«تەنتەك»لىككە بېرىلگەن «چالا» ئىزاھلار توغرىسىدا
1
شېئىرنىڭ تېنى ئازاب، روھى غەيىب، رېتىمى تەبىئەتتىكى تۈرلۈك رەڭ ئۆزگىرىشلىرىدۇر! قاتلاملىقنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيىسى قىلىدىغان بۇ سەنئەتنىڭ بىر قانىتى ئۆتمۈشكە، يەنە بىر قانىتى كەلگۈسىگە، مەۋجۇد گەۋدىسى ئۆز تەۋە زامان، ماكاندىن ھالقىغان تىلنىڭ ئۈچۈنچى يىراقلىقىدا. ئۇنىڭدىكى مەنە رېئاللىقتىكى مەنىسىزلىكلەر ئىچىدىن قېزىلغان بولىدۇ.
ھەقىقەت ئۆز ئۇلىنى سەپسەتە قوينىغا تىزغان بولسا، شېئىر ئۆز روھىنى تەبىئەتتىكى ئېھتىماللىقلارغا چېچىۋەتكەن، پەيلاسوپلارنىڭ ھەقىقەت قېزىشى بىلەن شائىرلارنىڭ شېئىر قېزىشى تامامەن ئوخشاش بولمىغان ۋاسىتە ئۈستىدىكى ئىپادىلەر جەريانى. پىكىرنى كونكرېتلاشتۇرغاندا، پەيلاسوپلار ئىدراكقا، شائىرلار تۇيغۇغا ئاساسەن ئۆز خاتىرە تېشىنى قاتتۇرىدۇ، بۇ خۇسۇستا شۇنداق دەيمىزكى، ھەقىقەتنىڭ شېئىرغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن شېئىرنىڭ ھەقىقەتكە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى تەبىئەتتىكى كۈچلۈك زەرەت ئېقىنى – ئىستېتىك جۇغلانمىنى بايقاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھالقىشتىن يىراقلىشىشى، سەنئەتكارلار دۇنياسىنىڭ ئىزچىل چۆلدەرىشى، ئانا باش تېمىنىڭ ئوبراز ئىدىيالىدىن ياتلىشىشى نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇنىڭغا بېرىدىغان بىردىنبىر جاۋابىمىز، مۇنتىزم، مىللىي تۈس ئالغان نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى؛ سەنئەتكارلارنىڭ «چەكلەنگەن رايون»لارغا دادىللىق بىلەن بۆسۈپ كىرەلمەسلىكى؛ ئەدىبلەر ھېسسىياتىدىكى كۈندىن – كۈنگە ئاينىۋاتقان ساختىلىق سەۋەبلىك، ئوبرازنىڭ تۇرمۇشتىكى غايىبلىقى؛ ئىپتىدائىي ئاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تەرىپىدىن سۈرگۈنلىنىشى…دىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن ئەدىبلەر پاجىئەسى ئۆزىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ بېقىشىمىزنىڭ زۆرۈرلكىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ باسقۇچتا بىز ئۈچۈن كېرەك بولىدىغىنى سان ئۆتكۈلى ئەمەس، سۈپەت ئۆتكىلى! كىتابخانلار ئىستېمالىغا تاپشۇرۇلغان سان – ساناقسىز باشاقسىز پاساتلار ئۇلارنىڭ گۇمانسىراش پسىخىكىسىنى قىيامىغا يەتكۈزدى. «قۇم باسقان شەھەر»، «قاينام ئۆركىشى»، «ئىز»، «چالا تەگكەن ئوق»… قاتارلىق ئەسەرلەر نېمە ئۈچۈن خەلقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلىنىدۇ؟ بۇنىڭدىكى بىردىن - بىر سەۋەب، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرەلىدى. ئۇنتۇلغان ئۆتمۈشنى قايتا ئەسلەشكە شارائىتلاندى. گيۇتى سەنئەتكارلارنىڭ مەنىۋى سۈپەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ «سەنئەتكارلار تەبىئەتكە نىسبەتەن قوش ئالاقىدە تۇرىدۇ. ئۇ تەبىئەتنىڭ خوجايىنى ھەم تەبىئەتنىڭ قۇلىدۇر» دېسە، يىتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «سەنئەتكار — مىللىي مەدەنىيەتنىڭ غورۇرى، سەنئەتسىز مىللەت، سەنئەتكارسىز مىللەت، سەنئىتى ئۆز قىممىتىنى، سەنئەتچىسى ئۆز لاياقىتىنى تاپالمىغان مىللەت. سەنئەتتە ئاداشقان، سەنئەتچىلىرى ئاداشقان مىللەت ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى يوقاتقان پالاكەت ۋە ئاپەتكە يۈزلەنگەن مىللەتتىن ئىبارەت» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. قېنى، ئۆزىمىزنى ئەدب دەپ ئاتىۋالغانلار بۇ ئەقلى تارازىدا ئۆزىمىزنى بىر دەڭسەپ باقايلى؟ بىز قانچىلىك مەنىۋى مەھسۇلات بەرپا قىلالاپتۇق؟بىز كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك رېئالىزم نېمە ئۈچۈن كۆز ياشلىرى كۈز يامغۇرىدەك تۆكۈلۈپ، يۈرىكى يىلگىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ چوقانىنى ئەينەنلىك بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ؟ بىز بۇ نۇقتىدا سەنئەتكارغا ئايلىنالىدۇقمۇ؟!
2
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999 – يىللىق 3 –سانىدىكى «مۇنازىرە»لەر دىيارىمىز ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئېلىپ ېئيتقاندا، تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ياخشى ھادىسە بولدى. كۆل ھەرقانچە پاكىز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى سۇ يېڭىلانمايدىكەن، ئۇ سۇ ھاياتلىق ئۈچۈن بەرىبىر! مەنمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىم بار دەپ قاراپ،مەزكۇر شېئىر ۋە «مۇنازىرە»لەر ئۈچۈن ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئالدى بىلەن «مۇنازىرە» ئوبيېكتى بولغان «دېدى» سەرلەۋىلىك غەزەل ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
بۇ غەزەل 1996 – يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى بىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى «ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى ئەدبلەر سۆھبەت يىغىنى»دا ئۆز ئاپتورى تەرىپىدىن ھاياجانلىق دىكلاماتسىيە قىلىنغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى توختاۋسىز چاۋاكلار قاتارىدا مېنىڭمۇ چۈشىنىش قىيىن بولغان كۈلكەم ئاۋازسىز ئوبروزىنى ھەدىيە قىلغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999 – يىلى 1 – سانىدىن مەزكۇر غەزەلنى كۆرۈپ، ئۆتمۈشۈمنى ئەسلەشكە ئۈلگۈردۈم. ئەمدى تەپسىلى ئويلاپ باقسا، شۇ ۋاقىتتىكى كۈلكەمدە مەسخىرە ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن ئىكەن.
شېئىر چوقۇم شېئىر بولۇشى كېرەك! بىر پارچە شېئىرنىڭ مەغلۇبىيىتى شائىرغا نىسبەتەن تەبىئەتنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن ئېغىرراق روھىي ئازاب ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، بىز ھەقىقى شېئىرغا ئېرىشەلەيمىز. ھېرمان ھېسسىنىڭ «شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى يول كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى كىشىلەردە ئىچكى تەلەپ ئويغىتىش» دېگەن ئەقلى قىيامىنى تېتىغىنىمىزدا، بىز شېئىر دەپ ئاتىۋالغان قاپىيەلەر دۆۋىسىدىن ئىبارەت ئىچى قۇرۇق ئەخلەت دۆۋىلىرىنى چوقۇمكى كۆيدۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك! پىكرىمىزنى «دېدى»غا يۆتكىگىنىمىزدە، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلغۇدە شېئىرمۇ ئەمەس ئىدى. بىز بۇ شېئىردىن ھېچقانداق شېئىرلىق پۇراق ھېس قىلالمايمىز. بىز ھېس قىلغۇدەك ھېچقانداق شېئىرى ئالامەتمۇ يوق، شۇنداق بولسىمۇ، مۇنازىرىنىڭ چىقىشى، ھېچ بولمىغاندا، رايونىمىز ئەدەبىيات كوچىسىغا قىسىلىپ كىرىۋالغان، قەلبىدە ھېچقانداق ئەدەبىيات ئىشتىياقى يوق، بىر ئۆمۈر ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدە چالا ساۋات ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، پەقەت باشقىلارنى دوراش ئارقىلىقلا سۆز ئويۇنى تىزىدىغان، شېئىرىيەت بوستانىنى ئەخلەت بىلەن تولدۇرغان، ئەدەبىيات ئاتالغۇسىدىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان كۆپ سانلىق پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ھەۋەسكارلار ئۆزىنى بىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
«دېدى» شېئىرمۇ؟ ئەمەس! نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ چۈنكى، بىر پارچە شېئىر يەككە لىنىيەدىن ھالقىپ، كۆپ قىرىنى مۇجەسسەملىشى؛ تەتقىقات چوڭقۇرلاشقانچە ئۆز كەڭلىكىنى كېڭەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنىشى؛ مەنىلەردىكى ئىلاستىكىلىق قاتلاملارنىڭ يىراق بۇرجىدا، ئۆز جەزبىدارلىقىنى نۇرلاندۇرۇشى؛ ئوقۇرمەنلەر جەزمەنكى، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتىشىدە بىر قانچە رەت يېقىلىپ، قوپۇشى؛ شېئىرنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى نۇر كۆيدۈرگۈدەك ھارارەت ھازىرلىشى كېرەك. بىز بۇ قاراش بويىچە مەزكۇر شېئىرغا مۇئامىلە قىلساق، ھەم شېئىرنىڭ، ھەم ئاپتورنىڭ ئەدەبىيات كوچىسىدىكى نىمجان ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەي قالمايمىز!؟
مەزكۇر غەزەلدىكى ئوبراز ۋە ئۇنىڭ پسىخىك دۇنياسى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارىدىغان بولساق، سۆزسىزكى قۇرۇق قول قايتىپ چىقىمىز. قاراڭ:
قايرىلىپ يولنىڭ چېتىنى قىلدى ئىما، كۆرسىتىپ،
- ساتىمىز ئانام بىلەن بىز شۇ دۇكاندا سەي، دېدى.
تىلدىكى ئوبرازسىزلىق «مەن»نىڭ تەپەككۇرىنىڭ شۇقەدەر تېيىزلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىياتنىڭ ئىزاھاتى ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىشنىڭ يەنىلا ئورنى يوق، ئەمما بۇ ئىككى مىسرادىكى «ئىما»، «كۆرسىتىپ» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندا پېئىللارنىڭ شېئىردىكى مەنا دائىرىسى ئۈستىدە ئويلانغىنىمىزدا، ھېچقانداق قاتلام ھاسىل قىلالمىغان. دېمەك، تىل ئۆلگەن. ناۋادا بىز شېئىر ئوبرازلىرى ئۈستىدە توختىلىشنى ئويلىساق، شېئىردىكى ئوبرازلار ئوبرازلىق سالاھىيىتىدىن يىراقلاشقان، پەقەت شائىرنىڭ سۆز ئويۇنىغا قۇربان بولغانلار، خالاس!
شېئىرنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان جەرياندىكى شائىرنىڭ زور نەتىجىسى – شېئىرنىڭ سەنئەتسىزلەشكەنلىكى! شائىر پايدىلانماقچى بولغان ماددىي دەستىلەر قىپيالىڭاچ، رېتىم شۇ قەدەر ھارغىن، تەپەككۇر پەرۋاسىز، شېئىر لىنىيە ئۆز – ئۆزىنى بوغقان. شائىردىكى ھېسسىيات مەجبۇرلاشتىن كەلگەن ئاسراندى ھېسسىيات. ئىلھام بىلەن تۇيغۇنىڭ، تۇيغۇ بىلەن ھېسسىياتنىڭ، ھېسسىيات بىلەن غىدىقلىنىشنىڭ ھېچقانداق دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، مەسىلەن:
- توي قىلايلى ئەمدى دەرھال، نېمە دەيسىزكىن، دېسەم،
- مەن بېرىپ ئادەم قوياي، تاپسۇن خەۋەر نەي نەي دېدى.
بۇ مىسرالارنى بەدىئىي زوق تەسىر دائىرىسىگە سىغداپ ئەكىرگىنىمىزدە، بىزنى بىرخىل زېرىكىشلىك كەيپىيات شېئىردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل يىراقلىشىشتىن بىز جەزمەنكى، شېئىردىن ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تاللىماي قالمايمىز. ناۋادا، بۇ ئىككى مىسرادىن شېئىرى ئالامەت ئىزدەشنى ئىختىيار قىلساق قۇپقۇرۇق قايتىمىز. بۇ ئىككى مىسرا شېئىرلىق ئالامەتنى ئەمەس، پىشقا بايانلىق ئالامەتنىمۇ ئۆزىدە ھازىرلىيالمىغان. بىز پىكىرنىڭ بۇ باسقۇچىدا شائىرغا قارىتا بىر تۈرلۈك سوئال قويۇشنى مۇددىئا قىلغان بولساقمۇ، يەنىلا سوئال قويۇشتىنمۇ ۋاز كېچىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
- سىز نېمىشقا سۆيدىڭىز، مەندەك يېتىمنى، دېۋىدىم،
- سىزگە ئوخشاش نەنزىخەننى سۆيمىكىم يىڭگەي، دېدى.
بىز بۇ ئىككى مىسرا توغرىسىدا يەنىلا بىر نەرسە دېيىشنى خالىمىغان بولساقمۇ، شېئىرغا بولغان ھېرىسمەنلىكىمىز بىزنى بىر نەرسە دېيىشكە قىستىماي قالمايدۇ. مەن ئۈن – تۈنسىزلىك ئىچىدە شېئىر مۇئەللىپىدىن، سىز بۇ شېئىرنى يېزىش ئارقىلىق قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى؟ دېگەن سوئالنى سوراشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى ھېچقانداق شېئىر قامەتكە ئىگە قىلىنمىغان بۇ «شېئىر» ئاپتورىنى جەزمەن خارلانغانلىق يۈزىسىدىن سوراققا تارتىشى تەبىئىي! بىز كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك قىلغانلىقىدىن ئەمەس، نەتىجىنىڭ قولغا كەلمىگەنلىكىدىن ۋايسايمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ۋايسىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. چۈنكى، نەتىجىنىڭ بولۇش – بولماسلىقى بىزنىڭ تۆككەن ئەجرىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا بۇ «شېئىر»نىڭ ئاپتورى ھەقىقى سەگەك ئىنسانلار تۈركۈمىگە تەۋە بولغىنىدا، مەزكۇر يازمىنى يېزىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىتنى بىرەر پارچە ئەسەر ئوقۇشقا ياكى بورداۋاتقان مال – چارۋىسىغا ئوت – خەس بېرىشكە ئاجراتقان بولسا، جەزمەنكى ۋاقتى مەنىلىك ئۆتكەن بولاتتى ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ مەزكۇر يازمىنى تەكرار – تەكرار زېرىكىپ تۇرۇپ ئوقۇش بەدىلىگە شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمكى، يەنىلا ئاگاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانلار شائىرلار ئىكەن. شائىر شېئىرنى قەدىرلىمىسە، شېئىر شائىرنى ھەرگىز قەدىرلىمەيدىكەن. مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇش جەريانىدا قازانغان زور ئۇتۇقۇم، چوقۇمكى شائىر بولماقچى بولغانلار ئاۋۋال شېئىرغا ئەقىدە باغلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ساۋاقنى قوبۇل قىلدىم. مۇمكىن بولغىنىدا، مەزكۇر «شېئىر»نىڭ ئاپتورىمۇ مەن ئېرىشكەن بۇ ساۋاققا ئېرىشسە، كېيىنكى ئىجادىيىتىدە يەنە ئۇيغۇر تىلىغا قارىتا ئازاب – ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ دېگىلى بولامدۇ؟
بىز ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدىن «شېئىردىكى نازاكەت» دېگەن ئىبارىنى ئۇچرىتىپلا تۇرىمىز. بۇ ئاتالغۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىغىنىمىزدا، شېئىرنىڭ تەبىئەت بولغان بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شېئىر تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ئۈچۈن ئىستىلىستىكا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينايدۇ. تىلدىكى ئوبرازلىقلىق ماھىيەتتە، ئىستىلىستىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا قارىتىلغان.
بىر كۆرۈپلا چۈشتى مېھرىم، بولدى گۈلخان بۇ يۈرەك،
… … … …
ماڭدى بىر چەتكە قەلەمقاش، يۈرىكىمنى كۈل قىلىپ،
… … … …
بۇ ئىككى مىسرا مەزكۇر يازمىدىكى بىردىنبىر يۈكسەكلىك! لېكىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىغىنىمىزدا، باشقىلار تەرىپىدىن زېرىكەرلىك دەرىجىدە چاينىلىپ، ھېچقانچە تەمى قالمىغان سۆز دۆۋىسى. بىز نېمىشقا بۇ ئىككى مىسرانى يۈكسەكلىك دېدۇق؟ گەرچە، باشقىلار تەرىپىدىن چاينىلىپ، تەمى قاچقان بولسىمۇ، مەزكۇر يازمىدا مۇشۇنداق مىسرالارنىڭ ئۇچرىشى، بىزنى بىرخىل روھى سەر خۇشلۇققا ئېلىپ كەلمەي قالمىدى!؟
بىز مەزكۇر «شېئىر» توغرىسىدىكى تەھلىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئورنىغا يەنە بىر قېتىم سىز بۇ يازمىڭىزدىن رازىمۇ؟ ناۋادا يەنە بىر قېتىم شېئىر يېزىشنى ئويلاپ باقسىڭىز، روھى ھالىتىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟ دېگەن سوئاللار بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
3
بىز ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا كېچىكىپ كىرگەن بولساقمۇ، مۇئەييەن نەتىجىگە ئىگە بولمىدۇق دېيەلمەيمىز. ئەمما، بۇ نەتىجە بىز قايىل بولغۇدەك نەتىجە ئەمەس! بىز يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بۈگۈنىمىز ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگىنىمىزدە، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تېخىچە بىزدە شەكىللەنىمىگەن، شەكىللەنمىسە قەتئىي بولمايدىغان بىر بوشلۇق. بىزدىكى نەتىجە دەپ قارالغان نەتىجە مەلۇم دائىرىدە كلاسسىك ئەسەرلەرنى توپلاش بىلەن رەتلەش. بىزنىڭ كلاسسىك ئەسەرلەرنى يىغىۋېلىش خىزمىتىمىز ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولسىمۇ، دېگۈدەك تەتقىقاتلارنىڭ تېخىچە باشلانماسلىقى بىزنى ئويلاندۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز مەزكۇر ماقالىنىڭ تېما ئېتىبارى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئارتۇقچە توختالمايمىز.
بىزدىكى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ بۇ ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس! بىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىدىغان بولساق، بىزدە تېخى ئۆلچەملەشكەن ئەدەبىي تەنقىد شەكىللەنمىدى! دۇرۇس، خەلقىمىز ئېتىراپ قىلغان بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار ئېلىپ بارغان تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئىزچىل بولماسلىقى؛ تەھلىل قىلىنغان كونكرېتنى بىر پارچە ئەسەرنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىق تۈسكە ئىگە قىلىنماسلىقى؛ ھەتتا بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ غەرەزلىك ھالدا بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈنسۈرۈك ئىنكار قىلىش بەدىلىگە، ئۆزىنى ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى؛ ئەسەردىن ھالقىپ، ئەسەر ئاپتورىغا بىۋاسىتە زەربە بېرىش بەدىلىگە ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىش؛ مۇھىمى، ئەدەبىي تەنقىدنى مەقسەت ئەمەس، ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق قەستەن ئەدەبىيات ئويۇنى ئويناشقا ئۇرۇنۇشى؛ ئېچىنىدىغىنىمىز شۇكى، ئەدەبىي تەنقىد دەپ ئاتىلىدىغان تەنقىدلىرىمىزدە، ئاپتورلار يوقلىمىس قىلىش بىلەن ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنىڭ ئىزاھلىنىشىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى! ئەدەبىي تەنقىدىمىزدىكى بۇ بىنورمال ئەھۋاللار تۈزىتىلمىگۈچە بۇ ساھەدىن سۆز ئېچىشىمىز بەسى مۈشكۈلدۇر! ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدە بىز تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، يۇقىرىدا بىز كۆرسىتىپ ئۆتكەن بىنورمال ئەدەبىي تەنقىد پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرگەن «تەنقىد»چىلىرىمىزنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشى! بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەرىپەتتىن يىراقلىشىش خەلقىمىزنى ساپاسىزلاشتۇرغان. مۇئەييەن ساپاغا ئىگە بولمىغان خەلقىمىز مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئەمەس، ھادىسىنى كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ساددا ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئالداپ كېلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان قىلغانلار چوقۇمكى، خەلقىمىز تەرىپىدىن سوتقا تارتىلماي قالمايدۇ!؟ بىز خەلقىمىزنى ئالداپ كېلىۋاتقان «بىر قىسىم»لارغا شۇنى ئىلتىجا قىلىمىزكى، ئۆز خەلقىنى ئالداش مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھتىن ئىبارەت. سىلەر كەلگۈسىنىڭ سوتىدىن ئامان – ئېسەن قۇتىلاي دېسەڭلار، ئۆز – ئۆزۈڭلارنى بىر قېتىم ۋىجدانىڭلارنىڭ سوتىغا تارتىپ بېقىڭلار!…
پىكرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى يۆلىنىشىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دىكى «دېدى» دېگەن شېئىر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزە ئەدەبىي تەنقىد تۈسىنى ئەمەس، بىر – بىرىنى كۆز – كۆز قىلىش، ئاقلاش ۋە قارىلاش ئۈستىدىكى بىر مەيدان ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان «جەڭ»دىن ئىبارەت. بىز ئەقلىيەلىك بىلەن بۇ «جەڭ»گە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى! بىزگە بەكرەك ئەپسۇس ئېلىپ كېلىدىغان «باھا» ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ «باھا»سى. مەزكۇر «باھا»نىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى بايانلار ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ تېخىچە كونىچە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنىڭ جاھىل «مۇرتى» ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرماي قالمايدۇ. «ئاتالمىش ئوبزورچى» 40 – يىللاردىكى «تاھارەت» بىلەن 90 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «ناماز» ئوقۇيمەن دېسە، ئارىلىقتىكى 60 يىلغا نېمە دەيمىز؟ كەسكىن ئېيتىمىزكى، بۇ «ناماز» قوبۇل قىلىنىشقا تېگىشلىك ناماز ئەمەس. قاراڭ «بولۇپمۇ جەمئىيىتىمىزدە مۇھەببەتكە، نىكاھلىنىش ئىشلىرىغا ئەزەلدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان، توي قىلىپ ئاجرىشىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان خەنزۇ قىزلىرىنىڭ…» بۇ پسىخىك تەتقىقات بىلەن ئېتنىك تەتقىقات قارىماققا، ئاپتوردىكى سىياسىي مايىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ھېچقانچە ئەقلىيەلىك ئۈستىدىكى «باھا» ئەمەس، ئاپتورغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، «باھا» يېزىش بىلەن شېئىر يېزىش ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈرى. بىز تەرەققىيات كۆلىمى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان خەنزۇ ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىگە قارىتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق قارىلاش خاراكتېرىدىكى باھالارنى بېرىشىمىز ئەقلىيەلىك ئەمەس، بەلكى دېۋەڭلىك! ئەمما، خەنزۇلارنى بىرلا بايان بىلەن تامامەن مەدەنىيلىك تۈسىدە ئېتىراپ قىلىش، سېپى ئۆزىدىن ئاشقان سولچىللىق! ھەرقانداق پىكىر بىر مىللەتكە باھا بېرىش تۈسىنى ئالغاندا چوقۇمكى، ئومۇمىيلىق قىسمەنلىك ئاساسىدا خۇلاسىلەنگىنى بىر تۈرلۈك ئاقىلانىلىك. گەرچە مۇھەممەتئىمىن غوپۇر شەيدائىي مەزكۇر يازمىسىدا ھېچقانچە ئىستېتىك قاتلام ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، ماتېرىيال تاللاش تامامەن ئەدبلىك ئەركىنلىكى! قاپىيە ئورنىدا ئىشلەتكەن خەنزۇچە سۆزلەر ھەرگىز بىر تۈرلۈك مىللىي كەمسىتىش ئەمەس. زۆرۈر تېپىلغاندا بىرەر خەنزۇ قىزى، پۈتكۈل خەنزۇلارنىڭ ۋەكىلىمۇ ئەمەس. مەزكۇر يازمىدىكى تۇرمۇشقا دىققەت قىلغىنىمىزدا، ئوبزورلار روشەن مىللىي خاسلىق ئىچىدە ئەمەس، پەقەتلا ئاپتوردىكى سۆز ئويۇنى.
مەزكۇر ماقالىدا «…دوقمۇشتا يىگىتنى بىر كۆرۈپلا شەرەت قىلىپ… ئار – نومۇسنى بىلمەيدىغان كۆڭلى سۇيۇق شاللاق قىزلارمۇ… بىر قېتىمدىلا ئۆمۈر سودىسىنى قىلىپ بولىدىغان شاللاق يىگىتلەرمۇ مەۋجۇد دېسەك…» دېگەندەك جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى كۈلكىلىك بولغان «قالقان بىلەن نەيزە»نىڭ ھېكايىسىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ. بىز ئابدۇرېھىم سىدىقنىڭ پەقەت «باھا»نىڭ ھەجىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن زورلاپ يېزىۋاتقان بۇنداق «باھا»لارنى مەيلى لوگىكا، مەيلى گرامماتىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلغىنىمىزدىن كۆرە، ئاچچىق بىر كۈلۈپ، ئابدۇرېھىم سىدىققا قارىتا «باھا» يېزىشتىن ئاۋۋال لوگىكا، گرامماتىكا زۆرۈر تېپىلغاندا، ئىستېتىكا ۋە پسىخولوگىيە ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىدىن ئىبارەت سەمىمىي مەسلىھەتىمىزنى بېرىش بىلەن تەڭ، ئەمدى ئەدەبىيات كوچىسىنى سىز ۋە سىزگە ئوخشاشلا پاخاللاشتۇرمىسۇن، بىزگە ھەرگىز ئەخلەت كېرەك ئەمەس! دېگەن مەسلىھەت ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز زۆرۈردەك قىلىدۇ.
«ئەمما ئاپتور ئەسەردە چاكىنا، ساختا مۇھەببەتنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيمەن دېمەكچى بولسىمۇ، بۇمەقسەتكە يېتەلمىگەن» بۇ جۈملە ئابدۇرېھىم سىدىققا ئوخشاش ئەدب بولالمىسىمۇ، بىر ئۆمۈر ئەدەبىيات كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرگەن كىشى تەرىپىدىن ئەمەس، ئۆمۈر بويى مەكتەپ قارىسىنى كۆرمىگەن «قارا قورساق» كىشىنىڭمۇ ئېغىزىدىن چىقىدىغان تېتىقسىز جۈملە ئەمەس. مۇھەممەتئىمىن غوپۇر شەيدائىينىڭ «دېدى» سەرلەۋىلىك يازمىسىدا، ھەرگىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك شېئىرىي ھېسسىيات ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس. شەيدائىيچە بولغاندا، ئىككى ياشنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىر نەچچە دەقىقىلىق ھېسسىيات ئۇچرىشىشىنى ئىپادىلىمەكچى ياكى بولمىغىنىدا سۆز ئويۇنى ئارقىلىق ئۆزىنى شېئىرىيەت رەستىسىدە دەڭسەپ كۆرمەكچى. لېكىن ئابدۇرېھىم سىدىق ئەسەر قاتلىمىدا (گەرچە ئەسەر قاتلام ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ) مەۋجۇد بولمىغان پىكىرنى زورلاپ تېڭىشى، ئەسلا ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ماس ئەمەس. چوقۇمكى، نېمە بولسا شۇنى دېيىش تەتقىقات مىتودىكىسى. راست، ئەدەبىيات تىل سەنئىتى. بۇ دېگەنلىك تىلنى خالىغانچە ئىشلەتسەڭ بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەن بۇ نۇقتىدا ئابدۇرېھىم سىدىققا يۈتۈك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «سەنئەت تەنقىدىنىڭ مېغىزى سەنئەت مۇھاكىمىسى بولۇپ، ئۇ چوقۇم قارىلاش خاراكتېرىدىكى تەنقىد دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېگەن جەۋھەر جۇغلانمىسىنى تەقدىم قىلىش بىلەن پىكرىمنى تاماملايمەن.
ۋاھاپ قادىر بىلەن كېرەم قاسىم ئەۋجىنىڭ مۇھاكىمىلىرى مۇئەييەن سەنئەت قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان. قارشى تەرەپنىڭ نۇقتئىينەزەرىنى رەت قىلىشى بىر قەدەر سىستېمىلىق. ئەمما، ئۇلارنىڭ رەدىيە بېرىش جەريانى مۇئەييەن مەسىلىلەردىن خالى بولالمىغان. نېمىس يازغۇچىسى گيورگې لېختىنبىرگ «كەمچىلىكىمىزنى بىلىۋالساق، ئۇ بىزگە زىيان سالالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقانىكەن. مەنمۇ ۋاھاپ قادىرى بىلەن كېرەم قاسىم ئەۋجىنىڭ ئاقلاش خاراكتېرىدىكى «باھا»لىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان سەمىمىي ياردىمىنى ئىپادىلەشنى مۇھىم دەپ قارىدىم.
ۋاھاپ قادىرنىڭ «ئىقتىدارلىق يازغۇچى، شائىرلىرىمىز…» دېگەن سۈپەتلىشىگە نائىل بولغانلار راست شۇنداقمۇ؟ گەرچە بۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك جۈملە بولسىمۇ، ھەر ھالدا مەتبۇئاتلىرىمىزنى قاپلاپ كەتكەن بۇنداق ئەمەلىيەتتىن يىراق، ساختا سۈپەتلەشلەرگە چوقۇمكى خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك. بىزدە «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە» دېگەن خەلقىمىزنىڭ ئەقلى جۇغلانمىسى بىكارغا ئېيتىلمىغان. بىز مەۋجۇد بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قاتلاممۇ – قاتلام تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ئىقتىدارلىق يازغۇچى»، «ئىقتىدارلىق شائىر»لارنى تېپىشقا قانچىلىك ئازاب چېكىۋاتقانلىقىمىزنى چوقۇمكى، ۋاھاپ قادىرى بىلمەي قالمىسا كېرەك!؟ بۇ نۇقتىدا ھەر كىمنىڭ ئۆز ھېسسىياتى بويىچە ئەدبلىرىمىزگە قارىتا سۈپەت بېرىش ھوقۇقى يوق!
«…ماۋۇ ئۇيغۇرچە مۇھەببەت، ماۋۇ خەنزۇچە مۇھەببەت، ماۋۇ رۇسچە، ماۋۇ ئىنگلىزچە مۇھەببەت دەپ تۈرگە ئايرىش پەقەت بىر ساراڭنىڭ ئىشى» دەپ يازىدۇ ۋاھاپ قادىرى ئۆز «باھا»سىدا. بىز ۋاھاپ قادىرنىڭ بۇ قاراشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا، ئىنسانىي تۇيغۇ، ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىدە تۇرۇپ قارىساق، ھەقىقەتەن شۇنداق. لېكىن رېئاللىققا قايتىپ كەلگەندە، چوقۇمكى مۇھەببەت مىللىي پەرققە ئىگە. چۈنكى، بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەتنىڭ غايەت زور پەرقى — مۇھەببەتتە كۆرۈلىدۇ. تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرغىنىمىزدا، مۇھەببەت ئۇقۇمى مىللى پەرقتىلا ئەمەس، رايون پەرقىگىمۇ ئىگە. بۇ نۇقتىنى چوقۇمكى، ۋاھاپ قادىرى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بىلىش كېرەك!
«مېنىڭچە بۇ خىل قاپىيەلەردە شېئىر يېزىش — ئاپتورنىڭ پىشىپ يېتىلگەن بەدىئىي ماھارىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر» بۇ قاراشنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممىتى بار؟ ئەگەر بىز بۇ قاراشقا ئاساسلىنىپ، شېئىرىيەت سەنئىتى قاپىيە سەنئىتى دېسەك بولامدۇ؟ يىتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قاپىيەنىڭ راۋانلىقى شېئىرىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى بولمىغىنىدەك، ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەشمۇ نەسرىي ئەسەرنىڭ ئاساسلىقى ئۆلچىمى ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەنىدى. دېمىسىمۇ، قاپىيە شېئىرنىڭ تاشقى ئامىلى، ئۇ پەقەت شېئىرغا نىسبەتەن ئاھاڭدارلىقلا تەقدىم ئېتەلەيدۇ. لېكىن شېئىرنىڭ ھەقىقىي پەرۋازى ئۈچۈن ھەرگىز قانات بولالمايدۇ، ئۇ ھەرگىز «پىشىپ يېتىلگەن ماھارەت» ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، توم – توم قاپىيە لۇغىتى تۈزۈپ، جاھان ئەدەبىياتىنى تىترىتىۋەتمەسمىدۇق!؟
«بۇ خۇددى ئۇيغۇر چالغۇلىرىدا خەنزۇ ياكى غەربچە ئاھاڭلارنىمۇ راۋان ھەم ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشقا بولغىنىدەكلا، بىر ئىش ئەلۋەتتە!» دەپ يازىدۇ كېرەم قاسىم ئەۋجى تىلىنىڭ شېئىرىيەتتىكى رولىنى ئىزاھلاپ. ئەمما كېرەم قاسىم ئەۋجى بىر نۇقتىغا قەتئىي دىققەت قىلمىغان. مۇزىكا مۇزىكا، شېئىر شېئىر! لېكىن، شېئىر جەزمەن مۇزىكىدارلىققا ئىگە قىلىنىشى كېرەك. شۇ ۋەجىدىن، مۇزىكىغا تەرجىمان ھاجەت ئەمەس دېيىلگەن! كېرەم قاسىم ئەۋجىنىڭ بۇ «ئاقلىشى» ھەرگىز ئەقلى جەھەتتىكى ئاقلاش ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «چاپان يېپىش»تىن ئىبارەت. شېئىرىيەتتىكى تىل مەسىلىسىدە، ھەرگىز ئارىلاشما تىل تەلەپ قىلىنمايدۇ. بىزنىڭ كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىكى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى، بىزنىڭ تىلىمىزدىكى بىر پۈتۈن ساپلىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان تىل تراگېدىيەسى! ئەمما بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، خەنزۇ تىلى، موڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلى… قاتارلىق تىللارنى بىرلەشتۈرۈپ شېئىر يېزىش نەزەرىيەسى ھەرگىز تەشەببۇس قىلىنغان ئەمەس ھەم مەڭگۈ تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. كېرەم قاسىم ئەۋجى يەنە شۇنداق بىر نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەيكى، بىر مىللەت تىلىدا يېزىلغان ئەسەر چوقۇمكى، شۇ مىللەت تىلىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. تىلدىكى ئىپادىلەش ھېچقانداق مۇمكىنچىلىككە ئېرىشەلمىگەندە، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن تىلداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، مەلۇم دائىرىدە تىل ئارىيەت ئالساق بولىدۇ!…
«شەيدائىي بۇ غەزىلىدە پارتىيەگە ۋە خەنزۇ قېرىنداشلارغا بولغان يالقۇنلۇق كۆڭلىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپارتىيەگە ئۆزىنىڭ ئاددىي تىلى بىلەن چوڭقۇر ھەم چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن، خالاس.» بۇ قانداق كۆز قاراش؟ بۇنداق ئويدۇرما «باھا»نى يېزىۋاتقاندا، كېرەم قاسىم ئەۋجى ئەدەبىياتنى سىياسەتكە سېتىشنى ۋىجدانىدىن چىقىپ تۇرۇپ قوبۇل كۆرگەنمىدۇ؟ بۇنداق چاپلانما «باھا»نى قوبۇل قىلىش قانچىلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئادەملىك غورۇرىغا ئۇيغۇن كەلگەندۇ؟ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەقدىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىمۇ؟ مېنىڭچە مەسىلە شۇ يەردىكى، كېرەم قاسىم ئەۋجى سەنئەتنى سەنئەت دەرىجىسىدە چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن يىراقلاپ كەتكە. يەنە كېلىپ، كېرەم قاسىم ئەۋجىنىڭ قانۇن ئېڭى شۇ قەدەر تۆۋەنلىگەنكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغىمۇ ئەقلى سالاھىيەت ھازىرلىيالمىغان. مېنىڭچە، بۇ دەرىجىدە سەنئەتسىزلەشكەنلەرنىڭ سەنئەت ھەققىدە ئاۋارە بولۇشىنىڭ ھېچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق. ھۆرمەتلىك كىتابخان تۆۋەندىكى جۈملە ھەققىدە سىزمۇ ئويلىنپ بېقىڭ: «ئەگەر بۇ غەزەلنى بىر ئالتۇن ئۈزۈك دېسەك، بۇنىڭدىكى قاپىيە ئالماس كۆزدۇر» مەن بۇ چېكىدىن ئاشقان كۆپتۈرمەكەشلىك تۈسىدىكى جۈملە ھەققىدە ئاچچىق – ئاچچىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن كۆرە، كېرەم قاسىم ئەۋجىگە قارىتا يازمىڭىز ھەققىدە سەنئەت بىلەن ئادىمىيلىك غورۇرىڭىزنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ، دېگەن مەسلىھەتنى بېرىشنى ئاقىلنىڭ ئۆزىنى ئايىغانلىقى، دەپ قارىدىم.
مەن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ 1999 – يىللىق 3 – سانىدىكى «مۇنازىرە»لەرگە قاتناشقان ئابدۇرېھىم سىدىق، ۋاھاپ قادىرى ۋە كېرەم قاسىم ئەۋجىلەرگە سەنئەتكار سۈپىتىدە ئەمەس، ئادەملىك سۈپىتىدە تۇرۇپ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «بەدىئىي ئەسەر باھالانمايدىغان، ساغلام سەنئەتنى تەنقىدىي يولغا قويۇلمىغان جامائەت، قاراڭغۇدا چۈشەكەۋاتقان جامائەتتىن، ھەممىنى پەرقسىز قوبۇل قىلىۋاتقان ياكى چەتكە قېقىۋاتقان جامائەتتىن ئەقلىي ۋە ئىلمى تەپەككۇر پەللىسىدىن چۈشۈپ قالغان جامائەتتىن، سەنئەت تالانتلىقلار جۇش ئۇرۇپ چىقىدىغان مۇھىتا مۇيەسسەر بولمىغان جامائەتتىن ئىبارەت» دېگەن ئەقلىي قىيامىنى بىر قېتىم سۈمۈرۈپ بېقىپ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت كىرسىز ئەينەك ئالدىدا ئۆز روھىنى كۆرۈپ بېقىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
4
بىزدە ھەقىقەتنى كۆرىدىغان كۆز قانچىلىك؟ مەن مەزكۇر سۇئالغا قارىتا دىيارىمىزدا نېمىلىكىن بولمىسۇن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداۋاتقان، بېكىنمىچىلىكى ئېغىر، بىر پارچە ئەسەرنىڭ قاتلىمىغا دېگۈدەك سىڭىپ كېتەلمىگەن، يەنىلا رايۇن ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت تار دائىرىچىلىكتىن قۇتۇلالمىغان، بىر پارچە ئەسەرگە نىسپەتەن تەھرىرلىك نوقتىسىدا ئەمەس، بىر ئاپتۇرلۇق سالاھىيەتنى ھازىرلاپ، ئاپتۇرلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ بېرىدىغان تەھرىرلەر ساپاسى توغرىلىق « ئاقسۇ ئەدەبىياتى »نى مەركەز قىلغان ئاساستا بىر قىسىم يەرلىك ژورناللار ئۈستىدىمۇ توقتىلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئەسلىدە مېنىڭ بۇ دېمەكچى بولغانلىرىم مۇستەقىل بىر تېما ئېتىبارى بىلەن مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. پىكىر بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، ئۆزۈمنىڭ بىر ھەۋەسكارلىق ئىمتىيازى ھەم ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنىڭ دېگۈسى بار، ئەمما، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دېيىشكە « تىلى بارمىغان »، جەمئىيەت خارەكتىرلىك تۈس ئالغان ھەۋەسكارلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى. مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان پىكىرلىرىم ئېھتىمال تەھرىرلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىشى مۇمكىن. تەھرىرلىرىمىزنىڭ ئوغىسىنىڭ قاينىشى نۆۋىتى كەلگەندە، بىر قېتىم سىلكىنىش ئېلىپ كەلسە ئەجەب ئەمەس!
مەن « ئاقسۇ ئەدەبىياتى »نى قانچىلىك تونۇيمەن؟ بۇ سۇئال مەن ئۈچۈن بىر نوقتىدىن بەك خەتەرلىك، يەنە بىر نوقتىدىن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر سۇئالدۇر! مەن ئۈچۈن خەتەرلىك بولغىنى قەيەردە؟ مەن شېئىرغا قارىتا كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا « ئاقسۇ ئەدەبىياتى »دا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى مېنى يەتكىلى بولمايدىغان بىر چوڭقۇرلۇقنى ئۆزىدە ھازىرلىغاندەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ مەن ئۇ مەزگىللەردە مۇتەللىپ خۇرسەندى، زاھىر ئابدۇراخمان، جېلىل خېلىل، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ھەر ساندا دېگۈدك كۆرۈپ تۇراتتىم. كېيىن ئۇلار بىلەنمۇ تۇنۇشتۇم، سىرداشتىم، قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالايدىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىر قىسىم تەھرىرلەر بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۇنۇشلىقىم بولدى. مۇناسىۋەت دائىرەمنىڭ نىسپەتەن كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسەر ئېلان قىلىش بىلەن ئېلان قىلالماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەك ئىنچىكە نوقتىدىن بولمىسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىشكە باشلىدىم. قارىسام ئەھۋال مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن. تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مېنىڭ ئويلىغىنىم بەك يۈزە بوپتۇ. تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى شائىر بولمىسىمۇ، شېئىرنى بىلىدىكەن؛ تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى يازغۇچى بولمىسىمۇ، پروزىنى بىلىدىكەن؛ تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى نەسىرچى بولمىسىمۇ، نەسىرنى بىلىدىكەن؛ تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى ئەدەبىي تەنقىتچى بولمىسىمۇ، ئەدەبىي تەنقىدنى بىلىدىكەن؛ تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى درامماتروگ بولمىسىمۇ دراممىنى بىلىدىكەن؛ تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى سىنارىست بولمىسىمۇ ، سىنارىيىنى بىلىدىكەن. تېخىمۇ قىزىقى، تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى رەسسام بولمىسىمۇ رەسىمنى بىلىدىكەن. ئومۇمەن، تەھرىر ئاتالغان ئېچىق بېشىدىكى كىشى تەھرىرلىك ئۈستىلىگە ئولتۇردىمۇ ، ھەممىنى بىلگنى شۇ ئىكەن. « ئېچىق بېشى »دىن ئىبارەت ئادەمنىڭ ساپاسى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بۇ « ئىمتىياز »لىق ئورۇن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتىكى بىر « قازىخانا » ئىكەن. مەن بىلىپ يەتكەن بۇ « بىلىم » مېنى بەك چۆچۈتتى. مەن نېمىشقا چۆچۈيمەن؟ مەنمۇ ئەڭ ئەقىللىسى بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىم، يەنە كېلىپ يا بېشى، يا ئايىغى بولمىغان ئەدەبىيات كوچىسىغا ئۇچۇردىن يىراق، ئۈچ ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان بىر تاغلىق رايۇندىكى بىر ھەۋەسكار مۇئەللىم سالاھىيىتىدە كىرىپ قالغانلىقىم چۆچۈپتىمەن! مېنىڭ بۇ « چۆچۈشۈم » « قازىخانا »دىكى بىر قىسىم « بىلەرمەن»لەر ئۈچۈن ئارتۇقچە چۆچۈش بوپتۇ! ئۇلارچە مەن چۆچىمەسلىكىم كېرەك ئىكەن، ئۇلارچە مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە چامىمنىڭ يېتىشىچە ئويلانماسلىقىم كېرەك ئىكەن، ئۇلارچە مەن قاتلىمى بىر قەدەر چۇڭقۇر ، قاپىيەدىن ئازاد قىلىنغان شېئىرلارنى يازماسلىقىم كېرەك ئىكەن، ئۇلارچە مەن ئورۇنسىز كۆككە كۆتۈرۈشتىن خالىي، ئەسەرنىڭ تەپەككۇرىغا ماس ھالدىكى تەنقىدىي ماقالىلارنى يازماسلىقىم كېرەك ئىكەن. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مەن يازغان تەنقىدىي ماقالە شۇ ژورنالنىڭ يۈزىنى تۆكەرمىش! مەن ئۆزۈم جۇغلىغان بۇ « بىلىم » بىلەن « ئاقسۇ ئەدەبىياتى »غا قايتا بىر قارىسام، ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا، يا ئۇيقۇلۇق ئەمەس، يا ئويغاق ئەمەس ھالدىكى بۇ ژورنال شۇ پېتى « چىقىۋېتىپتۇ ». ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك ھال شۇكى، بۇ ژورنال ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئاۋازى ئىكەن! بۇ ئاۋازغا قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، ئاتۇش، بايىنغۇلىن، قاراماي...قاتارلىق رايۇنلارنىڭ ئاۋازى قوشۇلسا بولمىغۇدەك! ناۋادا قوشۇلدى دېگەندىمۇ، ئىنتايىن سۇس، ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ئۆلۈك بىر ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى بىزنىڭ ھېس قىلىشىمىز مۈشكۈل بولغان مۆجىزە ئىكەن! لېكىن، بۇ ژورنالغا ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋازى ئاندا-ساندا قوشىلىدىكەن. سەۋەبى، ئاۋازنىڭ تولغان بالاغىتى ئۈرۈمچىدە، يەنە كېلىپ ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مەركىزى بولغاندىكىن بۇ ئاۋازنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر قوشۇلىشى زۆرۈر ئىكەن! مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « يېڭى قاشتېشى » قارىسام ئەھۋال ئوخشاش. چۈنكى، ئۇ خوتەنلىكلەرنىڭ ئاۋازى ئىكەن. مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « ئىلى دەرياسى »غا قارىسام ئەھۋال ئوخشاش. ئۇ ئىلىلىقلارنىڭئاۋازى ئىكەن. مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « قەشقەر ئەدەبىياتى »غا قارىسام ئەھۋال ئوخشاش. ئۇ قەشقەرلىكلەرنىڭ ئاۋازى ئىكەن. مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « قىزىلسۇ ئەدەبىياتى »غا قارىسام ئەھۋال ئوخشاش. ئۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئاۋازى ئىكەن. مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « تۇرپان »غا باقسام سەل پەرقلىق.مەن بۇ « بىلىش » دائىرەم بۇيىچە « بوستان »غا باقسام ھەر ھالدا تەبەسسۇمغا ئېرىشتىم. ئەمما، بۇ « تەبەسسۇم » مېنىڭ تولۇق قايىل بولغانلىقىم ئەمەس ئىدى. « قۇمۇل ئەدەبىياتى »دىمۇ كېسەل يېتەرلىك ھالدا سەمرىۋېتىپتۇ. مەن بۇ خىل « بىلىش »تىن نېمىگە ئېرىشتىم؟ مېنىڭ ئېرىشكىنىم شۇ بولدىكى، «ئېچىق بېشى »دا تۇرىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى سۆيۈشتىكى ئۆزگىچىلىكى!
ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ بۇ سۇئالغا كەمىنە مۇئەللىپلا ئەمەس، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلايدىغانلار بىردەك ئويلىنىشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەسىلە!
1999 – يىل 12 – ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 11:22