كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 0

داۋۇت ئادىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:12:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   untitled.bmp


داۋۇت ئادىل، 1969-يىلى 10-ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1992-يىلى  شەر*قىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.  2008 -يىلى 11-ئايدىن 2009-يىلى 1-ئايغىچە، لۇشۇن ئەدەبىيات ئېنىستىتوتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەرجىمانلىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشقان. 2010-يىلى 8-ئايدا مەركىزىي مىللىي كادىرلار ئېنىستىتوتىدا ئۇيۇشتۇرۇلشغان « تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر  تىل يېزىق تەرجىمىچىلىكىدىكى كەسپىي تايانچ خادىملارنىڭ تەتقىقات ئۆگىنىش كۇرسى»غا قاتناشقان.  1992-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە  خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە،

    داۋۇت ئادىل 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە «يېڭى قاشتېشى»،  «تارىم» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تۇرپان »، « قۇمۇل ئەدەبىياتى»،  «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ،«دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق ئاپتونۇم   رايون  تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 80 پارچىدىن ئارتۇق مىكرو ھېكايە، 70پارچىدىن ئارتۇق فېليەتون، 200 پارچىدىن ئارتۇق باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان 7 پارچە ئەسىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«غەربىي دىيار ئەدەبىياتى»قاتارلىق ژورناللار، «قارىياغاچ تۈۋىدىكى مەنزىرىلەر»، «باياۋان كۈيلىرى» قاتارلىق خەنزۇچە توپلاملاردا ئېلان قىلىنغان. 2002-يىلى 6-ئايدا، ئۇنىڭ «ئالى سوت مەھكىمىسىدىكى قاتىللىق» ناملىق تەرجىمە رومانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرى «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» ناملىق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك كىتاپنىڭ  «ھېكايەتلەر» ۋە «چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى خوتەن» ناملىق توپلاملىرىغا  كىرگۈزۈلگەن. ئىككى پارچە تەرجىمە ئەسىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  

    داۋۇت ئادىل خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىي تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش