كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 1

قىيادىكى ئاي:تۇرسۇنجان مۇھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تارىم» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 15-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر



قىيادىكى ئاي



( پوۋېست)



تۇرسۇنجان مۇھەممەت





1



    ياتاق ئۆيۈمدىكى كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدىكى تامغا چاققانغىنە بىر رەسىم جازىسى ئېسىلغان.نەپىس ياسالغان جازىغا بىر ئوغلاقنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان چوپان قىزنىڭ بىر قىيا ئۈستىدە تۇرغان رەسىمى ئېلىنغان.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەن ئۇ رەسىمنى ئۆزۈم ئوغۇرلۇقچە تارتىۋالغان دېسەممۇ بۇلىدۇ .يەنە شۇ نەرسىنى ئىقرار قىلىمەنكى ، مىنىڭ ئۆيۈمدە ئۆز رەسىمىنىڭ جازىغا ئېلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقانلىقىدىن ئۇ قىزنىڭ قىلچە خەۋىرى يوق ! شۇنداق،مەن بۇ رەسىمنى قىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا تارتىۋالغان،ئۇ مىنىڭ ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ساقلايدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم! ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرگىنىمدە ياكى سەھەر پەيتلىرىدە ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا ،بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىم ئاشۇ رەسىمگە لاپپىدە بىر قاراپ قۇيۇش بولىدۇ .رەسىمگە قارىساملا خىياللىرىم قاناتلىنىپ ، ئاق چىغ دەرياسى بويىدىكى ئاشۇ قىيالىققا پەرۋاز قىلىدۇ. رەسىمگە ئۇزاقتىن ئۇزاق تويماي قارايمەن. ئۇنىڭغا قارىغانسېرى رەسىمگە جان كىرىۋاتقاندەك ئاستا ئاستا مىدىراشقا باشلايدۇ.چوپان قىز قۇچىقىدىكى ئوغلاقنى ئەمەس، مىنى پەپىلەۋاتقاندەك، ئەركىلىتىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ قۇچىقىدا قۇلاقلىرى سالپىيىپ، ئەمدىلەتىن ساقىلى ئۈسۈۋاتقان بىر ئوغلاق ئەمەس، ئۇنىڭ تاغ ئالمىسىنىڭ ھىدى كىلىدىغان تىنىگە مەھكەم يېپىشىپ ئۈزۈم يېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ ھاياجانلىنىمەن. «ئۇ شۇ تۇرقىدا نىمە قىلىۋاتىدىكىن، ئاشۇ بەختىيار ئوغلاقنى كۈتۈرۈپ قىيالىقلاردا كىزىپ يۈرەمدىكىن؟مىنىڭ رەسىمىگە قاراپ چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە پىچىرلاپ تۇرغىنىمنى كۆڭلى تۇيغانمىدۇ؟» دېگەندەك خىياللار كۆڭلۈمنى ئەسىر قىلاتتى.ئۇنى نىمىشقىدۇر چوڭقۇر سېغىناتتىم.لېكىن ئارىمىزدا ئەشۇنداق سېغىنىشتا قالىدىغان ، ھىجران ئازاۋى تارتىدىغان بىرەر مۇناسىۋەتنىڭ بۇلۇپ ئۆتكىنىغۇ يوق،ئەمما ئاشۇ قىزنى بىر كۆرگەندىن بىرى مەن بۇ خىل روھى ھالەتتىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم.ئۇ بەزىدە چۈشۈمگە كىرىپمۇ قالىدۇ. چۈشۈمدە ئۇ يەنىلا  شۇنداق تارتىنچاق- ئازراقلا شەپىنى ئاڭلىسا ئۇچۇپ كېتىشكە تەمشىلىدىغان كەكلىككە ئوخشاش!ھەر قېتىم چۈشۈمدىن ئويغانغاندا كۆڭلۈمگە ئازراقلا تەسەللىي بۇلىدىغان بۇ چۈشنى نىسىپ ئەتكەن، روھىمنى ئۇچراشتۇرغان ئاللاغا مىڭلارچە شۈكرى قىلىمەن!

ئۈزۈمنىڭ زادى نىمە بولغىنىمنى ، قانداقلارچە بۇنداق مەجنۇنغا ئايلىنىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ كۈنلىرىم بىر خىل سېغىنىشتا، ھىجرانلىق ئازاپ ئىلكىدە جىمجىتلا داۋام قىلماقتا. مىنىڭ كۈزۈمگە ئاشۇ بىرلا سىماھ كۈرۈنىدۇ. قەلبىمدە ئاشۇ بىرلا چوپان قىزغا_ ئايجامالغا تەلپۈنىمەن. ئەمدى بۇ كۈنلىرىمنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى ، بۇ خىل روھى ھالەتتىن قانداق قۇتۇلۇشنىمۇ بىلمەيمەن. شەھەرنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىك قايناق تۇرمۇشىمۇ مىنىڭ غېرىپلىق باسقان قەلبىمگە قىلچىلىك ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتەلمىدى. ئەكسىچە مەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈنئىيلىكلەرنى، ساختا كۈلكە –چاقچاقلارنى كۆرگەنسېرى بۇ خىل تۇرمۇشتىن شۇنچە بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەنە شۇنداق بىزارلىق ئىچىدە تۇرغىنىمدا كۆڭلۈم يەنىلا ئاق چىغ دەرياسىدىكى قىيالىققا – توغرىسى ئاشۇ چوپان قىز تەرەپكە يۈگرەيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىمەن. مىنى ئازاپلاۋاتقان تۇيغۇلىرىمنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرىمەن. پۇخادىن چىققۇچە ھال ئېيتىمەن. قىزىق يىرى، ئۇنىڭ بىلەن بىر پەس مۇڭدىشىۋالسام كۆكسى قارنىم بوشاپ، روھىم كۈتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئۆزەمنى غايەت زور تاغنىڭ ئاستىدىن ئاشۇ قىز تارتىپ چىقىرىۋالغاندەك سىزىمەن. بۇنداق روھنىڭ ئىچىدە ياشاش ئادەمنى ھەم سۈيۈندۈرىدۇ ھەم ئازاپلايدۇ.

مانا، بۈگۈن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ھالەتتە ياتىقىمغا قايتتىم. ئىشىكتىن كىرىپلا تامدىكى رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋاتقاندەك ئىدى. مەن خىزمەت سومكامنى ئۇدۇل كەلگەن بىر ياققا چۆرىۋەتتىم- دە، كىيىملىرىمنىمۇ سالماستىن كارىۋاتقا چىقىپ ئەشۇ رەسىمگە قاراپ سوزۇلۇپ ياتتىم. رەسىم ئاستا ئاستا تەۋرىنىشكە ، چوپان قىز مەن تەرەپكە سىلجىشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك گىرىپ ياغلىقىنىڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن كېلىۋاتقان سەلكىن شامالدا يەلپۈنۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋۈمدە ئوغلاق مەرىدى.ئۇنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى. مىنى ئوغلاق ئەمەس، چوپان قىز چاقىرىۋاتقاندەك بىر سىزىم ئۆز ئىلكىگە ئالدى. مەن چۇچۇپ بېشىمنى سىلكىدىم. ھەممە خىيالەن كۈرۈنۈشلەر غايىپ بولۇپ ياتاق ئاۋالقىدەك سۈكۈتكە چۆمدى. مەن نىرۋىلىرىمنىڭ كاردىن چىققان- چىقمىغانلىقىنى دەماللىققا بىلەلمىدىم. ئاڭلىسام قىزلار، بۇلۇپمۇ ماڭا ئۈمۈت بىلەن بېقىشقان، مىنى ئاز تولا قوغلاشقان بەزى قىزلار ھازىر مىنى ساراڭغا چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ ئۈزىگە چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈنلا باتنىشىپ، قارنىغا تۇقۇمنى ئېلىپلا شۇنداق بەتنامنى كۈتۈرۈپ قۇپۇپتۇ. نىمە ئامال؟ كۆڭۈلگە نىمە چارە؟ غۇجامنىڭ ئالماسلىقىدىن خېنىم تەگمەس بولدى دېگەن شۇمىدۇ؟ مەن ساراڭ ئەمەس دەپلا ئاللىقاچان بىرىگە تەئەللۇق بولغان كۆڭلۈمنى ئۇلارغا ئۇشتۇپ بىرەلمەيمەن-دە! مەيلى ، چوپان قىز ئۈچۈن ساراڭ بولسام ئەرزىيدۇ. ئۇنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ كۆڭۈل بىرەلمەسلىك نورمال ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس!

رەسىمگە يەنە قاراشقا باشلىدىم. قىزنىڭ تازا پىشقان توغاچتەك قىزارغان بىر جۈپ مەڭزىگە كۈزۈم چۈشكەندە ھاياجاندىن يۈرىكىم تىپچەكلەپ كەتتى. مەن ئۇنى تامدىكى رەسىمدە ئەمەس، ئاق چىغ دەرياسىنىڭ بويىدىكى قىيالىقتا كۆرگەندەك بولدۇم. خىيال قۇشلىرىم ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۈرۈشكەن ئاشۇ مىنۇتلارنى قوغلاپ پۇررىدە كۈتۈرۈلدى...



2



بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرىكى  بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا sناھىيىسىدىكى ساۋاقداشلار بىزنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ چىققانىدى.ئۇ چاغدا ئويۇن تاماشا بىلەن بولۇپ كىتىپ بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇدەك ھوزۇر ئېلىشقا پۇرسەتمۇ بولمىغانىكەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈزەمچە ئۇ يەرنى سېغىنىدىغان، بىر پۇرسىتىنى تېپىپ يەنە بېرىپ، ئاشۇ يەرنىڭ كىشىنى ھەم ھەيران قىلىدىغان، ھەم سۈيۈندۈرىدىغان مۇھىتى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ئەسەر يېزىش تەقەززاسى كۈچەيدى. دېمىسىمۇ ئاق چىغ دەرياسىنىڭ بۇيى بىر نەرسە يازىدىغان ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك تەسۋىرلىسە ئەرزىيدىغانچىرايلىق يەر ئىدى. ئۇ يەردىكى ئاق كۆڭۈل، مىھماندوست كىشىلەر، بولۇپمۇ بىزنى بىر نەچچە كۈن قونالغۇ،ئاش ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، يىغىلىشىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزۈلۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن قىتۇرسۇن ئاكا مەندە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرغانىدى.

ئىدارىدىن بۇ قېتىمقى ئۆكتەبىر بايرىمىدا بىراقلا يەتتە كۈن دەم ئالىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى. يەتتە كۈن دېگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس. مىنىڭ ئاق چىغ دەرياسىنىڭ بۇيىغا بېرىپ بىر نەرسە يېزىپ كىلىش ئارزۇيۇمغا تامامەن يىتىدۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇڭا ئارتۇقچە داۋراڭ سېلىپ، ھەشەم دەرەم قىلىپ يۈرمەستىن دەم ئېلىشقا قۇيۇۋەتكەن تۇنجى كۈنىلا يولغا چىقتىم.

كۆز يەتكۈسىز ساي ئىچىدىكى چار يىلاندەك سوزۇلغان شىغىل يولدا بىز چۈشكەن كونا ئاپتۇبۇس  ئاسمانغا تاقاشقۇدەك چاڭ –تۇزاننى ئەگەشتۈرگىنىچە جالاقلاپ كەلمەكتە ئىدى.ساي ئىچىدە ئالۋۇنلار چىمىرلىشاتتى. كۆپكۆك ئاسماندا ئەگىپ يۈرگەن ئاقباش بۇلۇتلار كىشىگە ھېلىلا ساۋىلىپ بولغان بىر توپ پاختىنى ئەسلىتەتتى. يىراقتىن كۈرۈنۈپ تۇرغان ئىگىز تاغلار، ئۇنىڭدىكى قار باسقان تىك چوققىلار ئۇيقۇغا كەتكەندەك كۈرۈنەتتى. دەرىزىدىن كىرگەن غۇر غۇر شامال ئادەمنىڭ قۇرغاق مەڭزىنى سۈيۈپ ئۆتەتتى.

ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈز ئەللىك نەچچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان قوشلاق يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئىشەك بىلەن يېرىم كۈن ماڭغاندا ئاق چىغ دەرياسىنىڭ بۇيىغا يەتكىلى بولاتتى. مەن كۈن چۈش بولغاندا قوشلاققا يىتىپ كەلدىم. قۇچاق يەتكۈسىز يۇغان بىر تۈپ قەدىمىي تىرەكنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان ئاشخانىدا قۇرساقنى ئاز تولا ئەستەرلىگەندىن كېيىن ئەينى چاغدا بىزنى ئىشەك بىلەن ئاق چىغقا ئاپىرىپ قويغان قۇربان ئاكىنى ئىزلەپ تاپتىم. ئۇمۇ مىنى بىر قاراپلا تۇنىدى .

_ ھە ئوغۇل، ئاق چىغنىڭ تۇزى يەنە تارتىپ كەپتۇدە سېنى ، _ دېدى ئۇ يىرىك ئالقىنى بىلەن قولۇمنى قىسىپ تۇرۇپ،_ باشقا بەڭۋاشلار قېنى ؟

_ مەن يالغۇز كەلدىم قۇربانكا ،_ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، _ مەن بۇ قېتىم ئويۇن تاماشىنى چۆرىۋېتىپ، ئاز تۇلا بىر نەرسە يېزىپ كىتەي دەپ باشقىلارغا خەۋەر قىلمايلا يالغۇز كەلدىم.

_ ئوھۇ، يازغۇچىمۇسەن ؟_ ئۇ ئىشەنمىگەندەك بېشىمدىن ئايىغىمغىچە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقتى،_ قارىسىغۇ پوتلىسىنى ئاران ئېرتىپ يۈرگەن ئۈلۈمتۈككە ئوخشايسەن، تېخى يازغۇچىمەن دە، قارىغىنا ئوغۇل، مەن ئويلايمەن، يازغۇچى دېگەن كاللىسىنىڭ تۈكى قالمىغان، ئېغىر ماتىرىيال سومكىسىنى قولتۇقىغا قىسقان، يەردىن بېشىنى ئالماي بىر نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، بەزىدە تامغا ئۈسۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر بولىشى كىرەكتە!

مەن ئۇنىڭ ساددا خىيالىدىن كۈلۈپ كەتتىم.

_ قىشلاققا قاچان ماڭاي دەيسەن؟ _ دىدى ئۇ قولىدىكى ئىشەكنىڭ ئۈزۈلگەن باش بېغىنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ تەكشۈرۈۋېتىپ.

_ مىنىڭ ۋاختىم قىس، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈنلا تۇرالايمەن. شۇڭا مۇمكىن بولسا بۈگۈنلا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز.

_ بۈگۈن كۈن سەل كەچكىرىپ قالدى. ئەتە سەھەردە بىسمىللا دەپ يولغا چىقمايمىزمۇ  ئۇكا؟

_ كونىلار بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما دەپتىكەن. شۇڭا بۈگۈنلا يولغا چىقساق.

_ كونىلار ئۇ گەپنى سەن ئۈچۈنلا دىمىگەندۇ ئۇكا؟ _ ئۇ ئۆسكىلەڭ قاشلىرىنى ھىمىرىپ قويدى، _ بوپتۇ، بۈگۈن يولغا چىقايلى دىسەڭ يۈرۈپ كەتتۇق. سەنلا چىدىساڭ،مەن ئۈچۈن بەرىبىر. بۇ دىگەن مەن كىچىسى مېڭىپ باقمىغان يول ئەمەس.

شۇنىڭ بىلەن بىز بىردىن ئىشەككە مىنىپ ئاق چىغ دەرياسىنىڭ بۇيىغا جايلاشقان قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ كۈزلىكىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئىشەكلەر سەل ئىگىزلەپ بارىدىغان ئاق چىغ يۇلىدا پۇشقۇرۇپ، بەزىدە قەيەردىندۇر كىلىپ ئاۋارە قىلىدىغان كۈكۈيۈنلەرگە بوي بەرمەستىن تەپكىدەپ كەلمەكتە ئىدى. ئىشەكلەرنىڭ تۇيىقى ئاستىدىن ھاسىل بولغان چىغىر يولنىڭ ئىككى تەرىپى پۈپەك چىقارغان قۇچاق- قۇچاق چىغلار، ياپرىقى سارغىيىشقا باشلىغان بابۇنە ئۈسۈملۈكلىرى، « ھەي، تۈگىدى، ھەممىسى تۈگىدى» دېگەندەك خۇرسىنىپ تۇرغان تۈگە تاپانلىرى بىلەن قاپلانغانىدى. بەزىدە چىغ تۈۋىدىن پارت قىلىپ يۈگرەپ چىققان ياۋا توشقانلار ئىشەكلەرنى ھۈركىتەتتى. بۇلۇتسىز ئاسماندا يىتىلگەن بىر بۈركۈت قانىتىنى كەڭ يايغىنىچە ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئەتراپ شۇنچىلىك سۈكۈتكە پاتقان ئىدىكى، ئىشەكلەرنىڭ ئېغىر ھاسىراشلىرى قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.قۇربان ئاكا بىر پەس تاغدىن باغدىن پاراڭ سوققان بولسىمۇ قېرىلارغا خاس مىجەزى غالىپ كىلىپ ئىشەك ئۈستىدە مۈگدەشكە باشلىدى.

كەچ كىرىشىگە ئەگىشىپ دالىدىكى ئالۋۇنلار چىمىرلاشتىن توختاپ، ئەتراپنى قۇيۇق گۇگۇم ئۆز قوينىغا تارتىشقا باشلىدى. چىغلارنىڭ سارغۇچ پۇپەكلىرى بارغانسېرى قارايماقتا ئىدى.يىراقتىن كۈرۈنىدىغان تىك چوققىلاردىكى قارنىڭ پارقىراشلىرىمۇ غايىپ بولدى. سارغۇچ ئۈسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان دالا ناھايىتىمۇ ئۇزۇن ساقلانغان رەڭلىك رەسىمدەك بارغانسېرى ئۈڭۈشكە باشلىغانىدى.

قۇربان ئاكا ئىشەكلەرنىڭ مېڭىشىغا ئەگىشىپ يەڭگىل چايقالغىنىچە مۈگدەپ كەلمەكتە. مەن ئەتراپىمدا بولۇۋاتقان ھەر بىر ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىنچىكە كۈزىتىپ، ھاسىلاتلىرىمنى بېيىتىشنىڭ كۇيىغا چۈشكەنىدىم. يېڭى مۇھىتتىكى ھەر بىر ئۆزگۈرۈش مىنى قىزىقتۇراتتى. مەن ئاخىرقى قېتىم قارىغىنىمدا قۇياشنىڭ ئاللىقاچان ئولتۇرۇپ، ئالدىمىزدىكى ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ گۇگۇم پەردىسى ئىچىدە غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم.

كەچ كىردى، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان تاغ سەلكىنى كۈچەيدى. كەپسىز شامال مالخايلىشىپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. مەن ئۇنى شامال ئەمەس، بىر غايىۋانە قىزنىڭ مىھىرلىك بارماقلىرى دەپ قارىدىم. شۇئان يىگىتلىك ۋۇجۇدۇم گۇلخانغا تاشلانغان چاۋادەك پاراسلاپ كۈيۈشكە باشلىدى. قىزنىڭ مىھىرلىك بارماقلىرى چاچلىرىمنىڭ ئارىسىدا يىلاندەك سويلايتتى. ھەر بىر سىلاپ سىپاشتىن تىنىم يايراپ، ۋۇجۇدۇم يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئوچاقتىكى تۈمۈر ئىرىتمىسىدەك ئېقىشقا باشلىدى. قايسى بىر چاغدا خاتىرەمگە يېزىپ قويغان « كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئۈزىگە چۈشلۇق راھەت تېپىش يوللىرى بۇلىدۇ، ئۈزىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن خۇشال قىلىشنى بىلگەن كىشىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئالىدىغان لەززەتلىرىمۇ كۆپ بۇلىدۇ » دېگەن جۈملىلەر ھازىر مىنىڭ ئەمەلىيىتىمدە ئىسپاتلانماقتا ئىدى.

يىراقتا، تاغ ئۈستىدە تۇلۇنئاي پەيدا بولدى.بىر پەس قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن دالا ئاينىڭ سۈتتەك نۇرىدا يەنە يۇرىدى. غۇر غۇر شامال، ئاجايىپ جەزىبىلىك ئاي نۇرى مۇشۇ زېمىننىڭ چاڭقاق جىسمىغا ئاراملىق بېرىۋاتقاندەك ئىدى. ئوبدانلا يۇرۇپ قالغان چىغىر يولدا ئىشەكلەر بىر خىلدا كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ تىنىدىن كۈتۈرۈلۈۋاتقان ھورنىڭ ئىرىنچەكلىك بىلەن ئەتراپقا تاراۋاتقانلىقىنى ئىنىق كۆرگىلى بولاتتى.

ئالاھىزەل يېرىم كىچىگە يېقىنلاشقاندا قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ قىشلىقىغا يىتىپ كەلدۇق. ئەتراپتىن پادىچى ئىتلىرىنىڭ كاڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. يىراق - يىراقلاردىن كىملەرنىڭدۇ ياققان گۇلخانلىرىنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغان يۇرۇقى سۇس كۈرۈنۈپ تۇراتتى.



3



   قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ ئائىلىسى مىنى بەكمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى.يېشى ئاتمىشلارغا ئۇلاشقان قىتۇرسۇن ئاكا گەپ- سۆز قىلماستىن قۇچىقىنى كەڭ يايغىنىچە مىنى باغرىغا باستى. ئۇنىڭ تىنىدىن كىلىۋاتقان ئاچچىق تەر ھىدى ماڭا بەكلا تۇنۇش ئىدى.مەنمۇ كۈرۈشمىگىلى نەچچە يىللار بولغان قېرىنداشتەك ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدىم. ئېلىپ كەلگەن سوۋغا سالاملىرىم قۇشناچىمنى بەكلا ھاياجانلاندۇرىۋەتتى.

_ نىمە قىلغىنىڭ بۇ ؟_ قىتۇرسۇن ئاكا قۇشۇمىسىنى تۈردى، _ بۇ قېرى دەللىنى يامان ئۈگىتىپ قۇياي دېدىڭمۇ ؟ تەرەپباللا كەلسەڭ بولىۋىرەتتىغۇ؟

_ ھېلىمۇ تۈزۈكرەك تەييارلىق قىلالمىدىم،_ دېدىم ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىر يۇڭ پۇپايكىنى قۇيۇۋاتقاچ،_ لايىقىڭىزدا بولمىغانلىقى ئىنىق، شۇنداقتىمۇ ئىنىڭىزنىڭ كۆڭلى، قۇبۇل قىلارسىز قىتۇرسۇنكا .

_ ئەستا ماۋۇ بالىنى، ئادەمنى خىجىل قىلىپ نىمە قىلغىنىڭ بۇ ؟_ قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ يۈزلىرى ۋىللىدە قىزاردى، _ كايىپ نىمە قىلىسەن بۇنداق؟ ھەي...

_ كايىپ نىمە بوپتىكەن قىتۇرسۇنكا؟ _ مەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە بوشلا شاپىلاقلاپ قويدۇم، _ ناھايىتى شۇ ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەر، ھەرقايسىڭلارنىڭ لايىقىدا بولالمىدى.

_ رەھمەت ئۇكام، _ دېدى ئايال خوشلىقى ئىچىگە سىغمىغان ھالدا، _ بىزگە بىرنى بەرگەن بولسىلا خۇدايىم سىلىگە مىڭنى بىرەر، ماڭغان يوللىرى ئوڭ، بارغان يەرلىرى دۆڭ، ئالغانلىرى ئاي، مىنگەنلىرى تاي بولغاي ئىلاھىم.

داستىرخان تارتىلدى، بىر چىنە قوي قېتىقى بىلەن تۈگۈرۈپ يىيىلگەن يۇمشاق نان ماڭا ئىنتايىن مىزىلىك تېتىدى. ئۇچاققا تاشلانغان تىزەكلەر تۈتەپ كۆيمەكتە ئىدى. گەرچە ئۆي ئىچىدىن ماياقنىڭ قاڭسىق ئىسى بۇخسۇپ تۇرسىمۇ ئۇ مىنىڭ ئۆز ئۆيۈمدەك ئازادە ۋە مىھىرلىك تۇيغۇ بىرەتتى.  

شۇ كىچىسى بىز ئۇيەر-بۇيەردىن پاراڭ قىلىپ تۈننى تاڭغا ئۇلىدۇق. ئەتراپتىن خۇرازلارنىڭ چىللاشلىرى ئاڭلاندى. قىتۇرسۇن ئاكام ئاپتۇۋىنى كۈتۈرۈپ تاھارەت ئېلىشقا ماڭدى. بىر پەستە ئايۋاندىن ئۇنىڭ تەگبىر چۈشۈرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ قانداقراق پىلانىڭ بار ئۇكام؟ _ ناشتىدىن كېيىن سورىدى قىتۇرسۇن ئاكا _ مۇشۇ ئۆيدىلا دەم ئالامسەن ياكى ئەتراپنى بىر تاماشا قىلىپ كىلەمسەن ؟

_ مەن باش ئېقىن تەرەپكە بىر بېرىپ كىلەيمىكىن؟ _ قىسقىلا دۇئادىن كېيىن داستىرخان يىغىلدى. مەن ئېغىزىمنى ئالقىنىم بىلەن سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭغا دېدىم، _ سىلەرنى قانداق سېغىنغان بولسام ئۇ يەرنىمۇ شۇنداق سېغىندىم. مەن باش ئېقىننى بىر ئايلىنىپ، ئەشۇ يەردە بىر نەرسە يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.

_ ئەمىسە سېنى ئوغلۇم تاشتۇرسۇن ئايلاندۇرۇپ كەلسۇن ئۇكا، _ قىتۇرسۇن ئاكا گەردىشى قىيىلىپ بولغان كۆرپە تەلپىكىنى بېشىغا كەيگەچ قوشۇپ قويدى،_ بۇ يەرنىڭ ئوي- دۆڭلىرى تۇلا ، ئېزىپ قالساڭ بولماس.

_ياق، مەن بۇ ئەتراپنى ئوبدان بىلىمەن، ئىنىمىز سىزگە ياردەملەشسۇن، مەن ئۆزەملا بېرىپ كىلەي. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يازىدىغان ئادەمگە تىنىچ مۇھىت كىرەك، ياخشىسى ماڭا بىرەر ئەدىيال،چۈشكە يەيدىغان بىرەر-يېرىم نان بولسىلا بولدى. مەن كەچرەك قايتىمەن.

_ بوپتۇ ئەمىسە، ھەي كەمپىر، قېتىق- قايماق، نان پانلىرىڭدىن جېقراق تەييارلاپ بەر، ئىنىمىزنىڭ قۇرسىقى ئاچسا، ساي دېگەندە تاشتىن باشقا نەرسە يوق.ئىچىدە بىزنى تىللاپ يۈرمىسۇن يەنە .

شۇنداق قىلىپ بىر ئەدىيال، ئارگىنال قەغىزى سېلىنغان سومكا ۋە يىمەكلىك ئورالغان داستىرخاننى كۈتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتىم. روھىم بەكلا كۈتۈرەڭگۈ، قەدەملىرىم شۇنچىلىك يىنىك ئىدى. سەللا يۈگرىسەم ئۆزەمنى ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك  سىزەتتىم. شەھەرنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بىلەن رېتىمى بۇزۇلغان مىڭەم بۇ تىپ- تىنىچ ماكاننىڭ ئارامبەخىشلىك سۈكۈتىدىن شۇنچىلىك سۈيۈندىكى، ئاھ، مۇمكىن بولسا، يىلدا بىر ئىككى ئاي مۇشۇنداق جاھان غوۋغالىرىدىن خالى يەرلەردە روھىڭنى ئارام تاپتۇرساڭ، بىر جېنىڭ ئون بولماسمۇ؟

مەن باش ئېقىن تەرەپكە قاراپ يۈگرىگەندەك كىتىپ باراتتىم. ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە _ ئەتىگەنلىك قىروۋدا نەمدەلگەن پۇپەكلىرى سالپايغان چىغلار، بەرگلىرى تۈكۈلگەن بابۇنىلەر، قۇرۇشقا باشلىغان ئادىراسمان ئۈسۈملۈكلىرى،پۇر- پۇر كۈتۈرۈلۈپ، ئادەمنىڭ باش ئۈستىدە چۇ چۇلاۋاتقان چۆل تورغىيى، قېرى قارىياغاچلاردا تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋېلىپ، گۇيا خوشياقمايۋاتقاندەك ئاۋازدا بىر ئىككىنى قاقىلداپ قۇيىدىغان قېرى قاغىلار، تاغ تەرەپتىن كىلىدىغان، ئادەمنىڭ يەلكىسىنى قورۇيدىغان قۇرغاق شامال...مىنى ئۈزىگە تامامەن ئەسىر قىلىۋالغانىدى. بۇ يەردە مۇمكىن بولسا بىر نەرسىلەرگە قاچىلاپ ئاپىرىپ، شەھەردە پۇلغا ساتقۇدەك ساپ ھاۋا بار ئىدى. بۇ يەردە مۇمكىن بولسا كۈتۈرۈپ ئاپىرىپ ئۆرنەك قىلغۇدەك ساپ كۈڭۈللەر بار ئىدى. بۇ يەردە مۇمكىن بولسا كىشى قاراپ قاراپ مەڭگۇ تويمايدىغاندەك مۆجىزىلەر بار ئىدى.

تاغ كەينىدىن قۇياش باش كۈتۈردى، ئۇ تولىمۇ ئۇياتچان قىزغا ئوخشاش شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىنى تەستە كۈتۈرۈپ، زېمىنغا جىلۋە قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن تۈكۈلگەن تال -تال نۇر چەشمىلىرى بۇلۇت يۈزىنى قىزارتىپ، بۈگۈنكى ھاۋانىڭ كۈڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. مەن ئالاھىزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن باش ئېقىنغا يىتىپ كەلدىم. يىراقتىنلا ماڭا تۇنۇش بىر شەپە_ تاشتىن تاشقا سەكرەپ ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ مۇشۇ جىرانىڭ مەڭگۈ چارچىماس ناخشىچىسىدەك، كىچە- كۈندۈز بىر خىل رەۋىشتە ئۆز ناخشىسىنى داۋام قىلاتتى.

مەن ھاسىراپ تۇرۇپ ئىگىز بىر تۈپىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقتىم. پەستە _ ئىككى چېتى ئىگىز قىيالار ئارىسىدا تۇرغان جىلغىنىڭ ئىچىدە،تاشتىن تاشقا سەكرەپ شوخلۇق قىلىپ بىر تارام سۇ يىلاندەك تولغىنىپ ئاقماقتا ئىدى. سۇ بويىدا، ئۈنچىلەر يالاپ ئۆتكەن سىيدام تاشلار پارقىرايتتى. تىك كۈتۈرۈلگەن قۇياش نۇرى سۇ تامچىلىرى ئارىسىدا ھەسەن- ھۈسەن پەيدا قىلغانىدى. ئېقىننىڭ ئۇ يەر - بۇ يىرىدە پاخپاق سۈگەتلەر تام تۈۋىگە تىكلەپ قۇيۇلغان سۈپۈرگىلەردەك  چوقچىيىپ تۇراتتى. كەپسىزلىك بىلەن ئېقىۋاتقان سۇ ئۈزىنىڭ مەڭگۈلۈك سىمپۇنىيىسىدە مىنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك، مەن كېلىشىمگە ئۇنىڭ شاۋقۇنى يەنىمۇ كۈچەيگەندەك بىلىندى.

مەن نەرسە كىرەكلىرىمنى كۈتۈرگىنىمچە ئۆزەمنى پەسكە ئاتتىم.  مۇزدەك سۇدىن قانغۇچە ئىچتىم. تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ پىشقان ئەكەك سۇ تۇمۇر تۇمۇرلىرىمغىچە تاراپ، ماڭا چەكسىز راھەت بېغىشلىدى.ھەمىشە تازىلانغان سۇ ئىچىپ كۈنۈكۈپ كەتكەن ئېغىزىم باشقىچە خۇشپۇراققا تولدى. مەن نىمىشقىدۇر سۇ بويىدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم. ئەتراپتىن، تاغ قاپتاللىرى تەرەپتىن سۇنىڭ شارقىرىشىغا قۇشۇلۇپ كەكلىكلەرنىڭ سايرىغان ئاۋازىمۇ كىلەتتى. ئېقىننىڭ خېلىلا باش تەرىپىدە قىزىل تۇمشۇقلۇق بىر قۇش ۋىچىرلاپ سايرىغىنىچە سۇغا چۈمۈلمەكتە ئىدى.  ئۇنىڭ سۇ تامچىلىرى سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ئىنچىكە قاناتلىرى نەملىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۈزىنىڭ بۇ جەننىتى ئۈچۈن دۇنيانى ئۇنۇتقان ھالدا ۋىچىرلاپ ناخشا ئوقۇيتتى.لىككىدە كۈتۈرۈلۈپ يەنە موللاق ئاتقىنىچە سۇغا شۇڭغۇيتتى. سۇدىن ۋىچىرلاپ چىققىنىچە قاناتلىرىنى سىلكىپ، سۇ تامچىلىرىنى چاچرىتاتتى.

ئۇنىڭ بۇ شوخلۇقىغا دۇنيادا نىمە توغرا كىلىدۇ؟ تەبىئەت ئۇنىڭغىمۇ كۆڭلى سۈيۈنگىدەك، ئۆزىنى خۇشال قىلغۇدەك نىسىۋە ئاتا قىلغان،ئۇمۇ ئەشۇ نىسىۋىدىن بەھرىلىنىشنى بىلگەن. مانا، شەھەرلەردە خېلىلا ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئىرىشەلمەيدىغان بىر بەخىتنىڭ پەيزىنى قىزىل تۇمشۇقلۇق بۇ قۇش بەھۇزۇر سۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ بۇرنۇم قىمشىپ، كۆز جىيەكلىرىم نەمدەلدى.

مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە قىزىل تۇمشۇقلۇق قۇشنى چۈچۈتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىھتىيات بىلەن مېڭىپ،تىك قىيانىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر تۈپ سۈگەتنىڭ ئاستىغا كەلدىم. بۇ سۇغا يېقىن ۋە شامال ئۇرۇپ تۇرىدىغان ھاۋالىق يەر ئىدى. مەن تاشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئەتراپنى سەل تۈزىگەندىن كېيىن ئەدىيالنى سالدىم. نەرسە كىرەكلىرىمنى بىر قۇر رەتلىۋېتىپ، ئۆزەمنى ئەدىيالنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم. شۇ تۇرقىدا بىر نەرسە يېزىشقا قۇلۇم بارمايتتى. ھېلىلا قەلبىمدە كۈتۈرۈلگەن ھاياجان تېخىچە بېسىلىپ بولمىغان، قانداقتۇر بىر ئىچكى جىددىيلىكتىن ۋۇجۇدۇم سۇس تىترەپ تۇراتتى.مەن ئاسمانغا باققىنىمچە ئوڭدا ياتتىم. قەيەردىندۇر سۈرۈلۈپ كەلگەن بىر پارچە ئاپپاق بۇلۇت باش ئۈستۈمدە ئېسىلىپ تۇراتتى. ئۇ ئەتەي ماڭا سايە تاشلاپ بىرىۋاتقاندەك ئىدى. بۇلۇتقا قاراپ قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئۇ شەپىسىزلا باش ئۈستۈمدىن ئايرىلدى ۋە غەرىپكە قاراپ ئاستا ئاستا سۈرۈلدى. بۇلۇتسىز ئاسمان يىڭىلا كۆك رەڭدە سىرلاپ قۇيۇلغاندەك پارقىرايتتى.ئۇنىڭغا قاراپ ياتقان ئادەمدە بىرلا ئوخچۇپ ئاشۇ ئاسمان بېتىگە سىڭىپ كىتىش خىيالى تۇغۇلاتتى.شەھەردىكى ئىس- تۈتەككە بۇرنى قۇلىقىغىچە تويغان ئادەملەرنىڭ بۇنداق كەڭرى ۋە تاپتازا ئاسماننى كۈرۈپ شۇنداق خىيالغا كەلمەيدىغانلىرىمۇ بولامدىغاندۇ؟ ئالدىراش ھايات ۋە قىستاڭ مۇھىت جانغا ئىكەك سالغاندا، ئادەمنىڭ مۇشۇنداق يەرنى سېغىنىپ قېلىشى نورماللىققۇ؟! مىنىڭ شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن بىردىنلا بۇ يەرنى سېغىنىپ قېلىشىممۇ سەۋەپسىز ئەمەسكەندە!

مەن بىردىنلا قەدىرىيەنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا سېستىرالىق قىلىدىغان چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن گەرچە ئارىلاشقان ۋاختىم دېگەندەك ئوزۇن بولمىسىمۇ ئۇنىڭدىن شۇنداق سەسكىنىپ كەتكەن ئىدىم. مانا ، بۇ تىمتاس زىمىندا ئۆزەم يالغۇز يېتىپ بىردىنلا ئۇنى ئەسلەپ قالغىنىم قىزىقتە .نىمە ئامال، خىيالىڭدىن كەچكەننى ئەسلىمەي تۇرالامسەن؟



4



قەدىرىيە بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلىرىم جەمئىيەتتە خېلىلا يۈز تاپقان، مەتبۇئاتلاردا ئاز تولا نامىم چىقىۋاتقان، ئۆزەمنىڭمۇ ھاياتقا نىسبەتەن مۇھەببىتىم قايناپ تېشىپ تۇرغان چاغلار ئىدى.ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق، خۇلقىمۇ يېقىملىق قىز ئىدى. ئۇنى كۈرۈپ دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى « كۈزۈڭ مال تۇنۇيدىكەن، بەختىڭنى تېپىپسەن، ئۇنىڭ قۇلىدىن مەھكەم تۇت» دېيىشتى. دېمىسىمۇ تەقدىرنىڭ ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنى توغرىلىغىنىغا كۆڭلۈمدە خۇشال بولغانىدىم. ئۆزەمنى دۇنيادىكى بىردىن بىر بەخىتلىك ئىنسان دەپ قارايتتىم ۋە بەخىت بابىدا مىنىڭ تەڭدىشىم يوق دەپ مەغرۇرلىناتتىم. ئۇنىڭ بىلەن قولتۇقلىشىپ كوچا ئايلانغىنىمدا نۇرغۇن ناتۇنۇش كۆزلەرنىڭ بىزگە تىكىلىپ  قاراپ قالغانلىقىنى كۈرەتتىم. قەدىرىيە مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايمەن دەپ ئويلايتتىم.بۇ بەخىتنىڭ قەدرىگە يەتمىسەم بولمايدىغانلىقىمۇ ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى.

كۈنلەر ئۆتكەنسېرى مىنىڭ بۇ ئويلىرىمنىڭ سەل بالدۇر چىقىرىلغان خۇلاسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ چۇۋۇلغان يىپتەك چىگىش ئارزۇ- ئارمانلىرى، تۇتامسىز روھى كەيپىياتى مىنىڭ ئوي خىياللىرىمغا ئەسلا ماس كەلمەي قويدى. ئادەم تۇرمۇشتا بىر بىرىنى قانائەتلەندۈرەلمىسە، ئوخشاش ئارزۇ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كىتەلمىسە ،ئىككى رېلىستىكى پاراۋۇزلاردەك ئۈتۈشۈپ كىتىدۇ. بۇنداق بەخىتنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بۇلىدۇ دەيسىز؟ ئۇ ھەمىشە ئىشتىن چۈشەتتى ۋە مىنى قولتۇقلاپ دىسكۇخانىلارغا چاپاتتى. قەيەردىندۇر تېپىپ قويغان باش چايقىتىش كۇمۇلىچىنى بىر قۇتا كوكاكولا بىلەن ئىچىۋېلىپ، ئالا يېشىل چىراقلارنىڭ ئاستىدا ھەلقىگە چۈشكەن جىنكەش موللىدەك سەكرەپ مۈڭۈپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كىتەتتى.ئۈچۈپ يېنىپ تۇرغان چىراق يۇرۇقىدا ئۇنىڭ ھەر تەرەپكە سوزۇلغان قوللىرى تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. قۇلاقنى يارغۇدەك جاز مۇزىكىلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرەتتى.ئاشۇ گۇمبۇر – گۇمباڭ ئاۋازلار ئىچىدە ئەسەبىيلەشكەن قەدىرىيە مىنىڭ كۈزۈمگە ئۆزەم ياقتۇرغان بىر قىز ئەمەس، ھەر تەرەپكە ھەملە قىلىۋاتقان ئالۋاستى سۈپىتىدە كۈرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن لالما ئىتتەك دىسكۇخانىلارغا قاتراپ يۈرۈپ ئۆزەمنىڭ ئىجادىيىتىمۇ تاشلىنىپ قالدى. كاللامدا پىشىپ بولغان نۇرغۇن تىمىلارنى ئاشۇ شاۋقۇن- سۈرەنلەر يەپ كەتتى، ۋاختىمنىڭ ئۆزەم قىزىقمايدىغان بىر بىمەززە ئىشلار ئۈچۈن زايا بۇلۇپ كەتكىنىنى ئويلىسام ئىچىم مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولاتتىم. ئەكسىچە قەدىرىيە مىنىڭ ئىجادىيىتىم، ئۇنىڭغا كىتىدىغان ۋاختىم بىلەن قىلچىلىك ھىساپلاشمايتتى.

بىر كۈنى ئۇ يەنە دىسكۇخانىغا بارماقچى بۇلۇپ قالدى.

_ مەن بارالمايمەن، _ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.

_ نېمىشقا ؟_ ئۇنىڭ كۆز لىرى چەكچىيىپ ، ئىككى قېشى ئارلىقىدا تىككىدە بىر سىزىق پەيدا بولدى.

_ بۈگۈن بىر ھىكايىنى تۈزۈتۈپ ئەتىگىچە تەھرىر بۈلۈمگە تاپشۇرۇدىغان بولغان. شۇ ھىكايىنى ئىشلىمىسەم بولمايدۇ.

_ كىشىلەرنىڭ « يازغۇچى دېگەننىڭ ئانىسى ئۈلۈۋاتسا كارى يوق، قەلەم بىلەن قەغەزدە ئاشنا ئوينايدۇ» دېگىنى راست ئىكەندە،_ ئۇ دىمىغىنى قېقىپ قويدى.

_ نىمە دېدىڭىز؟ _ غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى. ئۇنى ئۇرۇۋېتىشتىن ئۈزەمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم. قەدىرىيە ھېچ ئىش بولمىغاندەك مۈرىسىدىكى سومكىسىنى پۇلاڭلاتقىنىچە  بىر تاكسىنى تۇسۇپ كىتىپ قالدى. مىنى شۇنچىلىك ئاچچىق تۇتىۋالدىكى، ھىكايىنى ئىشلەشكىمۇ قولۇم بارمىدى.مىنىڭ ھەۋەس- ئىشتىياقىمنى مازاق قىلغان بۇ تەنتەك قىز بىلەن بۇندىن كېيىن قانداق ئۈتۈشنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. كەچ كىرگىچە كوچا ئايلاندىم، ئادەملەر مىغىلدىشىپ تۇرغان بۇ رەستە- كوچىلار كۈزۈمگە بەئەينى قۇرتلىرى مىغىلداپ يۈرگەن گەندە ئازگىلىدەك كۈرۈندى. تۇنجى قېتىم مۇھەببەتتىن رايىم قايتتى. بۇنداق ئازاپلىق ياخشى كۈرۈشنىڭ ئەلبەتتە چېكى بۇلۇشى كىرەكتە!

بىر نەچچە دوستۇمنى تېپىپ بىر ھازا ئىچىشتۇق. ئاچچىق شاراپ قايناپ تۇرغان زەردەمنى خېلىلا باستى. ۋۇجۇدۇمدىكى تەلۋە ھىسسىيات ئاستا ئاستا پەسكۇيغا چۈشتى. ياتاققا قايتىپ كىلىپ ئۆزەمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم. تاماكىنى ئۇلاپ چىكىپ، تۇرۇسقا قاراپ بىر ھازا ياتتىم. بىر چاغدا تۇيۇقسىز تىلىفۇن جىرىڭلاپ قالدى. دىسكۇخانىدا ئويناپ قانغان قەدىرىيەنىڭ تىلىفۇنى بولسا كىرەك دەپ ئۇنى ئالمىدىم. ئەمما تىلىفۇن جەھلى بىلەن كۇرۇلداپ، ھېچ بولدى قىلاي دىمەيتتى. ئاچچىقىمدا تىروپكىنى يۇلۇپ دىگۈدەك قولۇمغا ئالدىم.

_ ۋەي، كىمۇ؟ _ قاتتىق ۋارقىرىدىم. تىروپكىدىن ناتۇنۇشلا بىر ئادەمنىڭ غاراڭ- غۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

_ سىز شۆھرەت ئەپەندىمۇ ؟

_ خوش ، نىمە ئىشىڭىز بار ؟_ ناتۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۈنۈمنى سىلىقراق چىقىرىشقا تىرىشىپ سورىدىم.

_ قەدىرىيە دەپ بىرسىنى تونۇمسىز؟_ ئۇياق ئەدەپ بىلەن سورىدى.

_ تونۇيمەن، قانداق، ئۇنىڭغا بىر ئىش بوپتىمۇ ؟_ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم. ئۇياقمۇ مىنىڭ ئاۋازىمدىن بۇنى ھېس قىلدى بولغاي ئىتتىكلا جاۋاپ بەردى.

_ ئەنسىرىگۈدەك باشقا ئىشمۇ يوق، ئۇ ئىچىپ ئېغىر مەست بولۇپ قاپتۇ، خاتىرىسىدە سىزنىڭ تىلىفۇن نومۇرىڭىز بار ئىكەن. شۇڭا سىزنى ئاۋارە قىلىۋاتىمىز. مۇمكىن بولسا، ھازىرلا كىلىپ « پادىچى » دىسكۇخانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كەتكەن بولسىڭىز.

مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن؟ قايناپ تېشىپ تۇرغان ئاچچىقىمنى مىڭ بىر قىيىندا بېسىۋېلىپ،«پادىچى» دىسكوخانىسىغا باردىم ۋە خۇدىنى بىلمەي ياتقان قەدىرىيەنى يۈلەپ تارتقۇشلاپ مىڭ بىر قىيىندا ياتىقىغا ئېلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈلۈكتەك ياتقان ھالىغا قاراپ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىممۇ يوققا چىقتى. ياخشى كۆرگەن گۇناھىم ئۈچۈن مەست جاناننى توشۇش شەرىپىگە ئىرىشكىنىمدىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدىم. ئەمدى بۇ يۈزنى نەگە قويغۇلۇق؟ كىشىلەرنىڭ كۈزىگە قانداق قارىغۇلۇق؟ سۆيگىنى ئويناپ يۈرسە پەخىرلىنىپ ماختايدىغان، قاۋاقلاردا مەست ياتسا جىددىيلىشىپ، قۇسىقىنى تازىلايدىغان يۇمشاقباشلارنى تالاي كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن كۈلگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ كۈن مىنىڭ بېشىمغا كەلدى. شۇ تۇرقىدا ماڭا تىلىفۇن بەرگەن خۇجايىن نىمە دەپ قالغاندۇ؟ كىشىلەر قانداق ئويلىغاندۇ؟ بۇ مەنىسىز جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا چىكىت قۇيىدىغان پەيت كەلدىمۇ نىمە ؟

ئۇنى ياتىقىغا ئەكىرىۋېتىپلا قايتماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ ئۈلۈكتەكلا ياتاتتى.ناۋادا ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالسام، ئالىمادىس بىر ئىش چىقىپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ يامان بولاتتى. شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى بىر كىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش نىيىتىگە كەلدىم. بىر ئۇرۇندۇقنى تارتىپ كىلىپ ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم ۋە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ھەممە دەردىمنى شۇنىڭدىن ئالماقچى بولغاندەك كۈچەپ شوراشقا باشلىدىم.

قەدىرىيە كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا ئاڭلىنىپ تۇرغان تىنىقى ياتاق ئىچىگە تەكشى تارايتتى. ئاشۇ تىنىق بىلەن قۇشۇلۇپ چىقىۋاتقان ئاق ھاراقنىڭ بەدبۇي پۇرىقى ئادەمنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇراتتى. ھەر نىمە بولسا ئۈزەممۇ ئىچىۋالغان ئىكەنمەن، بولمىسا قانداق بەرداشلىق بىرىدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. بىر چاغدا ئۇ ئازراق ھۆ بولدى. ئەمما بىر نەرسە يانمىدى. ئۇ سەل جىم بولغاندىن كېيىن ئۈزىچە پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى.

_ مىر...ئادىل...، جېنىم، بوشراق، ئا...دەمنى نىمانچە...قىي...نايسىز؟ ۋاي...

كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، بېشىم ھېلىلا پارتلاپ كىتىدىغاندەك ۋاڭشىپ كەتتى.قانداقلارچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىنىمنى سەزمەيلا قالدىم. ھاراقنىڭ بەدبۇي پۇرىقى بىلەن تولغان ياتاقنىڭ ئىچى پىرقىراشقا باشلىدى. مەن يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن كارىۋاتنىڭ بېشىنى تۇتىۋالدىم.

ياتاقتىكى تام سائىتى بىر خىلدا چىكىلدىماقتا. يىرگىنىش ۋە نەپرەتكە تولغان بۇ كىچە توكۇرنىڭ پۇتىدىكى ئەسكى لاتىدەك سۆرەلمىلىك بىلەن ئاستا ئۆتمەكتە. پايخان بولغان سۆيگۈ دالالىرىمدا ئىزغىرىن شامال كۈتۈرۈلگەن، ئۇ ھەممىنى ۋەيران قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈركىرىمەكتە. شامالنىڭ كۈچىدىن يىڭىلا يىلتىز تۇتقان كۈچەت- قاناتلار قاراسلاپ سۇنماقتا ئىدى. مەن بۇ مەنزىرىلەرگە ئۆزەم بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك، يىراقتىن قاراپ تۇراتتىم. ئۇنى قوغداپ قېلىشقا مەندە ئىختىيار يوق ئىدى.

ھەيھات، ئاخىرى بۇ كىچىمۇ ئۈتۈپ كەتتى، تاڭ ئاتتى. ئۇ ھاراق كەيپىدىن يىشىلدى. مىنىڭ ئۈزىگە مىقتەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىمنى كۈرۈپ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۈرۈلمىدى. ئۇ يوتقاندىن قۇلىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى، ئەمما مەن كۈچۈكنىڭ تۇمشۇغىدەك سوغۇق قولنى ئىتتىرىۋېتىپ « خوش » دېدىمدە ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم.

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى. ئۇنى ئىزدەپمۇ بارمىدىم.تىلىفۇنمۇ قىلمىدىم. كۈنلىرىمنى ھاراققا زورلاپ ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم. ئۇنىڭ مەستلىكىدە ئىڭرىغان ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى كەتمىدى. قەلبىمدە قۇترىغان بوران تېخىچە گۈركىرەپ تۇراتتى. مەندە ئۇنى توختاتقۇدەك جاسارەت يوق ئىدى.

بىر كۈنى ئۇ مىنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئىككىمىز بىر چايخانىغا كىرىپ كەلدۇق. مۇشۇ پۇرسەتتە ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتىش ، ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك خوش دىيىش نىيىتىدە ئىدىم. چىرايلىق ئارىلاشقان ئىكەنمەن، چىرايلىق خوش دىيىشىم كىرەك ئىدى. شۇڭا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي بىر پەس ئولتۇرۇپ كەتتىم.

_ گەپ قىلمايسىزغۇ؟_ دېدى ئۇ كۈتكۈچى ئەكەلگەن خۇشپۇراق چايدىن بىر ئوتلىۋېتىپ.

_دېگۈدەك گەپ بولمىغاچقا بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتىمەن.

_ مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ جېنىم؟_ ئۇ نازلىنىپ تۇرۇپ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە باقتى، _ نەچچە كۈندىن بىرى يۇلىڭىزغا تولا قاراپ كەتتىم. ھېچبىر ئىزدەيمۇ دېمىدىڭىز. ئېيتىڭا، سىزگە نىمە بولدى؟

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى گويا بىر ئارتىستنىڭ رول ئېلىپ سەھنىدە دەۋاتقان گەپلىرىدەك ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلدى. مەن ئۇنى ئەمدىلەتىن كۈرۈۋاتقاندەك تىكىلىپ قارىدىم.

_ ماڭا قاراڭ قەدىرىيە ، _ دېدىم ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا، _ ماڭا بىرمەزگىل كۆڭۈل بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسى ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ. ئەمدى سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچىلىك بولسا، كەچۈرۈڭ، ئارىدا كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىپ قويغان يەرلىرىم بولسا مىنى ئەپۇ قىلىڭ. بۇنىڭ نېرىسىغا ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەيمەن.

_ نىمە ؟ سىز ئىشنى شۇنداقلا بولدى قىلماقچىمۇ ؟_ قەدىرىيەنىڭ مىيىقىدا مەسخىرە كۈلكىسى پەيدا بولدى، _ شۇنداقلا خوش دېسەم پوتلىسىنى ئېقىتىپ كىتىپ قالىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ مىنىڭ تۈلىگەن بەدەللىرىمچۇ؟ يوقاتقانلىرىمنى نەدىن تاپىمەن؟

_ ئەلبەتتە نەدە يۇقاتقان بولسىڭىز شۇ يەردىن تاپىسىزدە قەدىرىيە، بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ نىمە ئىشىم؟ چۈنكى، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە سىز ھەرگىزمۇ ماڭا بەدەل تۈلىمىدىڭىز. بۇ راستقۇ ؟

_ خام خىيال قىلماڭ شۆھرەت، بىزنىڭ ئارىلاشقىنىمىزغا خېلى بولدى. سىز مىنى بەدەل تۈلىمىدى دەپ ئىسپاتلىيالمايسىز. قېنى ئېيتىڭا، بەز يىمەيدىغان مۈشۈكنىڭ بارلىقىغا كىشىلەرنى قانداق ئىشەندۈرىسىز؟ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەن نورمال ئەركەك ئەمەس دىيەلەمسىز؟ سىز شۇنداق دىگەن تەقدىردىمۇ مەن بىزنى تونۇيدىغانلارغا ماڭا ئۇنىڭ قول ئۇچىمۇ تەگمىگەن دەپ ئىشەندۈرەلەيمەنمۇ؟

_ ھۇ پەسكەش، _ چاي شىرەسىنى غەزەپ بىلەن مۇشتلىدىم.

_ ئىھتىيات قىلىڭ، سۇنسا تۈلەيسىز، _ دېدى قەدىرىيە مىنىڭ غەزىۋىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماستىن،_ قايسى كۈنى مىنى « پادىچى» دىسكۇخانىسىدىن ئېلىپ كەپسىز. كىچىدە نىمە ئىشنىڭ بولغانلىقىنى مەندىن ياخشىراق بىلىسىزغۇ دەيمەن، مەستلىكىمدىن پايدىلىنىپ پۇخادىن چىققۇچە ئويناپسىز. سىزنىڭ مىنى دىسكۇخانىدىن ئېلىپ كەتكەنلىكىڭىزگە خوجايىننىڭ قۇلىدا ئىسپات بار. ئۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى تەكشۈرگەن ۋە نومۇرىنى يېزىۋالغان ئىكەن. سىز تېنىۋالالمايسىز. ئىشنى ياخشىلىقچە بىر تەرەپ قىلىمىزمۇ ياكى سوت ئارقىلىقمۇ؟ مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن، شۇڭا بۇ ئىشتا يەنىلا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالاي دەيمەن.

_ مىنىڭ ئالدىمدا « ياخشى كۆرگەن» دېگەن گەپنى تىلغا ئالما، _ دېدىم غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، _ سىنىڭ ياخشى كۈرۈشنى تىلغا ئالغۇدەك سالاھىيىتىڭ يوق.

_ ئەمما سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرىز قىلغۇدەك سالاھىيەت مەندە بار،_ ئۇ مەسخىرە كۈلكىسىنى يۇشۇرالمىغان ھالدا كالچايدى،_ قېنى، ھەر ئىككىمىزنىڭ ۋاقتى قىس، مۇشۇ يەردىلا بىر نەرسە دەڭ،  يەنە تۈزىتىدىغان ھىكايە باردۇ؟   

_ تۇلا سەپرايىمنى ئۆرلەتمەي نەرقىڭنى دە،_ بۇ ئىشنىڭ ماڭا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزەمنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاقلىيالمايدىغىنىمنى ئويلاپ لاسسىدە بوشاشتىم.

_ئەسلىدىغۇ ئانام سۈيۈپ، دادام پۇراپ چوڭ قىلغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەركەك چىۋىنمۇ قونمىغان قىز ئىدىم. شۇڭا سىز دىگەندەك «نەرقىم» ئۆرىراق بولسا ياخشى بولاتتى. ئەمما، ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ  ھۈرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ سىزگە ئۇۋال قىلسام بولماس. شۇڭا بىر توقماقنى ئالدىمدا قۇيىسىز.

_ پاھ، ئىككى مىڭكويلۇقتىن ھىساپلىغاندا بەش مادىنىڭ پۇلىكەنغۇ؟_ ئىچىم ئېچىشىپ تۇرسىمۇ ئۇنى راسا بىر چېقىۋېلىش ئۈچۈن چىرايىمغا مەسخىرە كۈلكىسى بىرىپ ھىجايدىم، _ قاغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق دەپتىكەن، بىر قېتىم پوق يەپ سالغان بولاي. بوپتۇ، نامراتلارغا قىلغان ئىئانەم بولۇپ قالسۇن، پۇلنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا تاپشۇرىمەن.

_ بۇ سۆزىڭىزگە كىم ئىشىنىدۇ؟_ ئۇ خېلىلا تەييارلىق بىلەن كەلگەن بولسا كىرەك، سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەز بىلەن قەلەم چىقاردى،_ ئەڭ ياخشىسى تىلخەت يېزىپ بىرىڭ.

_ مىنى تۇلا ئانىي تاپىمەن دېمە قەدىرىيە، مەن دېگەن مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى كۆكلىگەن ئادەممەن. دېگىنىم ھىساپ.

_ شۇنداقتىمۇ ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن تىلخەت كىرەك،_ ئۇ چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەستىن قەغەزنى ئالدىمغا سۈرۈپ قويدى ،_قېنى، سىز دېگەن يازغۇچىغۇ، بىر ئىككى ئىلىك خەت دېگەننى پۇتىڭىزدىمۇ يېزىۋىتىسىز.

مەن قەغەزنى غەزەپ بىلەن ئالدىمغا تارتىپ ، شارتىلدىتىپ تىلخەت يېزىپ بەردىم. ئۇ خەتنى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن قاتلاپ سومكىسىغا سالدى ۋە ئورنىدىن تۇردى.

_ سىزنىڭ ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، شۇڭا سىزنى ياخشى كۆرگەنىدىم، ئەپسۇس، بىرگە ئۆتۈش نىسىپ بولماپتۇ، سىزگە بەخت تىلەيمەن، پۇل تەييار بولغان ھامان تىلىفۇن قىلىڭ، _ ئۇ بىر نەچچە قەدەم ماڭدىيۇ ئىتتىكلا كەينىگە بۇرۇلدى، _ پۇل مۇشۇ ھەپتىدىن كېيىن قالمىسۇن، مەن توي قىلىمەن.

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە پولغا، ياق، يۈرىكىمنىڭ بېغىشىغا توكۇلدىتىپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى. مەن قورقۇنۇچلۇق چۈش كۈرۈپ قارا باسقان ئادەمدەك بۇ ئىشلارنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلەلمەي چايخانىدا بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم.



5



جىرالارنىڭ ئارىسىدا سۇنىڭ بىر خىلدىكى شارقىرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن كۆككە بېقىپ يېتىپ قانداقلارچە قەدىرىيەنى ئەسلەپ قالغىنىمنى، ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە مۇشۇنداق ئارامبەخىش چاغلىرىمدا ئېسىمگە كىلىپ قالغىنىنى بىلمىدىم. بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن دىسكۇخانىلاردىكى قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك گۈمبۈرلەشلەر ئىچىدە يۈرگەن كۈنلىرىم بىلەن بۇ يەردىكى پاكىزلىق، كەڭلىك ۋە تىنىچ- خاتىرجەملىك ئېڭىمدا سېلىشتۇرما بولغان بولسا كىرەك.

شۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزەمنى بىراقلا تاشلىۋەتتىم. تۇنۇش- بىلىشلەر ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قېلىشتى.بەزىلەر مىنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى ئەيىپلەشتى. قولغا كىلىپ بولغان بەختىمنى قەدىرلىمىگىنىم ئۈچۈن مىنى ئەخمەققە چىقىرىشتى. ئەمما، ئىش ئەسلىدە مۇنداق بولغان دەپ بىرىگە تىنىش مۇمكىنمۇ؟ قەدىرىيەنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايغىنىم بىلەن ئۆزەمنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايغىنىمنىڭ نىمە پەرقى؟ شۇڭا ھەممە دەرتلىرىمنى ئۈزۈم بىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيىپلەشلىرىگە قۇلاق يۇپۇرۇپ كۈنلىرىمنى تۇلىمۇ ئازاپتا ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدىم.

ئاسمان بېتىدە بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق، سۇنىڭ بىر خىلدىكى شاۋقۇنلۇق ناخشىسى بىلەن شامالنىڭ ھۇشقۇيتىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەتراپتىن ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايدۇ. بۇنداق سۈكۈتكە چۆمگەن ساپ ھاۋالىق يەرنىڭ ئىجادىيەتكە قانچىلىك پۇرسەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھەممە چۈشىنىدۇ. چۈنكى، ئىلگىرى نۇرغۇن زاھىتلار مانا مۇشۇنداق خىلۋەت يەرلەردە زامان غوۋغالىرىدىن خالىي بولۇپ، ئىستىقامەتتە بولۇشقان، مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن تىلسىملارنىڭ سىرىنى ئاچقان، قېلىن قېلىن كىتابلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغان، ئەمدىچۇ؟ بىزدە ھايات رېتىمى تىزلىشىپ كەتتى.ئىستىقامەتتە ئولتۇرغۇدەك غەيرەت ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلغۇدەك شارائىتىمىز، ۋاقتىمىز يوق. شۇڭا بىزدە قەدىمكىدەك ئۆتكۈر پىكىرلىك، دۇنيانىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئەرزىگۈدەك پەيلاسوپلىرىمىز يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنمەي بولمايدۇ.

مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئېقىننىڭ باش تەرىپىگە قارىدىم، قىزىل تۇمشۇقلۇق قۇش ئۈزىنىڭ غۇسلىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ۋۇجۇدىنى پاكلىغان قۇش ئۆزىنى قانچىلىك يەڭگىل سەزگەندۇ ھە؟ مەن لىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپتىن ئۇنى ئىزلىدىم. قىيا ئۈستىدە بىر نەچچە بۇلۇت پارچىسى ئۈزۈپ يۈرەتتى. قىيالىق سوزۇلۇپ بېرىپ چوقچىيىپ تۇرغان كۈلرەڭ تاغلارغا تۇتىشاتتى. تاغنىڭ ئۈستىدىكى قارلىق چوققىلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. يىراقتىن، بەكمۇ يىراقتىن بىر توپ تاغ قۇشقىچىنىڭ ۋىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. قارىغاندا ئۇلار مۇشۇ تەرەپكە ئۇچۇپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى. مەن ئاۋاز كىلىۋاتقان تەرەپكە بۇيۇنداپ قارىدىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر توپ قۇشقاچ ۋىچىرلاشقىنىچە باش ئۈستۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قانىتىدىن يىلاندەك ۋىشىلدىغان،شامالدەك ھۇشقۇيتقان ئاۋاز كىلەتتى. قۇشقاچلار ئۇچۇپ بېرىپ كۆپكۆك ئاسمان بېتىگە سىڭىپ كەتتى.

كۈن چۈش بولدى. قىيالىقتىن تىك چۈشكەن قۇياش نۇرى جىرا ئىچىنى بىر پەسكە ئىللىتىپ ئۆتتى. ئويناق سۇنىڭ كەپسىز ئۈنچىلىرى قۇياشنىڭ ھارارەتلىك يارقىن نۇرىدا باشقىدىن چاقناشقا باشلىدى. مەن سۇ بويىغا باردىم ۋە ئېلىپ كەلگەن ئارپا نېنىنى مۇزدەك سۇغا چىلاپ ئىشتىھا بىلەن سوقۇشقا باشلىدىم.نان شۇنچىلىك مىزىلىك تېتىدىكى، يىگەنسېرى ئىشتىيىم ئېچىلىپ، چالا بۇلا چاينالغان ناننى ئاچكۆزلەرچە يۇتۇشقا باشلىدىم. دەل شۇ چاغدا قۇلىقىمغا تۇلىمۇ يىراقتىن كەلگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن نان چايناشتىن توختاپ، ئوۋ ئىتىدەك سەزگۈرلۈك بىلەن ئەتراپتىكى شەپىگە قۇلاق سالدىم. يىراقتىن بىر قىزنىڭ تۇلىمۇ ئىنچىكە ئاۋازدا سوزۇپ ئوقۇغان ناخشىسى،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر توپ ئۆشكىلەرنىڭ مەرەشكەن تىترەڭگۈ ئاۋازى سۇس ئاڭلاندى.

مەن بىردىنلا جىددىيلىشىپ قالدىم. ھېلىلا بۇ يەردە مۆجىزە يۈز بىرىدىغاندەك بىر تۇيغۇ كۆڭلۈمنى چالغىتىپ ئۆتتى. مەن قۇلۇمدىكى بىر بۇردا ئارپا نېنىنى مىجىغىنىمچە ئەتراپتىكى قىيالارنىڭ ئۈستىگە ھەم ھەيرانلىق، ھەم تەشنالىق ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ھىسسىياتتا تەلمۈرۈپ قاراشقا باشلىدىم. قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى بارغىنسېرى ئىنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

كۈزنىڭ شامىلى تاغدا،

يەلپۈتتى چىچەكلەرنى.

قۇشلار سايرىشىپ ھەر يان،

ئويناتتى يۈرەكلەرنى...

ناخشا باش ئۈستۈمدىكى چوقچىيىپ تۇرغان قىيالىق تەرەپتىن كەلمەكتە ئىدى.مەن بارغانسېرى گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىمنىڭ تىۋىشلىرىنى بېسىشقا تىرىشقان ھالدا قىيانىڭ ئۈستىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ھايالشىمايلا مەرەپ ئالەمنى مالەم قىلىشقان بىر توپ ئۆچكىنىڭ ئىنچىكە مۈڭگۈزلۈك باشلىرى ۋە ئۇلار ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن چاڭ – تۇزان قىيانىڭ ئۈستىدە كۈرۈندى. ئارقىدىن ئۆشكىلەر بىرى كاماندا بەرگەندەكلا چىغىر يول بىلەن قىيادىن پەسكە _ شوخلۇق بىلەن ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ ئۆزىنى ئاتتى. ئۇلار خۇددى قار پومزەكلىرىدەك دۇمىلاپ، بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ كىلەتتى. مەن ئۆشكىلەرنىڭ بۇ كەپسىزلىكىگە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ يەنە قىيانىڭ ئۈستىگە قارىدىم. چۈنكى، مىنىڭ كۈتكىنىم دۈپۈرلەپ كېلىۋاتقان ئۆشكە ئەمەس ئىدى.

بىر چاغدا قىيا ئۈستىدە قىپ قىزىل گىرىپ ياغلىق چىگىۋالغان ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردىكى بىر قىز پەيدا بولدى. ئۇ مۈگدەپ ياتقان بىر ئاق ئوغلاقنى كۈتۈرۈۋالغان ئىدى. گىرىپ ياغلىقىنىڭ ئۇچى، ياغلىقىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ قالغان سىكىلىكى، چىكىت گۈللۈك ئاق گىرىپ كۆينىكى سۇقۇپ تۇرغان تاغ شامىلىدا لەپىلدەپ تۇراتتى. ئۇ ئوغلاقنى كۈتۈرگىنىچە قىيادىن سۇ بويىغا تۇتىشىدىغان چىغىر يول بىلەن ئاستا پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى. ئارلىق يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ شامال يالاپ چاك چاك يېرىلغاندەك كۈرۈنىدىغان يۇمىلاق يۈزى، ياشلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرى، پۇررىدە ئۇچۇشقا تەمشەلگەن قالىغاچنىڭ قانىتىدەك ئەگىم قاشلىرى، تاغ سەلكىنى سۈيۈپ ئالۇچىدەك قىزارتىۋەتكەن مەڭىزلىرى ئىنىق كۈرۈندى. ئو ئوغلاقنى پەپىلىگىنىچە ئۇششاق شىغىل تاشلارنى شىرىقلىتىپ دەسسەپ ئېھتىيات بىلەن پەسكە چۈشمەكتە ئىدى. قىز سۇ بويىغا ئازلا قالغاندا مىنى كۈرۈپ قالدى ۋە قاتتىق چۈچىدى.

_ ۋاي خۇدايىم،_ ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەستىن بوشلا ۋارقىراپ تاشلىدى. جىددىيلەشكىنىدىن ئوغلاق قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ سەل تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كۆكسىنى باستى.

_ چۆچىتىۋەتتىممۇ ؟_ مەن تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالغان تىلىمنى تەستە مىدىرلىتىپ ئۇنىڭدىن پەس ئاۋازدا سورىدىم.

_ توۋا خۇدايىم، ئادەممۇ سىز ياكى جىنمۇ؟ ئەجەپ ئىلگىرى سىزنى بۇ يەردە كۆرمىگەن ئىدىمغۇ؟ _ قىز تىترىكىنى سەل بېسىۋالغاندىن كېيىن بېشىمدىن ئايىغىمغىچە قاراپ چىقتى.

_ مەنمۇ بۇ يەرگە بۈگۈنلا كەلدىم خانقىز، شۇڭا مىنى ئىلگىرى كۆرمىگىنىڭىز راست، _ دېدىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاچ، _ سىز ھەمىشە مۇشۇ ئەتراپتا مال باقامسىز؟

_ شۇنداق، _ دېدى ئۇ قورقۇمسىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ، _ مۇشۇ قىيانىڭ ئەتراپى بىزنىڭ قىشلاق، مەن ھەر كۈنى بۇ يەردە ئۆشكە باقىمەن.

قىز مىنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىۋاتقىنىمنى كۈرۈپ يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدى. ئۇ ئالدى پۇتلىرىنى پۈكۈپ، بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ تۇرۇپ سۇ ئىچىۋاتقان ئۆشكىلەرنى ئالدىرىتىپ ھەيدەشكە باشلىدى.

_ مەندىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،_ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، _ مەن شەھەردىن كەلدىم. بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرساملا كىتىمەن.

قىز ماڭا بىر نەرسە دىمەستىن ئۆشكىلىرىنى ھەيدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇنىڭ تېخىچە قورقۇنچىسى بېسىلمىدىمىكىن، چىشلىرى كاسىلداپ، نىپىز لەۋلىرى دىر دىر تىترەپ تۇراتتى.

_ مىنىڭ سىياقىم سىزگە ياقمىدىمۇ ؟_ سورىدىم ئۇنىڭدىن، _قارىغاندا سىزگە جىن-شاياتۇن كۈرۈنگەن بولسام كىرەك. ھېچقىسى يوق، قورقماڭ، مەندىن سىز تۇرماق، چۈمۈلىگىمۇ زىيان يەتمەيدۇ. ئۆشكىلەرنى ئالدىراتماڭ، قانغۇدەك سۇ ئىچىۋالسۇن. ۋاختىڭىز بولسا قېنى كىلىڭ، مەندە يۇمشاق نان بار، ئاز تولا يەۋالسىڭىز...

_ رەھمەت،_دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، _ شۇنچىلىك ئىچسە قانىدۇ. ھۇشت، ھۇشت،قېنى ئاچكۆزلەر، مېڭىشە ئەمدى...

قىز ھېلىقى ئوغلاقنى يەنە قۇچىقىغا ئالدى ۋە ساقاللىرىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان ئۆشكىلەرنى ھەيدىگىنىچە چىغىر يول بىلەن قىياغا ياماشتى. ئۇنىڭ باش مالتىقى چىقىپ قالغان كونا ئايىغى ئاستىدىن ئۇششاق تاشلار شىرىقلاپ پەسكە دۇمىلايتتى. ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ قىيانىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولغاندا كەينىگە بۇرۇلۇپ  ماڭا لىپپىدە قارىدى. ئۇنىڭ خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى باشقىدىن چاقنىغاندەك بىلىندى. ئۇ ماڭا قاراپ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن يىراقلاپ كەتكەن پادىسى تەرەپكە  قاراپ مېڭىپ كەتتى.

مەن ئۇچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك يالىت قىلىپ بىرلا كۈرۈنۈپ، قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق تىز غايىپ بولغان قىز ۋە ئۇنىڭ ئۆشكىلىرىنى قايتىدىن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. ئۇ ھۈركىگەن توشقاندەك ماڭا تۇتۇق بەرمەستىن تىزلا غايىپ بولغان ئىدى. مەن بۇنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئەمما ئۆشكىلەر چىقىپ كەتكەن چىغىر يولدىن سۇس تۇمانغا ئوخشاش چاڭ كۈتۈرۈلۈپ تۇراتتى. يىراقتىن قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يەنە ئاڭلاندى.

_ بۇ راستلا ئادىمىزادمۇ ياكى شۇنىڭ سىياقىدىكى بىر پەرىمۇ؟ _ ئۆزۈمچە خىيالغا پاتتىم. دېمىسىمۇ كىچىك ۋاختىمدا چوڭلاردىن ئاڭلىغان چۆچەكلىرىمدە ھەمىشە ھۆر- پەرىلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ كۆزىگە چوپان قىز سىياقتا كۈرىنىدىغانلىقى ئېيتىلاتتى،_ ناۋادا مەنمۇ  بىرەر پەرىنىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئېرىشەلىسەم ئىدىم، ئۇ چاغدا ئالدىمدا قەدىرىيەدەكلەردىن مىڭى تىزلانسىمۇ كۆرەر كۈزۈم يوق ئىدى...

كۆڭلۈم ئاجايىپ بىر شىرىنلىك ۋە قانماسلىق ئىلكىدە چايقىلىپ تۇراتتى. قىزنىڭ شۇنچە تىز كىتىپ قالغىنىغا ئۈكۈنەتتىم. كۆزلىرىم ئۇ كەتكەن تەرەپكە قاراپ تىشىلەي دەپ قالغانىدى.چاڭ- تۇزان بېسىقتى.قىزنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانماي قويدى. جىرادىن سۇنىڭ بىر خىلدىكى شاۋقۇنلۇق ناخشىسىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن بۇ يەردە ئەس- ھۇشۇمنى يوقاتقان ھالدا نىمە قىلارىمنى بىلمەي مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانىدىم.

كەچ كىردى، بىر ئىلىكمۇ بىر نەرسە يازالمىدىم. گېلىمدىن قايتا بىر نەرسىمۇ ئۆتمىدى. سۇ بويىدا تەگسىز خىياللارغا بىرىلىپ كۈننىڭ قانداقسىگە كەچ كىرىپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. بارغانسېرى كۈچەيگەن كەچكى شامال سۈپۈركىدەك پاخپىيىپ تۇرغان سۈگەتلەرنىڭ ئۇزۇن چىۋىقلىرىنى سىلكىتىپ ھۇشقۇيتاتتى. جىرا ئىچى ئوبدانلا قاراڭغۇلاشقان، ئەتراپ گۇگۇم پەردىسى ئىچىدە خىرە كۈرۈنۈپ تۇراتتى.

مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە كىرەكلىرىمنى تىزلا يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندۇم. ئەمدى ئالدىرىمىسام قىتۇرسۇن ئاكا ئەنسىرەپ قالاتتى. مەن لاقا -لۇقىلىرىمنى كۈتۈرۈپ بايىقى قىز ماڭغان چىغىر يول بىلەن قىيانىڭ ئۈستىگە ياماشتىم.

تاغ يىرىدە بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشسە كىرەك، ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئەتراپ لىپپىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە غەرق بولدى. مەن ھاسىراپ تۇرۇپ قىيا ئۈستىگە ئاران چىقىۋالدىم. بىر ئازدىن كېيىن نېرىقى قىيا ئۈستىدە پارلاپ تۇرغان تۇلۇن ئاي پەيدا بولدى. ئۇنىڭ سۈتتەك ئاپئاق نۇرلىرى چىغ كۈتەكلىرى، بابۇنە ئۈسۈملۈكلىرى، ئادىراسمان چىچەكلىرى ئارىسىدىن يىلان باغرى بولۇپ سوزۇلغان چىغىر يولنى يۇرۇتتى. مەن ئالدىراش كېتىۋېتىپ، قىيا ئۈستىدە پارلاپ تۇرغان تۇلۇنئايغا قاراپ ھېلىقى قىزنىڭ يۇمىلاق يۈزىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇ ئورنىدا چىپپىدە توختاپ، ماڭا ناز بىلەن قىيا بېقىپ قاراپ تۇرغاندەك ئىدى.



6



ئەتراپنى سەھەر پەيتىنىڭ تۈتەپ تۇرغان مانانلىرى قاپلىغانىدى. مەن ئۇچاتتىم.ئاشۇ لەيلەپ، زىمىن باغرىنى يېپىپ تۇرغان مانانلار ئارىسىدىن بۈسۈپ چىقىپ قەيەرگىدۇر بارماقچى بولاتتىم.ئەمما پۇتۇم زەنجىر بىلەن كۈرۈنمەس قۇزۇققا باغلاپ قۇيۇلغاندەك، ھەر قانچە كۈچىسەممۇ قەدەملىرىمنى مىدىرلىتالمايتتىم. بىر چاغدا پەيلىرىدىن ھەسەن ھۈسەن چاقناپ تۇرغان بىر قۇش ئۇچۇپ كەلدى-دە،مىنى لىككىدە كۈتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى.ئۇ شۇنچىلىك تىز ئۇچتىكى، قاناتلىرىنىڭ ۋىشىلدىغان ۋە قۇلىقىمنىڭ غۇڭشىغان ئاۋازى ئىنىق ئاڭلىناتتى. مەن قۇشنىڭ ھەم قوۋزاقتەك يىرىك، ئەمما پەيدەك يۇمشاق پەنجىسى ئىچىدە بەئەينى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۇيقۇغا كىتىش ئالدىدا تۇرغان بوۋاقتەك خامۇشلۇق ئىلكىدە ئېسىلىپ تۇراتتىم.شۇ نەرسە مىنى ھەيران قالدۇراتتىكى،گەرچە مەن نامەلۇم قۇشنىڭ پەنجىسىگە ئېسىلىپ تۇرساممۇ قەلبىمدە زەررىچە قورقۇش ئالامىتى سىزىلمەيتتى. مەن ئۆزەمنى شۇنداق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاشۇ قۇش بىلەن بىر يەرگە ساياھەتكە كىتىپ بارغاندەك سىزەتتىم. مەندىكى بۇ جاسارەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئۆزەممۇ ئۇقمايتتىم.

قۇش بىر قىيانىڭ ئۈستىگە كىلىپ يىنىك قوندى. ئۇنىڭ مۇلايىم كۆزلىرى ماڭا مىھىرلىك باقاتتى. ئۇ پەيلىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ، بېشىنى بىر ئىككى سىلكىدى -دە، يەنە كۆككە كۈتۈرۈلدى. ئۇ باش ئۈستۈمدە بىر پەس ئايلىنىپ ئۇچتى.مەن خۇددى ئويۇنچى كەپتىرىنىڭ پەرۋازىغا مەپتۇن بولغان قېرى كەپتەرۋازدەك ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئۈزەلمىگەن ھالدا قاراپ قالدىم. چىرايلىق قۇش بىر پەس ئۇچقاندىن كېيىن بىر سىلكىنىپلا ئالتۇن تاۋاقتەك جۇلالاپ تۇرغان تۇلۇن ئايغا ئايلاندى. مەن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدىن شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىكتەك، قىلچىلىك ھەيرانلىق ھىس قىلمىغان ھالدا قاراپ تۇرىۋەردىم. بىر چاغدا تۇلۇن ئاي ئۇچار تەخسىدەك پىقىراپ كىلىپ قوينۇمغا كىرىپ كەتتى.

_ شۆھرەتجان ئۇكام، شۆھرەتجان...

بىرسىنىڭ يىنىك نوقۇغاچ چاقىرىشلىرىدىن كۈزۈمنى ئاچتىم. لەيلەپ تۇرغان مانانلارمۇ، ۋىشىلداپ تۇرغان شامالمۇ، ھەيۋەتلىك تىك قىيامۇ، ئۇنىڭدىن پىقىراپ كىلىپ قوينۇمغا كىرىپ كەتكەن ئايمۇ _ ھەممىسى غايىپ بولدى. كۆز ئالدىمدا ماڭا مىھرىبانلىق بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرغان قىتۇرسۇن ئاكامنىڭ سارغۇچ ساقاللىق قارامتۇل چىرايى پەيدا بولدى.

_ نىمە بولدىڭىز ئۇكام؟ _ دېدى ئۇ قۇيۇق قاشلىرىنى ھىمىرىپ قۇيۇپ،_ قارىسام شۇنداق زىغىرلىنىپ، بىر ئىشلارغا ئاھ ئۇرۇپ كەتتىڭىز. يۈز- كۆزىڭىزمۇ تەرلەپ كىتىپتۇ. قارا بېسىپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرىدىم. شۇڭا ئۇيقىڭىزنى ھارام قىلىپ ئويغىتىۋاتىمەن.

مەن ئۇنىڭغا، قارىيىپ تۇرغان تۇرۇسلارغا، ئەينەكسىز دەرىزىدىن شۇڭغۇپ كىرىپ سۇۋاقلىرى ئاجراپ چۈشكەن كونا تامدا ئەلەڭگۈپ تۇرغان شەپەق نۇرىغا  ھەيرانلىق بىلەن قاراپ چىقتىم.ئاي شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەن قوينۇممۇ قۇپقۇرۇق ئىدى. ھەممە نەرسە تۈنۈگۈنكىدەك... مەن ئۆزۈمنى قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ سۇپىسىدا كۈرۈپ ھېلىلا چۈش كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.

مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىندىم ۋە ئىرىنچەكلىك بىلەن سىرتقا چىقتىم. كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەنىدى. بوۋاقنىڭ تىنىقىدەك ئىللىق بىر سىزىمدىن سۈيۈنگەن كوكاتلارنىڭ يۇپۇرمىقىدىكى نىپىز شەبنەم قۇرۇپ،يەر يۈزىدىن ئاقۇش تۇمان كۈتۈرۈلۈپ تۇراتتى. مەن يۈزۈمنى يۇيۇۋاتقاندىمۇ، ئەتكەن چاي بىلەن ناشتا قىلىۋاتقاندىمۇ چۈشۈمدە كۆرگەن چىرايلىق قۇشنى پەقەتلا يادىمدىن چىقىرالمىدىم.كۆڭلۈمدە بىر ئىچكى ھاياجان ئۆرىدەيتتى. قانداقتۇر بىر شىرىنلىكتىن كۆڭلۈم كۈتۈرۈلەتتى. قەدىرىيە بىلەن ئادا جۇدا بولغاندىن بىرى قەلبىمدە بۇنداق شىرىن تۇيغۇ كۈرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.مەن ئۆزەمنىڭ نىمە بولغىنىمنى، قانداق شەيتاننىڭ مىنى كۈلدۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم.

_ شۆھرەتجان ئۇكا، كۆزلىرىڭدىن بىر خوشلۇقنى سىزىۋاتىمەنغۇ؟_ قىتۇرسۇن ئاكا ئاخىرى كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋالدى،_ پەرۋادە يىگەندەك ئۆزۈڭچە كۈلۈپ قۇيىسەن. بۇ شاتلىقىڭنىڭ سىرىنى سورىسام رەنجىمەيدىغانسەن ئۇكا؟

_ ئادەم قوينىغا تۇلۇن ئاينى سېلىپ چۈشىسە قانداق بولىدۇ؟_ مەن ئۇنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاپ بەردىم.قىتۇرسۇن ئاكا دەسلەپتە بىر نەرسىنى ئاڭلىيالماي قالغان ئادەمدەك ئېغىزىمغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قۇيۇق قاشلىرى تىگىدىكى چۇڭقۇر كۆزلىرى يەنىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك بىلىندى.ئۇ چىرايىمغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاستا سورىدى:

_ ھېلى نىمە دېدىڭ ئۇكا؟ چۈشۈڭنى ئىنىق بىر دەپباققىنا.

_ ناھايىتىمۇ چىرايلىق بىر قۇش مىنى كۈتۈرۈپ ئۇزۇن ئۇچتى، بىز بىر قىياغا قوندۇق، كېيىن ئۇ قۇش بىر پەس ئاسماندا پەرۋاز قىلغاندىن كېيىن تولۇن ئايغا ئايلىنىپ قوينۇمغا كىرىپ كەتتى.

_ خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى قىل ئۇكا، تەڭرىم سېنى يۈلىگەن چېغى، سەن رەھمانى چۈش كۈرۈپسەن، پەرىلەرنىڭ ساڭا كۈزى چۈشكەن ئوخشايدۇ.بۇ چۈشتە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى يوق، ئاجايىپ ياخشى چۈش كۈرۈپسەن، خۇدا نېسىپ قىلسۇن، بەختىڭنى بەرسۇن،ئىلاھە ئامىن...

قىتۇرسۇن ئاكام كۆڭلۈمدىكى خوشلۇقنىڭ نەق تەبىرىنى يىشىۋاتاتتى.ئۇ قولىنى كۈتۈرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلدى. « پەرىلەرنىڭ ساڭا كۈزى چۈشكەن چېغى» دېگىنىنى ئاڭلاپ،ئىتتىكلا ھېلىقى چوپان قىز ئېسىمگە كەلدى. تۈنۈگۈن بىر مۆجىزە يۈز بىرىدىغاندەك ھاياجانلىق ھىسسىياتقا چۈمۈشۈمنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.

_ يەر يۈزىدە نىمىلەرنى بولمايدۇ دەيسەن؟_ دېدى قىتۇرسۇن ئاكا كۆتمەك ساقىلىنى سىلاپ قۇيۇپ،_ بۇنداق خاسىيەتلىك چۈشنى تەڭرىم ھەممىلا بەندىسىگە نېسىپ قىلىۋەرمەيدۇ. بېشىڭدىن بىر نەرسە ئۆرىۋىتەيلى ئۇكا، خاسىيىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ.

ئۇ شۇنداق دەپ قازناق ئۆيگە ماڭدى. قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ چۈش تەبىرىدىن بەكلا سۈيۈندۈم. ئاشۇ چۈش بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بوراندا قالغاندەك خىرەلىشىپ كەتكەن قەلىب خانەم بىردىنلا يۇرۇپ كەتتى. قەدىرىيەنىڭ كويلىسىدىن مىڭ پارە بولۇپ چىققان شۇنچە يىلدىن بىرى ھېچقاچان مۇنداق بىر تەشنالىق مىنى ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمدۈرۈپ باقمىغان، مەنمۇ يىلانغا پۇتلاشقان ئادەم ئارغامچىدىن ھۈركىگەندەك، مۇنداق تاتلىق خىياللارنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقمىغانىدىم. قىتۇرسۇن ئاكا بىر تەۋەڭ بۇغدايغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇغاندىن كېيىن،ئۇنى بېشىمدىن بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈدى ۋە ئېغىلغا ئېلىپ چىقىپ ياش بايتالنىڭ ئوقۇرىغا قۇيۇپ بەردى.

_ بۈگۈن نىمە قىلاي دەيسەن ئۇكا؟_ سورىدى قىتۇرسۇن ئاكا ئىشتىھا بىلەن بۇغداي چايناۋاتقان بايتالنىڭ يايلىسىنى تۈزەشتۈرۈۋېتىپ، _ يەنە باش ئېقىنغا بارامسەن ياكى يېزا بازىرىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىمەنمۇ ؟

_ مەن بازار دېگەندىن شۇنداق زىرىككەن قىتۇرسۇن ئاكا، _ دېدىم ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرغاچ،_ مىنى ئىنسى- جىن ئاۋارە قىلالمايدىغان يەر بولسا مەن شۇنىڭغا خوش، ئېقىن بېشى دەل مەن ئىزدىگەن يەر. ئۇ يەرگە بارسام پىكىرلىرىم قانات قاقىدۇ. مەن دۇنيانىڭ بىردىن بىر ئىگىسىدەك تىنىم كەڭىيىپ، ئۆزەمنى راھەت سىزىمەن. شۇڭا بۈگۈنمۇ ئاشۇ يەردە بولسام دەيمەن.

_ يەنىلا يالغۇز بارامسەن؟

_ شۇنداق.

_ ئەمىسە تۈنۈگۈنكىدەك كەچ قالما،_ قىتۇرسۇن ئاكا پەس ئاۋازدا تاپىلىدى، _ بولمىسا مەن سەن كەلگۈچە ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن.

_ خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن سىزنى ئەنسىرەتمەيمەن. بالدۇرلا قايتىمەن.

مەن يەنە قۇشناچىم تەييار قىلىپ قويغان نەرسىلەرنى ۋە رەسىم ئاپاراتىمنى كۈتۈرۈپ باش ئېقىنغا_ تۈنۈگۈنكى مەنزىلگاھىمغا قاراپ يول ئالدىم.

بۈگۈن ھاۋا خېلىلا ئۇچۇق ئىدى. ئاسماندا ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۈچلۈك قىزدۇرۇشىدىن شەپەق رەڭگىگە كىرگەن بۇلۇتلا ئەمدى ئاقىرىپ، چوپان قىزنىڭ قۇچىقىدىكى ئوغلاققا ئوخشاپ قالغانىدى. تاغ شامىلى بۇلۇتلارنى جەنۇپ تەرەپكە سۈرۈپ ئېلىپ ماڭغانىدى. « تۈنۈگۈن مىنىڭ بېشىمدا بىر پەس توختاپ ئۆتكەن بۇلۇت توپى قايسىكىنە؟» ئىختىيارسىز مەن ئاشۇ مىھرىۋان بۇلۇتنى ئەسلەپ قالدىم. ئادەم بىر نەرسىگە ئەقىدە باغلىسا، ھەممىلا خۇشاللىقىنى شۇنىڭدىن كۈرۈپ شاتلىنىدۇ. مىنىڭ نەزىرىمدە ئاشۇ بۇلۇت ھەممە شاتلىقلىرىمنىڭ مەنبەسى ئىدى. ئۇ بېشىمدا بىر پەس توختىۋىدى، بىر چىرايلىق چوپان قىز بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ بىر پەرى بۇلۇشىنى، ئاشۇ پەرىنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ، شۇنىڭ بىلەن ئازار يىگەن دىلىمغا تەسەللىي بىرىپ، قەدىرىيەدەكلەردىن ئۆچ ئېلىشنى ئارزۇ قىلدىم. مانا، كىچىچە كۆرگەن چۈش...تېخى قىتۇرسۇن ئاكام ساڭا پەرىلەرنىڭ كۈزى چۈشكەن بولسا كىرەك دەۋاتمامدۇ؟ ئاشۇ پەرى_ قىيادىكى ئاي_چوپان قىز بولماي كىم؟خۇدا، ماڭا رەھمىڭ كەلسۇن، مەن بىر قېتىم مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان ئادەم. يەنە بىر قېتىمغا بەرداشلىق بىرەلمەيمەن. مىنى ئاشۇ پەرى سۈپەت قىز بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشقا نىسىپ قىلغىن. بەختىمنى مەن پەقەت سەندىنلا تىلەيمەن.

قەدەملىرىم شۇنداق يەڭگىل ئىدى. تاپىنىم ئاستىدىكى قۇرغاق تۇپراق غىرىسلايتتى. قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ قىشلىقىدىن باش ئېقىنغا بارىدىغان تۇپىلىق يول پاخپىيىپ تۇرغان ئاق چىغلارنىڭ ئارىسىدىن يىلان باغرى بولۇپ سوزۇلغان ئىدى. بوز تورغايلار باش ئۈستۈمدە تىنماي چۇچۇلىشاتتى. قىيانىڭ نېرىسىدا كەكلىكلەرنىڭ قىقىراشقىنى ئاڭلىناتتى. يىراق ئاسمان بوشلۇقىدا قانىتىنى كەرگەن ئىككى سار بىر بىرىگە بېقىشىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك ئاستا ئايلانماقتا ئىدى. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا مەنزىرىسى ئادەمنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتاتتى.

مەن قىيا تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرىشىنى خېلىلا يىراقتىن ئىنىق ئاڭلىدىم. تاپتازا ھاۋا بۇ يەرنىڭ ھەر بىر شەپىسىنى بىرنى ئون قىلىپ يىراق- يىراقلارغا ئېلىپ كىتەتتى. مەن قىيا ئۈستىگە چىققىنىمدا كۈن ئوبدانلا تىكلەنگەن بولۇپ، پەستە_ ئاشۇ ھەررەڭ- سەررەڭ تاشلار ئارىسىدا كەپسىزلىك بىلەن ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس سىمپۇنىيەسى بىلەن مىنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك شاۋقۇنلايتتى. مەن بار ئاۋازىم بىلەن « چوپان قىز...» دەپ ۋارقىرىدىم. قىيالار باش قويغان كۆپكۆك ئاسماندىن قايتقان ، خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك ئۈستى- ئۈستىلەپ باستۇرۇپ كەلگەن ئەكىس سادايىم جىلغا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتى.

مەن تۈنۈگۈن ئاشۇ قىزنىڭ ئۆشكىلىرى چۈشكەن چىغىر يول بىلەن پەسكە سىيرىلدىم. ئايىغىم ئاستىدىن بىر نەچچە شىغىل تاش دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتتى. تاشلارنىڭ بىر بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان دوق- دوق سادالار سۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىنغان چاتما دۇمباقنىڭ ئاۋازىدەك ياڭرىدى.تاشلار دۇمىلاپ بېرىپ ئېقىن باغرىغا چۈشتى-دە، شالاپ- شۇلۇپ قىلغان ئاۋاز بىلەن سۇنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.

مەن ئەدىيالنى يەنە تۈنۈگۈنكى سۈگەتنىڭ ئاستىدىكى تۈز يەرگە سالدىم. ئېقىن بويلاپ سوقۇپ تۇرغان تاغ شامىلى ئۇنىڭ يۇمران چۇچىلىرىنى يىنىك تىترىتىپ ئويناشقا باشلىدى. مەن شامالنىڭ يەنىلا تۈنۈگۈنكى يۈنۈلۈشتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۆڭلۈمدىن شامالنىڭ يۈنۈلۈشى ئۆزگەرمىگەن ئىكەن، چوپان قىزنىڭ كېلىشىمۇ ئۆزگەرمەسلىكى كىرەك دىگەن بىر پىكىر يالت قىلىپ كەچتى. مەن قاپقىنىنى قۇرۇپ قۇيۇپ توشقاننىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ياتقان ئوۋچىدەك ئەدىيالنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى تاشلاپ، قىيادىن پەسكە چۈشىدىغان چىغىر يولغا كۈزۈمنى تىككىنىمچە يانپاشلاپ ياتتىم. بىر نەرسە يېزىشقا مەندە ئەمدى ھېچقانچە ئىختىيار قالمىغان ئىدى.  

ۋاقىت تۇلىمۇ ئەزمىلىك بىلەن ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. قەيەردىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر توپ كەپتەر ناچىلىرىنى كۇركىراتقىنىچە باش ئۈستۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى-دە، قىيالىقنى بويلاپ كېتىپ قېلىشتى. مەن نىمىشقىدۇر ئېقىننىڭ نېرىسىغا كۆز تىكتىم،ئەمما تۈنۈگۈن ئاشۇ يەردە يۇيۇنغان قىزىل تۇمشۇقلۇق چىرايلىق قۇش بۈگۈن كەلمىگەن ئىدى. ئۇ قۇنۇپ ئولتۇرغان چىپار تاش بۈگۈن تەنھالىق ئىلكىدە مۇڭلىنىپ قالغاندەك كۈرىنەتتى.

مەن ئەتراپتىكى ھەر بىر شەپىگە قۇلاق سالغان ھالدا ياتاتتىم. مىنىڭ بۇ يەردە بىر نەرسە يېزىش ئارزۇيۇممۇ يوققا چىققانىدى. مىنىڭ شۇ تۇرقۇدا بىر نەرسە يېزىشقا قۇلۇم بارمايتتى. تۇنۇگۈنكى ھاياجانلىق ھىسسىيات، خۇددى مۆجىزە يۈز بىرىدىغاندەك بىر خىيالى تۇيغۇ، كىچىدىكى خۇدا نىسىپ ئەتكەن خاسىيەتلىك چۈش ... ھەممە نەرسە مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى پىلانلىرىمنى ئىزىدىن چىقارغانىدى. مەن شۇ تۇرقۇدا قىيادىكى ئاينىڭ ئۇچار تەخسىدەك پىقىراپ كىلىپ قۇينۇمغا كىرىپ كىتىشىنى، ئاشۇ ئالتۇن تاۋاقتەك ئاينىڭ چوپان قىز بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ قالغانىدىم.شۇڭا كۈزۈم قىيادىن ئۈزۈلمەيتتى.

يىراقتىن بىر توپ غازنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن كۈزۈمنى شالاڭ بۇلۇتلار لۆمشۈپ  ئۈزۈۋاتقان كۆككە تىكتىم. بىر نەرسىدىن چۈچۈگەندەك سېپى بۇزۇلغان بىر توپ غاز قىيا- چىيا قىلىشقىنىچە غەرىپ تەرەپكە ئۇچۇپ كىتىپ باراتتى. مەن ئاشۇ غازلارنى مىنى چىكىپ كۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئەتەي چىقىراپ كىتىپ بارغان پەرىلەرمىكىن دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇلار قىيانىڭ نېرىسىغا ئۈتۈپ كۆزدىن غايىپ بولغىچە قاراپ تۇردۇم. غازلار كەتتى. ئەتراپ يەنە جىمىدى. پەقەت سۇنىڭ بىر خىلدىكى شارقىرىغان ئاۋازىلا بۇ يەرنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇپ تۇراتتى. مەن ئاشۇ زىرىكەرلىك مۇھىتتا، ئۆز ھاياتىمدا بۇلىدىغان قانداقتۇر مۆجىزىنىڭ يۈز بىرىشىنى كۈتۈپ تەشۋىشكە چۈمەتتىم.

كۈن چۈش بولدى. غۇر - غۇر شامالنىڭمۇ پەيكارى ئۇچتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆڭلۈمدە چوپان قىز كەلمەي قۇيارمۇ دىگەن ئەندىشە كۈچۈيۈشكە باشلىدى. مەن رەسىم ئاپاراتىمنى ئېلىپ ، ئەتراپنى ئاپىراتنىڭ كۆزىدە بىر قۇر كۈزىتىپ چىقتىم. يېقىنلاشتۇرۇلغان كۈرۈنۈشلەر ماڭا باشقىدىن تەسىر قىلىشقا باشلىدى. مەن ئاشۇ چوقچىيىپ تۇرغان قوپال تاشلار، قۇم تۇراغا ئوخشاش كۆككە باش قويغان تاش مۇنارلار،شامال سۈرۈپ ئۇچۇرۇۋاتقان توپا- تۇمانلار، ئۆشكىلەر ئىز قالدۇرغان چىغىر يوللارنى بىرمۇ بىر كۈزىتىپ چىقتىم. ھەممە نەرسە ماڭا يىراق ئۆتمۈشتىكى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بىر چۈشتەك بىلىندى. بۇ چۈشتە مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتىم. چۈنكى، ھېلىغىچە مىنى ھېچكىم بۈگۈنكىدەك تەقەززا قىلىپ باقمىغان ئىدى.

بىر چاغدا بەكمۇ يىراقتىن مەن كۈتكەن سۈيۈملۈك ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. مىنىڭ كۈتكىنىم بىر توپ ئۆشكىنىڭ بەسلەشكەندەك مەرىشىۋاتقان تىترەڭگۈ ئاۋازى ئەمەس، بەلكى  ئاشۇ مەرەپ ئالەمنى مالەم قىلىۋاتقان ئۆشكىلەرنىڭ كەينىدە مۇشۇ تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان چوپان قىزنىڭ يۈرەكنى ئوينىتىۋىتىدىغان يېقىملىق ناخشىسى، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئويناق كۆزلىرى ئىدى. شۇنداق، مىنى مەپتۇن قىلغىنى، تۈنۈگۈندىن بىرى ئىختىيارىمنى قۇلۇمدىن تارتىۋالغىنى ئاشۇ چوپان قىز... قەلبىم ئوۋ ھىدىنى ئالغان بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قېقىشقا باشلىدى. نىمىشقىدۇر قىياغا تىكىلگەن كۆزلىرىم شامالغا دۇچ كەلگەندەك ياشاڭغۇرىدى. مەن ئاپاراتىمنىڭ كۈزىنى خۇددى باشلىقنىڭ يۇلىغا تەشنا بولغان مۇخبىردەك تۈنۈگۈنكى يەرگە_ ئۆشكىلەر تۇنجى پەيدا بولغان قىيانىڭ ئۈستىگە توغرىلىدىم. راست دېگەندەك قىيا ئۈستىدە بىر توپ ئۆشكىنىڭ ئىنچىكە مۈڭگۈزلۈك بېشى كۈرۈندى. مەن ئۆشكىگە ئەمەس، ئۇنىڭ كەينىدىكى ئادەمگە تەشنا بولغىنىم ئۈچۈن سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردۇم. بىر چاغدا ئاشۇ ئۆشكىلەر ئارىسىدا ئوتقاشتەك بىر نەرسە_ ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك گىرىپ ياغلىقلىق بېشى كۈرۈندى. ئۇ تۈنۈگۈنكىدەكلا ئاق ئوغلاقنى قۇچىغىغا ئېلىۋالغانىدى. قىيا ئۈستىدە پەيدا بولغان چوپان قىزنىڭمۇ تۇنجى قىلغان ئىشى پەسكە_ تۈنۈگۈن مەن ئولتۇرغان سۈگەت ئاستىغا قاراش بولدى. ئۇنىڭ نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزى بىلەن ئاپاراتىمنىڭ كۆزى بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ قالدى. مەن پۇرسەتنى تۇتۇپ ئاشۇ ھەم قىزىقىش، ھەم ھەيرانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ھىسسىياتتا ماڭا تىكىلگەن كۆزلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.

ئۆشكىلەر پاتپاراق بولۇشۇپ پەسكە ئۆزىنى ئېتىشقا باشلىدى. چىغىر يولدا ئۇلارنىڭ تۇزۇتقان تۇپا- تۇمانلىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. قىز ئاشۇ قىيا ئۈستىدە ئۆشكىلىرىنىڭ بۇ كەپسىزلىكلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ماڭا قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى. مەن دىلىغۇللۇق ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم. قىزنىڭ چىرايى ئوتقاشتەك قىزىرىپ كەتتى.

_ پەسكە چۈشمەمسىز؟_ ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدىم. بەك كۈچەپ كەتكىنىم ئۈچۈن ئاۋازىم تەرەپ- تەرەپتىن ئەكىس سادا بولۇپ قايتىپ جىلغا ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتى. قىز بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا تۈۋەنلەشكە باشلىدى.

_ مەن تېخى سىزنى بۈگۈن كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،_ دېدىم ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ.

_ مىنىڭ كېلىش- كەلمەسلىكىم بىلەن سىزنىڭ نىمە ئىشىڭىز ؟_ دېدى ئۇ قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ.

_ ئەلبەتتە ئىشىم بولماسلىقى كىرەك ئىدى، ئەمما ، نېمىشقىدۇر سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قاراپ قاپتىمەن،_ ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى ئوغلاقنىڭ ساقىلىنى بوشقىنە تارتىپ قويدۇم،_ بۇ يەردە سىزنى كۈتۈۋاتقىنىمغا خېلى بولدى.

قىز ئىندىمەستىن ئوغلاقنى يەردە قويدى-دە، ئىنچىكە بارماقلىرىنى جۈپلەپ، تاشتىن تاشقا سەكرەپ ئېقىۋاتقان سۇدىن ئۇچۇملاپ ئىچىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ھۆل بولغان لەۋلىرى ئۈستىدىكى سارغۇچ مويلار قۇياش نۇرىدا ۋال- ۋۇل قىلىپ چاقناپ كەتتى. ئۇ بىر نەچچە ئۇچۇم سۇ ئىچكەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆينىكىنىڭ ئىتەكلىرىنى تۈزەشتۈردى.

_ سىز ھەر كۈنى بۇ يەردە مال باقامسىز؟_ سورىدىم پەس ئاۋازدا.

_ ھەئە،_ دېدى ئۇ ۋە سۇغا قېنىپ بۇلۇپ پىتىراشقا باشلىغان ئۆشكىلەرنى بىر يەرگە يىغقاچ ماڭا يەرنىڭ تىگىدىن قاراپ قويدى.

_ مۇشۇ غىل سايلىق ئىچىدە يۈرۈپ زىرىكمەمسىز؟_ مەن سەل نېرىدا تۇرغان بىر نەچچە ئۆشكىنى ئۇ يىغقان توپنىڭ يېنىغا ھەيدىدىم.

_ بۇ يەرنىڭ ھەر بىر تاش- توپىسى ماڭا شۇنداق تونۇش تۇرسا، مەن نىمىشقا زېرىكىدىكەنمەن؟_ ئۇ ئىنچىكە قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قويدى،_ ئۇنىڭ ئۈستىگە دېسەم دېمىسەم سىزمۇ شەھەردىن زىرىكىپ بۇ يەرگە كەلگەنسىز ھەقىچان؟

_ ئەلبەتتە،_ مەن ئۇنىڭ سۆزمەنلىكىدىن ھەيران قالدىم،_ شەھەرنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدىن زىرىككىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە مىڭەمنى سەگىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ سەگىتىشنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قاراشمۇ ماڭا چەكسىز ئاراملىق بىرىۋاتىدۇ.

ئۇ مىنىڭ بۇ سۆزۈمدىن سەل ئەجەپلەندى بولغاي، ئويچان كۆزلىرىنى لاپپىدە ماڭا تىكتى ۋە ئۆزىگە تەشنالىق بىلەن قادالغان قارچۇقلىرىمنى كۈرۈپ ئىتتىكلا نەزىرىنى باشقا ياققا يۆتكىۋالدى. ئۇنىڭ ئالۇچىدەك قىزارغان يۈزلىرىگە يەنە يېڭى قىزىللىق يۈگرىدى.

_ مەن راست دەۋاتىمەن،_ دىدىم ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلگىنىمچە، _ نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن، تۈنۈگۈندىن بىرى ئىختىيارىم ھېچ ئۆز قۇلۇمدا ئەمەس، بىر نەرسىسىسنى يۇقىتىپ قويغان ئادەمدەك بۇ يەردە قىياغا بېقىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەسلى ئاز تولا بىر نەرسە يېزىش ئويۇممۇ بار ئىدى. ئەمدى قولۇم بارمايۋاتىدۇ.

_ ئەمىسە سىز ساراڭ بوپسىز،_دىدى ئۇ لىۋىنى يىنىك چىشلەپ قويۇپ،_ بۇ يەردە ساراڭلا سىزگە ئوخشاش ھاڭۋاقتى كېلىدۇ.

_ توغرا دىدىڭىز، مەن ساراڭ بولدۇم.مىنى ئەمدى بۇ كىسەلدىن پەقەت سىزلا قۇتقۇزىۋالالايسىز.

مەن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىچىگە چۈكۈپ كىتىدىغاندەك بىر خىل تەشنالىق ئىلكىدە ئالدىغا باردىم. قىز نىمىشقىدۇر تۈگۈلۈپلا قالدى. ئۇنىڭ ئوت- ئاتەش تىپىپ تۇرغان قىزىق نەپىسى يۈزۈمگە ئورۇلغاندەك بولدى. ئۇ ھاسىرايتتى، تىنىقى تىنىقىغا ئۇلاشمايتتى. چىپ -چىپ تەرلەپ كەتكەن ماڭلىيى تىك چۈشكەن قۇياش نۇرىدا پارقىرايتتى.بۇلاق بويىدىكى قىياقتەك چاپلىشىپ تۇرغان كىرپىكلەر ئۇنىڭ ھودۇقۇش تىپىپ تۇرغان كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تىنىدىن كېلىۋاتقان تاغ ئالمىسىنىڭ ھىدىغا ئوخشاش بىر خىل خۇشپۇراق سەزگۈلىرىمنى بىراقلا ئويغىتىۋەتتى. ئىقرار قىلىمەنكى، مەن ھېچقاچان قىزلار ئالدىدا بۇنداق تۇيغۇدا مەست بولۇپ باقمىغان، شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭغا ئاچ بۆرىدەك تاشلىنىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم.

_ ئىسمىڭىز نىمە؟_ تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالغاچقا ئۈنۈم خىقىراپ چىقىپ كەتتى. قىز مىنىڭ كەيپىياتىمدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى سىزىپ قالدى بولغاي، سۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئۆشكىلىرىنى تىز تىز ھەيدىگىنىچە قىياغا ياماشتى. بەك زورۇقۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئۇششاق ياۋا گۈللەر چۈشۈرۈلگەن گىرىپ كۆينىكى پاقالچاقلىرىغا يۆرگىشىۋېلىپ، قەدەمدە بىر مۈدۈرەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم مۈدۈرۈپ كەتسە ھېلىلا قىيادىن ئۇچۇپ قۇچىقىمغا چۈشىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كىتەتتىم. ئۇ بىرەر شەپىنى ئاڭلاپ قالغان كىيىكتەك بىر نەچچە تاقلاپلا قىيانىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ چاققانلىقىدىن راستلا ھەيران قالدىم.بىر قىز بالا تۇرۇپ خېلى- خېلى يىگىتلەرمۇ  تەستە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بۇ خىل چەبدەستلىك مىنىڭ ئەقلىمنى لال قىلدى. بەلكىم نابۇت بولۇش ئالدىدا تۇرغان نومۇسنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن غەيرەت- جاسارەت دىگەن شۇنداق بولىدىغاندۇ؟!

قىز قىيانىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولغاندا كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا يەنە لىپپىدە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى ھەر كويغا سالىدىغان بىر ئاتەش نۇر يالت قىلىپ چاقنىدى. بۇنداق كۈچلۈك نۇرغا تىك قاراش مۇمكىنمۇ؟ مەن ئىتتىكلا كۈزۈمنى يۇمۇۋالدىم. مىڭەم ۋاڭشىپ، يىلاندەك تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنى يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك بىلىندى. كۈزۈمنى قايتا ئاچقىنىمدا، قىيا ئۈستىدە ئۆشكىلەر قالدۇرغان چاڭ تۇزاننىڭ بۇخسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قىز گۇيا بۆرىنىڭ ھىدىنى ئالغان ياۋا توشقان كوكاتلار ئارىسىغا شۇڭغىغاندەك كۆزدىن غايىپ بولغانىدى...

ۋۇجۇدۇمدا كۈتۈرۈلگەن قارا بوران ئاستا- ئاستا تىنچىشقا باشلىدى. قىپ قىزىل تۇمان ئارىسىدا قالغان كۆڭلۈم بوراننىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ سۈزۈلمەكتە ئىدى. مەن ئەتراپتىكى تىۋىشلەرگە قۇلاق سېلىپ ئورنۇمدا خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم. ماڭا نىسبەتەن بۈگۈنمۇ خەيىرلىك كۈن بولغانىدى.گەرچە مىنى تەقەززا قىلغان پەرى چۈشۈمدىكىدەك تولۇن ئايغا ئايلىنىپ قوينۇمغا شۇڭغۇمىغان بولسىمۇ ، مەن قىزنىڭ تىنىدىن كېلىۋاتقان خۇشبۇي ھىدنى پۇرىۋالدىم. تېخى ئۇنىڭغا كۈڭۈل قەسرىمنىڭ پىنھان رۇجەكلىرىدىنمۇ  شەپە بەردىم. ئۇ مەندىن خەۋپسىرەپ، كۆندۈرمىگەن تايچاقتەك چاپچىپ- ئويناقلاپ تۇتۇق بەرمىگەن بولسىمۇ، دەل ئۇنىڭ شۇنداق يىرىدىن سۈيۈندۈم. ئەلبەتتە باشقىلار كۆندۈرۈپ بولغان تايچاق دىگەن قەدىرىيەدەك بولىدۇ. ئىككى قىزنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىنىدىغان يىرىمۇ دەل مۇشۇ!  ئادەمنىڭ تەلەي- پىشانىسى ئوڭ كېلىپ، چوپان قىزدەك ھايالىق بىرسى بىلەن ئۇۋا سېلىشقا،چاڭگا تىزىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭدىن ئۈتۈپ بەخت بولامدۇ دۇنيادا؟بۇنداق ئائىلە ئەلبەتتە ئۆز سەيناسىنى ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر بىلەن بىزەيدۇ. خۇدا، بەندەم دېسەڭ ئادەمنى جۇت- شىۋىرغانلىق قەلئەگە ئەمەس، گۈللىرى پورەكلەپ تۇرغان گۈلشەنگە باشلا. سىنىڭ ھىممىتىڭلا ئادەمنى سۈيۈندۈرەلەيدۇ...

   مەن ئەدىيالنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ھارغىن جىسمىم لايدەك ئىزىلىدى. قاچانلاردىدۇ قولۇمغا چىقىپ قالغان بىر تال سۈگەت چىۋىقىنى چىشلىگىنىمچە ئاسمانغا قاراپ ياتتىم. ئىگىز قىيالار ئارىسىدىكى جىلغىدا قانداقتۇر قۇشلارنىڭ چاڭىلداپ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. مەن قۇشلارنىڭ بۇ شادىيانە نەغمىسىگە مەيۈسانە ھالەتتە قۇلاق سالاتتىم. راستىنى دىسەم، مىنىڭ روھى دۇنيارىم چوپان قىزنىڭ قۇچىقىدىكى ئاق ئوغلاقتەك، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەتكەنىدى.بۇ يەردە پۇسكىيىپ ياتقىنى مىنىڭ روھسىز جىسمىم، روھىم بولسا ئاللىقاچان تەن قەپىسىمدىن ئاجراپ كەتكەن،ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش دەماللىققا قۇلۇمدىن كەلمەيتتى.



7



قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا خۇددى سان ساناقسىز دەرەخلەر بىراقلا سۇنغاندەك كۈتۈرۈلگەن قاراس- قۇرۇس ئاۋازدىن چۈچۈپ بېشىمنى كۈتۈردۈم. جىلغا بويلاپ سوقۇپ تۇرغان شامال كۈچەيگەن، ئاسماندا دەھشەتلىك گۈلدۈرلەش_ چاقماق چېقىۋاتاتتى. كۈلۈپ تۇرغان قۇياشمۇ تۇمان ئارىسىدا غايىپ بوپتۇ. ئەتراپ خۇددى ئاسمان ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىر كەيپىياتتا قاراڭغۇلىشىپ كەتكەنىدى. تاغ ھاۋاسىنىڭ ئۆزگىرىشچان كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، بۇ دەرىجىدە دەھشەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئىچىمگە بىر قورقۇنۇچ چۈشۈپ، تىنىم تىكەنلەشتى.مەن ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە نەرسە كىرەكلىرىمنى قولتۇقلاپ، قىياغا ياماشتىم. كۆز ئالدىمدا چوپان قىزنىڭ پۇتىغا يۆرگىشىۋالغان ئىتەكلىرىگە پەرۋا قىلماستىن خۇددى قېچىۋاتقاندەك ئىگىزگە ئۆرلەۋاتقان سىماھى پەيدا بولدى.مانا، ھەممە ئادەمگە ئار نومۇس تاتلىق، جان تېخىمۇ تاتلىق! مەن جان قايغۇسىدا قالغاچقىلا شۇنداق تىپىرلاپ، جان پېنىم چىققۇچە كۈچەپ كېتىپ باراتتىم. قىيا ئۈستىگە چىقىپ بولغاندا پۈتۈن بەستىمدىن قارا يامغۇردەك تەر قۇيۇلدى.

دەھشەتلىك چاقماق قاراسلايتتى. قاراڭغۇلۇق باغرىنى يېرىپ ئۆتكەن ئەگرى نۇر سىزىقلىرى قىيا تاشلارنى ئۇچۇراتتى. بىر پەستە چىلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ يامغۇر قۇيىۋەتتى. ئۇششاق تاشلارغا تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى ئەتراپنىڭ سۈكۈتىنى بۇزاتتى. مەن ئەدىيالنى بېشىمغا ئارتقىنىمچە يۈگرەشكە باشلىدىم. يىراقتىن گۈمبۈرلەپ، باش ئۈستۈمدىن قاراسلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بىر چاقماقنىڭ دەھشىتىدىن چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى. قانداقتۇر بىر ياۋۇز مەخلۇق ئاق چىغ دەرياسىغا كۈچ كۆرسىتىۋاتقاندەك، ھەم چاقماق چېقىپ، ھەم قارا يامغۇر يېغىپ، چىغ كۈتەكلىرى پاخپىيىپ قالغان شورتاڭ دالانى شۈمشەيتىۋەتكەن ئىدى.مەن بۇنداق يالغۇز ئاياغ يولدا تۇنجى قېتىم گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا قالغىنىم بولغاچقا قورقۇنۇچتىن پۈتۈن ئەزايىم لاغ-لاغ تىترەپ كەتكەنىدى. باغرىنى ئەگرى -بۈگرى چىغىر يول كىسىپ ئۆتكەن دالىدا چاقماقنىڭ گۈلدۈرلىشى بارغانسېرى چىڭىغا چىقاتتى.

مەن پالاقلاپ كېتىۋېتىپ قاراڭغۇلۇقتىن بىر توپ ئۆشكىلەرنىڭ ئەنسىز مەرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئاشۇ تىترەڭگۈ ئاۋاز ئىچىدە يەنە بىر ئىنچىكە تاۋۇش_ چوپان قىزنىڭ ھايت- ھۇيت قىلىپ ئۆشكە ھەيدەۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. مەن قەدىمىمنى يەنىمۇ ئىتتىكلەتتىم. بىر چاغدا ئالدىمدا خىرە شىرە بىر نەرسىلەر كۈرۈندى. چاقماقنىڭ قىسقا يۇرۇقىدا چوپان قىزنىڭ كۈكۈرۈپ كەتكەن چىرايىنى غىل-پال كۈرۈپ قالدىم. قاراسلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان چاقماق قورقۇنچاق ئۆشكىلەرنى تىرە- پىرەن قىلىۋىتەتتى. چوپان قىز غىل سايلىقنىڭ ھەممە يىرىگە چېچىلىپ كەتكەن ئۆشكىلەرنى ئىلاجىنىڭ بارىچە بىر يەرگە توپلاپ، بىرىنىمۇ توپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشىپ يۈگرەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن گىرىپ كۆينىكى بىر تال شاخقا ئىلىنىپ قالغان ھۆل سۇلىياۋدەك تىنىگە چاپلىشىپلا قالغانىدى.

_ ئۆشكىلىرىڭىزنى ھەيدىشىپ بىرەيمۇ؟_ دىدىم ئۇنىڭغا ۋارقىراپ. جىلغا تەرەپتىن سۇنىڭ شارقىرىغىنى ئاڭلاندى.قارىغاندا دەسلەپكى سەل يىتىپ كېلىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى. سۇنىڭ شارقىرىشى، يامغۇرنىڭ تاراسلىشى، چاقماقنىڭ گۈلدۈرلىشى قىيامەت قەييۇم يىتىپ كەلگەندەك ئادەمنى ساراسىمىگە سالاتتى. قىز مىنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ دىگەنلىرىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدىمۇ، ئەيتاۋۇر ھېچ نىمە دىمەستىن پىتىراپ كەتكەن ئۆشكىلەرنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ «ھوي، نەگە بارىسەن ئاق لالما، بۇياققا ماڭ، قارا قۇلاق، ھۇ ئادەم بولمىغان، قېنى يۈرمەمسەن...» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئەتراپتىكى شاۋقۇن سۈرەنلەر ئارىسىدىن بوش ئاڭلىناتتى.

يەنە بىر قېتىملىق دەھشەتلىك گۈمبۈرلەش ساي ئىچىنى لەرزىگە سالدى. قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ ئۆتكەن كۈچلۈك نۇر چوپان قىزنىڭ ئالدىغىلا چۈشتى.ئاشۇ قىسقا يىرۇقلۇقتا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكىنىنى، سوغۇقتىن توڭلاپ چىشلىرىنىڭ كىرىشىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. مەن يۈگرەپ بارغىنىمچە ئەدىيالنى ئۇنىڭغا يېپىپ قويدۇم ۋە ساينىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ چېپىپ كېتىۋاتقان بىر نەچچە ئۆشكىنى چىغىر يول تەرەپكە قىستىدىم. ئىككى تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان ئۆشكىلەر يامغۇردىن پىتىقشىپ قالغان چىغىر يولنى بويلاپ يۈگرەشكە باشلىدى.

بىز شۇ يۇسۇندا  خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق. ئالدى تەرەپتىن، بەكمۇ يىراقتىن بىر كىملەرنىڭ ۋارقىرىغان،سوزۇپ سوزۇپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز كەلگەن تەرەپتىن قول چىرىقىنىڭ يۇرۇقىغا ئوخشايدىغان نۇر دەستىلىرىمۇ پەيدا بولدى. قارىغاندا قىتۇرسۇن ئاكا ياكى چوپان قىزنىڭ بىر تۇققانلىرى بىزنى ئىزدەپ كىلىۋاتقاندەك ئىدى.

_ نۇر ...جامال...نۇر...جامال...

قاراڭغۇلۇقتىن يەنە بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قىز چىپپىدە توختاپ،ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى ۋە ماڭا بۇرۇلدى.

_ تاغام ئىكەن، ئەمدى سىز مۇشۇ يەردە بىردەم تۇرۇپ تۇرسىڭىز. مەن كېتىۋالاي.

_ مەن نىمىشقا بىر دەم تۇرغىدەكمەن؟ _ ئۇنىڭ سۆزىدىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم،_ ناھايىتى شۇ بىردەملىككە ئۆشكىلىرىڭىزنى ھەيدىشىپ بەردىمغۇ؟

_ سىز شۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، بۇ قاراڭغۇ كىچىدە ئىككىمىز يالغۇزلا بىللە تۇرساق، كىشىلەر گۇمانلىنىپ قالىدۇ. مەن ئۆز نامىمنىڭ بۇلغىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.

_ بىز سىزنىڭ نامىڭىز بۇلغىنىپ قالغۇدەك ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرساق.

_ ئەمما كىشىلەر شۇنداق ئويلىنىپ قالىدۇ،_ ئۇنىڭ ئۆتۈنۈش ئارىلاش تىترەڭگۈ ئاۋازى قۇلاق تۈۋۈمدە شىۋىرلىدى،_ ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز بولۇپ قالسۇن.

مەن ئۇ بېشىمغا ئارتىپ قويغان ئەدىيالنى مىجىقلىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىنماي يۈگۈرۈپ كېتىپ بارغان قىزنىڭ گەۋدىسى بارغانسېرى كۈرۈنمەي قويدى. مەن دۇنيادا ئۆز نامىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، پاكىزلىقىنى قوغداشقا بۇنداق ئەستايىدىل قارايدىغان قىزلارنىڭمۇ بارلىقىدىن تۇلىمۇ ھەيران قالدىم. كۆز ئالدىم بارغانسېرى يۇرۇپ كىتىپ بارغاندەك قىلاتتى. نىمىشقىدۇر قىزدىن يەنە بىر قېتىم سۈيۈندۈم.

قىتۇرسۇن ئاكا بىلەن يېرىم يولدا ئۇچراشتۇق. ئۇ مىنى كۈرۈپ « ئۇھ » دېگىنىچە مەيدىسىنى تۇتتى.

_ ھۇ جالاپنىڭ يامغۇرى، ئەجەپ مەزگىلسىز يېغىپ ئادەمنىڭ جېنىنى چىقاردىغۇ خۇدايىم،_ ئۇ قاخشاپ كەتتى،_ بارمۇ سەن ئۇكا، ئەنسىرەپ جېنىم ھەلقۇمۇمغا كېلىپ قالدى دېگىنە. شۇنداقمۇ كەچ قالامسەن؟

_ كەچۈرۈڭ قىتۇرسۇن ئاكا، ھاۋا بىر ئوبدان تۇراتتى. بازارغا ئوغرى كىرگەندەك بىردەمدىلا ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى دىسە...

ئىككىمىز گەپ- سۆز قىلىشماستىن ئۆيگە كەلدۇق. قۇشناچىم ئىشىك ئالدىدا بىزگە قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئىتتىكلا بېشىمدىكى چۆپ - چۆپ بولۇپ كەتكەن ئەدىيالنى قولىغا ئالدى. كىيىملىرىم بەدىنىمگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى. چىشلىرىم توختىماستىن كاسىلدايتتى.

_ئۇچاققا يېقىنراق كەلسىلە ئۇكام، _دىدى ئايال بىر غەلۋىر ماياقنى تۈتەپ كۈيۈۋاتقان چوغنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، _  ئاكىلىرىنىڭ سىلىدىن ئەنسىرەپ جېنى چىقاي دىدى، بۇندىن كېيىن سىرتقا چىقسىلا مۇنداق كەچ قالمىسىلا. سىلە  بۇ يەرنىڭ ئوي-دۆڭىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىلا. ئالىمادىس بىر ئىش بولۇپ قالسا بىز يەرگە قاراپ قالمايلى.

_ دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن،_ ئايال سۇنغان بىر قاچا ئىسسىق سۈتنى قولۇمغا ئالغاچ ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم.

كىيىم ئالماشتۇرۇپ، ئىسسىق ئىچىپ پۇت- قولۇمغا خېلىلا جان كىردى. مەن ماياق چوغىنىڭ ئاجىز يالقۇنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ چوپان قىزنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ شۇ تۇرقىدا نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۆشكىلىرىنى ئېغىلغا سولاۋاتقانمىدۇ؟ ھۆل كىيىملىرىنى سىقىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭغا بىرەرسى ئىسسىق بىر نەرسە قىلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ئۇنىڭ كىيىملىرى يىلىڭ ئىكەن، چوقۇم سوغۇق ئىچىگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇمۇ بىر قاچا ئىسسىق سۈت ئىچىۋالغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟!

ئويلىغانسېرى كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم بولدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق جاپا چىكىشلىرىگە مەن سەۋەپچىدەك، بىر ئەيىپكىرانە ھىسسىيات بوغۇزۇمدىن سىقتى. ئىسسىپ ئوچاق ئالدىدىن تۇردۇم ۋە ھويلىغا چىقىپ، گۈلدۈرلەپ تۇرغان ئاسمانغا قارىدىم. يامغۇر يەنىلا قاتتىق يېغىۋاتاتتى. ئۆگزىگە چۈشۈۋاتقان يامغۇرنىڭ تاراسلىغان ئاۋازى ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تەشۋىش سالاتتى. مەن لەمپە ئاستىدا بىر پەس تۇرۇپ قالدىم. يىراقتا، بەكمۇ يىراقتا بىر چاقماق گۈلدۈرلىدى. ئۇنىڭدىن تارىغان كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ئاشۇ جىلغىنى ئوراپ تۇرغان قىيا ئۈستىگە چۈشتى. ھەيھات، بۇنداق تەبىئەت سىرلىرى ئالدىدا ئادەم نىمانچە بىچارە ھە؟!

يوتقانغا كىردىم. ئىسسىق يوتقان تىنىمگە ئاجايىپ بىر ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.ئەمما كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچقانىدى. مەن چىرىقى ئۈچۈرۈلگەن ئايۋاندا تۇرۇسقا قاراپ ياتاتتىم. نىمىشقىدۇر قىزنىڭ مەندىن قېچىپ قىيا ئۈستىگە يامىشىۋاتقان گەۋدىسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.« ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن نامىمنىڭ بۇلغىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن، بىر ئاز تۇرۇپ تۇرسىڭىز» دىگەن ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى. مەن ئۆز نامى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان نۇرغۇن قىزلارنى كۆرگەن. قەدىرىيە دەل شۇلارنىڭ بىرسى. تېخى ئۇ مىنى بىر توقماقنىڭ ئۈستىگە يىقىتقان. ئۇ شۇ بىر توقماق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانچىلىك شەرمەندىلىشىپ كەتكىنىنى ئويلىمىغان بولغىيدى؟ مانا، ئىپپەتلىك قىز دىگەن قانداق بولىدۇ ھە!؟ ئۇ ئۆز نامى ئۈچۈن دىر دىر تىترەپ تۇرۇپ ئەدىيالنى مىنىڭ بېشىمغا ئارتىپ قويدى. گەرچە بىز ئۇنىڭ نامىغا داغ يىتىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساقمۇ، يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەي قويۇشىدىن ئەنسىرىدى. سوغۇققا چىدىدىكى، سۆز- چۆچەك بۇلۇپ قېلىشقا چىدىمىدى. بۇنداق روھتىن سۈيۈنمەي بولامدۇ؟

مەن يەنە كىچىدە كۆرگەن «رەھمانى» چۈشۈمنى ئەسلىدىم. نۇرجامال...ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىسمى نۇرجامال ئىكەنغۇ؟ ئاشۇ قوينۇمغا كىرگەن ئاينىڭ نۇرى...ئۈزۈمچە كۈلۈمسىرىدىم. ناۋادا راستلا شۇنداق بولسا بۇ بېشىم ئاسمانغا يىتەرمىكىن؟! ئادەم ئۆز بەختىنىڭ قايسى دوقمۇشتىن چىقىپ كېلىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمىگىنىدەك،تەلەي پىشانىسىنىڭ ئوڭ- تەتۈرلۈكىنىمۇ دەماللىققا بىلەلمەيدۇ. ئەگەر بىلىش قۇلىمىزدىن كەلسە ئىدى، مەنمۇ قەدىرىيەنىڭ خامپىسىغا ئالدىراپ سەكرىمىگەن، قۇرۇق نىجاسەتكە ئولتۇرۇپ قالمىغان بولاتتىم. كۆز ئالدىمدا بىر بىرىدىن كۆركەم ئىككى دەستە گۈل زاھىر بولدى.ئەمما، بىرى ھىد- پۇراقسىز، خۇددى قەغەزدىن ئويۇپ ياسالغاندەك. يەنە بىرىدىن دىماغنى يارىدىغان دالا گۈللىرىنىڭ ھىدى كىلىدۇ. بۇنداق گۈلنى قانچە پۇرىساڭ يەنە پۇرىغىڭ كىلىدۇ. مەڭگۈ پۇراپ قانمايسەن. بۇنداق گۈلدە ئادەمنى ياشنىتىدىغان بىر خىل سىھرى كارامەت بار. سەن ئۇنىڭغا ئىرىشەلىسەڭ، ئۆز ھايات باغچاڭنىڭ مەڭگۈ پورەكلەپ تۇرغىنىنى كۆرىسەن. بۇ باغچا تاكى سەن كۆز يۇمغۇچە ئەبەدىي ساڭا ھەمراھ بولىدۇ.

يامغۇرنىڭ تاراسلاپ چۈشكەن ئاۋازىغا قۇلاق تۇتۇپ يېتىپ قاچانلاردا كۈزۈمنىڭ ئىلىنغانلىقىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. ئىسسىق يوتقان ئاخىرى كۈچىنى كۆرسىتىپ، مىنى ئۇيقۇ دەشتىگە تاشلاپتۇ.  كىچىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى پەقەتلا سەزمەپتىمەن...



8



ئويغانغىنىمدا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەنىدى. تازا قېنىپ يېغىۋالغان يامغۇردىن كېيىن ھاۋا بەكمۇ چىرايلىق ئېچىلغانىدى. ئەتراپتىن چىرىگەن چەللە پۇرىقى كېلەتتى. ئىشىكنىڭ ئاراچلىرىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن قۇياش نۇرى قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ ئىسلاش تاملىرىنى يۇرۇتۇۋەتكەنىدى. مەن سامان تەككىيدىن بېشىمنى كۈتۈردۈم. نىمىشقىكىن، كىچىچە چۈشمۇ كۆرمەپتىمەن. تازا قېنىپ ئۇخلىغاندەك قىلغىنىم بىلەن بېشىم سەل پەل ئاغرىپ تۇراتتى. دىمىقىم پۈتۈپ، بىرئاز ئېچىشىپ تۇراتتى.ئېھتىمال مىنى زۇكام مارىغان بولسا كىرەك. ئاخشامقى يامغۇرنىڭ قارىغاندا ماڭا كۈچى يەتكەندەك ئىدى. مەن ئىسىلىپ تۇرغان بېشىمنى تەستە كۈتۈرۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. قۇشناچىمنىڭ پىننە سېلىپ ئەتكەن بىر چىنە ئۈگرىسى ماڭا كارامەت تېتىدى. ئاشنى ئىچىۋېتىپ يەنە ئۇنى ئەسلەپ قالدىم. نۇرجامال نىمىدە ناشتا قىلىۋاتقاندۇ؟ ئەلبەتتە ئۇنىڭغا چوقۇم سوغۇق ئۆتۈپ كەتتى. دىسەم- دېمىسەم ئۇ بۈگۈن ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭغىمۇ بىرسى مۇشۇنداق ئاشتىن بىر چىنە سۇنغان بولسا...شۇ خىيال بىلەن ئىشتىيىم تۇتۇلدى. قۇشۇققا ئېلىپ بولغان چۆپنى يەنە قاچىغا تاشلىدىم. مىنىڭ بۇ ھەركىتىمنى قىتۇرسۇن ئاكا كۈرۈپ قالغان بولسا كىرەك، ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى مىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى.

_ نىمە بولدى ئۇكا؟_ سورىدى ئۇ چوڭقۇر كۆزلىرىنى چىمىلداتقىنىچە،_ بىر ئىشلارنى ئەسلەۋاتامسەن نىمە؟ ياكى بىز سېنى ئوبدان كۈتەلمەيۋاتامدىمىز؟ ئاش تېتىمىغان بولسا باشقىچە بىر نەرسە قىلىپ بەرسۇنمۇ يا؟

_ ۋاي ياق، شۇنداق ئىچىشلىك ئاش بوپتۇ، _ دىدىم بويۇنلىرىمغىچە قىزارغان ھالدا، _ بۇ يەرگە تەرەپباللا كىلىپ سىلەرنى بەكلا ئاۋارە قىلىۋاتىمەن ئاكا، شۇ تۇرقىدا نىمە دىيىشىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيۋاتىمەن.

_ نىمە گەپ سۆز بولسا دەۋەرسىلە ئۇكام،_ دېدى قاچا- قۇشۇقلارنى يىغىشتۇرۇۋاتقان ئايال بۇرنىنى تارتىپ قۇيۇپ،_ كەلمەكلىرى ئاسان ئەمەس، ئاران بىر كەلگەندە،كۆڭۈللىرى تۇتۇلۇپ قالسىمۇ بىزگە سەت. قانداق ئىش بولسا بىزنى يات كۆرمىسىلە.

_ھەرگىز  يات كۆرمەيمەن، _ مەن بېشىمنىمۇ كۈتۈرمەستىن ئاشنى ئىچىشكە باشلىدىم. راستىنى دىسەم شۇ تۇرقىدا بۇ مىھرىۋان كىشىلەرگە ئۆز دەردىمنى قانداق بايان قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم.

ناشتىدىن كېيىن سىرتقا چىقتىم. پىشايۋاندىكى قۇمۇش چەللىلەر ئارىسىدىن يامغۇر تامچىسى چىپىلداپ تۇراتتى. ھاۋا ئېچىلغان بىلەن نەملىك كەتمىگەن ئىدى. قىتۇرسۇن ئاكا پۇسۇرلاپ يۈرۈپ ئاتقا يەم بەردى. قويلارنى يايلاققا قۇيۇۋەتتى. ھويلىنىڭ يامغۇردا ۋەيران بولغان يەرلىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈردى.ئىش كۈشلىرى تۈگۈگەندىن كېيىن ئالدىمغا كىلىپ،« خوش، بۈگۈن ئەمدى نىمە قىلىسەن؟» دىگەندەك سوئاللىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.

_ يەنە باش ئېقىنغا...

_ نىمە، ھەر كۈنى شۇ يەرگە قاتراۋاتىسەن ئۇكا، سىنى بىرسى ئۈگۈتۈۋالمىغاندۇ ھە؟_ ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈردى،_ يەنە بارامسەن؟

_ بۈگۈن ئاخىرقى قېتىم بىر كۈرۈپ كىلەي، ئەتە يانمىسام بولماس.

قىتۇرسۇن ئاكا مىنىڭ كۆزلىرىمدىن بىر نەرسە ئىزدىگەندەك بىر ھازا قاراپ كەتتى. ئۇ مىنىڭ كۈندىلا باش ئېقىننىڭ بۇيىغا بېرىشىمنىڭ تىگىگە يىتەلمەيۋاتاتتى. ئۇنى قانداقتۇر بىر نەرسە قىزىقتۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئېغىزدىن چىقىرالمايتتى.شۇڭا بېشىنى چايقاپ، قۇلىنى سىلكىگىنىچە قاشانىڭ نېرىسىغا كەتتى.

مەن بۈگۈن قولۇمغا ھېچنەرسە ئالمايلا يولغا چىقتىم. دېمىسىمۇ ئەتراپ شۇنداق ھۆلچىلىك ئىدى.ئەدىيال ئېلىۋالغان بىلەن ئۇنى سالغۇدەك قۇرۇق يەر تېپىلمايتتى. بەلكىم جىرانىڭ ئىچىمۇ سەل سۈيى بىلەن ۋاشىلداپ تۇرغاندۇ. ئۇ يەردە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ بىر گەپ.ئەڭ مۇھىمى بۈگۈن نۇرجامال ئۆشكىلىرىنى بېقىشقا چىقالمايدۇ.شۇنداق ئىكەن، ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشمۇ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق. شۇڭا ئەتراپنى مۇنداقلا بىر ئايلىنىپ كىلىش نىيىتىگە كەلگەنىدىم.

تۈكلىرى پاخپىيىپ قالغان بوز تورغايلار چوقچىيىپ تۇرغان چىغ كۈتەكلىرىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە پوكىنىنى ئاپتاپقا سېلىپ يېتىشاتتى. ئاسماندا شالاڭ بۇلۇتلار بەيگىگە چۈشكەندەك تىز- تىز ئۈزۈشەتتى. قۇياش نۇرى قىزدۇرۇشقا باشلىغان نەم يەردىن نىپىز تۇمان كۈتۈرۈلەتتى. ھەممە يەر خۇددى رىۋايەتلەردىكى پەرىلەر ماكانىغا ئوخشاش، ئاقۇش  تۇمان ئىلكىدە چايقىلىپ تۇراتتى.

گاھى تۈزلەڭ، گاھى دۆڭ- تۈپىلىكلەر ئارىسىدىن يىلان باغرى بولۇپ سۇزۇلغان چىغىر يول سۈكۈت ئىچىدە مۇڭلىنىپ ياتاتتى. مەن نىمىشقىدۇر ئاشۇ يولنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىگەندەك، شىغىل ئارىلاش نەم تۇپراققا ئاۋايلاپ قەدەم باساتتىم. چىغىر يولنىڭ ئەتراپىدىكى بەرگلىرى تۈكۈلگەن بابۇنە، ئادىراسمان ئۈسۈملۈكلىرى كىچىدىكى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا ھالىدىن كەتكەن، يىگىتىنىڭ قاراملىقى بىلەن چارچاپ، ئەمدىلىكتە ئۇيقۇسىنى باشلىغان نازىنىندەك سۇلىشىپ قالغان ئىدى.

دۇنيادا خىيالچان ئادەمنىڭ سەزگۈسى ئاجىز بولىدۇ. ھەمىشە خىيال بىلەن ياشىغان ئادەمنىڭ رىئاللىقتىن ئىرىشىدىغانلىرىمۇ تايىنلىق. شۇڭا بۇنداق ئادەملەر رىئاللىقتىن قېچىپ، ئۆز خىيالىنىڭ قېلىن تونلىرىغا مەھكەم ئورىنىۋالغان بۇلىدۇ. مەنمۇ شۇنداق بىر روھى ھالەتتە بۇ يەرگە كەلگەن. راستىنى دىگەندە تۇرمۇشنىڭ ھەممە داش قايناقلىرى شەھەرنىڭ خىلۋەت كوچا- رەستىلىرىدىمۇ، قەۋەت قەۋەت بىنالىرىدىمۇ تېپىلىدۇ. ئەمما ماڭا كىرىكى_ تىنىچ- خاتىرجەملىككە تولغان شاۋقۇنسىز ھايات! مانا بۇ يەردە مەن  ئۆز خىيالىم بىلەن ئۆزۈم قانغۇدەك مۇڭدىشىمەن. ئۆز كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرغۇدەك تەسىراتلارغا ئىرىشىمەن. بۇ يەرگە كىلىپلا باش ئېقىنغا چېپىشىمنىڭ ۋەجىمۇ ئەنە شۇ. بۇنى قىتۇرسۇن ئاكا مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

مەن ئەنە شۇنداق تەگسىز خىياللار بىلەن باش ئېقىندىكى قىيانىڭ يېنىغا كىلىپ قالغىنىمنى تۇيمايلا قاپتىمەن. پەستە دوغلىنىپ قالغان قاپقارا سەل دولقۇن ياساپ شارقىراپ ئاقاتتى. تۈنۈگۈنكىگە ئوخشىمايدىغىنى – سۇنىڭ ئورنى بىلىنەرلىك كۈتۈرۈلۈپ قالغانىدى. شاۋقۇنىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خېلى يىراقتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن جىلغىنىڭ ئىچىگە چۈشۈش- چۈشمەسلىك ھەققىدە بىر قارارغا كىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. دېمىسىمۇ پەسكە چۈشكىدەك ئىشمۇ يوق ئىدى. قىيادىن پەسكە تۇتىشىدىغان چىغىر يولدا بىز قالدۇرغان تۈنۈگۈنكى ئىزلارنى يامغۇر پۈتۈنلەي ئۈچۈرۈۋەتكەن، ئۇ يەردە قىزغۇچ رەڭلىك سېغىز ئاقمىسىنىڭ ئورنى قالغانىدى. مەن خۇددى بۇ يەر بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا ئەتراپقا قارىدىم. كۆزلىرىمنىڭ نىمە ئىزدەۋاتقانلىقى ماڭا ئايان. مەن بۇ يەر بىلەن ئەمەس، نۇرجامال بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىۋاتىمەن. كىشىلەر « كۆرگەن چۈشۈم بىرمۇ بىر ئالدىمغا كىلىدۇ» دىيىشىدىكەن، ماڭا ئۇنداق تەلەي ئەزەلدىن نىسىپ بولماپتۇ. بەزىدە شۇنداق تاتلىق چۈشلەرنى كۈرىمەن، ئەمما بىرەرسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىپ ھازىرغىچە ئالدىمغا كەلگىنىنى بىلمەيمەن. بۇ مىنىڭ تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىكلىرىمنىڭ بىر قىسمى بولسا كىرەك.

ئاستا كەينىمگە ياندىم. ئەمما بىر نەچچە قەدەم ئېلىپلا يەنە توختاپ قالدىم. مۇشۇ كەتسەم بۇ يەرگە يەنە كېلىش- كەلمەسلىكىمنى ئۇقمايمەن.شۇڭا قىيانىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرۇۋېلىشنى، بۇ يەرنىڭ ھەر بىر مەنزىرىسىنى كۈڭۈل ئىكرانىمغا ئوبدانراق چۈشۈرۈۋېلىشنى ئويلاپ قالدىم. يەنە شۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىيا، ئۇنىڭ باغرىدا شاۋقۇنلاپ ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇ، سۇ يالاپ سىلىقلىتىۋەتكەن چىپار تاشلار، قۇياشنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ھورى كۈتۈرۈلۈپ تۇرغان شىغىللىق ئېقىن، قىيا ئۈستىدىكى جىغانلىق، چىغىر يول بۇيىدىكى ئۈششاق ئۈسۈملۈكلەر، يىراقتا كۈرۈنۈپ تۇرغان ئاق باشلىق تىك چوققىلار... ھەممىسى ماڭا خوش دەۋاتقاندەك يىنىك كۈتۈرۈلۈپ تۇرغان مەيىن شامالدا بوشقىنە شىۋىرلىشاتتى. ئاشۇ مەنزىرىلەر ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات بەرمەكتە ئىدى.

مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ، قىيانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۈزلەڭگە نەزەر تاشلىدىم. يىراقتا، زىمىنغا چۈشۈۋالغان بىر توپ ئاق بۇلۇت مىدىراۋاتقاندەك بىلىندى. غۇر غۇر شامال ياشاڭغۇرۇتۇپ قويغان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلىۋېتىپ ئۇياققا ئىنچىكىلەپ قاراپ كەتتىم. ئاشۇ مىدىراپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتنىڭ كەينىدە كىچىككىنە بىر قىزىل نەرسە يىنىك چايقىلىپ، لەپىلدەپ تۇراتتى.مەن سەل نېرىدىكى بىر كىچىك تۈپىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقتىم-دە، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بىر چاقىرىمچە نېرىدىن مۇشۇ تەرەپكە قاراپ مەرىشىپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئاق ئۆشكە كۈزۈمگە چېلىقتى.ئۆشكىلەرنىڭ كەينىدىكى قىزىل نەرسە دەل نۇرجامالنىڭ بېشىدىكى قىزىل گىرىپ ياغلىقى ئىدى.

مەن ئۇلارنى كۈرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك قىن قىنىمغا سىغماي قالدىم. تۈپىلىكتىن ئۇلار تەرەپكە ئۈزۈمنى ئاتتىم. قەدەملىرىم شامالدەك يىنىك ئىدى. قۇلىقىم ئەتراپىدا بىر نەرسىلەر ۋاژىلدايتتى. كۈزۈم كۈرۈش سەزگۈسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئىدى. مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ، ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتىم. ئاشۇنداق تىز بارمىسام نۇرجامال پادىسى بىلەنلا كۆزدىن غايىپ بولىدىغاندەك بىر سىزىم مىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ئارلىقىمىزنىڭ قانداق قىسقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق بارغىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. بىر چاغدا لىپ قىلىپ كۆز ئالدىم سۈزۈلدى. قارىدىم، ھەيرانلىقتىن بىر بىرىگە تىكىلگەن ئىككى جۈپ كۆزنىڭ قانداق ئۇچراشقىنىنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. ئەمما بۇ كۆزلەر بىر بىرىگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قېلىشقانىدى.

_ئوبدان تۇرۇپسىزمۇ؟  _دىدىم ئۇنىڭغا مەجنۇنلارچە تىكىلىپ، _ مەن تېخى سىزگە سوغۇق تىگىپ قالغان بولسا، بۈگۈن مال بېقىشقا چىقالمىدىمىكىن دەپتىمەن.

_ بۇنچىلىك سوغۇقتا تۇزۇپ كەتسەم قانداق بولىدۇ ؟ _ دىدى ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ،_ ئاخشام قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت.

_ رەھمەت دىگۈچىلىكى يوق ئىش تۇرسا،_ مەن شۇنداق دەۋېتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم، گەرچە ئۇنىڭ چىرايى بۈگۈن بىر ئاز تاتىراڭغۇ كۈرۈنسىمۇ  روھى كەيپىياتى خېلىلا جايىدا ئىدى. مەن شۇندىلا دالا گۈللىرىنىڭ نېمىشقا چىداملىق كېلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،_ سىزنى بۈگۈن كۆرەلمەي قايتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولغانىدى نۇرجامال. ھەر نىمە بولسا سىزنى قايتا كۆردۈم. ئەمدى مىنىڭ يامغۇردىن قىلچىلىك رەنجىشىم يوق.

_ مىنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ _ ئۇ ھەيران بولۇپ سورىدى.  

_ ئاخشام تاغىڭىز شۇنداق دەپ چاقىردىغۇ؟ گەرچە سىز ئېيتىپ بىرىشكە بېخىللىق قىلغان بولسىڭىزمۇ تاغىڭىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىۋالدىم. شۇڭا بىرىنچىدىن يامغۇرغا، ئىككىنچىدىن تاغىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش قەرزىم بار .

_ ئىسمىمنى بىلگىنىڭىز بىلەن سىزگە نىمە پايدىسى؟ _ دىدى ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ، _ سىز دىگەن شەھەردىن كەلگەن ئادەم. بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرسىڭىز قايتىپ كېتىسىز. شەھەرگە بارسىڭىز، بۇ يەرمۇ، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسىمۇ ئۇنتۇلىدۇ. سىز قىزىق مايغا چۈشكەن ئۆشكە يېغىدەك ئىرىپ، شەھەرگە سىڭىپلا كېتىسىز.

_ سىز شەھەرنى كۆرگەنمۇ؟ _ سورىدىم ئۇنىڭدىن. نۇرجامال توپتىن ئايرىلىپ قاياققىدۇ يول ئالغان بىر نەچچە ئۆشكىنى تۇساۋېتىپ ماڭا ئويچان كۆزلىرىدە لىپپىدە قاراپ قويدى.

_ مەن دىگەن شەھەر تۇرماق، مۇشۇ يېشىمغىچە يېزا بازىرىنىمۇ كۈرۈپ باقمىدىم، _ دىدى ئۇ ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ، _ بازار دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. باشقىلاردىن شەھەر دەپ ئاڭلىدىم. ئەمما شەھەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمەيمەن.

_ ناۋادا قوشۇلسىڭىز، سىزنى شەھەرگە ئەكەتكۈم بار، _ ئۈنۈم تىترەپ كەتتى، _ سىزنى تۇرمۇشۇمغا قۇشۇۋالسام دەيمەن.

_ نىمە دىدىڭىز؟ _ نۇرجامال مىنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ ھاڭۋاققىنىچە بىر پەس تۇرۇپ قالدى ۋە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،_ مىنى شەھەرگە ئەكىتەمسىز؟ ئاخشام يامغۇردا قېلىپ قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ مىنى تولا زاڭلىق قىلماڭا.

_ راست دەۋاتىمەن نۇرجامال،_ مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئاستا تۇتتۇم،_ سىزگە چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق، مەن كۆڭلۈمدىكى يۈرەك سۈزۈمنى سىزگە ئېيتىۋاتىمەن، قايسى كۈنى سىزنى جىلغىدا كۆرگەندىن بىرى  مەن بۇ يەرنى، ياق، سىزنى پەقەتلا ئۇنتۇپ كىتەلمىدىم.

ئۇ قاقاقلاپ بىر پەس كۈلگەندىن كېيىن ماڭا قاراپ دىدى :

_ شەھەر دىگەندە چىرايلىق قىزلار تولا دەپ ئاڭلىغان.

_ ئاڭلىغىنىڭىز راست، _ مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم،_ شەھەردە چىرايلىق قىزلار ھەقىقەتەن تولا، ئەمما، ئۇلار چىرايلىق لوڭقىلارغا ئېلىپ قۇيۇلغان سۈنئىي گۈلگە ئوخشاش ھىد- پۇراقسىز، جەلىپكارلىقى يوق. ياكى ماڭا شۇنداق تۇيۇلدىمۇ، بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. بەلكىم تەلەيسىزلىكىمدىن شۇنچە قىزلار ئارىسىدىن سىزگە ئوخشايدىغىنىنى تاپالمىغاندىمەن. ئەمما، بۇ يەردە سىزنى ئۇچرىتىپ ئۈزۈمنىڭ ئۇنچىۋالا تەلەيسىز ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلدىم.بەلكىم بۇ ماڭا كىچىكىپ كەلگەن بىر تەلەيدۇ. ياكى بولمىسا خۇدا ماڭا رىسىق نىسىۋىنى مۇشۇ يەردە ساقلاپ قويغاندۇ. شۇڭا تەلىۋىمنى قۇبۇل قىلار دىگەن ئۈمىدتىمەن.

ئۇ بېشىنى سېلىپ بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېخىچە ئالقانلىرىم ئارىسىدا تۇرغان قولىنى ئىسىگە ئېلىپ ئىتتىكلا تارتىۋالدى.

_ خاپا بولمىسىڭىز،_ دىدى ئۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، _ مىنىڭ بۇ يەردە سەكسەندىن ئاشقان قېرى ئانام بار، ئۇنى تاشلاپ ھېچيەرگە كېتەلمەيمەن.

_سىزلا خالىسىڭىز ئانىمىزنى شەھەرگە بىرگە ئەكەتسەك بۇلىدىغۇ؟

_ كەچۈرۈڭ، بۇنىڭغا ئانام ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، ئۇمۇ ئۆمۈر بۇيى مۇشۇ يەرنى ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە مەرھۇم بوۋام، داداملارنىڭ روھى بار. بىز ئۇنى تاشلاپ ھېچيەرگە كېتەلمەيمىز.

_ ئەمما، شۇ نەرسىنى ئويلاپ قۇيۇڭ نۇرجامال، ئانىڭىز سەكسەندىن ئېشىپتۇ. ئۇ سىزگە مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس. ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمرى قالدى، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. سىزمۇ ئۆز ئۇسۇلىڭىزدا ياشاپ بېقىڭ. مەن سىزنى بەختلىك قىلالايمەن.

_ ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، _ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھاياجانلىق بىر تۇيغۇ پارلىدى، _ ماڭا كۈڭۈل بەرگىنىڭىزگە  ھەشقاللا. ئەمما مەن بۇ يەردىن كېتەلمەيمەن. ئاق چىغنىڭ ھەر بىر تال گىياسى، تاش- تۇپرىقى مىنى سېغىندۇرىدۇ. مەن بۇ يەردىن مەڭگۈ ئايرىلالمايمەن.

_ سىزنى پات پات ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەرنى كۆرسىتىپ كېتىمەن.

_ ئەمما كۈندە كۆرگەنگە يەتمەيدۇ- دە،_ ئۇ بېشىنى چايقىدى، _ ياخشىسى سىز نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئۆشكە بېقىشتىن باشقىغا قۇلۇم كەلمەيدۇ. سىزنى رازى قىلالمايمەن. مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.

_لېكىن كۈڭۈل قويسا ھەممىنى ئۈگۈنۈپ كەتكىلى بولىدىغۇ؟

_ ئاۋارە بولماڭ، مەن ئۆشكىلەرنىڭ كەينىدىن تاغمۇ تاغ يۈرۈپ كۈنۈپ قالغان قىز. باشقىسىغا كۈنەلمەيمەن. خەيىر، ئامان بولۇڭ، بىزنى باشقىلار بۇ ھالەتتە كۈرۈپ قالسا بولمايدۇ، مەن كەتتىم...

ئۇ يىراقلاپ كەتكەن ئۆشكىلىرىنىڭ كەينىدىن يۈگرىدى. بېشىدىكى ياغلىقى ماڭا خوش دىگەندەك پۇلاڭلىدى. ئۇ ئۇشقۇيتۇپ تۇرغان شامالدەك ئۇچۇپ بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى.بىر تۈپىلىكتىن ئاشقاندىن كېيىن كۆزدىن غايىپ بولدى.

مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. نەمخۇش تۇپراقتىن كاسامغا سوغۇقلۇق ئۇرۇلدى. مەن سەل نېرىدا شۈمشىيىپ تۇرغان بىر تۈپ ئادىراسماننى يۇلىۋېلىپ مىجىقلاشقا باشلىدىم.نەم تارتىپ قالغان ئادىراسمان غۇلى شوينىدەك ئىشىلدى. بىردىنلا مىنى يىغا تۇتتى. جاھاندا ئەمدى مەن ياخشى كۆرگۈدەك ئادەم قالمىغاندەك بىر سىزىم يۈرىكىمنى پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشتۇردى. قەدىرىيەدىن ئايرىلغاندا ئۈستۈمدىن تاغ چۈشۈپ كەتكەندەك يىنىكلەپ قالغانىدىم. نۇرجامال كېتىۋىدى، يەنە بىر تاغنى يۈدۈۋالغاندەك بىئارام بولدۇم. جاھاننىڭ ئىشلىرى بەكلا قىزىق بولىدىكەن، سېنى ياخشى كۆرگەن تۇرمۇش ساڭا تېتىمايدىكەن، سەن ياخشى كۆرگىنىڭ تۇتۇق بەرمەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاي بىلەن قۇياش بىر يەرگە كېلەلمىگەندەك، ئايىغى چىقماس قوغلىشىشلار نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىكەن.

قەدىرىيە بىلەن ئايرىلغاندا بىر تامچىمۇ ياش چىقمىغان بۇ كۆزلىرىمدىن شۇ تۇرقىدا يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش قۇيۇلماقتا. ھەر نىمە بولسا بۇ ئاق چىغنىڭ بۇيى، ئەتراپىمدا ئىنسى جىن يوق، شۇڭا مەنمۇ ئىزا تارتىپ ئولتۇرماستىن ھۆركىرەپ تۇرۇپ پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالدىم.شەھەر دىگەندە يىغلاي دىسەڭمۇ يەر تاپالمايسەن. بۇ يەرنىڭ شەھەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكىمۇ  شۇ بولسا كىرەك. قېنىپ يىغلىۋالغاچقا، كۆڭلۈم يامغۇردىن كېيىنكى ئاسماندەك بىر ئاز سۈزۈلدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، روھسىز تىنىمنى سۆرىگىنىمچە كەينىمگە ياندىم. ئەمدى بۇ يەردىكى كۈتۈشلىرىمگىمۇ ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدىغان چاغ بولغانىدى.

مەن مەست ئادەمدەك لەيلەپ، ئايىغى چىقماس كوچىغا كىرىپ قالغاندەك ناھايىتىمۇ ئۇزۇن ماڭدىم. قىتۇرسۇن ئاكامنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمدە ئۆرە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى. قوي ئېغىلىنىڭ ئاستىنى قۇرۇغداپ يۈرگەن قىتۇرسۇن ئاكام مىنى كۈرۈپ ئېغىلنىڭ قۇشام تېمىدىن بېشىنى چىقاردى ۋە سورىدى:

_بۈگۈن بالدۇرلا كەپسەنغۇ ئۇكا، چىرايىڭنىڭ ئوڭ- سولى يوق، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟

نىمە بولغىنىم ئۈزۈمگىمۇ ئايان بولمىسا، ئۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلەيتتىم؟ گەپ-سۆزسىزلا ئۆيگە كىردىم. تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان قۇشناچىم مىنى كۈرۈپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ كۈلۈمسىرىشى بىلەن ئېغىزى ئەتراپىدىكى ئۇششاق قورۇقلار مىچچىدە يىغىلىپ بارغانسېرى كۈپۈيۈپ كەتكەندەك كۈرۈندى.

_ بىر ئاز تەرلىنىۋالاملا ئۇكام؟ _ كۈيۈنگەن ھالدا سورىدى ئۇ .

_ بولسا ماڭا جاي راستلاپ بەرسىلە ئاچا، سەل توڭلىغاندەك قىلىمەن.

شۇ كۈنى قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن. كەچكە يېقىن كۈزۈمنى ئېچىپ، بېشىمدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ غەمكىن چىرايىنى غۇۋا كۆردۈم. ئۇ مىنىڭ كۈزۈمنى ئاچقىنىمنى كۈرۈپ يىنىك تىن ئالدى.

_ بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ ئۇكا؟ _ دىدى ئۇ ئەندىشىلىك ئاۋازدا، _ بىزنى قورقۇتۇپ جېنىمىزنى ئالدىڭغۇ ئەمدى. نىمە دەپ جۆيلىگىنىڭ ئېسىڭدە بارمۇ؟

مەن ئاستا بېشىمنى چايقىدىم. قىتۇرسۇن ئاكا ئايالى ئېلىپ كەلگەن، قاينىتىلغان دورىنى ماڭا سۇنغاچ دىدى :

_ نۇرجامال دىگەن كىم ئۇ ؟ ياكى مۇشۇ يەردىكى ھېنىپەمخاننىڭ ئۆشكە باقىدىغان قىزىنى دەۋاتامسەن؟

كۆز ئالدىمدا ئاشۇ قىزنىڭ ئەتىگەنكى سۇلغۇن چىرايى يەنە پەيدا بولدى. ئۇ ماڭا قاراپ باش چايقىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئىشارىسىدىن نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى دەرھال چۈشەندىم. ئۇ ئۆز نامىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قېلىشىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق، نامىنىڭ بۇلغىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا مەنمۇ كۈزۈمنى يۇمۇپلا يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم.

_ نۇرجامال دىگەن مىنىڭ شەھەردىكى تويلاشماقچى بولغان يۈرگەن قىزىم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتۇق. شۇڭا كەيپىياتىمنى بىر ئاز تەڭشەي دەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم.

_ ئەسلىدە مۇنداق گەپ ئىكەندە،_ قىتۇرسۇن ئاكام ئايالىغا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى،_ سىنىڭ ھەر كۈنى يالغۇز سىرتقا ماڭغىنىڭنى كۈرۈپلا بىر دەردى بولسا كىرەك دەپ ئويلىۋىدىم. دىگەندەك چىقتىغۇ مانا. ھېچقىسى يوق يىگىت، ئوغۇل بالا دىگەنگە خۇتۇن كەملىك قىلمايدۇ. جاڭگالدا نىمە تۇلا _ئوتۇن، يۇرتتا نىمە تولا _ خوتۇن دەپتىكەن،سەن يەنە كۈزلەكتە قوغۇن تاللىغاندەك، چىكىپ يۈرۈپ كۆڭلۈڭ تارتقاننى تېپىۋالالايسەن. ئىچىڭنى پۇشۇرما...



9



تامدىكى ئاشۇ رەسىم مىنىڭ ھەر كۈنى قاراپ تويمايدىغان كۆز مونچىقىمغا ئايلانغان، ئىشتىن كەلسەملا ئۇنىڭغا بىر قارايمەن-دە، بىر كۈنلۈك ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ كەتكەندەك يىنىكلەپ قالىمەن. ئۇنىڭغا سائەت- سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرۇش ماڭا خۇمار بولۇپ قالغان.

ئاق چىغدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرىنچى قىلغان ئىشىم ئاشۇ رەسىمنى يۇيدۇرۇش بولدى. رەسىم يۇيۇلغىچە ئۇنىڭ ياخشى تارتىلغان _ تارتىلمىغانلىقىنى ئويلاپ بەكمۇ تىت- تىت بولدۇم. ئۆلچەملىك چۇڭايتىلغان رەسىمنى كۈرۈپ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتىم. گەرچە مەن كەسپى فوتوگراف بولمىساممۇ ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ، كۈزۈمگە چىرايلىق كۈرۈنگەن مەنزىرىلەرنى  ئاندا مۇندا تارتىپ قوياتتىم. بۇ قېتىم قىيا بويىدا تارتقان رەسىم تەلىيىمگە ھەقىقەتەن ياخشى تارتىلغانىدى. مەن بۇ بايلىقىمنى شۇ كۈنىلا چىرايلىق نەقىشلەنگەن جازىغا ئالدۇردۇم ۋە ياتاققا كېلىپ كارىۋېتىمنىڭ بېشىغا ئاستىم. شۇندىن بىرى بۇ رەسىمگە قاراپ خىيال سۈرۈش مىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلانغانىدى.  

مانا، بۈگۈنمۇ ئۇنىڭغا چوڭقۇر سېغىنىش ئىكىدە قارىغىنىمدا ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك بىرمۇ بىر ئۆتتى. مەن ئاق چىغنىڭ بۇيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چۈش بىلەن رىئاللىق ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. بەزى كۈنلىرى ئۇنى چۈشەيمەن، ئاپپاق ئۆشكىلەرنى يايلاققا قۇيىۋېتىپ، قىيا ئۈستىدە مۈرىمىزنى مۈرىمىزگە تەككۈزۈپ ئولتۇرۇپ، يىراقتىكى تۇمان ئىچىدە خىرە كۈرۈنۈپ تۇرغان تاغلارغا قارىغىنىمىزچە ئولتۇرۇپ كىتىمىز،بەزىدە ئۇ تىك قىيا ئۈستىدىن تولۇن ئايغا ئايلىنىپ بىرلا شۇڭغۇپ قوينۇمغا كىرىپ كىتىدۇ...بۇنداق چۈشلەرنى كۆرگەنسېرى ئۆزەمنى تۇتالماي قالىمەن.قانىتىم بولسا، پۇر قىلىپلا ئاق چىغنىڭ بۇيىغا ئۇچۇپ بارغۇم، نۇرجامالنى خۇددى تۇلۇن ئاينى باغرىغا ئالغان بىر پارچە بۇلۇتتەك ئۆز قوينۇمغا ئالغۇم كېلىدۇ. ئەمما ئۇ مىنى چىرايلىقچە رەت قىلغان،شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىغا يەنە نىمە دەپ بېرىشنى بىلمەيمەن. ئۇنى غايىۋانە سېغىنىشمۇ ماڭا ھەم خوشاللىق ھەم ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنداق ۋىسال تاپمىغان مۇھەببەتنىڭ كىشى قەلبىنى ئۆرتەيدىغان ھەسرەت نادامەتلىرىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پىنھان ياش تۈكىمەن.

_نۇرجامال،ۋىسالىغا يىتەلمىگەن چىرايلىق پەرىشتەم...شۇ تۇرقىدا سەن، مەن سىنىڭ رەسىمىڭگە سېغىنىش ئىلكىدە قاراپ تۇرغاندەك، كىملەرنى كۈتۈۋاتقانسەن؟ قەلىب خانەڭگە كىملەرنىڭ رەسىمىنى ئۇيۇۋاتقانسەن؟ كىملەر ئۈچۈن دالا گۈللىرىدىن دەستە تىزىۋاتقانسەن؟ يىراقتا، بەكمۇ يىراق بىر جايدا، بىرسىنىڭ ساڭا مەجنۇنلارچە ئاشىقى بىقارار بۇلۇۋاتقانلىقىنى، رەسىمىڭگە قاراپ ئۈنسىز ياش تۈكۈۋاتقانلىقىنى، كىچەيۇ كۈندۈز سىنى سېغىنىدىغانلىقىنى خىيالىڭغا كەلتۈرەمدىغانسەن؟ بەلكىم سەن مىنى تامامەن ئىسىڭدىن چىقىرىپ قويغان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن. بەلكىم سەن بىلەن ئۇچراشقان ئاشۇ بىر نەچچە قېتىملىق قىسقا دەقىقىلەر ئىسڭدىنمۇ كۈتۈرۈلۈپ كەتكەندۇ.ئەمما مەن...

كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق شىرىن ۋە ئاچچىق خىيال سۈرۈش بىلەن ئۈتۈدۇ. بەلكىم كىشىلەر مىنىڭ بۇ ھالىمنى بىلسە مىنىڭ سەۋدايىلىقىمدىن ئىچىدە كۈلىشەر.ماڭا ھېچكىمنىڭ ئىچى ئاغرىماس، مەندەك خىيالى دۇنيانىڭ قۇلى بولۇپ، ئۆز جېنىغا ئۆزى زۇلۇم سالىدىغان ئىستىبدات كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۆمۈر رىسالىسىدە،قەلب خاتىرىسىدە مۇھەببەت ئەسلىمىسى بولمىغان ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە كىشى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مىنى ھەم قىينايدىغان ھەم سۈيۈندۈرۈدىغان بۇنداق بىر ئەسلىمىنىڭ قەلبىمدە مەۋج ئۇرۇپ، كۈۋەجەپ تۇرىدىغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇنمەن.

ئەسلىمىلەر قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىمدا كۆڭلۈمنىڭ خېلىلا كۈتۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى سەزدىم. قۇرسىقىممۇ ئاچقانىدى. مەن يەنە رەسىمگە قاراپ بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاز تۇلا بىر نەرسە يەپ قۇرساقنى ئەستەرلىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. ئەتىياز پەسلى ئىدى. شەھەر كوچىلىرىدا غۇر غۇر شامال كىزىپ يۈرەتتى. يول بويلىرىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ بېغىشى يىشىلگەن، سەل كۈكۈرۈشكە باشلىغان نوتىلار شامالدا چايقىلىپ تۇراتتى. كەچ كىرگەچكە كوچا- كويلاردىكى ئادەملەرنىڭمۇ ئايىغى بېسىققان ئىدى. نامازشام قارىغۇسىدەك چىرىقىنى بالدۇرلا يېقىۋالغان ماشىنىلار بىر بىرىدىن يول تالاشقىنىچە سىگنال بىرىپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

مەن ئەتراپنى تاماشا قىلغاچ بىر نەچچە كوچىنى ئايلاندىم.راستىنى دىسەم كۆڭلۈم سۇيۇق- سەلەڭ بىر نەرسىنى تارتاتتى. شۇڭا شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «بوز پاقلان» تاماقخانىسىغا بېرىپ چۆچۈرە ئىچىشنى ئويلاپ قالدىم. ئۇ يەرنىڭ چۆچۈرە، ئۈگرە دىگەندەك تاماقلىرى خېلىلا داڭلىق ئىدى.

تاماقخانىغا كىرىپ ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدىم. شەھەرنىڭ ھەممە ئادەملىرى مۇشۇ يەرگە يىغىلىۋالغاندەك، ئاشخانا ئىچى تىقما - تىقما  بولۇپ كەتكەنىدى. سانجاق سانجاق كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىدىن كىمنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەن بوش ئورۇن ئىزدەپ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدىم. شۇنچە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈستەللەردە بىرمۇ بوش ئورۇن كۈرۈنمەيتتى. مەن يا كەينىمگە يېنىپ، ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشنى، يا بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇشنى بىلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالدىم. شۇ ئەسنادا مىنى بىرسى چاقىرىپ قالدى.

_ھۇي، ئۇكام شۆھرەتجان. بۇ سىزمۇ؟

مەن ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا تۇنۇشلا بىر سىما_ بوز تەلپىكىنى چۈكۈرۈپ كىيگەن، ساقال بۇرۇتى سەل پەل ئۈسۈپ قالغان بولسىمۇ تاغ ئالمىسىدەك بىر جۈپ مەڭزى پارقىراپ تۇرغان قىتۇرسۇن ئاكا ماڭا قاراپ قول ئىشارىسى قىلىۋاتاتتى.ئۇنى كۈرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. قۇچىقىمنى كەڭ ئاچقىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرىدىم.

_پاھ قىتۇرسۇن ئاكا، قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سىزنى؟ بۇ ئوڭۇممۇ يا چۈشۈممۇ؟

ئۇمۇ غۇلاچلىرىنى ئېچىپ، تىترەپ تۇرغان بىلەكلىرى بىلەن مىنى باغرىغا تارتتى. ئىككىمىز چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە قۇچاغلاشتۇق. ئەتراپىمىزدىن ئۈتۈشۈپ تۇرغان كىشىلەر بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قۇياتتى.

_ سالامەتمۇ سەن ئۇكا؟ _ سورىدى ئۇ كۆزلىرىگە يامرىغان ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، _ شەھەرگە بىر كىرىپ كەتكەنچە،بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتمىدىڭ، بۇ بالىنىڭ بىزدىن كۆڭلى قالغان بولغىيمىدى دەپمۇ ئويلىدىم. قانداق، ئىش-ئوقەتلىرىڭ ئوبدان كېتىۋاتامدۇ؟

_ ئۆزىڭىزنىڭچۇ قىتۇرسۇن ئاكا؟ ئاچىمىزنىڭ تىنى سالامەتمۇ؟ بالىلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟ ئاق چىغنى شۇنداق سېغىندىم. ئەمما، بارالمىدىم.

_ بىزمۇ سېنى سېغىندۇق ئۇكا، ھەر كۈنى گېپىڭنى قىلىمىز، لېكىن ئارلىق يىراق بولغاچقا بۇ تەرەپلەرگە ئۈتەلمىدۇق. چۈنكى، بىزنىڭ ئۈلۈكىمىزمۇ تاغدا قالىدىغان خەخكەنمىز ئۇكا.

_ شەھەرگە قاچان كىرگەنىدىڭىز؟ _ سورىدىم ئۇنىڭدىن،_ ئۆيدىكىلەر تىنىچ ئامانمۇ؟

_ھەپتىدىن ئاشتى ئۇكام، دوختۇرخانىدا كىسەل بېقىۋاتىمەن.

_ نىمە؟ كىسەل بېقىۋاتىمەن؟ _ سەل جىددىيلەشكىنىمدىن ئۈنۈممۇ خىقىراپ چىقىپ كەتتى،_ كىم ئاغرىپ قالدى؟ ئاچاممۇ يا باشقا...

_ياق ئۇكا، _ دىدى ئۇ بىر ئىشتىن خىجىل بۇلىۋاتقاندەك بېشىنى تۈۋەن سېلىپ، _ ئوغلۇم تاشتۇرسۇننى ئۆيلىگەنىدىم. كىلىن بالا ئۆشكە باقاتتى. قايسى كۈنى ئۇ ئۆشكىلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن باش ئېقىندىكى قىيانىڭ بويىغا بارغانىكەن، ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ جىلغىغا چۈشۈپ كىتىپتۇ. يۇتىسى ۋە بىر بىلىكى سۇنغان ئىكەن. سۇنۇقنىڭ ئەھۋالى سەل چاتاقمۇ قانداق، ناھىيىدىن ئۇنى شەھەرگە يوللاپ بەردى.ئەسلىدىغۇ ئۇ ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا مۇشۇ خاپىلىقمۇ يوق. كىچىكىدىن ئۆشكىلەرنىڭ كەينىدە يۈرۈپ چوڭ بولغاچقا ئۆيدە ئولتۇرغىلى ئۇنىمىدى. قارىمامسىز بۇ پالاكەتچىلىكنى، ھەي ...

ئۇ بېشىنى چايقاپ خورسىنىپ قويدى.

_ كىلىننىڭ ئىسمى نىمە ؟_ سورىدىم بوغۇزۇمغا كەپلەشكەن قانداقتۇر بىر نەرسىنى يۇتۇشقا زورۇقۇۋاتقاندەك ھاسىراپ تۇرۇپ.

_ نۇرجامال، سەن بەلكىم ئاق چىغقا بارغاندا  ئۇنى كۆرگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئۈزى قارا قۇمچاق، كىشىنىڭ كۈزىگە ئىسسىق كۈرۈنىدىغان بالا...

كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. قۇلاقلىرىم غۇڭشۇپ كەتتى. مەن خۇددى ئاشۇ قىيادىن پۇلاڭلاپ پەسكە چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم. تۇيغۇلىرىم چۇۋۇلغان يىپتەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى. مەن يەنە قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى، مەندىن نىمىلەرنى سورىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئاشخانا ئىچى پىقىراپ ئايلىناتتى. تورۇس بىلەن چىنە قىش ياتقۇزۇلغان پول ئاستىن ئۈستۈن بولاتتى.

_ نىمە بولدى ئۇكا، چىرايىڭنىڭ ئوڭ سولى قالمىدىغۇ؟ _ قىتۇرسۇن ئاكا بىلىكىمدىن تۇتۇپ سىلكىگەندىلا كۆز ئالدىم لىپ قىلىپ سۈزۈلۈپ، سەزگۈلىرىم ئەسلىگە كەلدى. قىتۇرسۇن ئاكىنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۈرۈپ، يۈزلىرىم لازا سۈيى تۈكۈلگەندەك ئېچىشتى.

_ھېچقىسى يوق ئاكا، يېقىندىن بىرى پات- پاتلا مۇشۇنداق ئايلىنىپ قالىمەن، نىمە بولغىنىمنى دوختۇرلارمۇ ئۇقالمىدى. ئەنسىرىمەڭ، _ مەن ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتقان بولغاچقا خىجىللىقتىن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى، _ ھە راست، قايسى دوختۇرخانىدا تۇرىۋاتىسىلەر؟

_ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا.

دەل شۇ چاغدا كۈتكۈچى قىز بىر تاماق قاچىسىنى كۈتۈرۈپ كىلىپ قىتۇرسۇن ئاكىغا تۇتقۇزدى. ئۇنىڭدىكى چۆچۈرىدىن ئىسسىق ھور كۈتۈرۈلۈپ تۇراتتى.

_ كىلىن بالىنىڭ بۈگۈن چۆچۈرە ئىچكىسى كەپقاپتىكەن،_ دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، _ شۇ باھانىدا بۇ يەردە كۈرۈشۈۋالدۇق. بولمىسا سىنى قانداق ئىزدەشنى مەن نەدىن بىلەتتىم؟

مەن ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.بەزىدە ئادەمنى روھمۇ ئۇچراشتۇرامدىغاندۇ؟ خۇدانىڭ دىلىغا ساپتۇ دىگىنى شۇمۇيا؟ مەنمۇ چۆچۈرە ئىچىمەن دەپ بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسام قىتۇرسۇن ئاكا بىلەن ئۇچراشمىغان، نۇرجامال بىلەنمۇ كۈرۈشەلمىگەن بولاتتىم . خۇدانىڭ شۇنچە يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرۇپمۇ بىرگە ئۈتۈشنى نىسىپ قىلمىغىنى قىزىقتە. مەن نۇرجامالنىڭ تاشتۇرسۇن بىلەن توي قىلغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا بارلىق ئۈمۈد- ئارزۇلىرىمنىڭ كۈمپەيكۇم بولغانلىقىنى، قەلبىمدە قۇرغان شاھانە ساراينىڭ غۇلاپ چۈشكەنلىكىنى ئىنىق ھېس قىلغان بولساممۇ، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۈرۈۋېلىش تەقەززاسى كۈچىيىپ باراتتى. شۇنداق قىلمايمۇ ماڭا ئىلاج يوق، قىتۇرسۇن ئاكام بىلەن كۈرۈشكەندە، ئۇ بېقىۋاتقان كىسەل مەيلى كىم بولسۇن، ئۇنى يوقلىشىم كىرەكتە. شۇڭا مەن تاماق يىيىشتىنمۇ ۋاز كىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاشخانىدىن چىقتىم.

_ مەنمۇ سىز بىلەن بېرىپ كىلىن قىزنى يوقلاپ قۇياي، _ دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ، _ شۇنچە كۈنلەردىن بىرى سىزنىڭ بۇ يەردىلىكىڭىزنى بىلمىگەچكە، سەت بوپتۇ. ھېلىمۇ كىچىكمەسمەن، بىللە بېرىپ كىلەي.

_ سېنى ئاۋارە قىلامدىمەن ئۇكا؟ _ دىدى ئۇ مەمنۇنىيەت ئىپادىسى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،_ كۆرمىدىم قۇتۇلدۇم، كۆردۈم تۇتۇلدۇم دىگەن شۇدە.

_ ئۇنداق دىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ _ مەن سەل رەنجىگەندەك دومسايدىم، _ سىز بىلەن مەن بىر بىرىمىزگە ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشساق يارىشامدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنداق گەپلەرنى دىيىشمەيلى.

مەن دوختۇرخانا ئالدىدىن مىۋە- چىۋە، قەن- گىزەك دىگەندەك نەرسىلەردىن بىر ئاز سېتىۋالدىم ۋە پىركازچىك قاچىلاپ بەرگەن سۇلىياۋ خالتىنى كۈتۈرگىنىمچە قىتۇرسۇن ئاكىغا ئەگەشتىم. كۆڭلۈمدە نۇرجامال بىلەن قانداق يۇسۇندا كۈرۈشۈشنى ئويلاپ، دەككە- دۈككە بولاتتىم. ئىچىم ئۈزەممۇ بىلمەيدىغان بىر تۇيغۇدا ئاچچىق بولاتتى. مەن شۇ چاغدا بىردىنلا قىزىل تۇمشۇقلۇق ھېلىقى قۇشنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ جىلغا ئىچىدە بىر چىرايلىق يۇيۇناتتى.ماڭا كۆز قىرىنى سالماستىن بەدىنىگە سۇ چاچاتتى. ئۇ يۇيۇنىۋېتىپ بۇ دۇنيانى تامام ئۇنۇتقان ئىدى.مەن گەرچە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولغان بولساممۇ، ئۇنى چۈچۈتۈپ ئۇچۇرۇۋېتىشتىن بەكمۇ قورققان ئىدىم. ئاقىۋەت ئۇ مەن چۈچۈتىۋەتمىسەممۇ كۆز ئالدىمدىن ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچقىسى كەلسە، مەن ھۈركۈتىۋەتمىسەممۇ ئۇچۇۋىرىدۇ. مانا، نۇرجامالمۇ ئاشۇ قۇشتەك ئۇچۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ  باشقىلارنىڭ قۇشقىچى بولۇپ ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇشىمۇ، سايرىشىمۇ باشقىلارغا تەئەللۇق.ماڭا قالغىنى ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز ھىجران ئازابى!

مەن قىتۇرسۇن ئاكىغا ئەگىشىپ دوختۇرخانا ياتاق بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقتىم. كارىدورنىڭ تۆرىدىكى بىر ئېغىز ياتاقنىڭ ئىشىكى قىيا ئۇچۇق تۇراتتى. مەن نۇرجامالنى چوقۇم ئاشۇ ياتاقتا دەپ پەرەز قىلدىم. قىتۇرسۇن ئاكىمۇ مىنىڭ پەرىزىمنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك، دەل ئاشۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يۇغان ئاچتى.

_ قېنى ئۇكام شۆھرەتجان، ياتاققا كىرىڭ.

مەن گەپ سۆزسىزلا ياتاققا كىردىم. ئۈچ كارىۋات قۇيۇلغان ياتاقنىڭ ئىچى خېلىلا ئىسسىق ئىدى. دەرىزە تۈۋىدىكى بىر كارىۋاتتا پۇتى ۋە بىلىكى گىپىسلانغان نۇرجامال كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە جىمجىت ياتاتتى. ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايى مەن كۆرگەندىكىدىنمۇ  بەكرەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ھىمىرىلگەن قاشلىرى بىر توپ قارلىغاچ بىر شاختا غۇچچىدە ئولتۇرغاندەك كۈرۈنەتتى. ئاشۇ قىزىل رەڭلىك گىرىپ ياغلىقى ھېلىمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تاشلىنىپ تۇراتتى.

قىتۇرسۇن ئاكا ئۇنى ئاستا نوقۇدى. نۇرجامال كۆزىنى ئاچتى. كارىۋات يېنىدا مىنى كۈرۈپ ھەيرانلىقتىن پۈرۈلگەن كۆزلىرىنى چوڭراق ئاچتى. بۇ قارىشىدا ئۇ ماڭا « بۇ سىزمۇ؟» دىگەندەك قىلاتتى.ئۇ شۇ يۇسۇندا ماڭا بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يەنە كۈزىنى يۇمدى.

_ تاشتۇرسۇن قېنى؟

_ ياتاقتىن بەكلا زىرىكتىم دەۋاتقان،_ نۇرجامالنىڭ ئاۋازى بەئەينى سالقىن شامال شىۋىرلاۋاتقاندەك سۇس ئاڭلىناتتى،_ ئەتراپنى ئايلىنىپ كىرگىلى چىقىپ كەتتىمىكىن؟

_ بۇ ئىنىم مەن تولا گىپىنى قىلىدىغان شۆھرەتجان بولىدۇ، _ دىدى ئۇ ئاشنى كارىۋات يېنىدىكى تومپۇچكا ئۈستىدە قۇيۇۋېتىپ، _ سىلىنى يوقلاپ كەلدى قىزىم.

_ خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ _ دىدىم ئۇنىڭغا. ئەمما ئاۋازىمنىڭ چىققان چىقمىغانلىقىنى ئۈزۈممۇ ئاڭلىيالمىدىم.  نۇرجامال يەنە كۈزىنى قىيا ئاچتى ۋە گەپ- سۆز قىلماستىن بېشىنى يىنىككىنە لىڭشىتىپ قويدى.

قىتۇرسۇن ئاكا ياغاچ قوشۇقنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇخانىغا چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. نۇرجامالنىڭ تىنىقى ئىتتىكلىشىشكە باشلىغان ئىدى.

_ سىزنى يەنە قايتا كۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتىم، _ دىدىم پەس ئاۋازدا، _ تەقدىرنىڭ  بىزگە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتى بەرگىنىگە رەھمەت.

_ ئاشۇ كۈنى مەنمۇ  سىزنى ئۇچراتقان قىيا بويىغا بارغان.

ئىشىك ئېچىلىپ قىتۇرسۇن ئاكا كىرىپ كەلدى ۋە ياغاچ قۇشۇقنى تومپۇچكا ئۈستىدىكى داستىخاننىڭ بۇرجىكىگە سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئاشنى كىلىنىگە سۇندى.

_ قېنى، ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا قىزىم.

نۇرجامال مىنىڭ كۈزۈمچىلا ئاش ئىچىشتىن ئۇيالدى بولغاي، قۇشۇقنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە قىتۇرسۇن ئاكىغا دىدىم :

_ ئەمىسە مەن قايتاي، ئەتە سىزنى ئالغىلى كېلىمەن. ئۆيۈمگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىلىڭ.

_ بولىدۇ ئۇكام، شەھەرگە كىلىپ، ئۆيۈڭگە بېشىمنى تىقىپ كەتمىسەم سەت تۇرىدۇ. ئەتە باراي.

مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. نۇرجامال ھېچقانداق ئىپادىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر خىل قارىشى بىلەن مىنى ئۇزىتىپ قالدى. ياتاقتىن چىقىپ نەگە بېرىشىمنى، نىمە قىلىشىمنى بىلمەي كوچىلارنى ناھايىتىمۇ ئۇزۇن ئارىلىدىم. قۇرسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىمۇ ئىسىمدىن كۈتۈرۈلۈپ كەتتى. مەن كوچا چىراقلىرى خىرە يۇرۇپ تۇرغان پىيادىلەر يۇلىدا ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ تۇلىمۇ قىيىندا ماڭاتتىم. قەلبىمدە ئاشۇ قېتىم ئاق چىغنىڭ باش ئېقىنىدىكى سەلدەك بىر دەھشەتلىك ئېقىم گۈرۈلدەيتتى. تاشتىن تاشقا ئۇرۇلاتتى. يېشىل مۇخ قاپلىغان جىرالاردىن يامغۇر تامچىسى چىپىلداپ چۈشەتتى.

مەن كېتىۋېتىپ پىيادىلەر يۇلىنىڭ باغچىغا تۇتاشقان رىشاتكىسى يېنىدا تۇرغان ئىككى گەۋدىنى كۈرۈپ قالدىم. ئۇلار مەست بولسا كىرەك، ئىزىدا تۇرالماي شامال سوققان قۇمۇش پۇپۇكىدەك لەيلەيتتى، دەلدۈگۈنەتتى. بىر نىمىلەرنى دەپ گۇڭۇرلايتتى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، قۇلىقىمغا تۇنۇشلا بىر ئاۋاز كىرىپ قالدى.

_ قا...قانداق نوچام، ئو...ئوينامسىز؟

بۇ قەدىرىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ خۇدىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەست بولۇپ قالغانىدى. مېنىڭ كىملىكىمنىمۇ ، ئۈزىنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ پەرق ئىتەلمەيتتى. ئۇ لەيلەپ كەلگىنىچە ماڭا قاراپ تاشلاندى... ھەممە نەرسە قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك، بىر كۈندە ئۇلار بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئۇچرىشىپ قالغىنىمدىن ھەيران بولدۇم. تەقدىرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم تار يەردە ئۇچراشتۇرغىنىغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى. ئاغزىدىن ھاراقنىڭ قاڭسىق ھىدى كېلىۋاتقان قەدىرىيەنى بار كۈچۈم بىلەن ئىتتىرىۋەتتىم. بەك كۈچەپ كەتكەنلىكتىنمۇ ياكى ئۇ ئۈزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغانمۇ، ئەيتاۋۇر بىر ئىتتىرىشىم بىلەن قەدىرىيە كونا چاپاندەك رىشاتكىغا ئىلىنىپ قالدى.

_ ھۇ لىڭتاسما ھەزىلەك، ئويۇندىن قالغان لامزەللە، بېشىنى يەيدىغان چۈپرەندە...

ئۇنىڭ ئېغىزى شۇنچىلىك بىزەپكى، شۇ تۇرقىدا بىر توننا سىمۇنت بولسىمۇ ئۇنى چاپلىۋېتىشكە ئازلىق قىلاتتى. مەن دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. قەدىرىيەنىڭ ھالىمۇ شۇنچىلىك ئىكەن، مىنى ئوڭدا قۇيۇپمۇ ئەرشى ئالاغا چىقماپتۇ. كۈنلىرى خۇددى لالما ئىتتەك... ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۆڭلۈم بىسەرەمجان چاغدا ئۇچرىشىپ قالغىنى ئوغامنى قايناتتى. ئاچچىق يۇتۇپ كېلىۋېتىپ خېلى يىراقتىن ئۇنىڭ مىنى تېخىچە قار- يامغۇر تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.  

ھېرىپ جۇللىقىم چىققاندا ياتاققا قايتىپ كەلدىم. ئىشىكتىن كىرىپلا تامدىكى رەسىمگە كۈزۈم چۈشتى. چوپان قىز بىر ئاق ئوغلاقنى باغرىغا باسقىنىچە پەسكە، مەن تۇرغان سۈگەت ئاستىغا قاراپ تۇراتتى. ئۇنى كۈتۈرۈپ تۇرغان قىيا قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى جەسۇرلۇقنى يەنىمۇ نامايان قىلىۋاتقاندەك ئىدى. تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن تارتىلغان بۇ رەسىم ماڭا مۇھەببەت ئاتا قىلاتتى. مىنى يۇشۇرۇن سېغىندۇراتتى.ئازابقا تولغان قەلبىمگە تەسەللىي بىرەتتى.

مەن رەسىمگە قاراپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىغان ھالدا ئۇنى تامدىن ئېلىۋەتتىم. ئۇ ئەمدى ماڭا مەنسۇپ ئەمەس ئىدى. ماڭا تەۋە بولمىغان بۇ رەسىم تامدا تۇرىۋەرسىمۇ بولمايتتى. ئالىمادىس ئەتە قىتۇرسۇن ئاكام ئۇنى بۇ يەردە كۈرۈپ قالسا، مەن ئۇنىڭغا نىمە دەيمەن؟  قانداق چۈشەندۈرۈمەن؟  ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئېلىۋېتىشىم كىرەك. شۇنداق، ئۇ ئەمدى بۇ ئاددى ئۆينىڭ تېمىدا تۇرسا بولمايدۇ. بۇ رەسىمنى ئەڭ ياخشىسى باشقىچىرەك بىر يەرگە ئېسىشىم كىرەك. ئۇنى پىنھان ساقلىغۇدەك ئەڭ ئوبدان جاي قايسى؟ توغرا، بىر ياخشى يەر بار. ئۇ بولسىمۇ مىنىڭ سېغىنىش ئوتلىرى گۈرۈلدەپ تۇرغان يۈرۈكۈم !





2005- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى، خۇتەن






mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  514
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 16:44:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىسالسىز سۆيگۈ بەكلا ئازاپلىق ... ئۇنى يۇرەكتىلا ساقلاپ، ھەسىرەت، ئازاپ ئىچىدە كۈتۈش دەقىقىلىرى تېىخىمۇ ئازاپلىق ھەم شىرىن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش