كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 6

تۇرسۇن مەخمۇت: ئاق شەھەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 10:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2005- يىلى (غۇلجا) 15- نۉۋەتلىك «حانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر



ئاق شەھەر


(ھېكايە)


تۇرسۇن مەخمۇت



پاك شەھەر .

پاكپاكىزە شەھەر…ئاسمىنى تۈتۈن، قاپقارا مانان، بەدرەڭ ئىسلاردىن خالى شەھەر...ئاسمىنىدا پاكىزە ئانىلارنىڭ سۈتىدەك، پاكىزە ئانىلارنىڭ پاكىزە ئاق ياغلىقىدەك ..پاك ئاياللارنىڭ يۈرىكىدىكى ئانىلىق مېھىردەك بىغۇبار ئاق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن شەھەر ...مىغىلداپ يۈرگەن ئادەملىرىنىڭ يۈرىكى ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىيالايدىغان، ئىزگۈ ئىستەك، پاك نىيەت ،غەرەزسىز تەبەسسۈم...ئەركەكلىك غۇرۇر..ئاياللىق ھايا بىلەن مېھىرگە ،پاكىزە، يالقۇنلۇق ئىشىق  بىلەن تولغان شەھەر...

نەدە؟

شەھەرلەردە  ئاققۇ ھەققىدە بىلىدىغانلار يوق.. بىلسىمۇ بەزى نەرسىلەر پەقەت ئاڭلاپ قويۇش ئۈچۈنلا ،كۆرۈنۈشكىلا مەۋجۇد بولۇۋاتقاندەك.. ئۇنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقتەك بىلىنىدۇ..نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ يوقىلىپ ئىزى ئۆچتى. يوقالغان، ئۇنتۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئورنى بوش قالغىنى يوق. بۈركۈت ئۇچۇپ كەتكەن ئۇۋىغا  ئاق قۇشقاچلار ئۇۋا سالىدۇ. سۈپسۈزۈك سۈيى، سالقىن ھاۋاسى بىلەن جانغا ئارام بېرىدىغان كۆل قاراقسىز قالسا شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋا لار بىلەن تولۇپ ،پاشا چىۋىنلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.

سازلىقلاردىكى پاقىلارنىڭ كۇركىرىشى كۈچلۈك شاۋقۇن پەيدا قىلىپ بۇلۇڭ –پۇچقاقلارغىچە سىڭىپ كەتكەندەك..ئارىسىغا كىرىپ قالغان ئادەمگە خۇددى ھەممە يەر سازلىققا ئايلىنىپ كەتكەندەك، دۇنيادا پاقىدىن باشقا جانلىق قالمىغاندەك ،پاقىنىڭ ئاۋازى جاھاننى قاپلاپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، .. ئەتراپى جىگدە،سۆگەت، تېرەكلەر بىلەن قاراڭغۇلاشقان مەھەللىلەردە گۇگۇم پەيتىدە  چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى قۇلاق مىڭىنى يەيدۇ..كىشى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان، تېگىگە يەتكىلى، نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلگىلى ،قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمايدىغان تۈرلۈك شاۋقۇنلار ...تېگىگە سىرلىق مەنىلەر يوشۇرۇنغان  چىرىلداشلار.... شەھەردە ..شەھەردە  يانفۇنلارنىڭ سايراشلىرى ئالەم جاھاننى بىر ئالىدۇ..

ھەرخىل ئاياللارنىڭ...نازىنىنىن قىزلارنىڭ ....مەيخانىلاردىكى سەتەڭلەرنىڭ ...ئۆزىنى قونچاقتەك ياساپ يۈرىدىغان پاھىشىلەرنىڭ..بىكارغا ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىنى قايتۇرىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ رېستۇرانلاردا ئويناپ كۈلۈشنى،يەپ ئىچىشنى ،يەنە بىرقانداق.. بىرقانداق ئىشلارنى ئادەت قىلغان خوتۇنلارنىڭ ...يەنە ئەرلىرى ئۇيقۇچان ئاياللارنىڭ ...خوتۇنى كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان ئەرلەرنىڭ ..يانچۇقى توم ئەرلەرنىڭ .. مەست بولۇپ قالغان ئەرلەرنىڭ ....زېرىكىپ قالغان ئەرلەرنىڭ.. چىشىنىڭ بارىدا گۆش يىيىشنى بىلىدىغان، ھاياتتا چىقىش يولى ئىزدەپ گاڭگىرىغان ھالدا بويۇنقىسىپ يۈرگەن ھاجەتمەن قىزلاردىن قانداق پايدىلىشىنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان قولىدا تامغىسى بار ئەرلەرنىڭ ...يەنە قانداقتۇر بىر ئەرلەرنىڭ يانفۇنلىرى  تۈرلۈك ئاۋازلاردا چىرقىرايدۇ... سىرلىق ئىشلار... كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بىر تەرزدە  يەنە سىرلىق بىر ھالدا روياپقا چىقىدۇ..

ئادەتتىكى بىر ئۆيدە ،ئادەتتىكى بىر ئەرنىڭ يانفۇنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا سايرىدى،ئۇنىڭ شامالداپ كىرگۈسى، ھاۋا يەپ كىرگۈسى.كوچىلارنى ئايلىنىپ كىرگۈسى بار ئىدى. تۆت تام ئۇنى قىسىۋاتقاندەك، سىرتتا قانداقتۇر بىر نەرسە ئۇنى چاقىرىۋاتقاندەك، كۆڭلىگە  ياقىدىغان بىر ئىش ئۇنى چاقىرىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقىلى خېلى بولغان ئىدى. شۇنداق قىزغىن، ئاچكۆز بىر تاما  ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ تۈۋىدە مارىلاپ سىرتنى تىڭشاپ تەقەززا  بولۇپ تۇرغىلى خېلى بولغان ئىدى.  ئەرنىڭ تېلېفونى خۇددى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدەك يېقىملىق ئىدى،تونۇش سىفىرلار تاتلىق كۈلۈپ، ئويناقلاپ كۆزىگە ئوت بولۇپ كۆرۈندى.  يانفۇنى سايرىغان ئەر ئۆزىگە ئوخشايدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ئەرلەرگە ئوخشاش يۈرىكىدە تەمتىرەپ ،ھودۇقۇپ تۇرۇپ ،ئەمما چىرايىدا خىرامان ،ھېچ ئىش يوقتەك بىر ھالدا يانفۇننى ئالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. بۇ كىچىككىنە شەھەردە مىڭلىغان يۈرەكلەر مانا شۇنداق  ئاۋازلاردىن چۆچۈپ ،قورقۇش ئارىلاشقان خوشال ھاياجان ئىلكىدە جىغىلداپ كېتىدۇ...كۈندۈزى جىم تۇرغان تېلېفۇنلار كەچ كىرىشى بىلەن تەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ مەھەللىدىكى نۇرغۇن بالىلار كىچىكىمىزدە  بىزگە ئۆتمۈشنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىپ بېرىدىغان بىر بوۋايدىن ئالەمدىكى جىن –شاياتۇنلارنىڭ  كۈن پېتىش بىلەن تەڭ، جاھاننى گۇگۇم قاراڭغۇسى بېسىشقا باشلىغاندا  زېمىنغا چۈشۈپ كىشىلەر ئارىسدا قۇتراشقا باشلايدىغانلىقى ھەققىدە ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان ...

_ .......

_ئۆيدە..ياق.. تېلىۋىزور كۆرۈپ...ئۇنداق ئىش يوق..ھە ..هة.

_........

_ماقۇل..بولىدۇ.. ئاغىنىلەر ئولتۇرمىغىلىمۇ خېلى بوپقاپتۇ...

_......._ئەرنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ كەتتى...گاللىرى قۇرۇپ كالپۇكلىرىنى يالاپ قويدى. مىڭلىغان مىليونلىغان يانفۇنلار سايراشقا باشلىدى. ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارىلىق تارىيىپ بىر بىرىنىڭ تىنىقىنى،بوي بەستىدىن كېلىۋاتقان ھىدىنى ، يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنى ئاڭلىماقتا. يۈرەكلەرنىڭ ئارىلىقى يىراقلاشماقتا، بىر بىرىنى تونۇيالمايدىغان، بىر بىرىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدىغان،كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان، قوينىدا يېتىۋاتقان  كىشىنىڭ كىملىكىنى تونۇيالمايدىغان  بىر ھالغا چۈشۈپ قالماقتا.. شەھەرنىڭ ھاۋاسىنى، شەھەرنىڭ كوچا، يوللىرىنى سىگناللار، قويۇق، سىرلىق ، يۈرەكلەرنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى چالغىتىدىغان سىگناللار قاپلىماقتا...

_ گەپ چۈشەنمەيدىغان ئاداشكەن بذ..ئۆيدە دەۋاتىمەنغۇ.. ئۆيدە بولغاندىكىن شۇنداق دەيدىغان گەپ...

_........

_ما.. ماقۇل...

ئەرنىڭ كۆزى ئويناپ كەتتى، ئەرنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن يىرتقۇچ ھايۋان تەييار ئولجىنى كۆرۈپ قالغاندەك..... بايىدىن بېرى خوتۇنى، بالىلىرىغا ناخۇشلۇق بىلەن قاراپ ئولتۇرغان يۈزلىرىدە بىر خوشاللىقنىڭ ئەكسى جىلمايدى.. ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئايالىنىڭ تەشۋىشلىك ،مۇھەببەتلىك شاملىرى ئۆچۈپ قېلىشقا تاسلا قالدى..

_ يەنە نەگە بارىسىز.. ئادەمنى ئەنسىرىتىپ...._ئايالىنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. بۇنداق ياشنىڭ قىممىتىنى كىم بىلىدۇ. كۆز يېشى دىگەن ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس.. بەزى ئادەملەرگە ئۇنىڭ   بۇزۇلۇپ قالغان جۈمەكتىن تامچىۋاتقان سۇدىن، پىيالىنى چايقاپ بولۇپ تۆكۈۋەتكەن چاي قالدۇقىدىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە كىشىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرى يار بەرمەيدۇ.. كۆز يېشى.. لىغىرلاپ تۇرغان.. دىرىلدەپ تۇرغان.. چىراق يورۇقىدا پارقىراپ تۇرغان كۆز يېشى...

_ئاغىنىلەر بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەيلى دەيدۇ..

_تاماق يەۋېلىپ ماڭمامسىز..

_ يىگۈم يوق..

_ئەمىسە كىيىملىرىڭىزنى..

_بولدى بېرىۋېرەي...

بىر يۈرەكنىڭ رېتىمى تېزلىشىپ كەتتى،بىركىمنىڭ بىرنىمىسىنى ئوغرىلاۋاتقاندا ئىگىسى كېلىپ قالغاندەك،باغ شورىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ كىرىۋاتقاندا  ئىت ئېتىلىپ كەلگەندەك...  مەن تۈگەشكىلى ئاز قالدىم.. ئاز كۈندىن كېيىن.. ئاز كۈندىن كېيىن مەن ئەخلەت چاۋالار ئارىسىغا كۆمۈملۈپ كېتىمەن.. ئېسىت.. پاكىزە تۇغۇلغان ئىدىم،.. پاكىزە ياشىماق نىمانداق تەس،نىمىشقا بەزى ئىشلاردىن قول ئۈزگىلى بولمايدىغاندۇ،يەنە نىمىشقا بەزى كۆڭۈل خالىغان ئىشلار كىشىنى غەش قىلىپ قويىدىغاندۇ،بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى رەسۋا بولۇپ ،يەر بىلەن يەكسان بولۇشۇم مۈمكىن،شۇ چاغ كەلگەندە .. نىمە بولۇۋاتىمەن...

پاكىزە شەھەر .. غايىۋى شەھەر.. غايىۋى شەھەر.. ئادەملەر ئۇنى تاپالمايدۇ.. ئۇنى يوقىتىپ قويدى.. يوقىتىپ قويدى دىگەن نىمە گەپ.. ئۇنداق شەھەر ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان.. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.. بىر نەرسە يوقاپ كېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بار بولۇشى كېرەك....يوق نەرسە مەڭگۈ يوقاپ كېتەلمەيدۇ.. پاكىزە شەھەر.. ج..ظا..ل..ظا..ص ..يوق شەھەر.. ه ئا ر ئا م  نىيەت ...كۆيۈپ تۈگىگەن، كۈلى كۆككە سورۇلغان شەھەر.   يوق.   ئىنسانىيەت مەۋجۇد بولغاندىن باشلاپ بۇنداق شەھەر بولۇپ باقمىغان..يوق نەرسىنى بار قىلىش ئىنساننىڭ يارىلىشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. مەن تونۇمايدىغان بىرسى مۇنداق دەيدۇ:  ئەركەكلەرنىڭ غۇرۇرى كىرلىشىپ كەتتى، قىز_چوكانلارنى تالىشىپ پىچاقلىشىپ كېتىدىغان ئىش دىگەن نەدە،..نى نى ئىشلارنى كۆرسە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.. جان دىگەننىڭ نىمىلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھەممىدىنمۇ تاتلىق، ھەممىدىن قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، لېكىن بەزى نەرسىلەر ئۈچۈن  ئۇنى بەدەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ..قىزى.. قېرىنداشلىرى پايمال بولسا، بىركىملەر تەرىپىدىن پاسكىنا شالۋاقلار بىلەن بۇلغانسا  ھېلىقى جان دىگەن نىمىنى  ئالقانغا ئېلىپ چىقالايدىغانلار ....شۇنداقلاردىن كىم قالدى.. سىز بىلەن بىزمۇ شذ...  كىم، نىمە ،قانداق جىنىستىن ئىكەنلىكى بىلەن كارى بولماي كونا پالازدەك ئۆزىنى تېگىگە تاشلاپ بېرىدىغانلار يوق شەھەرنى قۇرۇپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس...ئەركەكلىك ماتانەتكە، ئاياللىق غۇرۇرغا دەز كېتىپ ئارىسىدىن شامال ئەمەس بوران ئۇچۇدىغان بولۇپ كەتتى.

مۈمكىن ئەمەس.. كىشىنىڭ جېنىغا تېگىدىغان گەپ.مەن مۇشۇ جاھاندا  ئۈمىدسىز ئادەملەرگە بەك  ئۆچ. ئەمما ئوڭدا يېتىپ  تاما قىلغان بىلەن تۈڭلۈكتىن بىر كىم نان تاشلاپ بەرمەيدۇ.  

تېلېفون بوتكىلىرىنىڭ تار قىسىلچاقلىرىغا ، يانفونلارنىڭ  سىگناللىرى ئارىسىغا  قىسىلىپ كىرگەن پاسكىنىچىلىقلارنى بىر خۇدادىن ئۆزگە ھېچكىم بىلمەيدۇ.. بىر خۇدادىن ئۆزگە ھېچكىم كەچۈرىۋېتەلمەيدۇ... توۋا قىلسا ئاللا بەندىلەرنىڭ ھەرقانداق گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىۋېتەرمىىش ...

مۇشۇ شەھەردە بەكلا ئۇزۇن ياشىغان،بەستىنىڭ يوغانلىقىدىن كىشى ئەيمىنىدىغان ، ئات –جۆنىنىڭ تايىنى يوق بىر ئەر كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى. بۇنداق كىشىلەر ناھايىتى كۆپ..

قۇرۇلۇش ئورنىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە ئىشلەمچى چىرايلىق قوي كۆزلىرىدىن غېرىپلىقنىڭ مەيۈس شولىلىرى سىلغىيىپ تۇرغان ئىككى قىز بىلەن ئۇزاق سودىلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىما ئىشارەتلەر بىلەن قىلىۋاتقان بۇ سودىسدىن ھوزۇرلانغان ھېلىقى ئەر تېخىمۇ بەكرەك كۈلدى. ھوزۇرلىنىپ ھىجايدى:

_ما گۇيلارنىڭ يامانلىقىنى.. ئەرزانلا كېلىشىۋالدى.. تازا ئەپلەيدىغان بولدىدە ...

بۇرۇنقى زاماننىڭ ئەخمەق ئەركەكلىرى جانلىرىنى بەدەل قىلىپ قوغدايدىغان ئىپپەت سوغۇق كۆكۈش نۇر تارىتىپ تۇرغان ئون سوم بىلەن ئالماشتۇرۇلدى..

....چەيلەندى...ئادەملەردە ...قالمىدى...بۇنىڭغا....چىقىدىغان ...يوق...

ئېلىكتېر چىرىقى نۇرىدا يورۇپ تۇرغان يورۇق كوچىلار، يورۇق يوللار.. ئۆيى يوقتەك كوچىغا چىقىۋالغان كىشىلەر نىمانداق جىق..ھەممىسى يانلىرىدىن، ئالدى، ئارقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا بىر نىمىدىن گۇمانلانغاندەك ئۆڭگىيىپ قارىشىدۇ، يۈرىكىدە ئىشەنچ قالمىغان ئادەملەر.. ئۇشتۇمتۇت بىرەر ئولجا، بىرەر پارچە سۆڭەك ياكى بىرەر ..ئىشقىلىپ شۇنداق بىر نەرسىلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى تاما قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە پارقىرىتىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر..مەن يەنە بىردەمدىن كېيىن مۇشۇ يولدىن قايتىپ كېلىمەن، مۇشۇ يولدىن نۇرغۇن قېتىم قايتىپ كەلگەن ئىدىم، بۈگۈنمۇ خۇددى بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم غەش، پۇشايمان، يىرگىنىش ئىچىدە قايتىپ كېلىشىم چوقۇم، ..ئەگەر مەن ھازىر دەرھال كەينىمگە يېنىپ قايتىپ كېتەلىسەم  بۈگۈنچە مېنى راۋۇرۇس ئوغۇل بالا دىسە بولىدۇ.. شۇنداق بىر قىلىپ باقسام قانداق بولار..مېنىڭ قولۇمدىن كېلەرمۇ..

نىمە بولدى..ئەجەپ تەمتىرەپ كەتتىڭغۇ...ئۆيدە.. ئايالىمنىڭ قېشىدا ئىدىم..ۋۇي  ئۇ ئىنجىمارۇقنىڭ يېنىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭمۇ نىمە.. سېنى ئادەم قىلغان مەن جۇمۇ.. سېنىڭ تېخى مەندىن چانغىنىڭنى كۆرەيمۇ.. ئۇنداق ئەمەس.. ئېرىڭىز نەگە كەتتى.. ئۈرۈمچىگە...نىمىشقا.. كېسىلىنى داۋالاتقىلى.. قاچان ماڭدى.. ئۇنى يولغا سېلىۋېتىپلا ساڭا تېلېفون بەرگەن..

بەزى ئەرلەر نىمىشقا بىچارە بولۇپ قالىدۇ.. بۇنداق قىسمەت سەللا دىققەت قىلمىسا ھەممە ئەرلەرنىڭ بېشىدا بار.. ئەرلىك شەرەپ قانداق چاغدا پايخان بولىدۇ.. بۇنىڭدەك سوئاللارغا مەن جاۋاپ بېرىپ بولالمايمەن..

ئاپتاپتا قىزىغان قۇم بارخانلىرى ئەرنىڭ كۆكرىكى ئاستىدا لىغىلدايدۇ،ئوت ئاتەش پۇرقۇلۇپ تۇرغان بۇلۇتتەك يۇمشاق بارخانلار.. باش ئاخىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان چەكسىزلىككە سوزۇلغان... ئەرلەرنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانى بولغان بۇ زېمىندا ئىسسىقلىق، يەنە ئىسسىقلىق قاينايدۇ.. جانغا ئارام بېرىدىغان تەپتى يالقۇن ئاتەش ئوت پۈركۈلىدۇ.ھەممە ياق ئوت، ھەممە ياق جاننى قىينايدىغان، جانغا ئارام بېرىدىغان ئىللىقلىق بىلەن تولغان.. ئەرلەر بۇنداق يەردە مەڭگۈ توختاپ قېلىشنى.. مۇشۇ دەملەرنىڭ توختاپ قېلىشىنى .. مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈشنى تىلەيدۇ.. ئەرنىڭ يۈرىكى قىنىغا پاتماي تېپچەكلەيدۇ.. جۇش ئۇرىدۇ..ئۇنىڭ تەكتىدىكى پاتقاق ...قايناۋاتقان قارا پاتقاق  ئاستىدىكى يۈرەك جان تالىشىۋاتقان پاقىدەك تىپىرلايدۇ.. ئەر بۇنى سېزىپ تۇرىدۇ.. قېلىن ..شىلىمشىق بىر نەرسىلەر ئەرنىڭ يۈز بويۇنلىرىغا سۇۋۇشۇپ ئۆتىدۇ.. مۈشۈك يەنە مىياڭلاشقا باشلىدى، بۇرۇنقىدەك.. ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش.. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقىدەك.. بۇرۇن قانداق بولسا يەنە شۇنداق مىياڭلاشقا باشلىدى.. مۈشۈكنىڭ مىياڭلىشى ئەرنىڭ قۇلىقىغا شۇنداق چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ.. جان تالىشىۋاتقان مۈشۈك.. ھازىرلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھالغا چۈشكەن مۈشۈك.. يالغان مۈشۈك.. پۈتۈن شەھەردە مىڭلىغان مۈشۈكلەر مىياڭلاشقا باشلىدى.. بەس بەستە مىياڭلاشقا باشلىدى.. يانفۇنلارنىڭ سايراشلىرى بىلەن مۈشۈكلەرنىڭ مىياڭلاشلىرى قوشۇلۇپ كەتكەندەك.. يانفۇنلار مۈشۈكلەرنى ئويغىتىپ ئۇۋىلىرىدىن سۆرەپ چىقىشقا باشلىدى.. مۈشۈكلەر.. تەييار بولۇپ تۇرغان مۈشۈكلەر.. ئىچى پۇشۇپ تۇرغان مۈشۈكلەر.. خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن مۈشۈكلەر.. ھەممە مۈشۈكلەر مىياڭلاپ ھەممە يانفۇنلار سايراشقا باشلىدى.. ...ئەرنىڭ تۇيغۇلىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئۇنى ئۆلۈمگە قاراپ ئىىتىرىشكە باشلىدى.. ئالەمنىڭ لەززىتىگە چىدىمىغان ئەر ئۆزىنى ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.. مۈشۈك.. پۈتۈن شەھەردىكى جىمى مۈشۈكلەرنىڭ ئالدى.. بۇنىڭدەك مىياڭلايدىغان مۈشۈكتىن يەنە بىرى يوق.. مۈشۈك ئۇنى يالاشقا باشلىدى.. ئوتتەك تىللىرى بىلەن ..ئوتتەك بىر يەرلىرىنى يالاشقا باشلىدى..

ئەر ئىگىز قۇم بارخانلىرى ئۈستىدىن ھالسىز سېرىلىپ يىقىلدى.. ھارغىنلىق.. كۆڭۈلسىز بىر تۇيغۇدىن.. ناخۇش بىر تۈرلۈك  سېزىمدىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.. ئۇ ئۆزىنى مەڭگۈ ئورنىدىن تۇرالمايدىغاندەك، قانداقتۇر بىر چوڭقۇرلۇققا قاراپ ناھايىتى تېز چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدى. مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن. ئىشنى ھېچكىم بىلمىدى. بۇ جاھاندا خۇپىيانە ئىشلار بەك جىق.

ئىشىك يەنە چېكىلدى، تولىمۇ قاتتىق، غەزەپ بىلەن چېكىلدى، خۇددى بىراۋ سىرتتا ئىچى پۇشۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىكىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە  تازا ئاچچىقى كېلىپ  قاتتىق مۇشتلىغاندەك مۇشتلاۋاتاتتى. ئۇ قورقۇپ قالدى.

_بىرسى ئىشىكنى مۇشتلاۋاتىدۇ.. _ پىچىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ھەرقانچە كۈچەپمۇ بۇ ئاۋازنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىگە ،ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقىغا ئىشىنەلمىدى.

_نىمە كارىمىز.. ئىشىمىزنى قىلىۋېرەيلى.. _ شالاپلىغان بىر ئاۋازدىن كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. ئېغىزىنى، بۇرنىنى بىر نەرسە كۈچ بىلەن بېسىۋالغاندەك قىلاتتى.

ئۇ قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدى.. بىر نەرسىدىن يىرگىنىپ، سەسكىنىپ  قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدى.. ئۆزىدىن يىرگىنىۋاتقان بولسا كېرەك.. بەكمۇ خامۇشلىشىپ كەتتى.. نىمىشقا بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلار بولىدىغاندۇ.. تۈفىي.. بۇنداق تۇرمۇشقا مىڭلاپ لەنەت.. لەنەت.. مەن نىمىشقا مۇشۇنداق ئىشنى قىلىمەن.. خەپ.. بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى مۇشۇنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالىمەن.. شۇ چاغدا قانچىلىك ئازابلانسام.. قانچىلىك قىينالساممۇ ئۆزۈم دىگەن بۇ شەرمەندە بىلەن قەتئىي كارىم بولمايدۇ.. نىمە كارىم. نىمە بولساڭ بول.. دەپ ئۆزۈمنى قانغىچە ..ئاخىرىغىچە.. تۈگىگىچە قىيناپ ئۆچۈمنى ئالىمەن.. بۇ خوتۇن مەندىن يىگىرمە ياش... يىگىرمە بەش ياش چوڭ بولۇشى مۈمكىن.. بۇ ياشتىكى ئايال دىگەن ئەسلى ....مېنىڭ.. مېنىڭ.......گە ئوخشاش..

بارغانسېرى بوشاپ كېتىۋاتىسەن نىمە بولدۇڭ...ھېچنىمە.. يالغان گەپ قىلما سەندە بىر گەپ بار.. مەندىن ھېچنىمىنى يوشۇرالمايسەن.. سەن ئەشۇ ئاسلانغا يۈز كېلەلمەيمەن دەپ ئويلايسەن..يەنە قاچان كۆرۈشىمىز.. ئەمدى كۆرۈشمەيلى.. چاتاق چىقىپ قالسا.. چاتاق چىقمايدۇ.. ئېرىڭىز.. ئەمدى ئۇ كەلمەيدۇ.. ئۆلۈشى مۈمكىن.. ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭ.. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ ئۇستام.. ئۆلسە ساڭا ئوبدان ئەمەسمۇ.. ئىككىمىز مۇرادىمىزغا يېتىمىز.. ھى هع...

توخۇ قاقاھلاشقا باشلىدى..

_هأ..هأ..هأ..

_نىمە بولدى.. كۆڭلۈڭ ئېلىشىۋاتامدۇ.. ھەقىچان خوتۇنۇڭ دىگەن ئالۋاستىنىڭ ئەتكەن تامىقى خىل كەلمىگەن گەپ...

_هأ..هأ....ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.. قۇسۇش ئۈچۈن شۇنچە كۈچەپمۇ پەقەت قۇسالمىدى.. قۇسۇۋەتسە يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.. ھەممە نەرسە قۇسۇق بىلەن بىللە يوقۇلۇپ كېتىدىغاندەك.. ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغاندەك.. ئەمما شۇنچە كۈچەپمۇ قۇسالمىدى.. كۆڭلى ئېلىشىپ ، ياندۇرغىسى كېلىپ تۇرسىمۇ..

شەھەردە مىڭلىغان مىليونلىغان يانفۇنلار يەنە سايراشقا باشلىدى.. كۈيى تۇتقان پاقىلاردەك.. بالىسىنى مۈشۈك تۇتىۋالغان قۇشقاچتەك..يەنە بىرنىمە ..يەنە بىرنىمىدەك..

_سېنى ياخشى كۆرىمەن.. بەك سېغىنىمەن.. ئەمدى ئوبدان بولدى.. كېسەل كۆرپىسى ئابدالمۇ يۈتتى.. ئىككىمىزگە ئوڭچە قالدى..

_ تۈفىي.. مەن ئەمدى سەندەك قېرى دەللە ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىممۇ.. مەن سېنىڭدەك بىر خوتۇن ..بۇزۇق..پەسكەش .....ئەيمەنمەي سېنى ياخشى كۆرىمەن دىگۈدەك دەرىجىدە بولۇمسىز، قاملاشمىغان.. تېتىقىسىز ئادەم بولۇپ قالدىممۇ.. گۇناھ.. گۇناھ دىگەن نىمە.. گۇناھ دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.. تۇز بەرگەن، ئۆز ئوغلىدەك كۆيۈنگەن ، ياشاشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ،ھېچقانداق گۇناھى يوق بىرسىنىڭ رىسقىنى قىيىش.. قاچىسىغا قوشۇق سېلىش،ئۇنى ئەرلەر دۇنياسىدىكى شەۋكىتىدىن، غۇرۇرىدىن جۇدا قىلىشنىڭ ئۆزى گۇناھ بولىدۇ.. ئەر ئاۋازىنى چىقارماي تۇرۇپ قاتتىق ۋارقىرىدى، چىرقىراپ كەتتى، پىشانىسىدىن ،كۆزلىرىنىڭ چۆرىسىدىن ،يۈرىكىدىن تاراملاپ تەر قۇيۇلدى. يۈرىكى قاچقىلى يەر تاپالمىغاندەك بوغنۇقۇپ، ئېتىنىپ تېپچەكلىدى.. نۇرغۇن يەرلىرىگە قوپال يىپلار بىلەن،رەڭمۇ رەڭ كونا لاتىلار بىلەن ياماق سېلىنغان بىر يۈرەك  سېسىق ھىد تارىتىپ ،كونا، پاسكىنا بىر كوچىدا دۈگدىيىىپ يۈرەتتى.  ئۇ يەنە قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى.. ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن قۇلاقلىرى گاس بولۇشقا قىل قالدى..

_ بايىقى قىز كىم بولىدۇ..

_قايسى قىزنى دەيسەن..

_ماڭا ھويلىدا ئۇچرىغان قىزنى دەيمەن..

_مېنىڭ ئۆگەي قىزىم.. ئانىسى دەللە ئۆلۈپتۇ.. ئەمدى بۇ يەرگە يۈزىنى قېلىن قىلىپ كۆچۈپ كەلدى.. بارار جايى يوقمىش.. ھۇي.. ئەمدى شۇنىڭغا كۆزۈڭ چۈشتىمۇ نىمە دەلتە.. شۇنداقلا قىلىدىغان بولساڭ بىر يەرلىرىڭنى چىشلەپ ئۈزىۋالىمەن.. جوھۇت..

ئۇ قانداقتۇر بىر پۇراقتىن سەسكىنىپ يەنە كۆڭلى ئېلىشىشقا باشلىدى.. مېنىڭدەك مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ.. كۆپ.. ئىتنىڭ قۇرتىدەك تولا گەپ.. ھازىرقى بەزى ئادەملەرنى  نىمە دىسە بولىدىكى ئىشقىلىپ باشقىچە بىر قىسما بولۇپ قالدى.. خۇددى ئېشەكنىڭ ئۆزى.. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ پەس.. مەن شۇنداقلارنىڭ ئالدى..

تېلېفون جىرىڭلاشقا باشلىدى.

_تېلېفوننى ئالمامسىز...

_مۇشۇنداق چاغدا كەلگەن تېلېفوننى ئالسام سېنىڭ كۆڭلۈڭگە كېلىپ قالار.. قويغىنا نىمە كارىمىز..

_شۇنداقتىمۇ .....

_مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن..  

_بۇ نىمە دىگەن گەپ..

_نىمە دىگەن گەپ.. توۋا .. ما بىرنىمىنىڭ دەۋاتقان گەپلىرىنى، مۇشۇنىمۇ چۈشەنمەمسەن.. بۇ ساڭا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى دىگەن گەپ..

_سىىزنىڭ راستلا ماڭا كۆڭلىڭىز چۈشۈپ قالدىما..

ئايال ئەركىلەپ ئۇنىڭغا ياماشتى.. ئۇنىڭ يەنە كۆڭلى ئېلىشىشقا باشلىدى.. قانداق بولسا ئادەم دىگەن ..بولۇپمۇ ئايال كىشى دىگەن مۇشۇنداق كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بولۇپ قالىدىغاندۇ..

_مۇشۇ گەپنى ئىككىنچى ئاغزىڭىزغا ئالغۇچى بولماڭ.. مەن جاھاندا ھەممىدىنمۇ بەك خوتۇن كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن گېپىگە بەك ئۆچ.. راستلا بەك ئۆچ.. قۇسقۇم كېلىدۇ..

_ھۇ ساراڭ.. ئەمىسە شۇنداق دىمەي نىمە دەيمەن.. خۇدا ئىككىمىزنىڭ ئىشقىنى باغلاپتىكەن..

_هأ..هأ...

_ يەنە نىمە بولدۇڭ..

ئايال ئېڭىشىپ ئۇنىڭ پىشانىسىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭ خوتۇنىنى شۇنداق كۆرگىسى كەلدى، شۇ تاپتا قېشىدا بولسا خوتۇنىنىڭ يۇمشاق لەۋلىرىگە قېنىپ بىر سۆيۈۋالغۇسى بار ئىدى.. ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنى تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم ياخشى كۆرىمەن دەپ باقمىدى.. ئۇمۇ خوتۇنىغا بۇنداق گەپلەرنى قىلمىدى.. تۇرمۇشتا .. بەزى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدا بەزى گەپ سۆزلەر تۇرۇپلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن.. تاپقىلى بولمايدىكەن.. بوپتۇ قانداق بولسا شۇنداق بولسۇن.. بايىقى قىز ئۇنىڭ خوتۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ.. چىرايى نىمانداق سۇلغان ئۇنىڭ، بۇ دۇنيادا خوشال- خورام ياشاش نىمانداق تەس.. بىر نەرسەڭ تەل بولسا كەم نەرسەڭدىن ئونى سېنى مەسخىرە قىلىپ قاراپ تۇرغان.. ناھايىتى ئۇزۇن بىر زامانلاردىن كېيىن بەلكم .. ظذ، ئۇنىڭ خوتۇنى، يەنە بايىقى قىز.. ھەممىسى قېرىپ  مۈكچىيىپ بوۋاي مومايلارغا ئايلانغاندا تۇرمۇش بەلكىم ھازىرقىدەك بولماسلىقى مۈمكىن..

بىپايان كۆكتە ھاياتلىق ماكانىنى نىشانلاپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ئاققۇنىڭ بىرىنى چىرايىنى يۈرىكىدىكى ئاچ ھەۋەسلەرنىڭ تۇمانى خۈنۈنكلەشتۈرگەن بىر ئوۋچى ئېتىپ تاشلىدى..ئاپئاق قاناتلىرى ئۆزىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ئاققۇ  تۆۋەنگە پۇلاڭلاپ چۈشتى، ..ھاياتتا بۇنداق پاجىئەلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.. ھەمراھىدىن ئايرىلغان ئاققۇ كۆكتە نالە قىلىپ ئايلىنىپ يۈردى...ئۇنىڭ ئىنسانلار مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايدىغان قەلبىدىكى نالىلىك ئۆكسۈشلىرىنىڭ  نىداسى يېنىك شامال ھۇشقۇيتۇپ تۇرغان كۆكنى ئازاب بىلەن بۇلغاپ يىراق يىراقلارغا.. ناھايىتى يىراقلارغا كەتتى...كۆكتىكى تەنھا ئاققۇ  تېخىمۇ ئىگىزلەپ .. بەكلا ئىگىزلەپ .. ئۆزى يېتەلەيدىغان ئىگىزلىككە يەتكەندىن كېيىن قاناتلىرىنى يوپۇرۇپ كاللەكلىشىۋېلىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. ...ئۇ يەرگە چۈشكەندە پارە پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى...

پاكپاكىزە شەھەر…ئاسمىنى  تۈتۈن، قاپقارا مانان، بەدرەڭ ئىسلاردىن خالى شەھەر...ئاسمىنىدا پاكىزە ئانىلارنىڭ سۈتىدەك، پاكىزە ئانىلارنىڭ پاكىزە ئاق ياغلىقىدەك ..پاك ئاياللارنىڭ يۈرىكىدەك ئاق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن شەھەر ...

نەدە؟

ئەتلەس كۆينەكلەرنىڭ جۇلاسى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقىدىغان چىرايلىق باھار،كۈز كۈنلىرىدە تاۋلىنىپ پىشقان ،قۇرت يىمىگەن ئالمىلاردەك چىرايلار.. ئون سەككىز باھارنى ساقلىق ئىچىدە  ئۆتكۈزگەن پاكىزە ۋۇجۇدلاردىن تارقالغان خۇشھىدقا تەشنا بولۇپ كەتكەن يۈرەكلەر كوچا كويلاردا دەسسىلىپ مەسخىرىلەرگە يەم بولۇپ تىترەپ تۇرىدۇ.

_ئىشىكنى بىرسى مۇشتلاۋاتامدۇ.. نىمە.. چىقىپ قاراپ بېقىڭ...نىمانداق بىسەرەمجانلىق بذ.. تېلېفۇن ئۇياندا، ئىشىك بۇياندا .

_كىم بولسا بولمامدۇ.. ئۆيىنى تاپالمىغان مەستتىن بىرەرسى بولسا كېرەك.. سەن بايا ئەجەپ ئۇنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالدىڭغۇ..

_كىمنىڭ گېپىنى..

_ئۆگەي قىزىمنىڭ گېپىنى.. نىيىتىڭنى يامان قىلما..

_ئۇ دىگەن ئۆزۈمنىڭ سىڭلىمنىڭ ئورنىدا .. قانداقمۇ..

_ھازىرقى بىرنىمىلەر بىر بىرىنى سىڭلىم، ئاكام دەپ تۇرۇپ قىلىدىغاننى قىلىشىدۇ.. بۇنچىلىكنى مەن بىلمەمدىمەن..

_ئىككىمىزمۇ ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى.. ئويلىسام ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىپ كېتىمەن.. بولۇپمۇ سىز..

_مەن نىمە بوپتىمەن..

_ئوچۇقىنى دىسەم سىز دىگەن مېنىڭ ....ئورنىدىكى  ئايال.. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھەر نىمە قىلساقمۇ قىلدۇق.. ئەمدى توختاپ قالايلى..مەن ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلىدۇ...

_ جىڭ ساراڭكەنغۇ بذ.. كۆڭلۈڭنى ئېچىپ قويسام تېخى رەھمەت دىمەكتە يوق.. قىلىۋاتقان گېپىنى ئۆلۈمتۈكنىڭ.. نىمە بولدىكىن دىسەم سەن لاتىنىڭمۇ مەندىن كۆڭلۈڭ قاپتىكەندە..

_ئۇ دۇنياغا بارغاندا ھەممە ئادەم بۇ ئالەمدىكى ئىشلىرىدىن ھېساپ بەرگۈدەك.. مېنىڭ مۇشۇ ئىشلىرىم شۇ چاغدا ئاشكارە بولۇپ قالسا ..

_ظا.. ئۇ دىگەن نەدىكى گەپ..

_ئۇستام بېشىمدا قاراپ تۇرىدىغان بولۇۋالدى..

_گەپنى ئۇيان چۆگىلىتىپ، بۇيان چۆگىلىتىپ  ئاخىرى يەنە شۇ ئايرىلىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلىسەنغۇ.. ئادەم قىلىپ قويسام ئەمدىزە مېنىڭدىن چېنىۋاتامسەن نىمە.. ھۇ قىلغاننى بىلمەيدىغان تۇزكور...

_سىز ئۇستامنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالمىغان بولسىڭىزمۇ بىر نۆرى ئىدى...

_ئەجەپ بۇرۇن ئۇستامنىڭ خوتۇنى دىمەي قوچقارلىق قىلاتتىڭغۇ ئىت..

_كىچىكلىك.. ئەقلىم يوق چېغىۋاكەن..

شەھەرنىڭ كېچىلىك شاۋقۇنلىرى پەسەيگەن، ئەر موخۇركا ئوراۋېتىپ بايا كۆرگەن قىزنى ئەسلەپ قالدى، بۇرۇنلاردا ئۇ ئۇستىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر قىزى بارلىقىنى بىلمەپتىكەن ،بىر كىم گەپ سورىمىسا گەپ قىلمايدىغان كەم سۆز ،تولىمۇ يۇۋاش ،ناھايىتى ئېغىر بىردەردى باردەك قاچانلا قارىسا شۇنداق خامۇش يۈرەتتى...بەلكىم مۇشۇ ئۆيدە بولۇۋاتقان پاسكىنا ئىشلارنىڭ پېشكەلچىلىكىگە كەتكەن بولۇشى مۈمكىن.. قاچانمۇ ئادەمدەك ئادەم بولارمەن.. تۇرمۇشۇمدا مۇشۇ كۈنگىچە قايسى بىر ئىشنى مانا مەن قىلدىم، دەپ ئوغۇل بالىدەك مەيدەمنى كېرىپ چىقالارمەن.. ئەگەر مۇشۇ خوتۇن بىلەن بولغان ئىشلىرىم جاھانغا ئاشكارا بولىدىغان بولسا مېنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەشكىنىم شذ....ھېلىمۇ تۈگىشىپ كەتتىم.. مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئادەم ھېساپلىماي يۈرگىنىمگە خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى...

شەھەردە يەنە مىڭلاپ پاقىلار كوركىراشقا باشلىدى، پاقىلارنىڭ يېقىملىق كوركىراشلىرى شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە ئېقىپ كىرىپ  بىر تۈرلۈك تەمسىز شادىيىانىلىقنىڭ ئەۋجىنى كۆتۈرەتتى..

ئۇستامنىڭ ھالى قانداقراقكىن..بۇ خوتۇن ئۇنىڭغا قانداق بولۇپ يولۇقۇپ قالدى، ئەجەپ يۇۋاش ئادەمدە.. مۇشۇ جاھاندا بەزى ئەرلەر چىرايلىق خوتۇن ئالسا بولمايدىكەن.. ئۇستاممۇ قېرىپ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا ئاشۇنداق بىر خوتۇننى ئالغۇچە ئەمدى قالغان ئۆمرىنى بويتاق ئۆتكۈزسسىمۇ بولاتتى.. مەن ئۇنىڭ ئەشۇ خوتۇننى ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەپمۇ قىلالمىدىم.. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا دىگەن بولسام بوپتىكەن.. لېكىن قانداق دىگىلى بولسۇن.. قانداقمۇ سىز ئالماقچى بولغان ئۇ خوتۇن بۇرۇن مېنىڭ قوشنام ئىدى، ..ئۇنىڭ بىلەن مۇنداق مۇنداق ئىشلىرىم بار ئىدى دىگەن گەپلەرنى قىلغىلى بولسۇن.. توۋا قىلدىم.. بۇ دۇنيا نىمە دىگەن تارلىشىپ كەتكەن..

بىر گەپنى ئاڭلىدىم.. راستمۇ.. نىمە گەپنى.. سەن ئۇستامغا تەگمەكچى بوپسەنغۇ.. شۇنداق.. تەگسەم نىمە بوپتۇ.. چىدىمايۋاتامسەن.. چىدىمايدىغان ئىش يوق.. ئادەم تېپىلمىغاندەك قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا.. بولدى قۇرۇق گەپنى قىلىۋەرمە.. مەن سېنى دەپمۇ ئۇنىڭغا تەگمەكچى بولدۇم.. بولمىسا ئۇنىڭدەك جۇلىقى چىقاي دەپ قالغان گادايغا تېگىپ ئۆمرۈمنى زايا قىلىدىغان  ساراڭ ئەمەس مەن.. ئىنساپ بىلەن ئىش قىل.. شۇنداق بولۇپ قالسا سەن مېنىڭ ئۇستامنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالسىەن... يۈزۈڭ قىزىشمامدۇ.. بىنومۇس.. مېنى ئال دىسەم ئۇنىمىغاندىكىن شۇنداق قىلىمەن.. قانداق.. مەن توي قىلىدىغان بولدۇم.. ئۇستام مېنى ئۆيلەپ قويىدىغان بولدى.. قېنى كۆرەرمىز.. لاتا.. خوتۇن ئېلىپمۇ تويىسەن.. ھەممە ئايال خانئاچاڭدەك تاتلىق بولمايدۇ.. ھەپتە ئون كۈندىن كېيىن ئايىغىمغا يىقىلمىغىنىڭنى مەن بىر كۆرەي..

شەھەر كوچىلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدۇ، خۇدانىڭ يىلدا بىرەر قېتىم رەھمىتى يېغىپ يامغۇر ياغمىسا بۇ شەھەردىن نەم دىدارىنى تاپقىلى بولمايدۇ، كوچىلاردىن توپا توزۇپ، قۇرۇقچىلىقنىڭ كىشى روھىنى غېرىپلىققا بۇرۇخۇتۇم قىلىدىغان ھاۋاسى دەمنى سىقىدۇ.

ئەمدى ئىككىنچىلەپ بۇنداق ئىشنى قىلمايمەن.. ئۇ ئۆيگە ئەمدى بارمايمەن.. نىمىدىگەن نومۇسسىز ئادەممەن.. خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىۋەتسەم بولماس.. شۇنداقتىمۇ ئەركەكلىكىمنى شىپى كەلتۈرۈپ ۋەدە بېرىمەنكى ئۇ خوتۇننىڭ يېنىغا ئىككىنچى يولىمايمەن.. ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەك.. گېپىم گەپ بولۇشى.. قىلغان لەۋزىمدە تۇرسام ياخشى بولىدۇ.. ۋەدە ،قەسەم دىگەنمۇ يۈرىكىدە ئەركەكلىك ئوتى بار ئادەمگە كەلگەندە ئاندىن ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان نەرسە.. مەندە تېخى ئوغۇلبالىچىلق تۈگەپ كەتمىدى..

ئۇ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولۇپ يېنىك تىن ئالدى. شەھەر ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك، پاقىلارنىڭ كورۇلداشلىرى تۈگەپ خۇشبۇي بىر پۇراق ئىچىدە ئەتراپنى سەبىي بالىلارنىڭ تىنىقىدەك بىر يەڭگىللىك قاپلىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئۇ مەھەللىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى  يوغان ئۈجمىنىڭ يېنىدىن ئەيمىنىپ ئۆتۈپ، تار يولغا كىردى. ئۆيىنىڭ چىرىقى يېنىپ تۇرغاندەك قىلاتتى. كىچىك دەرىزىسى يورۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى.

_ھۇ ئېشەككە ئوخشايدىغان پاسكىنا.

قوشنىسى ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بىركىمنى تىللاۋاتاتتى. ئىگىز بوي، گەۋدىلىك بۇ ئادەم بىلەن قوشنا ئولتۇرىۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان ئىدى، ئۇستىسىمۇ مۇشۇنىڭدەك ئىگىز بوي، سەل ئالدىغا ئېڭىشىپ ماڭىدىغان كىشى ئىدى، كېسەل ئازابىدا نەلەردە قىينىلىپ يۈرىدىكىن.. مۇشۇ دۇنيانىڭ بىر بۇلۇڭىدا مىڭلىغان ئەرلەر قاتارىدا ياشاۋاتقان ئەشۇ ئەرنى شۇ تاپتا قىيناۋاتقىنى، بوزەك قىلىۋاتقىنى، ھاياتىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋاتقىنى كېسەللىكتىن ئاجىزلاپ كەتكىنىلا ئەمەس.. بۇ دۇنيانىڭ پاسكىنا كوچىلىرىدا مىڭلىغان ئەركەك يۈرەكلەر كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدىغان يۇندىلارغا بۇلغىنىپ خەقلەرنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا پايمال بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.. ئەرلىك شان شەرەپ يەر بىلەن يەكسان بولۇپ تۈگىشىپ كېتىۋاتىدۇ.. ئۇنىڭ ئۇستىسىمۇ شۇلارنىڭ پەقەت بىرسى..

قوشنىسى ئۇنىڭغا ئۆڭگىيىپ قاراپ قويۇپ خىرقىرىدى:  

_سىزمۇ ئوينىغان يەردىن ھېلى كەلدىڭىزمۇ..

ئوينىغان يەردىن. شۇنداق ،ئوينىغان يەردىن ھېلى كەلدىم. بىراق بۇنى قانداقمۇ ئويۇن دىگىلى بولسۇن. ئويۇن دىگەن كىشىنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، دىلىڭ يەڭگىللەپ قالسا ئويۇن بولىدۇ. بىر پاتمان غشلىكنى يۈدۈپ قايتىپ كەلگەن بۇنداق ئىشنى قانداقمۇ ئويۇن دىگىلى بولسۇن. تايىنى يوق ئىشلارنى تولا قىلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىمىز. بىلىپ تۇرۇپ، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك يۇندىخانىلاردىن بىرنىمە ئىزدەپ يۈرگىنىمىز يۈرگەن. ئىزدىگەن نەرسىنى ئۇ يەردىن مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە قىلىۋاتقان ئىشىمىز شذ. قارا بوران چىققان بىركۈنى مۇشۇنداق قىلىپ يۈرگەنلەر خەس-غازاڭدەك ئۇچۇپ، توپا-چاڭلار ئارىسىغا كۆمۈلۈپ كېتىمىز.

تېلېفونىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ.. مېنىڭكىنىڭ توكى تۈگەپ كېتىپتۇ.. ما يەردە بىر شاپاقچىغا ئەتىگەندىن بېرى تېلېفون قىلسام ئالمايدۇ.. ئانىسىنى تۇتۇپ..

_مانا.. ئىشلىتىڭ..

_رەھمەت.. قېنى تاماكا چېكىڭ..

شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىردىكى پاقىلار يەنە كوركىراشقا باشلىدى..

_ھېي.. ئەسكى داس. ئەتىگەندىن بېرى تېلېفون قىلسام نىمىشقا ئالمايسەن..

_.........

_تولا كاپشىما... مەن  بىلمەيدىغان جالاپمىدىڭا ؤا.. ئاناڭنى..

_.......

_يالغان گەپ قىلما.. ئېرىڭ دىگەن ئۆلۈمتۈكنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن تۇرسام.. تازا بىر پۇرسەت كەپتۇ، دەپ  ئىزدىسەم تاپالمايمىنا سېنى.. ئىشىكىڭنى شۇنچە مۇشتلىسام ئاچمايسەن.. مېنىڭدەك ساراڭدىن بىرەرنى سولاپ ياتمىغانسەن...

_.........

_ئۆگەي قىزىڭ بولسا نىمە كارىم.. باشقا ئۆيگە چىقىرىۋەت.. ھازىرلا بارىمەن.. تەييار بولۇپ تۇر..

ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، تۈكۈرۈكلىرىنى تەستە يۇتۇپ قوشنىسىنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىرنىمىنى تېپىۋالماقچى بولغاندەك تىكىلىپ قاراپ كەتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ھېچنىمنى ئىلغا قىلالمدى.

قوشنىسى خىرقىراپ كۈلۈپ تۇرۇپ تېلېفۇننى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.

_ئۆگەي قىزىم بار دەۋاتقىنىنى...سېنىڭ شۇ ئۆگەي قىزىڭنى دىمىسەم سېنىڭدەك لاخشى بولۇپ كەتكەن بىرنىمىنى  نىمە قىلاتتىم.. بىر ئۆزۈم پاتقاق قىلىۋەتكەن نىمىغۇ سەن...

ئىشىك ئېچىشما قوشنام بىلەن ..ئىككىمىز... لاردىن ئىكەنمىز. مەن شۇنچە .. ھېچنىمىنى ... بىلمەي.. پاتقاق كېچىپ.... دەك.. يۈرۈپتىمەن.

شەھەردىكى ھايات بۇرۇن قانداق بولغان بولسا يەنە شۇ پېتى ئۆتۈپ بارىدۇ، بىنالار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مەزمۇت سېمونت گەۋدىلەردىن ئىنسان يۈرىكىگە مۇزدەك سوغۇق بىر تۇيغۇ سەزگىلى بولمايدىغان رەۋىشتە ئىزسىز ئېقىپ كىرىدۇ..

ۋاقىت يەنە بىر تەرزدە ئۆتۈپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق. بەزى نەرسىلەر مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىچىنى تىڭشاپ قالدى. قانداقتۇر بىر نەرسىنى تاما قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. كۆڭلى خالاۋاتقان نەرسىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇشمۇ تەس بىر ئىشتەك قىلاتتى. بالىسىنى ئېمىتىپ مۈگىدەپ ئووتۇرغان خوتۇنىغا شۇنداقلا قاراپ قويۇپ ،يەنە كۆڭلى بىرقىسما بولۇپ قالدى. مەن ئەمدى يەنە گۇناھ ئۆتكۈزسەم بولمايدۇ. ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمگىچە پاتتىم. ئەمدى يەنە پېتىۋەرسەم تىن تارتالماي ئۆلۈشۈم مۈمكىن.. ئۇ شۇنداق بىرنىمىلەرنى دەپ ئۆزىگە خېلى ئۇزۇن تەنبىھ بەردى.

ئۆينىڭ ئىچىنى موخۇركا ئىسى قاپلاپ كەتتى. بالىسى ئاچچىق ئىستىن قېقىلىپ يۆتۈلۈپ كەتتى.ئىچى سىقىلىش دىگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ....

ئۇنىڭ ئاچقان يېرىگە بېرىپ،يەنە تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى.

_ ۋەي..ھە مەن..

_.....

_ بولىدۇ.. ئۇستامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق..

_...

_نىمىشقا كارىم بولمايدىكەن. ئۇ مېنىڭ ئۇستام تۇرسا.. ئاتامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم..

ئەرنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ، تنىقلىرى جىددىيلىشىپ كەتتى، ۋەدە دىگەن بۇ نەرسىنى مەيلى كىمگە بەرمىسۇن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماق زۆرۈر.. بۇ گەپنى ئۇنىڭغا ئۇستىسى دىگەن.. ئۇ ئۇستىسىنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

_ يەنە نەگە بارىسىز.. ئادەمنى ئەنسىرىتىپ...._ئايالىنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. بۇنداق ياشنىڭ قىممىتىنى كىم بىلىدۇ. كۆز يېشى دىگەن ئوينىشىدىغان نەرسە ئەمەس.. بەزى ئادەملەرگە ئۇنىڭ   بۇزۇلۇپ قالغان جۈمەكتىن تامچىۋاتقان سۇدىن، پىيالىنى چايقاپ بولۇپ تۆكۈۋەتكەن چاي قالدۇقىدىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە كىشىنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمرى يار بەرمەيدۇ.. كۆز يېشى.. لىغىرلاپ تۇرغان.. دىرىلدەپ تۇرغان.. چىراق يورۇقىدا پارقىراپ تۇرغان كۆز يېشى...

_ئاغىنىلەر بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەيلى دەيدۇ..

_تاماق يەۋېلىپ ماڭمامسىز..

_ يىگۈم يوق..

_ئەمىسە كىيىملىرىڭىزنى..

_ بولدى بېرىۋېرەي.

شەھەرگە گۇگۇم قاراڭغۇسى يېيىلىشقا باشلىدى، مىڭلىغان ،مىليونلىغان پاقىلار كۇركىراشقا باشلىدى،سۇيۇق، پاسكىنا  يۈرەكلەردىن سىرغىپ چىقىپ كۆڭۈلنىڭ بىر يەرلىرىنى تاتلىققىنا كۆيدۈرۈپ ئۆتىدىغان بىر نەرسە كوچىلارنى، تار بۇلۇڭ پۇچقاقلارنى،يەنە ئاللىقانداق بىر يەرلەرنى تىمىسقىلاپ، يېيىلىپ، شەلۋەرەپ  ئېقىشقا باشلىدى.



(«كروران» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان)








idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1852
تۆھپە : 0
توردا: 315
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت، ئەيبۇ ئاكا. مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  678
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 300
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇندىن بىرى تۇرسۇن مەھمۇدنىڭ ھېكايىلىرنى قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن . ئۇنىڭ رومانىنىمۇ شۇنداق ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ  تۈگەتكەن ئىدىم.
تۇرسۇن مەھمۇد بۈگۇنكى زامان  ئۇيغۇر ئىزدەنمە ھېكايىچىلىقىدىكى باشلامچىلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەردىن كىيىم يۇيۇۋاتقان ئەرگىچە›› ناملىق ھېكايىسىدىن باشلاپ،‹‹گۇگۇم›› ناملىق رومانىنى روياپقا چىقارغۇچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە، توختاۋسىز ئىزدىنىش، توختاۋسىز يىېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىجادىيەت روھىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن  بىر بالداق تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشتى  ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جاھان ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ ماس قەدەمدە مېڭىشىغا زور تۈرىتكە بولدى.
مەن تۇرسۇن مەھمۇد ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن.

ياشىماسلىققا ئاساسىمىز يوق !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  274
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 327
تۆھپە : 1
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ دۇنياسى -ئېچىلىشنى  كۈتۈپ تۇرغان بوز تۇپراق! ئەزىز ساۋاقدىشىم ئامان بولغاي.

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  694
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 53
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 17:28:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىم ۋە خىزمەتدىشىم تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ  نادىر ئىجادىيەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ .ئۇ ئىجادىيەتتىلا ئەمەس تۇرمۇشتا بىر پەرىشتەسۈپەت ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئىسىل،نوخسانسىز  ئادەم ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پولات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 17:29  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 395
تۆھپە : 4
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 18:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاغامنىڭ شاپتۇللىرى»نىمۇ ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  207
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 1
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 18:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مەھمۇت ئاكىمىزنىڭ تېنىگە ساقلىق ، ئىجادىيىتىگە تىخىمۇ  زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

مەن ھەممىنى دېدىم .لىكىن سىلەر ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدىڭلار!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش