كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېھىم زۇنۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2396
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:15:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    untitled.bmp


ئابدۇرېھىم زۇنۇن 1962- يىلى 10- ئاپرېل قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. 1984 - يىلى 7- ئايدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان. 1991- يىلى 9- ئايدىن 1993- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. 2000- يىلى 10- ئايدا تىل - ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوتسېنتلىق ۋەزىپە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1989 – يىلىدىن باشلاپ تىل فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، ئىلمىي باشقارما ئىلمىي بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئىلمىي باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2001 – يىلى 8- ئايدىن باشلاپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ژۇرناللار تەھرىراتىنىڭ مۇدىرى؛ «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە)نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.

    ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1982- يىللىق 11 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «سۆي» سەرلەۋھىلىك شېئىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسر ، رۇبائىي، تۇيۇقلىرى؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى» ۋە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى»نى تەتقىقات نىشانى قىلغان 56 پارچە ئىلمىي، نەزەرىيەۋى ۋە ئوبزور ماقالىلىرى ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان.  

    ئۇنىڭ 1990- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تاڭدىكى ئۇچقۇنلار» (باشقىلار بىلەن)، 2000- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «بۇلاققا سىرداش خىياللار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. «ئارزۇ بوستانى»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»، «مۇكاپاتلانغان شېئىرلار»، «تاللانغان رۇبائىيلار»، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»... قاتارلىق سەككىز كىتابقا 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

    ئۇنىڭ تۈزگەن كىتابلىرىدىن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (باشقىلار بىلەن)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»؛ «خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئومۇمىي تەكرارى» (باشقىلار بىلەن) قاتارلىقلار؛ تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىدىن: «ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «ماركسىزملىق پەلسەپە قائىدىلىرى»، «قانۇن دەرسلىكى»، «ئەخلاق تەربىيىسى»، «پېداگوگىكا»، «پسىخولوگىيە» (باشقىلار بىلەن) قاتارلىق 12 كىتابى نەشىر قىلىنىپ، بىر قىسمى دەرسلىك ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ۋە قوللىنىلىۋاتىدۇ.

     2006– يىلىدىن بۇيان «خوتەن دىيالېكىتى ھەققىدە تەتقىقات» (2- ئاپتور)، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى قىسمەن كلاسسىك شەكىللەر ئۈستىدە تەتقىقات» ۋە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۈرلەر ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۆزى مۇستەقىل ھالدا مۇشۇ تېمىلار ھەققىدە 12 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

    ئۇ 1990- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن چاغ» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 2003 - يىلى مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ناخشا تېكىستى ئىجادىيىتىدە «جۈپ گۆھەر» بىلەن 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 2005- يىلى «باشلىق ئۈچۈن ئىشلەيمەن» سەرلەۋھىلىك بىر يۈرۈش ھەجۋىي شېئىرلىرى بىلەن 14- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق بىر قەدەر نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن باشقا، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللار تەرىپىدىن 20 قېتىم ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭداش ۋە شەكىلداش سۆزلەر توغرىسىدا» قاتارلىق ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەكتەپ پارتكومى ۋە مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئالاھىدە بولغاچقا، 1999- يىلى دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «زېڭ شەنجيې فوندى» 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان. «جۇڭگودىكى مەشھۇر كىشىلەر قامۇسى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق كىتاب، گېزىت - ژۇرناللاردا جەمئىي تۆت قېتىم ئىش – پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

   ئۇ ھازىر شىنجاڭدىكى ئالىي  مەكتەپلەر ئىلمىي ژۇرناللىرى بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش