جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1351 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 7

80 - يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى مېتوت مەسىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
      
  
           20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر     ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى مېتود مەسىلىسى


                               رىزۋانگۈل رەخمىتۇللا

                   (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 2009-يىللىق ئاسپىرانتى)

[摘  要]20世纪后半以来,随着维吾尔文学的不断发展,在维吾尔文学实践过程中的理论成果的推动下,维吾尔文艺学也得到了发展。虽然维吾尔文艺学取得了一些成就,但还是未能达到文学与社会生活关系的标准以及研究文学与社会的标准。我们所使用的研究文学的方法论在有些方面还不能有效地体现文学的发展。因此,大胆尝试文艺学中的新的方法论,进一步推动文学发展,是我们当前必须解决的问题。
[关键词]文艺学;文学方法论;大胆尝试

20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا باشلانغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، خېلى بىر مەزگىل بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زور جانلىنىش مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئەدەبىياتشۇناسلىق ھۈجەيرىلىرى ئاساسىدا ئەدەبىياتشۇناسلىقتىن ئىبارەت پەن قايتىدىن يېڭى بىر تۈستە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى ھەم ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا قورال بولۇش رولىنى ئوينايدىغان مېتود مەسىلىسىدۇر. مەزكۇر ماقالىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن ماتېرىياللار ۋە بۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئېرىشكەن چۈشەنچىلىرىمگە تايىنىپ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى مېتود مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى يۈزلىنىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ماقالىدا ئالدى بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ئاندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ تارىخى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، 80- يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ مېتود مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى مېتودىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
1. ئەدەبىياتشۇناسلىق
ئەدەبىياتشۇناسلىق − ئەدەبىياتنى ئوبيېكت قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى، ئالاھىدىلىكى ھەم ئۇنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولغان ئىلىمدۇر.
ئەدەبىياتشۇناسلىق ئەدەبىيات ئەمەلىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋى خۇلاسىسى بولۇپ، ئەدەبىيات ئەمەلىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تۈزىتىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئەدەبىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئۆز تەتقىقات دائىرىسى ئىچىدە، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىي تەنقىد ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ بۇ ئۈچ تەركىبى قىسمى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئەدەبىي تەنقىدتىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئەدەبىي تەنقىدنى مۇئەييەن نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزەر، مېتود، ئۆلچەم ۋە كاتېگورىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەدەبىيات تارىخىنىڭ قانۇنىيىتىنى تونۇشنى ئۆزىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلاردا توغرا ئەدەبىيات نەزەرىيەسى نۇقتىئىنەزەرى بولمىسا، ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىنى ئىلمىي يوسۇندا يۈرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئادەتتە، ئېستېتىكا، بىلىش نەزەرىيەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق كۆپ خىل كۆزىتىش نۇقتىسىدىن ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئەسەر، ئەدەبىي ئىجادىيەت، قوبۇل قىلىش، ئەدەبىيات پائالىيىتىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا تارىخ ۋە ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ. ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى ئەدەبىياتنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش جەريانى، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلاشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىياتشۇناسلىق پەلسەپە، شۇنداقلا تەبىئىي پەنلەر ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىمە باغلىنىشقا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، ئەدەبىياتشۇناسلىق پەلسەپە ۋە ئېستېتىكىنى ئاساس قىلىپ ئۆزىنىڭ مېتود ئاساسىنى تىكلەيدۇ، ئۇ يەنە ئېتنوگرافىيە، تارىخشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرگە ئىستىخىيەلىك ھالدا باغلىنىدۇ.
2. ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى
ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى ئەدەبىياتشۇناسلىقتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان مەۋقەدىكى تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر.
بۈگۈنكى دەۋردىكى ئىلىم- پەن تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ ھەم يۈكسەك دەرىجىدىكى تارماقلارغا بۆلۈنۈش، ھەم يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرساللىق بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت كىشىلەردىن تەپەككۇر شەكلىنى بىر گەۋدىلىشىش ھەم ئۇنىۋېرساللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەدەبىيات ئىلىم-پەن بىلەن ماھىيەتلىك پەرقلەنسىمۇ، ئىلىم-پەن بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئۇنىۋېرساللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، كۆپ خىل، ئۇنىۋېرسال، بىر گەۋدىلەشكەن ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
تەتقىقات مېتودى بىلىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە، باشتىن-ئاخىر تەتقىقات ئوبيېكتىنى تىزگىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى تەتقىقات مېتودى شەكىللىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەدەبىياتقا قانداق مەۋقەدە مۇئامىلە قىلىشتۇر. ئەدەبىيات تەبىئىي پەنلەر، پەلسەپىگە ئوخشاش مۇستەقىل ئەمەلىي گەۋدە، شۇنداقلا بىر پۈتۈن سىستېما بولۇپ، ئىنسانلار بىلىش تارىخىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدىكى ئەدەبىياتقا بولغان تونۇش ئوخشاش بولمىغانىدى. قەدىمكى يۇناندا، ئېستېتىكا ۋە ئەدەبىيات ئىدىيەسى ئەمدىلا بىخلانغان مەزگىللەردە، ئەدەبىيات بىلەن ئېستېتىكا تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالدى. ئەپلاتۇن، ئارىستوتىلدىن تاكى گىگىلغىچە بولغان غەرب پەيلاسوپلىرى ئەدەبىيات پەلسەپىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى، دەپ قارىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى تېئولوگىيە (ئىلاھىيەتشۇناسلىق) ئەدەبىياتنى دىنىي ھۆكۈمرانلىقنى قوغداشنىڭ قورالى دەپ قارىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات ئۆزىگە خاس مۇكەممەل بىر سىستېما دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى سىستېما نەزەرىيەسى نۇقتىئىينەزىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر مۇئەييەن سىستېما شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ، ئەدەبىياتمۇ ئۆزىگە خاس مەۋجۇتلۇق شەكلىگە ئىگە سىستېمىدۇر. ئەدەبىيات تەبىئىي سىستېمىلارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇئەييەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ئىجاد قىلىنىدىغان بولغاچقا، سۈنئىي سىستېمىغا مەنسۇپ بولىدۇ، شۇنداقلا سۈنئىي سىستېما سۈپىتىدە، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، ئەدەبىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتى، مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن ئىككى ياقلىمىلىق باغلىنىشقا ئىگە بولىدىغان ئېچىۋېتىلگەن، ھەرىكەتچان سىستېمىدۇر، ئۇ ئۆزىدە ھازىرلىغان ئامىللار، قۇرۇلما قاتلىمى، فۇنكسىيەلەر تەبىئىي سىستېمىلارنىڭكىگە قارىغاندا مول ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ. سىستېما پىرىنسىپى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يازغۇچى، ئەسەر، ئوقۇرمەن، تۇرمۇش، ئىجادىيەت، زوقلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالەتتە مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئۇششاق سىستېما شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشاش ئۇششاق سىستېمىلار بىلەن بىرىكىپ، چوڭ بىر ئۇنىۋېرسال سىستېمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇ باشقا سەنئەت، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە قويۇلغاندا، باشقا تۈردىكى سەنئەت قۇرۇلمىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەنئەت مەدەنىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەدەبىيات مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىيات كۆپ خىل ئامىل، كۆپ خىل فۇنكسىيە، كۆپ  قاتلاملىق، كۆپ خىل قۇرۇلمىلىق بىرىكمە سىستېمىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىيات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامىللار، قۇرۇلمىلار، قاتلاملار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. ئەدەبىيات ئوبيېكتىنىڭ موللىقى ۋە سىستېمىلىقلىقى كۆپ خىل، بىر گەۋدىلەشكەن ئەدەبىيات تەتقىقاتى مېتودى سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە چەكسىز ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، تەتقىقات ئوبيېكتىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان مەۋقەنى يېتەكچى قىلغان تۈرلۈك تەتقىقات مېتودلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى؛ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان بەلگىشۇناسلىق، سېماسىيولوگىيە، قۇرۇلمىچىلىق؛ يازغۇچى، ئوقۇرمەننى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان ئەدەبىيات پىسخولوگىيەسى؛ ئەدەبىيات پائالىيىتىنىڭ جەريانىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان ئۇچۇر نەزەرىيەسى؛ ئەدەبىياتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان قىممەتشۇناسلىق قاتارلىق تەتقىقات مېتودلىرى تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئاساسلىنىدىغان مەۋقەسىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئايرىم گەۋدە ھالىتىدە شەكىللىنىپ، ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودىدىن ئىبارەت چوڭ بىر سىستېمىنى شەكىللەندۈردى.
ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ كۆپلۈكى، سىستېمىلىقلىقى مۇقەررەر ھالدا تەتقىقات مېتودىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئۇنىۋېرساللىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇرۇن ھەم ھازىر ئەدەبىياتشۇناسلىقتا كۆپ قوللىنىلغان ۋە قوللىنىلىۋاتقان مېتودلارنى مۇئەييەن ئىچكى باغلىنىشى ۋە تاشقى پەرقىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىغاندا، ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى ئاساسلىق مېتودلار ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى مېتودى، ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىقى مېتودى، ئەدەبىيات پىسخولوگىيەسى مېتودى، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات مېتودى، «يېڭى تەنقىدچىلىك» مېتودى، ئەپسانە، ئەسلىي تىپ تەنقىدچىلىكى مېتودى، تارىخىي تەنقىد مېتودى، ئېتىكا تەنقىدچىلىك مېتودى، ئىستىلىستىكىلىق تەنقىدچىلىك مېتودى، ھادىسىشۇناسلىق تەتقىقاتى مېتودى، ئىزاھشۇناسلىق مېتودى، قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىسى مېتودى، قۇرۇلمىچىلىق مېتودى، كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق مېتودى... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مېتودلار ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەدەبىياتشۇناسلىقتىكى قورال سۈپىتىدە، ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىم، چۈشەنچىلەرنىڭ مۇكەممەللىشىپ بېيىشى، ئەدەبىياتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىدا ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئوخشاش بولمىغان مەۋقەلەر بويىچە جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
3. ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ۋە 80- يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا مېتود مەسىلىسى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەدەبىياتشۇناسلىق ئۆزىگە خاس بىر پەن سۈپىتىدە شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئەدەبىياتشۇناسلىقتىن مۇستەسنا ھالدىكى ئەدەبىيات دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئۆلچىمى، كاتېگورىيەسى ۋە ئەدەبىيات ماھارىتىنىڭ ھېچقايسىسى «ئاساسسىز» بارلىققا كەلمەيدۇ. ياندۇرۇپ ئېيتساق، بىر قاتار ۋەزىپە، چۈشەنچىلەر بولمىسا، شۇنداقلا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەزى نۇقتىئىنەزەر ۋە خۇلاسىلەر بولمىسا، ئەدەبىي تەنقىد ۋە ئەدەبىيات تارىخىنى يازغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەرگىز ھەممىسىنى يەڭگىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. مەسىلەن، بىز دائىم ئالدىن يېتىلدۈرىۋالغان چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن ئەسەر ئوقۇيمىز، بىراق تېخىمۇ كۆپ ئەسەر ئوقۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغىنىمىزدا، ئۇ چۈشەنچىلىرىمىزنى يەنە دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرىمىز. بۇ جەريان دىيالېكتىكىلىق بولىدۇ: يەنى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئۆزئارا سىڭىشىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىىياتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغىچە بولغان تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شېئىرىيەت ئاساسلىق ئەدەبىي ژانىر سۈپىتىدە داۋام قىلغان ۋە بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم ئۆز تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان. گەرچە ئەينى دەۋردە شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلار ياكى شېئىرىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئالىملار شېئىرىيەت توغرىسىدا رەسمىي ئەدەبىياتشۇناسلىققا مەنسۇپ بولغان نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى قالدۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كىرگەن ھەم شۇنىڭدىن بۇيانقى 1000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئاساسلىق شەكىل بولغان ئارۇز ۋەزنىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ قاتتىقلىقىدىن، شېئىرىيەت ھەققىدىكى يازما شەكىلگە كىرمىگەن مەلۇم بىر نەزەرىيەۋى سىستېمىنىڭ ئىستىخىيەلىك ھالدا شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە ھۆكۈم قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئارۇز ۋەزنى كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاساسلىق شەكىل ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرىيەتتە ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئەكسىچە بولغان ئەركىن ئىپادىلەش شەكىللىرى قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرىيەۋى سىستېمىسى بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قوتادغۇبىلىك»تە شائىرلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭغا يانداشقان ھالدا شېئىرىيەتنىڭ بەزى نەزەرىيەۋى مەسىلىلىرىنى شېئىرىي شەكىلدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مەھمۇد كاشغەرىيمۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە شېئىرىيەت نەزەرىيەسىگە ئائىت بەزى بايانلارنى زۆرۈر تېپىلغان جايلاردا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىگە ياتىدىغان، ئەينى دەۋردە ياشىغان ئەدىبلەرنىڭ ھاياتى خاتىرىلەنگەن ۋە ئىجادىيىتىگە قىسقىچە باھا بېرىلگەن تۇنجى مەخسۇس يىرىك ئەسەر «مەجالىسۇن نەفائىس» ۋە ئارۇز ۋەزنىنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرى مەخسۇس شەرھلەنگەن نەزەرىيەۋى ئەسەر «مىزانۇل ئەۋزان» (شېئىرىيەتتە ۋەزىن ئۆلچەملىرى) نى يازغانلىقى بىلەن بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋايىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىق تارىخىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. نەۋايى ئۆزى بۇ ساھەدە مەخسۇس قەلەم تەۋرىتىپ، يىرىك نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز تەربىيەسىدە يېتىشكەن دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىنىڭ «تەزكىرەتۇششۇئارا» (شائىرلار تەزكىرىسى) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ ئەسەردە ئەينى دەۋردە بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغان شائىرلارنىڭ ھاياتى ـ پائالىيەتلىرى، ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېرىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا قىسقىچە باھا بېرىلگەن. تەرجىمە ئەسەرلەرگە مەخسۇس تەقرىز يېزىش ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم شەكلىدۇر. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تۇتاشقىچە بولغان جەريانىدا، ئەدەبىياتشۇناسلىق رەسمىي پەن شەكلىدە داۋام قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلىرىغا باغلانغان ھالدا ئىستىخىيەلىك مەۋجۇت بولغان.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللىنىشىنى 20- ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مەزگىللەردە دەسلەپكى قەدەمدە ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك رۇس ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن دەسلەپكى مۇلاھىزە ماقالىلىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىنى چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنىڭ پاكىتى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى تۈر، ژانىرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە ئەگىشىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ ئىلگىرىلەشلەر ئاساسلىقى ئەدەبىياتنىڭ كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودىنىڭ بىر تۈرى بولغان قىممەتشۇناسلىقنى قورال قىلغان ھالدا كۆرۈلدى. ھالبۇكى، ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك، تاكى ج ك پ 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغا قەدەر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئاساسەن بولمىدى ياكى ئەدەبىياتشۇناسلىققا مەنسۇپ بولغان ئىزدىنىشلەرنىڭ سىياسىي غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئاساس قىلىنغاچقا، ئەدەبىياتشۇناسلىق ئەدەبىيات تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئوڭۇشلۇق جارى قىلدۇرالمىدى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى يىپيېڭى ھالەتتە ئىسلاھات شامىلىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي مۇكەممەللىشىپ باردى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كەلدى ۋە ئويناشقا تىرىشتى.
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال شەكىللەنگەن تەركىبى قىسمى بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ تەجرىبە، ساۋاقلىرى ئاساسىدا، ماركسىزملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسىپلىرىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى دەرسلىكى، ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىكلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن باشلىنىپ، بۇ جەھەتتە بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىشلەندى. بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ سەۋىيەسى ۋە نەتىجىسىگە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسىپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ماركسىزملىق ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە رۇس ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى دەرسلىكلىرىنىڭ ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدە بېسىپ تارقىتىلىشى ياكى ئاشكارا نەشر قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت چوڭ ھەجىملىك مەخسۇس ئەسەرلەر نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەردىن ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى، ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىن تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن تىزىسلار» ناملىق ئەسەرنى، شەرىپىدىن ئۆمەر تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلار» ناملىق ئەسەرلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ ئەدەبىيات تارىخى تۈرىگە مەنسۇپ بولغاندىن سىرت، قوللىنىلغان مېتودى جەھەتتىن ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىيات تارىخىدىن ئىبارەت تەركىبى قىسىملىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسىملىرىنىڭ بىرى بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ گۈللىنىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى بۇ مەزگىلدە ئالاھىدە گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ مەزگىلدىن باشلاپ مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەخمۇتجان ئىسلام، ھىزىم قاسىم... قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر مەخسۇس ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە پۇختىلىدى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئاساسىدا ئەدەبىياتنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ھەم گەۋدىلىك بولغان ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ بىرى، 80- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېما، مەزمۇن، شەكىل، بەدىئىيلىك قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە بىر قاتار نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇر. بۇ مەزگىلدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر قاتارلىق ئەدىبلەر تارىخى تېما ۋە رېئال تېمىغا ئائىت ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ بۇ دەۋردىكى سەۋىيەسىنى ياراتتى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق تارىخى رومانى، زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» ناملىق رومانىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نادىر ئەسەرلەر دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، پىروزا ۋە شېئىرىيەتتە تەڭ مەيدانغا كەلگەن ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش سىنىقى ۋە بۇ سىناقلارنىڭ ئاستا- ئاستا تەجرىبىدىن ئۆتۈپ مۇكەممەللىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن تىل، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بەدىئىي ماھارەت قاتارلىقلاردا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقنى نامايان قىلغان يېڭى بىر ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 80- يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى داۋامىدىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش. گەرچە ھازىرغىچە بۇ ھەقتە چوڭ ھەجىملىك مەخسۇس تېما ئىشلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ خىل تەسىر ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە گاھى قىزغىن، گاھى سۇس ھالەتتە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان چۈشەنچىلىرى، ئۇقۇم، فورمىلىرى، شەكىللىرى قاتارلىق ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللىرىنىڭ ئەكسىچە يېڭى بىر خىل تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلاردا كېيىنكى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن تەپەككۇر ئويغىنىشى، ئەقلى ئويغىنىشنى بەلگىلىك پىكىر ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بۇ ئەدەبىيات ھەرىكىتى ئالدى بىلەن شېئىرىيەتتە باشلىنىپ، ئەينى چاغدا چەت ئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىدە دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىلىقلىرى، يۈزلىنىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ياش شائىرلاردىن ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش داۋامىدا خەنزۇتىلى ئارقىلىق دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقان بىر قىسىم ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ۋۇجۇدقا چىقتى. پىروزىدا مۇھەممەت باغراش «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستى بىلەن ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1985- يىللىق سىناق سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى ۋە مۇھەممەت باغراشنىڭ يۇقىرىقى ئەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى باشلاپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «گۇڭگا شېئىرلار» نامىدىكى يېڭىچە شېئىرلار ۋە «ئىزلەنمە ھېكايىلەر» نامىدىكى يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى پىكىر، يېڭى تەپەككۇردىكى ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئەدەبىيات ھەرىكىتى دەسلىپىدە سوغۇق قارشى ئېلىنغان، تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىللىك پېشىپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى، ھەتتا كېيىنكى مەزگىللەردە بىر تۈركۈم پېشقەدەم ئەدىبلەرمۇ دەسلەپتە ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئىزدەنگۈچىلەر سېپىگە قوشۇلدى. بۇنىڭغا يازغۇچىلاردىن مەمتىمىن ھوشۇر، توختى ئايۇپ قاتارلىقلارنى، شائىرلاردىن بۇغدا ئابدۇللانى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ خىل ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىغان، ئايرىم چوڭ ھەجىملىك ئىلمى ئەسەرلەردە بۇ ھەرىكەت بىر خىل ئىزدىنىش سۈپىتىدىلا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات قارىشى، ئەدەبىيات تەپەككۇرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلغان، ئۇلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئىستىكىنى قوزغىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ مېۋىلىرى بولدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ خىل ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق كۈچ غەرب دۇنياسىدا 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باش كۆتۈرۈپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت. لېكىن، بۇ خىل تەسىر ئايرىم ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ مودېرنىزم بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مودېرنىزم بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلار ياكى ئۇچرىشالمىغانلارنىڭ ئۇچراشقانلارغا تەقلىد قىلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەندى. بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارنىڭ ئاز، بىۋاسىتە ئۇچراشقانلارغا تەقلىد قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك رېئاللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە مودېرنىزمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بويىچە چۈشىنىلمەسلىكىدەك سەلبىي ئاقىۋەتنى پەيدا قىلدى.
مەيلى قانداق نەتىجە بەرگەن بولسۇن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يېڭى بىر ئەدەبىي گۈللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەدەبىيات تارىخىنىڭ قانۇنىيىتىدە ئالدى بىلەن مەلۇم بىر يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتى بارلىققا كېلىدۇ، ئاندىن ئۇ ھەقتىكى مۇنازىرە، مۇلاھىزىلەر ئاساسىدا مۇئەييەن تەتقىقات بارلىققا كېلىپ، ئەدەبىياتشۇناسلىق ئالغا باسىدۇ. يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتى ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئەدەبىياتشۇناسلىق يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتى ئاساسىدا ئۆزىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى سىستېمىلاشقان نەزەرىيەۋى مېتود دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مەيدانغا چىققان بۇ ئەدەبىيات ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلقىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا يېڭى ئويلىنىش قوينىغا باشلاپ كىردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتى يۈز بەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاساسلىق تەتقىقات مېتودى ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان قىممەتشۇناسلىق بولغان بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، سىناق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى باشقا تۈرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، مودېرنىزمنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان سېلىشتۇرما ئەدەبىيات مېتودى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان مېتودلارنىڭ بىرى بولغان قۇرۇلمىچىلىق مېتودى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا قوللىنىلدى، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن 80- يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يىرىك تەتقىقات مېۋىلىرى مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ، بەزى ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن بۇ مېتود بويىچە يۈرگۈزۈلگەن قىسمەن مۇلاھىزىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، قۇرۇلمىچىلىق نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان ئوسمان، تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» ناملىق شېئىرىنى، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق شېئىرىنى مۇلاھىزە قىلدى، بۇ مۇلاھىزىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا تېخى تونۇشلۇق بولمىغان تەتقىقات مېتودى بولغان قۇرۇلمىچىلىقنىڭ قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك سوغۇق قارشى ئېلىنغان بولسىمۇ، يېڭى بىر تەتقىقات مېتودىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېما، ئىپادىلەش ئۇسۇلى قاتارلىق تەرەپلىرىدە 80- يىللاردىكى تەرەققىيات ئاساسىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كېلىپ، بىر قاتار نەتىجىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سىجىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى نوقۇل ھالدا ئاددىي تۇرمۇشنى يېزىشتىن كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئىنسان تەبىئىتىنى قاتارلىق تېمىلارغا يۈزلەندى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن مودېرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى دادىل قوللىنىلدى، يېڭى كۈچلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. پىروزىدا مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاقساق بۇغا» ناملىق پوۋېستى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېكولوگىيە ئېڭى تېمىسىنى تۇنجى بولۇپ ئىپادىلىدى، يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ «بۆرە ئانا» رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېكولوگىيە تېمىسىنى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى، پەرھات تۇرسۇن ئاڭ ئېقىمى پىروزىچىلىقىنىڭ بەزى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى دادىللىق بىلەن سىناق قىلىپ، ئىنساننىڭ تەبىئىتى بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئىپادىلىدى، ئۇنىڭ «مەسىھ چۆلى»، «كېسەل»، «چىنار»، قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» ناملىق رومانى ماھىيەت جەھەتتە ئىنسان تەبىئىتىنى بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى ۋە ئىنسان خاراكتېرىنىڭ ياتلىشىشى، پارچىلىنىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن 90- يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. يازغۇچى ئەسەت ئەمەتنىڭ «كېچىدىكى ئادەم»، «رويال ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياتلىشىشىنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى ياخشى ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرمۇ بۇ مەزگىلدىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئاڭ ئېقىمىنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى، بولۇپمۇ پىسخىكىلىق ئانالىز ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ «ئاخىرقى پادىچى» ناملىق پوۋېستىنى بۇ جەھەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجە دېيىش مۇمكىن. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى، خەلقنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان فولكلور ئامىللىرىنىڭ ئەدەبىياتتا مەخسۇس تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر، بۇنىڭغا مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «تۆت قۇلاق» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «ساراڭ» ناملىق ھېكايىسىدىن باشلانغان يۈرۈشلۈك ھېكايىلىرىدە، بەزىبىر يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى دادىللىق بىلەن قوللاندى. بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەققىيات، تارىخى تېمىلاردىكى ئەسەرلەر ۋە زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدۇر. بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىككى قىسىملىق رومانى «ئويغانغان زېمىن» نى ۋە زوردۇن سابىرنىڭ ئۈچ قىسىملىق تارىخى رومانى «ئانا يۇرت» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش كېرەك. بۇ ئەسەرلەر تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىشى، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق روماندا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرى دادىللىق بىلەن قوللىنىلىپ، ئىنتايىن يۈكسەك بەدىئىي ئۈنۈم يارىتىلغان. شېئىرىيەتتە، 80- يىللاردىكى ئىزدىنىش، سىناق ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىپ، بىر قىسىم پېشقەدەم شائىرلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىپادىلەش شەكىللىرى ئاساسىدا يېڭى ئىپادىلەش شەكىللىرىنى قوللاندى، بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر ھەم ئەنئەنىۋىلىككە، ھەم يېڭىلىققا ئىگە شېئىرلار ئارقىلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىش، سىناق ئاساسىدا تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ياش ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئانا تىلدا شېئىر يېزىش بىلەن بىرگە خەنزۇتىلى ياكى باشقا تىللاردىمۇ شېئىر يېزىش ئارقىلىق بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى، يەنى قوش تىللىق شائىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە نەتىجىدۇر.
ئەدەبىياتتىكى مانا مۇشۇ خىل تەرەققىيات ئاساسىدا، 20- ئەسرنىڭ 90- يىللىرىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىق خېلى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە قىممەتشۇناسلىق مېتودىنى يېتەكچى قىلىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئەدەبىي تەنقىدنى ئاساس قىلىشتىن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەخسۇس ئەسەرلەر، ئەدىبلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئاساس قىلىشقا تەرەققىي قىلدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان چوڭ ھەجىمىلىك يىرىك تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە ئايرىم ئەدىبلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى. پىروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى يىرىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن بۇيانقى يېرىم ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى نەتىجە ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئۈچۈن ئابىدە تىكلەپ بەردى. بۇ تەتقىقاتلاردىن بىز ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ئوخشاش بولمىغان ئەدەبىي تەنقىد قارىشى ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئۆلچىمى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئەدەبىي تەنقىد سەۋىيەسىدىن ئەدەبىيات تەتقىقاتى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلۈشى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. بۇ خىل ئەدەبىيات تەتقىقاتىمۇ ئاساسلىقى ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە قىممەتشۇناسلىقنى مېتود قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.
21- ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئاساسىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ، ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، يازغۇچىلارنىڭ بەدىئىي ئېڭى، قىممەت قارىشى، ئىپادىلەش ماھارىتى قاتارلىقلاردا يۈكسىلىش بولدى. بۇ خىل تەرەققىيات ئاساسىدا ئەدەبىياتشۇناسلىقتىمۇ بەلگىلىك تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتى مەخسۇس تېمىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا بۇرالدى. بىر قىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى يېڭىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، كونا ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، كونا ئەدەبىيات قاراشلىرى بىلەن ئەدەبىياتتىكى يېڭىلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەدىبلەر توغرىسىدا مەخسۇس چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس ماگستىرلىق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقىلاندى. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئېكولوگىيە ئېڭى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تىراگېدىيە ئېڭى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى ياكى دىسسېرتاتسىيەلەر ياقىلاندى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بەزى قېلىپلىشىپ قالغان شەكىللىرى ھەققىدىمۇ مەخسۇس ئىزدىنىشلەر بولدى، مەسىلەن، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېكايىنىڭ تەييار قېلىپلىرى» ناملىق ماقالە بۇ جەھەتتە ياخشى بىر ئىزدىنىشتۇر. ئىلگىرىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز كېڭىيىشى، تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى، كۆلەملىشىشى، مەخسۇسلىشىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى مېتودىنىڭ مۇكەممەللىشىپ بېرىشى ۋە يېڭى مېتودلارنى دادىل قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ 21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق يۈزلىنىشى ۋە رېئاللىقى بولۇپ قالدى.
4. خۇلاسە
ئومۇمەن ئېيتقاندا، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەمەلىيىتىنىڭ نەزەرىيەۋى خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئەدەبىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنى بېيىتىپ، بۈگۈنگىچە بىر قاتار تەرەققىيات يوللىرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، مېتود جەھەتتە يەنىلا ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئەدەبىيات بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتنىڭ كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان قىممەتشۇناسلىقتىن نېرىغا ئۆتەلمىدى. ئەدەبىيات تەتقىقاتى مېتودىنىڭ نەچچە ئون يىلغىچە پەقەت ئىككى خىللا يولغا كىرىپ قىلىپ، مېتود جەھەتتىكى كۆپ خىللىقنىڭ بولماسلىقى، بەزى ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى ئۈستىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ تەتقىقات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەسلىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىدىكى مەسىلە بولسا، يەنە بىرى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن دۇنيا ئەدەبىياتى، دۇنيا ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ئاساسلىق قوللىنىلىۋاتقان ئەدەبىيات جەمئىيەتشۇناسلىقى، قىممەتشۇناسلىق مەلۇم دەرىجىدە مېتود سۈپىتىدە قوللىنىلغاندىن باشقا، دۇنيا ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى شەكىللەندۈرگەن كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات مېتودى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. تەتقىقات مېتودى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان تەتقىقات مېتودلىرىنى بىر قەدەر كونىراپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ. بىزدە قوللىنىلىۋاتقان ئەدەبىيات تەتقىقاتى مېتودلىرى بەزى جەھەتتە ئەدەبىيات تەرەققىياتىمىزنى ئىلمىي مەنىدىن يورۇتۇپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا يېڭى مېتودلارنى دادىل تەتبىقلاش، سىناق قىلىش، ئەدەبىيات تەرەققىياتىنى يېڭىچە مېتودلارنىڭ ياردىمىدە يورۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز بىر مەسىلە. ئىشىنىمىزكى، ئەدەبىياتشۇناسلىق قوشۇنىنىڭ زورىيىشى، ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن، ئەدەبىياتشۇناسلىقمىزنىڭ مېتودىدا بەلگىلىك يېڭىلىنىش بولۇپ، ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنىڭ تەتقىقات تەرەققىياتىدا داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. چىن مىڭشۇ: «ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودولوگىيەسى»، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2004- يىل 7- ئاي نەشرى.
2. خۇ جىڭجى، ۋاڭ چىچۈن تۈزگەن: «ئەدەبىيات- سەنئەت ئېستېتىكىسى مېتودى»، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1995- يىل نەشرى.
3. جاڭ يۈنىڭ: «نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى ھەققىدە ئويلىنىش»، جۇڭگو يازغۇچىلار تورىدا ئېلان قىلىنغان.

     تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 19:10  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:12:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مېنىڭچە،  بۇ خېلىلا ياخشى يېزىلغان ئىلمىي ماقالە بولۇپ، كەسپداشلارنىڭ بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 19:29  


ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 21:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماقالىنىڭ بەت نومۇرى مۇندەرىجىدىكى بىلەن ئوخشاشمىدۇ؟ بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە بولغاندىكىن ساقلىۋالساق، كېيىن پايدىلىنىشتا ژۇرنالنىڭ سانى ۋە بەتنى ئېنىق ئېلىشتا لازىم بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 250
تۆھپە : 1
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 22:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈل مۇشۇنچىلىك ماقالە يازالىغان بولسا ، ئاسپىرانىتلىقنىڭ پايدىسى كۆپ بوپتۇ ئۇنىڭغا ....

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 114
تۆھپە : 3
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 01:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق ئۇچۇرلار بار ئىكەن، خېلى ياخشى ئىزدىنىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 21:51
ماقالىنىڭ بەت نومۇرى مۇندەرىجىدىكى بىلەن ئوخشاشمىد ...

   ئۇكام بەگيار، ژۇرنالدا بەت نومۇرى بولغان بىلەن، تورغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كېتىدىكەن.
   بۇ ماقالە 66 -بەتتىن 74 - بەتكىچە ئورۇن ئالغان. شۇنداق پايدىلىنىڭ ياكى خوتەنگە كەلگەندە دىككىدە مېنىڭ قېشىمغا كىرىپ ئېلىپ كېتىڭ. (بىكارغا بېرىمەن. ھەم چاقچاق، ھەم راست)  

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھدى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 22:38
رىزۋانگۈل مۇشۇنچىلىك ماقالە يازالىغان بولسا ، ئاسپىرا ...


   مەھدى، بۇ ساۋاقدىشىڭىزنىڭ بەدىئىي دىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەقلى جايىدا ئوخشايدۇ... (چاقچاق جۇمۇ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:58  


ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1117
تۆھپە : 11
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىن تاجى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 01:18
جىق ئۇچۇرلار بار ئىكەن، خېلى ياخشى ئىزدىنىپتۇ.

   راست دەيسىز، مەن بۇنچىلىك سەۋيەدىكى ماقالىنى كۆرمىگىلى خېلى بولغان...

ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلما ئابرويىڭنى يوقتىسەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش