كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 1

ئەرچىن:ئاي قوشىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتوردىن ئىلاۋە: «ئاي قوشىقى» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلار 2008-يىل  17- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» گە ئېرىشكەن بولۇپ، شۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدىكى شۇ ناملىق بىر پارچە شېئىر بۇ سەھىپىگە يوللاندى.

ئاي قوشىقى

قەھرىمان روزى ئەرچىن



كۆزۈڭ نۇرى يېتەلمىگەن پايانغا

يۈرەك تەھقىق يېتىپ بارىدۇ.

ئايدىڭ كېچە

ئىلكىڭدىكى خىيالىڭنىڭ ھەممىسى

ئېپ كەلسىمۇ قۇشلارنى،

ئۇچۇپ كەتسە قايتىپ كەلمەس ئەبەتكە.

ئاي يورۇقى سۈپسۈزۈك،

بىر تامچە ياش تۈن قوينىغا سىغدالغان،

سېغىنىشلار قەدەھلەرگە لىق تولغان.

نۇرغۇن ئىشلار ھەممىسى

ئۆتۈپ كەتتى كونىراپ.

ئايدىڭ كېچە پەقەتلا

ئاداققىچە رەڭگى ئۆڭمەس ھېسسىيات.

تار بوپ سۇلار زاھىرەن،

تار چېكىدۇ سېغىنىشنىڭ كۈيىگە.

كىممۇ جاۋاب قايتۇرار

چۆكۈپ ئايدىڭ كېچىگە.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

مەنبە:«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى 2008- يىل 2- سان

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1013
تۆھپە : 4
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىردىكى ھەربىر مىسرا ماڭا تولىمۇ ياقتى.

دۇنيانى باغرى تاش دېسىمۇ مەيلى، كۆڭلىمىزنى قۇشلارغا داندەك چېچىپ بىرەيلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش