كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 1

ئىككى شېئىر- زامانىدىن پاكزات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ‹خانتاڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەن ئەسەر



         ( 2001-ﻳﯩﻞ 8-ﺋﺎﻱ، ﺧﻮﺗﻪﻥ، "ﻳﯩﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ")  





ئىككى شېئىر



زامانىدىن پاكزات



مۇناجات



قوشنىمىز رابىگۈلدەم تۇيۇقسىزلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇ ئەللىك ياشلاردا بار ئىدى.

                                                                   -خاتىرەمدىن

سەھەر

نۇرلار ئاپئاق تاملاردىن

تۆكۈرلاپ چۈشتى ھويلىمىزغا.



دادام

بامدات ۋاقتى ماڭدى مەسجىتكە،

پىشايۋاندا كۆك كەپتەرلەر

دۇرۇت ئوقۇماقتا.



خىيالىم

قار تىيىلىپ ئوينىماقتا،

بالىلار بىلەن.

مۇشۇ سەھەردە

مىكياننىڭ تۇخۇمى بولۇپ تۇغۇلدۇم.



شىلدىرلاپ ئاقماقتا مۇناجات.

قارلىق قەبىرستانغا

قونىۋالغان يازنى سېغىنغان قاغىلار.



رابىگۈلدەمنىڭ مېيىتى

ئارام تاپتى ئىچ گۆرىدە.

-ئۇھ، -دېدى ئۇ:

-ئەجەپ ھاردىم

ئالتە بالىنى قاتارغا قاتقۇچە،

پەرۋەردىگار،

ئەجەپ جىددى چاقىرتتىڭ مېنى.

بالىلىرىمغا ‹‹خوش ›› دەۋالغۇچە!


قىرائەت،

شىلدىرلاپ ئاقماقتا.

ئەتراپ سۇكۈنات

قارا قاغىلار

ئاڭلىماقتا مۇناجات.



بىچارە قاغىلار

كۆ زيېشى قىلماقتا،

ئۆلۈپ كەتكەن قوشنىمىز ئۈچۈن.

مۇناجات ئۈچۈن

ئاخىرەت ئۈچۈن

باغرى تاش

كۆيۈملۈك ھەم كۆيۈمسىز تەڭرى ئۈچۈن.



ئاپئاق قارغا قونۇپ

مەنمۇ يىغلىدىم.

يىغلىدىممەن قاغىلارئۈچۈن.



ياش گۆركار بالىلار

چاقچاقلاشماقتا قەبرىىستاندا.

ساۋاپ ئاپئاق توپا بولۇپ،

قونغان ئۇلارنىڭ باش -كۆزىگە.



ئۇلار مۇشۇ كەنتتە

ئۆسكەن كۆك تېرەكلەر.

بىر كۈنى ئەزرائىل

پالتا ئوينىتىپ كېلەر

ئۇلارنىڭ ئالدىغا.



دۇئالار

سانسىز نۇر چەبىرەك بولۇپ،

كۆتىرلىپ كەتتى ساماغا،

سىڭىپ كەتتى گۆر ئىچىگە.

يەتتە كەتمەن توپا

بولدى رابىگۈلدەمنىڭ ئاخىرەتلىكى.



قارا قاغىلار

پۇررىدە ئۇچىشتى

ئۈنسىز ،ئۈمىدسىز.

قۇرۇق تاۋۇتقا ئەگىشىپ،

مەھەللىگە قونۇشتى

ئۈنسىز -ئۈمىتسىز.

ئاچ قورساق بالىلار

تەلمۇرۇپ قارىشىدۇ كۆزىگە.



مەن ئۆلەرمەن،

مەن ئۆلسەم ئەگەر

ئىچ گۆرىمنى كەڭ كولاڭلار.

پۇت -قولۇمنى سوزۇپ ياتاي،

ئازادە ياتاي،

ماڭا كېرەك كەڭلىك...



شائىر ۋە كەپتەر



شائىر

ھېسسىياتلىق قوللىرى بىلەن

سىلىماقتا

شەھەرنىڭ كۆكسىنى.

شائىرنى چاقىرىدۇ شەھەر،

شائىرنى دەم تارتىدۇ شەھەر،

چىقماقتا شەھەرنىڭ ھاردۇقى.



كارۋات بېشىدىكى سائەتنىڭ تىلى

شالاپ -شالاپ قىلىپ يالىماقتا

مۈگدەك باسقان تېنىمنى.



‹‹مىڭ بىر كېچە››دىكى دېۋىلەر

ئىسقا ئايلىنىپ

لەيلەپ يۈرەر شەھەر ئاسمىنىدا.

ئالۋاستىلار دورىلارغا ئايلىنىپ

ئۆلتۈرۈپ يېمەكتە قۇشلارنى.



توپان بالاسىدا

زەيتۇن چىشلىگەن كەپتەرنىڭ،

باراتجان ئىسىملىك چەۋرىسى

زەيتۇن ئىزدەپ

شەھەرگەكېلىپ

قورۇما بوپ قورۇلدى.



بىر نامرات دېھقان

قىلتاق قويۇپ

تۇتۇپ سېتىۋەتكەن

ئىككى ناننىڭ پۇلىغا ئۇنى.



يېمەكتە ئەنە،

يېمەكتە جادۇگەرلەر ‹‹مىڭ بىر كېچە›› دىكى

ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن

تىتىپ- تىتىپ.

چىشلىرىنىڭ ئۇچىدىن

تۇرىدۇ قانلار

تېمىپ -تېمىپ.



شائىرنى دەم تارىتىدۇ شەھەر،

شائىر

چۆچۈپ ئويغىنىدۇ ھەر سەھەر

ئازابلار

توپلانماقتا شائىر قەلبىگە.



شائىر قەلبى قەبرىستان

شائىر  قەلبى يارا ئېتىزى

ئۆلسە دوزاخقا كىرەرمىش شائىر.

توغرا ئېيتىدۇ،

دوزاخنىڭ ئوتىدا

داغلاش كېرەك يارىنى،

جەننەتنىڭ جىلۋىسى

يەل كېلىدۇ يارىغا.



توپلانماقتا، ئازابلار شائىر قەلبگە

شائىر ،

قېنىنى ئىچكۈزدى قەلىمىگە...



مەنبە:‹‹ئىلى دەرياسى ژورنىلى››2000- يىل 6-سان


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  675
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 352
تۆھپە : 0
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 22:34:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەسلىمە كۆزگە ياماشقاندا شېئىر موشۇنداق تەبىئىي بۇلدۇقلاپ چىقسا   كېرەك.زامانكامنىڭ بۇنداق مۇڭلۇق شېئىرلىرىنى ئوقۇمىغانكەنمەن.


سۆز ئۇچار، پۈتۈك قالار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش