كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 0

ياسىن قاسىم:باشلىق بولغان دوستۇمغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق بولغان دوستۇمغا

(ساتىرا)

ياسىن قاسىم


كىشلەر ماختىشىپ دائىم: ‹‹شۇ باشلىق بەك ئېسىل›› دەيدۇ،

‹‹كېسەر تاشنى ئۇنىڭ ھۆكمى، ئۆزى كىچىك پېئىل›› دەيدۇ،

‹‹چىۋەر ھەر چاغ، قىيىن ئىشقا، مىجەزى بەكمۇ زىل›› دەيدۇ،

‹‹پىشىپ كەتتى تەجرىبە ھەم ساۋاقتا قانچە يىل›› دەيدۇ،

‹‹شۇڭا ئۇ ئىشلىگەن خىزمەت، ھامان ئالغا سىجىل›› دەيدۇ.



كىرىپ ئالدىغا بىر ئىشتىن، بېشىم ئاسمانغا تاقاشتى،

تونۇشكەنمىز، ساۋاقداش بىز، بۇنىڭدىن شادلىقىم ئاشتى،

ئۈمىدنىڭ يۇلتۇزى پارلاپ، شۇئان قەلبىمگە نۇر چاچتى،

كۆڭۈللۈك سۆھبىتىمىزدىن، بۆلەكچە خوشلۇقۇم تاشتى،

قىلىپ چوڭ ئىلتىپات. دوستۇم، ‹‹ئىشىڭغا مەن كېپىل›› دەيدۇ.



ئازادە ئولتۇرۇپ باشتىن، پۈتۈن دەردىم بايان قىلدىم،

يېرىپ شۇندا، يۈرەك-باغرىم، سىرىمنى مەن ئايان قىلدىم،

بىلىپ ‹‹ئادىل›› شۇ ئەربابنى، ئۆزۈمگە پىر-ياران قىلدىم،

ئۇنىڭدىن باشقىلارنى ئارقىدىن تىللاپ ‹‹يامان›› قىلدىم،

گېپىمنى ئاڭلىدى، ئاندىن، ‹‹بولايلى بىز ئىجىل›› دەيدۇ.



ئۆتۈپ ھەپتە، يەنە كەلدىم، شۇ ئەرز-ھالىمنى مەن سۈيلەپ،

ئېگىلدىم قول بېرىپ قىزغىن، ئۇنىڭغا ھەم سىلىق سۆزلەپ،

غۇرۇرۇمغا مۇناسىپسىز، كۆتۈردۈم شۇنچە ھۆرمەتلەپ،

يېلىندىم، ئىلتىماسىمغا، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات كۆزلەپ،

گېپىمدىن سۆڭرە: ‹‹ھەلقۇمدىن ئۆتۈپتۇ بىر پەسىل›› دەيدۇ.



مەيۈسلەندىم، بۇنى ئاڭلاپ، بېشىمنى مەن تۆۋەن سالدىم،

ئۈمىد چىرىقى ئۆچكەندەك، گويا قاراڭغۇدا قالدىم،

شامال سوققان يۇپۇرماقتەك، تۇرۇپ ئورنۇمدا چايقالدىم،

چېكىپ ھەسرەت-نادامەتنى، شۇئان ئارقامغا يول ئالدىم،

چىقىپ سىرتقا: ‹‹تاپايلى بىز ئۆيۈڭدە بىر ئەقىل›› دەيدۇ.



كېلىپتۇ بىر كۈنى دوستۇم، ئۆيۈمگە بوپ ئېسىل مېھمان،

تىپىرلاپ پايپېتەك بولدۇم، ئۇنىڭغا مەن گويا غىلىمان،

يېيىپ كەڭ داستىخانىمنى، يېگۈزدۈم شۇندا بىر پاخلان،

قېقىپ يەلكەمنى ئاخىرىدا، تويۇپ نېمەتكە بىر ئوبدان،

ــ ‹‹بۇرادەر ئىلتىماسىڭغا يەنە سەل سەۋرى قىل›› دەيدۇ.



شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ، بولۇپ ‹‹مېھمان›› ماڭا پات-پات،

كېلىپ تۇردى، ئېرىنمەستىن، ئۆزىدىن باشقىمۇ قات-قات،

بېشىمدا كۆتۈرۈپ كۈتتۈم، ئۇنى چاغلىمىدىم مەن يات،

يۇتۇپ ئىچىمگە دەردىمنى، دېمىدىم ھېچ كىشىگە داد،

يېگەنچە نەپسى تويماستن، تېخى مېنى ‹‹بېخىل›› دەيدۇ.



مۈرەمگە پەپىلەپ قويسا، سۆيۈندۈم، قانچە قوي سويدۇم،

كاۋاپ، شورپا يەنە ئەتلەس، گىلەمنى ... ئالدىغا قويدۇم،

ئەگەر تەلمۈرسە بالىلىرىم، شەرەتلەپ كۆزىنى ئويدۇم،

ئۇنىڭ نەپسى-بالاسىدىن، ئەجەپ تويدۇمغۇ – مىڭ تويدۇم،

-يېڭى ئۆيگە قىلىڭ ياردەم! ياغاچ-تاش، قۇم-شېغىل ــ، دەيدۇ.



ئاشۇ ھالەتتە بىر يىلدەك، قولىنى مايدا پاتلاشتى،

بالا-يۇ ۋاقىسى بىللە كېلىپ يەپ مېنى بابلاشتى،

گوياكى سالجىدەك مەھكەم، بىسات-مالىمغا چاپلاشتى،

قىسىلدىم، شۇ تۈپەيلى ھال-كۈنۈم بەكلا خارابلاشتى،

ئورۇنلۇق تۇرسىمۇ ئەرزىم، ‹‹ئامالسىز مەن خىجىل›› دەيدۇ.



مېنىڭدەك نەچچىنى قاتلاپ، شىلىپتۇ ئاڭلىسام، ئەپلەپ،

بىرىنىڭ دوپپىسىنى بىرسىگە يۆتكەيدىكەن سەپلەپ،

ئەگەردە چىقمىسا كىمدىن، ئۆزى كۆزلىگىنىدەك نەپ،

گېپىنى تىڭشىماي ئەسلا، يولاتماي ئالدىغا، سەتلەپ،

-  ‹‹كۆرۈڭ! ھازىر سىياسەت بەك ئىنىچكە بەلكى، قىل›› دەيدۇ.



سىياسەتنىغۇ ‹‹قىل›› دەيدۇ، نېچۈن خۇدىنى بىلمەيدۇ؟!

قىلىپ ھەل ئانچىكى ئىشنى، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ يەيدۇ؟

چۈشۈرمەي ئاغزىدىن ‹‹پاكلىق، دىيانەت›› دەپلا سۆزلەيدۇ،

ئورۇنلۇق ئەرز-تەلەپلەرنى بېسىپ نېمىنى كۆزلەيدۇ؟

شۇ ئەربابتىن بىزار خەلقىم،- ئەجەپ ئاغرىندى دىل، -دەيدۇ.



ياسىن قاسىم



شائىر ياسىن قاسىم 1947-يىلى باي ناھىيسىدە تۇغۇلغان. ھازىر باي ناھىيە سايرام يېزىلىق كوپىراتىپىدە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹تارىم››، شىنجاڭ گېزىتى دە 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، باللادا، 6 پارچە ھېكايسى ئېلان قىلىنغان. ‹‹باشلىق بولغان دوستۇمغا›› (مەزكۇر ئەسەر 1992-يىللىق ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان) ناملىق شېئىرى ‹‹4-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن.

ئۇ، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش