كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 1

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم:سۆيگۈ قەبرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ قەبرىسى



تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

(بۇ شېئىرلار «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.1992-يىلى قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.‹قانچىنچى قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى ئاپتور ئەسلىيەلمىدى›)



لەيلەپ قالغان تۇيغۇلار



1

كۆرۈنەر،

گوياكى ساماۋى ئەرشكە ئوخشاپ،

كەچكى شەپەق نۇر بەرگەن-

رەڭدار غۇۋا تۇمان قوينىدا،

ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك چوققا.

تۇرىدۇ ئەنە:

ئاپئاق-ئاپئاق،

(نازىنىن، يۇمشاق)

بۇلۇتلار بىلىكى ئۇنىڭ بوينىدا...

مەن قاراپ دېدىم:

ـ شۇ مەغرۇر، ھەيۋەتلىك يۈكسەك چوققىغا،

بىر چىقسام ئىدىم!...



2

چىقتىم...

ئاخىرى بىر كۈن،

ئايلاندى شۇئان،

گوياكى كۈندۈزگە روھىمدا بىر تۈن!

ۋە ھەم ئاشۇ چاغ،

ئۈزدى جان،

ئىپتىخارلىق، شادلىق يامرىغان ـ

جىسمىمدا ئارمان.

قارىدىم ئارمانسىز مەغرۇر نىگاھتا،

شۇ سىرلىق پايانسىز كەڭ كائىناتقا.

كەلمەي قالدى ئىشەنگۈم،

ھەتتا كۆزۈمگە،

پىچىرلاپ دېدىم ئۆزۈمگە:

ـ ئەڭ يۈكسەك چوققىغا مەن چىقتىم دېسەم،

تۇرمامدۇ تېخىمۇ يۈكسىكى ئەنە؟!

ئەمدىغۇ ئارمانسىز ياشارمەن دېسەم،

تۇغۇلدى پاتمانلاپ ئارمانلار يەنە!

ئارمانلار ئۇۋىسى ـ كانىمۇ ئالەم؟!

يۈرەمدۇ يۈدۈپلا ئارماننى ئادەم؟!



3

ئويلىرىم،

(يالقۇنلۇق، مۇڭلۇق ئويلىرىم)،

مۈكۈۋالدى تۇمانغا سىڭىپ.

قايتتىم مەن تەنھا،

شۇ يۈكسەك چوققىدىن زېمىنگە مېڭىپ.

بىراق سوئاللار ـ

ئارمانلار، غۇبارسىز تۇيغۇ خىياللار،

بۇلۇتلار بوينىغا ئېسىلىۋالدى.

ئېسىلدى ئەمما،

ۋىسال يۇلتۇزىنى سۆيەلمەي،

ۋە ياكى يەرگە يېنىپ چۈشەلمەي،

تۇمانلىق كۆك ئارا لەيلىشىپ قالدى...



1989-يىلى 2-ماي، لەنجۇ



يارغا ئىلتىجا



ئامرىقىم كۆزلىرىڭ سىرلىق بىر دۇنيا،

قارىچۇقتا چاقنايدۇ بەختىم سىماسى.

قارىسام قانماستىن تەلمۈرۈپ ئاڭا،

يۇمغىنىڭ كۆزۈڭنى ئاھ، ئېيىت نېمىسى؟



ۋە ياكى ۋەسلىڭنى ـ پارلاق بەختىمنى،

مەن ئۈچۈن ئەكسىنچە كۆرمەمسەن راۋا؟

(قىزىق ئىش: ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ۋەسلى،

ئېيىتقىنا ئۆزىگە بولامدۇ داۋا؟...)



ئۆتۈنەي يۇممىغىن كۆزۈڭنى جېنىم،

كىرپىكىڭ بەختىمدىن مەھرۇم ئەتمىسۇن.

تەلمۈرۈپ كۆزۈڭگە تەشنا يۈرىكىم،

نا ئۈمىد قاغجىراپ قۇرۇپ كەتمىسۇن.



يۇممىغىن كۆزۈڭنى مەن ئۈچۈن ئەركەم،

كەم دىدار بەختىمنى قېنىپ بىر كۆرەي.

ئۆلسەممۇ ناۋادا قارچۇقلىرىڭدىن،

ئاختۇرۇپ بەختىمنى قوينۇڭدا ئۆلەي!



1989-يىلى 6-ئىيۇن، لەنجۇ



سۆيگۈ قەبرىسى



ئۇپۇقىدا مەسۇم كۆڭۈلنىڭ،

پارلىغاندا بىر قۇياش بالقىپ؛

نۇر ئىلكىدە ۋۇجۇد دۇنياسى،

كەتتى كۈندىن بىر يولى ھالقىپ.



قۇياشلىق شۇ ئىللىق تاڭ سەھەر،

تۆرەلدى پاك سۆيگۈ بىخلىنىپ.

تارتىنىشنىڭ ئوقىدا بىراق،

قالدى ھايال ئۆتمەي مىخلىنىپ.



چاچرىغان پاك ئىسسىق قان بىلەن،

ئوت-ئاتەشتىن رەڭ ئالدى ئۇپۇق.

چالا شىھىد سۆيگۈ ئۈستىگە،

ياپتى گۇڭگا تۇمانلار يۇپۇق.



ئاھ...قىلىندى پاك سۆيگۈ دەپىن،

بولدى ئۇنىڭ قەبرىسى يۈرەك.

شۇ يۈرەكمۇ كۆمۈلگەن چاغدا،

شىھىد بىخلار ئاتارمۇ چېچەك؟!



1989-يىلى 12-دىكابىر، لەنجۇ



كېرەك ئەمەس سۆيگۈگە ئەڭلىك



قاپىقىڭنى تۈردۈڭ نېمىشقا،

رەنجىتتىممۇ يا سېنى جانان؟

ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ سېنى،

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆردۈڭمۇ يامان!؟



ۋاھ ئەجەبكى، تەتۈر قارىسام،

ئاندىن چىراي ئېچىپ كۈلەمتىڭ؟

ياخشى كۆرمەي نەپرەت ئوقۇسام،

شۇ چاغ خۇشال بولۇپ سۆيەمتىڭ؟!...



ھېچ بىلمىدىم، ياكى ئېڭىڭغا

ھۆكۈمرانمۇ تەتۈر تاناسىپ؟

(ھەممە ئىشنىڭ ئۆز قانۇنى بار،

سۆيگۈگە ئۇ ئەمەس مۇناسىپ).



ساڭا رەڭ، ناز ياراشقان بىلەن،

كېرەك ئەمەس، سۆيگۈگە ئەڭلىك.

كېرەك ئاڭا پەقەت-پەقەتلا،

سەمىمىيلىك، سادىقلىق، تەڭلىك.



1990-يىلى 12-ئاپرېل، لەنجۇ



سۆيگۈ سۈرىتى



ساھىلىغا زەڭگەر دېڭىزنىڭ،

يۇيۇنغىلى قونغاندا قۇياش؛

يېقىپ تەشنا كۆكسىنى دولقۇن،

ھاياجاندا ئەتتى مىڭ باخاش.



پېتىپ كەتتى دېڭىز لېۋىگە،

قۇياش لېۋى ئاستا-ئاستىلاپ.

چاپسانلاشتى ئاتەش تىنىقلار،

قالدى ئۇلار مەستخۇش ھالسىراپ.



ئىختىيارسىز سوزۇپ لېۋىنى،

يېقىنلاشتى قۇياش ئېڭىشىپ.

ئېچىرقىغان دولقۇن بىلەن نۇر،

بىر -بىرىگە كەتتى سىڭىشىپ.



كۆرۈپ بۇنى بولغاندەك خىجىل،

شەلپەر كەبى قىزاردى ئۇپۇق.

ياپتى شۇئان ئۇلار ئۈستىگەـ

ئاسمان، گۇڭگا تۇماندىن يوپۇق.



1990-يىلى 24-ماي،شيامىن



ئاپئاق-ئاپئاق بۇلۇتلار



ئاپئاق-ئاپئاق بۇلۇتلار،

مامۇقمىدى بويۇڭلار؟

بىر گېپىم بار سورىسام،

نازۇكمىدۇر خۇيۇڭلار؟



ئاپئاق-ئاپئاق بۇلۇتلار،

ئەرشتىمۇ ئۆيۈڭلار؟

ھەسەن-ھۈسەن چىققاندا،

بولغانمىدى تويۇڭلار؟



ئاپئاق-ئاپئاق بۇلۇتلار،

كۆك كېزىشمۇ ئىشىڭلار؟

ياش تۆكتىڭلار نە ئۈچۈن؟

بۇزۇلدىمۇ چۈشۈڭلار؟



ئاپئاق-ئاپئاق بۇلۇتلار،

شوخ شامالمۇ كۈيۈڭلار؟

مۇڭلانمىسۇن ئانا يەر،

چىراي ئېچىپ كۈلۈڭلار.



1990-يىلى2-»ئىيۇن، شىئەن





بۇ شېئىرلار ژۇرنالدىكىسى بويىچە ئۇرۇلدى.(شۇ ۋاقىتتىكى ئىملا قائىدىسى، تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە)










idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7184
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا نائىل بولغىدەك دەرجىدە ياخشى يېزىلغان شېئىركەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش