كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 1

تۇرسۇن مەخمۇت:يۈز تېرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 09:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2007- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان  16- نۆۋەتلىك «حانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»عا ئىرىشكەن ئەسەر



يۈز تېرىسى


(ھېكايە)


تۇرسۇن مەخمۇت



ئەتىگەندە دەرىزىنى ئېچىپلا چۆچۈپ كەتتىم.

جاھاننى ساپسېرىق چاڭ-توزان قاپلىغان ئىدى. كۈچلۈك بوراندا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان تېرەكلەرنىڭ شاخلىرى ھەريان ئىغاڭشىيتتى. چاڭ-توزاننىڭ قويۇقلىقىدىن نە نەلەردىن ،يىراق بىر يەرلەردىن ئۇچۇپ، يوپۇرۇلۇپ كەلگەن توپىلار ھاۋانى قاپلاپ بېسىپ كەتكەندەك ئىدى.

  سائەتكە قارىدىم. ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندەك قىلاتتى. چىراقنى ياقتىم . چىراقمۇ ئۆينى خىرە يورۇتتى. ئالەم جاھاننى تىمتاسلىق قاپلىغاندەك ئىدى. قۇشقاچ، تورغايلار ئۇۋا سالىدىغان جاي تاپالمىغان بولسا مۇشۇنداق توپا ياغقان كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ھالى خاراپ. شۇ تاپتا مەندەك تەنھا ئادەم ئۈچۈن جاھاننى توپا، چاڭ ئەمەس باشقا بىر نەرسە_ غېرىپلىقنىڭ يۈرەكنى غاجاپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىدىغان ئاچچىق تۇيغۇلىرى قاپلاپ كەتكەندەك، دۇنيا غېرىپلىققا يەم بولۇپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەنھالىق، يالغۇزلۇق ھەم غېرىپلىققا يەم بولۇپ ئۇنىڭ دەردى ھەسرىتىدىن پىغان چېكىۋاتقىنى كىشىلىكتە پۈتۈن ھېس تۇيغۇ جەملەنگەن جاي _ يۈرەك ئىدى. ئىنسان يۈرىكى _ توختاۋسىز مىدىرلاپ بىر كىشىنىڭ ھاياتلىقىدا ھەممىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇ نەرسە مۇشۇنداق كۈنلەردە قىينىلىشتىن يېرىلىپ كېتىدىغاندەك پۇچۇلىنىپ كېتەتتى.

    ئىتنىڭ زەدىلىك قاۋاشلىرى قۇلىقىمغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.

   دەرىزىدىن سىرتقا قارىسام ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پېنسىيىگە چىققان قوشنام شىلەپىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مۇشۇ بوراندا تالاغا چىقىۋالغىنى نىمىسى. يۈرىكى يەتكىچە دەرتكە تولۇپ كەتكەن بۇ قوشنام بىلەن بەزىدە نەدە كۆرۈشۈپ قالساق شۇ يەردە  ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلىشىپ قالاتتۇق. دىيىلىشىچە ئۇ ئوتتۇز يەتتە يىل خىزمەت قىلىپ قىلچە سەھۋەنلىك ئۆكۈزۈپ باقماپتۇ. بۇ قوشنام  ئۇ ئىلمىي جەمئىيەت، بۇ بىرلەشمە دىگەندەك ئون، ئون بەشتەك ئىلمىي ئورۇنلارنىڭ ئەزاسى ئىكەن. مەست بولۇپ قالغانلىرىدا دەيدىغان گېپىنىڭ تولىراقى  ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆسمىگەنلىكى ھەققىدە بولاتتى. ئۇنىڭچە ئۇ ھوقۇق، ئىمتىياز دىگەندەك نىمىلەرگە قىزىقمايدىكەن، بولمىسا ھازىرقى مۇشۇ بىلىمى بىلەن خېلى خېلى ئىشلارنى تەۋرىتىپ، ھوقۇق تۇتۇپ قېلىشى دىگەن ئاياقتىكى ئاشنى ئىچكەندەك ئادەتتىكى ئىشكەندۇق. بۇ كىشى شۇنچە بىلىملىك بولسىمۇ لېكىن بىلىم بىلەن ھوقۇق تۇتۇشنىڭ ئانچە قويۇق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى چۈشەنمىسە كېرەك.ئۇ مەست بولۇپ قالغاندا مېنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ئىلگىرى ئۆزى يېزىپ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى، ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدىكى نۇرغۇن كېنىشكىلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ تۈجۈپىلەپ ساقلىغان كېنىشكە، گۇۋاھنامىلىرىغا قاراپ بۇ كىشىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھاياتتىكى ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئىكەن. ئۇ بىر ئۆمۈر ئەخلاقنى تەكىتلەپ كەپتۇ. شۇڭىمۇ بۇ كىشى ئادەملەرنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانسا كېرەك. ئۇ تولىراق ھازىرقى ئادەملەرنىڭ چاكىنىلىشپ ،پۈچەكلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بەكرەك ۋايسايتتى.

ئاستىنقى قەۋەتتىكى قوشنامنىڭ ئىتى يەنە قاۋاشقا باشلىدى. بۇ ئادەم كۆچۈپ كەلگىلىمۇ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. بىنا ئۆي دىگەنگە كىملەرنىڭ كۆچۈپ كېلىپ، كىملەرنىڭ كۆچۈپ كېتىشى يەنە بىراۋ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئىشمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ قوشنامنىڭ كۆچۈپ كېلىشى مەن ئۈچۈن  بەك ئاۋارىچىلىق بولدى دىسەم خاتا بولمىسا كېرەك. بايا دىگەندەك كىم بىلەن قوشنا بولۇش مۇھىم بولمىسىمۇ بىراق بۇ قوشنام  بۇ جاھاندا مەن ئەڭ ئۆچ كۆرۈدىغان جانىۋار _ ئىتقا تولا ئامراق ئادەمكەن. يېشى يەتمىشكە تاقاپ قالغان. تەنھا ياشايدىغان بۇ كىشىنىڭ  يېنىدىن ئايرىمايدىغان قاپقارا ئىتى كۆزۈمگە پەقەت سىغمىدى. نىمە بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى ئىدى، بىراق بۇ كۆزلىرىدىن دۈشمەنلىكنىڭ قورقۇنچلۇق ئوتلىرى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان بۇ ئىتنىڭ بىمەھەل قاۋاشلىرى مېنى بەكلا تويغۇزىۋېتىپ باراتتى.

ئىت يەنە قاۋاشقا باشلىدى.ئىتنىڭ قەھرى بىلەن قاۋاشلىرى يۈرىكىمگە تېگىۋاتقاندەك ئىدى.

ئىچىم تىت تىت بولۇپ يەنە پەسكە قارىدىم.ھېلىقى قوشنام  چاڭ توزانغا كۆمۈلگەن ھالدا پەستە تۇراتتى.  ئۇنىڭ يېنىغا چۈشۈپ بىردەم يېرىمدەپ پارڭلىشىپ قويسام يامان كەتمەيتتى، بۇ ئۆيدە ئىتنىڭ قاۋىشىدىن بىزار بولۇپ تۇرغاندىن كۆپ ياخشى ئىدى.  بىراق يەنە نىمىشقىدۇ چۈشكۈم كەلمىدى.

ئىشىك دەرىزىلەرنى يەنە بىر قېتىم مەھكەم تاقىۋەتتتىم. ئىت قاۋاشتىن توختىدىمۇ ياكى ئاڭلانمىدىمۇ  ئۆيۈم شۇ ھامان  تىمتاسلىققا چۆمدى. رادىئونى ئاچتىم. تىمتاس، ھاۋاسى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ،جىملىققا ، تەگسىز سۈكۈناتقا پاتقان ئۆيۈمنىڭ جىملىقىنى بۇزۇشنىڭ ياخشى چارىسى بىرەر ئاۋازنى ئاڭلاش ئىدى. رادىئودىن يەنىلا شۇ كاتتا ھاراق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدىغان دورىلارنىڭ ھەيۋەتلىك ئېلانلىرى ياڭراشقا باشلىدى. خۇدا، ھەممىگە ئۆزۈڭ بار. ئادەملەر ئۆزىنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى ئۆزى يەرگە ئۇرىدىغان مۇشۇ  قىلىقلىرىدىن قۇتۇلغان كۈنى ھەممە كىشىنىڭ روھى يەڭگىللەپ، ھاياتنىڭ ئۇزۇن ھەم ئارمان، ئارزۇلارغا تويۇنغان روھى قايتىدىن جانلىنىپ كېتىشى مۈمكىن. ئەركەكلەرنىڭ شەۋكىتىنىڭ ئەخلەت چاۋادەك پاتقاق كوچىلاردا  سۆرۈلۈپ يۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت جاھاننى قاپلىغان توپا چاڭدىنمۇ مەينەت ھەم يىرگنىشلىك بىر نەرسە بولۇشى مۈمكىن. رادىئودىن ئاۋازىدىن شادلىق پۇرقۇلۇپ تۇرغان بىر ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇشىغا كۈچ چىقارغان ئەۋلىيا دوختۇرنىڭ كارامەتلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ قىلغان ھاياجانلىق سۆزلىرى ياڭراپ تۇراتتى. بەلكىم يەنە يىگىرمە، ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ھېلىقى ئايالنىڭ تۇغۇلغان بالىسى ئەر يېتىپ مۇشۇ دۇنيانىڭ شامىلىنى يەپ ياشاپ ئۆتەر. ھازىرقى ئىشلارنىڭ غەلىتىلىكىگە بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئاڭلىماققا مۇشۇ بوۋاقنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغىنى باشقا بىرسى بولماستىن بەلكى ئاشۇ ئەۋلىيا دوختۇرنىڭ كارامىتىدەك قىلاتتى. ئەسلى بىر ئىنساننىڭ تۇغۇمى ۋە ئۆلۈمى ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئىلكىدىكى ئىش ھېساپلىناتتى. ئىنسان بۇ دۇنياغا سىرلىق تۇغۇلۇپ يەنە سىرلىق ھالدا دۇنيادىن كېتىپ قالاتتى. ئىنساننىڭ ئىلاھىي قىممىتىمۇ مۇشۇنىڭدىن مەنا تاپاتتى. بىراق ھازىر بىر بالىنىڭ، بىر ئىنساننىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشى قانداقتۇر كارمەتلىك دوختۇرلارنىڭ شىپالىق قولىنىڭ خاسىيىتىدەك  قىلاتتى. ئىنسان ئىنساننى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشقا قادىر بولدى دىگەن قانداق گەپ بولدى.ئىنسان ئىنساننى ئىشلەپ چىقاردى،دىگەنلىك _  بۇ مەلۇم مەنىدىن ئادەمنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشى ھېساپلانسا كېرەك. يىراق بىر كەلگۈسىدە .. بىز كۆرەلمەيدىغان، بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر زامانلار كەلگەندە ئادەم ئۆزىنىڭ ىسىرلىق ئىلاھىي قىممىتىدىن قۇرۇق قېلىپ بىر تۈرلۈك مەھسۇلات سۈپتىدە بازارغا سېلىنىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇ چاغدىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىر ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئىنساننىڭ نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارى ،تۇغۇم ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىز چۈشۈنۈپ بولالمايدىغان سىرلىق ھېكمەتكە ھامىلدار ئىدى.

ئۆينىڭ ئىچى دىمىق بولۇپ كەتتى. مەھكەم ئېتىلگەن دەرىزىلەردىن ئۆتۈپ ئۆينى قاپلىغان چاڭ توزاندىن ئۆينىڭ ھاۋاسى قويۇق ھەم ئېغىر بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەرىزە سىرتىدىكى دۇنيا توپا چاڭغا بۇلغانغان ئىدى. سىرتتىن كۆرۈنگەن ئۆي، دەل دەرەخلەر غۇۋا ھالدا كۆزگە تاشلىناتتى.

ئەتراپتا ھېلىقى قوشنامدىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.

ئالەم_جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى.ئاشۇ قويۇق چاڭ مانانلار ئارىسىدىن ئادەمنىڭ يىغىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى. بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن،  ئاسماننىڭ قەرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئۇزۇن تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بوراندا شاخلىرى سۇنغان تېرەكنىڭ، قۇرۇغان سۆگەتنىڭ يىغىسى بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

ئىتنىڭ يىرگىنىشلىك قاۋاشلىرى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بىئارامچىلىقتىن خۇددى يۈرىكىمگە مىڭلىغان قىرىق ئاياقلار كىرىۋېلىپ توختىماي مىدىرلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ قوشنامنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.

_ نىمە بولدى....

قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن قوشنام  خۈنۈك پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا خۇددى هة، دىسىلا كانىيىمدىن ئېلىشقا تەييار تۇرغاندەك كۆرۈنگەن قارا ئىتنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.

_ مذ.. مۇنداق ئىشتى  _  مەن بىر نىمىدىن قورققاندەك كېكەچلەپ كەتتىم. _ ئىتىڭىز تولا قاۋاپ مېنى پەقەت ئارامىمدا قويمىدى.. شۇڭا..

_ شۇڭا نىمە...

_ شۇڭا.. ئىشقىلىپ بۇ ئىتنى ئازراق قاۋايدىغان  قىلغىلى بولماسمۇ..

_ ئىت دىگەن مۇشۇنداق قاۋايدىغان نەرسە.. سېنىڭچە بولغاندا  مەن بۇ ئىتنى باقمىسام بولىدىكەندە..

_ شۇ .. شۇنداق..

_ ساڭا دەپ قوياي.. ئىت دىگەن ئادەمدىن ياخشى... ئۇقتۇڭمۇ..ئىتىمنىڭ قاۋاشلىرى ساڭا ياقمىغان بولسا كۆچۈپ كەت..

ما گەپنى نىمە دىگۈلۈك. مەن كۆچۈپ نەگە بارغۇدەكمەن..

_بۇنداق دىسىڭىز بولماس، مەن مۇشۇ ئىت سەۋەپلىك  بۇ يەردىن كەتسەم قانداق بولىدۇ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بىر ھايۋانغۇ..

_ كۆزۈمدىن يوقال.. سېنىڭدەك ئادەملەرنى ئىتىمنىڭ تىرنىقىغا تەڭ قىلمايمەن..

مەن قورقۇمسىراپ ئىتقا قارىدىم. ئەگەر ئىگىسى بۇيرۇق قىلسىلا ئۇ ھازىرلا مېنى بوغۇپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتى. ئىتنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن تىللىرى، پارقىراق مەگىن چىشلىرى كىشىگە تولىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.

مەن ئەلەم بىلەن كەينىمگە ياندىم. ئىشىكنىڭ زەرب بىلەن يېپىلىشىدىن يۈرىكىم ‹‹جىغ›› قىلىپ قالدى. تار پەلەمپەيلەردىن پەسكە چۈشۈپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. ھەممە ياق بوراننىڭ تەھلىكىسى ئاستىدا قالغان ئىدى. شىلەپىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان قوشنام يېنىمغا كەلدى. سېمىز، چىرايى قاپقارا بۇ كىشىنىڭ يۈزلىرىنى چېچەك ئىزلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. گۆشلۈك كالپۇكلىرى تاماكىنىڭ ئىسىدىن قارىداپ كەتكەن.

_ھازىرقى ياشلار بەك بۇزۇلۇپ كەتتى. نىمە بولۇپ كەتكەن جاھان بولدى بذ.. توۋا دىمىسە.. ياشلارنىڭ تايىنى قالمىدى ئۇكا، ئوغۇللاردا جاسارەت دىگەندىن ئەسەر يوق، قىزلاردا ھايا قالمىدى.. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە نىمە بولۇپ كېتەرمىز.. بولۇپمۇ قىزلارنى دەيمەن.. مۇشتۇمدەك بىرنىمىلەر كوچىغا چىقىپ بولدى.. ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىدى دە كىشى... تاماكىڭىز بارمۇ..

قوشنام مەن بەرگەن تاماكىنى بوراندا قىينىلىپ تەستە تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن :
_ بوران يامان سەت چىقىپ كەتتا..  _ دەپ قويدى.

مەن ئۆيۈمگە قاراپ قويدۇم. ئىتنىڭ زەردىلىك قاۋاشلىرى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولۇپ،كاللامغا ئېغىر بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم.

_مەن ئىتتىن بەك بىزار بولۇپ كەتتىم. _ دىدىم مەن قوشنامغا ھال ئېيتماقچى بولۇپ.

_ ئىت.. ئىت دەمسىز.. ئۇنداق ئۇششاق ئىشلار بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ..

قوشنام شۇنداق دەپ قويۇپ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان نەدە بىر تايىنى يوق ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدىن ۋايسىغىلى تۇردى. ئۇنىڭچە بولغاندا ھېچبىر ئىقتىدارى يوق ئادەملەر ھەدەپ ئۆسۈپ كېتىۋاتقۇدەك. ئاشۇلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ كەينىدە كىشى چۈشۈنىپ بولغىلى بولمايدىغان ناھايىتى سىرلىق ئىشلار بارىكەن. ئۇ ھېچكىمگە يېلىنىپ يالۋۇرماي، جىڭ ئوغۇلبالىدەك ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇز يەتتە يىل ئىشلەپمۇ تىرناقچىلىك ھوقۇققا ئېرىشەلمەپتۇ. ئەمما بۇنىڭدىن قىلچە ئەپسۇسلىنىپ قالمايدىكەن.

_بىز ئىشلىگەن چاغلاردا...

ئۇ ماڭا ھەم مۇشۇ ئوتتۇرادىكى ھەممە ئادەمگە ياد بولۇپ كەتكەن بۇرۇنقىلارنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى كونا ھېكايىسىنى باشلاپ تۇرۇشىغا يېنىمزدىن بىر قىز ئۆتۈپ قالدى. قىز ئىككىمزنى يانداپ ئۆتكەچ بىلىنەر بىلىمەس بېشىنى ئېگىپ سالام بەرگەندەك قىلىپ ئۆتۈپ قالدى. قىزدىن بىر ئىسسىق ،يەڭگىل ھاۋا تارقىلىپ بوران باسقان جاھان دەقىقە ئىچىدە ئىللىپ كەتكەندەك بولدى. قىز نازۇك بەدىنىنى تىترىتىپ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى.  بوران يەنىلا بايىقىدەك ھۇشقۇيتاتتى. قارىسام قوشنامنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ.

_ ھەي.. مۇشۇ گۇينى بىر ......

مەن مەڭدەپ قالدىم.قوشنامنىڭ ئاغزىدىن ئادەم بار يەردە دىگىلى بولمايدىغان گەپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى يۈمچۈكلىشىپ ،قېلىن كالپۇكلىرى سۇس تىترەپ كېتىۋاتاتتى.

_ بۇنداق دىمەڭ.. بىلمىدىڭىزمۇ..ئۇ  ئاۋۇ كوچىنىڭ بېشىدىكى قوشنىمىزنىڭ قىزى ئەمەسمۇ..

مەن بۇ گەپنى دەپ بولۇپ سەل بىرقىسما بولۇپ قالدىم. كىشىلەر ئارىسىدا خېلى ھۆرمەت –ئىناۋىتى بار بۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا ظذ، بۇ  دەپ يۈرۈش ماڭا سەل بىئەپ تۇيۇلىۋاتاتتى. قارىسام ئۇنىڭ چىرايى باشقىچە بىر خىل بولۇپ كېتىۋېتىپتۇ. قارا بىلەن كۆكنىڭ ئارىلىقىدا .. خۇددى .. شۇنداق  بىر رەڭدە..

_ئەستا.. كىچىكتە ئۇكام سىز. بۇنداق تومۇچۇقلارنى سىز بىرقانداق قىلمىسىڭىز يەنە بىرسى ئەپلەيدىغان گەپ. كىمنىڭ قىزى بولۇشى بىلەن سىز بىزنىڭ نىمە كارىمىز.

_شۇنداقتىمۇ بەزى ئىشلاردا كىم ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك بولىدۇ..

قوشنام ئۆزىنى جاھاندا بىر سانايدىغان بەزى ئادەملەردە بولىدىغان بىر تۈرلۈك كىبىر بىلەن ماڭا شۇنداقلا بىر قاراپ قويدى. ئاتمىشقا تاقاپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن نى نى ئىشلار ئۆتكەن بولۇشى مۈمكىن.ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن مەن شۇ ھالدا ئۇنىڭغا چۈكۈنەم بىر نەرسە بولۇپ كۆرۈنىۋاتقاندەك قىلاتتىم.

_كۆڭۈل خوشى ئۇكام.. ئىشقىلىپ نىمە بولسىمۇ كۆڭۈلنى خۇش قىلىپ ياشىغانغا نىمە يېتىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،قولغا چۈشكەنلەرنى بوشقا قويۇۋەتسە كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان گەپ.

_ بۇ كىچىككىنە بىر قىز، ئۇنىڭدىكى ئەدەپنى كۆرمىدىڭىزمۇ.

_ قىز دىگەننىڭ كىچىكى ياخشى.. مۇشۇنداقلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسە ئەر كىشى قېرىمايدۇچۇ قاراڭ.

قوشنامنىڭ چىرايى بايىقىدىنمۇ بەتتەر بىرنىمىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ قانداق بىر رەڭ.. نىمە دەيدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.. بىلىمگەندىكىن بىر نىمە دىگىلى بولمايدىكەن.

كۈچلۈك بوران، چاڭ-توزاندا يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھېلىقى قىزنىڭ نېپىز پەلتۇسى ھەر تەرەپكە يەلپۈنەتتى، ئۇزۇن چاچلىرى ئۇچاتتى. قوشنامنىڭ كۆزلىرى قىزنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ ،قىزنىڭ نازۇك ۋۇجۇدىنى يالماپ يەۋاتاتتى.

دەرەخلەردىن شامالدا شۇڭۇلدىغان ئاۋاز كېلەتتى. جاھاننى توپا ھىدى قاپلىغان ئىدى.بۇ توپىلار ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بىز كۆرۈپ باقمىغان، بىز بىلمەيدىغان بىر يەرلەردە قۇياش نۇرى،يامغۇر ، قارلارنىڭ ئارىسىدا كۆمۈلۈپ تۇرغىلى بەك ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتكەن بولغىيدى. كۈچلۈك بوران بۇ توپىلارنى ئۇچۇرتۇپ ،چاڭ-توزانغا ئايلاندۇرۇپ،بىزنىڭ مۇشۇ يەرلەرگە ئېلىپ كەلگەندەك قىلاتتى. بۇ چاڭ-توپىلارنىڭ يەنە نە نەلەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

            ئالەم_جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى.ئاشۇ قويۇق چاڭ مانانلار ئارىسىدىن ئادەمنىڭ يىغىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى. بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن،  ئاسماننىڭ قەرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئۇزۇن تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بوراندا شاخلىرى سۇنغان تېرەكنىڭ، قۇرۇغان سۆگەتنىڭ يىغىسى بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

  قىزنىڭ قارىسى يۈتتى، بەلكىم ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندۇ. ياكى بولمىسا چاڭ-توزاننىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەندۇ.

_مۇشۇنداق كاساپەتلەر جان دىگەننى يەپ تۈگىتىدۇ جۇمۇ..

_نىمىنى دەيسىز..

قوشنام ماڭا شۇنداقلا قاراپ قويۇپ تۈكۈرىكىنى يۇتتى. ئۇنىڭ شىلەپىسىنىڭ كەڭ گىرۋەكلىرىگە بوران ئۇچۇرۇپ يۈرگەن توپا-چاڭلار قونۇپ قالغان ئىدى.

_نىمىنى دەيتتىم ئۇكام، ياشلىق ۋاقىتلىرىمىز ئۇ ئىش بۇ ئىش بىلەن، كىتاپ، قەغەزلەر ئارىسىدا ئۆتۈپ كېتىپتۇ.. ئەمدى بولسىمۇ ھېلىقىدەك ئوماقلارنىڭ پەيزىنى سۈرىۋالساق ياخشى بولاتتى.

مېنىڭ دېمىم سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى.ئۆپكەم ياخشى ئەمەس ئىدى. مۇشۇنداق چاڭ-توزانلىق كۈنلەردە كۈنۈم تەس بولۇپ قالاتتى. كانايلىرىم قىچىشىشقا باشلىدى. مىڭەمنىڭ بىر يەرلىرىدە ناھايىتى ئۇششاق قۇرتلار مىغىلداۋاتقاندەك بىر سېزىمدىن يۈرىكىم سىقىلغاندەك بولۇپ كەتتىم. قانداقتۇر كۆز بىلەن كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بىر بوران، بىر چاڭ –توزان جىسمىمغا ئەمەس يۈرىكىمگە كىرىپ ،كۆڭلۈمنى مۇزلىتىپ، يۈرىكىمنى كىر قىلىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى.تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ سوغۇق بىر سېزىمدىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سەزدىم.  

_ھەرقانچە بولسىمۇ ..ئۇ دىگەن سىز  بىز تونۇيدىغان يېقىن قوشنىمىزنىڭ قىزى تۇرسا . بۇنداق دىسەك قانداق بولار.. راستىنى دىسەم مەنمۇ قىزلارغا ئۆچ ئەمەس.. بىراق..

بۇ كىشى بىلەن بۇرۇنلاردا كۆپ پاراڭلارنى قىلىشقان بولساقمۇ لېكىن ئۇنىڭ قىز ئاياللار توغۇلۇق دىگەن بۇ  سۆزلىرىنى كۆڭلۈمگە ھېچ سىغدۇرالماي قېلىۋاتاتتىم.

_ كىمنىڭ قانداق قىزى بولۇشى  مۇھىم ئەمەس.. مۇھىمى ئاشۇنداق تومۇچۇقلارنى سايرىتىپ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۇكا.. گېپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ..

يېنىمىزغا  تولىمۇ چىرايلىق بىر سۇندۇك پەيدا بولدى. كۈچلۈك شامال ئۇنىڭ يۇمران پەيلىرىنى توزۇتۇپ، قارامشۇل ئەتلىرى كۆرۈنۈپ قالدى. بۇ بىچارىنىڭ  مۇشۇنداق بوراندا ئۇۋىسىنى تاپالماي، تېنەپ يۈرۈشى كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرەتتى. ئالەم-جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان ئۇنى ئىسسىق ئۇۋىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان بولۇشى مۈمكىن. ياكى ياشاش ئىستىكىنىڭ قىستىشى بىلەن دان ئىزدەپ چىققاندۇ. مۇشۇ جاندارلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىزلەر بىلىپ بولالمايمىز. بەلكىم ئۇلارمۇ جۆرە تالىشىپ كىچىككىنە جانلىرىنى ئالقانغا ئېلىپ مەيدانغا چىقىدىغاندۇ. تېلىۋىزوردىن بۇغا ،ماراللارنىڭ ،ياۋاكالا،قوتازلارنىڭ نەسىل قالدۇرۇش پۇرسىتىنى تالىشىپ،بىر بىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئادەملەرنىڭ تالىشىشى يوشۇرۇن ھەم مەخپىي بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇنداق رىقابەتكە نۇرغۇن پاسكىنا ئىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

_ بۇنىڭدا قانداق بولار.. يەنە كېلىپ سىز بىر زىيالىي ئادەم..

بىركىملەرنى ھۆرمەتلىمەك تەس ئەمەس. ئەمما ھۆرمەتكە لايىق ئادەم تاپماق بەك تەس. ئۆزۈممۇ كىتاپ خۇمارى بولغاچقا بىلىمىك دىيىلىدىغان ئادەملەرنى بەكلا  چوڭ بىلەتتىم. بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە يۇرتتا مۇشۇنچىلىك بىر ئادەمنىڭ چىققىنىدىن گاھىدا سۆيۈنۈشلۈك تۇيغۇلاردا بولاتتىم.

_ زىيالىي بولساق نىمە بوپتۇ.. زىيالىيدا ھەۋەس يوقمىكەن، ئوت يوقمىكەن.. زىيالىي بولدۇم دەپ بۇ جاھاننىڭ ھوزۇر ھالاۋىتىدىن قۇرۇق ياشايدىغان گەپمۇ..

_ شۇنداقتىمۇ .. مەن دەيمەن، ئەمدى زىيالىي بولغاندىكىن .. زىيالىي قانداقتى.. بۇ مۇنداق گەپ

مەن گېپىمنى تاپالماي قالدىم. بوران يەنىلا توپا-چاڭلارنى ئۇچۇرتۇپ ،ھۇشقۇيتاتتى. قوشنامنىڭ چىرايى ئۇزۇن يىل توپا ئاستىدا قالغان مىس قاچىنىڭ دېتىدەك كۆرۈنۈپ كۆزۈمگە تاشلىناتتى. چاڭ-توزانلاردىن توپىنىڭ ئەمەس كىشى دەماللىققا نىمە ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر ئاچچىق ھەم بەدبۇي ھىد كېلەتتى.قۇشلارنىڭ جېنى نازۇك، بۇنىڭدەك ھىدقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.  

_زىيالىي.. ھەي .. سىز كاللىڭىز كونىراپ كەتكەن ئادەمكەنسىز ئۇكام.. زىيالىي بولسا نىمە بوپتۇ..شۇنچە يىل زىيالىي بولۇپ تاپقىنىمىز نىمە بولدى.. ھېچنىمە..  ئىلىم دىگەن باشقا، ئادەم دىگەن باشقا .. زىيالىيمۇ ئويناپ كۈلۈپ ،كۆڭلىنى خۇش قىلىشى كېرەكتە.

    بىرسى بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم.بۇ جاھاننىڭ قىزىق يەرلىرى مۇشۇ بولسا كېرەك.ئۆزۈڭ خالىمىغان ئىشلار ھەر دوقۇمۇشتا بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. ئىزدىگەن نەرسەڭ ھەرەمنىڭ خورمىسىدەك سەن ئۈچۈن تۇتىيا بولۇپ كېتىدۇ. مەن بىر كۈنلەردە نىمە بولسا بولار دەپلا ھەممىگە كۆزۈمنى يۇمۇپ ياشىيالايدىغان بولغاندا ھەممە ئىشلىرىم ئىزىغا چۈشىدۇ. ئۆيگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم، بىراق يەنە ئىتنىڭ قاۋاشلىرى ئېسىمگە يېتىپ توختاپ قالدىم.

_ ئىت دىگەن ئادەمدىن ياخشى...

ئادەمنىڭ بىر جۈپ خۈنۈك كۆزى بىلەن ئوت يېنىپ تۇرغان يەنە بىر جۈپ كۆز كۆز  ئالدىمغا كېلىپ يەنە چاڭ-توزانلار ئارىسىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.ئىتنى ئادەمدىن ئۈستۈن قويغان قوشنامنىڭ ئادەملەرگە نىمە ئۆچى بولغىيدى.

بوران پەسىيىپ قالسا بولاتتى. باش ئۈستۈمگە قونغان چاڭ توپىلار كىيىملىرىمدىن ، تېرىلىرىمدىن ئۆتۈپ قانلىرىمغا سىڭىپ، تومۇرلىرىمنىڭ دىۋارلىرىغا چاپلىشىپ قېلىۋاتقاندەك ئىدى.مەن ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. مېنىڭ چىرايىممۇ ،مۇھىمى مېنىڭ يۈرىكىممۇ بىر قانداق بولۇپ قېلىۋاتقاندەك، مۇشۇ ھالدا يەنە بىر زامان ياشىسام ئۆزۈمنى ئۆزۈم تونۇيالماي قالىدىغاندەك قىلاتتىم. ئادەم ئۆز ئۆزىنى تونۇيالمايدىغان ھالغا يەتكەندە  قىيامەتنىڭ دەرۋازىسى كەڭ ئېچىلىپ كېتىشى مۈمكىن.   

_ئەلۋەتتە.. بىراق ھەر ئىش يولىدا بولۇشى كېرەكقۇ.. مەسىلەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز.. بالا چاقىڭىز بار ئادەم..

_خوتۇن بالا چاقىنىڭ بولۇشى ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوقلا بىر ئىشقۇ...قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭمۇ ئۆيى، بالا چاقىسى بولىدۇ...ھېلىقى سىز دىگەن زىيالىي دىگەن گەپكە كەلسەك..زىيالىي بولۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا زىيالىي بولغۇلۇق.. بولمىسا ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىلغۇلۇق.. ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر مۇقامدا ياشاپ يۈرسە تۇرمۇش دىگەننىڭ نىمە لەززىتى قالىدۇ. بۇ دۇنيانى سىز بىلەن مەن ئوڭشاپ بولالمايمىز.  مەسىلەن ھېلىقىدەك تومۇچۇقلارنى مەن قولغا كەلتۈرۈپ قىلىدىغاننى قىلمىسام يەنە بىرسى بىر قانداق قىلىدۇ.. بۇ جاھان مۇشۇنداق..

مەن بۇ كىشى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغىنىمغا بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن زىيالىي، يەنە ھېلىقى قىز توغرىسىدا سۆلىشىپ قالغىنىمغا مىڭ توۋا قىلىدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇنىڭ بارغانسېرى بىر قانداق بولۇۋاتقان يۈزلىرىگە قاراپ تېنىم سىركىرەپ قالدى. نېرۋام قالايمىقانلىشىپ بىر قانداق بولۇۋاتامدىمەن ياكى بۇ راستلا شۇنداق بولۇۋاتامدۇ...مەن يەنە بىر قېتىم زۇۋانىمنى يىغالماي ئەمەس گەپتىن بىرنى قىلىپ سالدىم:

_ ئەمما.. سىز ئۇنداقلارنى چەكلىشىڭىز كېرەك ئىدى.. سىز يازغان نەرسىلىرىڭىزدە قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى ئەملىيەتتە ئەركەكلەرنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن دىگەن گەپنى تولا قىلغان. بۇنىڭغا نىمە دەيسىز..

_ ئۇ دىگەننىڭ ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا .. شۇنداقلا بىرنەرسە..

بوران توپا-چاڭلارغا قوشۇپ نۇرغۇن ئەخلەت-چاۋالارنى ئۇچۇرتۇپ يۈرەتتى. ئىنسانلارنىڭ قەغەزنى ئىختىرا قىلىشى  ئادەملەرنىڭ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم باسقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان قالتىس ئىش. شۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ. خۇدانىڭ شۇنداق بىر قۇتلۇق كۈننى ئاتا قىلىغىنىنىڭ ئۆزى كىشىلىككە بەرگەن غايەت كاتتا نېمىتى بولۇشى مۈمكىن. قەلەمنىڭ ئۇلۇغلىنىشى تېخىمۇ ھېكمەتلىك بىر ئىش. بوراندا ئۇچۇپ يۈرگەن قەغەزلەر باش ئۈستىمىزدىن ئايلىنىپ، لەيلەپ يىراق بىر يەرلەرگە كېتىۋاتاتتى.ئىنساننىڭ شان شەرىپى قەغەز بىلەن باشلانغان بولۇشى مۈمكىن دىگەنلەرنى ئويلىدىم.قوشنامنىڭ يۈزىنىڭ بىر تەرپى قارىداپ، بىر تەرىپى كۆكۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئالەم_جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى.ئاشۇ قويۇق چاڭ مانانلار ئارىسىدىن ئادەمنىڭ يىغىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى. بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن،  ئاسماننىڭ قەرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئۇزۇن تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بوراندا شاخلىرى سۇنغان تېرەكنىڭ، قۇرۇغان سۆگەتنىڭ يىغىسى بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.  

_ بۇنداق دىسىڭىز دىگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشىمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالمامسز..

_ بۇ دۇنيا ئەزەلدىن مۇشۇنداق، كىم دىگەن گېپى بىلەن قىلغان ئىشىنى بىر قىلىپ باققان..

قوشنامنىڭ چىرايىنىڭ بىر تەرىپى  قازان كۈيىسىدەك بىر نىمىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈز تېرىلىرى تاملارنى ئاقارتىش ئۈچۈن سۇۋايدىغان نەرسە ئاجراپ كەتكەندەك تىرناقتەك، تاماكا قەغىزىدەك چوڭلۇقتا سويۇلۇپ چۈشۈۋاتاتتى. توپا-چاڭ ئەخلەت –چاۋالار ئۇنىڭ بۇرنىدىن، قۇلاقلىرىدىن، ئېغىزلىرىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. قوشنام قولىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقىنى كىرىشىپ بىرنەچچىنى كۈچەپ شورىۋەتكەندىن كېيىن يانغا تاشلىۋەتتى. ئاندىن چىرتتىدە  قىلىپ تۈكۈردى. كۈچلۈك شامالدا ئۇنىڭ تۈكۈرىكى سوزۇلۇپ نېرىدىكى بىر تۈپ كۆچەتنىڭ شاخلىرىغا ئىلىنىشىپ قالدى. كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىرقىسما بولۇپ كېتىۋاتتىم.  تېلىۋىزوردا بېرىلگەن ئېلاننىڭ جاراڭلىق ساداسى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى. ..بۇ دورا ئىسپىرما .... كېتىش .. ئاجىزلىق....قۇۋۋەتسىزلىكتىن بولغان.. غا....قالتىس مەنپەئەت قىلىدۇ. بو دورىدىن...سىڭىز... دەك.. كارامەتكە .. بولىسىز...ھازىرقى بالىلار قانداقتۇر بىر دورىلارنىڭ سەۋەبى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ نىمە.. كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان، پاكىزە ئىشقنىڭ مەھسۇلى بولغان ئادەملەر .... نى .... بىز ....مەيمىز.

مېنىڭ بولمىغۇر ئاغزىم يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى.

_ سىز مۇشۇنداق دىسىڭىز مەن راستلا سەل گاڭگىراپ قالدىم.. سىز بۇرۇن مۇنداق گەپلەرنى دىمىگەن ئىدىڭىز..

ئۆيۈمگە كىرىپ كەتكۈم بار ئىدى. ئەمما يەنە رايىمدىن يېنىپ قالدىم. مۇشۇ بوراندا ، ئالەم-جاھان توپا چاڭغا كۆمۈلگەن مۇشۇ كۈندە تار ئۆيۈمگە كىرىپ يالغۇز ئولتۇرسام تۆت تام مېنى يەپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە مېنى يەپ كېتىدىغان نەرسە پەقەت تۆت تاملا ئەمەس.. يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بارلىقىنى بىلدىم. يىيىلىۋاتقىنى مېنىڭ جىسمىم ئەمەس.. روھىم.. پاكىزە ياشاشقا ئۆگىنەلمىگەن، تەلپۈنۈپ تۇرىۋاتقان يۈرىكىم بولىدىغاندەك قىلاتتى. ئالدىمدىكى قوشنامنىڭ تىنىقلىرىدىن ئۇرۇلغان ئىسسىق، ئەمما بەدبۇي بىر نەرسىلەر ھاۋاغا تارقىلىپ ،بوران بىلەن قوشۇلۇپ يىراق بىر يەرلەرگە كېتىۋاتقاندەك ئىدى.بۇنداق بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقىنى يالغۇز مۇشۇ قوشنامنىڭ ئېغىزى بولۇشى ناتايىن .. بەك كۆپ بولغاچقا مۇشۇنداق چاڭ-توزان كۆتۈرىۋېتىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن ئورمانلار قۇرۇيدۇ. گۈل-چېچەكلەر توزۇيدۇ. ھاياتلىقنىڭ يىلتىزىغا تونۇر داشقىلى قويۇلىدۇ... بۇ تىنىقلار ئالدى بىلەن مېنىڭ ئۆپكەمگە، ھاياتتىكى جىمى ھەسرەتلەرنىڭ ئاچچىق تىنىقلىرىنى سىغدۇرۇپ، چىڭقىلىپ كەتكەن ئۆپكەمگە بۆسۈپ كىرىۋاتقاندەك ئىدى. قوشنامنىڭ يۈز تېرىلىرى يەنە سويۇلۇپ چۈشىۋاتاتتى. تېرىلىرى سويۇلۇپ چۈشكەنسېرى ئۇنىڭ يۈزى تېخىمۇ قارىداپ كېتىۋاتاتتى. سويۇلۇپ چۈشكەن يۈز تېرىسى بوراندا نە نەلەرگە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇ تېرىلەر ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن توپا-چاڭ، ئەخلەت چاۋالار، قەغەزلەر بىلەن قوشۇلۇپ ،يىراق يەرلەرگە كېتىۋاتاتتى.

_ بۇرۇن بولمىغان بولسا ئەمدى بولىدۇ.. ياشاشنى بىلمىسەك بولمايدۇ ئۇكام.. ئەستا .. بۇ گەپلەر نەگە كەتتى. سىز ھېلىقى قىزنى تونۇيسىز شۇنداقمۇ..

_ تونۇيمەن.

_ ناۋادا... مەن ناۋادا دەۋاتىمەن.. بىر كۈنلەردە ئاشۇ قىز يوتقىنىڭىزنى قايرىپلا قوينىڭىزغا كىرسە سىز قانداق قىلىسىز.

مەن ئۆيۈمگە چىقىپ كەتمىسەم بولمىدى. ئەمما يەنە ئىتنىڭ قاۋىشى.. ماۋۇ قانداق بىر ئىش بولدى.. تالادا تېخى، ئۆيدە تېخى ئاراملىق بولمىسا.. مەن نىمانداق تايىنى يوق ئىشلارغا سېپىلىپ قالدىم..

_ مەن.. ئۇنداق بولۇشى مۈمكىن ئەمەسقۇ..

_ مەسىلەن شۇنداق بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز..

_ مەن بۇنىڭغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن.. يوق خىيالنى قىلىشمايلى..

بىر جۈپ قۇشقاچ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى پاكار مەنزىرە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ناھايىتى تەستە قونۇۋېلىشتى. بوران سىلكىپ ،لىڭشىتىپ تۇرغان شاخلارغا قونۇش ئۇلار ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ئىكەن.ھېلى تېخى بۇ يەردە سۇندۇك بار ئىدى. ئۇ بىچارىلەر مۇشۇ بوراندا نەلەرگە كەتكەندۇ.بىر جۈپ قۇشقاچ بىزگە قاراپ مەسخىرىلىك ھالدا دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىيالى بىلەن بولۇپ كەتتى.

_ مانا دىمىدىممۇ.. شۇنداق بولۇپ قالسا سىزمۇ ئۇ قىزنى ئەلۋەتتە ،كارۋىتىمدىن چۈش، دىمەيدىغانسىز.. بۇنىڭغا نىمە دەيسىز.. ئەمەلىيەتتە ئەر خەقلەرنىڭ ھەممىسى بەكلا تاماخور كېلىدۇ.. ،كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىز چوكانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭغا پۇرسەت كەلمەيدۇ ياكى شۇنىڭغا جۈرئىتى يوق.. بولمىسا .. بۇرۇنقى پادىشاھلار نىمىشقا بىرەر يۈز خوتۇن ئالىدۇ.. ئۇلاردا ئىمكانىيەت بار.. شۇنداق قىلالايدۇ.. ھوقۇق ئىمتىيازى شۇنىڭغا يېتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق ھوقۇقىڭىز بولسا سىزمۇ شۇنداق قىلىسىز..

مەن بۇ يەردىن تېزرەك كەتسەم بولاتتى. يەڭگىل پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرىدىغان دوستلىرىمدىن بىرەرىنى شۇنچە ئەسلەپمۇ يادىمغا ئالالمىدىم.

قوشنامنىڭ چىرايىغا قاراپ مەنمۇ يۈزۈمنى ئاستا سىلاپ قويدۇم. يۈزۈم سوغۇق ھەم يىرىك بىلىندى. ئادەمنىڭ يۈزى يۈرەكتىكى نۇرغۇن نەرسىنى ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بېرىدۇ،دىيىشىدىكەن. بىز ھەممە نەرسىنى يوقىتىپ بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا قالىدىغىنى يۈزىمىز بولۇشى مۈمكىن. يۈزىمىزمۇ قالمىغاندا ئاندىن ئۈزىل-كېسىل يوق بولۇپ كېتىمىز. قالىغىنى پەقەت ... شۇنداق بىر نەرسە.

ئالەم_جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى.ئاشۇ قويۇق چاڭ مانانلار ئارىسىدىن ئادەمنىڭ يىغىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى. بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن،  ئاسماننىڭ قەرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئۇزۇن تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بوراندا شاخلىرى سۇنغان تېرەكنىڭ، قۇرۇغان سۆگەتنىڭ يىغىسى بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

نىمە بولدى بىلمىدىم،مېنىڭ ئاغزىم يەنە بىر قېتىم بىئىختىيار ئېچىلىپ كەتتى.بۇ ئادەمگە ئەسلى بۇنداق گەپلەرنى دىيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ تۇرساممۇ يەنە شۇنداق دىدىم:

_ بىراق . ئۇغۇ ئايرىم ئەھۋال ،ھەممە ئەرلەر ،ھەممە ئاياللار كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈندى دەپلا ئۇدۇل كەلگەن بىرسى بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە  بۇ جاھان نىمە بولۇپ كېتىدۇ.. ئۇ چاغدا سىز بىر ئۆمۈر تەكىتلىگەن ئەخلاق دىگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى قالىدۇ.

_ ئەمدى ئۇ شۇنداق بىر دەپ قويىدىغان گەپلەر دەڭا..

بوران ئەدەشكە باشلىدى. دەرەخلەردىن ھۇشقۇيتقان ئاۋاز كېلەتتى. قوشنامنىڭ چىرايى يەنىمۇ كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى. ھاۋانى بۇلغىغان چاڭ-توزان بارغانسېرى قويۇقلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مۇشۇ قويۇق چاڭلار ۋۇجۇدىمىزغا قونۇپ، ئېتىمىزنى، كىيىملىرىمىزنى كىر قىلىۋەتسە كارايىتى چاغلىق ئىدى. ئەمما ئۇ بىزنىڭ تېرىلىرىمىزدىن ،ئېغىز، بۇرۇن قۇلاقلىرىمىزدىن ئۆتۈپ ،يۈرىكىمىزگە، ئۆپكىمىزگە كىرىپ پۈتۈن ئىچكى ئەزالىرىمىزنى قاپقارا كىر قىلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.  بۇنداق بولۇپ كەتمىسە بولاتتى،دىگەننىڭ ئۆزى تولىمۇ ئەخمىقانە بىر ئارزۇ.. يامان يېرى ئۇ بارسا بولمايدىغان يەرگە بېرىپ بولدى. كىرسە بولمايدىغان يەرگە كىرىپ بولدى. نىمىلا دىمەيلى بۇ دۇنيادا بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگەللەپ ئادەمدەك ياشىماق بەكلا تەس ئىشكەن. ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ چېگرىسى گاھى گاھىدا  تۇتۇشۇپ چىرمىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئادەمنى ئەڭ بىزاۋىتە قىلىدىغان ئىشنىڭ بىرى ئۆزۈڭ ئىشەنگەن ئادەم، ئېتىقاد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن كۈتمىگەن ياكى ئويلاپ يېتەلمىگەن بىر تەرزدە ئىخلاسىڭنى كۇمپەيكۇم قىلىغۇدەك دەرىجىدە يامان كۆرۈنۈنشتە كۆز ئالدىڭدا زاھىر بولۇشى مۈمكىن.

_ئاشۇنداق تومۇچۇقتەك قىزلارنى ئاشنا تۇتۇۋېلىشنىڭ سىزچە قانداق بىر يامان تەرىپى بولۇشى مۈمكىن... سىزگە دىسەم سىز ھازىر ئۇ نەرسە ياخشى، بۇ نەرسە يامان دەپ ئايرىپ بولالماي، ئايرىغان بولسىڭىزمۇ شۇ نەرسىنىڭ زادى قانداق بىر نۇقتىدىن ئۇنداق ياكى مۇنداقلىقىغا ئىشىنەلمەي يۈرگەندەك قىلىسىز.. گېپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ..

_ ياق.. چۈشەنگۈم يوق،...

_ چۈشەنگىڭىز يوق ئەمەس.. چۈشىنەلمىدىڭىز.. راست گەپنى دىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ..

قوشنامنى نۇرغۇن ئادەملەر قالتىس ھېساپلىشاتتى.مەنمۇ شۇ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدىم. بىزدە ھازىر قىلىدىغان ئىشى يوق ئادەملەر بەك كۆپ بولغاچقا تولىراق خەقنىڭ گېپىنى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىمىز.. بەزى چاغلاردا بىر نەچچىمىز بىللە بولۇپ قالساق ئارىمىزدا مۇشۇ قوشنامنىڭ بەزى خۇي مىجەزلىرى توغرىسىدا پاراڭلار بولۇپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭ يامان گېپىنى ئاڭلاشنى راستلا خالىمايتتىم. مەندەك ئەخمەق ئادەملەردە مۇنداق بىر خىل ئوي بولىدۇ: ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ياخشى، بىر ئادەمنىڭ يامان تەرىپى بولسىمۇ ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى ئالدىدا ئۇنى دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بەزىدە بىر ئادەم بىر ئۆمۈر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوپارغان مۇنار بىرەر تال خىش، كېسەكنىڭ ئېزىلىپ ياكى مايماق كېتىشى بىلەن غۇلاپ كېتىدىغان ئەھۋال بولىدىكەن. مۇنار ئۆرۈلسە بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئەمما ئۇ يىقىلغان چاغدىكى پارچە پۇرات نەرسىلەرنىڭ ئەتراپنى بۇلغىشى، كۆتۈرۈلگەن توپا چاڭدىن دەمنىڭ سىقىلىپ كېتىشى كىشىنى بەك ئېغىر تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.

يېنىمىزدىن بىر ماشىنا ئۆتۈپ سەل نېرىغا بېرىپ توختىدى. ماشىنىدىن تولىمۇ چىرايلىق قېرىغان بىر ئايال چۈشۈپ شوپۇر بىلەن خوشلىشىپ نېرىدىكى ئۆيگە قاراپ مېڭىپ كەتتى. ئايال خېلىلا سېمىز، بويى پاكار بولۇپ بايىقى نازۇك بەدەن  قىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەكلا زور پەرق قىلاتتى. ھايات دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك، نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر يىللارنىڭ سۈرۈپ، ئىكەكلىشى بىلەن ئۇپراپ ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بىر قارىسا ئىنساننىڭ بىقۇۋۇللىقى ئادەمنى بەكلا مەيۈسلەندۈرۈپ قويىدىكەن.

_ بۇ خوتۇننىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز..

_ ياق.. بىلمەيدىكەنمەن.

_ ئىشقىلىپ مۇشۇ ئايال توغرىسىدا يازسىمۇ قالتىس بىر كىتاپ بولامدىكىن دەيمەن.. ياش ۋاقلىرىدا قالتىس سەتەڭ بىر نىمە بولىدىغان.. كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. بۇ كىچىككىنە يۇرتتا بۇنىڭچىلىك چىرايلىقلارنى تاپقىلى بولمايتتى. ياش، نۆۋەر چاغلىرىدا پۈتۈن يۇرتنى بېشىغا كەيگەن نىمە ئىدى. ئېرى ئۆتۈپ كەتكەن يۇمشاق باش.. بۇ دىگەن يىگىرمە يىلنىڭ بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئىشلار بولۇشى مۈمكىن.. قولىدا سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى چاغلىق ھوقۇقى بارلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مېغىزىنى چېقىپ باققان گەپ.. ئېرى ئۆيىگە بىرسى كىرسە : ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ.. مەن دىككىدە چىقىپ كىرەي دەپ قويۇپ شۇ چىقىپ كەتكەنچە تاڭلا ئەتىسى ئاران پەيدا بولىدىغان نىمە ئىدى.. ھونناققا دوقاق دىگەندەك بۇ خوتۇننىڭ شەيتىنىنىڭ يامانلىقى، ھېلىقىنىڭ پاختا باشلىقى بىر بولۇپ ئالامەت ئىشلار بولۇپ كەتكەن.. مانا ئەمدى قاراڭ.. تۇرۇپلا قېرىپ يېشى بىر يەرگە بارغغاندا ئۆزىچىلا ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ ھاجى خېنىم بولۇۋېلىغلىق.. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز..

مەن بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ نىمە قىلارمەن.. بۇ خوتۇننى يا مەن تونۇمىسام، يا ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا .لېكىن مەن يەنە ئۆزۈم ئويلىغان گەپنى دىمەي باشقا بىرنىمە دەپ جۆيلىدىم:  

_ بىر ئادەم يامان يولدىن قايتقانكەن ئۇنى قۇۋۋەتلەش كېرەك بولىدۇغۇ..

_ بۇمۇ قاملاشمىغان بىر گەپ.. بىر ئادەم بىر پاتمان  گۇناھلارنى سادىر قىلىپ ئاخىرىدا بىرلا ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇپ كېتەمدىكەن.. بۇ ئۇنچىلا سورىقى يوق جاھان ئەمەس..

_ ئەمىسە يامان ئىش قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى يامان ئىش قىلىپلا ئۆتۈپ كەتسە بولامتى..

_ گەپنىڭ مۇھىم يېرى ئۇ ئەمەس.. يامان ئىش قىلىپ ئۆگەنگەنلەر يامان ئىشىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ توۋا قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى يامان ئىش قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكىدىن توختاپ قالغان بولسا بۇنىڭغا نىمە دەيمىز..

_بۇنىڭغا بىر قاراپلا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ..

_ دىگىلى بولىدۇ.. مەىسلەن ھېلىقى خوتۇننى ئالايلى ،ئۇ ھازىر قېرىدى، ماغدۇرىدىن كەتتى، ئۇنى ھازىر ھېچكىم كېرەك قىلمايدۇ.. بۇرۇنقىدەك ئېرىنى بوزەك قىلىپ، خەقلەرنى دانلىتىپ يۈرەي دىسە بۇنىڭغا ئامالى يوق، قولىدىن كەلمەيدۇ.. شۇنىڭ بىلەن بىر دومىلاپلا مۇشۇنداق بولۇۋالغان گەپ..

بوران يەنە گۈركىرەشكە باشلىدى. توپا چاڭ تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. يۈزلىرىم گاھ قىزىپ، گاھ مۇزلاۋاتقاندەك سېزىلەتتى. قولۇمنى نەچچە سوزۇپ بولۇپ يۈزۈمنى سىلاپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

ھېلىقى بىر جۈپ قۇشقاچ بىزگە دەيدىغان گېپى باردەك پات پات كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن بىزارلىقنىڭ ئاچچىق سېزىملىرى ،يەنە بىزگە نىسبەتەن پەقەت ئىشەنچ قىلالمايدىغاندەك بىر كۆلەڭگە سىلغىيىپ تۇراتتى. بوراننىڭ ھۇشقۇيتىشىغا جۆر بولۇپ قوشنامنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى:

_ھېلىقى قىزمۇ خۇددى مۇشۇ خوتۇندەك بىر نىمە بولۇپ چىقىدۇ... قاراڭ ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىنى.. ھازىر ئۇمۇ نەچچە ئەركەكنى كەينىدىن سوكۇلدىتىپ يۈرىدۇ، بۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس. يەنە ئون يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئۇمۇ بەلكىم ھاجى خېنىم بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.. شۇ چاغ كەلگەندە ئۇنىڭ ھازىرقى ئىشلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئەل-جامائەت ئۇنى كۆككە كۆتۈرۈپ يۈرسە بۇ ئادىللىق بولامدۇ.

قوشنام چىرتتىدە بىر نى تۈكۈرۈپ قويۇپ ماڭا ئېڭىشتى.
- سىزگە دىسەم بايىقى خوتۇندەك ياشلىقىدا جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، يېشى بىر يەرگە بارغاندا قېرى ساغلىقتەك بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ ،خەقنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلار ئاز ئەمەس.. تاماكىڭىز بارمۇ..

بوراندا چەككەن تاماكىنىڭ لەززىتى بولمايدۇ ،دىيشەتتى. راستلا شۇنداقكەن..

_ ئەمىسە سىزنىڭچە قانداق بولسا بولىدۇ.. بىر ئادەم يامان يولدىن قايتسا بۇمۇ قاملاشمىغانراق ئىشكەن. قانداق بولۇشى كېرەك..

_ بىز ئادەمنىڭ ماھىتيىتىگە قارايمىز. ئۇ ئەسلى تېگى تېگىدىن ياخشىمۇ ياكى ياخشى بولۇۋالغانمۇ.. بۇنىڭغا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك..

خىياللىرىم ۋاڭشىپ،بېشىم سەل ئاغرىشقا باشلىدى. بۇرۇندىن بۇنىڭدەك مۇرەككەپ ھەم ئايىغى چىقمايدىغان پارڭلار بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. مۇشۇ گەپلەرنى دىيىشكەننىڭ نىمە پايدىسى. بىز ھېلىقى خوتۇن توغرىسىدا، يەنە بايىقى قىز بالا توغرىسىسدا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدۇق، ئۇلار بىزنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە كۆيۈپ پىشىپ نىمىلەرنى دىگەنلىكىمىزنى ئۇقمايدۇ.   

قوشنامنىڭ يۈز تېرىسى يەنە سويۇلۇپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ باشقىچە بىر رەڭدە.. قانداق رەڭ بولۇشى مۈمكىن.. مەن بىلمەيدىغان، يەنە نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدىغان بىر رەڭدە پارقىراپ تۇراتتى. بوران ھۇشقۇيتۇپ ،چاڭ-توزان كۆك سەتھىنى بۇلغاپ ،كىشىنىڭ يۈرىكى سىقىلىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. بوراندا چەككەن تاماكا  كىشىگە پەقەت تېتىمايدىكەن. تۇرۇپلا كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ كەتتى. مۇشۇنداق چاغدا تازا ئاچچىق ھاراقتىن بىر رۇمكا ئىچىپ، ئىچىڭگە چىڭقىلىپ قاتتىق بولۇپ تۇرىۋالغان كۆڭۈلنىڭ غەلە غەشلىرىنى پۇرقۇپ چىقىرىۋالساڭ كىشى خېلىلا يەڭگىللەپ قېلىشى مۈمكىن. ھاراق تاشلىغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالغاچقا دەماللىققا بۇ خىيالىمدىنمۇ يېنىۋالدىم. شۇ ھالدا مېنىڭ بىرەر ئىشنى، كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىشىم زۆرۈر ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا قۇربىم يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئادەم ئادەتتە بىر قاچا لەغمەن يىسە قورساق تويىدۇ. بىراق كۆڭۈلنىڭ ئاچلىقىنى تولدۇرماق بەكلا تەس.. بۇنىڭغا مۇشۇ دۇنيادا نام ئالغان ئالىم كىشىلەرنىڭمۇ يۈگرەپ قوپۇپ بىزگە دەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئاقىلانە چارىسىنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەك تەس.

قوشنام قولىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقىنى كۈچەپ، ھوزۇرلىنىپ شوراۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھېلىقى رەڭگىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان كۆزلىرى تېخىمۇ بىر قىسما بولۇپ كەتكەن ئىدى. يۈز تېرىلىرى داۋاملىق سويۇلۇپ چۈشۈۋاتاتتى.

_مەن كىرىپ كېتەي.. قولۇمدا مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى.. شۇنى پۈتكۈزىۋېتەي..

قوشنام شۇنداق دەپ بولۇپ مەن بىلەن خوشلاشقاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇنىڭ بېشى بوراندا ھەر تەرەپكە گىلدىڭشىپ تۇراتتى.

_بولىدۇ.. مەنمۇ كىرىپ كېتەي.. بوران بەك چىقىپ كەتتى.

_ ئىشقىلىپ بىزدەك قەلەم بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارغا ئارامچىلىق يوق.. بەكلا مۇرەككەپ تېمىغا كىرىشىپ قاپتىكەنمەن.. بىر ئۆمۈر ئەخلاق ھەققىدە تەتقىقات قىلىپ كەپتىمەن.. ھازىر قولۇمدىكى ئىشمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك.. ئىشقىلىپ ئەدەپ- ھايادىن چەتنەپ كەتكەن بىزنىڭ مۇشۇ خەققە ئازتولا ياردىمى تېگىپ قالار دىگەن ئۈمىدتىمەن..

بوران ئەدەپ كېتىۋاتاتتى. بوران ئۇچۇرۇپ يۈرگەن چاڭ-توزانلار توپا ياكى ئەخلەت ئەمەستەك قىلاتتى. چىرىگەن يۈرەكلەرنىڭ پارچىلىرى، كۆيۈك ۋىجدانلارنىڭ توزۇندىلىرى، سويۇلۇپ كەتكەن يۈز تېرىلىرى يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقانداق بىر نىمىلەر ھاۋانى قاپلاپ ،ھەريان ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى.

مەن يالغۇزلۇقنىڭ ئاچچىق چاڭلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەن قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ تىنىمىسىز مىتىلدىشىدىن ئارامسىزلىنىپ ئۆزۈمنى بارغانسېرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قەغەزدەك جانسىز سېزىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا بىر تۈپ پاكار مەنزىرە دەرىخى بار ئىدى. بۇ دەرەخكىمۇ ئاللىقانداق بىرنىمىلەر يۆگىشىپ، ئېسىلىپ، ساڭگىلىشىپ تۇراتتى. دەرەختە بايىقى مەن تونۇمايدىغان بىر جۈپ قۇش ۋىچىرلاپ سايرىشىۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشنى ئاچچىق بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم. كۆزلىرىدىن ئاچچىق ئەلەم پۇرقۇلۇپ تۇراتتى. قۇشلارنىڭ تىلىنى چۈشىنىدىغان بىر پەيغەمبەر ئۆتكەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك قىلىۋاتاتتىم. بۇ بەلكىم مېنىڭ شۇنداق بىرسى بار بولۇشى مۈمكىن، دىگەن خىيالىم بولۇشى مۈمكىن، ياكى شۇنداق بىر گەپلەر بارمۇ يوقمۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن.

قۇشلار قۇش تىلىدا ۋىچىرلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆز زۇۋانىنى چېلىپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇلارنىڭ كىچىككىنە يۈرەكلىرىدە  قانداق بىر ئارمانلىرىنىڭ بارلىقىنى بىزلەر بىلىپ كېتەلمەيمىز. جاھان جاھان بولغاندىن باشلاپ ئۇلار قۇياش نۇرى بىلەن ھۆكۈم سۈرىدىغان ھاياتلىق ئالىمنىڭ ئەركىلىرى بولۇپ ئۆز دۇنياسىدا ياشاپ يۈرۈپتۇ.

قۇشلار قۇش تىلىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. مەن دىققەت بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالدىم. بىر جۈپ قۇش يۈرىكىمنىڭ پاكىزە يەرلىرىگە قونۇپ ۋىچىرلاشقا باشلىدى.

_ بوران يامان ئەدەپ كەتتا.. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە بىز تۈگىشىمىز..

_راست، بۇ بوران قايسى تەرەپتىن چىقتى..

_ ھېچقايسى تەرەپتىن ئەمەس.. ئاسماندىن تىك چۈشتىمىكىن.. ياكى يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتامدىكىن..

_ياق.. ئۇ يۈرەكتىن چىقىۋاتقان بوران.. ئادەملەرنىڭ يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان بوران..چۆللىشىپ، قۇرۇپ كەتكەن يۈرەكلەردىن چىقىۋاتقان بوران، بۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي.. راست.. ئادەملەر بۇزۇلغاچقا دۇنيا بۇزۇلىۋاتامدۇ ياكى دۇنيا بۇزۇلغاچقا ئادەملەر بۇزۇلىۋاتامدۇ..

_مەن بىلمەيمەن..

_ بىر نىمە دەپ باقمامسەن.

_ مەنچە .. مەنچە بولغاندا.. شۇنداق بىر ئىش بار.. خۇددى بىر توغان يار ئېلىپ كەتسە ئالدى بىلەن كىچىككىنە ئېرىقچە بولۇپ ئاقىدۇ.. ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسا بارغانسېرى يوغىناپ ئاخىرى ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ.. سەنچە بۇنى توغاننىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرگۈلۈكمۇ ياكى سۇنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن كۆرگۈلۈكمۇ .. بۇ مىسالىم تازا چەك باسمىدىمۇ نىمە..

كۆڭلۈم يۇمران بىر تۇيغۇدىن شۇنچە يەڭگىللەپ تاتلىق سېزىمدىن تەۋرەپ كەتتى. بۇنداق ئازادە جاھانغا چىقىپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن..

ھېلىقى قۇشلار پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى.

ئالەم_جاھاننى قاپلىغان چاڭ-توزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى.ئاشۇ قويۇق چاڭ مانانلار ئارىسىدىن ئادەمنىڭ يىغىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى. بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن،  ئاسماننىڭ قەرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن ئۇزۇن تىڭشاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى بوراندا شاخلىرى سۇنغان تېرەكنىڭ، قۇرۇغان سۆگەتنىڭ يىغىسى بولسا كېرەك دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

مېنىڭ ئۇلارنىڭ يەنە نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بەكلا ئاڭلىغىم بار ئىدى.. ئەمما ئۇلار كەتتى. يۈرەكلەرنى ئوبدانراق تازىلايدىغان يەرلەرگە كەتكەن بولسا كېرەك.. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يەنە راۋان ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ دىگەندەك نەرسىلەر شۇ چاغدا بىزگە تېخىمۇ يېقىن تۇرۇشى مۈمكىن.



(«كروران» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان)


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1013
تۆھپە : 4
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 14:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يازغۇچىمىز تۇرسۇن مەھمۇتنىڭ ھېكايىلىرىدە ئۆزگىچە ئىپادىلەش مەۋجۇت بولۇپ، پىرسوناژلارنىڭ پىسخىكىسى، خارەكتىرىنى ئېچىپ بىرىش، ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزۈش، جەمىيەتتىكى مەلۇم ھادىسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتلەردە يېڭى بىر يولدا  ئىزدىنىۋاتىدۇ. سىناقلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ‹ پەرىشتە يامغۇر› ناملىق ھېكايىسىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن. بۇ ھېكايىمۇ تىل، ۋەقەلىك، پىرسوناژ ئىپادىلەشتىكە يارقىنلىق بىلەن مىنى تولىمۇ ئويلاندۇردى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتولۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 14:30  


دۇنيانى باغرى تاش دېسىمۇ مەيلى، كۆڭلىمىزنى قۇشلارغا داندەك چېچىپ بىرەيلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش