قارامايدا يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى
# W% X& r7 U! h. U6 R5 f- cقاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قاراماي نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2013-يىل 20-دېكابىر قاراماي گېزىتخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاۋ جۈنخەي رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي 103 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى، يىغىندا رەئىس جاۋجۈنخەي خىزمەت دوكلاتى بەردى. ليۇ لوڭپىڭ يىللاردىن بۇيان قولغان كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەركىن مۇھەممەت كامالى، ئېردا (مۇڭغۇل)، ياڭ چۈن قاتارلىق تۆت ۋەكىل ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا دىمۇكراتىك بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق رەئىس،مۇئاۋىن رەئىس، كاتىپ، مۇئاۋىن باش كاتىپلار ۋە دائىمىي ھەيئەت، ھەيئەتلەر يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.
قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قاراماي نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يېڭىدىن سايلانغان رەئىس: جاۋ جۈنخەي
مۇئاۋىن رەئىسلەر: يىن دېجاۋ، ئوسمان قاۋۇل، شېن گۇاڭجى، ليۇ يىخېڭ، گوجىلىن
باش كاتىپ: شېن گۇاڭجى
مۇئاۋىن باش كاتىپلار: شېن گۇاڭجى، لى شۆسۇڭ،ئەركىن مۇھەممەت كامالى، لو جىچۇ
دائىمىي ھەيئەتلەر: تيەن ۋېنفۇ، گۇ ۋېي، ئىبراھىم نىياز، رىزۋانگۈل مەھمۇد قاتارلىق 10 كىشى. ھەيئەتلار 33 كىشىدىن تەركىپ تاپتى.
6 O9 L2 i6 f Q( H& j
V7 A# ]6 |; M6 v/ O. l; O+ [& L
ۋەكىللەر دوكلات ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل كۆرمەكتە.
دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى.
ئەركىن مۇھەممەد كامالى ئىجادىيەت تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
ۋەكىللەر يازغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسىنى ئاڭلىماكتا.