كۆرۈش: 6382|ئىنكاس: 51

يارغولدىن چىققان ئابدۇۋەلى ئابدۇسالام (37)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يارغول

يارغول

[ئاپتۇردىن] :

1986-يىلى7-ئاينىڭ-24كۈنى تومۇز ئىسسىق پەيىتتە تۇرپاننىڭ يىڭسار دېگەن كىچىك بىر يېزىسىدا خۇپتەن ۋاقتىدا تۇغۇلۇپتىمەن.كېيىنكى بالىلىق ۋاقىتلىرىم ئومۇمەن ئىمىن ۋاڭ مۇنارى ئەتراپىغا جايلاشقان قاڭقا دېگەن مەھەللىدە بالىلارغا خاس ئازادە،ئەركىنلىك ئىچىدە ئۆتتى.
ئويۇن قېپى ئىدىم،پۇتبول مېنىڭ بارلىقىمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى،ئۇ چاغلاردا بەلكىم يەر شارىمۇ كۆزلىرىمگە  پوتبول بولۇپ كۆرۈنسە كېرەك.باشلانغۇچ مەكتەپتە يەنىلا گەپتان،شوخ،ئەمما ئوقۇشقىمۇ قىززىقىدىغان ئۆسمۈر بولۇپ مېڭىۋەردىم...
تەغدىرىم 2000-يىلى سانجى ئوبلاستلىق سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل قاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن تامامەن ئۆزگەردى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەدەنىيەت پەنلىرىنى تامامەن ئانا تىل-يېزىقىمدا ئۆگۈنۈپ كېلىۋاتقان مەن، شۇنىڭدىن كېيىن تۇيۇقسىز مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پۈتۈنلەي يات بولغان خەنزۇ تىلىدا ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قىلىپ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇچە مائارىپنى قۇبۇل قىلغان بولدۇم. سىنىپ بويىچە ئۆزۈم يالغۇز بىر مەنلا ئۇيغۇر ئىدىم. يۇرتۇمدىكى توپىلىق يوللارنى، سۆيۈملۈك ئانا تىلىمدا چىقىدىغان ھەر خىل تاۋۇشلارنى ئوتلۇق بىر مۇھەببەت بىلەن سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇيغۇرچە مۇزىكىلارنى ئاڭلايتتىم، چۈشەنگۈدەك دىت بولمىسىمۇ مۇقاملىرىمىزنى تىڭشاپ قوياتتىم. ئۆمەرجان ئالىم، ئابدۇللا ئابدۇرېھىملارنىڭ ناخشىلىرىنىڭ تىنىقلىرىغىچە بېرىلىپ ئاڭلايتتىم...
سەن كۈلگەندە كۈلەر گۈل - گىياھ،
ياسرىشىدۇ مىڭ بۇلبۇل گويا.
ئۇلغىيىدۇ تېخىمۇ دەريا،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن...   («ئۇنۇتالمايمەن» ناملىق ناخشىدىن)

كۆيۈپ-كۆيۈپ ئۆچەرمىز بىر كۈن،
تىرىكلىكتىن يۈتەرمىز بىر كۈن.
كەتمىكى بار كەلگەننىڭ ئاخىر،
بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن...     («بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈندىن» ناملىق ناخشىدىن)

لىبەي، دۇفۇنىڭ شېئىرلىرى دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدىغان ئۇ مۇھىتىمدا بۇ كۈيلەر مېنىڭ ئاخىرقى ئامالىم، تەسەللىرىم ھېسابلىناتتى. كۈنلەر ئۆتتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇن كىتاپلارنى ئانا تىلىمغا بولغان سېغىنىش تۈپەيلىدىن بىر خىل چاڭقاقلىق ئىلكىدە ئوقۇپ كەلدىم.
2004-يىلى تۇنجى شېئىرىم «مەلىكەمگە»نى يازدىم، شۇندىن بۇيان مەن بۇ ئىشىققا مۇپتىلادۇرمەن.
2007-يىلىدىن باشلاپ بۇلاقتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىغا ئىشقا چۈشۈپ بۇ  مۇھىتتا ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە بولغان ئېچىرقىغان قەلبىمگە مەلھەم تاپقاندەك بولدۇم ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، بىلدىم، ئۆگەندىم. تەغدىر ماڭا سەمىمىي دوستلارنى ئاتا قىلدى. ئۇلار داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشۇمغا مەدەت-ئىلھام بەردى، ئانا تىل مۇھىتىمدىن يەتتە يىلدىن ئۇزاقراق ئايرىلىپ قالغان مەن، ئاشۇ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت تۈپەيلى يەنىلا قولۇمغا قەلەمنى ئېلىشقا تەۋەككۇل قىلىپ تۇرۇپتىمەن...


    شېئىر ئاداققى سەبىر تاقىتىم، ئەڭ ئاخىرقى ئامالىم. گەرچە ئۆزەمنى تېخى ھەقىقىي بىر پارچە شېئىر يېزىپ باقمىغاندەك ھېس قىلساممۇ،قەلبىمدىكى ئوت مېنى بۇ يولدىن زادىلا يانماسلىققا رىغبەتلەندۇرۇپ كەلدى. قىسقىسى مەن ئۆزلۈكسىز تىرىشىشقا بەل باغلىدىم...




   
   ئابدۇۋەلى ئابدۇسالام يارغۇل يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزدە ئۆزىنىڭ لىرىك مىسرالىرىدىكى قېنىق تۇيغۇ، ناخشا تېكىستلىرىگە خاس يىنىك ئەمما ئويناق سۆز ئىشلىتىش ماھارىتى، سۈزۈك بىر سەمىمىيلىكىتىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتىۋاتقان ياش قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرى. مەزكۇر سەھىپىگە ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا بىز ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىن بىلدۇقكى، ئۇ خېلى كىچىكلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئانا تىل مائارىپىدىن تولۇق بەھرىمان بولالمىغان. ئۇنىڭ ئانا تىلغا بولغان چاڭقاقلىقى ئۇنى ئانا تىل قەسىرىمىزنىڭ گۈلىستانى بولغان ئەدەبىيات بېغىغا باشلاپ كىرگەن ۋە بۇ يەردە ئۇ بىز بىلەن قەلبىدىن سىرداشقان. ئۇ مۇنبىرىمىزدكى نۇرغۇن قەلەمكەشلەرگە ئوخشاش ئەنە شۇ چاڭقاقلىق ۋە سەمىمىي مېھىر – مۇھەببەت بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن قەلەمگە يۈزلەنگۈچى. بىز مۇشۇ يېڭى يىل ئالمىشىش پەيتىدە ئۇنى مۇنبىرىمىزدە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز!

                                                     :-مەسئۇل مۇھەررىردىن







ئابدۇۋەلى ئابدۇسالام يارغول شېئىرلىرىدىن

ھېكايىمىز


ئاداققى تۆكۈلۈش پەسلىدە تۇردۇم،
قەلبىمدە يەنە شۇ ئاغرىق، ھاياجان.
كەل سېنى باغرىمغا چىڭ بېسىۋالاي،
چۈنكى بىز ئايرىلىپ كېتىمىز ھامان.

غازانلار سۆزلىگەي ھېكايىمىزنى،
كەچكۈزگە، ئېرىققا، سەرسان قۇشلارغا،
مۇزسىمان ئادەملەر شۇنچە ئالدىراش،
قىززىقماس مۇھەببەت دېگەن ئىشلارغا.

ھېلىقى ناخشىنى ئۇنتۇيالمىدىم،
ئۇنتۇشلا بەخىتتىن بېرىدۇ دېرەك.
سەن مېنى ھېچقاچان ئۇنتىيالمايسەن،
مەن مەڭگۈ بەخىتلىك بولمىسام كېرەك.

زىمىستان ھەققىدە سۆزلەپ دىلىمغا،
ئاستا ۋە ئاستا سىڭمەكتە قۇياش.
بەك ئۇزاق ياشىدۇق بىزلەر ئۆز ئارا،
بولۇشۇپ سۆيۈملۈك يالغان باغرى تاش.

نېمىنى ئويلايسەن گۈلۈم شۇ تاپتا،
كۆكسۈڭدە قىزىرىپ يانامدۇ گۈلخان.
بۇ ھىجران چۆلىنىڭ چەكسىزلىكىدە،
يۈرمەكتە تەمتىرەپ بىز سالغان كارۋان.

كىمنىڭ لىق بىر دۇنيا يېشى يوق دەيسەن،
مەن ئەمما يوللارغا چېچىپ باقمىدىم.
كەل سېنى جىمجىت بىر باغاشلىۋالاي،
بىز ھېلى ئايرىلىپ كېتىمىز جېنىم.



شائىر ۋە قاتىل

شائىر بولۇپ قالمىغان بولسام،
قاتىل بولۇپ قالاتتىم جەزمەن.
تۈگىشىسەن بۇ شېئىرىمنى،
ئوقۇپ سالغان تەنھا ئوقۇرمەن.

بۇ مىسرانى قەبرەم دەپ ئويلا،
شۇنچە سۈرلۈك شۇنچىلىك تىرەن.
تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزسەڭ ئەگەر،
ساڭا چوقۇم تۇتىمەن كېپەن.

نى قىزلارنى خىياللىرىمدا،
قېنىپ-قېنىپ ئۆلتۈرۋېتىمەن.
مەن مەندۇرمەن غالجىرلىقىمدا،
ھەم قۇللاردەك رايىشمەن بەزەن.

نۆل ئىچىدە يوقاتقان تاپقان،
سۆيگۈچى ھەم سۆيۈلگۈچى مەن.
شائىرلىقىم ئۆزەمنىڭ شورى،
مۇز ئىچىدە كۆيۈلگۈچى مەن.

سۈكۈناتنىڭ باياۋانىغا،
ھامان تىمتاس تۆكۈلگۈچى مەن.
مۇھەببەتتىن ياشنىغۇچى ھەم
شۇ ۋەجىدىن كۆمۈلگۈچى مەن.



ئۆچۈرۈلۈش

تېلفونىمىزنى
خالىساقلا ئۆچۈرۋېتىمىز،
يوق قىلىمىز ياكى ئۈنىنى.

جۈپ كۆزلىرىم ئۆچۈرۋېتىلدى،
سەھەر يەنە يېقىلدى خالاپ.
ھايات ئۇچقۇن بىر لەھزىدىكى.

يانفون،مەن ۋە دۇنيا ئۈچىمىز،
ئوچۇق تۇرۇپ،يوپيورۇق تۇرۇپ،
بىر خالاشتا تامان ئۆچىمىز.

ئالەمدىكى ھەممە شەيئىنىڭ،
بىر ئۆچۈشتە ئوخشاش تەقدىرى.
بىلسەك ئەسلى مەڭگۈ ئۆچمەسلىك،
بىر زاتقىلا خاستۇر ئاخىرى.



تەۋەككۈل

دوستلىرىم
ئالقانلىرىدا چوغ،يۈزلىرى يورۇق،
مەن تېخىچە نۇرسىز،قۇپقۇرۇق.....

شاماللارغا ئايلىنالايتتىم،
ئەركە قۇشتەك ياشىيالايتتىم.
مەن نەفسىمنى يۈك قىلىپ ئاخىر،
بۇ دۇنياغا سۇ بولۇپ ئاقتىم.

ھەقىقەت
تاشتۇر گويا سۈكۈناتتىكى،
يا تاشتىكى سۈكۈت ئېھتىمال.
پات-پات ئۇندىن قاچماق بولىمىز،
تۇرۇپ تولۇق قىلىنغان قامال.

بىز گۈل ۋاقىتتىكى،
بىر ئېچىلىپ بولارمىز غازان
بىز قۇل مەڭگۈلۈككە،
ئاگاھ بولغىن،ئاگاھ بول ئىنسان.

ئابدۇۋەلى چوغ تۇت بىر دەقىق،
دىلىڭغا نۇر بەرگەي ئەرراھمان.


بىر يىگىتنىڭ ئىككى تەرىپى

ئوڭ يۈزىدە پاكلىق ناز قىلار،
سول يۈزىدە قۇترايدۇ شەيتان.
شەھۋەت ئاققان دېڭىز بىر كۆزى،
بىر كۆزىدە پارلايدۇ ئىمان.

ئۇنىڭ قولى ئىككىدۇر بىراق،
بىرى تاشتۇر،بىرىدۇر ئېھسان.
ھەۋەس ئۈچۈن قۇل بىر ئايىغى،
بىرى يۈرەر ھەقىقەت تامان.

چۈشلىرىدە چاقنايدۇ ئۈمۈد،
خىياللىرى گۈزەل، بىپايان.
غېرىب بىر كۈي ئويغىتارسەھەر،
رىئاللىقى دەشتى- باياۋان.

باردۇر ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى،
بىر تەرىپى سۈكۈتلۈك ئاسمان.
مۇڭ تارايدۇ قارشى تەرەپتىن،
تاشلارمۇ ھەم لەختە-لەختە قان.

پەيتى كەلسە كۆتۈرەر كۆكنى،
بىر مۈرىسى كۈچ-قۇۋۋەت دەرمان.
پەقەت ئىسسىق بىرلا نان ئۈچۈن،
بىر يەلكىسى بەك چىڭ بېسىلغان.

ۋىسالى بار، ئاتقان تېڭى بار،
تۈنلىرىگە ھەسرەت ھۆكۈمران.
سۆيگۈ گۈلى تېرەر ھەر باھار،
ئېچىلسىمۇ پورەكلەپ ھېجران.



پىغانىم بار شېئىردەك

شائىر ئەمەس بولۇشۇم مۇمكىن،
شېئىرلاردەك ياشايمەن ئەمما.
مەن بۇ قۇردا مېڭىۋاتقاندا،
قاپقاراڭغۇ تۆتىنچى مىسرا.

ياخشى ئادەم بولمىسام كېرەك،
ئەتراپتا كۆپ بولغاچ ياخشىلار.
قاتىل بولسام خۇنىڭنى ئېلىپ،
مېنى ماڭا قويغىن ئەي دۇنيا.

يېڭىلگۈچى بولدۇم ھەم ئاخىر،
روھى غالىپ ئەمەسمەن ئەسلا.
ئالقىنىمدا قىپقىزىل چوغ بار،
كۆزۈمدە ئەڭ سەمىمىي يىغا.

مېنىڭ گۈزەل ئامالسىزلىقىم،
گۇۋاھچىدۇر ئىنسانلىقىمغا.
شائىر ئەمەس بولۇشۇم مۇمكىن،
پىغانىم بار شېئىردەك ئەمما.



ھېچكىمنى سېغىنمىدىم

كەچكۈزنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم مۇڭلۇق،
ئاداققى مېھرىنى چاچماقتا قۇياش.
بەك ئۇزاق ياشىدىم بۇ يوچۇن يۇرتتا.
شاماللار ئۇچۇرغان غازانغا ئوخشاش.

زىمىستان ھەققىدە سۆزلەيدۇ دەرەخ،
قۇشلارنىڭ پەرۋازى كەتتى يىراقلاپ.
مۇزسىمان يۈزلەرنىڭ ئەتراپىدا مەن،
ئىسىندىم قەلبىمگە تىنماي ئوت قالاپ.

تىك ياشاش،تۆكۈلۈش ۋە شېئىر يېزىش،
ھېچنەرسە بېرەلمەس بەلكىم دۇنياغا.
تەسەللىي كۈتمىدىم ھېچكىمدىن ئاخىر،
ئايلىنىپ كەتتىم ھەم مىسكىن ناخشىغا.


دىلرابا

قانداق بىر پىراق بۇ قانداق ئىشتىياق،
قانداق بىر سىناق بۇ قانداق بىرقىيناق.
ئۇنۇتتۇم ئۆزۈمنى ئۆزگىلەرنى ھەم،
دىلرەبا،قىيىنكەن سىزنى ئۇنتۇماق.

شامالدا قۇرىدى كىرپىكتىكى نەم،
ئارقامغا تاشلاندى دۇنيا سالغان غەم.
ئەمما ھېچ كەتمىدى سىز بەرگەن ئەلەم،
دىلرابا،قىيىنكەن سىزنى ئۇنۇتماق.

چۆللىرىم ئورنىنى چىمەنلەر ئالدى،
دوستلىرىم كۆڭلۈم دەپ شوخ كۈيلەر چالدى،
بەرىبىر بۇ يۈرەك سىز بىلەن قالدى،
دىلرابا،قىيىنكەن سىزنى ئۇنۇتماق.


يار سىزگە يەتمىسەم قانداق بولۇرمەن؟
ئەلۋەتتە، كۈل بولۇپ كۆككە توزۇيمەن.
سىز ئۇنۇت دېگەنگە قانداق ئۇنتۇيمەن،
دىلرابا، قىيىنكەن سىزنى ئۇنۇتماق.



تېپىشماقتەك بىر شېئىر

قوغلىسام يېتەلمەيمەن،
كېچىپ ھەم كېتەلمەيمەن.
ئالقىنىمدا بىر بۇلاق،
قېنىپ بىر ئىچەلمەيمەن.

يامغۇردەك تۆكۈلىدۇ،
گۈللەردەك ئېچىلىدۇ.
بەك ئاددىي تۇيۇلىدۇ،
بىراق ھېچ بىلەلمەيمەن.

ھاياتنىڭ مەناسىدۇر،
قەلىبنىڭ تەماسىدۇر.
تۈنلەرنىڭ غەۋغاسىدۇر.
قىيدايمەن،كېچەلمەيمەن.

گۈلخان ئۇ،يالقۇندۇرئۇ،
ئوتۇمغا ئوتۇندۇر ئۇ.
ئېزىتقۇ، ئالۋۇندۇر ئۇ،
ئەمما، تەرك ئېتەلمەيمەن.



بىر جۈملە سۆز بىر ئەمەل

ھايات دېگەن زەردابقا،
چىلانغان بىر شېرىن تەم.
جىلۋىلەرنىڭ تېگىدە،
يېلىنجايدۇ گۈزەل غەم.

دوستلۇق نېمە؟ئەغيار كىم،
يېقىلىپ باق بىر مەرتەم.
مۇھەببەت ئۇ كىرپىكتە،
چاقناۋاتقان قەترە نەم.

ئۇ دۇنيا يا بۇ دۇنيا،
بىرەر غۇلاچ،بىر قەدەم.
بىر جۈملە سۆز، بىر ئەمەل،
جەننەت يولى، ۋەيلۇن ھەم.

نىگاھىمدا بىپايان،
يورۇق ئالەم، توق ئالەم.
بىز ھەممىگە ئېرىشكەن،
ھېچنىمىسى يوق ئادەم.



چېنىقىش

يىغلاش باشقا بىرخىل كۈلۈشتۇر،
ياشاش ئۆلۈم تامان يۈرۈشتۇر.

ئايلىنىۋاتقان ئىستىرىلكىدەك،
قايتىپ كېلىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە.
سۈزۈك نۇرنى كۆرەتتۇق بەلكىم،
باقالىساق تۈننىڭ كۆزىگە.

بىز سۈكۈتكە پېتىپ باقىمىدۇق،
قەلبىمىزگە ئېقىپ باقمىدۇق.
ئادەملىكنىڭ ئېغىرلىقىنى،
تېخىچىلا تېتىپ باقىمىدۇق.

قېچىش بىر خىل يېقىنلىشىشتۇر،
كېچىش بەلكىم چىن ئېرىشىشتۇر.

بىر ھەممىمىز بىلىپ بولۇپتۇق،
ياشىماقنىڭ ئاسانلىقىنى.
قىيامەتنىڭ
قاچانلىقىنى..

مەن چېنىقىۋاتىمەن
ياشارتىدىغان مېۋىلەرنى يەۋاتىمەن،
ناھايىتى تېز قېچىۋاتىمەن....

ھۇجرامدىكى سائەتنىڭ
ئايلانماقتا ئىستىرىلكىسى.



ساڭا ئاتاپ

بىر بىتەلەي بولۇشۇم مۇمكىن،
ئەتەممۇ ھەم زۇلمەت ئېھتىمال.
بۇ ياپيېشىل ئورمانلىقتىكى،
ئەڭ ئاخىرقى دەرەخمەن قاقشال.

بولسام كېرەك باغلاردىكى گۈل،
قېنىق ھىجران رەڭدە ئېچىلغان،
بىر قىزچاقنىڭ كۆزىدە بەلكىم،
قەترە ياشمەن پارقىراپ تۇرغان.

مىسالىمەن كەچكى شەپەقنىڭ،
بارچە ھەسرەت سىموۋولۇمدۇر.
نېمە بولسام بولارمەن ئاخىر،
سېنى سۆيۈش تۇتقان يولۇمدۇر.



مېنى ئىزلىسەڭ

ئىزدىمە مېنى گۈزەل باغلاردىن،
ئۆركەشلىگەن دەريادىن ئىزلە.
سوراپ يۈرمە نەۋ باھارلاردىن،
غازان تولغان يوللاردىن ئىزلە.

بىلمەس مېنى مەيىن شاماللار،
گۈلخان يانغان جايلاردىن ئىزلە.
شوخ كۈي-ناۋا ئىلكىدە مەن يوق،
دىلنى ئەزگەن مۇڭلادىن ئىزلە.

تاپالمايسەن تاڭلاردىن مېنى،
تۈنلەردىكى نىدادىن ئىزلە.
ئىزدىسەڭ گەر مېنى مەڭگۈلۈك،
بىر يىگانە دۇنيادىن ئىزلە.



زۆھرە، مەن...

زۆھرە،مەن سەھرادىن كەلگىنىم ئۈچۈن،
كۈيلەيمەن ئۇندىكى كۆكنى،ئېتىزنى.
چۈشەيمەن ئۇندىكى جىلمىيىپ تۇرغان،
سۇلاردەك سۈپسۇزۇك گىرىمسىز قىزنى.

زۆھرە،مەن بىر ئاشىق بولغىنىم ئۈچۈن،
بىر گۈزەل ھەسرەتكە بولدۇم مۇپتىلا.
تۆكۈلۈپ تۇرساممۇ كۈز يامغۇرىدەك
دەردىمنى ئىنسانغا ئېيىتمىدىم ئەسلا.

زۆھرە،مەن بىر ئەخمەق بولغىنىم ئۈچۈن،
سۆزلىدىم شەرەپنىڭ قارشىدا تۇرۇپ.
قىشتىكى دەرەختەك بولساممۇ مىسكىن،
قەلبىمدە ياشىدىم كاتتا باي بولۇپ.

زۆھرە،مەن بىر ئاجىز بولغىنىم ئۈچۈن،
ياشاشنى ئويلىدىم بەندىلەرگە خاس.
نىچۈندۇر سۆيگۈ دەپ پىچىرلىغاندا،
قېلىچنىڭ بېسىنى قىلىمەن قىياس.

زۆھرە مەن...



قىيداش

نېسىپ بولسا گۈلدەك ئېچىلىش،
بېغىڭىزدا ئېچىلماس ئىدىم.
بىر مەرۋايىت بولغىنىمدا گەر،
زىنھار سىزگە سېتىلماس ئىدىم.

بۆرە يېسە رازىدىم بىراق،
توپىڭىزغا قېتىلماس ئىدىم.
بولساممۇ گەر بىر ئوۋلانغۇچى،
ئالدىڭىزدا يېقىلماس ئىدىم.

بىر كۈي بولسام سۆيگۈدىن پۈتكەن،
بەس،سىز ئۈچۈن ئېيتىلماس ئىدىم.
بەلكىم سىزنى سۆيمىگەن بولسام،
بۇ گەپلەرگە پېتىنماس ئىدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 01:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-1 02:01:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلىگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت يار بولغاي.

ۋاقتى: 2014-1-1 02:08:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدا مۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇماق نەقەدەر بەخىت؟ 18 يېشىمغا قايتقاندەك، ئاشۇ گۈزەل خاتىرىلەر ئىچىدە يۈرگەندەك بولۇپ قالدىم.....

ۋاقتى: 2014-1-1 02:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىزنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت ئۈچۈن ئاتلانغان قەدەملىرى بەركەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2014-1-1 03:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلدىن شەكلەن يىراقلاشتۇرغان سەۋەپ ئىچىڭىزدە ساپ بىر تىل مۇھىتىنى بەرپا قىلىپتۇ.
ئۇتۇقلۇق بولۇڭ!

ۋاقتى: 2014-1-1 09:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاندا مۇنداقمۇ شائىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق ! سىزنى شېئىرلىرىڭىز بىلەن مۇبارەكلەيمەن ئابدۇۋەلى ئەپەندىم ، ياش كۈچلەرنى بىزگە تۇنۇتۇشتا ئەجىر قىلىۋاتقان يازغۇچىلار مۇنبىرى ئىللىق ئائىلىمىزگە، ۋە رەشىدكە، ۋە باشقا بارلىق دوست- يار، قېرىنداشلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن !

ۋاقتى: 2014-1-1 10:56:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulbeden يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 09:51
تۇرپاندا مۇنداقمۇ شائىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق ! سىز ...

ئابدېۋىلى ئېنىم  ،سىزگە يېڭى يۈكسۈلۈشلەر  يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-1 11:04:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     سىزگە يەنىمۇ يۈكسەك پەللە يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-1 11:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋەلىگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەت يار بولغاي.

ۋاقتى: 2014-1-1 13:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدى بىلەن سېنىڭ يىڭى يىلدىن باشقا بارلىق كۈنلىرىڭنى مۇبارەكلەيمەن! مۇنبەردە تۇنۇشتۇرۇلغىنىڭدىن شۇنداق خۇش بولدۇم. ئەمدى گەپ ئالدىڭغا قارا..!

ۋاقتى: 2014-1-1 15:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-1 15:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىلىمىزنىڭ گۈزەل ھەم يېقىملىق ئىكەنلىگىنى شېئىرلىرىڭىزدىن ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  تۇيغۇلىرىڭزنى گۈزەل ھەم يېقىشلىق تىلىمىز بىلەن تېخىمۇ جۇلالاندۇرشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2014-1-1 15:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋەلى! يېڭى يىلىڭىزغا قۇت تىلەيمەن. گەرچە مۇنبەر يۈزىدە بۇرۇندىن تونۇش بولساقمۇ، لېكىن بۈگۈن تېخىمۇ بەكرەك تونۇۋالدىم، ئامەت يار بولغاي!

ۋاقتى: 2014-1-1 17:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت ئىتىزىدىن مول-ھوسۇل ئالغايسىز،

ۋاقتى: 2014-1-1 21:46:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋېلى بىلەن  تور يۇزىدە تونۇشقانلىقىمدىن خۇرسەن بولدۇم. ئىجادىيەتتە يەنىمۇ يۇكسېلىڭلا بورادەر.ئىككىمىز تەڭ دېمەتلىك ئىكەنمىز.ئورتاق تىرشايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش