كۆرۈش: 8518|ئىنكاس: 50

«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى

2011-1期(1-4).jpg

2012-1(1-4).jpg




        «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1980-يىلدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، 33 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ھازىرغىچە 129 سان ژۇرنال كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
       «دولان»، «كۈسەن» مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئاقسۇنىڭ قۇتلۇق نامى بىلەن ئاتالغان بۇ ژۇرنال ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتى جەريانىدا زور بىر تۈ*ركۈم قەلەم ساھىبىلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا مۇئەييەن تەسىرگە ۋە نوپۇزغا ئىگە يەرلىك ئەدەبىي ژۇرنالغا ئايلاندى. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا زوق ئاتا قىلالايدىغان تۈرلۈك ژانىردىكى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپلا قالماي، ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشتى ھەم ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. دۆلەت رەھبەرلىرىمىزدىن سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»غا بېغىشلاپ مەخسۇس شېئىر يېزىپ، بۇ ژۇرنالنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدىمىنى قۇتلۇقلىدى.
       1999-يىلى ۋە 2000-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئويۇشتۇرغان ژۇرنال باھالاش پائالىيىتىدە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 2-دەرىجىگە ئېرىشتى.
       ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىسى ئارقىسىدا بۇ ژۇرنال 2010-يىلى 2-ئايدا ئۆزىنىڭ 30 يىللىق قۇتلۇق مەرىكىسىنى ئۆتكۈزدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ئاپتونۇم رايون ئىچى-سىرتىدىكى 30غا يېقىن ژۇرنال تەھرىراتى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن بۇ پائالىيەتنى تەبرىكلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ 30 يىللىق خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى.


ژۇرنالنىڭ ئادرېسى:    ئاقسۇ شەھەر جەنۇبىي چوڭ كوچا 45-نومۇر يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئونۋېرسال بىناسى 6-قەۋەت
阿克苏市南大街45号农机推广综合楼6楼
پوچتا نومۇرى:  843000
ئېلخەت ئادرېسى: akswenyi@sina.com             تېلېفون نومۇرى:2616232-0997
مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋاكالەت نومۇرى: 47-58


阿不力孜吾斯曼照片.jpg


ئابلىز ئوسماننىڭ تەرجىمھالى



            ئابلىز ئوسمان 1965-يىلى 8-ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1973-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1983-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1988-يىلى7-ئايدا ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىق ۋە ئەدەبىي تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2005-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
             ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن كۆپ شېئىرى، 50 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرىسى، 15 پارچە ئوبزور، ئىلمىي ماقالىسى، 20 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. «پىلسىرات كۆۋرۈكى»(پوۋېست-ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى)، «شۇ كېچە»(شېئىرلار توپلىمى)، «پىداكار شائىر نىمشېھىد» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. خېلى كۆپ ئەسەرلىرى 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەدەبىي توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. 25 پارچىغا يېقىن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
              ئۇنىڭ «تالانت ، ئادەم، كېلەچەك» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى «تارىم» ژۇرنىلى بىلەن « شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن چاغ» ئەدەبىيات  مۇكاپاتىغا، «ئوت ناخشىسى» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «كەچكۈز لېرىكىسى»ناملىق شېئىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پىلسىرات كۆۋرۈكى» ناملىق پوۋېستى 6-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئاھ، پەرىشتىلەر» ناملىق داستانى «تارىم باھارى» ۋە «دەۋران» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن شاڭخەي شەھىرى ھەمكارلىقىدىكى «بەي يۈ لەنبېي» ئەدەبىيات-سەنئەت تۆھپە  مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
                 ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +115 يىغىش سەۋەبى
ئەرتېكىن + 10
قارىغاي + 105 --------

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-25 16:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاقسۇ  ئەدەبىياتى››نىڭ  يۇرىتۋازلىققا قارشى تۇرۇپ،  ژورنالنى مول مەزمۇنلار بىلەن رەڭدار  چىقارغانلىقىغا رەخمەت ئەيتماي تۇرالمايمەن...

ۋاقتى: 2012-4-25 18:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژورنالنىڭ نادىر ئەسەرلەر بىلەن دىيارىمىز خەلقىغە تېخىمۇ مول مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلىشنى ،ئابلىز ئوسمان ئەپەندىنىڭ ئىشلىرنىڭ ئۇڭۇشلۇق،تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەم ،تېنىڭنىڭ سالامەت بۇلىشنى تېلەيمەن.يانغىن ئىنىمىزنىڭ ژۇرنالنى ئەمەلى ھەركىتى بىلەن قوللىغىنى سۈيۈنىشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاقتى: 2012-4-25 21:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژورنالنىڭ تېخىمۇ رەڭدار چىقىشىغا تىلەكداشمەن !

ۋاقتى: 2012-4-25 21:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ياخشى يوللىنىپتۇ. تېما ئىگىسى ۋە ئابلىزئاكا ۋەكىللىكىدىكى ژۇرنال خادىملىرىغا سالامەتلىك يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-25 22:17:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ بېسىپ ئۆتكەن قۇتلۇق قەدەملىرى ھەقىقەتەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك تولىمۇ ئىپتىخارلىق قەدەمدۇر، يۇقىرىدىكىدەك شانلىق تۆھپىلەر ژۇرنالنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن قان-تەر سىڭدۈرۈپ ئەجىر قىلغان ژۇرنال تەھرىرلىرى ۋە بۇ ژۇرنالنى ئىزچىل قوللىغان ياخشى نىيەتلىك ئەزىز قېرىنداشلار، قەلەمكەش دوستلارنىڭ مېھنىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ژۇرنالنىڭ ئۆتكەن مۇساپىسىدىن ئىپتىخارلانغان چېغىمىزدا، چوقۇم كەلگۈسى قەدەملىرىنىڭ يەنىمۇ جۇلالىق، نۇسرەتلىك بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايمىز.
      ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدىكى ئابلىز ئوسمان قاتارلىق مېھنەتكەشلەرگە ۋە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى بارلىق دوستلارغا سەمىمىي سالام ۋە ئېھتىرام!

ۋاقتى: 2012-4-26 00:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنال ھەقىقەتەن تىز ئىلگىرلىگەن ژۇرنالدۇر . شۇ ۋەجىدىن ئابلىز ئوسمان ئاكىغا چىن قەلبىمدىن رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

ۋاقتى: 2012-4-26 00:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنالنى چىقىرىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرگە ئالىي ئېھتىرام!

ۋاقتى: 2012-4-26 10:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ئابلىز ئوسمانغا كۆز تەگمىسۇن، ئىلاھىم!!

ۋاقتى: 2012-4-26 14:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ بۆگۈنىگىچە بولغان بارلىق ئۇستاز مۇھەررىرلەرنىڭ تېنى سالامەت بولغاي.......
   ژورنالنىڭ تەسىرىنى كۈنسىرى كېڭەيتىشكە مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان ئابلىزىكامنىڭ  ئەجرىگە قۇت بولسۇن....:)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 14:16  


ۋاقتى: 2012-4-26 14:17:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       قەلەمدىشىمىز ئابلىز ئوسماننىڭ ئائىلىسىگەچەكسىز بەخت، تېنىگە سالامەتلىك، قەلىمىگە قۇۋەت، ژۇرنالچىلىق ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن!
      بۇ تېما بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىنىم يانغىنغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2012-4-26 16:16:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئوسمان ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى بارلىق تەھرىرلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خوشاللىق تىلەيمەن، ئۇلارنىڭ بىزدەك يېڭى ھەۋەسكارلارغىمۇ ئېرىنمەي تەلىم بېرىپ ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپ بېرىشىدىن تولىمۇ سۇيۇندۇم، ژورنالنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-26 23:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئوسمان ئاكىنىڭ ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكىدەك رەڭدارلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس.

ۋاقتى: 2012-4-27 12:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئوسمان ئاكىمىز «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئاكىمىزنىڭ بارلىق ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي.....

ۋاقتى: 2012-4-27 13:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق ماختاشلاردىن خالىي ھالدا شۇنى دەيمەنكى بۇندىن كيىىن تېخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ كەڭ ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا چوڭ بىر سەھنە ھازىرلاپ بىرشىنى شۇنداقلا يۇقارىقىلار تىلغا ئالاھىدىلىلەرنى ساقلاپ قېلشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش