كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 1

ئالا كۆڭۈل:ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2005-يىلى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى »مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر



ئالا كۆڭۈل



(ھېكايە)



ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ



1

يەھيا گەدىنىگخچە بوغۇلغان قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ، ئەل قاتارى ياشىشى، تىل-دەشنەم، پوپۇزا، كەمسىتىشلەردىن قۇتۇلۇپ، خاتىرجەم ھايات قوينىغا قەدەم ئېلىشى ئۈچۈن يەنىلا پۇلنىڭ غېمىنى قىلىشى كېرەك ئېدى.  مۇشۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇ ئەينى چاغلاردا گۈزەللىك ئاسمىنىدىكى مەرۋايىت يۇلتۇزلاردەك جىلۋە، ناز قىلىشىپ يۈرۈشكەن بىر –بىرىدىن چىرايلىق قىزلار ئارىسىدىن  تاللاپ، قەلىب ئالىمىگە مىھىر، ۋاپا، ساداقەت ئابىيدىسى قىلىۋالغان قەدىرلىك ئايالىدىن، بىر –برىدىن ئەقىللىق، بىر-برىرىدىن ئوماق چوڭ بولىۋاتقان بىغۇبار پەرزەنىتلىرىدن ۋاز كېچىپ، باشقا بىر تۇرمۇش يولىنى تاللىۋالدى. شۇ تاپتا ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋىجدان، غورۇر، ئىنساپ، دادىلىق بۇرۇچ دېگەنلەردىنمۇ بىر يولىلا ۋاز كەچكەن رەھىمسىز، تاشيۈرەك ئادەم قاتارىدا سانالماقتا ئېدى. بىراق، ئۇنىڭدا نېمە ئامال؟ قارىغاندا «ئوغۇلبالىلىق قىلىمەن، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مىليۇنىر، ھەتتا مىليادىرغا ئايلىنىمەن» دەپ جاھانكەزدىلىك قىلىپ يۈرۈپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، تەۋەككلۈلچىلىك قىلغان، ئاتلمىش «پۇلنى سۇدەك سۈزەرلەر»لەرنىڭ ئاتامان گاڭگۇڭىغا ئايلىنىپمۇ باققان، ئاقىۋەتتە يەنە پۇلدىن باشقىنى تونىمايدىغان جاھانكەشتى نوچىلارغا نەچچە ئون تۈمەنلەپ قەرىزگە بوغۇلۇپ، يا پۇل تېپىپ، قەرزىنى قايتۇرۇش، يا ئۆلۈشتىن ئېبارەت ھايات-ماماتلىق  تاللاش پەيتىدە تۇرىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ خوتۇن، بالا، ۋىجدام غورۇر، ئىنساپ، مۇھاببەت دېگەنلەرگە رايى بارمىقى، ئۇنداق بۆيۈك نەرسىلەر ئالىدا تۇرسىمۇ تونۇشلۇق بەرمىكى مۇمكىن بولمايدىغان خام تەمە ئوخشايدۇ!

خەيرىيەت، خوتۇنى يىغلىسىمۇ، زارلىسىمۇ، مۇدھىش رىياللىققا تەن بەرگۈسى كەەلمىسىمۇ، دەرت-ئەلەم بىلەن تولغان ۋۇجۇدىنى خاتىرجەملىك تارازىسىنىڭ يىگانە بىر پەللىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى غۇۋا بىر يورۇق نوقتىغا تەلمۈرگەن ھالدا ئاجراشتى. بالىلار سەلدەك بېسىپ كەلگەن بۇ ئېغىر زەربە ئالدىدا كىملەردىندۇر قۇتقۇزۇش تەمەسى قىلىۋاتقان بىچارە تۇتقۇنلار كەبىي ئېچىنىشلىق نالە-پەريات قىلىشقان بولدىيۇ، ئاقىۋەتتە ھەممىگە تىز پۈكۈپ، چۇرقىراپ چۇقان سېلىشقىنىچە، قىرقىراپ تولغۇنۇپ يىغلاشقىنىچە، غېرىپلىق باسقان ئۆيدە بويۇن قىسقان ھالدا قالدى. يەھيا مانا مۇشۇ ئاخىرقى ئايرىلىش پەيتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگنىدە، ئادەتتىكى چاغلاردا ھىچقانداق مىسكىنلىك، رايىشلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگۈلى بولمايدىغان، بىر قارىماققا قانداقتۇر بىر شۇم غەرەز يوشۇرۇنغاندەك كۆرۈنىدىغان كۆزلىرىدە ئاچچىق ياش تەپچىرەۋاتقاندەك، بارغانچە قېتىپ كېتىۋاتقان يۈرەكلىرى ئەڭ كۈچلۈك بىر قول تەرىپىدىن دەھشەتلىك مۇجۇلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىيۇ، شۇنداقتىمۇ، بۇ ئازابلىق ئەسلىمىلەردىن بىر مەھەل بولسىمۇ يىراقلاشماقچى بولغاندەك، ئۆڭكۈردەك قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقان قەلبىگە قايتىدىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ئىھتىماللىقى بولغان يېڭى بىر «قۇتقۇزغۇچى كۈچ» ـــ ئامانگۈلنىڭ غۇۋا ئوبرازىنى، ئۇنىڭ پۇلى، مال-دۇنيالىرى توغرىسىدىكى خىيالىي تۇيغۇلىرىنى كەلگۈسى ئارمانلىرى بىلەن باغلاشقا تىرىشاتتى.



2



«مەنمۇ ئادەمغۇ؟ مېنىمۇ ئانام قىز بالا دەپ تۇغۇپ، يالغۇز قۇشۇم، يۈرىكىمنىڭ پارىسى دەپ ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلغانغۇ؟ مېنىڭمۇ باشقا قىزلاردەك پاك، سەمىمى، ئوتلۇق مۇھاببەتكە ئېرىشىش، چاقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى، ئوتتۇز ئوغۇل ئارسىدا مەردۇ-مەردانە گېپى بار تەندەرۇس بىر ئەر بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇش ھوقۇقۇم بارغۇ؟... ياراتقان ئېگەم ماڭا شۇنچە مىھرىبان، ھال-ئوقىتى ياخشى بولغان ئاتا-ئانىنى نېسىپ قىلغىنى بىلەن يۈرەكلەرنى ئىشىق يالقۇنلىرىدا كۆيدۈرەلەيدىغان راۋۇرۇس بىر يىگىتنىڭ چىن سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنى ئايىغانكەن. مانا يېشىممۇ 30دىن ئاشتى، ئاتا-ئاناممۇ كۆزىنىڭ يورۇق ۋاقتىدا مەندەك بىر ئەركەك مېجەز قىزىنى بىرەر ئىنساپلىق ئەركەكنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، خاتىرجەم بولالمىغىنىدىن ئەپسۇسلانغان ھالدا، بىر-بىرىنى تارتىشقاندەكلا، ئارقا-ئارقىدىن ئۇ ئالەمگە كېتىپ قېلىشتى. ئېسىت! ئەقلى-ھۇشۇم خېلى جايىدا، مۇقۇم خىزمەت ئورنۇم بار بىر دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇپ، ئاددىي ئائىلە قىزلىرىچىكمۇ تەلىيىم كەلمىگەنلىكىدىن ئازابلىنىشقا ھەقلىقمەن. ھەي تەلەي، ھەي تەلەي، ھەي بەخت، نەلەردە ئۇچۇپ، كىملەرنىڭ بېشىغا قونۇپ يۈرۈيسەنكىن ھە!؟ ئېيتە، سەن زادى نەدە؟! سېنى خۇشاللىق جىلۋىسى چاقنىغان كۆزلەردىن ئىزدەيمۇ ياكى ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش يولىدا تېپىچەكلەۋاتقان يۈرەكلەرنىڭ پىغانلىق سوقۇشلىرىدىنمۇ، ۋە ياكى باللىرىنى يېتىم قىلىپ، ئايالىنى ئازاپ دېڭىزىغا ئىتتىرىۋەتكەن يەھيا ئىسىملىك ئاشۇ تاش يۈرەك ئىنساننىڭ قۇچاقلىرىدنمۇ؟.. ياق، ئۇ تاش يۈرەك ئەمەس، ئۇ مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن نارسىدە باللىرىنىڭ نالىسىگە چىداپ تۇرۇپ ‹تاش يۈرەك›لىك يولىغا ماڭدى. توغرا، ئۇ مېنى سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ھەم ئۇزاق يىللاردىن بويان ئۇنىڭ ئوبرازىنى، ئۇنىڭ ئاشۇ ھەممىگە تونۇش بولغان ئىسمىنى يۈرۈكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ كەلدىم، شۇنداق ئىكەن مېنىڭ بارلىقىم مەن ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەپ كېلىۋاتقان يەھياغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك. مەن چوقۇم ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ، تارتقان ئازاپلىرىنىڭ ئورنىنى قىزغىن مۇھاببىتىم بىلەن تولۇقلۇشۇم، ئۇنىڭغا قايتىدىن بەخت ئاتا قىلىشىم كېرەك»

ئامانگۈل خىيال قىلغاچ، تۈن قاراڭغۇسى ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. دۇكان پەلەمپەيلىرىدە، ئېرىق، ئازگاللاردا ئۇخلاپ قالغان مەستلەردىن باشقا بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلار ئاللىقاچان ئۆز ماكانلىرىنى تېپىشىپ، كېچىلىك ھاياتىنى باشلىۋەتكەن بولسا كېرەك، دەرەخ، كۇچا، ئاسمان شۇنچە جىمجىت ھەم سۈرلۈك. ئاسماندا ئايمۇ، بۇلۇتمۇ يوق. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈرەكنى سىقىدىغان تىنجىق ئىسسىق قاراڭغۇلۇققا تېخىمۇ بىزارلىق تۇيغۇسى قوشقان ئېدى. ئامانگۈل كىملەرنىڭدۇر مۇدھىش تەقدىرىگە ئوخشايدىغان مۇھاببەتسىز كېچىلەر قوينىدىن تىزراق قۇتۇلۇشنى، ئازادىلىككە، ياخشى ھەمراھقا ئېرىشىشنى ئويلايتى. ئۇ، بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ، ئاخىرى يەھيانىڭ كىچىككىنە دەرىزىسىدىن غۇۋا يورۇقلۇق تارقىتىپ تۇرىۋاتقان دۇكىنى ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئاشۇ دۇكاندىن ئۇزاقتىن بويان تاپالمايۋاتقان ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق نەرسىسىسى سېتىۋېلىشقا كەلگەندەك ھاياجانلانماقتا ئېدى.

ئىشىك ئېچىلىپ، تونۇش كۆزلەر ئۇچراشقاندا يەھيانىڭ چېھرىدە قانداقتۇر بىر ساختا بىچارىلىك ۋە ھىلىگەرلىك ئەكىس ئەتكەندەك بولدى. ئامانگۇلنىڭ چوڭقۇر مۇھاببەت تەشنالىقىغا تولغان كۆزلىرىدە بولسا يەھيانى پەقەت چىن مۇھاببەت ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتقان بىر سەمىمى يۈرەك ئېگىسى، دەپ بىلىدىغان بىر خىل نۇر چاقنايتى.

ئۇلار ئۇزاق مۇڭداشتى، گۇيا سەۋدايى مۇھاببەت قايناملىرىدا ئۆزلىرىنى تۇتالماي ئۈزۈپ-چۆكۈپ يۈرۈشكەن رومانتىك ئاشىق-مەشۇقلاردەك شېرىن پىچىرلىشىشلار، بىرتەن –بىرجان بولۇپ قۇچاقلىشىشلار ئىلكىدە توي ھەققىدىكى كۆڭۈللۈك سۆھبىتىنى توختىماي داۋاملاشتۇردى.

ــ يەھيا، ئەمدى مېنى ئالداپ قويمايدىغانلا؟ يەنە يوللىرىغا تەقەززا قىلمايدىغانلا، ھە؟! ئېيتسىلا قېنى، بىز توينى زادى قاچان قىلىمىز؟

ئامانگۇل ھاياجانلانغان، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا دادىسىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى قاچان ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى سوراۋاتقان كىچىك بالىدەك مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ، يەھيانىڭ كۆزىگە تەلمۈردى.

ـــ بولدى يىغلىماڭ. يىغلىغان بىلەن نېمە ھەل بولىدۇ، كۆرمىدىڭىزمۇ، مېنىڭ مۇشۇ ھالىمنى! سىزنى ئالىمەن دەپ، خوتۇنۇممنى مەجبۇرى قويىۋەتكىنىم، سىزنى دەپ ئالتۇندەك بالىللىرىمى يېتىم قىلغىنىم راست. بىراق، سىز چىدالارسىزمۇ؟

ـــ نېمىگە چىدايتىم، ئېيتسىلا، چىدىمايدىغان نەرى بار؟

ـــ مەن بىلەن جاپالىق كۈنلەردە بىللە بولالارسىزمۇ، خەتەرلىك پەيتلەردە بەدەل تۆلەشكە چىدىيالارسىزمۇ، دەيمەن. راستىنى دېسەم، مەن ھازىر كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز قەرىزگە بوغۇلغان ئادەم، مانا بۇ دۇكانمۇ نۇرغۇن قەرىز ئۈستىدە ئاران-ئاران چۆگۈلەپ تۇرۇپتۇ. بىر يىل ئىچىدە بارلىق قەرىزلىرىمنى قايتۇرمىسام، ئۇلار مېنى ساق قويمايدۇ. شۇڭا دەيمىنا، سىزنىڭ مۇشۇ ئوتلاردا مەن بىلەن بىللە كۆيۈشكە رايىڭىز بارارمۇ؟

يەھيا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنى ئەڭ بىچارە كۆرسۈتۈبشكە، يالغاندىن كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئامانگۇلنى بۇ پاتقاققا بىللە سۆرەپ كىرگۈسى يوقلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-خىيالى ئامانگۇلنىڭ ھەقىقى ھىسداشلىقىغا ئېرىشىپ، نىكايىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى دەپىنە-دۇنيالارنى گويا سەگەز ياغلىقتىن يىپ سۇغارغاندەك بىر-بىرلەپ يۇلۇپ ئېلىپ، قەرىزدارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئېدى.

ــــ نېمە دەيدىغانلا يەھياجان، مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ سىلى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇشنى خالاۋاتقان يەردە، خاتىرجەم بولسىلا بولمامدۇ؟ سىلىدەك يۇرت كەزگەن ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن قەرىزگە بوغۇلۇش، يەنە قەرىزدارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، كاتتا ئادەمگە ئايلىنىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىشقۇ بۇ؟ مېنى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئادىمى دەپ قارىسىلا بارلىق تەئەللۇقاتلىرىمنى، ئىشقىلىپ ھەممە نېمەمنى ئۆزەمنىڭ بولدى دەپ قاراۋەرسىلە.

ئامانگۇل يەھيانى غەمدىن خالاس قىلىش، پۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمى ۋە روھى دۇنياسىننى ئۆزىگە رام قىلىش مەقسىدىدىكى ئەسەببىي خىياللىرىنىڭ زورۇقتۇرۇشى بىلەن ھەممە نەرسىسىسنى بىر يولىلا يەھياغا بېرىۋېتىشكە تەييارلانماقتا ئېدى.

ـــ شۇنداقتىمۇ سىزگىلا تاينىۋالسام بولماس، مەنمۇ بىر راۋۇرۇس ئوغۇل بالا تۇرسام.

ـــ بۇ گەپلىرىمۇ بولىدۇ، يەھياجان، ماڭا پەقەت سىلىدەك مۇشۇنداق ھەممىنى راستچىللىق بىلەن سۆزلەيدىغان، خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالايدىغان راۋۇرۇس ئوغۇل بالا كېرەك.

ـــ ئۇنداقتا بىز توي قىلىمىزمۇ؟ ــ يەھيا ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىۋاتقانلىقىنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامانگۇلنىڭ ئالدىدا خۇددى ئۆزىنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، خۇشاللىقتىن ئۆزىنى بېسىۋالالمايۋاتقاندەك كۆرسۈتىپ، ھاياجان ئىچىدە سورىدى.

ـــ ھەئە!

ـــ قاچان؟

ـــ بىر ئاي... ياق، بىر ھەپتىدىن كېيىن بولسۇن. ئىش قىلىپ قانچە تىز بولسا، شۇنچە ياخشى. شۇ چاغدىلا مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا سىلىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن تارتىپ، ھازىرغا قەدەر، كۈن، ئاي، يىللاپ ساقلاپ كەلگىنىمگە  مىڭ مەرتىۋە رازى.

يەھيا ئاستا-ئاستا جىمى مال-دۇنياسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولۇشقا يۈزلەنگەن قېرى قىزنىڭ بىچارلىك ھەم تەشنالىق ئىپادىلىنىۋاتقان سوغاق كۆزلىرىگە ئۇستىلىق بىلەن گىرىم قىلىنغىنىغا قارىماي، يەنىلا چېنىپ قالغان داغ، سەپكۈنلۈك، سۇزۇنچاق يۈزىگە، مۇشۇ كۈنلەردە مودا بولىۋاتقان ئېسىل كېيىم-كېچەكلەر ئىچىدە كولدۇرلاپ تۇرغان ئورۇق، زىلۋا بەدەنلىرىگە تىكىلگىنىچە، بىر خىل مۇرەككەپ ھىسياتنىڭ زورۇقتۇرۇشى بىلەن قۇچىقىنى كەڭرى ئاچتى...

بىر ھەپتىدىن كېيىن «ئۈزۈمزار» رىستۇرانىنىڭ مەرىكە زالى، ئايرىم خانا، يازلىق راۋاق، باراڭ ئاستى قاتارلىق مىھمان قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىكى جايلىرىنىڭ ھەممىسى كاتتا توي تەنتەنىسىگە چۆمدى. يەھيا بىلەن ئامانگۇل يۇرتقا توي چېيى بەردى. كىملەرنىدۇر ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان، كىملەرنىڭدۇر نەپرىتىگە ئۇچرىغان، سەبىيلەرنى يېتىم قىلىپ، يېڭىچە ئارمانلارنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بۇ توي ئامانگۇل ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق، يەھيا ئۈچۈن بولسا ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ باشلىنىشىدەك تۇيغۇ بەرمەكتە ئېدى، خالاس.



3



ـــ ئامانگۇل، ــ دېدى بىر كۈنى يەھيا كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇرۇپ، ــ تويىمىز بولغىنىغىمۇ ئىككى يىلچە بوپتۇ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇپ، ئەل-يۇرت ئىچىدە ئوبدانلا ئىناۋەت تېپىپمۇ قالدىم. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك، خاتىرجەم بولۇپ قالغاندەك سېزىۋاتىمەن. مۇشۇنداق بەختلىك كۈنلەردە سىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوق. بىراق، ئىچكىرىگە بىر بېرىپ ــ كېلىدىغان ئىش چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. كونا ئاغىينىلەر يىغىلىش ئويۇشتۇرماقچى بولۇپ، مېنىڭمۇ دەرھال يېتىپ بېرىشىمىنى ئۆتۈنىپتۇ. شۇڭا، سىز قوشۇلشان ئەھۋالدا ئاز-تولا مال ئەكەلگەچ بېرىپ-كەلسەمكەن دەپ ئويلىغانتىم، سىزنىڭچە بولارمۇ؟

ـــ بارغۇللىرى بولسا مەن توسۇپ نېمىمۇ قىلاللايتىم. بېرىپ كەلسىلە، بىراقزە، شۇ كەتكەنچە كەلمىسىلە، مەن قانداقمۇ قىلارمەن؟ ــ دېدى ئامانگۇل بىرھازا جىمجىتلىقتىن كېيىن.

ـــ ئاغزىڭىزنى ئۈشتمىڭا، جېنىم-تېنىمدىلا بولىدىكەن، سىزدەك قەدىردانىمنى تاشلاپ، قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك يوقاپلا كېتىشكە  قانداقمۇ رايىم بارىدۇ دەيسىز. خاتىرجەم بولۇڭ، كۆپ بولسا ئىككى ئاي، بولمىسا بىرەر ئاي ئىچىدىلا قايتىپ كېلىمەن.

يەھيا شۇنداق دېگنىچە ئامانگۇلنى خۇددى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەكلا قۇچىقىغا ئېلىۋالدى-دە، بازارغا مېڭىش ئالدىدىكى دادا ئۆزىگە ئەگەشكەن بالىسىنى بەزلىگەندەك، ئاللىقانداقتۇر شېرىن – تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ، مەيۈسلىك ئىچىدە غەمگە پېتىپ ئولتۇرغان ئامانگۇلنىڭ قىيالمايۋاتقان كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.

ـــ ئۇنداق بولسا، سەپەرلىرىگە ئاق يول بولسۇن، مانا بۇ يۈز مىڭ يۈئەن پۇل بار كارتا، يانلىرىدا چىڭ ساقلىسىلا، شۇنداقلا مېنىمۇ يادىللىرىدا چىڭ ساقلىسىلا. مەخپىي نومۇرى ھېلىقىدەك...

ـــ مانا ماۋۇ گېپىڭىز مېنى خاتىرجەم قىلدى، ئىشىنىڭكى، مەن ھەرگىزمۇ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۇنداق ئەھۋالدا پۇللىرىڭىزنى چۆنتىكىمگە سېلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىشىم، سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان قىڭغىر يولاردا مايماق دەسسەپ يۈرۈبشۈم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خەير خوش، خۇداغا ئامانەت، مېنى ساقلاڭ.

يەھيانىڭ ئىچكىرىگە مېڭىش ئالدىدا ئامانگۇل بىلەن خوشلۇشۇش سۆزى ئەنە شۇنداق قىسقا، ئاددىي ھەم جىددىي بولدىكى، بىر قاراشتا ئۇ ئامانگۇدىن ئايرىلغىنىغا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدىكى تاپا-تەنىلەردىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. يەنە بىر قارىماققا ، بارغانچە ئۆزىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان نامەلۇم بىر سىھرى كارامەتنىڭ تارتىش كۈچىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي، ھالاكەتلىك تەقدىر قوينىغا چۆكۈشكە ئالدىراۋاتقان چۈشكۈن ھەم تەۋەككۈلچى ئىنسانغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ ئالدىرايدىغىنى، تەقەززا بولىدىغىنى ــ يۈرىكىنى ئامبۇر كەبى قىسىپ، سۆرەپ مېڭىۋاتقىنى باشقا بىر خىل كۈچ ــ ئاتىلىق مېھرى ئېدى.  شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى بۇندىن ئىككى ئايلار ئىلگىرىكى ئاي قاراڭغۇسى بولغان بىر ئاخشامدا ئۈن-تۈنسىز يوقۇلۇپ كېتىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان، مانا ئەمدى «ئىچكىرىدىكى نامەلۇم بىر يانچۇقچىلار گوروھى بۇلاپ كېتىپتۇ، قاتتىق قېيىن-قىستاق ئاستىدا ئوغۇرلۇققا سېلىنىۋېتىپتۇ» دېگەندەك ئۇچۇرى پەيدا بولغان چوڭ ئوغلىنىڭ دەردى-پىراقى توختاۋسىز ئۆرتىمەكتە ئېدى. ئۇنىڭ پۇچۇلىنىپ، ئېچىشىپ بېرىۋاتقان قەلبىدىكى تەسەۋۋۇرى بويىچە بولغاندا ئوغلىنى تاپالىسىلا ھاياتىنى قايتىدىن باشلىماقچى، جاھانكەزدىچىلىك ۋە بارلىق ناتوغرا ئىشلاردىن بىراقلا قول ئۈزمەكچى ئېدى. بىراق، بۇزۇقچىلىق پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پېتىپ كەتكەن ئادەملەرگە نەدىمۇ ئۇنداق ئاسانلا بۇرنىغا سۇ كىرىدىغان، تەقدىرنىڭ ئوڭ كۆز بىلەن بېقىشلىرىغا قانائەتچانلىق بىلەن مۇئاممىلە قىلىدىغان ئىش بولسۇن؟ بۇنداق ئادەملەر كۆپ ھاللاردا قانداقتۇر چويلىدا توختىماس باھانە-سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىللىرىگە، جان-جىگەرلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسى تۇرۇشقا تېخىمۇ قادىر بولالمايدۇ. يەھيا دەل ئەنە شۇنداق ئادەملەرنىڭ تىپى بولغانلىقى سەۋەپلىكمۇ ياكى «خاتا قىلغان ئىشقا، قار ياغىدۇ باشقا» دېگەندەك، بۇرۇن خاتا باسقان قەدەملىرى قالدۇرغان يىرگىنىشلىك ئىزلار ئۇنى يەنە قاراڭغۇ ھاڭغا قاراپ سۆرەپ ماڭغانلىقى تۈپەيلىدىنمۇ، ئۇنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ-كېلىش سەپىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولماي قالدى. ئوغلىنى تېپىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ، ھەربىر دوقمۇشتىكى ھايات-ماماتلىق پۇل سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىھرى-جادۇلار ئۇنىڭ دادىلىق مىھرى-مۇھاببىتىنى ھە دېگەندە سۇسلاشتۇرۇپ، قاپ-قاراڭغۇ بىر ئۆڭكۈر قوينىغا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ باراتتى. كېيىن ئۇ  نەچچە كېچە-كۈندۈز باغرىغا بېسىپ، قانماي پۇراپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان، ھالال ئادىمىيلىك بوسۇغۇسىغا ئۇلىشىپ بېرىشنىڭ كۈچ-مادارى، ئۈمۈت چوققۇسى ھىساپلانغان سۆيۈملۈك ئوغلىنى رەزىل يۈرەكلەرنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىدىن ساق-سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن يۈرىكىنىڭ ھاياتلىققا ئىنتىلگەن نۇرانە پوكىسىنى  ھە دېگەندە سۇسلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان دەرت-ئەلەم، پۇشايمان، سېغىنىش ئازاپلىرىنىمۇ يېڭىشكە قادىر بولالىدى.

ـــ دادا، ئوبدان دادا، ماقۇل دېگىن، بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدىن تىزراق كېتەيلىچۇ؟

ـــ ماقۇل جېنىم بالام، بىراۋلاردا ئالىدىغان ئازراقلا پۇلۇم قالدى، شۇنى ئېلىۋالغان ھامان بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرماي يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىمىز.

ـــ بولدى قوي دادا، ئۇنداق پۇللىرىڭنى، بىر تامچە ھالال تەر ئاقمىغان ئۇنداق سېسىق پۇلغا تارتىشماي، دەرھال يولغا چىقايلى. ئانام بىلەن ئۇكامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم.

ـــ سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن يۇرتقا بارغاندىن كېيىن يەنە پۇل لازىم بولىدىغان گەپ ئەمەسمۇ، ئازراق چىدا ئوغلۇم، ئەتە چوقۇم يولغا چىقىمىز.

ـــ ئوبدان دادا، كىچىك بولساممۇ بىر قېتىم مېنىڭ گېپىمگە كىرسەڭ ياخشى بولاتتى، بۇ شەھەردە، يەنە كېلىپ بىزدەكلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ مەينەت بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا ئەتە تاڭ ئاتسا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، شۇڭا بۈگۈنلا يولغا چىققان بولساق بەك ياخشى بولاتتى. قارا،بۇ يەردىكى ئادەملەر بىزلەردەك جاھانكەزدىلەرنى دورىمايمۇ شۇنچە پاكىز، شۇنچە سەمىمى، شۇنچە ساغلام ياشايدىكەنۇ، ئەجەبا سەن-بىز ھە دېگەندە ئۆزىمىزنى ، روھىمىزنى خار قىلىدىغان مۇشۇنداق مەينەت ئىشقا خۇماركەنمىز.

ـــ ماقۇل، ماقۇل ئەقىللىق ئوغلۇم، يېشىڭ ئون ئىككىگە بارمايلا ئەجەپ چوڭ ئادەملەردەك سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپسەن دېسە، بىز ئەتە تاڭ ئاتسىلا چوقۇم يولغا چىقىمىز. يەھيا ھاياجانلانغان، خۇشھال بولغان ھالدا ئوغلىنى چىڭڭىدە باغرىغا بېسىپ، ئۇنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيدى ھەمدە، خۇددى چىڭ تۇرمىسا  بىراۋ تارتىۋالىدىغاندەك قىزغىنىش ئىچىدە ھەممىلا يېرىنى چوڭقۇر مىھرى بىلەن پۇراپ چىقتى.

مىڭ جاپادا، مىڭبىر ئارزۇ-ئىستەكلەر ئىچىدە، تەشنالىق، سېغىنىش ۋە چوڭقۇر زارىقىش ئىچىدە تېپىشىپ، بىر-بىرىگە قېنىشماي قالغان ئاتا-بالىنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئەڭ ئاخىرقى سۆھبىتى ئەنە شۇ بولدى. چۈنكى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى ھازىرقىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان، ئىلگىركىدەك، ھەتتا ئىلگىركىدىن تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغان ئايرلىشى ئازابى، تىرىك يېتىملىك دەردى، جۇدالىق ھەسرىتى ئېدى.

ھەئە، يەھيا ئاخشامقى خۇشال پەيتلەردە ئوغلىنى شۇ قەدەر تويماسلىق ئىچىدە باغرىغا باسقان، پەرزەنتىنىڭ مەڭگۈلۈك ھىماتچىسى بولماقچى بولغان ئېدىيۇ، ئاخىرقى ھىساپتا شەيتانى ھەۋەسلەر ۋە ئاتالمىش ئوغۇلبالىدارچىلىق غورۇرى، جاھانكەزدىچىلىك مىزانى دېگەنلەر ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئوغلى شېرىن ئۇيقىغا كەتكەندىن كېيىنكى «ئالتۇن» پۇرسەتنى دەھشەتلىك قىمار سورۇنىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرىۋەتتى-دە،، ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم گاڭگۇڭلۇق مۇقامىغا يەتكۈزمەكچى بولدى.

ـــ مىڭنى تىكتىم.

ـــ ئىككى مىڭنى.

ـــ بەش مىڭنى.

ـــ ئونمىڭنى....

يۇقارقىدەك كىچىك تىكىشىشلەردە بۇرادەرلىرى ئۇنى كۆنىۋالسۇن دېدىمۇ ئېيتاۋۇر، ئامەت قۇشلىرى ئۇنىڭ ھەر ئىككىلا مۆرۈسىگە، ھەتتا بېشىغىمۇ قونۇشقا باشلىدى.

تۈن يېرىملاشتى، ھەممىلا تەرەپلەردە تەڭ دېگىدەك قەد كۆتۈرۈپ، بەئەينى چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن قارىغايلاردەك كۆك قەھرىگە بوي تارتقان ئېگىز-ئېگىز بىنالارنىڭ دەرىزىللىرىدىن تارىلىۋاتقان چىراق نۇرلىرىمۇ بىر-بىرلەپ ئۆچۈپ، ئاخىردا پەقەت كوچا چىراقلىرى ۋە مۇشۇ پىنھان جايدىكى يوقۇرى قۇۋەتلىك چىراق نۇرىلا قالدى. مۇشۇ مەزگىلگىچە يەھيانىڭ ئۇتقان پۇللىرى ئىككى يۈز مىڭدىن سەل ئاشقان بولۇپ، سېلىنغان دەسمايە ئاللىقاچان ئۈچ قاتلىنىپ بولغان ئېدى. ئۇ پۇللارنى شىرە ئۈستىدە قويۇپلا، ئورنىدىن تۇردى.

ـــ ئولتۇرىدىغان يەر توشىماي قالدىمۇ نېمە، قىتىڭشىپلا قالدۇققۇ؟

قارىمۇتۇق، سۈر چىراي كەلگەن ئاتامان دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، تەنە ئارىلاش شۇنداق دېدى.

ـــ نەچچە ۋاقىقتتىن بۇيان بەكرەك زارىقىپ كەتكەن بولسام كېرەك. ياندىكى ياتاققا غىپپىدە چىقىپ، ئوغلۇمنىڭ دىدارىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالاي دەيمەن.

شۇ تاپتا  يەھيانىڭ نېمە ئۈچۈندۇر ئوغلىنى كۆرگىسى، ئۇنىڭ مەسۇمە دىدارىغا قايتا بىر قېتىم  قېنىۋالغۇسى كەلگەن ئېدى. ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى گويا مەڭگۈ قايتىپ كەلمەس بىر سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىنىڭ جان-جىگەرلىرى بىلەن قىيالمىغان ھالدا خوشلۇشۇشلىرىغا ۋە بەلكىم ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلش ئالدىدا تۇرغان بىقۇل ئادەمنىڭ يېقىن كىشىللىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىشلىرىغا ئوخشايىتى. ھەتتىڭەي، ئۇنىڭ كۆڭىلىگە ئاشۇنداق مىر مۇدھىش سەپەر ئايان بولغان بولسا، ئوغلى بىلەن جىمجىتقىنا رىزالىشىۋاتامدىكىنە؟

ـــ توغرا تاپساڭلا ئەمدى بولدى قىلساڭلىمۇ بولاتتى ئاغىينە، يەنە كېلىپ ئەتە يولغا چىقىدىغان ئادەم بۇنچە كېچىگىچە ئۇيقۇسىز قېلىشمۇ ياخشى ئەمەس. قىمار ئوينىماي تۇرۇپمۇ بىرەر مىڭ يۈئەندىن ئارتۇقراق چوتا ئېلىپ بولغان ئوتتۇرا بوي، ئاق پىشماق يىگىت ئۇنىڭغا سەمىمى ئاھاڭدا شۇنداق دېدى.

ـــ ھەئە يەھياخۇن، ئۇتقانلىرىڭلا بىزنىڭ سىلىنى مىھمان قىلىۋالغىنىمىز شۇنداقلا سىلىنى يۆلىۋالغىنىمىز بولسۇن، ماۋۇ بۇرادىرىمىزنىڭ دېگىنىنى توغرا تاپساڭلار توختىۋالساڭلارمۇ مەيلى جۇما. شۇ تاپتا ئاتامانمۇ ئۇنى قىماردىن توسماقتا ئېدى. لېكىن ئۇ ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمەيلا، ياندىكى ياتاققا ناھايىتى تىزلا چىقتى-دە، خاتىرجەم ھالەتتە تىنىچقىنا ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە يېنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ چىققىنىچە، ھەسسىلەپ ــ ھەسسىلەپ دو تىكىشلەرگە ماسلىشىشقا باشلىدى. ئاتامان ئۇنىڭ ھىچ ئىپادىسىز ھالدا دو تىكىۋاتقان  تۇرقىغا قاراپ، مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدىيۇ، يەنە تىزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، ھەممىنى ئۇنتۇشقان ھالدا پۇل دۇنياسىغا سڭىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر سېپىگە قېتىلىپ كەتتى.

تاڭ ئاتتى.

ـــ ئىككى مىليۇن قەرزىڭ ئۈچۈن نېمەڭ بىلەن جاۋاپ قىلماقچىسەن؟

ئاتاماننىڭ چاپارمەنلىرى بىر كېچە ئۇخلىماي چىرايىنىڭ خۇنى كەتكەن، ئېغىر قەرىزدارچىلىق پاتقىقىغا بوينىغىچە پېتىپ، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا بولۇپ قالغان يەھيانى ھەدەپ قېيىن-قىستاق ئىچىگە ئالماقتا ئېدى. ئوغۇل بولسا بوغۇزلىنىۋاتقان ئاتا قوچقارنىڭ بويۇنلىرىدىن چاچراپ، ئەتراپقا تەكشى يېيىلىشقا باشلىغان قىزىل قانلارغا باغلاق ئىچىدە تۇرۇپ، ئامالسىزلارچە قاراپ، بىچارىلىك يېشى تۆكۈۋاتقان بەختسىز پاخلاندەك، ئېغىر قورقۇمسىراش ئىچىدە مۇڭلۇققىنا تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى.

ـــ زۇۋانىڭنى ئاچمامسەن، ئىككى مىليۇن ئۈچۈن قانداق جاۋاپ قىلىشنى ئويلاۋاتىسەن؟

ـــ مەندە ھازىر ئىسسىق جاندىن باشقا ھىچنېمە قالمىدى. قانداق جاۋاپ قىلىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.

ـــ كۆتە ئۇنداق ئىسسىق جانلىرىڭنى، كونا قائىدە بويىچە ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىنى كېسىلايلىمۇ ئاتامان ئاكا؟

ـــ ياق.

ـــ ئەمسە بىر قولىنى كېسىۋالايلى. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئەمدى ئىكىنچىلەپ، بۇنداق يولغا ماڭمايدىغان بولىدۇ.

ـــ ھىم، سېنىڭچە قەرىزدار بولغانلار قەرىز ھىسابىغا قولىنى تەقدىم ئەتسە، ئاندىن ئۇ ئىككىنچىلەپ قىمار ئوينىمىسا، شۇنداق قىلىپ، بارا-بارا قىمار ئوينايدىغانلار قالمىسا، بىز بۇ سېسىق جېنىمىزنى ھاۋا يەپ، شامال كېكىرىپ باقىدىكەنمىز-دە!

ـــ دۇ، دۇ، دۇرۇس، ئەمسە ئۆزلىرى بىرەر دانا قارارغا كەلگەيلا.

ـــ مەن ئاخشاملا بىر قارارغا كېلىپ بولغانمەن.

ـــ تىز دېسىلىچۇ، ئۇ زادى قانداق قارار؟

ـــ ئاقىل، مەرت ئادەم دېگەن كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئىش قىلىپ، بىراۋنىڭ زەخمە يېگەن كۆڭلىگە بىرەر ياخشىلىق ئاتا قىلىشى كېرەكقۇ دەيمەن، شۇڭا دەيمەنكى، قارىسام مۇنۇ شاكىچىكمۇ ھازىر ئىشقا يارىغۇدەك بولۇپ قاپتۇ، يەنە ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، دادىسى ئۆلەر ھالەتتە تۇرسىمۇ، بىرەر تامچە كۆز يېشى قىلىپمۇ قوپيمىدى. ئەركەك دېگەن كىچىكىدىن باشلاپ مانا مۇشۇنداق قورقماس، باتۇر چوڭ بولۇشى كېرەك. شۇڭا يەھياخۇنمۇ يۇرتىغا پۇت، قول، قۇلاقلىرىنى ساق-سالالامەت ئېلىپ بارسا، ماۋۇ بالىمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ، يېتىملىك، غېرىپلىق ئازابىنى تارتىپ يۈرگىچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، بىزنىڭ پۇتىمىزغا پۇت، قولىمىزغا قول بولىدىغان ئىشلارنى ئۈگەنسىمىكىن دەيمەن.

ـــ قا، قا، قالتىس ياخشى چارىكىنا بۇ، غوجاكىمىز ھە، ھە، ھەقىقەتەن دانا ئادەم جۇمۇ، قېنى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا رەخمەت دە يەھيا، بولمىسا ئۇ قارارىدىن يېنىۋېلىپلا قالسا، ئىشىڭ چاتاق.

ـــ ئەمسە شۇنداق بولسۇن، يەھياخۇنمۇ يۇرتقا قۇرۇق بارمىسۇن، ھېلىقى تەيۋەننىڭ رەڭلىك قەغىزىدىن بارغۇ، ھە شۇ قەغەزدىن ئون بولاق ئېچىقىپ بېرىڭلا، ئۆيىگە بارغاندا خوتۇنىغا باراڭ كۆرسۈتۈشكە بولسىمۇ ياراپ قالار.

ئاتامان شۇنداق دېگنىچە، نە يەھيانىڭ يېلىنىپ، يالۋۇرىشىغا، نە بالىنىڭ جاھان زىل-زىلىگە كەلگۈدەك ھۆڭرەپ يىغلاپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە قۇلاق سالماي، خېلىدىن بېرى ئىشىك ئالدىغا ساقلاپ تۇرغان ئالىي دەرىجىلىك پىكاپقا ئولتۇرۇپلا نەگىدۇر غايىپ بولدى.

ـــ جېنىم ئاتامان، مەن سىلىنىڭ ئۆمۈرلۈك قۇللىرى بولاي، ئاياغلىرىدا ئۆمۈلەپ، تەرەتلىرىگە قاچا تۇتاي، ماڭا بىر نۆۋەت پۇرسەت بېرىپ، ئوغلۇمنى يۇرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلسىلا، ھىچ بولمىغاندا ئۇنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئۆزۈمنى ئىتلىرىنىڭ ئورنىدا باغلاققا تۇتۇپ بەرسەممۇ مەيلىتى.

ھېلىدىن بېرى ئانىسىدن ئايرىلغان بۇتىلاقتەك بۇزلاپ، يىرتقۇچ بۆرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان بىچارە قوزىدەك ئىڭراپ، ھەريان تولغۇنۇپ يىغلاۋاتقان بالا دادىسىنىڭ ھايۋان تەبىئەتلىك خۇمسىلار ئالدىدا تىزلىنىپ يىغلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ، بىردىنلا يىغىنىسنى توختاتتى.

« دادام ئاجىزكەن، ئۇ تولىمۇ ئەخمەق ھەم بىچارە ئادەمكەن، ئۇ يۇرتتىكى ھەقەمسايە، تونۇش-بىلىش ، يۇرتداشلار ئېيتقاندەك ئۇنداق گاڭگۇڭلارنىڭ گاڭگۇڭى، نوچىلارنىڭ نوچىسى- يەھيا لوبەن دېگەن ئاتاققا مۇناسىپ ئادەم ئەمەسكەن، قارا ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدا شوركا بولۇپ ئىشلىگەن بىر لالما ئىت ئالدىدا تىزلىنىشلىرىنى، ھەي ئېسىتەي، ئۇنىڭ ۋىجدانىنى، ئۇنىڭ ئەرلىك غورۇرىنى ئەجىر قىلمايلا ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىشتىن ئېبارەت شەيتانى ھەۋەس ۋە پۇلنىڭ ئېزىتقۇ مۇئەككەللىرى تامامەن خورۇتۇپ تۈگىتىپتۇ ئەمەسمۇ» بالا ئاددىي تۇيغۇلىرىدا ئەنە شۇنداق بىر باھانى غۇۋالىق ئىچىدە ئويلاپ يەتكەندەك بولدى. لېكىن ئۇ خىياللىرىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرشقا ئۈلگىرمەيلا، يۈز-كۆز ۋە قوللىرىنىڭ دۈممىسىدە تۈرلۈىك زەخمىلەرنىڭ تاتۇق ئىزلىرى قالغان، بىر قارىماققا بىر بوردا گۆش، ئىككى تال قۇرۇق ئۇستىخان تەمەسىدە غالجىرلىشىپ، ئادەملىك تەلئەتىنى يوقاتقاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئادەم پەيدا بولدى-دە، بالىنىڭ يۇمران يەلكىلىرىدىن چىڭڭىدە قاماللاپ، نەلەرگىدۇر ئېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدى.

ـــ تۈففىي ھۇ چۈپرەندىلەر، ئوغلۇمنى جايىدا جىم قويۇش، ئۇنىڭ سەنلەر بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق! يەھيا غەزەپتىن غالىلداپ تىترىگەن ھالدا ۋارقىرىدى.

ـــ مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوقمۇ بۇنى ئەڭ ياخشىشسى غوجاكاڭدىن سورا. بىلىپ قويكى بۇ بالا ھازىر سېنىڭ ئەمەس بەلكى بىزنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز ئۇنى ئاتاماننىڭ بىزدىكى ئۈچ مىليۇن قەرىزى ھىساۋىغا سوقىۋالدۇق، ئەمدى بۇ بىزنىڭ پۇل تېپىش قۇرالىمىزغا، خۇسۇسى مۈللكىمىزگە ئايلاندى. بىلىپ قالغىنكى، ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ شەھەردىكى يۇلۇپ ئالارلارنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان ھۇشيار قۇرغۇيغا ئايلىنىپ بولغان. ئەمدى سەن ئوغلۇڭنىڭ تەقدىرىدن ئارتۇقچە ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىۋېرىدۇ.

تاتۇق يۈز ئىككى ئادەم يەھيانىڭ گەپلىرىگە ئەنە شۇنداق مەسخىرىلىك ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوغۇلنىڭ ئىككى قولىدىن يىتىلەپ نەگىدۇر مېڭىشقا تەمشەلدى. دەل شۇ پەيتتە تېخى بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى يەھيا بىلەن جان-جىگەر دوستلاردىن بولۇپ ئۆتكەن، مانا ھازىر ئاتاماننىڭ قولچومىقىغا ئايلانغان غالىپ ۋە سابىر ئىسىملىك ئىككى يىگىت ئىچكىرىكى ياتاقتىن كونىراپ ئۆڭى ئۆچۈپ كەتكەن، قۇلۇپ، تۇتقۇچلىرىنىڭمۇ ئانچە تايىنى قالمىغان بىردانە كونا چامداننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەھيانىڭ ئالدىغا قويدى –دە، ئاغزىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرقانچە باغلام پۇل ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ـــ مانا بۇ ئاتامانىمىز بايا دېگەن تەيۋەننىڭ رەڭلىك قەغىزى، يادىڭدا بولسا كېرەك، ئاتامانىمىز مېڭىشتىن ئىلگىرى ئون باغلام بېرىشنى تاپىلىغان، لېكىن بىز كونا دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلىپ، يەنە ئىككى باغلامنى قوشۇپ ئېلىپ چىقتۇق. ساق ئۈچيۈزمىڭ يۈئەن دېگەن گەپ. ئەگەر ئۇنى يۇرتقا ساق-سالامەت ئېلىپ چىقالىساڭ، يەنە ئېپىنى كەلتۈرۈپ، قولدىن چىقىرالىساڭ، ھىچ بولمىغاندا ئاخشامدىن بۇيان ئۇتتۇرغىنىڭنىڭ بولسىمۇ ئىزى بولۇپ قالار. خەيىر، ئەمدى قايتساڭ بولىدۇ. ماۋۇسى بۇ يەردىكى بۇرادەرلەرنىڭ ساڭا ئاتىغان كۆڭلىكەن، نەخ ئون مىڭ يۈئەن، بۇ پۇل سېنىڭ يۇرتقا قايتىش سەپىرىڭگە كەڭ-كۇشادە يېتىدۇ.

سابىر بىلەن غالىپ شۇلارنى دەپ بولغاندىن كېيىن نىمىگىدۇر  خۇرسۇنغان ھسالدا ئۇلۇغ كىچىك تىنىشىپ، پولات تاختايدىن ياسالغان بىخەتەر ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپ، ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. يەھيا بولسا قاراڭغۇ، تار كارىدوردا، ئەتراپىدا ھىچكىم يوق ھالەتتە، چامادان ئىچىدىكى پۇللارغا تىكىلگىنىچە تىزلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاشۇ ھالەتتە خېلى بىرھازا تۇرغاندىن كېيىن، چىرايىدىكى خاپىغانلىق خېلىلا پەسەيگەن، ۋۇجۇدىدىكى قورقۇش، ئازاپلىنىش، غەزەپلىنىش ئالامەتلىرىمۇ سۇسلاشقان ھالدا، ئەتراپقا يېنىككىنە بىر قۇر بويۇنداپ قاراپ چىقتى. ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭ نە مىڭ جاپادا تېپىلىپ، يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا كۆزدىن غايىپ بولغان ئوغلىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، نە «ساختا پۇل قاچىلانغان چاماداننى ئېلىپ مېڭىۋاتقىنىمنى كۈزىتىۋاتقان بىرەر ساقچى بارمىدۇ» دەپ، ئەتراپقا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھازىر قىزىقىۋاتقىنى باشنى تاشقا ئۇرۇپمۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان ئوغلىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى بولماي، ئەكىسچە كونا چامادان ئىچىدە كۆزلىرىنى سىھىرلەپ تۇرغان باغلام-باغلام پۇللارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بولىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ سىرىتتىن قارىغان ئادەمگە ئەنە شۇنداق چۈشۈنىكسىز تەسىرات بېرىدىغان غەلىتە قىلىقلاردىن خالاس تاپقاندىن كېيىن، خىيال ياكى شېرىن چۈشتىن ئويغانغان ئادەمدەك خاتىرجەم ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، چاماداننى قولتۇقىغا قىستۇرغنىچە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.



4



يەھيا ئىچكىرىدىكى بۇردەرلەر يىغىلىشىغا بېرىش باھانىسىدا ئوغلىنى تېپىپ كەلگىلى چىقىپ كېتىپ، ئىككى يىلچە ۋاقىت بولغان پەيتلەرنىڭ قېلىن قار ياققان بىر قاراڭغۇ كېچىسىدە ئەسلى –ۋەسلىدىن ئايرىلغان، ئادەملىك ئىسكەتىنى يوقاتقان ھالدا، بىر ئەسكى چامداننى كۆتەرگىنىچە، ئامانگۇلنىڭ ھەشەمەتلىك دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى.

ـــ بۇ مەن... ئامانگۇل، ئىشىكنى ئېچىڭ، بىچارە غېرىپ ئاشىقىڭىز ئىشىكىڭىز ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ.

ئامانگۇل ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنىچە، يەرنىڭ تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك زەئىپ، جانسىز ئەمما تونۇش بىر ئاۋازنىڭ دىققىتىنى تارتىشى بىلەن ئەندىككەن ھالدا دەرۋازىنى ئاچتى.

ـــ بۇ... سىزمۇ يەھيا؟

ئامانگۇل بىر قارىسا ئەرۋاھقا، بىر قارىسا قەلەندەرگىلا ئوىشاپ قالغان يەھيادىن قورقۇپ، چۆچىگىنىچە، ئارقىسىغا داراڭڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى.

ـــ قورۇقماڭ، بۇ مەن، سىزنىڭ قەدىناسىڭىز يەھيا شۇ، ئۆيدە ئوت بارمۇ، مەن مۇزلاپ قالايلا دېدىم ئامانگۇل، قېنى يۈرۈڭ، قالدى گەپلەرنى ئۆيدە دېيىشەيلى.

يەھيا ئۈستىۋېشىدىكى قارلارنى بىر قۇر قېقىشتۇرغاندىن كېيىن، ئامانگۇلغا يۆلەنگىنىچە، ئېغىر قەدەملىرىنى ئاران ــ ئاران يۆتكەپ، ئىللىق ھەم ئىسسىق ئۆي ئىچىگە كىردى.

ـــ نىمانداق بولۇپ كەتتىلە يەھياجان، تەلئەتلىرىگە قاراپ، يۈرۈكىم ئېچىشىپلا كېتىۋاتىدىغۇ مېنىڭ. بىرەر يەردە قاراقچىغا يولۇقۇپ قالمىغانلا –ھە!  ـــ ئامانگۇل كۆز ئالدىدا تۇرغان، ئەمما بۇرۇن ئۆزىنى شۇنچە چوقۇندۇرغان گىگانىت ئادەمگە زادىلا ئوخشىماي قالغان بۇ بىچارە بايقۇشقا ھەيرانلىق ئىلكىدە يەر تېگىدىن قارايتى.

ـــ شۇنداق، قاراقچىغا يولۇقتۇم، بەلكىم مەنمۇ قاراقچىدۇرمەن، ئىش قىلىپ بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ھەممىسى قاراقچى، چۈنكى بۇ دۇنيادا پەقەت ئەخمەق ئادەملەرلا، رەزىل، پەسكەش ئادەملەرنى دورايدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا ئۇلار مەڭگۈ دەنا، ئاقىل بولالمايدۇ. ئېسىت، ئېسىت، شۇ لەنەت تەككەن كۈنلىرىمگە، ماڭا قاراڭ ئامانگۇل، ماڭا شۇ تاپتا قېنىپ بىر ئاخشام ئۇخلىۋېلىشتىن باشقا ھىچبىر ئىش خوشياقمايدۇ، تىزرەك ئورۇن سېلىپ بەرسىڭىز، ئارامخۇدا بىر كېچە يېتىۋالسام دەيمەن.

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ، لۆم-لۆم كىرىسلونىڭ يان قىرىغا قىيسايدى. ئۇنىڭ ھارغىنلىق يېتىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى، قۇرۇپ، گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىدىن بولسا بارغانچە ئەجەل يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بىتاپ ئادەمنىڭ چىھرىدەك بىچارىلىك، روھسىزلىق ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

ئارىدىن ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتتى، بۇ جەرياندا يەھيانىڭ ئىچكىرىدە ئۆتكەن ئىككى يىللىق ھاياتىنىڭ گاھ كۈلكىلىك، گاھ تەسىرلىك، گاھ قورقۇنۇچلۇق، گاھ ئېچىنىشلىق ساختا كۆرۈنىشلىرى ئامانگۇلنىڭ كۆز ئالدىدا بىر-بىرلەپ نامايەن بولدى. يەھيا ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلەرگە تولغان كۈنلەرنىڭ ئۆزى بىر-ئىككى قېتىم مىليۇنىرغا ئايلانغان كۆرۈنىشلىرىنى گوياكى بىر شاھانە تەسەۋۋۇر بىلەن ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلەپ كەتسە، قان ئىچىشكە تەييار تۇرىدىغان ياۋۇز خوجايىنلار ئالدىدا بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان مەككارغا ئايلىنىپ ئۆتكۈزگەن چاغلىرىنى ياسالما ئاچچىق كۆز يېشى ئىچىدە بايان قىلاتتى. ئامانگۇل ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، خۇشاللىنىشقا تېگىشلىك جايلىرىغا كۈلكە بىلەن ئىپادە بىلدۈرسە، قايغۇلۇق بايانلىرىغا مۇڭ، ئەپسۇسلىنىش بىلەن دىلداش بولاتتى.



5



ـــ ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ خەقنىڭ بىر ئوبدان ئىللىق ئۆيىنى بۇزۇپ، يەھيا دېگەن ھارامنېيەت تېجارەتچىگە تېگىۋالغان ھېلىقى ئامانگۇل دېگەن بۇزۇق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرىز پۇلى تارقىتىش، كۈزلۈك پاختا سېتىۋېلىش ئىشىغا ياردەملىشىپ، كاسىرلىق قىلىش جەريانىدا ساختا پۇل دىلوسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ.

ـــ ھېلىقى ئامانەت قەرىز كوپراتىۋىدا ئىشلەيدىغان ئامانگۇلما؟

ـــ ھەئە، شۇ قارىمامسىلە، خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، باللىرىنى يېتىم قىلغىنىنى ئاز دەپ، بىچارە دىھقانلارنى گالۋاڭ كۆرۈپ، ساختا پۇل تارقاتقىنى ئۇنىڭ.

ـــ خوپ بوپتۇ، تازا ئوبدان جاجىسىنى يەپتۇ ئۇ رەسۋا، ئۆي بۇزغانغا، دىھقانلارنى ئالدىغانغا تويسۇن ئەمدى.

ـــ لېكىن شۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن ھەممە ئىشنىڭ بىر باشلىنىش سەۋەبى بولىدۇ-دە، ئالدى بىلەن ئۇ چوكان ئۇنچىۋالا ساختا پۇلنى نەدىن تاپتى، ئەجەبا، بۇرۇنلاردا خەقنىڭ مىسقالچە ھەققىغە چېقىلمايدىغان بۇ قىز يەھياغا تېگىپلا مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىشنى سادىر قىپتىغۇ! دېگەندەك تەرەپلەرنىمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەكمىكىن دەيمەن.

ـــ بۇمىغۇ راست، بۇ يەھيا لوبەنمۇ زادى دۇرۇس ئادەم دېگىلى بولمايدىغان بىر نېمە.

كوچا-كويلاردا تاساددىپىي پەيدا بولۇپ قالغان يۇقارقىدەك ئالاـ جۇقا، مىش-مىش پاراڭلار ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا راستقا ئايلىنىپ، بىردەمدىلا پۈتۈن ناھىيە بازىرىغا پۇر كەتتى. يەھيانىڭ ئالەمچە ئېغىرچىلىقلىرىنى ۋايسىماي، ھەتتا شەرەپ ھىساپلاپ تۇرۇپ كۆتۈرۈپ، دەردىنى تارتىپ، پىغانلىق كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ، ئاچقان، يېرىق-يۇرۇق جايلىرىنى تولدۇرۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە«تەلەيلىك يىگىتنىڭ نىجاتكارى –مىليونىر قىز» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئامانگۇل ھىچكىم تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغان قورقۇنۇچلۇق جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئېدى. ئۇنىڭ مۇھاببەتكە بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكى، سەمىمى كۆڭلى ۋە نۇرغۇن پۇل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن چىن ئەقىدىسى، ئۆز ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە ئامالسىز قالغان جاھىل ئىتقادى ئۇنى ئاخىرى ئۆزىنى كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارىدىن  ئايرلىشىقا مەجبۇرلىغان ئېدى.

«مېنى شەيتان ئازدۇردى، مېنى يەھيانىڭ باللىرىنىڭ قىساسى تۇتتى، ياق، مۇھاببەت، مۇھاببەتكە بولغان بىر خىل تەلۋىلەرچە چوقۇنۇش مېنى مانا مۇشۇنداق تەقدىرگە گىرىپتار قىلدى. مەن ئاخىرى ئۇنىڭ قۇرنانىغا ئايلاندىم، ئاھ خۇدا سەن مېنى كەچۈرگىن، مەن يەھيانىڭ ئوماق بالىلىرىنىمۇ، يوقسۇل نامرات دىھقانلارنىمۇ، ئەڭ ئاخىردا ئۆزۈمنىمۇ ئالدىغان ئوخشايمەن» دەيتى ئامانگۇل قاراڭغۇ كامىر ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.

ئەتە ئۇ ئۈچىنچى قېتىملىق سوراققا ئېلىپ چىقىلماقچى ئېدى. بەلكىم بۇ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ سوراق بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆتمۈشنى بىر قۇر ئەسلەپ، پىچىلىش ئالدىدا تۇرغان تەقدىر تونىنى بارا-بارا قاراڭغۇ، مۇدھىش بىر بوشلۇققا قاراپ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كېتىۋاتقان خىيالىي تەسەۋۋۇرلىرى بويىچە سىزىپ چىقماقتا ئېدى. «ھەممىسىنى توغرىسى بويىچە ئېيتىشىم كېرەكمۇ؟ يەھيانىڭ بىر قانچە قېتىملىق قەرىزدارچىلىق پاتقىقىدىن قۇتلۇش جەريانىنى، ئىچكىرىگە يۈزمىڭ يۈئەننى ئېلىپ كىرىپ كېتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، تەلتۆكۈس ۋەيران بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ناھايىتى كۆپ ساختا خەلق پۇلىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز سادساقەتمەنلىكىمدىن پايدىلىنىپ، بۇ پۇللارنى دىھقانلارغا تارقىتىۋاتقان قەرىز مەبلىغىغە ئالماشتۇرۇشقا، كۈزلۈك پاختا سېتىۋېلىش مەزگىلىدىكى ياردەمچى كاسىرلىق پۇرسىتىمدىن پايدىلىنىپ، دىھقانلارنىڭ ساتقان پاختىسىغا قارىتا بېرىدىغان ھەقىقى خەلىق پۇلىنىڭ ئورنىغا ئاشۇ ساختا پۇللارنى ئالماشتۇرۇشقا قىستىغانلىقىنى، بۇنداق باش كېتىدىغان ، جان بىلەن ئوينىشىدىغان، يەنە كېلىپ، ساددا، يوقسۇل دىھقانلارنى ئالدايدىغان جىنايى قىلمىشنى قىلىشقا قوشۇلمىغىنىمدا، ئاجرىشىپ، ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكىنىچە مەڭگۈ قايتىپ چىقمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن ماڭا ھالال جاھاندارچىلىق يولى بەرمەيدىغانلىقىدەك پوپۇزا، تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇپ، بۇ ھالاكەتلىك تەقدىرگە قىستىغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە مۇھاببەتنىڭ سىھرى كۈچى، ئۇنىڭ ھىلىگەرلىك بىلەن تولغان ۋۇجۇدىغا باغلانغان سۆيگۈ زەنجىرىمنىڭ تولىمۇ مۇستەھكەملىكىدىن ۋە رئېئاللىقتىن چەتنىگەن رومانتىك ئاشىقلىق سەۋداسى تۈپەيلىدىن، بۇ پۇللارنى ھەر كۈنى تۈ*ركۈمگە بۆلۈپ، دىھقانلارغا تارقاتقانلىقىمنى، پۇلنىڭ ساختىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن كىچىك، ھەقىقى پۇلغا ئوخشاشلىق دەرىجىسى يوقۇرى، بايقىلىشى قېيىن بولغاچقا، تاكى ئەڭ ئاخىرقى مىڭ يۈئەن قالغانغا قەدەر ھىچقانداق چاتاق چىقمىغانلىقىنى پەقەت ئاشۇ ئاخىرقى مىڭ يۈئەننىڭلا ساختىلىقى بىرقەدەر ئېنىق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ بىرقانچە كۈنلەردىن بويان ئۆزىنىبڭ سىرلىق ھەركەتلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان نازارەتچى خادىملارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، مانا مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقىدەك جەريانلارنى بىىر-بىرلەپ ئېيتىپ، بۇنداق نەپرەت-لەنەت ئوتىدا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆيۈشۈم كېرەكمۇ؟ شۇنداق بولغاندا ئۇمۇ، مەنمۇ قاماققا ئېلىنىپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان ھاياتنى يەنە بىر يەردە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەرمىزمۇ؟ ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇش، ئۇنى يەنە سۆيۈش ماڭا يەنە نېسىپ بولارمۇ؟ ئەگەر ئېتىلىپ كەتسەكچۇ؟ توغرا، ئۇنداق بولغاندا تېىىمۇ ياخشى بولاتتى، مۇھاببەت ئازابى، تۈرمە ئازابى، رېئاللىقنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىدن بىر يولىلا قۇتۇلاتتۇق-دە، باقىي ئالەمدە مەڭگۈ خاتىرجەم ياشايتۇق» بىراق، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يەنە باشقا بىر مەنزىرە، باشقا بىر مەۋجۇتلۇق كېلىۋالدى.«ياق، ئۇ ھايات قالسۇن، ھەممە دەرت مەن بىلەنلا كېتىپ، باشقىلار قانداق ئويلىشىدىن قەتئىي نەزەر، مېنىڭ نەزىرىمدە مۇھاببەت ئالىمىدىكى بىر مۇقەددەس ئوبراز مەڭگۈ ھايات ۋە پاك پېتى قالسۇن، كونىلارد ‹ كۈلەلمىگەن نېمەڭگە ھىجايمىقىڭنىڭ نېمى ھاجىتى› دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. بولغۇلۇق بولدى، ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئۈچ بالىسى ۋە قەدىناس ئايالىنى قايتىدىن ئىللىق ئائىلىگە جەم قىلىپ، ئادىمىيلىك، ئەرلىك، دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلسۇن، پەقەت مۇشۇ قارارىمنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ئاقىلانە ۋە ئاخىرقى تاللاش بولۇپ قالسۇن، چۈنكى مەن ئۆز مۇھابىبىتىم ئارقىلىق ئۇنى قۇتقۇزىۋالالىغىنىمدىلا، مۇھاببەتنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك چەكسىز ئىكەنلىكىدىن ئېبارەت بىر غايىبانە چۈشەنچە ھەقىقى ئۆز مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئۇ بەختلىك كۈنلەرگە قايتىدىن ئۇلۇشۇپ، ئاتا مىھرىگە تەشنا پەرزەنىتلىرىنى قۇچىقىدا ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان چاغلىرىدا، ئۆزىدەك باغرى قاتتىق، بىئەقىل ئىنساننىڭ مەندەك ئاددىي،ئەمما ۋۇجۇدىدا مۇھاببەت ئوتى مەۇڭگۈ يېلىنجاپ تۇرىدىغان بىر سۆيگۈ ئىلاھى تەرپىدىن تالاي قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلۇغ بىر رازىمەنلىك، رەڭ، بۇياقسىز سۆيگۈ لەززىتى ئىچىدە ‹ئامانگۇل، سەن ھەقىقى سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئايال› دېيەلىسە، يېڭىلمەس ئوبرازىمنى ئەسلەپ ئىسسىق ياش تۆكەلىسە، مەن مەڭگۈ رازى، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن يېتەرلىك سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش»

ئامانگۇل ئاخىرقى قارارىدىن كېيىن، خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك، ئازابلىق ۋە زۇلمەتلىك تەقدىردىن قۇتلۇپ خاتىرجەملىك قوينىغا چۆمدى.

ـــ ئېرىڭ ساڭا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەپتۇ، تىز يەۋال، يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە سوراققا چىقىسەن!

تۈرمە قاراۋۇلىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك قوپال ئاۋازى ئامانگۇلنىڭ جىمجىتلىق ئىچىدە سۈرىۋاتقان خىياللىرىنىڭ يىپىنى ئۈزىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەھيانىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، باشقىچە روھلۇنۇپ كەتتى.

ـــ ئۇ... ئۆزى قېنى؟ــ ئانمانگۇل قاراۋۇلدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىدى.

ـــ جىددىي ئىشى باركەن، كېتىپ قالدى، ئۇ ئايالىم خاتىرجەم بولسۇن كېيىن يەنە كېلىمەن دەيدۇ. ھازىرچە سەن ئۇنى ئويلىماي، قانداق جازالىنىدىغانلىقىڭنى ئويلاپ، مەسلەڭنى تولۇق تاپشۇرۇشنىڭ كويىدا بولغىن.

ئامانگۇل گەپ قىلمىدى، ئۇ يەھيا ئېلىپ كەلگەن توخۇ كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى، قوي گۆشى كاۋىپى ۋە سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشلەردىن بىرنەچچە چىشلەمدىن يېگەندىن كېيىن، يەنە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى: « ھەي يەھيا، ھەي يەھيا، زادىلا ئۇنتۇپ قالمايدىكەنلا-دە، مېنى، مانا بۇ گۆشلەرگە تۇز ۋە ھاللالىق سىڭگەندۇ، بەلكىم يەنە ئۇنىڭغا سىلىنىڭ مۇھاببەتلىرى، كۆڭۈل ئىزھارلىرى، سىلىنىڭ سۈرەتلىرى سىڭگەندۇ، مانا مەن شۇ تاپتا سىلىنى كۆز ئالدىمدا تۇرىۋاتقاندەك، سىلى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ھوزۇرلۇنۇپ تاماق يېگەندەك سەزمەكتىمەن. مەن سىلىدىن مەڭگۈ، مەۇڭگۈ...»

ئامانگۇل خىيالەن سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگگندە، كىندىكى ئەتراپىدا پىچاق تىققاندەك قاتتىق بىر ئاغرىقنى ھىس قىلدى، ئاندىن بىردىنلا كانىيى بوغۇلۇپ، نەپىسى سىقىلغاندەك، يۈرىكى تويۇقسىزلا سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ، ئېغىر ئازاپ ئىچىدە ھەر يان تولغاندى، تاملارغا تېپىپ، ئۈسسۈپ، يەرلەرنى جېنىنىڭ بارىچە مۇشتلاپ باقتى، لېكىن ئۇنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم يوق. ئۇ شۇ ھالەتتە خېلى ئۇزاق قىينالغاندىن كېيىن، بۇرنىدىن قان ، ئاغزىدىن كۆپۈك يانغان ھالەتتە جىمىپ كەتتى. ئەتراپتا ھىچكىم يوق، كامىر ئىچى بولسا شۇنچە تىمتاس ھەم گۆردەك سۈرلۈك، نېمە سەۋەپتىندۇر تېخى بىر مىنۇتلارچە ۋاقىت ئىلگىرى جىن چىرىغىدەك غۇۋا يېنىپ تۇرغان تۆۋەن قۇۋەتلىك ئىلىكتىر چىرىقىمۇ تويۇقسىزلا ئۆچۈرىۋېتىلگەن، تامنىڭ ئادەم بويىدىن بىر يېرىم مېتىرچە ئېگىز جايىغا قويۇلغان كىچىككىنە دەرىزسىمۇ بۇلۇت ئاستىغا مۈكۈنگەن ئاي قاراڭغۇسى ئىچىدە ھاياتبەخىش يورۇق نۇرلاردىن مەھرۇم قالغان. ۋەدەرىخا، مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئامانگۇلنىڭ تېخى بىرقانچە مىنۇتلار ئىلگىرىكى سەۋدايى مۇھاببەت ئۈچۈن ئويغانغان شەرخسىيەتسىز ئىستەك، ۋە مىننەتسىز قۇربان بېرىشتەك پىداكار روھقا تويۇنغان ساغلام تېنى مانا ئەمدى شەپقەتسىز بىر قول تەرپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ئېدى. ئۇ بارلىق مەسۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇھاببەتكە سادىق بولۇپ، يەھيانى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى كۆڭىلگە پۈككەن، باشقىلارنىڭ ۋەيران بولغان ئائىلىسىنى قايتىدىن جەم قىلىش ئارزۇسى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يۈكلىنىدىغان ئېغىر جىنايى جازانى بەخت دەپ قاراشقا رازى بولغان ئاشۇ دەقىقىلەرنىڭ بۇنچە تىزلا رەھىمسىز ئەجەل بىلەن ئالمىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئېدى.

ئەتىسى سەھەردە، ئامانگۇل يالغۇز قامالغان كامىرنىڭ تۆمۈر ئىشىكى تاراقشىپ ئېچىلدى، چىرايلىرى تامدەك تاتارغان، تۇرقىدىن نېمىدىندۇر خۇدىكسىنىش، قورقۇش، جىددىيلىش، شۇنداقلا ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان تۈرمە قاراۋۇلى ئىككى ئادەم بويىچە ئېگىزلىكتىكى كىچىك دەرىزىنىڭ تۆمۈر قاپقىقىغا چىگىلگەن ئارغامچىغا ئېسىلىپ، سوزۇلۇپ -ساڭگىلاپ تۇرغان جەسەتنى كۆردى-دە، جىددىيلىك ئىچىدە كونتۇروللۇقىنى يوقۇتۇپ، كالامپايلىشىپ كېتىۋاتقان پۇت-قوللىرىنى بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن باشقرۇشقا تىرىشىپ، كېكەچلەپ ۋارقىرىغان پېتى سىرىتقا قاراپ يۈگەردى.



6



ــ ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، ھېلىقى ئامان دېگەن بۇزۇق ئۆز جىنايىتىگە ئىقرار كەلمەي، تۈرمىدە ئېسلىپ ئۆلىۋاپتۇ!

ـــ ئاڭلىساق، كۆڭلەك، تامباللىرىنى يىرتىپ، شۇنىڭدىن ئارغامچا ئېشىپ ئېسىلغانمىش.

ـــ ھەي، ئۇ تۈرمە دېگەننىڭ دەرىزىسى شۇنچە ئېگىز تۇرسا، كامىر ئىچىدە يا پۇتقا قويغۇدەك شىرە، شوتا دەيدىغانلار بولمىسا، رەھمەتلىك قانداق قىلىپ ئېسىلغاندۇ دەيمەن ئۇ يەرگە.

ـــ بىچارە تۇرمۇشنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي كېتىپ قالدى –دە، ئاخىر.

ئامانگۇل كۆز يۇمغان كۈننىڭ ئەتىسى كوچا-كويلاردا پەيدا بولغان يۇقارقىدەك گەپ-سۆزلەر ئۇنىڭ تويى بولغان ئەينى مەزگىللەردىكىدەك كىملەرنىدۇر ھەيران قالدۇرسا، كىملەرنىدۇر بۇ تاساددىپىي ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاللىقانداق بىر خۇپىيانە ئىشنىڭ سىرىنى يېشىش ئارزۇسىسىدكى گۇمانلىق مۇھاكىمە قوينىغا باشلاپ كىرەتتى. بۇنداق ھەيرانلىق، بۇنداق گۇمانلىق مۇھاكىمە خېلى بىر مەزگىلگىچە كوچىلاردىكى بىكار تەلەتلەرنىڭ سورۇن پاراڭلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك دەسمايە بولۇپ، ئاقىۋەتتە يەنە تىنىچ كۆل يۈزىدە ھاسىل بولغان چەمبىرەك توختاۋسىز كېڭىيىپ بېرىپ، ئاستا-ئاستا ئۆز-ئۆزىگە سىڭىشىپ، يوقاپ كەتكەندەك، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، كېتىشكىمۇ باشلىغان ئېدى. ئەمما دەل مانا مۇشۇنداق ئۇنتۇش بىلەن ئەسلىمە چىگرىلانغان ئاشۇ كۈنلەردە كۈتۈلمىگەن يەنە بىر يېڭى خەۋەر ئامانگۇل پاجىئەسىنىڭ تەكتىگە يېتىپ بولالماي ئۆزلىكىدىن جىمىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئوي-خىياللىرىنى گويا تىنجىق ھاۋادا كۆتۈرۈلگەن قۇيۇن ئارىلاش شامالدەك قايتىدىن سەگىتىپ ئۆتۈشكە ئۈلگۈرگەن ئېدى.

ــ ھەي قاراڭلار، ھېلىقى يەھيا دېگەن كۇلىيچى لوبەن سارەك شاڭخەي دېگەن يەنە بىر نائەھلى بىلەن بىرلىشىپ، زور مىقداردىكى زەھەر سودىسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ.

ــ ئاڭلىساق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنارمىش دەيدىغۇ؟

ـــ راست، ئۇ تېخى ئۆلۈش ئالدىدا قاتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپ، تۈرمە قاراۋۇلىغا پارا بېرىش ئارقىلىق ئامانگۇلنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنىۇ ئىقرار قىلغانمىش.

ـــ نېمە، ئامانگۇلنى ئاشۇ دەيۈز زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنمىكەن!

ـــ توۋا خۇدايىم، ئەينى ۋاقىتتا بىزمۇ شۇنداقمىكىن دەپ قىياس قىلىشقان، ئاخىرى راستقا ئايلىنىپتۇ-دە، مۇشۇ كۈنلەردە «ئاشكارىلانمايدىغان سىر يوق، تۆلەنمەيدىغان قان قەرزى يوق» دېيىلگەن گەپلەر ئىسپاتلىنىپ چىقىۋاتىدۇ دېسە.

ــ توغرا، ھازىر قانۇن ئادىل ، ساقچىلارمۇ يامان بولۇپ كەتتى، ئۇنداق ئاۋامنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئەدىپىنى يەيدىغانلىقى ئېنىقلا ئىش جۇمۇ بۇرادەرلەر.

يەھيا بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئېدى، «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دېگەندەك، ساختا پۇل ئىشىدا ئامانگۇلنىڭ ئۆزىنى تارتىپ چىقرىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى قاراملىق بىلەن جايلىۋەتكىنىگە ۋىجدان ئازابى تارتىپ تۇرغاندا «قورققانغا قوش كۆرۈنىپتۇ» دېگەندەك زەھەر سودىسىدىكى مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ ئېرادىسىنى ئاپتومبىل چاقى ئاستىدا قالغان چاشقاندەكلا مېجىۋەتكەن ئېدى. ئۇ جازا ئىجرا قىلىنشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ جەميەتتە ئاللىبۇرۇن ھىچكىم نەزەر كۆزىنى سېلىشنى خالىمايدىغان ھەتتا نەپرەتلىنىدىغان بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەخلەتكە ئايلانغاندىمۇ، بۇ زىمىندا ھىچقانداق ئىزناسىنى قالدۇرماي كۆيدۈرىۋېتىشكە تېگىشلىك ئەڭ مەينەت ئەخلەتكە ئايلانغانلىقىنى قاتتىق ئۆكۈنىش ئىچىدە ھىس قىلدى. شۇنداقلا ئۇ، يەنە ئۆزىنىڭ ئىپلاسلىق بىلەن توشۇپ كەتكەن رەزىل ۋۇجۇدىنىڭ بىر يەرلىرىدە نېمىگىدۇر بىر نەرسىگە قىيالمايۋاتقان ئازابلىق تۇيغۇنىڭ بارلىقىنى ئويلىغىنىدا، بۇ خىل تۇيغۇ ئۇنى ھامان قەدىناس ئايالى بىلەن، سۆيۈملۈك ئەمما ئۆزى مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيدىغان بىغۇبار پەرزەنىتلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىۋېلىشقا ئۈندەۇيتى.

ئۇلار كەلدى. يۈرىكى ئەلەم بىلەن ئۆرتۈنىپ، پارە-پارە بولغان ئانا ھەمدە بىر-بىرىدن ساغلام چوڭ بولىۋاتقان، پەقەت چىھرىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىگە مەڭگۈ قانماي كەلگەنلىكىنىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرىدىغان كىچىك ئوغۇل بىلەن كىچىك قىز. يەھيا ئۇلارنى كۆردى. قېتىپ كەتكەن يۈرىكى ئېزىلگەندەك، مۇجۇلغاندەك بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ كۆزلىرى تۆتىنچى بىر ئادەم بىلەن، يەنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىچكىرىدكى ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ چاڭگىلىغا تۇتۇپ بېرىپ قايتىپ كەلگەن، ئون ئىككى-ئون ئۈچ ياشلاردىكى چوڭ ئوغلىنىڭ ئىككى پۇت،  بىلىكىدىن ئايرىلىپ، گويا بىر ھەيكەلگىلا ئوخشاپ قالغان بىچارە تۇرقى بىلەن ئۇچراشقىنىدا، تېخى دەقىقە ئىلگىرىلا پۇچۇلۇنۇپ، خۇن بولغان يۈرىكى بىر يولىلا ئەڭ ئېغىر بىر تاش زەربىسىدە ئېزىلىپ، بىر ئوچۇم قانغا ئايلىنىپ، شۇررىدە ئېقىپ كەتكەندەك بولدى ــ دە، ئىختىيارسىز ۋارققراپ تاشلىدى.

ـــ ھۇ نىجىسلار، مۇناپىق ھايۋانلار...

لېكىن، ئۇ شۇ تاپتا كىملەرنى تىللاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ ھايۋانغا ئايلانغان ئادەملەر قاتارىدا بارلىقىنى ئانچە تونۇپ يەتمەيتى. ئۇنىڭ تونىغىنى شۇ بولدۇكى، شۇ تاپتا ئۇ ھەتتا بىرەر ھايۋانچىلىك بولۇش، ئۆز پەرزەنىتلىرىگە ئېگە بولۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلىگەن، ئۆز پۇشتىدىن تامغان يۈرەك پارىسىنى مۇناپىقلارنىڭ قولىغا قەرىز ھىسابىغا تۇتۇپ بېرىپ، مانا ئەمدى ئۇلار ئۇنى مۇشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسا، ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ ھايۋانلارنى بىرنى بولسىمۇ ئۈسسىۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئېدى ، يەھيا شۇ ھالەتتە بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن، قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ يۈرتكىسىدە ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى-دە، ئۆزى بىلەن جان-جىگەرلىرى ئارىسىدا چىگرا ئايرىپ تۇرغان ئەينەك تامغا ۋە سەبىيلىرىگە قاراپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ھۆڭرەپ يىغلىۋالغاندىن كېيىن، ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكىگىنىچە، بىئىختىيار ھالدا ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى.



«قەشقەر»ژورنىلىنىڭ شۇ يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان




idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  544
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 216
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇئەللىمنىڭ ‹‹يېڭى ساراڭ››ناملىق ھكايىسى خېلى يامان ئەمەس،،،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش