كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 0

تور:ئابدۇقادىر مەتسېدىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور

(ھىكايە)



ئابدۇقادىر مەتسېدىق



سائەت دىگەن نىمىگە شۇنداقمۇ ئۆچ بولدۇم.كۆزلەر خۇمارلىشىپ،تانسىچى قىزلار ئەمدى ئەۋرىشىم بولۇپ كەلگەندە،ساقى بىلىكىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن توڭ قاغىدەك قاقىلداپ:

—سائەتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ،سورۇنىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسا،-دەپ بىر ئوبدان قىزىۋاتقان بەزمىنىڭ ئاخىرىغا توككىدە چېكىت  قويۇپ قويغان.

   ئەتتىگەندە بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتسام ئايالىم نوقۇپ:

—تۇرۇڭ ئەمدى، سائەت توشقىلى ئاز قالدى،خىزمەتكە كېچىكىپ قالىمىز،-دەپ يوتقاننى ئېچىۋەتكەن.

كېچىكىپ قالغانغا نىمە بولاتتى؟ بالدۇر بارسىمۇ،كېيىن بارسىمۇ،بەرىبىر خىزمەت دىگەن تۈگەپ قالاتتىمۇ؟ يۈگۈرۈپ بېرىپ تالىشىدىغانغا يەيدىغان،ياكى كىيىدىغان نەرسىمىتى ئۇ؟ بەزىلەرنىڭ ئىشخانىغا قاتىراپ كىچىك بالىدەك پالاقشىپ يۈگرەشلىرىگە ھەيرانمەن،ئۇلارنى بىرسى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتەمدىكىن تاڭ؟ يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن،چىشى چۈشۈپ كەتكەنلەردىن كۈرمىڭنى كۆرگەن كۆردۈم. بېشى ئاسمانغا تاقاشماپتۇ ئۇلارنىڭ، يەنىلا بىزدەك يەرگە دەسسەپ ماڭىدىكەن.

  بىر كۈنى باشلىق مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى:

—قولىڭىزدا سائەت يوقما؟

—بار.

—توغرا ماڭامدا؟

—دىققەت قىلماپتىمەن.

باشلىقنىڭ سەپرايى قىرىق گەز ئۆرلىدى:

—قولىڭىزدىكىنى بىلەيزۈكمىكىن دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ نىمانداق كۈندە سۆرىلىپ كېلىسىز ھورۇن خوتۇننىڭ پايتمىسىدەك؟

—نېمە كارىڭىز؟

باشلىق ئاغزىمغا قاراپ ھاڭۋېقىپلا قالدى. توۋا دەيمەن، ئادەمنى ئاتا-ئانىسى مىڭبىر جاپادا بېقىپ، ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشۇپ قويسا، باشقۇرۇدىغانلار ئەجەپمۇ جىقكىنا؟ ئادەمنىڭ زاكىسى ھۆل بولۇپ قالغاندا، ئەمچەك ئىزدەپ قىر-قىر يىغلىغاندا نەدە قالغان بولغىيتتىكىن ئۇ «غوجام»لار؟

بىر كۈنى ئىدارە مەجلىسخانىسىدا يىغىن ئېچىلدى. باشلىق ھېلى بىرسىنى ماختايدۇ، ھېلى بىرسىنى تەنقىتلەيدۇ؛ ھېلى جاۋغايلىرىدىن ماغزاپ چاچرىتىپ بىرنىمىلەرنى ئوقۇيدۇ، چۈشەندۈرىدۇ. نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ بولالماي بېشىم ئاغرىپ كەتتى. زېرىككىنىمدىن ئاستا قوپۇپ سىرتقا ماڭدىم.

—نەگە بارىسىز؟سائەت تېخى توشمىدى،-دېدى باشلىق كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.

—ھاجەت قىلىپ كىرەي.

مەن بىكاردىن بىكار ھاجەتخانىغا باردىم. ئۇ يەردە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم. ھېچكىم كېلىپ «ۋاقىت توشتى، چىقىپ كېتىڭ»دېمىدى. ھاجەتخانىنىڭ تېمىغا قاراپ باقسام لېگەندەك يوغان سائەتمۇ ئېسىپ قويۇلماپتۇ. مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بويىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ئالدىرىماي تاسمامنى چىڭىتىپ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم.ئىشخانا ئالدىغا كەلسەم،يىغىن تۈگەپتۇ.كىمدۇر بىرسىنىڭ «بىر سائەت يوق دەپ يېزىپ قويۇڭ» دېگىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

بۈگۈن ئىدارىدا مائاش تارقىتىلدى،بىراق قولۇمغا ئازراقلا پۇل تەگدى.سۈرۈشتۈرسەم خىزمەتكە كېچىككەن ۋاقتىمنى جەملەپ، ئۇنى ئۈچ قاتلاپ جازاغا بىرمۇنچە پۇل تۇتۇۋاپتۇ.

—نىمانداق قاتلىشىپ قالىدىغان نىمە ئۇ؟-دېدىم زەردە بىلەن.

—بەلگىلىمە شۇنداق،-دېدى كاسسىر پەرۋاسىزلا. ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتىم.

سائەتتىن قۇتۇلالماي تۇرسام ئەمدى «بەلگىلىمە»چىقتى، قانداق دېگەن گەپ بۇ؟

مائاشنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسەم، خوتۇن بىرمۇنچە سوراق ئەتتى، بىرنېمىلەرنى دەپ چالۋاقاپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. توۋا، خوتۇن دىگەنمۇ «سائەت»،«باشلىق»، «بەلگىلىمە»...دىگەنلەر بىلەن ئوخشاشلا بىرنەرسە ئوخشىمامدۇ؟

مەن ئۆزۈمنى خۇددى قاتمۇ-قات ئۆمۈچۈك تورىغا چۈشۈپ قالغان بىچارە چىۋىندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.





(بۇ ھېكايە 1998-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ يىلى ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.)





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش