﻛﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﺳﺎﺱ.

ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﯬﻱ ﯪﺩﻩﻡ،
<< ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﺰ ﺟﻪﯞﻫﯩﺮﯨﻤﯘﻫﻪﻡ >>.
ﺗﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﯮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﺑﯩﺰﻧﻰ،
ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ.

ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﺴﻪﯓ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ،
ﺷﻪﺭﺗﯩﻢ ﺷﯘ: ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ!
ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺳﻮﻻﻳﺴﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻏﯧﺮﯨﭻ ﺑﯚﺯﮔﻪ.

4
ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺯﺍﻣﺎﻥﻏﻮﺯﯨﻜﻰ،
ﺗﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﯬﻣﻪﺳﻤﻪﻥ،ﯰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ.
ﻣﻪﻧﺎﻏﺎ ﭘﯜﺭﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯪﻟﻪﻡﯪﺑﺎﺩﻯ،
ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ ﻧﯘﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﯲﺭﻟﯩﮕﻪﻥﯰﭘﻘﯘﻥ.

ﺯﺍﻫﯩﺪﻗﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻦ،
ﻧﻪﺑﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﭽﺮﻩ.
ﻧﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻧﯘﺭﯨﻤﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥﯪﻗﯩﻞ،
ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ ﻗﻮﻳﻨﯩﯖﺪﺍ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥﯴﻣﯩﺪﻛﻪ.

ﯪﺷﯩﻘﻼﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯬﻣﯩﻦ،
ﯲﺗﻜﯜﻧﭽﻪ ﺷﻮﻻﻣﻨﯩﯔﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﯩﺪﺍ.
ﺩﻩﻟﺪﯨﻐﻪﺵ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥﯬﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﭼﺎﻗﻰ،
ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﻏﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ.

ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﺘﻪ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻢ،
ﻧﯘﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﻫﻪﺭ ﯬﺳﻨﺎ ﻛﯘﻟﻠﻰ ﭼﯧﻬﯩﺮﮔﻪ.
ﺳﻪﻳﻴﺎﻫﻘﺎ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﻲﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ،
ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﻫﺰﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻣﯧﻬﺮﯨﮕﻪ.

ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭ ﻣﯘﯕﺰﺍﺭﻯ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﺎﻳﺪﺍ،
ﻛﺎﺝ ﺑﻮﻗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﻯ ﻗﯘﺭﺑﯩﻤﻨﻰ ﯪﺧﯩﺮ.
ﺷﺎﻫﯩﻨﺸﺎﻫ ﺷﺎﺩﻻﻧﻐﺎﻥ ﯪﻟﺘﯘﻥﻗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ،
ﯪﺩﻩﻣﺴﯩﺰ ﻛﯧﻤﯩﺮﮔﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﻯ ، ﻳﺎﭘﯩﺮ!...

ﯪﺗﯩﻤﺪﯗﺭ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺎﻳﯩﻤﻐﺎ ﺧﺎﺱ،
ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯘﺭﺑﯩﻤﺪﯨﻦ ﯪﻟﯩﺪﯗ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ.
ﯲﺗﻜﯜﻧﭽﻪ ﺷﻮﻻﻣﻨﯩﯔﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﯩﺪﺍ،
ﺭﻩﯓ ﯪﻻﺭ، ﺭﻩﯓ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﻣﺎﯕﺎﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ.

ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻮﺯﯨﻜﻰ،
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻤﻪﻥ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻜﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ؛
ﻣﻪﻫﺸﻪﺭﺩﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻢ،
ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﯓ ﻣﻪﻥ ﯪﺧﯩﺮ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﭽﻪﻙ!...

5
ﯪﺷﯩﻘﻼﺭ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖﻣﯘﯬﻣﻤﺎ،
ﭼﯜ ﺷﯩﻨﻪﺭ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﯪﺷﯩﻘﻼ ﭘﻪﻗﻪﺕ.
ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻥ ﭼﯧﻬﯩﺮﻟﻪﺭ ﺳﯚﻳﮕﯜﺑﻪﻫﺮﯨﺪﻩ،
ﯪﻳﻼﻧﻤﺎﺱ ﯪﺷﯩﻘﻘﺎ ﯬﺑﻪﺩﺗﯩﻦ-ﯬﺑﻪﺩ.

ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﯪﺷﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﻛﯜﺵ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ،
ﭼﯜﺷﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥﺟﯜﻣﻠﻪ.
ﯮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﺟﯩﻢ،
ﺭﯨﺸﺘﯩﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﯮﺗﻠﯘﻕ ﯬﻗﯩﺪﻩ.

ﭘﯜﺗﯜﻛﺘﻪ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﯬﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ،
ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙﺷﯧﺌﯩﺮ؟
ﻛﯩﻢ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯪﺷﯩﻘﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ،
ﻛﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺷﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙﻣﯧﻬﯩﺮ؟!...

ﯲﺭﻟﯩﺴﻪ ﯪﺷﯩﻘﺘﺎ ﺭﻭﻫﻰ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ،
ﻛﯜﭼﯩﻴﻪﺭ ﻣﻪﺷﯘﻗﻨﯩﯔ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﺩﻩﻡ.
ﯞﯨﺴﺎﻝ ﯰ - ﺭﻭﻫﺘﯩﻜﻰﻏﺎﻳﯩﯟﻯ ﺋﯩﻤﺎﮒ،
ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻜﻪ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻣﻪﻟﻬﻪﻡ.

ﻣﻪﺷﯘﻗﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻫﻜﻪ،
ﭼﯩﻦ ﯪﺷﯩﻖ ﺭﻭﻫﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﺭﺗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ.
ﺷﯩﺮ ﻛﻪﻳﯩﭗ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺟﯩﻢ،
(ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﯮﺕ ﯲﯕﻜﯜﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻍﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ).

ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻫﺎﻟﻰ،
ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﺭﻩﯕﻠﻪﻧﺪﻯﯮﻣﺎﻕ.
ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ ﯪﺷﯩﻘﻨﯩﯔﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻣﻪﺷﯘﻕ،
ﺳﯩﻤﯟﯗﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥﻗﯘﭼﺎﻕ.

ﯪﺷﯩﻘﻼﺭ ﺯﺍﯞﺍﻟﻰ - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺯﺍﯞﺍﻟﻰ،
ﯮﺕ ﺷﺎﺭﻏﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺗﺎﻣﺎﻣﻰﯞﯗﺟﯘﺩ.
ﭼﯩﻦ ﯪﺷﯩﻖ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﭖﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩﻩﻫﺘﻪ،
ﭼﺎﻳﻘﯩﻼﺭ ﺷﺎﺭﺍﭘﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺯﯛﻙﯴﻣﯩﺪ.

6
ﯲﺭﻛﻪﺷﻠﻪﭖ ﯪﻗﯩﻤﻪﻥ ﻛﻮﭼﺎﺗﯧﻨﯩﺪﻩ،
ﺋﯩﻠﻜﯩﻤﺪﻩ ﻫﯚﺳﯜﻧﺪﺍﺭ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺭﻩﺳﺘﻪ.
ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﻫﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥﻫﻪﻣﺪﻩﻡ،
ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﺩﻩﻳﺪﯗﻫﻪﯞﻩﺳﺘﻪ.

ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﯪﻟﺴﺎ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﯴﻧﻰ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻰﯰﻧﺪﺍ.
ﺳﻮﺯﯨﺪﯗ ﻛﯚﻳﯜﻛﺘﻪ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻝ ﺑﻮﻳﯘﻥ،
ﻗﻪﺗﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﻐﺎﻥﺑﯘﻻﻗﻘﺎ.

ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﻳﻪﻟﭙﯜﺗﺴﻪ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ،
ﯪﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﯪﺭﺍﻣﯩﻤﻨﻰ ﺷﺎﺩ.
ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓﮔﻪﺭ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺳﻪﻳﻨﺎﺩﯨﻦ،
ﭼﺎﻏﻼﻳﺴﻪﻥ ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﺎﻥﺟﯩﺴﻤﯩﯖﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺕ.

ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﯪﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻥ،
ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﭖ ﯪﻟﯩﻤﻪﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ.
ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﺩﺍﺷﻘﺎﻥﭼﯜﺷﻠﻪﺭ،
ﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻛﻮﻣﭙﺎﺳﻤﯘ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ.

ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻢ ﯮﯕﯘ - ﺳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ،
ﯬﯞﯨﻠﻰ - ﯪﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺋﯩﺒﺎﺭﻩ؟!
ﻧﯩﮕﺎﻫﯩﻢ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺴﺎ ﺩﺍﻧﯩﺶ،
ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻣﯘ ﺷﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯩﺰﯻﭙﺎﺩﻩ؟!

ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﻤﻪﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﭽﻰ - ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ،
ﺋﯩﻠﻜﯩﻤﺪﻩ ﻧﯘﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻓﺎﻧﯩﻲ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﻗﯩﻲ.
ﻫﻪﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﺭ ﺟﺎﻥ ﻫﻮﺷﻰ،
ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻤﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﺎﻗﻰ.

ﭘﻪﻧﺠﻪﻣﺪﻩ ﯮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﯪﺳﻤﺎﻧﻼﺭ ﯰﺳﺴﯘﻝ،
ﻧﯧﻤﯘ ﯰ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ، ﯲﻛﯜﻧﯜﺵﺩﯦﮕﻪﻥ؟
ﺟﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﺋﯩﺮﺍ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﻰ،
ﭼﺎﺭﻻﻳﻤﻪﻥ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﺎﺱ ﭘﺎﺭﻻﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﺮﻩ،
ﯲﺭﺗﻪﺷﻨﻰ ﯲﺭﺗﻪﻳﻤﻪﻥ ﯲﺭﺗﻪﺵ ﻛﯚﺭﻛﯩﺪﻩ.
ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﯲﺯﯛﻡ ﻫﻪﻳﯟﻩﺕ،
ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻫﯚﺳﻨﯩﺪﻩ.

7
ﻣﯘﻫﺘﺎﺟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻳﺎﺕ،
ﺳﯩﻨﺘﺎﺷﺘﺎ ﭘﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺩﯗﻏﺎ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ.
ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﻫﺎﯞﺍ،
ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﭽﻪ ﯮﺗﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﻰ ﺗﯩﺖ - ﺗﯩﺖ.

ﻗﻪﺭﻧﯩﻤﺪﻩ ﺗﯩﻦ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﯪﯓ،
ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﯲﺯﯛﻣﻨﻰ ﯲﺯﯛﻡ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ.
ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻯ ﻳﺎﻏﺎﺭ ﻛﯜﻧﯜ - ﺗﯜﻥ،
ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ ﺳﯘﯪﻟﺴﯩﺰ ﻫﻪﻗﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﻠﯩﮕﻪ.

ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺰ ﯪﻗﻤﺎﻗﺘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯮﻗﻴﺎﺳﻰ،
ﺯﻭﻕ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺯﻭﻕ ﺑﯧﺮﯨﺶﻣﯘﻣﻜﯩﻨﺴﯩﺰ ﯮﻟﺠﺎ.
ﻧﻪ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔ ﯪﯞﺍﺯﻯ،
ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﻼﺗﺎﺭﯨﻤﺪﺍ.

ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ ﺳﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﯕﺮﻯ،
ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯘﺗﯘﭘﻘﺎﯪﺧﯩﺮ.
ﺳﯧﯖﮕﻪﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚﯲﺯ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﺟﯩﻢ،
ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﭘﺎﺭﻻﻗﻠﯩﻖﺗﺎﻗﯩﺮ!

ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﯪﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﻛﻰ،
ﺭﻩﺳﺘﯩﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﻯ ﺗﯩﻤﺘﺎﺳﻠﯩﻖﺩﯗﻧﻴﺎ.
ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﻮﻱ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺗﻮﻳﺴﯩﺰﻻﺭ ﻧﻪﺳﻠﻰ،
ﻫﻪﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﻡ ﺩﯨﻠﺮﺍﺑﺎ.

ﯮﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺕ ﻗﻮﻳﻨﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﻫﻪﻝ،
ﻧﻪ ﭼﺎﺭﻩ؟
             ﻣﻪﯞﻫﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﻟﯜﭖ.
ﻧﯘﺭ ﭼﺎﭼﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﺷﯘ ﺩﻩﻡ،
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯲﺭﯛﻟﯜﭖ.

ﺋﯩﺪﯨﻤﻐﯘ ﻣﻪﻥ ﯬﺳﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺳﺎﻗﻰ،
ﭘﺎﺭﻻﻳﺪﯗ ﻫﻪﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﺪﻩ ﺳﯜ ﺯﯛﻙ.
ﻗﯘﺭﺑﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﻪﯓﯬﻱ ﻫﯘﺵ!
ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﯲﻟﯜﻙ.

ﻗﻪﺭﻧﯩﻤﺪﻩ ﺗﯩﻦ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﯪﯓ،
ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ﯲﺯﯛﻣﻨﻰ ﯲﺯﯛﻡ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ.
ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﭼﯧﻬﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﭼﯧﻬﺮﯨﻨﻰ،
ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﻯ ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﯬﯞﺟﯩﺪﻩ!...

8
ﺩﻭﻟﻘﯘﻻﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖﺩﻩﺭﻳﺎ،
ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﭼﻰ ﯪﺩﻩﻡ.
ﻧﯘﺳﺮﻩﺗﻜﻪ ﻧﯘﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻗﺘﯩﯔﻗﺎﭼﺎﻧﺪﺍ،
ﻳﯧﺮﺍﻕ ﻛﻪﺕ ﯬﻱ ﺯﻭﻗﻼﺭ، ﺑﯧﺮﻯﻛﻪﻝ ﻣﺎﺗﻪﻡ!

ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﯮﺭﯨﻐﺎﻥ ﯬﺑﻪﺩﻟﯩﻚ ﺷﻪﺭﻩﭖ،
ﺩﯦﺪﯨﯖﻤﯘ ﯲﺗﻜﯜﻧﭽﻰ ﺷﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎﯪﺩﻩﻡ؟
ﺗﻪﺑﯩﺮﯨﯔ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩﻳﯜﺭﺩﯛﯓ ﻣﺎﺟﺎﻟﺴﯩﺰ،
ﻳﺎﺯﯗﺭﯨﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﻏﻪﻣﻠﯩﺮﯨﯖﮕﻪﻳﻪﻡ.

ﻧﯧﻤﻪ ﯰ ﺟﯜﺯﺋﯩﻴﻠﯩﻚ؟
                         ﺑﺎﺗﯩﻨﯩﻢ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ،
ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﮔﯜﻧﻨﻰﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﭖ ﯪﺩﻩﻡ.
ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ ﮔﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰﺗﯜﮔﯜﻥ،
ﺗﯜﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﻳﯧﺸﯩﻤﮕﻪﻣﻪﻟﻬﻪﻡ.

ﻣﻪﻥ ﺳﻪﺭﻛﻪ، ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ،
ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﻪﯕﮕﻪﯪﺩﻩﻡ.
ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ،
ﯴﺭﻛﯜﻳﺪﯗ ﺷﯜﺑﻬﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺳﯩﺘﻪﻡ؟

ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﯜﺭﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﻳﻬﺎﺕ!
ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻧﭽﯩﻐﺎ ﺗﯩﻨﻐﺎﻧﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﻩ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎﯓﯬﺗﻪ،
ﺑﯩﺮ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﻣﯩﯔ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻡ.

ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻤﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﻛﻪﺯﮔﻪﻥ،
ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯲﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﯲﺗﯜﭘﻼ ﯪﺩﻩﻡ.
ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﻤﯘ ﺭﻭﻫﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ ﭼﯚﻛﯜﭖ؟
ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻛﺴﻪﯓ ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﯖﻐﯘ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﭼﯚﻛﺴﻪﻡ!

ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻣﺰﻩ ﻣﻪﻥ، ﻣﯜﻟﻜﯜﻣﺪﯗﺭ ﻗﯘﻳﺎﺵ،
ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﯜﻣﻠﻪﯕﺪﻩ ﯲﺗﯜﭼﻰ ﯪﺩﻩﻡ.
ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﻏﺎ ﯪﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﺯﺍﯞﺍﻝ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﺪﻩﻡ؟!

ﺋﯩﻨﭽﯩﻘﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﺱ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ،
ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺵ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﯓﯪﺩﻩﻡ.
ﯴﻧﺴﻪﯓ ﮔﻪﺭ ﺭﻭﻫﯩﯖﺪﺍ ﺭﻭﻫﯩﯖﺪﻩﻙ ﺗﺎﺯﺍ،
ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻐﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻜﻰﻣﺎﺗﻪﻡ!

ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﻟﯩﺪﯨﻢ ﺭﻭﺷﻪﻥ
ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﻪ ﺟﯩﺴﻤﯩﯖﺪﺍﺗﯘﺭﯗﭖ.
ﭘﺎﺭﻟﯩﺴﺎ ﯬﮔﻪﺭﺩﻩﺭﻭﻫﺘﯩﻼ ﯪﺩﻩﻡ،
ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﯪﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻳﻮﺭﯗﭖ!

9
ﭼﯚﻛﺘﯜﯓ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺑﯩﻐﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ ﯬﻱ ﻫﯘﺵ،
ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺳﯩﻤﺎﻳﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﻪﺭﻩﯓ.
ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﺪﯨﻦﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺑﻮﺵ،
ﺳﻪﻣﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﯩﯖﺪﻩ ﺗﯜﻣﻪﻥﻣﯩﯔ ﻧﻪﻳﺮﻩﯓ.

ﺑﯘﺯﯗﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺷﯘ ﯪﻥ،
ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﻛﯚﺯ ﯪﻟﺪﯨﻤﺪﺍﺟﻪﻧﯭﺕ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ.
ﯲﺯ ﯲﺯﯨﯖﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﻩﻛﻪﭘﻪﯕﺪﯗﺭ ﯪﺳﻤﺎﻥ،
ﺳﺎﺩﺍﻗﯩﺘﯩﯔ ﻗﯩﻼﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ.

ﺳﯩﻨﭽﯩﻠﯩﺴﺎﯓ ﺭﻭﻫﯩﯖﺪﺍ ﻫﯘﺵ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻡ،
ﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﯬﻣﻪﺱ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺷﻮﻟﯩﺴﻰ.
ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﺪﻩﭼﯧﻘﯩﭙﻼ ﺑﺎﺩﺍﻡ،
ﻣﻪﻧﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﯘﻕ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ.

ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﻰ ﺗﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﻥ، ﺭﻭﻫﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﻪﻡ ﺭﻭﻫ،
ﺷﺎﻫﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﻜﯩﺮ- ﻧﻪﻛﯩﺮ ﯪﻗﺘﻰ ﺳﯘ ﻛﻪﺑﯩﻲ.
ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﯖﺪﺍﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﻩ،
ﺑﺎﺵ ﯰﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﺍ ﻫﻪﻗﻘﻪ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺑﻰ.

ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﯲﻛﺴﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﻠﯩﻖ ﺗﯧﺸﯩﯔ،
ﯮﺕ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﺸﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺴﺎﺗﯩﯔ ﺷﯘ ﺩﻩﻡ.
ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﺎﺵ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﯔﻛﯚﻳﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﯧﺴﯩﯔ،
ﺳﯜﻣﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﻏﻪﻡ.

ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺭ،
ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﻙ ﺋﯩﭽﺮﻩﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﯔ.
ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﮕﺎﻫﺘﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺳﯜﻣﯜﺭﺩﻯ ﻫﯘﺯﯗﺭ،
ﯪﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻛﯚﻳﯜﻙ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﯨﯔ.

10
ﻧﯘﺭﻻﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﻧﯘﺭ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﯓ،
ﺭﻭﻫﯩﻢ ﯴﺯﺭﻩ ﯪﻗﺎﺭ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻗﺎﻥ.
ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﺎﺭ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﺪﺍ ﺷﺎﺩﻳﯧﯖﻰ- ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯓ،
ﯲﺯ ﭘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗﭼﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﻓﻮﻧﺘﺎﻥ.

ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﺟﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﯰﺯﺍﻗﺘﯩﻦ - ﯰﺯﺍﻕ،
ﻧﻪ ﺟﯩﺴﻤﯩﯔ ، ﺭﻭﻫﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ ﯪﺩﻩﻡ.
ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻳﻤﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﺩﺍﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻏﺎ ﺑﺎﻕ،
ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯜﺭﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﻡ!

ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺯﻭﺭﺍﻳﻤﺎﻗﺘﺎ ﻗﯘﺭﺑﯩﻢ ﻗﯘﯞﯨﺘﻰ،
ﻗﺎﻧﯘﻧﻴﻪﺗﻤﻪﻥ ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕﯬﺳﯩﺮﯨﻤﺪﯗﺭ ﭘﺎﻫ!
ﻧﯘﺳﺮﯨﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺟﯧﻨﻰ،
ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯜﻱ ﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥﯪﻫ!

ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﯮﻳﻼﻥ ﯬﻱ ﺷﺎﺋﯩﺮ!
ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻢ ﯰﺯﺍﻕ...
ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﻛﯧﺰﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﻗﺎﺩﯨﺮ،
ﺭﻭﻫ ﻛﯚﻟﯩﺪﻩ ﺳﯜﻣﯩﺮﯨﺴﻪﻥ ﺭﻭﻫﯩﯖﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ...

ﯪﺷﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﻥ ﺳﯜﻳﯩﻤﻪﻥ، ﻣﻪﺷﯘﻗﻘﯩﻤﯘ ﻫﻪﻡ،
ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﻗﺎﭼﺎﻧﺪﺍ ﯬﻱ ﭘﯩﺮ!
ﯪﻗﺎﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ، ﻳﺎﻧﺎﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﺪﻩ ﺟﻪﻡ،
ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﺑﻮﻟﺴﻪﯓ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﻡ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﮕﻪﻛﯩﺮ!

ﮔﯜﺭﻛﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﯪﯞﺍﺯﻯ،
ﺗﻪﺑﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺯﻭﺭﯗﻗﻤﺎ ﯬﻱ ﯲﺗﯜﻧﭽﻰ ﯪﺩﻩﻡ!
ﯲﺭﻟﯩﮕﯩﻨﻰ ﺟﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺟﯩﻤﻠﯩﻖﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻯ،
ﻳﻮﻗﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎﺋﯩﺸﻪﻥ ﯬﻱ ﭘﺎﻳﻪﻡ!...





2001 ـ يىل  . كەلپىن



ئىزاھات : «كروران» ژورنىلىنىڭ 2010 –يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى .




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:32:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋىشىمگە ئېلىپ كەتكەن



مۇزىكىغا ئۇزىشىڭغا نەقەدەر چارچىغان يوللار ئۇ

ئۆزۈڭگە پىشىۋاتقان دەرياغا ئېزىقىشنى چاقىردىم

سېنى ئۆزۈمدىن سىقىپ چىقىرىشقا يۈرۈپ كەتتىم

باغرىڭغا كىتىرلىغان ئارماننى

پەرۋىشىمگە ئېلىپ كەتكەن

سۆزنى ئاۋازىغا ئېسىپ قويىمەن

ئېسىپ قويىمەن

قويىمەن



قوقاسلىق سېنى يۈگۈرگەن شاماللارغا چۆل چېچەكلىگەن

پەرۋازىڭغا ئاشلانغان مەنزىللەرنى سۇئال ئۈنگەن

يىراقلىقىڭغا مېنى پەپىلىگەن مودىنىم يالقۇنىڭغا ئۇسسىغان كاسىلەرنى كۆر

سېنى ياراتقان دەقىقىلىرىمگە ئۆزۈمنى ئورايمەن

تەرەپلىرىڭگە كېتىۋاتقان ئۈركۈشلەرنى ئۆزۈڭ يورۇ

ماتىمىڭگە قونغان لەھزىلەرنى بوشلۇقۇڭغا چىلانغان سۇغا ئوقۇ

سەن قارىلىقىڭنى پورەكلىگەن ئاقلىقىڭغا سالقىندىغان ئويلار ئاقلىقى

سەن تەڭرىلىكىڭگە يالتىرىغان بىر پارچە قۇپقۇرۇقلۇق

سەن ئۆزۈڭگە قۇرۇقدالغان قاپقارا بوشلۇق

سېنى كۈلۈشنى ۋاقىتقا تەقسىملەيمەن

ئۇندا ۋاقىت ئوڭدقسغا دۈم ياتقان

سەن ئۆزۈڭگە تولۇشىڭنى مەشۇقلۇق دەقىقىسىگە كۆمۈۋاتقان پەيتلەر شامالدەك ھارغان

سەن ئۆزۈڭنى تېمىۋاتقان ئىدىيىلەرنىڭ ئاختىلىقىغا يوشۇرۇنغان

ئۆزۈڭگە قېچىۋاتقان مۇساپىلەرگە لەپىلدىگەن ئاپئاق قارا مودەنلىك تۇغ

تەڭرىلىككە تەمتىرىشىڭنى تەڭرىلەر ئوي ئاشكارىلىقىغا ئۇنتۇلغان

ئۆزۈڭگە باشلاپ كەلگەن تەرەپلەرنى سايىدىغان ئاپتاپ

يىقىلىشىغا تەشۋىشنى قوپۇرغان

بىر پارچە بوشلۇقنىڭ

يوقلۇق ئىچرە چېچىلىشى

چېچىلىشى



ۋارقىرىشىڭغا گۈركىرىگەن ئاۋاز ئۆزىگە

سۇغا تاشقىنلىغان دەريا ئۆزىدە

مەۋجۇتلۇقىنى ئۆچىۋاتقان تەڭرىلەر قەبرىسىگىچە

مۇساپە تىلغا چېچەكلىگەن

تىلنى ئۆزىگە ئويىۋاتقام ئەي ئويغۇچى

مودىنىمنى ئۆزىگە پىشىۋاتقان خىياللارغا يايرىغان تۇپراققا مېنى چارلا

كۆزلەرگە سۇلانغان كۆزلەرنى يانايلى

يانايلى كۆزنىڭ كۆزىگە چېچىلىپ

كۆزگە كۆزنى چېچىپ  

يالتىرىشىڭنى مۇزىكا ئۇسسىمايدۇ

ئەمچىكىڭگە چېكەتكە سايرىمايدۇ

جىلۋەڭگە قۇم ئاقلىقىنى پارقىرىمايدۇ

ئۆزىگە يېغىۋاتقان جىملىق سۇ دىئالوگلىرىغا ئېچىلىشنى كۈتىۋاتقان سىرلارغا ئېچىلغان

قەدەم ئىزلارغا ئۆركەشلىگەن مۇساپە چۈشكە يۆلەنگەن ھىلال ئاي تەشۋىشى

تەشۋىشنى ئۆزۈڭگە قوپۇرغان تەڭرىسەن ئەي ئاپئاق قارا مودەن

ئاۋازلارغا سولانغان سېنى يوللار ئۆچۈپ تۇرغىنىدا

سېنى رەنالارغا قوراشتۇرۇشنىڭ مەنىسىزلىكىگە چېچىلغان ئاسمىنىڭ



ئاراچلىرىڭغا تامچىلىغان ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭدە يۈرۈپ كەت

ئۆزۈڭگە ئاسمىنىڭنى يالتىراش دەملىرى

ۋاقىتقا ئېقىننى پارچىلايدۇ

تۇپرىقىڭ ۋاقىتقا ئۆرە تۇرغاندا

ساڭا پاراقشىغان زامان ئېسەنكىرىشى ئازغۇنلۇق راۋىقىغا ئۆزىنى تىزىدۇ

سېنى غۇنچىلىغان تەشۋىشنى ئارماننىڭ يالتىرىغان يۈزىدىكى ئۆزىگە باشلا

كۆل ئۇساۋاتقان ئۆزىگە ۋاقىتتەك ئۇنتۇلىدۇ

روشەنلىكىگە پىلدىرلىغان ئەگمىلەردە

كۆل ئۆزىدەك تولغان قۇپقۇرۇق ئىدى

ھەممە ھەممىدەك قۇپقۇرۇق ئىدى يوقلۇق كاسەسىدە  

ئۇيقۇنى ساڭا تېمىتقان ئەپسانىلەرنى شەيتان غىچىرلىمايدۇ

كېچە ئۆزىگە تولغان كۈندۈزلەرنى ساڭا چېچەكلىمەيدۇ

سېنى ئۈركىگەن سايىلەرنى مۇزىكا ئۆزىگە ئېقىۋاتقان بۇلاقلارغا شىلدىرلىمايدۇ

ئاھ ئۇرغان ناخشىلار جىنايەت پارقىراقلىقىغا سېنى سۈركىمەككە تىنچلىنىدۇ

ئۇندا تېشىۋاتقان سېنىڭ يوقلۇقۇڭغا زۇلمەت ئاپئاق تەبەسسۇمىنى سۈمۈرىدۇ

ئەگمىلەر يالتىراقلىقىغا سېنى پاراقشىغان رەڭلەر ئۆزىنى ئۆرلەيدۇ

قاردەك ئاپئاق قارىلىقىنى

زامان قىسىلچىقىدىن ئۇچراتقان ئاپئاق قارا مودىنىم سەنسىز يېتىلەر كوچىسىغا

سېنى نە كوچا ، نە كارىدۇرغا تىلەشكە خەتەر ئۇسۇل ئوينىسۇن

سېنى بۇلدۇقلاشقا ئۆچۈپ كەتكەن بۇلۇت ئەسلىرىنى شەيتان ئۆزىگە پۈركىسۇن



ئۆزۈمنى كىچىككىنە تالادەك خىياللارغا پۈركىدىم

ئۇسسىشىغا ئويغانغان ھۈجەيرىلىرىم ماڭا پىشىلدى تاشقىنلاپ

ئۇف ، مېنى ئۈنگەن تەنھالىقىمغا ئۆزۈم يېشىنەي

مېنى ئۆزۈمگە سۇلاپ قويغان ئاپئاق قارا مودىنىم

كۈلكە ۋادىسىغا بىر ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە چىلاپ ئۈنەي

ئىچىنى ئۆزىگە يورۇغان ئاپئاق قارا مودىنىم كېلە سېنى ساڭا ئۆتۈنەي

ئۆزۈڭگە چېچەكلىگەن ئارمانلار مېنى شەبنەمگە يالتىرىمايدۇ

تەشۋىشىڭنى چۈشۈمگە يېتىلەپ كىرگەن يوللار ئۆزىنى ئويغىنىدۇ

سېنى غىچىرلىغان كارۋات تام جىملىقىنىڭ چىملىرىغا

مېنى ئاۋايلاپ ئاسىدۇ ئاسقاندەك تەڭرىلىكىنى

چۆچۈشىگە ئولتۇرغان ئەي ھېچ

مەن ئۆزۈمگە ھالقىشنى ئېسىۋاتقان ھالقىش

مېنى ماتەمدە چېلىڭلار پەدىلەرنىڭ ئاقلىقىغا تۇپراق ئويغانسۇن

مەن ياپراققا چېچەكلىگەن ئاپتاپ ئازغۇنلىقىغا ئۆركەشلىگەن

قېنى مېنى چىڭقى چۈشكە مىۋىلىگەن ئاپئاق شەپەق سايىسى

مەن ئۆزۈمگە ئۇنتۇلغان جۈملىلەرنى

ئۆزۈمگە قاقىمەن مېھرىبانلىقتا

پەرىشانلىقى كۈلدۈرگەن مېنىڭ ئەي بەڭۋاش جۈملەم

ماڭا ئازات بول ، ئۆزىگە سايىدىغان پەيلاسۇپنى پىكىر بويىغاچ تۇرسۇن

  

شەھۋەتكە قانىغان ئۈچيۈز ئاتمىش سەككىزىنچى ياتاق

دەرىزىگە مۇزلىغان

ئۆزىگە ئېقىۋاتقان مۇزىكىغا

ئاپئاق قارا مودىنىم پىخىلدىغان

قايدىسەن قېنىمغا ئۇرغۇغان شارابلارنىڭ قاپقارا سەھىرى

مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم ھۇۋلىغان

كېچىلەرنى سالقىندىغان يىگانە كېچە

ئاپئاق قارا مودىنىمنىڭ ئەمچىكىگە قانىغان

كۈندۈز تۆكۈلگەن يۇلتۇز ئۆزىنىڭ پەرۋىشىگە

تەقدىر ئۈركىگەن دولقۇن سۆزىنىڭ پەرۋىشىدە

ئەتىرگە ئۆرلىگەن ئاق مودىنىم تىل يالىڭاچلىقىدا

ئۆزۈمگە يايرىغان ئېقىنلارنىڭ چىكىلدىشىغا

پىشىلىمەن . ۋاقىتقا قوراشتۇرۇلغان

بۇ ياڭراق زۇلمەتلىرىمنى

ئۆزۈمگە ئايرىم –ئايرىم تەقسىملەيمەن . سۈرگۈنلىكىڭنى ۋارقىراپ

ماڭا ئويغانغان يوللار مۇساپىسىگە شارقىرىغان

مېنى چۈشىگە تامغان دالىلار جىملىقىغا كاسىلدىغان

مېنى ئۆزۈمگە سۆيۈپ تۇرغۇچى

سېنى ھەممىگە ئۆچۈرىمەن نۇرلىرىم يالتىرىشىغا

مېنى رەڭلەرگە تۇزىغان چۆچەكلىرىم

دىئالوگ ئويغانغۇچە كېتىۋالاي ئېزىقىشىمغا



ئاپئاق قارا مودىنىمگە چېچەكلىگەن ۋاقىت ئۆزىنى ئېقىۋاتقان

سېنى ماڭا تولدۇرغان ئەبەد قارىلىقىغا ئەزەلنىڭ تېمىۋاتقان

نەقەدەر قۇپقۇرۇق دەرگاھسەن ئاقلىققا ئېچىۋاتقان

ئۆزۈمگە يايرىغان مېنى بىر پۇراپ تىرىلمەككە

ئۆزۈمدىن ئېلىپ قاچتىم سېنىڭدىنمۇ ھەم

مەن ئۆزۈمگە ئولتىرىمەن

مەن ئۆزۈمنى تولدىرىمەن

ئۆزۈمنىڭ تەڭرىلىكىگە ئۆزۈمنى ئويىمەن قۇپقۇرۇق تەڭرىلەر شەھرىدە  

گۆگۈم شارقىرىغان ھېچنە تىنچلىق بۇلۇتلىرىمغا مېنى رەتلىگەن

يىلتىز ئۆزىگە يورۇۋاتقان كائىنات قەبرىسىگە سۇ توزانلىرىنى چاچقان

ماڭا يەڭگۈشلەنگەن سۇ دانىچىلىرىم مەندە ھۆلدىنىڭلار

مۇزىكىغا ئۆركەشلىگەن مۇساپىلەردىن قايتىپ كەلگەن ھاۋالىرىم

ئارامىڭلارنىڭ پەيزىنى سۈرمەككە راۋاق ياسىدىم كۈيلەردىن

ئەھدىلەرگە تىنىۋاتقان كاسەمدىكى تۇپراقلىرىم رەڭلەرگە چۆچۈگەن

مېنى ئاپئاق قارا مودىنىم كۆكسىگە چېكىۋاتقان ئوت شەھۋەتكە تاج

ئۆزۈمنى چېچەكلىگەن زامان پايانىمنى ماڭا مېۋىلىگەن

ئۆرلەش ئىچرە

ئوتقا

        ھاۋاغا

                   سۇغا

                                 تۇپراققا  

تاۋۇشلارنىڭ پارتلاش مۇمكىنچىلىكىدە ئۆزۈمگە ئېقىۋاتقان سۆزلەرنى دەريا ياسىدىم

ماڭا ئۈنۈپ چىققان رەنالار پەرىشتە ئاچلىقىغا توقۇلغان توقۇلما

مېنى ئۇسسۇشىغا قاناۋاتقان شەھۋەتلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆچۈشكە يېنىڭلار

ھالقىشىمنى ئۆزۈمگە پارچىلايمەن تەرەپلىرىمدە

ماڭا شىلدىرلىغان ياپراقتىكى كۇپۇرلۇقلار

سۆڭىكىمگە مېنى كەشتىلىگەن تۇپراقتىكى كۇپۇرلۇقلار

مېنى ئۆچۈڭلار ھەم يېنىڭلار ئەي دائىرەم



ئۆچىۋاتقان سۆز قەبرىستانىغا ئولتۇرغان جەۋھەرلىرىم قۇپقۇرۇق ئىدى

ئىچىمنى پۈۋلىگەن غېرىبلىق بىھۇشلىقىمغا ناخشىدەك سايرىغان

مەنىگە مېنى تېرىغان پەرۋىشلىرىم زۇلمەت دەرگاھىنىڭ دولقۇنىغا چۆك

ئۇندا يالىڭاچلانغان سىرلارنى ئۆزۈمگە ئورايمەن

ھۇۋلاۋاتقان مەنىسىزلىككە مېنى قوپۇرغان تاجلار مۇزىكا ئاراچلىرىغا

سۇغا تاشقان باياۋاننى تامچىلار ئاسمىنىم ئىچرە

ئاسمىنىمنى پۈۋلىگەن تىنىقلار يىگانىلىقىغا ئولتۇرغىنىمچە

ئۆزۈمنى تىڭشايمەن تەرەپلەرگە پارچىلاپ

ماڭا يىراقلىقىنى تەڭلىگەن ۋاقىتنىڭ چىرايىغا تەتۈرىنى ئاسقىنىمچە



قايدا ئىدى ئۇ دەرگاھلار دەرگاھىمدىكى ئەي شەربەتلىك كېچە

چۇڭقۇرۇمغا ئۆرلەشكە سۆز ئايلانسۇن . مېنى چېچىڭلار سۇدەك يىمشاق

مېنى چارلىغان قىسمەت كاسەمدە پارلىغان ئەھدە

سۆز ئۆزىگە ئۇسسىغان

رەڭلەر مۇزىكا جىملىقىغا لەيلىگەن سۈرەت چىملىقىدا

كۆۋرۈك چىراقنى پارلىغان ئۆتۈشمىلىك تىل ئەگمىسىدە

سەھەرنى مارىلىغان دەرىزە مېنى مۇزىكا ئارامىغا ئېسىپ قويۇڭلار

ماڭا ئۆتۈۋاتقان يوللارنى ئۆزۈمگە تولدۇرۇپ چالاي

كۈي ئۆزىگە يىراقلىغان يوقلۇق باياۋانىغا پەرۋىشتىكى ئۆزۈمنى چاچاي

نە ھاللىق تەڭرىسەن

سەھىرىمگە كېچىنى تۇزىغان

ئۆزۈمنى پارلىغان ئۆزۈمگە مەن شۇندا ئۇزىغان






Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتىنچى كۆرنۈشتىكى ئوبرازلار



شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ



دراما بويلۇقنىڭ كۈندۈز ئۆركىشىگە چېچىلغان ئاسمان قۇملۇقىدا ...

بىرىنچى كۆرنۈشلۈك سەھنە : { ئۆزىگە ئۇسساۋاتقان مۇزىكا ۋاقىتتەك سالپايغان ... ئىككى جۈپ كۆزنى يورۇغان بىر تۈپ ئاسمانلىق دەرەخ ، دارغا ئېسىلغان تېنچلىقنىڭ قاپقارا سەھىرىگە قىسىلغان شېئىرنىڭ ئېسى ...كۆكنى ۋارقىرىغان ئۇرۇق بىر ئاۋاز تۇزداۋاتقان مۇسىبەت تالادەك يېرىلغان ... رەڭلەرگە ئۇنتۇلغان يامغۇر چېچىكى زۇلمەتنى مېۋىلىگەن ... }

ئەرۋاھ : تىنجىققا ياغايلى ، تاغنى بورداۋاتقان پەرى قايدىسەن ؟ قارا ، ھايات يىلىم چۆچىكىڭگە يېرىم چۆچۈپتۇ . سەن زېرىككەن بۇلاق بويىنى سۇ دانلاپتىغۇ ئەنە ! كېلىشىڭنى ئەكەت – ھە ، ئاسمىنى دەرىزەڭگە لەپىلدىگەن كەلگۈسىڭ قېرىشىغا مەي باغلىغان ... ھا ... ھا... ھا ...!

پەرىشتىنىڭ يامانلىق يۈزى : قاچانغىچە سۇس يۆتەلگەن ناخشا ئۇ ؟ ۋاگزالغا ئېزىققان ھېچسۈمغۇ ؟ ئۇنى  تىنىقىغا يېتىلەپ كىرگىنىچە  قەسىدىگە ئۆچۈپ بولغان ئاۋۇ چالغا بىر كاسە تەپەككۇر قازاسى بېرىڭلار ! سۆزنىڭ كۆكسىدىكى سۈتنى ئېمىۋەر ، بىر چاغنى ئويغانغان تەڭرىلەر ئۆمۈچۈك تېنچلىقىغا جۆر بولسۇن ! ۋاقىت دەرىزىسىدىن تۇيغۇڭنى نېمانداق چىقىرىپلا تۇرىسەن ؟ يوقلۇق پويىزىغا ئولتۇرغان خىياللار تېخىچە سېنى تونۇپتۇ . قىزىق ، ئۆزىگە قاچاندا يېتىپ بارار ئۇ خىىياللار ؟ ھېچنى غىڭشىۋەر ، سېنى ساڭا سالپايغان ئاۋازلار نەقەدەر بىچارە – ھە ؟  سۆزنىڭ ياقىسىنى بىر چىشلەپ قويايچۇ ؟ سەن ئۆزۈڭنى ئۆچۈپ تۇرساڭ ، يەنە نېمە يورۇش دىئالوگى ؟ سەنمۇ سۆزگە بۇزۇلغانمۇ ؟ قارا ، سۆز گەپكە ئولتىراقلاشقان ، سېنىڭ تۇيغۇنىڭ سۆز ئەمەس ، سۆزنىڭ روھى بولسۇن ئوماق بەڭۋاش !

ھالاكەت : بىر يەردە ئاۋاز بارغۇ ؟ قارا ، ئاۋۇ سۆز  ئۆزىگە غىچىرلاۋاتىدۇ ... ھەي !...

ھېچسۈم : ( بوشلۇقىنى مىدىرلىغانچە ) كۆكسۈمگە چىڭقالغان سۈكۈتنى قەبرەمگە ئالغاچ كېتەي . سەن ئەمدى تەشۋىشىڭگە تەمتىرىمە ، سەنمۇ بۇرۇنلا كونىراپ بولغان-ھە ؟ بىز ھازىرغا تۇغىلايلى ، ھېچ بولمىسا لەھزىنىڭ مەڭگۈلۈكىنى سۈپۈرۈپ تاشلارمىز ؟ ياق دېدىڭما ، كەلگۈسىڭ سېنى تاشلىۋەتكىلى نەۋاق ؟ كەلگۈسىمگە سېزىك بولايچۇ ؟ كونا بولسىمۇ توي قىلىش ھەققىدە مەرسىيە يازايلى ! يۈرە ، قۇملۇقتىكى ئاۋۇ ئاپتاپنى دۈم يېتىپ ئىچىۋالايلى ، بەك ئاستا جۇمۇ ، كۈندۈز ئويغىنىپ قالمىسۇن ، بولمىسا كېچىگە تولۇپ كېتىمىز !...

تەشۋىش : قاچانغىچە ناخشىغا ئۇزىدۇق ؟ مۇزىكىنىڭ پارچىلىنىش ئارىلىقىدا مەن ...

( جىملىقنىڭ يالىڭاچلىنىشىغا ئەگىشىپ پەردە ئۆزىگە چۈشىدۇ ... )      

ئىككىنچى كۆرنۈش  :  ۋاقىت ئەگمىسىنىڭ قىسىلچىقىدا

دېكىراتسىيەنىڭ ئۆزىنى پىچىرلاش خاتىرىسى – قۇمغا ئۆرلىگەن دەرياغا قۇياش لەپىلدىگەن ؛ جىلغىنىڭ ئۈچۈنچى قىرغىقىدا تۈن چىملىقى زۇلمەتنى بۇلدۇقلىغان بۇلاققا ئۇنتۇلغان .ھېچيەرلىك تارىخ قان سايىسىدە قەدىم كەلمىشىنى ۋاقىت ئەگمىسىنىڭ قىسىلچىقىدا ئىستىلىستىكىغا ئوراشقا يۈرۈپ كەتكەن ...تىرىلىش چۈشلەرگە يىراقلاۋاتقان رېئالىزمنىڭ ئۇنتۇلغان مېۋىسى ...درامما يەنىلا مەنىگە كونىرىغان ، ئوبرازلار درامما تالاسىدا ئۆزىگە يورۇغان ...

ھېچمۇللۇق سەھەر : ئادەم كۆردۈڭلارمۇ ؟

ئاۋاز : ھېچكىمنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟ تەڭرىلەرگە ئۆلۈمىنى پاكىزلايلى ! قارا ، ( تاۋۇشلارغا سادا تېمىتقىنىچە ) ئالدى بىلەن ھەربلەرنى ئازاد قىلايلى ، ئىسكەنجە ئۇيقۇسىدىن يۇلقۇنغىچە ھەربلەر سادا يىراقلىقىغا قېنىۋالسۇن ! ھېچيەرلىك ھېچنى تىڭشا ، قۇلاققا يولۇققان ھەر بىر بەت – بەشىرىلىك ئۆزىنى قوشۇپ ئويغانغىنىدا ، كۆزگە خاتىرلەنگەن كۈيلەر ئۆز دارلىرىغا ئېرىيدۇ   !

ھېچمۇللۇق سەھەر : تەرتىپكە قارا سۈركەپ ، قىيامەتنى سازايى قىلايلى !

ئاۋاز : ئۆزۈڭنىڭ قىيامىتىگە ئۈنلە ، مەن قىيامىتىمنى ئەبەدنىڭ ئارقا تەرىپىدىن تىرىلدۈرىمەن ، كۆرە ، ئاۋۇ جىلغىدىكى قىيامەتلەرنى ، ھەر بىر سۇ تامچىسى بىردىن قىيامەتنى بوغۇزلاشقا شىلدىرلىغان . مانا تاماششا ، سۇنى قىيامەت بوغۇزلايدىغاندەك قىلامدۇ نېمە ؟ توغرىسى ، مەن تراگىدىيەنىڭ تالاسىغا كىرىپ كېتەي ! شەيتانغا كېرەك بولغان ئايەت مېنىڭدە ئەمەستەك ...؟!

ئەرۋاھ : قىيامەت غايىب بوپتۇ !

ھېچنالچىن : ( كۆزىگە پىلدىرلىغان چالنى ئۇۋىلىغاچ ، ئەمچىكىنى سەكرەتكىنىچە ) ئاپلا ، قىيامىتىمگە كېچىككىنىم نېمىسى ؟ چالنى بىر تۇغىۋېتەيچۇ ،ئاسىيلىقىغا پۈۋلەنسە ئەجەب ئەمەس ! ئىش قىلىپ مەن چالنى تۇغدۇم ، قەبرە تېمىمدىكى ئۆڭۈپ كەتكەن كەچمىشىنى كەلمىشىگە سۈركەش ئۇياتنىڭ يورۇق تەرىپى . ئەجەب زېرىكتىم ماۋۇ جۈملىدىن ،تۇيغۇمغا يەملىشىپ قالغان تىلنى قوشۇپ تۇغامدىمەن نېمە ؟ مېنىڭمۇ زۇلمىتىم بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ تۆۋە، يالغان ياشىغىنىم نېمىسى ؟ ئاسمىنىمغا بېرىۋالساملا ، ئەرشتىكى كۇرسىمنى قايتا قوراشتۇرىمەن ! مېنى ئاڭلىغانلارغا ھېچنېمە دېدىمما ؟!  

چال : ئىككىنچى پەردە كونىراپ كەتتى ، بىر قاۋۇز ئوت يارىتايلى !

خور :

قىيەمەتكە ھۇۋلىغان ھېچيەر ،

ئاسمان تېشىنى ئىچىدىن ئۈنەر !

ئۆلۈمگە ئويغىنىپ كاسادە ساقى ،

ھېچنالچىننى ئۆزىدە پۈۋلەر !   

ئۈچۈنچى كۆرنۈش : سەھنە ئۆز خارابىلىكىگە تىنچلانغان . سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېچىلغان ئەسنىڭ كۆيىۋاتقان ھىدى ...سەھنىنى سىنچىلىغان مۇزىكا ئاۋازىنى ئىزدەۋاتقان مۇساپىسىگە ئويغانغان . تاماششىبىنلار قەبرىستانلىقى باياۋانغا لەۋ سوزغان .كەيپىيات تەشۋىشكە چېچىلغان دەمدە ئوبرازلار باياۋانلىق سۈكىناتتا قۇم دانىچىسىغا پارچىلانغان . ئاسمان رەڭسىزلىكىگە ئۆرلەشتە ، تۇپراق ئۆزىنى ئۆزىگە پۈۋلەشتە ... سەھنە پەردىنىڭ ئىچىگە چىقىپ كەتكەن ...

ئېلانچى : ھۆرمەتلىك تاماششىبىن ( ئەتراپقا قارىغان ئىدى ، جىملىق ئۆزىنى ياشاۋاتقان ، ئېھتىمال ئادەملەر تۇغۇلغان يېرىنى ئىزدەۋاتقان بولسا كېرەك ! )بىز سەنئەتنىڭ كېلىچىكىنى چارچاۋاتقان ھازىرنى نەزەرگە ئېلىپ دراممىنىڭ ئۈچۈنچى كۆرنۈشى بىلەن بىرگە باياۋانغا ئۈندۇق.ھەر بىر  باياۋاننىڭ قاغجىرىغان روھىغا ھەر بىرىمىز نەزىرلىكمىز . بىزنىڭ ھەممىنى قوراشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن مۇزىكا ئۆز يىراقلىقىنى ئېلىپ كەلدى . ۋاز كېچىشكە ئۆرلەۋاتقان كەچكۈچىلەر سىلەر كېچىشنى ھالسىراتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بۈيۈك قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇق بىلەن جازالاشقا كۆنۈپ قالدى . سىلەر مېڭىۋاتقان يورۇقلۇق ئەسلىدە گۇناھنىڭ قاراڭغۇ جەريانى ئىدى . سىلەرنىڭ روھىڭلارنى ئۇلداش ئۈچۈن قىيامىتىنى بورداۋاتقان ھېچنالچىنغا سۆزنى تاپشۇردۇق !

ھېچنالچىن : ئىككىنچى پەرزەنتىم مۇزىكىغا تۇغۇلغان ئىدى . بوشلۇقىنى پارچىلاۋاتقان بۆشۈكتە دولقۇن تەۋرىنىشى قەبرىستانلىقنىڭ ئېسىگە ، كەچمىشىمنى تۇزداۋاتقان يوللار ئۆزىگە تۇتاشقان ؛ مەن تەرەمگە سىزىلغان تەقدىردىن سۆڭىكىمگە ئويۇلغان قاپقارا نۇرنى كۆرگىنىمدە ، بوۋاقلىق فانتازىيەمگە قونغان ئاپئاق بۇلۇتنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا ئېرىدىم . يۈرىكىمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قاچار بولغىنىمدا ، تۇنجى غىچىرلىغان كارۋاتتىن مۇقەددەسلىكنىڭ پەريادىنى تىڭشىدىم .ھاياتنىڭ ئىچىنى يورۇغان ئىدىم ، نىھايەت ئازابقا سەمرىگەن ئەمچەكلىرىم تۇنجى پەرزەنتىمنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ئېمىۋېتىپتۇ . كۆزۈمگە يورۇغان ئىدىم ، ئەتراپىغا لىق تولغان ئادەملەر ئەتراپىمنى ئاتەشكە چىلانغان ئوغىسىغا غىڭشىغان ئىكەن . بىر چاغنى سىلەرگە تاپشۇراي ، ئانامنىڭ كۆزىدىن ئىچىگە يۈرۈپ كەتكەم مېھىر چۈشۈمگە پارچىلانغان چۈشتەك ئىستىكانغا پارچىلاندى ، قارىسام قۇلاقلىرىم تەشۋىشكە ئېچىلىپتۇ .كارىدۇرنىڭ نە بېشى ، نە ئاخىرى ... ھەتتا ئۆزىمۇ  شامالغا ئەگەشكەن . ئاسمىنىم يەرگە كۆتىرلىشتە سۇغا ئېقىۋاتقان   رەزىل تەبەسسۇمىمنى داپنىڭ بەت-بەشىرە كۈيىگە قاقلىغان ؛ قاچانغىچە ئىچىڭلارغا ئاگاھ بولمايسىلەر ؟ سىرتىڭلارنى دانلىغان قۇزغۇنلارغا مەلھەم بېرىڭلار ، مەلھەمدە سىلەرنىڭ بولمىغىنىڭلار مۇقەددەس كونا ئىدىيە ، مەلھەمدە سىلەرنىڭ بولغىنىڭلار بولمىغىنىڭلارنىڭ سىلەرگە يورۇشى . دېمەك ، سىلەر بارلىق بىلەن يوقلۇقنىڭ بېرىكىشى ، مەلھەم تېخىمۇ شۇنداق !...مەن نىكاھقا پارچىلاندىم .ئوڭ يېنىمدا  ئۇنىڭ (نىكاھنىڭ )قاپقارا نۇرى ، سول يېنىمدا قاپقارا نۇرنىڭ قارا باسقان قاپقارا چۈشى   . ھاياتىمغا يامغۇر تىلەۋاتامسىلەر ؟ ئاۋارە بولماڭلار ، مەن يامغۇرغا ھەر ھامان يېغىۋاتىمەن ! مەن ئوڭ يېنىمدىكى قاپقارا نۇرغا ھامىلدار بولغان ئىدىم قىزىمغا يورۇدۇم . سول يېنىمدىكى قاپقارا نۇرنىڭ قارا باسقان قاپقارا چۈشىگە ھامىلدار بولغان ئىدىم ،ئوغلۇمنىڭ ئاپئاق ئويلىرىغا ئۆكسۈدۈم . ئىشەنچىڭلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار ، مەن كونىراشقا ماجالسىز . سەھەرگە قۇياش ئۆزىنى تۇغۇپ بولغىچە ، مەن ئۆزۈمنى يارىتىپ ، ئەبەدنى ئەزەلگە سۈرگۈنلەيمەن ...چال يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ،ئۇ يورۇغان كۆزۈمنى ئۇۋىلاشتىن بۇرۇن تەشۋىشكە ھامىلدار بوپتىمەن .ئۈچۈنچى پەرزەنتىم مېنى يورۇشتىن ئەۋەۋل مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆچۈپ كېتىمەن .مەن ئىسيانكارلىقىمغا قەد كۆتىرگەن سەنئەت بولغىنىمدا ، ماڭا تۇنجى بوپ دۇنيا ئېرىيدۇ ، ئېتىقاد ئۆزىگە چۆكىدۇ ،ئىنسانىيەت تەڭرىلىكىمنىڭ سايىسىگە تەڭرىلىكىنى قاقلايدۇ !...               

تەشۋىش : ئىڭڭە...ئىڭ...ڭە ...

ئىلانچى : باياۋان ساڭا ئاپىرىن ، بىز تۇغۇلۇشقا ئېرىشتۇق ! تاماششابىنلار سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن تەڭرىلىكىڭلارنى تۇغىۋېتىڭلار !ئەمدى تەڭرىلەر بۇ يەرگە ياشىسۇن ...!

درامما ئاپتۇرىنىڭ ئىزاھاتى : { ئىنسانىيەت دراممىنى ئورنلاپ بولدى ، داۋامىنى تەڭرىلەر ئوينايدۇ .تۇيغۇڭلار سىلەرنى چېچەكلەيدۇ ...}

تۆتىنچى كۆرنۈش :  مۇزىكا قەبرىستانىدىكى مۇناجات

{ كۈلكىنى يىراقلاۋاتقان ئاۋاز بۇلدۇقلىغان مۇزىكا بۇلاقلىرىغا ئۇزىغان ...ۋاقىت جىملىقىدىن تۇزىغان يامانلىق چېچەكلىرى چەكسىزلىكتىكى مېۋىلەنگەن زۇلمەتكە ئۇنتۇلغان ...مۇزىكا ئەۋجى قاناۋاتقان ئاسمانلار پايانىغا ئەرشنى ئۆرلىگەن قەبرە تەڭرىلىك ئۈندە مۇزىكا ئوقۇغان ...تىلىغا ئۈنگەن ئىنسانىيەتنى ئىزدەۋاتقان تەڭرىلەر ئىزدەش سەپەرىگە ئۆزىنى ياراتقان... }   

ـ ياشاشنى چارچىغىلى نەۋاق ؟ پۇراۋاتقان بىر بولاق ھىدقا شەپىسىز ئولتىراقلاشساق ئۆزىمىزگە تىرىلەمدۇق ؟ ئالتۇن كۇرسىغا ئۆزۈمنى يېشىۋەتكەن ئىدىم ، قارماققا شىلدىرلىغان مۇزىكا ئۆزىگە ئۇنتۇلغان ئاۋاز يانتۇلىقىغا سۈزۈلدى .

ـ مۇزىكا سېنى تۇنۇماق ئۈچۈن ئۇنتۇغاندەك قىلىدۇ . مۇزىكىغا ئولتىراقلاشقان سېنى سەن قۇپقۇرۇق ياراتقان . مۇزىكا ساڭا ئولتۇراقلاشقاندا ئۆزىمۇ قۇپقۇرۇق ئىدى . ئۆزۈڭگە ئېقىۋاتقان ئۆزۈڭنى ئەمدى تۇيمايسەن ! سەن تۇيۇشنىڭ ئەۋجىگە ئۆرلەپ بولدۇڭ . سەن ئۆزۈڭگە ماھىيەتسىز ...

ـ ئۆزىمىزنى ياراتقان سەپەرگە ئۆچكىنىمىز نېمىسى ؟

ـ سەن ئۆچۈشنى ئەمەس ، يورۇشنى ئۆچتۈڭ . ئۆزۈڭنى يورۇۋاتقاندا مۇزىكا غېرىب ئىدى ، ئۆزۈڭنى ئۆچكەندە مۇزىكا سۈرگۈنلىكىگە تېمىۋاتقان باياۋانغا ھالسىزلانغان . سەن ئۆزۈڭنى تامامەن ئۆچۈپ بولغاندا ، مۇزىكا تېخىمۇ زورىيىۋاتقان قۇپقۇرۇقلۇققا يىگىلەشكەن تاۋۇشلىرىنى تىزىپ قويدى . ساڭا ئولتىراقلاشقان مۇزىكىمۇ يوقلىقىغا ئېرىشتى !

ـ ھەي ، نېمە دەۋاتىسەن ؟

ـ سەن سۆزنى ئاڭلىيالمايسەن . سەن سۆزدىن نېمىنى كۆردۈڭ ؟

ـ قىزىق ، سۆزدە ھېچنېمە تۇرسا نېمىنى كۆرەتتىم ؟

ـ سەن يەنە ئۆزۈڭنى يورۇۋاتقان ۋاقىت قۇپقۇرۇقلىقىدىكى مەنىسىزلىكىڭگە چېقىلغاندەك قىلىسەن . قارىغاندا ئۆزۈڭگە قۇتۇلالماپسەن ؟ سەنمۇ بىر ھېچ ، ھېچلىقىڭدا نېمە نېمە قىلسۇن ؟ سەندە سۆزنى كۆرگۈدەك كۆز بولغان ئەمەس . سەن سۆزنى ئاڭلىغان سىزىم تۇيساڭ سۆزدىكى ئەبەدىيلىكنى ئاڭلىيالمايدىغان سىزىم ! شۇنداق بولغاچقا سەن يورۇقلۇقنى ياشىدىڭ ، سېنى ياشىغان يورۇقلۇق سېنىڭ تۇنجى ئۆلۈمىڭ . سېنى ئەمدى ياشاي دەۋاتقان زۇلمەت ھاياتنىڭ   ئەزەل ھەم ئەبەدنى كېرەك قىلمايدىغان ئۆلۈمى ! سەن بۇ ئۆلۈمگە تىرىلگەندە ، ئۆزۈڭگە قېنىشنى تۇيىسەن ! قېنى دەپ باقە ، سەن نېمىنى تۇيدۇڭ ؟

ـ ھېچنېمىنى !

ـ ھا... ھا... ھا....

ـ ھېچنېمىنى ئەمەس ، بىر نەرسىنى دە ؟

ـ ئاپلا ، يەنە سۆز كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ !

ـ كېرەك يوق ، ئۇ سۆز ئۆزىدە . سۆزلەر تۇنۇشمايدۇ . سەنمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ ئۆز سۆزلىرىمىزگە ياشايمىز ! بۇ يەرگە سۆز تولغان ، سۆز روھىدا ، بىز ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىرىدە ... مۇزىكىنىڭ قۇپقۇرۇقلىقى ئاۋازنىڭ روھىدا . مۇزىكا ئەمدى سېنى تۇنىمايدۇ ، ئۇمۇ ئۆزىگە قۇرۇقدالدى !...   ـ ئەلمىساق كەلگۈسىگە ئىدى ، ئىنسانىيەتنى ئالداۋاتقان سۆزنى مۇزىكا ئەۋجىگە ئۈنگەن دارغا  ئەيسانىڭ نەزىرى ئۈچۈن ئاسقاندەك قىلامدۇ نېمە ؟

ـ ئەيسانىڭ روھىغا ئېسىلغان كىرست قۇرۇقدالغان ئەبەدنىڭ يانماقچى بولغان ئېسى ! ئەيسا ئۆزىنى ئازابقا پۈۋلىگەندە ، ئۆچكىنى ئەيسانىڭ ئازابقا ئۆرلىگەن ئاسمىنى ئىدى . ئەيسا ئەيساغا ئېسىلغان ۋاقىت كۆزىگە ئەسىرلەنگەن . خىرقىرىغان مۇزىكا ئەيسانىڭ بوشلۇقىغا يىراقلىغان . كۆرە ، ئۇ مۇزىكىنى ئەيسادىن باشقا كىم ئاڭلىيالىشى مۇمكىن ؟ شۇندىن بېرى ئىنسانىيەت ئەيسانىڭ تۇيغۇسىنى خامتالاش قىلدى . ئەيسانى ئىزدەۋاتقان بىر مۇزىكا بار ، ئۇ دەل ئەيسادۇر ! بىلگىنكى ، مۇزىكا ئۆزىگە چېچىلغان ،مۇزىكىنىڭ ئۆزىگە ئېچىلغان كۆزىدە تاشقىنلىغان تاۋۇشسىز كۈيلەر تېشىغا ئەمەس ئىچىگە دولقۇن ئۇرغان .سەن ئاڭلاۋاتقىنى پەقەت ، تېشىغا ھالسىز شىلدىرلىغان تاۋۇش ساتقىنلىقى ! ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق سەپىرى ساتقىنلىققا يورۇغان ، ئىنسانىيەتنىڭ يورۇشى مەۋجۇت بولمىغان قاراڭغۇلۇق ! دەپ باقە ، يورۇقلۇق زۇلمەتنى ئەكىلەمدۇ ياكى زۇلمەت يورۇقلۇقنى تۇغامدۇ ؟

ـ  قىممەتسىزلىك قىممەتنىڭ روھى دېدىڭما ؟

ـ بىزنى بىزدىن باشقا تاماششىبىن ئاڭلىيالمايدۇ ، بىز ئۆزىمىزنى ئاڭلايدىغان ۋاقىتنى يارىتىدىغان سايىنى ئاپتاپقا يوشۇرۇپ قويايلى ، سەھنە دەرياغا چايقىلىشتىن ئەۋەل ، دەرياغا مۇزىكىنى چايقىۋېتەيلى ! مۇناجات ئۆزىگە كەتكەچ تۇرسۇن !

ـ بولدىلا ، مۇزىكا ئۆزىگە قېنىۋالسۇن . سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ مۇزىكىسىنى ئازاد قىل ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇزىكىسىنى ئازاد قىلاي ! مۇزىكىغا نە ئىسكەنجە ...؟ ئەيسامۇ بىر چاغدا ئۆز مۇزىكىسنى ناشتىغا چاقىرار يا بولمىسا مۇزىكا قەبرىستانلىقىدا تىترەۋاتقان يورۇقلۇقنى ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان زۇلمەتكە پۈۋلىۋېتەر ! يەنىلا مۇزىكا ئەۋجىنىڭ ئەگمىسىدە ئولتۇرغان تەنھالىقلارغا ئاپىتىنى ئالغاچ بارايلى !...

ـ تەنھالىقلارنىڭ شادلىقىنىچۇ ؟

ـ جىم تۇر ، مۇزىكا دولقۇنلىۋالسۇن ، مۇزىكاڭ قەيەردە ئىدى ، مۇزىكامنى تېخىچە ئۇچراتمىدىم !...     

بەشىنچى كۆرنۈش : مۇلاھىزە

{ قىيامىتىگە يېرىم ئېچىلغان ئوبرازلار ئاۋاز دولقۇنىنىڭ بوشلۇقىنى پارچىلىغان ... پەردىگە ئۆچىۋاتقان سەھنىگە مۇزىكا چىملىقى تامچىلىغان ... باياۋان جىملىقىغا چېچىلغان ئىستەك ئۆزىگە يىراقلىغان ... رېتىم پارچىلىنىشىغا ئەگەشكەن تەڭرىلەر يوللارنىڭ ئۇنتۇلغان بېشىغا ئۆچىۋاتقان مۇساپىسىنى ئۆرلىگەن ؛ سەھنە شەكىلسىز ، تاماششابىن تېنىگە ئۈركىگەن ، ئاۋاز تاۋۇش ئىزدەۋاتقان چۈشىگە ئەسكەرلەرنىڭ چىرىگەن ئۈمىدىنى ئويغاتقان ؛ ئۇرۇش بەلگىسىز ، مۇزىكا رەڭنى مىدىرلىغان ، جەريان ئۆزىگە ئۈگدىگەن ...ئۆزىنى پارچىلىۋاتقان ئەپەندىلەر ئاۋاز يىراقلىقىغا كەلگەن ...مىس ھەيكەلگە ئۆركەشلىگەن كەپتەر تىنچلىقى غار كاپىتانى چار يىلاننىڭ مېھرىگە سەمرىگەن ... شامالغا ئۆرلىگەن سۇ ئوت پەرىشانلىقى ... }   

ـ ئاۋاز سايىسىگە قاقلانغان ھېچنالچىن ئۆزىگە تاشالمىغان . تەسۋىرنىڭ كىلاسسىك سەھىرى   سۆز نۇرىغا شەپەقسىز مارىلىغان . مۇئەللىپ ھېچنالچىننى خاكتىن ياسىغانۇ ،روھىنى ئۆزىگە پۈۋلەشكە رۇخسەت قىلمىغان . مۇستەبىتلىكنىڭ نۇرىغا چىلانغان ھەربلەر سۆز ئىسيانىغا ئىچىنى ئىتىپ ، تېشىنى ئېچىۋالغان . ھېچنالچىن ئۆزىنى ئەمەس ، كەلگۈسىنىمۇ تۇغالمىغان ۋاقىت قەھەتچىلىكىدە ھەممە ئۆلۈمىنى چېچەكلىگەن !

ـ مېنىڭچە ، مۇئەللىپنى ئەسەرگە ئاسايلى ! ئىنساننىڭ ئۆزىنى يارىتىش تارىخى كەلگۈسىگە يىراقلىغان ۋاقىت خاتىرىسىدە ھەممە ئىدىيە سىغداش غېرىبلىقى ...! تەبىئەتنى يالتىرىغان ئاۋازلار تىل ئاسارىتىدە بوغۇلغان . بارچە ئۆزىگە يايرىسۇن ، تۇپراق ئۆزىنى سايرىسۇن !...ئاسارىتىگە مىۋىلىگەن تۇيغۇ ئاسىيلىق پايانىغا قېقىلغان . سەزگۈلەر ئۆزىگە ئېقىۋاتقان مىلودىيە مۇزىكا سىرتىدىكى ئۆركىشىگە قېرىدى . ھەممە ئۆزىدە ، بايقاش بايقىلىش  سىرتمىقىدا سەكپارە ...تىل ئۆزىنى سۆزلىسۇن ، تىل باياۋانىدا نە گۈلىستان ؟!

ـ تىلنى چېقىۋېتەيلى ، مەندە بىر كاسە چاقماق بار !

ـ تىل كەلگۈسىگە چېقىلغان ، كاسەڭ قەدىمنىڭ خارابىسى ، ئۇندا سارغايغان چاقماق روھىغا  ھەممە بىھۇدە ! ھايات قەدىمنىمۇ ، كەلگۈسىنىمۇ ياشاپ بولغان ، بىزگە كېرىكى ئۆزىنى ياشىيالمايدىغان ھايات ! بۇرادەرلەر ، بىز ھاياتنى ياشارتايلى ، ئۇ ئۆزىگە قېرىغىلى نەۋاق ؟

ـ مىۋە يۇپۇرماقلىغان ئاۋۇ ئارچا چۆللىكىدە ھايات تۇغۇلغاندەك قىلىدۇ ؟

ـ تۇغۇشقا قارىغاندا تۇغۇلۇش كونا ، تۇغۇلغان ھايات تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن كونىراپ بولغان .ھېچنالچىن ئۆزىنى كونىرىدى دېگەندىن كۆرە ، ھەممىنى كونىرىدى ! ھېچنالچىن ئۆلۈمىگە كونىرىغان ، ئۆلۈمى ئۇنى تۇنىماستا ئاۋازىغا قابرە چېچىلغان . مۇئەللىپنى ئىدىيىسىگە قاقايلى ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ ( ھېچنالچىن )ئىدىيە رەسۋاچىلىقىدىن يۇلقىنار !

ـ بولدىلا ، مەن ئىدىيىدىن يىراق كېتەي ! مەن تەبىئىتىمگە ئۆچمەيمەن ، يانمايمەن . يوقلۇقنىڭ نە يانغىنى نە ئۆچۈشى !... ئەبەدتىنىڭ ئەزەلدىكى  مۇساپىسىگە ھەممە ئىسراپچىلىق ! سىلەر ئۆزۈڭلارنى چۆكۈڭلار ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈڭلارنى ئولتۇرغان بوشلۇقنى  تولىسىلەر ! ھەممىگە پارچىلىنىش تىل ساختىلىقى ،ئۆزۈڭلارغا تولغان ئۆزۈڭلارنى ۋارقىرىغان ئۆلۈممۇ ۋارقىراشتۇر خالاس ! ئىشىنىڭلاركى ، سىلەر ئۆلۈمنى يۈكسەكلىككە ئېلىپ بارغۇچى  ، ئۇندا ئۆلۈمنىڭ نە مەنىسى ؟ مەنىدىن خالاس بولۇش ئۆلۈمنى ئۆزىگە چۆكتۈرۈشتە .ئۆلۈمنىڭ ئۆزىگە يورۇشى يا چۆكۈشى ئۆزىنىڭ ئۆچۈشى يا يېنىشى ئۈچۈن ! بىلىڭلاركى ، ئۆلۈم سىلەرنى ئەكەتمەيدۇ ، سىلەرمۇ ھەم ... ئۆلۈمنىڭ ئەكىتىدىغىنى ئۆزىدۇر ، ئۆزى !...

ـ دراممىنىڭ ئالتىنچى كۆرنىشىگە ئۆتۈپ كېتەمدۇق ؟

ـ ئۇ (دراممىنىڭ ئالتىنچى كۆرنۈشى )مەۋجۇت ئەمەس !           

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 187
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوپىۋاتقان سۆڭەك خارابىلىقىدا


شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ



پەيشەنبىدىكى جەرەنبۇلاقلىق



قۇۋەتلىنىدىغان سىر ھامان ئۆزىگە . چېچەكلىگەن بىر دانە قۇم بارخانلىقىنى

كېتىۋاتقان يېنىشلار قۇنىۋاتقان ئاسمان ئاسمانلىق ئىدى

ماڭا ئۆچىۋاتقان شەكىللەرنى ھەيدىدىم جەرەنبۇلاققا

سۇيۇلدۇرۇلغان ئاۋازنى ياشاۋاتقان ئەي گېنراتۇرلۇق ئورمان

سايىدىۋاتقان ئاپتىپىغان تېمىۋاتقان ئەي تىل بەغەرەزلىكى

بىزنى ئۆچۈپ تۇرۇڭلار يايرىملىق تەشۋىشتەك

نەقەدەر يايمىلار بۇ ئۇسساۋاتقان تۇرمۇشتەك

چېلىنىۋاتقان مۇزىكىنى ئۆرىمىگە سۇلاۋاتقان

پەيشەنبىدىكى جەرەنبۇلاقلىق چوكان

ئۆيگە بىز شېئىر تىزىۋاتقان

ئۆيگە بىز شېئىر ئېسىۋاتقان

ئۆيگە بىز شېئىر چېچىۋاتقان

ئەييۇھانناس ، ئۆي شېئىرغا قېچىۋاتقان



تىزىۋاتقان ئالمىغا كېچىنى ئۇنىڭ كۈندۈزى

پۈتۈنلىنىۋاتقان چىشلەم - چىشلەم ھەقىقەت قارىلىقىدا

ئۈركىۋاتقان چۈشۈمگە چالنىڭ سەكسەن قامچىلىق مۇھەببىتى

پارچىلىنىۋاتقان جىملىقىغا ئاپئاق قارا مودىنىم ھېكايىلىك ئەۋرىشىم

شارقىرىغان ئاۋازىغا بۇلاق قېقىلغان

چاپلىشىۋالغان ئەپسانە بالىلارغا

ماي ئېرىقنى ئېقىۋاتقان

چېقىلىۋاتقان تونۇر ناننىڭ قىزارغان خىيالى

جىجىلىۋاتقان رەسسامغا دەريادەك قۇرۇقلۇق

ئۆزىمىزگە پۇراۋاتقان ئەي كارۋات

كۈندۈزدىكى كېچىدەك ئېچىلىۋاتقان



كۈندۈزدەك يۈكلىنىۋاتقان ۋەھىم كېتىۋاتقان يوللارنىڭ ئېزىقىشىغا

كونىراۋاتقان ئۆي ئۆزىدىكى بىھۇشلۇقىغا

مېنى غاجىلاۋاتقان خەت سۆڭىكىمدەك ئېسىلغان قۇرۇقلىقىغا

كېتەي دەيمەن كېلىۋاتقاندەك

كېلەي دەيمەن كېتىۋاتقاندەك

ھەي ، نەقەدەر يايسىمانلىق ئۇ يوللارنى يېتىلىگەن

ئىچىدە كۈلىۋاتقان سۆزدەك قىلاتتى

ئەلقىسسە ، تۈگىمىگەن كېچە ئۆزىنى ياتتى







قوپىۋاتقان سۆڭەك خارابىلىقىدا

سايراۋاتقان گۈلگە بۇلبۇللۇق كېچە تېمىۋاتقان
ئۈنىۋاتقان قەدىمىيلىك خارابىسىنى ياساۋاتقان
تولىۋاتقان تەشۋىشكە گۈركىرەشتە يوللار
كېچىۋاتقان ئەسلەر ئۆزىنى قېتىۋاتقان
شۇنداق بىر جايدا
پورەكلىگەن سايە كۈندۈزلىك كارۋىتىغا غىچىرلىغان
ئەگمىسىنى سۆز قۇرۇقلىقىغا ئېسىۋاتقان
ئاھ نەيلىيىن     ئاھ نەيلىيىن     ئاھ نەيلىيىن

قاپقارا كېپىنىمگە جىجىپ قويۇڭلار شېئىر ئويغانسۇن
نەقەدەر ئاپئاق ئويلار ئۇ پەلەك ئۆچىدەك
قوپىۋاتقان سۆڭىكىمگە خارابەم ، بېرى كېتىۋەر
ئۆچىۋاتقان سۆز دەۋردەك ئىدى
يېنىۋاتقان دەريا سۆز ئاراچلىرىغا تىنىۋاتقان
كومىزەكلىك چوكان سۆزدەك باشلانمىغان
ئېھتىمال ، ئىسرىقدان چۈشتەك پۇراۋاتقان
شۇنداق بىر جايدا
يۈز بېرىۋاتقان قاتىللىق قۇپقۇرۇق شاخنى مېۋىلىگەن
يېشىنىۋاتقان خارابە شەپەقنى يېتىلىگەن
بىرلا ئاپئاق قارا مودىنىم
سەمرىۋاتقان تەشۋىشىگە مېنى بۆلىگەن

تىلنى سەھەردەك ئۆچىۋاتقان ئەي قۇش
بۇ يەرنى ئۇچ ، شېخىڭنى چېچەكلىمەككە
قەبرىگە ئاشىق پاتمايدۇ
كۆرە ، ناخشا مەشۇقتەك جىم ياتمايدۇ
شۇنداق بىر جايدا
چېچىلىۋاتقان ئۈمىد غۇژمەك - غۇژمەك





كۆزى يورۇۋاتقان ئەمچەكلىك بىشارەت

يېغىۋاتقان ئۆي ياغىدىغاندەك
ئۆرلەۋەر دەمدەرگە پىشايۋان
كۆتىرىۋالغان بىر بۇلاق سۇ
ھىجراننىڭ يەنە بىر يۈزىگە
قەدىم كەلگۈسىنى
يېشىغا چېچەكلىگەن ئاپئاق قارا مودەننى
يەنە ، كۆزى يورۇۋاتقان بىشارەتنى

يىقىلغان دەمدەر سۆز خارابىلىقىغا قەبرەمدەك ئەگەشكەن
پەلەمپەينى ئۆرلەۋاتقان ئەي ئەمچەك
يەلپۈنىۋاتقان شامال مېنىڭ مۇبالىغەم ، كەپىسىز
توقۇۋاتقان يىراق ئورمانغا جىنسىيەتنى سۆيۈملۈك ئېرىقىمىز
سۆيىۋاتىمىز دەخلى - تەرۇزغا
يۇيىنىۋاتىمىز بىر دەريا قاتىللىققا
كۆيىۋاتىمىز  ئارقىسىدىكى ئەنجۈر ياپرىقىنىڭ تراگىدىيىسىگە
ئېچىلىۋاتىمىز ئۆزىمىزنىڭ يۇپيۇمىلاق غېرىبلىقىغا

يېغىۋاتقان ئۆي مېنى ئۇچۇپ ئۆتكەن
ئالدىمنى كېچىۋاتقىنى 505 - ياتاقلىق ئۆي
چىلانغان ئۆي دەريانىڭ چۈش كۆرمىگەن بېلىق ئېسىگە
كېتىۋاتقان ئەپسانە كارۋاتنىڭ غىچىرلىغان كەچمىشىگە
كۆيىۋاتقان رېئاللىق يارىمنىڭ ئۆچىۋاتقان سەكرىىشىگە
ھەسرىتا ، سۆزدەك ئۇساش
باتنىۋاتقان كۈلدان بىر تال تاماكا قالدۇقىدەك
ئېھتىمال ئۇ مۇزىكا خىرىلدىغان

تېرىۋاتقان مېنى دۆۋە - دۆۋە خام خىيال
ئۆچىۋاتقان مېنى دۆۋە - دۆۋە قىساسكار ماتىرىيال
ئۆچىۋاتقان ئەي تىرىلىش
مېنى پۇراۋاتقان ئېھتىمال ساھىپ جامال
قويۇپ بەر مېنى
ئوتتەك مۇزلاۋاتقان ئەي قېرى ئەدىيال  



شارقىراۋاتقان تېنچ دەريا



ئېرىۋاتقان قەغەزگە ئېرىگەن ئىدى يوللارنىڭ باشلانمىغىنى
ئالدىراشلىق سەھەر تېخىچە ئۇيقۇچان
ئايلىنىۋاتقان دوقمۇش تاكسىنى بۇ دەم
نە ئوڭى ھەم سولى
ئۆرلەۋاتقىنى ئېھتىمال ئۆرلىمىگىنى
كېتىۋاتقان جىملىقنى يەلپۈۋاتقان ئەي چىملىق
ئۆچىۋاتقان سۆزنىڭ نۇرىدەك ئاپئاق
ئويغىنىۋاتقان شەكىللەر زۇلمەتنىڭ تويى

شارقىرىغان ئاۋازغا تىنچلانغان ئەي دەريا
ئۇسساۋاتقان سېنى سۇغا قۇرۇقدىدۇق
قېرىۋاتقان يىراق كەلگۈسىدەك
چاپلاشمايدىغان مۇساپىنى
تېشىۋاتقان قاراڭغۇلۇققا تۇزدىدۇق
مېڭىۋاتقان يوللار تېخىچە ئۆچۈۋاتقان
كېتىۋاتقان ۋاقىت نەدۇر ئۆزىدە
ئېھتىمال
ئويغىنىۋاتقان خارابىلىق
ئۇزاۋاتقان ئۆلۈمىدەك سۆزنىڭ ئېسىگە

تېمىۋاتقان سۈزۈككىنە بوشلۇق كېچىنى ئەكەتكەن
تولىۋاتقان شەپەقنىڭ نەدۇر كۈندۈزى
تولمايدىغىنى
ئۆچىۋاتقان كېچە بىلەن كۈندۈز بولۇمى



شەيخلىك پەيشەنبە

ھۇۋلاۋاتقان ئاسمانلار  بۆرىگە تىزىلىۋاتقان تىزىلىدىغاندەك
ئېرىشىگە تاغلارنى يېتىلىگەن شامال ئاپپاققىنە قارىدەك
يۇيىلىۋاتقان سەھەر جۇۋان كومزىكىگە
ئولتىرىۋاتقان ئۆزىگە
ھەر بىر ئاسمانلىرىمىز  يەرلىكىمىزدەك بۇلۇت ئېسىگە
پەيشەنبىلىك يوللار شەيخنى تىترىگەن چاغلار قېتىۋاتقان
ئېچىلىۋاتقان ئەي پەرىشانلىق
يېشىنىۋاتقان قىپقىزىل قاراڭغۇلۇق
ئاراچلىرىغا تاش دېئالوگىنىڭ
ئېچىلىۋاتقان ، يېشىنىۋاتقان

يۇپيۇمىلاق بىر كاسە شاراب سەنئەت كۆكسىدەك
ئېرىشىگە تىلنى چىلاۋاتقان ئەي يالتىراق
ئويغىنىشىغا كېچىلەرنى ساڭگىلىغان
تۈگۈلىۋاتقان سۆيۈملۈك قاراڭغۇلىقىمىز
تۇزىۋاتقان يوللارنى باغرىغا
تاشنى ئېچىۋاتقان ، يېشىۋاتقان
تاشنى تىتىۋاتقان ، تۇغىۋاتقان
تاشنى تىنىۋاتقان ، سىقىۋاتقان
شەيخلىك پەيشەنبە

گۈركىرەشكە ئۆچىۋاتقان يۇپۇرماقلىق تۈتەك شەيخلىك ئايال
قېرىشىنى ئۈنىۋاتقان ۋاقىت شەيخلىك پەدە
چالە ، سۆزگە ئويىلىۋاتقان سۆڭىكىڭنى ئەي
ھايات ئۇ يەرگە ، سەن بۇ يەرگە  



كېكىرىۋاتقان جۈمەنى غېرىبلىق كېچىسىگە

تىزىۋاتقان بوشلۇقۇمغا سېنى لېۋىڭگە قاناۋاتقان بىر سىقىم ئىسسىق
كېزىۋاتقان سېنى چۈشلىرىڭ ئىچرە قاناۋاتقان ئاپئاق سايەم
كېتىۋاتقان دەرگاھىڭغا مېنى ئۇسسىمايسەن
كېچىۋاتقان كۆكسۈڭنى بۇلۇتتىكى تۇزدىلىۋاتقان يەر
كۆرە ، ئۇچۇۋاتقان ئىدىم سېنىڭدە
يىقىلىۋاتقان چالدەك ئەي رېئالىزم
قەبرەڭگە تىنچلانغان ئاپئاق قارا مودىنىم چېچىكىگە تۇزىۋاتقان ئاپئاق قارا چېچەك

ئاھ ئۇرىۋاتقان سۆزدەك رەتلىنىۋاتقان ئاپئاق قارا مودىنىم
تاشلىنىۋاتقان چالدەك يورۇۋاتقان ئاپئاق قارا مودىنىم
ئۆچۈۋاتقان كەلگۈسىدەك پىخلدىغان ئاپئاق قارا مودىنىم
يېنىۋاتقان زۇلمىتىدەك ئۈركىۋاتقان ئاپئاق قارا مودىنىم
كېكىرىۋاتقان جۈمەنى غېرىبلىق كېچىسىگە
مىنىۋالغان سەبىي چالغا ئاپئاق قارا مودىنىم
سىغدىلىۋاتقان باغرىڭدىن تاراملىماقتا
تاراملىنىۋاتقان تارام- تارام
ئۆركەشلىۋاتقان يۈرەكتەك يارام

ئويناۋاتقان دېئالوگ ئاۋۇ جۈملىنى
- مەن مۇھەببەت ئۈچۈن يارالغان ، سەنچۇ ؟
- مەن سېنى سۆيۈش ئۈچۈن تىرىلگەن ، كۆتىرەلەمسەن ؟
ئەلقىسسە :
پورەك پورەكلىمىدى
چۆچەك چۆچەكلىمىدى
يۈرەك يۈرەكلىمىدى
تىلەك تىلەكلىمىدى
كېتىشىڭنى ئېقىۋاتقان ئەي يوللارنىڭ ئېسى
ئۆركەشلىۋاتقان يورۇڭقاش ئاپئاق قارا مودەنگە
تىترەۋاتقان قاراقاش ئاپئاق قارا مودەنگە
ئېسىلىۋاتقان جەرەنبۇلاق ئاپئاق قارا مودەنگە
چېچىلىۋاتقان ھېچمۇللۇق ئۇ ئاپئاق قارا مودەنگە
كېتىۋاتقان كېتىدىغاندەك
يېقىلىۋاتقان يېقىلىغاندەك



خەرىتىسىنى ئۇسساۋاتقان ئاسمان


ئۇسساۋاتقان خەرىتە ئاسمىنىغا قورىشىۋاتقان
ئېقىۋاتقان تەرەپلەر كاۋىكىغا ھەربنىڭ تېمىۋاتقان
يېشىنىۋاتقان جىملىق چىملىقىغا چېقىلىۋاتقان
تەشۋىشنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھاردۇقى
ئېچىلىۋاتقان ، يېپىلىۋاتقان
كۆيىۋاتقان كۈندۈزلۈك كېچىنىڭ
ئۆچۈشىنى يېنىۋاتقان

چىلىنىۋاتقان دەريا چۈشنى ئۆركەشلىگەن
دۈملىنىۋاتقان خارابە ئىسيانىغا ئەگەشكەن
كۆرۈنىۋاتقان لەھزە سۈكۈتىگە قېچىۋاتقان
قېچىۋاتقان ئەي جىملىق
يورۇشىنى ئۆچۈۋاتقاندەك
ئۆچۈشىنى يورۇۋاتقاندەك
پۇشۇلدىغان ئورمان لامپۇچكىغا يۇرۇۋاتقان
دەملەر سىقىلىشىغا
ئۆچۈۋاتقان سېنى سۆز پىچىرلىغان بۇغدايلىق كۆيىۋاتقان

تىزىۋاتقان ئاسمانلارنى يىقىلىشىغا يۆلەۋاتقان سۆزنىڭ كۆزى
تېمىۋاتقان تۇپراق بۇلۇتنىڭ يۈزى
ئايلىنىشىنى ئايلىنىۋاتقان
بىر  خەرىتىلىك ئاسمان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 19:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگ بۇ ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپلا چىقىرىۋالسىچۇ!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 524
تۆھپە : 7
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 19:43:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرغاقتا تۇرۇپ ئالدىمدا سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قانمىغاندەك بۇ تامچىلارغا  قاراپ ئولتۇرۋاتىمەن ......

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: نۇربەگ ـــــ «تەنتەك»لىككە بېرىلگەن «چالا» ئىزاھلار توغرىسىدا

nurbag يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 17:23
شائىرنىڭ كىملىكى
ئەمدى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن ناۋائىينىڭ كىملىكى توغرىسىدا سىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي: بىرىنچى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇنجى بولۇپ « ئۇيغۇر » دېگەن مىللەت نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ قويغۇچىدۇر. ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەتلىكىنى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ نامغا يىغىنچاقلاش ئۇيغۇرلارنى « قەشقەرلىق » ، « غۇلجىلىق » ، « ئاقسۇلۇق » ، « ئاتۇشلۇق » دەپ يەر ناملىرى بىلەن ئىپادىلەشتەك ئىپتىدائىيلىقتىن خالاس بولغان مۇھىم ۋەقەدۇر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىگە ئىلگىرىكى شائىرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتنىڭ نامى ــ « تۇرپانى » نى تەخەللۇس قىلماستىن دەل مۇشۇ رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان مىللىي كىملىك نامى ــ « ئۇيغۇر » نى تەخەللۇس قىلىپ قوللاندى. تارقاق رايۇن كىملىكىدىن مەركەزلىشىشىكە يۈزلەنگەن مىللىي كىملىكنى نامايەن قىلىش ۋە ئاشۇ كىملىكنىڭ غورۇرى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلاش ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاڭلىق ۋە ئەركىن تاللىشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭ كىملىكىنىڭ يادروسىدۇر. شۇڭا، ئۇ كىملىككە ئىگە شائىردۇر. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىدۇكى، كىملىك ئۆزگە تەرىپىدىن تونۇلىدىغان نەرسە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزلۈك ئەركىن تاللايدىغانمۇ نەرسىدۇر



        ئۇيغۇر نامىنى تۇنجى بولۇپ تەخەللۇس قىلغان كىشى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىدۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 23:25  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش