‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلىنى ھەم بۇ ژوررنالنى ھازىرقىدەك سۈپەتلىك ھالغا يەتكۈزگەن ئابلىز ئوسماننى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئاددى بىر يازارمەن بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ژورنالغا ئەسەر ئىبەرتىپ تۇرىۋاتىمەن .گەرچە ژورنال يازمامغا ئۇرۇن بىرىپ باقمىغان بولسىمۇ ، ھەر بىر سانىنى كورگىنىمدە يازغانلىرىمنىڭ ژورنال يوزىدىكى ئەسەرلەرگە قارىغاندا ئاددى ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ يىتىمەن ھەم داۋاملىق تىرىششىش لازىملىغىنى ھىس قىلىمەن شۇنداقلا ،ئابلىز ئوسماننىڭ تەھرىرىلىك ئىستىلىنىڭ دۇرۇسلىقىدىن سۈيۈنىمەن.ئەكسىچە بەزى ژورناللارنى كورسەم كۆڭلۈم غەش بۇلۇپ قالىدۇ ،ئەدەبئى ئىجادىيەت قۇشۇنىدا قىستىلىشىپ كىتىۋاتقانلار خېلى كوپ ، ئۇلار تەھرىرلەردىن باشقا چوڭ نەرسە ئومىد قىلمايدۇ ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئادىل بولىشىنى ئومىد قىلىشىدۇ . ئەمىليەتتە ئازغىنا قەلەم ھەققى كوپ نەرسىنى ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ ، موھىمى كىشىلەرنىڭ ئەجرى . ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى ››ژورنىلنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدا يەنە بىر دىھقىتىمنى قوزغىغان ھەم مىنى سۈيۈندۈرگەن جاي ، بىر قانچە پىشقەدەمنىڭ ئەسىرىنىڭ بىرىلگەنلىكى بولدى . مەن بىر قانچە پىشقەدەم يازغۇچى -شائىرىمىزنى تۇنۇيمەن ، بەزىدە ئۇلارنىڭ مىسكىن ھالىتى كۈزۈمگە چېلىقىدۇ . ياش - قىران چاغلىرىدا راسا يېزىپ ئېلان قىلغان ، ھازىرغا كەلگەندە ئىلھامى سۇسلاپ بۇرۇنقى ھالەتنى ساقلىيالماي قالغانلارمۇ كوپ ، ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلەرمۇ بار . .قىسقىسى ئۇ مىنى سۈيۈندۈرۈپ كىلىۋاتقان ژورنال ، ئاخىردا ئابلىزكامنىڭ تىنىنىڭ تېخمۇ ساغلام ، ئىجادىيەت ، تۇرمۇش ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئومىد قىلىمەن شۇنداقلا ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات
مۇساپىسگە يىڭى ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.
|