ximal
كۆرۈش: 402|ئىنكاس: 13

« روھىمغا سەپەر »گە سەپەر -- نۇربەگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 528
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزۈمگە سەپەر»گە سەپەر

ھايات ۋە قىممەت ئوخشاش بولمىغان ئاڭدا ئوخشاش بولمىغان پىكىر جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى چوقۇمكى، شۇ شەيئى ياكى ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىشنى ئاساسىي مەسەت قىلىش كېرەككى، ھەرگىز غەرەزلىك ھالدا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق باھا بىلەن ئۆستۈرۈش يا چۆكۈرۈشنى مۇددىئا قىلسا بولمايدۇ. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003 – يىللىق 3 – سانىدا شائىر جېلىل خېلىلنىڭ «ئۆزۈمگە سەپەر» سەرلەۋىلىك شېئىرى بېرىلگەنىدى. بۇ شېئىرغا قارىتا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2003 – يىللىق 4 – سانىدا «مىڭ ئۆي» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش تەتقىقاتچى، تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «خاسىيەتلىك سەپەرگە ئاتلانغان ئوغلان» دېگەن تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى بېرىلدى. مەن مەزكۇر شېئىر بىلەن مەزكۇر ماقالىنى تەكرار – تەكرار ئوقۇش نەتىجىسىدە، ئۆزۈم ھاسىل قىلغان بىر تۈرلۈك قاراشلىرىمنى كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئەقلى مۇلاھىزىسىگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ سەھىپە رەڭدارلىقىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشقا تۇتۇرۇق بولۇشنى لايىق تاپتىم.
«ئۆزۈمگە سەپەر» شائىرنىڭ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلىغان شېئىرىدۇر. شائىرنىڭ ئۆز مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقى شائىرلىق ئەركىنلىكى! ئەمما، بىزنىڭ كىتابخانلىق ئەركىنلىكىمىزنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەدىبلەر ۋە ئەدىب بولۇشنى ئويلاۋاتقانلار بىلىشى كېرەك. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ جېلىل خېلىل نېمىلا بولمىسۇن شېئىرنى ھازىرقىغا قارىغاندا ئىلگىرى بەك سۆيگەن ياش شائىر ئىدى. شۇڭا پىكىرنىڭ بۇ يۆنىلىشىدە شۇنداق قىستۇرمىغا ئورۇن بېرىمىزكى، غەلبە ئەدب ئۈچۈن بىر قېتىملىق كۆرەك ھېسابلانسا، مەغلۇبىيەت ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان ئەدب ئۈچۈن ئەڭ شېرىن تۇغۇلۇش! ئەمما، بۇنداق «كۆرەك» بىلەن «ئەڭ شېرىن تۇغۇلۇش»نى جېلىل خېلىل قانچىلىك دەرىجىدە ھېس قىلغاندۇ؟
«ئۆزۈمگە سەپەر» شائىرنىڭ بىۋاسىتە ھېسسىياتىنى ئەمەس، ۋاسىتىلىق ھېسسىياتىنى «جان سۈيى» قىلغان. شېئىردىكى تۇرمۇش بىلەن شائىردىكى تەپەككۇر زور ئارىلىق ھاسىل قىلغاچقا، شائىر ھادىسە دۇنياسىدىن ماھىيەت دۇنياسىغا قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمىگەن. شېئىرى ماھىيەتنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا خىرە نۇر چېچىشى شېئىرىي كەيپىياتنى تالاي ئۇقۇملارغا يەم قىلىپ بەرگەن. شېئىردىكى مەنە شائىرچە گارمونىيەگە يۈكسەلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، كىتابخانلار ئۈچۈن شېئىرى بوشلۇق تەقدىم ئېتەلمىگەن. شېئىردىكى قاتلاملار مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلۇقتىن –چوڭقۇرلۇققا ئەمەس، تېيىزلىقتىن – تېيىزلىققا يۈزلەندۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن قاتلام پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تارىخ تارىخ پېتىچە شېئىر بايانغا كىرگەچكە ئىپادىلەشتىن ئىبارت سەنئەتلىك ئالامەت شېئىر سىرتىغا تاشلانغان. تۇرمۇشنىڭ تۇرمۇشچە بېزەككە ئىگە قىلىنىشى، ئەسلى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ساپ سەنئەت ئىدى. ئەپسۇس، شائىر تىلدىن ياتلاشقان بىر دوغ لاتقا ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، شېئىردىكى شېئىرسىراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەزكۇر شېئىردىكى بۇ يېتىشسىزلىكلەر بىزنى ھەر تەرەپتىن ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. بىز پىكىرنىڭ بۇ يۆلىنىشىدە جېلىل خېلىلنى ۋاستە قىلىپ مۇنداق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز. بىز تولا زىكرى قىلغان 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى شېئىرىيەت ھادىسىسىدە نۇرغۇنلىغان ياش شائىرلىرىمىز مەلەۇم نىسبەتتە ئىچكى ئېنىرگىيىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، تولا ھاللاردا ئېقىمغا ماسلىشىپ بېقىشتىن ئىبارەت بىر بۈيۈك مەخسەتتە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغانلىقى بىزگە ئايان بولماي قالمىدى. بىز نېمىشقا بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىمىز؟ پىكىر ئوبيېكتى جېلىل خېلىل بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئۈستىدە ئەمەس، جېلىل خېلىل ئۈستىدە بولىدۇ.مەن جېلىل خېلىلنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن مۇشۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىزدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى مەتبۇئاتلار تۈرى، تېما قۇبۇل قىلىش يۆلىنىشى، دەرىجە پەرقى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەقىقەتەن بىزنى خۇشھال قىلىدۇ. مەتبۇئاتلاردىكى بۇ ئەۋزەللىك نۇرغۇنلىغان ئەدىبلىرىمىزنى مەتبۇئات تەلىۋىگە قارىتا ئەسەر يېزىشتىن ئىبارەت ناچار خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز پىكىرنى سەل كونكېرىتلاشتۇرساق، جېلىل خېلىلنىڭ « تارىم »، « تەڭرىتاغ »، « كروران »، « ئاقسۇ ئەدەبىياتى » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ تەپەككۇر يۆلىنىشىدە ناھايىتى زور پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ نورمالسىزلىق بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەدىبلىرىمىزدە ئىزچىل تەرەققى قىلىۋاتقان ئۆسمە! بىز پىكىرنىڭ ئەسلى يۆلىنىشىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە،    شېئىرنىڭ تۇنجى بۆلىكى بىزنى شېئىرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن بىشارەت بېرىش بىلەن بىرگە بىزنى بىرخىل تارىخىي تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ. بىرقەدەر چوڭقۇرلاپ باققىنىمىزدا، تىلدىكى نامراتلىق شېئىرى ئىپادىلەش ئەمەس، شېئىرى باياننى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
كۆرۈڭ:
گاھ مەن بولغان ئۆملۈككە پاسىبان،
گاھ مەن تەبرىققە يول ئاچقان ھامان.
گاھ مەن باتۇرلۇقنى يېتەكلەپ ماڭغان،
گاھ مېنى باتۇرلۇق يىراق تاشلىغان.
………
بۇ يەردە «مەن» سىمۋوللاشماقچى، شېئىرى مەنە جەھەتتىن ھەممىگە ئايلانماقچى، ئەمما تىل ئوبرازسىز، شائىردىكى زورۇقۇش شېئىرىي ئوبراز «مەن»نى ئۆز مۇئەسسەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوبرازنىڭ روھىي تەشنالىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. دېمەك ئوبراز ئىسكەنجىدە بوغۇلغان، تېنى بار، روھى يوق؛ مىللىي خاسلىققا ئىگە قىلىنمىغان شائىر قەپىزىدىكى بىر «ئادەم» خالاس. بۇ يەردە بىز بىر نەزەرىيەنى چۈشىنىمىز. ئۇ بولسىمۇ، شېئىر يازماق بىر ئانىنىڭ بىراقلا ئون بالىنى تۇغقىنىدىن قىيىن ھەم تەس. چۈنكى، سىز ئومۇمىي ئىنسانىيەتنىڭ روھى ئالىمىنى يورۇتماقچى بولسىڭىزمۇ، بۇ ئومۇمىيلىق كونكرېت بىر شەخس تەرىپىدىن يورۇتىلىشى كېرەك. بىز تەھلىل ئوبيېكتى قىلغان پارچىدە «گاھ»تىن ئىبارەت ئىمكانىيەت سۆزى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. شائىرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىدىن قارىغاندا، تەكرارلاش دەپ چۈشەنسەك بولاتتى. لېكىن شېئىردىكى كونكرېتنى رولىغا قارىغىنىمىزدا، بوغۇم تولۇقلاش رولىنىلا ئوينىغان، كەمىنە مۇئەللىپچە بولغاندا، تەكرارلاش توغرىسىدىكى نەزەرىيەۋى ساۋاتنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۆزىنى ئەدەبىياتقا ئاتىغانلار چوقۇم بۇ نەزەرىيەدىن مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولسا كېرەك.
مەن
كۆندۈرگەن ئىنساننى بۇغداي يېيىشكە
تۇنجى بولۇپ.
…………
جاھاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ،
يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىمەن يېڭى ئىختىرالارنى
ئېچىپ ئاغزىمنى.
مەن بۇ بۆلەكنى ئوقۇۋېتىپ «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەن ھېكمەتنى ئەسلەپ قالدىم. چۈنكى، ئەجىر قىلمىغان ئىكەنمىز، ھامان مېۋىسىز قالىمىز. بۇ بۆلەكنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ شائىرنىڭ ۋۇجۇدىدىن پارتلاپ چىققان بىرەر مىسرانى ئۇچرىتالمىدىم. ئۇچراتقىنىم پەقەت ۋە پەقەت ئۆلۈك مىسرالار تىزمىسى. بۇ ئۆلۈك تىزمىلارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ھەرگىز شېئىرىي بايان دېگىلى بولمايدۇ. شائىرنىڭ ئىشلەتكەن «دەك، تەك»تىن ئىبارەت ئوخشىتىش قوشۇمچىسىنىڭ قۇرغاق، قوپال، رېتىمسىز شېئىرىي ئەمەلىيىتىدىن «شېئىر سەن نەدە؟» دەپ جار سالساقمۇ، پىغانىمىز پىغان پېتىدا قالغىنى قالغان. باشقا ئەھۋال ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. شائىر بۇ بۆلەكتە سېلىشتۇرۇشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى خۇددى ئۇستا رەسسامدەك سىزىپ، بىزنى ئىستېتىك نەپكە ئىگە قىلماقچى بولغانۇ، نەتىجە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ رەسىم ھەرقانداق رەسسام تۈزلىيەلمىگۈدەك دەرىجىدە چاپاقلىشىپ كەتكەن. مەن بۇ بۆلەكنى ئاللىقانداق بىر تۇيغۇنىڭ يېتەكلىشىدە قايتا – قايتا دېكلىماتسىيە قىلىش ئارقىلىق شېئىرىي خۇسۇسىيەت ئاتا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ، شائىرنىڭ يۈرىكىدىن ئەمەس، قەلىمىدىن تۆكۈلگەن بۇ بايانلار ھېچقانداق ئەدەبىيات خۇرۇچىغا ئىگە قىلىنمىغان سۆزلەر تىزمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تىرىشچانلىقىم يەنە مېنى مەغلۇبىيەتكە گىرىپتار قىلدى. شۇنى ھېس قىلدىمكى، توم – توم كىتابلاردىن ئالغان تەسىرات ھامان تەسىرات ئىكەن، ھەرگىز شېئىر ئەمەس ئىكەن.
ئەمدىلىكتە
خەق ئايغا چىقسا چىقالمايمەن،
خەق دېڭىزنىڭ تەكتىكىگە شۇڭغىسا شۇڭغىيالمايمەن.
…………
مەن زامانىۋى دۇنيانىڭ تىپىكى بەھرىلەنگۈچىسى
ئېيتىڭچۇ، قايسىسىدا مېنىڭ ھەسسەم بار؟
ئەيچىڭ «ئاينى ئاي دېمەيمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان ئەقىدىسنى ئىپادىلىگەن ئىكەن. بۇ بىر جۈملە سۆزدىكى شېئىرغا بولغان ئەقىدە بىلەن بىز تەھلىل قىلماقچى بولغان بۇ بۆلەككە يۈزلەنگىلى بولارمۇ؟ ئۇچۇر بىلەن تولغان بۇ ئەسىردىكى بىزنىڭ ھالىتىمىز ئەس–ھۇشى بارلىكى ئادەمنى بۆسۈش مۈشكۈل بولغان ئازاب قاتلاملىرىغا چۆكتۈرۈپ تاشلايدۇ.بۇ بىز قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك رېئاللىق. ئەمما، بىز قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئەدەبىيات رېئاللىقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بىز تەھلىل قىلماقچى بولغان بۇ بۆلەك ئۇزۇن – قىسقا، باش – ئاخىرى مەجبۇرەن بىر گەۋدىلەندۈرۈلگەن 20 تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى ۋە ئاددىي بايان جۈملىدىن ئىبارەت. مەن بۇ بۆلەكنى ئوقۇۋېتىپ ئۆز – ئۆزۈمگە، بىز شېئىردىن يىراقلىشىپ كەتتىقمۇ ياكى شېئىر بىزدىن يىراقلىشىپ كەتتىمۇ؟ دېگەن سوئالنى تەكرار – تەكرار قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈشەندىمكى بىزدىكى ئىستېمال ئەدەبىياتىغا بولغان ئىشتىياق ئىستېتىك ئەدەبىياتىنىڭ پاجىئەسىنى بىر مەھەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ؟! شېئىرىي تونغا ئورىنىۋالغان بۇ بىر بۆلەكتىن شېئىرىي پۇراققا ئىگە قىلىنغان بىر سۆز ياكى بىر مىسرا ئۇچرىمىغان بۇ رېئاللىق كىمنى نېمە دېگۈزمەيدۇ دەيسىز؟! ناۋادا سىز كەمىنە مۇئەللىپنىڭ بۇ قاراشلىرىنى چېكىدىن ئاشقان ئىنكارچىلىق دەپ قارىغىنىڭىزدا «تېلېفون ئۇرىمەن، يانفون ئۇرىمەن، تېلېۋىزور كۆرىمەن» دېگەن مىسرالارغا نېمە دەرسىز؟! قانداق پوزىتسىيە تۇتارسىز؟!…
مەن
«ئوغۇزخان» ئىپوسىنى ياراتتىم،
خەق مەندىن قەھرىمانلىق ئۆگەنسۇن، دېدىم،
ئۇيغۇر — ئۇيۇشقاق بولسۇن ئۇرۇغۇم، دېدىم.
شائىرچە تەپەككۇردىن بەھرىمەن بولالمىغان بۇ بىر كوپلېت شېئىر بىزدىن نېمىنى كۈتكەندۇ؟ بىز بۇ بىر كوپلېتتىن نېمىنى كۈتمەكچى؟ شېئىرىي ھېكمەتتىن سۆز ئېچىشقا مۇمكىنچىلىكىمىز بارمۇ؟ تالاي سوئاللارغا يەم بولۇۋاتقان يۈرىكىمدىن چىققان سادا شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ بىر كوپلېت شېئىر ئۈچۈن ھېچقانچە قىممىتى بولمىغان تۆت مىسرا، خالاس! ئوغۇزخاندىن ئىبارەت بۇ رىۋايەتلىك شەخس چوقۇم ھالقىتىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس!…
مەزكۇر شېئىردىكى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋائىي، مەشرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك شېئىرىي پۇراقتىن يىراق، ئۇزۇن – قىسقا سۆز تىزمىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا ھەقىقى شېئىرغا بولغان ۋىجدانى ئەقىدەم يول قويمىدى. چۈنكى، تەدرىجىي تېزلىشىۋاتقان بۇ بايانلادرىن بىز قان ھىندىنى ئەمەس، ئۆچۈپ كېتىشكە ئاز – ئاز قالغان سىياھ ھىدىنىلا بىلەلەيمىز.
جاھان دانىشمەنلىرى توۋىلايدۇ: مەن سەندە، دەپ
شامان، مانى، زەردۇشت، ئىسلام توۋلايدۇ
مەن سەندە، دەپ
ۋۇجۇدۇم رەڭگارەڭلىك كەتكەن چېچەكلەپ
ياشاپتىمەن ھەر نەرسىگە روھىمنى مىلەپ.
بىر ئۆمۈر توقايلىقتا ئولجىسىز ئوۋ ئوۋلاۋاتقان بىتەلەي ئوۋچى ھاياتنىڭ ئاخىرىدا بىر توكۇر توشقاننى ئوۋلاپ، پۈتكۈل ھاياتىدا چەككەن رىيازەتلىرىنى ئۇنتۇغىنىدەك، ئۇشبۇ مىسرالار بىر قېتىملىق تەشنالىقىمنى قاندۇردى. «مەن سەندە» بىز بىلىشكە تېگىشلىك بولغان بۇ تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى بىزنى بىبىرابئىەدىن مەنسۇرھاللاجىغىچە، مەنسۇرھاللاجىدىن زەلىلىگىچە، زەلىلىدىن ئابدۇقادىر داموللىغىچە بولغان ئىسلام تەسەۋۋۇپ بەلبېغىنى ئەسلەشكە دۇچار قىلىدۇ. «ياشاپتىمەن ھەر نەرسىگە روھىمنى مىلەپ» دېگەن بۇ مىسرا ئۆز باغرىدا مەۋجۇدىيەت تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ چىقىشىمىزغا ئۈندەيدۇ. مانا بۇ، بىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان شېئىر روھى! مانا بۇ، شائىرنىڭ قېنىدىن روھى ئالەمدە لەرزە ھاسىل قىلغان ئىجادىي تەپەككۇر!…
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تۈپكى مەقسىتى — ئەدەبىياتنى ئۆز – ئۆزىگە تونۇتۇش ھەم شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەمما، غەرەز يوشۇرۇنغان تەنقىد تەنقىد ئەمەس، تەنقىد ئۈچۈن تەنقىد يازىدىغان ۋە ياكى ئۆز نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەنقىد يولىغا كىرىۋالغانلار ھەرگىزمۇ تەنقىدچى ئەمەس. مەن بۇ ماقالىنى يېزىش ئارقىلىق شائىر دوستۇم جېلىل خېلىلنىڭ «ئۆزۈمگە سەپەر»دىكى سىماسىنى ئەمەس، «ئالۋۇن»، «يوقلۇق ئىزتىراپلىرى»، «چۆل توغرىقى قىسسىسى»، «لۈكچەك»…كە ئوخشاش، شېئىرىيىتىمىزدە مۇئەييەن پەللە ھېسابلىنىدىغان شېئىرلىرىدىكى جېلىل خېلىلنى كۆرۈش؛ جۈملىدىن تەتقىقاتچى، تەرجىمان دوستۇم ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنى يەنە بىر قېتىم ئەقىل بىلەن «ئۆزۈمگە سەپەر»گە سەپەر قىلدۇرۇش!

2003 – يىل 10 - ئاي


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆزۈمگە سەپەر

جېلىل خېلىل

كۆپ دەستۇر ئوقۇدۇم ئۆزۈم ﮬەققىدە ،
ئوقۇغانسېرى
گاھ چوڭقۇرلاپ كىردىم ئۆزۈمگە ،
گاھ يىراقلاپ كەتتىم ئۆزۈمدىن .
ئوقۇغانسېرى
يۈرەك ئېچىشىپ بولدى سەدپارە ،
ئازاب ، شادلىق سېلىشتى گىرە .
ئوقۇغانسېرى
ئايان بولدى ﮬەر ئاجايىبات ،
ئېچىلمىدى ﮬەم نۇرغۇن تىلسىمات .
گاھ جاﮬان مەندىن باشلانغان بىلسەڭ ،
گاھ جاﮬان مەندە يېپىلغان بىلسەڭ .
گاھ مەن جاﮬانغا تارقاتقان ﮬېكمەت ،
گاھ مەن جاﮬاندىن كۆرمىگەن ﮬىممەت .
گاھ مەن ئۆملۈككە بولغان پاسىبان ،
گاھ مەن تەپرىققە يول ئاچقان ﮬامان .
گاھ مەن باتۇرلۇقنى يېتەكلەپ ماڭغان ،
گاھ مېنى باتۇرلۇق يىراق تاشلىغان
كۆر مانا ئۆزۈمنى يايدىم ئالدىڭغا ،
كىملىكىم ئاياندۇر ﮬەر مىسرا قۇردا


مەن
كۆندۈرگەن ئىنساننى بۇغداي يېيىشكە
تۇنجى بولۇپ
سانسىز ئۆگەي يەل يېمىش ، زىراەت ئۆز گەئايلاندى
كىروران گۈزىلىنىڭ قولىدا بەختى يورۇپ
ئالپ ئەرتۇڭادەك ، سىپارتاكتەك
باﮬادىرلار چىقتى شۇندىن كېيىن كۈچكە تولۇپ .
لېكىن ، ﮬازىر مەن
ئامېرىكىدىن كەلتۈرىمەن تۇخۇمدەك ئۈزۈمنى ،
ياۋروپادىن كەلتۈرىمەن تاۋۇزدەك شوخلىنى ،
يەنە بىر يەردىن كەلتۈرىمەن قارا ، قىزىل ، يېشىل گۈرۈچنى
ﮬەممە ، ﮬەممىنى .
جاﮬاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ ،
يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىمەن يېڭىئىختىرالارنى
ئېچىپ ئاغزىمنى .


مەن
تۇنجى بولۇپ
ئاتنى كۆندۈرۈپ بەرگەن ئىنسانىيەتكە .
شۇندىن كېيىن
ئاتىللا ، ئىسكەندەر ، چىڭگىزخان
ئات بىلەن دۇنيانى ئالدى ئىلكىگە .
تۇنجى بولۇپ
ئۇچار گىلەم ، ياغاچ ئات ﮬەققىدىكى خىيالنى مەن سۈرگەن ،
جاﮬان ئەينىكى ﮬەققىدىكى خىيالنى مەنسۈرگەن ،
گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىم
سالغان جاﮬاننى لەرزىگە .


ئەمدىلىكتە
خەق ئايغا چىقسا چىقالمايمەن ،
خەق دېڭىزنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇساشۇڭغۇيالمايمەن ،
ئاتنىڭ ئورنىدا
خەق ياساپ بەرگەن ماشىنام بار .
تېلېفون ئۇرىمەن
يانفون ئۇرىمەن
تېلېۋىزور كۆرىمەن
كومپيۇتېر بىلەن ﮬەپىلىشىمەن . . .
مەن زامانىۋى دۇنيانىڭ تىپىك بەﮬىرلەنگۈچىسى
ئېيتىڭچۇ ، قايسىسىدا مېنىڭ ﮬەسسەم بار ؟


كۆرۈڭ مانا
ئۆزۈممۇ بىر ماشىنا ،
زامان ياسايدۇ مېنى بۇزۇپ ۋە چۇۋۇپ
ماكان ياسايدۇ مېنى ئىتتىرىپ تۈرتۈپ .
ئۆزۈممۇ ياسىلارمەن
ئالغا كەتكەن جاﮬاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ ،
ئاجايىپ ئىشلارغا ئاجايىپ بېقىپ ،
گاھ قانغىچە ئۇخلاپ
گاھ كەيپ سۈرۈپ . . .


مەن
يىپەك يولىنى ئاچقان تۇنجى رەت ،
جاﮬان كېزىشنى ئۆگەتكەن ئىنسانىيەتكە .
جاڭ چيەن ، شۈەنزاڭ ، مارك پولونى
ئامان ئېسەن يەتكۈزگەن مەنزىلگە .
مەغرىب مەشرىقنى قول ئېلىشتۇرۇپ
يارقىن سەﮬەرنى سىزغان تەقدىرگە .
ئەمما ، نەچچە ئەسىرلەر بېرى
سولانغان ئادەممەن تولۇپ پەخىرگە ،
دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازاندەك ئەزىز يۇرتۇمغا .
ئۇ يانمۇ تاغ ، بۇ يانمۇ تاغ
ئۇ يانمۇ چۆل ، بۇ يانمۇ چۆل
گويا ئۆزۈم يول ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،
يول ئاچقان بىلەن روھ ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك .
ياشاپ كەلدىم
ئۆزۈمنى تەڭ قىلماي ﮬېچكىمگە ،
ئاقىۋەت تەڭ بولالماي ﮬېچنېمىگە .
مانا ئەمدى
قايتىدىن يىپەك يولى ئېچىۋاتىمەن
ئاستا - ئاستا كېلىپ ئەسلىمگە .


مەن
ياراتتىم تاشكېمىر سەنئىتىنى
تۇنجى بولۇپ زېمىن ئۈستىدە .
تەڭرى قۇت ياغدۇردى ،
جاﮬان ﮬەيرەتتە قالدى ،
چاقماق چېقىلغان تەسەۋۋۇر كۈچۈمگە .
ئاھ ، دەشت ئاتا ، بېزەكلىك ، قىزىل ، كۆسەن مىڭۆيلىرى ،
ئاھ ، پەرﮬاتنىڭ تاشقا گۈل چەككەن قوللىرى ،
ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى تەقدىم ئەتتىڭئىنسانىيەتكە ،
يۈكسەك سەنەت پەللىسىنى قالدۇردۇڭ ئەۋلادلىرىڭغا .
ئەمما - زە
ياسانچۇق كۈندە كىيىم يەڭگۈشلىگەندەك ،
يەڭگۈشلەپ نەچچە قېتىم دىن - ئېتىقادىمنى ،
ئۆچۈرۈپ ماڭدىم ئۆزۈم سالغان ئىزلارنى .
بۇزۇپ ، ئۆچۈرۈپ تۈگىتەلمىگەندە ،
ئۆزۈم يەنە يول باشلاپ قۇترىغان ئەجنەبىيلەرگە
ئۇلارنىڭ قولى بىلەن
بىرمۇبىر چەيلىدىم سەنەت تاجىنى .


كېزىپ كۆلمۇ - چۆل
كېزىپ باغمۇ - تاغ
ﮬەممىنى قوش قوللاپ بەردىم ئاشۇ ياتلارغا .
مەن ئاشۇ سەنەتنى ياراتقان چاغ ،
ئىشتان كىيىشنى بىلمەيدىغان
چارۋىدىن پەرقى بولمىغان
ئاشۇ ياتلارغا .
بەردىم ﮬەممىنى :
يىلتىزىمنى ، روﮬىمنى ، ئۇيغۇرلىقىمنى . . .


مەن
قىسمىتىم ، كەچمىشلىرىمدىن _
ياراتتىم بىباﮬا ، شاھ مۇقاملارنى ؛
زېمىندىكى ئەڭ مۇكەممەل كۈي قامۇسىنى ،
تەڭرىلا يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغان
تۇيغۇ تىلىنى .
بارچە پەرىشتىلەر جەملەندى ئاڭا ،
ئاپەت - ئامەتلىرىم جەملەندى ئاڭا ،
پانىي - باقىيلىقىم جەملەندى ئاڭا .
لېكىن - زە
ئەرەبچە ئات قويۇپ چىقتىم ئۇلارغا ،
تېخىمۇ سىرلىق ، يۈكسەك بولسۇن دەپ ،
شەيتاننىڭ قەستىدىن يىراق تۇرسۇن دەپ .
لېكىن - زە ، يەنە لېكىن زە
ئاپاقخوجىغا ئەگىشىپ چەيلىدىم ئۇنى ،
مەدەنىيەت ئىنقىلابى دا ئالجىپ قەستلىدىم ئۇنى ،
جىن - شەيتان دەپ ئات قويدۇم ﮬەممىگە بىر - بىر ،
ئاشۇ چاغ
ئۆزۈم تۇرساممۇ ئەينى جىن - شەيتاننىڭرولىنى ئېلىپ . . .
مانا ئەمدى
تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن دېگەندەك
قۇتقازماقتىمەن ئۇنى ئەقلىمنى تېپىپ .


مەن
ئوغۇزخان ئېپوسىنى ياراتتىم ،
خەق مەندىن قەﮬرىمانلىقنى ئۆگەنسۇن ، دېدىم ،
ئۇيغۇر _ ئۇيۇشقاق بولسۇن ئۇرۇقۇم ، دېدىم .


مەن
مەﮬمۇد قەشقەرى نى ياراتتىم ،
تىلىمنىڭ قۇدرىتىنى جاﮬان بىلسۇن ، دېدىم ،
شانۇ - شەۋكىتىم ئەبەدىي ئۇنتۇلمىسۇن ، دېدىم .


مەن
يۈسۈپ خاس ﮬاجىپ نى ياراتتىم ،
بىلىك بىلەن قۇتاتسۇن ئەۋلادىم ، دېدىم ،
ئەقىل ، ﮬېسسىيات ، قانۇن ، باﮬادىرلىق
بىلىك بىلەن بىر تۇغقان ، دېدىم .
بارچە تەركىب - ئامىللار ، بارچە ئەتمىشلەر ،
تەڭپۇڭ بولسۇن ئۈچ پۇتلۇق داڭقاندەك ، دېدىم .


مەن
نەۋائىينى ياراتتىم _
شەرقنىڭ شېئىرىيەت جەننىتىنى ياراتتىم .
ﮬومېر ، دانتى ، شېكىسپىرلار ئۇنىڭغا يول بەرسۇن ، دېدىم ،
پۇشكىن ، گېوتى ، تاگورلار ئۇنىڭغا قولبەرسۇن ، دېدىم .
ئەۋلادلىرىمنى
نەۋائىيدەك تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىسۇن ، دېدىم .
لېكىن - زە ، لېكىن
ئۆزۈم ئاسىيسى بولدۇم ئۆزۈمنىڭ .
غەپلەت ، غاپىللىق ، ئادىشىش ، ئۇنتۇلۇش
سىزدى سەپىرىنى يولۇمنىڭ .
ئەي مەﮬمۇد ، يۈسۈپ قەدىردان
شاﮬانە ئەسىرىڭلارنىڭ قوليازمىسى بۇ يەردەئەمەس
تېپىلدى يات ئەللەردە ...
يات ئالىملار تونۇتتى ماڭا سىلەرنى ،
ياتلار ئارقىلىق تېپىۋالدىم يىتتۈرگىنىمنى ،
ئۆزۈمنى ، روﮬىمنى ، ئۇيغۇرلىقىمنى . . .
غەپلەت ، غاپىللىق ، ئادىشىش ، ئۇنتۇلۇش ،
ئۇزاق ، بەك ئۇزاق .


ئۇيغۇر _ ئۇيۇشقاق بولماي ، ئۇرۇشقاق بولۇپ ،
ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۇزاق ، بەك ئۇزاق . . .
دانىشمەن ، ئاقىلنى ئۇچراتسام ئەگەر ،
يا يۇرتتىن قوغلاپ چىقاردىم
يا تۆﮬمەت چاپلىدىم ، چەقتىم ، خورلىدىم ،
يا ئوڭنى تەتۈر قىلىپ ، ئاقنى قارىلىدىم .
بىلگىن جاﮬان
مەشرەپنى ئاختا قىلغان مەن ئۆزۈم ،
ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلە قىلغان مەن ئۆزۈم ،
تەۋپىق ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ل . مۇتەللىپنى چېقىپ بارغان مەن ئۆزۈم .
سەللا شەپە چىقىپ بولغۇچە
پۇرسەت كەلدى دەپ بىلىپ ،
كىملەرنىدۇر ماڭقۇرت بولۇشقا قىستىغان مەنئۆزۈم .
شۇنداق
غاپىللىق ، ئادىشىش ، بېكىنمىچىلىك
ئۇزاق ، بەك ئۇزاق
نەچچە ئەسىر تارىخ توختاپ قالدى بۇ يەردە ،
نەچچە ئەسىر ياشىدى ئەجداد بىلەن ئەۋلادئوخشاش تەپەككۈردە ،
تۇرمۇش داۋاملاشتى ئوخشاش رىتىمدا .
ﮬايات ئوخشاپ قالدى
گويا تام تۈۋىدە ياتقان ﮬورۇن بەڭگىگە .
ئۆزۈم
ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ تۇرۇپ ،
بارچە مەدەنىيەتنى روﮬىمغا جۇغلاپ تۇرۇپ ،
ﮬېكمەتنى سۈمۈرۈپ ئايلاندىممۇ ﮬېكمەتسىزگە ؟
قىممىتىم چەكسىز دەپ ئايلاندىممۇقىممەتسىزگە ؟


جاﮬان دانىشمەنلىرى توۋلايدۇ : مەن سەندە ، دەپ ،
شامان ، مانى ، زەردۇشت ، بۇددا ، ئىسلام توۋلايدۇ : مەن سەندە ، دەپ .
ۋۇجۇدۇمدا رەڭگارەڭلىك كەتكەن چېچەكلەپ ،
ياشاپتىمەن ﮬەممە نەرسىگە روﮬىمنى مىلەپ .


بولدى بەس
ئۆتكەن كۈنلەر ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات .
باقتىم ئۇپۇققا :
سەﮬەر قۇياشى نۇر چېچىپ پارلاق
بارچە ئىقلىم تولدى گۈللەشكە ،
ئۆرلەش ، تەۋرەش ﮬەم يۈكسىلىشكە .
بۈگۈن
يەر شارى ئايلاندى كىچىك كەنتكە ،
ۋۇجۇدۇمدىكى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى
يىپەك يولى بويلاپ چاچتىم زېمىنگە .
ﮬەر بىر ئۇچۇر ، ﮬەر بىر سەزگۈ ، ﮬەر بىر ﮬېس قىلىش
ئايلىنىپ يېڭىدىن ئاپىرىدەگاﮬقا
زامانغا خاس ئەقىل روﮬنى پىششىقلاپ ئىشلەپ
سانسىزلىغان يېڭى جېلىل خېلىلنى تۇغارئالەمگە.








كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر بەگ ھەم جىلىل  خىلىلنىڭ ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 528
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:32:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان شېئىريىتىدىكى 100 نادىر شېئىر»نىڭ بىرىسى.مۇتەخەسىسلەر دەلىللەپ بەرگەن .
ئابدۇرېشىت، يۇقارقى ئىنكاسىڭنىڭ دەلىلى بارمۇ؟ بىزدە شېئىر باھالايدىغان مۇتىخەسىسلەر كىمدۇ؟ قاچانغىچە، مۇشۇنداق ئىگىسىز پىكىرنىڭ قۇربانى بولامىز؟

شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يەكەندىكى دىھقانلار ھەققى شېئىريەت مۇتەخەسىسلىرى .ئۇلار تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپ شېئىر ئوقۇمايدۇ .ساپ تۇيغۇلىرى بىلەن شېئىر ئوقۇيدۇ .مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللاتقا ئەسكەرتىش:

ئۈسىتىدىكى شىئېر قالدى!
«‹ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان شېئىريىتىدىكى 100 نادىر شېئىر›نىڭ بىرىسى.مۇتەخەسىسلەر دەلىللەپ بەرگەن» دىگەن ئاۋۇ تاقا - تۇقا گەپ ئۆچۈرۈلدى.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  « روھىمغا سەپەر» نى تۈنجى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.نىمىشقا ؟ چۈنكى ئۇلۇغ شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «مەن ئاق بايراق ئەمەس» نى مۇشۇ ئانا زىمىننىڭ،مىللىتىمىزنىڭ روھى،ئېڭىغا ئايلىنىپ تۇرۇپ يازغاندەك مەزكۇر شئېىرمۇ جېلىل خېلىلدىن ئىبارەت بىر يەككە شائىرنىڭ ئېڭىدا،روھى تۇرۇپ يېزىلغان شئېىر بولماستىن ،بەلكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېڭى،روھىغا ئايلىنىپ تۇرۇپ يېزىلغان شئېىركەن.بۇ شئېىر نامدا جېلىل خېلىلغا مەنسۇپ بولسىمۇ ئەمىليەتتە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە مەنسۇپ!مەزكۇر شئېىردىن بىز ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت،ئىدلوگىيە تارىخىنى سېزىپ يېتەلەيمىز! ئېسىت! تورداش جاللات مۇشۇنداق ئەڭ ئېسىل،ئەڭ مۇنەۋەر بىر شئېىرنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللىماي،ئۆچكىنىڭ كەينىگە تۆگىنى تىزىپ قويغاندەك باشقا تېمىنىڭ كەينىدىكى ئىنكاس بوشلىقىغا يوللاپ قويغاندۇ؟ مەزكۇر شئېىردا 100 شئېىرنىڭ مەنادارلىقى،چوڭقۇرلىقى باركەن ئەمەسمۇ؟
      مەن يەنە نۇربەگنىڭ ئوبزور ماقالىسىنىمۇ كۆردۈم.لىكىن نۇربەگنىڭ مېڭىسىنىڭ تولىمۇ ئاددىلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم.«روھىمغا سەپەر»نى يەككە شائىرنىڭ يەككە ئېڭىغا تەۋەلىك نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىش مەزكۇر شئېىرنىڭ قىممىتىنى قىلچە ھېس قىلىشقا ئېلىپ بارالمايدۇ.مەزكۇر شئېىرنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋال مەزكۇر شئېىرنىڭ يەككە ئادەم روھىغا ياكى جامائەت (مىللەتنىڭ ئومۇمىي ) ئېڭىغا قارىتىلغانلىقىنى ئايرىۋېلىش كېرەك.ئىككىنچى قەدەمدە ئىجتىمائى شئېىرمۇ ياكى لىرىك شئېىرمۇ؟ بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.نۇربەگنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرى ۋە ئېلىپ بارغان تەھلىلى پۈتۈنلەي يەككە ئادەم روھىغا قارىتىلغان لىرىك شئېىرلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.مەن «مۇھەمەتجان راشىدىن شئېىرلىرىدىكى مەخپىيەتلىك » ناملىق ماقالەمدە شئېىرنىڭ قارىتىلىش ئوبىكتى ھەققىدىكى پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان.شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن.
    قوشۇپ قويىدىغىنىم شۇكى:يۇقۇرقى شئېىردەك ئىجتىمائى شئېىرلاردا بىۋاستە ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.ۋاستىلىق-سەنئەتلىك،ئىماگلىق-يوشۇرۇن ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قوللىنىلمايدۇ.بۇ ئىجتىمائى شئېىرلارنىڭ پۈتۈنلۈكنى پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن يورۇتۇش تەلىپى تەرپىدىن بەلگىلەنگەن.چوڭقۇر ياكى تېيىز چۈشىنىش بولسا ئوقۇرمەننىڭ مۇشۇ جەھەتلەردىكى بىلىمىنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.ئىجتىمائى شئېىرلاردا مەزمۇن ئامىلى يادرۇ  قىلىنغان بولىدۇ.مەسلەن بىز ئابدۇقادىر جالالدىننىڭ «ۋەتەن ۋە ئىمان» ناملىق شئېىرنىمۇ يۇقۇرقى شئېىرغا ئوخشاش تىپىك ئىجتىمائى شئېىر دەپ ئېيتالايمىز.لىكىن بىز «روھىمغا سەپەر» دىن بەدىئىيلىكى تۆۋەن دەپ ئاغرىنساق،جېلىل خېلىلنى «مەغلۇپ بولغان»غا چىقىرۋەتسەك بولمايدۇ.شئېىريەت يەككە -تاق ئوبكىتقا قارىتىلىش نوقتىسىدىن قانچىلىك بەدئى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلسە بولىدۇ.ھەتتا شائىرنىڭ بىرقانچە يېقىن ئادىمىلا ھوزۇر ئالالايدىغان دەرىجىدە غۇۋالاشتۇرۇپ يېزىلسىمۇ بولىدۇ.ئەمما كۆپ ئادەمگە-مىليۇنلىغان ئادەمگە قارىتىلىشنى ئوبكىت قىلغان شئېىرلار ئاممىباپ،چۈشىنىشلىك يېزىلغىنى ياخشى.ئەگەر جېلىل خېلىل نۇربەگنىڭ ئۆلچىمى ،مەيدانىدا تۇرۇپ،مەزكۇر شئېىرنى يازغان بولسا راست مەغلۇپ بولغان بولاتى.....مەزكۇر شئېىرغا بىز يالغۇز بەدئى ئۆلچەم نوقتىسىدىن ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت گەۋدىسى-تارىخ،ئەدەبىيات،پەلسەپە،مىللى ئالاھىدىلىك،مىللى پىسخىكا،ئىجىتىمائىيەت....قاتارلىق كەڭ ،ئومۇمى نۇقتىدا تۇرۇپ قارايمىز،ئۆلچەيمىز.بىزدە شۇ نەزەر بولغاندىلا نۇربەگدەك پەقەت شئېىريەت بەدىئىيلىكىدىن ئىبارەت تار مەيدان،قاراشتا تۇرۇپ قېلىشتىن خالى بولۇپ،مەزكۇر شئېىرنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلغان شئېىر ئىكەنلىكىگە،ئۇيغۇر روھىيەت تارىخىنىڭ جەۋھىرى بولغانلىقىغا توغرا باھا بېرەلەيمىز..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 16:23  


بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 257
تۆھپە : 1
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 16:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگنىڭ ماقالىسى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. «روھىمغا سەپەر»نىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكى روشەن ئەكىس  ئەتتۈرىلىپتۇ. ھەرگىزمۇ كۈن ئەپەندىم دېگەندەك جېلىل خېلىلنى «مەغلۇپ بولغان»غا چىقىرىۋەتكەن يەرلىرىنى ئۇچراتمىدىم. شېئىرغا ئىجدىمائىي شېئىر دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈش شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالدىمۇ؟ شېئىرغا ئەلۋەتتە بەدىئي، ئسېتىتىك ئۆلچەمنى قويمىساق، شېئىر نىمە بولۇپ قالىدۇ؟ شېئىردىن ئىدىيە ئەمەس، ئېستتىك زوق ئالىمىز.

سۇغا قارا! ھەممىنى كۆرىسەن...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 17:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەمكىنگە:
1: كۆزنى يۇمىۋېلىپ گەپ قىلغىلى بولمايدۇ.مەن يۇقۇردىكى ئىنكاسنى  نۇربەگنىڭ ئوبزورىنى كۆرگەندىن كىيىن يازغان.ھەقىقەتەن نۇربەگنىڭ ئوبزورىدا" جېلىل خېلىلنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى،شئېىرنى سەنئەتلىك ئىپادىلەش ئەمەس تېيىز ئىپادىلەش.... ...بويىچە بايان قىلغان.» دېگەن مەزمۇنلار بار.نۇربەگ ئوبزوردا باشتىن-ئاخىز يۇقۇرقى شئېىرنى شئېىريەتنىڭ بەدئى ئالاھىدىلىك نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغان.مەن ئىنكاسنى يۇقۇرقى ئوبزوردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن يازدىم.
2: مەن يۇقۇرقى ئىنكاستا شئېىردا بەدىئىي ئالاھىدىلىك بولماسلىقى كېرەك دېگەن گەپنى قىلغىنىم يوق.شئېىرنىڭ يېزىلىش مەخسىدى،ئوبكىت جەھەتتىكى قاراتمىلىقى،يېزىلغان ۋاقتى،يورۇتماقچى بولغان تېما قاتارلىق ئەھۋاللار شۇنداقلا شائىرنىڭ شئېىر يېزىش ئۇسلۇبىغا ئااساسەن شئېىر بىلەن شئېىرنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بولىدۇ.يەنى بەدىئىلىكى يۇقۇرى  ياكى ئىدىيۋىلىكى ئۈستۈن دېگەندەك...شئېىرنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بەدىئىيلىك شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.ئۇنىڭدىن باشقا  ئادەملەرنىڭ قىزىقىشى،چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن شئېىرغا بولغان قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 17:49  


بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى مەتبۇئاتلار تۈرى، تېما قۇبۇل قىلىش يۆلىنىشى، دەرىجە پەرقى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەقىقەتەن بىزنى خۇشھال قىلىدۇ. مەتبۇئاتلاردىكى بۇ ئەۋزەللىك نۇرغۇنلىغان ئەدىبلىرىمىزنى مەتبۇئات تەلىۋىگە قارىتا ئەسەر يېزىشتىن ئىبارەت ناچار خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ شېئىرنى «تەڭرىتاغ»كۆتۈرەلەيدۇ. ئەمما،«تارىم»دا ئاققۇزۇش مۈمكىن ئەمەس.بۇ شېئىر«ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى»ماسلىشىدۇ.لېكىن«قەشقەر گېزىتى»نىڭ بەت يۈزىدا يورۇق كۆرمەسلىكى مۈمكىن، دەيدىغان كۆزقاراش دەۋر سۈرگەن ئىدى بىر چاغلاردا...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 22:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       جېلىل خېلىلنىڭ يۇقارقى شېئىرىدا بەدىئىي يۈكسەكلىك مۇكەممەل بولمىدى، دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ جاراھەتلىرىنى تارىخي قىممەت ۋە چىنلىق نۇقتىسىدىن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇش مېنىڭچە ئاقىلانىلىق ئەمەس، نۇربەگنىڭ قىسقا ئوبزورىدا ئەسەرنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئستېتىك قاتلامىلىرى ئوپىراتسىيە قىلىنغان بولغاچقا، بۇ نۇقتىدىن نۇربەگنىڭ قىسقا ئوبزورى ئەسەرنى ناھايىتى جايىدا تەھلىل قىلغان، مەن ئۇنىڭ پىكرىنى قوللاش بىلەن بىرگە، جېلىل خېلىل ۋە نۇربەگدىن ئىبارەت ئىككى ئەزىز قەلەمكەشنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نۇسرەت تىلەيمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 642
تۆھپە : 2
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 09:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە جەپ كۆرمەپتىكەنمەن بۇ  تېمىنى؟!.. نۇربەگنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ تېپىۋالدىم، جېلىل خېلىل ۋە نۇربەگنىڭ  ئىجادىيىتى سەمەرىلىك  بولسۇن!...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  979
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەكنىڭ شېئىر ھەققىدىكى مۇھاكىمىسى خېلى مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.جېلىل خېلىلنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن خېلى بۇرۇندىن سۆيۈپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان.بىراق بۇ شېئىر ھەققىدىكى كۈن ئەپەندىمنىڭ شېئىرغا ئىددىيە يۈكلەش خاھىشى مېنى سەل ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويدى.يەنە بىر تەرەپتىن شېئىرنىڭ ئىچىدە«ئىجتىمائىي شېئىر'»دەپ تۈرگە بۆلىنىدىغان شېئىر يوق.پەقەت شېئىرنىڭ مەزمۇن ئامىلىدا«ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېما قىلىنغان شېئىرلار'»دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت.بۇنى شېئىرنىڭ بىر تۈرى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. كۈن ئەپەندىم ئالدى بىلەن«ئىجتىمائىي»دىگەن كۆپ قاتلامغا ئىگە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوبدانراق چۈشۈنىشى كېرەككەن.شېئىرنىڭ تۈرى ھەققىدىكى قارىشىمۇ مۈجىمەل.شۇڭا ئىلمى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئەخمىيەتلىك ئىش ھېساپلىنىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  979
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىكى مەزمۇننى يىققاندا ،بىز دۇنيادا نۇرۇنلىق شەرەپلىك تارىخنى ياراتقان،ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنلىرنى بەرپا قىلغان،بىراق ھازىر نىمىش قىلىۋدتىمىز؟...دىگەندىن ئىبارەت سېلىشتۇرما ئېنىقلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش