2013-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2013-يىلى 28-دېكابىر، 2013-يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتى ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيوم» تېمىسىدا قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەرگە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو يازغۇچىلارجەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سېكرېتارىيتىنىڭ سېكرېتارى بەي گېڭشىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، داڭلىق موڭغۇل يازغۇچى مالچىنخۇ، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشىرىيات گۇرۇھى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەكبەر مىجىت، گې شياۋجېڭ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ، جۇڭگو مىللەتلەر تىل يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنخۈي، باش ئالىي تەرجىمان ئالىمجان سابىت قاتارلىق بېيجىڭدىكى بىر قىسىم تەھرىر باھالىغۇچى، يازغۇچى، تەرجىمانلار، شۇنىڭدەك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر قىسىم يازغۇچىلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا قاتناشتى.
بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن سۇيۇڭچىڭ تەرجىمە قىلغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە)نىڭ 2013-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان، زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىتنىڭ «ئاخىرقى كۈز» ناملىق ھېكايىسى، بەگمەت يۈسۈپنىڭ نەسىرلىرى، ئابدۇللا غاپپارنىڭ بىر تەرجىمە ئەسىرى ۋە ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ «ۋاقىت ئېقىنىدىن ئۆتۈش» (ئاپتورى جىدىماجيا) ناملىق تەرجىمە شېئىرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.