ئاتۇشتا «ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى
2013-يىلى 12-ئاينىڭ15-كۈنى ، قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئۇنېرستېتى تىل-ئەدەبىيات كافىدراىسىنىڭ تەشكىللىشىبىلەن ئويۇشتۇرۇلغان «ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنىخاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى» قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ يىغىن زالىدائېچىلدى .
يىغىنغا قىزىلسۇئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۇماق قادىر ، قىزىلسۇتېلېۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن مەتسىيىت ، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىتىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ پىنسىيونىرى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئەركىن ئابدۇرېھىم ،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ سىكىرتارى ، كۆزگەكۆرۈنگەن تەتقىقاتچى كىرىمجان ئابدۇرېھىم ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتىنىڭمۇئاۋىن باشلىقى خېلىل مۇھەممەت ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن100گە يېقىن ئەدىب ، يازغۇچى ، شائىر ۋەھەۋەسكار قاتناشتى . يىغىنغا قىزىلسۇ تېلېۋىزىيە ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئىقتىدارلىقتىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، يازغۇچى ئىلھام ئەھمەد رىياسەتچىلىك قىلدى .
«ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئېمىن تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭكۈنتەرتىپلىرىگە ئاساسەن ئەركىن مەتسىيىت تەبرىك سۆزى سۆزلىدى ، ئىلھام ئەھمەدئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى . ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر ،سېتىۋالدى كىرىم ، ئەمەت دەرۋىش ، تۇرسۇنجان ئابدۇلجان (ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭھاۋالە ماقالىسى) ، مۇھەممەتتۇرسۇن داۋۇت، چىمەنگۇل ئاۋۇت ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم ، جۇماق قادىر قاتارلىق يازغۇچى ، شائىر ،تەتقىقاتچىلار ئالىم ھاياتىغا بېغىشلانغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە مۇھىم سۆزقىلدى . ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىننىڭ ئايالى رەنا ئاپپاي ، ئابدىقادىرجالالىدىن ، يالقۇن روزى قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك سۆزى ۋە سالىمى يەتكۈزۈلدى .
يىغىن ئاخىرىدا ، بارلىق يازغۇچى ، شائىر ، قەلەمكەشلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ، بۈگۈنكى ئەھمىيەتلىك بىركۈننى تارىخ بېتىگە يازدى .
قۇربانجان توختى ئازىق خەۋىرى ، فوتوسى