ھۇسەنجان ئابدۇۋەلى 1978- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يەتتە قىزلىرىم كەنتىدە تۇغۇلغان. 2001- يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىنىڭ مەخسۇس كورۇس قانۇن كەسپىنى، 2006- يىلى قانۇن تولۇق كورۇس كەسپىنى ئوقۇغان. 2008- يىلدىن باشلاپ خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسدا ئىشلەپ كىلىۋاتىدۇ. ھۇسەنجان ئابدۇۋەلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 2001- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» ناملىق رومانى، شۇنداقلا تۇنجى ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. «بىر قىزنىڭ تەقدىرى» ناملىق ھىكايىسى تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
|