جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1379 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

لى جۈەن ـ ئالتاي يايلاقلىرىدىن پەرۋاز قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1179
تۆھپە : 140
توردا: 277
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 14:00:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لى جۈەن ـ ئالتاي يايلاقلىرىدىن پەرۋاز قىلىش


' g7 h3 S7 \/ N, {" @0 k6 t5 p! F' c
201112214354187114.jpg

- o) x, h3 Y" H" w( O# X/ o8 x

CJC04c02C001_s.jpg


8 U0 \+ V1 H, U6 S* @# E

   ئۇنى يايلاقتىكى «كۈل قىز» دەپ تەرىپلىسەك پەقەتلا خاتا بولمايتتى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىنى جەلب قىلىدىغان، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى گۈزەل ئاققۇغا ئايلاندى.مەن بالا ۋاقتىدىن باشلاپ ئاتا – ئانىسى بىلەن ئالتاي يايلاقلىرىدا قازاق چارۋىچىلارغا ئەگىشىپ كۆچمەن مىلىچماللىق،تىككۈچىلىك قىلىپ چوڭ بولغان بۇ يازغۇچى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى:

" M/ i. r- p; w1 D
  ــ بۇ يىل باھار بايرىمىدا جاڭ چۈشەن شۇجى ئالتايغا بارغىنىدا لى جۈەننىڭ دېرىكىنى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ ۋە كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئەتىراپىدىكىلەرگە «ئەسەرنى ياخشى يازغىنى بىلەن گەپ قىلالمايدىغان قىزكەن ئەمەسمۇ» دەپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىدۇ.

& D) D+ N( D& G2 d. j
   ــ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېيجىڭلىق بىر ئايال ئوقۇرمىنى، چوقۇنغۇچىسى ئالاھىدە ئالتايغا ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئالتاي شەھىرىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن يېرىم يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ.

/ E# O, _+ q8 z8 `( M
   ــ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە بارغان يازغۇچىلاردىن تەيۋەنلىك ئوقۇرمەنلەر ئالدى بىلەن لى جۈەننى سۈرۈشتىرىدۇ.

) U/ D3 i, [4 _/ n7 }  a* S
   ــ ئۇ ھازىر «خەلق ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، «جەنۇپ ھەپتىلىك گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ستون يازغۇچىسى.

& W3 [% v7 Q% \. H; S0 g
   ــ ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئالتاينىڭ بۈرجەكلىرى»، «مېنىڭ ئالتىيىم»، «توققۇز پارچە قار» ناملىق ئۈچ نەسرلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ بازارلىق كىتاپلارغا ئايلاندى.

2 `" O5 ~+ V7 Y# y7 M7 F) h
   ــ 2010-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «خەلق ئەدەبىياتى» تەھرىرىراتى،«ئەدەبىيات گېزىتى» قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىشىپ شاڭخەيدە «لى جۈەن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى ئۆتكۈزدى. ۋاڭ ئەنيى، لى جىڭزې قاتارلىق جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى.


6 m! j* c8 y4 p$ z- w6 }( a2 f' J

201071542111.jpg


) I( x+ i4 L7 Vتېخى ئون يىلنىڭ ئالدىدىلا لى جۇەن ئۇششاق چورنىۋاي قەغەز پارچىلىرىغا ئوزىنىڭ تۇرمۇشىنى،ئەتىراپىدىكى ئىشلارنى،تۇيغۇ،تەسىراتلىرىنى يېزىشنى باشلايدۇ ۋە «توققۇز پارچە قار» ناملىق بىر يۈرۈش نەسرلىرىنى ئەينى چاغدىكى «غەربىي دىيار» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.بىر مۇھەررىر، ئارانلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقىيالىغان،جىن يوڭ، چيۇڭ ياۋلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەستانە بولۇپ يۇرگەن بىر تاغلىق قىزنىڭ بۇ يازمىلىرىنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا ئۇ شىنجاڭدىكى داڭلىق نەسىرچى ليۇ لىياڭچېڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئېلان قىلىنىش بەختىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ساپ، تەبىئەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك توقۇلمىسىز نەسرلىرى ئارقا – ئارقىدىن «خەلق ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات گېزىتى»، «جەنۇپ ھەپتىكىلىكى گېزىتى» قاتارلىق ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق مەبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئۇ جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يېڭى بىر يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.
/ S( p/ v: c& ?' w( {

4 c* l% ~- T; y3 k9 D% l' {% |
d1e312f47efcc5b57609d788.jpg

. }% i) u$ S2 O: Z
ــ  سۈرەتلەر «بەيدۇ» قاتارلىق تور بەتلەردىن ئېلىندى.
; O" d$ Q& g. z  w( x6 O' L; y5 \4 T

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش