كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 0

نىدا :تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



6-نۆۋەتلىك خانتەڭرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر





نىدا



تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن



(باللادا)



مۇقەددىمە



قوغۇشۇن رەڭگىدە بۇلۇت ئېسىلىپ،

ئاسماننى بۇرۇقتۇم قىلغان بۇ مەھەل.

ھىسلىرى تالجىقتى يىگىتنىڭ بىر پەس،

يەتكەچكە ۋاقىتسىز سۆيگۈگە ئەجەل.

ئۇ سۆيگەن شۇ گۈزەل نەدىكىن بۈگۈن ؟!

ئۇ سۆيگەن چولپاندەك كۆزلەر قېنىكىن؟!

ياقۇت لەۋ... (ۋە بەلكى غۇنچىدۇر ئەسلى)

شەربىتى جېنىغا جان قوشقان بىر چاغ.

تولماقتا غازاڭغا كۆڭۈل ئاسمىنى ،

پەيزىنى يوقاتتى ئۇ يۈرگەن گۈل باغ.

يارىسىز بۇ دۇنيا مەۋھۇمدۇر ئاڭا،

ھاياتنىڭ قالمىدى ئەمدى لەززىتى.

ياقىسىن چاك ئېتىپ سەرسان بولار ئۇ،

ئەزمەكتە يۈرەكنى ھىجران ھەسىرىتى.

قەبرىنىڭ ئالدىدا تۇرار تەلمۈرۈپ،

قەبرىدىن نە سادا ؟

               جىلۋىسىز تۇپراق.

ئىلاھا، نە تەقدىر ، نە قىسمەتتۇر بۇ؟

قەلبىنى چۇلغىدى، بىر مەشئۇم سوراق .

          1

نەۋ باھار پەسلىدە تېپىشىپ ئۇلار،

گۈلزارغا گۈل بولۇپ قېتىلغانىدى.

چىمەنلەر زوقىدىن دىلى ئويغىنىپ،

سۆيگۈدىن غۇنچىلار قىسىشقانىدى.

كۆللەردە سۈزۈك سۇ ئاينى ئوينىسا،

بۇلبۇللار كۈيىدىن باغلار كۈلەتتى.

چىرايى گۈل ئىدى يىگىتنىڭ ئۇ چاغ،

قەلبىدە ھاياجان دولقۇن ئۇراتتى.

بىر نازلىق جىلۋىدىن مەست بولۇپ مىڭ رەت،

مىڭ سەۋدا ئىلكىدە سەرسان بولاتتى.

مەجنۇننىڭ تەقدىرى ئاڭا پۈتكەندەك،

رەڭگىدىن كېتەتتى، خازان بولاتتى.

چۈنكى بۇ ئىشىقتى، چۈنكى بۇ ئاتەش،

بىلمىدى قانداقچە كۆيگەنلىكىنى.

بىھۇشلۇق بۆشۈكى تەۋرەتكەچ ئۇنى،

تۇيمىدى نەلەردە يۈرگەنلىكىنى.

ئىشىقتىن مەست بولۇپ ئاھلار ئۇردى ئۇ،

قوقاسقا پۇچۇلاپ ئەزىز جېنىنى.

تۈنلەردە ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ،

نەچچە رەت تامشىتتى ئوتلۇق لىۋىنى.

مىڭ قېتىم تەمشىلىپ بىر سۆز ئېيتالماي،

تەشۋىشلىك خىياللار چىرمايتتى ئۇنى.

ئىلاھى قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇپ،

ۋۇجۇدى ئۆرتەندى كۈندۈز ۋە تۈنى .

يىگىت بۈگۈن مەست،

                سەۋدا ئىلكىگە ـ

بىلمىدى قانداقچە چۆككەنلىكىنى.

يالپۇزلار گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق چاچقان –

ئېرىقنىڭ بويىغا كەلگەنلىكىنى.

سۈزۈك سۇ باراتتى ئاستا شىۋىرلاپ،

كۆڭۈل ئەينىكىنى يېيىپ كۆزىدە.

ئاق لىباس ئىچىدە نازۇك تەۋرىنىپ،

بىر جانان كۆرۈندى سۇنىڭ يۈزىدە.

قىز-يىگىت جەم بولدى غايىبان شۇنداق،

پەرىشتە سۈپەت بوپ ئۇچتى يىراققا.

بۇلبۇلگويادەك ناخشا ئېيتىشىپ،

كېپ چۈشتى بىر چاغلار ئوينىغان باغقا.

ئۇندا بار ئۇلارغا تونۇش ئورۇندۇق،

پىنھانە قېپ قالغان سۆيۈملۈك ئىزلار.

ئۇنداق بار سۆيگۈنىڭ مۇقەددىمىسى،

جىلۋىلەر ئىلكىدە سۆيۈندى دىللار.

ۋاقىتلار ئۆتمەكتە، دەقىقىلەردە –

تويۇنغان ھاياجان،

        نەپەستە يالقۇن.

تىكلەشتى تولۇن ئاي كۆكنىڭ قەرىدە،

كېچىنىڭ سۈت رەڭگى،

يۈرەكلەر جۇشقۇن.

تىترىگەن لەۋلەردە بىر سۆز يادلىنىپ،

بىر ئۇلۇغ قسىمەتكە بەند بولدى ئۇلار.

يۇلتۇزلار گۇۋاھ بوپ سۆيگۈسى ئۈچۈن،

بىر شىرىن سەزگۈدىن مەست بولدى ئۇلار.

دىمەككى، بۇ سۆيگۈ مۇقەددىمىسى،

بىھۇشلۇق ئىلكىدە باشلانغانىدى.

ئىخلاستىن بىر ئايەت ئوقۇلۇپ ئۇندا،

دىللاردا ساداقەت بىخلانغانىدى.

قوش يۈرەك تىپىرلاپ ھاياجان بىلەن،

بىر نازۇك رىشتىدە چىگىلگەنىدى.

تىنىمسىز تىتىرىگەن قەلب تارلىرى،

ئالتۇن زەخمەكلەردە چېكىلگەنىدى.

قىز دىدى : لېۋىڭدىن ئالدىم ھارارەت،

ھەر زامان كۆيىمەن سېنىڭ ئوتۇڭدا.

ناۋادا قايسى كۈن ئىشقىڭدا ئۆلسەم،

خاكىمدىن تىل تۇمار پۈتكىن بوينۇڭغا.

يىگىت دىدى: جانان، نىچۇن ۋاقىتسىز-

بىھۇدە ئۆلگەيمىز تۇپراق قۇچاقلاپ.

ياشايلى ھاياتتا جۈپ –قوشماق بولۇپ،

ئويلىما ئۆلۈمنى، كۈلگىن قاقاھلاپ !

مۇھەببەت بوستانى تولسۇن چېچەككە،

ئۆمرىمىز شېخىدا غۇنچىلار كۈلسۇن.

بۇلبۇللار ناۋاسى ناخشىمىز بولۇپ،

بىز ئۈچۈن تۈگىمەس داستانلار پۈتسۇن.

قىز دىدى : ساداقەت بىزگە يار بولسۇن.

بۇ ئالەم مۇقەددەس ، سۆيگۈ مۇقەددەس،

چىن ۋاپا ئەھلىگە بۇ ئالەم جەننەت،

ۋاپاسىز سۆيگۈدە جانمۇ جان ئەمەس.

ساداقەت بابىدىن يېڭى بەت ئېچىپ،

مەن ۋاپا ئىزدەيمەن سېنىڭدىن پەقەت.

مەن كۆيگەن ئوتلاردا كۆيەمسەنكىنتاڭ،

مەن ئاققان سۇلاردا ئاقامسەن ئەبەد؟

يىگىت دەر : ئىشەنگىن كۆڭۈل سۆزۈمگە،

سەن بىلەن بۇ ھايات مەن ئۈچۈن گۈزەل.

بىر ساڭا مىڭ جېنىم بولسا تەسەددۇق،

پەقەتلا سۆيگۈمگە يەتمىسۇن ئەجەل...



             2

بىر شىرىن خىيالدا كۆزى ئىلىنىپ،

يىگىتنى شىرىن چۈش ئالدى قوينىغا.

كۆز ئۆڭى بىغۇبار بىر گۈزەل دۇنيا،

ياقۇت مەي لىقلاندى ۋىسال جامىغا.

ئاشىقلار دۇنياسى ئۇنىڭ كۆرگىنى،

بىلىندى سۆيگۈنىڭ مۇقەددەسلىكى.

جەننەتۇل رىزۋاندا يۈرۈپتىمىش ئۇ،

ئۇنتۇلدى ھىجرانلىق كۈننىڭ تەسلىكى.

نەدىندۇر كۆرۈندى ئادەم ۋە ھاۋا،

كۆز ئالدى نۇرانە ، ئالەم نۇرانە.

قۇياشنىڭ تەپتى بار ئادەم يۈزىدە،

سۆزلىرى بىلىندى ئاڭا دۇردانە.

بىز،- دىدى ، - ئاشىقلار شاھى – سۇلتانى،

ئەي، يىگىت ئارمىنىڭ نىچۇكتۇر سېنىڭ ؟

چىن ئاشىق ھامىيسى بىز تۇرغان ماكان،

ئارزۇيۇڭ بىر بىلەن پۈتمىشتۇر سېنىڭ.

مۆجىزە لال قىلدى يىگىت ئەقلىنى،

ئەيلىدى كەچمىشىن بىرمۇ بىر بايان:

-      سۆيگۈمىز بېغىدا ئۈندى شۇمبۇيا،

يۈرەككە يىڭنىدەك سانجىلدى ئازغان.

نىگارىم بى ئەجەل كەتتى دۇنيادىن،

ئايرىلىش داغىدا پۇچۇلاندىم مەن.

ۋاپاغا ئەقىدە باغلىغانىدۇق،

ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولۇپ قالدى غەم.

مەن دوست دەپ يۈرگەنلەر ھەسەت ئوتىدا،

كۆڭلىگە بىر شۇملۇق پۈكۈشكەنىگەن.

مەن يىراق سەپەردە يۈرگەن بىر كۈنى،

ناكەسلەر پەيلىنى بۇزۇشقانىكەن.

بىر «دوستلۇق بەزمىسى» دە بولۇپتۇ بۇ ئىش،

توزاقنى تەييارلاپ ساھىبخان بىلەن.

ھوشىغا كەلگەندە نىگارىم سەھەر،

قارىسا ياتقۇدەك بىر چايان بىلەن.

كۆڭلىگە ئايان بوپ يۈز بەرگەن ئىشلار،

يۈرىكى ئەلەمدىن يېرىلاي دەپتۇ.

غەيرەتكە كەپتۇ ئۇ بىر تىغنى كۆرۈپ،

غەزەپتە ناكەسنىڭ جېنىنى ئاپتۇ.

شۇندىمۇ چىدالماي خورلۇققا قەلبى،

مىڭ پارە بولۇپتۇ نومۇس، ئازاپتا.

ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىپتۇ،

قالدۇرۇپ بىر پارچە خېتىنى ماڭا.

خېتىدە دەپتۇ ئۇ :

             مېنى ئىزدىمە،

ئىپپتىم بۇلغاندى ، نومۇستىن ئۆلدۈم.

ساڭا يۈز كېلەلمەس ناپاك بۇ جىسىمىم،

بۇ ئىشنى پەقەتلا ئۆزۈمدىن كۆردۈم.

سېنىڭسىز نە ئۈچۈن باردىم شۇ جايغا؟

نىمىشكە بىخۇدلۇق چىرمىدى مېنى؟

نىمىشكە كۈشەندەم دوست بوپ كۆرۈندى؟

خىياللار-خىياللار قىينىدى مېنى.

قىساسلىق ئالەم بۇ، قسىاسقا قاندىم،

قېنىنى ئاققۇزدۇم ھەسەتخور، كورنىڭ.

ئۆزىنىڭ پىچىقى ئالدى جېنىنى،

تەقدىرى شۇ بولدى ئۇ زىناخورنىڭ.

ئەستە تۇت، بۇ قانلىق پاكىتنى دوستۇم،

ھەر نەپەس دۈشمەندىن سەن بولغىن ئاگاھ.

رەزىللەر بېشىغا چاقماقلار چۈشسۇن.

پاك سۆيگۈ مۇقەددەس، سۆيگۈدۇر ئىلاھ !...

شۇ يوسۇن سۆزلىدى يىگىت بىر مۇ بىر،

ئەلەملىك كۆز يېشى ئاقتى ئېتەككە.

پەريادتىن خۇن بولدى جىگەررۇ باغرى،

ئاھلىرى يەتكەيمۇ ئۇلۇغ تەڭرىگە.

نالىلەر قىلدى ئۇ :

              - ياشاپ نە قىلاي،

ئاشىقلار سۇلتانى ماڭا يول كۆرسەت.

يۈرىكىم يېرىلدى زەرداپتىن مانا،

بېشىمغا چىققۇسى بۇ ئەلەم – ھەسرەت.

يىگىت دەرد تۆكۈپ ئادەم، ھاۋاغا،

ئارزۇ ھەم ئۈمىدتە تەلمۈردى ئاڭا.

ئەجەلگە رازى بوپ ئەگدى بېشىنى،

دەل شۇندا ئادەمدىن كەلدى بىر نىدا:

-      ئەي ئاشىق ، ئۆلمىكىڭ نە ھاجەت سېنىڭ،

ئەۋۋەلى ئاشىقلىق سىرىنى چۈشەن.

نىچۈنكى ۋىسالغا يەتمىسە ئىنسان،

ئۆزىنىڭ جېنىغا سالىدۇ كىشەن؟

ئىنساننى ئۇلۇغلاپ ياراتتى خۇدا،

يارالمىشدۇر ئىنسان ئۆزىدىن.

ئەقىدە-ئىخلاستىن روھى ئويغىنىپ،

بەختىنى تاپسۇن ئۇ ھايات يولىدىن.

قىسمەتكە قۇل بولۇپ ياشاش گۇناھتۇر،

ئىرادە تىغ  بولسۇن ئارزۇلار ئۈچۈن.

ئىنسان سەن، پاچاقلا روھى كىشەننى،

شۇندىلا مۇھەببەت تاپار يورۇق كۈن.

ئۆلۈمنى تىلىمە ئەزىز جېنىڭغا،

ئۇياتلىق بولىسەن باقىي ئالەمدە.

ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزى ئالغاننىڭ

يۈزىمۇ يورىماس ئىككى ئالەمدە.

بار ئەمدى يولۇڭنى ئۆزۈڭ تاپ،- دىدى،

سۆزىنى تاماملاپ تىن ئالدى ئادەم.

كۆز ئېچىپ يۇمغىچە بولدى غايىبات،

يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئۇ سىرلىق ئالەم....

      

      خاتىمە



ھەسرەت ئەلەمدىن كۆيسىمۇ جېنى،

ھەقىقەت پارلىدى يىگىت كۆزىدە.

چۈشەندى ئالەمدە ئۇلۇغتۇر ئىنسان،

بىر ۋەھى ئاياندۇر ئۇنىڭ چۈشىدە.

ياراتتى ھەر كىمنى ئەزىزلەپ خۇدا،

ھەر جاننىڭ باھاسى ئالەم بىلەن تەڭ.

ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئادەمگە،

ھاياتلىق سۆيگۈسىنىڭ يوللىرىمۇ كەڭ.

ياشايلى دوستلۇرۇم ، تىز پۈكمەي ئەسلا،

ھىجراننىڭ بالاسى كەلسىمۇ قوشلاپ.

ئالەمنىڭ ساپاسى ئادەم بىلەندۇر،

بۇ ئۆمۈر كەلمەيدۇ قايتا-يېنىشلاپ.





    1991 – يىل ئاۋغۇست يېزىلغان.



«ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش