يامانلىققا ياخشىلىق قىل(7)
ئەھمەد يۈكنەكى
-ئەي مەۋلانە پەدەرىم،-دېدى جانبېك،-تىلسىماتلارنىڭ تىلسىمى ئادەم ئىكەن. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە نېمىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
-دېگىنىڭ ئورۇنلۇق ،ئوغلۇم،ئادەمنى چۈشەنمەك ھەقىيقەتەن تەس.شۇغىنىسى ئېنىقكى،ئەسلى گۈزەل كىشىنىڭ خۇيى گۈزەل كېلىدۇ.گۈزەل خۇيلۇق ئادەمگە كۆڭۈل باغلىنىدۇ. ئادەمنىڭ پۈتۈن قىلىق –ھەركىتىنى ئوبدان كۈزىتىپ، ئاندىن باھا بەرگىن. كىم كەڭ قۇرساق بولسا،شۇنى ئادەم دېگىن.تار قۇرساق كىشى گويا مېۋىسىز دەرەختۇر،مېۋىسىز دەرەخنى كېسىپ قالىغىن.
- بىر كىشى ئىككى ئېشەككى يۈك ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ.بىر ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىرراق،يەنە بىرىىڭ يېنىكرەك ئىكەن.ئېشەكنىڭ بىرى ەنە بىرىدىن ياردەم سوراپتۇ:
-ئاكا بولالمىدىم،بىر ئاز ياردەم قىلساڭچۇ،-دەپتۇ.
-نېمە كارىم،-دەپتۇ يەنە بىر ئېشەك،-مەن كېتىۋېرىمەن.
شۇنداق قىلىپ ،يۈكى ئېغىر ئېشەك ھېرىپ ھالى قالماي،ئاخىر ئكلۈپ قاپتۇ.
ئېشەكنىڭ ئىگىسى يۈكنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ئېشەككە ئارتىپتۇ."ھورۇن ئېشەكنى يۈكى ئېغىر "دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغانكەن.
-ياخشىلىقنى بىلمەسلىك ئىنسانلىققا ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
- ئەي مەۋلانە شەيىخىم، مۇكەممەل ئىنسان ھەممىدە ياخشىلىققا قول ئۇزىتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ ئاسانغا توختىمايدۇ،شۇنداقمۇ؟ئۇنداقتا ئولۇغلۇققا يېتىشتە قانداق پەزىيلەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك بولىدۇ ؟
- ئولۇغلۇققا يېتىشتە كىشى ئەڭ ئاۋال نەپىسنى يەڭمەك لازىمدۇر.ئەي بالام،شۇنداق قىلىشقا ماڭا ۋەدە بەرگىن:،ئەڭ ياخشى تائاملىرىڭنى باشقىلارغا يېگۈز،ياراملىق ئېڭىل تاپساڭ يالىڭاچلارغا كېيگۈز.كىشىلەرگە زورلۇق قىلما ۋە جاپا سالما.ئەگەر ساڭا باشقىلاردىن جاپا كەلسە،ئۇنى كۆتەرگىن.يامانلىق قىلغان كىشىگە سەن ياخشىلىق قىل.ياخشى بىلگىنكى،بۇ،كەڭ قۇرساقلىقنىڭ ئۈستۈن بەلگىسىدۇر.ئەگر ساڭا بىر كىمدىن ياخشىلىق كەلسە ،ئۇ كىشىگە كۆپ مەدھىيە ئوقۇ.ھەم مەدھىيە تىلە.ئەيىپكار كىشىنىڭ ئەيىبىنى كەچۈر،ئاداۋەت يىلتىزىنى قۇمۇرۇپ تاشلا.غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتى لاۋۇلداپ يانسا،مۇلايىملىق سۈيىنى چاچ،ئۇ ئوتنى ئۈچۈر.شۇنى بىلگىنكى،كەڭ قۇرساقلىق گويا بىر بىنا بولسا،مۇلايىملىق ئۇنىڭ ھۇلىدۇر،ياكى مۇلايىملىق بىر بوستان بولسا،كەڭ قۇرساقلىق ئۇنىڭدىكى ،قىزىل گۈلدۇر.دېمەك،يېقىلغاننى يۈلەپ،كېسىلگەننى ئۇلا.بۇنداق كىشىگە ئىززەت-ھۈرمەت گۈلى پۆرەكلەپ ئېچىلىدۇ.ئۇلۇغلۇق دېگەن بولسا مۇشۇنچىلىك بولار.
- بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم قېرىپ مۆكچۈيۈپ كەتكەن دادىسىنى بېقىش ئېغىر تۇيۇلغاچقا ،دەرياغا تاشلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلى دادىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ دەرياغا تاشلاي دەپ تۇرغاندا،دادىسى:
-بالام مېنى تاشلىماقچى بولساڭ ئەنە ئاۋۇ..چوڭقۇر قاينامغا تاشلىغىن،-دەپتۇ ھاسىراپ،-مەنمۇ بوۋاڭنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتكەندىم.
ئوغلى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ:"مەن دادامنى خارلاپ دەرياغا تاشلېۋىتىدىغان بولسام كەلگۈسىدە مېنىمۇ بالىلىرىم تاشلىۋەتسە قانداق بولغىنى؟"
شۇنىڭ بىلەن ئوغلى دادىسىنى ھاپاش قىلىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەپتۇ ۋە ھۈرمەتلەپ ئوبدان بېقىپتۇ.بۇ ھېكايەت شۇنى دەيدۇكى،ياخشىلىققا ياخشىلىق بار،قانداق قىلساڭ،ساڭىمۇ شۇ يانىدۇ. ئاچ نەپسىنى دەپ ياخشىلىقتىن قول ئۆزۈشمۇ ۋىجدانغا قىلغان بىر ئاسىيلىقمۇ دەيمەن؟!
-جاھاننىڭ نى –نى قىسمىتى ئىنساننى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ.مېھرى-مۇھەببەت ئوتى سۇسلاشسا،رەھىمسىزلىك يامرايدۇ.ئۇ شۇنداق قورقۇنۇشلۇق ۋاباكى،بۇنداق نىجىس روھنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىش مۆمۈننىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك پەرزىزىدۇر.
-ئەي بۇزرۇكۋارىم،شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ،- دېدى جانبېك چوڭقۇر خىيالغا غەرىق بولغان ھالدا ،-ئون بەش كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ،ئىنساننىڭ بەخت شادى- شولىلىرى قانداق قىلغاندا بۇپانىي ئالەمنىڭ قايغۇ-ئەلەم تۇمانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يارقىن جۇلالايدۇ؟
- بالا كەلسە ،شاتلىقنى كۈتۈپ سەۋرى قىل.بالا ۋە زەخەت يوقىلىپ شاتلىقنىڭ كېلىشىنى كۈت.جاپانىڭ نۆۋىتى كېتىپ،ئوتى ئۆچىدۇ،سەۋرى ئىگىسى ساۋابنى يۈدۈپ قالىدۇ. ئەي ئەزىز ئىنسان،كەل ،سەۋرى تۈۋرىكىگە كۆڭۈلنىڭ ئېتىنى باغلا.خاپىلىقققا سەۋرى قىلساڭ،شاتلىق ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ،بالايى-قازاغا سەۋرى قىلساڭ،بەخت قۇشى ھامان بېشىڭغا قونىدۇ.ئالدىراڭغۇلۇق –قاراڭغۇلۇقتۇر،ئۇندىن كىممۇ تەسەللى تاپقان؟قارا ،سەدەپ سەۋرى قىلغانلىقتىن گۆھەرلىك بولدى،تاش ياقۇتقا ئايلاندى،ئەي نەپسى بالا،ئوت تىللىرىڭنى يىغىشتۇر،بۇ سەۋرى-قانائەتنىڭ بېغىدىن مېۋە ئۈز.
يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشسەڭ،ئۆزەڭنى بىلمەي قالما.ئەتلەس كېيسەڭ،بوز كېيگىنىڭنى ئۇنتۇما.ئۆسكەنسېرى مۇلايىم بولۇپ،چوڭ ۋە كىچىككە سىلىق سۆز قىل.سۆزلىسەڭ ئوقۇپ سۆزلە،ئالدىراپ كەتمە.سۆزۈڭنى يۇشۇر،كېيىن بېشىڭنى يۇشۇرۇپ يۈرمە.مىڭ ئادەم ساڭا دوست بولسا،ئۇنى كۆپ دېمە،بىر ئادەم ساڭا دۈشمەن بولسا،ئۇنى ئاز دېمە. -شۇنى بىلگىنكى،غەيۋەتخورنىڭ كۆتى يوق،يولۇقتۇڭمۇ، بالاسىغا سەن قالىسەن،ھەسەتخورنىڭ ئۆتى يوق، يۇقتۇڭمۇ، ئاچچىق يۈتۈپ ئۆلىسەن.بۇ ئىككى مېرەز كېسەلدىن ساقلان.ئېغىزىڭغا بوي بەرمىگەن تىلىڭنى ۋىجدان تىغىدا كەس،كۆڭلۈڭگە ئارام بەرمىگەن ئاچ كۆزۈڭنى ئىنساپ پىچىقىدا ئۆي.
- بۇرۇن بىر كىشى بازاردىن بىر قوي،بىر ئۆچكە سېتىۋاپتۇ.ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ بىرەر ئاي باققاندىن كېيىن سەمىرىپ قالغان ئۆچكە بىردەم قوتاندا،بىردەم باغدىكى كككتاتلار ئارىسىدا قىيغىتىپ يۈرۈپ ئۆدىكىلەرگە زادىلا ئارام بەرمەپتۇ.بۇنىڭدىن زېرىككەن ئكي ئىگىسى ئۇنى تۇتۇپ-دە،كانىيىغا پىچاق سۈرۈپتۇ.ياۋاش قوي بولسا ،تېخىمۇ سەمىرىپ پاقىرغىلى تۇرۇپتۇ.«يامان بولسا بېشىنى يەر،ياخشى بولسا ئېشىنى يەر»دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانمىش.
-ھەركىم قىلسا ،ئۆزىگە قىلىدۇ.مېنىڭچە ،يامانلىقنىڭ ئاقىۋىتى باشقا چىقسا،ياخشىلىقنىڭ ئاخىرى ئاشقا بولىدۇ.
- نېمىنى قىلىش-نېمىنى قىلماسلىق مەسلىسى قەلبنىڭ پاكىزلىقى ۋە چىركىنلىكى بىلەن باغلىق بولىدۇ.كېسەللىكمۇ شۇنىڭدىن چىقامدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن.ئەي دانىشمىنىم، ئىنسان خام سۈت ئەمگەنلىكتىن چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويۇپ، جەننەتتىن ئايرىلغانكەن،ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۇرمۇش دوقاللىرىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئىشلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغۇلۇق؟
- گېپىڭنىڭ ئاساسى بار،ئوغلۇم.شۇنىڭغا ھەرگىزمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇكى،ھەرقانچە ئەقىللىق كىشىمۇ بىرەر سەھۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ،ھەرقانچە ئۇستا ھۈنەرۋەندىمۇ بىرەر ئەيىب بولىدۇ.مۇشۇ بىر ئەيىب سەۋەۋىدىن كاللىسىى ئېلىشقا توغرا كەلسە،بۇ دۇنيادا ياشىغۇچى ئادەم قالمايدۇ.شۇنداق بولغاچقا ياخشى قىلىق بىلەن كۆڭۈللەرنى ئېچىپ ياشا،يامانلىقتىن ئۆزەڭن نېرى تارت.بىر ئىش قىلساڭ،ئۇنى ئويلاپ كۆرۈپ،ئۇنىڭ كېرەكلىك ياكى كېرەكسىزلىكىنى ھەقىيقى بىلىپ قىل.ھەرقانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ،ئۇنى ئوبدان كۆزدىن كەچۈر.ئۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلا.سۆيۈنۈشلۈك بولسا،ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى بەر،ئۆكۈنۈشلۈك بولسا،ئۇنى ئوبدانراق ئويلا. -سەھۋەنلىك –بىر غەلەت.سەگەك بولمىساڭ،سېنى ئۆلۈم ھاڭلىرىغا باشلايدۇ.بىلگىنكى،زىيادە مۇكەممەللىك قوغلىشىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر ئىش.نۇقسانسىزلىق پەقەت قۇياشقىلا تالىق،ئۇندىن ئۈستۈنلۈك تالاشقان ئايغا قارا ، يۈزىدە قارا دېغى بار.
-بۈگۈنكى تىللادەك ئەزىز كالاملىرىدىن شۇنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىمكى،ھەقىيقى ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن كۆپ جەۋرى-جاپاغا بەرداشلىق بېرىپ،ھۇزور –ھالاۋەتكە مەستانە بولماسلىق كېرەك. كىشىنىڭ مەردلىكى نۇرلۇق گۆھەردۇردكى، كۆڭۈللەرگە شىپالىق شولا چاچىدۇ. كۆڭلى پاكىز،يورۇق كىشى گۆھەرلىك كىشىدۇر. قىزىقى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئاددىي پەلسەپەنى بىلمەيدۇ،شۇنداقمۇ شەيىخىم،-دېدى جانبېك ھاياجانلىنىپ.
- توغرا دەيسەن بالام،شۇڭا مېنىڭ دائىم شۇنداق مۇراجئەت قىلغۇم كېلىدۇ: ئەي يامانلىق قىلىپ ياخشىلىق كۈتكەن كىشى،تىكەن تېرىغان ئادەم ئۈزۈم ئالالمايدۇ.كىشىنىڭ دوستى ياخشى بولسا ،ئۆزىمۇ ياخشى بولىدۇ،كىشى ياخشى دوستىنىڭ ياخشىلىقىدىن كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ.يامانغا يولىما،يامانلارنىڭ گەپلىرى سېنى تېزدىنلا يامان قىلىقلىق قىلىپ قويىدۇ.ئەي ئوغلۇم،ھەقىيقى ئىنساندەك ياشاي دېسەڭ،ياخشىلىققا قول بەر،يامانلىقتىن يىراق قاچ.
مەزكۇر كىتاپنىڭ 7-بابىنى يوللاپ قويدۇم.
مەنبە: "ئەتەبەتۇل ھەقايىق"نىڭ نەسرىيلەشتۈرۈلگەن بالىلار ئوقۇشلۇقى نۇسخىسىدىن .