ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 01:40
موشۇ تونۇشتۇرۇشلارغا سەل ئىشلەش كىرەكتى رەشىد بۇرادەر ...
ئابدۇمىجىت، گىپىڭىزنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلسىڭىز بوپتىكەن. قانداق قىلساق «سەل ئىشلىگەن» بولىمىز؟
ماڭا مۇشۇ سەھىپىگە تەۋسىيە قىلىنىپ يوللانغان 5-6 بالىنىڭ بالىنىڭ ماتېرىيالى بار. ئالدىنىڭ 100 پارچە ئەسىرى، كەينىنىڭ 20-30 پارچە ئەسىرى بار ئىكەن. خېلى كۆپى تورلارغا يوللانغان ئەسەرلىرىنى تېخى تور بەت كودلىرى ئارىلاشلا يوللاپ بەرگەن ئىكەن. ئاشۇ كېرەكسىز كودلارنى تازلاپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن سەرخىللىرىنى، ئىجادىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغانلىرىنى بىر نەچچە مەرتەم كۆرۈپ تاللاپ بۇ يەرگە چىقاردىم.
سىزگە قەيىرى يارىماي قالدىكىن دوستۇم؟