كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 0

ئابلىز ئوسمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1791
تۆھپە : 78
توردا: 674
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

阿不力~1.JPG

   ئابلىز ئوسمان 1965-يىلى 8-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1983-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1988-يىلى7-ئايدا ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىق ۋە ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2005-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
   ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن كۆپ شېئىرى، 50 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرىسى، 15 پارچە ئوبزور، ئىلمىي ماقالىسى، 20 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. «پىلسىرات كۆۋرۈكى»(پوۋېست-ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى)، «شۇ كېچە»(شېئىرلار توپلىمى)، «پىداكار شائىر نىمشېھىد» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. خېلى كۆپ ئەسەرلىرى 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. 25 پارچىغا يېقىن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
              ئۇنىڭ «تالانت ، ئادەم، كېلەچەك» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى «تارىم» ژۇرنىلى بىلەن « شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن چاغ» ئەدەبىيات  مۇكاپاتىغا، «ئوت ناخشىسى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «كەچكۈز لېرىكىسى»ناملىق شېئىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پىلسىرات كۆۋرۈكى» ناملىق پوۋېستى 6-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئاھ، پەرىشتىلەر» ناملىق داستانى «تارىم باھارى» ۋە «دەۋران» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن شاڭخەي شەھىرى ھەمكارلىقىدىكى «بەي يۈ لەنبېي» ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە  مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
                 ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.


مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش