«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ 2013-يىللىق
خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە ۋە 2014- يىلىدا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر
1.«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە
يېڭى يىلنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھەممىمىز بىر يىللىق ئىشلىگەن ئىشلىرىمىزنى خۇلاسىلەۋاتقان ۋاقىتتا بىز يازغۇچىلار تورىمۇ ئۆزىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ باقتۇق. 2013-يىلى يازغۇچىلار تورى ئۆزىنىڭ بۇ بىر يىلدا جەمئىيەت ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردۇق؟ دەپ خېلى ئۇزاق ئويلاندۇق. تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنيا. بۇ مەۋھۇم دۇنيادا خىلمۇ-خىل ئاپتور ۋە ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ، خىلمۇ-خىل ئەسەرلىرىگە يولۇقتۇق. 2014-يىلىنىڭ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق تورداش ۋە ئاپتورلىرىمىزغا قىزغىن سالىمىمىزنى يوللايمىز! شۇنىڭ بىللەن بىللە يەنە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىننەتسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەن بارلىق مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمىز.
1) تورىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبييات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيىلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللار ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ۋاقتىدا يوللاپ مۇنبەرداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردۇق.
2) تورىمىزنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە ئەزا سانى 3000گە، تېما سانى 9941 گە، ئىنكاس 95058 گە يەتتتى، تورىمىزنىڭ كۈندىلىك چىكىلىش قېتىم سانى 15000 قېتىمدىن 18000 قېتىم ئارلىقىدا بولماقتا. دېمەك تورىمىزدا ئەزالارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىش، تېمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولۇشتەك ھالەت شەكىللەندى.
يازمىلارنىڭ ساننىڭ تېمىلار بۆلۈنۈشى مۇنداق: (بۇنىڭغا ئىنكاس ۋە تېما قۇشۇپ ھېسابلانغان) ئىچىدە شېئىرىيەتكە تەۋە يازما 44840 دانە بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. مەتبۇئاتلار كاتالوگى 7677 دانە بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئۇچۇرلار 4562 دانە بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. نەسىر 3842 پارچە بولۇپ، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان. يېڭى كىتاب تەكچىسى 3629 بولۇپ، بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان. پىروزا 3514 پارچە بولۇپ، ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئەدەبىي تەنقىد 3218 بولۇپ يەتتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
3) دۇنيا ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى شۇنداقلا رايونىمىز ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار كۆپلىگەن ئەدەبىي ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلدۇق.
4) يازغۇچىلار تورى باشقۇرغۇچىلار QQ توپى قايتا تەرتىپكە سېلىندى ۋە باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى رەتكە سېلىندى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى كونكېرىت باشقۇرىدىغان سەھىپىلىرى بېكىتىلىپ تور مۇھەررىرلىكى سىسىتېمىلاشتۇرۇلدى.
5) بىر تۈركۈم ياش ھەۋەسكارلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، ئىلھام بەردۇق.
5) تورىمىز باشقۇرغۇچىلىرىنى 2013-يىلى چاقىرىلغان «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، ياش يازغۇچىلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ تورىمىزنىڭ ئەسەر ئۆتكەل ۋە دەۋر تەلىپىگە ماس ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدۇق.
6) تورىمىز مەخسۇس تەكلىپلىك باش مۇھەررىر تەكلىپ قىلىپ، مۇھەررىرلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، تورنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇردۇق.
7) تورىمىزدىن ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ «ئېرىمنىڭ كىچىك خوتۇنى» ناملىق ئەسىرى(ئادرېسى: http://bbs. xjzjxh. com/forum. php?
mod=viewthread&tid=13281&extra=page%3D1 )
2013-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە قىلىندى. بۇ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىلغاندىن بۇيان توردىن نامزاتلىققا كىرگەن تۇنجى ئەسەر بولۇپ قالدى.
2. شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ 2014- يىلىدا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلىرى
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى 2014-يىللىق پىلانى ۋە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلىرىنى ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەن ۋە يېتەرسىزلىككەرنى، تەكلىپ –پىكىرلەرنى ئويلاشقان ئاساستا تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1) «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئورگان تورى بولۇش سۈپىتى بىلەن يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ خىزمەتلىرىنى، يازغۇچىلار جەمئىيىىتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى، ئىجادىيەت خەۋەرلىرىنى، ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىنى، يازغۇچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى داۋاملىق خەۋەر قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ كەڭ ئەدەبىيات ئەھلىنى، تور ئوقۇرمەنلىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىدۇ.
2) تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى تورىمىزغا يوللاش ئارقىلىق كەڭ ئورقۇمەنلەرنىڭ باھاسى ۋە پىكىرى ئېلىنىپ، ئەدەبىيات دىمۇكراتيىسى كەڭ تۈردە جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
3) شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئارقىلىق ھەر خىل ئەدەبىيات پائالىيەتلىرى، ئىجادىيەت سىمانارىيەلىرى تەشكىللىنىپ كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ يازغۇچىلار تورنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.
4) تورىمىزغا ئەسەر يوللاشتا ساننى سۈپەتكە بېقىندۇرۇش پىرىنسپى ئاساس قىلىنىپ كەڭ تور ئاپتۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تېز تەستىقلىنىشىغا ۋە ئۇنىڭ تور ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
5) شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلىنغان ھەم باشقا مەتبۇئات، باشقا تورلاردا ئېلان قىلىنمىغان ئەسلى ئىجادىيەت تىپىدىكى ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش (تەپسىلاتى تۈزۈلمەكتە)پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
6) شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلىنغان ھەم باشقا مەتبۇئات، باشقا تورلاردا ئېلان قىلىنمىغان ئەسلى ئىجادىيەت تىپىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىن مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان ئەسەرلەرنى تاللاپ، توپلاپ، توپلام تۈزۈپ نەشر قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.
7) شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنى تەشكىللەش، تەھررىرلىك، كورىكتورلۇق، تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر مۇھەررىرلەرنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
8) ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر يەنى، «ياش قەلەم» سەھپىسى، مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش ئىشى قاتارلىقلار چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنگەندىن سىرت، تورىمىز مۇلازىمىتىرىنىڭ مۇقىم خىزمەت قىلىپ تۇرۇشىغا تورنىڭ داۋاملىق ئۇچۇق ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» باشقۇرۇش گۇرۇپىسى
2014-يىل 1-ئاي