كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 1

(خۇشخۇي) ئەقىدە ئېگىلسە يۈرىكىم كۆيۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 00:46:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي



15-قېتىملىق«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن ئەسەرلەر



ئەقىدە ئېگىلسە يۈرىكىم كۆيۈك



ئەقىدە ناخشىسى

           - 1-

چېچىمغا سىياقنى كۆمۈردىن ئالدىم ،

چۈنكى ئۇ جۇدۇنغا ھارارەت بەردى .

مېھرىمنى ھاتەمنىڭ پىچىغا سالدىم ،

ھاتەم ئۇ ھەرئىزدىن گۈللەر ئۈندۈردى .



كۆڭلۈمنى قۇياشنىڭ پېشىگە چاتتىم ،

ئۇ جىمى ئالەمگە بىر كۆزدە باقتى .

سۇغرۇلدى ئەقىدەم دەريادا(ئاقتىم )،

پەسىللەر بويى ئۇ بىر ياققا ئاقتى.



شۇ سەۋەپ بەزىلەر مېنىڭدىن بەزدى ،

مىنۇتتا تۈمەنخىل ئۆزگەرمىدىڭ دەپ .

ئەقىدەم ئات چاپتى جاھاننى كەزدى ،

چىقاردى خۇلاسە: توغرا قىلدىڭ دەپ .

- 2-

دوستلۇقنى قەدىرلەپ كۆتۈرسەم باشتا

قىلمىدىڭ سەن بىراق ئاڭا ئىتىبار .

تېشىلدى تاشلارمۇ ئەقىدەم ياشتا.

نە ئۇ تاش قىلمىدى پولات قالقان كار .



ئەقىدە خارلىنىپ ياش تۆكتى زېمىن ،

قىل قالدى ئاجراشقا قۇياش بېغىدىن .

تاپمىدى كائىنات بىردەملىك ئەمىن ،

ئوت چاچتى غەزەپتە قىلىچ تىغىدىن .



ئەقىدە مۇقەددەس، ئەقىدە بۈيۈك ،

ئۇنىڭسىز ياغىدۇ دوستلۇققا مۇز- قار.

ئەقىدە ئېگىلسە يۈرىكىم كۆيۈك ،

رازىمەن ماماتقا، ھازىرلىغىن دار .

1995-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى،گۇما.



سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز

        -1-

تەشنالىقتا بىز كۈتكەن ۋىسال ،

نەشىر قىلنىپ چىقتى ئەنە كۆر .

بىراۋ چاڭگال سېلىپ بولغۇچە ،

ئىلكىمىزگە ئۆتكۈزەيلى يۈر .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز؟



قۇچاقلىسام تونۇيالامسەن ؟

تىنىقىمدىن ،سورىماي مېنى .

كۆرمىگەنتىڭ بىر قېتىم ،ئەمما

كۆرۈپ تۇردۇم چۈشۈمدە سېنى .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز ؟!



كۈرمىڭ قاراق توزۇتتى تىنىق

دەمدىرىڭنى ئۈنلەتمەي بىر رەت .

بويۇن قىسىپ تۇرىدۇ (رەنجىپ).

ساڭا ئاتاپ يازغان نامە- خەت .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز؟!

          - 2-

بېرىپ تەلۋە ھىجران خېتىنى ،

يايغىن يېشىل توملار بېتىنى .

مەن سېغىندىم ، سېغىنغان بولساڭ ،

يۈرىكىڭگە ئۈندۈرۋال مېنى .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز؟!

- 3-

قىلغانمىدىڭ بىر يولى قەتلە ،

(يوق لېۋىڭدە) كۆشۈكلىرىڭنى؟

بىزنىڭ كەپتەر چىقاردى باچكا ،

كىشەنلەپ قوي مۈشۈكلىرىڭنى .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار - ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز؟!



كوۋۇكۇڭدىن ئاتلاتماي ھۆسىن ،

جەزىرىگە تاشلامسەن پۈركۈپ ؟

ئېغىز ئالدى قەلبىمدە ئىشقىڭ ،

سەن يۈرمىگىن سايەڭدىن ھۈركۈپ .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇر تاراتقان كۆز؟!



يۇتىۋالما ۋەدەڭنى ئۇنداق ،

بىخ يارمىسۇن ئەندى ئۇ فۇرقەت .

يوللاپ تۇرغىن ساباھدىن مەلھەم ،

چىقار چوقۇم ۋىسالغا پۇرسەت .

ھەر ئىككىمىز ئەسلىدىن يار- ئۆز .

سېنىڭمۇ شۇ نۇرتاراتقان كۆز؟!

1994-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى،گۇما .



  شائىرنى ئىزدەش



كۈن ۋە تۈن بويى،ھەرئان،ھەر ۋاقىت،

ئىزدەپ بىرسىنى جاھان كېزىمەن.

يولۇقتۇرالماي، نەچچە بوۋايدىن-

سوراپ، قەلبىمگە ئادرېس يېزىمەن.



ئېيىتتى بىر بوۋاي:<<يۈرەتتى ئاخشام

<تۈگىمەس ناخشا>ياڭراتقان پېتى.

كەلمىدى بۈگۈن ئۇيقۇ بۇزغىلى،

ھاردىمىكىن تاڭ، تۇلپارى- ئېتى>>.



بۈگۈن شاگىرتى بولاي دېگەندە،

ئۆزى يوق، گۈلگۈن سەپتىكى رېتى.

يولۇقتۇرساڭلار ئۇچۇر بېرىڭلار،

مىللىتى ئۇيغۇر، تېيىپجان ئېتى.

1993-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۇما.



تۈن لېرىكىسى



تىنەپ يۈرگەن كوچا ناخشىسى،

تېۋىنىشتا دوقمۇشقا تەكرار.

ئۆچۈپ قالغان چىراق شولىسى،

پەرۋانىگە بولۇر ماتەمدار.



خانىلاردا ھاياتلىق يىتكەن،

دەريا ئاقار ئېغىر ئېپ نەپەس.

مەشۇقىمنىڭ قەلبىگە دەسسەپ،

كېلىمەن-دە،يېتىرقاپ مىڭ تەس.



سۈكۈناتقا چۆككەن مەھەللە،

كۆكتە زەڭگەر تۇلۇن كېزىدۇ.

شىرىن كېچە جىمجىتلىقىدا،

يار چۈشىدە گۈللەر تىزىدۇ.



يار چۈشىدە گۈل ئۈزىدۇ-گۈل،

ئېلىپ ماڭا كېلىدۇ ئۇدۇل.

يايرىم سۇنغان قىزىل گۈل ھىدى،

ۋۇجۇدۇمنى قىلىدۇ چۇل-چۇل.



بۇزۇپ تاتلىق چۈشلەر پەيزىنى،

پەنجىرەمنى قاتتىق چەككەن كىم؟

مەھرۇم قىلىپ يارنىڭ ۋەسلىدىن،

بۇنچە قوپال،ئاچچىق تەككەن كىم؟!

  1993-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى،گۇما.



ئايدىڭ لېرىكىسى



ئارتىپ كۈمۈش نۇردىن پەرەنجە،

سۇنايلىنىپ ئۈگىدەر ئورمان.

جامالىنى ئىزدەپ تۇلۇن ئاي،

دەريا بويلاپ كېلەر بىدەرمان.



ياپراقتىكى شەبنەم جۇلاسى،

گۈلدىن بوياق تالاشماس بۇ دەم.

مۇزىكىسى چېكەتكىلەرنىڭ،

كۆڭۈللەردىن ھەيدەيدۇ ئەلەم.



نۇرغا شۇڭغۇپ ئوماق يۇلتۇزلار،

پەر ياستۇقتىن بەخت تاپىدۇ.

قىيابويلاپ كەلگەن زۇمرەت سۇ،

تۇلپار كەبى ھەريان چاپىدۇ.



ئۈنى ئۆچكەن ئالا بويناقنىڭ،

چۈشەپ داڭگال مەستخۇشتۇر خوراز.

بىراق سۈكۈت باسقان جاھاننىڭ،

جىملىقىنى بۇزار بىر ئاۋاز...

1993-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، گۇما.



ساباھ  



ئۆكسىمەيدۇ ھەرتاڭ يوقلىشىڭ،

دىماغلارغا ئىپار تۆكىسەن.

يۇيۇنامسەن نۇر ئىچرە ئۆزۈڭ؟

مەشرىق تامان چۆكۈپ كېتىسەن.



بەختكە يار چىغىرلىرىڭدا،

ئىزلىرىڭنى قەلبىمگە كۆمەي.

رۇجەك قويغىن ئامەت قۇببەڭگە،

كۆلچىكىڭدە زەمزەمگە چۆمەي.

  1993-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، گۇما.



دوقمۇش

كوچىلارنىڭ قاڭشىرى ئۆزۈڭ،

يولنى- يولغا تۇتاشتۇرىسەن.

ئۆتكۈرلۈكتە بۈركۈتتۈر كۆزۈڭ،

قەلىبلەرنى ئۇچراشتۇرىسەن.



كارۋانلارغا قونالغۇڭ تەييار،

تېنەپ قالماس سەندە ھىچ ئادەم.

تۈنلىرىڭنى يورۇتار سەييار،

قوينۇڭ ئىللىق گۈزەل بىرئالەم.



مەركىزىڭدە تۇرسام مەن ساقلاپ،

ئۇ كوچىدىن گۈل ھىدى كېلەر.

ماڭا بەرگەن ۋەدىنى ئاقلاپ،

بۇ كوچىدىن يار ئۆزى كېلەر.

                1993-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، گۇما.

ئىزاھات:

بۇ شېئىرلار«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-سان 60-بەت «نەزمىي ئەسەرلەر» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.



mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 928
تۆھپە : 1
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:27:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلار بىر-بىرىدىن ياخشى ئىكەن.باش مۇھەررىر ئالدىراشلىق ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ خۇشخۇينىڭ بىر بۆلۈك شىئېرلىرىنى يوللاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپتۇ. ئاپتۇرنىڭ ۋە تىما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت! تەكلىپىم:مۇنبەرگە كىرگەنلەر بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قالدۇرۇپ قويايلى. بۇ ھەممەيلەنگە ئىلھام بولىدۇ. ماڭغان يەردە ئىزىمىز قالسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش