كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 1

خىلۋەتتىكى مەھەللە:ئەنۋەر ناسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلۋەتتىكى مەھەللە



(پوۋېست)



ئەنۋەر ناسىرى



تەمىتە مەھەللىسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە كۆز يەتكۈسىز بىنەم سوزۇلۇپ ياتىدۇ. غارتاش جىلغىسىدىن ئېقىپ كېلىدىغان بىلەكتەك توملۇقتىكى ئابىھايات كەۋسىرى بۇ ئاۋارە مەھەللىنىڭ قېرىپ كەتكەن توپا چىراي دەل-دەرەخلىرىگە ھېچقانچە ئۇسسۇزلۇق بېرەلمەيدۇ. تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ تىمتاس ماكانغا باھار قۇشلىرىمۇ كېچىكىپ كېلىدۇ. تۆگە ئۆركىشىدەك چوقچاراپ تۇرغان سوقما تاملىق پاكار ئۆيلەر كىشىگە ئاللىقانداق غېرىبلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ يەرلىكلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ قىشى ئۇزۇن، دېكابىرنىڭ ئاخىرى گۈپپىدە بېسىۋالغان ئاق قار تاكى ئاپرېلغىچە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى سۈرىدۇ. قار-مۇزلار ئاستا-ئاستا ئېرىپ ئەگىزلەردىن ھاسىل بولغان قىيان ئۆتۈپ كەتكەندىلا بۇ يەرلىكلەر تىرىكچىلىكنىڭ ھەلەكچىلىكىگە ئۆتىدۇ. ئۇلار، ئۇلاق ساپان بىلەنلا بىنەمنى ئاغدۇرۇپ بوشىغان توپىغا ئۆزلىرى ئىلغىۋالغان ئۇرۇقلارنى قول بىلەنلا چېچىپ سۆرەمنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن قالغىنىنى خۇداغا ئامانەت قالدۇرىدۇ. بۇغداي پىششىقىدا ئېتىز بېشىغا بىراقلا چىقىپ باھار يامغۇرى نەمدەپ ئۆتكەن شاپائەت بىلەن غولى ئارانلا غېرىچ كۆتۈرۈلگەن باشاقلارنى يىلتىزى بىلەنلا سىقىم-سىقىم يۇلۇۋېلىپ ساي بېشىدىلا تولۇقلاپ چەشلىشىدۇ. ئاز ياكى كۆپ ھوسۇل ئالسۇن خۇدانىڭ بەرگىنىگە شۈكرى-سانا ئېيتىپ قوچقار بوۋىسىدىن تارتىپ رېتىمىغا چۈشكەن ھاياتنى يەنە داۋام ئېتىدۇ.

ئەنە شۇ مەھەللىدە يەھيا ئىسىملىك بىر سازەندە بار. ئۇ تەمبۈر، دۇتارغا ماھىر، ناخشىنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان سورۇنلۇقى بار يىگىت. بويىغا يەتكەن خېلى-خېلى قىزلار يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا ئوتلۇق بېقىشىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ يىگىتنىڭ پىنھان يېرىدە ئاجايىپ بىر شېرىن ئازاب بار. چۈنكى ئۇ قوشنا مەھەللىدىكى بىر گۈزەلگە ئاشىق-بىقارار، كۈزدىكى بىر مەشرەپتە ئۇنىڭغا راستىنىلا ئامەت كەلدى. بۇ مەشرەپكە ئاسىيەمۇ كەلگەن ئىدى. يەھيانىڭ كۆزلىرى يۇلتۇزدەك چاقناپ پۈتۈن ۋۇجۇدى خام قايماقتەك ئېرىپ كەتتى. «گۇڭ بولمىسا، مۇڭ بولمايدۇ» ئىلھامى كەلمىسە ساز-ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن يەھياغا جان كىرگەن، تەمبۈرگە زۇۋان كىرگەن ئاجايىپ بىر كۈن بولدى. مانا بۇنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ سېھرى-جادۇسى ئىدى. مەشرەپ كاتتا پەيزىلىك ئۆتتى. ئەگەر تېقىمىدا سۇمبۇللىرىنى يىلاندەك سويلۇتۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاسىيەنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى يەھياغا نەچچە رەت لەپ-لەپ باقتى. ئۈنسىز بېقىشلار قانچىلىك شېرىن، قانچىلىك تەسىرلىك دېسىڭىزچۇ…

تەقدىر ئۇلارنى بىر ياستۇققا باش قويغۇزدى. توي مۇشۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئاددىيلا راسلانغان داستىخان، ئەمما چۈنچۈن سالىۋاتتىن باشلانغان ناخشا-ساز بىلەن ئۆز لايىقىدا قىزىق ئۆتتى. تويمۇ تۈگىدى، يەھيا خىيالىدىكى پەرىسىگىمۇ ئىگە بولدى. ئۇچقۇر ۋاقىت كۈنلەردىن ئايلارنى، ئايلاردىن يىللارنى ياساپ ھايت-ھۇيت دېگۈچە سەككىز يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئەپسۇس، ئاسىيە قورساق كۆتۈرمىدى. يەھيا بۇنىڭدىن قانچە ئارامسىزلانسىمۇ تېشىدا ھېيت ئويناپ، ئىچىدە روزا تۇتتى. ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تاپا-تەنە قىلىپ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سەپكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاسىيە بىلەن ئۆي تۇتۇۋەردى. كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ سىرلىق تىلسىمات. سەن بىرىنى چىن دىلىڭدىن ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ، بولدى ئۇنىڭ ھەرقانچە ئەيىبلىرىمۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى قەدىر-قىممىتى بىلەن سۆيۈملۈك، ئۇ تارتمىلىقى بىلەن يەنىلا قەلب تۆرۈڭدە ئورۇن ئالغىنى ئالغان. يەھيانىڭ نەزىرىدە ئاسىيە دەل شۇنداق سۆيۈملۈك ئىدى. سەككىز يىلدىن بېرى بالا يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ چوڭ خاپىلىق يۈز بەرگىنى يوق، ئاسىيەنىڭ پەرىدەكلا چىرايى، يېقىملىق كۈلكىسى، تارتمىلىق خۇلقى يەھيانىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىك تۇمانلىرىنى تارقىتىپ كېلىۋاتاتتى. ياخشى كۆرۈش كۈندەشلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇ، ئاسىيەنى ئەنە شۇنداق چىن دىلىدىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈنمۇ يات كۆزلەردىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلاتتى.

نېمىشقىدۇر يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى يەھيا تېرىككەك، تەرسا بولۇۋالدى. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغىمۇ چېچىلىپ نەچچە كۈنلەرگىچە قاپىقى ئېچىلمايتتى. يەھيانىڭ خاپىلىقى ئاسىيەگە سىر ئەمەس. شۇڭا ئۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېمەيتتى. قايسى كۈنى ئاسىيە ئېرىققا سۇ ئالغىلى چىقتى. ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان مىرشات بىلەن ئېرىق بويىدا ئۇچرىشىپ قالدى.

−ئاسىيە! … ياخشىمۇسىز؟

−ۋىيەي، مىرشاتمۇ سىز؟ بۇياقلاردا نېمىش قىلىپ يۈرىسىز؟- ئاسىيەنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى. گەرچە ئۇ چاندۇرمىدىم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ يۈزلىرىگە تەپكەن قىزىللىق ئۇنىڭ چالغىپ كەتكەن يۈرەك كۆلىنى ئەسلا يوشۇرۇپ قالالمىدى.

−مەكتىپىڭلارغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلدىم.

−مۇنداق دەڭ!…

−ئەمدى بالىڭىزغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم.

ئاسىيە قوزا چىشلىرى بىلەن ئاستىنقى لېۋىنى قاتتىق چىشلىۋالغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى.

−نېمانچە قىزىرىسىز؟

−ئۆزۈمچە.

−بۇرۇنقىدەكلا چىرايلىق تۇرۇپسىز.

−ئەجەب زاڭلىق قىلىپ كەتتىڭىزا، بولدىلا، ھەربىيلىككە كېتىپلا سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتتىڭىز؟ تېخى سىزنى تاغدا يول ياساۋېتىپ ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.

−تۆت يىل قارىقاشتا بولدۇم. ئارىلىق يىراق كېلىپ تۇرالمىدىم. يېقىندا ھەربىيلىكتىن بوشىنىپ قايتىپ كەلدىم. ناھىيەدىن مۇشۇ يەرگە بۆلدى. ھە، راست تويىڭىزنى تەبرىكلىيەلمىدىم، تۇرمۇشۇڭلار ياخشىدۇ؟

−ئۇچۇپ كەتكەن ئۆزىڭىز، تويۇمنى مۇبارەكلەپ نېمە قىلاتتىڭىز؟! تۇرمۇشۇمنى دەمسىز؟ رىزقىغا چۇشلۇق دەڭا…

−قانچە بالاڭلار بار؟

−نېمە دېسەم بولار، خۇدا بالا بەرمىدىغۇ ئەجەب، ئىگە-چاقىسىز بىر قىزنى بېقىۋالدۇق.

−ساۋاب تاپقانغا يېتەمدۇ. قىزىڭلار ئوقۇۋاتامدۇ؟

−نەدىكىنى، توققۇزغا كىردى تېخىچە «ئا» نى بىلمەيدۇ.

−مەكتەپكە بېرىڭلار، ئۆزۈم ئوقۇتىمەن.

−نەگە جايلاشتىڭىز؟- ئاسىيە گەپنى بۇرىدى.

−ئىشخانىنى ياتاق قىلىپ ياتتىم.

−ھەربىي دېگەن چىدايدۇ-دە!

−كۆنۈپ كەتتۇق دەڭا.

ئۇلارنىڭ پارىڭى شۇ جايدا ئۈزۈلۈپ قالدى. تامنىڭ ئارقىسىدىن يەھيانىڭ ئاۋازى كەلدى.

−ھوي ئاسىيە! قورساق ناغرا چېلىپ كەتتىغۇ!…

ئاسىيە ھويلىنىڭ پاكار قورۇقىنىڭ ئۇ چېتىدە گەۋدىسىنىڭ يېرىمى كۆرۈنۈپ تۇرغان يەھيانى كۆردى.

−خوش ئەمىسە!- دېدى مىرشات يولغا چۈشۈپ.

−بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىڭ! بىزنىڭ ئادەم ئۇنچە ئاڭسىزلاردىن ئەمەس.

−رەھمەت، سېكرېتارنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. كېيىنچە لەغمىنىڭىزنى يېگىلى كېلەرمەن.

مىرشات ئالدىراپ كېتىپ قالدى. ئاسىيەمۇ ئېرىققا پاتۇرۇپ بىر چېلەك سۇ ئالدى-دە، ئارقىسىغا قايرىلدى.

−ئۇ كىم؟!

يەھيا ھويلىغا ئەمدىلا ئاياغ باسقان ئاسىيەگە مىقتەك قادىلىپ سورىدى.

−باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. بىزنىڭ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەپتۇ.

−ساۋاقداش دېگىن،- يەھيا دىمىغىنى قېقىپ قويدى،- چېيىڭغا تېزرەك ئوت قالا!

ئۇ شۇنداق دەپلا باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئالدىغا ئۇچرىغا چار مىكىياننى بىر تېپىپلا ۋاقاقشىتىۋەتتى. گۈللۈك موخوركا خالتىسىنى چىقىرىپ كۆك تاماكىنى پىنەكچە ئورىدى. يەھياغا ئاسىيەنىڭ ئېرىق بويىدا بايامقى ئەپەندىگە ئەركىلىگەندەك خۇشخۇي گەپ قىلىشلىرى ياقماي قالغانتى. ئۇ قېرى ئالمىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئاچچىق موخوركىنى ئىچىگە كۈچەپ شوراشقا باشلىدى…

2

مىرشات ياتاق دېرىزىسىدىن سىرتقا نەزەر سالدى. جىمجىت مەكتەپ ھويلىسى كەچكى گۇگۇمدا مۇڭايغان، زېرىكىشلىك كۆرۈنەتتى. توپ مەيدانى، بۇلۇڭپ-پۇشقاقلاردا بوي تارتىپ كەتكەن لويلا ئوت، ياۋا كەندىر، چاققاق ئوت، خوخا تىكەن، سېسىق قوراي ۋە ئۇلارغا چىرمىشىپ كەتكەن يۆگىمەچلەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. سوقما تاملىق ئاۋارە سىنىپلار، ئۆگزىدىكى ئورغاق تەگكۈدەك بولغان ياۋا ئوتلار… سىنىپ دېرىزىلىرىگە تارتىلغان كىليۇنكىلار، ئاۋۇ خالتىلىشىپ قالغان ۋاسكېتبول سېتكىسىنى قايسىبىر كەپسىز بالىلار ئوتتۇرىسىدىن بەكە بىلەن كېسىپ يوغان تۆشۈك ئېچىپ قويغان… ئەيتاۋۇر ھەممە نەرسە شۇنداق كونا، ئەبجەق ئىدى. مىرشات ئېچىنىش بىلەن ئېغىر تىندى. قوشۇما قاشلىرى ھىمىرىلدى، كۆزلىرىدىن ئەلەم، ئېچىنىش ئۇچقۇنلىرى چاچرىدى. «مانا بۇ خىزمەت ھاياتىم باشلانغان جاي،- دەپ ئويلىدى ئۇ خورسىنىش بىلەن،- مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلىمەن، بەلكىم مەڭگۈ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىممۇ، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ يىلتىز تارتىشىممۇ مۇمكىن. مانا بۇ بىزنىڭ 80-يىللاردىكى ئادەم تەربىيەلەيدىغان مەرىپەت ئوچىقىمىزنىڭ ھالى… ئەسكەر بولۇپ قانچە كۈچەپ ئىشلىسەممۇ ھەربىي كادىر بولۇش نېسىپ بولمىدى، قاسساپنى ناۋايغا سالغاندەك ئەمدى كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىپ قويدى. قېرىشقاندەك ئاسىيەنىڭ بۇ مەھەللىدە بولۇپ قالغىنىچۇ؟! خۇدايا توۋا، دۇنيادا ئاجايىپ قىزىق ئىشلار بولىدىكەن-ھە! ھېلىقى كېچىسى ئاسىيە مەيدەمگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سانىغان، ئۆزىنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدىگەن، مەڭزىمگە سۆيگەن ئىدى. ئۇنىڭ يۇمران كۆكسىنى خويمۇ مۇجىۋالغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇ، بىر سازەندىنىڭ قوينىدا ئۇنىڭ تەرلىرىنى پۇراپ يېتىپتۇ… قارىغاندا بۇ يەردىكى كۈنلەرنى جاپادا ئۆتكۈزگىدەكمەن». ئۇ دېرىزە ئالدىدا ئۇزاق خىيال سۈرۈپ تۇردى. تالادا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كۆككە باقتى، يۇلتۇزلار ئاۋۋالقىدەكلا غەمسىز ئىدى…

مەكتەپ ئىشخانىسى قىلىنغان بۇ ئۆي بەش نەپەر ئوقۇتقۇچىغا تار كېلىپ قالغانتى. تەكچە ئالدىغا مىرشاتنىڭ كارىۋىتى قويۇلغاندىن بېرى بۇرۇندىنلا قىستاڭ ئىشخانا تېخىمۇ تارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان جوزا ئۈستىدىكى تىكتاك توپ تاختىسى تاپشۇرۇق دەپتەر، سېركول، بور قۇتىسى… قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. A سىنىپ، B سىنىپنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى دائىملا ئارىلىشىپ كېتىپ بىرمۇنچە غۇت-غۇتلارغا سەۋەبچى بولاتتى. سەھرالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي چەككەن تاماكىسىدىن چىققان ئاچچىق ئىس ئايال ئوقۇتقۇچى بايقۇشلارنى جاق تويغۇزاتتى. بۇ خىل شارائىتقا بىرىنچى بولۇپ ئۆكتە قوپقانمۇ مىرشات بولدى. مەكتەپ مۇدىرى توختاخۇن بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم دېيىشىپ قالدى. ئۇ ئىگىلىگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى يىغىندا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

−مەكتەپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش شوئارى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ئىئانە قىلغان پۇللارغا 50 تۇياق قوي قىلىپ بېقىشقا بەرگەنىكەن، بەش يىلدىن بېرى بىرمۇ تۆل قېتىلمىغان، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ 50 ساغلىقنىڭ بەش يىللىق تۆلىنى بۆرە يەپ كەتتىمۇ؟ بىز بۇ قويلاردىن پايدا ئالماقتا يوق يۇقىرى ئاجراتقان ئوقۇتۇش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمى ئاشۇ ئاينىماس قويلارنىڭ گېلىغا قوناق، كېپەك، بېدە بولۇپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. يۇرتىمىز نامرات، دېھقانلىرىمىز تېخىمۇ نامرات، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئالما دېسە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل يىغىۋاتىمىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى ھەدەپ ئېغىرلىتىۋاتىمىز. قايسى ھۆججەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەدەل پۇلى ئېلىش كېرەك دېگەن، ئەلۋەتتە بۇنداق تۈزۈم يوق، مەكتەپ يېقىندا يولغا قويغان ئېھتىيات پۇلى دېگەن بىر نېمىنى بىكار قىلماي بولمايدۇ. سۇنمىغان، چېقىلمىغان نەرسىگە ئالدىنئالا ئېھتىيات پۇلى يىغىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟! مۇشۇ تۈپەيلى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر مالىيە باشقۇرۇشنى چىڭايتساق، خىراجەتنى ئۆز لايىقىدا ئىشلەتسەك مەكتەپ شارائىتىمىزمۇ ياخشىلىنىپ قالار ئىدى. نۇرغۇنلىغان بالىلار يەنە مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلەتتى…

مىرشات سۆزلەپ بولدى. يىغىن ئەھلى جىماقاپ كېتىشتى. ئىشخانا ئىچىنى شۇنداق بىر خىل بۇرۇقتۇمچىلىق ھۆكۈمرانلىققا ئالدىكى ئەيھانناس!… توختاخۇن مۇدىرنىڭ چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ، چىرايى مۇردىنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتتى. ئۇ بارماقلىرى بىلەن شىرەنى تىرىقلىتىپ مىرشاتقا مىقتەك قادىلىپ قالغانتى.

−يىغىن تامام،- مۇدىر ئارانلا شۇنداق دېيەلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق زەئىپ ئىدىكى، ئاۋازى يەرنىڭ تېگىدىن كەلگەندەكلا بوش چىقتى.

ئوقۇتقۇچىلار تارقاپ كېتىشتى. ئەمدى مۇدىر بىلەن مىرشاتلا قالغانتى.

−ھەي، كەلداخۇن،- بىردىنلا مۇدىرنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ كەتتى،- ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت دېگەننى ئاڭلىمىغان ھەمتىلەك ئوخشىمامسەنۇي. سەن ئۆزۈڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟ مەن دېگەن 30 يىللىق مەكتەپ مۇدىرى جۇمۇ. سەندەك قوڭالتاقتىن نەچچىنى كۆرگەنمەن. ئۆزۈڭچە مەكتەپتە ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى، ياق، ئالا توپىلاڭ كۆتەرمەكچىمۇ-ھە؟! ساڭا ئېيتىپ قوياي ھوشۇڭنى يىغىپ يۈر بولمىسا ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالازغا ئورىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن دېگەندەك ئىش بولۇپ قالىسەن…

دەل شۇ چاغدا ئىشىك بوشقىنە چېكىلدى.

−كىرىڭ!

−ھوي، توختاخۇنكاممۇ بارىكەندە،- ئاسىيە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى،- ئالدىرايمەن كەچلىك تاماققا چاقىرىپ كەلگەنتىم، مەن ياناي.

ئاسىيە تاماققا قانداق تېز كىرگەن بولسا شۇنداق تېز ياندى. توختاخۇن مۇدىر بۇ ئىشتىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ مىرشاتقا سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ:

−تۇغقان ئوخشىمامسىلەر؟- دەپ سوراپ قالدى.

−ساۋاقداش.

−ھە-ئە، «داش» لاردىن دېگىن. «داش» دېگەن جىق گەپ ئۇ. خوش، گەپنىڭ بولار يېرى ئۆزۈڭگە ھېزى بولغايسەن!…

توختاخۇن مۇدىر گۈرسىلدىتىپ چىقىپ كەتتى. تاغدىن − مالچىلارنىڭ قېشىدىن قىمىز ئىچىپ تەڭشىلىپ كېلىۋاتقان يەھيا قاش قارايغان مەزگىلدە ئاسىيەنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئىلدام چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چېلىقتۇرۇپ قالدى. ئۇ قاراگىر ئېتىنى دېۋىتىپ ئاسىيەگە يېقىنلاشتى-دە:

−كۆز باغلانغاندا بۇ يەردە نېمىش قىلىپ يۈرىسەنۇي؟!- دېدى زەردە بىلەن.

−مىرشاتنى تاماققا دەپ قويۇپ چىقىۋاتىمەن. ئەتىگەن سىزگە دېگەنتىمغۇ.

−تولا گەپ يورغىلاتما شەرمەندە،- يەھيا شۇنچە يىلدىن بېرى ئاسىيەگە تۇنجى قېتىم تىل سالدى،- ۋاھ، بۇنىڭ يالغانچىلىقىنى قارا، كىم ئۇنى ئۆيگە چاقىرىپتۇ!؟

−نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز، مېنى يالغانچى قىلماڭ!…

−تولا كاپشىما قانجۇق، سەندەك خوتۇننى…

غەزەپلەنگەن يەھيا ئاسىيەنى قامچا بىلەن نەچچىنى تارتىۋەتتى.

−ئېيتە شەرمەندە، بۇ يەردە نېمىش قىلدىڭ؟

−جېنىم يەھيا، ماڭا ئىشىنىڭ، نېمانداق قىلىسىز، ئۇنى تاماققا چاقىرغىنىم راست، يالغان بولسا ئەنە توختاخۇنكام شۇ يەردە ئىكەن،- ئاسىيە ئۆزلىرى تەرەپكە كېلىۋاتقان توختاخۇن مۇدىرنى ئىما قىلدى.

يەھيانىڭ قامچا كۆتۈرگەن قولى ھاۋادا ئېسىلىپ قالدى. ئۇ توختاخۇن مۇدىرغا قاراپ:

−توختاخۇنكا لىللا گەپ قىلە، ئاسىيەنى ھېلىقى ئەپەندىمنىڭ ياتىقىدا كۆردۈڭمۇ؟- دەپ ئۇدۇللا سورىدى.

−نېمە بولدۇڭلارۇي سەتلىشىپ، ئەركەك ئىتمۇ قانجۇقىنى تالىمايدۇ…

−باشقا گېپىڭنى قوي، ئۇ كىرگەندە سەن ھېلىقى ئەپەندىمنىڭ ياتىقىدا بارمىتىڭ؟

−نېمە چۈشىنىكسىز گەپ قىلىسەن. بۇ كەچتە مەكتەپتە نېمىش قىلىمەن. بارات تۈگمەنچىنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋاتىمەن.

−توختاخۇنكا سىز…

ئاسىيە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تىترەپ كەتتى.

−بولدى قىلىڭلار-ھە، جېدەل قىلىشساڭلار سەت ئەمەسمۇ، ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار، ئەمىسە مەن كەتتىم.

توختاخۇن مۇدىر ياندىكى بىر كوچىغا قايرىلىپلا كىرىپ كەتتى. غەزەپتە جەھلى قاتقان يەھيانىڭ كۆزىگە ئەمدى ھېچنېمە كۆرۈنمەي قالدى. تاراسلاپ تەگكەن قامچا ئازابىدىن ئاسىيە ئاللا-توۋا كۆتۈردى.

−ۋاي ئۆلىدىغان بولدۇم…

ئەنسىز قىيا-چىيادىن مىرشات ئەندىكىپ كەتتى. ئۇ ياتاقتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئات بىلەن قوغلاپ ئاسىيەنى قامچىلاۋاتقان يەھيانىڭ ئالدىنى توستى.

−ھۇ ئاناڭنى ھەزىلەك! سېنىڭ نېرىڭ ئوقۇتقۇچى؟ خەقنىڭ خوتۇنىغا ساقال تاشلىغان سەندەك ھېجىقىزغا بۈگۈن تېتىمايدىغان بولسام.

−ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال. ئادەمگە بۇنداق يالا چاپلىما!

−پاھ، ئەجەب گېپىڭ يوغانغۇ سېنىڭ،- يەھيانىڭ كۆزلىرىگە قان تولدى.

−يەھيا، ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە!

−ھۇ، دەيۈز!

−ئەستاخپۇرۇللا…

−ھۇ، لاتا پىسپاس…

جۇدۇنى ئۆرلىگەن يەھيا ھەممىنى ئۇنتۇدى. مىرشاتقا غەزەپ بىلەن قامچا سالدى. كىچىكىدىن ئوغلاق ئويناپ چوڭ بولغان يەھيا قامچا ئۇرۇشقا ئۇستا ئىدى. ئىلىك پاچقىقى ساپلىق قىلىنغان سىپتا ئۆرۈلگەن قامچا مىرشاتنىڭ بەدىنىنى تىلىم-تىلىم قىلىۋەتتى. تۇيۇقسىز ئارقا مېڭىسىگە تەگكەن قامچا زەربىسىدىن مىرشاتنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتتى. ۋاڭ-چۇڭنى ئاڭلاپ ئۆيدىن چىقىشقان كىشىلەر يەھيانى تۇتۇۋېلىشتى. كەنت باشلىقى قايناپ:

−چۈجە-خورازلاردەك نېمىشقا بۇنچە قان بولۇشۇپ كېتىشتىڭ ھوي! ھەر قانچە ئىش بولسا چىرايلىق دىيىشمەمسەن؟ سەن خەقنى سورايدىغان ھۆكۈمەت يوقمۇ؟ ھوي، يەھيا، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بۇ ئەپەندىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتەيلا دەپ قاپسەنغۇ!- ئۇ توپ ئىچىدە تۇرغان بىرسىنى توۋلىدى،- ھوي قارىۋاي تېز چاپ، ھوشۇر دوختۇرنى چاقىر!

ھېلىقى قارىۋاي دېگىنى بىردەمدىلا يېنىپ كەلدى.

−يارمەتكا، ھوشۇركام ئەتىگەن تاغقا چىقىپ كەتكەنىكەن قايتىپ كەلمەپتۇ،- دېدى ھۆمۈدەپ تۇرۇپ.

−تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!

قەيەردىندۇر بىر ئېشەك ھارۋىسى تېپىپ كېلىندى. ھوشسىز ياتقان مىرشات ھە-ھۇ بىەن ھارۋىغا سېلىندى…

3

شۇ قېتىمقى تاياقتىن مىرشات ياخشى بولالمىدى. ئارقا مېڭىسى قاتتىق زەخىملەنگەچكە مەركىزىي نېرۋىسى كاردىن چىققان ئىدى. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئېسىنى يوقاتقان ئىدى.

بۇ خەۋەر قۇلاقتىن-قۇلاققا يەتتى. يەھيامۇ بۇ سۆزنى ئاڭلىدى. گەرچە ئۇ ئاسىيەنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى خۇشخۇيلۇقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانتى. قولىغا ئالغان تەمبۈرىنى چالماستىن، تەمبۈرگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ زەھەردەك كۆزلىرىدىن قېچىپ ئۆيگە بېكىنىۋالدى. تۈنۈگۈندىن بېرى ساقچىلار يەھيانى تۇتقىدەك دېگەن مىش-مىشلەر كوچىدا ئاۋۇپ قالدى. «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ،- دەپ ئويلىدى يەھيا،- ئۇلار كەلگۈچە قېچىپ قۇتۇلمامدىم. جاھان دېگەننىڭ ئېتىكى كەڭرى».

شۇ كۈنى يەھيا ئېتىغا مىنىپلا بېشىنى ئېلىپ كەتتى. ئاسىيە بۇ كېلىشمەسلىكلەرگە ئۈنسىز ياش تۆكۈش بىلەن تەسەللى بەردى. قورسىقىغا پاتۇرالمىغان چاغلاردىلا قوشنىسى سارىخان ئانىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ دەردلىرىنى تۆكۈپ، ئاز-تولا بولسىمۇ ئىچىنى بوشىتىۋالاتتى. سارىخان ئانىنىڭ نى-نى كەچمىشلەرنى شىپى كەلتۈرۈپ بەرگەن تەسەللى سۆزلىرىگە كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ بىر نەچچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. «ھەي، ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە،- دەپ ئويلايتتى ئىچىدە،- يەھيانىڭ مىجەزىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى تاماققا چاقىرمىغان بولساممۇ مۇشۇنچىلا كۆڭۈل ئاغرىقى تارتماس بولغىيتتىم. مەھەللىداش، ساۋاقداش يەنە… ئۇ دېگەن سويما چاغلاردىكى ئانچىكى ئىشلار، ھەي!… نېمانچە شور پېشانە يارىلىپ قالغاندىمەن… يەھيانى ئەيىبلەشكە ھەققىم يوق. ئەركەك دېگەن ئايال كىشىگە قاتتىق بولغىنى ياخشى، ۋاي خۇدايىم، خۇدا ساقلىسۇن يۇمشاقباش ئەرلەرنى…»

تۈن كېچە، ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى، ئىتلارنىڭ ھاۋشۇشلىرى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزغان ئىدى. كىمدۇر بىرى ئىشىكنى بوشقىنە تارتتى. ئاسىيە چۆچۈپ ئويغاندى. ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سىرتنى تىڭشىدى. ئىشىك يەنە تىرىقشىدى.

−كىم؟

−مەن.

ئاسىيەنىڭ يۈرىكى سېلىپ كەتتى. تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئىلغۇرنى كۆتۈردى.

−ئاسىيە!

−جېنىمغىناڭ!…

ئاسىيەنىڭ بوغۇزىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك سۆزلىيەلمەي قالدى. ئۆيگە كىرگەن يەھيا روباشكىچان ئاسىيەنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. قېلىن لەۋلىرىنى ئاسىيەنىڭ قايماقتەك يۇمران لەۋلىرىگە باستى…

−نەلەردە يۈردىڭىز؟!- دەپ سورىدى ئاسىيە نازلىنىپ تۇرۇپ.

−شوتا تەرەپتە بولدۇم. ئاتنى سېتىۋەتتىم. مۇساپىرچىلىق دېگەننىڭ ئانىسىغا مىڭ، تويدۇم مۇساپىرچىلىقتىن، ھە، دېگىنە ساقچىلار مېنى ئىزدىدىمۇ؟

−ھەئە، ئىزدەپ كەلدى، يارمەتكام بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىپ قېلىشتى.

−ساقچىلار راستىنىلا ئىزدەپتۇ-دە!- جىددىيلىشىپ سورىدى يەھيا.

−مىرشات نېرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ ئەمەسمۇ، خەقلەرنىڭ دېيىشىچە ساقچى بۇ ئىشنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرگىدەكمىش!

−شۇنداقمۇ؟- يەھيا بىر پەس جىماقاپ كەتكەندىن كېيىن ئاسىيەنى ئالدىغا تارتتى،- مەندىن خاپا بولدۇڭمۇ؟ ھېلىقى كۈنى قىمىزغا ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپرەڭ ئىچىپ ساپتىمەن، راستىمنى دېسەم ئۆزۈمنى بىر بىلىپ، بىر بىلمەيمەن، مەستلىك − پەسلىك دېگىنى شۇ بولسا كېرەك.

−سىزدىن رەنجىمىدىم، ھەرگىز…

−ساندۇقتىكى ھېلىقى 100 سومنى ئېلىپ بەر!

−نېمە قىلىسىز؟

−تاڭ سۈزۈلگىچە مەھەللىدىن چىقىپ كەتمىسەم بولمايدۇ. ئەگەر ھېلىقى كەنت باشلىقىمىز بىلىپ قالسا ساقچىغا تۇتۇپ بېرىدۇ.

−ئۇ پۇلنى مىرشاتنىڭ داۋالىنىش ھەققىگە بېرىۋېتىپتىمەن.

−نېمە، ئاشۇ ساراڭغىمۇ؟- يەھيانىڭ تۇرۇپلا گەجگىسى قورۇدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى مىقتەك تۇتۇۋېلىپ،- شەھەر تەرەپكە كېتەي دېگەنتىم،- دېيەلىدى ئارانلا.

−كەتمەڭ! بىزنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ.

−ئەمىسە زىنداندا ياتايمۇ؟ ياق، كېتىمەن ئەمدى كەتسەم قايتىپ كەلمەيمەن.،

−يەھيا!

ئاسىيە ۋارقىراپلا قالدى. يەھيا بوسۇغىدىن ئاتلاپلا تۈن قاراڭغۇسىدا غايىب بولدى…

4

يەھيا كېتىپ ئارىدىن ئىككى قىش ئۆتتى. ئەمدى ئاسىيە ئۇنىڭ راستتىنلا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. بۇ جەرياندا سارىخان ئانا ئاسىيەگە كۆپ باشپاناھ بولدى. كۆپ ئېغىرچىلىققا ئەقىل كۆرسىتىپ يېنىكلەتتى. كېيىنچە ئاسىيە سارىخان ئانىنىڭ سۈيلىشى بىلەن يېزىغا بېرىپ سېرىق قەغەزنىمۇ ئېلىپ كەلدى. مانا ئەمدى ئۇ ھەقىقىي سالتاڭ بولدى.

يىللار ئاسىيە ھەممە نەرسىگە ئېرەنسىز قارايدىغان بىر خىل خاراكتېرنى يېتىشتۈردى. ئۇ سارىخان ئانىنىڭ سايىلىرىغا بوينىدا شاپتۇل قېقىپ:

−ئەر دېگەن شۇنداق بولسا، ئەرگە تەگمەيمەن، پەندىيات،- دەيتتى نەپرەت بىلەن.

−كۇپۇرلۇق سۆزلىمەڭ قىزىم! يامان بولىدۇ، بۇنداق دەپلا گۈلدەك چىرايىڭىز بىلەن بۇ دۇنيادىن تۇل ئۆتۈپ كەتسىڭىز خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ. يالغۇزلۇقنىڭ ئازابىنى مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كېتەي. سىز دېگەن تېخى ياش، مۇشۇنچىلىك چاغدا بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇۋالمىسىڭىز كېيىن ھەسرەتتە قالىسىز!

سارىخان ئانا ئاسىيەگە زېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى. بارا-بارا ئاسىيەمۇ بوشاپ قالدى. يېقىننىڭياقى مەھەللىدە بىر مىش-مىش چىقىپ قالدى.

−قۇناخۇن مۇشۇ كۈنلەردە ئاخشاملىرى ئاسىيەنىڭ ئۆيىنى ئەگىپ خانلەيلۇننى توۋلايدىغان بولۇۋاپتىمىش…

بۇ مىش-مىشنىڭ راستلىقىدا گۇمان يوق. قۇناخۇن قارامتۇل كەلگەن، كۆزلىرى چوڭقۇر، قىرىقلارغا تاقاپ قالغان قېرى يىگىت ئىدى. جان بېقىش كويىدا تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېزىپ-تېزىپ مۇشۇ يەرگە يەرلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئىشچان، قۇلىقى يۇمشاق، ئايىغى چاققان بولغاچقا ئەزەلدىن باشقا يۇرتلۇقلارغا يامان كۆزدە قارايدىغان تەمىتەلىكلەرگە يېقىپ قېلىپ ئىچەكىشىپ كەتكەن ئىدى. تېخى كەنت باشلىقى ئۇنىڭغا مەھەللىنىڭ شەر*قىدىكى يارداڭ بويىدىن جايلىق يەرمۇ كېسىپ بەرگەن ئىدى. قىزلار ئۇنى ياراتمىغاچقا تا ھازىرغا قەدەر سۈر بويتاق بولۇپ ئۆتۈۋاتاتتى. قۇناخۇن بۇرۇندىلا ئاسىيەدەك چىرايلىق بىر ئايالغا ئىگە بولۇشنى چۈشەكەپ يۈرەتتى. بىر قېتىم ئۇ غەيرىتىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ قالغان بىبىنۇرغا قانات سۆرىۋېدى ھارغىچە دەشنەم يەپ يەرگە كىرىپ كېتەيلا دەپ قالدى.

−ئادەمنى نېمە كۆرۈۋاتىسىز، تېگىنىڭ تايىنى يوق سىزدەك بىر نېمىگە ۋارس تازنىڭ ھېلىقى ئېسىرى بار قىزى لايىق. خىلىڭىزنى تېپىپ گەپ قىلىڭ!

بىبىنۇرنىڭ بۇ زەھەر سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە سانجىلغاندەك تەگدى. «خەپ، قىز بالىسىغا ئىككىنچى گەپ قىلىدىغان بولسام،- دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە غودىراپ،- ئاشۇ قېرى قىز جېنىدا ياراتمىدا!».

شۇندىن تارتىپ ئۇ قىز ئەۋلادىغا كۆز سالمىدى. ئەمما يۈرىكى قىزلارنىڭ تۈمەن مىڭ خىل سۈرەتلىرى بىلەن لىپمۇ-لىق تولۇپ كەتتى. قىشنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىنى، يازنىڭ بۇلبۇللار خەندان ئۇرۇپ سايرىغان كۈنلىرىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈش بەك مۈشكۈل كەلدى. ئۇ ئاشۇ زېرىكىشلىك ئۇزاق كېچىلەردە سول قولىدا جان يېرىنى سىيلىغانچە مەھەللىدىكى جىمى قىز-چوكانلارنى بىرمۇ-بىر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزەتتى…

يەھيا تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ ئاسىيە تۇل قاپتۇ دېگەن كۇس-كۇسلارنى ئاڭلىغان قۇناخۇننىڭ يۈرىكى «پىژژىدە» قىلىپ يېنىپ كەتتى. تىنچ كۆلگە چالما چۈشكەندەك پۈتۈن ۋۇجۇدى داۋالغۇپ كەتتى. قانداقتۇر شېرىن بىر ئارمان ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى. مۇشۇ كۈنلەردە قۇناخۇن ئۈچۈن ئاسىيەنىڭ كونا، قىڭغىر-قىيسىق ئۆيى شۇنچە ئىللىق، شۇنچە چىرايلىق، ئاجايىپ سېھىرلىك تۇيۇلاتتى. ئاسىيە دەسسىگەن توپا، مۈرىسىگە سالغان ئەپكەش، قورۇق تامغا چاپلىۋەتكەن كالا تېزىكى، دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر بولۇپ تۇيۇلاتتى. لېكىنزە ئاسىيەگە چىش يېرىپ بىر نېمە دېگۈدەك جۈرئەت ئۇنىڭدا يوق ئىدى. قۇناخۇننىڭ خىياللىرى گادىرماچ ھەم ئازابلىق ھە شېرىن ھەم ئەسەبىي ھەم گۈزەل… گاھى ئاخشاملىرى ناخشىنى دۆڭ توۋلاپ ئاسىيەنىڭ كوچىسىدىن قانداق ئۆتۈپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. نېمىشقىدۇر بۇ ئۆي گويا سېھىرلىك ئالمىدەك ئۇنى ئۆزىگە مەھكەم تارتقىنى تارتقان ئىدى.

ئاسمانىڭدا ئاي بولۇپ،

جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم.

پىيالەڭدە چاي بولۇپ،

لەۋلەرىڭنى كۆيدۈرسەم

…………………………

بۇ ناخشىلارنى ئاسىيە بىرقانچە قېتىم ئاڭلىدى. ناخشا ئاۋازى يىراقلاپ يۈتكىچە قۇلاق سېلىپ تىڭشىدى.

−ھەي…ي، شور پېشانە قىزىم، ئاشۇ يەھيانى ياخشى كۆرىسەن، ئۇنى ئۇنتالمايۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟- سورىدى سارىخان ئانا بىر كۈنى ئاسىيەدىن،- خوتۇن خەقنىڭ مۇھەببىتى 40 يىلغىچە ئۇنتۇلمايدۇ دېگەن راست گەپ. مانا مەنمۇ ھازىرغا قەدەر قىز تەگكەن ئېرىمنى ياد ئېتىمەن. نەچچە ئەردىن چىقتىم ئەمما بىرىنچىسىنى ئۇنىتالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق يەھيانى ئۇنتالمايسىز؟!…

−ئۇنداقمۇ بولماس ئانا!

−شۇنداق بولىدۇ، ئامانەتنى يەھياغا تاپشۇرغان بولسىڭىزلا مەڭگۈ شۇنداق.

−بۇ… بۇ…

−نېمە بۇ… بۇ ياكى يەھيادىن بۇرۇن ھېلىقى ساراڭ مەھەللىدىشىڭىز بىلەن… ۋاي خۇدىيىمەي نېمىلەرنى دەپ كەتتىم ئەمدى.

−مىرشاتنى دەمسىز؟ ئۇمۇ يالاق يالىغان دەڭا!

−ۋاي، شەرمەندە زاكاڭدىلا بۇزۇلۇپ كەتكەن قېرى قانجۇق ئوخشىمامسەن؟

−مەن يېتىم ئوغلاقنى ھاممامنىڭ ئېرى قىلىۋەتكەن…

−دەۋزىخى، چوقۇم دەۋزىخى ئۇ ناكەس!…

سارىخان موماي ياقىسىنى تۇتتى.

−بولدىلا ئانا، ئۇ گەپلەرنى قىلىشمايلىچۇ!

−ماقۇل، ماقۇل كۆڭلىڭىزگە كەلدى-ھە! كونا خاماننى سورىغاننىڭ پايدىسى يوق. سىزگە دېسەم چوكان، بۇنداق ئۆتۈۋەرسىڭىز ئۆزىڭىزگە ياخشى ئەمەس. مۇسۇلمان مەزلۇم تۇل ئولتۇرسا بولمايدۇ بەك يامان بولىدۇ.

−ئۆزىڭىزمۇ تۇلغۇ؟!

−مەن دېگەن قېرىدىم. لايىقىدا ئەر يوق. ئەلچى كەلسە جان دەپ ماقۇل دەيتتىم. لېكىن سىزگە ئەر دېگەن ساماندەك.

−بىراق…-ئاسىيە نېمىشقىدۇر گېپىنىڭ ئاخىرىنى بوغۇزىغا يۇتۇۋەتتى.

−بىراق دېمەڭ، ھېلىقى ساراڭنى كەچكىچە تاماققا چاقىرىپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ.

−ساۋاب ئىزدەپ شۇنداق قىلدىم.

−كىم بىلىدۇ ئۇنى ئۆگىتىۋالدىڭىزمۇ تېخى!

−نېمە دەيدىغانسىز ئادەمنى خىجىل قىلىپ، ئادەم تېپىلمىغاندەك ئاشۇ نېرۋىن بىلەنمۇ؟

−ئۆزى نېرۋىن بولغىنى بىلەن يارمىغان كۆتەكتەك بەك ھەيۋەت، كۆزلىرى قارچىغۇنىڭكىدەك ئويناپ تۇرمامدۇ.

−ۋېي-يەي، ئۇنداق دېمىڭە!

نېمىنى كۆرمىگەن پاخما باش بۇ، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ئەڭ ياخشىسى جېنىڭىزغا ئەسقاتىدىغان قۇناخۇن بىلەن قازاننى بىر قىلىۋېلىڭ!؟

−ئاشۇ كەلگىندىنى دەمسىز؟

−كەلگىندى بولسا بىر يېرى كەممىكەن؟ ئۇ دېگەنچۇ كالىدەك ياۋاش-مۆمىن، خورلىنىپ قالمايسىز. بايقۇش، سىزگە پېتىنىپ بىر نېمە دېيەلمىگەن بىلەن ماڭا كېلىپ يۇم-يۇم يىغلاپ بېرىدۇ. ئۆيلەنمىگەن بوز يىگىت ۋاپادار كېلىدۇ. ماقۇل دەپ ئۇنىڭغا خوتۇن بولۇڭ!

ئاسىيە بىردىنلا شۈكلەپ كەتتى. يۈرىكىدە كەسكىن زىددىيەتلەر چالغىيتتى…

5

سارىخان موماينىڭ تۇيۇقسىز قازاسى ھەممىدىن بەك ئاسىيەگە ئېغىر كەلدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇڭدىشى، سىردىشى، روھى تۈرىكىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇ قارانچۇقسىز موماينىڭ قىزى ئورنىدا بېشىغا ئاق سېلىپ ھازا ئاچتى. ئەل-جامائەت موماينىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ  مەھەللىنىڭ غەربىدىكى دۆڭلۈككە يەرلىدى.

ئاسىيە يەنىلا تۇل ئۆتمەكتە. ئۇنىڭ تازا قىرانىغا يەتكەن چاغلار بولغاچقا كېچىلىرى بارا-بارا ئۇيقۇسى قاچىدىغان بۆلىۋالدى. گەرچە مىرشاتنى گېزى كەلگەندە ئۆيگە چاقىرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن تازا خاتىرجەم بولمايتتى. راستىنى ئېيتقاندا كۆڭلى تازا سۇ ئىچمەيتتى. ئۇ گويا كىچىك بالىنىڭ ئۆزى ئىدى. كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان شېرىن سۆزلەرنى ئەسلا بىلمەيتتى. ئاسىيە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ھەپىلىشىپ ئۆزىگە ئاران تارتاتتى. گاھىدا ئۇ چىلبۆرىنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالاتتى، چاترىقىغا بىر كىرىۋالسا زادىلا قويۇپ بەرمەيتتى. ھەتتا ئاسىيەنىڭ كۆكسىنى ئىككى قېتىم قاتتىق چىشلىۋېلىپ ئۈزۈۋەتكىلى تاسلا قالغانتى… ھېلىقى كەلگىندى بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىككى ئېغىز گېپىنى جاققىدە قىلمىدى. ئۇنىڭ يېلىنجاپ تۇرغان ياشلىق يۈرىكى زارىقىش ئىچىدە تىپچەكلەيتتى…

ئاسىيە يالغۇز بېشىغا ئېتىزنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمىدى. باشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشىغا ھە-ھۇ دېيىشكەن بولدى. كېيىنچە بۇ خىل خالىسانە ياردەممۇ ئاستا-ئاستا ئۈزۈلۈپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كەتتى. ئامالسىز قالغان ئاسىيە ئېتىز يېرىنى باشقىلارغا ئاستىرىتتىن سېتىۋېتىپلا قۇتۇلدى. جان بېقىش پەرھىز، ئاسىيە قولىغا چۈشكەن ئاز-تولا پۇلنى دەسمى قىلىپ بېقىۋالغان قىزى مەستۇرەنى كەينىگە سېلىپ تىرىكچىلىك قاينىمىغا كىرىپلا كەتتى. ئانا-بالىنىڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان تال سېۋىتىدە دەپتەر-قېرىنداش، يىپ-يىڭنە، سەرەڭگە-چاقماق، گازىر-پۇرچاق، كۆك تاماكا ۋە بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتاپچىسى قاتارلىق نەرسىلەر بولۇپ مەھەللە بويىچە ئەڭ بازار بولىدىغان مەكتەپ ئالدىغا بېرىپ ساتاتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى بەزىدە بازارغا چۈشكەن ئېشەك ھارۋىلاردا، بەزىدە پىيادىلا بېرىپ مەھەللىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدىن ئېلىپ كېلەتتى. شۇنداق ئۆز كۈچىگە تايانماي ئامال يوقتە. بۇرۇنقىدەك ئانچە-مۇنچە ئۆتنە قەرز قىلىدىغان ئەترەتنىڭ ئاشلىق ئامبىرى تۈگۈل ئىزناسىمۇ قالمىغانتى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يەرلەر ھۆددىگە بېرىلىپ ئاشلىق ئامبىرىنى كىملەردۇر ئېچىپ لىم-كېشەكلىرىنى قومۇرىشىپ ئېلىپ كېتىشكەن ئىدى. مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ئاسىيە ئۆزىنى ھاردۇق يېتىپ قالغاندەك ئېغىر سېزەتتى. ئەينەككە ھەر بىر قارىغاندا كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولاتتى. چۈنكى يىللار ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايىنى ئاستا-ئاستا ئوغرىلاپ كېتىۋاتاتتى… ئاسىيە ئەمدى تۇرمۇشقا باشقىچە قارايدىغان بولدى. «ئۆلمەس جېنىم بارمىدى» دەپ كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئاسىيە يولدا كېتىۋېتىپ قۇناخۇننى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ دولىسىغا كەتمەن سېلىپ ئېتىز تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى.

−ئېتىزدىن ياندىڭىز؟- سورىدى ئاسىيە ئۆزىنى كۆرۈپ قىزىرىپ كەتكەن قۇناخۇننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ.

−ھە… ھە…

−قار چۈشەي دېگەندە ئېتىزدا نېمىش قىلىۋاتىسىز؟

−شۇ ئەمدى ھېلىقى يارداڭلىقنىڭ تۆۋەن يېقىنى بوغىۋاتىمەن دېسىلە.

−ۋاي ئاللا يەي، سىزگە جىن دارىپ قالمىغاندۇ؟

−ياقەي، كاللامغا توقماق تەگمىدى تېخى،- ئۇ بۇ گەپ بىلەن ئاسىيەگە بىر تېگىۋالدى،- يارداڭلىقنى بوغۇپ سۇ ئامبىرى قىلايمىكىن دەيمىنا، يامغۇرغىلا قايلاپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن خېنىم. يىلدا ئەتىيازدا نۇرغۇن سەل بىكارغا كېتىپ بارمامدۇ. شۇنىڭدىن ئازراق توسۇۋالسام بۇغداي كۆكىنى بىر باسۇرىۋالغىلى بولغۇدەك. تاغ سۈيىنى باشلىۋالسام دان سۈيىنىمۇ تۇتىۋالغىدەكمەن ئەمەسما!

قۇناخۇن پىلانىنى سۆزلىگەچ كالچاراپ كۈلدى.

−ناۋادا سەل كۆپ كېلىپ قالسا قىلغان ئىشىڭىز ھەشلا بولمامدۇ؟- سورىدى ئاسىيە.

−بۇنىمۇ ئويلىشىپ قويدۇم، سىمونتتىن چۈشۈرگە ياسايمىكىن دەۋاتىمەن. ئۇ چاغدا…

−مۇنداق دەڭ، بىر ئىشلارغا خېلى پەمىڭىز باركەن-ھە!

−شۇنداق كاللا ئىشلەتمىسەك قايلاڭ، قانداق قىلىپ باي بولغىلى بولىدۇ ئۆزى،- دېدى قۇناخۇن گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ.

−بىز ئۆزىڭىز تازىمۇ جاپادا قاپسىز؟

ئامال يوق ئەمدى، بىزدەك مۇساپىرلارغا كىممۇ ياردەم قىلىدۇ دېسىلە!

−ياردەم بېرەي دېگەنلەرمۇ چىقىپ قالار.

−چاقچاق قىلمىسىلا.

−راست دەيمەن.

−ئەمىسە ماڭا دەپ بەرسىلىچۇ خېنىم!

−مانا ئالدىڭىزدا تۇرمامدۇ.

−نېمە، سىلى-سىلىما!؟

−ئىشەنمىسىڭىز يول بولسۇن.

−ۋاي ئۇنداق دېسىلە خېنىم…

−خېنىم دېمەي ئاچا دەڭ!

−ۋاي جېنىم ئاچا، سىلى ماقۇل دېسىلە بىر ئۆمۈر ئات-كالىلىرى بولاي.

−سىزنى ئات قىلىپ مىنىپ ئويناپ، كالا قىلىپ سېغىپ ئىچمەيمەن، ماڭا ئەر بولۇڭ دەۋاتىمەن.

−نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن. ھەرگىز كۆڭۈللىرىگە ئازار بەرمەيمەن ئاچا!

−ئۇنداق بولسا ئەلچى كىرگۈزۈڭ!

ھەر ئىككىيلەن خۇشال ئايرىلىشتى. بىر كەچقۇرۇنلۇقى مەھەللە ئىمامى ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇپ قويدى. قۇناخۇننىڭ يارداڭلىق بويىدىكى غېرىبخانىسىدا پەقەت شۇ ئاخشىمىلا ئايال كىشىنىڭ نازلىق ئىڭراشلىرى تۇنجى قېتىم ئاڭلاندى…

6

قۇناخۇننىڭ ئەجرى بىكار كەتمىدى. تەمىتە مەھەللىسىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ بىر مو يەردىن 400 جىڭ ھوسۇل ئالغان قۇناخۇن ئالاھىدە شەخس بولۇپ قالدى. چارۋىلىرىمۇ تېز ئاينىدى. باشقىلار ئاسىيەنىڭ ئايىغى ياراشتى دېيىشتى. ئۇلار توي قىلىپ ئۈچىنچى يىلى قۇناخۇن يېڭىدىن سېتىۋالغان «شەر*ق قىزاردى» ماركىلىق زەنجىر تاپاننى ھەيدەپ مەھەللىنىڭ توپىلىق يولىنى تىلغاپ ئۆتتى. ئۇ كىشىلەرگە ھىجاراپ قارايتتى، خۇشاللىقىدىن ئېغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى. گاھىلار ھەۋەس بىلەن ئۇنىڭ تىراكتورىغا تىكىلسە گاھىلار ئېغىزلىرىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ ھەسەت ئوتىدا قىلدەك تولغىناتتى. ئەمما قۇناخۇننىڭ پەرۋايى پەلەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنىڭ خۇش شارابىدا مەستخۇش…

خۇشاللىقنىڭ ئۆمرى قىسقا دېگەندەك قۇناخۇننىڭ خۇشاللىقىمۇ كۆتە بولدى. مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. تاغ تەرەپتىن لەگلەك شامىلى سوقماقتا ئىدى. ھويلىسىدا تىراكتورنىڭ ئەگرى ئوقىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قۇناخۇن ھەدەپ ھەپىلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سېرىق رەڭلىك شېرىق چاپىنى ھەتتا يۈز-كۆزلىرىمۇ سەلەرك بىلەن بۇلغانغان ئىدى. ئۇ داتلىشىپ كەتكەن بىر گايكىنى بوشۇتالماي جىلە بولاتتى. تىراكتورنىڭ ئاستىدا ئوڭدىسىغا يېتىۋالغان قۇناخۇننىڭ پېشانىسىدىن مونچاق-مونچاق تەر قۇيۇلاتتى. شۇ ئارىدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان بىكارچىلاردىن بىرەيلەن چەككەن تاماكىسىنىڭ قالدۇقىنى پەرۋاسىزلا چۆرۈۋەتتى. تاماكا ئوتى قۇناخۇننىڭ ئاياغ تەرىپىدە تۇرغان سەلەركە ئېلىنغان چىلەككە چۈشۈپ گۈپپىدە ئوت ئېلىپ كەتتى. ئەتراپتا تۇرغانلار «ۋاي قۇناخۇن!» دەپ توۋلىشىپ كەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا بېرىلىپ كەتكەن قۇناخۇن ئەنسىز قىيا-چىيادىن ئېسىنى يىغىپ شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن يانغىننى كۆرۈپ دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئىسەنكىرەپ قالدى. «ۋاي مېنىڭ تىراكتورۇم» ئۇ شۇنداق دەپلا چىلەككە ئىنتىلدى. قېرىشقاندەك چىلەكتىكى سەلەركە ئورۈلۈپ ئۇنىڭ ئۇستىبېشىغىلا تۆكۈلدى. ئوت ئەمدى ئۇنىڭغا تۇتاشتى. گۈرۈلدەپ چىقىۋاتقان تاغ شامىلى بىردەمدىلا تراكتور ئاستىنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. كىشىلەر قۇناخۇننى تراكتور ئاستىدىن ئارانلا سۆرەپ چىقىۋالدى. ئۇ ئوت ئازابىغا چىدىماي ۋارقىراپ كەتتى. كىيىملىرىنى سېلىپ بولغۇچە ئوبدانلا كۆيۈپ كەتتى. چاچ، كىرپىك، قاشلىرى بىر تالمۇ قالمىدى. تىراكتوردىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ھېچ ئامال بولمىدى. يېرىم سائەت ئىچىدىلا تىراكتورنىڭ قۇرۇق جازىسىلا قالدى. قۇناخۇن بىچارە دوختۇرخانىدا ئۇزاق ياتتى. مال-ۋارانلىرى ھەممىسى دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىدە تۈگىدى.

قۇناخۇننىڭ جېنى ئامان قالغان بولسىمۇ ئەپسۇس، ئادەم قارىغۇسىز دەرىجىدە چىرايى سەتلىشىپ كەتتى. ئاقلىۋەتكەن ياڭيۇدەكلا چىرايى، بىر ياققا تارتىشىپ قالغان ئېغىزى… قىسقىسى ئادەم تەلەتى قالمىغان ئىدى. ئاسىيە ئۇنىڭغا يەنىلا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قۇناخۇن ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن ئەيمىنەتتى. گويا چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك بېشىنى يوتقانغا پۈركىۋالغىنى پۈركىۋالغان ئىدى. ئاسىيە قىزى مەستۇرە بىلەن يەنە مەكتەپ ئالدىدا پەيدا بولدى. چۈنكى ئۆيدە ئاھ دەپلا ئولتۇرغان بىلەن قازان ئۆزلۈكىدىن قاينىمايدۇ-دە. ھايت-ھۇيت دېگۈچە مەھەللىنى ئىككى قېتىم قار باستى. قۇناخۇن شۇ ياتقانچە تالا-تۈزگە چىقالمىدى. ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە تولىمۇ سىقىلىش ھېس قىلدى. ئاسىيە گايى كۈنلىرى بەكمۇ كەچ ئۆيگە قايتىدىغان بولۇۋالدى. قېرىشقاندەك ھېلىقى ساراڭنى ھە دېسىلا ئۆيگە تاماققا چاقىرىۋالاتتى. بۇ بۇنىڭدىن خورلۇق ھېس قىلدى. تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن نى-نى گەپلىرىنى ئېغىزىدىن چىقىرالماي تولىمۇ قىينالدى. ئاقىۋەت ئۇنىڭ پەيمانى توشتى. بىر كېچىسى ئۇ ئۇزاق ئىككىلىنىشلەر ئىچىدە ئاخىرى قولىغا ئىتتىك ئۇستىرىنى ئالدى…

ئاسىيە يەنە ئەرسىز قالدى…

7

ئالتۇن كوكۇلىلىق كۈز ئايلىرى، ئىزغىرىن كۈز شامىلى بىنەملىكتە ھۇشقۇيتماقتا. قىسقا ساپلىق تۆمۈر گۈرجىكىنى مۈرىسىگە سېلىپ، ياماق چۈشكەن مەينەت خالتىسىنى سىقىملاپ تۈتىۋالغان مەستۇرە ئايپاڭباش تاقىر بىنەملىكتە مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ يۈرەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ راستىنىلا ئامىتى قاچقانمۇ شۇنچە ئاختۇرۇپ تۇلۇم چاشقاننىڭ تۆشۈكىنى پەقەت تاپالمىدى. ئۇچراتقانلىرى بولسا باشقىلار تەرىپىدىن قېزىلىپ ئىچىدىكى دانلىرى ئېلىپ كېتىلگەن ئۇۋىلار ئىدى. ئۇ يىغلىۋېتىشكە ئازلا قالاتتى. خۇدادىن ئىشىنى ئوڭ قىلىشنى مىڭلارچە تىلەيتتى. مانا ئەمدى قۇياش غەربىي جەنۇبتىكى بۇرھان چوققىسىغا باش قويدى. مەستۇرە يەنە ئىزدەشتىن رايى ياندى. ھارغىن ھالدا قۇرۇق خالتىسىنى سۆرىگىنىچە ئۆيگە ياندى. ئەمدىلا 14 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىچارە قىز تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى بالدۇرلا تېتىغان ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىقى باشقا تۈمەنلىگەن بەختلىك بالىلاردەك غەمسىز ئويناش، مەكتەپ قوينىدا ئوقۇش بىلەن ئەمەس بەلكى چوڭلارغا ئوخشاشلا ئەتىنىڭ غېمى بىلەن كاللا قاتۇرۇش ئىچىدە ئۆتەتتى. تۇرمۇش ئۇنىڭ بوتا كۆزلىرىگە ئويچانلىق، ئالمىدەك يۈزلىرىگە غەم-قايغۇنىڭ كۆلەڭگىلىرىنى تولىمۇ بالدۇر تارتۇق قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ مۇشۇ يېشىدا ئوقۇيدىغان، بالىلىق ئەرك-شوخلۇقلىرى بىلەن غەمسىز يۈرىدىغان چاغلىرى ئىدى. شورلۇق قىسمەت مانا ھازىر ئۇنى بىنەملىكتە مۈكچىيىپ يۈرۈپ تۇلۇم چاشقاننىڭ ئۇۋىسىنى ئىزدەيدىغان قېرىقىز، خوخا تىكەن، چاتقال، بۇدۇشقاقلارغا ئىلىنىپ قالغان قوي يۇڭلىرىنى تېرىيدىغان، مەكتەپ ئىچىگە تەلمۈرگىنىچە دەپتەر-قېرىنداش ساتىدىغان جاپاكەشكە ئايلاندۇرۇپ قويغانتى. بىچارە ئاجىزەنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلەرنى سۈكۈت بىلەن لەۋ چىشلەپ ئۆتكۈزمەكتىن، تەقدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا نە چارىسى بار دەيسىز. شۇنداق، ھايات بەزىلەرنى خار، بەزىلەرنى ئەزىز قىلىپ قويىدىكەن. بەلكىم ھايات دېگەن ئەنە شۇنداق بولسا كېرەك.

مەستۇرە تىكەن بىلەن چىتلانغان ھويلىنىڭ ۋادەكلىك ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەندە كۆز باغلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھويلىدا تۇرغان موتسىكلىتنى كۆرۈپ ئەجەبلەندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ كۆلبىسىگە ئەزەلدىن بۇنداق ئەتىۋارلىق مېھمان كېلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ تەئەججۈپ ئىلىكىدە دالاننىڭ ئىشىكىنى ئىتتەردى. ئىشىك ئىچىدىن ئىلىقلىق بولۇپ ئېچىلمىدى. چىراغسىز ئۆيگە قاراپ مەستۈرەنىڭ تەنلىرى شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۇ خېلى ئارىسالدى بولۇپ بوشقىنە چاقىردى.

−ئاپا!

يەنىلا جىمجىت. ئۇ قايتا توۋلىدى. ئۆي ئىچىدىن سىرلىق كۇسۇرلاشقان ئاۋاز چىقتى. ئۇ سەسكەنگەندەك بولدى.

−ۋۇي جۇۋاينىمەك، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن؟

مەڭزىلىرى توغاچتەك قىزىرىپ ئاۋازىمۇ بۆلەكچىلا بولۇپ قالغان ئاسىيە ئىشىكنى ئاچا-ئاچمايلا دوق قىلدى.

−ئىشىك ئىلىقلىقكەن…

−ۋۇي، جىنلىق ساراڭ! ئىشىك نەدە ئىلىقلىق- ھە! قىپقىزىل يالغان سۆزلەۋاتقىنىنى قارا قانجۇقنىڭ. قېنى ئەكەلگەن بۇغدىيىڭ!؟ ھۇ ھارام تاماق ئىنجىمارۇق، خالتاڭ قۇرۇققۇ-ھە! قېنى سېنىڭ ئۆيگە كىرگىنىڭنى بىر كۆرەيچۇ!

ئاسىيە جاۋىلداپ قاينىغاندىن كېيىن ئىشىكنى جالاققىدە يېپىۋالدى. مەستۇرە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي جايىدا قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى. بىردىن ئۇنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشتى. ئىچ-ئىچىدىن ئۆرلىگەن بىر ئازابلىق پىغان يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىۋەتتى. مونچاق-مونچاق كۆز ياشلىرى يۇمىلاق مەڭزىنى بويلاپ دومىلاشقا باشلىدى…

تۈن نىسپىي ھاۋا كۈندىكىگە قارىغاندا ئوبدانلا سوۋۇغان، سامانخانىدا كۆزى ياش يۇقىلا ئۇخلاپ قالغان مەستۇرە موتسىكلىت ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. ئۇ ئاستا سىرتقا چىقتى. ئاسماندا يۇلتۇزلار سۇسقىنە جىمىرلايتتى. نا تونۇش بىر گەۋدە موتسىكلىتقا مىندى-دە، ناھىيە بازىرىغا سوزۇلغان توپىلىق يولغا چۈشۈپ كۆزدىن غايىب بولدى.

−ئاپا مۇزلاپ كەتتىم.

مەستۇرە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ تىترەك ئاۋازدا توۋلىدى.

−ھە، ساقلاندى، ئىسسىق ئۆينىڭ، ئاپاڭنىڭ قەدرىگە ئەمدى يەتكەنسەن. كېچىدە تالادا قوياي دېگەنتىم. ۋاي خۇدايىمەي! نېمانداق باغرى يۇمشاق خوتۇندۇرمەن. بولدى-بولدى، ئۆيگە كىر! ئەتە يەنە بۈگۈنكىدەك سالپاراپ كېلىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن، ئۇقتۇڭمۇ!؟

−ئۇقتۇم.

ئۇ تالادا قالمىغانغا خۇش بولۇپ ئۆيگە كىردى. جوزىغا چاشكىنى دۈم قىلىپ ئۈستىگە قويۇلغان پانارنىڭ قىزغۇچ، ئاجىز نۇرى ئۆي ئىچىنى چالا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئېشىپ قالغان تۇخۇم قورۇمىسى، چالا غاجىلانغان توخۇ پاچىقى جوزىدا چېچىلىپ تۇراتتى. ھاراقنىڭ قاڭسىق ھىدى تاماكا ئىسى بىلەن بىرلىشىپ بەكمۇ بەتبۇي پۇراپ كەتكەن ئىدى.

−ھەي، نېمىشقا ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن، قازان-قومۇشنى تېزرەك يىغىشتۇرمامسەن،- ۋارقىرىدى ئاسىيە كاڭغا چىقىۋېتىپ،- ھە، راست، چار مىكىياننى سويۇۋەتتىم. بازادىن كەلگەن تېرىچى بىر خالتا يۇڭ بىلەن چار مىكىياننىڭ ھەققىگە 100 سوم بەردى.

مەستۇرە بۇ سۆزلەرنى ھەيرانلىق بىلەن تىڭشىدى. «توۋا،- دەپ ئويلىدى ئىچىدە،- ئاشۇ مىكىيان بىلەن بەش جىڭ ناچار يۇڭغا 100 سوم بەرگەن قانداق ساراڭ تېرىچىكىنە-ئۇ!»

ئۇ ئاسىيەنىڭ كۆزلىرىگە لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، قاچا-قومۇشلارنى غىچىرلىتىپ يۇيۇشقا كىرىشىپ كەتتى…

8

پۈتكۈل ۋادا ئاق لىباستىن تون كىيگەن. قارلىق شىۋىرغان ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى جانلارنى رەھىمسىزلەرچە كاچاتلاپ ئۆتمەكتە. بۇ يەردە شىۋىرغان ھەر تەرەپتىن سوقىدۇ. گاھىدا شەر*قتىكى بۇرۇلدايدىن سوقسا، گاھىدا غەربتىكى سەكسەنبەلدىن سوقىدۇ. تۇرۇپلا جەنۇبتىكى ئۆچكىلىك تاغلىرىدىن قار ئۇچقۇنلىرىنى توزۇتۇپ كېلىدۇ… بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بورانغا كۆنۈك. ئۇلار تۇغۇلۇپ مۇشۇ يېشىغىچە بۇ خىل بورانغا سىرداش.

ئوچاق مانتىدا ئولتۇرۇپ مەنگەن قالاپ چاي قاينىتىۋاتقان مەستۇرە ئوت تىللىرىغا تىكىلگىنىچە خىيالغا چۆمگەن ئىدى. بوران دېرىزىگە چاپلانغان گېزىت قەغىزىنى سەت شاراقشىتاتتى. شاراق-شۇرۇقتىن ئۆي جىملىقى بۇزۇلغان، بىر خىل بۇرۇقتۇرمىچىلىق مەستۇرەنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى. ئۇ ئوتقا قارىغىنىچە مەمەتنى ئويلاپ قالدى. بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان مەمەت قاملاشقان بالا ئىدى. مەشرەپتىكى چېلىشلاردا ئۇنىڭ رەقىبى يوق ئىدى. ئۇ مەستۇرەگە، ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرىگە بۆلەكچىلا سىرلىق قارايتتى. بۇ خىل قاراشنىڭ مەنىسى مەستۇرەگە سىر ئەمەس. مانا ھازىرمۇ مەمەتنىڭ كۆزلىرى ئوت ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. مەستۇرە بۇ كۆزلەردىن قورقاتتى، شۇنداقلا بەكمۇ كۆرگىسى كېلەتتى. لېكىن ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىنى ئويلاپ سەۋر قىلاتتى.

ئىشىك ئېچىلىپ ئاسىيە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. بوران قار ئۇچقۇنلىرىنى ئاسىيە بىلەن تەڭلا ئۆيگە ئۇچۇرۇپ كىردى.

−ۋاي ئىسىت، سادىر سېكرېتار دېگەن مەرەزنىڭ يېنىغا بىكارلا بېرىپتىمەن. ئۆتنە بېرىش تۈگۈل ئىككى ئېغىز بۇغداي سۆزى بولسىمۇ قىلمىدا توخۇ پوقى.

ئۇ ئۈستىبېشىدىكى قارلارنى قاققاچ كوتۇلداپ كەتتى.

−ھەي، مىس-مىس، تېخىچە قازىنىڭ شىڭىلدايمۇ دېمەپتىغۇ-ھە!

−ئوتنى بوران تارتىپ كېتىۋاتىدۇ،- دېدى مەستۇرە بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي.

چۆرىسى مەڭگەن ئىسىدا قارايغان، ئېغىزى غاردەك ھاڭقاراپ تۇرغان ئوچاققا قاراپ ئاسىيە ئېغىر خورسىندى.

−تويدۇم بۇ ئىتنىڭ گۆرىدىن، مۇشۇمۇ جاھاندارچىلىق بولدىمۇ. يۈگۈرۈپ قوپۇپ سالاي دېسە بىر سىقىم چاي، بىر چىمدىم تۇز چاغلىق نەرسە يوق. سەن ساقلاندىنى دېمىسەم بىر جېنىم قانداق قىلسام كېتىۋېرەتتى. سەن جۇۋاينىمەكنى يا ئەرگىلا بېرىپ قۇتۇلايمىكىن. نېمانداق قاپاقلىرىڭ غورۇلداينىڭ تاشىقىدەك تۈرۈلۈپ كېتىپتىغۇ! تىلىڭنى قاغا چوقۇۋالمىغاندىكىن گەپ قىلمامسەن!؟

ئاسىيە بۇ گەپلەرنى ھازىرلا دەۋاتقىنى يوق. مەستۇرەگە خېلىدىن بېرى شۇنداق تېگىدىغان بولىۋالغانتى. مەستۇرە بۇ سۆزلەرگە لام-جىم دېمەي تۇرۇۋالاتتى.

جامائەت خۇپتەندىن يانغان چاغ، تالادا يەنىلا بورانلىق قار ھۇشقۇيتماقتا. مەستۇرە يۇڭ تىتىۋاتقان جايىدىلا ئۇخلاپ قالدى. بىردىن ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيگە سادىر سېكرېتار كىرىپ كەلدى.

−ھوي ئاسىيە! ئۆيدە بارمۇ سىزوي.

−ۋاي سادىركا، مۇبارەك قەدەملىرىگە ھەشقاللا، بۇ كېچىدە ئايخان ھەدەمنىڭ ئىشىكىنى خاتا ئېچىپ قويمىغانسىز-ھە؟!

−پاھ… پاھ… مۇشۇنداق خۇشخۇي چاقچاقلىرىڭىز بىلەن ئەرلەرنى رام قىلىۋالغان بالىدە سىز.

ئەللىكتىن ئېشىپ قالغان ئىلمەك بۇرۇن، گۇرۇي كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئاسىيەگە ھاياسىزلارچە تىكىلگەن ئىدى.

−ۋاي-يەي! ئەر خەقنىڭچۇ ھەممىسى ئوخشاش. چىرايلىقنى كۆرسە تىزى تىترەيدۇ. ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى يوق.

−بىزنى ئۇنداق ئويلاپ قالماڭ، بىز دېگەن ئەركەك تۈكى بارلاردىن جۇمۇ.

−تولا يېتىم قوۋۇرغامنى ئەگمەڭە، بىر خالتا ئۇنغا يارىمايسىز…

−ئايخان ھەدىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇنداق قىلغىلى بولامدىغان، كۈنچىلىكى يامان خوتۇن ئۇ. مانا ھازىر ئاستىلا ئېلىپ كەلدىم. ئاتنىڭ ئۈستىدە بىر خالتا ئۇن بىلەن ئون كىلو سۇماي بار، چىقىپلا ئەكىرەي.

سادىر سېكرېتار ئاتقا غانجۇغىلانغان نەرسىلەرنى بىر يولىلا كۆتۈرۈپ كىردى. بۇنى كۆرگەن ئاسىيەنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.

−رەھمەت سىزگە سېكرېتار، ھەقىقىي خەلقنى ئويلايدىغان كادىردە-سىز!

−ماختىمايلا قويۇڭ، بىر خۇشخەۋەرمۇ بار تېخى. سويۈنچىگە نېمە بېرىسىز؟

−سىز خالىغاننىڭ ھەممىسى بېشىڭىزدىن ئايلانسۇن، تېزرەك دەڭا ئادەمنى تەقەززا قىلماي.

−يېقىندا نامراتلارنى قۇتقۇزۇش سوممىسى كېلىدىكەن، سىزنى بېشىغا خەتلەپ قويدۇم.

−بىزنى خەتلىمەي ئەمىسە،- ئاسىيە سېكرېتارغا قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ نازلىق باقتى.

−مەستۇرە قىز ئۇخلاپ قاپتۇ-دە؟- كاڭدا تۈگۈلۈپ ياتقان مەستۇرەنى ئىشارە قىلدى سادىر سېكرېتار.

−بېشىمغا بالا بولدى بۇ بىر نېمە. ئەرگە بېرىپلا قۇتۇلايمىكىن دەيمەن.

−يالغۇز قورقمامسىز؟

−نېمىدىن قورقاتتىم، سىزدەك سېكرېتار تۇرغان يەردە.

−تېخى يېشىغا توشمىدىغۇ؟

−ئەمدى ئۆزىڭىز بولغاندىكىن ئامالى بولار.

بوپتۇ ئەمىسە يېشىنى چوڭراق قىلىپ يېزىپ بېرەي. لېكىن بۇ بىر خاتالىق.

−ۋاي-يەي سادىركا! كېچىدە تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرگەندىنمۇ ئارتۇق خاتالىق ئەمەستۇر.

−بۇنىڭغا سوت يوق.

ئاسىيە خۇمارلىق، جادۇ كۆزلىرىنى سېكرېتارغا تىكتى. سېكرېتار ئۇنىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ ئەركىلەتتى. چىراغ ئۆچۈرۈلدى. تالادا بوران ھۇۋلىماقتا. مەستۇرە چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ ئۈنسىز ياتماقتا. ئېسىنى يوقاتقان ئىككى تەن دۇنيادىكى ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدى…

9

قىشنى قوغلاپ باھار كەلدى.

مەستۇرە بۇ ئۆيدىن ئاخىرى قېچىپ كەتتى. «ئاھ، خۇدا، ئۇ قېرى چوقۇرغا يەنە كېلىپ سۆيگەن يىگىتىم مەمەتنىڭ دادىسىغا تەگكىنىمدىن ئۆلگىنىم تۈزۈك. گەرچە مەمەت بىلەن بىرەر قېتىم خالىدا ئۇچراشمىغان، ئالىمەن-تېگىمەن دېيىشمىگەن بولساقمۇ، ئەمما كۆڭۈل كۈيىمىز ھەر ئىككىمىزگە ئايان. ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن» ئويلايتتى ئۇ ئىچىدە.

ئۇ تولىمۇ ئىلدام ماڭاتتى. مەھەللىنىڭ قارىسى يۈتكىچە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى. ھېلى ئاسىيە ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، قۇلىقىنى سوزغىنىچە ھامۇق چوقۇرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرىدىغاندەك ۋەھىمىدە قالغانتى. ئاسىيەنىڭ چالۋاقاپ:

−ھەي ياغاچ قۇلاق، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان جۇۋاينىمەك، نەگە قاچماقچىسەن؟ ھامۇق ماڭا 800 سوم نەق پۇل بەرگەن جۇمۇ. پۇلنىڭ يېرىمى تۈگىدى. ئەمدى سەن قېچىپ مېنى شەرمەندە قىلاي دەمسەن-ھە!؟- دەپ چاچلىرىنى يۇڭدىۋېتىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى.

خۇداغا شۈكرى، مەستۇرە ئويلىغاندەك ئاسىيە قوغلاپ كەلمىدى. ئۇ ھازىر تاڭنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىدا ئۆز چۈشىنى كۆرۈپ ئۇخلاۋاتاتتى. مەستۇرەنىڭ بۇنداقلا قېچىپ كېتىشىنى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرمەيتتى. تاڭ يورۇغاندا مەستۇرە ناھىيە بازىرىغا كېلىۋالدى. ناھىيە بازىرى تولىمۇ كىچىك بولغاچقا ئۇ بۇ جايدا تۇرۇشقا كۆزى يەتمىدى. ئۇنىڭ ئوڭ قولى چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىكى پارچە پۇللارنى چىڭ سىقىمدىۋالغان ئىدى. ئۇ تەۋەككۈل دەپلا ئەزەلدىن ناتونۇش بولغان شەھەرگە − ئاشۇ سىرلىق ماكانغا قاراپ ئاپتوبۇسقا چىقتى.

چۈش مەھەل ئاپتوبۇس ئۇنى شەھەرگە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئېگىز بىنالارغا، مىغىلدىشىپ يۈرگەن ئادەملەرگە قاراپ بەكمۇ ھەۋەسلەندى. ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ جايدا يەككە-يېگانە، باشپاناھسىز، گويا ئۇۋىدىن ئايرىلغان قۇش ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا تېنى شۈركۈنۈپ، ساراسىمە ئىلىكىدە شامالدا قالغان ياپراقتەك تىترەيتتى. ئۇ خىلمۇ-خىل نا تونۇش چىرايلارغا يېتىرقاش، قورقۇمسىراش، ئەندىكىش ئىچىدىلا قارايتتى. كىچىككىنە يۈرىكى ۋەھىمە ئىچىدە تىپچەكلەيتتى. ئەتىگەننىڭياقى ئېغزىغا گىياھ سالمىغاچقا ئۈچەيلىرى تارتىشىپ، قورسىقى ناغرا چېلىپ كەتتى. ئۇ قولىدا سىقىملىۋالغان ئاخىرقى ئىككى سوم پۇلىنى خەجلىۋېتىشكە قىيمايتتى. پەقەت مۇشۇ ئىككى سوم پۇللا ئۇنىڭغا تاغلارچە روھىي تەسەللى بېرىپ تۇراتتى. ئەگەر بۇ قولدىن چىقىپ كەتسىلا ئۆزىنى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدىغاندەكلا ئويلايتتى. ئۇ بازارنى − توغرىسىنى ئېيتقاندا خەنزۇ بازىرىنى خېلى كۆپ ئايلاندى. مىغ-مىغ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىرايتتى.

كەچ كىرىپ قالدى. بازاردا ئادەملەر ئاۋۋالقىدەكلا قايناق، قورسىقى ئاچقان مەستۇرە ئەمدى چىداپ تۇرالمىدى. ئۇ تولىمۇ قورۇنۇش ئىلىكىدە كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن بىر چايخانىغا قەدەم ئالدى. ئاۋات رەستىگە جايلاشقان بۇ چايخانىنى نىساخان ئىسىملىك بىر موماي يالغۇز ئاچاتتى. كەچ كىرىپ قالغاچقىمۇ چايخانىدا ئادەم يوقتى. موماي كۆزلىرىنى كېيىك بالىسىدەك مۆلدۈرلىتىپ چايخانىغا كىرىپ كەلگەن ئۈستىبېشى ئاۋارە، ئەمما چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ سىنچى كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى.

−قىزىم چاي ئىچەمسىز؟- ئۇ مەستۇرەنىڭ باش-كۆزىگە يەنە بىر قارىۋېتىپ سورىدى،- سەھرادىن كەلگەن ئوخشىمامسىز، قەيەردىن كەلدىڭىز؟

−تەمىتىدىن.

−تەمىتە دېگىنىڭىز قايسى ناھىيەدە قىزىم؟

−توققۇزتارادا.

−توققۇزتارادىمۇ ھە، بۇ ياققا تۇغقان يوقلاپ كىرگەنمۇ؟

−ياق،- مەستۇرە تولىمۇ پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى.

ئۇنداقتا شەھەرگە نېمىگە كەلگەنتىڭىز قىزىم؟

مەستۇرە بىردىنلا مىچىلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆكسۈپ شۇنداق تۆكۈلدىكى ئاق كۆڭۈل نىساخان مومايمۇ كۆز يېشى قىلدى. مەستۇرە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كىچىك بېشىغا كەلگەن دىشۋارچىلىقنى مومايغا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى.

−قىزىم، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. كوچا-كويلاردا تېنەپ يۈرسىڭىز ئەسكى ئادەملەر ئازدۇرۇپ كېتىدۇ. تىكەندەكلا يالغۇز قېرىمەن، خالىسىڭىز ماڭا بالا بولۇڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا مانا مەن ئىگە.

−موما!…

مەستۇرە ھەقىقىي بىخەتەر ماكانغا ئېرىشكىنىدىن مىڭلارچە شادلاندى. يۈگۈرۈپ كېلىپ مومايغا ئېسىلدى. ئۇلار يەنە بىر ھازاغىچە كۆز يېشى قىلىشتى…

مەستۇرەنىڭ يەرگە كىرگەندەكلا غايىب بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامۇق چوقۇر «پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر!» دەپ ئاسىيەنى كۆپ قىستىدى.

−سىزگە نەچچە دېدىمغۇ، پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ئۆلمىگۈر ئالۋاستى ئېلىپ قاچتى دەپ. مەندە ئۇنچىۋالا پۇل نېمىش قىلسۇن، پۇلىڭىزنى شۇ ئالۋاستىنى تۇتقاندا بىرمۇ-بىر قايتۇرىمەن.

−سەن خوتۇن شۇنداق دەپ بىر يازنى ئۆتكۈزدۈڭ، ماڭا بېرىدىغان قىزىڭ بولمىغاندىكىن پۇلۇمنى قايتۇر. بىر كۈنى سەن خوتۇنمۇ غىپلا قىلىپ تىكىۋەتسەڭ داغدا قالمامدىمەن. ئېيتىپ قوياي، مېنىڭ ئىسمىم ھامۇق، مىجەزىمنىڭ قانداقلىقىنى پۈتۈن يۇرت بىلىدۇ. بىكا نېرۋام ئۆرلەپ قالمىسۇن-ھە!…

ھامۇق چوقۇر خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ 47 يېشىمدا يەنە قىز تويى قىلىدىغان بولدۇم دەپ بۇنىڭدىن خۇدىنى يوقىتىپ يۈرگەندە مەستۇرەنىڭ قېچىشى تولىمۇ ھار كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرى سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك يوققا چىقىپ ئەلەمگە چىدىماي ھاراققا بېرىلىۋالغان ئىدى. ھاراق ئىچىپ تازا قىزىغاندا ئۇدۇل ئاسىيەنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالاتتى.

−بۈ… بۈگۈن نە… نە… دىن بولسا پۇ… پۇلۇم … پۇلۇمنى قاي… قاي… تۇر!

ھامۇق چوقۇر بۈگۈنمۇ غىققىدە بولۇپ ئاسىيەنى ئىزدەپ كەلدى.

−مەندە بىر تىيىننى سۇنۇقىمۇ يوق،- ئاسىيەمۇ بوش كەلمەي ئاچچىقلاندى،- پۇلنى ئۇ ئوغرىلاپ قاچتى دېدىمغۇ.

−ھۇ، ئا… ئاناڭنى جالاپ، مەن، سەن… سەندەك جا… جالاپنى… ياق، جا… جالاپقا تې… تېتىمايدىغان بول… بولسام…

−ئادەم تىللىغان ئاغزىڭىزغا يارا چىقار ئىلاھىم.

−سەن… سەندەك پاس… پاسكىنا جا… جالاپنىڭ قار… قارغىنىغا پىت… پىتمۇ ئۆلمەيدۇ، ھۇ ئال… ئالدامچى…

−كەتمەيدىغان بولساڭ ئادەم چاقىرىمەن.

−چا… چاقىرە قېنى. مەن… مەن… قورقمايمەن…

−ۋاي، ئادەم…

ئاسىيە ئاخىرقى سۆزىنى قىلىشقا ئۈلگۈرمىدى. ئېتىلىپ كەلگەن ھامۇق چوقۇر ئۇنى ئېغزىنى قولى بىلەن بېسىپ يېنىدىن پىچىقىنى غاچچىدە چىقاردى-دە، ئاسىيەنىڭ ئېلىپتەك تۈز چىرايلىق بۇرنىنىڭ ئۇچىنى شارتتىدە كېسىۋەتتى. ئاسىيە ئاچچىق چىقىراپ يەرگە ھوشسىز يىقىلدى…

مەنە ئەمدى ئاسىيە پۇچۇق بولۇپ قالدى. «پۇچۇق» دېگەن لەقەم ئۇنىڭغا ئەزان چىللاپ قويغاندەكلا سىڭىشىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى گۈزەل رۇخسارىدىن بىراقلا جۇدا بولغانتى. قىش-ياز ئېغىزىدىن ماسكا ئايرىلمايدىغان بولدى. ھامۇق چوقۇرنى ئەتىسىلا ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى. كوچا مىش-مىشلىرىدا ئۇنى نەچچە يىل تۈرمىگە سولايدىكەن دېگەن گەپ تارالدى. ئاسىيەنىڭمۇ ئەمدى بۇ يەردە تۇرغىچىلىكى قالمىدى. بىر كۈنى ئۇمۇ «ئالە شەرىڭنى» دەپ بۇ يەردىن كېتىپ قالدى…

10

شەھەرلىك سوتنىڭ ئازادە سوت زالى. بۈگۈنكى ئوچۇق سوتقا سىرتتىن قاتناشقۇچىلار كۆپ كەلگەن ئىدى. نىساخان مومايمۇ كۆزلىرىنى باش ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا سۈرتۈپ كىشىلەر ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇ خېلىلا جۈدەپ قالغان بولۇپ چوڭقۇر چاناقلىرى ياشقا تولغان ئىدى. سوت سەھنىسىگە زىلۋا كەلگەن پۈتۈكچى قىز چىقىپ باش سودىيە، ئەيىبلىگۈچى، قانۇن دوختۇرى، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ سوتقا چىقىپ ئۆز جايلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى جاراڭلىق ئاۋازدا ئېلان قىلدى. ئاندىن سوتنىڭ تۈزۈم-تەرتىپلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى.

ئوچۇق سوت − قانۇن تەرتىپلىرى بويىچە رەسمىي باشلاندى. باش سودىيە سالماق ئاۋازدا «جاۋابكار سوت مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كىرىلسۇن!» دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇ ھامان ياندىكى بىر ئىشىك ئېچىلىپ ئىككى نەپەر ئايال قانۇن ساقچىسى، چىرايىدا قان دىدارى يوق، ئەمما ئوماق چېھرىدىن بالىلىق ئىزنالىرى يىتمىگەن بىر قىزنى ئېلىپ كىرىشتى. بۇ قىز دەل مەستۇرە ئىدى. ئۇ ئوبدانلا ياداپ قالغان بولۇپ پىلدىرلاپ تۇرغان قارا كۆزلىرىدە مۇڭ، ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى بىچارە تۇرقى كىشىنىڭ ئىچىنى ئىختىيارسىز سېرىيتتى. سودىيە سوئال-سوراقنى باشلىۋەتتى:

−جاۋابكار، ئىسمىڭىز نېمە؟

−مەستۇرە.

−فامىلىڭىزچۇ؟

−يەھيا.

−نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

−17 گە.

−قايسى يۇرتتىن؟

−توققۇزتارادىن.

−مەدەنىيەت سەۋىيىڭىزچۇ؟

−ئوقۇمىغان.

−ساۋاتسىزمۇ؟

−ئىسمىمنى يازالايمەن.

−كەسپىڭىز نېمە؟

−…

كەسپىڭىز يوقمۇ؟

−يوق.

−نېمە جىنايەت بىلەن توختىتىپ قويۇلدىڭىز؟

−بىر ئادەم ماڭا چېقىلغانتى، شۇ ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قويغان.

−سىز بىزنىڭ − مۇشۇ ئولتۇرغان سودىيىلەرنىڭ دىلويىڭىزنى قانۇن بويىچە سوت ئېچىپ بىر ياقلىق قىلىشىغا قوشۇلامسىز؟

−قوشۇلىمەن.

−بىرەرىنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى تەلەپ قىلمامسىز؟

−ياق.

باش سودىيە سوئال-سوراقنى ئاخىرلاشتۇردى. نەق مەيداندىن تېپىلغان بىر قاتار دەلىل-ئىسپاتلارنى يەنى سۇنۇق بوتۇلكا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قاندا بۇلغانغان كۆينىكى قاتارلىقلارنى ئاممىغا كۆرسەتتى. ئاندىن قانۇن دوختۇرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

−بوتۇلكا نۆكچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قورساق قىسمىغا كىرىپ قان كۆپ ئېقىپ كەتكەچكە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن. جاراھەت ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 5.8 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باشقا يەرلىرىدە غەلىتە ئالامەت كۆرۈنمەيدۇ…

مانا ئەمدى سوت ئۆز تەرتىپى بويىچە مۇنازىرە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەيىبلىگۈچى ئەيىبلەشنى قوللاش نۇتقىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە مەستۇرەنى زەخىملەندۈرۈپ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش جىنايىتى بويىچە جازالاشنى قوللىدى. سوت مەيدانى تىمتاسلىققا چۆمگەن بولۇپ ھەر كىم ئۆزلىرىچە ھەر خىل قىياسلارنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى. ئەمدىكى نۆۋەت ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا كەلگەن ئىدى. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات مەستۇرەنى يوللۇق قوغدانغان دەپ ئۇنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بەس-مۇنازىرە قىزىپ كەتتى.

−كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەلىيەت،- دېدى ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ئاق ئارىلىغان چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئارقىغا تاراپ قويۇپ، - ئەينى چاغدا ۋەقە سادىر بولغان كەچ مەستۇرە چايخانىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ نىساخان موماينىڭ ئۆيىگە قايتقان. ئۇ شەر*قىي شىنخۇا يولىدىن جەنۇب تەرەپتىكى تار كوچىغا كىرگەندە يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان بولۇپ كوچىدا ئادەم قالمىغان، ئۇ پاتقاقلىق كوچىدا ئالدىغا قاراپ 200 مېتىر ماڭغاندا ئالدى تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېغىر مەست ھالدا چىقىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قولىدا بىر بوتۇلكا «ئىلى ئاق ھارىقى» بولۇپ شۇ كۈنى ئۇ 350 گىرامچە ھاراق ئىچكەن. (بۇنى قانۇن دوختۇرى ئىسپاتلايدۇ) شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى زىيانغا ئۇچرىغۇچى قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى. ئوغرىلىق قىلمىشى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. كۆپ قېتىم ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان. نەشە چېكىش، قىمار ئويناشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان جەمئىيەت داشقاللىرىدىن. ئۇ مەستۇرەنىڭ يامغۇرلۇق كېچىدە ئۆزى يالغۇزلا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نىيىتىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تەگمەكچى بولغان. ئۇ ئاجىز قىزغا ھايۋانلارچە ئېتىلغان، ئادەمسىز تار كوچا، يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقاچقا مەستۇرەنىڭ ياردەم سوراپ چاقىرغان ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ. ھايۋان نەپسى تاقىلداپ كەتكەن زىيانلانغۇچى مەستۇرەنى بىر بۇلۇڭغا قىستايدۇ. ئۇلار تىركىشىۋاتقاندا ھېلىقى ھاراق بوتۇلكىسى يەرگە چۈشۈپ چاپ بېلىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. زىيانلانغۇچى مەستۇرەنى يەرگە باسقاندا تۇيۇقسىز مەستۇرەنىڭ قولىغا ھېلىقى سۇنۇق بوتۇلكا چىقىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆز ئىززەت-نەپسىنى قوغداش، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولىغا چىققان بوتۇلكىنى ئۈستىدىكى ئەرنىڭ قورسىقىغا قارىتىپ ئۇرىدۇ. چېقىلغاندا ھاسىل بولغان كۈچلۈك ئۇزۇن نوكچىلار ئۈستىدىكى ئەرنىڭ قورساق قىسمىغا كىرىپ كېتىپ ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇ ئەر قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ يەردە دومىلاۋاتقاندا مەستۇرە غىپپىدە تىكىۋەتمەي ئەكسىچە كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلىدۇ. بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بارلىق سەۋەب-نەتىجە ئاشۇ ئەرنىڭ ئۆزىدە. مانا ھازىر سوتتا جاۋابكار ئورنىدا ئولتۇرغان قىزچاق بولسا ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئوچۇق جاكارلىمىسام بولمايدۇكى ھېلىقى ئەرنىڭ ئىسمى يەھيا بولۇپ، مۇنۇ ئالدىمىزدا تۇرغان قىزچاقنىڭ بېقىۋالغان دادىسى.

−نېمە ئۇ مېنىڭ دادام يەھيامىكەن؟

مەستۇرە بىردىن چىرقىراپ ھوشىدىن كەتتى. ئادەملەر ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇشۇپ كەتتى. ئاقلىغۇچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار پاكىتلىق بايانلىرى قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا كۇچلۈك غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى. ئەمدىكى گەپ كېڭەشمە سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىدىلا قالغانتى.

20 مىنۇتلۇق كېڭەشمە ۋاقتى نىساخان موماي ئۈچۈن 20 يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز ئاغاتتى. كۆزلىرىدىن ياشلار ھېچ توختار ئەمەس. ئىچىدە ئاللادىن ئاسانلىق، نۇسرەت ئاتا قىلىشنى تىلەيتتى. ۋاقىت توشتى، سۈرلۈك سودىيىلەر سوت مەيدانىغا كىرىپ كېلىشتى. باش سودىيە جاۋابكارنى سوت زالىغا ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇدى. مەستۇرەنى ئېلىپ كىرگەن ئايال ساقچىلار ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرۇشتى. سودىيە ھۆكۈمنى ئوقۇدى:

«… مەستۇرە يوللۇق قوغدانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدۇق» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان نىساخان موماي، ياق، پۈتۈن مەيداندىكى ئامما ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. قىزغىن چاۋاك ساداسى سوت ئىچىنى لەرزىگە كەلتۈردى.

−قىزىم مەستۇرە!…

نىساخان موماي قۇچاقلىرىنى كەڭ ئاچقىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى…

تالا بۆلەكچىلا يېقىملىق، كۆك ئاسمان، نۇرلۇق قۇياش، سەلكىن شامال، يول بويىدىكى گۈللۈك… ھەممە نەرسە شۇنداق تارتمىلىق، شۇنداق گۈزەل. … موماي بىلەن قىزچاق يولدا قولتۇقلىشىپ كېتىپ بارماقتا. ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىدە خۇشاللىق نۇرلىرى ۋىل-ۋىل يېنىپ تۇراتتى. ئەمما قەدەملىرى ئېغىر ۋە ئاستا ئىدى. مەستۇرە بىردىن يول بويىدا سىتولبىنىڭ قېشىدا باش ياغلىقىنى ئالدىغا سېلىپ سەدىقە تىلەپ ئولتۇرغان تونۇش بىر چىراينى كۆرۈپ قالدى. ئۇ جايىدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ھىملەنگەن لەۋلىرى سۇس تىترەپ كەتتى. نىساخان نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا يۈزلەندى.

−نېمە بولدى، قىزىم؟

ئۇ، مېنىڭ ئاپام.

−كىم؟

−ئەنە ئاۋۇ تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان ئايال.

−توۋا قىلدىم!…

−ئاپا!

مەستۇرە ئېغزىدىن قانداقلارچە بۇ سۆزنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ قانداقلا بولسۇن ئۆزىنى باققان پاسىباندە. ئاسىيە بېشىنى كۆتۈرۈپ يەردىن ئۈنگەندەكلە ئالدىدا تۇرغان مەستۇەرنى كۆرۈپ ئىسەنكىرەپ قالدى.

−سەن… سەن… ھاياتكەنسەن-ھە!- ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.

−بۇ مەن ئاپا. سىزگە دېمەيلا كېتىپ قالغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ!

ئاسىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار يامغۇردەك تۆكۈلدى. ئۇ شۇ تاپتا يا مەستۇرەنى تىللاشنى، يا ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلىشنى بىلەلمەي قىينىلىۋاتاتتى.

−يۈرۈڭلار قىزلىرىم، ئۆيگە كېتەيلى.

نىساخان موماي ئارىدىكى جىملىقنى بۇزدى.

−يۈرىڭە ئاپا! مەن ئەمدى سىزنى باقىمەن. نىساخان مومام ماڭا بەك ئوبدان قارىدى…

−خالىسىڭىز بىرگە تۇرىمىز،- دېدى نىساخان مومايمۇ ھاتەمدەك سېخىيلىق قىلىپ،- ھەرگىز قورۇنماڭ!

ئاسىيە ئورنىدىن تۇردى. ئاتا-بالا ئىككىيلەن كوچىدىلا قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتى…

توپىلاڭغۇ سەھرا يولى، چوڭ تاشيولدا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالغان ئاسىيە بىلەن مەستۇرە توپا كېچىپ مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. مەھەللە ئىچى ئاۋۋالقىدەكلا جىمجىت، يىڭنە چاغلىق ئۆزگىرىش يوق. ئۇلارنىڭ غېرىبخانىسى تېخىمۇ مۇڭلىنىپ، بويۇن قىسقان ھالدا تۇرۇپتۇ…

ئۇلار مەھەللىدە بىر كېچە قوندى. ئىككى قورۇ جاينى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. چۈنكى نىساخان موماي ئۇلارنى ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك بىللە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇرىۋالغانتى. ئۇلار ئۆي ساتقان پۇلدىن ھامۇق چوقۇرنىڭ پۇلىنى قايتۇردى. مەستۇرە مەمەت بىلەن ئۈن-تىنسىز خوشلاشتى. ئىش بۇ دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنتى. ئۇلار ئەمدى نېمىمۇ دېيەلىسۇن، پەقەت ھىجرانلا ئۇلارغا بىردىنبر يول ئىدى.

ئۇلار مەھەللىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە بىر بادرىنى ئات قىلىپ چېچىپ كەلگەن مىرشات ئۇلارغا چۈشىنىكسىز بىر ھالەتتە كۈلۈپ قارىدى. −ئاپا مىرشات ئاكام كەلدى.

ئاسىيە ھېچنەرسە دېمىدى. ئۇ ئارقىسىغا قايرىلىپ قاراشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار يولىنى داۋام ئەتتى. تىمتاس مەھەللە، بارغانچە كىچىكلەپ كېتىۋاتقان بىر گەۋدە ئۇلار بىلەن ئۈن-تۈنسىز خوشلاشماقتا ئىدى…

ئاھ، قىسمەتلەرگە باي شورلۇق دۇنيا!…



بۇ ئەسەر: 14-نۆۋەتلىك "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن.


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 645
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 13:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئاخىرى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم.
ئاپتورنىڭ قەلىمىنىڭ تېخىمۇ يۈگرۈك ئاتتەك چاپچىشىنى تىلەيمەن.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش