كۆرۈش: 308|ئىنكاس: 1

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2398
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2004-يىل، 13-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.


ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)



1901-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سەھەردە، تۇرپان يېڭى شەھەردىكى ئاۋات سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بىر كوچىدا، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ بوۋاق كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر يېڭى دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، تىز پۈكمەس مەرىپەتچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نادانلىق، خوراپاتلىق، جاھالەت قاپلىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خۇددى زۇلمەت كېچىدە ئىزقالدۇرۇپ ئۆتكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش تۈن باغرىنى قېلىچتەك كېسىپ ئۆتۈپ، قىسقا ھاياتىدا چەكسىز ھارارەت ۋە يورۇقلۇق تارقاتقان پىداكار ئەزىمەت ئىدى. بۇ يىللار دەل تالاي قىسمەت ۋە خۇسۇمەتلەرگە، غالىبىيەت ۋە زەبۇنلۇقلارغا، شان –شەرەپ ۋە ئارا-نومۇسلارغا ھامىلدار بولغان بۇ ئەزىزى تۇپراق ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان؛ نەچچە ئەسىرلىك تەپرىقىچىلىك، ئۇرۇش-نىزالار تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ روھىنى ئىغىر جاراھەت بېسىپ، بۆلۈنگەن قوي پادىلىرىدەك ھەرتەرەپكە چېچىلغان؛ بىر تەرەپتىن كۆڭلى قارا، قولى قان، سىياسى سىھرىگەر ياڭ زېڭشىڭنىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىلا يەردە ئەرۋاھتەك سۆرۈلۈپ يۈرگەن لىچەك سالغان بۈۋىلەرنىڭ «ھۆ-ئاللا»سى. سوپى-ئىشانلارنىڭ زىكرى-ساماسى، تاپقاق بۈۋى، داخان، پېرىخۇنلارنىڭ خوراپاتلىق ئەقىلىدىلىرى بىلەن خەلق زالالەت ، جاھالەت تۈگمىنىدە چۆرگىلەۋاتقان دەۋر ئىدى. موشۇنداق قاراڭغۇ زاماندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ خەلىقنى ئويغۇنۇشقا، ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشكە، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى ۋە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پىداكارلىغى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھى، شۇ يەردىكى، ئۇ تىجارەت دائىرسى چەتئەللەرگىچە كېڭەيگەن باياشات، مەرىپەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، پەزىلەت، خىسلەتلىرى بىلەن جەمئىيەتتە يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشكەن، توققۇزى تەل شارائىتتىمۇ ئازاپ چېكىۋاتقان خەلق ئۈچۈن ھەممە نېمىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ھاياتى بەدىلىگەخەلققە بولغان موھاببېتىنى، ئۆز ئېتىقادى يولىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەۋلادلار قەلبىدە يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى. ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغاچقا ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يادلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ مارشىغا ئايلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنوپ، شىمالىدا ياڭراپ، ئۇزاققىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە تارقىلىپ خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدىكى ئىلىمخۇمارلىقىنى، مەرىپەتپەرۋەرلىكىنى، تەرەققىيپەرۋەرلىكىنى ئۇنىڭ مەنۋىيتىدىكى «ئۈچ ئەڭگۈشتەر» دېيىشكە بولىدۇ.

(1)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىلىم-مەرىپەت، مەكتەپ دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدىغان، تالىپ، تالىبەلەر مەدرىسلەرگە تۆردىن بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىش ئۈچۈنلا كېرىپ، زىر-زەۋەر نىڭ سىرتىغا چىقالمايدىغان، باي بالىلىرى بايلىققا ئىشىنىپ ئوقۇمايدىغان، كەمبەغەلنىڭ بالىلىرى ماغدۇرى يەتمەي ئوقۇيالمايدىغان دەۋردە قىلچە بوشاشماستىن، ھەرقانداق جاپا –مۈشكۈللەردىن قورىقماستىن بىلىم، مەكتەپ نەدە بولسا شۇيەرگە بېرىپ ئوقۇدى. ئۆگەندى. ئوقۇشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ كۆپنى كۆرگەن نورغۇن خەلق چۆچەكلىرى، رىۋايەت، ئەپسانىلەرنى بىلىدىغان مېھرىبان چوڭ ئانىسى ئەرەمسىما خانىمنىڭ گۈزەل رىۋايەتلىرى ئىچىدە بالىلىق تۇيغۇلىرى قاناتلاندى. ئەرەبچە، پارىسچە، تىل-يېزىقتىن خەۋىرى بار، خەنزۇچىنىمۇ بىلىدىغان كىتابخۇمار ئاتىسى، ئۇقۇمۇشلۇق زات ئابدۇراخمان مەخسۇمنىڭ ئوقوپ بەرگەن كىتابلىرى، ئابدۇراخمان مەخسۇمنىڭ قېيناتىسى، ئابدۇخالىقنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجىنىڭ رۇسيەنىڭ شەمەي، قازان شەھەرلىرىدىن ئەكىلىپ بەرگەن يېڭىچە دەرىسلىكلەر مىجىت ھاجى ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرغان ئەدىبلەر سۆھبەتلىرىدە ئۆسۈپ يىتىلدى. توققۇز ياشقا كىرگەندە يېڭى شەھەردىكى مەدرىسكە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەدرىسنىڭ باش مۇددەرىسى ھەمدۇللا دامۇللام ئەينى چاغدا قەشقەر خانلىق مەدرىسدە ئوقۇشنى تاماملىغان، كېيىن بۇخاراغا بېرىپ ، بۇخارا مەدرىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن رۇسيىنىڭ ئوفا، قازان شەھەرلىرىدە ئىلىم –تەھسىل قىلغان داڭلىق تەرەققىيپەرۋەر زات ئىدى. ھەمدۇللا داموللام ئابدۇخالىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىپ كۆرۈپ ، ئۇنىڭ زېرەكلىكىگە،  زېھنىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا،  ئىلىم ئۆگۈنۈشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە تىل-ئەدەبىيات، ئىلمىي تەجۋىد(قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ ئوقۇش)، ھېساب قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈشتىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىدىمۇ مەخسۇس دەرس ئۆتتى. 1914-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 13 ياشقا كىرگەندە چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگۈنۈشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇسكۇۋا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن تاتار زىيالىي ئەلى ئىبراھىموپنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلۇققا تەكلىپ قىلدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەلى ئىبراھىموپتىن ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە تايار تىلىنىمۇ ئۈگەندى. 1915-يىلى مىجىت ھاجى ئەلى ئىبراھىموپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى رۇسيەدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سودا كارۋانلىرى ۋە تۇرپان ئاستانىلىك مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە شەمەيگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇيەردە يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز يازغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم خۇمارلىغى ھەققىدىكى بىر تەپسىلاتنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. «...مىجىت ھاجى قازانغان كېلىپ، ئەتىسى ئابدۇخالىقنى ئىلىپ كوچىغا چىقتى. ئۇزۇن ماڭمايلا مىجىت ھاجىنىڭ ئىككى تاتار سودىگەر تونۇشى ئۇچىراپ قېلىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. دەل شۇچاغدا قوللىرىدا بىردىن كىتاب كۆتەرگەن ئىككى تاتار بالا نىرىدىكى سېرىق بىنادىن چىقىپ كەلدى. ئابدۇخالىق بالىلاردىن كىتابنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىۋېدى بالىلارنىڭ بىرى ‹ئاۋۇ كىتابخانىدىن› دەپ نېرىقى سېرىق بىنانى كۆرسەتتى. ئابدۇخالىق ‹دادامنىڭ گېپى تۈگىگىچە كېرىپ چىقاي›دەپ كىتابخانىغا كېرىپ بىر كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئابدۇخالىقنىڭ قىزىقىپ قالغىنى –موللا مۇسا سايرامىنىڭ 1904-يىلى قازاندا نەشىر قىلىنغان ‹تارىخى ئەمىنىيە› ناملىق كىتابى ئىدى.ئۇ كىتابقا بېرىلىپ كېتىپ چوڭ دادىسىنىڭ كوچىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا قورسىقى ئاچقانلىقنىمۇ تۇيمىدى. پەقەت كىتابخانا خىزمەتچىسى ‹چۈشلۈك تاماققا بارىمەن› دېگەن چاغدىلا پۇلنى تۆلەپ كىتابنى سېتېۋىلىپ كوچىغا چىقتى. كوچىدا چوڭ دادىسى كۆرۈنمەيىتتى. ئابدۇخالىق قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي تۇرغان چاغدا بىر دوقمۇشتىن چوڭ دادىسى بىلەن مەخسۇت مۇھىتى چىقىپ كەلدى. ئابدۇخالىقنى كۆرگەن مىجىت ھاجى ھاسىراپ تۇرۇپ:

  -سىزنى يىتۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئىزدىگىلى نەۋاخ، -دېدى تىرىكىپ. ئابدۇخالىق قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. مىجىت ھاجى كىتابنى كۆرۈپ ئاچچىقدىن ياندى-دە:

  -بوپتۇ، قازانغا كېلىپلا بىر خەيىرلىك سودا قىلىپسىز. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن يىنىمدىن ئاجرىماڭ،-دېدى.

  -بۇ بالىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى قارىماملا ھاجىم،-دېدى كېتىۋىتىپ مەخسۇت مۇھىتى،-چەتئەلگە چىقىپ تۇنجى قىلغان سودىسى كىتاب ئېلىش بوپتۇ.كىتاب-بىلىم باغچىسى. ئىنساننىڭ يىقىن دوستى. ئابدۇخالىق سىز ئەھمىيەتلىك سودا قىپسىز، بىراق ئۈن-تۈنسىز يوقلىپ كەتمەڭ!»

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر چوڭ دادىسى بىلەن شەمەيگە كەلگەندىن كىين، رۇسچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى ۋە 1917-يىلى 6-ئايدا ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىنى تاڭ قالدۇرۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى يىللىققا كۆچتى. رۇسيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1918-يىلى 4-ئايدا سودا كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ تۇرپانغا قايتىپ كەلدى. 9-ئايدا يېڭى شەھەردىكى خەنزۇچە مەكتەپ شۆتاڭغا ئوقۇشقا كىردى. شۇ يىللاردا شۆتاڭدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى توڭچى (تەرجىمان) بولۇپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كىرىش، ئەمەلدار بولۇش ئويىدا يۈرگەنلەر بولغاچقا كىشىلەر بالىلىرىنى شۆتاڭغا ئوقۇشقا بېرىشنى خالىمايىتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا پەقەت بىلىم ئىگەللەش، خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنۈپ  بىلىمنىڭ يېڭى مۇندەرىجىسىنى ئېچىش ئۈچۈن شۆتاڭغا كىرگەن بولۇپ، بۇ مەقسىتېنى كېيىنكى ئەمىلىيتىدە ئىسپاتلاپ بەردى.  يەنى ئۇ شۆتاڭنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كىين ناھيە ئامبىلى ئالايىتەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، يامۇلدا ئېشلەپ قېلىشىنى ئېيتىقاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلىقنى نادانلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ، ئامبالنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەرەپ، پارس، تاتار، رۇس، خەنزۇتىللىرىنى ئىگىلىگەن ، موڭغۇل تىلىنى بىر موڭغۇل تونۇشى ئارقىلىق ئۆزلۈگىدىن ئۈگەنگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى دەۋىرنىڭ يىتۈك زىيالىيسىغا ئايلانغان بولسىمۇ يەنە ئۆگىنىشتىن توختاپ قالمىدى. 1923-يىلى 3-ئايدا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابلەتخاننى، ئېغىرئاياق ئايالى ئايىمخاننى ئۆيدە قالدۇرۇپ رۇسىيىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇت مۇھىتى، جامال مۇتئىلار بىلەن بىرگە يولغا چىقتى ۋە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ مۇسكۇۋادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تونۇشى ئارقىلىق ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. 1926-يىلى 6-ئايدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مېدال بىلەن موكاپاتلاندى. ئوقۇتقۇچىسى بۇ تالانىتلىق ئوقۇغۇچىسىنى موسكۇۋادا قېلىشقا دەۋەت قىلغاندا ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىپ تۇرپانغا قايتىپ كەلدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاغ داۋانلارنى ئېشىپ، تۆگە، ئاتلىق كارۋانلار بىلەن نەچچە ئايلاپ مېڭىپ، نەدە مەكتەپ، نەدە ئۈگىنىدىغان بىلىم بولسا، شۇيەردە ئوقۇش ئىرادىسى بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي ۋە ئۇيالدۇرماي قالمايدۇ. مانا ھازىر شۇنداق ياخشى شارائىت، ئەۋزەل دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. ئوقۇيمىزلا دېسەك ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتەلەيدىغان ئىمكانىيەت بار. ۋەھالەنكى، بىرقىسىم بالىلىرىمىز ياشلىرىمىز ھە-دەپ ئوقۇشتىن قېچىپ ، ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ، ۋاقتىنى بىكارچىلىق، ئويۇن تاماششا، ياكى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزمەكتە. موشۇنداق ياشلىرىمىزنى ئابدۇخالىقنىڭ روھى قورۇندۇرماسمۇ؟!

(2)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھىدىكى يەنە بىر ئەڭگۈشتەر مەرىپەتچىلىك ئىدىيسىدۇر. بىرقسىم كشىلەر ئىلىم-مەرىپەتنى شەخسى مەنپەت ئۈچۈن، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۈرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. يەنە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قورسىقى بىلىم بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىشنى، خىزمەت قىلدۈرۈشنى بىلمەيدۇ ياكى ئىشلەتمەيدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئانا خەلىغى ئۈچۈن ئۈگەندى. ئۈگەنگەن بىلىمىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئانا خەلىغىنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى يوروتۇش ئۈچۈن ئىشلەتتى. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شۆتاڭنى ۋە موسكۇۋادا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىدى. لېكىن ئۇ بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئۆز ھويلىسىدا مەكتەپ ئېچىپ ، بالا ئوقۇتتى. كىشىلەر چەتئەلدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىينىڭ ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان مەسۈملەرنى ئوقۇتۇش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران قېلىشىتى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 2-قىتىم چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقنى نادانلىق، خوراپاتلىق، زالالەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىر دىن بىر يولى مەكتەپ ئېچىش ئىكەنلىكىنى، قاراڭغۇ دىللارن پەقەت مەرىپەت نۇرى بىلەنلا يورۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، مەسلەكداشلىرى بىلەن مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كەلدى. بىراق 1913-يىلى تۇرپان ئاستانىدە ئېچىلغان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى قاتارلىقلار ئاچقان يېڭىچە مەكتەپلەر پىتنىخۇر ئىشان، بەگلەرنىڭ چېقىمى بىلەن تاقالغاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى چەكلىگەن ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە ساقلاپ تۇرۇشنىڭ مىللەتكە غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ قاراپ تۇرماي، تەۋەككۇل دەپ ئوتىرىغا چۈشۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، خىيىم خەتەردىن قورىقماي ئۆز ھويلىسىدا بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچتى...

تۇرپان يېڭى شەھەر بازىرىدىكى بىر خالتا كوچىنىڭ ئىچكىرسىدە، ئازادە ھويلىدىكى پارتا ئورۇندۇقلار قويۇلغان، قارا تاختاي ئېسىلغان يورۇق سىنىپتا گەۋدىلىك، سۇمباتلىق، كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرغان، چىرايىدىن ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىۋاتقان كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل مەمنۇنلۇق تەپچىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت گۈلدەك تېزىلىپ ئولتۇرغان 13 مەسۇم بالىغا دەرس ئۆتمەكتە ئىدى. مانا بۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئوماق بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ رازىمەنلىك بىلەن قاراشلىرى، خەتلەرنى قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشلىرى،  ئوقۇشقا شۈنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بېرىلىشلىرىدىن ئالەمچە شادلىققا چۆمەتتى. ۋۇجۇدى كۈچ قۇۋەتكە تولاتتى... بىراق ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈزبەردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى جىسا ۋە سوپى-ئىشانلار سىنىپقا باستۇرۇپ كېرىپ، بالىلارنى ھەيدەپ، پارتا-ئورۇندۇقلارنى چېقىپ، مەكتەپنى تاقىۋەتتى.  غەزەپلەنگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى.

ئۇ يەنە بىرقتىم غەيرەتكە كېلىپ، ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، مەخسۇت مۇھىتى، ھېسامىدىن زۇپەر قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن يېڭى شەھەر ئويماندەڭدە يەنە بىرقېتىم مەكتەپ ئاچتى. مەكتەپ دەرسلىكىگە ھېساب، جۇغراپىيە، ھۆسىنخەت، ئەخلاق، دىن دەرسى، ئەسرى سائەدەت ۋە باشقىلار كىرگۈزۈلدى. ياش بالىلارنىڭ يۇمران ۋە چۆچۈك ئاۋازلىرى چاڭىلداپ تۇرپان ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردى. مەكتەپنىڭ شۆھرىتى چەت جايلارغىمۇ تارقىلىپ، گۇچۇڭ، پىچان، ئاستانە، توقسۇنلاردىن ئوقۇشقا تەشنا بولغان بالىلار كېلىشكە باشلىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئوقۇتۇش، قانداق قىلىپ ساۋادىنى تېز چىقىرىش جەھەتلەردە جان كۆيدۈرۈپ ئشلىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي كونا شەھەردە يەنە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىتى. يېڭى شەھەردىكى مەكتەپ 2-يىلىغا، قەدەم قويغاندا ئوقۇغۇچىلار تەڭشىلىپ خىلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى. مەكتەپ ھويلىسىدا ھەرخىل گىمناستىكا، نوتۇق سۆزلەش، دېكىلىماتسىيە، پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە ئەتىراپتىكى كىشلەر ھەيران بولۇپ قىزىقىپ كۆرۈشتى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قايىل بولۇشتى. نەتىجىدە بىر تۈ*ركۈم كىشىلەر كېلىپ ئوقۇش تەلىپىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىر سىنىپلىق چوڭ ياشلىقلار سىنىپى ئاچتى. بۇنىڭ تەسىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى.  

مەكتەپ ئېچىش چەكلەنگەن ئەشۇ دەۋردە، خېيمخەتەردىن قورقماي، ئۆز يېندىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپ ئېچىپ، خالىس بالا تەربىيلەشتەك روھنى ھەقىقى پىداكار، ئۇلۇغ روھ دېمەي بولمايدۇ! ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ بىرقىسىم بېيىغان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى، تىجارەتچىلەر ئۆز پۇللىرىنى مەكتەپ، باغچا، دوختۇرخانا سېلىشتەك ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ روھى يۆلىگەي!

(3)

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يەنە بىر خىسلەت تەرەققىيپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت. ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭدا تەرەققىيات، ئىلغارلىق دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى. «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش»نى ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشتىكى كۇزۇرى قىلغان ياڭ زېڭشىن ھۆكىمرانلىق قىلغان 17 يىلدا سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق كىتابىدا ئېيىتقىنىدەك: «شىنجاڭدا ھېچقانداق قۇرۇلۇش قىلمىغان، مەدەنىيەت مۇئەسسەلىرى، ئاخبارات ئورگىنى قۇرمىغان، بىر پارچىمۇ گېزىت چىقارمىغان. تىياتىرخانا، مەدەنىيەت يۇرتى، كىتابخانا قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئى يول قويمىغان» ئىدى. شۇڭا خەلق ئوتتۇرا ئەسىر جاھالەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئىپتىدائىي، نادان، خۇراپات ئاسارىتىدە ياشايىتتى. رۇسىيىدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات بىلەن شىنجاڭدىكى ئاسمان-زېمىن پەرقنى كۆرگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتتىق ئېچىنىپ، قەلبى ئۆرتىنىپ، خەلقنى تەرەققىياتقا، ئىلغارلىققا باشلاشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى دەپ ھېسابلايىتتى.شۇڭا ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا خەلقنى ئىلىم-مەرىپەتكە، يېڭىلىققا، ئۇيۇشۇشقا، ئىتىپاقلىققا، پاك ياشاشقا، نادانلىقتىن، خوراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئۈندەيدىغان كۆپلىگەن جەڭگىۋار، يارقىن شېئىرلارنى يازدى. موشۇ مەزمۇندىكى كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. ئۆزى باشلامچى بولۇپ خەلقنى يېتەكلىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئۇيغۇر» دېگەن تەخەللۇسنىمۇ مەخسۇت مۇھىتى سۆزلەپ بەرگەن بىر رىۋايەتكە ئاساسەن موشۇ مۇددىئادا قويغان ئىدى. بۇ ھەقتە يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز «بالدۇر ئويغانغان ئادەم –ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:«...‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹ئۇيۇشقاق›، ‹يادەملەشمەك› دېگەندىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز موشۇ نام بىلەن جاھانغا تونۇلغان. لېكىن بىز ھازىر ‹جاھان موشۇ› دەپ ئۆزىمىز تۇرغان جاينى بىلىپ، دۇنيادىن بىخەۋەر قالدۇق. زۇلۇم، زورلۇق، خوراپاتلىق، نادانلىق خەلقىمىزنى قۇمدەك چېچىۋەتتى. بىزنىڭ ئۇيغۇر دېگەن نامىمىز ئۆچۈشكە باشلاپ، ھازىر ئۆزىمىزنى قەشقەرلىك، كۇچارلىق، تۇرپانلىق، ئىلىلىق دەپلا ئاتايدىغان بولدۇق.  بۇنىڭغا مىنىڭ پاك ۋىجدانىم، ئىنسانىي غۇرۇرۇم قانداق چىدايدۇ؟ مەن ئاتا بوۋىلارنىڭ تارىختىكى ئالەم شۇمۇل شان-شۆھرىتىنى ياد ئېتىپ، ‹ئۇيغۇر› نامىنى ئۆزۈمگە تەخەللۇس قىلدىم...»

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىيپەرۋەلىك ئىددىيسى ئۇنىڭ «باردۇر» ناملىق شېئىرىدا ئەڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان:

جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن جاپا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر.



زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.



ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇرمىز، ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشىمىز باردۇر.



تەئاۋۇنۇ-تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.



يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،

ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.



ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.



بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.



ئىخۋان[①] ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

مەگەر دوسىت بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.



خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،

يۇشۇرماي بىرىگە ئوننى تېپىپ قالغانىمىز باردۇر.



بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنمايمىز،

قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە، يۇمۇپ كۆز پو ئاتقىنىمىز باردۇر.



كېرەكسىز مۇستەھەب[②] ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،

ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.



ئويۇن –چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز ئارا بىئەت بولساق،

ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.



خوشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

قوۋلۇغۇ، شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ رەڭ يالغانىمىز باردۇر.



«ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،

لويى، ئامبال ۋە دارېن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.



ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.



گۆركىرەپ كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

ئەقىلنى ئىشلەتمەي، ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.



ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.



مىسلى جەننەت، تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،

ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.



مۇنەججىم ھەم ئىنژېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

تونۇ-سەللە، نەپسى بالا موللىمىز، سۇلتانىمز باردۇر.



قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ بەك باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.



ئەل-يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.



ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،

شۇچاغ كەلگەندە بىرلەردە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۇقىرقىدەك شېئرلىرى بىلەن خەلىقنى ئىلغارلىققا چاقىرىپلا قالماستىن بىر قاتار ئەمىلىي خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلىدى. ئۇ رۇسيىدىن ئالغان تەسىراتىغا ئاساسەن مەتبەچىلىك، نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ خەلقنى تەبىيىلەش ئويغىتىشتىكى رولىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تۇرپاندا بىر باسما زاۋۇدى قۇرۇش قارارىغا كەلدى. ۋە رۇسيەگە ماڭغان سودا كارۋانلىرى ئارقىلىق رۇسيىدىن باسما ئۈسكۈنلىرىنى ئەكەلدۈردى. ئەپسۇسكى ئۈسكۈنىلەر 1927-يىلى ئەتىيازدا چېگىرىدىن ئۆتۈپ ، چۆچەككە يېتىپ كەلگەندە بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قالغان ياڭ زېڭشىن  ساراسىمىگە چۈشۈپ زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى دەرھال مۇسادىرە قىلدى. موشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەرخىل سورۇنلاردا نوتۇق سۆزلەش،  ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق خەلىقنى يېتەكلەش رولىنى تۇتتى. ئۇ ھەرخىل يىغىلىشلاردا ، بازارلاردا، كوچىلاردا نوتۇق سۆزلەپ  چەتئەللەردىكى يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، يۇرتىمىزدىكى قالاقلىقلارنى پاش قىلىپ، خەلقنى ئويغۇنۇشقا، نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى.  ئۆزىنىڭ موشۇ مەزمۇندىكى شېئرلىرىنى كەڭ ئاۋامغا ئوقۇپ بېرىپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دوستىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلرىنى كوچىلارغا چاپلاپ، قولدىن قولغا كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، ئىلغارلىقنى، تەرەققىيپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە مەسلەكداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يېڭى شەھەردىكى مەكتەپتە، خۇراپاتلىق، نادانلىقنى قامچىلاش مەزمۇن قىلىنغان كونسېرت كېچىكى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. شائىر تاشكەنت شەھرىدە كۆرگەن مەدەنىي پائالىيەتلەرنى تىياتىر، كونسېرىتلارنى كۆز ئالدىغان كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مەكتەپ پائالىيەتلىرىگە تەبىقلىدى ۋە كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىپ بىر قانچە كونسېرت نومۇرلىرىنى قوراشتۇرۇپ چىقىتى. ئۇلار خەلق ئىچىدە ئېيتىلىۋاتقان «پەريادەي»، «ئېگىز تاغ باشىدا»، «راي-راي»قاتارلىق ناخشىلارنى ئەسلى تېكىستىنى ئاساس قلىپ ئىسلاھ قىلدى ۋە سەھنېگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگەتتى. شائىر ئۆزى «پېرىخۇن» ناملىق سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئويماندەڭنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئايۋانچىنىڭ سۇپسى سەھنە ئورنى قىلىندى. كونسېرت كىچىلىكىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى، ساۋات چېقىرىش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلرى تەكلىپ قىلىندى. ئىختىيارىي قىلغۇچىلارغا كەڭ يول بېرىلدى. ئويماندەڭگە يۈزلىگەن تاماششىبىنلار يىغىلىپ، كونسېرت باشلاندى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار «ۋىجدان ئازابى» ناملىق شېئىرنى دىكلىماتىسيە قىلدى. ئەپيۇنكەشلەر تەنقىد قىلىنغان «راي-راي» ناملىق ئىيتىشىشىنى ئورۇندىدى. «پەريادەي» ناملىق ناخشىنى ئىيتتى. خۇراپاتلىق قامچىلانغان «پېرىخۇن» ناملىق ئىتۇتنى ئېلىپ چىقتى. نومۇرلار بىر بىرىدىن قىزغىن قارشى ئىلىنىپ، ھەربىر نومۇر 3-4 قېتىمدىن ئورۇندالدى. بۇ نومۇرلارنىڭ تاكامۇللاشقىنى بولماستىن ئومومىي خەلقىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىزارلىغى، خەلق سەنئىتىنىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىگە ئىلىپ چىقلىپ، خەلق بىلەن يۈز كۈرۈشكەنلىكىدىن بولغان ئىدى. كونسېرت ئاخىرلاشقاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى: «بىز بۈگۈن، ئۆي مەشرەپلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتۇق. بىرمۇنچە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتۇق. خەلقنى ئويغۇتۇپ مەرىپەتكە، مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا باشلىماقچى بولدۇق. بىز بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلمىساق، ياكى قىلىشقا جۈرئەت قىلمىساق، بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بولماقچى؟ دۇنيادا قانداق ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟ قانداق تەرەققىياتلار كېتىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپالماي جاھالەت ئۇيقۇسىدا يېتىۋىرىدىغان بولساق، ھالىمىز ۋاي، خاراب بولىمىز. قالاقلىق ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. داۋاملىق قالاق ھالەتتە يىتىۋەرسەك، بۈگۈنكى دۇنيادا باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا يىيىلىپ كېتىمىز. مىللىتىمىز تارىخ سەھنىسىدىن ئىزسىز غايىپ بولىدۇ. قۇمغا سىڭگەن سۇدەك سىڭىپ تۈگەيمىز...بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك قورققىمىز كېلىدۇ. زالىملار بىزنى نادانلىق بۆشۈكلىرىگە بۆلەپ، قويۇپ ئۇزاق مۇددەت ئەللەي قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز زالىملارغا بوزەك بولمايمىز دېسەك، كۆزىمىزنى ئېچىشىمىز،  تەرەققىياتقا قاراپ مېڭىشىىز كېرەك. ئۆزىمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ، كۆزىمىزنى ئاچىمىز دېسەك ، مەكتەپ ئېچىپ بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشىمىز. ئۆز تەقدىرىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن ھەل قىلىپ، ئىلىم-بىلىم يولى ئارقىلىق پارلاق ئىستىقبالنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر يولىمىز. ئوقۇپ، ئۈگۈنۈپ بىلگەندىلا، دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا يېتىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ. باشقا ئەللەر، باشقا مىللەتلەر ئاسماندا غارقىراپ ئۇچىۋاتىدۇ.ئوقۇساق، بىلسەك بىزمۇ ئۇچالايمىز!»

مانا ھازىر بىز 21-ئەسىردە، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. بۈگۈنكى دەۋردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. موشۇنداق ئالاھىدە دەۋىرلەردىمۇ مىللىتىىز ئەزالىرى ئېچىدە كومپىيۇتېرنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان، نادانلىق، خۇراپاتلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان، يېڭىلىق، تەرەققىياتتىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان كشىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. مانا بۇلارنى بۇنىڭدىن 80 يىللار بۇرۇن ياشىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا قانچىلىك ئەپسۇسلۇققا، ئىزتىراپقا چۆكەرمىز؟!

  مانا، يىللار بىر –بىرىنى قوغلىشىپ ھەش-پەش دېگۈچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغانلىقىغا 100يىل، ۋاپاتىغا 68 يىل توشۇپ قالدى. مەرھۇم بەكمۇ ياش، ھاياتىنىڭ ئەڭ نۆۋەر چاغلىرىدا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى. يىللار ئۆتۈپ ئەلسىمىلەر كونىرىغانچە، بۇئۇلۇغ زاتقا بولغان سېغىنىشىمىز بارغانچە كۈچەيمەكتە. ئۇنىڭ قەلبىمىزدىكى ئوبرازى بارغانچە نۇرلانماقتا. يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمەكتە. ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە يورتۇپ بەرگەن ھەقىقەتلەر بۈگۈنكى كۈندە بارغانچە ئىسپاتلىنىپ، بۇ زاتنىڭ روھىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرماقتا. خەير، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىلىمخۇمارلىق، مەرىپەتپەرۋەرلىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك روھى بىزگە مەڭگۈ مەدەت بەرگەي!



پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. «بالدۇر ئويغانغان ئادەم-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»، مۇھەممەت شاھنىياز، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 2001-يىل نەشىرى

2. «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، خېۋىر تۆمۈر، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1987-يىل نەشىرى



مەنبە: «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژۇنىلى، 2001-يىل، 6-سان، 19-بەت



--------------------------------------------------------------------------------

[①]  ئىخۋان-قېرىنداشلىق

[②]  مۇستەھەپ-قىلسىمۇ يامان بولمايدۇ.


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى ، نۇرلۇق مەرىپەت يۇلتۇزى ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا ، مەرىپەت يولىدىكى تىرىشچان روھىغا ، زۇلمەتلىك يىللاردىكى قالدۇرغان يارقىن ئىزلىرىغا  دائىر تەپسىلاتلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن .  ماقالىنىڭ  ھەم ئىدىيىۋى قىممىتى ھەم بەدىئىي قىممىتى  ھەم  تارىخىي قىممىتى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ . « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشىپ ، قىممەت يۈكسەكلىكى تېخىمۇ نامايان بوپتۇ .  ئۆمەرجان سىدىقنىڭ قەلىمىگە بەركەت ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەر يار  بولغاي !

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش