جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1379 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 1

Robert Cormier ۋە «شاكىلات ئۇرۇشى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1179
تۆھپە : 140
توردا: 277
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:11:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شاكىلات ئۇرۇشى


, X; J2 R9 c, |. H; P% }" M

rc.jpg


. _7 t  x2 q! n: N/ x( i9 a& i! P& h3 r9 a
YL004884.jpg


, A; q: K5 v+ {! |" [* Y& m    ھەتتا پۈتۈن دۇنيا سىزگە قارشى تۇرغاندىمۇ،پەقەت ئۆزۈڭىزگىلا ئوخشاشقا،باشقىلارغا ئوخشىماسلىقتا چىڭ تۇرالامسىز؟ 14 ياشلىق جېررىي ئۇنداق قىلالمايتتى، ئۇنىڭ قەھىرمان بولۇش بىلەن خوشىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى تېخى يېقىندىلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇ ئەمدىلا بىر كاتولىك دىنى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئەمدىلا بىر زەيتۇن توپ كاماندىسىغا تاللانغان ۋە ئەمدىلا بىر كۆڭۈلدىكىدەك دوستقا ئېرىشكەن ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ «كېچىنى ساقلاش» دەيدىغان بىر سىرلىق تەشكىلاتنىڭ ئاتامانىغا ياراپ قالدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كەسكىن ۋە رەھىمسىز ھۇقۇق كۇرىشىنىڭ قاينىمىغا چۈشۈپ قالدى...
! F7 M9 r: ^/ P2 K    1974-يىلى «شاكىلات ئۇرۇشى» ناملىق بۇ رومان يەتتە نەشرياتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن رەت قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا چىقىدۇ. كىتاپتا ئاۋامنىڭ پىسخىكىسى ۋە چىرىكلىكى مۇرەسسەسىز ئەكس ئەتتۈرىلىدۇ ۋە ناھايتى تېزلا بازارلىق ھەم مۇنازىرىلىك كىتاپقا ئايلىنىپ 30 نەچچە يىلدىن بېرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىدۇ.1 \1 X0 L# N- g+ m5 a9 m
روماننىڭ ئاپتورى روبرىت كورمېر (Robert Cormier 1925.1—2000.11) ئامىرىكا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ بىرسى. نۇرغۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ ئىگىسى. «شاكىلات ئۇرۇشى»  1974-يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئامىرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ تەشكىلارنىڭ چەكلەش ئوبىكتى بولۇپ كەلگەن. «شاكىلات ئۇرۇشى»نىڭ بىرقانچە ئابىدە خاراكتىرلىك مەنىسى بولۇپ ئۇلار: ئالدى بىلەن: ئۇ بىر تۈرلۈك يازما تۈرىگە يول ئاچقان يەنى چوڭلار ئەدەبىياتىنىڭ سەنئەتلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى يازغان.ئىككىنچىدىن، ئەسەردە يېزىش جەھەتتىكى چەكلىمىلىكلەر بۇزۇپ تاشلانغان.ئۈچۈنچىدىن، ئۇ كېيىنكى يازغۇچىلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ «كورمېرچە يېزىش ئۇسلۇبى»نى شەكىللەندۈرگەن ھەم بۇ نۇرغۇن ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئايلانغان.


6 c. I% Y, I' T, {

8.jpg


/ ^9 _5 b1 }/ K2 U$ q# P: B
) X6 w* z7 F! |مەزكۇر كىتاپ «جاڭسۇ تەرجىمىلەر نەشرياتى» تەرىپىدىن 2012-يىلى 2-ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىندى. باھاسى :26 يۈەن.
& y) [4 f5 @2 n


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 637
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە ئادەم كىتاپلارنى سىرىتىغا قاراپلا ئىچىدە نىمە ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنغىنىنى بىلمەك تەس.بەزىلىرىدە كىتاپ مەزمۇنى توغۇرسىدا ئاز-تولا چۈشەنچە بېرىلسىمۇ،بەزىلىرىدە يوق، شۇ سەۋەپ كۆپىنچە كىتاپلارنىڭ دەماللىققا كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس . مۇشۇنداق ئاز ھەم ساز بولغان كىتاپ تونۇشتۇرۇشلارمۇ ئادەمگە مەلۇم كىتاپلارغا قارىتا تاللاشقا زور ياردىمى بولىدىكەن .ھەم شۇنداق بىر كىتاپنىڭ بارلىغىنى بىلىپ قالىدىكەنمىز.ھەم ياخشىلىرىنى تاللاپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىدىكەنمىز ........................رەھمەت !

مەن ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش