كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 1

ناتىۋان مەھبۇس ۋە ئۇنى چۈشۈنۈش( باھائى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  229
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1146
تۆھپە : 0
توردا: 1565
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 11:36:03 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرشىدىن باھاي

ناتىۋان مەھبۇس ۋە ئۇنى چۈشۈنۈش

ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ شۇ ناملىق پوۋسىتىغا دەسلەپكى باھا

1. ئەسەر مەزمونىدىن قىسقىچە ئەسلەتمە

كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ. قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىن مەھرۇم قېلىش، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش تۇلىمۇ ئازاپلىق.
بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال ـ خورام تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە  خوشاللىق خاپىلىققا ئايلاندى.بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئائىلە ساياھىتىدە دادا بىلەن ئاكىنىڭ بىخەستەلىكى تۈپەيلىدىن ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان قىز دادىسى (ئىنايەت ساقچى)نىڭ دۈشمىنى ئاسىم ئوغرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ. گەرچە قىزنىڭ دادىسى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قىزىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋەت ھەممىشە نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدۇ. بۇ ئىشلاردىن قاتتىق زەربە يىگەن دادا كۆپ يىل ئۆتمەي يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىدۇ. قىزى قەدىريە بولسا ئاسىم ئوغرى ئائىلىسدە خورلۇق ۋە ئاھانەت ئىچىدە ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ياشاش ھوقوقىدىن مەھرۇم بولۇپ《ئاسىگۈل》نامى بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، ئەسلى ئائىلىسىنى ئۇنتۇشقا مەجبور بولىدۇ. ئەمما تەغدىر شامىلى ئىنتايىن ئوڭايسىز بىر ۋاقىتتا 《ئاسىگۈل》نى ئاكىسى (قەدىردان سوتچى)بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچراشتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئوي ـ خىياللىرى ئۆز ئارا باغلىنىپ، بىر بىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ. قىز ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان سوتچىنىڭ ئۆز ئاكىسى قەدىردان ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىدۇ. ئەمما قىزنىڭ ئامالسىزلىقى ۋە خىجىللىقى ئۇنى بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشتىن قورقىتىدۇ. بىراق قېرىنداشلىق مېھرى بۇ خىل خىجىللىق ۋە ئامالسىزلىقلارنى بارا  ـ بارا ئاجىزلىتىپ، ئۆكۈنۈش ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئۈچ يىللىق جازا مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. 《ئاسىگۈل》تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، كېلىن ئاچىسى ۋە ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بىراق تۇنۇشلۇق بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.كۈتكەن ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ. بىچارە قىز ئۆز ئائىلىسىنى تاپقاندا مېھرىبان دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، كۈيۈمچان ئانىسى بولسا بېشىغا كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئەقلى ـ ھۇشۇنى يوقۇتۇپ، ئالجىپ قېلىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ ھال《ئاسىگۈل》ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە خىزمەتچىسى بولۇپ كىرىشى بىلەن ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. ئاكا سىڭىل ئىككى قېرىنداش بىر ئائىلىدە كۆڭلى تۇيۇپ تۇرسىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالماي بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما  دۇنيادا يىشىلمەيدىغان تۈگۈن ئېچىلمايدىغان سىر يوق. بۇ ئائىلىنىڭ تېنىچلىقىنىڭ بۇزۇلىشىغا تاسادىبى سەۋەب بولۇپ قالغان ئوخشاش بىركۈن، ئوخشاش بىر ئورۇندا ئاكا ـ سىڭىل ئىككى قېرىنداش قايتا جەم بولىدۇ.

2. ئەسەر قۇرۇلمىسى ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل

كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسەرنىڭ دىتاللىرى ئۇستىلىق بىلەن تاللانغان بۇلۇپ، پىرسوناژلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەسەر باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئاياغلاشقۇچە بولغان قۇرۇلما ئىچىدە بايان قىلىش ئۇسوللىرى ئۆز ئورنىنى تاپقان، پىرسوناژلار خاراكتىرى ۋە ئىچكى ھېسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تاللىۋېلىنغان ۋەقەلىكلەر ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرغان. ئەسەردىكى باشقا يانداشما پىرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىمۇ ئەسەر ۋەقەلىكىگە ئۇيغۇن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى تەغدىرى ۋە ئاقىۋىتىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان. گەرچە ئەسەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان سىيوژىت دىتاللىرى ئاددى ۋە ئىخچام بولسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن ئەسەردىكى ئىدىۋى مەزموننى يۇرۇتۇپ بېرىش ۋە پىرسوناژلار خاراكتىرنى يارىتىش جەريانىدا ئۆز ـ ئارا جىپسىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئى رەۋىشتە ئەسەردىكى مۇھىت ۋە پىرسوناژلارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. خۇددى ئەسەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان باش پىرسوناژ《ئاسىگۈل》ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزدەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پەرزەنت دەردىدە ئەقلى ـ ھۇشىنى يوقاتقان ئانىنىڭ ئۇچرىغانلىكى قىزلارنى قىزىم دەپ ئېسىلىۋېلىشى، بولۇپمۇ 《ئاسىگۈل》بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان چاغدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ۋە بايانلار كۆز قارچۇقلىرىڭىزنى غىدىقلاپ، چاناقلىرىڭىزنى ياشقا تولدۇرىدۇ.
ئەسەردىكى تىل تەسۋىرلىرىمۇ ئىنتايىن تەبىئى ئېلىنغان بولۇپ، پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسياتى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. زىدىيەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ھەل قىلىنىشى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردىكى پىرسوناژلاردىن چىنلىق پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ.

3. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە ۋە ئۇنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتى

مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئىچىدە، ئادەملەر خۇددى تورغا چىرمىشىپ قالغان ئولجىلاردەك ئۆز تەغدىرى بىلەن كۆرەش قىلماقتا. كەسكىنلىشىۋاتقان ئىقتىسادى كۆرەش، ئىقتىسادى مەنپەئەت ئادەملەرنىڭ روھىيىتىگە بۆسۈپ كىرىپ ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم قىرىنداشلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىمۇ ئازغىنە مەنپەئەت تۈپەيلى سۇسلىشىپ يىرىكلەشمەكتە. قېرىنداشلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى ـ  مۇھەببەتنى ئۇلغايتىش، 《بارنىڭ قەدرى يوقلۇقتا》 ئىكەنلىكى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۈچۈن مۇناسىۋەت تورىدىكى يېقىنلىرىنى دەسمايە قىلىۋېتىشتىن باش تارتمايۋاتقان بىر قىسىم ئازغۇنلارنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىش، ئۆزىنى تۇنۇتۇش زۆرۆرىيىتى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان شارائىت ئاستىدا، بۇ خىل يۈزلىنىشكە قارشى ھالدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى  مېھرى ـ مۇھەببەتنى قەدىرلەش، قوغداش باش تېما قىلىپ تاللانغان بۇ ئەسەر، رىئال تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىمىزنى ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مەسئولىيەت ۋە مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
ياخىشى بىلەن يامان، رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتلىك كۆرەشتۈر. گەرچە ياخشىلىق بىلەن گۈزەللىك كىشىلەر قەلبىگە مايىل بولسىمۇ ئەمما يامانلىق بىلەن رەزىللىك كىشىلەر قەلبىگە ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش ئۈچۈن تەييار تۇرىدۇ. خۇددى قەدىريە ئىنايەت ساقچىنىڭ قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن خاتىرجەم تۇرمۇشى تارتىۋېلىنىپ ئاسىم ئوغرىنىڭ ئۆچ ئاداۋىتى ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بەتنىيەت، پەسكەش، نامەرت كىشىلەر دائىم بىگۇناھ، ئالىجاناپ كىشىلەرنىڭ ئۇلىنى كولايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى قورقۇنچاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇق خاراكتىر تۈپەيلى شەرمەندىلەرچە ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەكچى بولىدۇ. ئەمما پۇرسەت ۋە ۋاقىت ھەقىقەتەن ئادىلدۇر. گەرچە ئاسىم ئوغرى 《ئاسىگۈل》ئارقىلىق رەقىبى ئىنايەت ساقچىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدىكى يامانلىق ۋە رەزىللىك تۈپەيلىدىن تىگىشلىك جازاسىنى تارتتى. ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ئىنايەت ساقچى ئائىلىسى تۆلىگەن بەدەلدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولدى. يەنى ئاسىم ئوغرى كۈيۈنۈش، كۈتۈنۈشتىن بەھرىمان بولالماي ئەركىن دۇنيانىڭ سىرتىدىكى تۈمۈر قەپەستە ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككنجى ئوغلى داۋۇتنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىنسانى پەزىلىتى ئۇنىڭ قارا قولى ئاستىدا بىر بىرلەپ خازان بولدى.
ئىنايەت ساقچى ئائىلىسى بىلەن ئاسىم ئوغرى ئائىلىسىىدىكى روشەن سېلىشتۇرما دىتاللاردىن كۆرۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئائىلە شارائىتى ۋە ئائىلە تەربىيىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئائىلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزغا كۈيۈنەيلى، كۆڭۈل بۆلەيلى. ئۇلار تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالمىسۇن.

2013- يىل 10- يانۋار

پايدىلانما ماتىرياللار

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پوۋېستىلىرىدىن نەمۇنىلەر، 《تاش شەھەردىكى ئايال》، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2013- يىل 7- ئاي 1- نەشىرى
               

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3888
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 11:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا بەرگۈچىنىڭ ئاخىرقى باھاسى  سەل ئاددى بۇلۇپ قېپتۇ ،

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش