
تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ
سائادەت ساتتار ئايتۇغ

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
تۇنۇشماستىن بەلكىم ئۆتۈپ كېتەرمىز.
توساتتىنلا ئەنسىز سوقسا يۈرەكلەر،
قايرىلىشىپ بىردەم تۇرۇپ كېتەرمىز.

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
بەلكىم تونۇش بىلىنگۈسى چېھرىمىز.
قولاشمايدۇ بەلكىم تۇنجى سالاملار،
تەڭقىسلىقتە تەمتىرىگەچ ئىككىمىز.

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
ياتسىراشلار بولۇر بەلكىم دەقىقە.
دەماللىققا بىلمەي نېمە دېيىشنى،
سۆز باشلارمىز ھاۋارايى ھەققىدە.

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
تەبەسسۇمدا تاتلىق كۈلۈپ كېتەرمىز.
مەجنۇنتالنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ،
دەردىمىزنى قويماي تۆكۈپ كېتەرمىز.

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
يېتىرقارمۇ ئەسلى تۇنۇش جۈپ كۆزلەر.
تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
قاملاشمايمۇ قالار بەلكىم گەپ-سۆزلەر.

تەسادىپىي قالساق ئەگەر ئۇچرىشىپ،
ئۇزۇن يىللىق سىرلار كېتەر يېشىلىپ.
شۇنچە يىللار تارتقان ئازاب-دەردىمنى،
بوشۇتارمەن يىغلاپ ساڭا ئېسىلىپ.
بەلكىم شۇ چاغ قالار دىللار ئېچىلىپ،
جۈپ كۆزلەردىن زەر ئۈنچىلەر چېچىلىپ.

2012-يىل 24-ئاپرېل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 20:53